ناھۇم

 

1

1بۇ نىنەۋى شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىي بولۇپ، بۇنى ئەلقوشلۇق ناھۇم خاتىرىلەپ قالدۇرغان.

پەرۋەردىگارنىڭ نىنەۋىگە غەزەپلىنىشى

2پەرۋەردىگار قىزغىنىدىغان ۋە ئىنتىقام ئالىدىغان خۇدادۇر،

پەرۋەردىگار ئىنتىقام ئالىدىغان ۋە غەزەپلىنىدىغان خۇدادۇر.

پەرۋەردىگار دۈشمەنلىرىدىن ئىنتىقام ئالىدۇ،

ئۇ ئۆز رەقىبلىرىگە قەھرى بىلەن قارشى تۇرۇشتا چىڭ تۇرىدۇ.

3پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى زوردۇر،

ئۇ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدۇ،

لېكىن ئۇ گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايدۇ.

ئۇ بوران ۋە قۇيۇن ئىچىدە يۈرەر،

بۇلۇتلار گويا ئۇنىڭ ئاياغلىرىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ-توزانلاردۇر.

4ئۇ دېڭىزغا: «قۇرۇپ كەت» دەپ ئەمر قىلسا، دېڭىز قۇرۇپ كېتىدۇ،

ئۇ بارلىق دەريالارنىمۇ قۇرۇتۇۋېتىدۇ.

باشاننىڭ ياپيېشىل يايلاقلىرى ۋە كارمەل تېغىدىكى بۈك-باراقسان ئورمانلىقلار قۇرۇپ قاقشال بولىدۇ،

لىۋان تاغلىرىدىكى گۈللەر توزۇيدۇ.

5ئۇ كەلگەندە تاغلار تەۋرەيدۇ،

ئېدىرلار ئېرىپ كېتىدۇ.

ئۇنىڭ ئالدىدا يەر-زېمىن ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقانلارنىڭ ھەممىسى تىترەپ تۇرىدۇ.

6خۇدانىڭ غەزىپى تاشسا، كىممۇ دەس تۇرالىسۇن؟

كىممۇ ئۇنىڭ غەزەپ ئوتىغا بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟

ئۇنىڭ غەزىپى خۇددى ئوت ياغدۇرۇلغاندەك چۈشىدۇ.

قورام تاشلار ئۇنىڭ ئالدىدا پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ.

7پەرۋەردىگار ياخشىدۇر،

ئۇ كۈلپەتلىك كۈنلەردە ئادەملەرگە قورغاندۇر،

ئۇ ئۆزىدىن پاناھلىق ئىزدەيدىغانلارنى قوغدايدۇ.

8لېكىن ئۇ كەلكۈن بىلەن نىنەۋىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىدۇ،

ئۇ دۈشمەنلىرىنى زۇلمەتكە قوغلايدۇ.

9ئەي نىنەۋىلىكلەر، نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىگە قارشى سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرىسىلەر؟

ئۇ سىلەرنى شۇنچىلىك خانىۋەيران قىلىدۇكى،

ئۇنىڭ يەنە سىلەرنى خانىۋەيران قىلىشىغا ھاجەت قالمايدۇ.

10سىلەر خۇددى ئىرماش-چىرماش بولۇپ كەتكەن تىكەنلىككە

ۋە شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ كەتكەن ئادەملەرگە ئوخشايسىلەر.

سىلەر قۇرۇق سامانغا ئوخشاش پۈتۈنلەي كۆيۈپ تۈگەيسىلەر.

11ئاراڭلاردىن رەزىللىك بىلەن سۇيىقەست ئۇيۇشتۇرغان بىرى ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئۇ پەرۋەردىگارغا قارشى يامان غەرەزدە بولغۇچىدۇر.

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، ئاسسۇرلار قانچە كۈچلۈك ۋە كۆپ بولسىمۇ،

ئۇلار يەنىلا گۇمران قىلىنىپ يوقىتىلىدۇ.

مەن ئىلگىرى سىلەرنى ئازابقا سالغانىدىم،

ئەمدى سىلەرنى قايتا ئازابلىمايمەن.

13مەن نىنەۋىلىكلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى بويۇنتۇرۇقىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن،

ئۇلارنىڭ سىلەرگە سالغان كىشەنلىرىنى ئۈزۈۋېتىمەن.»

14ئەي نىنەۋىلىكلەر، پەرۋەردىگار سىلەر توغرۇلۇق مۇنداق پەرمان چۈشۈردى:

«سىلەرنىڭ نامىڭلارنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئەۋلادلىرىڭلار قالمايدۇ.

مەن ئىلاھلىرىڭلارنىڭ بۇتخانىلىرىدىكى ئويما ۋە قۇيما بۇتلارنى پاچاقلاپ تاشلايمەن.

مەن سىلەر ئۈچۈن گۆر تەييارلاۋاتىمەن، چۈنكى سىلەر ئەرزىمەس ئادەملەرسىلەر.»

15قاراڭلار، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ،

خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى يېتىپ كەلمەكتە،

ئۇ تىنچلىقنى جاكارلىماقتا!

ئەي يەھۇدىيەلىكلەر، ئەمدى ھېيتلىرىڭلارنى تەبرىكلەۋېرىڭلار!

قىلغان ۋەدىلىرىڭلارغا ئەمەل قىلىۋېرىڭلار!

قەبىھ ئاسسۇرلار ئەمدى سىلەرگە ھەرگىز ھۇجۇم قىلالمايدۇ،

ئۇلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.

 

2

نىنەۋىنىڭ ۋەيران بولۇشى

1ئەي نىنەۋىلىكلەر، ۋەيران قىلغۇچىلار كېلىپ، سىلەرگە ھۇجۇم قىلماقچى!

سېپىللىرىڭلارغا قاراۋۇللارنى قويىۋېرىڭلار،

يوللارنى مۇھاپىزەت قىلىۋېرىڭلار،

قوشۇنلىرىڭلارنى يىغىپ،

كۈچۈڭلارنى توپلاۋېرىڭلار!

2ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەر يەھۇدىيەنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ،

ئۇلارنىڭ ئۈزۈمزارلىقلىرىنى بۇزۇۋەتكەن بولساڭلارمۇ،

لېكىن پەرۋەردىگار خۇددى ئىسرائىلىيەنىڭ شان-شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرمەكچى بولغاندەك،

ياقۇپنىڭ ئەجدادلىرى بولغان يەھۇدىيەنىڭ شان-شەرىپىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.

3سىلەرنى يوقىتىدىغان دۈشمەن لەشكەرلىرى قىزىل كىيىملەرنى كىيىدۇ،

ئۇلارنىڭ قالقانلىرى قىپقىزىل بولۇپ، پارقىرايدۇ.

جەڭ كۈنىدە ھارۋىلارنىڭ تۆمۈرلىرى ئوتتەك چاقنايدۇ،

ئۇلار نەيزىلىرىنى كۆتۈرۈپ ئوينىتىدۇ.

4جەڭ ھارۋىلىرىنى كوچا-كويلاردا ئۇچقاندەك ھەيدەپ،

دالالاردا ئۇيان-بۇيان چېپىشىپ يۈرىدۇ.

ھارۋىلار مەشئەللەردەك يېنىپ،

چاقماق تېزلىكىدە ئالغا ئېتىلىدۇ.

5لەشكەر باشلىرى چاقىرتىلىدۇ.

ئۇلار ئالدىرىغىنىدىن بىر-بىرىگە پۇتلىشىپ كېتىدۇ.

دۈشمەن دەرۋازىنى بۇزۇپ ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان كۆتەكنىڭ ئۈستىگە قالقان بولىدىغان لەمپە ئورنىتىدۇ.

6دەريا بويىغا سېلىنغان قوۋۇقلار ئېچىلىدۇ،

ئوردا ئوتتا كۆيۈپ كېتىدۇ.

7مۇقەررەركى، نىنەۋىلىكلەر ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن قىلىنىدۇ،

كېنىزەكلەر كەپتەردەك ئۈنلىشىپ پەرياد قىلىپ،

كۆكرەكلىرىگە مۇشتلاپ، ھازا تۇتىدۇ.

8خۇددى ئېچىۋېتىلگەن تۇغاندىن ئېتىلىپ چىققان سۇدەك،

خالايىق نىنەۋى شەھىرىدىن قېچىشىدۇ.

لەشكەر باشلىرى: «توختاڭلار! توختاڭلار!» دەپ ۋارقىراشسىمۇ،

لېكىن ھېچكىم ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ قارىمايدۇ.

9ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ئولجا ئېلىڭلار!

بۇ يەردە پۈتمەس-تۈگىمەس بايلىقلار بار،

قىممەتلىك خەزىنىلەر سان-ساناقسىزدۇر.

10نىنەۋى شەھىرى قۇرۇقدىلىنىپ، تاشلىنىپ خانىۋەيران قىلىنىدۇ.

ئۇلارنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ،

پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ،

تەنلىرى جۇغۇلداپ، چىرايلىرىدا قان قالمايدۇ.

11نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ شىرلار ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئىدىغۇ!

ئۇ يەردە ياش شىرلار غىزالىناتتى،

ئارسلانچاقلار ئەركەك ۋە چىشى شىر بىلەن بىخەتەر ياشايتتى.

12شىر كۈچۈكلىرىگە يېتەرلىك ئولجىلارنى پارچىلاپ تىتىپ بېرەتتى،

چىشى شىر ئۈچۈن تىرىك ئولجىنى بوغۇپ ئۆلتۈرەتتى،

ئۆڭكۈرى ئولجا بىلەن توشۇپ كېتەتتى.

ئۇۋىسىغا گۆش پارچىلىرى دۆۋىلىنىپ كېتەتتى.

13قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاڭلاپ تۇر، ئەي نىنەۋى، مەن ساڭا قارشىدۇرمەن!

جەڭ ھارۋىلىرىڭنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،

ياش ئارسلانلىرىڭ قىلىچتا ھالاك بولىدۇ،

مەن ئەمدى يەر يۈزىدە ساڭا ئولجا قالدۇرمايمەن.

بۇنىڭدىن كېيىن ئەلچىلىرىڭنىڭ ئاۋازلىرى ئۆچىدۇ.»

 

3

نىنەۋىنىڭ جازالىنىشى

1ھالىڭغا ۋاي، قانخورلۇققا تولغان شەھەر،

ھالىڭغا ۋاي، يالغانچىلىققا چۆمگەن شەھەر،

ھالىڭغا ۋاي، ئولجىلارغا كۆمۈلگەن شەھەر،

سەندە تالان-تاراج ھېچقاچان ئۈزۈلمەس.

2قۇلاققا ئاڭلىنىپ تۇرار،

قامچىلارنىڭ تاراسلاشلىرى،

چاقلارنىڭ جاراق-جۇرۇقلىرى،

چېپىۋاتقان ئات تۇياقلىرىنىڭ دۈپۈرلەشلىرى،

جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ تاراقلاشلىرى.

3ھارۋىلىق لەشكەرلەر ئالدىغا قاراپ ئېتىلىدۇ.

قىلىچلار چاقنايدۇ، نەيزىلەر يالتىراپ تۇرىدۇ.

نۇرغۇن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلىدۇ.

سان-ساناقسىز جەسەتلەر دۆۋىلىنىپ كېتىدۇ.

ئادەملەر جەسەتلەرگە پۇتلىشىپ تۇرىدۇ.

4چۈنكى سەن ئۆزۈڭنى ناز-كەرەشمىلىك بۇزۇق پاھىشىدەك تۇتتۇڭ.

جادۇگەرلىك بىلەن ئەللەرنى ئۆزۈڭگە جەلپ قىلىپ،

بۇزۇقچىلىق بىلەن ئۇلارنى ئۆزۈڭگە قۇل قىلدىڭ.

سېھىر-جادۇلىرىڭ بىلەن خەلقلەرنى ئۆزۈڭگە ئەگەشتۈردۈڭ.

5قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي نىنەۋى، ئاڭلاپ تۇر! مەن ساڭا قارشىدۇرمەن!

مەن كۆڭلىكىڭنىڭ ئېتىكىنى قايرىۋېتىپ، يۈزۈڭگە يېپىپ قويىمەن.

ئەللەرگە سېنىڭ يالىڭاچ تېنىڭنى كۆرسىتىمەن.

ئەللەر ئالدىدا سېنى شەرمەندە قىلىمەن.

6ئۈستبېشىڭغا نىجاسەت ياغدۇرۇپ،

سېنى رەسۋا قىلىمەن.

كۆپچىلىككە سېنىڭ تاماشاڭنى كۆرسىتىمەن.

7سېنى كۆرگەنلا ئادەم سەندىن سەسكىنىپ قېچىپ:

‹نىنەۋى خاراب بولدى!

كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇ-ھەسرەت چېكەر؟› دەيدۇ.

ساڭا تەسەللى بېرىدىغان ئادەم ئەسلا يوقتۇر!»

نىنەۋىنىڭ ۋەيران بولۇشتىن ساقلىنالماسلىقى

8ئەي نىنەۋى،

سەن نو شەھىرىدىن بىخەتەر ئەمەس!

ئۇ شەھەر نىل دەرياسىنىڭ يېنىدا بولۇپ،

سۇلار ئۇنىڭ تۆت ئەتراپىنى ئوراپ تۇراتتى.

دەريا ئۇنى ئىستىھكامدەك قوغدايتتى.

9ئۇنىڭ ئىلكىدە تۇرۇۋاتقان كۇش ۋە مىسىر ئۇنىڭ چەكسىز كۈچ-قۇدرىتى ئىدى.

لىۋىيە ۋە پۇئۇت ئەللىرى ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى.

10شۇنداقتىمۇ نوئامون خەلقى ئەسىرگە ئېلىنىپ، سۈرگۈن بولدى.

ئۇلارنىڭ بوۋاقلىرى دوقمۇش-دوقمۇشلاردا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى،

مۆتىۋەرلەرگە چەك تاشلاندى،

يۇرت كاتتىلىرىنىڭ ھەممىسى كىشەنلىنىپ تۇتۇپ كېتىلدى.

11ئەي نىنەۋىلىكلەر، سىلەرمۇ ئەمدى مەست ئادەمدەك دەلدەڭشىپ قالىسىلەر،

سىلەر دۈشمەنلىرىڭلاردىن يوشۇرۇنۇپ،

ئۆزۈڭلارغا پاناھ ئىزدەپ يۈرىسىلەر.

12سىلەرنىڭ بارلىق قورغانلىرىڭلار خۇددى تۇنجى مېۋىگە كىرىپ،

مەي باغلىغان ئەنجۈر دەرىخىگە ئوخشايدۇ.

دەرەخ ئىرغىتىلسا، ئەنجۈر ئەنجۈرنى ئىستىگۈچىنىڭ ئاغزىغا چۈشىدۇ.

13سىلەرنىڭ جەڭچىلىرىڭلار خۇددى خوتۇن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ.

يۇرتىڭلارنىڭ دەرۋازىلىرى دۈشمىنىڭلارغا كەڭ ئېچىلىدۇ،

ئوت دەرۋازاڭلارنىڭ بالداقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

14سىلەر سۇلارنى زاپاس ساقلاپ،

دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ قورشاۋىغا تەييارلىق قىلىۋېرىڭلار!

مۇداپىئەيىڭلارنى كۈچەيتىۋېرىڭلار!

پۇتلىرىڭلار بىلەن لاي ئېتىپ، كېسەكلەرنى قۇيۇپ،

سېپىللىرىڭلارنى مۇستەھكەملىۋېرىڭلار!

15مەيلى قانداقلا قىلماڭلار، ھامىنى ئوت يەنىلا سىلەرنى يالماپ يۇتىدۇ.

قىلىچ بوينۇڭلاردا بولىدۇ.

خۇددى زىرائەتلەر چېكەتكىلەر تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغاندەك، سىلەرمۇ قىرىپ تاشلىنىسىلەر.

كۆپىيىۋېرىڭلار، خۇددى چېكەتكىلەردەك كۆپىيىۋېرىڭلار!

16سىلەرنىڭ سودىگەرلىرىڭلار ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردىنمۇ كۆپ بولۇپ،

ئۇلار بىر توپ چېكەتكىلەردەك ھەممىنى قۇرۇقداپ ئۇچۇپ كېتىدۇ.

17سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار خۇددى سوغۇق كۈنلەردە چىتلاقلارنى قاپلىغان بىر توپ چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ.

لېكىن قۇياش چىققاندا، ئۇلار ھېچكىم بىلمەيدىغان يەرلەرگە ئۇچۇپ كېتىدۇ.

18ئەي ئاسسۇر پادىشاھى، سېنىڭ ئەمەلدارلىرىڭنىڭ كۆزى يۇمۇلدى،

سېنىڭ ئېسىلزادىلىرىڭ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى!

سېنىڭ خەلقىڭ تاغلارغا چېچىلىپ كەتتى.

ئۇلارنى يىغىدىغان بىرمۇ كىشى قالمىدى.

19سېنىڭ جاراھىتىڭنى ساقايتىش مۇمكىن ئەمەس،

سېنىڭ ياراڭ ئەجەللىكتۇر.

سېنىڭ تۈگەشكەنلىكىڭنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى

خۇشاللىقتىن چاۋاك چالىدۇ.

كىم سېنىڭ تۈگىمەس زوراۋانلىقىڭنىڭ دەردىنى تارتمىغان؟!