« لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »




1

مۇقەددىمە

1ھۆرمەتلىك تېئوفىلوس جانابلىرى،

سىزگە مەلۇمكى، نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارىمىزدا قىلغان ئىشلىرىنى خاتىرىلەشكە كىرىشكەنىدى. 2ئۇلار خاتىرىلەشتە، بۇ ئىشلارنى باشتىن-ئاخىر ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، خۇش خەۋەر تارقاتقانلارنىڭ بايانلىرىنى ئاساس قىلغان. 3مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى باشتىن تەپسىلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ چىققانلىقىم ئۈچۈن، بۇلارنى تەرتىپى بويىچە يېزىپ، سىزگە مەلۇم قىلىشنى لايىق تاپتىم. 4بۇنىڭدىن مەقسەت، سىزگە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدە ئاڭلىغان تەلىملەرنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت

5ھىرود پادىشاھ يەھۇدىيلار رايونلىرىدا ھۆكۈمرانلىقىنى يۈرگۈزۈۋاتقان چاغلاردا، زەكەرىيا ئىسىملىك بىر روھانىي ئۆتكەنىدى. ئۇ ئىلگىرىكى روھانىي ئابىيا توپىغا تەۋە بولۇپ، ئۆز نۆۋىتى كەلگەندە يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا* ئىشلەيتتى. ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېتمۇ تۇنجى باش روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئىدى. 6ئۇلار ئىككىلىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە دۇرۇس كىشىلەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پۈتۈن ئەمر-پەرمانلىرىغا قاتتىق ئەمەل قىلاتتى. 7ئەمما، ئۇلار پەرزەنت كۆرمىگەنىدى. چۈنكى، ئېلىزابېت تۇغماس ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلىسى ياشىنىپ قالغانىدى.

8بىر كۈنى، زەكەرىيا ۋە ئۇنىڭ قىسمىدىكى روھانىيلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا نۆۋىتى بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىۋاتاتتى. 9ئۇلار ھەر كۈنى ئادىتى بويىچە ئىبادەتخانىنىڭ مۇقەددەس جايىغا كىرىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا ئىسرىق سېلىشقا بىر روھانىي تاللاش ئۈچۈن چەك تاشلايتتى. ئۇ كۈنى، چەك زەكەرىياغا چىقتى. 10ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ ئىسرىق سېلىۋاتقاندا، ئىبادەتكە كەلگەن جامائەت تاشقىرىدا دۇئا قىلىشىۋاتاتتى. 11تۇيۇقسىز ئىسرىقداننىڭ ئوڭ تەرىپىدە زەكەرىياغا خۇدا ئەۋەتكەن بىر پەرىشتە كۆرۈندى. 12زەكەرىيا قورققىنىدىن ھودۇقۇپ كەتتى، 13بىراق پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ ئەي زەكەرىيا، قورقمىغىن! خۇدا دۇئايىڭنى قوبۇل قىلدى. ئايالىڭ ئېلىزابېت ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يەھيا قويغىن. 14ئۇ ساڭا خۇشال-خۇراملىق ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ دۇنياغا كېلىشى بىلەن نۇرغۇن كىشىلەر خۇرسەن بولۇشىدۇ. 15ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلۇغ بولىدۇ، ھاراق-شاراب ئىچمەيدۇ. ئۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدىن تارتىپلا خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمگەن بولىدۇ. 16ئۇ نۇرغۇن ئىسرائىللارنى رەببىمىز خۇدانىڭ يولىغا قايتۇرىدۇ. 17ئۇ خۇدا تەرىپىدىن خۇددى ئىلياس پەيغەمبەرگە ئاتا قىلىنغاندەك روھ ۋە كۈچ-قۇدرەتكە تولغان ھالدا، ئۆزىدىن كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچىدىن ئاۋۋال ئەۋەتىلىپ، ئاتا بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى يېڭىۋاشتىن ئىناقلاشتۇرۇپ، خۇداغا بويسۇنمايدىغانلارنى ئادىللارنىڭ ئاقىلانە يوللىرىغا قايتۇرۇپ، خەلقنى رەببىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەييار قىلىدۇ، _ دېدى.

18_ مەن قېرىپ قالدىم، ئايالىمنىڭ يېشىمۇ بىر يەرگە بېرىپ قالغان تۇرسا، بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ مەن ئۇنى نېمىدىن بىلەلەيمەن؟ _ دەپ سورىدى زەكەرىيا پەرىشتىدىن.

19پەرىشتە:

_ مەن خۇدانىڭ ھۇزۇرىدىكى جەبرائىل بولىمەن. مېنى خۇدا ساڭا بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. 20ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، سۆزلىرىم چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. بىراق، بۇنىڭغا ئىشەنمىگەنلىكىڭ ئۈچۈن تىلىڭ تۇتۇلىدۇ. بالا تۇغۇلمىغۇچە، زۇۋانغا كەلمەيسەن، _ دەپلا كۆزدىن غايىب بولدى.

21بۇ چاغدا، زەكەرىيانى كۈتۈپ تۇرغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا نېمە ئۈچۈن بۇنچىۋالا كېچىككەنلىكىنى چۈشەنمەي ھەيران بولۇشتى. 22كۆپچىلىك ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدىن چىقىپ، گەپ قىلالماي، قوللىرى ئارقىلىق ئىشارەت قىلىپ مەقسىتىنى بىلدۈرگەنلىكىدىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس جايدا بىرەر غايىبانە ئالامەتنى كۆرگەنلىكىنى چۈشەندى.

23زەكەرىيا ئىبادەتخانىدىكى نۆۋەتچىلىك مۇددىتى توشۇشى بىلەنلا ئۆيىگە قايتتى. 24دەرۋەقە، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ ئايالى ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ، بەش ئايغىچە تالا-تۈزگە چىقمىدى. 25ئۇ: «ئەمدى رەببىم ماڭا ياخشىلىق قىلىپ، مېنى خالايىق ئالدىدا نومۇستىن قۇتقۇزدى» دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشىدىن بېشارەت

2627ئېلىزابېت ھامىلىدار بولۇپ ئالتە ئاي بولغاندا، خۇدا پەرىشتە جەبرائىلنى جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە دېگەن شەھەرگە، مەريەم ئىسىملىك بىر قىزنىڭ قېشىغا ئەۋەتتى. مەريەم بىلەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى.

28جەبرائىل مەريەمنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ سالام ساڭا، ئەي خۇدانىڭ شەپقىتىگە مۇيەسسەر بولغان قىز. رەببىم ساڭا ياردۇر! _ دېدى.

29بۇنىڭدىن بەك تەمتىرەپ كەتكەن مەريەم بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى نېمىدۇ، دەپ ئويلىدى. 30جەبرائىل ئۇنىڭغا:

_ ئەي مەريەم، قورقمىغىن. سەن خۇدانىڭ شەپقىتىگە ئېرىشتىڭ. 31ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئەيسا [مەنىسى: «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] قويغىن. 32ئۇ ئۇلۇغ بولىدۇ، ئۇلۇغ خۇدا ئۇنى ئوغلۇم، دەپ ئاتايدۇ. پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنى ئەجدادى پادىشاھ داۋۇتنىڭ تەختىگە ئولتۇرغۇزىدۇ. 33ئۇ ياقۇپنىڭ جەمەتى بولغان ئىسرائىللارنىڭ مەڭگۈ پادىشاھى بولىدۇ، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى چەكسىزدۇر، _ دېدى.

34_ مەن تېخى قىز تۇرسام، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ _ دەپ سورىدى مەريەم پەرىشتىدىن.

35_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھى سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭغا چۈشىدۇ. ئۇلۇغ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ساڭا سايە بولۇپ يېقىنلىشىدۇ. شۇڭا، سەندىن تۇغۇلىدىغان مۇقەددەس پەرزەنت خۇدانىڭ ئوغلى* دەپ ئاتىلىدۇ. 36تۇغقىنىڭ ئېلىزابېتقا قارا! كىشىلەر ئۇنى تۇغماس دەيتتى. ئۇ ھازىر شۇنچە ياشىنىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئوغۇلغا قورساق كۆتۈرگىنىگە ئالتە ئاي بولۇپ قالدى. 37چۈنكى، خۇدا قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق، _ دېدى جەبرائىل.

38_ مەن خۇدانىڭ خىزمىتىگە تەييارمەن، دېگىنىڭىزدەك بولسۇن، _ دېدى مەريەم. شۇنىڭ بىلەن، جەبرائىل ئۇنىڭ يېنىدىن كەتتى.

مەريەمنىڭ ئېلىزابېتنى يوقلىشى

39ئۇزۇن ئۆتمەي، مەريەم ئالدىراش يولغا چىقىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى بىر شەھەرگە باردى. 40ئۇ يەردە زەكەرىيانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئېلىزابېتقا سالام بەردى. 4142ئېلىزابېت مەريەمنىڭ سالىمىنى ئاڭلىغاندا، قورسىقىدىكى بوۋاق سەكرەپ كەتتى. ئېلىزابېت مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ ئاياللار ئىچىدە ئەڭ بەختلىك ئايالسەن، قورسىقىڭدىكى بوۋاقمۇ بەختلىكتۇر. 43رەببىمنىڭ ئانىسى بولۇش سۈپىتىڭ بىلەن مېنى يوقلاپ كېلىشىڭگە مۇناسىپ ئەمەسمەن. 44سالىمىڭ قۇلىقىمغا كىرگەندە، قورسىقىمدىكى بوۋاق سۆيۈنۈپ سەكرەپ كەتتى. 45سەن، «خۇدا ماڭا بەرگەن ۋەدىسىنى جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ» دەپ ئىشەنگەچكە، نەقەدەر بەختلىكسەن!

مەريەمنىڭ خۇداغا ئوقۇغان مەدھىيىسى

46مەريەممۇ خۇش بولۇپ مۇنداق دېدى:

«قەلبىمدىن ئۇلۇغلايمەن رەببىمنى،

47قۇتقۇزغۇچىم خۇدا قىلدى خۇرسەن دىلىمنى،

48ياد ئەتتى ئۇ مەندەك ئەرزىمەس بىر قۇلىنى.

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بەختلىك، دەپ ئاتىلارمەن شۇندىن بېرى،

49چۈنكى، قادىر خۇدا مەن ئۈچۈن ياراتتى ئۇلۇغ ئىشلارنى.

مۇقەددەستۇر ئۇنىڭ نامى،

50مېھىر-شەپقەت قىلار ئۇ ئىخلاسمەنلەرگە

ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە.

51كۈچلۈك قولىنى سوزۇپ، تارمار قىلدى

ھىيلە-مىكىرلىك تەكەببۇرلارنى.

52تەختىدىن چۈشۈردى ئۇ كۈچلۈك ھۆكۈمدارلارنى،

كۆتۈردى ئەرزىمەسلەرنىڭ قەددىنى.

53سورىغانلىرىنى بەردى ئېھتىياجلىقلارغا،

قۇرۇق قول قايتۇردى خۇداغا ئېھتىياجسىز بىز، دەپ قارىغان بايلارنى.

54قىلغان ۋەدىسىنى ئېسىدە تۇتۇپ، بىز ئىسرائىللارغا رەھىم قىلدى.

55چۈنكى، ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم ھەم ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا

‹ئەۋلادىڭغا مەڭگۈ مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىمەن› دەپ ۋەدە قىلغانىدى.»

56مەريەم ئېلىزابېتنىڭ يېنىدا ئۈچ ئايدەك تۇرۇپ، ئۆز ئۆيىگە قايتتى.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇنياغا كېلىشى

57ئېلىزابېتنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. 58خۇدانىڭ ئۇنىڭغا شۇنچە كاتتا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان قولۇم-قوشنىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە خۇشاللىققا چۆمدى.

59بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىز كۈن بولغاندا، ئۇرۇق-تۇغقانلار كېلىپ، بالىنىڭ خەتنىسىنى قىلىپ، ئۇنىڭغا زەكەرىيا دەپ ئاتىسىنىڭ ئىسمىنى قويماقچى بولۇشتى. 60بىراق، ئانىسى:

_ ياق! ئىسمى يەھيا بولسۇن، _ دېدى.

61_ بولمايدۇ! ئۇرۇق-جەمەتىڭىز ئىچىدە بۇنداق ئىسىمدىكىلەر يوققۇ! _ دېيىشتى ئۇرۇق-تۇغقانلار قارشى تۇرۇپ.

62ئاندىن، ئۇلار بالىنىڭ ئاتىسىدىن پەرزەنتىگە نېمە ئىسىم قويۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئىشارەت بىلەن سوراشتى.

63زەكەرىيا بىر پارچە تاختاينى ئەكەلدۈرۈپ، «ئىسمى يەھيا بولسۇن» دەپ يازدى. كۆپچىلىك ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. 64دەل شۇ چاغدا، زەكەرىيا قايتا زۇۋانغا كېلىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. 65كۆپچىلىك خۇدانىڭ بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ، ئەيمىنىپ كەتتى. بۇ خەۋەر يەھۇدىيە ئۆلكىسىنىڭ تاغلىق رايونلىرىغا تارقالدى. 66بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقۇچىلار: «بۇ بالا كەلگۈسىدە قانداق ئادەم بولار؟» دەپ ئويلاشتى، چۈنكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار ئىدى.

زەكەرىيانىڭ قۇتقۇزۇلۇش ھەققىدىكى سۆزلىرى

67ئاندىن، يەھيانىڭ ئاتىسى زەكەرىيا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دېدى:

68«پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن!

چۈنكى، ئۇ شاپائەت قىلىپ، خەلقىنى قۇتقۇزدى.

69-71ئۇ ئۇلۇغ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ۋەدە قىلغىنىدەك،

بىزنى دۈشمەنلىرىمىزدىن ۋە يامان كۆرگەنلەردىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،

خىزمەتكارى بولغان پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بىر كۈچلۈك قۇتقۇزغۇچى تىكلىدى.*

72ئەجدادلىرىمىزغا ئىلتىپات ئەيلەپ،

مۇقەددەس ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى.

73-75ئۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىمغا:

‹مەن ئەۋلادلىرىڭنى دۈشمەنلىرىدىن قۇتقۇزىمەن،

ۋە ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئۆز ئالدىمدا،

ئىخلاسمەنلىك ۋە ھەققانىيلىق بىلەن،

دۈشمەنلىرىدىن قورقماي، ماڭا ئىبادەت قىلىدىغان قىلىمەن› دەپ قەسەم بەرگەن.

76ساڭا كەلسەك، ئەي بالام،

سەنمۇ ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەيغەمبىرى، دەپ ئاتىلىسەن.

رەببىمىزنىڭ يوللىرىنى تەييارلاش ئۈچۈن ھازىرلىغۇچى بولىسەن.

77ئۇنىڭ خەلقىگە:

‹گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنىپ قۇتقۇزۇلىسىلەر!› دەپ ئۇقتۇرىسەن.

78-79چۈنكى، خۇدايىمىز شەپقەتلىك ۋە رەھىمدىلدۇر،

ئۇ ئەرشتىن تاڭ شەپىقىنى ئېلىپ كېلەر بىزگە.

ئۇ نۇرىنى چاچار،

قاراڭغۇلۇق ۋە ئۆلۈم كۆلەڭگىسى ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا،

باشلار بىزلەرنى ئامانلىق يولىغا.»

80يەھيا كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولۇپ، روھىي جەھەتتىن يېتىلىپ قالدى. ئۇ ئىسرائىل جامائىتى ئالدىدا خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشنى باشلىغۇچە، چۆللەردە ياشاپ كەلدى.



*5مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىش توغرا بولاتتى.

*35خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.

*69-71گەرچە بۇ ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەيسا تېخى تۇغۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق زەكەرىيا خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي ئارقىلىق مەريەمنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ئېغىر ئاياغ ئىكەنلىكىدىن خەۋەردار ئىدى.



 

2

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دۇنياغا كېلىشى

1يەھيا پەيغەمبەر تۇغۇلغان كۈنلەردە، رىم ئىمپېراتورى ئاۋغۇستۇس رىم ئىمپېرىيىسىدىكى بارلىق خەلققە نوپۇس تىزىملاش بۇيرۇقى چۈشۈردى. 2تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش، كىرىنىينىڭ سۇرىيە ئۆلكىسىگە ۋالىي بولۇپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. 3چۈشۈرۈلگەن بۇيرۇق بويىچە، ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشتى.

4شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن بولغان يۈسۈپمۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسىرە شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىغا كەتتى. 5ئۇ بولغۇسى ئايالى مەريەمنىمۇ تىزىملىنىشقا بىللە ئېلىپ باردى. مەريەم بولسا ھامىلىدار ئىدى. 6ئۇلار بەيتلەھەم يېزىسىدا تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. 7بىراق، سارايلاردا ئۇلارغا ئۆي چىقمىغاچقا، بىر ئاتخانىدا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغۇپ، زاكىلاپ، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزدى.

پەرىشتىلەرنىڭ پادىچىلارغا كۆرۈنۈشى

8بەيتلەھەم يېزىسىنىڭ سەھرالىرىدا بەزى پادىچىلار دالادا تۈنەپ، پادىلىرىغا قارايتتى. 9شۇ كۈنى، ئۇلارغا خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى كۆرۈنۈپ، خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇپ كەتتى. 10بىراق، پەرىشتە ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن سىلەرگە پۈتۈن خەلقنى خۇشال قىلىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى يەتكۈزىمەن. 11بۈگۈن پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدا رەببىڭلار بولغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ* دۇنياغا كەلدى! 12«ئۇنى قانداق تونۇيالايمىز؟» دەپ سورىساڭلار، ئۇ يەرگە بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئاتنىڭ ئوقۇرىغا ياتقۇزۇلغان زاكىلاقلىق بىر بوۋاقنى كۆرىسىلەر. بۇ سىلەرگە بېرىلگەن بەلگىدۇر، _ دېدى.

13بىردىنلا، ھېلىقى پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا باشقا نۇرغۇنلىغان پەرىشتىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ:

14«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن!

ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.

15پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، پادىچىلار بىر-بىرىگە:

_ بەيتلەھەم يېزىسىغا بېرىپ، خۇدا بىزگە ئۇقتۇرغان بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ كېلەيلى، _ دېيىشتى.

16ئۇلار دەرھال بەيتلەھەمگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى تېپىپ، ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى كۆردى. 17پادىچىلار ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن، پەرىشتە ئېيتقان بوۋاق ھەققىدىكى سۆزلەرنى كىشىلەرگە يەتكۈزدى. 18بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ھەيران قېلىشتى. 19مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە ساقلاپ، چوڭقۇر ئويلىدى. 20پادىچىلار قايتىشىپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشتى. چۈنكى، كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى پەرىشتىنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىققانىدى.

ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى خۇداغا ئاتىشى

21بوۋاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى، ئۇنىڭ خەتنىسى قىلىندى ۋە ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. بۇ، پەرىشتە ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا پەيدا بولمىغان ۋاقىتتىلا قويغان ئىسىم ئىدى.

2223مەريەمنىڭ قىرىقى توشقاندا، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بەرگەن ئەمرىدىكى «تۇنجى ئوغۇل خۇداغا مەنسۇپ» دېگەن بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يۈسۈپ بىلەن مەريەم بالىنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا ئاتاش ئۈچۈن، يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى. 24ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ تەۋراتتىكى ئەمرى بويىچە، بىر ئايالنىڭ تۇغۇتتىن كېيىن تازىلىنىشى ئۈچۈن، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسى ئىبادەتخانىدا روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىشىغا ئاپىرىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.*

25شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا شىمون ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، خۇداغا ئىخلاسمەن، دۇرۇس بۇ ئادەم خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا تەسەللى بېرىدىغان قۇتقۇزغۇچىنى ئەۋەتىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭغا يار ئىدى. 26ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدا پەرۋەردىگار تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى كۆرەلەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. 27يۈسۈپ بىلەن مەريەم ئىبادەتخانىغا بارغان كۈنى، مۇقەددەس روھ شىموننىمۇ ئىبادەتخانىغا باشلاپ باردى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى بالىنى كۆتۈرۈپ كىرىپ، تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنى ئادا قىلماقچى بولۇۋاتقاندا، 28شىمون ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا مۇنداق مەدھىيە ئوقۇدى:

29«ئى ئىگەم، سۆزۈڭدە تۇرۇپسەن.

ئەمدى بۇ ئالەمدىن كەتسەم، رازىمەن.

30چۈنكى، دېگىنىڭدەك ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم

31پۈتۈن ئىنسانلارغا ھازىرلىغان قۇتقۇزغۇچىڭنى.

32ئۇ سېنىڭ كىملىكىڭنى پۈتۈن يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بىلدۈرىدىغان نۇردۇر،

خەلقىڭ ئىسرائىللارنىڭ شان-شەرىپىدۇر!»

33بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى شىموننىڭ بالا ھەققىدە ئېيتقانلىرىغا ھەيران قېلىشتى. 34شىمون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مەريەمگە مۇنداق دېدى:

_ مانا! بۇ بالا خۇدا تەرىپىدىن ئىسرائىلىيىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھالاك بولۇشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن تەيىنلەندى. گەرچە ئۇ خۇدانىڭ بېشارىتى بولسىمۇ، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ھاقارەتلەپ رەت قىلىدۇ. 35شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى مەخپىي غەرەزلەر ئاشكارىلىنىدۇ. ئۇنىڭ رەت قىلىنىشى بىلەن، سېنىڭ يۈرىكىڭگە ئۆتكۈر بىر قىلىچ سانجىلغاندەك، قەلبىڭ قايغۇدىن ئۆرتىنىدۇ.

36ئىبادەتخانىدا ئاشېر قەبىلىسىدىن بولغان پانۇئىلنىڭ قىزى ھاننا ئىسىملىك ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار بولۇپ، ئۇ توي قىلىپ، ئېرى بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، 37كېيىن تۇل قالغانىدى. ئۇ سەكسەن تۆت ياشقا كىرگەن بولۇپ، ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، روزا تۇتۇپ، كېچە-كۈندۈز دۇئا قىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. 38شىمون گېپىنى تۈگىتىشى بىلەن، ھاننا يېتىپ كېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ھەمدە ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى.

39يۈسۈپ بىلەن مەريەم تەۋراتتا بەلگىلەنگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. 40ھەزرىتى ئەيسا چوڭ بولغانسېرى ساغلام ۋە ئەقىل-پاراسەتلىك بولۇپ يېتىشتى. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭغا يار بولۇپ كەلدى.

ياش ئەيسا ئىبادەتخانىدا

41ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا* يېرۇسالېمغا باراتتى. 42ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە يېرۇسالېمغا يەنە باردى. 43ھېيت تۈگىگەندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە قاراپ يول ئالدى، ھەزرىتى ئەيسا بولسا يېرۇسالېمدا قالدى. بۇ ئىشتىن ئاتا-ئانىسىنىڭ خەۋىرى يوق ئىدى، 44چۈنكى ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدى. بىر كۈن يول يۈرگەندىن كېيىن، ئۇلار تۇغقان-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئۇنى ئىزدەشكە باشلىدى. 45ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ ئىزدىدى.

46ئۈچىنچى كۈنى، ھەزرىتى ئەيسانى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۆزىدە تاپتى. 47ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئەقلىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ھەيران قېلىشتى. 48ئاتا-ئانىسىمۇ بۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران قېلىشتى، بىراق ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە ئۇقتۇرماي قېلىپ قالدىڭ؟ داداڭ ئىككىمىز سەندىن بەك ئەنسىرەپ، ئىزدىمىگەن يېرىمىز قالمىدى! _ دېدى.

49_ ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 50لېكىن، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمىدى.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى. 52شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوي-تۇرقى ۋە ئەقىل-پاراسىتى يېتىلىپ، خۇدانىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان بولدى.



*11مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

*24تەۋراتتا ئېيتىلىشىچە، بىر ئايال بالا تۇغقاندىن كېيىن، دىنىي جەھەتتە ناپاك، دەپ قارىلىدۇ. تۇغۇپ قىرىق كۈن توشقاندا، قۇربانلىق قىلىپ، قايتا «پاك» ھالەتكە كېلىدۇ.

*41ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى _ بۇ يەھۇدىيلارنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى.



 

3

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ تەلىم بېرىشى

12رىم ئىمپېراتورى تىبېرىيۇسنىڭ 15-يىلى، خۇدادىن چۆلدە ياشاۋاتقان زەكەرىيانىڭ ئوغلى يەھياغا ۋەھىي كەلدى. شۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە پونتىي پىلاتۇس ۋالىي ئىدى. ھىرود خان جەلىلىيە ئۆلكىسىدە، ھىرود خاننىڭ ئىنىسى فىلىپ خان ئىتۇرىيە ۋە تراخونىتىس ئۆلكىلىرىدە، لىسانياس خان ئابىلىنىي ئۆلكىسىدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتاتتى. ھانناندىن كېيىن قاياپا باش روھانىيلىق قىلىۋاتاتتى. 3خۇدادىن كەلگەن ۋەھىي بويىچە، يەھيا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى رايونلارنى كېزىپ يۈرۈپ:

_ يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

4بۇ ھەقتە يەشايا پەيغەمبەر مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق دەپ يازغانىدى:

«باياۋاندا بىر كىشى:

‹دىلىڭلارنى رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تەييار قىلىڭلار!

ئۇنىڭ يوللىرىنى تۈز قىلىڭلار!

5جىلغىلار تولدۇرۇلىدۇ،

چوڭ-كىچىك تاغلار پەسلىتىلىدۇ،

ئەگرى يوللار تۈزلىنىدۇ،

ئېگىز-پەس يوللار تەكشىلىنىدۇ.

6شۇنداق قىلىپ، پۈتۈن ئىنسان خۇدانىڭ قۇتقۇزۇش يولىنى كۆرەلەيدىغان بولىدۇ!› دەپ توۋلايدۇ.»

7خالايىق يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، توپ-توپ بولۇپ كېلىشتى. بىراق، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ ئەي ساختىپەز يىلانلار! توۋا قىلماي، خۇدادىن كېلىدىغان غەزەپتىن قېچىپ قۇتۇلۇش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلايلى، دېگىنىڭلار قانداق گەپ؟! 8ئەگەر «گۇناھلىرىمىزغا توۋا قىلدۇق» دېسەڭلار، ئۇنى ھەرىكىتىڭلار بىلەن ئىسپاتلاڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۆزۈڭلارچە «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ. 9پالتا دەرەخنىڭ يىلتىزىغا يېقىنلاشقاندەك، خۇدانىڭ غەزىپى ئەمدى سىلەرگە يېتىپ كېلىش ئالدىدا. ياخشى مېۋە بەرمەيدىغان دەرەخلەر كېسىلىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ، _ دېدى.

10كۆپچىلىك ئۇنىڭدىن:

_ ئۇنداقتا، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

11_ ئىككى قۇر كىيىمى بارلار بىر قۇرىنى يوقلارغا بەرسۇن، يەيدىغىنى بارلارمۇ شۇنداق قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى يەھيا پەيغەمبەر.

12خەلقنى گوللايدىغان بەزى باجگىرلارمۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىلى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، بىز قانداق قىلىمىز؟ _ دەپ سورىدى.

13_ بەلگىلەنگەندىن ئارتۇق باج ئالماڭلار، _ دېدى يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا.

14بەزى لەشكەرلەرمۇ ئۇنىڭدىن:

_ بىزچۇ؟ قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى.

يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ باشقىلارنىڭ پۇلىنى زورلۇق ياكى تۆھمەتلەر بىلەن ئېلىۋالماڭلار. ئىش ھەققىڭلارغا رازى بولۇڭلار، _ دېدى.

15خەلق قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ كېلىشىنى ئۈمىد بىلەن كۈتمەكتە ئىدى. ھەممەيلەن يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرۈپ، ئىچىدە «قۇتقۇزغۇچى مۇشۇ كىشىمىدۇ؟» دەپ ئويلاشتى. 16شۇنىڭ ئۈچۈن، يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن. لېكىن، مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن. ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا ھەم ئوتقا چۆمۈلدۈرىدۇ. 17ئۇ قولىدىكى كۈرەك بىلەن خاماندىكى ساپ بۇغداينى ئامبارغا، سامىنىنى ئۆچمەس ئوتقا تاشلايدىغان ئادەمگە ئوخشاش ھەممە ئىنساننى ئايرىپ چىقىدۇ، _ دېدى.

18يەھيا پەيغەمبەر ھەر خىل يوللار بىلەن خەلققە نەسىھەت قىلدى ۋە خۇش خەۋەر يەتكۈزدى. 19ئۇنىڭدىن باشقا، يەھيا پەيغەمبەر ھىرود خاننى ئۆگەي ئاكىسىنىڭ ئايالى ھىرودىيەنى تارتىۋالغانلىقى ۋە نۇرغۇنلىغان يامان ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىدى. 20نەتىجىدە، ھىرود خان تېخىمۇ يامان ئىشتىن بىرنى قىلدى، يەنى يەھيا پەيغەمبەرنى زىندانغا تاشلىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ چۆمۈلدۈرۈلۈشى

21يەھيا پەيغەمبەر زىندانغا تاشلىنىشتىن بۇرۇن، نۇرغۇن ئادەم ئۇنىڭدىن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانىدى. شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسامۇ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلدى. ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسمان يېرىلدى. 22مۇقەددەس روھ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قوندى. ئاندىن، ئەرشتىن خۇدانىڭ: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن خۇرسەنمەن!» دېگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نەسەبنامىسى

23ھەزرىتى ئەيسا خۇدا يولىدا خىزمەت قىلىشقا كىرىشكەن ۋاقىتتا، ئوتتۇز ياشلاردا ئىدى. كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى. يۈسۈپ ئېلىينىڭ ئوغلى، 24ئېلىي مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، لاۋىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي يانناينىڭ ئوغلى، يانناي يۈسۈپنىڭ ئوغلى، 25يۈسۈپ ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا ئاموسنىڭ ئوغلى، ئاموس ناھۇمنىڭ ئوغلى، ناھۇم ھېسلىنىڭ ئوغلى، ھېسلى ناغاينىڭ ئوغلى، 26ناغاي ماھاتنىڭ ئوغلى، ماھات ماتاتىيانىڭ ئوغلى، ماتاتىيا شىمىينىڭ ئوغلى، شىمىي يوسېخنىڭ ئوغلى، يوسېخ يۇدانىڭ ئوغلى، 27يۇدا يوئاناننىڭ ئوغلى، يوئانان رېسانىڭ ئوغلى، رېسا زېرۇبابىلنىڭ ئوغلى، زېرۇبابىل شالتىيەلنىڭ ئوغلى، شالتىيەل نەرىينىڭ ئوغلى، 28نەرىي مەلكىينىڭ ئوغلى، مەلكىي ئادىنىڭ ئوغلى، ئادى قوسامنىڭ ئوغلى، قوسام ئېلمادامنىڭ ئوغلى، ئېلمادام ئېرنىڭ ئوغلى، 29ئېر يەشۇنىڭ ئوغلى، يەشۇ ئېلىيەزەرنىڭ ئوغلى، ئېلىيەزەر يورىمنىڭ ئوغلى، يورىم مەتتاتنىڭ ئوغلى، مەتتات لاۋىينىڭ ئوغلى، 30لاۋىي شىموننىڭ ئوغلى، شىمون يەھۇدانىڭ ئوغلى، يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئوغلى، يۈسۈپ يونامنىڭ ئوغلى، يونام ئەلياقىمنىڭ ئوغلى، 31ئەلياقىم مېلېئاھنىڭ ئوغلى، مېلېئاھ مەننانىڭ ئوغلى، مەننا ماتاتانىڭ ئوغلى، ماتاتا ناتاننىڭ ئوغلى، ناتان داۋۇتنىڭ ئوغلى، 32داۋۇت يىشاينىڭ ئوغلى، يىشاي ئوبىدنىڭ ئوغلى، ئوبىد بوئازنىڭ ئوغلى، بوئاز سالموننىڭ ئوغلى، سالمون ناھشوننىڭ ئوغلى، ناھشون ئاممىنادابنىڭ ئوغلى، 33ئاممىناداب رامنىڭ ئوغلى، رام ھېسروننىڭ ئوغلى، ھېسرون پارەسنىڭ ئوغلى، پارەس يەھۇدانىڭ ئوغلى، 34يەھۇدا ياقۇپنىڭ ئوغلى، ياقۇپ ئىسھاقنىڭ ئوغلى، ئىسھاق ئىبراھىمنىڭ ئوغلى، ئىبراھىم تەراھنىڭ ئوغلى، تەراھ ناھورنىڭ ئوغلى، 35ناھور سېرۇخنىڭ ئوغلى، سېرۇخ راغۇنىڭ ئوغلى، راغۇ پەلەگنىڭ ئوغلى، پەلەگ ئەبەرنىڭ ئوغلى، ئەبەر شالاھنىڭ ئوغلى، 36شالاھ قېناننىڭ ئوغلى، قېنان ئارپاخشادنىڭ ئوغلى، ئارپاخشاد سامنىڭ ئوغلى، سام نۇھنىڭ ئوغلى، نۇھ لامىكنىڭ ئوغلى، 37لامىك مەتۇشەلاھنىڭ ئوغلى، مەتۇشەلاھ ھانۇخنىڭ ئوغلى، ھانۇخ يارېتنىڭ ئوغلى، يارېت ماھالالىلنىڭ ئوغلى، ماھالالىل قېناننىڭ ئوغلى، 38قېنان ئېنوشنىڭ ئوغلى، ئېنوش شىتنىڭ ئوغلى، شىت ئادەمئاتىنىڭ ئوغلى، ئادەمئاتا بولسا، خۇدانىڭ ئوغلى ئىدى. 


4

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سىنىلىشى

1ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھقا چۆمۈپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، مۇقەددەس روھ ئۇنى چۆل-باياۋانغا ئېلىپ باردى. 2ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە قىرىق كۈن شەيتان تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ جەرياندا ھېچ نەرسە يېمىدى. بۇ ۋاقىت توشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى.

3بۇنى بىلگەن شەيتان ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن راستتىنلا خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشنى نانغا ئايلاندۇرۇپ يە! _ دېدى.

4ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن:

_ تەۋراتتا: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ياشىمايدۇ» دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

5شەيتان يەنە ئۇنى ئېگىز جايغا چىقىرىپ، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئۇنىڭغا دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى كۆرسىتىپ:

67_ ئەگەر ماڭا سەجدە قىلساڭ، مانا بۇ دۆلەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى ۋە شان-شەۋكەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن. چۈنكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى ماڭا تاپشۇرۇلدى. مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن، _ دېدى.

8ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ، مۇنداق دېدى:

_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار بولغان خۇداغىلا ئىبادەت قىلىڭلار، پەقەت ئۇنىڭغىلا خىزمەت قىلىڭلار!» دېيىلگەن.

9ئاندىن، شەيتان ھەزرىتى ئەيسانى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا چىقىرىپ، مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ يەردىن سەكرەپ باققىنا! 10چۈنكى، تەۋراتتا: «خۇدا پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش توغرۇلۇق ئەمر قىلغان، 11پۇتۇڭنىڭ تاشلارغا ئۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، سېنى قوللىرىدا تۇتۇۋالىدۇ» دەپ يېزىلغان ئەمەسمۇ؟

12_ تەۋراتتا: «رەببىڭلار خۇدانى سىناپ بېقىشقا بولمايدۇ!» دەپمۇ يېزىلغان، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

13شەيتان ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەزرىتى ئەيسانى سىناپ ئازدۇرالمىغاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى.

ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە

14ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە چۆمگەن ھالدا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقالدى. 15ئۇ ئىبادەتخانىلاردا كىشىلەرگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى.

16ئۇ ئۆز يۇرتى ناسىرە شەھىرىگە كېلىپ، دەم ئېلىش كۈنى ئادەتتىكىدەك ئىبادەتخانىغا باردى. ئۇ ئۆرە تۇرۇپ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇماقچى بولغاندا، 17ئىبادەتخانا خىزمەتچىسى ئۇنىڭغا يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىنى بەردى. ئۇ ئۇنى ئېچىپ، مۇنۇ ئايەتلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى:

1819«خۇدانىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا. چۈنكى، ئۇ مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللاپ، كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلدى.

ئۇ مېنى تۇتقۇنلارغا: ‹ئازاد بولىسىلەر!›، قارىغۇلارغا: ‹كۆرەلەيدىغان بولىسىلەر!› دەپ جاكارلاشقا ئەۋەتتى.

خۇدا مېنى ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈشكە، خۇدانىڭ خەلقىنى قۇتقۇزۇش ۋاقتىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇرۇشقا ئەۋەتتى.»

20ھەزرىتى ئەيسا يازمىنى يېپىپ ئىبادەتخانا خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەندىن كېيىن، تەلىم بەرگىلى ئولتۇردى. پۈتۈن ئىبادەتخانىدىكىلەر كۆزلىرىنى ئۇنىڭدىن ئۈزمەي قاراپ ئولتۇرۇشتى. 21ئۇ كۆپچىلىككە:

_ سىلەر ئاڭلىغان بۇ ئايەت بۈگۈن ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، _ دېدى.

22بۇنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشتى. بىراق، بەزىلەر:

_ قانداق گەپ؟ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

23ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ سىلەر چوقۇم ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى ئەسلىتىپ، «كەپەرناھۇم شەھىرىدە ياراتقان مۆجىزىلىرىڭدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمدى ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ بىرەر كارامەت كۆرسەتمەمسەن؟» دېمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. 24بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھەرگىز قارشى ئېلىنمايدۇ. 25ئىلياس پەيغەمبەر ۋاقتىدا، ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي يامغۇر ياغماي، ئىسرائىلىيىنىڭ ھەممە يېرىدە قۇرغاقچىلىق يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇ يەردىمۇ ئاچارچىلىقتا قالغان نۇرغۇن بىچارە تۇل ئاياللار بار ئىدى. 26بىراق، ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، گەرچە ئىلياس پەيغەمبەر يەھۇدىي بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىغا ياردەم بېرىشكە ئەۋەتىلمىگەن. ئەكسىچە، سىدون ۋىلايىتىنىڭ سەرەپەت شەھىرىدىكى يەھۇدىي بولمىغان ھېلىقى تۇل ئايالغىلا مۆجىزە كۆرسىتىشكە ئەۋەتىلگەن.

27يەنە شۇنىڭغا ئوخشاش، ئېلىشا پەيغەمبەر زامانىدا، ئىسرائىلىيىدە ماخاۋ كېسىلىگە* گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار خۇدانى رەت قىلغاچقا، ئېلىشا پەيغەمبەر ھېلىقى سۇرىيىلىك نامان ئىسىملىك يەھۇدىي بولمىغان كىشىنىلا ساقايتىشقا ئەۋەتىلگەن! _ دېدى.

28ئىبادەتخانىدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ «خۇدا ئەمدى سىلەرگە ئەمەس، بەلكى يەھۇدىي ئەمەسلەرگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىدۇ!» دېمەكچى بولغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى. 29ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى يار ئۈستىگە قۇرۇلغان بۇ شەھەرنىڭ سىرتىغا ھەيدەپ ئاپىرىپ، ياردىن يىقىتىپ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى. 30بىراق، ھەزرىتى ئەيسا كىشىلەر ئارىسىدىن بىمالال مېڭىپ چىقىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىنلارنى ھەيدىۋېتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتىپ باردى. ئۇ يەردە يەھۇدىيلار دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنى ئىبادەتخانىغا بېرىپ، خەلققە تەلىم بېرىپ تۇردى. 32ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغانلار ھەيران قېلىشتى. چۈنكى، ئۇنىڭ تەلىملىرى نوپۇزلۇق ئىدى. 33ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جىنلار:

34_ ئەي ناسىرەلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! بىزنى يوقاتماقچىمۇسەن؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن. خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسەن! _ دەپ توۋلاپ كەتتى.

35بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىكى جىنغا بۇيرۇق قىلىپ:

_ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! _ دېدى. جىن ھېلىقى ئادەمنى كىشىلەر ئالدىدىلا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنى ھېچنېمە قىلماي تېنىدىن چىقىپ كەتتى.

36بۇنىڭدىن ھەيران بولغان كۆپچىلىك بىر-بىرىگە:

_ ئۇنىڭ سۆزلىرى نېمىدېگەن كۈچلۈك! ئۇ دەرۋەقە جىنلارغا بۇيرۇق قىلىش نوپۇزى ۋە قۇدرىتىگە ئىگە ئىكەن! جىنلار راستتىنلا چىقىپ كەتتى، _ دېيىشتى. 37شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ نامى شۇ ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغۇن كېسەللەرنى ساقايتىشى

38ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپ سىمۇننىڭ ئۆيىگە بارغاندا، سىمۇننىڭ قېينانىسى كېسەل بولۇپ، قىزىتمىسى ئۆرلەپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن ئۇنى ساقايتىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپ سورىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا كېسەل ئايالنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ قىزىتمىسىنىڭ يېنىشىنى بۇيرۇدى. قىزىتما شۇ ئان يېنىپ كەتتى. ئۇ ئايال دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.

40كۈن پېتىش ۋاقتىدا، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويغانىدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى. 41كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.

42تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن چىقىپ، تىنچ بىر جايغا كەتتى. كۆپچىلىك ئۇنى ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىر تاپتى ۋە ئۇنى كەتكۈزمەي ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرغۇزماقچى بولۇشتى. 43لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىم كېرەك. چۈنكى، خۇدا مېنى بۇ خىزمەت بىلەن ئەۋەتكەن، _ دېدى.

44شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيلارنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى.



*27ماخاۋ كېسىلى _ بىر خىل قورقۇنچلۇق تېرە كېسىلى بولۇپ، يەھۇدىيلار بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلارنى ناپاك، دەپ قارايتتى.



 

5

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇنجى قېتىم شاگىرت چاقىرىشى

1بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. 3ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن، ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى. 4تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا:

_ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، _ دېدى.

5_ ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، _ دېدى سىمۇن، _ بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.

6شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى. 7ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى. 8بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ:

_ ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! _ دېدى. 9چۈنكى، سىمۇن ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بۇنچىۋالا كۆپ بېلىق تۇتقانلىقىدىن ھەيران بولغانىدى. 10باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى _ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا:

_ قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، _ دېدى.

11ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ماخاۋ كېسىلىنى ساقايتىشى

12بىر قېتىم، ھەزرىتى ئەيسا مەلۇم بىر شەھەرگە بارغاندىن كېيىن، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەن بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ تەقسىر، ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن ساقايتىپ پاك قىلغايسىز! _ دەپ يالۋۇردى.

13ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزۈپ تۇرۇپ:

_ خالايمەن، پاك بولغىن! _ دېۋىدى، بۇ ئادە منىڭ بەدىنىدىكى ماخاۋ كېسىلى شۇئان ساقايدى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما. لېكىن، ئۇدۇل مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپ، روھانىيغا ئۆزۈڭنىڭ ساقايغانلىقىڭنى كۆرسەت. ئاندىن، بۇنى باشقىلارغا ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى بويىچە ماخاۋ كېسىلىدىن ساقايغانلار قىلىشقا تېگىشلىك قۇربانلىقنى قىل، _ دەپ تاپىلىدى.

15گەرچە ھەزرىتى ئەيسا: «بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنما» دېگەن بولسىمۇ، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ پۇر كەتتى. نۇرغۇن خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز كېسەللىرىنى ساقايتىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەتتى. 16ھەزرىتى ئەيسا بولسا پات-پات تىنچ يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى

17بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىدا پەرىسىيلەر* ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار جەلىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. رەببىمىزنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ھەزرىتى ئەيساغا يار بولغاچقا، كېسەللەرنى ساقايتىۋاتاتتى. 18شۇ ئەسنادا، بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كېلىپ، ئۇنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە تىرىشتى، 19بىراق، ئادەمنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرەلمەي، ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىن تۈڭلۈك ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە چۈشۈرۈپ، خالايىقنىڭ ئارىسىدا تۇرغان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەكەلدى. 20ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى پالەچكە:

_ دوستۇم، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! _ دېدى.

21ھېلىقى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر بىر-بىرىگە:

_ قورقماستىن بۇنداق كۇپۇر سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا ھېچكىمنىڭ گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى يوققۇ! _ دېيىشتى.

22ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇنى نېمە ئۈچۈن كۇپۇرلۇق دەيسىلەر؟ 2324«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ ئەلۋەتتە، ئېيتماق ئاسان، قىلماق تەس. ئەمما، ھازىر ئىنسانئوغلىنىڭ* يەر يۈزىدە ھەم گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش، ھەم كېسەللەرنى ساقايتىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەي، _ دېدى. ئاندىن، پالەچ كېسەلگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! _ دەپ بۇيرۇدى.

25ھېلىقى ئادەم دەرھال كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى مەدھىيىلىگىنىچە ئۆيىگە قايتتى. 26بۇنىڭغا ھەيران بولغان كۆپچىلىكمۇ خۇدانى مەدھىيىلەشتى ۋە ھاڭ-تاڭ قالغان ھالدا:

_ بۈگۈن بىز ئەقلىمىز يەتمەيدىغان ئىشلارنى كۆردۇق! _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ لاۋىينى چاقىرىشى

27بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى* كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان جايدا ئولتۇراتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.

28لاۋىي ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىشىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشتى.

29شۇ كۈنى، لاۋىي ئۆيىدە ھەزرىتى ئەيساغا كاتتا زىياپەت بەردى. تەكلىپ قىلىنغان نۇرغۇن باجگىرلار ۋە ئۇلارغا ئوخشاش كىشىلەرمۇ ھەزرىتى ئەيسا ۋە شاگىرتلىرى بىلەن ھەمداستىخان بولدى. 30كېيىن، بەزى پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ دىنىي ئېقىمىدىكى بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى رەنجىگەن ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەرنىڭ باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغىنىڭلار قانداق گەپ؟! _ دېيىشتى.

31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ساغلام ئادەم ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەم تېۋىپقا موھتاجدۇر. 32مەن ئۆزلىرىنى دۇرۇس ھېسابلايدىغانلارنى ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى تونۇيدىغانلارنى توۋا قىلىشقا چاقىرغىلى كەلدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

روزا تۇتۇش مەسىلىسى

33بەزى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى پات-پات روزا تۇتۇپ دۇئا قىلىدۇ. پەرىسىيلەرنىڭ شاگىرتلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ. سىزنىڭ شاگىرتلىرىڭىز ئەجەب يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! _ دېيىشتى.

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تېخى توي زىياپىتىدە تۇرغان چاغدا، مېھمانلار ھەسرەت چېكىۋاتقان ئادەملەردەك روزا تۇتسا قانداق بولغىنى؟! ئەلۋەتتە بولمايدۇ! 35ئەمما، يىگىتنىڭ ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنى كېلىدۇ، ئۇلار ئەنە شۇ چاغدا قايغۇ-ھەسرەت چەككىنىدىن روزا تۇتىدۇ، _ دېدى.

كونىغا ئېسىلىۋېلىش

36ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە بىر تەمسىل كەلتۈردى:

_ ھېچكىم يېڭى كۆڭلىكىنى يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلىكىگە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكمۇ يىرتىلىدۇ، يىرتىۋېلىنغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ياراشمايدۇ. 37شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇمغا قاچىلىمايدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ كۆپۈشى بىلەن تۇلۇم يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ. دېمەك، تۇلۇممۇ كاردىن چىقىدۇ. 38شۇنىڭ ئۈچۈن، يېڭى شارابنى يېڭى تۇلۇمغا قاچىلاش كېرەك. 39ئۇنىڭ ئۈستىگە، كونا شاراب ئىچىپ يۈرگەن ھەرقانداق ئادەم يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ. «بولدى، كونىسى ياخشى ئىكەن!» دەيدۇ.



*17پەرىسىيلەر _ يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر.

*23-24مۇقەددەس يازمىلاردا «ئىنسانئوغلى»دىن ئىبارەت ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ھەزرىتى ئەيسا بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە ئىشلەتكەن.

*27باجگىر _ ئىسرائىلىيىنى ئىشغال قىلغان رىملىقلار ئۈچۈن ئۆز خەلقىدىن باج يىغىپ بېرىدىغان ۋە شۇ ۋەجىدىن نەپرەتكە ئۇچرىغان يەھۇدىيلار.



 

6

دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە

1بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى. 2بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر:

_ سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىسىلەر، _ دېيىشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا:

_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار! 4ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى 5ۋە خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلارغا:

_ مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن، _ دېدى.

6يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 8بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئالدىمغا كەل! _ دېۋىدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى. 9ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە:

_ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ _ دېدى ۋە 10كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە:

_ قولۇڭنى ئۇزات، _ دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. 11ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى

12بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. 13تاڭ ئاتقاندا، شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى. 14ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي، 15مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن، 16باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشى ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشى

17ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى. 18ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى. 19كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.

خۇشاللىق ۋە قايغۇ

20ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.

21ئەي ئاچ قالغانلار، سىلەرمۇ نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا سىلەرنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.

ئەي يىغلاۋاتقانلار، سىلەرمۇ بەختلىك! بۇنىڭدىن كېيىن، شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.

22ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 23ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان.

24لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار!

راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.

25ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى توقلار!

ئاچلىقتا قالىسىلەر ئەمدى.

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار!

ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر ئەمدى.

26خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

دۈشمىنىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار

27_ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. 28سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 29بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 30بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. 31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.

باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار

37_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 38باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.

39ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل ئارقىلىق تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلەپ ماڭالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 40شاگىرت ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن ئۇستازىغا ئوخشاش بولالايدۇ.

41نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! 42ئۆزۈڭدىكى شۇنچە چوڭ گۇناھنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېيىشىڭ قانداق گەپ؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

ئىككى خىل مېۋە دەرىخى

43_ ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 44ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تىكەندىن ئەنجۈر، يانتاقتىن ئۈزۈم ئالغىلى بولمايدۇ. 45شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.

ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر

46_ سىلەر ئەجەب مېنى «رەببىم! رەببىم!» دەيسىلەريۇ، بۇيرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر. 47ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار كىمگە ئوخشايدۇ؟ 48ئۇلار خۇددى ئۇلىنى چوڭقۇر قېزىپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئۇنداق ئىمارەتنى قىمىر قىلغۇزالمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. 49لېكىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئۇل قۇرماي قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان ئۆرۈلۈپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ.



