مالاكى 1 1بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مالاكى* پەيغەمبەر ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ۋەھىيسىدۇر. پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى 2پەرۋەردىگار: «مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ كەلدىم» دەيدۇ. لېكىن سىلەر: «راستمۇ؟ سەن بىزگە قانداق مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىڭ؟» دەپ سورايسىلەر. پەرۋەردىگار جاۋابەن مۇنداق دەيدۇ: «ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئەمەسمۇ؟ لېكىن مەن ئەجدادىڭلار ياقۇپقا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتتىم، 4ئەساۋنىڭ ئەۋلادى بولغان ئىدوملۇقلار بەلكىم: «بىزنىڭ يۇرتىمىز ۋەيران قىلىنسىمۇ، ئەمما بىز بۇ خارابىلىكنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقالايمىز» دەيدۇ. بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بەلكىم ئۇلار يەنە قايتىدىن قۇرۇپ چىقار، ئەمما مەن يەنە ۋەيران قىلىۋېتىمەن. ئۇلارنىڭ زېمىنى ‹رەزىللىككە تولغان›، خەلقى ‹پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك غەزىپىگە ئۇچرىغان› دەپ نام ئالىدۇ. پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى تەنقىد قىلىشى 6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئوغۇل ئاتىسىنى، چاكار خوجايىنىنى ھۆرمەت قىلار. ئەگەر مەن بىر ئاتا بولسام، قېنى مېنىڭ ھۆرمىتىم؟ ئەگەر مەن بىر خوجايىن بولسام، قېنى ماڭا بولغان ئىتائەتمەنلىكىڭلار؟ سىلەر روھانىيلار مېنىڭ نامىمنى دەپسەندە قىلدىڭلار، ئەمما سىلەر ‹قانداق دەپسەندە قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر.
7سىلەر ناپاك ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سوپامغا قويۇپ ماڭا ئاتىدىڭلار. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ‹سېنى قانداق خاپا قىلدۇق؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامنى ھۆرمەت قىلمىساق بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر. 9ئەمدى سىلەر مەن خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن يېلىنىپ بېقىڭلار. سىلەر ئاشۇنداق قۇربانلىقلارنى سۇنغىنىڭلاردا، خۇدا سىلەرگە شەپقەت قىلارمۇ؟!»
10قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: «بىرىڭلار ئىبادەتخانىنىڭ دەرۋازىلىرىنى تاقىۋېتىڭلارچۇ، شۇنداق قىلساڭلار مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا ئوت يېقىپ، ئەرزىمەس قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ ئولتۇرمايسىلەر. مەن سىلەردىن رازى ئەمەسمەن. ئەمدى مەن سىلەرنىڭ قولۇڭلاردىن قۇربانلىق قوبۇل قىلمايمەن.
12ئەمما سىلەر روھانىيلار ماڭا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىڭلار. سىلەر مەن ئىگەڭلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆزگە ئىلماي، بىز بۇ سۇپىدا ئەرزىمەس يېمەكلىكلەر ۋە قۇربانلىقلارنى سۇنساقمۇ بولىۋېرىدۇ، دەپ ئويلايسىلەر. 14مەن ئىگەڭلارغا، ئۆز ماللىرى ئارىسىدىن بېجىرىم ئەركەك مالنى قۇربانلىق قىلىشقا ۋەدە قىلىپ تۇرۇپ، ئەيىبناق مالنى قۇربانلىق قىلغان ئالدامچىغا قارغىش تەگسۇن.» مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: «مەن بولسام ئۇلۇغ پادىشاھ، پۈتكۈل خەلقلەر مەندىن قورقۇشى كېرەك.»
2 پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى
1-2قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «ئەي روھانىيلار، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن ئەمر. ئەگەر ماڭا قۇلاق سالمىساڭلار ۋە مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىسەڭلار، مەن سىلەرگە لەنەت ياغدۇرىمەن، بەرىكەتلىرىڭلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن. دەرۋەقە شۇنداق قىلدىم، چۈنكى سىلەر نامىمنى ھۆرمەتلەشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكمىدىڭلار.
5«لاۋىيلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ مەقسىتى ھاياتلىق ۋە ئامانلىقنى ئاتا قىلىش بولۇپ، دەرۋەقە مەن ئۇنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. بۇ ئەھدەمدە ئۇلارنىڭ مېنى ھۆرمەتلىشى تەلەپ قىلىنغانىدى. ئۇلار ماڭا ئىخلاسمەن بولدى ۋە مېنى ھۆرمەتلىدى. نىكاھ ۋە ئاجرىشىش توغرىسىدا
10ھەممىمىزنىڭ خۇدائاتىمىز بىر ئەمەسمۇ؟ ھەممىمىزنى خۇدا ياراتقان ئەمەسمۇ؟ شۇنداق تۇرۇقلۇق بىز نېمە ئۈچۈن بىر-بىرىمىزنى ئالداپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ خۇدا بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇزىمىز؟
13سىلەر يەنە شۇنداق ئىش قىلىۋاتىسلەر، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قوربانلىق سۇپىسىنى كۆز-يېشىڭلارغا چىلاۋاتىسىلەر، ئۈن سېلىپ، ئۆكسۈپ يىغلاۋاتىسىلەر. چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ھەدىيەلىرىڭلارغا قاراپمۇ قويمايۋاتىدۇ ۋە ئۇنى قوبۇل قىلمايۋاتىدۇ. 15پەرۋەردىگار سېنى ۋە ئايالىڭنى بىر تەن، بىر جان قىلمىغانمىدى؟ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە سىلەر پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ. پەرۋەردىگار سىلەردىن نېمىنى كۈتىدۇ؟ سىلەرنىڭ بىر تەن، بىر جان بولۇش ئارقىلىق خۇدا يولىدا ماڭىدىغان پەرزەنتلەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى كۈتىدۇ. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، قەدىناس ئايالىڭلارغا سادىق بولۇڭلار. 16پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «مەن ئاجرىشىشقا نەپرەتلىنىمەن» دەيدۇ. «ئاجرىشىش خۇددى بىرسىگە قىلغان زوراۋانلىق بىلەن باراۋەردۇر. شۇڭا قەلبىڭلارنى پاك تۇتۇپ، ساداقەتسىزلىك قىلماڭلار!» پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ئەلچىسىنى ئەۋەتىشى
17سىلەر گەپ-سۆزۈڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنى بىزار قىلدىڭلار. لېكىن سىلەر: «بىز ئۇنى قانداق بىزار قىپتۇق؟» دەپ سورايسىلەر. سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامانلىق قىلغۇچىلارمۇ ياخشىدۇر، يەنە كېلىپ پەرۋەردىگار ئۇلاردىن خۇرسەندۇر»، «قېنى ئادىل خۇدا؟» دەپ بىلجىرلاپ ئۇنى بىزار قىلدىڭلار. 3 1«مانا، ئەمدى مەن پەرۋەردىگار ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ماڭا يول ھازىرلايدۇ. ئاندىن سىلەر تەلمۈرۈۋاتقان ئىگەڭلار، يەنى سىلەر تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان، ئەھدە خەۋىرىنى يەتكۈزگۈچى ئەلچىم توساتتىن ئۆز ئىبادەتخانىسىغا كېلىدۇ، ئۇ چوقۇم كېلىدۇ!» دېدى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار.
2«ئەمما ئۇ كەلگەندە كىممۇ بەرداشلىق بېرەلەيدۇ؟ ئۇ زاھىر بولغاندا، كىممۇ ئۇنىڭ ئالدىدا دەس تۇرالايدۇ؟ چۈنكى ئۇ كۈمۈش تاۋلايدىغان ئوتقا ئوخشايدۇ، ئۇ كىرلەرنى يۇيۇپ ئاقارتىۋېتىدىغان كۈچلۈك سوپۇنغا ئوخشايدۇ. 5شۇ چاغدا مەن سىلەرنى سوراققا تارتىمەن، مەندىن قورقمايدىغان بارلىق باخشىلار، زىناخورلار، ساختا گۇۋاھچىلار، ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىگە قارا سانايدىغانلار، تۇل خوتۇن، يېتىم-يېسىرلارنى خورلايدىغانلار ۋە مۇساپىرلارنى بوزەك قىلىدىغانلاردىن ھېساب ئالىمەن. مانا بۇلار مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر». پەرۋەردىگارنىڭ توۋا قىلىشقا چاقىرىق قىلىشى
6«مەن پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن. شۇ سەۋەبتىن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر ۋەيران قىلىنمىدىڭلار.
8ئادەم خۇداغا خىيانەت قىلالامدۇ؟ دەرھەقىقەت سىلەر ماڭا خىيانەت قىلدىڭلار. بىراق سىلەر: ‹بىز قانداقلارچە ساڭا خىيانەت قىلالايمىز؟› دەپ سورايسىلەر. سىلەر ماڭا تېگىشلىك بولغان ئوندىن بىر ئۈلۈشكە ۋە ھەدىيەلەرگە خىيانەت قىلدىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ رەھىمدىللىكنى ۋەدە قىلىشى 13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلدىڭلار. ئەمما سىلەر مەندىن: ‹بۇ نېمە دېگىنىڭ؟ بىز ساڭا قانداق يامان گەپ قىپتۇق؟› دەپ سورايسىلەر.
14سىلەر يەنە: ‹خۇداغا خىزمەت قىلىش بىھۇدە، بىز ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ياكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ھەسرەت چېكىپ، گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلىپ نېمىگە ئېرىشتۇق؟ 16پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەر بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئۆزئارا پاراڭلاشتى. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ۋە ئۇنىڭ نامىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ئىسمى ئورالما پۈتۈككە رويخەت قىلىپ پۈتۈلگەندۇر.
17قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە ئۇلار ماڭا مەنسۇپ بولۇپ، مېنىڭ قىممەتلىك ئۆز خەلقىم بولىدۇ. خۇددى ئاتا ئۆزىنىڭ ئىتائەتلىك بالىسىغا رەھىم قىلغاندەك، مەنمۇ ئۇلارغا رەھىم قىلىمەن. 4 پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز ھۆكۈمىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈننىڭ يېقىنلىشىشى 1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى تونۇردىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك بولىدۇ. شۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبىغىچە ھېچ نەرسە قالمايدۇ».
2«ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتلىك قۇياش چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر. 4«مەن سىناي تېغىدا خىزمەتكارىم مۇسا ئارقىلىق بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە چۈشۈرگەن تەۋراتتىكى ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئىتائەت قىلىشنى چىن قەلبىڭلارغا پۈكۈڭلار.
5بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ۋە قورقۇنچلۇق كۈنى كېلىشتىن بۇرۇن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. |
||