« پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت »




1

1ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەلچىسى بولغان مەنكى سىمۇن پېترۇستىن سىلەرگە سالام! سىلەر بىزنىڭ خۇدايىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئادىللىقى ئارقىلىق بىز بىلەن ئوخشاش قىممەتلىك بىر ئېتىقادقا مۇيەسسەر بولدۇڭلار. 2سىلەر خۇدانى ۋە رەببىمىز ئەيسانى تونۇغانسېرى، خۇدانىڭ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان مېھىر-شەپقىتى ۋە ئامانلىقى تېخىمۇ ئاشقاي!

ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش

3بىز ئەيسا مەسىھنى ھەقىقىي تونۇغانلىقىمىزدىن، ئۇ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتى، يەنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق بىزگە خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ھايات كەچۈرۈشىمىز ئۈچۈن ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە نەرسىنى ئاتا قىلدى. ئۇ بىزنى ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى بىلەن چاقىردى. 4ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە ئېسىل پەزىلىتى ئارقىلىق بىزگە ناھايىتى ئۇلۇغ ۋە قىممەتلىك ۋەدىلەرنى بەردى. بۇلار ئارقىلىق بىز بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ بولمىغۇر ھەۋەسلىرىدىن كېلىپ چىققان ئەخلاقسىزلىقتىن قۇتۇلۇپ، خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ئوخشاش تەبىئەتكە ئىگە بولالايمىز. 5شۇڭا، سىلەر پۈتۈن كۈچۈڭلار بىلەن ئېتىقادىڭلارغا ئېسىل پەزىلەتنى، ئېسىل پەزىلىتىڭلارغا خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى، 6بىلىمىڭلارغا ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشنى، ئۆزۈڭلارنى باشقۇرۇشۇڭلارغا سەۋرچانلىقنى، سەۋرچانلىقىڭلارغا خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنى، 7ئىخلاسمەنلىكىڭلارغا قېرىنداشلارنى سۆيۈشنى، قېرىنداشلارنى سۆيۈشۈڭلارغا باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشنى قوشۇشقا تىرىشىڭلار. 8چۈنكى، سىلەر بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولساڭلار، شۇنداقلا بۇ خۇسۇسىيەتلەرنى ھاياتىڭلاردا تېخىمۇ يېتىلدۈرسەڭلار، سىلەرنىڭ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان تونۇشۇڭلار ئەھمىيەتسىز بولمايدۇ، ئەكسىچە ھاياتىڭلاردا ياخشى نەتىجىلەر بارلىققا كېلىدۇ. 9بۇ خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە بولمىغان كىشى پەقەت بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرەلەيدىغان ياكى كور كىشىگە ئوخشايدۇ. ئۇنداق كىشى بۇرۇنقى گۇناھلىرىدىن پاك قىلىنغانلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ.

10ئەي قېرىنداشلار، خۇدا سىلەرنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا تاللىدى ۋە چاقىردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ئۆز ھاياتىڭلاردا بۇنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىڭلار. مانا شۇنداق قىلساڭلار، ھېچقاچان ئېتىقاد يولىدىن چەتنەپ كەتمەيسىلەر. 11رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھلىقىدىمۇ قىزغىن قارشى ئېلىنىسىلەر.

12شۇڭا، گەرچە سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلگەن ھەمدە ئۆزۈڭلارغا يەتكۈزۈلگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇۋاتقان بولساڭلارمۇ، مەن يەنىلا ھەر دائىم بۇ ئىشلارنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 13ھايات ۋاقتىمدا بۇلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى ئويغىتىپ تۇرۇشنى لايىق كۆردۈم. 14رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ بۇرۇن ماڭا ئايان قىلغىنىدەك، ھاياتىمنىڭ پات ئارىدا ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. 15سىلەرنىڭ بۇ ئىشلارنى مەن بۇ دۇنيادىن كەتكەندىن كېيىنمۇ ھەر دائىم ئېسىڭلاردىن چىقارماسلىقىڭلار ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.