*2يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، دەم ئېلىش كۈنى خامان تېپىش قائىدىگە خىلاپ ئىدى. پەرىسىيلەر شاگىرتلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى خامان تەپكەنلىك، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىشتۇر.



 

7

ھەزرىتى ئەيسانىڭ رىملىق يۈزبېشىنىڭ چاكىرىنى ساقايتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە سۆز قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە قايتتى. 2ئۇ يەردە رىملىق بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق چاكىرى ئېغىر كېسەل بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىدا تۇراتتى. 3يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنىڭ بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ چاكىرىنى ساقايتىپ قويۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشىنى تاپشۇردى. 4ئاقساقاللار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ يۈزبېشى ھەقىقەتەن سىزنىڭ ياردەم بېرىشىڭىزگە ئەرزىيدىغان ئادەم. 5ئۆزى يەھۇدىي بولمىسىمۇ، بىز يەھۇدىيلارنى ياخشى كۆرىدۇ. ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر ئىبادەتخانىمۇ سېلىپ بەردى، _ دەپ، ئۇنىڭ يۈزبېشىنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى چىن كۆڭلىدىن تەلەپ قىلدى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە يولغا چىقتى. بىراق، ئۆيگە يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتتى. ئۇلار:

_ تەقسىر، يۈزبېشى: «ئاۋارە بولۇپ ئۆيۈمگە كېلىشىڭىزگە ئەرزىمەيمەن. 7ھەتتا ئۆزۈممۇ بېرىپ سىز بىلەن كۆرۈشۈشكە لايىق ئەمەسمەن. بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىڭىز، چاكىرىم ساقىيىپ كېتىدۇ. 8مېنىڭمۇ ئۈستۈمدە باشلىقىم، قول ئاستىمدا لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ. چاكىرىمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلسىڭىزلا، ھەممە ئىش ھەل بولىدۇ» دەيدۇ، _ دېدى.

9يۈزبېشىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ھەيران بولغان ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ، بىللە كەلگەن خالايىققا:

_ دەرۋەقە، مەن ئىسرائىللار ئارىسىدىمۇ بۇنداق ئىشەنچنى ھېچكىمدە كۆرمىگەنىدىم! _ دېدى.

10يۈزبېشى ئەۋەتكەن ھېلىقى كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، چاكارنىڭ پۈتۈنلەي ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆردى.

تۇل ئايالنىڭ ئوغلىنى تىرىلدۈرۈش

11ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا نائىن دېگەن شەھەرگە قاراپ يول ئالدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. 12ئۇ شەھەر دەرۋازىسىغا كەلگەندە، جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقان بىر توپ ئادەمگە يولۇقۇپ قالدى. ئۆلگۈچى بىر تۇل ئايالنىڭ يالغۇز ئوغلى ئىدى. شەھەردىكى نۇرغۇن كىشىلەر ھېلىقى تۇل ئايال بىلەن بىللە چىققانىدى. 13بۇ ئايالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا ئىچىنى ئاغرىتقان ھالدا ئۇنىڭغا:

_ يىغلىماڭ، _ دېدى. 14ئاندىن، توپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، جىنازىغا قولىنى تەگكۈزگەنىدى، جىنازا كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ھەزرىتى ئەيسا:

_ يىگىت، ئورنۇڭدىن تۇر، _ دېيىشى بىلەنلا، 15ئۆلۈپ قالغان يىگىت قوپۇپ، گەپ قىلىشقا باشلىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى.

16قورقۇنچ باسقان كۆپچىلىك:

_ ئارىمىزدىن ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر چىقتى!

_ خۇدا بىزگە شاپائەت قىلىش ئۈچۈن كەلدى! _ دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.

17ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ ئىشى توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىشى

18يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى يەھياغا يەتكۈزدى. ئۇ شاگىرتلىرىدىن ئىككى كىشىنى ئۆزى يېتىۋاتقان زىندانغا چاقىرىپ، 19ئۇلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى.

20ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سىزدىن: «خۇدا بىزگە ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى سىزمۇ ياكى باشقا بىرسى كېلەمدۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى، _ دېدى.

21دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئاغرىق-سىلاق تارتقان ۋە جىن چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتقان ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنىڭ كۆزىنى ئاچقانىدى. 22شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەر قايتىپ بېرىپ، ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى ۋە ئېيتقان تەلىملىرىمنى يەھياغا يەتكۈزۈپ: «كورلارنىڭ كۆزى ئېچىلدى، توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ھەتتا ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈلدى» دەپ ئېيتىڭلار. 23يەھياغا يەنە: «مەندىن گۇمانلانماي، ماڭا تەۋرەنمەي ئىشەنگەنلەر نېمىدېگەن بەختلىك!» دەپ قويۇڭلار، _ دېدى.

24يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەھيا توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى قانداق بىر ئادەمنى كۆرمەكچىدىڭلار؟ مەيدانى شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشتەك تەۋرىنىپ تۇرىدىغان بىر ياخشىچاقنىمۇ؟ 25ياكى چىرايلىق كىيىنگەن بىر ئېسىلزادىنىمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! ھەشەمەتلىك كىيىم كىيىۋالغان، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغان كىشىلەر چۆلدىن ئەمەس، بەلكى خان ئوردىسىدىن تېپىلىدۇ. 26ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا ھەرقانداق پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن پەيغەمبەردۇر. 27چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا:

«مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن.

ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ»

دەپ يېزىلغان ۋە بۇ يەردىكى «ئەلچىم» دەل يەھيا پەيغەمبەرنى كۆرسىتىدۇ. 28بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغ كىشى يوق. ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس بىرسىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولىدۇ.

29بۇنى ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولى توغرا دېدى، چۈنكى ئۇلار بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلغانىدى. 30لېكىن، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسىتىنى قايرىپ قويغانىدى. 31شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ زاماننىڭ سىلەردەك كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟! 32ئۇلار خۇددى كوچىدا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەك، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار. ماتەم مۇزىكىسىنى چېلىپ بەرسەك، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ رەنجىيدىغان تۇتۇرۇقسىز بالىلارغا ئوخشايدۇ. 33چۈنكى، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ روزا تۇتاتتى، شاراب ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار: «ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ!» دېيىشتى. 34ئىنسانئوغلى بولسا ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ. بىراق، ئۇلار: «تازا بىر تويماس ھاراقكەش ئىكەن! ئۇ باجگىر ۋە باشقا گۇناھكارلارنىڭ دوستى» دېيىشىدۇ. 35بىلىپ قويۇڭلاركى، ھېكمەت ئۇنى قوبۇل قىلغانلار ئارقىلىق تونۇلىدۇ.

گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

36پەرىسىيلەردىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيسانى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ تاماققا ئولتۇردى. 37ئۇ يەردە پاھىشە دەپ تونۇلغان بىر ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا ئەتىر ئېلىپ كەلدى 38ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن يەردە تۇرۇپ يىغلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭ كۆز ياشلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى. ئاندىن، ئۇ چاچلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. 39ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرغان پەرىسىي بۇنى كۆرۈپ، ئىچىدە «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە قولىنى تەگكۈزگەن بۇ ئايالنىڭ پاھىشە ئىكەنلىكىنى بىلەتتى!» دەپ ئويلىدى.

40بۇنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ شىمون، ساڭا ئېيتىدىغان بىر گېپىم بار، _ دېدى.

_ ئېيتىڭ ئۇستاز، _ دېدى شىمون.

41_ ئىككى ئادەم بىر كىشىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش تەڭگىگە، يەنە بىرى بولسا، ئەللىك كۈمۈش تەڭگىگە قەرزدار ئىكەن. 42ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى يوق ئىكەن. شۇڭا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ، ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى قەرز ئىگىسىنى بەكرەك ياخشى كۆرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

43_ مېنىڭچە، كۆپرەك كەڭچىلىككە ئېرىشكىنى، _ دەپ جاۋاب بەردى شىمون.

_ توغرا ئېيتتىڭ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. 44ئاندىن، ئۇ ھېلىقى ئايالنى كۆرسىتىپ، شىمونغا:

_ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۆيۈڭگە كەلگىنىمدە، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى، چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. 45سەن مېنى ھال-ئەھۋال سوراپ، سۆيۈپ كۈتۈۋالمىغانىدىڭ. لېكىن، ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈۋاتىدۇ. 46سەن مېھمانلارغا تەقدىم قىلىنىدىغان ياغنى بېشىمغىمۇ سۈركىمىگەنىدىڭ. بىراق، ئۇ مېنى ھۆرمەتلەپ، پۇتلىرىمغا ئەتىر سۈركەپ قويدى. 47قىسقىسى ساڭا ئېيتايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسى كەچۈرۈم قىلىندى. شۇڭا، ئۇنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر. لېكىن، ئاز كەچۈرۈم قىلىنغاننىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتىمۇ ئاز، _ دېدى.

48ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئايالغا:

_ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، _ دېدى.

49ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلار: «ھەتتا كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلىدىغان بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى.

50ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئايالغا:

_ ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى قۇتقۇزدى. ئامان بول! _ دېدى. 


8

ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن ئاياللار

1ئۇزۇن ئۆتمەي، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدىكى شەھەر، يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى. ئون ئىككى شاگىرتىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. 2بۇلاردىن باشقا، يەنە جىن ۋە كېسەللىك ئازابلىرىدىن قۇتقۇزۇپ ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تېنىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەجدەللىك مەريەم، 3ھىرود خاننىڭ ساراي ئەمەلدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزانا ۋە باشقا بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىغا ياردەمدە بولدى.

ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىل

4خالايىق ھەرقايسى يۇرتلاردىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

5_ بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قاپتۇ ۋە قۇشلارغا يەم بوپتۇ. 6بەزىلىرى ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما، يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈپتۇ. بىراق، نەتىجىدە تىكەنلەر مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. 8بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپ، ئوبدان ئۆسۈپ، يۈز ھەسسىلەپ ھوسۇل بېرىپتۇ.

ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە:

_ بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! _ دېدى.

9كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. 10ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق، باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.»

11بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق:

_ ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 12چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. 13تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 14تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشە، بايلىق ۋە ھالاۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 15مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر.

خۇدانىڭ ھەقىقىتى ئاشكارىلانماقتا

16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ چىراغنى يېقىپ، ئۇنى بىرەر نەرسە بىلەن يېپىپ قويىدىغان ياكى كارىۋاتنىڭ ئاستىغا يوشۇرۇپ قويىدىغان كىشى يوق، ئەلۋەتتە. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى جەزمەن چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ. 17چۈنكى، يېپىق قويۇلغان ھەرقانداق نەرسە ئاشكارا بولماي قالمايدۇ. يوشۇرۇلغان ھەرقانداق نەرسە بىلىنمەي قالمايدۇ. 18شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ خۇدانىڭ ھەقىقىتى توغرىسىدا ئېيتقانلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار. چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۆزىدە بار دەپ قارالغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى

19ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن، ئادەم كۆپ بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. 20بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، _ دېدى.

21_ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئىنىلىرىمدۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بوراننى تىنچىتىشى

22بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا:

_ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، _ دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يولغا چىقتى. 23كېمە كېتىۋاتقاندا ھەزرىتى ئەيسا ئۇخلاپ قالدى. ئۇشتۇمتۇت قاتتىق بوران چىقىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ، ھەممىسى ئىنتايىن خەۋپ ئىچىدە قالدى. 24شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيسانى ئويغىتىپ:

_ ئۇستاز، ئۇستاز، غەرق بولۇش ئالدىدا تۇرىمىز! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئويغىنىپ، بوران-چاپقۇنغا بۇيرۇق قىلغانىدى، بوران توختاپ، دولقۇن پەسلەپ، ھەممىسى تىنچىدى. ئاندىن، ئۇ شاگىرتلىرىغا بۇرۇلۇپ:

25_ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ _ دېدى.

شاگىرتلار ھەم ھەيران بولۇپ، ھەم قورقۇشۇپ، بىر-بىرىگە:

_ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا بوران ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىكەن-ھە! _ دەپ كېتىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ جىن چاپلاشقان ئادەمنى ساقايتىشى

26ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن جەلىلىيە كۆلىنىڭ ئۇ چېتىدىكى گېراسالىقلار تۇرغان يەرگە باردى. 27ھەزرىتى ئەيسا قىرغاققا چىقىشىغا، شەھەردىن كەلگەن جىن چاپلاشقان بىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم ئۇزۇندىن بېرى كىيىم كىيمەي، ئۆيدە تۇرماي، گۆر قىلىنىدىغان ئۆڭكۈرلەردە ياشايتتى. 28ئۇ ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈشى بىلەنلا ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ئۇلۇغ خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، ئىشىمغا ئارىلاشما! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! _ دەپ ۋارقىراپ كەتتى. 29ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ھەزرىتى ئەيسا جىنغا ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىشنى بۇيرۇغانىدى. جىن بۇ ئادەمنى ئۇزۇن ۋاقىت ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى. خەلق بۇ ئادەمنى كۆپ قېتىم زەنجىر-كىشەنلەر بىلەن باغلاپ، قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ ئۇلارنى ئۈزۈپ قېچىپ چىقىپ، جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ئېلىپ كېتىلەتتى.

30ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئادەمدىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسمىم «مىڭلىغان»، _ دەپ جاۋاب بەردى بۇ ئادەمنى سۆزلىتىۋاتقان جىن. چۈنكى، بۇ ئادەمگە مىڭلىغان جىنلار چاپلىشىۋالغانىدى. 31ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا ئۆزلىرىنى شەيتانغا تەييارلانغان تېگى يوق ھاڭلارغا سۈرگۈن قىلماسلىقنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى.

32شۇ ئەتراپتىكى تاغ باغرىدا بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىپ يۈرەتتى. جىنلار ھەزرىتى ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىپ كېتىشىگە ئىجازەت بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئىجازەت بەردى. 33جىنلار ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ، توڭگۇزلارغا چاپلىشىۋالدى. پۈتۈن توڭگۇز پادىسى پاتىپاراق بولۇپ، يۈگۈرگەن پېتى ياردىن چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى.

34بۇ ھالنى كۆرگەن توڭگۇز باققۇچىلار ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. 35ئۇ يەردىكى كىشىلەر زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى بۇ يەرگە كېلىشتى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. 36بۇ مۆجىزىنى كۆرگەنلەر ھېلىقى كىشىنىڭ ساقىيىش جەريانىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى. 37شۇ يەردىكى كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردىن كېتىشىنى تەلەپ قىلىشتى. چۈنكى، ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشقانىدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا كېمىگە چۈشۈپ، قايتىپ كەتمەكچى بولدى. 38تېنىدىن جىنلار چىقىپ كەتكەن ھېلىقى كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ مەنمۇ سىز بىلەن بىللە كېتەي، _ دەپ يالۋۇردى.

لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

39_ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا نەقەدەر چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، _ دېدى.

ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتۈن شەھەرنى ئارىلاپ، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە قىلىپ بەرگەن چوڭ ئىشلارنى ھەممەيلەنگە يەتكۈزدى.

تىرىلدۈرۈلگەن قىز ۋە ساقايتىلغان ئايال

40ھەزرىتى ئەيسا كۆلنىڭ بۇ قېتىغا قايتىپ كەلگىنىدە، خالايىق ئۇنى قارشى ئېلىشتى. چۈنكى، ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. 41قارشى ئالغىلى چىققانلار ئىچىدە مەلۇم بىر ئىبادەتخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى بولغان يائىرمۇ بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ، ئۆيىگە تەكلىپ قىلىپ يالۋۇردى. 42چۈنكى، ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى ئۆلۈپ كېتىش ئالدىدا تۇراتتى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىۋالدى. 43توپنىڭ ئىچىدە خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايالمۇ بار ئىدى. ئۇ بار پۇلىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ساقايتالمىغانىكەن. 44ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئارقا تەرىپىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ چاپىنىنىڭ پېشىنى سىلاپ قويۇۋىدى، خۇن شۇئان توختىدى.

45_ پېشىمنى تۇتقان كىم؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

كۆپچىلىك: «تۇتمىدۇق» دېيىشتى.

_ ئۇستاز، تۆت ئەتراپىڭىزنىڭ ھەممىسى ئادەم، ئۇلار سىزنى قىستاپ تۇرۇۋاتمامدۇ؟ _ دېدى پېترۇس.

46لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا:

_ ياق! بىرسى قەستەن پېشىمنى تۇتتى. چۈنكى، ۋۇجۇدۇمدىن كۈچ-قۇدرەتنىڭ چىقىپ كەتكىنىنى سەزدىم، _ دېدى. 47ھېلىقى ئايال ھەزرىتى ئەيسانىڭ سېزىپ قالغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئايىغىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىككە ئۆزىنىڭ ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېشىنى نېمىشقا تۇتقانلىقىنى ھەم شۇئان ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

48_ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-ئامان بول، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

49ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كەلگەن بىرى ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:

_ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلمايلى، _ دېدى.

50بۇنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا يائىرغا:

_ قورقمىغىن! ماڭا ئىشەنگىن! ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، _ دېدى.

51ھەزرىتى ئەيسا يائىرنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. 52ئۇ يەردىكىلەر قىزغا ھازا تۇتۇپ يىغا-زار قىلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بولدى، يىغلىماڭلار! قىز ئۆلمىدى، ئۇخلاپ قاپتۇ! _ دېدى.

53بىراق، خالايىق ئۇنى مەسخىرە قىلدى. چۈنكى، قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزگەنلىكىدىن ئۇلارنىڭ خەۋىرى بار ئىدى. 54لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ:

_ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، _ دەپ چاقىردى. 55قىزنىڭ روھى تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قىزنىڭ قورسىقىغا بىرنەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى. 56قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ناھايىتى ھەيران قېلىشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماسلىقنى تاپىلىدى. 


9

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى ئەۋەتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ھەرقانداق جىننى ھەيدەش، كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتى ۋە ھوقۇقىنى بەردى. 2ئاندىن، ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى تارقىتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. 3ئۇ شاگىرتلىرىغا:

_ سىلەر سەپەردە ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار، ھەتتا بىرەر ئارتۇق كۆڭلەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. 4بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا، قايسى ئائىلىدە قارشى ئېلىنساڭلار، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ ئائىلىدىلا تۇرۇڭلار. 5ئەگەر بىرەر يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، ئۇ يەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! _ دېدى.

6شاگىرتلار يولغا چىقىپ، ھەممە يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى تارقىتىپ، كېسەللەرنى ساقايتتى.

7جەلىلىيىدىكى ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىشلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، گاڭگىراپ قالدى. چۈنكى، بەزىلەر: «بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى يەھيا پەيغەمبەر ئىكەن. ئۇ تىرىلىپتۇ!» دېسە، 8يەنە بەزىلەر: «بۇرۇن ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى ياراتقان ئىلياس پەيغەمبەر ياكى باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى.

9«مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى بۇ گەپلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقان كىشى زادى كىمدۇ؟» دېدى ھىرود خان. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنىڭ يولىنى ئىزدىدى.

بەش مىڭ كىشىنى تويدۇرۇش

10ئون ئىككى شاگىرت قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا باشقىلارغا ئۇقتۇرماي، ئۇلارنى بەيتسايدا دېگەن يېزىغا ئېلىپ ماڭدى. 11بىراق، بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خالايىقمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر ئىشلارنى چۈشەندۈردى ۋە كېسىلى بارلارنى ساقايتتى. 12كۈن ئولتۇرۇشقا ئاز قالغاندا، ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ خالايىقنى تارقىتىۋەتكەن بولسىڭىز، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا بېرىپ تاماق يېسۇن ۋە قونغۇدەك جاي تاپسۇن. چۈنكى، بۇ خىلۋەت جاي ئىكەن، _ دېدى.

13لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار تاماق بېرىڭلار، _ دېدى.

_ بىزدە پەقەتلا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. تاماق سېتىۋېلىپ ئەكېلىپ بېرىڭلار، دېمەكچىمۇسىز؟ _ دېيىشتى ئۇلار ھەيران بولۇپ. 14چۈنكى، شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى تەخمىنەن بەش مىڭچە بار ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ خالايىق ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈنۈپ ئولتۇرسۇن، _ دېدى.

15شاگىرتلار كۆپچىلىكنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. 16ھەزرىتى ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى. ئاندىن، نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تارقىتىپ بېرىش ئۈچۈن شاگىرتلىرىغا بەردى. 17ھەممەيلەن يەپ تويدى. شاگىرتلار ئېشىپ قالغان نان بىلەن بېلىقنىڭ پارچىلىرىنى يىغىۋىدى، ئون ئىككى سېۋەت چىقتى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ دەپ تونۇشى

18بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتاتتى. ئۇنىڭ يې نىدا شاگىرتلىرىلا بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ خالايىق مېنى كىم دەپ بىلىدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.

19_ بەزىلەر سىزنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا دەيدۇ، بەزىلەر ئىلياس پەيغەمبەر دەيدۇ، ۋە يەنە بەزىلەر باشقا قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى شاگىرتلار.

20ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم، دەپ بىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ سىز خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنسىز، _ دەپ جاۋاب بەردى پېترۇس.

21_ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، 22_ چۈنكى ئىنسانئوغلى نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى كېرەك. ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى رەت قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىدۇ. لېكىن، ئۇنى ئۆلتۈرسىمۇ، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدۇ.

23ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى خالىسا، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ* ھەر كۈنى ماڭا ئەگەشسۇن. 24چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ. 25بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ ھاياتىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! 26ئەگەر كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ، ئاتامنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىمدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىمەن. 27بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ بەزىلىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرمىگۈچە ئۆلمەيدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ نۇرغا چۆمۈشى

28تەخمىنەن سەككىز كۈندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. 29ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزى ئۆزگەردى. كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ، چاقماقتەك چاقنىدى. 30توساتتىن، مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەر پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى. 31ئۇلار خۇدانىڭ پارلاق نۇرى ئىچىدە ئايان بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا يېرۇسالېمدا قۇربان بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى.

32پېترۇس ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرىنى ئۇيقۇ باسقانىدى. ئۇلار ئۇخلاپ ئويغانغاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پارلاق نۇرىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان مۇسا پەيغەمبەر ۋە ئىلياس پەيغەمبەرنى كۆردى. 33بۇ ئىككى پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسادىن ئايرىلىدىغان ۋاقىتتا، پېترۇس ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستازىم، بۇ يەردە بولغىنىمىز نېمىدېگەن ياخشى! بىرى سىزگە، بىرى مۇسا پەيغەمبەرگە، يەنە بىرى ئىلياس پەيغەمبەرگە دەپ، بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، _ دېدى.

34پېترۇس گەپ قىلىۋاتقاندا، بىر بۇلۇت پەيدا بولۇپ، ئۇلارنى قاپلىۋالدى. شاگىرتلار بۇلۇت ئىچىدە قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. 35تۇيۇقسىز بۇلۇتتىن خۇدانىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپ:

_ بۇ مېنىڭ ئوغلۇم، مېنىڭ تاللىغىنىم. ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار! _ دېدى.

36ئاۋاز توختىغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزى يالغۇز قالغانلىقىنى كۆردى. شاگىرتلار بۇ ئىشنى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە ھېچكىمگە تىنمىدى.

جىن چاپلاشقان بالىنىڭ ساقايتىلىشى

37ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا ئۈچ شاگىرتى بىلەن بىللە تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقتى. 38توپنىڭ ئىچىدىن بىرەيلەن تۇيۇقسىز ۋارقىراپ:

_ ئۇستاز، ئوغلۇمغا كۆڭۈل بۆلگەيسىز، ئۇ بىرلا بالا ئىدى! 39ئۇنىڭغا دائىم بىر جىن چاپلىشىۋېلىپ، ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدۇ. بەزىدە پۈتۈن بەدىنى تارتىشىپ قېلىپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كېلىدۇ. جىن ئۇنى دائىم قىيناپ ئارام بەرمەيدۇ. 40شاگىرتلىرىڭىزدىن بۇ جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ سورىغانىدىم، بىراق ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن كەلمىدى، _ دېدى.

41_ ئەي ئېتىقادسىز ۋە چىرىك ئەۋلاد! مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ، سىلەرنىڭ يەنىلا ماڭا ئىشەنمىگەنلىكىڭلارغا يەنە قاچانغىچە بەرداشلىق بېرەي؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. ئاندىن، ھېلىقى كىشىگە:

_ بالاڭنى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

42بالا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يەرگە يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا جىننى ھەيدىۋېتىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. 43كۆپچىلىك خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ھەيران بولۇشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى يەنە بىر قېتىم ئالدىن ئېيتىشى

كۆپچىلىك ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان پۈتۈن ئىشلىرىغا ھەيران بولۇپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

44_ ئاڭلاپ قويۇڭلار، بىرسىنىڭ ساتقۇنلۇقى بىلەن، ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، _ دېدى.

45بىراق، ئۇلار بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆزنىڭ تېگىنى سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى.

خۇدانىڭ نەزىرىدە كىم ئەڭ ئۇلۇغ؟

46شاگىرتلار زادى كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئۆزئارا تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتاتتى. 47ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا كىچىك بىر بالىنى يېنىدا تۇرغۇزۇپ، 48شاگىرتلارغا:

_ كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قارشى ئالسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قارشى ئالغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ، _ دېدى.

قارشى تۇرماسلىق قوللىغانلىقتۇر

49يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، بىز ئۇنى توستۇق، _ دېدى.

50_ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى، سىلەرگە قارشى تۇرمىغانلار سىلەرنى قوللىغانلاردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

ھەزرىتى ئەيسانى قارشى ئالمىغان يېزا

51ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئاندىن تىرىلىپ، ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنگە ئاز قالغاندا، يېرۇسالېمغا بېرىشنى قەتئىي قارار قىلدى. 52بۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ئالدىن ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشى ئۈچۈن تەييارلىق قىلىشقا كىرىشتى. 53بىراق، سامارىيىلىكلەر* ھەزرىتى ئەيسانى «يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلىشقا بارىدىكەن» دەپ، قارشى ئالمىدى. 54ئۇنىڭ شاگىرتلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:

_ ئى رەببىم، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىش ئۈچۈن ئاسماندىن ئوت ياغدۇرۇشنى ئۆتۈنسەك قانداق دەيسىز؟ _ دېدى.

55لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 56ئاندىن، ئۇلار باشقا بىر يېزىغا كەتتى.

ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىشنىڭ بەدەللىرى

57ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ سىز قەيەرگە بارماڭ، مەن سىزگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، _ دېدى.

58بىراق، ھەزرىتى ئەيسا:

_ تۈلكىنىڭ ئۆڭكۈرى، قۇشنىڭ ئۇۋىسى بار. بىراق، ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، _ دېدى ئۇنىڭغا.

59ئۇ يەنە باشقا بىر كىشىگە:

_ ماڭا ئەگەشكىن! _ دېدى.

بىراق، ھېلىقى كىشى باھانە كۆرسىتىپ:

_ ئۇستاز، ئاتام ئۆلۈپ ئۇنى يەرلىككە قويغۇچە كۈتۈپ، ئاندىن سىزگە ئەگىشەيچۇ! _ دېدى.

60_ ئۆلگەنلەرنى روھى ئۆلۈكلەر ئۆزلىرى يەرلىككە قويسۇن! سەن بولساڭ بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقات، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

61يەنە بىرسى:

_ ئەي ئۇستاز، مەن سىزگە ئەگەشمەكچىمەن. بىراق، ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلىشىپ كېلەي، _ دېدى.

62_ قوش ھەيدەۋېتىپ، توختىماي كەينىگە قارايدىغان ئادەمدەك، بۇرۇنقى ھاياتىڭلاردىن مېھرىڭلارنى ئۈزەلمىسەڭلار، خۇداغا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولمايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.



*23رىملىقلار تەرىپىدىن ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەنلەر مىخلىنىدىغان كرېستنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ جازا مەيدانىغا باراتتى. «ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈش» دېگەنلىك ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

*53سامارىيىلىكلەر ئۆز ئىبادەتخانىسىنى گارىزىم تېغىدا قۇرغان بولۇپ، ئۇلار ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا ئەمەس، بەلكى شۇ تاغدا قىلىش توغرا، دەپ قارايتتى.



 

10

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەتمىش ئىككى شاگىرتىنى ئەۋەتىشى

1شۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلاردىن يەنە يەتمىش ئىككىنى تاللاپ، ئۆزى بارماقچى بولغان شەھەر-يېزىلارغا ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتتى. 2ئۇلار يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ قۇتقۇزۇلۇشقا ئىنتىلىدىغانلار مول ھوسۇلدەك كۆپ، بىراق ھوسۇلنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلەيدىغانلار ئاز ئىكەن. ھوسۇلنىڭ ئىگىسى بولغان خۇدادىن كۆپرەك ئىشچى ئەۋەتىپ، ھوسۇلنى يىغىۋېلىشنى تىلەڭلار. 3ئەمدى يولغا چىقىڭلار. مەن سىلەرنى قوزىلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. 4ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغمۇ ئالماڭلار. يولدا كىشىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە، پاراڭلىشىشقىمۇ توختىماڭلار. 5قايسى ئۆيگە كىرسەڭلار، ئالدى بىلەن: «ئائىلەڭلارغا خۇدادىن ئامانلىق تىلەيمەن!» دەڭلار. 6ئۇ ئۆيدە خۇدادىن كېلىدىغان ئامانلىقنى سۆيگۈچى بولسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولىدۇ. ئەگەر بولمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. 7ئۇ ئۆيدىن بۇ ئۆيگە يۆتكىلىپ يۈرمەڭلار، بەلكى چۈشكەن ئۆيدە تۇرۇڭلار ۋە ئۆيدىكىلەرنىڭ بەرگىنىنى يەڭلار، چۈنكى خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.

8بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا، بىرسى سىلەرنى قارشى ئېلىپ، ئالدىڭلارغا نېمە قويسا، شۇنى يەڭلار. 9ئۇ شەھەردىكى كېسەللەرنى ساقايتىڭلار ۋە ئۇ يەردىكى كىشىلەرگە: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەڭلار. 10بىراق، بىرەر شەھەرگە بارغىنىڭلاردا، ئۇ يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قارشى ئالمىسا، كۆپچىلىك ئالدىدا: 11«خۇدادىن كېلىدىغان جازاغا ئۆزلىرىڭلارنىڭ جاۋابكار بولىدىغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىز شەھىرىڭلارنىڭ ئايىغىمىزغا قونغان توپىسىنىمۇ قېقىپ چۈشۈرۈۋېتىمىز!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇڭلار ۋە ئۇلارغا: «بىلىشىڭلار كېرەككى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرگە راستتىنلا نامايان بولغانىدى!» دەڭلار. 12بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم* شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانى رەت قىلغانلار

13_ ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قورازىنلىقلار! ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بەيتسايدالىقلار! سىلەر ئۈچۈن ياراتقان مۆجىزىلىرىمنى تىر ۋە سىدون دېگەن ياتلار شەھەرلىرىدە ياراتقان بولسام، ئۇ يەرلەردىكى خەلق بۇرۇنلا مەيۈسلەنگەن ھالدا ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ گۇناھلىرىغا توۋا قىلغان بولاتتى. 14قىيامەت كۈنى، خۇدانىڭ سىلەرگە بېرىدىغان جازاسى تىر ۋە سىدوندىكىلەرنىڭكىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ. 15ئەي كەپەرناھۇملۇقلار! ئاسمانغا چىقماقچىمىدىڭلار؟ ئەكسىچە، دوزاخقا تاشلىنىسىلەر!

16ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ كىمدەكىم سىلەرنىڭ سۆزۈڭلارغا كىرسە، مېنىڭ سۆزۈمگە كىرگەن بولىدۇ. كىمدەكىم سىلەرنى رەت قىلسا، مېنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ. مېنى رەت قىلغانلار مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ رەت قىلغان بولىدۇ، _ دېدى.

يەتمىش ئىككى شاگىرتنىڭ قايتىپ كېلىشى

17ھېلىقى يەتمىش ئىككى شاگىرت خۇشال-خۇرام ھالدا قايتىپ كېلىپ:

_ ئى رەببىمىز! بىز سىزنىڭ نامىڭىزدىن بۇيرۇق قىلغانىدۇق، ھەتتا جىنلارمۇ بىزگە بويسۇنۇپ، چىقىپ كېتىشتى! _ دەپ مەلۇم قىلدى.

18ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ شۇنداق! شەيتاننىڭ ئاسماندىن چاقماقتەك تېز چۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. 19قۇلاق سېلىڭلار! مەن سىلەرگە يىلان-چاياندەك شەيتاننى ئاياغ ئاستىڭلاردا يانجىپ تاشلىيالايدىغان، ئۇنىڭ بارلىق كۈچ-قۇدرىتىنى بېسىپ چۈشىدىغان ھوقۇق بەردىم. سىلەرگە ھېچقانداق نەرسە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. 20لېكىن، سىلەر جىنلارنىڭ بويسۇنغانلىقى بىلەنلا خۇشال بولۇپ كەتمەڭلار، بەلكى خۇدانىڭ نامىڭلارنى ئەرشتىكى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈشى بىلەن خۇشال بولۇڭلار، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ خۇشاللىقى

21بۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا مۇقەددەس روھنىڭ تەسىرى بىلەن خۇرسەنلىككە چۆمگەن ھالدا مۇنداق دېدى:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسى بولغان ئى ئاتا! سەن بۇ ھەقىقەتلەرنى ئۆزىنى ئەقىللىق، بىلىملىك چاغلايدىغان كىشىلەردىن يوشۇرۇپ، كىچىك بالىلاردەك سەبىي كىشىلەرگە ئاشكارىلىغانلىقىڭ ئۈچۈن، ساڭا مەدھىيىلەر ئوقۇيمەن. شۇنداق ئاتا، سېنىڭ ئۆز خاھىشىڭ ئەنە شۇ ئىدى.

22ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپىدىكىلەرگە:

_ ئاتام ھەممىنى ماڭا ئاتا قىلدى. مېنىڭ كىملىكىمنى ئاتامدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ. ئاتامنىڭ كىملىكىنىمۇ مەن ۋە مەن ئۆزۈم ئاشكارىلاشنى خالايدىغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدۇ، _ دېدى.

23ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ، ئاستىغىنا:

_ كۆرگەن ئىشلارنى كۆرەلىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 24بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە پادىشاھلار سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى، _ دېدى.

مېھرىبان سامارىيىلىك توغرىسىدىكى تەمسىل

25تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرى ھەزرىتى ئەيسانى سىنىماقچى بولۇپ:

_ ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيمەن؟ _ دەپ سورىدى.

26_ تەۋرات قانۇنىدا نېمە دېيىلگەن؟ بۇنى ئۆزىڭىز قانداق چۈشەندۈرىسىز؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

27ھېلىقى كىشى مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ «پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن كۈچۈڭ ۋە پۈتۈن زېھنىڭ بىلەن سۆيگىن»؛ بۇنىڭدىن قالسا، «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي.»

28_ توغرا جاۋاب بەردىڭىز. مانا شۇنداق قىلسىڭىز، مەڭگۈ ياشايسىز، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

29ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ:

_ مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ _ دەپ سورىدى.

30ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بىر ئادەم يېرۇسالېمدىن ئېرىخا شەھىرىگە كېلىۋېتىپ، يولدا قاراقچىغا ئۇچراپ قاپتۇ. قاراقچىلار ئۇنىڭ كىيىم-كېچەكلىرىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ، چالا ئۆلۈك قىلىپ، تاشلاپ كېتىپتۇ. 31ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر يەھۇدىي روھانىي شۇ يولدىن كېلىۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، پىسەنت قىلماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 32شۇنىڭدەك، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان بىر خىزمەتچىمۇ بۇ يەرگە كەلگەندە، ئۇ بىچارە ئادەمنى كۆرۈپ، كارى بولماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ. 33لېكىن، يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىدىن كەلگەن بىر كاپىر بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، ئۇنى كۆرۈپلا ئىچ ئاغرىتىپتۇ 34ۋە ئالدىغا بېرىپ، ياغ ۋە شاراب بىلەن جاراھىتىنى يۇيۇپ، تېڭىپ قويۇپتۇ، ئاندىن ئۇنى ئۆز ئېشىكىگە مىندۈرۈپ، بىر سارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇ يەردە ھالىدىن خەۋەر ئاپتۇ. 35ئەتىسى، سارايۋەنگە ئىككى كۈمۈش تەڭگە بېرىپ: «ئۇنىڭغا قاراپ قويۇڭ، ئارتۇق چىقىمى بار بولسا، قايتىشىمدا تۆلەيمەن» دەپتۇ.

36ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئۇستازدىن:

_ سىزچە، بۇ ئۈچ ئادەم ئىچىدە قايسىسى قاراقچىلارغا يولۇققان ھېلىقى كىشىگە قوشنىدارچىلىقنى يەتكۈزگەن؟ _ دەپ سورىدى.

37_ ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلغان ھېلىقى كىشى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

_ ئۇنداق بولسا، سىزمۇ بېرىپ، باشقىلارغا شۇنداق قىلىڭ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مارتا ۋە مەريەمنى يوقلىشى

38ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. 39مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى. 40ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! _ دېدى.

41بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. 42بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ.



*12سودوم _ ئىبراھىم پەيغەمبەر زامانىدىكى شەھەر بولۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئادەملىرى ئوخشاش جىنستىكى زىناخورلۇققا قاتتىق بېرىلىپ گۇناھقا پاتقانلىقتىن، خۇدا بۇ شەھەرنى ئادەملىرى بىلەن قوشۇپ يوقاتقان.



 

11

دۇئا قىلىش توغرىسىدىكى تەلىم

1بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى. دۇئا ئاياغلاشقاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا:

_ ئى رەببىم، يەھيا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سىزمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسىڭىز، _ دېدى.

2ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار:

«ئى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدىمۇ نامايان بولغاي.

3كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

4بىزگە گۇناھ قىلغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.»

5ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋام قىلىپ شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر يېرىم كېچىدە دوستۇڭنىڭ ئۆيىگە بېرىپ، «بۇرادەر، ماڭا ئۈچ نان بېرىپ تۇر، 6ئۆيۈمگە بىر دوستۇم سەپەر بىلەن كەلگەنىدى، ئۆيدە ئۇنى كۈتكۈدەك بىر نەرسە قالماپتۇ» دېسەڭ، 7دوستۇڭ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ، «مېنى ئاۋارە قىلما، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار، ھەممىمىز يېتىپ قالدۇق. خاپا بولما!» دەپ جاۋاب بېرىشى مۇمكىنمۇ؟ 8ياق، ئۇ دوستلۇقنىڭ يۈزىنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، سېنىڭ تارتىنماستىن قايتا-قايتا يالۋۇرۇشۇڭ ۋەجىدىن بولسىمۇ، ئورنىدىن تۇرۇپ، سورىغان نەرسەڭنى چوقۇم بېرىدۇ. 9شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ. 11سىلەر بېلىق تەلەپ قىلغان ئوغلۇڭلارغا يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 12تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 13گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھىنى ئىلتىپات قىلماسمۇ؟

ھەزرىتى ئەيسا شەيتاندىن كۈچلۈكتۇر

14بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئادەمنى گاچا قىلىپ قويغان جىننى ئۇنىڭ تېنىدىن ھەيدەپ چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن، گاچا زۇۋانغا كەلدى. كۆپچىلىك بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. 15بىراق بەزى كىشىلەر: «ئۇ، جىنلارنى ئۇلارنىڭ باشلىقى بولغان شەيتانغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» دېدى.

16يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىنى سىناپ بېقىش مەقسىتىدە، ئۇنىڭدىن بىر كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلدى. 17ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەگەر بىر دۆلەتتىكىلەر ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ سوقۇشسا، ئۇ دۆلەت زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. بىر ئائىلىدىكىلەر ئۆزئارا جېدەل-ماجىرا قىلىشسا، ئۇ ئائىلىمۇ ۋەيران بولىدۇ. 18شۇنىڭغا ئوخشاش، شەيتان ئۆز باشقۇرۇشىدا بولغان جىنلار بىلەن سوقۇشسا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ سىلەر مېنى، «جىنلارنى شەيتانغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. 19ئەگەر دەرۋەقە شۇنداق بولسا، سىلەرنىڭ ئەگەشكۈچىلىرىڭلار جىنلارنى ھەيدەشتە كىمگە تاياندى؟! ئېيتقانلىرىڭلارنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىڭلار دەلىللەپ بېرىدۇ. 20ئەمەلىيەتتە، مەن خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تايىنىپ جىنلارنى ھەيدىۋەتتىم. بۇ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئاراڭلاردا نامايان بولغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. 21ئەگەر تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر شەيتان ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرسا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى بىخەتەر بولىدۇ. 22لېكىن، ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا ئېلىپ، ئۆز ئادەملىرىگە تارقىتىپ بېرىدۇ.

23مەن بىلەن بىر يولدا ماڭمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىلاردۇر. ماڭا يىغىۋېلىشقا ياردەم بەرمىگەنلەر توزۇتۇۋەتكۈچىلەردۇر.

24جىن بىرەر ئادەمنىڭ تېنىدىن ھەيدىۋېتىلگەندىن كېيىن، قۇرغاق دالالارنى ئارىلاپ چىقىپ، تۇرىدىغان جاي ئىزدەيدۇ. تاپالمىغاندىن كېيىن، «ئىلگىرىكى ئۆيۈمگە قايتاي!» دەيدۇ. 25شۇنىڭ بىلەن، جىن ئۇ ئادەمنىڭ تېنىگە قايتىپ كېلىپ، ھېلىقى ئادەمنىڭ دىلىنىڭ پاكىز تازىلىنىپ رەتلەنگەن ئۆيدەك بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايدۇ-دە، 26ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە جىننى باشلاپ كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ كېتىدۇ.

ھەقىقىي بەخت

27ھەزرىتى ئەيسا بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال يۇقىرى ئاۋازدا:

_ سىزنى تۇغۇپ، بېقىپ چوڭ قىلغان ئايال نەقەدەر بەختلىك-ھە! _ دېدى.

28_ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغان كىشى ئۇنىڭدىنمۇ بەختلىك! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

كارامەت كۆرسىتىش تەلىپى

29شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا نۇرغۇن ئادەم ئولىشىۋالغانىدى. ئۇ ئۆزىدىن كارامەت كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان كىشىلەرگە مۇنداق دېدى:

_ بۇ زاماننىڭ ئادەملىرى نېمىدېگەن ئوسال! ئۇلار كارامەت كۆرسەت دەپلا تۇرىدۇ. بىراق، سىلەرگە يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ كارامىتىدىن باشقا كۆرسىتىدىغان ئىككىنچى كارامەت يوق. 30يۇنۇس پەيغەمبەردە يۈز بەرگەن ئىشلار نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلققە بىر مۆجىزىلىك ئالامەت بولغىنىغا ئوخشاش، مەندە _ ئىنسانئوغلىدا يۈز بېرىدىغان ئىشلارمۇ بۇ ئەۋلادقا يەنە شۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەت بولىدۇ.*

31قىيامەت كۈنى ئەرەبىستاندىكى شەبا پادىشاھلىقىنىڭ ئايال پادىشاھى ئورنىدىن تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ئاقىلانە سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۇزۇن يوللارنى بېسىپ كەلگەن. مانا، ھازىر بۇ يەردە پادىشاھ سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغى بار. 32قىيامەت كۈنى، نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار.

خۇدانىڭ كۆرسەتكەن يورۇقلۇقىنى قانداق كۆرگىلى بولىدۇ

33_ ھېچكىم چىراغنى يېقىپ، ئۇنى كۆرۈنمەس يەرگە ياكى داس ئاستىغا يوشۇرۇپ قويمايدۇ. ئەكسىچە، ئۆيگە كىرگەنلەر ئېنىق كۆرەلىسۇن دەپ، ئۇنى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ، ئەلۋەتتە.

34سىلەرنىڭ كۆزۈڭلار تېنىڭلارنىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. 35شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلاركى، ۋۇجۇدۇڭلاردىكى «يورۇقلۇق» يورۇقلۇق ئەمەس، قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن. 36ئەگەر پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولۇپ، ئۇنىڭدا قاراڭغۇلۇقتىن قىلچە ئەسەر بولمىسا، خۇددى نۇرلۇق چىراغ سىلەرنى يورۇتۇپ تۇرغاندەك، ھاياتىڭلار پۈتۈنلەي يورۇقلۇقتا بولىدۇ.

پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ساختىپەزلىكى

37ھەزرىتى ئەيسا سۆزلىرىنى ئاياغلاشتۇرغاندىن كېيىن، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 38ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇيۇش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. 39ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سىلەر پەرىسىيلەر تېشىلا پاكىز يۇيۇلغان چىنە-قاچىلارغا ئوخشايسىلەر. قوللىرىڭلارنى ياخشى يۇيىسىلەر، بىراق ئىچىڭلار ئاچكۆزلۈك ۋە يامانلىق بىلەن تولغان. 40ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقان خۇدا ئىچىگىمۇ قاراپ ھېساب ئالماسمۇ؟! 41شۇڭا، كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئۆزۈڭلار ئاچكۆزلۈك بىلەن بېسىپ ياتقان تەئەللۇقاتلىرىڭلارنى ئېھتىياجلىق بولغانلارغا بېرىڭلار. شۇ چاغدىلا، ئىچىڭلار ھەم تېشىڭلار پاك بولىدۇ.

42ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ھەتتا يالپۇز، سۇزاپ قاتارلىق دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇداغا ئاتايسىلەريۇ، بىراق ھەققانىيلىق ۋە خۇداغا بولغان مۇھەببەتكە سەل قارايسىلەر. ئالدى بىلەن بۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك. باشقا ئىشلارغا كەلسەك، ئۇلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.

43ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! سىلەر ئىبادەتخانىدا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىگە ئامراق. 44سىلەرگە ۋاي! سىلەر خۇددى كىشىلەر ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، دەسسەپ سېلىپمۇ سېزەلمەيدىغان، سېسىپ كەتكەن قەبرىسىز يەرلىككە ئوخشايسىلەر!* _ دېدى.

45مەلۇم بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، بۇ سۆزلىرىڭىز بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! _ دېدى.

46ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! سىلەر قاتتىق دىنىي قائىدەڭلار ئارقىلىق كۆتۈرگىلى بولمايدىغان ئېغىر يۈكلەرنى باشقىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەيسىلەريۇ، ئۆزۈڭلار بىرەر بارمىقىڭلارنىمۇ مىدىرلىتىپ قويمايسىلەر. 47سىلەرگە ۋاي! سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۆلتۈرگەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئابىدىلىرىنى چىرايلىق ياسىدىڭلار. 48بۇ سىلەرنىڭ ئاتا-بوۋاڭلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ياقلىغىنىڭلاردىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرگەن بولسا، سىلەر ئۇ پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ تۇرۇپ، ئۇلارغا ئىشەنمىدىڭلار. 49شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن مۇنداق دېگەن: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەر ۋە ئەلچىلىرىمنى ئەۋەتىمەن. بەزىلىرى ئۇلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ، بەزىلىرى ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدۇ.»

5051شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىگە، يەنى ھابىلنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن تارتىپ تاكى روھانىي زەكەرىيانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جاي بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئۆلتۈرۈلۈشىگىچە بولغان قان قەرزلەرنىڭ ھەممىسىگە مۇشۇ زاماننىڭ ئادەملىرى جاۋابكار بولىدۇ. شۇنداق، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن سىلەر جازاغا تارتىلىسىلەر.

52ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئۇستازلىرى! ھەقىقەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى قولۇڭلارغا ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار، ھەتتا كىرىشنى خالىغانلارنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار.

5354ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن كەتكەندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنى قاتتىق سۆكۈپ، ئۇنىڭغا قىيىن سوئاللارنى قويۇپ، سۆزىدىن تۇتۇۋېلىپ زىيانكەشلىك قىلىشقا پۇرسەت كۈتۈشتى.



*30بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسا يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ يوغان بىر بېلىقنىڭ ئىچىدە ئۈچ كۈن تۇرۇپ ساق چىققانلىقىنى تىلغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭمۇ ئۆلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان.

*44يەھۇدىيلار ئارىسىدا «يەرلىككە دەسسەپ سالغان ئادەم ناپاك بولۇپ قالىدۇ» دېگەن قاراش بولغاچقا، قەبرە سېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستى ئاقلاپ قويۇلاتتى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېمەكچى بولغىنى، خۇددى يەرلىككە دەسسەپ سالغان ئادەم ناپاك بولۇپ قالغانغا ئوخشاش، پەرىسىيلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئادەممۇ ناپاك بولىدۇ، دېيىلمەكچى.



 

12

ساختىپەزلىكتىن ھوشيار بولۇش

1مىڭلىغان كىشىلەر قىستا-قىستاڭچىلىقتىن بىر-بىرىنى دەسسىۋەتكۈدەك بولۇشۇپ كەتكەنىدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ:

_ سىلەر پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسىدىن، يەنى ساختىپەزلىكىدىن ھوشيار بولۇڭلار. 2چاۋىسى چىتقا يېيىلمايدىغان ھېچقانداق يوشۇرۇن ئىش، ئاشكارىلانمايدىغان ھېچقانداق مەخپىيەتلىك يوقتۇر. 3دېمەك، سىلەرنىڭ مەخپىي قىلغان سۆزلىرىڭلار ئوچۇق-ئاشكارا ئاڭلىنىدۇ. ئۆينىڭ ئىچىدە خۇپىيانە پىچىرلاشقان گەپلىرىڭلارمۇ تۆت تامدىن ئۆتۈپ، خەلقىئالەمگە پۇر كېتىدۇ، _ دېدى.

خۇدادىنلا قورقۇش كېرەك

4ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ دوستلار، جېنىڭلارنى تېنىڭلاردىن جۇدا قىلىشتىن باشقا زىيانكەشلىك قولىدىن كەلمەيدىغانلاردىن قورقماڭلار. 5كىمدىن قورقۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ قوياي. جېنىڭلارنى ئالغاندىن كېيىن، دوزاخقا تاشلاشقا ھوقۇقلۇق بولغان خۇدادىن قورقۇڭلار. قورقۇشقا تېگىشلىكى ئەنە شۇ.

6بەش قۇشقاچنى ئىككى تەڭگىگە سېتىۋالغىلى بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ خۇدا ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. 7ھەتتا سىلەرنىڭ ھەربىر تال چېچىڭلارنىڭمۇ ھېسابى بار. شۇنداق ئىكەن، قورقماڭلار، چۈنكى سىلەر خۇدا ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان قۇشقاچتىنمۇ قىممەتلىك-دە!

ھەزرىتى ئەيسانى ئېتىراپ قىلىش ۋە قىلماسلىق

8_ كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ، _ ھازىر كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى ئېتىراپ قىلغانلارنى كېيىن ئىنسانئوغلىمۇ خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدا ئېتىراپ قىلىدۇ. 9بىراق، كۆپچىلىك ئالدىدا مېنى رەت قىلغانلار خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئالدىدىمۇ رەت قىلىنىدۇ. 10ئىنسانئوغلىغا قارشى سۆز قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلەيدۇ. بىراق، مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلغانلار كەچۈرۈمگە ئېرىشەلمەيدۇ.

11كىشىلەر سىلەرنى، «بۇ ئادەم ھەزرىتى ئەيساغا ئەگەشكەن» دەپ ئىبادەتخانىغا ياكى ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىپ سوراققا تارتقاندا، «ئۆزۈمنى قانداق ئاقلىسام بولار؟» ياكى «نېمە دېسەم بولار؟» دەپ ئەندىشە قىلماڭلار. 12چۈنكى، نېمە دېيىشىڭلارنى مۇقەددەس روھ شۇ ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆگىتىدۇ.

ئەقىلسىز باي ھەققىدىكى تەمسىل

13كۆپچىلىك ئىچىدىن بىر كىشى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، ئاكامغا ئاتىمىزدىن قالغان مىراستىن ماڭا تېگىشلىكىنى بېرىشنى بۇيرۇسىڭىز، _ دېدى.

14_ بۇرادەر، كىم ماڭا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا قازىلىق قىلىش ياكى مىراسىڭلارنى ئايرىپ بېرىش ھوقۇقىنى بېرىپتۇ؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

15كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە:

_ ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، _ دېدى 16ھەمدە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر باينىڭ يېرى مول ھوسۇل بېرىپتۇ. 17ئۇ كۆڭلىدە «بۇنچىۋالا ھوسۇلنى قويىدىغان يېرىم يوق. قانداق قىلىشىم كېرەك؟ 18توغرا، ھازىرقى ئامبارلىرىمنى بۇزۇپ، كېڭەيتىپ قۇرۇپ، ئاشلىق ۋە باشقا مال-مۈلۈكلىرىمنى شۇ يەرگە قويمامدىمەن؟!» دەپ ئويلاپتۇ. 19ئۇ يەنە ئۆز-ئۆزىگە: «ۋاي-ۋۇي، سەن نېمىدېگەن بەختلىك ئادەم! كۆپ يىل يەتكۈدەك مال-مۈلكۈڭ بار. يەپ-ئىچىپ، تۇرمۇشۇڭنى خۇشال-خۇرام، راھەت ئۆتكۈزمەمسەن؟!» دەپتۇ.

20لېكىن، خۇدا ئۇنىڭغا: «ئەي ئەخمەق، بۈگۈن كېچىلا ئامانەتنى تاپشۇرىسەن، ئۇنداقتا توپلىغان بارلىق بايلىقىڭ ئەمدى كىمگە قالار؟» دەپتۇ.

21ھەزرىتى ئەيسا يەكۈنلەپ مۇنداق دېدى:

_ ئۆزىگە بايلىق توپلىغان، ئەمما خۇدانىڭ نەزىرىدە باي بولمىغان كىشىنىڭ ئاقىۋىتى مانا شۇنداق بولىدۇ.

خۇداغا تايىنىش

22ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. 23چۈنكى، ھاياتلىق يېمەك-ئىچمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىزدۇر. 24قاغىلارنى ئويلاڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئۇلارنىڭ ئامبار، ئىسكىلاتلىرىمۇ يوق. خۇدا ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر شۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟

25ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟ 26مانا شۇنچىلىك كىچىك ئىشنىمۇ قىلالمىساڭلار، باشقا ئىشلار ئۈچۈن غەم قىلىشىڭلارنىڭ نېمە ھاجىتى؟! 27ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ. لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 28ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 29شۇنداق ئىكەن، يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك ئۈچۈن باش قاتۇرماڭلار. ھېچنېمىدىن ئەنسىرىمەڭلار 30بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 31شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ.

ھەقىقىي بايلىق توپلاش

32_ قوزىلىرىم، قورقماڭلار! سىلەر ئاز ۋە ئاجىز بولساڭلارمۇ، ئاتاڭلار ئۆز پادىشاھلىقىدىن سىلەرنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشۇڭلارنى لايىق كۆردى. 33مال-مۈلكۈڭلارنى سېتىپ، كەمبەغەللەرگە سەدىقە بېرىڭلار. ئۆزۈڭلارغا ئۇپرىمايدىغان ھەميان ھازىرلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئوغرى ئالمايدىغان، كۈيە يېمەيدىغان جاي _ ئەرشتە خەزىنە توپلىغان بولىسىلەر. 34بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىگە تەييار بولۇڭلار!

35_ خۇددى بېلىنى چىڭ باغلاپ، چىراغلىرىنى ياندۇرۇپ، 36خوجايىنىنىڭ توي زىياپىتىدىن قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرغان چاكارلاردەك، ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. خوجايىن كېلىپ ئىشىكنى قاققاندا، چاكارلار دەرھال چىقىپ ئىشىكنى ئېچىشى كېرەك. 37خوجايىن قايتىپ كەلگەندە چاكارلىرىنىڭ ئويغاق ۋە تەييار تۇرغانلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر! بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇنى كۆرگەن خوجايىن چاكارلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، ئۇلارنى داستىخانغا ئولتۇرغۇزۇپ، شەخسەن ئۆزى كۈتۈۋالىدۇ. 38ھەتتا خوجايىن يېرىم كېچىدە ياكى سەھەردە كەلسۇن، ئۇ چاكارلىرىنىڭ ئويغاقلىقىنى كۆرسە، بۇ چاكارلارنىڭ بەختىدۇر!

39بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر ئۆي ئىگىسى ئوغرىنىڭ كېچىسى قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلسە، ئوغرىنىڭ ئۆيگە بۇزۇپ كىرىشىگە ھەرگىز يول قويمايدۇ، ئەلۋەتتە! 40شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھەر دائىم تەييار تۇرۇڭلار. چۈنكى، ئىنسانئوغلى سىلەر ئويلىمىغان چاغدا قايتىپ كېلىدۇ.

41_ ئى رەببىم، بۇ تەمسىللەرنى بىزگىلا قارىتىپ ئېيتتىڭىزمۇ ياكى كۆپچىلىككە قارىتىپمۇ؟ _ دەپ سورىدى پېترۇس.

42ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ كىم ئىشەنچلىك ۋە زېرەك چاكار بولسا، خوجايىن ئۇنى باشقا چاكارلىرى ئۈستىدىن كۆزىتىپ، خوجايىننىڭ ئوزۇق-تۈلۈكىنى ئۇلارغا ۋاقتى-ۋاقتىدا تەقسىم قىلىپ بېرىشكە قويىدۇ. 43خوجايىن سەپىرىدىن قايتىپ كېلىپ، چاكىرىنىڭ شۇنچىلىك ساداقەت بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقىنىنى كۆرسە، بۇ چاكارنىڭ بەختى! 44بىلىپ قويۇڭلاركى، خوجايىن ئۇنى پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا قويىدۇ. 45لېكىن، ئەگەر بۇ چاكار كۆڭلىدە «خوجايىنىم كېچىكىپ قايتىپ كېلىدىغۇ» دەپ، باشقا ئەر، ئايال چاكارلارغا نوچىلىق قىلسا ۋە يەپ-ئىچىپ مەس بولسا، 46خوجايىن كۈتۈلمىگەن بىر كۈنى، ئويلىمىغان بىر ۋاقىتتا قايتىپ كېلىپ، ئۇنى ئۇرۇپ چالا ئۆلۈك قىلىپ، ئېتىقادسىزلار بىلەن ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار قىلىدۇ.

47خوجايىنىنىڭ نېمە تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، رۇسلىنىپ تۇرمىغان ۋە خوجايىنىنىڭ دېگىنىنى قىلمىغان چاكار قاتتىق تاياق يەيدۇ. 48بىراق، خوجايىنىنىڭ تەلىپىنى بىلمەي تۇرۇپ، تاياق يېيىشكە تېگىشلىك ئىشنى قىلغان چاكار يېنىكرەك تاياق يەيدۇ. خۇدا كىمگە كۆپ بەرسە، ئۇنىڭدىن كۆپ كۈتىدۇ. چۈنكى، كىمگە كۆپ ئامانەت قويۇلغان بولسا، ئۇنىڭدىن تەلەپ قىلىنىدىغىنىمۇ كۆپ بولىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسا _ بۆلۈنۈشنىڭ سەۋەبچىسى

49_ مەن دۇنياغا ئوت يېقىشقا كەلدىم. بۇ ئوتنىڭ يېنىپ كېتىشىنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن-ھە! 50مەن ئالدى بىلەن ئازابلىق «چۆمۈلدۈرۈش»تىن ئۆتۈشۈم كېرەك. بۇ چۆمۈلدۈرۈش ئەمەلگە ئاشقۇچە ئىنتايىن قىينىلىۋاتىمەن. 51سىلەر مېنى دۇنياغا تىنچلىق ئېلىپ كەلدىمىكىن، دەپ ئويلاپ قالماڭلار. مەن تىنچلىق ئەمەس، بۆلۈنۈش ئېلىپ كەلدىم! 52بۇنىڭدىن كېيىن، بىر ئائىلىدىكىلەر بىر-بىرسىگە قارشى تۇرىدۇ. 53«ئۇ ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى» دەپ، ئاتا ئوغلىغا، ئوغۇل ئاتىسىغا، ئانا قىزىغا، قىز ئانىسىغا، قېينانا كېلىنىگە، كېلىن قېينانىسىغا قارشى تۇرىدۇ.

خۇدانىڭ غەزىپىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان بېشارەتلەر

5455ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر كۈنپېتىش تەرەپتە بۇلۇت كۆرۈنسە، «يامغۇر ياغىدۇ» دەيسىلەر. جەنۇب تەرەپتىن شامال چىقسا، «ھاۋا ئىسسىيدۇ» دەيسىلەر. دەرۋەقە شۇنداق بولىدۇ. 56ئەي ساختىپەزلەر! سىلەر ئاسمان-زېمىننىڭ رەڭگىنى چۈشەندۈرەلەيسىلەريۇ، ھازىرنىڭ نېمە ۋاقىت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرەلمەمسىلەر؟! 57نېمىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە سىلەر ئۆزۈڭلار نېمىشقا ھۆكۈم قىلىپ باقمايسىلەر؟! 58ئەگەر بىرى ئۈستۈڭلاردىن ئەرز قىلىپ، سىلەرنى سوتقا ئېلىپ بارماقچى بولسا، ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە، ئالدىنئالا ئۇنىڭ بىلەن يارىشىۋېلىڭلار. بولمىسا، ئۇ سىلەرنى سوتچىغا، سوتچى بولسا قاراۋۇلغا تاپشۇرۇپ، زىندانغا سولىتىۋېتىدۇ. 59بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەرگە قويۇلغان جەرىمانىنىڭ بىر تىيىنىنىمۇ قويماي تۆلىمىگۈچە، زىنداندىن چىقالمايسىلەر! 


13

توۋا قىلىش ياكى ھالاك بولۇش

1شۇ چاغدا، بىرنەچچە كىشى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا بىر قىسىم جەلىلىيىلىكلەرنىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىۋاتقىنىدا، ۋالىي پىلاتۇس تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ قېنىنىڭ قۇربانلىقنىڭ قېنى بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى. 2ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بۇ جەلىلىيىلىكلەرنىڭ باشقا جەلىلىيىلىكلەردىن كۆپرەك گۇناھى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنچىلىك جاپا چەكتى، دەپ قارامسىلەر؟ 3ياق، ئۇنداق ئەمەس! گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ئاشۇلاردەك ھالاك بولىسىلەر. 4سىلوھا مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشكەندە تېگىدە قېلىپ ئۆلگەن ئون سەككىز كىشىنى قانداق دەيسىلەر؟ ئۇلارنى يېرۇسالېمدىكى باشقا كىشىلەردىنمۇ يامان، دەپ قارامسىلەر؟ 5ئۇنداق ئەمەس! بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھلىرىڭلارغا توۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر.

توۋا قىلماسلىقنىڭ ئاقىۋىتى

6ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشىنىڭ بېغىدا بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ كىشى بۇ دەرەختىن مېۋە كۈتۈپتۇ، لېكىن دەرەخ مېۋە بەرمەپتۇ. 7ئۇ كىشى باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى شۇنچە كۈتسەم، بىر تالمۇ مېۋە بەرمىدى، ئۇنى كېسىۋەت! ئۇنىڭ بۇ يەردە يەر ئىگىلەپ تۇرۇشىنىڭ نېمە ھاجىتى» دەپتۇ. 8«خوجايىن، يەنە بىر يىل ۋاقىت بېرىڭ. ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى يۇمشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. 9ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، تېخى ياخشى. بەرمىسە، كېسىۋېتەيلى» دەپتۇ باغۋەن.

دەم ئېلىش كۈن ى دوك ئايالنى ساقايتىش

10بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئىبادەتخانىدا كىشىلەرگە تەلىم بېرىۋاتاتتى. 11ئۇ يەردە ئۇ، جىن چاپلاشقىلى ئون سەككىز يىل بولغان بىر ئايالنى كۆردى. بۇ ئايالنىڭ بېلى پۈكۈلگەن بولۇپ، رۇسلىنىپ تىك تۇرالمايتتى. 12ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ:

_ خانىم، كېسىلىڭىز ساقايدى! _ دەپ، 13قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ھېلىقى ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.

14ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتقانلىقىنى كۆرگەن ئىبادەتخانا مەسئۇلى غەزەپ بىلەن كۆپچىلىككە:

_ ئىش ۋاقتىمىز ئالتە كۈن. شىپالىق ئىزدىگۈچىلەر دەم ئېلىش كۈنىدىن باشقا شۇ ئالتە كۈن ئىچىدە كېلىشى كېرەك، _ دېدى.

15رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەي ساختىپەزلەر، دەم ئېلىش كۈنى ئۆكۈز ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى ئېلىپ بارىسىلەرغۇ!؟ بۇ ھەرىكىتىڭلارنى ئىش دەپ ھېسابلىمامسىلەر؟! 16ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان بۇ ئايال ئون سەككىز يىلدىن بېرى شەيتاننىڭ سىرتمىقىدا تۇرۇپتۇ. ئەمدى دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ ئۇنى سىرتماقتىن بوشىتىۋەتسەم يامان بوپتۇمۇ؟!

17ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سۆزى رەقىبلىرىنى خىجالەت قىلدى. كۆپچىلىك بولسا ئۇنىڭ ياراتقان ئاجايىپ مۆجىزىلىرىدىن خۇرسەن بولدى.

ئۇرۇق ۋە خېمىرتۇرۇچ توغرىسىدىكى تەمسىللەر

18ھەزرىتى ئەيسا تەلىم بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى زادى قانداق؟ مەن ئۇنى قانداق سۈرەتلەپ بېرەي؟ 19ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. گەرچە قىچا ئۇرۇقى كىچىك بولسىمۇ، كىشى ئۇنى تېرىسا، ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆچەت* بولىدۇ. قۇشلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلايدۇ.

2021ئۇنىڭدىن باشقا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى خېمىرتۇرۇچقا ئوخشايدۇ. ئايال خېمىرتۇرۇچنى بىر خالتا ئۇنغا قوشۇپ يۇغۇرسا، بۇ خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ.

ئەرشنىڭ تار ئىشىكى

22ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا كېتىۋېتىپ، نۇرغۇن شەھەر-يېزىلاردىن ئۆتكەچ، تەلىم بېرىپ ماڭدى. 23بىرەيلەن ئۇنىڭدىن:

_ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى:

24_ ئاز بولسۇن، كۆپ بولسۇن، سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە تىرىشىڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئىشىكتىن كىرەي دېسىمۇ، كىرەلمەيدۇ. 25ئۆينىڭ خوجايىنى ئىشىكنى تاقىغان ۋاقتىدا، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ: «تەقسىر، ئىشىكنى ئېچىڭ!» دەپ ئىشىكنى قاقساڭلار، ئۇ: «ياق! ئاچمايمەن، چۈنكى سىلەرنى تونۇمايمەن» دەيدۇ. 26سىلەر: «بىز سىز بىلەن ھەمداستىخان بولغان، سىزمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، 27ئۇ سىلەرگە يەنە بىر قېتىم: «سىلەرنى تونۇمايمەن، كۆزۈمدىن يوقىلىڭلار، ئەي يامانلىق قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. 28سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە، ئۆزۈڭلارنى بولسا سىرتقا قوغلىۋېتىلگەن ھالدا كۆرگىنىڭلاردا، ھەسرەتتە يىغلاپ، چىشلىرىڭلارنى غۇچۇرلىتىسىلەر. 29ئۇ چاغدا، دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدىن نۇرغۇن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ دۆلەتلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھەمداستىخان بولىدۇ. 30شۇنداق قىلىپ، كەينىدىكىلەر ئالدىغا ئۆتۈپ، ئالدىدىكىلەر كەينىدە قالىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتى

31دەل شۇ چاغدا، بىرنەچچە پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ بۇ يەردىن باشقا جايغا كېتىڭ. ھىرود خان سىزنى ئۆلتۈرمەكچى، _ دېدى.

32ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىماستىن:

_ سىلەر بېرىپ ئۇ تۈلكىگە مېنىڭ داۋاملىق جىنلارنى ھەيدەيدىغانلىقىم ۋە كېسەللەرنى ساقايتىدىغانلىقىمنى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا يېرۇسالېمدا ۋەزىپەمنى تاماملايدىغانلىقىمنى دەڭلار. 33شۇنداق ئىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە يولۇمنى داۋاملاشتۇرمىسام بولمايدۇ. چۈنكى، بىر پەيغەمبەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، يېرۇسالېمدىن باشقا يەردە ئۆلتۈرۈلۈش مۇۋاپىق ئەمەستۇر.

34ئەي يېرۇسالېملىقلار! پەيغەمبەرلەر ۋە خۇدا ئەۋەتكەن ئەلچىلەرنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرگەن يېرۇسالېملىقلار! گويا مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك، مەنمۇ سىلەرنى قانچە قېتىم ئۆز قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر ئۇنىمىدىڭلار. 35مانا، ئەمدى خۇدا ئىبادەتخاناڭلاردىن ئايرىلىپ، سىلەرنى تاشلاپ كېتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر، _ دېدى.



*19بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان قىچا ئوتتۇرا شەرقتە ئۆسىدىغان، ياخشى ئۆسكەندە ھەتتا ئۈچ مېتىردىن ئېشىپ كېتىدىغان، ئۆسۈملۈكنى كۆرسىتىدۇ.



 

14

دەم ئېلىش كۈنىدە كېسەل ساقايتىش

1بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مۇھىم بىر پەرىسىي ئاقساقىلىنىڭ ئۆيىگە تاماققا باردى. بەزىلەر ئۇنى تۇتۇش كويىدا ئۇنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرىنى كۆزىتىۋاتاتتى. 2ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىكى تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن:

_ تەۋراتتا دەم ئېلىش كۈنى كېسەل ساقايتىشقا رۇخسەت قىلىنغانمۇ-يوق؟ _ دەپ سورىدى.

4بىراق، ئۇلار گەپ قىلمىدى. ھەزرىتى ئەيسا بولسا ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. 5ئاندىن، كۆپچىلىككە:

_ بالاڭلار ياكى كالاڭلار قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، دەم ئېلىش كۈنى دېمەي، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقىرىۋالمامسىلەر؟! _ دېدى.

6بىراق، ھېچكىم ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالىغا جاۋاب بېرەلمىدى.

خۇدا كىمنى يۇقىرى قىلىدۇ؟

7بەزى مېھمانلارنىڭ تۆر تالىشىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلغان ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە تەمسىل بىلەن مۇنداق دېدى:

8_ تەكلىپ بىلەن توي زىياپىتىگە قاتناشقان ۋاقتىڭىزدا، تۆرگە چىقىۋالماڭ. سىزدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر مېھمان چاقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن. 9ئۇ چاغدا، ساھىبخانا سىزگە: «بۇ ياققا ئورۇن بەرگەيسىز!» دەپ قالسا، ئىنتايىن خىجالەتچىلىكتە پەگاھقا چۈشۈشكە مەجبۇر بولىسىز. 10لېكىن، سىز تەكلىپكە بىنائەن كېلىپ، پەگاھتا ئولتۇرغان ۋاقتىڭىزدا، ساھىبخانا سىزگە: «دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ!» دېسە، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا ئابرويىڭىز بولىدۇ. 11چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.

مېھماندوستلۇقنىڭ يولى

12ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى:

_ مېھمان چاقىرغىنىڭىزدا دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭىزنىلا چاقىرماڭ. ئۇنداقتا، ئۇلارنىڭمۇ سىزنى چاقىرىپ، ئادەمگەرچىلىكىڭىزنى قايتۇرۇۋېتىشىگە توغرا كېلىدۇ. 13شۇنىڭ ئۈچۈن، زىياپەت بەرمەكچى بولسىڭىز، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرىڭ. 14بۇنىڭ بىلەن بەختلىك بولىسىز، چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭىزنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى يوق. لېكىن، خۇدا ھەققانىي كىشىلەرنى قايتا تىرىلدۈرگەندە، بۇ ياخشىلىقىڭىزنى ئۆزى قايتۇرىدۇ.

كاتتا زىياپەت توغرىسىدىكى تەمسىل

15ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى زىياپەتتە ئولتۇرىدىغانلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! _ دېدى.

16بىراق، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشى كاتتا زىياپەت ھازىرلاپ، نۇرغۇن مېھمان چاقىرىپتۇ. 17داستىخان سېلىنغان كۈنى، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ. 18بىراق، مېھمانلار بارماسلىققا بىر-بىرلەپ باھانە كۆرسىتىپتۇ. بىرىنچىسى: «مەن ھېلى بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. كەچۈرۈڭ، بارالمايمەن» دەپتۇ. 19يەنە بىرى: «مەن ئون ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ كۆزدىن كەچۈرۈپ كېلىشىم كېرەك. كەچۈرگەيسىز، زىياپەتكە داخىل بولالمايدىغان بولدۇم» دەپتۇ. 20يەنە بىرەيلەن: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ.

21چاكار قايتىپ كېلىپ، ھەممە ئەھۋالنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، كور-ئەما، ئاقساق-چولاقلارنى يىغىپ كەل» دەپتۇ. 22ئۇزۇن ئۆتمەي، چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، بۇيرۇقىڭىزنى ئادا قىلدىم. يەنە بىرمۇنچە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. 23«يېزىدىكى چوڭ-كىچىك ئارقا كوچىلارنى ئارىلاپ، تاپقان ئادىمىڭنى زورلاپ ئەكېلىپ ئۆيۈمنى تولدۇر! 24چۈنكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسىنى داستىخىنىمدا ئولتۇرغۇزمايمەن» دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا.

شاگىرت بولۇش شەرتلىرى

25نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى:

26_ ماڭا ئەگەشكەنلەر مېنى ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىسى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىدىنمۇ ئەزىز كۆرمىسە، مېنىڭ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس. 27ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ، ماڭا ئەگەشمىگەنلەرمۇ شاگىرتىم بولۇشقا لايىق ئەمەس.

28ئەگەر ئاراڭلاردىكى بىرى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزۈش ئۈچۈن يەتكۈدەك پۇل بارمۇ-يوق دەپ، قانچە پۇل كېتىدىغانلىقىنى ئىنچىكە ھېسابلىماي قالامدۇ؟! 29ئۇنداق قىلمىغاندا، مۇنارنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ قويۇپ، ئۇنى پۈتكۈزەلمىسە، بۇنى كۆرگەنلەر، 30«بۇ ئادەم قۇرۇلۇشنى باشلاپ قويۇپ، ئايىغىنى چىقىرالمىدى» دەپ زاڭلىق قىلماي قالمايدۇ.

31شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر پادىشاھنىڭ ئون مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بولۇپ، يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى بىر پادىشاھ بىلەن ئۇرۇشقىلى بارماقچى بولسا، ئۇ جەزمەن ئالدى بىلەن ئۆز كۈچىنى سىناپ، رەقىبىگە تاقابىل تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىنى مۆلچەرلەپ كۆرىدۇ ئەمەسمۇ؟! 32ئەگەر «تاقابىل تۇرالمايمەن» دېگەن قارارغا كەلسە، دۈشمەن قوشۇنى تېخى يىراقتىكى ۋاقتىدا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلار بىلەن تىنچلىق شەرتنامىسى تۈزۈشنى ئۆتۈنىدۇ. 33شۇنىڭغا ئوخشاش، قايسىڭلار بولسۇن بار-يوقۇڭلاردىن ۋاز كەچمىسەڭلار، مېنىڭ شاگىرتىم بولالمايسىلەر.

شاگىرتلار تۈز بولۇش رولىنى يوقاتماسلىقى كېرەك

34تۇز ياخشى نەرسە. بىراق، تۇز ئۆز كۈچىدىن قالسا، ئۇنى قانداق ئەسلىگە كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ 35ئۇنى توپىغا ياكى ئوغۇتقا سېلىشقىمۇ يارىماي، تاشلىۋېتىشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! 


15

يوقالغان قوي توغرىسىدىكى تەمسىل

1باجگىرلار ۋە باشقا گۇناھكار دەپ قارالغانلار ھەمىشە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ، ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلايتتى. 2پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ:

_ بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ _ دېيىشتى. 3شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا بۇ ھەقتە ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

4_ ئەگەر ئىچىڭلاردا بىرەيلەننىڭ يۈز تۇياق قويى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرى يوقىلىپ كەتكەن بولسا، ئۇ قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن قالغان توقسان توققۇز قوينى ئوتلاققا تاشلاپ، ھېلىقى يوقالغان قويىنى تېپىلغۇچە ئىزدەيدۇ. 5تېپىۋالغاندا، ئىنتايىن خۇرسەن بولۇپ، قوينى مۈرىسىگە ئارتىپ، 6ئۆيىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ئاندىن، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقالغان قويۇمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. 7مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، توۋا قىلغان بىر گۇناھكار ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىك توۋا قىلىشى ھاجەتسىز بولغان توقسان توققۇز ئادىل كىشى ئۈچۈن بولىدىغان ئەرشتىكى خۇرسەنلىكتىن چوڭ بولىدۇ.

يوقالغان تەڭگە توغرىسىدىكى تەمسىل

8_ شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر بىر ئايالنىڭ ئون دانە قىممەتلىك كۈمۈش تەڭگىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن بىرىنى يوقىتىپ قويسا، قانداق قىلىدۇ؟ ئۇ جەزمەن چىراغنى ياندۇرۇپ، ئۆينى سۈپۈرۈپ تاكى تەڭگە تېپىلغۇچە ھەممە يەرنى زەن قويۇپ ئاختۇرۇپ چىقىدۇ. 9ناۋادا تېپىۋالسا، قولۇم-قوشنا، يار-بۇرادەرلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا: «يوقىتىپ قويغان تەڭگەمنى تېپىۋالغىنىمغا ئىنتايىن خۇشالمەن! تەبرىكلەيلى!» دەيدۇ. 10مانا شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىمۇ ھەربىر گۇناھكارنىڭ توۋا قىلغىنى ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولىدۇ.

مېھىر-شەپقەتلىك ئاتا توغرىسىدىكى تەمسىل

11ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ بىر ئادەمنىڭ ئىككى ئوغلى بار ئىكەن. 12كىچىك ئوغلى ئاتىسىغا: «ئاتا، ماڭا تېگىشلىك مىراسلارنى ھازىرلا بەرگەيسىز» دەپتۇ. ئاتىسى مال-مۈلۈكلىرىنى ئىككى ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپتۇ. 13بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى ئۆزىگە تەگكەن مال-مۈلۈكلەرنى يىغىشتۇرۇپ، يىراق بىر دۆلەتكە بېرىپ، ئۇ يەردە مال-دۇنياسىنى خالىغىنىچە بۇزۇپ-چېچىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپتۇ. 14ئۇنىڭ پۇلى تۈگەپ بېشىغا كۈن چۈشكەندە، دەل ئۇ يەردىمۇ ئېغىر ئاچارچىلىق يۈز بېرىپتۇ. 15شۇڭا، ئۇ قورساق بېقىش ئۈچۈن، شۇ يەرلىك بىر كىشىگە مەدىكار بولۇشقا مەجبۇر بولۇپتۇ. ئۇ كىشى ئۇنى ئۆز قورۇقىدا چوشقا باقتۇرۇپتۇ. 16ئۇ چوشقىغا بېرىلىدىغان پۇرچاق پوستى بىلەن قورسىقىنى تويدۇرماقچى بوپتۇ، لېكىن ئۇنىمۇ ھېچكىم بەرمەپتۇ.

17كېيىن، ئۇ ئەقلىگە كېلىپ: «ئاتامنىڭ مەدىكارلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يېمەك-ئىچمىكى ئېشىپ-تېشىپ تۇرۇپتۇ. مەن بولسام بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلەمدىمەن؟ 18ئورنۇمدىن تۇرۇپ، ئاتامنىڭ ئالدىغا بېرىپ: ‹ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. 19ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن. مېنى مەدىكارلىققا قوبۇل قىلغايسىز!› دەيمەن» دەپ ئويلاپتۇ. 20شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئاتىسىنىڭ ئالدىغا قايتىپ بېرىپتۇ.

ئاتىسى ئوغلىنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ، ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، ئۇنى چىڭ قۇچاقلاپ سۆيۈپ كېتىپتۇ. 21ئوغلى: «ئاتا، مەن خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، سىزنىڭ ئالدىڭىزدىمۇ گۇناھكارمەن. ئەمدى سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولۇشقا لايىق ئەمەسمەن» دەپتۇ. 22بىراق، ئاتىسى چاكارلىرىغا: «دەرھال ئەڭ ئېسىل توننى ئەكېلىپ ئۇنىڭغا كىيدۈرۈڭلار، قولىغا ئۈزۈك سېلىڭلار، پۇتلىرىغا ئاياغ كىيدۈرۈڭلار. 23ئاندىن، راسا بوردالغان تورپاقنى ئەكېلىپ سويۇڭلار. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالايلى! 24چۈنكى، ئوغلۇم ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى!» دەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن، ھەممەيلەن خۇشال-خۇرام يەپ-ئىچىشىپ، كۆڭۈل ئېچىشىپتۇ.

25بۇ چاغدا، چوڭ ئوغلى ئېتىزغا كەتكەنىكەن. ئۇ قايتىپ كېلىۋېتىپ ئۆيگە يېقىن كەلگەندە، نەغمە-ناۋا ئاۋازىنى ئاڭلاپتۇ. 26ئۇ چاكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن نېمە ئىش بولغانلىقىنى سوراپتۇ. 27چاكار: «ئىنىڭىز قايتىپ كەلدى، دادىڭىز ئۇنىڭ تىنچ-ئامان قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بوردالغان تورپاقنى سويدى» دەپتۇ. 28بىراق، چوڭ ئوغلى ئىنتايىن خاپا بولۇپ، ئۆيگە كىرىشنى خالىماپتۇ. ئاتىسى چىقىپ ئۇنى ئۆيگە كىرىشكە ئۈندەپتۇ. 29لېكىن، ئۇ ئاتىسىغا: «قاراڭ سىزنى، مەن سىزگە شۇنچە يىل قۇلدەك ئىشلەپ كەلدىم، بۇيرۇقلىرىڭىزغا خىلاپلىق قىلمىدىم، سىز ماڭا نېمە بەردىڭىز؟ ئەل-ئاغىنىلىرىم بىلەن بىرەر قېتىم ئويناپ-كۈلۈشكە بىرەر ئوغلاقمۇ سويۇپ بەرگىنىڭىز يوققۇ! 30لېكىن، مال-مۈلۈكلىرىڭىزنى پاھىشىگە بۇزۇپ-چېچىپ تۈگىتىپ قايتىپ كەلگەن ئۇ ئوغلىڭىزغا بوردالغان تورپاقنى سويۇپسىز» دەپتۇ. 31«ئەي ئوغلۇم، سەن دائىم مېنىڭ يېنىمدا. مېنىڭ بارلىقىم سېنىڭكى. 32لېكىن، سېنىڭ ئىنىڭ ئۆلۈپ تىرىلدى، يوقىلىپ تېپىلدى. ئۇنى زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋېلىشىمىزغا تېگىشلىك» دەپتۇ ئاتىسى ئۇنىڭغا. 


16

دۇنيادىكى بايلىقنى قانداق ئىشلىتىش كېرەك؟

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. 2باي غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم قانداق گەپ؟ ئەمدى خىزمەتتىن بوشىتىلىسەن، ھېساب-كىتابنى تاپشۇر» دەپتۇ. 3ھېلىقى غوجىدار ئىچىدە «خوجايىنىم مېنى خىزمەتتىن بوشىتىۋەتسە، بۇندىن كېيىن قانداق قىلارمەن؟ ئېتىزدا ئىشلەشكە كۈچۈم يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم، نومۇس قىلىمەن. 4ھە راست، ئىشسىز قالغان ۋاقتىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىدە تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىمەن!» دەپ ئويلاپتۇ.

5شۇنىڭ بىلەن، ئۇ خوجايىنىغا قەرزدارلارنى بىر-بىرلەپ چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرز بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. 6«يۈز تۇڭ زەيتۇن يېغى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ. غوجىدار: «مانا، بۇ سېنىڭ ھېسابات دەپتىرىڭ، دەرھال ئولتۇرۇپ ئەللىككە ئۆزگەرتىۋەت!» دەپتۇ. 7ئۇ يەنە بىرىدىن: «سەنچۇ، قانچىلىك قەرز بولدۇڭ؟» دەپ سوراپتۇ. «مىڭ تاغار بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا بۇ سېنىڭ ھېسابات دەپتىرىڭ. سەككىز يۈزگە ئۆزگەرتىۋەت!» دەپتۇ.

8باي بۇ ئىشنى بىلگەندىن كېيىن، بۇ سەمىمىيەتسىز غوجىدارىنىڭ زېرەكلىكىگە قايىل بوپتۇ. چۈنكى، ئۇ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانىكەن.* دەرۋەقە، بۇ دۇنيانىڭ ئىمانسىز ئادەملىرى ئۆز مەنپەئىتىگە كەلگەندە، خۇدانىڭ يورۇقلۇقىدا ياشايدىغان ئادەملەردىن زېرەك. 9شۇڭا، ئۆز بايلىقىڭلار بىلەن ياردەمگە موھتاج بولغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى دوست تۇتۇڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار، بايلىق تۈگىگەندە، باقىي دۇنيادا كۈتۈۋېلىنىسىلەر.

10كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچلىك بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچلىك بولىدۇ. كىچىك ئىشلاردا ئىشەنچسىز بولغان كىشى چوڭ ئىشلاردىمۇ ئىشەنچسىز بولىدۇ. 11ئەگەر سىلەر بۇ دۇنيادىكى بايلىقلارنى بىر تەرەپ قىلىشتا سەمىمىيەتسىز بولساڭلار، خۇدا قانداقمۇ جەننەتتىكى ھەقىقىي بايلىقنى سىلەرگە ئاتا قىلسۇن؟ 12ئەگەر سىلەر باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىگە قارا سانىساڭلار، ئۆز نېسىۋىڭلارنى سىلەرگە كىم بەرسۇن؟!

13ئىككى خوجايىنغا خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق چاكار يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ، ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

14بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان پۇلغا ئامراق پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭلارنى ئالىيجاناب قىلىپ كۆرسىتىسىلەر. لېكىن، خۇدا كۆڭلۈڭلارنى ياخشى بىلىدۇ. ئىنسانلارنىڭ قەدىرلەيدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر.

16يەھيا پەيغەمبەرنىڭ زامانىغىچە، تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ تەلىماتلىرى سىلەرگە يېتەكچى ئىدى. بىراق، يەھيا كەلگەندىن بېرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەر تارقالماقتا ۋە نۇرغۇن ئادەم تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئۇنىڭغا كىرمەكتە. 17ھالبۇكى بۇ، تەۋرات قانۇنى ئىناۋەتسىز دېگەنلىك ئەمەس. ئەكسىچە، ئاسمان-زېمىن يوقالسىمۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ بىر چېكىتىمۇ بىكار قىلىنمايدۇ، _ دېدى.

18ھەزرىتى ئەيسا يەنە:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. تالاق قىلىنغان ئايالنى ئەمرىگە ئېلىشمۇ زىنا قىلغانلىق بولىدۇ، _ دېدى.

باي بىلەن تىلەمچى

19ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ بۇرۇنلاردا دائىم ھەشەمەتلىك كىيىملەرنى كىيىپ، ئەيش-ئىشرەتلىك تۇرمۇش كەچۈرىدىغان بىر باي ئۆتكەنىكەن. 2021يەنە پۈتۈن ئەزايىنى جاراھەت بېسىپ كەتكەن لازار ئىسىملىك بىر تىلەمچىمۇ بار ئىكەن. كىشىلەر ئۇنى باينىڭ داستىخىنىدىن ئاشقان نەرسىلەرنى تېرىپ يەپ جان باقسۇن دەپ، ھەمىشە ئۇنى باينىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەكېلىپ قويىدىكەن. ئۇ يەردە ياتقىنىدا، ھەتتا ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايدىكەن.

22كېيىن، بۇ تىلەمچى ئۆلۈپ كېتىپتۇ. پەرىشتىلەر ئۇنى جەننەتكە ئېلىپ كىرىپ ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ يېنىغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن، بايمۇ ئۆلۈپ، يەرلىككە قويۇلۇپتۇ. 23ئۇ يەر ئاستىدا قاتتىق ئازاب چېكىپتۇ. ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراق بىر جايدا ئەجدادىمىز ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ يېنىدىكى لازارنى كۆرۈپ: 24«ئى بوۋام ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارنى ئەۋەتكەيسەن. ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچى بىلەن سۇ تېمىتىپ، تىلىمنى نەمدەپ قويغاي، چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىنىڭ ئىچىدە ئىنتايىن ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپتۇ.

25«ئەي ئوغلۇم» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم، «ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆردۈڭغۇ! لازار بولسا ھەممە جاپانى تارتتى. ئەمدى ئۇ بۇ يەردە راھەت كۆرۈۋاتىدۇ، سەن بولساڭ ئازابلىنىۋاتىسەن. 26ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىنى تېگى يوق ھاڭ ئايرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىن سەن تۇرغان يەرگە بېرىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئۇ يەردىن بۇ يەرگە كېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس.» 27باي مۇنداق دەپتۇ: «ئى بوۋا، ئۇنداق بولسا، لازارنى ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭىزنى ئۆتۈنىمەن. 28ئۇ يەردە مېنىڭ بەش قېرىندىشىم بار. ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن.»

29«قېرىنداشلىرىڭغا مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرى بار. ئۇلار شۇنى ئاڭلىسۇن» دەپتۇ ئەجدادىمىز ئىبراھىم.

30«ئى بوۋام ئىبراھىم» دەپتۇ باي، «بۇ كۇپايە قىلمايدۇ، ئۇلار بەك تەرسا. ئەگەر ئۆلگەن بىرەر ئادەم تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىپ توغرا يولغا ماڭاتتى» 31لېكىن، ئەجدادىمىز ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئۇلار مۇسا ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىسا، ئۆلگەن ئادەم تىرىلسىمۇ، ئىشەنمەيدۇ» دەپتۇ.



*8ئەلۋەتتە، ھەزرىتى ئەيسا بۇ غوجىدارنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ ئۆز خوجايىنىنى ئالدىغانلىقىنى قوبۇل كۆرمىگەن. ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەمسىلنى ئېتىقادچىلارنىڭ بۇ غوجىدارنىڭ خاتا ئۇسۇلىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۆز كەلگۈسىنى ئويلاپ تەييارلىق قىلغانلىقىدىن ساۋاق ئېلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەش مەقسىتىدە ئىشلەتكەن.



 

17

گۇناھ ۋە ئېتىقاد توغرىسىدا

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ كىشىلەرنى گۇناھ سادىر قىلدۇرىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بولۇشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ سەۋەبلەرنى پەيدا قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 2بۇنداق ئادەمنىڭ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل. چۈنكى، بۇ جازا ماڭا يېڭىدىن ئىشەنگەنلەرنىڭ بىرىنى ئازدۇرغان كىشىگە بېرىلىدىغان جازادىن ياخشىراق. 3شۇڭا، سىلەرمۇ نېمە قىلىۋاتقىنىڭلارغا پەخەس بولۇڭلار!

بىراق، قېرىندىشىڭلار گۇناھ قىلغان بولسا، نەسىھەت قىلىڭلار. ئۇ توۋا قىلسا، ئۇنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. 4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە سىلەرگە يەتتە قېتىم گۇناھ سادىر قىلىپ، ھەر قېتىم كېلىپ توۋا قىلسا، گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار.

5ئون ئىككى شاگىرتى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئېتىقادىمىزنى كۈچەيتكەيسىز، _ دېيىشتى.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك چوڭلۇقتا بولسىمۇ ئېتىقاد بولسىدى، ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچ!» دېسەڭلار، ئۇ سىلەرگە بويسۇنۇپ، دېڭىزغا كۆچكەن بولاتتى.

قۇلنىڭ ۋەزىپىسى

7_ ئەگەر مەلۇم بىرىڭلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىدىغان ياكى قوي باقىدىغان قۇلۇڭلار بولۇپ، ئۇ قورۇقتىن قايتىپ كەلگەندە: «تېزرەك كېلىپ تامىقىڭنى يەۋال» دەرسىلەرمۇ؟ 8ياق! بەلكى ئۇنىڭغا: «پەرتۇقنى تارت، ئاۋۋال كەچلىك تاماق تەييارلاپ، مېنى غىزالاندۇرغىن، ئاندىن بېرىپ تامىقىڭنى يە» دەيسىلەر. 9قۇلۇڭلار بۇيرۇقۇڭلارنى بەجا كەلتۈرسە، ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامسىلەر؟ چوقۇم ئېيتمايسىلەر. 10سىلەرمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدا بۇيرۇغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئورۇندىغىنىڭلاردا: «بىز ئەرزىمەس قۇللىرىڭ، پەقەت ئۆز ۋەزىپىمىزنىلا ئورۇندىدۇق» دەڭلار.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون كېسەلنى ساقايتىشى

11ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا بېرىش سەپىرىدە سامارىيە بىلەن جەلىلىيە ئۆلكىلىرى چېگرىلىنىدىغان رايونلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، 12بىر يېزىغا كىرگىنىدە، ئۇنىڭ ئالدىغا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم كەلدى. ئۇلار ناپاك بولغاچقا، يېقىن كەلمەي يىراقتا توختاپ:

13_ ئى ئۇستازىمىز ئەيسا، بىزگە رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىرىدى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى كۆرۈپ:

_ روھانىيلارغا بېرىپ كۆرۈنۈڭلار. سىلەرنىڭ ئەمدى پاكلانغانلىقىڭلارنى تەكشۈرسۇن، _ دېدى.

ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا ماخاۋدىن ساقايدى. 15ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقىيىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، كەينىگە قايتتى 16ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ تەشەككۈر ئېيتتى. بۇ ئادەم يەھۇدىيلار يامان كۆرىدىغان سامارىيىلىكلەردىن ئىدى.

17ھەزرىتى ئەيسا بۇنى كۆرۈپ تۇرغانلارغا:

_ ساقايغانلار ئون ئادەم ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ 18يەھۇدىي بولمىغان بۇ سامارىيىلىكتىن باشقا، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىدىغان كىشى يوقمۇ؟! _ دېدى.

19ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، كەتكىن. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭ ئۈچۈن خۇدا سېنى ساقايتتى، _ دېدى.

خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى

20بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسادىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ قاچان نامايان بولىدىغانلىقىنى سورىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان ئىش ئەمەس. 21«قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دەپ ھېچكىم دېيەلمەيدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دىلىڭلاردىدۇر.

22كېيىن، شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر مېنىڭ، يەنى ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىپ، ھۆكۈم سۈرىدىغان كۈنلىرىنىڭ بىرەرسىنى كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، ئەمما كۆرەلمەيسىلەر. 23بەزىلەر سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى ئۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ بۇ يەردە!» دېسە، چىقىپ قارىماڭلار ۋە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. 24چۈنكى، چاقماق چېقىپ، ئاسماننى بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە قانداق يورۇتقان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ يېتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 25لېكىن، ئۇ ئاۋۋال نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى ۋە بۇ ئەۋلاد يەھۇدىيلار تەرىپىدىن رەت قىلىنىشى كېرەك.

26نۇھ پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كېلىدىغان زامانىدىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 27ئۇ زاماننىڭ كىشىلىرى نۇھ پەيغەمبەر كېمىگە ئولتۇرغان كۈنگىچە، بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، ئۆيلۈك-ئوچاقلىق بولۇپ كەلگەنىدى. تۇيۇقسىزلا توپان كېلىپ، كېمىگە چۈشمىگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. 28يەنە شۇنىڭدەك، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىڭ جىيەنى لۇتنىڭ زامانىدىمۇ كىشىلەر بەخىرامان يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. 29لېكىن، لۇت سودوم شەھىرىدىن ئايرىلغان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى. 30ئىنسانئوغلىنىڭ قايتىپ كېلىدىغان كۈنىمۇ ئەنە شۇنداق بولىدۇ.

31ئۇ كۈنى، ئۆگزىدىكىلەر ئۆيىدىكى نەرسە-كېرەكلىرىنى ئالماي قاچسۇن. ئېتىزلاردا ئىشلەۋاتقانلارمۇ مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىۋېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە قايتماي قېچىپ كەتسۇن. 32لۇتنىڭ ئايالىنىڭ مال-مۈلكىگە كۆزى قىيماي كەينىگە قاراپ، تاش تۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىقى ئېسىڭلاردا بولسۇن! 33چۈنكى، ئۆزى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار ئەكسىچە ھاياتىدىن مەھرۇم بولىدۇ. بىراق، ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىپ، مېنىڭ ئۈچۈن ياشايدىغانلار ھاياتىنى ساقلىيالايدۇ.

34بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن قايتىپ كېلىدىغان كېچە بىر ئورۇندا ياتقان ئىككى كىشىنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. 35تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىۋاتقان ئىككى ئايالنىڭ بىرى قالدۇرۇلۇپ، يەنە بىرى ئەرشكە ئېلىپ كېتىلىدۇ. 36ئېتىزدىكى ئىككى كىشىدىن بىرى ئېلىپ كېتىلىپ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ.

37_ ئى رەببىمىز، بۇ ۋەقەلەر قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ _ دەپ سورىدى شاگىرتلار.

_ جەسەت قەيەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىنىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا. 


18

خۇدا بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يېتىدۇ

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:

2_ مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن. 3شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ. 4لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، 5لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

6رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. 7بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟ 8ياق! ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟

پەرىسىي بىلەن باجگىر

9ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:

10_ ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 11پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر. 12مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.

13بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ. 14ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

15قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بۇنى كۆرگەن شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 16لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بالىلارنى چاقىرىپ:

_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. 17بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، _ دېدى.

مۈلۈكداردىكى مۈشكۈلات

18يەھۇدىيلارنىڭ باشلىقلىرىدىن بولغان بىر باي ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ياخشى ئۇستاز، مەن قانداق قىلسام مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

19_ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق. 20سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان: «زىنا قىلما، قاتىللىق قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ.

21_ بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ھېلىقى كىشى.

22بۇ گەپنى ئاڭلىغان ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ.

23ھېلىقى كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى.

24بۇ ھالنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! 25ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! _ دېدى.

26بۇنى ئاڭلىغانلار:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ _ دېيىشتى.

27_ ئىنسانلار قادىر بولمىغانغا خۇدا قادىردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

28بۇ چاغدا، پېترۇس:

_ مانا بىز بارلىقىمىزنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق. سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ _ دېدى.

29_ بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى دەپ، ئۆيى، ئايالى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاتا-ئانىسى ياكى بالا-چاقىلىرىدىن 30ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى، ھەم بۇ دۇنيادا ھەسسىلەپ كۆپ بايلىققا، ھەم ئۇ دۇنيادا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بېرىپ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمىنى ئۈچىنچى قېتىم ئالدىن ئېيتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا:

_ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنسانئوغلى توغرۇلۇق يازغانلىرىنىڭ ھەممىسى شۇ يەردە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. 32ئۇ رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ، ھاقارەتلەيدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ 33ۋە ئۇنى قامچىلايدۇ، ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ، _ دېدى.

34بىراق، شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن ھېچنېمە چۈشىنەلمىدى. چۈنكى، بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى قەستەن يوشۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلمىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ قارىغۇ تىلەمچىنى ساقايتىشى

35ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن كەلگەندە، بىر قارىغۇ يول بويىدا ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 36ئۇ بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۆپچىلىكنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، نېمە ۋەقە بولغانلىقىنى سۈرۈشتۈردى. 37بىرى ئۇنىڭغا:

_ ناسىرەلىك ئەيسا بۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ، _ دەپ ئۇقتۇردى.

38_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى* ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ ۋارقىراپ كەتتى ئۇ.

39ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا كېلىۋاتقان كىشىلەر تىلەمچىنى ئەيىبلەپ، ئۇنىڭ ئۈن چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىدى.

40ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ، قارىغۇنى ئالدىغا ئەكېلىشنى بۇيرۇدى. قارىغۇ يېقىن كەلگەندە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

41_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىم، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى قارىغۇ.

42_ كۆزلىرىڭ ئېچىلدى! ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

43قارىغۇنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلىپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ، يول بويى خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ ماڭدى. بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقمۇ خۇدانى مەدھىيىلەپ ماڭدى.



*38داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى _ بۇ نام يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئۇلار كۈتۈۋاتقان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى كۆرسىتەتتى.



 

19

ھەزرىتى ئەيسا بىلەن زاكاي

1ھەزرىتى ئەيسا ئېرىخا شەھىرىگە كىرىپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولدى. 2ئۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر باجگىرلار باشلىقى بولۇپ، ئۇ ناھايىتى باي ئىدى. 3ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، كىشىلەر توپى ئىچىدىن ئۇنى كۆرەلمىدى. 4شۇڭا، ئۇ يۈگۈرۈپ خالايىقنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە چىقىۋالدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا بۇ يولدىن ئۆتەتتى. 5ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە، بېشىنى كۆتۈرۈپ زاكايغا قاراپ:

_ زاكاي، چاپسان چۈش! بۈگۈن مەن چوقۇم سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونىمەن، _ دېدى.

6زاكاي دەرھال چۈشۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان ھالدا ھەزرىتى ئەيسانى ئۆيىگە ئاپىرىپ مېھمان قىلدى. 7بۇنى كۆرگەن جامائەت:

_ بۇ ئادەم گۇناھكارنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولدى! _ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى.

8زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەببىمىز ئەيساغا:

_ يا رەببىم، مەن مال-مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى كەمبەغەللەرگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىمەن. ئەگەر مەن بىرەر كىشىنى ئالداپ ھەققىنى يەۋالغان بولسام، ئۇنىڭغا تۆت ھەسسە قاتلاپ قايتۇرىمەن، _ دېدى.

9_ بۈگۈن بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلدى. چۈنكى، ئۇ ئېتىقاد بىلەن ئۆزىنىڭ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. 10ئىنسانئوغلى ئۇنىڭغا ئوخشاش ئازغان ئادەملەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ساداقەت بولۇشنىڭ لازىملىقى

11ئۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا پايتەخت يېرۇسالېمغا يېتىپ كېلىشكە ئازلا قالغانلىقى ئۈچۈن، جامائەت خاتا ھالدا ئۇنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تىكلىشىگە ئاز قالدى، دەپ قارايتتى. 12بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:

_ بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئىگە بولۇپ كېلىش ئۈچۈن، يىراق بىر يەرگە قاراپ يولغا چىقىپتۇ.

13يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، ئون چاكىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ھەربىرىگە بىردىن تىللا بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە، بۇنىڭ بىلەن تىجارەت قىلىڭلار، قېنى، قانچىلىك پۇل تاپىدىكەنسىلەركىن» دەپتۇ. 14بىراق، يۇرتىدىكىلەر بۇ ئاقسۆڭەككە ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئادەم ئەۋەتىپ: «بۇ ئادەمنىڭ بىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز» دەپتۇ.

15ئاقسۆڭەك پادىشاھ بولۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، دەرھال ھېلىقى چاكارلىرىنى چاقىرىپ، ھەرقايسىسىنىڭ ئوقەت قىلىپ قانچىلىك پۇل تاپقانلىقىنى بىلمەكچى بولۇپتۇ. 16باشتا كەلگىنى: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ ئون تىللا تاپتىم» دەپتۇ. 17«ناھايىتى ياخشى! سەن ياخشى چاكار ئىكەنسەن. مەن ساڭا ھاۋالە قىلغان كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك بولۇپ چىققانلىقىڭ ئۈچۈن، مەن سېنى ئون شەھەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلەيمەن» دەپتۇ خوجايىن. 18ئىككىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، مەن سىز بەرگەن تىللانى ئىشلىتىپ بەش تىللا تاپتىم» دەپتۇ. 19«سەنمۇ بەش شەھەرنى باشقۇرىسەن» دەپتۇ خوجايىن.

20بىراق، ئۈچىنچى چاكار كېلىپ: «خوجايىن، بەرگەن تىللايىڭىز مانا تۇرۇپتۇ. مەن ئۇنى قول ياغلىقىمغا يۆگەپ ئۆيدە ساقلىدىم. 21مەن سىزدىن قورقىمەن، چۈنكى سىز قاتتىق ئادەم، باشقىلارغا ئامانەت قويسىڭىز، ئۇنىڭ كۆپىيىشىنى، ئۆزىڭىز تېرىمىسىڭىزمۇ، ئۇنىڭ ھوسۇلىنى كۈتىسىز» دەپتۇ. 22«ئەي يامان چاكار، سېنى ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە جازالايمەن. سەن مېنىڭ تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان، ئۆزۈمنىڭ بولمىغاننى ئېلىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، 23يەنە نېمە ئۈچۈن پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» دەپتۇ خوجايىن. 24كېيىن، ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ، ئون تىللا تاپقان چاكارغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇق قىپتۇ. 25«خوجايىن، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» دېيىشىپتۇ ئۇلار. 26«شۇنداق» دەپتۇ خوجايىن، «بېرىلگەننى تولۇق ئىشلەتكەنلەرگە تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇلاردىكى تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. لېكىن، بېرىلگەننى ئىشلەتمىگەنلەرگە كەلسەك، ئۇلارنىڭ بارىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 27مېنىڭ پادىشاھ بولۇشۇمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمگە كەلسەك، ئۇلارنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىپ، كاللىسىنى ئېلىڭلار!»

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەنتەنە بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىشى

28ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، توپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، يېرۇسالېمغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى. 29زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيتپاجى ۋە بەيتانىيا دېگەن يېزىلارغا يېتىپ كېلەي دېگەندە، ئىككى شاگىرتىنى 30مۇنداق دەپ ئالدىن ئەۋەتتى:

_ سىلەر ئالدىمىزدىكى يېزىغا بېرىڭلار. يېزىغا كىرگىنىڭلاردا، تېخى مىنىلىپ باقمىغان بىر تەخەينىڭ باغلاقلىق تۇرغانلىقىنى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ، بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. 31ئەگەر بىرى سىلەردىن: «تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، «رەببىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» دەڭلار.

32ئۇلار بېرىپ قارىسا، دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. 33ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئىگىلىرى:

_ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

34_ رەببىمىزنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار. 35ئىگىلىرى ماقۇل بولغاندىن كېيىن، شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۆز چاپانلىرىنى ئۈستىگە سېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يۆلەپ مىندۈردى. 36ھەزرىتى ئەيسا ماڭغاندا، خەلقلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.

37ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈپ يېرۇسالېمغا يېقىن قالغاندا، ئۇنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەممە ئاجايىپ مۆجىزىلەر ئۈچۈن خۇرسەنلىك بىلەن ۋارقىراپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى:

38«پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھقا مۇبارەك بولسۇن!

ئىنسان خۇدا بىلەن ياراشتۇرۇلغۇسى، ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپ بولسۇن!»

39توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، شاگىرتلىرىڭىزنىڭ ئۇنداق گەپ قىلماي، جىم بولۇشىنى بۇيرۇغايسىز! _ دېيىشتى.

40_ ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چېكىپ يىغلاش

41ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا يېتىپ كەلگەندە، شەھەرنى كۆرۈپ، ھەسرەتتە كۆز يېشى قىلىپ:

42_ ئەي يېرۇسالېملىقلار! نېمىنىڭ سىلەرگە ئامانلىق كەلتۈرىدىغانلىقىنى بۈگۈن بىلگەن بولساڭلار! ئەمما، ئۇ ھازىر كۆزلىرىڭلاردىن يوشۇرۇندۇر. 43شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭلار شەھىرىڭلارنىڭ ئەتراپىغا قورغان قۇرۇپ، سىلەرنى تۆت تەرەپتىن قورشىۋېلىپ، 44سىلەرنى ۋە بالىلىرىڭلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىنىمۇ جايىدا قالدۇرمايدۇ. چۈنكى، خۇدا سىلەرگە شاپائەت قىلغان پۇرسەتنى پەرق ئېتەلمىدىڭلار، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەركىزىي ئىبادەتخانىنى تەرتىپكە سېلىشى

45ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، 46ئۇلارغا:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان. لېكىن، سىلەر بۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! _ دېدى.

47شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بەردى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنى ئۇجۇقتۇرۇۋەتمەكچى بولۇشتى. 48لېكىن، قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى. چۈنكى، پۈتۈن خەلق ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىمىنى ئاڭلاشقا شۇنچىلىك خۇشتار ئىدىكى، ئۇنىڭ ھەربىر ئېغىز سۆزىنى قالدۇرماي، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلايتتى. 


20

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى

1بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ، خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتاتتى. ئالىي روھانىيلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

2_ ئېيتىپ بېرىڭ، سىز قىلىۋاتقان ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتىسىز؟ سىزگە بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ _ دەپ سورىدى.

3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ مەن ئاۋۋال سىلەردىن بىر سوئال سوراي. ئېيتىڭلارچۇ، 4يەھيا پەيغەمبەرگە چۆمۈلدۈرۈش ھوقۇقىنى خۇدا بەرگەنمۇ ياكى ئىنسانلارمۇ؟ _ دېدى.

5ئۇلار ئۆزئارا تالىشىشقا باشلاپ:

_ ئەگەر: «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. 6ئەگەر: «ئىنسانلار بەرگەن» دېسەك، خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ، _ دېيىشتى.

7بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار:

_ يەھيانىڭ ھوقۇقىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

8_ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

يامان ئىجارىكەشلەر ھەققىدىكى تەمسىل

9ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى يىراق بىر يەرگە كېتىپتۇ ۋە ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. 10ئۈزۈملەرنى ئۈزىدىغان مەزگىل كەلگەندە، ئۇ قۇللىرىدىن بىرىنى ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتىپتۇ. لېكىن، ئىجارىكەشلەر ھېلىقى قۇلنى دۇمبالاپ، قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 11خوجايىن يەنە بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ شۇنداق ئۇرۇپ، ھاقارەتلەپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇپتۇ. 12ئۈچىنچى قېتىم خوجايىن يەنە باشقا بىر قۇلىنى ئەۋەتىپتۇ. ئىجارىكەشلەر ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، باغدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. 13ئاخىردا، ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى، «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتسەم، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ھۆرمەت قىلار» دەپ ئوغلىنى ئەۋەتىپتۇ. 14لېكىن، ئىجارىكەشلەر خوجايىننىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرىگە: «بۇ بولسا خوجايىننىڭ مىراسخورى. ئۇنى ئۆلتۈرۈۋېتەيلى، ئۈزۈمزارلىق بىزگە ئوڭچە قالسۇن!» دېيىشىپتۇ. 15شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا سۆرەپ ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى بۇ ئىجارىكەشلەرنى قانداق قىلىدۇ؟ 16جەزمەن ئۇلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئۈزۈمزارلىقىنى باشقىلارغا ئىجارىگە بېرىدۇ.

كۆپچىلىك بۇنى ئاڭلاپ:

_ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز يۈز بەرمىسۇن! _ دېيىشتى.

17بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى:

_ زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى ھەققىدە:

«تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش

قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى.»

دەپ ئېنىق يېزىلغان تۇرسا! 18بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ. «تاش» كىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، شۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ.

باج تاپشۇرۇش مەسىلىسى

19تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى. 20شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانى دىققەت بىلەن كۆزىتىش ئۈچۈن، پايلاقچىلارنى ئەۋەتتى. بۇ پايلاقچىلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن سوئاللارنى سوراپ، ئۇنى ئۆز سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈپ، رىملىق ۋالىينىڭ جازالىشىغا تاپشۇرماقچى بولۇشتى. 21ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا مۇنداق دېدى:

_ ئۇستاز، بىزگە مەلۇمكى، سىزنىڭ تەلىماتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ھەق، شۇنىڭدەك سىز يۈز-خاتىر قىلماي، ھامان خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. 22سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ، قانداق؟*

23ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى چۈشەنگەن ھەزرىتى ئەيسا:

24_ ماڭا بىر دانە كۈمۈش تەڭگە كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە ئىسىم كىمنىڭ؟ _ دېدى.

_ رىم ئىمپېراتورى قەيسەرنىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

25_ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

26ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزلىرىدىن تۇتۇۋالىدىغان بىرەر پۇتاق چىقىرالمىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىغا ھەيران بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى.

تىرىلىشكە مۇناسىۋەتلىك مەسىلە

27ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ، دەپ قارايدىغان سادۇقىي دىنىي ئېقىمىدىكىلەردىن بەزىلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن مۇنداق دەپ سورىدى:

28_ ئۇستاز، مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا: «بىر كىشى ئۆلۈپ كېتىپ، ئايالى تۇل قېلىپ، پەرزەنت كۆرمىگەن بولسا، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى لازىم» دەپ يازغان. 29بۇرۇن يەتتە ئاكا-ئۇكا ئۆتكەنىكەن، چوڭى ئۆيلىنىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 30كەينىدىكى ئىنىسىمۇ تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 31ئاندىن ئۇنى ئۈچىنچى ئىنىسى ئېلىپتۇ. شۇنداق قىلىپ يەتتىنچىسىگىچە ھەممىسى ئۇنى ئېلىپ چىقىپتۇ. لېكىن، ھېچقايسىسى پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 32ئاخىر، ئۇ ئايالمۇ ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ. 33ئەمدى سورايدىغىنىمىز شۇكى: قىيامەت كۈنى بۇ ئايال كىمنىڭ ئايالى بولۇپ تىرىلىدۇ؟ چۈنكى، يەتتە قېرىنداشنىڭ ھەممىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە!

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خوتۇن ئالىدۇ، ئەرگە تېگىدۇ. 35بىراق، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، ئەرشتە ياشاشقا لايىق ھېسابلانغانلار خوتۇنمۇ ئالمايدۇ، ئەرگىمۇ تەگمەيدۇ. 36ئۇلار پەرىشتىلەرگە ئوخشاش مەڭگۈ ياشايدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولغاچقا، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدۇ. 37بىراق، «ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش بارمۇ-يوق؟» دېگەن سوئالغا كەلسەك، تىرىلىشنىڭ بارلىقىنى مۇسا پەيغەمبەر ئۆزى ئىسپاتلاپ بەردى. چۈنكى، گەرچە ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار مۇسا پەيغەمبەرگە قارىغاندا ئاللىبۇرۇن ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، تەۋراتتىكى «تىكەنلىكنىڭ كۆيۈشى» ھەققىدىكى باياندا مۇسا پەيغەمبەر مۇنداق يازغان: «خۇدا: ‹مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن!› دېگەن.» 38دېمەك، خۇدا ئۆلگەنلەرنىڭ ئەمەس، تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر. خۇدانىڭ نەزىرىدە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھاياتتۇر.

39بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى:

_ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭىز! _ دېدى.

40شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن سوئال سوراشقا پېتىنالمىدى.

قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ سالاھىيىتى

41كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن سوئال سورىدى:

_ كىشىلەر قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟ 4243داۋۇت ئۆزى زەبۇردا قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ توغرىسىدا مۇنداق دېگەنغۇ:

«پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى:

‹مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى

ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە،

مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!›»

44قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟!

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەۋرات ئۇستازلىرىنى ئەيىبلىشى

45جامائەت قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

46_ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن پەخەس بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىشىۋېلىپ، غادىيىپ يۈرۈشكە ئامراق كېلىدۇ. بازارلاردا باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىگە سالام بېرىپ ھۆرمەتلىشىنى، ئىبادەتخانىلاردا ئالاھىدە ئورۇندا ئولتۇرۇشنى، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. 47ئۇلار تۇل ئاياللاردىن نەپ ئېلىپ، ئۇلارنىڭ مال-مۈلكىنى يەۋېلىپ، ئاندىن ئەتەي باشقىلار كۆرسۇن دەپ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدۇ. ئۇلار جەزمەن تېخىمۇ قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ!



*22ئەينى ۋاقىتتا، يەھۇدىيلار رىملىقلارنىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقان بولۇپ، ئەگەر ھەزرىتى ئەيسا: «رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرۇش توغرا» دېسە، بۇ گەپ ئازادلىقنى ئىستىگەن كىشىلەرگە ياقمايتتى. ناۋادا كىشىلەرنى باج تاپشۇرماسلىققا چاقىرسا، رىم ئىمپېرىيىسىگە قارشى چىققان بولاتتى. ئۇلار مۇشۇنداق سوئاللارنى سوراش ئارقىلىق ھەزرىتى ئەيسانى گېپىدىن تۇتۇۋېلىپ، رىملىقلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ، ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولۇشقان.



 

21

تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى

1ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جايغا ئۆز سەدىقىلىرىنى تاشلاۋاتقان بىرنەچچە باينى كۆردى. 2ئۇ يەنە بىر نامرات تۇل ئايالنىڭمۇ ئىككىلا تەڭگىنى تاشلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ:

3_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ. 4چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بارلىق تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنى ئىئانە قىلدى، _ دېدى.

كەلگۈسى توغرىسىدىكى بېشارەت

5شاگىرتلاردىن بەزىلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا ئاتالغان نەرسىلەر بىلەن بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا:

6_ شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، سىلەر بۇ يەردە كۆرۈۋاتقان ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، _ دېدى.

7ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار. 9ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.

10ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

_ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. 11شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاسماندا قورقۇنچلۇق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. 12بىراق بۇ ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، سىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ زىيانكەشلىككە ئۇچرايسىلەر. كىشىلەر سىلەرنى ئىبادەتخانىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ. ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ۋالىيلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ. 13مانا، بۇ سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم بولۇش پۇرسىتىڭلاردۇر. 14شۇڭا، ئۇلارنىڭ سوئال-سوراقلىرىغا قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا باش قاتۇرۇپ كەتمەڭلار. 15چۈنكى، مەن سىلەرگە دۈشمەنلىرىڭلار قارشى چىقالمىغۇدەك ۋە رەت قىلالمىغۇدەك سۆز قابىلىيىتى ۋە ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىمەن. 16سىلەر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ۋاقىتتا، ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان، يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىدۇ. ئاراڭلاردىكى بەزى كىشىلەرمۇ ئۆلتۈرۈلىدۇ. 17ماڭا ئىشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممە ئادەم سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدۇ، 18ھالبۇكى ئۇلار بىر تال چېچىڭلارغىمۇ چېقىلالمايدۇ! 19چىداملىق بولغىنىڭلاردا، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىسىلەر.

يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران قىلىنىشىدىن بېشارەت

20_ يېرۇسالېمنىڭ دۈشمەن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغانلىقىنى بىلىڭلار. 21ئۇ چاغدا، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاھالىلەر تاغلارغا قاچسۇن، يېرۇسالېملىقلار شەھەردىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردىكىلەر شەھەرگە كىرمىسۇن. 22چۈنكى، شۇ چاغ خۇدانىڭ خەلقنى جازالايدىغان كۈنلىرىدۇر. شۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا بۇ توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

23ئۇ كۈنلەردە، قېچىشى ئەپسىز بولغان ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغان ئانىلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى، بۇ يەردىكى كىشىلەرگە ئېغىر ئاپەت كېلىدۇ. ئۇلار خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچراپ، 24قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە

25_ مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ. 26ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. 27ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر.

28شۇڭا، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سىلەر بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى بۇ، سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارغا ئاز قالدى دېگەنلىكتۇر.

ئەنجۈر دەرىخىدىن ساۋاق ئېلىش

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

_ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا دەرەخلەرگە قاراڭلار. 30ئۇلارنىڭ يېڭى يوپۇرماق چىقارغانلىقىدىن يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 31شۇنىڭدەك، مەن بايا دېگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىڭلار. 32بىلىپ قويۇڭلاركى، مانا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ ئەۋلاد* كىشىلەر ئالەمدىن ئۆتمەيدۇ. 33ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم يوقالماي مەڭگۈ ئىناۋەتلىك بولىدۇ.

ھوشيار بولۇڭلار

34_ ھوشيار بولۇڭلار! ئۆزۈڭلارنى ئەيش-ئىشرەت ۋە تۇرمۇشنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشتۇرماڭلار. قىيامەت كۈنى سىلەرگە گويا توساتتىن بېشىڭلارغا تاشلانغان توردەك كەلمىسۇن. 35چۈنكى، ئۇ ئاپەتلەر يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ بېشىغا كېلىدۇ. 36ھەر ۋاقىت ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىدىغان بۇ ئالامەتلەردىن ئامان-ئېسەن ئۆتەلىشىڭلار ۋە قىيامەت كۈنى ئىنسانئوغلى ئالدىدا قورقماي تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن ھەر دائىم دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

37ھەزرىتى ئەيسا كۈندۈزلىرى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىپ، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغىدا ئۆتكۈزەتتى. 38جامائەت ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاش ئۈچۈن، تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا قاراپ ماڭاتتى.



*32ئەگەر تىلغا ئېلىنغان ئالامەت يېرۇسالېمنىڭ ۋەيران بولۇشىغا (21-باب 6-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، ئۇنداقتا «ئەۋلاد» سۆزى تەبىئىيكى شۇ دەۋردە ياشاپ ئۆتكەن ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا قايتىپ كېلىشىگە (21-باب 27-ئايەت) قارىتىلغان بولسا، «ئەۋلاد» سۆزى بەلكىم پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىنى ياكى بۇ ئايەتلەردە ئېيتىلغان ۋەقەلەرنىڭ باشلىنىش ۋاقتىدا ياشاۋاتقان ئەۋلادنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ھەرگىز ھەزرىتى ئەيسادا «دۇنياغا دەرھال قايتىپ كېلىمەن» دېگەن خاتا چۈشەنچىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ.



 

22

ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

1يەھۇدىيلارنىڭ پېتىر نان ھېيتى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كېلىشكە ئاز قالغانىدى. 2ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. بىراق، ئۇلار ئۇنى قوللايدىغان خەلقتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى مەخپىي ھالدا تۇتماقچى بولۇشتى.

3شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. 4ئۇ ئالىي روھانىيلار ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۇلارغا قانداق تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. 5ئۇلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە ۋەدە بەردى. 6يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى جامائەتتىن خالىي قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن، پۇرسەت ئىزدەشكە باشلىدى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ كەچلىك تامىقى

7پېتىر نان ھېيتىنىڭ قوي قۇربانلىق قىلىنىدىغان كۈنى* يېتىپ كەلگەنىدى. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى دەپ ئاتالغان بۇ كۈنى، يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوي سويۇپ، پېتىر نان بىلەن يەيتتى. 8شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا:

_ بىرگە غىزالىنىشىمىز ئۈچۈن، سىلەر بېرىپ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاڭلار، _ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى.

9_ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسىز؟ _ دەپ سورىدى ئۇلار.

10ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ يېرۇسالېمغا كىرسەڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ توشۇۋاتقان بىر ئەر كىشىنى ئۇچرىتىسىلەر. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار 11ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستازىمىز: ‹شاگىرتلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانلىق ئۆي قەيەردە ئىكەن؟› دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. 12ئۇ سىلەرنى ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى جابدۇپ قويۇلغان بىر ئېغىز چوڭ ئۆيگە باشلاپ چىقىدۇ. مانا شۇ ئۆيدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييار قىلىڭلار.

13پېترۇس بىلەن يۇھاننا بارسا، ھەممە ئىشلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشقا كىرىشتى.

14تاماق ۋاقتىدا، ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن بىللە كېلىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. 15ئاندىن، ئۇ ئەلچىلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىدا سىلەر بىلەن بىر داستىخاندا بولۇشقا ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. 16چۈنكى، بۇ ھېيتنىڭ ھەقىقىي مەنىسى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنداق ھېيتلىق تاماقنى قايتا يېمەيمەن.

17ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە شاگىرتلىرىغا:

_ بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. 18شۇنى ئېيتايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى تولۇق نامايان بولمىغۇچە، ھەرگىز بۇنداق شارابنى ئىچمەيمەن، _ دېدى.

19ئاندىن، ئۇ بىر ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، ئۇلارغا بېرىپ:

_ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، _ دېدى.

20تاماقتىن كېيىن، ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. 21بىراق شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ يەردە مەن بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرغانلاردىن بىرى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ! 22دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئالەمدىن ئۆتىدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشىنىڭ ھالىغا ۋاي!

23شاگىرتلار بىر-بىرىدىن:

_ بۇنداق قىلىدىغان زادى كىمدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

شاگىرتلارنىڭ مەرتىۋە ھەققىدە مۇنازىرىلىشىشى

24شاگىرتلار ئۆز ئىچىدە زادى كىمنىڭ مەرتىۋىسى ھەممىدىن يۇقىرى دەپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلار ھۆكۈمران سۈپىتىدە قول ئاستىدىكى خەلقنى باشقۇرىدۇ ھەم ئۆزىنى خەلقپەرۋەر قىلىپ كۆرسىتىدۇ. 26لېكىن، سىلەر بۇنداق قىلماڭلار. ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكلەر ئۆزلىرىنى ئەرزىمەس كىشىلەردەك تۇتسۇن. باشلىق بولغىنىڭلار باشقىلارغا خىزمەت قىلىڭلار. 27ئادەتتە كىم مەرتىۋىلىك؟ داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى خىزمەتكارمۇ؟ ئەلۋەتتە، داستىخاندا ئولتۇرغان ئەمەسمۇ؟ بىراق ماڭا كەلسەك، گەرچە مەن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار بولساممۇ، ئاراڭلاردا خىزمەتكارغا ئوخشاشمەن.

28مەن سىناقلارنى بېشىمدىن ئۆتكۈزگەندە، سىلەر باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. 29خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى تەقدىم قىلغاندەك، سىلەرگىمۇ شۇنى تەقدىم قىلىمەن. 30سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن ھەمداستىخان بولىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىسىلەر.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ ئۆزىدىن تانىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىشى

31ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەي سىمۇن، سىمۇن! شەيتاننىڭ ھەممىڭلارنى سىناش تەلىپىگە خۇدا ماقۇل بولدى. ئۇ سىلەرنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك سىنىماقچى. 32لېكىن، ماڭا بولغان ئېتىقادىڭ يوقالمىسۇن دەپ، ساڭا دۇئا قىلدىم. شەيتانغا سىنىلىپ، يولۇمغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملە.

33_ ئى رەببىم، مەن سىز بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈشكە تەييارمەن! _ دېدى پېترۇس.

34_ پېترۇس، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ بىلىپ قويغىنكى، ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشى

35ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىدىن:

_ بۇرۇن مەن سىلەرنى سەپەرگە ئەۋەتكەندە، ھەميان، خۇرجۇن ۋە ئاياغ ئالماڭلار، دېگەنىدىم. ئۇ چاغدا، بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ياق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى شاگىرتلار.

36_ لېكىن، ئەمدى ھەميان، خۇرجۇنى بارلار ئېلىۋېلىڭلار. قىلىچى يوقلار چاپىنىڭلارنى سېتىپ، بىردىن قىلىچ ئېلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، 37_ چۈنكى مۇقەددەس يازمىلاردا مەن توغرۇلۇق: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلىدۇ» دەپ خاتىرىلەنگەن سۆز چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن توغرۇلۇق يېزىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئېشىشقا ئاز قالدى.

38_ ئى رەببىم، قاراڭ، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، _ دېدى شاگىرتلار.

_ بولدى، يېتىدۇ! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ زەيتۇن تېغىدا دۇئا قىلىشى

39تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلار بىلەن بىللە شەھەردىن چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا كەتتى. 40ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇلارغا:

_ ئېزىقتۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

41ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ:

42_ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ ئازاب قەدىھىنى مەندىن يىراقلاشتۇرغايسەن. لېكىن، بۇ ئىش مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ بويىچە بولسۇن، _ دەپ دۇئا قىلدى. 43ئۇ دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئاسماندىن كەلگەن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ، مەدەت بەردى. 44ھەزرىتى ئەيسا چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە تېخىمۇ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلىۋاتقاندا، ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى.

45دۇئادىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شاگىرتلىرىنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارنىڭ غەمگە چۆككەنلىكىدىن مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆردى.

46_ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ئويغىتىپ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

47ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، ئون ئىككى شاگىرتىنىڭ بىرى بولغان يەھۇدا بىر توپ ئادەمنى باشلاپ كەلدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، سۆيۈپ سالام بەردى.

48ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئەي يەھۇدا، ئىنسانئوغلىنى سۆيۈپ قويۇپمۇ، يەنە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلامسەن؟ _ دېدى.

49ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىدىكى شاگىرتلار ئەھۋالنىڭ چاتاقلىقىنى كۆرۈپ:

_ ئى رەببىم، ئۇلار بىلەن ئېلىشساق قانداق دەيسىز؟ _ دېدى. 50شاگىرتلارنىڭ بىرى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ، باش روھانىينىڭ چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى.

51بىراق، ھەزرىتى ئەيسا:

_ بەس! _ دېدى ۋە قولىنى ئۇزىتىپ چاكارنىڭ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ قويۇۋىدى، شۇئان ساقىيىپ كەتتى.

52ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن ئالىي روھانىيلار، ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنىڭ باشلىقلىرى ۋە ئاقساقاللارغا:

_ سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ 53مەن ھەر كۈنى سىلەر بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىدا بولغاندا، ماڭا قول سالمىدىڭلار. بىراق، ئەمدى قول سالىدىغان ۋاقىت-سائىتىڭلار يېتىپ كەلدى. بۇ شەيتان ھۆكۈم سۈرىدىغان قاراڭغۇ ۋاقىتتۇر، _ دېدى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

54قاراۋۇللار ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ، باش روھانىينىڭ ئۆيىگە ئېلىپ بېرىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى. 55ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئوت يېقىپ، چۆرىسىدە ئىسسىنىپ ئولتۇرغاندا، پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىۋالدى. 56ئۇنىڭ ئىسسىنىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ:

_ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىر! _ دېدى.

57_ ياق! مەن ئۇنى تونۇمايمەن! _ دەپ تاندى پېترۇس.

58ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى تونۇپ قېلىپ:

_ سەنمۇ ئۇنىڭ ئادىمىغۇ! _ دېدى.

_ قارا سېنى، مەن ئۇلار بىلەن بىر ئەمەس! _ دېدى پېترۇس.

59بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، يەنە بىر ئادەم:

_ شۈبھىسىزكى، بۇ ئادەم ئەيسا بىلەن بىر. تەلەپپۇزىدىن ئۇنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكى چىقىپ تۇرمامدۇ؟! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

60لېكىن، پېترۇس:

_ قارا بۇنى، نېمە دەپ بىلجىرلاۋاتىسەن! _ دېدى.

ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا خوراز چىللىدى. 61رەببىمىز ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قارىدى. پېترۇس رەب ئەيسانىڭ: «ئەتە سەھەردە خوراز چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، 62تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالىي كېڭەشمىدە سوتلىنىشى

63ھەزرىتى ئەيساغا قاراۋاتقان قاراۋۇللار ئۇنى مەسخىرە قىلاتتى. 64ئۇنىڭ كۆزىنى تېڭىپ قويغاندىن كېيىن، ئۇنى ئۇرۇپ تۇرۇپ:

_ پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟ _ دەپ سوراشتى 65ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇرۇشقا باشلىدى.

66تاڭ ئاتقاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىدىكى ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى جەم بولۇشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. 67ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئېيتقىن، سەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھمۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەرگە ئېيتساممۇ، ئىشەنمەيسىلەر. 68سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، جاۋاب بەرمەيسىلەر. 69لېكىن، ئىنسانئوغلىنىڭ قادىر خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغىنىغا ئاز قالدى.

70_ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ _ دېيىشتى ئۇلار.

_ سىلەرنىڭ دېگىنىڭلاردەك! _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

71شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار:

_ ئەمدى باشقا ھېچقانداق ئەرز قىلغۇچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى. چۈنكى، ئۆزىنىڭ ئاغزىدىن كۇپۇر سۆزلەرنى ئاڭلىدۇق! _ دېيىشتى.



*7پېتىر نان ھېيتى يەتتە كۈن بولۇپ، ئۇشبۇ ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كۈنى يەھۇدىيلار ئۆيلىرىدە قوي سويۇپ، گۆشىنى پېتىر نان بىلەن يەيدۇ.



 

23

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىدا سوتلىنىشى

1كېڭەشمە ھەيئەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 2ئۇ يەردە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ:

_ بىز بۇ ئادەمنىڭ يەھۇدىي خەلقىنى ئازدۇرۇپ، رىم ئىمپېراتورىغا باج تاپشۇرماسلىققا قۇتراتقانلىقىنى ۋە ئۆزىنى يەھۇدىيلارنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھى، يەنى پادىشاھى دەپ ئاتىۋالغانلىقىنى كۆردۇق، _ دېيىشتى.

3_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسادىن.

_ ئېيتقىنىڭىزدەك، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

4ئاندىن، پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار بىلەن كۆپچىلىككە:

_ بۇ ئادەمدىن بىرەر جىنايەت تاپالمىدىم، _ دېدى.

5لېكىن، ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي تۈردە:

_ ئۇ ئۆز تەلىملىرى بىلەن پۈتۈن يەھۇدىيلار زېمىنىدىكى ئاممىنى قۇترىتىپ، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن باشلاپ تاكى بۇ يەرگىچە كەلدى، _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسا ھىرود خاننىڭ ئالدىدا

6بۇنى ئاڭلىغان پىلاتۇس:

_ بۇ ئادەم جەلىلىيىلىكمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 7ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھىرود خاننىڭ قول ئاستىدىكى ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھىرودقا يوللاپ بەردى. (ئۇ چاغدا ھىرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى.)

8ھىرود خان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى، ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ھەزرىتى ئەيساغا دائىر ئىشلارنى ئاڭلاپ، «مېنىڭ ئالدىمدىمۇ بىرەر مۆجىزە كۆرسىتىپ باقسۇن!» دەپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ يۈرەتتى. 9شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيسادىن بىرمۇنچە سوئاللارنى سورىدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى.

10ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. 11ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.

12مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، ھىرود خان بىلەن ۋالىي پىلاتۇس دوست بولۇپ قالدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن، ئۇلار بىر-بىرىگە دۈشمەن ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى

13ۋالىي پىلاتۇس ئالىي روھانىيلارنى، يەھۇدىي ئاقساقاللارنى ۋە جامائەتنى يىغىپ، 14ئۇلارغا:

_ سىلەر بۇ ئادەمنى ئالدىمغا ھەيدەپ كەلدىڭلار. ئۇنىڭ ئۈستىدىن خەلقنى ئازدۇرۇپ قۇتراتتى، دەپ شىكايەت قىلدىڭلار. بىراق، مەن ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا سوراق قىلىپ، سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. 15ھىرود خانمۇ ئۇنىڭدىن گۇناھ تاپالماي، ماڭا قايتۇرۇۋېتىپتۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. 16ئەمدى، مەن ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، _ دېدى. 17ئۇنىڭ مۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى: ئۇ ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يەھۇدىي جىنايەتچىلىرىدىن بىرىنى قويۇپ بېرەتتى.

18بىراق، كۆپچىلىك بىر ئېغىزدىن چۇقان سېلىشىپ:

_ ئۇنى ئۆلتۈرۈڭ! بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! _ دېيىشتى. 19(بارابباس يېرۇسالېمدا توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ، زىندانغا تاشلانغان بىر جىنايەتچى ئىدى.)

20پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇپ بەرمەكچى بولۇپ، كۆپچىلىككە قايتا نەسىھەت قىلدى. 21لېكىن، ئۇلار ھە دەپ:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى.

22پىلاتۇس ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا:

_ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزدى؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق جىنايەت تاپالمىدىم. ئۇنى قامچىلىتىپ، قويۇپ بېرىمەن، _ دېدى.

23بىراق، كۆپچىلىك داۋاملىق چۇقان سېلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلاپ ئېسىپ ئۆلتۈرسۇن دەپ، چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر غەلىبە قىلدى. 24پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈم چىقاردى. 25توپىلاڭ كۆتۈرۈپ زىندانغا تاشلانغان ھېلىقى قاتىلنى قويۇپ بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىيلارنىڭ ئۆز خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن لەشكەرلەرگە تاپشۇرۇپ بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى

26لەشكەرلەر كرېستنى كۆتۈرگەن ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا يېزىدىن كېلىۋاتقان كىرىنى شەھىرىلىك سىمۇن ئىسىملىك بىر كىشىنى ئۇچراتتى. ئۇلار بۇ كىشىنى تۇتۇۋېلىپ كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ھەيدەپ ماڭدى. چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ھالسىراپ كەتكەنىدى.

27نۇرغۇن كىشىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھەزرىتى ئەيساغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ ماڭغان ئاياللارمۇ بار ئىدى. 28ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي يېرۇسالېم ئاياللىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار. ئۆزۈڭلار ۋە پەرزەنتلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! 29چۈنكى، سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «پەرزەنت كۆرمىگەن، ھامىلىدار بولمىغان، بالا ئېمىتمىگەن ئاياللار نېمىدېگەن بەختلىك!» دەيدۇ. 30ئۇ چاغدا، كىشىلەر خۇدانىڭ غەزىپىدىن قېچىش ئۈچۈن تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگىمۇ: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ يالۋۇرىدۇ. 31ياپيېشىل دەرەخ ئوتتا كۆيدۈرۈلگەن يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخ تېخىمۇ كۆيدۈرۈلمەسمۇ؟! شۇنىڭدەك، مەن ئازاب چەككەن يەردە، سىلەر گۇناھكار يەھۇدىيلار تېخىمۇ ئازاب چەكمەمسىلەر؟!

32لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىرگە ئىككى جىنايەتچىنىمۇ ئۇلار ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسىنى بېجىرىشكە ئېلىپ كېلىشكەنىدى. 33ئۇلار يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا بېرىپ، ئۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىدى. ئىككى جىنايەتچىنىڭمۇ بىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئوڭ تەرىپىگە، يەنە بىرىنى سول تەرىپىگە مىخلىدى ۋە كرېستلەرنى تىكلەپ قويدى. 34ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، _ دېدى.

لەشكەرلەر چەك تاشلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. 35خالايىق قاراپ تۇرۇۋاتقاندا، يەھۇدىي ئاقساقاللار ئۇنى مەسخىرە قىلىپ:

_ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر راستتىن خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولغان بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! _ دېيىشتى.

36لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا ئەرزان ئۈزۈم شارابى تەڭلەپ:

37_ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىكى تاختىغا: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىلغانىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ:

_ سەن خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزمامسەن؟! _ دېدى.

40يەنە بىرى بولسا ھېلىقى جىنايەتچىنى ئەيىبلەپ:

_ سەنمۇ ئۇنىڭغا ئوخشاش جازالىنىۋاتقان تۇرۇقلۇق، خۇدادىن قورقمىدىڭمۇ؟ 41بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق. بىز ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ جازاسىنى تارتتۇق، لېكىن ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغانغۇ! _ دېدى. 42ئاندىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئى ئەيسا، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ئۇنتۇمىغايسەن، _ دېدى.

43_ بىلىپ قويكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

44چۈش ۋاقتىدا، قۇياش نۇرى غايىب بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى قاراڭغۇلۇق باستى. بۇ ئەھۋال ئۈچ سائەت داۋام قىلدى. 45مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى پەردە توساتتىن ئىككى پارچە بولۇپ يىرتىلدى.*46ھەزرىتى ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، _ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى.

47ئۇ يەردە بۇنى كۆرۈپ تۇرغان يۈزبېشى خۇدادىن قورققان ھالدا:

_ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! _ دەپ خۇدانى مەدھىيىلىدى.

48بۇ ۋەقەنى كۆرۈش ئۈچۈن يىغىلغان خالايىق قايغۇ بىلەن مەيدىسىگە ئۇرۇپ، ئۆيلىرىگە قايتىشتى. 49ھەزرىتى ئەيسانى تونۇيدىغان كىشىلەر ۋە جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار ۋەقەنىڭ جەريانىنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

5051يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئاراماتىيا دېگەن شەھەردىن كەلگەن يۈسۈپ ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ ئاق كۆڭۈل، دۇرۇس ئادەم بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ نامايان بولۇشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتەتتى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنىڭ ئەزالىرىدىن بىرى بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى بۇ قارارى ۋە ھەرىكەتلىرىگە قوشۇلمىغانىدى. 52يۈسۈپ ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. 53پىلاتۇس قوشۇلغاندىن كېيىن، ئۇ جەسەتنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ، كەندىر رەخت بىلەن كېپەنلەپ، يېڭىدىن ئويۇلغان چوڭ قورام تاشلىق قەبرىگە دەپنە قىلدى.

54بۇ ۋەقەلەر ھېيتنىڭ ھارپىسى يۈز بەرگەن بولۇپ، دەم ئالىدىغان شەنبە كۈنىگە ئاز قالغانىدى. 55شۇڭا، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كەلگەن ئاياللار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىپ، قەبرىنى ۋە جەسەتنىڭ قانداق قويۇلغانلىقىنى كۆزدىن كەچۈردى. 56ئاندىن، ئۆيلىرىگە قايتىپ بېرىپ، جەسەتكە چاچىدىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملار بىلەن ئەتىرلەرنى تەييارلىدى. دەم ئېلىش كۈنى، خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، ئۇلار دەم ئېلىشتى.



*45بۇ پەردە ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان قىسمىنى مۇقەددەس جاي دەپ ئاتالغان قىسمىدىن ئايرىپ تۇرىدىغان پەردە بولۇپ، ئۇنىڭ يىرتىلىشى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنسانلارنىڭ خۇدانىڭ ئالدىغا بارىدىغان يولىنى ئاچقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.



 

24

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1يەكشەنبە كۈنى تاڭ يورۇشى بىلەن تەڭ، ئاياللار ئۆزلىرى تەييارلىغان خۇش پۇراقلىق بۇيۇملىرىنى ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قەبرىسىگە باردى. 2ئۇلار قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ دومىلىتىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 3قەبرىگە كىرىپ قارىسا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى يوق تۇراتتى! 4ئۇلار كۆزلىرىگە ئىشەنمەي تۇرغىنىدا، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا كىيىملىرىدىن نۇر چاقناپ تۇرىدىغان ئىككى كىشى پەيدا بولدى. 5ئاياللار ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ، باشلىرىنى يەرگە ئېگىشتى. ئۇ پەرىشتىلەر ئاياللارغا:

_ سىلەر نېمە ئۈچۈن تىرىك ئادەمنى ئۆلگەنلەرنىڭ ئارىسىدىن ئىزدەيسىلەر؟ 6ئۇ بۇ يەردە ئەمەس، ئۇ تىرىلدى. ئۇ جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، سىلەرگە نېمە دېگەنلىكىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. 7ئۇ: «ئىنسانئوغلى يامان نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلىدۇ، كرېستكىمۇ مىخلىنىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. بىراق، ئۈچىنچى كۈنى قايتا تىرىلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.

8ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ راست شۇنداق دېگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىشىپ، 9قەبرە يېنىدىن قايتىشتى. ئۇلار كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئون بىر ئەلچى ۋە باشقا شاگىرتلارغا يەتكۈزدى. 10بۇ ئىشلارنى ئەلچىلەرگە يەتكۈزگۈچى ئاياللار _ مەجدەللىك مەريەم، يوئاننا، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە باشقا ئاياللار ئىدى. 11لېكىن، ئەلچىلەر بۇ ئاياللارنىڭ ئېيتقانلىرىنى قۇرۇق گەپ دەپ قاراپ، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەنمىدى. 12بىراق، پېترۇس ئورنىدىن تۇرۇپ، مازارغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قەبرىنىڭ ئىچىگە قارىغىنىدا، ھېلىقى كەندىر كېپەندىن باشقا ھېچ نەرسە كۆرمىدى. ئۇمۇ بۇ ئىشلارغا ئىنتايىن ھەيران بولۇپ قايتىپ كەتتى.

ئېمايۇس يېزىسىغا بارىدىغان يولدا

13شۇ كۈنى، شاگىرتلاردىن ئىككىيلەن يېرۇسالېمدىن ئون بىر چاقىرىم يىراقلىقتىكى ئېمايۇس دېگەن يېزىغا باردى. 14ئۇلار يول بويى يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا سۆزلىشىپ كېتىۋاتاتتى. 15دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارغا يېقىنلاپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ماڭدى. 16ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كۆرگەن بولسىمۇ، قانداقتۇر ئۇنى تونۇشقا قۇربى يەتمىدى.

17_ نېمە توغرۇلۇق پاراڭلىشىپ كېتىۋاتىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن.

ئۇلار قايغۇلۇق ھالدا قەدىمىنى توختاتتى. 18ئۇلاردىن كلىيوپاس ئىسىملىك بىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ سەنزە، يېرۇسالېمدا تۇرۇپمۇ، يېقىندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن قىلچە خەۋىرىڭ يوقمۇ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

19_ نېمە ۋەقە ئىكەن؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

_ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ۋەقەسىچۇ! _ دېدى ئۇلار، _ ئۇ خۇدانىڭ ئالدىدىمۇ، خەلقنىڭ ئالدىدىمۇ سۆز-ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچى بار بىر پەيغەمبەر ئىدى. 20ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللىرىمىز ئۇنى ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدۇرۇپ، كرېستكە مىخلاتتى. 21بىز ئەسلىدە ئۇنى ئىسرائىللارغا ئازادلىق ئېلىپ كېلىدىغان كىشى دەپ، ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ كەلگەنىدۇق. بىراق، بۇنداق بولماي، ھازىر ئۇنىڭ ئالەمدىن ئۆتكىنىگە ئۈچ كۈن بولدى. 22لېكىن قىزىق يېرى شۇكى، بۈگۈن ئەتىگەندە ئارىمىزدىكى بىرنەچچە ئايال بىزنى ئالاقزادە قىلىپ، بىزگە مۇنداق بىر خەۋەرنى يەتكۈزدى: ئۇلار سەھەردە قەبرىگە بېرىپ قارىسا، 23ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى كۆرۈنمەپتۇ! پەرىشتىلەر ئۇلارغا كۆرۈنۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قايتا تىرىلگەنلىكىنى ئېيتىپتۇ. 24بۇنىڭ بىلەن، بىزدىن بىرنەچچەيلەن قەبرىگە بېرىپ، ئەھۋالنىڭ ئاياللارنىڭ ئېيتقىنىدەك ئىكەنلىكىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنىڭ دەرۋەقە يوق تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ كەلدى.

25ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ئەي نادانلار! پەيغەمبەرلەرنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىگە نېمانچە تەستە ئىشىنىسىلەر؟ 26قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ خۇدانىڭ شان-شەرىپىگە ئېرىشىشتىن بۇرۇن، مانا شۇ جەبىر-جاپالارنى بېشىدىن كەچۈرۈشى كېرەك ئەمەسمىدى؟

27ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.

28ئۇلار بارىدىغان يېزىسىغا يېقىنلاشقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سەپىرىنى يەنە داۋاملاشتۇرىدىغاندەك تۇراتتى. 29ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ:

_ كۈن ئولتۇردى. ھېلى قاراڭغۇ چۈشىدۇ. بىز بىلەن بىللە قونۇپ قېلىڭ، _ دەپ ئۆتۈندى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن قونماقچى بولۇپ ئۆيگە كىردى. 30ئۇلار تاماققا ئولتۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتتى، ئاندىن ناننى ئوشتۇپ ئۇلارغا سۇندى. 31شۇ چاغدا، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلغاندەك بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانى تونۇدى، لېكىن ئۇ ئۇشتۇمتۇت غايىب بولدى. 32ئۇلار بىر-بىرىگە:

_ ئۇ يولدا بىز بىلەن پاراڭلىشىپ، مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشەندۈرگەندە، قەلبىمىز گويا ئوتتەك يانمىدىمۇ؟! _ دېيىشتى.

3334ئۇلار دەرھال يولغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەلدى. ئۇ يەردە باشقا ئەلچىلەر ۋە شاگىرتلارنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ: «رەببىمىز راستتىن تىرىلىپتۇ. ئۇ سىمۇنغا كۆرۈنۈپتۇ!» دېيىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 35شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىككىيلەنمۇ يولدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋە ھەزرىتى ئەيسا ناننى ئوشتۇۋاتقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ئۇنى قانداق تونۇپ قالغانلىقىنى كۆپچىلىككە سۆزلەپ بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى

36شاگىرتلار بۇ ۋەقە ئۈستىدە سۆزلىشىۋاتقاندا، توساتتىن ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ:

_ سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، _ دېدى.

37ئۇلار بىرەر روھنى ئۇچراتتۇقمۇ نېمە دەپ، ئالاقزادە بولۇشۇپ كەتتى.

38ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ نېمىگە شۇنچە قورقۇشۇپ كەتتىڭلار؟ نېمىدىن گۇمانلىنىسىلەر؟ 39قولۇم بىلەن پۇتۇمغا قاراپ بېقىڭلار! بۇ مەن! تۇتۇپ باقساڭلار بىلىسىلەر، روھنىڭ گۆش-ئۇستىخىنى يوق. قاراڭلار، مېنىڭ بار، _ دېدى.

40ھەزرىتى ئەيسا شۇنداق دېگەچ پۇت-قولىنى كۆرسەتتى. 41ئۇلار يەنىلا ئىشەنمەي، بىر خۇش بولسا، بىر ھەيران بولۇشۇپ تۇراتتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

_ سىلەردە يەيدىغان نەرسە بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 42ئۇلار بىر پارچە بېلىق كاۋىپىنى سۇنۇۋىدى، 43ھەزرىتى ئەيسا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېدى.

44ئاندىن، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى مەن ئىلگىرى سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا ئېيتقانىدىم. مەن: «مۇسا خاتىرىلىگەن تەۋرات، باشقا پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى ۋە زەبۇردا بايان قىلىنغان ماڭا دائىر ئىشلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ» دېگەن ئەمەسمۇ؟

45شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ مۇقەددەس يازمىلارنى چۈشىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ زېھنىنى ئېچىپ، 46مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن مۇنداق خاتىرىلەنگەن: قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئازاب چېكىپ، ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۈچىنچى كۈنى ئۆلۈمدىن تىرىلىدۇ. 47«گۇناھلىرىغا توۋا قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئارقىلىق كەچۈرۈم قىلىنىدۇ» دېگەن خۇش خەۋەر يېرۇسالېمدىن باشلاپ پۈتۈن ئەللەرگە تارقىتىلىدۇ. 48سىلەر ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنىڭ گۇۋاھچىلىرى بولىسىلەر. 49ئاتام بېرىمەن، دەپ ۋەدە قىلغان مۇقەددەس روھنى سىلەرگە ئاتا قىلىمەن. بىراق، سىلەر ئەرشتىن كەلگەن مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە تولدۇرۇلغۇچە، يېرۇسالېمدا كۈتۈپ تۇرۇڭلار.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈشى

50ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى بەيتانىيا يېزىسىغىچە باشلاپ باردى ۋە قوللىرىنى كۆتۈرۈپ ئۇلارغا بەخت تىلىدى. 51ئۇ بەخت تىلەۋېتىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 52شاگىرتلار ھەزرىتى ئەيساغا ئىبادەت قىلىشتى ۋە ئىنتايىن خۇشال-خۇراملىق ئىچىدە يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىپ، 53ھەمىشە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ تۇردى.