« كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت »




1

1-2خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا چاقىرىلغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق قېرىندىشىمىز سوستېنىستىن كورىنت شەھىرىدىكى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام. ئەيسا مەسىھكە ئىبادەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى جايدىكى كىشىلەرگە ئوخشاش، سىلەرمۇ بىزنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ رەببى بولغان ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن پاك قىلىنىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بولۇشقا چاقىرىلدىڭلار. 3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

خۇدانىڭ كۆرسەتكەن ئىلتىپاتى

4سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ئاتا قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، مەن سىلەر ئۈچۈن دائىم خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 5چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، خۇدا سىلەرگە كۆپ ئىلتىپات كۆرسىتىپ، سىلەرنى ئۆزى ھەققىدە مول بىلىمگە ۋە بۇ بىلىمنى باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان سۆز قابىلىيىتىگە ئىگە قىلدى. 6بۇ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. 7سىلەر رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھېچقانداق ھەدىيىدىن كەم قالمىدىڭلار. 8سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە ئەيىبسىز بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، خۇدا ئېتىقادىڭلارنى تا ئاخىرغىچە مۇستەھكەملەيدۇ. 9سىلەرنى ئوغلى، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ بىلەن زىچ باغلىنىشقا چاقىرغان خۇدا چوقۇم شۇنداق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىشەنچلىكتۇر.

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى بۆلۈنۈش

10قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ نامى بىلەن ھەممىڭلارنى ئىتتىپاقلىشىشقا، بۆلۈنمەسلىككە، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بىرلىشىشكە ئۈندەيمەن. 11قېرىنداشلىرىم، كلوۋىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن ئاڭلىشىمچە، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلاردا تالاش-تارتىشلار بار ئىكەن. 12دېمەكچى بولغىنىم، ئاڭلىسام بەزىلىرىڭلار «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى»، بەزىلىرىڭلار بولسا «مەن پېترۇس تەرەپدارى»، يەنە بەزىلىرىڭلار «مەن ئەيسا مەسىھ تەرەپدارى» دەپ يۈرۈپسىلەر. 13ئەجەبا، ئەيسا مەسىھنى پارچىلاش مۇمكىنمۇ؟ سىلەر ئۈچۈن كرېستكە مىخلانغان ئادەم مەنمىدىم؟ سىلەر مېنىڭ نامىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنمىدىڭلار؟ 14مەن ئاراڭلاردىن كرىسپۇس بىلەن گايۇستىن باشقا ھېچقايسىڭلارنى چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم پاۋلۇسنىڭ نامى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلدۈم، دېيەلمەيدۇ. 16دۇرۇس، يەنە ئىستىپاناسنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ چۆمۈلدۈردۈم. بۇلاردىن باشقىلارنى چۆمۈلدۈرگەن-چۆمۈلدۈرمىگەنلىكىمنى ئەسلىيەلمەيمەن. 17ئەيسا مەسىھ مېنى كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈشكە ئەمەس، بەلكى خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى. مەن بۇ ۋەزىپىنى ئورۇنلاشتا ناتىقلىق قىلىپ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. ئەگەر مەن بۇنداق سۆزلەرنى ئىشلەتسەم، ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ كۈچ-قۇدرىتى يوقىلىپ كەتكەن بولاتتى.

قۇتقۇزۇلۇش ئىنساننىڭ دانالىقىدىن ئەمەس، خۇدانىڭ شەپقىتىدىن كېلىدۇ

18ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خۇش خەۋەر مەڭگۈلۈك ئۆلۈمگە يۈز تۇتقانلارغا نىسبەتەن بىر ئەخمىقانىلىكتۇر. لېكىن، قۇتقۇزۇلۇش يولىدا مېڭىۋاتقان بىزلەر ئۈچۈن، ئۇ خۇدانىڭ بىزنى قۇتقۇزىدىغان كۈچ-قۇدرىتىدۇر. 19مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

«ئۆزلىرىنى دانىشمەن سانايدىغانلارنىڭ دانالىقىنى يوققا چىقىرىمەن،

ئۆزلىرىنى ئەقىللىق چاغلايدىغانلارنىڭ ئەقلىنى بىكار قىلىمەن.»

20ئۇنداقتا، قېنى ئۇ، ئىنسان تەرىپىدىن دانا سانالغانلار؟ قېنى ئۇ، ئۆزىنى ئەقىللىق سانايدىغان ئۆلىمالار؟ قېنى ئۇ، بۇ زاماندىكى پەيلاسوپلار؟ خۇدا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەخمىقانىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ئەمەسمۇ؟ 21چۈنكى، خۇدا ئۆزىنىڭ دانالىقى بىلەن شۇنى بەلگىلىگەنكى، ئىنسانلار ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىپ، ھەرگىز خۇدانى تونۇيالمايدۇ. خۇدانىڭ ئىرادىسى بولسا «ئەخمىقانىلىك» دەپ قارالغان بۇ خۇش خەۋەر ئارقىلىقلا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنى قۇتقۇزۇشتۇر. 22يەھۇدىيلار بۇ خۇش خەۋەرنىڭ راستلىقىنىڭ مۆجىزىلەر ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. گرېكلار بولسا بۇ دۇنيادىكى دانالىقنى قوغلاشقاچقا، بۇ خۇش خەۋەر ئۇلارنى جەلپ قىلالمايدۇ. 23شۇنداقتىمۇ، بىز يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر يەنىلا ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ قۇربان بولۇشىدىن ئىبارەتتۇر. يەھۇدىيلار ئۇنى ھاقارەت دەپ قارىسا، گرېكلار ئۇنى ئەخمىقانىلىك دەپ قارايدۇ. 24ھالبۇكى، مەيلى يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەسلەر بولسۇن، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستكە مىخلىنىپ ئۆلۈشىنى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە دانالىقى، دەپ بىلىدۇ. 25چۈنكى، خۇدانىڭ بۇ دانالىقىنى ئىنسانلار نادانلىق دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «نادانلىق» ئۇلارنىڭ دانالىقىدىن ئۈستۈن، خۇدانىڭ بۇ كۈچ-قۇدرىتىنى ئىنسانلار ئاجىز دەپ ھېسابلىغان بولسىمۇ، بۇ «ئاجىزلىق» ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن كۈچلۈكتۇر.

26قېرىنداشلار، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى ئەھۋالىڭلارنى ئەسلەپ كۆرۈڭلار. كۆپچىلىكىڭلار بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە قارىغاندا، ئاقىللار، كۈچلۈكلەر ياكى ئاقسۆڭەكلەردىن ئەمەس ئىدىڭلار. 27لېكىن، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە ئاقىل سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئىنسانلارنىڭ ئىچىدىكى نادان ھېسابلانغانلارنى تاللىدى. بۇ دۇنيانىڭ ئۆلچىمى بويىچە كۈچلۈك سانالغانلارنى خىجالەتچىلىكتە قالدۇرۇش ئۈچۈن، خۇدا ئىنسانلار ئاجىز دەپ قارىغانلارنى تاللىدى. 28خۇدا، بۇ دۇنيادا مۇھىم دەپ قارالغان ئىشلارنىڭ ئۆزىنىڭ نەزىرىدە ھېچ نەرسە ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەھمىيەتسىز، قەدىرسىز دەپ قارالغان ۋە كۆزگە ئىلىنمايدىغان ئىشلارنى تاللىدى. 29بۇنىڭدىكى مەقسەت، خۇدانىڭ ئالدىدا ھېچقانداق ئادەمنىڭ «مەن تاللىنىشقا ئەرزىيمەن» دەپ ماختىنالماسلىقىدۇر. 30سىلەر خۇدانىڭ ئىرادىسى بويىچە ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولدۇڭلار. خۇدا ئۇنى بىزنىڭ دانالىقىمىزنىڭ مەنبەسى قىلدى. بىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا ئالدىدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندۇق. ئۇ بىزنى پاك قىلىپ، گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. 31شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس يازمىلاردا: «ماختىنىدىغانلار رەببىمىز بىلەن ماختانسۇن» دەپ يېزىلغان. 




2

ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقى ھەققىدىكى تەلىم

1قېرىنداشلار، مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، خۇدانىڭ سۆزلىرىنى سىلەرگە جاكارلىغىنىمدا، ناتىقلىق قىلغىنىم يوق، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلىغان سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتكىنىم يوق. 2چۈنكى، ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا پەقەت ئەيسا مەسىھ ۋە ئۇنىڭ كرېستكە مىخلانغانلىقىدىن باشقا بىرنەرسە دېمەسلىكنى قارار قىلغانىدىم. 3سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئاجىزلىقىمدىن بۇ ۋەزىپىنى قانداق ئورۇنلارمەن دەپ قورقۇپ، ھەتتا تىترەپ كەتكەنىدىم. 4مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈپ، تەلىم بەرگىنىمدە، ئىنسانلار دانا دەپ ھېسابلايدىغان، سىلەرنى قايىل قىلالايدىغان سۆزلەرنى ئىشلەتمىدىم. لېكىن، مۇقەددەس روھ ئۆزىنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى كۆرسىتىپ، مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنىڭ ھەقىقەتەن خۇدادىن كەلگەنلىكى ھەققىدە سىلەرگە ئىشەنچ بەردى. 5بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم، ئېتىقادىڭلار ئىنسانلارنىڭ دانالىقىغا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتىگە ئاساسلانسۇن دېگەندىن ئىبارەت ئىدى.

خۇدانىڭ دانالىقى

6ئەلۋەتتە، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار* بىزنىڭ يەتكۈزۈۋاتقانلىرىمىزدا دانالىقنىڭ بارلىقىنى تونۇپ يېتەلەيدۇ. بىراق، بۇ دانالىق دۇنيانىڭ دانالىقى ئەمەس، شۇنداقلا بۇ دۇنيانىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان ھوقۇقدارلىرىنىڭ دانالىقىمۇ ئەمەس؛ 7ئەكسىچە، خۇدانىڭ ئىنسانلارغا بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان دانالىقىدۇر. بۇ دانالىقنى خۇدا دۇنيانى يارىتىشتىن ئىلگىرى، بىزنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرەپكە ئېرىشىشىمىز ئۈچۈن ئالدىنئالا بەلگىلىگەن. 8بۇ دانالىقنى بۇ دۇنيانىڭ ھوقۇقدارلىرىدىن ھېچقايسىسى چۈشىنىپ يەتمىدى. چۈشىنىپ يەتكەن بولسىدى، ئۇلۇغلۇقنىڭ ئىگىسى بولغان رەببىمىزنى كرېستكە مىخلىمىغان بولاتتى. 9ھالبۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«خۇدانى سۆيگەنلەرگە خۇدانىڭ تەييارلىغانلىرى

دەل ھېچقانداق كۆز كۆرۈپ باقمىغان،

ھېچقانداق قۇلاق ئاڭلاپ باقمىغان،

ھېچقانداق ئادەم ئويلاپ باقمىغان نەرسىلەردۇر.»

10لېكىن، خۇدا بۇ سىرلارنى بىزگە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئاشكارىلىدى. چۈنكى، مۇقەددەس روھ ھەممە ئىشنى، ھەتتا خۇدانىڭ چوڭقۇر ئوي-پىكىرلىرىنىمۇ بىلىدۇ. 11بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنى شۇ ئادەمدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمىگىنىدەك، خۇدانىڭ قەلبىدىكى ئويلىرىنىمۇ خۇدانىڭ روھىدىن باشقا ھېچكىم بىلەلمەيدۇ. 12بىز بولساق بۇ دۇنيانىڭ ئاقىللىقىنى ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى قوبۇل قىلدۇق. شۇڭا، بىز خۇدانىڭ بىزگە سېخىيلىق بىلەن ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقىتىنى چۈشىنەلەيمىز.

13بۇ مېھىر-شەپقەت توغرىسىدا سۆزلىگىنىمىزدە، دۇنيادىكى دانالاردىن ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆگەنگەن سۆزلەرنى ئىشلىتىمىز. بىز بۇنداق سۆزلەر بىلەن خۇدادىن كەلگەن ھەقىقەتلەرنى چۈشەندۈرىمىز. 14لېكىن، قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان كىشىلەر خۇدانىڭ روھى ئاتا قىلغان بۇ ھەقىقەتلەرنى قوبۇل قىلالمايدۇ، شۇنداقلا بۇ ئىشلار ئۇلارغا بىمەنە تۇيۇلىدۇ. بۇنداق كىشىلەر بۇ ئىشلارنى چۈشىنەلمەيدۇ. چۈنكى، بۇ ئىشلارنى پەقەت خۇدانىڭ روھىنىڭ ياردىمى ئارقىلىقلا چۈشەنگىلى بولىدۇ. 15قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بار بولغان كىشى ھەممە ئىشقا باھا بېرەلەيدۇ. لېكىن، ئۇنىڭغا قەلبىدە خۇدانىڭ روھى بولمىغان ھېچقانداق كىشى باھا بېرەلمەيدۇ. 16مۇقەددەس يازمىلاردا مۇنداق يېزىلغان:

«پەرۋەردىگارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى كىم بىلەلىسۇن؟

ئۇنىڭغا كىم يول كۆرسىتەلىسۇن؟»

لېكىن، بىز بولساق خۇدانىڭ ئوي-پىكىرلىرىنى چۈشىنەلەيمىز. چۈنكى، بىزنىڭ ئوي-پىكرىمىز ئەيسا مەسىھنىڭكىگە ئوخشاشتۇر.



*6ياكى «ئېتىقادتا يېتىلگەنلەر».



 

3

خۇدا يولىدىكى خىزمەتداشلار

1قېرىنداشلار، مەن ئاراڭلاردا بولغان چېغىمدا، سىلەرگە مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىدە ياشاۋاتقانلارغا تەلىم بەرگەندەك تەلىم بېرەلمىدىم. ئەكسىچە، سىلەرگە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتقانلارغا ياكى ئېتىقاد جەھەتتە خۇددى بوۋاقلارغا ئوخشاش ئادەملەرگە سۆزلىگەندەك سۆزلەشكە مەجبۇر بولدۇم. 2مەن سىلەرگە بەرگەن تەلىم چوڭلارنىڭ ئوزۇقى ئەمەس، بەلكى ئۇ خۇددى بوۋاقلار ئىچىدىغان سۈتكە ئوخشايدۇ. بۇنداق قىلىشىمدىكى سەۋەب، سىلەر يىرىك يېمەكلىكنى يېيەلمەيتتىڭلار، ھازىرمۇ يېيەلمەيۋاتىسىلەر. 3چۈنكى، سىلەر تېخىچە گۇناھنىڭ ئىلكىدە ياشاۋاتىسىلەر. ئاراڭلاردىكى ھەسەتخورلۇق ۋە جېدەل-ماجىرالارنىڭ بولۇشى بۇنى ئىسپاتلىمامدۇ؟ بۇ يەنە سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولمىغان كىشىلەردەك ياشاۋاتقىنىڭلارنى كۆرسەتمەمدۇ؟ 4بىرىڭلار: «مەن پاۋلۇس تەرەپدارى»، يەنە بىرىڭلار: «مەن ئاپوللوس تەرەپدارى» دېسەڭلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان كىشىلەردىن نېمە پەرقىڭلار بولسۇن؟

5ئاپوللوس ياكى مەنكى پاۋلۇس سىلەرنىڭ بۆلۈنۈشۈڭلارغا سەۋەب بولغۇدەك مۇھىم كىشىلەردىن ئەمەسمىز. بىز پەقەت خۇدا يولىدا سىلەرنى رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلىشقا باشلايدىغان خىزمەتكارلارمىز. رەببىمىز ھەربىرىمىزگە بىردىن ۋەزىپە بەرگەن. 6مەن سىلەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئۇرۇقىنى تېرىدىم، ئاپوللوس سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق ئۇنى سۇغاردى، بىراق قەلبىڭلاردىكى ئۇرۇقنى ئۆستۈرگۈچى يەنىلا خۇدادۇر. 7دېمەك، مۇھىمى تېرىغۇچى ياكى سۇغارغۇچى ئەمەس، بەلكى ئۇنى ئۆستۈرگۈچى خۇدادۇر. چۈنكى، پەقەت خۇدالا سىلەرنى ئېتىقاد جەھەتتە پىشىپ يېتىلدۈرەلەيدۇ. 8تېرىغۇچى بىلەن سۇغارغۇچىنىڭ ئىشى ئۆزئارا ماسلاشقان بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مەقسىتى بىردۇر ۋە ھەر ئىككىسى قىلغان ئەجرىگە يارىشا خۇدانىڭ ئىنئامىغا ئېرىشىدۇ. 9بىز ئىككىمىز خۇدا ئۈچۈن ئىشلەيدىغان خىزمەتداشلار. سىلەر بولساڭلار گويا بىز ئىشلەۋاتقان، خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىزغا ئوخشايسىلەر.

شۇنداقلا، سىلەر يەنە بىز ئارقىلىق سېلىنىۋاتقان خۇدانىڭ ئىمارىتىگە ئوخشايسىلەر. 10مەن خۇدا ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-شەپقەت بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق بۇ ئىمارەتنىڭ ئۇلىنى خۇددى بىر ئۇستا قۇرۇلۇشچىدەك قويدۇم. باشقىلار سىلەرگە تەلىم بېرىش ئارقىلىق بۇ ئۇلنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سېلىۋاتىدۇ. بىراق، ھەركىم بۇ ئىمارەتنىڭ توغرا سېلىنىشىغا دىققەت قىلسۇن. 11چۈنكى، ھېچكىم قويۇلۇپ بولغان ئۇلدىن، يەنى ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەردىن باشقا ھېچقانداق ئۇل قويالمايدۇ. 12بىر كىشى توغرا تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ئالتۇن، كۈمۈش ياكى باشقا چىداملىق ۋە قىممەتلىك تاشلارنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. لېكىن، بىر كىشى نامۇۋاپىق تەلىم بەرسە، ئۇ خۇددى ئۇل ئۈستىگە ياغاچ، سامان ياكى قومۇشتىن ئىبارەت ئاسان كۆيۈپ كېتىدىغان نەرسىلەرنى قويغاندەك ئىش قىلغان بولىدۇ. 13قىيامەت كۈنى، ھەركىمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قانداقلىقى ئاشكارا بولىدۇ. ئۇ كۈنى، ھەممە ئادەمنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرىنىڭ قىممىتى ئوتتا سىنىلىدۇ. 14ئەگەر بىر كىشىنىڭ ئۇل ئۈستىگە قويغان ماتېرىياللىرى ئوتقا بەرداشلىق بېرەلىسە، ئۇ كىشى خۇدادىن ئىنئام ئالىدۇ. 15قويغان ماتېرىياللىرى كۆيۈپ كەتسە، ئۇ ئىنئامدىن مەھرۇم بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقى ئۈچۈن، قۇتقۇزۇلىدۇ. لېكىن، ئۇ خۇددى ئوت ئىچىدىن قۇتۇلۇپ چىققان ئادەمگە ئوخشايدۇ.

16ئەجەبا، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىڭلارنى ۋە خۇدانىڭ روھىنىڭ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 17ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى خاراب قىلسا، خۇدامۇ ئۇنى خاراب قىلىدۇ. چۈنكى، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى خۇداغا بېغىشلانغاندۇر. سىلەر ھەممىڭلار، يەنى خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى دەل خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى.

18سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن دانا چاغلاپ، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرەرسى خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە ئۆزىنى دانا دەپ ھېسابلىسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ دانالىقىدىن ۋاز كەچسۇن. بۇنداق بولغاندا، ئۇ گەرچە خۇدانى تونۇمايدىغانلارنىڭ نەزىرىدە «نادان» دەپ قارالسىمۇ، لېكىن خۇدانىڭ نەزىرىدە دانا ھېسابلىنىدۇ. 19چۈنكى، خۇدانى تونۇمايدىغانلار نېمىنى دانالىق دەپ ھېسابلىسا، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ خىل «دانالىق» ئەقىلسىزلىقتۇر. مۇقەددەس يازمىلاردا بۇنداق دانالار توغرىسىدا: «خۇدا ئۆزلىرىنى دانا دەپ سانايدىغانلارنى ئۆزلىرىنىڭ ھىيلە-مىكىرلىرى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ قاپقىنىغا دەسسىتىدۇ» دەپ يېزىلغان. 20مۇقەددەس يازمىلارنىڭ يەنە بىر يېرىدە: «خۇدا دانىشمەنلەرنىڭ ئوي-پىكرىنىڭ بىھۇدە خىيال ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ» دەپ يېزىلغان. 2122شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېچكىم: «مەن بۇ كىشى ياكى ئۇ كىشىنىڭ تەرەپدارى» دەپ ماختانمىسۇن. چۈنكى، مەيلى پاۋلۇس، ئاپوللوس ياكى پېترۇسلار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن، سىلەر ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان كىشىلەردۇر. ھەتتا بۇ دۇنيا، ھايات-ماماتلىق، ھازىر ياكى كەلگۈسى بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە مەنسۇپتۇر. 23سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە، ئەيسا مەسىھ بولسا خۇداغا مەنسۇپتۇر. 




4

ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىلىرى

1شۇنداق ئىكەن، سىلەر بىزنى پەقەت ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارلىرى، دەپ قارىشىڭلار كېرەك. خۇدا بىزگە ئۆزىنىڭ بۇرۇن ئاشكارىلىمىغان ھەقىقەتلىرىنى سىلەرگە چۈشەندۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. 2بىرەر ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغۇچىلاردىن تەلەپ قىلىنىدىغىنى ئىشەنچلىك بولۇشتۇر. 3سىلەر ئېيتىڭلارچۇ، مەن ئىشەنچلىك خىزمەتكارمۇ؟ كىشىلەر ماڭا قانداق باھا بەرسە بېرىۋەرسۇن. ئىشقىلىپ، ئۇلارنىڭ باھاسى ماڭا نىسبەتەن ئەرزىمەس بىر ئىشتۇر. ھەتتا ئۆزۈممۇ ئۆزۈمگە باھا بەرمەيمەن. 4مەن ئۆز خىزمىتىمدە خاتالىق يوق دەپ قارىساممۇ، لېكىن بۇ پىكرىم ئۆزۈمنى ئاقلىيالمايدۇ. خىزمىتىمنى باھالىغۇچى پەقەت رەببىمدۇر. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىز قايتىپ كەلمىگۈچە، باشقىلارنىڭ خىزمىتىگە باھا بەرمەڭلار. چۈنكى، ئۇ قايتىپ كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ قاراڭغۇلۇق ئىچىدە يوشۇرۇنغان بارلىق ئىشلىرىنى يورۇقلۇققا چىقىرىدۇ ۋە ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى مەقسەتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. ئۇ چاغدا، خۇدا ھەركىمنى ئۆزىگە تېگىشلىك ماختاشقا سازاۋەر قىلىدۇ.

6قېرىنداشلار، سىلەرنىڭ مەنپەئىتىڭلار ئۈچۈن بۇ ئىشلارغا ئۆزۈمنى ۋە ئاپوللوسنى مىسال قىلدىم. مېنىڭ مەقسىتىم، سىلەرنىڭ «مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغانلارغا خىلاپلىق قىلماڭلار» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ، بىرىمىزنى يەنە بىرىمىزدىن ئۈستۈن باھالاپ ماختانماسلىقىڭلار ئۈچۈندۇر. 7نېمىشقا سىلەر ئۆزۈڭلارنى باشقىلاردىن ئۈستۈن دەپ قارايسىلەر؟ ئەجەبا، سىلەردە بار بولغان بارلىق ئىلتىپاتلار خۇدا تەرىپىدىن بېرىلمىگەنمۇ؟ ئۇنداقتا، سىلەر نېمىشقا بۇ ئىلتىپاتلارغا خۇددى ئۆزۈڭلارغا تايىنىپ ئېرىشكەندەك ماختىنىسىلەر؟

8سىلەر ھازىر بىز موھتاج بولغان ھەممە ئىلتىپاتلارغا ئىگە بولدۇق، ئېتىقاد جەھەتتىكى بارلىق قابىلىيەتلەرگە ئېرىشتۇق، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر-دە!؟ سىلەر ئۆزۈڭلارچە كۆرەڭلەپ، بىزنى كۆزگە ئىلماي، ئۆزۈڭلارلا پادىشاھتەك بولۇۋاپسىلەر-دە!؟ مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ھۆكۈم سۈرۈشۈڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، راستتىنلا شۇنداق بولغان بولساڭلار، بىزمۇ سىلەر بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرگەن بولاتتۇق! 9لېكىن مېنىڭچە، خۇدا بىز ئەلچىلەرنى ئەڭ تۆۋەن ئورۇنغا قويدى. چۈنكى، بىز خۇددى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ، سازايى قىلىنغان مەھبۇسلاردەك، پۈتكۈل كائىنات، يەنى پەرىشتىلەر ۋە ئىنسانلار ئالدىدا تاماشىغا قالدۇق. 10بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، كۆپچىلىك تەرىپىدىن نادانلار دەپ قارالدۇق، لېكىن سىلەر بولساڭلار ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۆزۈڭلارنى «ئەقىللىق» دەپ قاراۋاتىسىلەر. بىز ئاجىز دەپ قارالدۇق. لېكىن، سىلەر بولساڭلار ئۆزۈڭلارنى ئېتىقادىمىز «كۈچلۈك» دەپ ھېسابلاۋاتىسىلەر. سىلەر ھۆرمەتكە سازاۋەر بولدۇڭلار، لېكىن بىز بولساق كەمسىتىلدۇق! 11بىز تا ھازىرغىچە پات-پاتلا ئاچ-يالىڭاچ، ئۇرۇپ-سوقۇلۇش، سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا يۈرۈۋاتىمىز. 12ئىككى بىلىكىمىزگە تايىنىپ، ئىشلەپ جان بېقىۋاتىمىز. بىزگە تىل-ئاھانەت قىلغانلارغا بەخت تىلەۋاتىمىز، زىيانكەشلىككە ئۇچرىساق، بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. 13تۆھمەت قىلىنساق، مېھرىبانلارچە جاۋاپ قايتۇرۇۋاتىمىز. بىز تا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ئەخلىتى، ئىنسانلارنىڭ سۈپۈرۈندىسى، دەپ قارىلىۋاتىمىز.

14بۇ سۆزلەرنى يېزىشتىكى مەقسىتىم، سىلەرنى خىجىل قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنى سۆيۈملۈك پەرزەنتلىرىم دەپ قاراپ، سىلەرگە تەلىم بېرىشتۇر. 15ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىڭلاردا سىلەرگە تەلىم بەرگۈچىلەر كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ئاتاڭلار پەقەت مەن بىرلا. چۈنكى، سىلەر مەن يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغاندا، مەن سىلەرنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى ئاتاڭلار بولدۇم. 16شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ مېنى ئۈلگە قىلىشىڭلارنى ئۆتۈنىمەن. 17ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك ۋە ئىشەنچلىك بولغان تىموتىينى مۇشۇنداق قىلىشىڭلارغا ياردەم بەرسۇن دەپ، يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ سىلەرگە مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان يېڭى ھاياتىمنى قانداق ئۆتكۈزگەنلىكىمنى ئەسلىتىدۇ. بۇ دەل مېنىڭ ھەرقايسى جايلاردىكى جامائەتچىلىككە ئۆگەتكەنلىرىم بىلەن بىردەك.