مۇقەددەس يازمىلاردىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلىش

16بىز ئەلچىلەر سىلەرگە ئۇقتۇرغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە قايتا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ھەقىقەتنى ھەرگىزمۇ ئۆزىمىز ئويدۇرۇپ چىقمىدۇق. بىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شۆھرىتىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەنمىز. 17ئەيسا مەسىھ مۇقەددەس تاغدا خۇدائاتىمىزدىن شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇققا ئېرىشكەندە، ئۇلۇغ خۇدانىڭ: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن ئۇنىڭدىن خۇرسەنمەن» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. 18شۇ چاغدا، بىز مۇقەددەس تاغدا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولغاچقا، ئەرشتىن كەلگەن بۇ ئاۋازنى ئۆز قۇلىقىمىز بىلەن ئاڭلىدۇق.*19شۇنىڭ بىلەن، بىز بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ ھەققىدە ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەندۇق. ئۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، تاڭ سۈزۈلگۈچە، يەنى تاڭ يۇلتۇزى ئەيسا مەسىھ كېلىپ، قەلبىڭلارنى تولۇق يورۇتقۇچە، بۇ سۆزلەر خۇددى قاراڭغۇلۇقتا يولنى يورۇتۇپ بېرىدىغان چىراغقا ئوخشاش چاقناپ تۇرىدۇ. 20شۇنى ئەڭ مۇھىم دەپ بىلىڭلاركى، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ۋەھىيلەرنى پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرى ئويلاپ چىققان ئەمەس. 21چۈنكى، ھەرقانداق ۋەھىي ئىنسانلارنىڭ ئىرادىسىدىن كەلمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرى بولۇپ، مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرلەندۈرۈشى بىلەن يەتكۈزۈلگەن.



*18بۇ ۋەقە «مەتتا» 17-باب، 1-9-ئايەتلەردە تولۇق بايان قىلىنغان.



 

2

ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر

1بۇرۇن ئىسرائىل خەلقى ئىچىدە ساختا پەيغەمبەرلەر بولغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىمۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇلار ئادەملەرنى ھالاك قىلىدىغان ساختا تەلىملەرنى ئاراڭلارغا يوشۇرۇن كىرگۈزىدۇ. ئۇلار ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىنى تۆلەپ جېنىنى قۇربان قىلغان رەبنىمۇ رەت قىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تېزلا ئۆز بېشىغا ھالاكەت كەلتۈرىدۇ. 2نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ شەرمەندىلىكىگە ئەگىشىپ كېتىدۇ. بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر سەۋەبىدىن ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ ھەقىقەت يولى ھاقارەتكە ئۇچرايدۇ. 3ئۇلار ئاچكۆز بولغاچقا، ئويدۇرما سۆزلەر بىلەن مال-مۈلكۈڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ. خۇدانىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جازاسى بۇرۇندىن تەيياردۇر، ئۇلارنىڭ ھالاكىتى بولسا كېچىكتۈرۈلمەيدۇ.

4خۇدا گۇناھ سادىر قىلغان پەرىشتىلەرنى ئاياپ قويمىدى. بەلكى، ئۇلارنى دوزاخقا تاشلاپ، ئۇلارنى سوراققا تارتقۇچە، قاراڭغۇ ئۆڭكۈرلەردە سولاپ قويدى. 5خۇدا قەدىمكى زامانلاردا ياشىغان كىشىلەرنىمۇ ئاياپ قويمىدى. ئۇلار گۇناھقا بېرىلگەن بولغاچقا، خۇدا دۇنيانى كەلكۈن بىلەن غەرق قىلىپ، ئۇلارنى جازالىدى. خۇدا پەقەت شۇ زاماندىكى كىشىلەرنى ھەققانىيلىق يولىغا مېڭىشقا دەۋەت قىلغان نۇھ پەيغەمبەر ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى يەتتە كىشىنى ساقلاپ قالدى. 6خۇدا كېيىن يەنە سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى كىشىلەرنى جازالاپ، ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتتى. خۇدا مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنىڭ قانداق جازالارغا ئۇچرايدىغانلىقى توغرىسىدا كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئىبرەت بەردى. 7لېكىن، خۇدا بۇ ئىككى شەھەردىكى كىشىلەرنى جازالاش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇلارنىڭ شەھۋانىيلىقلىرىدىن يىرگەنگەن ھەم توغرا يولدا ماڭغان لۇتنى قۇتقۇزغانىدى. 8ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ياشىغان بۇ دۇرۇس ئادەمنىڭ قەلبى ئاڭلىغان ۋە كۆرگەن رەزىل ئىشلار تۈپەيلىدىن ھەر كۈنى ئازابلىناتتى. 9شۇنىڭدىن كۆرۈۋالالايمىزكى، خۇدا توغرا يولدا ماڭغانلارنى ئۇلار دۇچ كەلگەن سىناقلاردىن قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا سوراق كۈنىگىچە گۇناھ يولىدا ماڭغانلارنى جازالاشنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشنى، 10بولۇپمۇ چىرىك ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ۋە خۇدانىڭ ھوقۇقىغا سەل قارىغان ھېلىقى ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى قانداق جازالاشنى بىلىدۇ.

ئۇلار ئۆزىنى چوڭ تۇتۇپ، مەغرۇرلارچە ئىش قىلىدۇ ھەم ئەرشتىكى ئۇلۇغلارغا ھاقارەت قىلىشتىن قورقمايدۇ. 11ھەتتا كۈچ-قۇدرەتتە بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەسسىلەپ ئۈستۈن بولغان پەرىشتىلەرمۇ خۇدانىڭ ئالدىدا ئەرشتىكى بۇ ئۇلۇغلارغا تۆھمەت چاپلاپ ئۇلارنى ئەيىبلىمەيدۇ. 12لېكىن، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ئۆزلىرى چۈشەنمەيدىغان ئىشلار ئۈستىدە خالىغانچە كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. بۇ كىشىلەر خۇددى ئوۋلىنىپ بوغۇزلىنىش ئۈچۈن تۇغۇلغان ياۋايى ھايۋاناتلاردەك ئەقىلسىز كېلىدۇ ھەمدە بۇ ياۋايى ھايۋاناتلارغا ئوخشاش ھالاك قىلىنىدۇ. 13بۇ كىشىلەر باشقىلارغا قىلغان ناھەقچىلىكىگە تۇشلۇق جازاغا ئۇچرايدۇ. ئۇلار ھەتتا كۈندۈزى ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا ئەيش-ئىشرەت قىلىشنىمۇ لەززەت، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ كىشىلەر سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىدا، سىلەرنى ئالدىغانلىقىدىن زوقلىنىدۇ ھەمدە سىلەرگە نومۇس ۋە داغ كەلتۈرىدۇ. 14ئۇلارنىڭ قەلبى زىناخورلۇق ھەۋەسلىرى بىلەن تولغان بولۇپ، توختىماستىن گۇناھ سادىر قىلىپ تۇرىدۇ ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەرنى ئازدۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ئاچكۆزلۈككە كۆنۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ لەنىتىگە كەتكەنلەردۇر. 15ئۇلار بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ يولىغا مېڭىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كەتتى. بىلئام پۇلپەرەس بولغاچقا، يامانلىق قىلدى. 16ئۇنىڭ قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدا ئۇنى ئەيىبلىدى. خۇدا ئۇنىڭ ئېشىكىنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بۇ «پەيغەمبەر»نىڭ قىلماقچى بولغان ئەخمەقلەرچە ئىشىنى توسىدى.*

17بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر قۇرۇپ كەتكەن بۇلاقلارغا ۋە گۈلدۈرى بار، يامغۇرى يوق بۇلۇتلارغا ئوخشايدۇ. خۇدا ئۇلارغا قاپقاراڭغۇلۇقتا جاي ھازىرلاپ قويدى. 18چۈنكى، ئۇلار يالغان-ياۋىداق سۆزلەر بىلەن ماختىنىپ، ئۆزىنى خاتا يولدىن يېڭىلا تارتقانلارنىڭ شەھۋانىي ھەۋەسلىرىنى قوزغىتىش بىلەن ئۇلارنى ئازدۇرىدۇ. 19ئۇلار ئازدۇرۇلغانلارغا، «سىلەر بىزگە ئوخشاش مۇشۇنداق قىلساڭلار، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر» دەپ ۋەدە قىلىدۇ. لېكىن، ئۇلار ئەمەلىيەتتە چىرىكلىكنىڭ قۇللىرىدۇر. چۈنكى، ئادەم نېمە تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولسا، شۇنىڭ قۇلى بولىدۇ. 20ئەگەر بىرى رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچى ئەيسا مەسىھنى تونۇش ئارقىلىق بۇ دۇنيانىڭ ناپاكلىقلىرىدىن قۇتۇلۇپ، كېيىن شۇنداق ناپاك ئىشلارغا يەنە قايتا كىرىشىپ قېلىپ شۇ ناپاكلىقلارنىڭ قۇلى بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ كېيىنكى ھالى دەسلەپكىسىدىنمۇ يامان بولىدۇ. 21چۈنكى، ھەققانىيلىق يولىنى بىلىپ تۇرۇپ، ئۆزىگە يەتكۈزۈلگەن مۇقەددەس ئەمردىن يۈز ئۆرۈگەندىن كۆرە، بۇ يولنى زادىلا بىلمىگەن ياخشى. 22ئۇنىڭ يامان يولغا قايتقىنى دەل ھېكمەتلىك سۆزلەردە ئېيتىلغىنىغا ئوخشايدۇ: «ئىت ئايلىنىپ ئۆز قۇسۇقىنى يەر» ۋە يەنە «چوشقا يۇيۇنۇپ چىقىپلا پاتقاقتا ئېغىنار.»



*16بېئورنىڭ ئوغلى بىلئام _ مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى مىسىردىن خۇدا ۋەدە قىلغان زېمىنغا باشلاپ كېتىۋاتقاندا، يول ئۈستىدىكى پادىشاھلارنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ. ئاشۇ پادىشاھلاردىن بىرى بېئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى تېپىپ، ئەگەر ئۇ ئىسرائىللارغا لەنەت ئوقۇسا، ئۇنىڭغا كۆپ پۇل بەرمەكچى بولىدۇ. لېكىن، خۇدا بىلئامنىڭ ئۇنداق قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. شۇنداقتىمۇ، بىلئام پۇلنى دەپ خۇداغا بويسۇنماي، ئۇلارغا لەنەت ئوقۇماقچى بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ توسۇشى بىلەن لەنەت ئوقۇيالمايدۇ.



 

3

رەببىمىزنىڭ كېلىدىغان كۈنى

1قەدىرلىك قېرىنداشلار، ھازىر سىلەرگە يېزىۋاتقىنىم ئىككىنچى خېتىمدۇر. ھەر ئىككى خېتىمدە بۇ ئىشلارنى سەمىڭلارغا سېلىپ، سىلەرنى توغرا پىكىر قىلىشقا يېتەكلەشكە تىرىشتىم. 2مۇقەددەس پەيغەمبەرلىرىمىز بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئەلچىلەر ئارقىلىق بەرگەن ئەمرلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇشۇڭلارنى سورايمەن.

3ئەڭ مۇھىمى شۇنى بىلىشىڭلار كېرەككى، ئاخىر زاماندا ئۆزىنىڭ يامان ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدىغان، سىلەرنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشىلەر چىقىدۇ. 4ئۇلار سىلەرنى، «رەببىڭلار مەن قايتا كېلىمەن دېگەنغۇ! ئۇ قېنى؟ ئۇ قايتىپ كەلمىدىغۇ! بوۋىلىرىمىز ئالەمدىن ئۆتۈپ تاكى ھازىرغىچە ھەممە ئىشلار ئوخشاش بولۇپ، دۇنيا ئاپىرىدە بولغان ۋاقىتتىكىدىن ھېچقانداق پەرقى يوقتۇر» دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ. 5ھالبۇكى، ئۇلار ئەڭ قەدىمكى زاماندا خۇدانىڭ ئۆز ئەمرى بىلەن ئاسماننى ياراتقانلىقىنى ۋە يەرنىڭ سۇدىن ھەم سۇ ئارقىلىق بارلىققا كەلگەنلىكىنى قەستەن ئۇنتۇيدۇ. 6خۇدا سۇ بىلەن، يەنى كەلكۈن سۈيى بىلەن نۇھ پەيغەمبەر ياشىغان دۇنيانى غەرق قىلغانىدى. 7خۇدا يەنىلا ئۆز ئەمرى بىلەن ئۆزىنىڭ يولىدا ماڭمىغانلارنىڭ سوراققا تارتىلىپ ھالاك قىلىنىدىغان ئاشۇ كۈندە ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىنى بەلگىلىدى. شۇڭا، ئاسمان بىلەن زېمىن تا شۇ كۈنىگىچە ساقلىنىدۇ.

8قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، شۇنى ئۇنتۇماڭلاركى، رەببىمىز ۋاقىتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمىغاچقا، ئۇنىڭ نەزىرىدە بىر كۈن مىڭ يىلدەك، مىڭ يىل بىر كۈندەكتۇر. 9رەببىمىز ھەرگىزمۇ بەزىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك ئۆزىنىڭ قايتا كېلىشى توغرىسىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇنداشنى كېچىكتۈرگىنى يوق. بەلكى، ئۇ سىلەرگە كەڭچىلىك قىلىش سەۋەبىدىن تېخى قايتا كەلمىدى. خۇدا ھېچكىمنىڭ مەڭگۈ ھالاك بولۇشىنى خالىمايدۇ، بەلكى ئۇ بارلىق ئىنسانلارنىڭ توۋا قىلىشىنى خالايدۇ.

10لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ. 11ھەممە نەرسە مانا شۇنداق يوقىلىدۇ. ئۇنداقتا، سىلەر قانداق ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك؟ سىلەر پاك ياشاپ، خۇدا يولىدا ماڭىدىغان ئادەملەردىن بولۇشۇڭلار كېرەك. 12سىلەر قىيامەت كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇ كۈننىڭ تېزرەك كېلىشى ئۈچۈن بار كۈچۈڭلار بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلىڭلار. ئۇ كۈننىڭ كېلىشى بىلەن پۈتۈن ئاسمان كۆيۈپ تۈگەيدۇ، ئاسمان جىسىملىرىمۇ شىددەتلىك ئوتتا ئېرىپ يوقايدۇ. 13لېكىن، بىز خۇدا ۋەدە قىلغان يېڭى ئاسمان-زېمىننى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز. ئۇ يەردە پەقەت ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدىغانلارلا ياشىيالايدۇ.

14شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ئىشلارنى كۈتۈۋاتقانىكەنسىلەر، خۇدانىڭ ئالدىدا ئەيىبسىز ۋە قۇسۇرسىز ياشاشقا ھەمدە خۇدا بىلەن ئىناقلىقنى ساقلاپ قېلىشقا تىرىشىڭلار. 15رەببىمىزنىڭ كەڭچىلىك قىلىشىنى كۆپ ئادەملەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇش پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار. بۇ دەل قەدىرلىك قېرىندىشىمىز پاۋلۇسنىڭ ئۆزىگە ئاتا قىلىنغان ئەقىل-پاراسەت بىلەن سىلەرگە يازغىنىغا ئوخشاشتۇر. 16ئۇ بارلىق خەتلىرىدە بۇ ئىشلار ھەققىدە توختالغان. ئۇنىڭ خەتلىرىدە چۈشىنىش تەس بولغان بەزى جايلار بار. خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمى ئاز ۋە ئېتىقادتا ئاجىز كىشىلەر مۇقەددەس يازمىلارنىڭ باشقا قىسىملىرىنى بۇرمىلىغاندەك، ئۇنىڭ خەتلىرىدىكى چۈشىنىش تەس بولغان جايلارنىمۇ بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدۇ. مۇشۇنداق قىلغانلار ئۆزىگە ھالاكەت ئېلىپ كېلىدۇ.

17قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇ ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئالدىنئالا بىلگەنىكەنسىلەر، بۇ رەزىل ئادەملەرنىڭ خاتا تەلىمىگە ئەگىشىپ، مۇستەھكەم مەيدانىڭلارنى يوقىتىپ قويۇشتىن ھوشيار بولۇڭلار. 18ئەكسىچە، ئېتىقادىڭلار رەببىمىز بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ئۇنىڭغا بولغان تونۇشۇڭلار ئارقىلىق داۋاملىق ئۆسۈپ بارسۇن.

بارلىق شان-شەرەپ رەببىمىزگە ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي!