«پادىشاھلار 2-قىسىم»

1

ئىلياسنىڭ ئاخازيانىڭ ئۆلىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىشى

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئابلار ئىسرائىلىيەدىن يۈز ئۆرۈدى.

2بىر كۈنى ئاخازيا پادىشاھ سامارىيە شەھىرىدە، ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى ھۇجرىسىنىڭ پەنجىرىسىدىن يىقىلىپ چۈشۈپ يارىلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ: «ئەقرون شەھىرىدىكى ئىلاھ بائال-زىبۇبتىن بۇ ئاغرىقتىن ساقىيالايدىغان ياكى ساقىيالمايدىغانلىقىمنى سوراپ كېلىڭلار» دەپ ئەلچى ئەۋەتتى.

3لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى، تىشبىلىك ئىلياسقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھنىڭ سامارىيەدىن كېلىدىغان ئەلچىلىرىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلان. ئۇلارغا: «سىلەر ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوق دەپ، ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن بېشارەت سوراشقا بارماقچىمۇسىلەر؟ 4شۇڭا پەرۋەردىگار پادىشاھىڭلارغا: ‹مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن ياتقان كارىۋىتىڭدىن چۈشمەي، چوقۇم ئۆلىسەن!› دەيدۇ» دېگىن.

شۇنىڭ بىلەن ئىلياس پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك قىلدى.

5ئەلچىلەر قايتىپ كېلىپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشتى. پادىشاھ ئۇلاردىن:

_ سىلەر نېمىشقا شۇنچە تېز قايتىپ كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

6ئۇلار:

_ يولدا بىز بىر ئادەم بىلەن كۆرۈشۈپ قالدۇق، ئۇ بىزگە: «سىلەرنى ئەۋەتكەن پادىشاھقا بېرىپ ئېيتىڭلار: ‹پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: سەن ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوق دەپ، ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن بېشارەت سوراشقا ئەلچى ئەۋەتتىڭمۇ؟ سەن مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن كارىۋىتىڭدىن چۈشمەي، چوقۇم ئۆلىسەن!›» دېدى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

7پادىشاھ ئۇلاردىن:

_ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ گەپلەرنى قىلغان قانداق ئادەم ئىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

8ئۇلار پادىشاھقا:

_ يۇڭلۇق تون كىيگەن، بېلىنى تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى.

پادىشاھ:

_ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس، _ دېدى.

9شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەللىكبېشىنى 50 ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى بېرىپ، بىر تۆپىلىكتە ئولتۇرغان ئىلياسقا:

_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى: «پەسكە چۈشسۇن» دەيدۇ، _ دېدى.

10ئىلياس ئەللىكبېشىغا:

_ ئەگەر مەن راستتىنلا خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى 50 ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

دېگەندەك ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 50 ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

11شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى 50 ئادەم بىلەن ئىلياسنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. ئەللىكبېشى ئىلياسقا:

_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، پادىشاھ سىزنى: «تېز پەسكە چۈشسۇن» دەيدۇ، _ دېدى.

12ئىلياس ئۇلارغا:

_ ئەگەر مەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بولسام، ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، سېنى 50 ئادىمىڭ بىلەن قوشۇپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

بۇ قېتىممۇ ئاسماندىن خۇدانىڭ ئوتى چۈشۈپ، ئەللىكبېشى بىلەن ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى 50 ئادەمنى كۆيدۈرۈۋەتتى.

13شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۈچىنچى قېتىم يەنە بىر ئەللىكبېشىنى 50 ئادەم بىلەن ئەۋەتتى. ئۈچىنچى ئەللىكبېشى ئىلياسنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ:

_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، كەمىنىلىرىنىڭ جېنى بىلەن ماۋۇ 50 قۇللىرىنىڭ جېنى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەزىزلەنگەي. 14ئالدىنقى ئىككى قېتىم ئاسماندىن ئوت چۈشۈپ، ئىككى ئەللىكبېشى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. ئەمدى مېنىڭ جېنىم ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدە ئەزىزلەنگەي، _ دېدى.

15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىلياسقا:

_ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكىن، ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، _ دېدى.

ئىلياس ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە پادىشاھنىڭ قېشىغا قاراپ ماڭدى.

16ئىلياس پادىشاھقا:

_ پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «ئەقروننىڭ ئىلاھى بائال-زىبۇبتىن بېشارەت سوراپ كېلىشكە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشىڭ ئىسرائىلىيەدە خۇدا يوق دەپ، ئويلىغانلىقىڭ ئۈچۈنمۇ؟ شۇڭا سېنىڭ مۇشۇ قىلغىنىڭ ئۈچۈن كارىۋىتىڭدىن چۈشمەي چوقۇم ئۆلىسەن!» _ دېدى.

17دەرۋەقە ئاخازيا پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك ئۆلدى. ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغاچقا، ئىنىسى يورام ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. بۇ يىھوشافاتنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورامنىڭ ئىككىنچى يىلى ئىدى. 18ئاخازيا پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

2

خۇدانىڭ ئىلياسنى ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىشى

1پەرۋەردىگار ئىلياسنى قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىدىغانغا ئاز قالغاندا، ئىلياس بىلەن ئېلىشا ئىككىسى گىلگالدىن يولغا چىققانىدى.

2ئىلياس ئېلىشاغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى بەيتەلگە ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى.

لېكىن ئېلىشا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن بەيتەلگە ماڭدى.

3بەيتەلدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى* چىقىپ، ئېلىشاغا:

_ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى.

_ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى ئېلىشا.

4ئىلياس ئېلىشاغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى ئېرىخاغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى.

لېكىن ئېلىشا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى.

شۇنداق قىلىپ ئىككىيلەن ئېرىخاغا كەلدى.

5ئېرىخادىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئېلىشانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار بۈگۈن ئۇستازىڭىزنى سىزدىن ئېلىپ كېتىدىكەن، بۇنى بىلەمسىز؟ _ دەپ سورىدى.

_ بۇنى مەنمۇ بىلىمەن، تىنچ تۇرۇڭلار، _ دېدى ئۇ.

6ئىلياس ئېلىشاغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى ئىئوردان دەرياسىغا ئەۋەتمەكچى، سەن مۇشۇ يەردە قالغىن، _ دېدى.

ئېلىشا:

_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىككىيلەن يولغا چىقىشتى. 7پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن 50 ئادەم ئۇلارغا ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇ ئىككىيلەن ئىئوردان دەرياسى بويىدا توختىدى. پەيغەمبەرلەر جامائىتى ئۇلاردىن نېرىراق يەردە تۇرۇشتى. 8ئىلياس ئۆزىنىڭ تونىنى تولغاپ، سۇنى ئۇرۇۋىدى، سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئىككىيلەن قۇرۇق يەر بىلەن مېڭىپ ئۆتتى.

9ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئىلياس ئېلىشاغا:

_ مەن سېنىڭ قېشىڭدىن ئېلىپ كېتىلىشتىن بۇرۇن مەندىن سورىغىن، سەن ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ _ دېدى.

ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئۆزلىرىنىڭ روھلىرىنىڭ ئىككى ئۈلۈشى* ماڭا نېسىپ بولغان بولسا، _ دېدى.

10ئىلياس:

_ تىلىگىنىڭ قىيىن بىر ئىش. شۇنداقتىمۇ مەن سەندىن ئايرىلىپ كېتىدىغان چاغدا مېنى كۆرەلىسەڭ، تىلىگىنىڭ ساڭا نېسىپ بولىدۇ؛ كۆرەلمىسەڭ، نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.

11ئۇلار پاراڭلىشىپ كېتىۋاتاتتى، بىردىنلا يالقۇنلاپ تۇرغان ئات-ھارۋىلار پەيدا بولۇپ، ئىككىيلەننى ئايرىۋەتتى. ئىلياس قۇيۇن بىلەن ئەرشكە ئېلىپ چىقىپ كېتىلدى.

12ئېلىشا بۇنى كۆرۈپ:

_ ئاتا، ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلەغۇ! _ دەپ توۋلىدى ۋە ئۇنى قايتا كۆرەلمىدى.

ئاندىن ئېلىشا ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى يىرتىپ، ئىككى پارچە قىلدى.

ئېلىشانىڭ پەيغەمبەرلىككە ۋارىسلىق قىلىشى

13ئېلىشا ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن توننى ئالدى ۋە قايتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا تۇردى. 14ئۇ ئىلياسنىڭ ئۈستىدىن چۈشكەن تون بىلەن سۇنى ئۇرۇپ:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئىلياس ئېتىقاد قىلغان خۇدا، سەن قەيەردە؟ _ دەپ نىدا قىلدى.

ئۇ سۇنى ئۇرۇشى بىلەن سۇ ئىككىگە بۆلۈندى. ئېلىشا دەريادىن ئۆتتى.

15بۇ ئىشنى نېرىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان ئېرىخادىن كەلگەن پەيغەمبەرلەر جامائىتى:

_ ئىلياسنىڭ روھى ئېلىشانىڭ ئۈستىگە چۈشۈپتۇ! _ دېيىشكىنىچە بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشتى، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلىشتى. 16ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەردە خىزمەتكارلىرىدىن 50 پالۋان تۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ ئۇستازلىرىنى ئىزدىشىگە رۇخسەت قىلغايلا. پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇ زاتنى كۆتۈرۈپ بىرەر تاغ، ياكى بىرەر جىلغىغا چۈشۈرۈپ قويدىمىكىن، _ دېدى. ئېلىشا:

_ ياق، ئادەم ئەۋەتىپ يۈرمەڭلار، _ دېدى.

17ئەمما ئۇلار ئۇنى تولا قىستىغانلىقىدىن ئۇ خىجالەت بولۇپ:

_ بوپتۇ، ئەۋەتىڭلار! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 50 ئادەم ئەۋەتىپ، ئۈچ كۈن ئىزدەتكۈزگەن بولسىمۇ، ئىلياسنى تاپالمىدى. 18ئاخىر ئۇلار ئېرىخادىكى ئېلىشانىڭ يېنىغا قايتتى. ئۇ ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرگە: «بارماڭلار» دېمىگەنمىدىم؟ _ دېدى.

ئېلىشانىڭ ئېرىخا شەھىرىدىكى بۇلاقنى پاكلىشى

19ئېرىخا شەھىرىدىكى كىشىلەر ئېلىشاغا:

_ ئەي ئۇستاز، مانا كۆرۈپ تۇرۇپتىلا، بۇ شەھەر ئوبدان يەرگە جايلاشقان، شۇغىنىسى سۈيى ناچار، تۇپرىقى قاقاستۇر، _ دېيىشتى.

20ئېلىشا ئۇلارغا:

_ سىلەر بىر يېڭى قاچىغا تۇز سېلىپ ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

ئۇلار ئېلىپ كېلىشتى.

21ئۇ بۇلاق بېشىغا بېرىپ، تۇزنى سۇغا تۆكۈپ:

_ پەرۋەردىگار: «مەن بۇ سۇنى تازا قىلدىم. بۇ سۇ ئەمدى جانغا ھەرگىز زامىن بولمايدۇ، ھەم تۇپراقنى ھوسۇلسىز قالدۇرمايدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.

22شۇنىڭدىن ئېتىبارەن بۇ سۇ تازىلىنىپ، تاكى ھازىرغىچە ئېلىشا ئېيتقاندەك بولۇپ كەلمەكتە.

بالىلارنىڭ ئېلىشانى مازاق قىلىشى

23ئېلىشا ئېرىخادىن بەيتەلگە ماڭدى. بەيتەلدىن چىقىپ كېلىۋاتقان بالىلار ئۇنى «كېتە تاز! كەت تاز!» دەپ زاڭلىق قىلىشتى. 24ئۇ ئارقىسىغا قاراپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدى. شۇ چاغدا ئىككى چىشى ئېيىق جاڭگالدىن چىقىپ، ئۇ بالىلاردىن 42نى تىتىپ تاشلىدى. 25ئېلىشا ئۇ يەردىن چىقىپ، كارمەل تېغىغا باردى. ئاندىن كارمەل تېغىدىن سامارىيەگە قايتىپ كەتتى.



*3پەيغەمبەرلەر جامائىتى _ ئۇ زاماندا بەزى پەيغەمبەرلەر بىر جامائەت بولۇپ، بىللە تۇرۇپ، بىللە ئىلىم تەھسىل قىلاتتى.

*9ئىككى ئۈلۈش _ ئۇ زامانلاردا مىراس ئايرىغاندا تۇنجى ئوغلى ئىككى ئۈلۈش مىراسقا ئىگە بولاتتى. «تەۋرات. قانۇننىڭ تەكرارى» 21-باب 17-ئايەتكە قارالسۇن.


3

ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئاخابنىڭ ئوغلى يورام سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولدى. ئۇ 12 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2يورام پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يامانلىقتا ئاتىسى بىلەن ئانىسىدىن ئېشىپ چۈشمىدى. ئۇ ئاتىسى ياسىغان بائال تاش ئابىدىسىنى كۆزدىن يوقاتتى. 3لېكىن ئۇ نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئۇنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىغا چىڭ چاپلىشىپ، ئۇنى داۋاملاشتۇردى.

موئاب بىلەن بولغان جەڭ

4موئاب پادىشاھى مېشا قويچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەر يىلى يۈز مىڭ پاقلان ۋە يۈز مىڭ قوچقارنىڭ يۇڭىنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئولپان قىلىپ تاپشۇراتتى. 5ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخاب ئۆلگەندىن كېيىن، موئاب پادىشاھى مېشا پادىشاھ يورامدىن يۈز ئۆرۈدى. 6شۇ چاغدا پادىشاھ يورام سامارىيەدىن چىقىپ، پۈتكۈل ئىسرائىل خەلقىنى جەم قىلدى. 7ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات بىلەن كۆرۈشۈشكە ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنۇ سۆزنى يەتكۈزدى: «موئاب پادىشاھى مەندىن يۈز ئۆرۈدى. سىلى مەن بىلەن بىرلىكتە موئابقا قارشى جەڭ قىلغىلى چىقاملا؟».

پادىشاھ يىھوشافات ماقۇللۇقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «سىلى بىلەن ئاتلىنىشقا تەييارمەن. ئادەملىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئادەملىرى، ئاتلىرىمنى ئۆزلىرىنىڭ ئاتلىرى، دەپ بىلگەيلا. 8ئەمىسە بىز قايسى يولدىن ئاتلىنىپ چىقايلى؟».

«ئىدوم چۆلىنىڭ يولى بىلەن چىقايلى» دەپ جاۋاب ئەۋەتتى يورام.

9شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى بىلەن بىللە يولغا چىقتى. لېكىن ئۇلار يەتتە كۈن يۈرۈش قىلغاندىن كېيىن، قوشۇنى ۋە ئات-ئۇلاغلىرى ئىچىدىغان سۇ قالمىدى.

10ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام:

_ ھەي ئىسىت! پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشسۇن دەپ يىغقانىكەن-دە، _ دېدى.

11لېكىن يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات:

_ بۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبىرى يوقمۇ؟ بىز ئۇ ئارقىلىق پەرۋەردىگاردىن بېشارەت سوراپ باقايلى، _ دېدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ بىر خىزمەتكارى جاۋاب بېرىپ:

_ شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشا مۇشۇ يەردە. ئۇ ئۆز ۋاقتىدا ئىلياس پەيغەمبەرنىڭ خىزمەتكارى ئىدى، _ دېدى.

12پادىشاھ يىھوشافات:

_ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئۇ بىزگە يەتكۈزەلەيدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىلىيە، يەھۇدىيە ۋە ئىدوم پادىشاھلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كۆرۈشكىلى باردى.

13ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا:

مەندە نېمە ئىشىڭىز بار؟ بېرىپ، ئاتىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرى بىلەن ئانىڭىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىدىن سوراڭ! _ دېدى.

لېكىن ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام ئۇنىڭغا:

_ ياق، پەرۋەردىگار بىز ئۈچ پادىشاھنى موئابنىڭ قولىغا چۈشۈرمەك ئۈچۈن يىغقاندۇر، _ دېدى.

14_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئەگەر يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ يۈزىنى قىلمىغان بولسام، سىزگە قاراپمۇ قويمىغان بولاتتىم. 15بوپتۇ، ئەمدى سىلەر مېنىڭ يېنىمغا بىر سازەندە باشلاپ كېلىڭلار، _ دېدى ئېلىشا.

سازەندە ساز چېلىۋاتقىنىدا، پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئېلىشاغا چۈشتى.

16ئۇ ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ جىلغىنىڭ ھەممە يېرىگە خەندەك ياساڭلار،17چۈنكى سىلەر نە شامال، نە يامغۇرنى كۆرەلمىسەڭلارمۇ، لېكىن بۇ جىلغا ئۆزۈڭلار، مال-چارۋىلىرىڭلار ۋە ھايۋانلارغا يەتكۈدەك سۇغا تولىدۇ». 18پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە بۇ دېگەن كىچىككىنە بىر ئىش، ئۇ موئابلارنىمۇ سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ. 19سىلەر بارلىق مۇستەھكەم ۋە ئاۋات شەھەر-قەلئەلەرنى ئالىسىلەر، ياخشى دەرەخلەرنىڭ ھەممىسىنى كېسىپ، بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇۋېتىسىلەر؛ بارلىق مۇنبەت ئېتىزلارنى تاشلار بىلەن خاراب قىلىۋېتىسىلەر، _ دېدى.

20ئەتىسى سەھەردە قۇربانلىق تەقدىم قىلىش ۋاقتىدا سۇ ئىدوم تەرەپتىن كېلىپ، پۈتۈن زېمىننى تولدۇردى.

21موئاب خەلقى پادىشاھلارنىڭ ئۆزلىرىگە قارشى جەڭ قىلغىلى كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ياراغ كۆتۈرەلەيدىغانلىكى چوڭ-كىچىك ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، چېگرادا تۇرۇشتى. 22موئابلار ئەتىسى سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندا، سۇ كۈن نۇرىدا چاقناپ تۇراتتى. ئۇلارغا ئالدىدىكى سۇ يىراقتىن خۇددى قىپقىزىل قاندەك بولۇپ كۆرۈندى.

23_ بۇ قانغۇ، ئۈچ پادىشاھ ئۆزئارا سوقۇشۇپ، بىر-بىرىنى قىرىشقان ئوخشايدۇ. ئى موئابلار! ئەمدى بىز ئولجا ئالغىلى چىقايلى! _ دېيىشتى ئۇلار.

24لېكىن موئابلار ئىسرائىللارنىڭ بارگاھى ئالدىغا كەلگەندە، ئىسرائىللار ئۇلارغا شۇنداق قاتتىق زەربە بەردىكى، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىن قاچتى. ئىسرائىللار موئابلارنى قوغلاپ، سۈر-توقاي قىلىشتى. 25ئۇلار شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ، مۇنبەت ئېتىزلارنى تاش بىلەن توشقۇزۇۋەتتى. ئۇلار بۇلاقلارنىڭ ھەممىسىنى تىندۇرۇپ، بارلىق ياخشى دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلاپ، قىرخەرەس شەھىرىنىڭ تاش سېپىلىدىن باشقا ھېچنېمە ساق قالمىدى. سالغا ئاتقۇچىلار سېپىلنى قورشاپ تۇرۇپ، ھۇجۇم قىلىشتى. 26موئاب پادىشاھى جەڭنىڭ ئۆزىگە تولىمۇ زىيانلىق بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 700 قىلىچلىق ئەسكىرىنى باشلاپ، ئىدوم پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، بۆسۈپ ئۆتمەكچى بولدى، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى. 27شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولىدىغان چوڭ ئوغلىنى سېپىلنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. بۇنى كۆرگەن ئىسرائىللارنىڭ غەزىپى قايناپ-تېشىپ، ئۇنى تاشلاپ، ئۆز زېمىنىغا چېكىنىپ كېتىشتى.

4

تۇل خوتۇننىڭ زەيتۇن يېغىنىڭ كۆپەيتىلىشى

1پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكى بىر كىشىنىڭ ئايالى ئېلىشانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ تەقسىر، ئېرىم ئۆلۈپ كەتتى. سىلىگە مەلۇم بولغىنىدەك، ئۇ پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان ئادەم ئىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇنىڭغا قەرز بەرگۈچى، ئىككى ئوغلۇمنى قۇل قىلىپ، ئېلىپ كەتكىلى كەپتۇ، _ دېدى.

2ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ مەن سىزگە نېمە ئىش قىلىپ بېرەي؟ ئېيتىڭە، ئۆيىڭىزدە نېمىڭىز بار؟ _ دېدى.

_ مەن ئاجىزەلىرىنىڭ ئۆيىدە بىر كوزا زەيتۇن يېغىدىن باشقا ھېچنېمە يوق، _ دېدى ئۇ.

3_ سىز چىقىپ، قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدىن قۇرۇق كوزا ئۆتنە ئېلىپ كېلىڭ، كۆپرەك بولسۇن. 4ئاندىن ئوغۇللىرىڭىز بىلەن ئۆيىڭىزگە كىرىپ، ئىشىكنى ئېتىۋېلىڭ-دە، كوزىلارغا يېغىڭىزدىن قۇيۇڭ، لىق تولغان كوزىلارنى بىر چەتكە قويۇڭ، _ دېدى ئېلىشا.

5ئۇ ئايال ئېلىشانىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، ئوغۇللىرى بىلەن ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى ئەتتى. بالىلىرى قۇرۇق كوزىلارنى ئاپىسىغا سۇنۇپ تۇردى، ئاپىسى ياغ قۇيدى. 6كوزىلار توشقاندا، ئۇ ئوغلىغا:

_ يەنە بىر كوزا سۇنۇپ بەر، _ دېدى. ئوغلى ئۇنىڭغا:

_ ئەمدى كوزا قالمىدى، _ دېدى.

ياغ ئېقىشتىن توختىدى. 7ئايال چىقىپ، بۇنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا خەۋەر قىلدى. ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ياغلارنى سېتىپ، قەرزىڭىزنى تۆلەڭ. ئاشقان ياغ بىلەن تىرىكچىلىك قىلىڭلار، _ دېدى.

شۇنېملىق ئايالنىڭ ئوغلىنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى

8بىر كۈنى ئېلىشا شۇنېم شەھىرىگە باردى. ئۇ يەردە بىر باي ئايال بار بولۇپ، ئۇ ئېلىشانى غىزالىنىشقا زورلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ھەر قېتىم ئۇ يەردىن ئۆتكىنىدە شۇ يەردە غىزالىنىپ ئۆتىدىغان بولدى.

9ئۇ ئايال ئېرىگە:

_ قاراڭ، بىزنىڭ بۇ يەردىن ئۆتۈپ تۇرىدىغان ئۇ ئادەمنىڭ خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىم. 10بىز ئۆگزىمىزگە كىچىك بىر بالىخانا سېلىپ، كارىۋات، شىرە، ئورۇندۇق ۋە چىراغ تەييارلاپ بېرەيلى. ئۇ قاچان بىزنىڭكىگە كەلسە، شۇ ئۆيدە تۇرسۇن، _ دېدى.

11بىر كۈنى ئېلىشا ئۇ يەرگە كەلگەندە، ئۆگزىدىكى بالىخانىغا چىقىپ ياتتى.

12ئېلىشا خىزمەتكارى گېخازىغا:

_ سەن ئۇ شۇنېملىق ئايالنى چاقىرغىن، _ دېدى.

خىزمەتكارى ئۇ ئايالنى چاقىرىپ كەلدى.

13ئېلىشا خىزمەتكارىغا:

_ سەن ئۇ ئايالغا: «سىز بىزگە كۆپ غەمخورلۇق قىلدىڭىز. بىز سىزگە نېمە قىلىپ بېرەيلى؟ سىزگە ۋاكالىتەن پادىشاھقا ياكى قوشۇن سەركەردىسىگە يەتكۈزۈپ قويىدىغان بىرەر گەپ بارمۇ؟» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى.

ئايال:

_ يوقسۇ، مەن ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرىم ئارىسىدا ياخشى تۇرۇۋاتىمەن، _ دېدى.

14كېيىن ئېلىشا گېخازىغا:

_ ئۇ ئايالغا نېمە قىلىپ بەرسەك بولار؟ _ دېدى.

گېخازى ئويلىنىپ:

_ ئۇنىڭ ئوغلى يوق ئىكەن، ئېرىمۇ قېرىپ كېتىپتۇ، _ دېدى.

15ئېلىشا گېخازىغا:

_ ئۇنى چاقىر، _ دېدى. ئۇ چاقىردى، ئايال ئىشىك ئالدىدا ھازىر بولدى.

16ئېلىشا ئايالغا:

_ كېلەر يىلى مۇشۇ چاغدا بىر ئوغۇل پەرزەنت قۇچىقىڭىزدا بولىدۇ، _ دېدى.

_ ئى خوجام، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى! ئاجىزەلىرىگە يالغان ئېيتمىغايلا، _ دېدى ئۇ ئايال.

17خۇددى ئېلىشا ئۇنىڭغا ئېيتقاندەك ئۇ ئايال ھامىلىدار بولۇپ، كېيىنكى يىلى ۋەدە قىلغان ۋاقىتتا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى.

18بالا چوڭ بولۇپ، بىر كۈنى ئورمىچىلار بىلەن تۇرغان دادىسىنىڭ قېشىغا كەلدى. 19ئۇ دادىسىغا:

_ «ۋاي بېشىم! ۋاي بېشىم!» دەپ توۋلاپ كەتتى.

دادىسى خىزمەتكارىغا:

_ بالىنى ئانىسىنىڭ قېشىغا ئاپىرىۋېتىڭلار، _ دېدى.

20خىزمەتكار بالىنى كۆتۈرۈپ، ئانىسىغا ئاپىرىپ بەردى. بالا ئانىسىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، چۈش بولغاندا جان ئۈزدى. 21ئۇ ئايال ئۆگزىدىكى ئۆيگە چىقىپ، بالىنى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ كارىۋىتىغا قويدى-دە، ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى. 22ئاندىن ئۇ ئېرىغا ۋارقىراپ:

_ ماڭا خىزمەتكارلاردىن ۋە ئېشەكتىن بىرنى بەرسىلە، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا بېرىپ كېلىمەن، _ دېدى.

23ئېرى ئۇنىڭغا:

_ يا يېڭى ئاي، يا دەم ئېلىش كۈنى بولمىسا، ئۇنىڭ قېشىغا نېمىدەپ بۈگۈن بارىسەن؟ _ دېدى.

ئايالى:

_ تىنچلىق، ئەنسىرىمىسىلە، _ دېدى.

24ئاندىن ئۇ ئېشەكنى توقۇپ، خىزمەتكارىغا:

_ ئېشەكنى سەن ھەيدەپ ماڭغىن، مەن دېمىگۈچە ئاستىلاپ قالما، _ دېدى.

25ئۇلار يولغا چىقىپ، كارمەل تېغىدىكى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ يېنىغا كەلدى.

ئېلىشا ئۇنى يىراقتىن كۆرۈپ، خىزمەتكارى گېخازىغا:

_ ئەنە قارا! شۇنېملىق ئايال كېلىۋاتىدۇ! 26دەرھال ئالدىغا يۈگۈرۈپ، بېرىپ ئۇنىڭغا: «تىنچ تۇردىڭىزمۇ؟ ئېرىڭىز تىنچلىقمۇ؟ بالىڭىز تىنچلىقمۇ؟» دېگىن، _ دېدى.

ئايال:

_ ھەممىسى تىنچلىق، _ دېدى.

27ئايال خۇدانىڭ تاغدا تۇرۇۋاتقان يېقىن ئادىمىنىڭ قېشىغا كېلىپ، ئۇنىڭ پۇتلىرىغا ئېسىلىۋالدى. گېخازى ئۇنى ئىتتىرىۋەتكىلى كېلىۋىدى، لېكىن ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى مەيلىگە قويۇۋەت، چۈنكى ئۇنىڭ كۆڭلى پەرىشان. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئىشنى مەندىن يوشۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ، _ دېدى.

28_ مەن خوجامدىن بىر ئوغۇل تىلىدىممۇ؟ _ دېدى ئايال، _ مەن ئۆزلىرىگە: «يالغان ئېيتمىغايلا» دېمىگەنمىدىم؟

29ئېلىشا گېخازىغا:

_ بېلىڭنى باغلاپ، ھاسامنى قولۇڭغا ئېلىپ، يولغا چىق. يولدا مەيلى كىم ئۇچرىسۇن، سالام بەرمە. باشقىلار سالام بەرسىمۇ، سالىمىنى ئىلىك ئالما. ھاسامنى بالىنىڭ يۈزىگە قوي، _ دېدى.

30_ مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئالدىلىرىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ئۆزلىرىدىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن، _ دېدى بالىنىڭ ئانىسى.

شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئايالنىڭ كەينىدىن ماڭدى. 31گېخازى ئۇلارنىڭ ئالدىدا بېرىپ، ھاسىنى بالىنىڭ يۈزىگە قويۇۋىدى، سادا چىقمىدى، ئىنكاسمۇ بولمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ قايتىپ كېلىپ، ئېلىشاغا:

_ بالا ئويغانمىدى، _ دېدى.

32ئېلىشا ئۆيگە كەلگەندە، بالا ئۆلگەن بولۇپ، ئېلىشانىڭ كارىۋىتىدا ياتاتتى. 33ئۇ ئۆي ئىچىگە كىرىپ، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ، بالا بىلەن يالغۇز قېلىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 34ئاندىن كارىۋاتقا چىقىپ، ئۆزىنىڭ ئاغزىنى بالىنىڭ ئاغزىغا، كۆزىنى بالىنىڭ كۆزىگە، ئالىقىنىنى بالىنىڭ ئالىقىنىغا قويغان ھالەتتە بالىنىڭ ئۈستىدە سوزۇلۇپ ياتقانىدى، بالىنىڭ بەدىنى ئىسسىشقا باشلىدى. 35ئاندىن ئېلىشا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۆينىڭ ئىچىدە ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ، كارىۋاتقا چىقىپ، بالىنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم سوزۇلدى. ئۇ بالا يەتتە مەرتەم چۈشكۈرۈپ، ئاندىن كۆزىنى ئاچتى.

36ئېلىشا گېخازىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا:

_ شۇنېملىق ئايالنى چاقىر، _ دېدى. ئۇ ئۇنى چاقىردى. ئېلىشا ئۆزىنىڭ يېنىغا كەلگەن ئايالغا:

_ بالىڭىزنى ئېلىڭ، _ دېدى.

37ئۇ كىردى-دە، ئېلىشانىڭ ئاياغلىرىغا يىقىلىپ، بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ تەزىم قىلدى ۋە بالىنى ئېلىپ چىقىپ كەتتى.

ئېلىشانىڭ شورپىنى زەھەرسىزلەندۈرۈشى

38كېيىن ئېلىشا گىلگالغا قايتىپ كەلدى. ئۇ زېمىندا ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانىدى.

پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشانىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى، ئۇ خىزمەتكارىغا:

_ چوڭ قازاننى ئېسىپ، پەيغەمبەرلەرگە شورپا پىشۇرۇپ بەر، _ دېدى.

39بىرەيلەن دالاغا ئوتياش تەرگىلى ماڭدى. ئۇ ياۋا كاۋا پېلەكلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن بىر ئېتەككە لىق كەلگۈدەك خەمەكلىرىنى تېرىپ ئەكېلىپ، توغراپ قازانغا سالدى. لېكىن ھېچكىم بۇ كاۋىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. 40ئاندىن شورپا كىشىلەرگە ئۇسۇپ بېرىلدى. ئۇلار شورپىنى ئىچىپلا:

_ ئى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى، قازاندا زەھەر بار ئىكەن! _ دەپ توۋلىشىپ، شورپىنى ئىچەلمىدى. 41ئېلىشا:

_ ماڭا ئازراق ئۇن بېرىڭلار، _ دېدى. ئاندىن، ئۇننى قازانغا چېچىپ:

_ ئەمدى ئۇسۇپ بېرىڭلار _ دېدى. بۇ چاغدا قازاندا زەھەر قالمىغانىدى.

يۈز ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى

42بائال-شالىشاھتىن بىر ئادەم كېلىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشاغا تۇنجى يىغىۋېلىنغان ئارپا ئۇنىدا ئېتىلگەن يىگىرمە نان بىلەن يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان بىر خالتا ئۈگۈت بەردى. ئېلىشا خىزمەتكارىغا:

_ بۇنى كۆپچىلىككە بەرگىن، يېسۇن! _ دېدى.

43خىزمەتكارى ئۇنىڭغا:

_ بۇ ئازغىنا يېمەكلىكنى يۈز ئادەمگە قانداقمۇ يەتكۈزەلەيمەن؟ _ دېدى.

خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا:

_ كۆپچىلىككە بەرگىن، يېسۇن. چۈنكى پەرۋەردىگار: «ئۇلار يەيدۇ، تېخى ئېشىپمۇ قالىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.

44شۇنداق قىلىپ خىزمەتكار يېمەكلىكلەرنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىغا قويدى، ئۇلار يېيىشتى، خۇددى پەرۋەردىگار ئېلىشاغا ئېيتقاندەك، ئېشىپمۇ قالدى.

5

ئېلىشانىڭ ئاررام سەركەردىسىنى ساقايتىشى

1ئاررام قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلغانىدى. لېكىن بۇ باتۇر جەڭچى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. 2ئارراملار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا چىققاندا، ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن بىر كىچىك قىز بالىنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇ قىز نائاماننىڭ خوتۇنىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

3بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا:

_ خوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر خوجامنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى.

4نائامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك قىزنىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى دەپ بەردى.

5_ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى ئاررام پادىشاھى.

نائامان 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ يولغا چىقتى. 6ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا سۇندى. مەكتۇپتا:

«مەن بۇ مەكتۇپنى خىزمەتكارىم نائاماندىن سىلىگە يوللىدىم، سىلى ئۇنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتىپ بەرگەيلا» دەپ يېزىلغانىدى.

7ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ:

_ مەن جاننى ئالىدىغان ھەم تىرىلدۈرىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى.

8خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمىدەپ كىيىملىرىنى يىرتىدىلا؟ ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ئىسرائىلىيەدە بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.

9شۇنىڭ بىلەن نائامان ئۆزىنىڭ ئات ۋە ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. 10ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە مەرتەم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، پاكلىنىدۇ» دېدى. 11نائامان غەزەپ بىلەن:

_ مەن تېخى ئۇنى چوقۇم مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ، ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ، قولىنى كېسەل يەرنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېرە كېسىلىمنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. 12دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دەپ، دەرغەزەپ بولۇپ، بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.

13خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:

_ ئى خوجام، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە چوڭ بىر ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ دېگىنىدەك قىلغان بولاتتىلا، ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا يەتتە مەرتەم چۈشۈپ، ئۆزىنى سۇغا چىلىدى. ئاندىن تېرىسى ئەسلىگە كېلىپ، كىچىك بالىنىڭكىدەك پاكلىنىپ كەتتى.

15نائامان بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا، ئەمدى مەن پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.

16ئېلىشا:

_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلمايمەن، _ دېدى.

نائامان ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ئېلىشا سوۋغاتنى رەت قىلدى. نائامان مۇنداق دېدى:

17_ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىلىرى مەيلى، لېكىن مەن پېقىر خىزمەتكارلىرىغا ئىككى قېچىرلىق توپا بولسىمۇ بەرگەيلا، شۇندا پېقىر خىزمەتكارلىرى باشقا ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنماي، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا سۇنىمەن.*18لېكىن پەرۋەردىگار مۇنۇ بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ خوجام ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، خوجام مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ مەن پېقىرنىڭ بۇ ئىشىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن.

19ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئەنسىرىمەي، تىنچ-ئامان ماڭغايسەن، _ دېدى.

ئاندىن نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى.

گېخازىنىڭ ئاچكۆزلۈكى

20خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائامان ئەكەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماي، ئۇنى قويۇۋەتكىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى. 21ئۇ نائاماننى كۆزلەپ ماڭدى. نائامان بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ _ دېدى. 22گېخازى:

_ ھېچ ئىش بولمىدى. خوجام مېنى: «بايىلا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئىككى يىگىت كەلگەنىدى، ئۇلارغا 35 كىلو كۈمۈش ۋە ئىككى قۇر كىيىم بەرگەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزگىلى ئەۋەتتى، _ دېدى.

23نائامان ئۇنىڭغا:

_ مەرھەمەت، 70 كىلو ئالغىن، _ دەپ ئۇنىڭغا 70 كىلو كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا قاچىلاپ، زورلاپ بەردى ۋە ئىككى قۇر كىيىمنىمۇ قوشۇپ بەردى. نائامان بۇ نەرسىلەرنى ئىككى خىزمەتكارىغا تۇتقۇزدى. ئۇ ئىككىسى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، گېخازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 24ئۇلار تۆپىلىككە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېخازى نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە نەرسىلەرنى ئۆيگە ئاپىرىۋالدى.

25گېخازى خوجايىنىنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئېلىشا ئۇنىڭدىن:

_ گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

گېخازى:

_ خىزمەتكارلىرى ھېچ يەرگە بارغىنى يوق، _ دېدى.

26ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىللە ئەمەسمىدى؟ ھازىر دېگەن پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، خىزمەتكار ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟27شۇنىڭ ئۈچۈن، نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىققاندا، ئۇنى كېسەل بېسىپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.



*17نائامان ئىسرائىلىيەنىڭ توپىسىنى ئەكېتىپ، شۇ توپىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياساتماقچىدى.


6

پالتا بېشىنىڭ سۇدا لەيلىشى

1بىر كۈنى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىكىلەر ئېلىشاغا:

_ ئى ئۇستاز، كۆرۈپ تۇرۇپسىزكى، بىز تۇرۇۋاتقان بۇ جاي بىز ئۈچۈن بەك كىچىك بولۇپ قالدى. 2ئىئوردان دەرياسىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەربىرىمىز ئۇ يەردىن بىردىن لىم ياغاچ تېپىپ، شۇ يەردە ئۆزىمىزگە ئولتۇرىدىغان ئۆي سېلىۋالايلى، _ دېيىشتى.

ئېلىشا:

_ بېرىڭلار! _ دېدى.

3پەيغەمبەرلەردىن بىرى:

_ خاپا بولماي، بىز خىزمەتكارلىرىڭىز بىلەن بىللە بارغان بولسىڭىز، _ دېدى.

ئۇ:

_ بولىدۇ، باراي، _ دېدى.

4ئېلىشا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىغا كېلىپ، دەرەخلەرنى كېسىشكە باشلىدى. 5ئۇلاردىن بىرى دەرەخ كېسىۋاتقاندا پالتىسىنىڭ بېشى سۇغا چۈشۈپ كەتتى. ئۇ:

_ ئاپلا! ۋاي خوجام، مەن بۇنى ئۆتنە ئالغانىدىم، _ دەپ ۋارقىرىدى.

6خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى:

_ قەيەرگە چۈشۈپ كەتتى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇ ئادەم پالتا چۈشۈپ كەتكەن يەرنى كۆرسەتتى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ياغاچتىن بىرنى كېسىپ، ئۇنى شۇ يەرگە تاشلىۋىدى، پالتىنىڭ بېشى لەيلەپ چىقتى. 7ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى ئېلىۋال، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇ قولىنى سوزۇپ، پالتىنى ئېلىۋالدى.

ئاررام قوشۇنىنىڭ قايمۇقتۇرۇلۇشى

8ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيەگە قارشى جەڭ باشلىغانىدى، ئۇ ئەمەلدارلىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ:

_ مەن بارگاھىمنى پالانى-پۇستانى يەرلەرگە قۇرىمەن، _ دېدى.

9خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا ئىسرائىلىيە پادىشاھىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: «ئېھتىيات قىلسىلا، ئۇ يەرلەردىن ئۆتمىسىلە، چۈنكى ئارراملار شۇ يەرگە قاراپ كېلىۋاتىدۇ» دەپ خەۋەر ئەۋەتتى.

10ئىسرائىلىيە پادىشاھى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئاگاھلاندۇرغان يەرگە ئادەم ئەۋەتتى. ئېلىشا پادىشاھنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغاچقا، پادىشاھ ئۇ يەرلەردە ئېھتىيات بىلەن يۈرىدىغان بولدى. بۇ ئىش بىرقانچە قېتىم تەكرارلاندى. 11بۇ ئاررام پادىشاھىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. ئۇ ئادەملىرىنى چاقىرىپ:

_ قېنى ئېيتىڭلارچۇ، ئارىمىزدا قايسىمىز ئىسرائىلىيە پادىشاھى تەرەپدارى؟ _ دېدى.

12ئۇنىڭ بىر ئەمەلدارى:

_ ھېچقايسىمىز ئەمەس، ئى ئالىيلىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ئېلىشا دېگەن پەيغەمبەر ئۆزلىرىنىڭ ھۇجرا ئۆيلىرىدە قىلغان گەپلىرىنى ئاڭلىۋېلىپ، ئۇنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا ئېيتىپ قويىدۇ، _ دېدى.

13ئاررام پادىشاھى:

_ بېرىپ ئۇنىڭ نەدىلىكىنى ئۇقۇپ كېلىڭلار، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتىمەن، _ دېدى. كېيىن، «ئۇ ھازىر دوتاندا ئىكەن» دېگەن خەۋەر كەلدى.

14ئاررام پادىشاھى ئاتلار، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە زور بىر قوشۇننى ئۇ يەرگە ئەۋەتتى. ئۇلار كېچىدە كېلىپ، ئۇ شەھەرنى قورشىۋالدى.

15خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى سەھەر ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ، شەھەرنى ئارراملارنىڭ قوشۇنى ۋە ئۇلارنىڭ ئات-ھارۋىلىرىنىڭ قورشىۋالغانلىقىنى كۆردى ۋە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە:

_ ۋاي خوجام، ئەمدى قانداق قىلىمىز؟ _ دېدى.

16خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى:

_ قورقمىغىن، بىز بىلەن بىللە بولىدىغانلار ئۇلار بىلەن بىللە بولىدىغانلاردىن كۆپ، _ دېدى،17ئاندىن ئۇ دۇئا قىلىپ:

_ ئى پەرۋەردىگارىم! سەندىن تىلەيمەنكى، ئۇنىڭ كۆزى ئېچىلىپ، كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغان بولسۇن، _ دېدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ خىزمەتكارىنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇ يالقۇنلىنىپ تۇرغان ئاتلار ۋە جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاغ باغرىنى قاپلاپ، ئېلىشانى ئوراپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.

18ئارراملار ئېلىشاغا قارشى باستۇرۇپ كەلگەندە، ئۇ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلىپ:

_ بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويغايسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ قويدى.

19ئېلىشا ئۇلارغا:

_ سىلەر خاتا يولدا مېڭىپسىلەر، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. سىلەر ئارقامدىن مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراي، _ دەپ، ئۇلارنى سامارىيە شەھىرىگە باشلاپ كەلدى.

20ئۇلار سامارىيەگە كىرگەندە، ئېلىشا:

_ ئى پەرۋەردىگار! بۇ ئادەملەرنىڭ كۆزىنى ئاچقايسەن، ئۇلار كۆرىدىغان بولسۇن، _ دەپ دۇئا قىلدى، پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىچىگە كېلىپ قالغانلىقىنى كۆردى.

21ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇلارنى كۆرۈپ، ئېلىشادىن:

_ ئى ئاتا، ئۇلارنى ئۆلتۈرەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

22ئېلىشا:

_ ئۇلارنى ئۆلتۈرمە، قىلىچ ۋە ئوقيايىڭ بىلەن ئەسىرگە ئالغانلارنىمۇ ئۆلتۈرمەيتتىڭغۇ! ئۇلارنىڭ ئالدىغا يېمەكلىك كەلتۈر. ئۇلار يەپ-ئىچىپ، خوجايىنىنىڭ يېنىغا كەتسۇن، _ دېدى.

23شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئۇلارغا كاتتا زىياپەت تەييارلىدى. ئۇلار يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى. ئۇلار خوجايىنىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئارراملىقلاردىن ھېچكىم ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قايتا تاجاۋۇز قىلمىدى.

سامارىيەدىكى ئاچارچىلىق

24كېيىن ئاررام پادىشاھى بەنھاداد پۈتۈن قوشۇنىنى توپلاپ، سامارىيە شەھىرىنى قورشاۋغا ئالدى. 25شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدە قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. قورشاۋغا ئېلىش تاكى بىر ئېشەك كاللىسىنىڭ باھاسى بىر كىلو كۈمۈشكە، يۈز گىرام كەپتەر مايىقىنىڭ باھاسى 60 گىرام كۈمۈشكە كەلگۈچىلىك داۋاملاشتى. 26ئىسرائىلىيە پادىشاھى سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقىنىدا، بىر ئايال ئۇنىڭغا نىدا قىلىپ:

_ ئى پادىشاھ ئالىيلىرى، ماڭا ياردەم بەرگەيلا! _ دېدى.

27پادىشاھ:

_ پەرۋەردىگار ساڭا ياردەم بەرمىسە، مەن ساڭا قانداق ياردەم بېرەلەيمەن؟ خاماندىمۇ، ئۈزۈم ئېزىش كۆلچىكىدىمۇ ھېچنېمە قالمىدى، _ دېدى. 28پادىشاھ يەنە ئۇنىڭدىن:

_ زادى نېمە ئىشىڭ بار ئىدى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇ ئايال:

_ ماۋۇ ئايال ماڭا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى، ئەتە مېنىڭ ئوغلۇمنى يەيلى» دېدى. 29شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ئوغلۇمنى پىشۇرۇپ يېدۇق. ئەتىسى مەن ئۇنىڭغا: «ئوغلۇڭنى بەر، بۈگۈن ئۇنى يەيلى» دېسەم، ئۇ ئوغلىنى يوشۇرىۋالدى، _ دېدى.

30پادىشاھ ئايالنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتتى. ئۇ سېپىل ئۈستىدە كېتىۋاتقاچقا، كىشىلەر ئۇنىڭ تونى ئىچىگە ماتەملىك كىيىم كىيىۋالغانلىقىنى كۆردى. 31ئۇ:

_ ئەگەر شافاتنىڭ ئوغلى ئېلىشانىڭ كاللىسى بۈگۈن ئۇنىڭ تېنىدە قالىدىغان بولسا، خۇدا مېنى قاتتىق جازالىسۇن! _ دېدى.

32بۇ چاغدا ئېلىشا ئۆزىنىڭ ئۆيىدە ئىدى. ئاقساقاللارمۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشاتتى. پادىشاھ بىر ئادىمىنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. لېكىن ئۇ يېتىپ كېلىشتىن ئاۋۋال ئېلىشا ئاقساقاللارغا:

_ قاراڭلار، ئاۋۇ جاللاتنىڭ مېنىڭ كاللامنى ئېلىشقا ئادەم ئەۋەتكىنىنى! ئۇ كەلگەن چاغدا سىلەر ئۇنى كىرگۈزمەي، ئىشىكنى ئىچىدىن تاقاپ تۇرىۋېلىڭلار. ئۇنىڭ خوجايىنىنىڭ قەدەم تاۋۇشى ئۇنىڭدىن كېيىنلا ئاڭلىنىدۇ، _ دېدى.

33ئېلىشا ئاقساقاللارغا گەپ قىلىۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە پادىشاھ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ مانا، بۇ بالايىئاپەت پەرۋەردىگاردىن كەلگەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن نېمىدەپ يەنە پەرۋەردىگارغا ئۈمىد باغلاپ تۇرغۇدەكمەن؟ _ دېدى.

7

1_ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار، _ دېدى ئېلىشا، _ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھەر دەرۋازىسىدا ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكىلا سېتىلىدۇ، تۆت كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكىلا سېتىلىدۇ».

2لېكىن پادىشاھنىڭ سەركەردىسى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە:

_ پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئېلىشا:

_ قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى سەن ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يىيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ، _ دېدى.

سامارىيەدىكى ئاچارچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى

3تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان تۆت ئادەم شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدا بىر-بىرىگە:

_ بىز نېمىدەپ بۇ يەردە ئۆلۈمنى كۈتۈپ ئولتۇرىمىز؟4ئەگەر بىز «شەھەرگە كىرەيلى» دېسەك، شەھەردە ئاچارچىلىق بولۇۋاتىدۇ، ئۇ يەردە ئۆلۈپ كېتىمىز. لېكىن بۇ يەردە ئولتۇرساقمۇ، ئوخشاشلا ئۆلىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، ئۇلارغا تەسلىم بولايلى. ئەگەر ئۇلار بىزنىڭ بىر قوشۇق قېنىمىزدىن كەچسە ھايات قالارمىز، ئۆلتۈرۈۋەتسە ئۆلەرمىز، _ دېيىشتى.

5شۇنىڭ بىلەن، گۇگۇم چۈشكەندە ئۇلار ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ، ئارراملارنىڭ بارگاھى تەرەپكە ماڭدى. ئۇلار ئارراملارنىڭ بارگاھىغا يېقىنلاپ كەلگەندە، ئۇ يەردە بىرمۇ ئادەمنى كۆرمىدى. 6چۈنكى ئىگىمىز ئارراملارنىڭ قوشۇنىغا جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار ۋە زور بىر قوشۇننىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىك ئاۋازىنى ئاڭلاتقانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار بىر-بىرىگە: «ئاڭلىدىڭلارمۇ، ئىسرائىلىيە پادىشاھى بىزگە ھۇجۇم قىلىشقا خىتلارنىڭ ۋە مىسىرلىقلارنىڭ پادىشاھلىرىغا پۇل بېرىپ، قوشۇنلىرىنى ياللاپتۇ» دېيىشىپ،7گۇگۇم چۈشكەندە، چېدىرلىرىنى، ئات ۋە ئېشەكلىرىنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشكەنىدى، ھەتتا بارگاھلىرىنىمۇ شۇ پېتى تاشلاپ قويۇپ، جېنىنى ئېلىپ تىكىۋېتىشكەنىدى. 8تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھېلىقى ئادەملەر بارگاھقا يېقىنلاپ بېرىپ، بىر چېدىرغا كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئالتۇن-كۈمۈش ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى ئېلىپ، بىر يەرگە تىقىپ قويدى. ئاندىن ئۇلار ئۇ يەردىن قايتىپ چىقىپ، يەنە بىر چېدىرغا كىرىپ، ئۇ يەردىكى نەرسىلەرنىمۇ ئېلىپ چىقىپ، تىقىپ قويدى. 9ئاندىن ئۇلار بىر-بىرىگە:

_ بىزنىڭ بۇنداق قىلغىنىمىز توغرا بولمىدى. بۈگۈن خۇش خەۋەر يەتكۈزىدىغان كۈن ئىدى. لېكىن بىز ئۈن-تىنسىز يۈرىۋاتىمىز. ئەگەر بىز سۈبھىگىچە ساقلايدىغان بولساق، بېشىمىزغا بالا كېلىدۇ. ئەمدى ئوردىغا بېرىپ، بۇ ئىشنى مەلۇم قىلايلى، _ دېيىشتى.

10ئۇلار شەھەر دەرۋازىسىغا كېلىپ، دەرۋازىۋەنلەرگە توۋلاپ:

_ بىز ئارراملارنىڭ بارگاھىغا بارغانىدۇق، قارىساق بىرمۇ ئادەم يوق، ھېچبىر سادامۇ يوق، پەقەت ئات، ئېشەكلەرلا باغلاقلىق تۇرۇپتۇ، چېدىرلىرىمۇ شۇ پېتى قاپتۇ، _ دېدى.

11دەرۋازىۋەنلەر توۋلىشىپ، بۇ خەۋەرنى پادىشاھ ئوردىسىغا يەتكۈزۈشتى. 12پادىشاھ كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەمەلدارلىرىغا:

_ مەن سىلەرگە ئارراملارنىڭ نېمە قىلماقچى ئىكەنلىكىنى دەپ بېرەي. ئۇلار بىزدە ئاچارچىلىق بولۇۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار ئۆزئارا: «ئۇلار شەھەردىن چىققاندا بىز ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، ئاندىن شەھەرگە كىرىمىز» دېيىشىپ، بارگاھلىرىدىن چىقىشىپ، دالادا مۆكۈنۈۋېلىشتى، _ دېدى.

13ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىدىن بىرى:

_ شەھەردىكى ئاھالىلەر ئاللىقاچان تۈگىشىپ، خۇددى ئۆلۈك ئادەملەردەك بولۇپ قالدى. بىز ھەممىمىز ھامىنى ئۆلۈپ كېتىمىز. شۇڭا قېلىپ قالغان ئاتلاردىن بەشنى ئېلىپ، ئادەم ئەۋەتىپ، نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىپ باقمايمىزمۇ؟ _ دېدى.

14ئاندىن ئۇلار ئىككى جەڭ ھارۋىسى ۋە ئاتلارنى تەييارلىدى. پادىشاھ ئۇلارنى ئاررام قوشۇنىنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا ئەۋەتتى ۋە ئۇلارغا:

_ بېرىپ، كۆزىتىپ كېلىڭلار، _ دەپ تاپىلىدى.

15ئۇلار ئارراملارنىڭ قوشۇنىنى تاكى ئىئوردان دەرياسى بويىغىچە قوغلاپ باردى. پۈتۈن يوللار ئارراملار ئالدىراپ قاچقاندا تاشلاپ كەتكەن كىيىم-كېچەك ۋە باشقا نەرسىلەر بىلەن تولۇپ كەتكەنىدى. خەۋەرچىلەر كېلىپ، پادىشاھقا بۇ خەۋەرنى يەتكۈزدى. 16ئاندىن كىشىلەر چىقىپ، ئارراملارنىڭ بارگاھىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇن پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، تۆت كىلو ئارپىمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلدى. 17پادىشاھ سەركەردىسىنى شەھەر دەرۋازىسىغا قاراشقا قويدى. خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا، پادىشاھ كەلگەن چاغدا ئېيتقىنىدەك، خالايىق سەركەردىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى. 18ئىشلار خۇددى خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى پادىشاھقا ئېيتقىنىدەك بولدى. ئۇ: «ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا سامارىيە شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىدا تۆت كىلو ئارپا پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنمۇ پەقەت 12 گىرام كۈمۈشكە سېتىلىدۇ» دېگىنىدە،19ھېلىقى سەركەردە خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىگە: «پەرۋەردىگار ئاسماندىن تۈڭلۈك ئېچىپ قويغان تەقدىردىمۇ بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنىدى. خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا: «قاراپ تۇر، شۇنداق بولغىنىنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرىسەن، لېكىن ئۇنى يېيىش ساڭا نېسىپ بولمايدۇ» دېگەنىدى. 20ئىشلار ئۇنىڭ بېشىغا شۇ تەرىقىدە كەلدى: خالايىق ئۇنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا دەسسەپ ئۆلتۈردى.

8

شۇنېملىق ئايالنىڭ ئۆز زېمىنىغا قايتا ئىگە بولۇشى

1ئېلىشا ئۆزى تىرىلدۈرگەن ئوغۇلنىڭ ئانىسىغا:

_ سىز ئورنىڭىزدىن تۇرۇپ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن نەگە بارالىسىڭىز شۇ يەرگە بېرىپ تۇرۇڭ، چۈنكى پەرۋەردىگار بۇ زېمىندا يەتتە يىلغىچە ئاچارچىلىق بولىدىغانلىقىنى قارار قىلدى، _ دېدى.

2شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئايال خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىغا بېرىپ، يەتتە يىل تۇردى. 3يەتتە يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ ئايال فىلىستىيەلىكلەرنىڭ زېمىنىدىن قايتىپ كېلىپ، پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلغىلى باردى. 4بۇ چاغدا پادىشاھ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ خىزمەتكارى گېخازىغا: «سەن ماڭا ئېلىشا قىلغان بارلىق ئۇلۇغ ئىشلار توغرۇلۇق سۆزلەپ بەر» دېگەنلىكى ئۈچۈن،5گېخازى پادىشاھقا ئېلىشانىڭ ئۆلگەن بىر بالىنى تىرىلدۈرگەن ئىشىنى سۆزلەپ بېرىۋاتقانىدى. دەل شۇ پەيتتە ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ھېلىقى ئايال پادىشاھتىن ئۆيى ۋە ئېتىزلىقىنى تەلەپ قىلىپ، كىرىپ كەلدى. گېخازى:

_ ئى پادىشاھى ئالەم، ئېلىشا ئوغلىنى تىرىلدۈرۈپ بەرگەن ئايال مانا مۇشۇدۇر، بۇ ئۇنىڭ تىرىلگەن ئوغلىدۇر، _ دېدى.

6پادىشاھ ئۇ ئايالدىن سورىۋىدى، ئۇ ھەممە ئىشنى سۆزلەپ بەردى. ئاندىن پادىشاھ ئۇ ئايالنىڭ ئىشى ئۈچۈن بىر ئەمەلدارنى بەلگىلەپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇ بۇ زېمىندىن كەتكەن كۈندىن تارتىپ، تاكى بۈگۈنكى كۈنگىچە ئېتىزلىقىدىن چىققان ھوسۇلنىڭ ھەممىسىنى قايتۇرۇپ بەر، _ دېدى.

ئېلىشانىڭ خازائېلنىڭ رەزىللىكىنى ئالدىن ئېيتىشى

7ئۇ ئىشلاردىن كېيىن ئېلىشا دەمەشققە باردى. بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى بەنھاداد كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ «خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بۇ يەرگە كەلدى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ،8ئەمەلدارى خازائېلغا:

_ سەن سوۋغا-سالاملارنى ئېلىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشكىن. ئۇ كىشى پەرۋەردىگاردىن: «مېنىڭ كېسىلىم ساقىيارمۇ؟» دېگەن سوئالىمنى سوراپ باقسۇن، _ دېدى.

9خازائېل قىرىق تۆگىگە دەمەشقنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرىدىن ئارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى. ئۇ ئېلىشانىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغۇللىرى ئاررام پادىشاھى بەنھاداد مېنى سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا: «مەن بۇ كېسەلدىن ساقىيالايمەنمۇ؟» دېگەن سوئالىنى سوراپ بېقىش ئۈچۈن ئەۋەتتى، _ دېدى.

10ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ سەن بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرىنىڭ ساقىيىپ كېتىشلىرى مۇقەررەر» دەپ ئېيتقىن، لېكىن پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، ئۇنىڭ ئۆلۈشى مۇقەررەردۇر، _ دېدى.

11ئاندىن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى تاكى خازائېل خىجىل بولغۇچە ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇردى، ئاخىرىدا ئېلىشا يىغلاپ كەتتى.

12_ خوجام، ئۆزلىرى نېمىشقا يىغلايدىلا؟ _ دېدى خازائېل.

_ چۈنكى مەن سېنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلىدىغان يامان ئىشلىرىڭنى بىلىمەن، _ دېدى ئېلىشا، _ سەن ئۇلارنىڭ قەلئەلىرىنى ئوت قويۇپ كۆيدۈرىسەن، ياشلىرىنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىسەن، ئۇششاق بالىلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرىسەن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى يارىسەن.

13_ مەن قۇللىرى قانچىلىك ئادەم ئىدىم؟ مەن پەقەت بىر ئىت، خالاس. بۇنچىلىك چوڭ ئىشلار قانداقمۇ مېنىڭ قولۇمدىن كەلسۇن؟ _ دېدى خازائېل.

_ پەرۋەردىگار ماڭا ئايان قىلدىكى، سەن ئاررام پادىشاھى بولىسەن، _ دېدى ئېلىشا.

14ئاندىن ئۇ ئېلىشا بىلەن خوشلىشىپ، ئۆزىنىڭ خوجايىنىنىڭ يېنىغا باردى. بەنھاداد ئۇنىڭدىن:

_ ئېلىشا ساڭا نېمىلەرنى دېدى؟ _ دەپ سورىدى.

خازائېل جاۋابەن:

_ ئۇ ماڭا ئۆزلىرىنىڭ جەزمەن ساقىيىپ كېتىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى، _ دېدى.

15لېكىن ئەتىسى ئۇ يوتقاننى سۇغا چىلاپ، بەنھادادنىڭ يۈزىنى ئوراپ دىمىقتۇرۇپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن خازائېل ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يىھورام

16ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 5-يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافاتنىڭ ئوغلى يىھورام تەختكە چىقىپ، پادىشاھلىق قىلدى. 17ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 32 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا سەككىز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18يىھورام ئاخابنىڭ قىزىنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرنىڭ قىلغىنىدەك، ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىدا مېڭىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 19لېكىن، پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن، يەھۇدىيەنى ۋەيران قىلىشنى خالىمىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار داۋۇتنىڭ چىرىغىنى ئۆچۈرمەي، ئەۋلادىنىڭ تەختىنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرۇشقا ۋەدە بەرگەنىدى.

20يىھورام پادىشاھ ۋاقتىدا ئىدوملۇقلار يەھۇدىيەدىن يۈز ئۆرۈپ، ئۆزلىرىگە ئايرىم بىر پادىشاھ تىكلىۋالدى. 21شۇنىڭ بىلەن يىھورام بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى ئېلىپ، زائىر شەھىرىگە باردى. ئۇ، كېچىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ھارۋىلىق لەشكەرلەر باشلىقلىرى بىلەن بىرگە ئۆزلىرىنى قورشاپ تۇرغان ئىدوملۇقلار ئارىسىدىن قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭ قوشۇنىدىكى لەشكەرلەر ئۆيلىرىگە تاراپ كەتتى. 22شۇنىڭدىن كېيىن ئىدوملۇقلار تاكى ھازىرغىچە يەھۇدىيەگە قارشى چىقىپ كەلمەكتە. شۇ چاغدا لىبناھلىقلارمۇ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىشقانىدى.

23يىھورام پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 24يىھورام ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا

25ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى يىھورامنىڭ ئوغلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 26ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا بىر يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئومرىنىڭ نەۋرىسى ئاتاليا ئىدى. 27ئاخازيا ئاخاب جەمەتىدىكىلەر بىلەن نىكاھ مۇناسىۋىتىدە بولغاچقا، خۇددى ئاخاب جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش، ئۇلارنىڭ يولىنى تۇتۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

28ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، گىلئادتىكى راموتقا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلغىلى باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى. 29شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ يورام يارىسىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتتى. يورام يارىلانغانلىقى ئۈچۈن ئاخازيا يىزرىئەلگە ئۇنى يوقلاپ باردى.

9

يېھۇنىڭ راموتتا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇشى

1ئېلىشا پەيغەمبەر پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن بىر كىشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:

_ سەن بېلىڭنى باغلاپ، ماۋۇ بىر قۇتا ياغنى كۆتۈرۈپ، گىلئادتىكى راموتقا بارغىن. 2ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن، يىھوشافاتنىڭ ئوغلى _ نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇنى تاپقىن. ئۇنى بۇرادەرلىرى ئىچىدىن چاقىرىپ چىقىپ، ئىچكىرىكى بىر ئۆيگە ئەكىرگىن. 3ئاندىن قۇتىدىكى ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ: «پەرۋەردىگار: ‹سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم› دەيدۇ» دېگىن. ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپلا دەرھال قېچىپ كەتكىن، _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن ئۇ ياش پەيغەمبەر گىلئادتىكى راموتقا قاراپ ماڭدى. 5ئۇ، ئۇ يەرگە بارغاندا، ئىسرائىلىيە قوشۇنىنىڭ سەركەردىلىرىنىڭ شۇ يەردە ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ:

_ سەركەردە، سىلىگە گېپىم بار ئىدى، _ دېدى.

_ قايسىمىزغا؟ _ دەپ سورىدى يېھۇ.

_ ئۆزلىرىگە، ئەي سەركەردە، _ دېدى ئۇ.

6يېھۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىردى. پەيغەمبەر ياغنى يېھۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «مەن سېنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى بولغان ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم. 7سەن خوجاڭ ئاخاب پادىشاھنىڭ جەمەتىنى يوقىتىسەن. مەن خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ ۋە مېنىڭ باشقا بارلىق خىزمەتكارلىرىمنىڭ تۆكۈلگەن قېنى ئۈچۈن ئىزەبەلدىن ئىنتىقام ئالىمەن. 8ئاخابنىڭ پۈتۈن جەمەتى يوقىتىلىدۇ. مەن ئىسرائىللاردىن ئاخابقا تەۋە ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسىنى قېرى-ياش دېمەي ھالاك قىلىمەن. 9مەن ئاخابنىڭ جەمەتىنى، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ جەمەتى ۋە ئاخىيانىڭ ئوغلى باشانىڭ جەمەتىنى يوقاتقاندەك يوقىتىمەن. 10ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ، ئۇنى دەپنە قىلىشقا ئادەم چىقمايدۇ»، _ دېدى، ئاندىن ئىشىكنى ئېچىپ، قېچىپ كەتتى.

11يېھۇ سەركەردىلىرىنىڭ قېشىغا قايتىپ چىقىۋىدى، ئۇلاردىن بىرى ئۇنىڭدىن:

_ ھەممە ئىش ياخشىدۇ؟ بۇ ساراڭ قېشىڭغا نېمىدەپ كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇ ئۇلارغا:

_ سىلەر ئۇنىڭ قانداق ئادەملىكىنى، ئۇنىڭ قانداق گەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلىسىلەرغۇ، _ دېدى.

12_ قۇرۇق گەپ قىلماي، بىزگە ئېيتقىنا، _ دېدى ئۇلار.

يېھۇ:

_ ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار ئۆزلىرىگە ئېيتىدۇكى: ‹مەن سېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىقىغا تەيىنلىدىم›».

13ئاندىن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى سېلىپ، ئۇنىڭ پۇتىنىڭ ئاستىدىكى پەلەمپەيگە پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى.

يېھۇنىڭ يورام ۋە ئاخازيانى ئۆلتۈرۈشى

14شۇنداق قىلىپ يىھوشافاتنىڭ ئوغلى _ نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇ يورام پادىشاھقا سۇيىقەست پىلانلىدى. (بۇ چاغدا يورام ۋە پۈتۈن ئىسرائىلىيە قوشۇنى گىلئادتىكى راموتتا ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتاتتى. 15لېكىن پادىشاھ يورام ئاررام پادىشاھى خازائېل بىلەن جەڭ قىلغاندا، ئارراملار ئۇنى يارىلاندۇرغانلىقتىن، ئۇ جاراھىتىنى ساقايتىش ئۈچۈن يىزرىئەلگە قايتىپ كەتكەنىدى.) شۇڭا يېھۇ ئادەملىرىگە:

_ ئەگەر مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى ئۈمىد قىلساڭلار، بىرەر كىشىنىڭ شەھەردىن ئايرىلىشىغا ياكى يىزرىئەلگە قېچىپ بېرىپ، خەۋەر يەتكۈزۈشىگە يول قويماڭلار، _ دېدى.

16ئاندىن ئۇ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىپ، يىزرىئەلگە باردى. يورام ئۇ يەردە يارىدار بولۇپ ياتقانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا ئۇنى يوقلاپ كەلگەنىدى. 17يىزرىئەلدىكى مۇناردا تۇرغان كۆزەتچى يېھۇ قوشۇنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

_ بىر توپ قوشۇن كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

يورام:

_ بىر ئاتلىق لەشكەرنى چاقىرىڭلار، ئۇ بېرىپ، ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، «تىنچ-ئامان كېلىۋاتامسىلەر؟» دەپ سورىسۇن، _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن بىر ئاتلىق لەشكەر يېھۇ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ:

_ پادىشاھىمىز «تىنچ-ئامان كېلىۋاتامسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭغا:

_ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.

كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ:

_ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.

19پادىشاھ ئىككىنچى قېتىم يەنە بىر ئاتلىق لەشكەرنى ئەۋەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ پادىشاھىمىز «تىنچ-ئامان كېلىۋاتامسىلەر؟» دەپ ئەھۋال سوراۋاتىدۇ، _ دېۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭغا:

_ سالىمىڭنى قويۇپ، ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.

20كۆزەتچى بۇنى كۆرۈپ:

_ خەۋەرچى ئۇلارنىڭ يېنىغا باردى، لېكىن قايتىپ كەلمىدى. ھارۋا ھەيدىشىدىن قارىغاندا نىمشىنىڭ نەۋرىسى يېھۇدەك قىلىدۇ، ئۇ ھارۋىنى ساراڭدەك ھەيدەيتتى، _ دەپ خەۋەر قىلدى.

21شۇنىڭ بىلەن يورام پادىشاھ:

_ ھارۋا تەييارلاڭلار، _ دېدى.

ئۇلار پادىشاھقا ھارۋا تەييارلاپ بېرىشتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورام بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا يېھۇ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ، ھەرقايسىسى ئۆز جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ، شەھەردىن چىقىشتى. ئۇلار يېھۇ بىلەن يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىدا ئۇچراشتى. 22يورام يېھۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا:

_ تىنچ-ئامان كەلدىڭىزمۇ؟ _ دېدى.

يېھۇ:

_ ئاناڭ ئىزەبەلنىڭ بۇتپەرەسلىكى بىلەن جادۇگەرلىكى شۇنچە جىق تۇرسا، قانداقمۇ تىنچ-ئامانلىق بولسۇن؟ _ دېدى.

23يورام دەرھال بۇرۇلۇپ، قاچقىنىچە ئاخازياغا:

_ ھەي ئاخازيا، بۇ ئاسىيلىق! _ دەپ توۋلىدى.

24يېھۇ ياسىغا ئوقنى قويۇپ، يورامنىڭ غولىنى چەنلەپ ئېتىۋىدى، ئوق ئۇنىڭ يۈرىكىنى يېرىپ چىقتى. ئۇ ئۆز ھارۋىسىغا يىقىلدى. 25يېھۇ ياردەمچىسى بىدقارغا:

_ ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، يىزرىئەللىك نابوتنىڭ ئېتىزلىقىغا تاشلىۋەت. ئېسىڭدە بولسۇنكى، سەن بىلەن مەن ئۇنىڭ ئاتىسى ئاخابنىڭ كەينىدە جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەپ يۈرگەن چاغلىرىمىزدا، پەرۋەردىگار ئاخاب ھەققىدە مۇنداق بىر ۋەھىينى ئېيتقانىدى:26«مەنكى پەرۋەردىگار تۈنۈگۈن نابوتنىڭ قېنى بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قېنىنى كۆردۈم. مەن بۇ قان قەرزنى ساڭا مۇشۇ ئېتىزلىقتا ياندۇرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر». ئەمدى سەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزى بويىچە ئۇنى كۆتۈرۈپ بېرىپ، ئېتىزلىققا تاشلىۋەت، _ دېدى.

27يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ:

_ ئۇنىمۇ ئېتىڭلار! _ دېدى.

ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ تۆپىلىكىدە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى. 28خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئېلىپ بېرىپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»دە، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. 29(ئاخابنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 11-يىلى ئاخازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولغانىدى.)

30يېھۇ يىزرىئەلگە باردى. ئىزەبەل بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كۆزلىرىگە سۈرمە سۈرۈپ، چېچىنى تاراپ، دېرىزىدىن قاراپ تۇردى. 31يېھۇ دەرۋازىدىن كىرگەن چاغدا ئىزەبەل:

_ خوجىسىنى ئۆلتۈرگەن زىمرى،* تىنچلىقمۇسەن؟ _ دېدى.

32يېھۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، دېرىزىگە قاراپ:

_ كىم ماڭا ئەگىشىدۇ؟ كىم؟ _ دېدى.

ئىككى-ئۈچ ئاغۋات دېرىزىدىن ئۇنىڭغا قارىدى. 33يېھۇ ئۇلارغا:

_ ئىزەبەلنى يەرگە تاشلاڭلار! _ دېدى، ئۇلار ئىزەبەلنى يەرگە تاشلىدى. ئۇنىڭ قېنى تامغا ۋە ئاتلارغا چاچرىدى، يېھۇ ئات بىلەن ئۇنى دەسسەپ، چەيلىدى. 34يېھۇ ئۆيگە كىرىپ، يەپ-ئىچىپ، ئاندىن:

_ سىلەر بېرىپ، ئاۋۇ قارغىش تەگكۈر خوتۇننى كۆمۈۋېتىڭلار، نېمىلا دېگەنبىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ قىزى ئەمەسمۇ، _ دېدى.

35بىراق ئۇلار جەسەتنى كۆمۈشكە بېرىپ، ئۇنىڭ باش سۆڭىكى ۋە پۇت-قوللىرىدىن باشقا ھېچ نەرسىنى تاپالمىدى. 36شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قايتىپ بېرىپ، ئەھۋالنى يېھۇغا ئېيتتى. يېھۇ:

_ بۇ دەل پەرۋەردىگارنىڭ، خىزمەتكارى تىشبىلىك ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزىدۇر: «ئىزەبەلنىڭ جەسىتى يىزرىئەلنىڭ ئېتىزلىرىدا ئىتلارغا يەم بولىدۇ. 37ئىزەبەلنىڭ ئۆلۈكى يىزرىئەل ئېتىزلىرىدىكى قىغدەك بولۇپ كېتىدۇ، ھېچكىم ئۇنى ‹ماۋۇ ئىزەبەل ئىكەن› دەپ ئېيتالمايدۇ»، _ دېدى.



*31زىمرى _ «پادىشاھلار 1-قىسىم» 16-باب 8‏-ئايەتتىن 20-ئايەتكىچە قارالسۇن.


10

يېھۇنىڭ ئاخابنىڭ جەمەتىنى قىرغىن قىلىشى

1ئاخاب پادىشاھنىڭ سامارىيە شەھىرىدە 70 ئوغلى بار ئىدى. يېھۇ سامارىيەدە تۇرۇۋاتقان يىزرىئەل شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرىغا، ئاقساقاللىرىغا ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ:

2«ئاڭلىسام، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى سىلەرنىڭ قېشىڭلاردا ئىكەن، سىلەردە جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلار، سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەر ۋە قورال-ياراغلارمۇ بار ئىكەن. ئەگەر پېتىنساڭلار، بۇ مەكتۇپ قولۇڭلارغا تەگكەن ھامان،3خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق بىرسىنى تاللاپ، ئاتىسىنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزۇڭلار ھەم خوجايىنىڭلارنىڭ جەمەتى ئۈچۈن ماڭا قارشى جەڭگە چىقىڭلار» دېدى.

4ئۇلار قاتتىق قورققان ھالدا: «ئىككى پادىشاھ يېھۇغا تەڭ كېلەلمىگەن يەردە، بىز قانداقمۇ تەڭ كېلەلەيمىز؟» دېيىشتى. 5ئوردا غوجىدارى، شەھەر باشلىقى، ئاقساقاللار ۋە ئاخابنىڭ بالىلىرىغا ھامىيلىق قىلغۇچىلار بىرلىشىپ، يېھۇغا:

«بىز ئۆزلىرىنىڭ قۇللىرىدۇرمىز، نېمە بۇيرۇسىلا شۇنى ئورۇنلايمىز. ھېچكىمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىمەيمىز. سىلىنىڭ نەزەرلىرىدە ياخشى بولغان ئىشنى قىلىمىز» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.

6يېھۇ ئۇلارغا ئىككىنچى بىر مەكتۇپنى يېزىپ:

«ئەگەر سىلەر مەن تەرەپتە تۇرىدىغان، سۆزۈمنى ئاڭلايدىغان بولساڭلار، خوجايىنىڭلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، ئەتە مۇشۇ ۋاقىتلاردا يىزرىئەلگە _ مېنىڭ قېشىمغا كېلىڭلار» دېدى.

ئۇ چاغدا ئاخاب پادىشاھنىڭ 70 ئوغلى ئۇلارغا قاراۋاتقان شەھەر ئاقساقاللىرىنىڭ يېنىدا ئىدى. 7مەكتۇپ ئۇلارغا يەتكەندە، ئۇلار ئاخاب پادىشاھنىڭ 70 ئوغلىنى تۇتۇپ، ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ، كاللىلىرىنى سېۋەتلەرگە سېلىپ، يىزرىئەلدە تۇرۇۋاتقان يېھۇغا ئەۋەتىپ بەردى. 8خەۋەرچى كېلىپ، يېھۇغا:

_ ئۇلار پادىشاھىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كەپتۇ، _ دېدى.

يېھۇ:

_ شەھەر دەرۋازىسى ئالدىغا ئىككى دۆۋە قىلىپ، دۆۋىلەپ قويۇڭلار، ئەتە ئەتىگەنگىچە تۇرسۇن، _ دېدى.

9ئەتىسى ئەتىگەندە يېھۇ خەلقنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

_ سىلەر گۇناھسىز. خوجايىنىمنى مانا مەن سۇيىقەست پىلانلاپ ئۆلتۈردۈم. لېكىن ئوغۇللىرىنى مەن يالغۇز ئۆلتۈرمىدىم. 10بىلىپ قويۇڭلاركى، پەرۋەردىگارنىڭ ئاخاب جەمەتى توغرىسىدا ئېيتقان سۆزى ھەرگىز ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ. پەرۋەردىگار ئۆز خىزمەتكارى ئىلياس ئارقىلىق ئېيتقان سۆزلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، _ دېدى.

11شۇنىڭ بىلەن يېھۇ يىزرىئەلدە ئاخاب جەمەتىدىن قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەم ئۇنىڭغا خىزمەت قىلغان ئەربابلارنى، تونۇش-بىلىشلىرىنى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قالدۇرماي قىرىپ تاشلىدى.

12يېھۇ سامارىيەگە قاراپ ماڭدى. ئۇ قويچىلار ئۇچرىشىدىغان بەيت-ئېقەدتىن ئۆتكەندە،13يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيانىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى ئۇچرىتىپ، ئۇلاردىن:

_ سىلەر كىم بولىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ بىز ئاخازيانىڭ تۇغقانلىرى بولىمىز. بىز يورام پادىشاھنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئانىسى ئىزەبەلنىڭ جەمەتىنىڭ ئالدىغا سالامغا كېتىۋاتىمىز _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

14يېھۇ:

_ ئۇلارنى تىرىك تۇتۇڭلار! _ دېدى.

يېھۇنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى تىرىك تۇتۇپ، بەيت-ئېقەدتىكى ئازگالنىڭ يېنىدا 42 ئادەمنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئۆلتۈرۈۋەتتى. 15يېھۇ ئۇ يەردىن ئايرىلدى. يولدا ئۆزى بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىۋاتقان رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بەردى ۋە:

_ مەن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا سادىقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ھەئە، _ دېدى يېھوناداب.

_ ئەگەر شۇنداق بولسا، ئەكەل قولۇڭنى، _ دېدى يېھۇ.

يېھوناداب قولىنى ئۇزىتىۋىدى، يېھۇ ئۇنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ جەڭ ھارۋىسىغا چىقىرىۋالدى. 16يېھۇ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىلەن بىللە بېرىپ، پەرۋەردىگارغا بولغان قىزغىنلىقىمنى كۆرگىن، _ دېدى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرگە جەڭ ھارۋىسىغا چىقتى.

17ئۇ سامارىيەگە كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئىلياسقا ئېيتقان سۆزى بويىچە، ئاخابنىڭ جەمەتىدىن قېلىپ قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلىدى.

يېھۇنىڭ بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى قىرىپ تاشلىشى

18يېھۇ پۈتۈن خەلقنى جەم قىلىپ، ئۇلارغا:

_ ئاخاب بائالنىڭ خىزمىتىنى ئاز قىلغانىدى، لېكىن مەن ئۇنىڭ خىزمىتىنى كۆپ قىلماقچىمەن. 19شۇڭا بائالنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى، چوقۇنغۇچىلىرى ۋە روھانىيلىرىنىڭ بىرنىمۇ قالدۇرماي يىغىڭلار. مەن بائالغا كاتتا بىر قۇربانلىق تەقدىم قىلماقچىمەن. كەلمىگەنلەر تىرىك قالمايدۇ، _ دېدى. يېھۇنىڭ بۇنداق ھىيلە ئىشلىتىشى بائالغا چوقۇنغۇچىلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئىدى. 20ئۇ يەنە:

_ بائالنىڭ شەرىپى ئۈچۈن كاتتا بىر بايرام ئۆتكۈزۈڭلار، دەپ ئېلان چىقاردى. خەلق بۇنى باشقىلارغا يەتكۈزدى.

21يېھۇ ئىسرائىلىيەنىڭ ھەممە يېرىدە بۇ سۆزنى جاكارلاتتى. بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىنىڭ بىرىمۇ قالماي كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بائالنىڭ بۇتخانىسىغا كىردى، ئۇلار بۇتخانىنىڭ بۇ بېشىدىن ئۇ بېشىغىچە لىق تولدى. 22يېھۇ بۇتخانىدىكى تونلارغا مەسئۇل كىشىگە:

_ بائالغا چوقۇنىدىغانلارنىڭ ھەممىسىگە تونلارنى كەلتۈرگىن، _ دېدى.

ئۇ ئۇلارغا تون كەلتۈردى. 23يېھۇ رېكابنىڭ ئوغلى يىھوناداب بىلەن بۇتخانىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، بائالنىڭ چوقۇنغۇچىلىرىغا:

_ بۇ يەردە بائالغا ئىبادەت قىلغۇچىلارلا قالسۇن، قاراپ بېقىڭلار، ئاراڭلاردا پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلغۇچىلار بولۇپ قالمىسۇن يەنە، _ دېدى.

24جامائەت كۆيدۈرمە ۋە باشقا قۇربانلىق تەقدىم قىلىشقا باشلىدى. يېھۇ 80 كىشىنى سىرتتا تۇرغۇزۇپ، ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا تاپشۇرغان كىشىلەردىن بىرەرسىنى قاچۇرۇپ قويساڭلار، ئۇلارنىڭ ئورنىغا سىلەرنىڭ جېنىڭلارنى ئالىمەن، _ دېگەنىدى.

25يېھۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تەقدىم قىلىپ بولۇشىغىلا، ئۇ ياساۋۇللىرىغا ۋە سەركەردىلەرگە:

_ سىلەر كىرىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، بىرسىمۇ قېچىپ كەتمىسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ياساۋۇللار ۋە سەركەردىلەر ئۇلارنى قىلىچلاپ ئۆلتۈردى. ئۇلار ئۆلۈكلەرنى سىرتقا تاشلاپ، بائال بۇتخانىسىنىڭ ئىچكىرىكى خانىسىغا كىرىشتى. 26ئۇلار بائال بۇتخانىسىنىڭ تاش ئابىدىسىنى ئېلىپ چىقىپ، كۆيدۈرۈپ،27بۇزۇپ تاشلىدى ۋە بائال بۇتخانىسىنى ۋەيران قىلىۋەتتى. تاكى ھازىرغىچە كىشىلەر ئۇ يەرنى ھاجەتخانا ئورنىدا ئىشلەتمەكتە. 28يېھۇ ئىسرائىلىيەدە بائالغا چوقۇنۇشنى ئەنە شۇ يوسۇندا تۈگەتتى. 29لېكىن يېھۇ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بەيتەل بىلەن داندىكى ئالتۇندىن ياسالغان موزاي بۇتلارغا چوقۇنۇشقا يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

يېھۇنىڭ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشى

30پەرۋەردىگار يېھۇغا:

_ سەن مېنىڭ نەزىرىمدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئاخابنىڭ جەمەتىنى پۈتۈنلەي مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىدەك بىر تەرەپ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.

31لېكىن يېھۇ، ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ تەۋرات قانۇنىغا پۈتۈن قەلبى بىلەن بويسۇنمىدى. ئۇ ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

32شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى چېگرالىرىغا،33يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ئارنون دەرياسىغا يېقىن بولغان شەھەر ئاروئېردىن باشلاپ پۈتۈن گىلئاد ۋە باشان زېمىنلىرىگىچە ھۇجۇم قىلدى ۋە ئۇ يەردىكى گادلارنىڭ، رۇبېنلارنىڭ ۋە شەرقىي ماناسسە قەبىلىلىرىنىڭ بارلىق زېمىنلىرىنى بېسىۋالدى.

34يېھۇ پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن ھەممە نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 35يېھۇ ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە دەپنە قىلىندى. يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. 36يېھۇ پادىشاھ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە 28 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

11

ئاتاليانىڭ يەھۇدىيەدە زوراۋانلىق قىلىشى

1پادىشاھ ئاخازيانىڭ ئانىسى ئاتاليا ئوغلى ئاخازيانىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. 2لېكىن يىھورام پادىشاھنىڭ قىزى، يەنى ئاخازيانىڭ سىڭلىسى بولغان يىھوشەبا ئاخازيا پادىشاھنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغان ئوغۇللىرى ئارىسىدىن يوئاش ئىسىملىك ئوغلىنى ئېلىپ چىقىپ، ئۇنى ئىنىكئانىسى بىلەن بىرگە كىچىك بىر ھۇجرىغا يوشۇرۇپ قويدى. بالا ئاتاليادىن يوشۇرۇلۇپ قالغاچقا، قەتل قىلىنمىدى. 3ئاتاليا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە يوئاش بىلەن ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئالتە يىل يوشۇرۇنۇپ تۇردى.

روھانىي يىھويادانىڭ يوئاشنى پادىشاھلىققا تەيىنلىشى

4يەتتىنچى يىلى باش روھانىي يىھويادا كارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ياللانما لەشكەرلەر ۋە مۇھاپىزەتچىلەرنىڭ يۈزبېشىلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا يىغدى. باش روھانىي ئۇلار بىلەن ئۆزىنىڭ پىلانى ھەققىدە كېلىشتى ۋە ئۇلارغا قەسەم ئىچكۈزدى. ئۇ ئۇلارغا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى كۆرسىتىپ،5مۇنداق بۇيرۇق بەردى:

_ سىلەر مۇنداق قىلىڭلار، كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلاردىن ئۈچتىن بىرىڭلار پادىشاھ ئوردىسىنى مۇھاپىزەت قىلىڭلار. 6يەنە بىر ئۈچتىن بىرىڭلار «سۇر» دەرۋازىسىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار، قالغان ئۈچتىن بىرىڭلار مۇھاپىزەتخانىنىڭ ئارقىسىدىكى دەرۋازىدا مۇھاپىزەتتە تۇرۇڭلار. سىلەر نۆۋەت بىلەن ئىبادەتخانىنى ساقلاڭلار. 7كېلەركى دەم ئېلىش كۈنى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغان ئىككى بۆلەكتىكىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا، پادىشاھلىق تەختىگە چىقىدىغان يوئاشنى مۇھاپىزەت قىلسۇن. 8ھەممىڭلار قوراللىق ھالدا ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىدا تۇرۇپ، ئۇنى قوغداڭلار. بىرەرسى سېپىڭلارغا يېقىنلاشماقچى بولسا، ئۆلتۈرۈلسۇن. يوئاش چىقىپ-كىرىپ يۈرگىنىدە، سىلەر ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلماڭلار.

9يۈزبېشىلار باش روھانىي يىھويادانىڭ بۇيرۇقىنىڭ ھەممىسىنى ئىجرا قىلىشتى. مەيلى كېلەركى دەم ئېلىش كۈنىدە نۆۋەتچىلىك قىلىدىغانلار بولسۇن، مەيلى نۆۋەتچىلىك قىلمايدىغانلار بولسۇن، ئۆز ئادەملىرىنى ئېلىپ، باش روھانىي يىھويادانىڭ قېشىغا كېلىشتى. 10باش روھانىي يىھويادا بۇرۇن داۋۇت پادىشاھقا تەۋە بولغان، ھازىر ئىبادەتخانىدا ساقلىنىۋاتقان نەيزە ۋە قالقانلارنى يۈزبېشىلارغا بەردى. 11مۇھاپىزەتچىلەر قوللىرىدا قورال-ياراغلىرىنى تۇتقان ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ ئالدىدا، جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ، ياي شەكلىدە تىزىلىپ، ئالدىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا قىلىپ، يوئاشنى چۆرىدەپ تۇرۇشتى. 12باش روھانىي يىھويادا پادىشاھنىڭ ئوغلى يوئاشنى ئېلىپ چىقىپ، بېشىغا تاج كىيدۈردى. ئۇنىڭغا تەۋرات قانۇنىنى تاپشۇرۇپ، ئۇنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەپ، بېشىغا ياغ قۇيدى. خەلق چاۋاك چېلىشىپ، «ياشىسۇن پادىشاھ!» دەپ توۋلاشتى.

13ئاتاليا مۇھاپىزەتچىلەر ۋە خەلقنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئىبادەتخانىغا يىغىلغانلارنىڭ يېنىغا باردى. 14ئۇ يوئاشنىڭ خۇددى پادىشاھلاردەك تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا، يۈزبېشىلار ۋە كانايچىلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغانلىقىنى، خەلقنىڭ خۇشاللىققا چۆمۈپ، كاناي چېلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كىيىملىرىنى يىرتتى ۋە «ئاسىيلىق، ئاسىيلىق!» دەپ ۋارقىراپ كەتتى.

15باش روھانىي يىھويادا ئاتاليانىڭ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىدا ئۆلتۈرۈلۈشىنى خالىمىغانلىقى ئۈچۈن، قوشۇننىڭ يۈزبېشىلىرىغا:

_ بۇ خوتۇننى ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار! كىمكى ئۇنىڭغا ئەگىشىدىكەن، ئۇنى چېپىپ تاشلاڭلار، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئېلىپ چىقىپ، ئوردىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنى ئاتلىقلار كىرىدىغان دەرۋازىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى.

17يىھويادا يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ سادىق خەلقى بولسۇن دەپ، پادىشاھ، خەلق ۋە پەرۋەردىگار ئوتتۇرىسىدا ئەھدە تۈزدى. ئۇ يەنە پادىشاھ بىلەن خەلق ئوتتۇرىسىدىمۇ ئەھدە تۈزدۈردى. 18ئاندىن پۈتۈن خەلق بائال بۇتخانىسىغا بېرىپ، بۇتخانىنى چېقىۋېتىشتى. ئۇلار بائالنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرى ۋە بۇتلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، بائالنىڭ روھانىيسى ماتتاننى قۇربانلىق سۇپىلىرى ئالدىدا ئۆلتۈردى. باش روھانىي يىھويادا يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مۇھاپىزەتچىلەرنى تۇرغۇزدى. 19ئۇ يەنە يۈزبېشىلار، كارلىقلار، مۇھاپىزەتچىلەرنى ۋە شۇ يەردىكى پۈتۈن خەلقنى باشلاپ، پادىشاھنى ئىبادەتخانىدىن ئېلىپ چىقىپ، مۇھاپىزەتچىلەر دەرۋازىسى ئارقىلىق ئوردىغا كىردى. ئاندىن يوئاش پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. 20پۈتۈن خەلق خۇشاللىققا چۆمۈپ، شەھەر خاتىرجەم بولدى. چۈنكى ئاتاليا ئوردىدا چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش

21يوئاش تەختكە چىققان چاغدا يەتتە ياش ئىدى.

12

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى يېھۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى يوئاش يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولۇپ، يېرۇسالېمدا 40 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى بەئەرشەبا شەھىرىدىن بولۇپ، ئىسمى زەبىيە ئىدى. 2يوئاش باش روھانىي يىھويادانىڭ ۋاقتىدا، ئۇنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 3بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

يوئاشنىڭ ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشى

4يوئاش روھانىيلارغا مۇنداق دېگەنىدى:

_ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىدىغان پۇللارنى، يەنى مەيلى ئادەملەرنى رويخەتكە ئېلىش ھەققى بولسۇن، مەيلى ئادەم ئورنىغا بېرىلىدىغان تۆلەم پۇلى ياكى خالىس قىلىنىدىغان ھەدىيە بولسۇن ھەممىسىنى يىغىپ كېلىڭلار.*5سىلەر روھانىيلار تەقدىم قىلىنغان بۇ پۇللارنى ئېلىپ، ئىبادەتخانىنىڭ قايسى يېرى بۇزۇلغان بولسا، شۇ يەرنى ئوڭشىتىڭلار.

6لېكىن يوئاش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلىغا كەلگەندىمۇ روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى تېخىچە ئوڭشاتمىغانىدى. 7شۇ سەۋەبتىن پادىشاھ يوئاش باش روھانىي يىھويادا ۋە باشقا روھانىيلارنى چاقىرتىپ:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشاتمايسىلەر؟ شۇڭا تەقدىم قىلغۇچىلاردىن توپلىنىدىغان پۇللارنى ئەمدى سىلەر ساقلىماڭلار، ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىش ئۈچۈن توپلانغان پۇللارنى تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى.

8روھانىيلار خەلقتىن توپلانغان پۇللارنى ساقلاش ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا مەسئۇل بولماسلىققا ماقۇل بولدى. 9باش روھانىي يىھويادا بىر ساندۇق ياسىتىپ، ئۇنىڭ قاپقىقى ئۈستىدىن بىر تۆشۈك ئېچىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا، ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە قويۇپ قويدى. مۇھاپىزەتچى روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان پۇلنىڭ ھەممىسىنى شۇ ساندۇققا سالىدىغان بولدى. 10ساندۇق پۇلغا تولغان ھامان پادىشاھنىڭ پۈتۈكچىسى بىلەن باش روھانىي كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ھەدىيە قىلىنغان بۇ پۇللارنى ساناپ، خالتىغا سالاتتى. 11ئۇلار ساناپ چىقىلغان پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇراتتى. ئاندىن نازارەتچىلەر بۇ پۇل بىلەن ئىبادەتخانىدا ئىشلەۋاتقان ياغاچچىلار، قۇرۇلۇشچىلار،12تامچىلار ۋە تاشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى تۆلەيتتى. ئۇلار يەنە ياغاچلار ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋالاتتى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ بارلىق بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشىتىشقا كەتكەن چىقىملارنىڭ ھەممىسىنى تۆلەيتتى. 13لېكىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنگەن پۇللارغا ئىبادەتخانىدا ئىشلىتىلىدىغان كۈمۈش پىيالە، پىلىك قايچىسى، داس، كاناي ياكى ھەرقانداق ئالتۇن-كۈمۈش بۇيۇملار ياسىتىلماي،14بۇ پۇل قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بېرىلىپ، ئىبادەتخانىنى ئوڭشىتىشقا ئىشلىتىلەتتى. 15ئىشچىلارغا ئىش ھەققى بېرىش ئۈچۈن نازارەتچىلەرگە بېرىلگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمايتتى. چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلاتتى. 16لېكىن ئەيىبنى يۇيۇش ئۈچۈن ۋە گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىشى ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىقلارنىڭ پۇلى ئىبادەتخانىغا بېرىلمەيتتى، ئۇلار روھانىيلارغا تەۋە ئىدى.

يوئاشنىڭ يېرۇسالېمنى ساقلاپ قىلىشى

17ئۇ چاغلاردا ئاررام پادىشاھى خازائېل گاتقا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ئىگىلىۋالدى. ئۇ يەنە يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن يېقىنلاپ كەلدى. 18يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاش يەھۇدىيەنىڭ ئىلگىرىكى پادىشاھلىرى بولغان ئاتا-بوۋىلىرىدىن يىھوشافات، يىھورام، ئاخازيالار ۋە ئۆزى پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلغان بارلىق مۇقەددەس بۇيۇملارنى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇنلارنى ئېلىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا ئەۋەتىپ بەردى. ئاندىن خازائېل يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلماي چېكىندى.

19يوئاش پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20يوئاشنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى سىللاغا بارىدىغان يولدا، تىندۇرۇلغان يەرنىڭ يېنىدىكى ئۆيدە قەتل قىلدى. 21ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن ئەمەلدارلارنىڭ بىرى شىمئاتنىڭ ئوغلى يوزاباد، يەنە بىرى شومېرنىڭ ئوغلى يىھوزاباد ئىدى. يوئاش ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامازيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.



*4«تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 30-باب 11-ئايەتتىن 16 ئايەتكىچە، «تەۋرات. لاۋىيلار» 27-باب 1-ئايەتتىن 8-ئايەتكىچە ۋە «تەۋرات. لاۋىيلار» 22-باب 18-ئايەتكە قارالسۇن.


13

ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخاز

1ئاخازيانىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 23-يىلى يېھۇنىڭ ئوغلى يىھوئاخاز سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 17 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، گۇناھلاردىن قول ئۈزمەي، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى. 3شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئۇزۇن ۋاقىت ئاررام پادىشاھى خازائېلنىڭ ۋە خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى.

4شۇنىڭ بىلەن يىھوئاخاز پەرۋەردىگاردىن شەپقەت تىلىدى. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئاررام پادىشاھى تەرىپىدىن ئېزىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەچكە، ئۇنىڭ تىلىكىنى ئىجابەت قىلدى. 5پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىشى نەتىجىسىدە ئۇلار ئارراملارنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئاۋۋالقىدەكلا ئۆز يۇرتىدا ياشاپ قالدى. 6شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇلار ياروبئام جەمەتىنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىدىن قول ئۈزمىدى، شۇ گۇناھلارنى داۋاملاشتۇرىۋەردى. ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىمۇ سامارىيەدە تۇرىۋەردى.

7ئاررام پادىشاھى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاخازنىڭ قوشۇنىنى خۇددى خاماننى دەسسەپ چەيلىگەندەك چەيلەپ ۋەيران قىلغاچقا، ئاخىرى ئۇلاردىن پەقەت ئەللىك ھارۋىلىق لەشكەر، ئون جەڭ ھارۋىسى ۋە ئون مىڭ پىيادە لەشكەرلا قالغانىدى.

8يىھوئاخاز پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 9يىھوئاخاز ۋاپات بولۇپ، سامارىيەگە دەپنە قىلىندى. ئۇنىڭ ئوغلى يىھوئاش ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش

10يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 37-يىلى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 11ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىدىن قول ئۈزمەي، داۋاملىق گۇناھ ئۆتكۈزدى.

12يوئاش پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 13يىھوئاش ۋاپات بولدى. ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ئولتۇردى. يىھوئاش سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى.

ئېلىشانىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

14ئېلىشا سەكراتقا چۈشۈپ قالغاندا، ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۇنى يوقلاپ كېلىپ:

_ ئاتا! ئاتا! ئۆزلىرى ئىسرائىلىيەنىڭ جەڭ ھارۋىسى ۋە ھارۋىلىق جەڭچىسى ئىدىلەغۇ! _ دەپ يىغلاپ كەتتى.

15ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ يا بىلەن بىرقانچە ئوق ئېلىپ كەل! _ دېدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا يا بىلەن ئوقلارنى ئەكەلدى. 16ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ يانى قولۇڭغا ئال! _ دېدى.

يىھوئاش يانى قولىغا ئالدى. ئاندىن ئېلىشا قولىنى پادىشاھنىڭ قولىغا قويدى. 17ئېلىشا:

_ شەرق تەرەپتىكى دېرىزىنى ئاچ، _ دېدى.

يىھوئاش ئاچتى. ئاندىن ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئوقنى ئات! _ دېدى.

ئۇ ئاتتى. ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ بۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەلىبە ئوقى، ئاررامنى مەغلۇپ قىلىدىغان غەلىبە ئوقى! سەن ئافېقتا ئارراملارنى پۈتۈنلەي يوقىتىسەن، _ دېدى.

18ئۇ يەنە:

_ ئوق! _ دېدى.

پادىشاھ ئوقنى قولىغا ئالدى.

ئۇ ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا:

_ يەرگە ئۇر! _ دېدى، ئۇ يەرگە ئۈچ مەرتەم ئۇرۇپ، توختىدى.

19شۇنىڭ بىلەن خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئۇنىڭغا ئاچچىقلىنىپ:

_ سەن ئەسلى بەش ياكى ئالتە قېتىم ئۇرۇشۇڭ كېرەك ئىدى، شۇنداق قىلغان بولساڭ، ئارراملارنى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلاتتىڭ. ئەمدى سەن ئارراملارنى ئۈچ قېتىملا مەغلۇپ قىلالايسەن، _ دېدى.

20شۇنىڭدىن كېيىن ئېلىشا ئالەمدىن ئۆتۈپ، دەپنە قىلىندى. ئۇ چاغلاردا موئابلار ھەر يىلى ئەتىيازدا ئىسرائىلىيە زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلاتتى. 21كىشىلەر بىر كۈنى بىر ئۆلۈكنى دەپنە قىلىۋاتقاندا، توساتتىن بىر توپ تاجاۋۇزچىلارنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئۆلۈكنى ئېلىشا ياتقان شام گۆرگە* تاشلاپ قاچتى. ئەمما جەسەت ئېلىشانىڭ مېيىت سۆڭەكلىرىگە تېگىشى بىلەنلا تىرىلىپ، دەس تۇرۇپ كەتتى.

ئېلىشانىڭ ئاخىرقى بېشارىتىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى

22يىھوئاخاز ھۆكۈمرانلىق قىلغان چاغدا ئىسرائىللار ئاررام پادىشاھى خازائېل تەرىپىدىن قايتا-قايتا زۇلۇمغا ئۇچرىغان بولسىمۇ،23لېكىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتى، مېھىر-شەپقىتى ۋە ئېتىبارىغا ئېرىشىپ كەلدى، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى بار ئىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى تاكى شۇ دەۋرىگىچە خاراب قىلىشنى ۋە ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاشنى خالىمىغانىدى. 24ئاررام پادىشاھى خازائېل ۋاپات بولدى. ئوغلى بەنھاداد ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى. 25خازائېل ئۇرۇش ۋاقتىدا يىھوئاخازنىڭ قولىدىن بىرنەچچە شەھەرلەرنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى يىھوئاخازنىڭ ئوغلى يىھوئاش خازائېلنىڭ ئوغلى بەنھادادنى ئۈچ قېتىم مەغلۇپ قىلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ قولىدىن كەتكەن شەھەرلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.



*21ئەينى دەۋرىدە بىر قەبرىگە بىرقانچە مېيىت دەپنە قىلىناتتى. ئۇلار بۇ يەردە دەل ئېلىشانىڭ قەبرىسىگە باشقا بىر مېيىتنى دەپنە قىلىۋاتقانىدى.


14

يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا

1يىھوئاخازنىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى يوئاشنىڭ ئوغلى ئامازيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىھوئاددان ئىدى. 3ئامازيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلسىمۇ، لېكىن ئەجدادى داۋۇتنىڭكىگە يەتمەيتتى. ھەممىلا ئىشنى ئاتىسى يوئاشتەك قىلغان بولسىمۇ،4لېكىن يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

5ئامازيا پادىشاھلىقنى مۇستەھكەملىگەندىن كېيىن، ئاتىسىنى قەتل قىلغان ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈردى. 6لېكىن قاتىللارنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمىدى، چۈنكى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنى يازمىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ: «ئوغلىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئاتىسىنى ئۆلتۈرۈشكە بولمايدۇ، ئاتىسىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئوغلىنى ئۆلتۈرۈشكىمۇ بولمايدۇ. ھەركىم ئۆز گۇناھى ئۈچۈن ئۆلۈشى كېرەك» دېگەن ئەمرى يېزىلغانىدى.

7ئامازيا تۇز جىلغىسىدا ئون مىڭ ئىدوملۇقنى ئۆلتۈردى. سەلا شەھىرىنى جەڭ قىلىپ ئىشغال قىلدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى يوقتىئېلغا ئۆزگەرتتى. بۇ شەھەر تاكى ھازىرغىچە شۇ نام بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئامازيانىڭ يىھوئاش بىلەن جەڭ قىلىشى

8شۇنىڭدىن كېيىن ئامازيا يىھوئاخازنىڭ ئوغلىغا _ يېھۇنىڭ نەۋرىسى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاشقا ئەلچىلەر ئەۋەتىپ:

_ بىز جەڭگاھتا كۆرۈشەيلى! _ دېدى.

9ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئەلچى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازياغا مۇنداق دېدى:

_ لىۋان تاغلىرىدا بىر تىكەن، كېدىر دەرىخىگە: «قىزىڭنى ئوغلۇمغا خوتۇنلۇققا بەر» دەپتۇ. لېكىن لىۋان تاغلىرىدىكى بىر ياۋايى ھايۋان ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، تىكەننى چەيلىۋېتىپتۇ. 10شۇنداق، سىز ئىدوملۇقلارنى مەغلۇپ قىلدىڭىز. شۇ سەۋەبتىن ھاكاۋۇرلىشىپ كەتتىڭىز. ئەمدى نەتىجىڭىزدىن ماختىنىپ، ئۆيىڭىزدە ئولتۇرسىڭىز بولاتتى. نېمىدەپ چاتاق تېرىپ، ئۆزىڭىزنى گۇمران قىلىش بىلەن بىللە يەھۇدىيەنىمۇ گۇمران قىلاي دەيسىز؟

11لېكىن ئامازيا ئۇنىڭ گېپىگە قۇلاق سالمىدى. شۇڭا ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يەھۇدىيە تەۋەسىدىكى بەيت-شەمەشتە يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن ئۇرۇشتى. 12يەھۇدىيەلىكلەر ئىسرائىلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ بولۇپ، ھەممىسى ئۆز ئۆيلىرىگە قېچىپ كېتىشتى. 13ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش يوئاشنىڭ ئوغلى، يەنى ئاخازيانىڭ نەۋرىسى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانى بەيت-شەمەشتە تۇتۇۋالدى. يىھوئاش يېرۇسالېمغا كېلىپ، يېرۇسالېمنىڭ «ئەفرايىم» دەرۋازىسىدىن «بۇلۇڭ» دەرۋازىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى جەمئىي 200 مېتىردەك سېپىلىنى بۇزۇۋەتتى. 14ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈش ۋە بۇيۇملارنى ھەم گۆرۈگە ئېلىنغانلارنى ئېلىپ، سامارىيەگە قايتتى.

15يىھوئاش پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن ئۇنىڭ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا بىلەن قىلغان ئۇرۇشى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 16يىھوئاش ۋاپات بولۇپ، سامارىيەدە ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ياروبئام II ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

ئامازياغا سۇيىقەست قىلىنىشى

17يىھوئاخازنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يىھوئاش ئۆلگەندىن كېيىن، يوئاشنىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيا يەنە 15 يىل ئۆمۈر كۆردى. 18ئامازيا پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

19يېرۇسالېمدا بەزىلەر ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلىغاندا، ئۇ لاكىش شەھىرىگە قېچىپ كەتتى. لېكىن ئۇلار لاكىشقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇنى شۇ يەردە ئۆلتۈردى. 20ئۇنىڭ جەسىتى ئاتقا ئارتىلىپ، قايتۇرۇپ كېلىنىپ، يېرۇسالېمدىكى «داۋۇت شەھىرى»دە ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

21پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى 16 ياشلىق ئۇززىيانى ئاتىسى ئامازيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 22ئامازيا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۇززىيا ئېلات شەھىرىنى يەھۇدىيەگە قايتۇرۇپ كېلىپ، قايتىدىن ياسىدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام II

23يوئاشنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيە پادىشاھى ئامازيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 15-يىلى يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام II سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 41 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇردى.

25ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى، ئامىتتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.*26چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەدىكى قېرى-ياش ھەممىسىنىڭ ئەرزىيەت چېكىۋاتقانلىقىنى كۆرگەنىدى. ئۇلارغا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىممۇ قالمىغانىدى. 27پەرۋەردىگار ئىسرائىل خەلقىنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن ئۆچۈرۈۋەتمەسلىكنى ئىرادە قىلغاچقا، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام IIنىڭ قولى ئارقىلىق ئۇلارنى قۇتقۇزدى.

28پادىشاھ ياروبئام IIنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى، پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇشلاردا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، جۈملىدىن بۇرۇن داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىغا تەۋە بولغان دەمەشق ۋە خاماتنى قانداق قىلىپ ئىسرائىلىيەگە قايتۇرۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى ۋەقەلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 29ياروبئام ۋاپات بولۇپ، ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ قېشىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى زىكىرىيا ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.



*25ئۆلۈك دېڭىز _ ئىبرانىي تىلىدا بەزى يەرلەردە «ئارابا دېڭىزى» دەپمۇ ئاتالغان.


15

يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيا

1ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئام IIنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 27-يىلى ئامازيانىڭ ئوغلى ئۇززىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 16 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 52 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق بولۇپ، ئىسمى يىكوليا ئىدى. 3ئۇززىيا ئاتىسى ئامازياغا ئوخشاشلا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

5پەرۋەردىگار پادىشاھقا زەربە بېرىپ، ئۇنى تاكى ئۆلگۈچە تېرە كېسىلىگە گىرىپتار قىلىپ قويدى. شۇڭا ئۇ ئايرىم ئۆيدە تۇردى. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئوغلى يوتەم ئوردا ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ، خەلقنى ئىدارە قىلىپ تۇردى.

6ئۇززىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 7ئۇززىيا ۋاپات بولۇپ، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا، «داۋۇت شەھىرى»گە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوتەم ئۇنىڭ پادىشاھلىقىغا ۋارىسلىق قىلدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى زىكىرىيا

8يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 38-يىلى ياروبئام IIنىڭ ئوغلى زىكىرىيا ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئالتە ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 9ئۇ ئاتا-بوۋىلىرىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى.

10يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم زىكىرىياغا سۇيىقەست پىلانلاپ، خەلق ئالدىدا ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى. 11زىكىرىيا پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 12پەرۋەردىگارنىڭ يېھۇغا «سېنىڭ نەسلىڭ تۆتىنچى ئەۋلادقىچە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىق تەختىدە ئولتۇرىدۇ» دېگەن سۆزى دەرۋەقە ئەمەلگە ئاشتى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى شاللۇم

13يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە بىر ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 14گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم تىرزاھ شەھىرىدىن چىقىپ، سامارىيەگە كېلىپ، يابېشنىڭ ئوغلى شاللۇمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.

15شاللۇم پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قىلغان سۇيىقەستى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 16ئۇ چاغدا تىفساخ شەھىرىدىكىلەر مىناخېمغا دەرۋازىسىنى ئېچىپ بەرمىگەچكە، ئۇ تىرزاھ شەھىرىدىن تىفساخ شەھىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق يەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەردىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھەممىسىنىڭ قارنىنى يېرىۋەتتى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى مىناخېم

17يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 39-يىلى گادىنىڭ ئوغلى مىناخېم ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، سامارىيەدە ئون يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 18ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئۆمۈر بويى نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشترۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى.

19ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر* ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى، مىناخېم تىگلات-پىلئەسەرگە 36 توننا كۈمۈش بېرىپ، ئۇنىڭدىن پادىشاھلىق ئورنىنى ساقلاپ قېلىشنى ئۆتۈندى. 20مىناخېم ئاسسۇر پادىشاھىغا بېرىلگەن پۇلنى ئىسرائىلىيەلىكلەرگە، يەنى بارلىق بايلارغا كىشى بېشىغا 600 گىرامدىن چاچتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيە زېمىنىدا تۇرماي قايتىپ كەتتى.

21مىناخېم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 22مىناخېم ۋاپات بولدى. ئوغلى پىقاخيا ئۇنىڭ ئورنىدا پادىشاھ بولدى.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى پىقاخيا

23يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 50-يىلى مىناخېمنىڭ ئوغلى پىقاخيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 24ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشترۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى.

25پادىشاھ پىقاخيانىڭ سەركەردىسى، رىماليانىڭ ئوغلى بولغان پەقاخ ئۆزىگە 50 گىلئادلىق كىشىنى ھەمراھ قىلىپ، ئارگوب ۋە ئاريېھ بىلەن بىرلىكتە سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇ سامارىيەدىكى ئوردا ئىچىگە جايلاشقان قەلئەدە پادىشاھ پىقاخيانى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.

26پىقاخيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ

27يەھۇدىيە پادىشاھى ئۇززىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 52-يىلى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، 20 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 28ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھىنى داۋاملاشترۇرۇپ، ئۇنىڭدىن قول ئۈزمىدى.

29ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، بەيت-مائاكادىكى ئابېل، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.

30ئۇززىيانىڭ ئوغلى يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەمنىڭ 20-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخقا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆزى پادىشاھ بولدى.

31پەقاخ پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر.

يەھۇدىيە پادىشاھى يوتەم

32رىماليانىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى ئۇززىيانىڭ ئوغلى يوتەم يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 33ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زادوقنىڭ قىزى يىرۇشا ئىدى. 34يوتەم ئاتىسى ئۇززىياغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 35بىراق غەيرىي سەجدىگاھلار يوقىتىۋېتىلمىدى. خەلق يەنىلا ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سېلىشنى داۋاملاشتۇردى. يوتەم پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە جايلاشقان دەرۋازىسىنى ياساتتى.

36يوتەم پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 37شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنى يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىشكە باشلىدى. 38يوتەم ۋاپات بولۇپ، ئەجدادى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە، ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاخاز ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.



*19تىگلات-پىلئەسەر _ بەزىدە ئۇنىڭ ئىسمى «پۈل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


16

يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخاز

1رىماليانىڭ ئوغلى _ ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 17-يىلى يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 20 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 16 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئەجدادى داۋۇت دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئاخاز پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلماي،3ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلاردا، ئېگىزلىكلەردە ۋە ھەربىر باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە قۇربانلىق قىلىپ، ئىسرىق سالدى.

ئاخازنىڭ ئاسسۇردىن ياردەم سورىشى

5شۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھى رىماليانىڭ ئوغلى پەقاخ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلدى. ئۇلار ئاخازنى قورشىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يېڭەلمىدى. 6بۇ چاغدا ئاررام پادىشاھى رىزىن ئېلات شەھىرىنى ئاررامنىڭ تەۋەلىكىگە قايتۇرۇپ كېلىپ، يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقاردى. ئاندىن ئىدوملۇقلار ئېلاتقا كېلىپ ئولتۇراقلاشتى، ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە ياشماقتا.

7ئاخاز ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەرگە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ:

_ مەن سىلىگە قۇل بولاي، بالا بولاي. سىلى كېلىپ، مېنى ئاررام پادىشاھى بىلەن ئىسرائىلىيە پادىشاھىنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتقۇزۇۋالسىلا، _ دېدى. 8ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ھەم ئوردا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا سوۋغات قىلىپ ئەۋەتتى. 9شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى ماقۇل بولۇپ، ئاررامنىڭ پايتەختى دەمەشقنى ھۇجۇم بىلەن ئالدى. ئاھالىسىنى قىر شەھىرىگە سۈرگۈن قىلدى، رىزىننىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى.

ئاخازنىڭ ئىبادەتخانىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىشى

10ئاخاز پادىشاھ دەمەشققە بېرىپ، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر بىلەن كۆرۈشتى. ئۇ دەمەشقتىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ سىزمىسى ۋە لايىھەسىنى روھانىي ئۇرىياغا يوللىدى. 11شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ دەمەشقتىن ئەۋەتكەن يوليورۇقى بويىچە، پادىشاھ دەمەشقتىن قايتىپ كەلگۈچە قۇربانلىق سۇپىسىنى ياسىتىپ بولدى. 12پادىشاھ دەمەشقتىن كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا قۇربانلىق قىلدى. 13ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى قۇربانلىق سۇپىسى ئۈستىدە كۆيدۈرۈپ، ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكتى ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 14پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى ئەسلىدە يېڭى قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، پادىشاھ ئاخاز ئۇنى يۆتكەپ، يېڭى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمال تەرىپىگە قويدۇردى.

15ئاخاز پادىشاھ روھانىي ئۇرىياغا:

_ چوڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا سەھەرلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن كەچلىك ئاشلىق ھەدىيەسىنى، پادىشاھنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى، زېمىندىكى پۈتۈن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىنى كۆيدۈرۈڭ ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنى ئۇنىڭغا تۆكۈڭ. كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنىڭ ھەممە قېنىنى ئۇنىڭغا چېچىڭ. لېكىن تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا قالدۇرۇڭ، مەن ئۇنى كەلگۈسىدە نېمە ئىش بولىدىغانلىقىنى بىلىشىم ئۈچۈن ئىشلىتەي، _ دېدى. 16روھانىي ئۇرىيا پادىشاھ ئاخازنىڭ بۇيرۇغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلدى.

17ئاخاز پادىشاھ يەنە، داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنىڭ تۆت چاسا رامكىلىرىنى كېسىپ چىقىرىۋېتىپ، داسلارنى ئېلىۋەتتى. ئۇ يەنە «دېڭىز» دەپ ئاتالغان داڭقاننى تۇچ بۇقىلارنىڭ ئۈستىدىن چۈشۈرۈپ، تاشتىن ياسالغان سۇپىغا قويدى. 18ئۇ يەنە ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەۋەبى بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا پەقەت دەم ئېلىش كۈنىلا ئىشلىتىش ئۈچۈن ياسالغان سايىۋەنلىك يولنى ۋە پادىشاھنىڭ ئىبادەتخانىغا سىرتتىن كىرىشى ئۈچۈن ياسالغان كىرىش ئېغىزىنى ئېتىۋەتتى.

19ئاخاز پادىشاھنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20ئاخاز ۋاپات بولۇپ، بوۋىسى داۋۇتنىڭ نامىدا ئاتالغان «داۋۇت شەھىرى»گە، يەنى ئاتا-بوۋىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى خىزكىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

17

ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيا

1يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 12-يىلى ئەلاھنىڭ ئوغلى ھوشىيا سامارىيەدە ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولۇپ، توققۇز يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى، لېكىن يامانلىقتا ئىلگىرىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىدىن ئېشىپ كەتمىدى.

3ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر ھوشىياغا ھۇجۇم قىلغىلى كەلدى. ھوشىيا ئۇنىڭغا تەسلىم بولۇپ، ئولپان تاپشۇرىدىغان بولدى. 4كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھوشىيا بۇرۇنقى يىللاردىكىدەك ئولپان تاپشۇرماي، پىرئەۋن سوھقا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا ئاسىيلىق قىلماقچى بولدى. بۇنى بىلىپ قالغان ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ھالاك بولۇشى سەۋەبى

5ئاسسۇر پادىشاھى پۈتۈن ئىسرائىلىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە سامارىيەگە كېلىپ، ئۇنى ئۈچ يىلغىچە قامال قىلىپ تۇردى. 6ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سامارىيەنى قولغا چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى ۋە ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى.

7چۈنكى ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى پىرئەۋننىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇداغا قارشى تۇرۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى. 8ئۇلار پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن ھەيدەپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنىڭ ئادەتلىرى، شۇنداقلا ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشاپ كەلدى. 9ئىسرائىلىيەلىكلەر پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولمىغان ئىشلارنى مەخپىي ھالدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار كۆزىتىش مۇنارلىرىدىن تارتىپ، تاكى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلارنى سېلىشتى. 10شۇنداقلا ھەربىر ئېگىزلىكتە ۋە باراقسان ئۆسكەن دەرەخ تۈۋىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن تاش ئابىدە ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى تىكلىدى. 11ئۇلار خۇددى پەرۋەردىگار ئۆزلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كەنئاندىن ھەيدەپ چىقارغان يات ئەللەرگە ئوخشاش، شۇ ئېگىزلىكلەردە قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ ھەم يامان ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى. 12گەرچە پەرۋەردىگار ئۇلارغا: «سىلەر ئۇنداق قىلماڭلار» دېگەن بولسىمۇ، ئۇلار يەنىلا بۇتلارغا چوقۇندى.

13پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ بارلىق پەيغەمبەرلىرى ۋە غايىبنى بىلگۈچىلىرى ئارقىلىق ئىسرائىلىيە بىلەن يەھۇدىيەگە: «سىلەر يامان يولدىن قايتىڭلار! مەن سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارغا ئەمر قىلغان ۋە خىزمەتكارلىرىم بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق سىلەرگە يەتكۈزگەن قانۇندىكى بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسىمۇ،14لېكىن ئۇلار قۇلاق سالماستىن، خۇددى پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇداغا ئېتىقاد قىلمىغان ئاتا-بوۋىلىرىدەك، بوينى قاتتىقلىق قىلدى. 15ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەرمانلىرى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدىسى، شۇنىڭدەك پەرۋەردىگارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىنى رەت قىلىپ، كېرەكسىز بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ كېرەكسىز قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى: «ئەتراپىدىكى يات ئەللەردەك قىلماڭلار» دەپ ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يات ئەللەرنى دورىدى. 16ئۇلار پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزلىرى ئۈچۈن موزاي شەكلىدە ئىككى بۇت ھەم ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ياساپ، ئاسماندىكى ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرىغا ۋە بائالغا چوقۇندى. 17ئۇلار يەنە ئوغۇل-قىزلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، رەمچىلىك ۋە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدىكى يامان بولغان ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلاپ، ئۇنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.

18شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 19ئەمما يەھۇدىيەلىكلەرمۇ پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلماي، ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ يولىنى تۇتتى. 20نەتىجىدە پەرۋەردىگار ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقاردى. 21پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرنى داۋۇت جەمەتىدىن ئايرىغاندىن كېيىن، ئۇلار نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنى ئۆزلىرىگە پادىشاھ قىلدى. ياروبئام ئىسرائىلىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارغا ئەگىشىپ مېڭىشتىن ئازدۇرۇپ، ئۇلارنى ئېغىر گۇناھقا يېتەكلىدى. 22ئىسرائىلىيەلىكلەر ياروبئامنىڭ گۇناھلىرىغا ئەگىشىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈشتىن قول ئۈزمىدى. 23ئاخىرى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئۆز ھۇزۇرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئاسسۇرغا سۈرگۈن قىلدى. ئۇلار تاكى ھازىرغىچە شۇ يەردە ياشىماقتا.

يات خەلقلەرنىڭ سامارىيەگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى

24ئاسسۇر پادىشاھى بابىل، كۇتاھ، ئىۋۋاھ، خامات ۋە سىفارۋايىم قاتارلىق شەھەرلەردىن ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى ئىسرائىلىيەلىكلەرنىڭ ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار سامارىيەنى ۋە ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى ئىگىلەپ، ئۇ يەرلەردە ماكان تۇتتى. 25ئۇلار بۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان دەسلەپكى مەزگىللەردە پەرۋەردىگارغا ئېتىقاد قىلمىدى. شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى، شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 26بىرسى ئاسسۇر پادىشاھىغا:

_ ئۆزلىرى كۆچۈرۈپ كېلىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇرغان خەلقلەر شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەچكە، ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىرلارنى ئەۋەتتى. شىرلار ئۇلارنىڭ بىر قىسىملىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتتى. بۇ ئۇلارنىڭ شۇ زېمىندىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى بىلمىگەنلىكىدىن بولدى، _ دېدى.

27شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى:

_ سىلەر سامارىيەدىن ئەسىر ئالغان روھانىيلارنىڭ بىرىنى شۇ يەرگە ئەۋەتىڭلار. ئۇ شۇ يەردە تۇرۇپ، خەلققە شۇ يەردىكى خۇدانىڭ ئەمر-پەرمانلىرىنى ئۆگەتسۇن، _ دەپ بۇيرۇق بەردى.

28شۇنىڭ بىلەن سامارىيەدىن ئەسىرگە ئېلىنغان روھانىيلاردىن بىرى بەيتەلگە قايتىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگاردىن قانداق ئەيمىنىشنى ئۆگەتتى. 29لېكىن ھەربىر مىللەت خەلقلىرى يەنىلا ئۆز ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ياساپ، سامارىيەلىكلەر ياسىغان غەيرىي سەجدىگاھلاردىكى بۇتخانىلارغا قويدى. ھەممە مىللەت خەلقلىرى ئۆزلىرى تۇرغان شەھەرلەردە شۇنداق قىلىشتى. 30بابىللىقلار سۇككوت-بىنوت بۇتىنى، كۇتاھلىقلار نېرگال بۇتىنى، خاماتلىقلار ئاشىما بۇتىنى،31ئىۋۋاھلىقلار نىبخاز ۋە تارتاق بۇتىنى ياساشتى. سىفارۋايىملىقلار ئۆز پەرزەنتلىرىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرۈپ، سەفەرۋايىم خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى بولغان ئادراممەلەك بىلەن ئاناممەلەككە تەقدىم قىلدى. 32ئۇلار بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا ئۆزلىرى ئۈچۈن غەيرىي سەجدىگاھلاردا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارنى ئۆز ئىچىدىن تاللاپ چىقتى. 33ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىش بىلەن بىرگە ئۆزلىرى بۇرۇن ياشىغان ئانا يۇرتلىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى بويىچە ئۆزىنىڭ ئىلاھلىرىغىمۇ ئىبادەت قىلاتتى.

34سامارىيەلىكلەر ھازىرغىچە يەنىلا بۇرۇنقى ئادەتلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ھەقىقىي ئەيمەنمەي ھەم «ئىسرائىل» دەپ ئاتالغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا بۇيرۇلغان ئەمر-پەرمانلار ۋە قانۇن-قائىدىلەرگە بويسۇنماي كەلمەكتە. 35پەرۋەردىگار ئىسرائىللار بىلەن ئەھدىلىشىپ، ئۇلارغا: «باشقا ئىلاھلارغا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا، سەجدە قىلىشىڭلارغا ۋە ئۇلارغا خىزمەت قىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا بولمايدۇ. 36لېكىن سىلەر ھەممە يەرگە يېتىدىغان قولى ۋە كۈچلۈك بىلىكى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان مەن پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ماڭا سەجدە قىلىڭلار ۋە قۇربانلىق قىلىڭلار. 37سىلەر ئۈچۈن يېزىلغان ئەمر-پەرمانلىرىم ۋە قانۇن-قائىدىلىرىمگە ھەر دائىم ئەمەل قىلىشقا دىققەت قىلىڭلار، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنماڭلار. 38مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، باشقا ئىلاھلارغا سەجدە قىلماڭلار. 39سىلەر، مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن ئەيمىنىڭلار، مەن سىلەرنى بارلىق دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرىمەن» دەپ ئەمر قىلغانىدى. 40بىراق سامارىيەگە ئورۇنلاشقان باشقا خەلقلەر بۇنىڭغا قۇلاق سالماي، بۇرۇنقى ئۆرپ-ئادىتى بويىچە ئىش قىلىپ كەلدى. 41شۇنداق قىلىپ بۇ خەلقلەر بىر تەرەپتىن پەرۋەردىگاردىن ئەيمەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىغا چوقۇنۇپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تاكى ھازىرغىچە ئۆزلىرىنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى قىلغان ئىشلارنى قىلىپ كەلمەكتە.

18

يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا

1ئەلاھنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازنىڭ ئوغلى خىزكىيا يەھۇدىيەگە پادىشاھ بولدى. 2ئۇ تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. 3خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. 4ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنى يوقىتىۋەتتى، تاش ئابىدىلەرنى چېقىۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ئۆرۈۋەتتى. ئۇ يەنە مۇسا پەيغەمبەر ياسىتىپ قويغان مىس يىلاننى پارچە-پارچە قىلىپ بۇزۇۋەتتى، چۈنكى شۇ كۈنگىچە ئىسرائىللار ئۇ مىس يىلاننى «نىخۇشتان» دەپ ئاتاپ، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىسرىق سالاتتى. 5خىزكىيا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئىشەندى. ئۇنىڭدىن ئاۋۋال ئۆتكەن ياكى ئۇنىڭدىن كېيىن كەلگەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئىچىدە ئۇنىڭدەك بىرەرى چىقمىدى. 6ئۇ پەرۋەردىگارغا سادىق بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئايرىلماي، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلدى. 7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يار بولغانلىقتىن ئۇ قىلغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشلۇق بولدى. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىغا قارشى تۇرۇپ، ئۇنىڭغا بويسۇنمىدى. 8ئۇ فىلىستىيەلىكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇلارنى گازا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارغىچە، يەنى كۆزىتىش مۇنارلىرىدىن تارتىپ، تاكى مۇستەھكەم شەھەرلىرىگىچە بولغان ھەممە يەرلەردە مەغلۇپ قىلدى.

9خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ تۆتىنچى يىلى، يەنى ئەلاھنىڭ ئوغلى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يەتتىنچى يىلى ئاسسۇر پادىشاھى شالمانئەسەر سامارىيەگە كېلىپ، ئۇنى قامال قىلدى. 10قامال قىلىنغان ئۈچىنچى يىلىنىڭ ئاخىرىدا، يەنى خىزكىيانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئالتىنچى يىلى ۋە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ھوشىيانىڭ توققۇزىنچى يىلى ئاسسۇرلار سامارىيەنى ئىگىلىۋالدى. 11ئاسسۇر پادىشاھى ئىسرائىلىيەلىكلەرنى ئاسسۇرغا ئەسىر قىلىپ ئېلىپ كېتىپ، ئۇلارنى خالاخ شەھىرى، خابور دەرياسى بويىدىكى گوزان شەھىرى ۋە مىدىيانىڭ شەھەرلىرىگە ئورۇنلاشتۇردى. 12بۇ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار _ ئۆزلىرىنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالمىغانلىقىدىن، ئۇنىڭ ئەھدىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلمىغانلىقىدىن بولغان.

پادىشاھ سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشى

13خىزكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. 14يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرغان ئاسسۇر پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇنىڭغا:

_ مەن ئەيىبلىك. بۇ يەردىن كەتسىلە، ماڭا قانداق ئولپان سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن ئولپان سالدى. 15خىزكىيا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردا خەزىنىلىرىدىكى كۈمۈشلەرنىڭ ھەممىسىنى بەردى. 16ئۇ ھەتتا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بۇرۇن ئۆزى قاپلاتقان ئىشىك ۋە ئىشىك كېشەكلىرىدىكى ئالتۇنلارنىڭ ھەممىسىنى قومۇرۇپ ئېلىپ، ئاسسۇر پادىشاھىغا بەردى.

17كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىكى زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېم شەھىرىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدىكى ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. 18ئۇلار پادىشاھنى چاقىرتتى. خىلقىيانىڭ ئوغلى، يەنى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى، يەنى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقتى. 19سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟20سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟21سىلەر ئەمدى مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. پىرئەۋنگە تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 22بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا ۋەيران قىلىۋەتكەن سەجدىگاھلار ۋە قۇربانلىق سۇپىلار دەل پەرۋەردىگارنىڭكى ئەمەسمىدى؟ پادىشاھ خىزكىيا يېرۇسالېم خەلقى ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، پەرۋەردىگارغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»

23سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن قول باغلىشايلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بېرىمىز. قېنى، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟24سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنىمۇ مەغلۇپ قىلالمايسىلەر! 25مېنىڭ بۇ يەرنى ۋەيران قىلىشىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان دەپ قارىمامسىلەر؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىل» دەپ بۇيرۇغان.

26خىلقىيانىڭ ئوغلى ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى:

_ تەقسىر، بىزگە ئارامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.

27سەركەردە جاۋاب بېرىپ:

_ خوجايىنىم مېنى، بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قامال قىلساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.

28ئاندىن ئۇ تىك تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا مۇنداق دېدى:

_ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 29پادىشاھ مۇنداق دەيدۇكى: «سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار، ئۇ سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالمايدۇ. 30خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. 31خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. 32كېيىن مەن زېمىنىڭلارغا بېرىپ، سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش مول ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك، ئۈزۈمزارلىقلىرى، زەيتۇن دەرەخلىرى ۋە مول زەيتۇن يېغى بولغان، ھەسەل چىقىدىغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. ئۆلۈمنى ئەمەس، ھاياتنى تاللاڭلار. خىزكىيانىڭ دېگەنلىرىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇ سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. 33قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالىغان؟34خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟35قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ ئۇنداقتا، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»

36خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 37خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.

19

پادىشاھ خىزكىيانىڭ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 2ئۇ يەنە ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە يېتەكچى روھانىيلارنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. 3ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھىمىز خىزكىيا ئۆزلىرىگە مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق. 4سىلى ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».

5پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن،6يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. 7مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك سۆزلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.

8ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى.

9بۇ چاغدا ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب كۇش پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

10_ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ، ‹ئاسسۇر پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. 11سەن ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىقىنى چوقۇم ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟12گوزان، خاران ۋە رەزەف شەھەرلىرىنىڭ ھەمدە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتكەنىدى. 13خامات، ئارپاد، لائىر، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولدى؟»

پادىشاھ خىزكىيانىڭ دۇئاسى

14پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى يېيىپ،15پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلدى:

«ئى پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار* ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە خۇداسىدۇرسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىدۇرسەن. 16ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۈ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. 18ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. 19ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سەن پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»

سانخېرىب ھەققىدىكى ۋەھىي ۋە يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

20ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنۇ سۆزلەرنى ئەۋەتتى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سېنىڭ ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا قىلغان دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم. 21مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:

ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ،

سېنى زاڭلىق قىلىدۇ.

يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ،

كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.

22ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟

سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟

ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!

23سەن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى،

لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن،

شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى قارىغاي دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن.

ئەڭ يىراقتىكى پىنھان جايلارغا ۋە ئەڭ بۈك-باراقسان ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،

24ياقا يۇرتلاردا قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن،

پۇتلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.

25سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن.

بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋاتىمەن.

سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.

26شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر،

ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى،

بۇ خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار،

ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەك بىر ئىشتۇر.

27سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى،

قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى،

ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.

28سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى.

مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن،

سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»

29يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆزۈڭ ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. 30يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كېيىن كۆپىيىپ، خۇددى يىلتىزلىرى چوڭقۇر، مېۋىلىرى كۆپ دەرەخكە ئوخشاش كۆكلەيدۇ. 31شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان-دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

32پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. 33مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. 34مەن ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، ئۇنى قۇتقۇزۇپ قالىمەن».

35شۇ كېچىسى پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا چۈشۈپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى قىرىپ تاشلىدى. يەھۇدىيەلىكلەر ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. 36شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. ئۇ نىنەۋى شەھىرىگە بېرىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.

37بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.



*15كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق.


20

پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقىيىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: «تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن بۇ ئالەمدىن كېتىسەن، ساقىيالمايسەن»، _ دېدى.

2پادىشاھ خىزكىيا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:3«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

4يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ قېشىدىن چىقىپ كەتكەنىدى، ئۇ تېخى ئوتتۇرا ھويلىدىن ئۆتۈپ بولمايلا تۇرۇپ، پەرۋەردىگاردىن ئۇنىڭغا يەنە ۋەھىي كەلدى:

5«سەن خەلقىمگە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچى خىزكىيانىڭ قېشىغا قايتىپ كىرىپ، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. مەن سېنى ساقايتىمەن، ئۈچىنچى كۈنى ئىبادەتخانامغا بارالايسەن. 6ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم. مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇتنىڭ ھەق-ھۆرمىتى ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قوغدايمەن، دېدى› دەپ ئېيتقىن.»

7يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارلىرىغا:

_ ئەنجۈرنى ئېزىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

ئۇلار ئەنجۈرنى ئەكېلىپ، ئۇنى خىزكىيانىڭ ئىششىقىغا چاپتى. كېيىن خىزكىيا ساقىيىپ كەتتى.

8خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەردىن: «پەرۋەردىگار مېنى ساقايتىپ، ئىككى كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى. 9يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا: «مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر: پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايە تاشلاپ تۇرۇپتۇ. سايە ئون بالداق ئالدىغا ماڭسۇنمۇ ياكى ئون بالداق كەينىگە ماڭسۇنمۇ؟» دېگەنىدى. 10خىزكىيا: «كۈن سايىسىنىڭ ئون بالداق ئالدىغا مېڭىشى ئاسان. ياق، كۈن سايىسى ئون بالداق كەينىگە ماڭسۇن» دېگەنىدى. 11شۇنىڭ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر پەرۋەردىگاردىن تىلىگەنىدى، پەرۋەردىگار پەلەمپەيدىكى ئالدىغا مېڭىپ كەتكەن سايىنى ئون بالداق كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇق قىلغانىدى.

بابىلدىن كەلگەن ئەلچىلەر

12ئۇ چاغلاردا بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەل بولۇپ ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا مەكتۇپ ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى. 13پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قورال-ياراغ قاتارلىق ئۆزىنىڭ پۈتۈن بايلىقىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.

14يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى.

پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ:

_ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەلگەنىكەن، _ دېدى.

15يەشايا پەيغەمبەر يەنە:

_ ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى.

پادىشاھ خىزكىيا:

_ ئۇلار ئوردامدىكى جىمى نەرسىنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

16يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا. 17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلار بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ. 18ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ ئوردىسىدا خىزمەتكە سېلىنىدۇ.»

19پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە:

_ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى.

چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە «ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن» دەپ ئويلىدى.

20خىزكىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ياساتقان كۆل ۋە يەر ئاستى قانىلى ئارقىلىق شەھەرگە سۇ ئېلىپ كىرىلگەنلىكى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 21خىزكىيا ۋاپات بولدى. ئۇنىڭ ئوغلى ماناسسە ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

21

يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە

1ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خەفزىبا ئىدى. 2ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. 3ئۇ ئاتىسى خىزكىيا يوقىتىۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە خۇددى ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 4ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «يېرۇسالېم مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن» دېگەن جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا باشقا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. 5ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساتتى. 6ئۇ ئۆز ئوغلىنى قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق قىلىش، داخان ۋە باخشىلاردىن ياردەم سوراشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى كۆپلەپ قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 7ئۇ يەنە ئۆزى ياساتقان ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى ئىبادەتخانىغا قويدى. بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرۋەردىگار داۋۇتقا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيۈم بولسۇن. 8ئىسرائىللار پەقەت مەن بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىگە، يەنى مېنىڭ خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا چۈشۈرۈپ بەرگەن پۈتۈن قانۇنغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنى بەجا كەلتۈرسە، مەن ئۇلارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئايرىپ، يەنە سەرگەردان قىلمايمەن» دېگەنىدى. 9لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. ماناسسە ئۇلارنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.

10شۇڭا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق مۇنداق دېدى:11«يەھۇدىيە پادىشاھى ماناسسە ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئامورلار قىلغان يامان ئىشلاردىنمۇ بەكرەك يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلىقى ھەمدە بۇتپەرەسلىكى ئارقىلىق يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ گۇناھقا يېتەكلىگەنلىكى ئۈچۈن،12مەن پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيمەن: ‹ئاڭلاڭلار، مەن يېرۇسالېمغا ۋە يەھۇدىيەگە شۇنداق بىر بالا-قازا ياغدۇرىمەنكى، ئۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى چۆچۈپ كېتىدۇ. 13مەن سامارىيە ۋە ئاخاب پادىشاھ جەمەتىگە ئىشلەتكەن ئۆلچەم تانىسىنى ئىشلىتىپ، يېرۇسالېمنى ئۆلچەيمەن، خۇددى تاۋاقنى چايقىغاندەك يېرۇسالېمنى چايقاپ، ئۇنى دۈم كۆمتۈرىمەن. 14مەن ئۆز خەلقىم ئىچىدىكى ھايات قالغانلاردىن ۋاز كېچىپ، ئۇلارنى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىغا تاپشۇرىمەن، ئۇلار بارلىق دۈشمەنلىرىنىڭ ئولجىسى ۋە ئۇرۇش غەنىيمەتلىرى بولۇپ قالىدۇ. 15چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى مىسىردىن چىققان كۈندىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە مېنىڭ نەزىرىمدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ غەزىپىمنى قوزغاپ كەلدى›».

16ماناسسەنىڭ يەھۇدىيەلىكلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىشقا يېتەكلىگەن گۇناھىدىن باشقا، ئۇ يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز كىشىلەرنىڭ قېنىنى تۆكتى. يېرۇسالېمنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە بولغان ھەممە يەرنى قان بىلەن بويىدى. 17ماناسسە پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 18ماناسسە ئۆلۈپ، ئۆز ئوردىسىدىكى ئۇززانىڭ بېغىغا دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى ئامون

19ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مىشۇللەمەت بولۇپ، يوتباھ شەھىرىدىكى خارۇزنىڭ قىزى ئىدى. 20ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 21ئۇ پۈتۈنلەي ئاتىسى ماڭغان يولدا ماڭدى. ئاتىسى چوقۇنغان بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 22ئۇ پەرۋەردىگارنى _ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تەرك ئەتتى، پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تۇتمىدى.

23ئاموننىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست پىلانلاپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 24لېكىن خەلق ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى يوشىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى. 25ئامون پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 26ئۇ ئۇززانىڭ بېغىدىكى ئۆزىگە تەييارلىغان قەبرىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى يوشىيا ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

22

يەھۇدىيە پادىشاھى يوشىيا

1يوشىيا تەختكە چىققان چاغدا سەككىز ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 31 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى يىدىدا بولۇپ، بوزقات شەھىرىدىكى ئادايانىڭ قىزى ئىدى. 2يوشىيا پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇ، چەتنەپ كەتمەي، ھەر ئىشتا ئەجدادى داۋۇتنىڭ يولىنى تۇتتى.

تەۋرات قانۇنىنىڭ تېپىلىشى

3يوشىيا ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلى ئازاليانىڭ ئوغلى _ مىشۇللامنىڭ نەۋرىسى پۈتۈكچى شافاننى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:

4_ سەن باش روھانىي خىلقىيانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئېيتقىن، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا تەقدىم قىلىنغان پۇللارنى، يەنى مۇھاپىزەتچى روھانىيلار خەلقتىن يىغقان پۇللارنى تەييارلاپ،5پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە بەرسۇن. ئۇلار بۇ پۇلنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ بۇزۇلغان يەرلىرىنى ئوڭشايدىغانلارنىڭ،6يەنى ياغاچچى، قۇرۇلۇشچى، تامچىلارنىڭ ئىش ھەققىگە تۆلىسۇن. ئىبادەتخانىنى ئوڭشاشقا كېتىدىغان ياغاچ ماتېرىياللارنى ۋە يونۇپ تەييارلانغان تاشلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتسۇن. 7ئەمما نازارەتچىلەرگە بەرگەن پۇلنىڭ ھېساب-كىتابى قىلىنمىسۇن، چۈنكى ئۇلار ئىشنى سەمىمىيلىك بىلەن قىلىدۇ.

8باش روھانىي خىلقىيا پۈتۈكچى شافانغا:

_ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تەۋرات قانۇنى يازمىسىنى تاپتىم، _ دېدى ۋە يازمىنى ئۇنىڭغا بەردى.

شافان ئۇنى ئوقۇدى. 9ئۇ پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ:

_ خىزمەتكارلىرى ئىبادەتخانىدىكى پۇللارنى ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا مەسئۇل بولغۇچى قۇرۇلۇش نازارەتچىلىرىگە تاپشۇرۇپ بەردى، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

10ئاندىن شافان يەنە پادىشاھقا:

_ باش روھانىي خىلقىيا ماڭا بىر يازما بەردى، _ دېدى ۋە ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ئوقۇدى.

11پادىشاھ تەۋرات يازمىسىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا، ھەسرەتلىنىپ، كىيىملىرىنى يىرتتى. 12ئۇ باش روھانىي خىلقىيا، شافاننىڭ ئوغلى ئاخىقام، مىكايانىڭ ئوغلى ئاكبور، پۈتۈكچى شافان ۋە خىزمەتكارى ئاساياغا:

13_ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مۇشۇ يازمىغا پۈتۈلگەن سۆزلەرگە قۇلاق سالمىغانلىقتىن ۋە بىزگە يېزىپ بەرگەن ئەمر بويىچە ئىش قىلمىغانلىقتىن پەرۋەردىگار بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپتۇ. سىلەر بېرىپ، مەن ئۈچۈن ۋە پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى ئۈچۈن، تېپىلغان مۇشۇ يازمىدىكى سۆزلەر توغرىسىدا پەرۋەردىگاردىن نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى سوراڭلار، _ دەپ بۇيرۇق بەردى.

ئايال پەيغەمبەر خۇلداھنىڭ بېشارەتلىرى

14شۇنىڭ بىلەن باش روھانىي خىلقىيا، ئاخىقام، ئاكبور، شافان، ئاسايالار ئايال پەيغەمبەر خۇلداھ بىلەن كۆرۈشكىلى باردى. ئۇ شاللۇمنىڭ خوتۇنى ئىدى. شاللۇم كىيىم ساقلايدىغان ئامبارنى باشقۇرىدىغان ئادەم بولۇپ، ئۇ تىقۋاھنىڭ ئوغلى، خارخاسنىڭ نەۋرىسى ئىدى. خۇلداھ يېرۇسالېمنىڭ يېڭى مەھەللىسىدە ئولتۇراتتى. ئۇلار ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىدى.

15خۇلداھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنى مېنىڭ ئالدىمغا ئەۋەتكەن كىشىگە بېرىپ ئېيتىڭلار:16‹ئاڭلا، مەن دەل يەھۇدىيە پادىشاھى ئوقۇغان ئاشۇ يازمىدا ئېيتىلغاندەك، بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە بالا-قازا ياغدۇرىمەن،17چۈنكى ئۇلارنىڭ مېنى تەرك ئېتىپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈشىدەك قىلمىشلىرى غەزىپىمنى كەلتۈردى، غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ يەردە تۇتىشىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».

18‏-19خۇلداھ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ لېكىن سىلەرنى پەرۋەردىگاردىن يوليورۇق سوراشقا ئەۋەتكەن يەھۇدىيە پادىشاھىغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن مېنىڭ بۇ يۇرتقا ۋە ئۇنىڭ ئاھالىسىگە زەربە بېرىدىغانلىقىمنى، يەنى ‹ئۇ يەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، قارغىشقا قالغان يەرنىڭ مىسالى بولۇپ قالىدۇ› دېگەن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، كۆڭلۈڭ يۇمشاپ، ئالدىمدا ئۆزۈڭنى تۆۋەن تۇتۇپ، كىيىملىرىڭنى يىرتىپ، يىغلىدىڭ. شۇڭا مەنمۇ سېنىڭ ئىلتىجالىرىڭنى قوبۇل قىلدىم. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر. 20شۇڭا قۇلاق سالغىنكى، مەن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدىغان بالا-قازانى سەن ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ئەكەلمەيمەن. سەن ئۆز قەبرەڭگە تىنچ ھالدا دەپنە قىلىنىسەن. بۇ بالا-قازالارنى ئۆز كۆزۈڭ بىلەن كۆرمەيسەن».

ئۇلار قايتىپ بېرىپ، بۇ سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى.

23

پەرۋەردىگار بىلەن قايتا ئەھدە تۈزۈش

1پادىشاھ يوشىيا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئاقساقاللارنى چاقىرتىپ، ئۆز يېنىغا يىغدى. 2پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقى، يېرۇسالېمدىكى پۈتۈن ئاھالىلەر، روھانىيلار، پەيغەمبەرلەر ۋە پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى كېلىشتى. پادىشاھ ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىلغان يازمىغا پۈتۈلگەن ئەھدىنامىنى تولۇقى بىلەن ئۈنلۈك ئوقۇپ بەردى. 3پادىشاھ ئىبادەتخانىنىڭ بىر تۈۋرۈكى يېنىدا تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەھدىنى قايتىدىن مۇقىملىدى. ئۇ پەرۋەردىگارغا چىن قەلبى ۋە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىغا، قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئىتائەت قىلىپ، بۇ يازمىدا پۈتۈلگەن ئەھدىنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە بەردى. پۈتۈن خەلقمۇ ئەگىشىپ، ۋەدە بېرىشتى.

بۇتپەرەسلىكنى يوقىتىش

4پادىشاھ يوشىيا باش روھانىي خىلقىيا، مۇئاۋىن روھانىيلار ۋە مۇھاپىزەتچى روھانىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى بائال، ئىلاھە ئاشېرا ۋە ھەرخىل ئاسمان جىسىملىرىغا ئاتاپ ياسالغان بارلىق بۇيۇملارنى ئېلىپ چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىنىڭ باغرىدا كۆيدۈرۈۋېتىشكە بۇيرۇدى. ئاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ كۈللىرىنى بەيتەلگە ئاپارغۇزدى. 5ئۇ ئىلگىرىكى يەھۇدىيە پادىشاھلىرى يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىشقا قويغان بۇتپەرەس روھانىيلارنى بىكار قىلدى. ئۇلار بائال، كۈن، ئاي، يۇلتۇز تۈركۈملىرى ۋە بارچە يۇلتۇزلارغا قۇربانلىق قىلغانىدى. 6پادىشاھ يوشىيا ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن ئېلىپ چىققۇزۇپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىدا كۆيدۈرگۈزدى. ئاندىن كۆيمەي قالغان قالدۇقلىرىنى پارچىلاپ، ئاددىي پۇقرالار قەبرىستانلىقىغا چاچقۇزدى. 7ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ئەر ۋە ئايال پاھىشىلەر ئۈچۈن سېلىنغان ئۆيلەرنى چاقتۇرۇۋەتتى. ئاياللار بۇ يەردە ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرى ئۈچۈن لىباس توقۇغانىدى. 8ئۇ يەنە شەھەر باشلىقى يوشۇۋانىڭ نامىغا بېغىشلانغان شەھەر دەرۋازىسىنىڭ سول تەرىپىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇزدۇرۇۋەتتى. ئۇ يەھۇدىيەنىڭ گەبادىن بەئەرشەباغىچە بولغان ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى بۇلغاپ ھارام قىلدى. شۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلغان بارلىق لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان روھانىيلارنى يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىشكە بۇيرۇدى. 9روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولغان پېتىر ناننى ئۇلارنىڭ ئۆز تۇغقانلىرى بىلەن بىللە يېيىشىگە رۇخسەت قىلسىمۇ، لېكىن يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدا خىزمەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلمىدى. 10ئۇ يەنە ھېچكىمنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىلاھ مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈرمەسلىكى ئۈچۈن، ھىننوم جىلغىسىدىكى قۇربانلىق قىلىنىدىغان جاينى بۇلغاپ ھارام قىلدى. 11ئۇ يەنە يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ قۇياشقا ئاتىغان ئات ھەيكەللىرىنى ئىبادەتخانىدىن چىقىرىۋەتتى. ئات ھەيكەللەر ئىبادەتخانا ھويلىسىنىڭ دەرۋازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئەمەلدار ناتان-مەلەكنىڭ ئىش ئۆيىنىڭ يېنىغا قويۇلغانىدى. يوشىيا قۇياشقا ئاتىغان جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى. 12يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئاخاز پادىشاھنىڭ ئۆيىنىڭ ئۈستىدىكى بالىخانىسىنىڭ ئۆگزىسىگە سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ۋە ماناسسەنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا سالدۇرغان قۇربانلىق سۇپىلىرىنى بۇزدۇرۇپ، كۇكۇم-تالقان قىلىپ، قالدۇقلىرىنى قىدرون جىلغىسىغا تۆكتۈرۈۋەتتى. 13پادىشاھ يوشىيا يەنە يېرۇسالېمنىڭ شەرقىگە جايلاشقان «چىرىكلىك تېغى»نىڭ جەنۇبىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان سىدونلۇقلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھەسى ئاشتورەت، موئابلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى كىموش ۋە ئاممونلارنىڭ يىرگىنچلىك ئىلاھى مولەككە ئاتاپ سالدۇرغان سەجدىگاھلارنى بۇلغاپ ھارام قىلدى. 14ئۇ تاش ئابىدىلەرنى چېقىۋەتتى ۋە ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتلىرىنى ئۆرۈۋەتتى. ئۇ يەرلەرنى ئادەم ئۇستىخانلىرىغا تولدۇردى.

15بۇنىڭدىن باشقا، پادىشاھ يوشىيا ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامنىڭ بەيتەلدىكى غەيرىي سەجدىگاھتا ياساتقان قۇربانلىق سۇپىسىنىمۇ كۇكۇم-تالقان قىلىپ، سەجدىگاھنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلدى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ بۇتىنىمۇ كۆيدۈرۈۋەتتى. 16يوشىيا تاغدىكى قەبرىلەرنى كۆردى. قەبرىلەردىن ئۇستىخانلارنى چىقارغۇزۇپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈپ، ئۇ يەرنى بۇلغاپ ھارام قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى جاكارلىغان پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

17يوشىيا:

_ بۇ كىمنىڭ قەبرە تېشى؟ _ دەپ سورىدى.

بەيتەللىكلەر ئۇنىڭغا:

_ ئىلگىرى يەھۇدىيەدىن كېلىپ، سىزنىڭ مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىنى بۇزدۇرىدىغان ئىشلىرىڭىزدىن ئالدىن بېشارەت بەرگەن پەيغەمبەرنىڭ، _ دېدى.

18شۇڭا پادىشاھ يوشىيا:

_ چېقىلماڭلار، ئۇنىڭ ئارامىنى بۇزماڭلار! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىلىيەلىك پەيغەمبەرنىڭ ئۇستىخىنىغا تەگمىدى.

19يوشىيا يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىرى سامارىيەگە قاراشلىق شەھەرلەردىكى غەيرىي سەجدىگاھلاردا ياساتقان، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن ھەممە بۇتخانىلارنى چاقتۇرۇپ، خۇددى بەيتەلدە قىلغاندەك قىلدى. 20ئۇ غەيرىي سەجدىگاھلارنىڭ روھانىيلىرىنى قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بوغۇزلاپ ئۆلتۈردى. قۇربانلىق سۇپىلىرى ئۈستىدە ئادەم ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈردى. ئاندىن يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش

21پادىشاھ پۈتۈن خەلققە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

_ مۇشۇ ئەھدىنامىدا يېزىلغىنىدەك پەرۋەردىگار _ سىلەر ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈڭلار، _ دېدى.

22ئىسرائىللارغا سەردارلار ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلار بولسۇن ياكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرى بىلەن يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتلار بولسۇن، ئۇلار ھېچقاچان بۇ قېتىمقىدەك ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈپ باقمىغانىدى. 23پەقەت يوشىيا پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 18-يىلىلا يېرۇسالېمدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇشۇنداق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلدى.

24يوشىيا يەنە باش روھانىي خىلقىيا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىن تېپىپ چىققان يازمىغا پۈتۈلگەن تەۋرات قانۇنىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يەھۇدىيە بىلەن يېرۇسالېمدىكى بارلىق داخان، باخشىلارنى ۋە كىشىلەرنىڭ ئۆيلىرىدىكى بۇتلار بىلەن باشقا بۇتلارنى، شۇنداقلا باشقا يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يوقاتتى. 25يوشىيادىن بۇرۇن ھېچقايسى پادىشاھ ئۇنىڭدەك چىن قەلبى، پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋە پۈتۈن كۈچى بىلەن مۇسا پەيغەمبەرنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەگىشىپ، پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىپ باقمىغانىدى. ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭدەك بىرەر پادىشاھ چىقمىدى. 26لېكىن پادىشاھ ماناسسەنىڭ قىلغان تۈرلۈك يامان ئىشلىرى سەۋەبىدىن پەرۋەردىگارنىڭ يەھۇدىيەگە بولغان كۈچلۈك غەزىپى يانمىدى. 27شۇڭا پەرۋەردىگار: «ئىسرائىلىيەلىكلەرنى تاشلىۋەتكەندەك، يەھۇدىيەلىكلەرنىمۇ ئالدىمدىن ھەيدىۋېتىمەن، ئۆزۈم تاللىغان شەھەر يېرۇسالېمنى ۋە ‹بۇ مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن› دېگەن ئىبادەتخانىنى تەرك ئېتىمەن» دېدى.

28يوشىيا پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 29ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان زاماندا پىرئەۋن نىكو ئاسسۇر پادىشاھىغا ياردەم بەرگىلى فىرات دەرياسى بويىغا كەلدى. يوشىيا پادىشاھ ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە چىقتى. پىرئەۋن ئۇنى مىگىددودا كۆرۈپلا، يوشىيانى ئۆلتۈرۈۋەتتى. 30خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ جەسىتىنى مىگىددودىن جەڭ ھارۋىسى بىلەن يېرۇسالېمغا ئەكېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن تەييارلانغان قەبرىگە دەپنە قىلدى. خەلق يوشىيانىڭ كەنجى ئوغلى يوئاخازنى پادىشاھلىققا تاللاپ، بېشىغا ياغ قۇيۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يوئاخاز

31يوئاخاز تەختكە چىققان چاغدا 23 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 32يوئاخاز خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 33‏-34پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ يېرۇسالېمدىكى پادىشاھلىقىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە زىندانغا تاشلىدى. كېيىن ئۇنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى، ئۇ شۇ يەردە ئۆلدى. پىرئەۋن نىكو يوئاخازنىڭ ئاكىسى ئەلياقىمنى ئاتىسى يوشىيانىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى يىھوياقىمغا ئۆزگەرتتى. ئۇ يەھۇدىيەگە 3500 كىلو كۈمۈش ۋە 35 كىلو ئالتۇن جەرىمانە قويدى. 35يىھوياقىم ئالتۇن ۋە كۈمۈشنى پىرئەۋنگە تۆلىدى. لېكىن ئۇ پىرئەۋننىڭ ئالتۇن-كۈمۈش جەرىمانىسىنى تۆلەش ئۈچۈن دۆلەتتىكى پۈتۈن ئاھالىلەرنىڭ يەرلىرىگە ئاساسەن ئۇلارغا مۇۋاپىق مىقداردا سېلىق قىلىپ چاچتى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم

36يىھوياقىم تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى زىبۇدا بولۇپ، رۇماھ شەھىرىدىكى پىدايانىڭ قىزى ئىدى. 37يىھوياقىم خۇددى ئاتا-بوۋىلىرى قىلغاندەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

24

1يىھوياقىمنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەزگىلىدە بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. يىھوياقىم ئۈچ يىل ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ، ئاندىن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈدى. 2شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، بابىللىقلار، ئارراملار، موئابلار ۋە ئاممونلارنى يىھوياقىمغا قارشى ئەۋەتىپ، يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدۇرۇپ، يەر بىلەن يەكسان قىلماقچى بولدى. 3بۇ ۋەقەنىڭ يەھۇدىيەنىڭ بېشىغا كېلىشى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بولغانىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ماناسسەنىڭ گۇناھلىرى ۋە قىلمىش-ئەتمىشلىرى تۈپەيلىدىن يەھۇدىيەلىكلەرنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچىدى. 4ئۇنىڭ ئۈستىگە پادىشاھ ماناسسە بىگۇناھ خەلقنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قېنى بىلەن يېرۇسالېمنى بويىغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنى ھەرگىز كەچۈرمەيتتى.

5يىھوياقىم پادىشاھنىڭ بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە پائالىيەتلىرى «يەھۇدىيە پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىلىرى»گە پۈتۈلگەندۇر. 6يىھوياقىم ۋاپات بولدى. ئوغلى يىھوياكىن ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

7بۇ چاغدا پىرئەۋن ئۆز زېمىنىدىن سىرتقا يۈرۈش قىلىشقا چىقالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى، چۈنكى بابىل پادىشاھى مىسىر چېگراسىدىكى دەريادىن تارتىپ تاكى فىرات دەرياسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى.

يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن

8يىھوياكىن تەختكە چىققان چاغدا 18 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئۈچ ئاي ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى يېرۇسالېملىق ئەلناتاننىڭ قىزى نىخۇشتا ئىدى. 9يىھوياكىن خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى.

10بۇ چاغدا بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ قوشۇنى يېرۇسالېمغا كېلىپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. 11قوشۇن شەھەرنى قورشاپ تۇرغاندا، پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئۆزىمۇ يېرۇسالېمغا كەلدى. 12يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن، ئانىسى، مەسلىھەتچىلىرى، سەركەردىلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بابىل پادىشاھىغا تەسلىم بولدى. بابىل پادىشاھى ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. بۇ بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ سەككىزىنچى يىلى ئىدى. 13بابىل پادىشاھى خۇددى پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ۋە ئوردىدىكى بارلىق بايلىقلارنى ئېلىپ كەتتى. ئىسرائىلىيە پادىشاھى سۇلايمان ئىبادەتخانا ئۈچۈن ياساتقان ئالتۇن جابدۇقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇزۇۋەتتى. 14ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئاھالىلەر، سەركەردىلەر، پالۋانلار، ھۈنەرۋەنلەر ۋە تۆمۈرچىلەر بولۇپ، جەمئىي ئون مىڭ ئادەمنى سۈرگۈن قىلدى. يۇرتتا پەقەت كەمبەغەل كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم قالمىدى. 15ئۇ پادىشاھ يىھوياكىن، پادىشاھنىڭ ئانىسى، پادىشاھنىڭ خوتۇنلىرى، ئەمەلدارلىرى ۋە ئەلدىكى كاتتا زاتلارنى تۇتقۇن قىلىپ، يېرۇسالېمدىن بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 16ئۇ بابىلغا ئېلىپ كەتكەن يەتتە مىڭ لەشكەر، مىڭ ھۈنەرۋەن ۋە تۆمۈرچىلەرنىڭ ھەممىسى جەڭ قىلىشقا ماھىر ۋە جەڭگە پايدىلىق ئادەملەر ئىدى.

17بابىل پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىننىڭ ئورنىغا ئۇنىڭ تاغىسى ماتتانيانى پادىشاھ قىلىپ، ئىسمىنى زىدقىياغا ئۆزگەرتتى.

يەھۇدىيە پادىشاھى زىدقىيا

18زىدقىيا تەختكە چىققان چاغدا 21 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 11 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى خامۇتال بولۇپ، لىبناھ شەھىرىدىكى يەرەمىيانىڭ قىزى ئىدى. 19زىدقىيا خۇددى يىھوياقىمغا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. 20شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى ھۇزۇرىدىن قوغلىماقچى بولدى. زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.

25

1زىدقىيا پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ توققۇزىنچى يىلى، يەنى 10-ئاينىڭ 10-كۈنى* بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر پۈتۈن قوشۇنلىرى بىلەن يېرۇسالېمغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى. ئۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا بارگاھ قۇرۇپ، شەھەرنىڭ ئەتراپىغا توسۇق تاملىرىنى ياساپ، شەھەرنى قورشىۋالدى. 2شۇنداق قىلىپ شەھەر تاكى زىدقىيا پادىشاھنىڭ 11-يىلىغىچە قورشاۋ ئىچىدە تۇردى. 34-ئاينىڭ 9-كۈنىگە كەلگەندە* خەلقنىڭ ئوزۇقى تۈگەپ، شەھەردە ئىنتايىن قاتتىق ئاچارچىلىق يۈز بەردى. 4بابىللىقلار ئاخىرى شەھەر سېپىلىنى بۇزدى. گەرچە بابىللىقلار شەھەرنى ھەممە تەرەپتىن قورشاپ تۇرغان بولسىمۇ، يېرۇسالېمدىكى لەشكەرلەرنىڭ ھەممىسى پادىشاھى زىدقىياغا ئەگىشىپ، كەچتە پادىشاھنىڭ بېغىنىڭ يېنىدىكى ئىككى سېپىل ئارىسىدىكى دەرۋازا ئارقىلىق تۈزلەڭلىككە قاراپ قاچتى. 5بىراق بابىللىقلارنىڭ قوشۇنى پادىشاھنى قوغلاپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىدە ئۇنىڭغا يېتىشىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۇنى تاشلاپ تەرەپ-تەرەپكە پىتىراپ كەتتى. 6بابىللىقلار زىدقىيا پادىشاھنى تۇتۇپ، ئۇنى خامات رايونىدىكى رىبلاھ شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. بابىل پادىشاھى شۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى. 7ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆلتۈردى. ئۇنىڭ كۆزىنى ئويۇۋېلىپ، ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن باغلاپ، بابىلغا ئېلىپ باردى.

8شۇ يىلى 5-ئاينىڭ 7-كۈنى، يەنى بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ھۆكۈمرانلىقىنىڭ 19-يىلى، بابىل پادىشاھىنىڭ ئەمەلدارى، يەنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يېرۇسالېمغا كەلدى. 9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا، پادىشاھ ئوردىسىغا ۋە يېرۇسالېمدىكى بارلىق ئۆيلەرگە، بولۇپمۇ كاتتا زاتلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋەتتى. 10ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان بىلەن كەلگەن بابىل لەشكەرلىرى يېرۇسالېمنىڭ پۈتۈن سېپىلىنى چېقىۋەتتى. 11شەھەردە قالغان ئاھالىلەر ۋە بابىل پادىشاھىغا بۇرۇن تەسلىم بولغانلار ھەم قالغان خەلقنى ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان يالاپ ئېلىپ كەتتى. 12نامراتلارنىڭ بەزىلىرىنى ئۈزۈمچىلىك ۋە دېھقانچىلىق قىلىشقا قالدۇردى.

13بابىللىقلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى ئالدىدىكى ئىككى تۇچ تۈۋرۈكنى، تۇچ داسلار قويۇلغان تۇچ ھارۋىلارنى ۋە «تۇچ دېڭىزى» دەپ ئاتالغان تۇچ داڭقاننى بۇزۇپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 14ئۇلار يەنە كۈل ئالىدىغان قاچا ۋە گۈرجەك، شۇنداقلا پىلىك قايچىسى، ئىسرىق تەخسىلىرىنى ۋە ئىبادەتخانىدىكى خىزمەت جەريانىدا ئىشلىتىدىغان باشقا تۇچ ئەسۋابلارنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى. 15بۇنىڭدىن باشقا، ئالتۇن ۋە كۈمۈش چوغدانلارنى، قۇربانلىقنىڭ قېنىنى چاچىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش داسلارنى ئېلىپ كەتتى. 16پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا سۇلايمان پادىشاھ ياساتقان ئىككى تۈۋرۈك، داڭقان ۋە ھارۋىلارغا ھەددى-ھېسابسىز تۇچ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولمايتتى. 17ھەربىر تۇچ تۈۋرۈكنىڭ ئېگىزلىكى توققۇز مېتىر ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ ئۇچىدا تۇچ باش بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم مېتىر ئىدى. يەنە تۈۋرۈك بېشىنى ئوراپ تۇرىدىغان تورسىمان بېزەك ۋە ئانارلار بولۇپ، ھەممىسى تۇچتىن ياسالغانىدى. تۈۋرۈكنىڭ ھەر ئىككىلىسىدە ئوخشاش تورسىمان بېزەك بار ئىدى.

18ياساۋۇللارنىڭ باشلىقى نىبۇزارئادان، باش روھانىي سىرايانى، مۇئاۋىن روھانىي زىفانىيانى، ئۈچ مۇھاپىزەتچى روھانىينى،19شەھەردە قېلىپ قالغان لەشكەرلەرنى نازارەت قىلىدىغان بىر ئەمەلدارنى، پادىشاھنىڭ مەسلىھەتچىلىرىدىن بەش ئادەمنى، ئاھالىلەرنى تىزىملايدىغان لەشكىرىي پۈتۈكچىنى ۋە شەھەردە تېپىۋېلىنغان ئاتمىش سەھرالىقنى تۇتتى. 20نىبۇزارئادان ئۇلارنى خامات رايونىدىكى رىبلاھتا تۇرۇۋاتقان بابىل پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. 21بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى.

شۇنداق قىلىپ يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.

ۋالىي گىداليا

22بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر ئۆزى يەھۇدىيە زېمىنىدا قالدۇرۇپ قويغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇش ئۈچۈن ئاخىقامنىڭ ئوغلى _ شافاننىڭ نەۋرىسى گىداليانى ۋالىيلىققا تەيىنلىدى. 23يەھۇدىيەنىڭ باشقا يەرلەردىكى قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ۋە لەشكەرلىرى بابىل پادىشاھىنىڭ گىداليانى قېلىپ قالغان ئاھالىلەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى مىزپاھقا كەلدى. ئۇلار نىتانيانىڭ ئوغلى ئىسمائىل، قارېياخنىڭ ئوغلى يوخانان، تانخۇمەتنىڭ ئوغلى نىتوفالىق سىرايا، مائاكا جەمەتىدىن بولغان يائازانيا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئىدى. 24گىداليا ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىگە قەسەم قىلىپ: «سىلەر بابىللىق ئەمەلدارلاردىن قورقماڭلار، بۇ زېمىندا ياشاپ، بابىل پادىشاھىغا بويسۇنساڭلار، ئامان-ئېسەن بولىسىلەر» دېدى. 25لېكىن كۈز كەلگەندە،* پادىشاھ جەمەتىدىن بولغان نىتانيانىڭ ئوغلى _ ئەلىشامانىڭ نەۋرىسى ئىسمائىل ئۆزىگە ئون ئادەمنى ھەمراھ قىلىپ، مىزپاھقا كېلىپ، گىداليانى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى يەھۇدىيەلىكلەر بىلەن بابىللىقلارنى قەتل قىلدى. 26شۇ سەۋەبتىن، پۇقرالاردىن مەرتىۋىلىكلەرگىچە ھەممىسى سەركەردىلەرگە قوشۇلۇپ، مىسىرغا قاراپ قاچتى، چۈنكى ئۇلار بابىللىقلاردىن قورقاتتى.

بابىل پادىشاھىنىڭ يىھوياكىنغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشى

27يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىن تۇتقۇن قىلىنىپ، ئېلىپ كېتىلگەننىڭ 37-يىلى، يەنى بابىل پادىشاھى ئەۋىل-مىروداك تەختكە چىققان يىلنىڭ 12-ئېيىنىڭ 27-كۈنى* ئۇ يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياكىنغا شەپقەت كۆرسىتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئېلىپ چىقتى. 28ئەۋىل-مىروداك ئۇنىڭغا چىرايلىق گەپ قىلىپ، ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى بابىلدا ئۇنىڭ قاتارىدا تۇتقۇندا تۇرۇۋاتقان پادىشاھلارنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن ئۈستۈن قىلدى. 29يىھوياكىن مەھبۇسلۇق كىيىمىنى سېلىۋەتتى، ئۆمۈر بويى پادىشاھ بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 30ئۇنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش خىراجىتىنى پادىشاھ ئۆمۈر بويى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەپ بەردى.



*1مىلادىيە كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 588-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*34-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 6-ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدىن 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان مەزگىلگە توغرا كېلىدۇ.

.

*25كۈز كەلگەندە _ ئىبرانىي تىلىدا «7-ئايدا».

*27مىلادىيە كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 561-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.