18ئاراڭلاردا بەزىلەر مېنى يېنىمىزغا كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ، تەكەببۇرلۇق قىلىۋاتىدۇ. 19لېكىن، خۇدا بۇيرۇسا، يېقىندا چوقۇم يېنىڭلارغا بارىمەن. ئۇ چاغدا، بۇ ھاكاۋۇرلارنىڭ نېمىنى سۆزلەيدىغانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ئۇلاردا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنىڭ زادى بار ياكى يوقلۇقىنى كۆرۈپ باقىمەن. 20چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سۆز ئارقىلىقلا ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئارقىلىق ئايان بولىدۇ. 21سىلەرگە تاياق ئېلىپ بارايمۇ ياكى مېھىر-مۇھەببەت ۋە مۇلايىملىقمۇ؟ قايسىسىنى خالايسىلەر؟ 




5

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىكى ئەخلاق مەسىلىسى

1مەن ھەقىقەتەن ئاراڭلاردا جىنسىي ئەخلاقسىزلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدىم. بۇ خىل ئەخلاقسىزلىق ھەتتا بۇتپەرەسلەرنىڭ ئىچىدىمۇ ئۇچرىمايدۇ. بىرى ئۆگەي ئانىسى بىلەن داۋاملىق بىر ئورۇندا يېتىپتۇ! 2شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئېتىقادىمىز كامالەتكە يەتتى، دەپ ماختىنىپ يۈرىسىلەر. سىلەر بۇ ئىشقا قاتتىق قايغۇرۇپ، بۇنداق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىشىڭلار كېرەك ئەمەسمۇ؟ 3مەن سىلەردىن يىراقتا بولساممۇ، قەلبىم سىلەر بىلەن بىللە. خۇددى مەن ئاراڭلاردا تۇرغاندەك، بۇ گۇناھنى سادىر قىلغۇچىنى رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن كۆڭلۈمدە سوراققا تارتتىم. 4شۇڭا، سىلەر ھەممە ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ نامى بىلەن بىر يەرگە جەم بولغاندا، مېنىمۇ سىلەر بىلەن بىللە دەپ قاراپ، رەببىمىز ئەيسانىڭ كۈچ-قۇدرىتى بىلەن 5ئۇ ئادەمنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىپ، شەيتاننىڭ ئىلكىگە قايتۇرۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ يامان يولدىن يېنىپ، گۇناھكار تەبىئىتىنىڭ كۈچىدىن قۇتۇلۇپ، رەببىمىز ئەيسا قايتا كەلگەن كۈنى قۇتقۇزۇلسۇن. 6سىلەرنىڭ ماختىنىشىڭلار توغرا ئەمەس. «كىچىككىنە خېمىرتۇرۇچ پۈتۈن خېمىرنى بولدۇرالايدۇ» دېگەن سۆزنى ياخشى بىلىسىلەرغۇ؟ 7شۇڭا، جامائەتچىلىكنىڭ پاك بولۇشى ئۈچۈن، بۇنداق گۇناھكارنى ئاراڭلاردىن چىقىرىۋېتىڭلار. سىلەر ئاللىبۇرۇن پاكلانغانسىلەر. چۈنكى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق قوزىسى بولغان ئەيسا مەسىھ بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان. 8شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇددى يەھۇدىيلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى ئۆيلىرىنى خېمىرتۇرۇچتىن خالىي قىلغاندەك، بىزمۇ بۇرۇنقى ھاياتىمىزدىكى خېمىرتۇرۇچنى، يەنى يامانلىق ۋە ئۆچمەنلىكنى تاشلاپ، ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزنى سەمىمىيلىك ۋە ھەقىقەت ئىچىدە شاد-خۇراملىقتا ئۆتكۈزەيلى.

9ئالدىنقى خېتىمدە سىلەرگە شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىز ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىق توغرىسىدا يازغانىدىم. 10شۈبھىسىزكى، مەن ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئارىسىدىكى شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلگەن ئەخلاقسىزلار، ئاچكۆزلۈكلەر، ئالدامچىلار ياكى بۇتپەرەسلەر بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەگەر شۇنداق دېگەن بولسام، بۇ دۇنيادىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولاتتىڭلار. 11لېكىن، ھازىر مەن ئۆزىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە شەھۋانىي، ئاچكۆز، بۇتپەرەس، تۆھمەتخور، ھاراقكەش ياكى ئالدامچى كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلماسلىقىڭلارنى، ھەتتا ئۇلار بىلەن ھەمداستىخانمۇ بولماسلىقىڭلارنى يازدىم. 1213چۈنكى، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزاسى ئەمەسلەرنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ نېمە ھوقۇقىمىز بار؟ ئۇلارنى خۇدا ئۆزى سوراق قىلىدۇ. لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئەزالىرىنى سوراق قىلىشقا بىزنىڭ ھوقۇقىمىز بار. شۇڭا، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يامانلىق قىلغۇچىنى ئاراڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىڭلار.» 




6

ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى دەۋالار

1ئاراڭلاردا بىر ئېتىقادچىنىڭ يەنە بىر ئېتىقادچى ئۈستىدىن دەۋالىرى بولسا، ئۇنى ئېتىقادچىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرماي، خۇدانى تونۇمايدىغان سوراقچىغا ئەرز قىلىپ بارغىنى قانداق بولغىنى؟ 2ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بۇ دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلارنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر دۇنيانى سوراق قىلىدىغانلاردىن ئىكەنسىلەر، ئۇنداقتا بۇنداق كىچىككىنە دەۋالارنى بىر تەرەپ قىلىشقا يارىمامسىلەر؟ 3كەلگۈسىدە پەرىشتىلەرنى سوراق قىلىدىغانلىقىڭلارنى بىلمەمسىلەر؟! شۇنداق ئىكەن، ھازىرقى تۇرمۇشۇڭلاردا ئېتىقادچىلار ئارىسىدىكى كىچىك دەۋالارنى ھەل قىلىشنى چوقۇم بىلىشىڭلار كېرەك. 4شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئاراڭلاردا دەۋالار كۆرۈلگىنىدە، نېمىشقا ئۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئەيسا مەسىھنى تونۇمايدىغان، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى بىلەن ئوخشىمايدىغان كۆزقاراشتا بولغان سوراقچىلارغا بارىسىلەر؟ 5بۇ نېمىدېگەن شەرمەندە ئىش-ھە! ئېتىقادچىلار ئارىسىدا بۇ دەۋالارنى ھەل قىلغۇدەك پاراسەتلىك بىرەر كىشى يوقمۇ؟ 6يەنە كېلىپ، سىلەر قېرىنداشلار بىر-بىرىڭلار بىلەن دەۋالىشىۋاتىسىلەر، يەنە كېلىپ ئېتىقادسىزلار ئالدىدا دەۋالىشىۋاتىسىلەر!

7ئەمەلىيەتتە، بىر-بىرىڭلار ئۈستىدىن دەۋالىشىش سىلەر ئۈچۈن چوڭ مەغلۇبىيەتتۇر. ئۇنداق قىلىشتىن كۆرە، ئۆزئارا بەزىبىر ناھەقلىقكە ئۇچرىساڭلار ياكى ئاز-تولا ئالدانساڭلار نېمە بوپتۇ؟ 8بىراق سىلەر ناھەقلىقكە ئۇچرىماي، ئەكسىچە ئۆزۈڭلار ناھەقلىق قىلىۋاتىسىلەر ۋە باشقىلارنى ئالداۋاتىسىلەر، ھەتتا قېرىنداشلىرىڭلارغىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! 9يامانلىق قىلغۇچىلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار! بارلىق جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچىلار، بۇتپەرەسلەر، زىناخورلار، ھەزىلەكلەر، ئەر بىلەن ئەر ياكى ئايال بىلەن ئايال ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغۇچىلار، 10ئوغرىلار، ئاچكۆزلەر، ھاراقكەشلەر، تۆھمەتخورلار ۋە ئالدامچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. 11بەزىلىرىڭلار بۇرۇن مانا شۇنداقلاردىن ئىدىڭلار. لېكىن، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە خۇدانىڭ روھى ئارقىلىق گۇناھىڭلار يۇيۇلۇپ، خۇداغا ئاتالدىڭلار ۋە خۇدا تەرىپىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلاندىڭلار.

تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار

12بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېيىلسىمۇ، لېكىن ھېچ نەرسىگە قۇل بولماسلىقىمىز كېرەك. 13«تاماق قورساق ئۈچۈن، قورساق تاماق ئۈچۈن» دېگەنلىك توغرا. لېكىن بەزىلەر خۇددى شۇنىڭدەك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقمۇ تەن ئۈچۈندۇر، دەپ قارايدۇ. بۇنداق قاراش توغرا ئەمەس. قورساق ۋە تاماق پەقەت بۇ دۇنيادىلا بولۇپ، خۇدا ھەر ئىككىلىسىنى يوقىتىدۇ. تېنىمىز بولسا ئۇ دۇنيادىمۇ بولىدۇ. بىلىشىڭلار كېرەككى، تېنىمىز ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈندۇر. رەببىمىز بولسا تېنىمىزنىڭ ئېھتىياجىنى تەمىنلەيدۇ. 14خۇدا ئۆز قۇدرىتى بىلەن رەببىمىزنى تىرىلدۈرگىنىدەك، بىزنىمۇ تىرىلدۈرىدۇ. 15بىزنىڭ تېنىمىزنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ ئۇنداقتا، ئاراڭلاردا بىرى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ ئەزاسى بولغان ئۆز تېنىنى، بىر پاھىشە ئايالنىڭ تېنى بىلەن بىرلەشتۈرسە بولامدۇ؟ ھەرگىز بولمايدۇ! 16پاھىشە ئايال بىلەن بىرگە بولغان كىشىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىر تەن بولىدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئەر-ئايال توغرۇلۇق: «ئىككىسى بىر تەن بولىدۇ» دېيىلگەن. 17ۋەھالەنكى، رەببىمىز بىلەن بىرلەشكەن كىشى بولسا ئۇنىڭ بىلەن روھىي جەھەتتە بىر بولىدۇ.

18شۇنىڭ ئۈچۈن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن يىراق بولۇڭلار. ئىنسانلار سادىر قىلغان باشقا گۇناھلارنىڭ ھەممىسى تەننىڭ سىرتىدا بولىدۇ. لېكىن، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلغۇچى ئۆز تېنىگە قارشى گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 19تېنىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسىلەر؟ خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ قەلبىڭلاردا ياشايدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا مەنسۇپسىلەر. 20چۈنكى، ئۇ سىلەرنى ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن ئۆزىگە مەنسۇپ قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، تېنىڭلارنى خۇدانى ئۇلۇغلاشقا ئاتاڭلار. 




7

نىكاھ مەسىلىسى

1ئەمدى سىلەر خېتىڭلاردا ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرگە كېلەيلى. سىلەر «ئەرلەرنىڭ ئۆز ئاياللىرىغا يېقىنلاشماسلىقى ياخشىمۇ؟» دەپ سوراپسىلەر. 2مېنىڭ جاۋابىم شۇكى، ئاراڭلاردا يۈز بەرگەن جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ھەربىر جۈپ ئەر-ئايال ئۆز ھەمراھلىرى بىلەن بىر ئورۇندا ياتسۇن. 3ئەر ئايالىغا نىسبەتەن ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى، ئايالمۇ ئېرىگە نىسبەتەن ئاياللىق مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك. 4ئايالنىڭ تېنى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، ئېرىگىمۇ تەئەللۇقتۇر. شۇنىڭغا ئوخشاشلا، ئەرنىڭ تېنىمۇ ئۆزىگىلا ئەمەس، ئايالىغىمۇ تەئەللۇقتۇر. 5ئەر-ئايال بىر-بىرىنىڭ جىنسىي تەلىپىنى رەت قىلماسلىقى كېرەك. پەقەت پۈتۈن زېھنىڭلار بىلەن دۇئا قىلىش مەقسىتىدە ئۆز ماقۇللۇقۇڭلار بىلەن ۋاقىتلىق بىرگە ياتماسلىققا كېلىشكەندىن باشقا ۋاقىتلاردا بىر-بىرىڭلاردىن ئايرىلىپ ياتماڭلار. بولمىسا، شەيتان سىلەرنىڭ ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىغانلىقىڭلاردىن پايدىلىنىپ، سىلەرنى زىناخورلۇق قىلىشقا ئازدۇرۇپ كېتىشى مۇمكىن. 6ۋاقىتلىق ئايرىلىپ تۇرۇش توغرىسىدىكى بۇ سۆزلىرىم پەقەتلا بىر تەكلىپ، بۇيرۇق ئەمەس. 7ئەلۋەتتە، ھەممىڭلارنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماسلىقىڭلارنى خالايتتىم. لېكىن، بۇ ئىشتا ھەممە ئادەم ئوخشاش ئەمەس. چۈنكى، خۇدا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بەزىلەرگە توي قىلىشنى، بەزىلەرگە بولسا توي قىلماي ئۆتۈشنى بەرگەن.

8ئەمدى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلارنى ياخشى دەيمەن. 9لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر.

10نىكاھلىق بولغان ئېتىقادچىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا شۇنى بۇيرۇيمەنكى، ئايال ئېرىدىن ئاجراشمىسۇن. بۇ مېنىڭلا ئەمەس، بەلكى رەببىمىزنىڭمۇ بۇيرۇقىدۇر. 11ئاجراشقان بولسا، قايتا توي قىلمىسۇن ياكى ئۆز ئېرى بىلەن قايتىدىن يارىشىۋالسۇن. ئەرمۇ ئايالىنى قويۇۋەتمىسۇن.

12قالغانلىرىڭلارغا كەلسەم، گەرچە بۇ توغرۇلۇق رەببىمىزدىن ھېچقانداق بۇيرۇق ئالمىغان بولساممۇ، لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئايالى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئېرى ئۇنى قويۇۋەتمىسۇن. 13ئەگەر توي قىلغاندىن كېيىن ئايال ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، ئېرى ئېتىقاد قىلمىغان بولسا بىراق داۋاملىق بىرگە ياشاشقا رازى بولسا، ئۇ چاغدا ئايالى ئۇنىڭدىن ئاجراشمىسۇن. 14چۈنكى، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان ھەمراھى ئۇنىڭ ئېتىقادچى ئېرى ياكى ئايالى ئارقىلىق خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ نىكاھى خۇدانىڭ نەزىرىدە يەنىلا پاك بولىدۇ.* ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ناپاك بولاتتى، ئەمەلىيەتتە پاكتۇر. 15بىراق، ئېتىقاد قىلمىغان تەرەپ ئايرىلىمەن دېسە، ئايرىلسۇن. ئېتىقادچى ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن، بۇنداق ئەھۋالدا ئۆز نىكاھىنى زورلاپ داۋاملاشتۇرۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. ۋەھالەنكى، خۇدا سىلەرنى ھەمراھىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ياشاشقا چاقىرغان. 16ئەي ئېتىقادچى ئايال، بەلكىم ئېرىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن. ئەي ئېتىقادچى ئەر، بەلكىم ئايالىڭ سەن ئارقىلىق ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، قۇتقۇزۇلۇشى مۇمكىن.

ئېتىقاد يولىغا چاقىرىلغان ۋاقىتتىكى سالاھىيەت مەسىلىسى

17ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا رەببىمىز ئەيسا ئۇنىڭغا ئاتا قىلغان سالاھىيەت بويىچە ياشاۋەرسۇن. بۇنى ھەممە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە بۇيرۇيمەن. 18مەسىلەن، بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلىشتىن بۇرۇن يەھۇدىي دىنىغا كىرىش ئۈچۈن خەتنە قىلىنغان بولسا، ئۇ بۇنى يوشۇرمىسۇن. بىر كىشى خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا خەتنە قىلىنمىغان بولسا، شۇنداق تۇرۇۋەرسۇن. 19ئېتىقاد قىلغۇچىنىڭ خەتنە قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مۇھىم ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىشىدۇر. 20ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قانداق سالاھىيەتتە بولغان بولسا، شۇ سالاھىيەتنى ساقلىسۇن. 21ئەگەر سەن خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قۇل بولغان بولساڭ، ئۆزۈڭنىڭ قۇل بولغانلىقىڭدىن قايغۇرما. لېكىن، ھۆر بولالىساڭ، پۇرسەتنى قولدىن بەرمە. 22خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى قۇل بولسا، ئۇ رەببىمىز ئەيساغا مەنسۇپ بولغانلىقىدىن روھىي جەھەتتە ئازاد قىلىنغان ئەركىن ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇنىڭدەك، خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغان كىشى ئەركىن ئادەم بولسا، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئىتائەت قىلغانلىقىدىن ئۇنىڭ قۇلىغا ئايلىنىدۇ. 23خۇدا ئەيسا مەسىھنىڭ قىممەتلىك قېنى بىلەن سىلەرنى گۇناھنىڭ ئىلكىدىن ھۆرلۈككە چىقاردى. شۇڭا، ئەمدى سىلەر خۇداغا ئىتائەت قىلىڭلار، ئىنسانلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىگە قۇل بولماڭلار. 24قېرىنداشلار، ھەركىم خۇدا تەرىپىدىن چاقىرىلغاندا قانداق سالاھىيەتتە بولغان بولسا، خۇداغا باغلانغان يېڭى ھاياتىدا شۇ بويىچە ياشىسۇن.

نىكاھلىشىش ۋە نىكاھلاشماسلىق مەسىلىسى

25خېتىڭلاردىكى بويىغا يەتكەن قىزلار مەسىلىسىگە كەلسەك، رەببىمىزدىن ئۇلار توغرىسىدا بىرەر ئەمر ئالمىدىم. شۇنداقتىمۇ، ئۆز پىكىرلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمەن. رەببىمىز ماڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ سۆزلىرىم ئىشەنچلىكتۇر. 26مەن شۇنداق قارايمەنكى، بۈگۈنكى قىيىنچىلىقلارغا نەزەر سالغاندا، ھەركىم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان چاغدىكى سالاھىيىتىدە قالغىنى ياخشى. 27ئۆيلەنگەن بولساڭ، ئايالىڭنى قويۇۋېتىشنى ئويلىما. ئۆيلەنمىگەن بولساڭ، ئۆيلىنىمەن دېمە. 28لېكىن، ئۆيلەنسەڭمۇ گۇناھ قىلغان بولمايسەن. بويىغا يەتكەن قىزلارمۇ ئەرگە تەگسە، گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. بىراق، نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلارنى خالايمەن.

29قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، خۇداغا خىزمەت قىلىدىغان ۋاقتىمىز قىستۇر. بۇندىن كېيىن، خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ئۆيلەنگەن ئەرلەر ئۆيلەنمىگەندەك، پۈتۈن نىيىتى بىلەن خۇداغا خىزمەت قىلسۇن. 30ماتەم تۇتۇش، خۇشال بولۇش ياكى باي بولۇش خۇداغا خىزمەت قىلىشتا ھەرگىز توسالغۇ بولمىسۇن. 31بۇ دۇنيا بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلارمۇ بايلىققا بېرىلىپ كەتمىسۇن. چۈنكى، بۇ دۇنيا ئۆتكۈنچىدۇر.

32غەمسىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيلەنمىگەن ئەر رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 33لېكىن، ئۆيلەنگەن ئەر ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 34شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەرسىز ئايال ياكى نىكاھلىق بولمىغان قىز بولسا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش مەقسىتىدە رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن، نىكاھلانغان ئايال بولسا ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ.

35بۇنى سىلەرنىڭ پۇت-قولۇڭلارنى چۈشەپ قويۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلەرگە پايدىسى بولسۇن ۋە كۆڭلىنى ئىككىگە بۆلمەي، ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە ئاتاپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشىسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن. 36ئەگەر بىر كىشى ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئارتۇقچە ساقلىتىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلمىغان بولسا ۋە شۇ سەۋەبتىن بۇ قىزغا يۈز كېلەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلسا، ئۇنداقتا تېگىشلىك دەپ قارىغان ئىشنى قىلسۇن، يەنى ئۇنى ئەمرىگە ئالسۇن. بۇنداق قىلىش گۇناھ قىلغانلىق بولمايدۇ. 37بىراق، بىر كىشى بېسىم ئاستىدا ئەمەس، ئۆز ئىرادىسى بىلەن ۋەدىلەشكەن قىزىنى ئەمرىگە ئالماسلىققا قارار قىلغان بولسا ھەمدە شەھۋىتىنى بېسىۋالالايدىغان بولسا، ياخشى قىلغان بولىدۇ. 38قىسقىسى، توي قىلىش ياخشى، توي قىلماسلىق تېخىمۇ ياخشى.

39ئېرى ھايات چاغدا ئايالى ئېرىگە نىكاھتا باغلانغان بولىدۇ. لېكىن ئېرى ئۆلۈپ كەتسە، خالىغان كىشى بىلەن نىكاھلىنىشقا ئەركىندۇر. لېكىن، ئۇ كىشى ئېتىقادچى بولۇشى كېرەك. 40بىراق، تۇل ئايال تۇل پېتى تۇرسا، تېخىمۇ بەختلىك بولىدۇ. بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم. لېكىن مەن ئويلايمەنكى، بۇ كۆزقارىشىمغا خۇدانىڭ روھى يېتەكچىلىك قىلدى.



*14بەزىلەر «بىر ئېتىقادچى ئەر ياكى ئايالنىڭ ھەمراھى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بولسا، ئۇلارنىڭ نىكاھى بۇلغانغان بولىدۇ، شۇڭا ئۇلار ئاجرىشىشى كېرەك» دەپ قارايتتى. بۇنداق كۆزقاراش خاتا.



 

8

قېرىندىشى ئۈچۈن ئۆز خاھىشىدىن ۋاز كېچىش

1ئەمدى خېتىڭلاردىكى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى* يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىسىگە كېلەيلى. سىلەر ھەممىمىزنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن بىلىمىمىز بار، دەپ قارايسىلەر. بىراق، بىلىمى كۆپ بولغان ئادەم تەكەببۇرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن. لېكىن، مېھىر-مۇھەببىتى كۆپ بولغان ئادەم بولسا قېرىندىشىنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشكە پۇرسەت ئىزدەيدۇ. 2ئۆزىنى بىلەرمەن چاغلايدىغان كىشى ئەمەلىيەتتە بىلىشكە تېگىشلىك نەرسىلەرنى بىلمەيدۇ. 3لېكىن، خۇدانى سۆيگەن كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقەتەن بىلىمگە ئىگە ئادەم بولىدۇ.

4خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. 5گەرچە بەزىلەر دۇنيادا نۇرغۇن ئىلاھلار بار، ئۇلار زېمىن ۋە ئاسماندا ياشايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇداسى ۋە رەببى دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، 6بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق. 7لېكىن، ھەممە ئېتىقادچىلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىدى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئېتىقادچى بولۇشتىن بۇرۇن بۇتپەرەسلىك ئادەتلىرىگە كۆنۈپ قالغاچقا، ھازىرمۇ بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشنى بۇتقا چوقۇنۇش بىلەن باراۋەر دەپ قارايدۇ. شۇڭا، ئۇلار بۇ گۆشنى يېيىشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ. ئەگەر ئۇلار بۇ گۆشنى يەپ قالغان بولسا، ئۆزلىرىنى بۇلغاندۇق دەپ ھېس قىلىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. 8ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك بىلەن ئۆزىمىزنى خۇداغا يېقىنلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇنى يېسەك، خۇداغا يېقىنلىشىپ قالمايمىز، يېمىسەكمۇ خۇدادىن يىراقلىشىپ كەتمەيمىز. 9لېكىن ئېھتىيات قىلىڭلاركى، سىلەرنىڭ مەلۇم يېمەكلىكنى يېيىش-يېمەسلىك ئەركىنلىكىڭلار بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ گۇناھ قىلىشىغا سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن. 10چۈنكى، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بىر ئېتىقادچى بۇتنىڭ خۇدا ئەمەسلىكىنى بىلىدىغان سىلەرنىڭ بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان زىياپەتتە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەۋاتقانلىقىڭلارنى كۆرسە، سىلەرگە ئەگىشىپ، ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا ئۇ گۆشنى يېيىشى مۇمكىن. ئۇنداقتا، سىلەر ئۇنىڭ ئۆز ۋىجدانىغا قارشى ھالدا گۇناھ قىلىشىغا دەۋەت قىلغان بولۇپ قالمامسىلەر؟ 11ئاقىۋەتتە، بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن بۇ قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى سىلەرنىڭ بىلىمىڭلار تۈپەيلىدىن ۋەيران بولۇشى مۇمكىن. ھالبۇكى، ئەيسا مەسىھ ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇربان بولغان. 12سىلەر قېرىنداشلارنى ئۆزلىرى خاتا، دەپ قارىغان ئىشلارنى قىلىشقا دەۋەت قىلساڭلار، قېرىنداشلار ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۇلارنىڭ ۋىجدانىنى جاراھەتلەپلا قالماستىن، ئەيسا مەسىھ ئالدىدىمۇ گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. 13شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەگەر يېگەن گۆشىمىز تۈپەيلىدىن بۇنداق بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەن قېرىندىشىمىزنىڭ ئېتىقادى بۇزۇلغۇدەك بولسا، بىز بۇ گۆشنى قەتئىي يېمەيلا قويايلى.



*1كورىنتلىقلار بۇتپەرەس بولۇپ، ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇش ئۈچۈن، بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يەيتتى. كورىنتلىقلارنىڭ توي ۋە باشقا مۇراسىملىرىمۇ بۇتخانىلاردا ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشلەر داستىخانغا قويۇلاتتى. ئۇ چاغدا، بۇنداق گۆشنى يېيىش-يېمەسلىك ياكى بۇتخانىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىملارغا قاتنىشىش-قاتناشماسلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن چوڭ بىر مەسىلە بولغانىدى.



 

9

پاۋلۇسنىڭ ئۆزىنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى

1مەن باشقىلارنىڭ مېنىڭ ئۈستۈمدىن ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېيىشىدىن ئەركىن ئەمەسمۇ؟ مەن خۇدانىڭ ئەلچىسى ئەمەسمۇ؟ مەن رەببىمىز ئەيسانى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن ئەمەسمۇ؟ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار مېنىڭ رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىمنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ؟ 2گەرچە باشقىلار مېنى ئەلچى دەپ ھېسابلىمىسىمۇ، لېكىن مەن سىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى. چۈنكى، سىلەرنىڭ مەندىن خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ، رەببىمىزگە ئېتىقاد قىلغىنىڭلار مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمنىڭ ئىسپاتى.

3مېنىڭ ئەلچى ئىكەنلىكىمدىن گۇمانلىنىدىغانلارغا بېرىدىغان جاۋابىم مۇنداق: 4بىز ئەلچى بولغانىكەنمىز، ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن يېمەك-ئىچمەك بىلەن تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز يوقمۇ؟ 5رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟ 6ئەجەبا، پەقەت بارنابا بىلەن مەنلا ئېتىقادچىلار تەرىپىدىن تەمىنلەنمەي، ئۆز ئەمگىكىمىز بىلەن كۈن كەچۈرۈشىمىز كېرەكمۇ؟ 7كىم ئۆز پۇلى بىلەن لەشكەرلىك قىلىدۇ؟ كىم كۆچەت تىكىپ، ئۇنىڭ مېۋىسىنى يېمەيدۇ؟ كىم مال بېقىپ، ئۇنىڭ سۈتىنى ئىچمەيدۇ؟ 8مەن بۇلارنى پەقەت ئىنساننىڭ كۆزقارىشى بويىچە دېدىممۇ؟ ياق، بۇ ھەقتە تەۋرات قانۇنىدىمۇ ئوخشاش دېيىلگەنغۇ! 910مۇسا پەيغەمبەرگە چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا: «خامان تەپكەن ئۆكۈزنىڭ ئاغزىنى بوغما» دەپ يېزىلغان. بۇ يەردە خۇدانىڭ كۆڭۈل بۆلگىنى پەقەت ئۆكۈزلەرمۇ ياكى بۇنى مەخسۇس بىز ئۈچۈن ئېيتقانمۇ؟ بۇ شۈبھىسىز بىز ئۈچۈنمۇ يېزىلغاندۇر. چۈنكى، يەرگە ئۇرۇق تېرىغۇچىمۇ، خامان تەپكۈچىمۇ ئۆزىگە تېگىشلىك ئۈلۈشىنى ئېلىش ئۈمىدى بىلەن ئىشلەيدۇ. 11شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئارقىلىق روھىي ئۇرۇق چېچىپ، سىلەردىن ماددىي جەھەتتە ھوسۇل ئېلىش ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك بولامدۇ؟ 12باشقا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ سىلەردىن تەمىنلىنىش ھوقۇقى بولغان يەردە، بىزنىڭ تەمىنلىنىش ھوقۇقىمىز تېخىمۇ بولمامدۇ؟

لېكىن، بىز بۇ ھوقۇقىمىزدىن پايدىلانمىدۇق. ئەكسىچە، ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ تارقىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشقا بەرداشلىق بېرىۋاتىمىز. 13يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغانلارنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كەلگەنلىرى بىلەن تەمىنلىنىدىغانلىقىنى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدا ۋەزىپىدە بولغانلارنىڭمۇ قىلىنغان قۇربانلىقلاردىن ئۈلۈشى بارلىقىنى بىلمەمسىلەر؟ 14شۇنىڭغا ئوخشاش، رەببىمىز خۇش خەۋەرنى تارقىتىدىغانلارنىڭ تۇرمۇشى خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلغانلار تەرىپىدىن قامدالسۇن، دەپ بۇيرۇغانىدى.

15لېكىن، مەن بۇ ھوقۇقنىڭ ھېچقايسىسىدىن پايدىلانمىدىم. ھازىرمۇ مەن بۇ خەتنى بۇ ھوقۇقۇمدىن پايدىلىناي، دەپ يېزىۋاتقىنىم يوق. مەن ئۆلۈشكە رازىمەنكى، بىراق بۇ ئىش ئۈچۈن ماختىنىشىمنىڭ قۇرۇق سۆز بولۇپ قېلىشىغا يول قويمايمەن. 16خۇش خەۋەرنى تارقاتقانلىقىمغا كەلسەك، ئۇنىڭ بىلەن ماختىنالمايمەن، ئەلۋەتتە. چۈنكى، خۇش خەۋەرنى تارقىتىش مېنىڭ بۇرچۇم. ئۇنى تارقاتمىسام بولمايدۇ! 17ئەگەر خۇش خەۋەرنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن تارقاتقان بولسام، خۇدادىن ھەق ئېلىشىم كېرەك ئىدى. لېكىن، خۇدا بۇ ۋەزىپىنى ماڭا تاپشۇرغانىكەن، مەن بۇنى بىر مەسئۇلىيەت، دەپ ئورۇندايمەن. 18ئۇنداقتا، ئالىدىغان ھەققىم نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتە ئېلىشقا تېگىشلىك ھەقنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقۇمدىن پايدىلانماي، كىشىلەرنى خۇش خەۋەرگە ھەقسىز ئىگە قىلىشتۇر.

19مەن ھېچكىمدىن ھەق ئالمىغانلىقىم ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىدىن ئەركىن. لېكىن، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ قۇلىدەك ياشاپ كەلدىم. 20يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئارىسىدا بولغىنىمدا يەھۇدىيلاردەك ياشاۋاتىمەن. تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدىن ئازاد قىلىنغان بولساممۇ، تەۋرات قانۇنىنىڭ ئىلكىدە ياشايدىغانلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشى ئۈچۈن، شۇ كىشىلەردەك ياشاۋاتىمەن. 21شۇنىڭغا ئوخشاش، تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق يەھۇدىي ئەمەسلەر ئارىسىدا بولغىنىمدا، شۇ كىشىلەرگە ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇ، خۇدانىڭ قانۇنىدىن چەتنەپ كەتتىم دېگەنلىك ئەمەس، چۈنكى مەن ئەيسا مەسىھنىڭ قانۇنىغا ئىتائەت قىلىپ ياشاۋاتىمەن. 22خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋىجدانى ئاسانلا ئازابلىنىدىغان ئېتىقادچىلارنىڭ ئارىسىدا ئۇلارغا ئوخشاش ياشاۋاتىمەن. بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى مۇستەھكەملەشتۇر. بارلىق چارىلەرنى ئىشلىتىپ تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن، مەيلى مەن قانداقلا كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا بولاي، خۇدا مەنئى قىلمىغانلا بولسا، شۇ كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى بويىچە ياشايمەن. 23مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېلىدىغان بەختتىن مەن بىلەن بىللە تەڭ بەھرىمەن بولۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتىمەن.

24يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە چۈشكەنلەرنىڭ ھەممىسى يۈگۈرگەن بولسىمۇ، مۇكاپاتنى يالغۇز بىرلا كىشىنىڭ ئالىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. سىلەرمۇ خۇدانىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن يېڭىپ چىققان تەنھەرىكەتچىدەك يۈگۈرۈشۈڭلار كېرەك. 25مۇسابىقىگە چۈشكەن ھەربىر تەنھەرىكەتچى ۋاقىتلىق مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن قاتتىق مەشىق قىلىدۇ. بىز بولساق مەڭگۈ چىرىمەيدىغان مۇكاپاتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن مەشىق قىلىمىز. 26شۇنىڭ ئۈچۈن، مەن نىشانسىز يۈگۈرۈۋاتقان كىشىدەك يۈگۈرۈۋاتقىنىم يوق. شۇنداقلا، خۇددى بوكسچىغا ئوخشاش ئاتقان مۇشتۇمنى بوش كەتكۈزۈۋاتقىنىم يوق. 27خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ ئالدىدا مۇكاپاتقا ئېرىشىشكە لاياقەتسىز بولۇپ قالماسلىقىم ئۈچۈن، تېنىمنى ئېتىقاد يولىدا ياشاشقا قاتتىق كۆندۈرۈپ، ئۆزۈمنى تىزگىنلەۋاتىمەن. 




10

بۇتپەرەسلىكتىن ھوشيار بولۇڭلار

1-2قېرىنداشلار، مۇسا پەيغەمبەر زامانىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىسىردىن چىققاندا چۆل-باياۋاندا بېشىدىن ئۆتكۈزگەن كەچۈرمىشلىرىنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى شۇ چاغدا خۇدا ئاتا قىلغان يول باشلىغۇچى بۇلۇتنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا بولۇپ، خۇدانىڭ مۆجىزىسى ئارقىلىق قىزىل دېڭىزدىن ساق-سالامەت مېڭىپ ئۆتتى. ئۇلارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى خۇددى ئېتىقادچىلارنىڭ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغىنىدەك بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسا پەيغەمبەرگە ئەگەشكۈچىلەردىن بولدى. 34ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدا ئاتا قىلغان ئوخشاش بىر يېمەكلىكنى يېگەن ۋە «روھىي تاش»تىن چىققان ئوخشاش بىر سۇنى ئىچكەن. ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ كەلگەن بۇ «روھىي تاش» دەل ئەيسا مەسىھ ئىدى. 5شۇنداقتىمۇ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى خۇدانى خۇرسەن قىلمىدى. شۇڭا، ئۇلار ئۆلۈپ، جەسەتلىرى چۆل-باياۋاندا قالدى.

6ئۇلاردەك يامان ئىشلارغا بېرىلمەسلىكىمىز ئۈچۈن، بۇ ۋەقەلەردىن ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك. 7سىلەر ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك بۇتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولماڭلار. خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغاندەك، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇتلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن، «ئۇلار كېيىن ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.» 8بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلمايلى. ئۇلار مانا شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە ئۈچ مىڭى بىر كۈندىلا ھالاك بولدى. 9بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك مەقسەتلىك ھالدا گۇناھ قىلىپ، رەببىمىز بىزنى جازالامدۇ-جازالىمامدۇ، دەپ ئۇنى سىنىمايلى. شۇ چاغدا، ئۇنداق قىلغانلارنى زەھەرلىك يىلانلار چېقىپ ئۆلتۈرگەنىدى. 10بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك خۇدادىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايلى. شۇ چاغدا، بۇنداق قىلغانلار خۇدا ئەۋەتكەن جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى. 11بۇ ۋەقەلەر بىزلەرگە ساۋاق بولۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەنىدى. شۇنداقلا، بۇ ۋەقەلەر ئاخىر زاماندا ياشاۋاتقان بىزلەرنىڭ ئۇلاردەك بولۇپ قالماسلىقىمىز ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن خاتىرىلەنگەنىدى. 12شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنى ئېتىقادتا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدىغانلار يىقىلىپ چۈشۈشتىن پەخەس بولسۇن. 13سىلەر دۇچ كەلگەن سىناقلارغا باشقا ئادەملەرمۇ ئوخشاش دۇچ كەلگەن. خۇدا ئىشەنچلىكتۇر! ئۇ سىلەرنى بەرداشلىق بېرىش چېكىڭلاردىن ھالقىغان سىناقلارغا ئۇچراتمايدۇ. خۇدا سىلەرنىڭ سىناققا دۇچ كەلگەندە پۇت تىرەپ تۇرالىشىڭلار ئۈچۈن، ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش يولىنى ئېچىپ بېرىدۇ.

14شۇ سەۋەبتىن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، بۇتپەرەسلىكتىن ساقلىنىڭلار. 15سىلەرنى ئەقىل-ھوشى جايىدا كىشىلەر دەپ قاراپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن. ئېيتقانلىرىمغا ئۆزۈڭلار باھا بېرىڭلار. 16بىز رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان داستىخاندا جەم بولۇپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ جامدىكى شارابنى ئىچكەندە ۋە بىر ناننى بۆلۈشۈپ يېگەندە، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان بولغان تېنى ۋە قېنىنىڭ ھېسابىغا كەلگەن ئىلتىپاتىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز. 17بىز ئېتىقادچىلار كۆپ بولساقمۇ، ھەممىمىز بىرلا ناننى بۆلۈشۈپ يېگەنلىكىمىز ئۈچۈن، روھىي جەھەتتە بىر تەن بولىمىز.

18ئىسرائىللارغا قاراڭلار، ئۇلار يېرۇسالېمدىكى چوڭ ئىبادەتخانىدا خۇداغا قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى يېيىش بىلەن ئىبادىتىنى ئىپادىلەيدۇ. 19مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق «بۇتقا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىنغان نەرسىنىڭ بىرەر ئەھمىيىتى بار» ياكى «بۇت ھەقىقىي خۇدا» دېمەكچىمەنمۇ؟ 20ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس! دېمەكچى بولغىنىم شۇكى، بۇتپەرەسلەر قۇربانلىقلىرىنى خۇداغا ئەمەس، جىنلارغا ئاتايدۇ. سىلەرنىڭ جىنلار بىلەن شېرىك بولۇشۇڭلارنى خالىمايمەن. 21سىلەر ھەم رەببىمىزنىڭ جامىدىكىدىن، ھەم جىنلارنىڭ جامىدىكىدىن ئىچسەڭلار بولمايدۇ. ھەم رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا، ھەم جىنلارنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولساڭلار بولمايدۇ. 22بۇنداق قىلساق، رەببىمىزنىڭ غەزىپىنى قوزغايمىز. ئۇنىڭ جازالىشىدىن قېچىپ قۇتۇلۇشقا كۈچىمىز يېتەمدۇ؟!

23بەزىلەر: «خۇدا تەرىپىدىن مەنئى قىلىنمىغان بولسا، نېمە قىلىمەن دېسەم ئۆز ئىختىيارىم» دېيىشى مۇمكىن. لېكىن، ھەممە ئىش پايدىلىق بولۇۋەرمەيدۇ. «نېمە قىلىمەن دېسەم، ئۆز ئىختىيارىم» دېگەن بۇ سۆز توغرا بولسىمۇ، لېكىن ھەممە ئىش قېرىنداشلىرىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتە كۈچلۈك بولۇپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. 24ھەركىم پەقەت ئۆز مەنپەئىتىنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭمۇ مەنپەئىتىنى كۆزلىسۇن.

25گۆش دۇكىنىدا سېتىلغان گۆشلەرنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرۈپ يۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار. 26چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «يەر يۈزى ۋە ئۇنىڭدىكى ھەممە نەرسە رەببىمىزگە تەئەللۇقتۇر.» 27ئەگەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغان بىر كىشى سىلەرنى زىياپەتكە چاقىرسا ۋە سىلەرمۇ بارماقچى بولساڭلار، ئالدىڭلارغا قويۇلغان ھەممە نەرسىنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغانمۇ-قىلىنمىغانمۇ، دەپ سۈرۈشتۈرمەي، پاك ۋىجدان بىلەن يەۋېرىڭلار. 28لېكىن، باشقا بىرى سىلەرگە: «بۇ نەزىر قىلىنغان گۆش» دېسە، ئۇ كىشىنىڭ ئېتىقادىنى ئويلاپ ئۇ گۆشنى يېمەڭلار. چۈنكى، بۇ گۆشنى يېيىش ئۇنىڭ نەزىرىدە گۇناھ بولىدۇ. 29بۇ يەردە سىلەرنىڭ ۋىجدانىڭلارنى ئەمەس، بەلكى ئۇ كىشىنىڭ ۋىجدانىنى دېمەكچىمەن.

ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن باشقىلارنىڭ ۋىجدانى مېنىڭ ئەركىنلىكىمنى چەكلىسۇن؟ 30ئەگەر مەن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ بۇنداق زىياپەتكە قاتناشسام، يەنە نېمە ئۈچۈن شۈكۈر ئېيتىپ يېگەن بۇ يېمەكلىكىم سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىشكە ئۇچرىشىم كېرەك؟ 31مۇھىمى، نېمە يەپ، نېمە ئىچىشىڭلار، قانداقلا ئىش قىلىشىڭلاردىن قەتئىينەزەر، ئۇنى پەقەت خۇدانىڭ ئۇلۇغلىنىشى ئۈچۈن قىلىڭلار. 32باشقىلارنى، مەيلى ئۇلار يەھۇدىيلار، يەھۇدىي ئەمەسلەر ياكى خۇداغا مەنسۇپ جامائەتچىلىكتىكى ئېتىقادچىلار بولسۇن، گۇناھقا باشلايدىغان ئىشنى قىلماڭلار. 33ئۆزۈممۇ سىلەرگە دېگەنلىرىم بويىچە ئىش قىلىمەن. مەن ھەرقايسى جەھەتتىن ھەممە ئادەمنى خۇرسەن قىلىشقا تىرىشىمەن. چۈنكى، مەن ئۆز مەنپەئىتىم ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆپچىلىكنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيمەن. 




11

1مەن ئەيسا مەسىھنى ئۆزۈمگە ئۈلگە قىلغىنىمدەك، سىلەرمۇ مېنى ئۆزۈڭلارغا ئۈلگە قىلىڭلار.

ئىبادەت قائىدىلىرى

2دائىم مېنى ئەسلەپ تۇرغانلىقىڭلار ۋە مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرگە ئەمەل قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ماختايمەن. 3لېكىن، شۇنىمۇ بىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەنكى، ھەممە ئەرنىڭ بېشى ئەيسا مەسىھتۇر. ئايالنىڭ بېشى ئەر، ئەيسا مەسىھنىڭ بېشى بولسا خۇدادۇر. 4شۇڭا، ئىبادەتكە قاتناشقاندا بىر ئەر بېشىغا بىرنېمە ئارتىپ دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇ ئۆز بېشى بولغان ئەيسا مەسىھكە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. 5بىر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي دۇئا قىلسا ياكى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزسە، ئۇمۇ ئۆز بېشى، يەنى ئۆز ئېرىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئايالنىڭ چېچى چۈشۈرۈۋېتىلگەن ئايالدىن پەرقى يوقتۇر. 6ئەگەر ئايال بېشىغا بىرنەرسە ئارتىشنى خالىمىسا، ئۇنداقتا ئۇ چېچىنى كەسكۈزۈۋەتسۇن. ۋەھالەنكى، بىر ئايالنىڭ چېچىنىڭ كېسىلىشى ياكى چۈشۈرۈلۈشى نومۇس ئىش بولغانىكەن، ئۇنداقتا ئۇ ئايال ئىبادەتكە قاتناشقاندا بېشىغا بىرنېمە ئارتسۇن. 7ئەرلەر بولسا ئىبادەتكە قاتناشقاندا، بېشىغا بىرنەرسە ئارتماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ئەر خۇدانىڭ ئوبرازىدا يارىتىلغان بولۇپ، خۇدانىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. ئايال بولسا ئەرنىڭ شان-شەرىپىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. 8چۈنكى، ئىنسان يارىتىلغان چاغدا، ئەر ئايالدىن ئەمەس، ئايال ئەردىن يارىتىلغان. 9شۇنداقلا، ئەر ئايال ئۈچۈن ئەمەس، ئايال ئەر ئۈچۈن يارىتىلغان. 10شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتىش ياكى ئارتماسلىق ھوقۇقى بار بولسىمۇ، بۇنى مۇۋاپىق ئىشلەتسۇن.* بۇ ھەم پەرىشتىلەر ئۈچۈندۇر. 11ھالبۇكى، رەببىمىزگە باغلانغان يېڭى ھاياتىمىزدا ئاياللار ئەرلەردىن مۇستەسنا ئەمەس، ئەرلەرمۇ ئاياللاردىن مۇستەسنا ئەمەس. 12چۈنكى، ئايال ئەردىن يارىتىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەرمۇ ئايالدىن تۇغۇلىدۇ. ھەر ئىككىلىسى پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ياراتقان خۇدا تەرىپىدىن يارىتىلغان.

13سىلەر ئۆزۈڭلار ئېيتىڭلارچۇ، ئاياللارنىڭ بېشىغا بىرنەرسە ئارتماي تۇرۇپ، خۇداغا دۇئا قىلىشى توغرىمۇ؟ 14سىلەر ئەرلەرنىڭ ئۇزۇن چاچ قويۇشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن نومۇس ئىكەنلىكىنى تەبىئىي ھالدا بىلىسىلەرغۇ؟ 15لېكىن، ئاياللارنىڭ ئۇزۇن چېچى خۇدانىڭ ئۇلارغا ياپقۇچ قىلىپ بەرگەن گۈزەللىكىدۇر. 16ئەگەر كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە قارشى چىقسا، مەن شۇنداق دېيەلەيمەنكى، بۇ بىز ئەزەلدىن ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان قائىدە. خۇداغا مەنسۇپ بولغان ھەرقايسى جامائەتچىلىكمۇ بۇنى توغرا، دەپ قارايدۇ.

رەببىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان داستىخان

17تۆۋەندىكى ئىشلارغا كەلسەك، مەن بۇ توغرىسىدا سىلەرنى ماختىيالمايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ جەم بولۇشۇڭلارنىڭ پايدىسىدىن زىيىنى كۆپ بولۇۋاتىدۇ. 18بىرىنچىدىن، سىلەر ئىبادەتكە جەم بولغىنىڭلاردا، ئاراڭلاردا گۇرۇھلارغا بۆلۈنۈشلەر بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. بۇ گەپكە قىسمەن ئىشەندىم. 19ئاراڭلاردا بۆلۈنۈشلەرنىڭ پەيدا بولۇشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. لېكىن مۇشۇنداق بولغاندا، زادى كىمنىڭ خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 20سىلەر رەببىمىزنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان داستىخانغا جەم بولىمىز، دەيسىلەر. ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن جەم بولمايدىكەنسىلەر. 21چۈنكى، سىلەر بىر-بىرىڭلارنى ساقلىماي، ئۆزۈڭلار ئېلىپ كەلگەن تاماقنى ئۆزۈڭلار يەۋېرىدىكەنسىلەر-دە، بەزىلەر قانغۇچە يەپ-ئىچىدىكەن، يەنە بەزىلەر ئاچ قالىدىكەن. 22يەپ-ئىچىشكە ئۆز ئۆيلىرىڭلار بار ئەمەسمۇ؟ ياكى بۇ يەرگە خۇداغا مەنسۇپ بولغان ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆزگە ئىلماي، يەيدىغان نەرسىسى يوقلارنى خىجىل قىلىشقا جەم بولدۇڭلارمۇ؟ سىلەرگە نېمە دېسەم بولار؟ سىلەرنى ماختايمۇ؟ ياق، بۇ ئىشتا سىلەرنى ھەرگىز ماختىيالمايمەن!

23رەببىمىزنىڭ داستىخىنى توغرۇلۇق مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن تەلىملەرنى رەببىمىزدىن ئالغانمەن. رەببىمىز ئەيسا ساتقۇن تەرىپىدىن تۇتۇپ بېرىلگەن كېچە، قولىغا بىر نان ئېلىپ، 24خۇداغا شۈكۈر ئېيتىپ، ناننى ئوشتۇپ تۇرۇپ: «بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار» دېدى. 25خۇددى شۇنىڭدەك، تاماقتىن كېيىن ئۇ يەنە جامنى قولىغا ئېلىپ: «بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ قېنىم بىلەن تۈزۈلىدىغان خۇدانىڭ يېڭى ئەھدىسىنىڭ بەلگىسىدۇر. ھەر قېتىم بۇنداق شارابتىن ئىچكىنىڭلاردا مېنى ئەسلەپ تۇرۇڭلار» دېدى. 26شۇنىڭ ئۈچۈن، تاكى رەببىمىز قايتىپ كەلگۈچە، ھەر قېتىم بۇ ناندىن يېگىنىڭلاردا ۋە ھەر قېتىم بۇ جامدىكىدىن ئىچكىنىڭلاردا، رەببىمىزنىڭ قۇربان بولغانلىقىنى جاكارلىغان بولىسىلەر.

27شۇنىڭ ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولغان ھەربىر كىشى نامۇۋاپىق ھالدا ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسە، ئۇ رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنى ۋە ئاققۇزغان قېنىغا يۈز كېلەلمەيدىغان گۇناھ قىلغان بولىدۇ. 28شۇڭا، ھەركىم ئاۋۋال بۇ ئىشلار ئۈستىدە ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئاندىن، ناندىن يەپ، جامدىكىدىن ئىچسۇن. 29چۈنكى، ئېتىقادچىلار رەببىمىزنىڭ داستىخىنىغا داخىل بولۇش بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ.* بۇنى پەرقلەندۈرمەي تۇرۇپ، ناندىن يېگەن ۋە جامدىكىدىن ئىچكەن كىشى ئۆزىنى خۇدانىڭ جازاسىغا مەھكۇم قىلىدۇ. 30مانا شۇ سەۋەبتىن، بىرمۇنچىڭلار جىسمانىي جەھەتتىن ھالسىز ۋە ئاغرىق بولۇپ قالدىڭلار، ھەتتا بەزىلەر ئۆلۈپ كەتتى. 31ئەگەر ئۆز-ئۆزىمىزنى تەكشۈرگەن بولساقىدۇق، بۇنداق جازالارغا ئۇچرىمىغان بولاتتۇق. 32لېكىن، گۇناھقا تولغان بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرلىكتە جازالانماسلىقىمىز ئۈچۈن، رەببىمىز بىزنى مۇشۇنداق جازالاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ.

33شۇڭا، قېرىنداشلار، رەببىمىزنى خاتىرىلەش مەقسىتىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان داستىخانغا داخىل بولۇش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، ھەممەيلەن تولۇق كەلگۈچە بىر-بىرىڭلارنى ساقلاڭلار. 34بۇنداق يىغىلىش سىلەرنىڭ جازاغا ئۇچرىشىڭلارغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، قورسىقى ئاچلار قورسىقىنى ئۆيىدە تويدۇرۇپ كەلسۇن. باشقا مەسىلىلەرگە كەلسەك، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا سۆزلىشىمىز.



*10بۇ ئايەتنىڭ يەنە ئىككى خىل مەنىسى بولۇشى مۇمكىن: «شۇنىڭ ئۈچۈن ئاياللار بېشىغا بىرنەرسە ئارتىپ، ئەرلەرگە بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىسۇن» ياكى «شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاياللار يىغىلىشلاردا بېشىغا بىر نەرسە ئارتىپ، خۇدانىڭ ئۇلارغا بەرگەن ئىبادەتكە قاتنىشىش ھوقۇقىنى ئىپادىلىسۇن».

*29بۇ ئايەتنىڭ: «بۇ داستىخاننىڭ ھەقىقىي مەنىسى رەببىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن قۇربان قىلغان تېنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ» دېگەندىن ئىبارەت يەنە بىر مەنىسى بولۇشى مۇمكىن.



 

12

مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر

1قېرىنداشلار، مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە كەلسەك، بۇلارنى تولۇق چۈشىنىشىڭلارنى خالايمەن. 2سىلەرگە مەلۇمكى، سىلەر ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشتىن ئىلگىرى ئازدۇرۇلۇپ، جانسىز بۇتلارغا چوقۇندۇڭلار. 3شۇڭا، يەنە ئازدۇرۇلۇپ كەتمەسلىكىڭلار ئۈچۈن شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، خۇدانىڭ روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە سۆزلىگەن ھەرقانداق كىشى: «ئەيساغا لەنەت!» دېمەيدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ يېتەكچىلىكىسىزمۇ ھېچكىم: «ئەيسا مەسىھ مېنىڭ رەببىمدۇر» دېيەلمەيدۇ.

4مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بۇ ھەدىيىلەرنى ئاتا قىلغۇچى مۇقەددەس روھ بىردۇر. 5رەببىمىز ئۈچۈن قىلىنىدىغان خىزمەتلەر خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز خىزمەت قىلىدىغان رەببىمىز بىردۇر. 6خۇدانىڭ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا قىلىۋاتقان ئىشلىرى خىلمۇخىلدۇر، لېكىن بىز ئارقىلىق ئۇلارنى قىلىۋاتقان خۇدا بىردۇر. 7پۈتۈن جامائەتچىلىكنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن مۇقەددەس روھ ھەربىرىمىزگە ئالاھىدە قابىلىيەت ئاتا قىلىدۇ. 8مۇقەددەس روھ بىر كىشىگە ئاقىلانە سۆز قىلىش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. يەنە بىر كىشىگە بولسا بىرەر ئىش توغرۇلۇق خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم بېرىدۇ. 9ئوخشاشلا، شۇ مۇقەددەس روھ بىرىگە خۇداغا بولغان ئالاھىدە ئىشەنچ، يەنە بىرىگە كېسەللەرنى ساقايتىش قۇدرىتىنى بېرىدۇ. 10يەنە شۇ روھ بىرىگە مۆجىزىلەر يارىتىش قابىلىيىتىنى بەرسە، يەنە بىرىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. بىرىگە بىرسىنىڭ يەتكۈزگەن سۆزلىرىنىڭ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش، بىرىگە ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەش، يەنە بىرىگە بولسا بۇ تىللارنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىنى بېرىدۇ. 11بۇ قابىلىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يۈرۈشتۈرگەن بىردىنبىر مۇقەددەس روھتۇر. مۇقەددەس روھ ئۆز ئىرادىسى بويىچە بۇ قابىلىيەتلەرنى ھەربىر كىشىگە ئايرىم-ئايرىم تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىدۇر

12گەرچە بىزنىڭ تېنىمىزدىكى ئەزالار كۆپ بولسىمۇ، ئۇلار ئۆزئارا قوشۇلۇپ بىرلا تەننى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھنىڭ تېنى، يەنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى نۇرغۇن ئېتىقادچىلاردىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، ئۇلارمۇ بىرلا تەندۇر. 13چۈنكى، يەھۇدىي ياكى يەھۇدىي ئەمەس بولسۇن، قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، ھەممىمىز ئوخشاش مۇقەددەس روھ تەرىپىدىن چۆمۈلدۈرۈلۈپ، بىر تەننىڭ، يەنى ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ، مۇقەددەس روھتىن بەھرىمەن بولدۇق.

14تەن بىرلا ئەزادىن ئەمەس، نۇرغۇن ئەزالاردىن تەشكىل تاپىدۇ. 15ئەگەر پۇت: «قول بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسە، بۇ ئۇنى تەندىن ئايرىۋېتەلەمدۇ؟ 16ئەگەر قۇلاق: «كۆز بولمىغانلىقىم ئۈچۈن تەنگە مەنسۇپ ئەمەسمەن» دېسە، بۇمۇ ئۇنى تەندىن ئايرىۋېتەلەمدۇ؟ 17پۈتۈن تەن كۆز بولسا، ئۇ قانداقمۇ ئاڭلىيالايدۇ؟ پۈتۈن تەن قۇلاق بولسا، ئۇ پۇراقنى قانداقمۇ سېزەلەيدۇ؟ 18ھالبۇكى، خۇدا تېنىمىزدىكى ھەربىر ئەزانى ئۆز خاھىشى بويىچە ئورۇنلاشتۇرغان. 19ئەگەر ھەممىسى ئوخشاش بىرلا ئەزا بولغان بولسا، ئۇنى قانداقمۇ تەن دېگىلى بولاتتى؟ 20ئەمەلىيەتتە، ئەزا كۆپ بولسىمۇ، لېكىن پەقەت بىر تەننىلا تەشكىل قىلىدۇ.

21شۇڭا، كۆز قولغا: «ساڭا ئېھتىياجىم يوق» دېيەلمەيدۇ. ياكى باش پۇتقا: «سىلەرگە ئېھتىياجىم يوق!» دېيەلمەيدۇ. 22دەل ئەكسىچە، تەننىڭ ئاجىز دەپ ھېسابلانغان ئەزالىرى كەم بولسا بولمايدۇ. 23تەننىڭ بىئەپ دەپ قارالغان ئەزالىرىغا تېخىمۇ كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇياتلىق دەپ قارالغان ئەزالىرىمىزنى تېخىمۇ دىققەت-ئېتىبار بىلەن ياپىمىز. 24ئۇياتلىق بولمىغان ئەزالىرىمىزنى يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوقتۇر. خۇدا تېنىمىزدىكى قەدرى ئاز دەپ ھېسابلانغان ئەزالارنىڭ تېخىمۇ قەدىرلىنىشى ئۈچۈن، شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. 25بۇنىڭدىكى مەقسەت، تەندە پارچىلىنىش بولمىسۇن، ئەكسىچە ئەزالار بىر-بىرىگە ئوخشاش ئېتىبار بەرسۇن، دېگەندىن ئىبارەت. 26ئەگەر بىر ئەزاغا دەرد كەلسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ دەرد تارتىدۇ، بىر ئەزا قەدىرلەنسە، پۈتكۈل ئەزالار تەڭ خۇشال بولىدۇ.

27دېمەك، ھەممىڭلار ئەيسا مەسىھنىڭ تېنىنى تەشكىل قىلغانسىلەر. ھەربىرىڭلار بۇ تەننىڭ ئوخشىمىغان ئايرىم-ئايرىم ئەزاسىسىلەر. 28شۇڭا، خۇدا ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشتا ئەلچىلەرنى، ئىككىنچىسىگە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنى، ئۈچىنچىسىگە خۇدا توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچىلەرنى، ئۇنىڭدىن كېيىن مۆجىزە كۆرسەتكۈچىلەرنى، كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغانلارنى، باشقىلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرنى، باشقۇرۇش قابىلىيىتى بولغانلارنى ھەمدە ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەيدىغانلارنى تەيىنلىدى. 29ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى ئەلچىمۇ؟ ھەممىسى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىمۇ؟ ھەممىسى تەلىم بەرگۈچىمۇ؟ ھەممىسى مۆجىزە كۆرسەتكۈچىمۇ؟ 30ھەممىسى كېسەللەرنى ساقايتىش قابىلىيىتىگە ئىگىمۇ؟ ھەممىسى ئۆزلىرىگە نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىيەلەمدۇ؟ ھەممىسى بۇ تىللارنىڭ مەنىسىنى چۈشەندۈرەلەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. 31سىلەر كۆپچىلىك ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىق بولغان قابىلىيەتلەرنى قوغلىشىڭلار. لېكىن، سىلەرنىڭ بۇ قابىلىيەتلەرنى ياخشى ئىشلىتىشىڭلار ئۈچۈن، مەن ئاۋۋال سىلەرگە ھەممىدىن ياخشى بىر يولنى كۆرسىتەي. 




13

مېھىر-مۇھەببەت ھەممىدىن ئۇلۇغدۇر

1گەرچە مەن يەر-يۈزىدىكى ھەرقانداق تىلدا، ھەتتا پەرىشتىلەرنىڭ تىللىرىدا سۆزلىيەلىسەممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، سۆزلىرىم قۇلاققا خۇش ياقمايدىغان داقا-دۇمباق ياكى يېقىمسىز قوڭغۇراق ئاۋازىدەك بولۇپ قالىدۇ. 2گەرچە خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىم بولسىمۇ، دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىرلىرىنى بىلسەممۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرگە ئىگە بولساممۇ ۋە تاغلارنى ئورنىدىن قوزغىتالايدىغان كامىل ئىشەنچىم بولسىمۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، ھېچنېمىگە ئەرزىمەس بىر ئادەم بولۇپ قالىمەن. 3گەرچە پۈتۈن مېلىمنى سەدىقە قىلىپ بېرىۋەتسەممۇ، ھەتتا خۇدانىڭ خىزمىتىدە جېنىمنى قۇربان قىلىپ، تېنىمنىڭ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشىگە رازى بولساممۇ، لېكىن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببىتىم بولمىسا، بۇ قىلغانلىرىمنىڭ ماڭا ھېچ پايدىسى يوقتۇر.

4مېھىر-مۇھەببەت سەۋرچان ۋە مېھرىباندۇر. مېھىر-مۇھەببەت ھەسەتخورلۇق قىلمايدۇ، ماختانچاقلىق ۋە تەكەببۇرلۇقمۇ قىلمايدۇ. 5مېھىر-مۇھەببەت ئەدەپسىزلىك قىلمايدۇ، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ، ئاسان ئاچچىقلانمايدۇ ۋە ئاداۋەت ساقلىمايدۇ. 6مېھىر-مۇھەببەت ناھەقچىلىكتىن خۇرسەن بولمايدۇ، ئەكسىچە ھەقىقەتتىن خۇشال بولىدۇ. 7مېھىر-مۇھەببەت ھەممىگە بەرداشلىق بېرىدۇ، ھەممىگە ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ، ھەممە ئىشتا ئۈمىدۋار ۋە چىداملىق بولىدۇ.

8مېھىر-مۇھەببەت مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان قابىلىيەت بولسا ھامان ئاخىرلىشىدۇ. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش ئاخىر توختايدۇ، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىملەرمۇ ئاخىرلىشىدۇ. 9چۈنكى، بۇ ئالاھىدە بىلىملەر چەكلىكتۇر. شۇنداقلا، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىمىزمۇ چەكلىكتۇر. 10بۇ دۇنيانىڭ ئاخىرلىشىشى كەلگەندە، بۇنداق چەكلىك قابىلىيەتلەرنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ. 11بۇ خۇددى بالىلىق ۋاقتىمىزدا بالىلارچە سۆزلەپ، بالىلارچە ئويلاپ، بالىلارچە مۇھاكىمە قىلىپ، چوڭ بولغىنىمىزدا بالىلىقىمىزنى تاشلىغىنىمىزغا ئوخشاشتۇر. 12بىز سۇس كۆرۈنىدىغان ئەينەك ئارقىلىق كۆرۈۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ھەممە نەرسىنى غوۋا كۆرىمىز. لېكىن، كەلگۈسىدە بولسا يۈزمۇيۈز كۆرىمىز. ھازىر مېنىڭ خۇدا توغرىسىدا بىلىدىغىنىم چەكلىكتۇر، ئۇ ۋاقىت يېتىپ كەلگەندە خۇدا مېنى تولۇق بىلگەندەك، مەنمۇ ھەممىنى تولۇق بىلىدىغان بولىمەن. 13مانا بۇ دۇنيادا ئېتىقاد، ئۈمىد ۋە مېھىر-مۇھەببەتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچى داۋاملىق مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولغىنى مېھىر-مۇھەببەتتۇر. 




14

مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەردىن پايدىلىنىش

1شۇڭا، مېھىر-مۇھەببەتنى قوغلىشىڭلار ھەمدە مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەرگە، بولۇپمۇ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتىگە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار. 2بىر كىشى مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىسە، ئۇ باشقىلارغا ئەمەس، بەلكى خۇداغا سۆزلەيدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ سۆزىنى ھېچكىم چۈشىنەلمەيدۇ. ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن تۈرلۈك سىرلىق ئىشلارنى سۆزلەيدۇ. 3خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەر بولسا باشقىلارنىڭ ئېتىقادتا ئۆسۈپ يېتىلىشى، رىغبەتلىنىشى ۋە تەسەللى تېپىشى ئۈچۈن سۆزلەيدۇ. 4نامەلۇم تىلدا سۆزلىگۈچى ئېتىقادتا ئۆز-ئۆزىنى يېتىلدۈرىدۇ. لېكىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى بولسا پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدۇ. 5ھەممىڭلارنىڭ مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. لېكىن، سىلەرنىڭ خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشۈڭلارنى تېخىمۇ ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، نامەلۇم بولغان تىللاردا سۆزلەنگەن سۆزلەرنى چۈشەندۈرۈپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈشىگە ياردىمى بولىدىغان بىرەرسى بولمىسا، ئۇ چاغدا نامەلۇم تىللاردا سۆزلەشتىن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش قابىلىيىتى كۆپ ئەۋزەل بولىدۇ.

6ئەمدى قېرىنداشلار، ئەگەر مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، ئۆز تىلىڭلاردا سىلەرگە خۇدا تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ھەقىقەتنى، خۇدادىن كەلگەن ئالاھىدە بىلىم، ۋەھىي ياكى بىرەر تەلىم يەتكۈزمەي، پەقەتلا مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلىسەم، سىلەرگە نېمە پايدام بولسۇن؟ 7شۇنىڭدەك، ئاۋاز چىقىرالايدىغان جانسىز نەرسىلەر، مەسىلەن نەي ياكى چىلتارمۇ ئېنىق ئاھاڭ چىقارمىسا، ھېچكىم ئۇنىڭ چېلىنىۋاتقان مۇزىكا ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدىغۇ؟ 8جەڭ كانىيىمۇ بەلگىلىك بىر ئاھاڭدا چېلىنمىسا، ھېچكىم جەڭگە ھازىرلانمايدىغۇ؟ 9شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ چۈشىنىشلىك تىلدا سۆزلىمىسەڭلار، نېمە دېمەكچى بولغىنىڭلارنى كىم چۈشىنەلەيدۇ؟ ئۇ چاغدا، ھاۋاغا گەپ قىلغاندەك بولىسىلەر. 10شۈبھىسىزكى، دۇنيادا خىلمۇخىل تىللار بار ھەم ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى چۈشىنىكسىز ئەمەس. 11بىراق، مەلۇم بىر ئادەمنىڭ تىلىنى چۈشەنمىسەم، ئۇ ماڭا يات بولىدۇ، مەنمۇ ئۇنىڭغا يات بولىمەن. 12شۇڭا، سىلەر مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان قابىلىيەتلەرگە ئىگە بولۇشقا قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلگەنىكەنسىلەر، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان قابىلىيەتلەرنى ئىگىلەشكە تېخىمۇ كۆپ ئىنتىلىڭلار.

13شۇڭا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىيەلەيدىغان كىشى ئۆزىنىڭ سۆزلىگەنلىرىنى چۈشەندۈرۈش قابىلىيىتىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن دۇئا قىلسۇن. 14چۈنكى، بىر كىشى ئۇنداق تىلدا دۇئا قىلسا، ئۇنىڭ روھى مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇداغا دۇئا قىلغان بولىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۆز ئەقىل-ئىدراكى بىلەن بۇ دۇئانى چۈشىنەلمەيدۇ. 15ئۇنداقتا، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟ ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بۇنداق تىلدا سۆزلەش بىلەن، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن دۇئا قىلسۇن. شۇنداقلا، ئۇ بەزىدە مۇقەددەس روھ ئارقىلىق، بەزىدە ئەقىل-ئىدراكى بىلەن خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 16ئەگەر مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە نامەلۇم بولغان بۇنداق تىلدىلا خۇداغا شۈكۈر ئېيتساڭ، جامائەتچىلىك سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى چۈشەنمەي، ئېيتقان شۈكۈر دۇئالىرىڭغا قانداقمۇ: «ئامىن» دېيەلىسۇن؟ 17شۇڭا، سەن ھەرقانچە ياخشى شۈكۈر ئېيتساڭمۇ، لېكىن بۇ دۇئالار ھېچكىمنىڭ ئېتىقادتا يېتىلىشىگە ياردەم بېرەلمەيدۇ. 18مەن بۇنداق نامەلۇم تىلدا شەخسەن ھەممىڭلاردىن كۆپ سۆزلەيدىغانلىقىم ئۈچۈن، خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 19لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە باشقىلارنىڭ تەلىم ئېلىشى ئۈچۈن، نامەلۇم تىلدا ئون مىڭ ئېغىز سۆزلىگەندىن كۆرە، ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان تىلدا بەش ئېغىز سۆزلىگىنىم ياخشىدۇر.

20قېرىنداشلار، يامانلىق قىلىشنى بىلمەيدىغان سەبىي بالىلاردەك بولۇڭلار، لېكىن بۇ ئىشلارغا كەلگەندە ئوي-پىكرىڭلار كىچىك بالىلاردەك ئەمەس، بەلكى چوڭلاردەك بولسۇن. 21مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدا مۇنداق دېگەن:

«غەيرىي تىللاردا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق،

يات مىللەتلەرنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق سۆزلەيمەن خەلقىمگە.

بىراق، ئۇلار يەنىلا ئىتائەت قىلماس ماڭا.»*

22بۇ ئايەتتىن قارىغاندا، ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەش خۇدانىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى قىلمايدىغانلارغا قارىتىلغان بىر بەلگىسىدۇر. خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈش بولسا خۇدانىڭ ئۆزىگە ئېتىقاد قىلمايدىغانلارغا ئەمەس، بەلكى قىلىدىغانلارغا قارىتىلغان، خۇدانىڭ ئۇلار بىلەن بىللە ئىكەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسىدۇر. 23ئەگەر پۈتۈن ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلار جەم بولۇپ، ھەممە ئادەم ئۆز ئالدىغا بۇنداق نامەلۇم تىلدا سۆزلەۋەرگەندە بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمىغانلار ياكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمايدىغانلار ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، «سىلەر ساراڭ بولۇپ قاپسىلەر!» دېيىشمەمدۇ؟ 24لېكىن، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىڭلار ئوخشاش بىر تىلدا خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈۋاتقاندا ئېتىقاد قىلمىغان ياكى ئەھۋالدىن خەۋىرى بولمىغان بىرى ئاراڭلارغا كىرىپ قالسا، ئۇ ھەممىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىڭلاردىن ئۆزىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ، ۋىجدانى ئازابلىنىدۇ. 25ئىچىدىكى يوشۇرۇن ئوي-پىكىرلىرى ئاشكارىلىنىپ، بۇنىڭ بىلەن «خۇدا ھەقىقەتەن سىلەر بىلەن بىللە ئىكەن» دەپ ئېتىراپ قىلىپ، يەرگە باش قويۇپ خۇداغا سەجدە قىلىدۇ.

ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك قائىدىلەر

26قېرىنداشلار، مەن خۇلاسە قىلاي، سىلەر خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولغىنىڭلاردا، بەزىلىرىڭلار مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتىسىلەر، بەزىلىرىڭلار تەلىم بېرىسىلەر، بەزىلىرىڭلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىسىلەر، بەزىلىرىڭلار ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەيسىلەر، باشقىلار بولسا بۇ تىلنى چۈشەندۈرىدۇ. ھەممە ئىش جامائەتچىلىكنىڭ ئېتىقادىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن بولسۇن. 27ئەگەر ئۆزىگە نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلىمەكچى بولغانلار بولسا، ئەڭ كۆپ بولغاندا ئىككى ياكى ئۈچ كىشى نۆۋەت بىلەن سۆزلىسۇن. باشقا بىرى بۇ سۆزلەرنى چۈشەندۈرسۇن. 28يىغىلىشىڭلاردا بۇنى چۈشەندۈرەلەيدىغان كىشى بولمىسا، ئۇلار جامائەتچىلىكتە بۇنداق تىلدا سۆزلىمەي، ئۆز-ئۆزىگە ۋە خۇداغا سۆزلىسۇن. 29خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشتىمۇ ئىككى ياكى ئۈچ كىشى سۆزلىسۇن، باشقىلار ئۇلارنىڭ سۆزلىگەنلىرىنىڭ خۇدادىن كەلگەن ياكى كەلمىگەنلىكىنى پەرق ئەتسۇن. 30بۇ يىغىلىشتا ئولتۇرغانلارنىڭ بىرىگە خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلسە، سۆزلەۋاتقان كىشى جىم بولۇپ، نۆۋەتنى ئۇنىڭغا بەرسۇن. 31چۈنكى، ھەممىڭلارنىڭ تەلىم ئېلىشىڭلار ۋە رىغبەتلەندۈرۈلۈشۈڭلار ئۈچۈن، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى ۋەھىينى نۆۋەت بىلەن يەتكۈزسە بولىدۇ. 32خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزىدىغان ئادەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، نۆۋەت كۈتۈپ تۇرالايدۇ. 33جەم بولۇپ ئىبادەت قىلغىنىڭلاردا، قالايمىقانچىلىق بولمىسۇن. چۈنكى، خۇدا قالايمىقانچىلىق سالغۇچى ئەمەس، بەلكى تىنچلىق بەرگۈچىدۇر. مەن بىلىدىغان ھەرقايسى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئەنە شۇنداقتۇر.

34ئاياللار جامائەتچىلىك يىغىلىشلىرىدا قالايمىقان سۆزلەشمەي، شۈك ئولتۇرسۇن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ شۇنداق سۆزلىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغان. تەۋرات قانۇنىدا بەلگىلەنگەندەك، ئۇلار تەرتىپكە رىئايە قىلسۇن. 35ئۇلار بىلمەكچى بولغان بىرەر نەرسە بولسا، ئۆيدە ئۆز ئەرلىرىدىن سورىسۇن. چۈنكى، يىغىلىشتا تەرتىپنى بۇزۇپ سۆزلەش ئاياللارغا ياراشمايدۇ.

36خۇدا توغرىسىدىكى تەلىمنى سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چىققان ياكى يالغۇز سىلەرگىلا يېتىپ كەلگەن، دەپ ئويلايدىكەنسىلەر. بۇ دۇرۇس ئەمەس! 37ئەگەر سىلەردىن بىرىڭلار ئۆزىنى خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزگۈچى ياكى ئېتىقاد جەھەتتە يېتىلگەن دەپ قارىسا، ئۇ مېنىڭ سىلەرگە يازغانلىرىمنىڭ رەببىمىزنىڭ ئەمرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. 38ئەگەر سىلەر بۇ ئەمرگە پەرۋا قىلمىساڭلار، سىلەرمۇ خۇدا تەرىپىدىن پەرۋا قىلىنمايسىلەر.

39شۇنىڭ ئۈچۈن، قېرىنداشلىرىم، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشكە قىزغىنلىق بىلەن ئىنتىلىڭلار. مۇقەددەس روھنىڭ كۈچى بىلەن ئۆزۈڭلارغا نامەلۇم بولغان تىلدا سۆزلەشنىمۇ چەكلىمەڭلار. 40لېكىن، ھەممە ئىش تەرتىپ-قائىدىلىك بولسۇن.



*21قەدىمكى زاماندا ئىسرائىللار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ ئايەتنى ئېيتقان. ئۇ، خۇدا «غەيرىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان» قوشۇنلار ئارقىلىق سىلەرنى جازالايدۇ، دېگەن. كېيىن يەشايا پەيغەمبەر دېگەندەك بولغان.



 

15

ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى

1قېرىنداشلار، ئىلگىرى مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن، سىلەرمۇ قوبۇل قىلىپ ئېتىقادىڭلارنىڭ ئاساسى قىلغان خۇش خەۋەرنى ئېسىڭلارغا سالماقچىمەن. 2مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن خۇدانىڭ بۇ ھەقىقىتىدە چىڭ تۇرساڭلار، ئۇ ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىسىلەر. ئۇنداق بولمىغاندا، بىھۇدە ئېتىقاد قىلغان بولىسىلەر.

3-4مەن قوبۇل قىلغان ئەڭ مۇھىم تەلىمنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. بۇ تەلىم شۇكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن يېزىلغىنىدەك، ئەيسا مەسىھ گۇناھلىرىمىزنىڭ كەچۈرۈلۈشى ئۈچۈن قۇربان بولدى. ئۇ دەپنە قىلىنىپ، ئۈچىنچى كۈنى بولغاندا ئۆلۈمدىن تىرىلىپ، 5ئاۋۋال پېترۇسقا، ئاندىن كېيىن ئون ئىككى ئەلچىنىڭ ئىچىدىكى باشقىلارغىمۇ كۆرۈندى. 6كېيىن، بىرلا ۋاقىتتا بەش يۈزدىن ئارتۇق قېرىنداشقا كۆرۈندى. بۇ قېرىنداشلارنىڭ بەزىلىرى ئالەمدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، كۆپچىلىكى تېخى ھايات. 78ئەيسا مەسىھ كېيىن ئىنىسى ياقۇپقا، ئۇنىڭدىن كېيىن ھەممە ئەلچىلەرگە، ئەڭ ئاخىرىدا خۇددى ۋاقىتسىز تۇغۇلغان بوۋاقتەك كۆرۈمسىز بولغان ماڭىمۇ كۆرۈندى. 9مەن ئەلچىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئەرزىمەس ئەلچىمەن ھەمدە خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىگە زىيانكەشلىك قىلغانلىقىم ئۈچۈن، ئەلچى دەپ ئاتىلىشقىمۇ لايىق ئەمەسمەن. 10لېكىن، ھازىر ئەلچى بولۇشۇم خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى ئارقىلىق بولدى. ئۇنىڭ ماڭا قىلغان مېھىر-شەپقىتى بىكارغا كەتمىدى. چۈنكى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئەلچىلەرنىڭ ھەممىسىدىن كۆپ ئەجىر سىڭدۈردۈم. ئەمەلىيەتتە، مەن ئۆز كۈچ-قابىلىيىتىم بىلەن ئەمەس، بەلكى ماڭا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتكەن خۇدانىڭ كۈچى بىلەن ئىشلىدىم. 11دېمەك، مەيلى مەن ياكى باشقا ئەلچىلەر بولسۇن، ھەممىمىزنىڭ يەتكۈزگەنلىرى ئوخشاش بولۇپ، ئۇ دەل سىلەر ئىشىنىپ قوبۇل قىلغان خۇش خەۋەردۇر.

ئۆلۈپ كەتكەن ئېتىقادچىلارنىڭ تىرىلىشى

12ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆلۈمدىن تىرىلگەنلىكى سىلەرگە يەتكۈزۈلگەن تۇرۇقلۇق، يەنە نېمە ئۈچۈن ئاراڭلاردا بەزىلەر «ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلمەيدۇ» دەيدۇ؟ 13ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان بولاتتى. 14ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، بىزنىڭ يەتكۈزگەن تەلىملىرىمىز ۋە سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلار بىھۇدە بولۇپ كېتەتتى. 15ھەتتا بىزنىڭ خۇدا توغرىسىدىكى گۇۋاھلىقىمىزمۇ يالغان بولغان بولاتتى. چۈنكى، بىز خۇدانىڭ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بەردۇق. ئەگەر ھەقىقەتەن ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، خۇدامۇ ئەيسا مەسىھنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرمىگەن بولاتتى. 16ئەگەر ئۆلگەنلەر قايتا تىرىلىدىغان ئىش بولمىسا، ئەيسا مەسىھنىڭمۇ تىرىلىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 17ئەيسا مەسىھ تىرىلمىگەن بولسا، ئېتىقادىڭلار ئەھمىيەتسىز بولۇپ، گۇناھلىرىڭلار تېخىچە كەچۈرۈلمىگەن بولاتتى. 18ئۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەم تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلارمۇ دوزاخقا چۈشكەن بولاتتى. 19ئەگەر پەقەت بۈگۈنكى ھايات ئۈچۈنلا ئەيسا مەسىھكە ئۈمىد باغلىغان بولساق، ئۇ چاغدا بىز بۇ دۇنيادىكى ھەرقانداق بىچارە كىشىلەردىنمۇ بىچارە بولۇپ قالغان بولىمىز.

20لېكىن، ئەمەلىيەتتە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلدى. ئۇنىڭ تىرىلىشى ئۆلگەنلەرنىڭ قايتا تىرىلىدىغانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. 21چۈنكى، ئۆلۈم بىر ئادەم، يەنى ئادەمئاتا ئارقىلىق دۇنيادا پەيدا بولغىنىدەك، ئۆلۈمدىن تىرىلىشمۇ بىر ئادەم، يەنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق پەيدا بولدى. 22پۈتكۈل ئىنسان ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىندى. لېكىن، ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بىزلەر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش ئۆلۈمدىن تىرىلىمىز. 23بىراق، ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆز نۆۋىتى بار. ئالدى بىلەن كاپالەتچى بولغان ئەيسا مەسىھ تىرىلدى، ئاندىن كېيىن ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەندە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغانلار تىرىلىدۇ. 24ئاندىن، قىيامەت كۈنى كېلىدۇ. شۇ چاغدا، ئەيسا مەسىھ يامان روھلاردىن ئىبارەت بولغان بارلىق ھۆكۈمرانلار، ھوقۇقدارلار ۋە كۈچلۈكلەرنى يوقىتىپ، پادىشاھلىقىنى ئاتىمىز خۇداغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 25ئەيسا مەسىھ پۈتكۈل دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزىنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈرگۈچە ھۆكۈم سۈرۈشى كېرەك. 26يوقىتىلىدىغان ئەڭ ئاخىرقى دۈشمەن ئۆلۈمدۇر. 27مۇقەددەس يازمىلاردا: «خۇدا ھەممىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېيىلىدۇ. بۇ يەردە ئېيتىلغان «بارلىقىنى ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا تىز پۈكتۈردى» دېگەن سۆزنىڭ خۇدانى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. 28پۈتكۈل مەۋجۇدات ئەيسا مەسىھكە تىز پۈككەندە، خۇدانىڭ ئوغلى، يەنى ئەيسا مەسىھمۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە تىز پۈكتۈرۈپ بەرگەن خۇداغا تىز پۈكىدۇ. شۇ چاغدا، خۇدا ھەممىسىگە نىسبەتەن ھەقىقەتەن باشقۇرغۇچى بولىدۇ.

29ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، بەزىلەرنىڭ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلۈشىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ ئۆلگەنلەر زادى تىرىلمىسە، كىشىلەرنىڭ ئۇلار ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈلگىنى بىكار بولىدۇ. 30بىز نېمە ئۈچۈن ھەر دائىم ئۆزىمىزنى خەتەرگە ئاتايمىز؟ 31مېنىڭ ھەر كۈنى ئۆلۈمگە دۇچ كېلىۋاتقىنىم راست! قېرىنداشلار، رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلاردا شۇنداق كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقى بىلەن پەخىرلەنگىنىمنىڭ راستلىقىغا ئوخشاش، بۇ سۆزۈمنىڭمۇ ھەرگىز يالغان يېرى يوقتۇر. 32مەن ئەفەس شەھىرىدە يىرتقۇچ ھايۋانلارغا ئوخشاش ئاشۇ رەقىبلەر بىلەن ئېلىشتىم. ئۆلۈمدىن تىرىلىش بولمىسا، مېنىڭ شۇنداق قىلغىنىمنىڭ نېمە پايدىسى بولاتتى؟ ئەگەر ئۆلگەنلەر تىرىلمىسە، ئۇنداقتا «بەرىبىر ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاندىن كېيىن، يەپ-ئىچىپ يۈرۈۋالايلى» دېگەن سۆز يوللۇق بولاتتى!

33مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.» 34ئەقىل-ھوشۇڭلارنى تېپىپ، گۇناھ قىلىشتىن قول ئۈزۈڭلار. بەزىلىرىڭلار خۇدانى تېخىچە تونۇمايسىلەر. بۇ سۆزنى سىلەرنى خىجىل بولسۇن، دەپ ئېيتىۋاتىمەن.

تىرىلگەندىن كېيىنكى تەن

35لېكىن بەزىلەر: «ئۆلگەنلەر قانداق تىرىلىدۇ؟ ئەگەر ئۆلگەن ئادەم تىرىلسە، ئۇنىڭ تېنى قانداق بولىدۇ؟» دەپ سورىشى مۇمكىن. 36نېمىدېگەن ئەخمىقانە سوئال! ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى خۇددى ئۇرۇقنىڭ توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولۇپ، قايتا بىخ سۈرۈپ چىققىنىغا ئوخشايدۇ. 37دېھقان ئۇرۇقنى تېرىغىنىدا، ئۈنۈپ چىقىدىغان ئۆسۈملۈكنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، پەقەت ئۇرۇقىنى، مەسىلەن بۇغداي ياكى باشقا بىر ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقىنى تېرىيدۇ. 38خۇدا بولسا ئۆز خاھىشى بويىچە ئاشۇ ھەربىر ئۇرۇقنىڭ ئۆز نەسلىگە خاس تەنلىرىنى بېرىدۇ. 39ھەربىر ئۇرۇقنىڭ تېنى ئوخشاش بولمىغاندەك، ھەممە جانلىقلارنىڭ تېنىمۇ بىر-بىرىگە ئوخشاش بولمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ، ھايۋانلارنىڭ، قۇشلارنىڭ ۋە بېلىقلارنىڭ تېنى بىر-بىرىگە ئوخشاش ئەمەس. 40ئاسماندا جىسىملار بار، يەردىمۇ جىسىملار بار. ئاسماندىكى جىسىملارنىڭ گۈزەللىكى باشقىدۇر، يەردىكى جىسىملارنىڭمۇ گۈزەللىكى باشقىدۇر. 41قۇياشنىڭ گۈزەللىكى، ئاينىڭ گۈزەللىكى ۋە يۇلتۇزلارنىڭ گۈزەللىكىمۇ باشقا-باشقىدۇر. گۈزەللىكتە يۇلتۇزمۇ يۇلتۇزدىن پەرقلىنىدۇ.

42شۇنىڭغا ئوخشاش، تىرىلدۈرۈلگەندىن كېيىنكى تېنىمىز ئۆلگەندىن كېيىنكى تېنىمىزگە ئوخشىمايدۇ. كۆمۈلگەن تېنىمىز چىرىپ كېتىدۇ، لېكىن تىرىلدۈرۈلگەن تېنىمىز بولسا مەