مالاكى


1

1بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى* پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى

2پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ.

لېكىن سىلەر: «راستمۇ؟ سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر.

پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم،
3ئەمما ئەساۋنى رەت قىلدىم. ئەساۋغا تەقسىم قىلغان تاغلارنى دەشت-باياۋانغا ئايلاندۇرۇپ، ئۇنى چىلبۆرىلەرگە تاشلاپ بەردىم».

4ئەساۋنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دەيدۇ.

بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان› دەپ نام ئالىدۇ.
5سىلەر ئۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ، ‹پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىدىن ھالقىپ كېتەر!› دەيسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى تەنقىد قىلىشى

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى مېنىڭ ھۆرمىتىم؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلار؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.

7سىلەر ناپاك ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سوپامغا قويۇپ ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساق بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر.
8سىلەرنىڭ كور مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ ناكار ۋە كېسەل مالنى قۇربانلىق قىلغىنىڭلار توغرىمۇ؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: ئۆز ھاكىمىڭلارغا شۇنداق سوۋغاتنى بېرىپ سىناپ بېقىڭلارچۇ قېنى، ئۇ خۇرسەن بولامدىكىن؟! ئۇ سىلەرگە ھىممەت كۆرسىتەمدىكىن؟!

9ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنغىنىڭلاردا، خۇدا سىلەرگە شەپقەت قىلارمۇ؟!»

10قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتىڭلارچۇ، شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايسىلەر. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.
11كۈن چىقىشتىن تارتىپ كۈن پېتىشقىچە بولغان خەلقلەر مېنىڭ نامىمنى ئۇلۇغلايدۇ. ھەممە يەردە مېنىڭ نامىمغا ئاتاپ ئىسرىق سالىدۇ ۋە پاك ھەدىيەلەرنى سۇنىدۇ. مېنىڭ نامىم پۈتكۈل خەلقلەر ئارىسىدا ئۇلۇغدۇر.

12ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلماي، بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر.
13سىلەر ئىگەڭلارغا خىزمەت قىلىشنى بەك ئاۋارىچىلىك دەپ ئويلاپ، مېنى مەنسىتمىدىڭلار. ئويلاپ بېقىڭلار! سىلەر ئوغرىلاپ كېلىنگەن ياكى ناكار، كېسەل ھايۋانلارنى قوربانلىق قىلىسىلەر! مەن سىلەرنىڭ قوللىرىڭلاردىن شۇنداق قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلامدىمەن؟!

14مەن ئىگەڭلارغا، ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبناق مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: «مەن بولسام ئۇلۇغ پادىشاھ، پۈتكۈل خەلقلەر مەندىن قورقۇشى كېرەك.»



*1 مالاكى _ مەنىسى «ئەلچىم».



 

2

پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى

1‏-2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار ۋە مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە لەنەت ياغدۇرىمەن، بەرىكەتلىرىڭلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.
3مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادىڭلارنى جازالايمەن ۋە سىلەرنىڭ ھېيتلاردا قىلغان قۇربانلىقىڭلارنىڭ مەينەتچىلىكلىرىنى يۈزۈڭلارغا سۈركەيمەن، شۇنداقلا سىلەرنى شۇ مەينەتچىلىكلەر بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىمەن.
4شۇنىڭدا سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا قىلغان ئەمرىمنىڭ مەقسىتىنى بىلىپ قالىسىلەر. مانا بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!»

5«لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىقنى ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن ئۇنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدەمدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى.
6ئۇلار خەلققە ھەقىقەتنى ئۆگەتتى، ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن ناتوغرا سۆزلەر چىقمىدى. ئۇلار ئىناقلىق ۋە دۇرۇسلۇق يولىدا مەن بىلەن بىللە ماڭدى. ئۇلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىدىن قايتۇرۇپ كەلدى.
7روھانىيلارنىڭ ئاغزىدىن چىققان تەلىم پەرۋەردىگارنىڭ ھەقىقىتىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك. خەلق ئۇلارنى ئىزدەپ، ئۇلاردىن ساۋاق ئېلىشى لازىم، چۈنكى ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىلىرىدۇر.
8بىراق سىلەر روھانىيلار ھازىر پەرۋەردىگارنىڭ يولىدىن چەتنەپ كەتتىڭلار. سىلەرنىڭ تەلىملىرىڭلار نۇرغۇن كىشىلەرنى گۇناھ يولىغا كىرگۈزۈپ قويدى. سىلەر مېنىڭ لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزدۇڭلار» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.
9پەرۋەردىگار يەنە: «مەن سىلەرنى پۈتۈن خەلق ئالدىدا كەمسىتىلىشكە ۋە خارلىققا دۇچار قىلدىم. چۈنكى سىلەر مېنىڭ يولۇمدا ماڭماي، كىشىلەرگە تەلىم بەرگىنىڭلاردا ئايرىمىچىلىق قىلدىڭلار.» دېدى.

نىكاھ ۋە ئاجرىشىش توغرىسىدا

10ھەممىمىزنىڭ خۇدائاتىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟
11يەھۇدىيە خەلقى پەرۋەردىگارغا سەمىمىيەتسىزلىك قىلدى. ئۇلار ئىسرائىلىيەدە، ھەتتا يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنىدىغان ئاياللار بىلەن توي قىلىپ، پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىدىغان ئىبادەتخانىنى بۇلغىدى.
12شۇنداق ئىش قىلغانلارنى، ئۇ كىم بولۇشىدىن ھەم قانداق ھەدىيە سۇنۇشىدىن قەتئىينەزەر پەرۋەردىگار ئىسرائىل جامائىتىدىن يوقاتقاي.

13سىلەر يەنە شۇنداق ئىش قىلىۋاتىسلەر، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قوربانلىق سۇپىسىنى كۆز-يېشىڭلارغا چىلاۋاتىسىلەر، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارغا قاراپمۇ قويمايۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ.
14سىلەر يەنە: «پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ھەدىيەلىرىمىزنى قوبۇل قىلمايدىغاندۇ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار ياشلىق چېغىڭلاردا ئايالىڭلارغا قىلغان قەسىمىڭلەرگە گۇۋاھتۇر. چۈنكى نىكاھلىنىپ ئالغان ھەمراھىڭ ساڭا ساداقەتمەن بولسىمۇ، ئەمما سەن ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلدىڭ.

15پەرۋەردىگار سېنى ۋە ئايالىڭنى بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە سىلەر پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ. پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇش ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار.

16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!»

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئەلچىسىنى ئەۋەتىشى

17سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز ئۇنى قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر»، «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلاپ ئۇنى بىزار قىلدىڭلار.


3

1«مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئاندىن سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار، يەنى سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچىم توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.

2«ئەمما ئۇ كەلگەندە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىۋېتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ.
3ئۇ كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلاپ ئەخلىتىدىن ئايرىيدىغان ئادەمگە ئوخشاش، ئۇ لاۋىيلارنىمۇ ئالتۇن-كۈمۈش تاۋلىغاندەك تاۋلاپ پاكلايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا، مەن قوبۇل قىلالايدىغان ھەدىيەلەرنى سۇنالايدۇ.
4ئاندىن بۇرۇنقىدەك، يەھۇدا ۋە يېرۇسالېملىقلارنىڭ سۇنغان ھەدىيەلىرى مەن پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدىغان بولىدۇ.

5شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن. مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر».

پەرۋەردىگارنىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى

6«مەن پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ۋەيران قىلىنمىدىڭلار.
7سىلەر ئەجدادىڭلار زامانىدىن تارتىپ مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىشتىن باش تارتىپ كەلدىڭلار. ئەمدى سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قايتا يار بولاي. بىراق سىلەر: ‹بىز ئەزەلدىن چەتنەپ كەتمىگەن تۇرساق، قانداق قايتىمىز؟› دەپ سورايسىلەر.

8ئادەم خۇداغا خىيانەت قىلالامدۇ؟ دەرھەقىقەت سىلەر ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ساڭا خىيانەت قىلالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشكە ۋە ھەدىيەلەرگە خىيانەت قىلدىڭلار.
9پۈتۈن خەلقىڭلار ماڭا خىيانەت قىلغانلىقىدىن، سىلەرگە لەنەت ياغىدۇ.
10ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ ھەممىسىنى ئىبادەتخانا ئامبىرىغا ئەكېلىڭلار، شۇنىڭدا ئىبادەتخانامدا يېتەرلىك ئاشلىق بولىدۇ. بۇ ئىشتا مېنى _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى سىناڭلار! مېنىڭ سىلەر ئ‍ۈچۈن جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ، سىلەرگە مول بەخت-سائادەت ياغدۇرغانلىقىمنى كۆرىسىلەر.
11مەن زىرائەتلىرىڭلارنى زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ۋەيران قىلىشىدىن قوغدايمەن. سىلەرنىڭ ئۈزۈملىرىڭلار پىشقۇچە چۈشۈپ كەتمەي ساپىقىدا تۇرىدۇ» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.
12«زېمىنىڭلارنىڭ مۇنبەتلىكىدىن بارلىق مىللەتلەر سىلەرگە ‹بەخت قونۇپتۇ› دېيىشىدۇ! مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»

پەرۋەردىگارنىڭ رەھىمدىللىكنى ۋەدە قىلىشى

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق يامان گەپ قىپتۇق؟› دەپ سورايسىلەر.

14سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدە، بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟
15ھازىر تەكەببۇرلار بەخت تېپىپ، يامانلىق قىلغۇچىلار گۈللەپ ياشناۋاتىدۇ. ئۇلار خۇدانى سىناپ تۇرۇپ يەنە قېچىپ قۇتۇلدىغۇ!› دەيسىلەر.»

16پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئورالما پۈتۈككە رويخەت قىلىپ پۈتۈلگەندۇر.

17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك ئۆز خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن.
18شۇ چاغدا سىلەر مېنىڭ ھەققانىي ئادەم بىلەن رەزىل ئادەمنى، ماڭا خىزمەت قىلغان ئادەم بىلەن قىلمىغان ئادەمنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىسىلەر.»


4

پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈننىڭ يېقىنلىشىشى

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى تونۇردىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك بولىدۇ. شۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبىغىچە ھېچ نەرسە قالمايدۇ».

2«ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتلىك قۇياش چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.
3مەن ھۆكۈمىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى تاپىنىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.

4«مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئىتائەت قىلىشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.

5بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن.
6ئۇ ئاتىلارنى بالىلىرىغا، بالىلارنى ئاتىلىرىغا چىن يۈرەكلىرىدىن ياراشتۇرىدۇ. شۇنداق بولمىسا، مەن بۇ زېمىنغا لەنەت ياغدۇرىمەن.»