« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »




1

مۇقەددىمە

1ئەلچى بولۇشقا چاقىرىلىپ، خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى تارقىتىشقا تاللانغان، ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن سالام!

2بۇ خۇش خەۋەرنى خۇدا ئەلمىساقتا ئۆز پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق مۇقەددەس يازمىلاردا ۋەدە قىلغانىدى. 3بۇ خۇش خەۋەر خۇدانىڭ ئۆز ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر. جىسمانىي جەھەتتىن، ئەيسا مەسىھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن تۇغۇلغان. 4لېكىن روھىي جەھەتتىن، ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلۈشى ئارقىلىق زور قۇدرەت بىلەن ئىسپاتلانغان. 5خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، مېنى ئەلچىلىككە تاللىدى. شۇڭا، مەن ھەر مىللەت كىشىلىرىنى خۇداغا ئىتائەت قىلسۇن دەپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشقا چاقىرىمەن. بۇ، ئەيسا مەسىھنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. 6ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار قاتارىدىسىلەر.

7مەن بۇ خەتنى ھەممىڭلارغا، يەنى خۇدا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن ۋە ئۇ مۇقەددەس خەلقىم، دەپ چاقىرغان سىلەر رىملىقلارغا يېزىۋاتىمەن. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىشنى ئارزۇ قىلىشى

8ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە. 9-10مەن چىن قەلبىم بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان خۇدا مېنىڭ ئۆز ئوغلى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا سىلەرنى دۇئالىرىمدا دائىم ئەسلەپ تۇرۇۋاتقانلىقىمغا گۇۋاھتۇر. خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشىم ئۈچۈن، ئاخىر بىر پۇرسەتنىڭ بولۇشىنى ئۇنىڭدىن تىلەيمەن. 11چۈنكى، سىلەرگە ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەشتە بىرەر ياردەم بېرىش ئۈچۈن، سىلەر بىلەن كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. 12دېمەك، مەن ئاراڭلاردا بولسام، بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىدىن ئۆزئارا ئىلھام ئالالايمىز.

13قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، مەن يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم پىلانلىغان بولساممۇ، لېكىن بۈگۈنگىچە توسالغۇغا ئۇچراپ كەلدىم. ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا باشقا يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئارىسىدا ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشكىنىمدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. 14چۈنكى، مەن ھەرقانداق ئادەمگە، مەيلى ئۇ مەدەنىيەتلىك ياكى مەدەنىيەتسىز بولسۇن، بىلىملىك ياكى بىلىمسىز بولسۇن، ھەممىسىگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە قەرزدارمەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر رىملىقلارغىمۇ بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە تەشنامەن.

خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى

16بۇ خۇش خەۋەردىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىق خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئايان بولۇپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەر بىر كىشى قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئاۋۋال يەھۇدىيلارغا، كېيىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە تارقىتىلغان. 17بۇ خۇش خەۋەردە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى نېمىگە ئاساسەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى* ئاشكارىلانغان. بۇنداق جاكارلاش باشتىن-ئاخىر ئېتىقادقا ئاساسلانغاندۇر. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئادەم ئېتىقاد بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ.»

ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرى

18خۇدا ئەرشتىن ئادەملەرنىڭ بارلىق گۇناھكارلىق ۋە يامانلىقلىرىغا قارشى ئۆز غەزىپىنى بىلدۈردى. سەۋەبى، ئۇلار ئادالەتسىز ئىشلىرى ئارقىلىق خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى بىلىشنى توسۇۋاتىدۇ. 19ئۇلار خالىغان بولسىدى، خۇدانى بىلەلەيتتى. چۈنكى، خۇدا توغرىسىدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا تۇرۇپتۇ. خۇدا بۇلارنى ئۇلارغا ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. 20دۇنيا يارىتىلغاندىن بېرى، خۇدانىڭ كۆزگە كۆرۈنمەس ئۆزگىچىلىكلىرى، يەنى ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك قۇدرىتى ۋە بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكى ئۆزى ياراتقان مەۋجۇداتلار ئارقىلىق ئوچۇق كۆرسىتىلمەكتە. شۇ سەۋەبتىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلمەيمىز، دەپ باھانە كۆرسىتەلمەيدۇ.

21لېكىن، ئىنسانلار خۇدانى بىلسىمۇ، ئۇنى خۇدا، دەپ ئۇلۇغلىمىدى ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر ئېيتمىدى. ئەكسىچە، ئۇلارنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى ئوي-پىكىرلىرى بىمەنە بولۇپ، نادان قەلبى قاراڭغۇلۇققا تولدى. 22گەرچە ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەقىللىق ھېسابلىسىمۇ، لېكىن ئەقىلسىز بولۇپ چىقتى. 23ئۇلار مەڭگۈ ھايات بولغان شانۇشەۋكەتلىك خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئادەمزاتقا، قۇشلارغا، تۆت پۇتلۇق ۋە يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلارغا ئوخشايدىغان بۇتلارغا چوقۇندى.

24شۇ سەۋەبتىن، خۇدا ئۇلارنى قەلبىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەر خىل ناپاكلىقلارنى قىلدى. ھەتتا بىر-بىرىنىڭ تەنلىرىنى بۇلغاشقا باشلىدى. 25خۇدا توغرىسىدىكى ھەقىقەتلەرگە ئىشىنىشنىڭ ئورنىغا، يالغان گەپلەرگە ئىشىنىشكە باشلىدى. ياراتقۇچى خۇداغا ئىتائەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، يارىتىلغان نەرسىلەرگە چوقۇنۇپ، شۇلارنى مەدھىيىلىدى. ھالبۇكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات تەرىپىدىن مەڭگۈ مەدھىيىلىنىشكە لايىق بولغىنى ياراتقۇچىمىز خۇدادۇر، ئامىن!

26مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ پەسكەش ھەۋەسلىرىگە قويۇپ بەردى. ئاياللار تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تەبىئىي بولمىغان مۇناسىۋەتكە، يەنى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇردى. 27خۇددى شۇنىڭدەك، ئەرلەرمۇ ئاياللار بىلەن بولىدىغان تەبىئىي جىنسىي مۇناسىۋەتنى تاشلاپ، باشقا ئەرلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەر بىلەن كۆيۈپ پىشىدىغان بولدى. ئەرلەر ئەرلەر بىلەن شەرمەندە جىنسىي مۇناسىۋەتلەرگە كىرىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆز تەنلىرىدە بۇ قىلمىشلىرىغا لايىق جازانى تارتتى.

28ئۇلار خۇدانى بىلىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يامان نىيەتلىرىگە قويۇپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار قىلماسلىقى كېرەك بولغان ئىشلارنى قىلىشقا كىرىشتى. 29ئۇلارنىڭ ھاياتى ھەر خىل رەزىللىك، يامانلىق، ئاچكۆزلۈك، ئۆچمەنلىك، ھەسەتخورلۇق، قاتىللىق، ئۇرۇشقاقلىق، ھىيلىگەرلىك، سۇيىقەست ۋە ئىغۋاگەرچىلىك بىلەن تولدى. 30ئۇلار تۆھمەتخور، خۇداغا نەپرەتلىنىدىغان، زوراۋانلىق قىلىدىغان، تەكەببۇر، ماختانچاق، ھەر خىل ئەسكىلىكلەرنى ئويلاپ چىقىرىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، 31نادان، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان، كۆيۈمسىز ۋە رەھىمسىز ئىنسانلاردۇر. 32ئۇلار خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ، بۇ ئەسكىلىكلەرنى ئۆزلىرى قىلىپلا قالماي، باشقىلارنىڭمۇ شۇنداق قىلىشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەيدۇ.



*17 ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش _ پۈتكۈل ئىنسان گۇناھكار بولۇپ، ھېچكىم ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنالمايدۇ. لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇ ئادەمنىڭ گۇناھى كەچۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلمايدۇ. بەلكى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇ ئادەم ھەققانىي دەپ ھېسابلىنىپ، خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلۇش ئىمتىيازىغا ئېرىشىدۇ.



 

2

خۇدا ئايرىمىچىلىق قىلمايدۇ

1شۇڭا، سەن بۇنداق رەزىل ئىشلارنى قىلغۇچىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىشىڭ مۇمكىن. بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىۋاتىسەنغۇ! ئۇنداقتا، سېنىڭ كىم بولۇشۇڭدىن قەتئىينەزەر، خۇدا سوراق قىلىدىغان ئاشۇ كۈندە ئۆزۈڭنى ئاقلاشقا باھانە كۆرسىتەلمەيسەن. چۈنكى، باشقىلار ئۈستىدىن مۇنداق ئىشلاردا ھۆكۈم قىلساڭ، ئۆز ئۈستۈڭدىمۇ شۇ ئىشلاردىن ھۆكۈم قىلغان بولىسەن. 2بىزگە مەلۇمكى، خۇدانىڭ بۇنداق ئىشلارنى قىلغانلار ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمى ھەقتۇر. 3بىراق ئەي بۇرادەر، سەنمۇ بۇنداق ئىشلارنى قىلىپ تۇرۇپ، يەنىلا باشقىلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلساڭ، خۇدانىڭ ھۆكۈمىدىن قاچالايمەن، دەپ ئويلامسەن؟ 4خۇدانىڭ ساڭا كۆرسەتكەن چوڭقۇر مېھرىبانلىقى، كەڭچىلىكى ۋە مول سەۋر-تاقىتىنى سەل چاغلاۋاتامسەن؟ ئۇنىڭ ساڭا مېھرىبانلىق كۆرسىتىشتىكى مەقسىتىنىڭ سېنى توۋا قىلىدىغان يولغا باشلاش ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟ 5گۇناھىڭغا توۋا قىلماي، جاھىللىق قىلىشىڭ بىلەن خۇدانىڭ غەزىپىنى تېخىمۇ قوزغايسەن. خۇدا غەزەپكە كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئادىل ھۆكۈمىنى يۈرگۈزىدىغان كۈنى، سەن ئۆز بېشىڭغا ئۆزۈڭ چىققان بولىسەن. 6خۇدا ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ، 7ھەمىشە سەۋرچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ، خۇدادىن شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك مەۋجۇتلۇقىنى ئىزدىگەنلەرگە ئۇ مەڭگۈلۈك ھايات بېرىدۇ. 8لېكىن، ھەقىقەتنى رەت قىلىپ، يامانلىققا ئەگەشكەن شەخسىيەتچىلەرگە ئۇ غەزەپ-نەپرەت ياغدۇرىدۇ. 9خۇدا بارلىق يامانلىق قىلغۇچىلارغا، بولۇپمۇ ئالدى بىلەن ئۆز خەلقى بولغان يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا ئېغىر كۈنلەر ۋە دەرد-ئەلەم كەلتۈرىدۇ. 10بىراق، بارلىق ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا، ئالدى بىلەن يەھۇدىيلارغا، ئاندىن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە ئوخشاشلا شان-شەرەپ، ھۆرمەت-ئېھتىرام ۋە ئامان-ئېسەنلىك ئاتا قىلىدۇ. 11چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ.

12تەۋرات قانۇنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە چۈشۈرۈلمىگەنلىكتىن، ئۇلار ئۇنى بىلمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار گۇناھ سادىر قىلسا، سوراققا تارتىلىدۇ. تەۋرات قانۇنى چۈشۈرۈلگەن يەھۇدىيلار بولسا ئۇنى پۇختا بىلىدۇ. لېكىن، ئۇلارمۇ گۇناھ سادىر قىلسا، ئوخشاشلا سوراققا تارتىلىدۇ. 13چۈنكى، خۇدانىڭ ئالدىدا قانۇننى بىلگەنلەر ئەمەس، بەلكى قانۇننىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. 14(تەۋرات قانۇنىنى بىلمەيدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر تەبىئىي ھالدا بۇ قانۇنغا ئۇيغۇن ئىشلارنى قىلسا، ئۇلار گەرچە بۇ قانۇندىن خەۋەرسىز بولسىمۇ، بۇ قانۇن ئۇلارنىڭ ئۆز قانۇنىدەك بولىدۇ. 15چۈنكى، ئۇلارنىڭ ئۆز قەلبىدە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلەلىشى بۇ قانۇننىڭ ئەمرلىرى قەلبىگە پۈتۈكلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ۋىجدانىمۇ بۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ۋىجدانى ئۇلار خاتالىق ئۆتكۈزگەندە ئۇلارنى ئەيىبلەيدۇ، توغرا قىلغاندا بولسا ئۇلارنى ئاقلايدۇ.) 16مەن يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان بۇ خۇش خەۋەر بويىچە، خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ يوشۇرۇن ئىشلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىدىغان كۈنىدە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىشلار چوقۇم يۈز بېرىدۇ.

يەھۇدىيلار ۋە تەۋرات قانۇنى

17ئۇنداقتا سەنچۇ، سەن ئۆزۈڭنى يەھۇدىي دەيسەن ۋە تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن خۇدا بىلەن يېقىن، دەپ ماختىنىسەن. 18ساڭا تەۋرات قانۇنى ئۆگىتىلگەنلىكتىن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىسەن ھەم ھەق بىلەن ناھەقنى پەرق ئېتەلەيسەن. 1920تەۋرات قانۇنىدىكى ھەممە بىلىم ۋە ھەقىقەتلەرنى بىلىمەن دەپ قاراپ، ئۆزۈڭنى كورلارنىڭ يول باشلىغۇچىسى، قاراڭغۇدا قالغانلارنىڭ چىرىغى، نادانلارنىڭ يېتەكچىسى، گۆدەكلەرنىڭ ئۇستازى، دەپ ئۆزۈڭگە ئىشىنىسەن. 21سەن باشقىلارغا خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭگە بەرمەمسەن؟ باشقىلارغا ئوغرىلىق قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ ئوغرىلىق قىلامسەن؟ 22باشقىلارغا زىنا قىلما دەپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ زىنا قىلامسەن؟ بۇتلاردىن بىزار بولۇپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ بۇتخانىلاردىكى نەرسىلەرنى ئوغرىلامسەن؟ 23بىز يەھۇدىيلار تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولدۇق، دەپ ماختىنىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭ دەل شۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ، خۇدانىڭ نامىغا داغ كەلتۈرەمسەن؟ 24خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا دېيىلگىنىدەك: «سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار تۈپەيلىدىن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇداغا كۇپۇرلۇق قىلماقتا.»

25تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ ئەھمىيىتى بولىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلساڭ، خەتنە قىلىنغىنىڭنىڭ قىلچىلىكمۇ ئەھمىيىتى بولمايدۇ، خەتنە قىلىنمىغان ئادەمدىن ھېچ پەرقىڭ قالمايدۇ. 26شۇنىڭغا ئوخشاش، خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر قانۇننىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلسا، خۇدا تەرىپىدىن يەنىلا خەتنە قىلىنغان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 27سەن تەۋرات قانۇنىدىن خەۋەردار ھەم خەتنە قىلىنغان تۇرۇقلۇق، شۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىساڭ، جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىدىغان يەھۇدىي ئەمەسلەر سېنى گۇناھكار، دەپ ئەيىبلىمەمدۇ؟

28پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشتە يەھۇدىي بولغاننىڭ ھەممىسىنىلا ھەقىقىي يەھۇدىي دېگىلى بولمايدۇ. پەقەت جىسمانىي جەھەتتە خەتنە قىلىنىشىغا قاراپلا، ئۇنى ھەقىقىي خەتنە دېگىلى بولمايدۇ. 29قەلبىدە خۇدانىڭ يولىنى تۇتقان ئادەم ھەقىقىي يەھۇدىيدۇر. ئۇنىڭ ھەقىقىي خەتنىسى يازما قانۇنغا ئېسىلىۋېلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن ئۆزگەرتىلگەن قەلب ئارقىلىق بولىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىنسانلار تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدا تەرىپىدىن ماختىلىشقا سازاۋەر بولىدۇ. 




3

1ئۇنداقتا، يەھۇدىيلارنىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەردىن نېمە ئارتۇقچىلىقى بار، ياكى خەتنە قىلىنىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ 2ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆپ ئارتۇقچىلىقى بار. بىرىنچىدىن، خۇدانىڭ سۆزى يەھۇدىيلارغا ئامانەت قىلىنغان. 3بەزى يەھۇدىيلار خۇداغا ساداقەتسىزلىك قىلدىمۇ دەيلى. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭ ساداقەتسىزلىكى سەۋەبىدىن خۇدا ئۆزىنىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمامدۇ؟ 4ياق، ھەرگىز ئۇنداق قىلمايدۇ! ھەممە ئىنسان يالغانچى بولغان تەقدىردىمۇ، خۇدا يەنىلا راستچىلدۇر. بۇ ھەقتە زەبۇردا مۇنداق دېيىلگەن:

«سۆزلىگىنىڭدە ئادىل بولۇپ ئىسپاتلىنىسەن،

ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىغىنىڭدا غەلىبە قىلىسەن.»

5لېكىن، بىز يەھۇدىيلارنىڭ ئادالەتسىزلىكى خۇدانىڭ ئادىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىزنى جازالىسا، ئۇنى ئادىل ئەمەس، دېسەك بولامدۇ؟ (بەزىلەر شۇنداق دەپ، ئويلاپ يۈرىدىكەن!) 6ياق، مۇنداق دېيىشكە ھەرگىز بولمايدۇ! ئەگەر خۇدا بىز يەھۇدىيلارنى ئادىللىق بىلەن جازالىمايدىغان بولسا، قىيامەتتە قانداقمۇ دۇنيا ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرالايدۇ؟

7لېكىن، بەزىلەر: «مېنىڭ ساداقەتسىزلىكىم خۇدانىڭ راستچىللىقىنى تېخىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى يورۇتۇپ بەرسە، مەن يەنە نېمە ئۈچۈن گۇناھكار، دەپ قارىلىپ سوراققا تارتىلىمەن؟» دېيىشى مۇمكىن. 8ئەگەر شۇنداق بولسا، «يامانلىق قىلايلى، بۇنىڭدىن ياخشىلىق چىقىدۇ!» دېگەن مەنە كېلىپ چىقمامدۇ؟ بەزىلەر بىزنى مۇشۇنداق دېدى، دەپ تۆھمەت قىلىدۇ. مۇنداق تۆھمەت قىلغانلارنىڭ جازاغا تارتىلىشى ھەقلىقتۇر.

گۇناھسىز ئادەم يوقتۇر

9ئۇنداقتا، خۇدانىڭ سوراق قىلىدىغان كۈنىدە بىز يەھۇدىيلار يەھۇدىي ئەمەسلەردىن ئۈستۈن تۇرامدۇق؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! چۈنكى، مەن ھەممىمىزنىڭ، مەيلى يەھۇدىي بولايلى ياكى بولمايلى، گۇناھنىڭ ئىلكىدە ئىكەنلىكىمىزنى يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتتۈم. 10مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ھەققانىي ئادەم يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ،

11ھەق-ناھەقنى چۈشىنىدىغىنىمۇ يوقتۇر.

خۇدانى ئىزدەيدىغىنىمۇ ھەم.

12چەتنىدى ھەممە ئادەم خۇدا يولىدىن،

قالدى كىرىپ تۇيۇق يولغا.

ياخشىلىق قىلغۇچى يوقتۇر، ھەتتا بىرىمۇ.»

13«ئېغىزلىرىدىكى گەپ ئوچۇق قەبرىدەك سېسىق،

كاززاپلىق قىلىدۇ ھەم تىللىرى.

لەۋلىرى خۇددى يىلاننىڭ زەھەرخەندىسى.»

14«زۇۋانى لەنەت ۋە زەردىگە تولغان.»

15«ئۇلار ئالدىرايدۇ قان تۆكۈشكە،

16قىلىدۇ بارغانلا يېرىدە ۋەيرانچىلىق ۋە پاجىئە.

17يوقتۇر خەۋىرى ئامانلىق يولىدىن قىلچە.»

18«بىلمەيدۇ خۇدادىن ھەم قورقۇشنى.»

19مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. 20دېمەك، ھەرقانداق كىشى خۇدانىڭ ئالدىدا تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانمايدۇ. بەلكى، شۇ قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ.

خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىشى

21لېكىن، ھازىر خۇدانىڭ قانداق يول بىلەن ئىنسانلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقى ئوچۇق ئاشكارىلاندى. بۇ، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشقا باغلىق ئەمەس. بۇنىڭغا تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرىمۇ گۇۋاھلىق بەرگەن. 22خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر. 23چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان. 24لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. 25خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى. 26مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ.

27شۇنداق ئىكەن، بىز تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش بىلەن خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندۇق، دەپ ماختىنىمىزمۇ؟ ياق! بىزنىڭ ماختىنىشىمىزنىڭ ئورنى يوق. نېمە سەۋەبتىن؟ چۈنكى، ئىنسانلار تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ. 28دېمەك، خۇدانىڭ بىزنى تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. 29سىلەر خۇدا پەقەت تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغان يەھۇدىيلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. 30چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. 31ئۇنداقتا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلامدۇق؟ ياق، دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايمىز. 




4

ئىبراھىم توغرىسىدا مىسال

1ئۇنداقتا، بىز يەھۇدىي ئەۋلادلىرى ئاتىمىز ئىبراھىمنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن نېمىلەرنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك؟ 2ئەگەر ئىبراھىم ياخشى ئەمەللىرى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى بولاتتى. لېكىن، خۇدانىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ماختىنىشقا ھەققى يوق. 3چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئىبراھىم خۇدانىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. خۇدا ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» 4ئەمگەك قىلغۇچىنىڭ ئالغىنى سوۋغات ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەققى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 5لېكىن، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بولسا، بۇ ئۇنىڭ ياخشى ئەمەللىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئېتىقادىدىن بولغان. چۈنكى، بۇ ئادەم گۇناھكارلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىغۇچى خۇداغا ئېتىقاد قىلىدۇ. 6داۋۇت پادىشاھمۇ خۇدا بىر ئادەمدە ياخشى ئەمەللەرنىڭ بار-يوقلۇقىغا قارىماستىن ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىسا، ئۇ ئادەمنىڭ نەقەدەر بەختلىك بولىدىغانلىقى توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:

7«سەۋەنلىكلىرى كەچۈرۈم قىلىنغان،

گۇناھلىرى ئەپۇ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك!

8پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى ھېسابلىمىسا، ئۇلار نەقەدەر بەختلىك!»

9بۇنىڭدىن قارىغاندا، بۇ بەخت يالغۇز خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلارغىلا مەنسۇپمۇ؟ ياق، ئۇنداق ئەمەس. ئۇ، خەتنە قىلىنمىغان، يەنى يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ مەنسۇپتۇر. چۈنكى، بىز ئېيتقاندەك: «خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى.» 10بۇ ئىش قاچان بولغان؟ خۇدا ئىبراھىمنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىغان چاغدا، ئىبراھىم خەتنە قىلىنغانمۇ ياكى قىلىنمىغان؟ بۇ ئىشلار ئىبراھىم تېخى خەتنە قىلىنمىغان ۋاقىتتا بولغانىدى. 11ئۇنىڭ خەتنە قىلىنىشى كېيىن بولدى. بۇ، ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئاللىقاچان قوبۇل قىلىنغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىبراھىمنىڭ بۇرۇنلا ئېتىقادى بار بولۇپ، خەتنە پەقەت ئۇنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلانغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئىبراھىم خەتنە قىلىنمىغان، لېكىن خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. 12ئەگەر خەتنە قىلىنغانلار، يەنى يەھۇدىيلار ئۆزلىرىنىڭ خەتنە قىلىنغانلىقىغا تايانماي، ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ئوخشاش، ئۇنىڭ خەتنە قىلىنمىغان ۋاقتىدىكى ئېتىقادى بويىچە ياشىسا، ئىبراھىم ئۇلارنىڭمۇ ئاتىسى بولىدۇ.

13خۇدا ئىبراھىم ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ بۇ دۇنياغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنىدى. بۇ، ئۇلارنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ خۇداغا ئېتىقاد قىلىپ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغانلىقىدىن بولغان. 14ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشكىلى بولسىدى، ئۇ چاغدا ئېتىقادنىڭ ھېچقانداق قىممىتى قالمىغان، خۇدانىڭ ۋەدىسىنىڭمۇ ئەھمىيىتى بولمىغان بولاتتى. 15تەۋرات قانۇنى بۇ قانۇننىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلمىغانلارغا خۇدانىڭ غەزىپىنى ئېلىپ كېلىدۇ. قانۇن بولمىسا، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشمۇ بولمايدۇ.

16شۇنىڭ ئۈچۈن، ئېتىقادىمىز ئارقىلىق خۇدانىڭ بىزگە ۋەدە قىلغان بەخت-سائادىتىگە ئېرىشىمىز. بۇ، بىز ئېرىشىشكە تېگىشلىك ھەق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن كەلگەن. بۇ ۋەدە ئىبراھىمنىڭ پۈتكۈل ئەۋلادلىرى، يەنى ئىبراھىمغا ئوخشاش ئېتىقاد يولىدا ماڭغانلار ئۈچۈن بېرىلگەندۇر. مەيلى ئۇلار يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن ياكى تەۋرات قانۇنىدىكى قائىدىلەر بويىچە ياشايدىغان يەھۇدىيلار بولسۇن، بۇ ۋەدە ھەممىسىنىڭ بۇ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. چۈنكى، ئىبراھىم بارلىق ئېتىقادچىلارنىڭ ئاتىسىدۇر. 17بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئىبراھىمغا: «سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلدىم» دەپ ئېيتقىنىدەك. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىبراھىم ھەممىمىزنىڭ ئاتىسىدۇر. چۈنكى، ئىبراھىم ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈرىدىغان، مەۋجۇداتنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرىدىغان خۇداغا ئىشەنچ باغلىدى. 18ئاتا بولۇش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەھۋالدىمۇ، ئىبراھىم يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمەي، خۇداغا داۋاملىق ئىشەنچ باغلىدى. نەتىجىدە، ئۇ نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. بۇ توغرىسىدا خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېگەن: «سېنىڭ ئەۋلادىڭ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ.» 19ئىبراھىم ئۆزىنىڭ يۈز ياشقا يېقىنلاپ، پەرزەنت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى، شۇنداقلا ئايالى سارەنىڭمۇ پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلىقىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلاشتۇرمىدى. 20ئۇ خۇدانىڭ ۋەدىسىدىن گۇمانلانمىدى. ئەكسىچە، ئۇنىڭ ئىشەنچى تېخىمۇ كۈچىيىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. 21ئۇ، خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىگە پۈتۈنلەي ئىشەندى. 22شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ئۇنى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىدى» دەپ يېزىلغان. 2324بۇ ئايەت يالغۇز ئىبراھىم ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھەققانىي ئادەم دەپ ھېسابلىنىدىغان بىزلەر، يەنى رەببىمىز ئەيسانى تىرىلدۈرگەن خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىزلەر ئۈچۈنمۇ يېزىلغان. 25ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆلۈمگە تاپشۇرۇلۇپ، بىزنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىمىز ئۈچۈن تىرىلدۈرۈلدى. 




5

خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولۇش

1شۇڭا، بىز ئېتىقادىمىز ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن ئىناق مۇناسىۋەتتە بولدۇق. 2ئېتىقادىمىز بولغاچقا، ئەيسا مەسىھ بىزنى بىز ھازىر بەھرىمەن بولۇۋاتقان بۇ مېھىر-شەپقەتكە ئىگە قىلدى. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىش ئۈمىدىدە شاد-خۇرام بولماقتىمىز. 3بىز قىيىن ئەھۋاللاردىمۇ يەنىلا شاد-خۇرام بولىمىز. چۈنكى، بىزگە مەلۇمكى، قىيىنچىلىق سەۋرچانلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، 4سەۋرچانلىقىمىز بىزنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن قىلىدۇ؛ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ئېتىقادچىلاردىن بولساق، بىزدە تەۋرەنمەس ئۈمىد پەيدا بولىدۇ. 5بۇ ئۈمىد بىزنى ھەرگىز ئۇياتتا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىنى قەلبىمىزگە سىڭدۈرگەن.

6بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. 7دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. 8ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. 9بىز ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىق قېنى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. شۇنداق ئىكەن، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدانىڭ غەزىپىدىن قۇتۇلۇشىمىز تېخىمۇ ئېنىقتۇر. 10بىز بۇرۇن خۇداغا دۈشمەن ئىدۇق. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنىڭ قۇربان قىلىنىشى ئارقىلىق بىزنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. بىز خۇدا بىلەن يارىشىۋالغانىكەنمىز، ئۇنداقتا ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلگەن ھاياتى ئارقىلىق خۇدانىڭ جازاسىدىن چوقۇم قۇتۇلدۇرۇلىمىز. 11بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، بىزنى خۇدا بىلەن ياراشتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا بىلەن بولغان يېڭى مۇناسىۋىتىمىزدىمۇ شاد-خۇرام بولىمىز.

ئادەمئاتا ۋە ئەيسا مەسىھ

12گۇناھ دۇنيادا بىر ئادەم، يەنى ئادەمئاتا ئارقىلىق پەيدا بولغاندەك، ئۆلۈممۇ ئادەمئاتىنىڭ گۇناھى ئارقىلىق پەيدا بولدى. نەتىجىدە، ئۆلۈم پۈتكۈل ئىنسان ئىچىگە تارقالدى، چۈنكى ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلدى. 13گۇناھ تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلۈشتىن ئىلگىرىلا دۇنيادا بار ئىدى. بىراق، ئۇ چاغدا ھەق-ناھەقنى ئايرىيدىغان تەۋرات قانۇنى بولمىغانلىقتىن، گۇناھنىڭ ھېسابى ئېلىنمايتتى. 14شۇنداق بولسىمۇ، ئۆلۈم ئادەمئاتىدىن تاكى مۇسا پەيغەمبەرگىچە ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ھەتتا ئادەمئاتىنىڭ گۇناھىدەك گۇناھ سادىر قىلمىغان ئىنسانلارمۇ ئۆلۈمدىن خالىي بولالمىدى.

ئادەمئاتا پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، كېيىن كەلگەن مەسىھمۇ پۈتكۈل ئىنسانغا تەسىر قىلدى. 15ۋەھالەنكى، ئادەمئاتا تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن گۇناھ خۇدانىڭ بەرگەن مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، بىر ئادەم، يەنى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشى بىلەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن بولسا، ئوخشاشلا بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق خۇدا ئىنسانلارغا تېخىمۇ كۆپ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، كەچۈرۈلۈش سوۋغىتىنى نۇرغۇن ئادەمگە ئاتا قىلدى. 16خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نەتىجىسى ئادەمئاتىنىڭ گۇناھىنىڭ ئاقىۋىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. چۈنكى، ئادەمئاتىنىڭ بىر قېتىملىق گۇناھى ئارقىلىق بىز ھەممىمىز گۇناھكار، دەپ ھۆكۈم قىلىندۇق. ئەمما خۇدانىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سوۋغىتى ئارقىلىق بىز گۇناھكارلار گەرچە نۇرغۇن گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولساقمۇ، ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. 17بىر ئادەمنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان يەردە، خۇدانىڭ مول مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەققانىي بولۇش سوۋغىتىغا ئېرىشكەن كىشىلەر يەنە بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىدا گۇناھ ۋە ئۆلۈم ئۈستىدىن غەلىبە قىلماسمۇ؟

18دېمەك، بىر قېتىملىق گۇناھ پۈتكۈل ئىنساننى گۇناھقا مەھكۇم قىلغان بولسا، بىر قېتىملىق ھەققانىي ئەمەلىيەت، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى ئارقىلىق پۈتكۈل ئىنسان ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ. 19بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئىنسانلار گۇناھكار بولۇپ كەتكىنىدەك، بىر ئادەمنىڭ ئىتائەتمەنلىكى بىلەنمۇ نۇرغۇن ئىنسانلار ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. 20تەۋرات قانۇنىنىڭ بېرىلىشى كىشىلەرگە ئۆز گۇناھىنىڭ ئىنتايىن كۆپلۈكىنى ئوچۇق كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. لېكىن، قەيەردە گۇناھ كۆپ بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ شۇ يەردە ھەسسىلەپ ئاشتى. 21دېمەك، گۇناھ ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە ئاپارغان بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئىنسانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئۇلارنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كەلدى. 




6

ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىش

1ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى تېخىمۇ ئاشسۇن دەپ، داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشايمىزمۇ؟ 2ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھقا نىسبەتەن بىز ئاللىقاچان ئۆلگەن. شۇنداق ئىكەن، بىز يەنە داۋاملىق گۇناھ ئىچىدە ياشىماسلىقىمىز كېرەك. 3سىلەر چوقۇم شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈشنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، ئەيسا مەسىھكە باغلانغانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆلۈمى بىلەنمۇ باغلاندۇق. 4شۇنىڭ ئۈچۈن، بىز چۆمۈلدۈرۈلۈش ئارقىلىق ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ، بىللە كۆمۈلدۇق. خۇدائاتىمىزنىڭ بۇنداق ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى مەقسىتى شۇكى، ئەيسا مەسىھنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق تىرىلدۈرگەندەك، بىزنىمۇ يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر.

5بىز ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ، ئۇنىڭغا ئوخشاش ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا بىز چوقۇم ئۇنىڭغا ئوخشاش تىرىلدۈرۈلىمىز. 6شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، كونا تەبىئىتىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە كرېستكە مىخلاندى. شۇنىڭ ئۈچۈن، گۇناھكار نەپسىمىزنىڭ ئىلكىدە بولماي، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلدۇق. 7چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەن ھەرقانداق كىشى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس بولغان بولىدۇ. 8ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنداقتا ئۇنىڭغا باغلىنىپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشىشىمىزگىمۇ ئىشىنىمىز. 9بىزگە مەلۇمكى، ئەيسا مەسىھ تىرىلگەندىن كېيىن قايتا ئۆلمەيدۇ. ئۆلۈم ئەمدى ئەيسا مەسىھكە ئۆز كۈچىنى كۆرسىتەلمەيدۇ. 10ئەيسا مەسىھ ئۆزىنىڭ بىرلا قېتىملىق ئۆلۈمى ئارقىلىق گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى. ئۇ ھازىر ھايات بولۇپ، ئۇنىڭ ھاياتلىقى خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈش ئۈچۈندۇر. 11شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى گۇناھقا نىسبەتەن ئۆلگەن، لېكىن خۇداغا خىزمەت قىلىشقا نىسبەتەن تىرىك ھېسابلاڭلار.

12شۇنداق ئىكەن، گۇناھ ھەرگىزمۇ ھامان ئۆلىدىغان تېنىڭلارنى باشقۇرمىسۇن. بولمىسا، ئارزۇ-ھەۋەسلەرگە بېرىلىپ كېتىسىلەر. 13تېنىڭلارنىڭ ھەرقانداق بىر ئەزاسىنى يامان ئىشلارغا قورال قىلىپ، گۇناھقا تۇتۇپ بەرمەڭلار. ئەكسىچە، ئۆزۈڭلارنى خۇداغا ئاتاڭلار. چۈنكى، سىلەر ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلدۈڭلار. تېنىڭلارنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى ھەققانىي ئىشلارنىڭ قورالى قىلىڭلار. 14گۇناھ سىلەرنىڭ ھۆكۈمرانىڭلار ئەمەس. چۈنكى، سىلەر تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ بىزنى گۇناھنىڭ كۈچىدىن خالاس قىلىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىسىلەر.

ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى

15ئۇنداقتا، قانداق قىلىش كېرەك؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز دەپ، گۇناھ سادىر قىلىۋەرسەك بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە بولمايدۇ. 16كىمگە بويسۇنساڭلار، شۇنىڭ قۇلى بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟ گۇناھقا بوي ئەگسەڭلار، ئۇ سىلەرنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ. خۇداغا بويسۇنساڭلار، ئۇ ھەققانىي ھاياتلىققا ئېلىپ بارىدۇ. 1718خۇداغا شۈكۈر! گەرچە سىلەر بۇرۇن گۇناھنىڭ قۇلى بولغان بولساڭلارمۇ، لېكىن ھازىر گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەركىن قىلىنىپ، ھەققانىيلىقنىڭ قۇللىرى بولدۇڭلار. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە بەرگەن تەلىمگە چىن دىلىڭلاردىن بويسۇندۇڭلار. 19مەن سىلەرنىڭ تەبىئىتىڭلاردىكى ئاجىزلىقلارنى بىلگەچكە، بۇلارنى سىلەرگە ئادەتتىكى مىسال بىلەن ئېيتىۋاتىمەن. ئىلگىرى سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولۇپ، تېنىڭلاردىكى ئەزالارنى ناپاك ۋە تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىشلارغا بېغىشلىغانىدىڭلار. ئەمدى پاك بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى ھەققانىيلىقنىڭ قۇلى بولۇشقا بېغىشلاڭلار.

20سىلەر گۇناھنىڭ قۇلى بولغان ۋاقتىڭلاردا، ھەققانىي ھايات كەچۈرۈش بىلەن كارىڭلار يوق ئىدى. 21سىلەر ھازىر نومۇس دەپ قارىغان بۇرۇنقى ئىشلاردىن شۇ چاغدا زادى نېمە پايدا تاپقانىدىڭلار؟ ئۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى ئۆلۈمدۇر. 22بىراق، ھازىر سىلەر گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئەركىن قىلىنىپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى بولدۇڭلار. بۇ، ھاياتىڭلارغا پايدىلىق بولۇپ، سىلەرنى پاك ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا سىلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر. 23چۈنكى، گۇناھنىڭ بەدىلى ئۆلۈم. بىراق، خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزگە ئاتا قىلغان سوۋغىتى مەڭگۈلۈك ھاياتلىقتۇر. 




7

نىكاھ مۇناسىۋىتى توغرىسىدا مىسال

1قېرىنداشلار، سىلەر قانۇننى چۈشىنىسىلەر. شۇڭا، شۇنىمۇ ئېسىڭلارغا سېلىپ قويايكى، قانۇن پەقەت ھايات ئادەمگىلا ھۆكۈمرانلىق قىلالايدۇ. 2مەسىلەن، ئېرى بار ئايال ئېرى ھاياتلا بولىدىكەن، قانۇن بويىچە ئېرىگە باغلىنىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، نىكاھ قانۇنىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. 3شۇنىڭ ئۈچۈن، ئايال ئېرى ھايات ۋاقتىدا باشقا بىر ئەر بىلەن بىرگە بولسا، بۇزۇق ئايال، دەپ قارىلىدۇ. لېكىن، ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، ئايال نىكاھ قانۇنىدىن ئەركىن بولىدۇ. ئۇ چاغدا، باشقا بىر ئەرگە تەگسە، زىنا قىلغان بولمايدۇ. 4خۇددى شۇنىڭدەك، قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربان بولۇشى بىلەن تەۋرات قانۇنىغا نىسبەتەن ئۆلدۈڭلار. سىلەر ھازىر باشقا بىرىگە باغلاندىڭلار، يەنى ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ كەلتۈرەلەيسىلەر. 5بۇرۇن بىز گۇناھكار تەبىئىتىمىزنىڭ ئىلكىدە بولغاچقا، بىزنى گۇناھقا ئېلىپ بارىدىغان ھەۋەسلىرىمىزنىڭ كەينىگە كىرىپ كەتتۇق. بۇ ھەۋەسلىرىمىز تەۋرات قانۇنىنى بىلىشىمىز بىلەن تېخىمۇ قوزغىلىپ، تېنىمىزدىكى ئەزالارنى قۇتراتتى. نەتىجىدە، بىز ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان ئىشلارنى قىلدۇق. 6لېكىن، ھازىر بىز تەۋرات قانۇنىنىڭ ھۆكۈمىدىن ئازاد قىلىندۇق. چۈنكى، بىز ئۆزىمىزنى بوغۇپ تۇرىدىغان بۇ قانۇنغا نىسبەتەن ئۆلگەن. بىز كونا ئۇسۇل بويىچە، يەنى تەۋرات قانۇنىغا بۇرۇنقىدەك ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى يېڭى ئۇسۇل بويىچە، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش ئارقىلىق خۇداغا خىزمەت قىلىمىز.

تەۋرات قانۇنى ۋە گۇناھ

7ئۇنداقتا، بىز نېمە دەيمىز؟ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئۆزى گۇناھنىڭ مەنبەسى بولامدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! گۇناھ تەۋرات قانۇنىدا كۆرسىتىلمىگەن بولسا، مەن قىلمىشلىرىمنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. مەسىلەن، تەۋرات قانۇنىدا: «باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېيىلمىگەن بولسا، ئۇنداق قىلىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەن بولاتتىم. 8لېكىن، گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ بۇ ئەمرى ئارقىلىق پۇرسەت تېپىپ، ئىچىمدىكى ھەر خىل ئاچكۆزلۈكلەرنى قوزغىدى. بۇ قانۇن بولمىسا، گۇناھنىڭ بۇنداق كۈچىمۇ بولمايتتى.*910تەۋرات قانۇنىنىڭ مەندىن نېمىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى چۈشەنمەيدىغان ۋاقتىمدا، ئۆزۈمدىن رازى بولۇپ، ئۆزۈمنى ئەركىن-ئازادە ھېس قىلاتتىم. لېكىن، تەۋرات قانۇنىنى ھەقىقىي چۈشىنىشىم بىلەنلا، ئۆزۈمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىمنى ۋە روھىي جەھەتتە ئۆلگەنلىكىمنى ئېنىق بىلدىم. تەۋرات قانۇنى ئىنسانلارنى ھاياتلىققا يېتەكلەش ئۈچۈن بېرىلگەن. ۋەھالەنكى، بۇ قانۇنغا بويسۇنالمايدىغانلىقىمدىن ئۇنىڭ ماڭا ئۆلۈمنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بايقىدىم. 11گۇناھ تەۋرات قانۇنىنىڭ ئەمرلىرىدىن پۇرسەت تېپىپ، مېنى ئازدۇرۇپ، ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى.

12دېمەك، تەۋرات قانۇنى ھەقىقەتەن پاكتۇر. ئۇنىڭدىكى ئەمرلەرمۇ پاك، توغرا ۋە ياخشىدۇر. 13شۇنداق تۇرۇقلۇق، بۇ ياخشى قانۇن مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدىمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! بەلكى، ئەنە شۇ گۇناھ بۇ ياخشى قانۇندىكى ئەمرلەردىن پايدىلىنىپ، مېنى ئۆلۈمگە دۇچار قىلدى. بىز ئەمدى گۇناھنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى تونۇۋالالايمىز. چۈنكى، تەۋرات قانۇنىدىكى ئەمرلەر ئارقىلىق گۇناھنىڭ قانچىلىك قەبىھ ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

ئىنسان قەلبىدىكى توقۇنۇش

14تەۋرات قانۇنى خۇدادىن چۈشۈرۈلگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. بىراق، گۇناھكار تەبىئىتىمنىڭ باشقۇرۇشىدا بولغان مەن بولسام گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىدۇرمەن. 15ئۆزۈمنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى بىلمەيمەن. چۈنكى، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ئىشلارنى قىلمايمەن، ئەكسىچە نەپرەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن. 16ئەگەر مەن يامان ئىشلارنى قىلىشنى خالىماي تۇرۇپ، يەنىلا ئۇلارنى قىلغان بولسام، ئۇ چاغدا ۋىجدانىم تەۋرات قانۇنىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ. 17شۇڭا، بۇ ئىشلارنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھ. 18ئىچىمدە، يەنى گۇناھكار تەبىئىتىمدە ياخشىلىقنىڭ يوقلۇقىنى بىلىمەن. چۈنكى، ياخشىلىق قىلىش نىيىتىم بار بولسىمۇ، ئىقتىدارىم يوق. 19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈم نىيەت قىلغان ياخشى ئىشلارنى قىلماي، ئەكسىچە نىيەت قىلمىغان يامان ئىشلارنى قىلىمەن. 20ئۆزۈم نىيەت قىلمىغان ئىشنى قىلسام، بۇنى قىلدۇرۇۋاتقىنى مەن ئەمەس، بەلكى ئىچىمدە ياشاۋاتقان گۇناھتۇر.

21بۇنىڭدىن ئۆزۈمدىكى شۇ قانۇنىيەتنى چۈشەندىمكى، ياخشى ئىشلارنى قىلماقچى بولساممۇ، يامانلىق ماڭا ھامان ھەمراھ بولۇپ تۇرغاچقا، مەن يەنىلا يامان ئىشلارنى قىلىمەن. 22خۇدانىڭ قانۇنىدىن ئىچ-ئىچىمدىن سۆيۈنىمەن. 23بىراق، تېنىمدە باشقا بىر قانۇنىيەتنى سېزىمەن. بۇ قانۇنىيەت قەلبىمدىن قايىل بولغان قانۇن بىلەن جەڭ قىلىپ، تەن ئەزالىرىمنى گۇناھ سادىر قىلدۇرغانلىقتىن، مېنى گۇناھقا ئەسىر قىلىدۇ. 24مەن نېمىدېگەن بىچارە ئادەممەن-ھە! گۇناھنىڭ ئەسىرى بولغان ۋە ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدىغان بۇ تېنىمدىن كىممۇ مېنى قۇتقۇزار؟! 25خۇداغا شۈكۈر، خۇدا مېنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق قۇتقۇزىدۇ!

مېنىڭ ئەھۋالىم مانا مۇنداق: قەلبىم بىلەن خۇدانىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىشنى خالايمەن، لېكىن ئەمەلىيىتىمدە گۇناھكار تەبىئىتىم سەۋەبىدىن گۇناھنىڭ قۇلى بولىمەن.



*8 تەۋرات قانۇنى پەقەت ئادەمنىڭ گۇناھىنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماستىن، ئۇلارنى گۇناھ قىلىشقا قىزىقتۇرىدۇ. چۈنكى، مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى قىلىشقا قىزىقىش ئادەمنىڭ تەبىئىتىدۇر.



 

8

مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاش

1يىغىنچاقلاپ ئېيتساق، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلار ئەمدى گۇناھقا مەھكۇم قىلىنمايدۇ. 2چۈنكى، ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىزنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىدىغان گۇناھنىڭ كۈچىدىن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خالاس قىلدى. 3گۇناھكار تەبىئىتىمىز تۈپەيلىدىن تەۋرات قانۇنى بىزنى گۇناھنىڭ ئاسارىتىدىن ئازاد قىلالمىدى. بىراق، خۇدا ئۆز ئوغلىنى بىز گۇناھكار ئىنسانلارنىڭ تېنىدەك تەن بىلەن يەر يۈزىگە ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ گۇناھسىز تېنىدە گۇناھلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتىشى بىلەن بىزنى باشقۇرۇۋاتقان گۇناھنىڭ كۈچىنى بىكار قىلدى. 4بۇنىڭ بىلەن، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغان بىزلەر ئارقىلىق تەۋرات قانۇنىنىڭ ئادىل تەلەپلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 5گۇناھكار تەبىئىتىگە بويسۇنىدىغانلار شۇ تەبىئىتىگە خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى ئويلايدۇ. مۇقەددەس روھقا بويسۇنىدىغانلار بولسا مۇقەددەس روھقا خاس ئىشلارنى ئويلايدۇ. 6بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، بۇ ئۇ ئادەمگە مەڭگۈلۈك ئۆلۈم ئېلىپ كېلىدۇ. ئەمما ئۇ ئادەمنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى مۇقەددەس روھ باشقۇرسا، بۇ ئۇنىڭغا ھاياتلىق ۋە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. 7بىر ئادەمنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى ئۇنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى باشقۇرسا، ئۇ ئادەم خۇدا بىلەن دۈشمەنلەشكەن بولىدۇ. چۈنكى، ئۇ خۇدانىڭ قانۇنىغا بويسۇنمايدۇ ھەم بويسۇنالمايدۇ. 8گۇناھكار تەبىئىتى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغانلار خۇدانى خۇرسەن قىلالمايدۇ.

9بىراق سىلەرگە كەلسەك، خۇدانىڭ روھى ھەقىقەتەن قەلبىڭلاردا ياشىغانلىقتىن، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ باشقۇرۇشىدا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ باشقۇرۇشىدا تۇرۇۋاتىسىلەر. قەلبىدە مۇقەددەس روھ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ روھى بولمىغان ئادەم ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ ئەمەستۇر. 10تېنىڭلار گۇناھ تۈپەيلىدىن ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە بولسىمۇ، ئەمما قەلبىڭلاردا ئەيسا مەسىھ بولغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، روھىڭلار ھايات بولدى. 11خۇدانىڭ روھى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈردى. بۇ روھ سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن خۇدا قەلبىڭلاردىكى ئۆز روھى ئارقىلىق سىلەرنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىڭلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلىدۇ.

12شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، گۇناھكار تەبىئىتىمىزگە بويسۇنۇپ ياشاشقا ئەمەس، مۇقەددەس روھقا بويسۇنۇشقا قەرزدارمىز. 13چۈنكى، گۇناھكار تەبىئىتىڭلارغا بويسۇنۇپ ياشىساڭلار، مەڭگۈلۈك ھالاك بولىسىلەر. لېكىن، مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىڭلار ئارزۇ قىلغان گۇناھتىن قول ئۈزسەڭلار، مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىسىلەر. 14خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشىغانلارنىڭ ھەممىسى خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 15ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. 16بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 17خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز.

كەلگۈسىدە شان-شەرەپكە ئېرىشىش

18مېنىڭچە، ھازىر بىز تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلەر كەلگۈسىدە بىزدە ئايان بولىدىغان شان-شەرەپكە سېلىشتۇرغاندا ھېچ نەرسىگە ئەرزىمەيدۇ. 19يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇدات خۇدانىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىنى ئايان قىلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتە. 2021چۈنكى، پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۆزى ھەققىدىكى كۆزلىگەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدى. بۇ، مەۋجۇداتنىڭ ئۆز ئىختىيارى بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنى ياراتقان خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان. شۇنداق بولسىمۇ، يارىتىلغان پۈتكۈل مەۋجۇداتتا چىرىپ تۈگەشتىن قۇتۇلۇپ، خۇدا پەرزەنتلىرىگە بېرىدىغان شەرەپلىك ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولۇش ئۈمىدى بار ئىدى. 22تا ھازىرغىچە پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنىڭ خۇددى تولغاق ئازابى تارتىۋاتقان ئايالدەك ئاھ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. 23پەقەت پۈتكۈل مەۋجۇداتلا ئەمەس، ھەتتا مۇقەددەس روھنىڭ قەلبىمىزگە سېلىنىشى بىلەن خۇدانىڭ كەلگۈسىدە بېرىدىغان شان-شەرىپىنى تېتىپ باققان بىزلەرمۇ دىلىمىزدا ئاھ ئۇرماقتىمىز. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىز ئايان قىلىنىشى بىلەن بىرگە يېڭى تەنگە ئېرىشىشنى كۈتمەكتىمىز. 24قۇتقۇزۇلغاندىن بېرى بىزدە مۇشۇنداق ئۈمىد بولۇپ كەلمەكتە. ئۈمىد ئەمەلىيەتكە ئايلانغاندا، ئۇ ئۈمىد بولۇشتىن قالىدۇ. كىممۇ ئەمەلىيەتكە ئايلانغاننى قايتا ئۈمىد قىلسۇن؟ 25بىراق، بىز تېخى ئەمەلىيەتكە ئايلانمىغانغا ئۈمىد باغلىغانىكەنمىز، ئۇنى سەۋرچانلىق بىلەن كۈتىمىز.

26ئۇنىڭ ئۈستىگە، مۇقەددەس روھ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىزنى بىلىپ، بىزگە ياردەم قىلىدۇ. بىز قانداق دۇئا قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى بىلمەيمىز. لېكىن، مۇقەددەس روھنىڭ ئۆزى سۆز بىلەن ئىپادىلىگۈسىز ئاھ ئۇرۇش ئارقىلىق بىز ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ. 27ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان خۇدا مۇقەددەس روھنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنىدۇ. چۈنكى، مۇقەددەس روھ خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلىدۇ. 28خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. 29چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى. 30خۇدا ئالدىن بەلگىلىگەن بۇ كىشىلەرنى چاقىردى ۋە ئۆزى چاقىرغان بۇ كىشىلەرنى ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان بۇ كىشىلەرگە خۇدا چوقۇم شان-شەرەپ ئاتا قىلىدۇ.

خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى

31ئۇنداقتا، بىز بۇنىڭغا نېمە دەيمىز؟ خۇدا بىز تەرەپتە تۇرغانىكەن، كىممۇ بىزگە قارشى چىقالىسۇن؟ 32ئۆز ئوغلىنىمۇ ئايىماي، ئۇنى ھەممىمىز ئۈچۈن قۇربان بولۇشقا ئەۋەتكەن خۇدا بارلىقىنى بىزگە ئاتا قىلماي قالامدۇ؟ 33كىممۇ خۇدانىڭ تاللىغان بەندىلىرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلالىسۇن؟ ھېچكىم! چۈنكى، بىز خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان. 34كىم بىزنى گۇناھقا مەھكۇم قىلالايدۇ؟ ھېچكىم! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن ئۆلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىرىلدۈرۈلۈپ، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ھوقۇق تۇتۇپ، بىز ئۈچۈن مۇراجىئەت قىلماقتا. 35ھېچكىم بىزنى ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! ھەرقانداق قىيىن ئەھۋال، جاپا-مۇشەققەت، زىيان-زەخمەت، ئاچ-يالىڭاچلىق ۋە خېيىمخەتەر، ھەتتا قىلىچمۇ بىزنى ئۇنىڭدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ! 36خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«سېنى دەپ كۈن بويى ئۆلۈم گىردابىدا تۇرۇۋاتىمىز.

سويۇلىدىغان قويلار ئورنىدا قارىلىۋاتىمىز.»

37لېكىن، بىزنى سۆيىدىغان خۇدانىڭ كۈچى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈستىدىن پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىمىز. 38شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، ئۆلۈم ياكى ھاياتلىق بولسۇن، پەرىشتىلەر ياكى جىن-شەيتانلار بولسۇن، ھازىرقى ياكى كەلگۈسىدىكى ھەرقانداق ئىشلار بولسۇن، ياكى روھلار دۇنياسىدىكى ھەرقانداق كۈچلەر بولسۇن، 39ياكى پۈتكۈل كائىناتتا يارىتىلغان باشقا ھەرقانداق بىر شەيئى بولسۇن، مەيلى بىز ئېگىز ئاسماندا ياكى چوڭقۇر ھاڭنىڭ تېگىدە بولايلى، بىزنى خۇدانىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببىتىدىن ئايرىۋېتەلمەيدۇ. 




9

خۇدا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ مۇناسىۋىتى

1مەن ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، يالغان سۆزلىمەيمەن. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولغان ۋىجدانىممۇ بۇنىڭغا ئىسپات بولالايدۇ. 2دېمەكچى بولغىنىم، ئىسرائىللار، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقىغا كەلسەك، مەن ئۇلار ئۈچۈن ئىنتايىن كۆپ غەم-قايغۇ قىلىۋاتىمەن، قەلبىممۇ ھەمىشە ئازاب ئىچىدە ئۆرتىنىۋاتىدۇ. 3ئەگەر مېنىڭ خۇدا تەرىپىدىن لەنەت ئاستىدا قېلىپ، ئەيسا مەسىھتىن ئايرىلىپ قېلىشىم قېرىنداشلىرىم ۋە جانجىگەرلىرىم بولغان ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرەلىسە، مەن مۇنداق قېلىشقىمۇ رازى بولاتتىم. 4ئىسرائىللار بولسا خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارغا پەرزەنتلىك سالاھىيىتىنى بەردى، ئۆز ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسەتتى، ئۇلار بىلەن ئەھدىلەرنى تۈزۈپ، ئۇلارغا تەۋرات قانۇنىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار خۇداغا ھەقىقىي ئىبادەت قىلىشنى ئۆگىنىپ، خۇدانىڭ ۋەدىلىرىگە ئېرىشتى. 5ئۇلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەيسا مەسىھمۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، بۇ دۇنياغا ئىنسان تېنىدە كەلدى. ئۇ بارلىق مەۋجۇدات ئۈستىدىن ھۆكۈم سۈرىدىغان، مەڭگۈ مەدھىيىلىنىدىغان خۇدادۇر، ئامىن!

6مەن ھەرگىزمۇ ئىسرائىللارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى بىلەن خۇدانىڭ ئۇلارغا قىلغان ۋەدىسى بىكار بولدى، دېمەكچى ئەمەسمەن. چۈنكى، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادى بولغانلارنىڭ ھەممىسىلا ھەقىقىي ئىسرائىل ھېسابلانمايدۇ. 7گەرچە ئۇلار ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى بولسىمۇ، خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسىلا ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى ھېسابلانمايدۇ. مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا: «مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن. 8دېمەك، جىسمانىي جەھەتتىن، ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولۇۋەرمەيدۇ. پەقەت خۇدانىڭ ئىبراھىمغا قىلغان ۋەدىسىگە ئاساسەن تۇغۇلغان ئەۋلادلارلا خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇر. 9چۈنكى، ئىسھاقنىڭ تۇغۇلۇشى توغرىسىدا خۇدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا ۋەدە بەرگەن. بۇ ۋەدە مۇنداق ئىدى: «كېلەر يىلى بۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ.»

10بۇنىڭدىن باشقا، رىبەقا ئەجدادىمىز ئىسھاقتىن قوشكېزەكگە ھامىلىدار بولغاندا، 11-12خۇدا ئۇنىڭغا: «چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ» دېگەنىدى. چۈنكى، بىر ئاتىدىن بولغان بۇ قوشكېزەكلەر، يەنى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ تېخى تۇغۇلمىغان، دېمەك ئۇلار بىرەر ياخشى ياكى يامان ئىشمۇ قىلماستا، خۇدا ئاللىقاچان ئۇلاردىن بىرنى تاللىغانىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، خۇدانىڭ ئادەملەرنى تاللىشى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەلىيىتىگە ئەمەس، پەقەت ئۆزىنىڭ ئىرادىسىگە، يەنى ئۆز چاقىرىقىغا ئاساسلانغان. 13بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ياقۇپنى تاللىدىم، ئەساۋنى رەت قىلدىم» دەپ يېزىلغىنىدەك.

14ئۇنداقتا، بۇلارغا نېمە دەيمىز؟ بۇ يەردە خۇدانى ئادىل ئەمەس دەيمىزمۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! 15چۈنكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېگەن:

 

«كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن،

كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن.»

 

16دېمەك، خۇدا كىمگە رەھىمدىللىك كۆرسىتىشنى ئۆزى تاللايدۇ. بۇ، ئىنساننىڭ ئىرادىسىگە ياكى ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقىغا باغلىق ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ رەھىمدىللىكىگە باغلىقتۇر. 17خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا مىسىرنىڭ پادىشاھىغا مۇنداق دېگەن: «مېنىڭ سېنى تىكلىشىمدىكى مەقسەت، پەقەت سېنىڭ ئۈستۈڭدە كۈچۈمنى ئايان قىلىپ، نامىمنى پۈتۈن يەر-زېمىنغا تارقىتىشتۇر.» 18دېمەك، خۇدا خالىغىنىغا رەھىم قىلىدۇ، خالىغىنىنى جاھىللاشتۇرىدۇ.

خۇدانىڭ غەزىپى ۋە رەھمى

19بۇنداق بولغاندا، بەلكىم ئاراڭلاردىن بەزىلەر ماڭا: «ھەممە ئىشنى خۇدا بەلگىلەيدىغان تۇرسا ھەمدە بىز ئۇنىڭ ئىرادىسىگە قارشى چىقالمايدىغان تۇرساق، خۇدا نېمە ئۈچۈن يەنە بىزنى ئەيىبلەيدۇ؟» دېيىشى مۇمكىن. 20بىراق، ئەي ئىنسان، خۇدا بىلەن تاكاللىشىدىغان سەن كىمسەن؟ بىر ساپال قاچا ئۆزىنى ياسىغان خۇمدانچىغا: «مېنى نېمە ئۈچۈن بۇنداق ياسىدىڭ؟» دېيەلەمدۇ؟ 21خۇمدانچىنىڭ بىر كاللەك لايدىن ئالاھىدە ئىشلىتىلىدىغان ياكى ئادەتتە ئىشلىتىلىدىغان قاچا ياساش ھوقۇقى يوقمۇ؟ 22خۇدادا ئەنە شۇنداق ھوقۇق يوقمۇ؟! خۇدا گۇناھ سادىر قىلغانلارغا ئەسلى ئۆز غەزىپىنى ۋە كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسەتمەكچى بولغانىدى. لېكىن، ئۇ بۇ ھالاكەت گىردابىغا بېرىپ قالغانلارغا غەزىپىنى كۆرسەتمەي، بەلكى سەۋرچانلىق بىلەن ئۇلارغا كەڭچىلىك قىلدى. 23خۇدانىڭ مەقسىتى ئۆزىنىڭ رەھىم-شەپقىتىنىڭ نىشانى بولغان بىزلەرگە ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈندۇر. چۈنكى، بىز بۇ ئۇلۇغلۇققا ئېرىشىشكە ئالدىن تاللانغان. 24بىز خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلار بولۇپ، يەھۇدىيلار ئارىسىدىنلا ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدىنمۇ چاقىرىلغانمىز. 25بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ ھوشىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك:

 

«ئەسلى خەلقىم ھېسابلانمىغان خەلقنى خەلقىم،

ئەسلى سۆيگەنلىرىم ھېسابلانمىغانلارنى سۆيگەنلىرىم دەيمەن.»

 

ھوشىيا پەيغەمبەر يەنە ئېيتقانكى:

 

26«بۇرۇن خۇدا ئۇلارنى: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىم ھېسابلانمايسىلەر› دېگەن بولسىمۇ،

لېكىن كەلگۈسىدە خۇدا ئۇلارغا ‹مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى› دەپ، نام بېرىدۇ.»

 

27يەشايا پەيغەمبەرمۇ ئىسرائىللار توغرىسىدا مۇنداق جاكارلىغانىدى:

 

«ئىسرائىللارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى قۇتقۇزۇلىدۇ.

28چۈنكى، پەرۋەردىگار بۇ دۇنيا ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈملەرنى تەلتۆكۈس ۋە تېز ئىجرا قىلىدۇ.»

 

29يەشايا پەيغەمبەر يەنە ئالدىن ئېيتقىنىدەك:

 

«ئەگەر ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار بىزنىڭ نەسلىمىزنى ساقلاپ قالمىغان بولسا،

بىزمۇ خۇدا ئوت ياغدۇرۇپ يوق قىلىۋەتكەن سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكىلەردەك بولاتتۇق.»

 

ئىسرائىللارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى

30ئۇنداقتا، بۇنى مۇنداق يىغىنچاقلايمىز: ھەققانىيلىقنى ئىزدىمىگەن يەھۇدىي ئەمەسلەر خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندى، ئۇلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بۇنىڭغا ئېرىشتى. 31تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىيلىقنى ئىزدىگەن ئىسرائىللار، يەنى يەھۇدىيلار بولسا ئۇنىڭغا ئېرىشەلمىدى. 32بۇ نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى، ئۇلار ئېتىقادقا ئەمەس، بەلكى ياخشى ئەمەللىرىگە تايىنىپ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا تىرىشتى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تاشقا، يەنى ئەيسا مەسىھكە پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشتى. 33بۇ خۇددى خۇدا مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتقاندەك:

 

«خەلق پۇتلىشىدىغان،

خەلقنى يىقىتىدىغان،

بىر تاش سىئونغا* قويدۇم.

بىراق، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»

 



*33 سىئون _ قەدىمكى ئىسرائىلىيىنىڭ پايتەختى يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشىدۇر.



 

10

1قېرىنداشلار، مەن جانجىگىرىم ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن ھەمدە بۇنى خۇدادىن دائىم تىلەيمەن. 2شۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىمەنكى، ئۇلاردا خۇداغا نىسبەتەن ھەقىقەتەنمۇ قىزغىنلىق بار. بىراق، ئۇلارنىڭ بۇ قىزغىنلىقى ھەقىقىي بىلىمگە ئاساسلانمىغان. 3چۈنكى ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىش يولىنى بىلمەي، تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىغا تىرىشىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدادىن كەلگەن ئۇشبۇ يولنى قوبۇل قىلمايدۇ. 4ۋەھالەنكى، ئەيسا مەسىھ تەۋرات قانۇنىنىڭ مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. نەتىجىدە، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەم خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ.

5تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «قانۇنغا بويسۇنغانلار ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە تولۇق ئەمەل قىلىش بىلەن ھاياتلىق تاپالايدۇ.» 6-7لېكىن، ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشقا نىسبەتەن مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۆز-ئۆزۈڭلاردىن: ‹ئاسمانغا كىم چىقىدۇ؟› (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن) ياكى بولمىسا ‹گۆرگە كىم چۈشىدۇ؟› (يەنى ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈكلەر ئارىسىدىن ئېلىپ چىقىش ئۈچۈن)» دەپ سوراپ يۈرمەڭلار. 8ئۇلارنىڭ دېمەكچى بولغىنى دەل «خۇدانىڭ سۆزى ساڭا يېقىندۇر، ئۇ تىلىڭدا ۋە دىلىڭدىدۇر.» مانا بۇ، ھەم بىز يەتكۈزۈۋاتقان ئېتىقاد توغرىسىدىكى سۆزلەردۇر. 9دېمەك، ئەيسا مەسىھنىڭ رەب ئىكەنلىكىنى ئۆز ئاغزىڭ بىلەن ئېتىراپ قىلساڭ ۋە خۇدانىڭ ئۇنى تىرىلدۈرگەنلىكىگە چىن قەلبىڭدىن ئىشەنسەڭ، قۇتقۇزۇلىسەن. 10چۈنكى، ئىنسان چىن قەلبىدىن ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ، ئۆز ئاغزى بىلەن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ. 11مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلىكى كىشى نائۈمىدتە قالمايدۇ» دېيىلگەن. 12بۇ جەھەتتە، يەھۇدىيلار بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ پەرقى يوق. ئەيسا مەسىھ ھەر ئىككىسىنىڭ رەببىدۇر. ئۇ ئۆزىگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە مېھىر-شەپقەت ياغدۇرىدۇ. 13دەل مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «رەببىمىزگە ئىلتىجا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.» 14لېكىن، ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلەر ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىلتىجا قىلسۇن؟ ئۇ توغرۇلۇق ئاڭلىمىغانلار ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئىشەنسۇن؟ ئۇ توغرىسىدا خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر بولمىسا، كىشىلەر قانداقمۇ ئاڭلىيالىسۇن؟ 15خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچىلەر ئەۋەتىلمىسە، خۇش خەۋەر قانداق يەتكۈزۈلسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلەرنىڭ قەدىمى نەقەدەر مۇبارەك-ھە!» 16بىراق، خۇددى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ: «ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىممۇ ئىشەندى؟» دېگىنىدەك ھەممە ئادەم خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغان ئەمەس. 17ئېتىقاد خۇش خەۋەرنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ؛ خۇش خەۋەر بولسا ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىدۇر.

18لېكىن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىغاندىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتۈن دۇنياغا،

سۆزلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يەتتى.»

19سىلەردىن يەنە شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار خۇش خەۋەرنى چۈشەنمىگەندىمۇ؟ باشقا خەلقلەر چۈشەنگەن يەردە، ئۇلار چوقۇم چۈشەندى. چۈنكى، خۇدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن مۇنداق ئېيتقان:

«ئۆز خەلقىم بولمىغان بىر خەلق ئارقىلىق

سىلەر ئىسرائىللاردا ھەسەت قوزغايمەن،

سىلەر ئەقىلسىز دەپ قارايدىغان خەلق ئارقىلىق

غەزىپىڭلارنى قوزغايمەن.»

20كېيىن، يەشايا پەيغەمبەر تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا خۇدانىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

«مېنى ئىزدىمىگەنلەر مېنى تاپتى،

مېنى سورىمىغانلارغا ئۆزۈمنى كۆرسەتتىم.»

21لېكىن، ئىسرائىللار ھەققىدە خۇدا يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى:

«مەن بويسۇنماس ۋە جاھىل بىر خەلققە

كۈن بويى قوللىرىمنى ئۇزىتىپ تۇردۇم.»




11

خۇدا ئۆز خەلقىنى ئۇنتۇمايدۇ

1ئۇنداقتا، شۇنى سورىماقچىمەن: خۇدا ئۆز خەلقى ئىسرائىللاردىن ۋاز كەچتىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! مەنمۇ ئىبراھىم ئەۋلادىدىن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان بىر ئىسرائىلغۇ! 2خۇدا ئەلمىساقتىلا تاللىغان ئۆز خەلقىدىن ۋاز كەچكىنى يوق. مۇقەددەس يازمىلارنىڭ ئىلياس پەيغەمبەر ھەققىدىكى قىسمىدا نېمە دېيىلگەنلىكى سىلەرگە ئايان. ئىلياس پەيغەمبەر ئىسرائىللاردىن ئاغرىنىپ، خۇداغا يالۋۇرۇپ: 3«ئى پەرۋەردىگار، ئۇلار سېنىڭ پەيغەمبەرلىرىڭنى ئۆلتۈرۈشتى، قۇربانلىق سۇپىلىرىڭنى چېقىشتى؛ پەقەت ئۆزۈم يالغۇزلا قالدىم، ئۇلار يەنە مېنىڭمۇ جېنىمغا زامىن بولماقچى بولۇشۇۋاتىدۇ» دېگەن. 4خۇدا ئۇنىڭغا قانداق جاۋاب قايتۇرغان؟ خۇدا ئۇنىڭغا: «بائالغا* چوقۇنمىغان سەندىن باشقا يەنە يەتتە مىڭ ئادەمنى ئۆزۈمگە ئېلىپ قالدىم» دېگەن. 5خۇددى شۇنىڭدەك، بۈگۈنكى كۈندە خۇدا ئۆز مېھىر-شەپقىتى بىلەن تاللىغان ئىسرائىللاردىنمۇ ئاز بىر قىسمى يەنىلا بار. 6بۇلارنىڭ تاللىنىشى ئۆزلىرى قىلغان ياخشى ئەمەللىرى بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولغان. ئۇنداق بولمىغاندا، بۇ مېھىر-شەپقەتنى مېھىر-شەپقەت دېگىلى بولمايتتى.

7نەتىجىدە قانداق بولدى؟ ئىسرائىللار ئىزدىگىنىگە، يەنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشەلمىدى. پەقەت تاللانغانلارنىڭ ئاز بىر قىسمىلا ئۇنىڭغا ئېرىشتى. قالغانلار بولسا قەلبلىرى بىخۇدلاشتۇرۇلۇپ، خۇدانىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سالمىدى. 8بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

 

«خۇدا ئۇلارنىڭ قەلبىنى غەپلەتتە قالدۇردى،

بۈگۈنگىچە كۆزلىرىنى كۆرمەس،

قۇلاقلىرىنى ئاڭلىماس قىلدى.»

 

9خۇددى شۇنىڭدەك، داۋۇت پادىشاھمۇ ئۆز دۈشمەنلىرى توغرىسىدا مۇنداق دېگەن:

 

«ئۇلارنىڭ داستىخىنى ئۆزلىرىگە قاپقان ۋە تور بولسۇن،

ئۇلار پۇتلىشىپ يىقىلسۇن، جازالانسۇن!

10كۆزلىرى قاراڭغۇلىشىپ، كۆرەلمىسۇن،

بەللىرى پۈكۈلۈپ، مەڭگۈ رۇسلانمىسۇن!»

 

11ئۇنداقتا، شۇنى سورايكى: ئىسرائىللار پۇتلىشىپ شۇ يىقىلغىنىچە پۈتۈنلەي گۇمران بولدىمۇ؟ ياق، ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! لېكىن، ئىسرائىللار ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقتىن، خۇدا يەھۇدىي ئەمەسلەرنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈردى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىسرائىللارنىڭ ئۇلارغا بولغان ھەسەتخورلۇقىنى قوزغاشتۇر. 12دېمەك، ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەخت ئېلىپ كەلگەنىكەن، ئۇنداقتا خۇدا تاللىغان بارلىق ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلۇشقا ئېرىشكەندە، دۇنياغا تېخىمۇ چوڭ بەخت ئېلىپ كەلمەمدۇ؟

يەھۇدىي ئەمەسلەر ماختانماسلىقى كېرەك

13ئەمدى يەھۇدىي ئەمەس بولغان سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، سىلەرگە ئەلچى بولغانلىقىم ئۈچۈن، بۇ ۋەزىپەمنى ئۇلۇغ ھېسابلايمەن. 14بۇنىڭ بىلەن، بەلكىم خۇش خەۋەرنى رەت قىلغان جانجىگەرلىرىم ئىسرائىللارنىڭ ھەسەت ئوتلىرىنى قوزغاپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنى قۇتقۇزۇلۇش يولىغا باشلىيالارمەن. 15چۈنكى، ئۇلارنىڭ رەت قىلىنىشى ئارقىلىق دۇنيادىكى باشقا مىللەتلەر خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىك بولماي نېمە؟ 16ئەگەر دەسلەپكى ھوسۇلدىن پىشۇرۇلۇپ خۇداغا سۇنۇلغان نان مۇقەددەس بولسا، ئۇ ناندىن قالغان خېمىرمۇ مۇقەددەستۇر. شۇنىڭدەك، ئەگەر بىر دەرەخنىڭ يىلتىزى مۇقەددەس بولسا، شاخلىرىمۇ مۇقەددەستۇر.*

17خۇددى ياۋا زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرى باغدىكى شاخلىرى سۇندۇرۇۋېتىلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغانغا ئوخشاش، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرمۇ سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلارنىڭ، يەنى يەھۇدىيلارنىڭ ئورنىغا ئېتىقادىڭلار ئارقىلىق ئۇلاندىڭلار. دېمەك، سىلەر بۇ دەرەخنىڭ يىلتىزىدىن ئوزۇقلۇق ئېلىپ، شىرنىسىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك، خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە قىلغان بەختتىن بەھرىمەن بولۇۋاتىسىلەر.

18شۇنداق ئىكەن، سىلەر سۇندۇرۇۋېتىلگەن ئاشۇ شاخلار ئالدىدا ماختانماڭلار. ئەگەر ماختانساڭلار، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، سىلەر يىلتىزنى ئەمەس، بەلكى يىلتىز سىلەرنى بېقىۋاتىدۇ. 19سىلەر: «مېنىڭ ئۇلىنىشىم ئۈچۈن، بۇ شاخلار سۇندۇرۇۋېتىلدى» دېيىشىڭلار مۇمكىن. 20توغرا، بۇ شاخلار، يەنى يەھۇدىيلار ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلىقتىن سۇندۇرۇلدى. سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار بىلەن ئۇلاندىڭلار، شۇڭا سىلەر مەغرۇرلانماڭلار، ئەكسىچە خۇدادىن قورقۇڭلار! 21چۈنكى، ئېتىقادسىزلىق قىلساڭلار، دەرەخنىڭ ئەسلىدىكى شاخلىرىنى، يەنى يەھۇدىيلارنى ئايىمىغان خۇدا سىلەرنىمۇ ئايىمايدۇ. 22بۇنىڭدىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى، شۇنداقلا ئۇنىڭ قاتتىق قول ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ ئۆز يولىدىن چەتنىگەنلەرگە قاتتىق قولدۇر. لېكىن، سىلەر داۋاملىق ئۇنىڭ مېھرىبانلىقىدا تۇرساڭلار، ئۇ سىلەرگە مېھرىباندۇر. ئۇنداق بولمىغاندا، سىلەرمۇ كېسىپ تاشلىنىسىلەر. 23يەھۇدىيلار ئېتىقادسىزلىقىدىن ۋاز كېچىپ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلسا، ئۇلارمۇ ئەسلىدىكى دەرەخكە ئۇلىنىدۇ. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قايتا ئۇلاشقا قادىردۇر. 24يەھۇدىي ئەمەس سىلەر ياۋا زەيتۇن دەرىخىدىن كېسىپ ئېلىنىپ، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا تۈجۈپىلەپ ئۆستۈرۈلگەن زەيتۇن دەرىخىگە ئۇلانغان يەردە، ئەسلىدىكى شاخلارنىڭ ئۆز دەرىخىگە ئۇلىنىشى تېخىمۇ ئاسان ئەمەسمۇ؟

خۇدانىڭ مېھرىبانلىقى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۈچۈندۇر

25قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلارنى يەھۇدىيلاردىن ئۈستۈن تۇتۇشتىن ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، مۇنداق بىر سىردىن خەۋەرسىز قېلىشىڭلارنى خالىمايمەن. بۇ سىر بولسا: بىر قىسىم ئىسرائىللار خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىنى ھازىرغىچە تەرسالىق بىلەن رەت قىلسىمۇ، بىراق بۇ ئەھۋال پەقەتلا قۇتقۇزۇلغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ سانى تولۇقلانغۇچە داۋاملىشىدۇ. 26كېيىن، پۈتۈن ئىسرائىللار قۇتقۇزۇلىدۇ. بۇ توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن:

 

«قۇتقۇزغۇچى سىئوندىن كېلىپ،

ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھكارلىقىنى يوقىتىۋېتىدۇ.

27مانا بۇ، ئۇلار بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمدۇر،

ئۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كۆتۈرۈۋېتىمەن.»

 

28يەھۇدىيلار خۇش خەۋەرنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇداغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. بۇ، يەھۇدىي ئەمەس سىلەرگە كۆپ مەنپەئەت يەتكۈزدى. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇدانىڭ تاللىغان خەلقىدۇر. خۇدا ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن ئەھدە تۈزگەنلىكتىن، يەنىلا ئۇلارنى سۆيىدۇ. 29چۈنكى، خۇدا ئۆزى بەرگەن سوۋغاتلىرىنى ۋە چاقىرىقىنى قايتۇرۇۋالمايدۇ. 30يەھۇدىي ئەمەس سىلەر بىر چاغلاردا خۇداغا ئىتائەت قىلمايتتىڭلار. لېكىن، يەھۇدىيلار خۇداغا ئىتائەتسىزلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، سىلەر ھازىر خۇدانىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشتىڭلار. 31يەھۇدىيلار بولسا ئىتائەت قىلماي كېلىۋاتىدۇ. لېكىن شۇنداق نەتىجە بولىدۇكى، خۇدا سىلەرگە رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەندەك، يەھۇدىيلارغىمۇ رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىدۇ. 32چۈنكى، خۇدا رەھىم-شەپقىتىنى پۈتكۈل ئىنسانغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ھەممەيلەننى، يەنى يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى ئۆزلىرىنىڭ ئىتائەتسىزلىكىكە قويۇۋەتتى.

خۇداغا مەدھىيە

33ئاھ! خۇدانىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە ئىلىم-ھېكمىتى نېمىدېگەن مول، نېمىدېگەن چوڭقۇر-ھە! ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنى كىممۇ چۈشىنەلىسۇن؟ ئۇنىڭ يوللىرىنى كىممۇ ئويلاپ يېتەلىسۇن؟ مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

 

34«كىممۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكرىنى چۈشەنسۇن؟

كىممۇ ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولالىسۇن؟

35كىممۇ ئۇنىڭغا بىرنەرسە بېرىپ،

ئۇنى قەرزدار قىلالىسۇن؟»

 

36ھېچكىم! چۈنكى، پەرۋەردىگارىمىز بارلىق مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بارلىق مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۇتتۇر. بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!



*4 بائال _ بىر خىل قەدىمكى بۇتنىڭ نامى.

*16 ئىسرائىللارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى خۇداغا تەۋە بولغىنىدەك، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ خۇداغا تەۋە بولىدۇ. دېمەك، خۇدا سۆزىدە تۇرۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن قوبۇل قىلىدۇ.



 

12

ئۆزىنى خۇداغا بېغىشلاش

1شۇڭا، ئەي قېرىنداشلار، خۇدا بىزگە شۇنداق رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنىكەن، ئۆزۈڭلارنى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان، ئۇنىڭغا ئاتالغان تىرىك قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۇنىڭغا بېغىشلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. مانا بۇ، سىلەرنىڭ خۇداغا قىلىدىغان ھەقىقىي ئىبادىتىڭلاردۇر. 2بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.

3خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ماڭا ئاتا قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھەربىرىڭلارغا شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۆزۈڭلارنى ئارتۇقچە باھالىماڭلار. ئەكسىچە، ئېغىر-بېسىقلىق بىلەن خۇدا سىلەرگە بەرگەن ئېتىقاد جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلارنى دەڭسەپ كۆرۈڭلار. 4بىزنىڭ تېنىمىز كۆپلىگەن ئەزالاردىن تەركىب تاپقان ھەمدە ھەربىر ئەزايىمىزنىڭ ئوخشاش بولمىغان رولى بار. 5شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ھەممىمىز بىر تەن بولۇپ، بىر-بىرىمىزگە باغلىنىپ تۇرىمىز 6ھەمدە خۇدانىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىگە ئاساسەن ھەربىرىمىزدە ئوخشاش بولمىغان قابىلىيەتلەر بار بولىدۇ. ئەگەر خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى ئۆزىنىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا، ئۇنىڭ سىلەرگە ۋەھىي ئارقىلىق سۆزلەۋاتقانلىقىغا ئىشەنگىنىڭلاردەك، ئىشەنچ بىلەن بۇ ۋەھىينى باشقىلارغا يەتكۈزۈڭلار. 7خۇدانىڭ سىلەرگە بەرگەن قابىلىيىتى باشقىلارغا خىزمەت قىلىش بولسا، خىزمەت قىلىڭلار؛ خۇدا توغرىسىدا تەلىم بېرىش بولسا، تەلىم بېرىڭلار؛ 8رىغبەتلەندۈرۈش بولسا، رىغبەتلەندۈرۈڭلار؛ ئىئانە بېرىش بولسا، چىن كۆڭلۈڭلار بىلەن ئىئانە بېرىڭلار؛ باشلامچىلىق قىلىش بولسا، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن باشلامچىلىق قىلىڭلار؛ رەھىم قىلىش بولسا، خۇشاللىق بىلەن قىلىڭلار.

9مېھىر-مۇھەببىتىڭلار ساختا بولمىسۇن. يامانلىقتىن يىرگىنىڭلار، ياخشى ئىشلاردا چىڭ تۇرۇڭلار. 10بىر-بىرىڭلارنى قېرىنداشلارچە سۆيۈپ، ئۆزئارا قىزغىن بولۇڭلار. باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن يۇقىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى ھۆرمەتلەڭلار. 11قىزغىنلىقىڭلار سوۋۇپ كەتمىسۇن. ئەكسىچە، ئوتتەك قىزغىن قەلبىڭلار بىلەن رەببىمىزگە خىزمەت قىلىڭلار. 12ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار. 13خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئارىسىدىن ئېھتىياجى چۈشكەنلەرگە ياردەم قىلىڭلار ۋە ئۇلارغا مېھماندوست بولۇڭلار.

14سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغۇچىلارغا بەخت تىلەڭلار. ئۇلارغا پەقەت بەخت تىلەڭلاركى، ئۇلارنى قارغىماڭلار. 15خۇشال بولغانلار بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار، قايغۇرغانلار بىلەن بىللە قايغۇرۇڭلار. 16ئۆزئارا ئىناق ئۆتۈڭلار، مەغرۇرلانماڭلار. ئەكسىچە، تۆۋەن تەبىقىدىكى كىشىلەر بىلەن بېرىش-كېلىش قىلىڭلار. ھەرگىز بىلەرمەن بولۇۋالماڭلار.

17ھېچكىمنىڭ يامانلىقىغا يامانلىق بىلەن جاۋاب قايتۇرماڭلار، كۆپچىلىك ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى كۆڭۈل قويۇپ قىلىڭلار. 18ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە كۆپچىلىك بىلەن ئىناق ئۆتۈڭلار. 19قەدىرلىك دوستلار، ئىنتىقام ئالماڭلار، بۇنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان: «پەرۋەردىگار دەيدۇكى، ئىنتىقام ئالغۇچى مەندۇرمەن، ئۇنى مەن چوقۇم قىلىمەن.» 20مۇقەددەس يازمىلاردا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «دۈشمىنىڭ ئاچ بولسا، ئۇنى تويدۇر، ئۇسسىغان بولسا، قاندۇر. بۇنداق قىلىش بىلەن ئۇنىڭ يۈزىنى چىمىلدىتىپ، ئۇنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرىسەن.» سىلەرمۇ ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئورنىغا شۇنداق قىلىڭلار. 21دېمەك، يامانلىق ئالدىدا تىز پۈكمەڭلار، يامانلىقنى ياخشىلىق بىلەن يېڭىڭلار. 




13

ھۆكۈمەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز

1ھەممە ئادەم ھۆكۈمەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق ھاكىمىيەت خۇدادىن كەلگەن ھەم ھۆكۈمەتنى خۇدا ئۆزى تىكلىگەن. 2شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەتكە قارشىلىق قىلغۇچىلار خۇدانىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا قارشىلىق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق قارشىلىق قىلغۇچىلار ھۆكۈمەت تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىدۇ. 3توغرا يولدا ماڭغانلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقمايدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭغانلار ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن قورقۇشنى خالىمايمەن دېسەڭ، ئۇنداقتا توغرا يولدا ماڭ. ئۇ چاغدا، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىسەن. 4چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى بولۇپ، ئۇلار سېنىڭ مەنپەئىتىڭ ئۈچۈن ئىشلەيدۇ. لېكىن، يامان يولدا ماڭساڭ، ئەلۋەتتە قورقۇشۇڭ كېرەك. چۈنكى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ جازالاش ھوقۇقى بار-دە! ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ، يامان يولدا ماڭغۇچىلارنى جازالاشقا تەيىنلەنگەن. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنۇش كېرەك. بۇ، پەقەت جازالىنىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدا ئالدىدىمۇ ۋىجدانلىق بولۇش ئۈچۈندۇر.

6باج تاپشۇرۇشۇڭلارنىڭ سەۋەبىمۇ مانا شۇدۇر. ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بولسا خۇدانىڭ مەخسۇس بۇ ئىشلارنى باشقۇرۇپ بېرىدىغان خىزمەتكارلىرىدۇر. 7ھەركىمگە ئۆزىگە تېگىشلىك ھەققىنى تۆلەڭلار. غەللە-پاراق يىغقۇچىغا غەللە-پاراقنى، باج يىغقۇچىغا باجنى تاپشۇرۇڭلار، ھۆرمەت قىلىشقا تېگىشلىك بولغانلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار، ئىززەتلەشكە تېگىشلىك بولغانلارنى ئىززەتلەڭلار.

باشقىلار ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز

8مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتە ئۆزئارا بىر-بىرىڭلارغا قەرزدار بولغاندىن باشقا، ھېچكىمگە ھېچقانداق قەرزدار بولماڭلار. چۈنكى، باشقىلارنى سۆيگەن كىشى تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان بولىدۇ. 9«زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، باشقىلارنىڭ تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما» دېگەن پەرزلەر ۋە بۇنىڭدىن باشقا بارلىق پەرزلەر «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن بۇ ئەمرگە يىغىنچاقلانغان. 10باشقىلارنى سۆيگەن كىشى ئۇلارغا يامانلىق قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېھىر-مۇھەببەت تەۋرات قانۇنىنىڭ تەلىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

11ھازىر مۇھىم بىر دەۋردە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى بىلىپ، بۇلارنى سىلەرگە دەۋاتىمەن. ئۇيقۇدىن ئويغىنىدىغان ۋاقتىڭلار يېتىپ كەلدى. چۈنكى، بىزنىڭ دەسلەپكى ئېتىقاد قىلغان ۋاقتىمىزغا قارىغاندا، ئەڭ ئاخىرقى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇلۇش كۈنىمىز تېخىمۇ يېقىنلاپ قالدى. 12قاراڭغۇ كېچە ئۆتۈپ كەتتى، كۈندۈز، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنى يېقىنلاپ قالدى. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ، يورۇقلۇقنىڭ ساۋۇتىنى كىيىڭلار. 13ئەيش-ئىشرەت ۋە شارابخورلۇققا، زىنا ۋە بۇزۇقچىلىق، ئۇرۇشقاقلىق ۋە ھەسەتخورلۇققا بېرىلمەڭلار. يورۇقلۇقتىكى كىشىلەردەك پاك ھايات كەچۈرۈڭلار. 14ئەيسا مەسىھنىڭ تەبىئىتىنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. گۇناھكار تەبىئىتىڭلاردىكى ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى قاندۇرۇشنى ئويلىماڭلار. 




14

قېرىنداشلارنى ئەيىبلىمەڭلار

1ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلارنىڭ* پىكىرلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم قىلماي، ئۇلارنى قوبۇل قىلىڭلار. 2بەزى ئېتىقادچىلار ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. لېكىن، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادى ئاجىز بولغانلىقى ئۈچۈن، گۆش يېمەيدۇ. 3ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار گۆش يېمەيدىغانلارنى كەمسىتمىسۇن ھەمدە گۆش يېمەيدىغانلارمۇ ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلار ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئۇلارنى قوبۇل قىلغان. 4خۇدانىڭ خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىدىغان سەن كىم ئىدىڭ؟ ئۇلارغا ئىگىسى بولغان خۇدا ئۆزى مەسئۇل. خىزمەتكارى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىش ياكى ئۇنى ئاقلاش خۇدانىڭ ئىشىدۇر. خۇدا ئۇنى ئەيىبسىز قىلالايدۇ. چۈنكى، رەببىمىز بۇنداق قىلىشقا قادىردۇر.

5بەزىلەر مەلۇم كۈنلەرنى باشقا كۈنلەردىن مۇھىم دەپ قارايدۇ،* يەنە بەزىلەر ھەممە كۈننى ئوخشاش دەپ قارايدۇ. بۇ ئىشتا ھەركىم ئۆز ۋىجدانى بويىچە قارار چىقارسۇن. 6بەزىلەر مەلۇم بىر كۈننى قەدىرلەپ، بۇنىڭ بىلەن رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. بەزىلەر، يەنى ھەرقانداق يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلارمۇ شۇ يېگەن يېمەكلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رەببىمىزگە بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىدۇ. گۆش يېمەيدىغانلارمۇ خۇدا بەرگەن رىزقى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدۇ. 7ھېچقايسىمىز پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ياشىمايمىز ۋە ھېچقايسىمىز پەقەتلا ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆلمەيمىز. 8بەلكى، ياشىساقمۇ، ئۆلسەكمۇ رەببىمىز ئۈچۈندۇر، قىسقىسى، قانداقلا بولساق، رەببىمىزگە مەنسۇپمىز. 9ئەيسا مەسىھ ھەم ئۆلگەنلەرنىڭ، ھەم تىرىكلەرنىڭ رەببى بولۇش ئۈچۈن ئۆلۈپ تىرىلدى. 10ئۇنداقتا، گۆش يېمەيدىغان سەن نېمە ئۈچۈن ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان قېرىندىشىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىسەن؟ ھەممە يېمەكلىكلەرنى يەيدىغان سەنمۇ نېمە ئۈچۈن گۆش يېمەيدىغان قېرىندىشىڭنى كەمسىتىسەن؟ ھەممىمىزنىڭ خۇدانىڭ ھۆكۈم تەختىنىڭ ئالدىدا ھېساب بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلمەمسەن؟ 11بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

 

«پەرۋەردىگار دەيدۇكى:

مەڭگۈ مەۋجۇتلۇقۇم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

پۈتكۈل ئىنسان ئالدىمدا تىزلىنىپ سەجدە قىلىدۇ،

پۈتكۈل ئىنسان مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»

 

12دېمەك، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىزدىن ھېساب بېرىمىز.

ھەر بىر ئادەم ۋىجدان بىلەن ياشىشى كېرەك

13شۇنىڭ ئۈچۈن، بىر-بىرىڭلارنى ئەيىبلەشنى توختىتىڭلار. قېرىندىشىڭلارنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى گۇناھقا يىقىتىشقا سەۋەب بولىدىغان ھەرقانداق ئىش قىلماسلىقنى قارار قىلىڭلار. 14رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، مەن شۇنىڭغا ھەقىقىي ئىشىنىمەنكى، ھەرقانداق يېمەكلىكنىڭ ئۆزى ھارام ئەمەستۇر. لېكىن، مەلۇم يېمەكلىكنى ھارام دەپ قارىغان كىشى ئۈچۈن، ئۇ يېمەكلىك ھارامدۇر. 15ئەگەر سىلەر يېمەكلىكىڭلار سەۋەبىدىن ئېتىقادى ئاجىز بولغان قېرىندىشىڭلارنى ئۆز ۋىجدانى كۆتۈرمەيدىغان ئىشلارغا دەۋەت قىلساڭلار، مېھىر-مۇھەببەت يولىدا ماڭمىغان بولىسىلەر. سىلەر بۇ قېرىندىشىڭلارنى يېمەكلىك سەۋەبىدىن نابۇت قىلماڭلار. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۆز جېنىنى پىدا قىلغان. 16ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلار ياخشى دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىساڭلار، ئۇنداقتا بۇنداق ئىشلارنى قىلماڭلار! 17چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېمەك-ئىچمەك قائىدىلىرىگە رىئايە قىلىپ ياشاش ئەمەس، بەلكى ھەققانىيلىق، ئىناقلىق ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان شاد-خۇراملىق ئىچىدە ياشاش مۇھىمدۇر. 18مۇنداق ياشاش بىلەن ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغان كىشى خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولىدۇ.

19شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىمىزنى ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ۋە بىر-بىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەيدىغان ئىشلارغا ئاتايلى. 20يېمەكلىك سەۋەبىدىن، خۇدانىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزمايلى. ئەلۋەتتە، ھەممە يېمەكلىك ھالالدۇر. بىراق، بىر ئادەم ئۆزىنىڭ يېمەكلىكى سەۋەبىدىن باشقىلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالسا، بۇ دۇرۇس بولمايدۇ. 21شۇنىڭ ئۈچۈن، گۆش يېيىش، شاراب ئىچىش، شۇنداقلا باشقا ئىشلارنى قىلىشىڭلار قېرىندىشىڭلارنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەبچى بولسا، بۇلارنى قىلمىغىنىڭلار تۈزۈك. 22سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىشەنچىڭلار ئۆزۈڭلار بىلەن خۇدا ئوتتۇرىسىدا بولسۇن. ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلمىغان كىشى نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! 23لېكىن، بىرەر يېمەكلىككە شەك كەلتۈرۈپ تۇرۇپ، يەنە شۇ يېمەكلىكنى يېگەن كىشى ۋىجدانىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ كىشى ئۆزى يېگەن يېمەكلىكنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ قىلالمىدى. توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشەنچ يوق ھالدا قىلىنغان ھەرقانداق ئىش گۇناھتۇر.



*1ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار ئىلگىرى يەھۇدىي ۋە باشقا ھەر خىل غەيرىي دىنلارغا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىملىرىدا خۇدانى «خۇرسەن قىلىش» ئۈچۈن يېمەكلىك جەھەتتە كۈچلۈك قائىدىلەر بار ئىدى. لېكىن، خۇش خەۋەردە بولسا مۇنداق قائىدىلەر يوق. چۈنكى، ئادەم ياخشى ئەمەللەر ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئېتىقاد ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىدۇ. بىراق، بىر قىسىم ئېتىقادچىلار بۇ يېڭى «ئەركىنلىك» نى تولۇق چۈشەنمىگەچكە، كونا ئادەتلىرى بويىچە ياشاشنى داۋام قىلدى. پاۋلۇس مۇنداق ئېتىقادچىلارنى «ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلار» دەپ ئاتىدى.

*5 ئېتىقادچىلارنىڭ بىر قىسمى يەھۇدىي بولۇپ، ئۇلار يەنىلا تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ھېيت-بايرام ۋە دەم ئېلىش كۈنلىرىنى بۇرۇنقىدەك داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، دەپ قارايتتى.



 

15

ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىمايلى

1ئېتىقادىمىز كۈچلۈك بولغان بىزلەر ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشنىلا ئويلىماستىن، ئېتىقادى ئاجىز قېرىنداشلىرىمىزغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك. 2ھەربىرىمىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېتىقادىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇلارنى خۇرسەن قىلىشىمىز كېرەك. 3ئەيسا مەسىھمۇ ئۆزىنى ئەمەس، خۇدائاتىسىنى خۇرسەن قىلىشنى ئويلىدى. بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېيىلگەن: «ئى خۇدا، سەن ھاقارەت قىلىنغان چاغلاردا، ئۆزۈم ھاقارەت قىلىنغاندەك بولدۇم.» 4مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى بىزگە تەلىم بولسۇن دەپ بۇرۇنلا يېزىپ قالدۇرۇلغان. خۇدانىڭ ۋەدىسىگە ئېرىشكەنگە قەدەر ئۇ سۆزلەر بىزنى رىغبەتلەندۈرىدۇ ۋە سەۋر-تاقەتلىك قىلىدۇ. 5سەۋر-تاقەت ۋە رىغبەت ئاتا قىلىدىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىپ، ئۆزئارا ئىناق ياشىشىڭلار ئۈچۈن ياردەم قىلغاي. 6بۇنىڭ بىلەن، سىلەر خۇدانى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئاتىسىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە ۋە بىر ئېغىزدىن ئۇلۇغلىغايسىلەر.

بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار

7شۇڭا، ئەيسا مەسىھ سىلەرنى قوبۇل قىلغىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خۇداغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىسىلەر. 8سىلەرگە شۇنى ئېيتماقچىمەنكى، ئەيسا مەسىھ خۇدانىڭ ئۆز ۋەدىسىدە، يەنى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قىلغان ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، يەھۇدىيلارنىڭ خىزمەتكارى بولدى. 9ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭمۇ خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى كۆرۈپ، خۇدانى مەدھىيىلىشى ئۈچۈن شۇنداق قىلدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا: «شۇڭا، سېنى باشقا مىللەتلەر ئارىسىدا مەدھىيىلەيمەن ۋە نامىڭنى كۈيلەيمەن» دېگىنىدەك بولدى. 10مۇقەددەس يازمىلارنىڭ بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، خۇدانىڭ تاللىغان خەلقى بىلەن بىللە شاد-خۇرام بولۇڭلار!» دېيىلگەن بولسا، 11يەنە بىر يېرىدە: «ئەي باشقا مىللەتلەر، رەببىمىزنى مەدھىيىلەڭلار، ئەي پۈتكۈل خەلقلەر، ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار!» دېيىلگەن. 12يەشايا پەيغەمبەرمۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دېگەن:

 

«يىشاينىڭ* ئەۋلادىدىن بىرى چىقىپ،

باشقا مىللەتلەرگە ھاكىملىق قىلىدۇ.

يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايدۇ.»

 

13ئېتىقاد يولىدا ماڭغىنىڭلاردا، ئۈمىدنىڭ مەنبەسى بولغان خۇدا قەلبىڭلارنى شاد-خۇراملىق ۋە تىنچ-ئامانلىققا تولدۇرغاي! بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئۈمىدكە تولۇپ تاشقايسىلەر.

پاۋلۇسنىڭ ئۆز خىزمىتى توغرىسىدا سۆزلىگەنلىرى

14قېرىنداشلار، مەن سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنىڭ ياخشىلىققا تولغانلىقىغا ۋە ئۆزۈڭلارغا كېرەكلىك بىلىمگە تولۇق ئىگە بولۇپ، بىر-بىرىڭلارغا نەسىھەت بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا قايىلمەن. 15شۇنداق بولسىمۇ، بەزى ئىشلارنى سىلەرنىڭ سەمىڭلارغا سېلىش ئۈچۈن، بۇ خېتىمنى جۈرئەتلىك ھالدا ئوچۇق يازدىم. مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت ئارقىلىق 16خۇدانىڭ خۇش خەۋىرىنى يەتكۈزۈش خىزمىتىدە يەھۇدىي ئەمەسلەر ئۈچۈن خۇددى روھانىيلاردەك ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولدۇم. بۇنىڭدىن مەقسەت، يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق پاكلىنىپ، خۇددى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقتەك، خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.

17شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمدىن پەخىرلىنىمەن. 1819يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ خۇداغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ مەن ئارقىلىق قىلغان ئىشلىرىدىن باشقا ھېچنەرسە توغرۇلۇق ماختىنىشقا جۈرئەت قىلالمايمەن. يەھۇدىي ئەمەسلەر مېنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىم، قىلغان ئىشلىرىم ۋە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىم ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرۈپ، خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلدى. مەن يېرۇسالېمدىن باشلاپ ئىللىرىيە ئۆلكىسىگىچە بولغان ھەممە يەردە ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنى تارقاتتىم.

20باشقا كىشىلەر سالغان ئۇلنىڭ ئۈستىگە بىنا سالماسلىق ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھنىڭ نامى ئەزەلدىن ئاڭلانمىغان يەرلەردە بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىشقا تىرىشىپ كەلدىم. 21بۇ توغرىسىدا مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «خۇدادىن خەۋەرسىزلەر ئۇنى تونۇيدۇ، ئاڭلىمىغانلار ئاڭلاپ چۈشىنىدۇ.»

پاۋلۇسنىڭ رىمغا بېرىش پىلانى

22يېنىڭلارغا بېرىشنى كۆپ قېتىم ئويلىغان بولساممۇ، لېكىن مانا شۇ خىزمەتلىرىم سەۋەبىدىن بارالمىدىم. 2324ھازىر بۇ يەرلەردە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىنى ئورۇنداپ بولدۇم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپ يىللاردىن بېرى، سىلەرنى يوقلاپ بېرىش ئارزۇيۇم بار ئىدى. شۇڭا، مەن ئىسپانىيىگە كېتىۋاتقىنىمدا يول ئۈستىدە سىلەرگە يولۇققاچ، بىر مەزگىل سىلەر بىلەن بىللە تۇرماقچىمەن. ئاندىن، سىلەرنىڭ ياردەم قىلىپ، يولغا سېلىپ قويۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. 25بىراق، ھازىر يېرۇسالېمغا بېرىپ، ئۇ يەردىكى ئېتىقادچىلارغا ھەدىيىنى تاپشۇرۇپ بېرىشىمگە توغرا كېلىۋاتىدۇ. 26چۈنكى، ماكېدونىيە ۋە يۇنان ئۆلكىلىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىئانە توپلاپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى يوقسۇللارغا ياردەم بېرىشنى لايىق تاپتى. 27ئۇلار بۇ ئىشنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن قىلدى. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇلارنىڭمۇ قەرزى ئىدى. چۈنكى، يەھۇدىي ئەمەسلەر يەھۇدىيلارغا خاس بولغان روھىي جەھەتتىكى بەختتىن بەھرىمەن بولغانىكەن، ئۇنداقتا يەھۇدىي قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇلارنىڭ ماددىي جەھەتتىكى ياردىمىگە ئېرىشىشكە لايىقتۇر. 28مەن بۇ ئىئانىنى ئۇلارغا تىنچ-ئامان تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، سىلەرگە يولۇقۇپ، ئاندىن ئىسپانىيىگە بارىمەن. 29ماڭا مەلۇمكى، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئەيسا مەسىھ مەن ئارقىلىق سىلەرگە مول بەخت ئاتا قىلىدۇ.

30قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ خىزمىتىمنى قوللاش يۈزىسىدىن مەن ئۈچۈن خۇداغا دۇئا قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ۋە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، شۇنداق قىلغايسىلەر. 31مېنىڭ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىم ۋە مەن ئالغاچ بارىدىغان بۇ ئىئانىنى يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن، دۇئا قىلغايسىلەر. 32شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا بۇيرۇسا، شاد-خۇراملىق بىلەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە ئىستىراھەت قىلالايمەن. 33ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ھەممىڭلار بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!



*12 يىشاي _ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى.



 

16

پاۋلۇسنىڭ سالىمى

1كېنھېرىيە شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ خىزمەتچىسى بولغان سىڭلىمىز فىبىنى سىلەرگە تونۇشتۇرىمەن. 2سىلەر ئۇنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەپ قاراپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىدە بولۇشقا تېگىشلىك قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر. ئۇنىڭ سىلەردىن كۈتكەن ھەرقانداق ئېھتىياجىغا ياردەم قىلغايسىلەر. چۈنكى، ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرگە، شۇنىڭدەك ماڭىمۇ چوڭ ياردەم قىلغان.

3ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتداشلىرىم پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا سالام ئېيتقايسىلەر. 4ئۇلار مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىمىدى. يالغۇز مەنلا ئەمەس، يەھۇدىي بولمىغان ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىمۇ ئۇلاردىن مىننەتداردۇر. 5ئۇلارنىڭ ئۆيىدە جەم بولىدىغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگىمۇ سالام ئېيتقايسىلەر.

ئاسىيا ئۆلكىسىدە بىرىنچى بولۇپ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان سۆيۈملۈك ئېپەنىتكە سالام ئېيتقايسىلەر. 6سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرگەن مەريەمگە سالام ئېيتقايسىلەر. 7زىنداندا مەن بىلەن بىللە ياتقان يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم ئاندرونىك ۋە يۇنىيەگە سالام ئېيتقايسىلەر. ئۇلار مەندىن بۇرۇن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان بولۇپ، تونۇلغان ئەلچىلەردۇر.

8رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغان قەدىرلىك قېرىندىشىم ئامپىلىياتقا سالام ئېيتقايسىلەر. 9ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش يولىدا بىرگە ئىشلىگەن خىزمەتدىشىمىز ئۇربان ۋە قەدىرلىك ستاخىسلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 10سىناقلاردىن ئۆتكەن، ئەيسا مەسىھكە باشتىن-ئاخىر سادىق بولۇپ كەلگەن ئاپېلىسقا سالام ئېيتقايسىلەر. ئارىستوۋۇلنىڭ ئائىلىسىدىكى ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 11يەھۇدىي قېرىندىشىم ھىرودىيونغا، ناركىسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلارغا سالام ئېيتقايسىلەر.

12رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ترىفېنا ۋە ترىفوسا خانىملارغا سالام ئېيتقايسىلەر. رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان قەدىرلىك دوستۇم پېرسىس خانىمغا سالام ئېيتقايسىلەر. 13رەببىمىزنىڭ خىزمىتىدە ئالاھىدە تونۇلغان رۇفۇسقا ۋە ئۇنىڭ ماڭا ئانىلىق مېھرىنى يەتكۈزگەن ئانىسىغا سالام ئېيتقايسىلەر. 14ئاسىنكرىت، فىلىگون، ھېرمىس، پاتروۋاس، ھېرمىس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان قېرىنداشلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 15فىلولوگ ۋە يۇلياغا، نېرىي ۋە ئۇنىڭ سىڭلىسىغا، ئولىمپاس ۋە ئۇلار بىلەن دائىم جەم بولىدىغان بارلىق ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيتقايسىلەر. 16بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار. بۇ يەردىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان ھەممە جامائەتچىلىكتىن سىلەرگە سالام.

ئاخىرقى نەسىھەت

17قېرىنداشلار، سىلەردىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى، سىلەر ئۆگەنگەن تەلىمگە زىت تەلىم بېرىش بىلەن، ئاراڭلاردا بۆلۈنۈش ۋە ئېتىقادىڭلاردا تەۋرىنىش پەيدا قىلىدىغان كىشىلەردىن پەخەس بولۇڭلار، ئۇلاردىن يىراقلىشىڭلار. 18بۇنداق كىشىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئەمەس، بەلكى ئۆز نەپسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ئۇلار سىلىق-سىپايە گەپلەر ۋە خۇشامەتچىلىك قىلىش بىلەن ساددا ئادەملەرنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرىدۇ. 19سىلەرنىڭ رەببىمىزگە ئىتائەتمەن ئىكەنلىكىڭلاردىن ھەممەيلەن خەۋەر تاپتى. شۇڭا، سىلەردىن ناھايىتى خۇرسەنمەن. بىراق، ياخشى ئىشلارنى قىلىشتا ئاقىل بولۇشۇڭلارنى، يامان ئىشلاردىن خالىي بولۇشۇڭلارنى خالايمەن. 20ئامانلىق بەرگۈچى خۇدا ئۇزۇن ئۆتمەي شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا ئېزىدۇ. رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي.

21خىزمەتدىشىم تىموتىي ۋە يەھۇدىي قېرىنداشلىرىم لۇكى، ياسۇن ھەم سوسىپاتېرلاردىن سىلەرگە سالام. 22(مەنكى ئۇشبۇ خەتنى پاۋلۇسنىڭ ئېيتقانلىرى بويىچە يېزىپ بېرىۋاتقان تېرتىيمۇ رەببىمىز يولىدا سىلەرگە سالام يوللايمەن.) 23مەنكى پاۋلۇسقا ۋە ئۆز ئۆيىدە جەم بولىدىغان پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ساھىبخانىلىق قىلىدىغان گايۇستىن سىلەرگە سالام. شەھەرنىڭ خەزىنىچىسى ئېراست ۋە قېرىندىشىمىز كۋارتلاردىن سىلەرگە سالام. { 24رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي، ئامىن!}

دۇئا ۋە مەدھىيە

25بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا مەنسۇپ بولغاي! خۇدا مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئېتىقادىڭلارنى مۇستەھكەملەيدۇ. بۇ خۇش خەۋەر ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر بولۇپ، ئۇ قەدىمدىن بېرى ساقلىنىپ كەلگەن سىردۇر. 26ئەمدى بۇ سىر خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ۋە بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا يېزىلغىنىدەك ئاشكارىلاندى ھەمدە يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا يەتكۈزۈلمەكتە. 27بارلىق شان-شەرەپ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق دانا ۋە يېگانە خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!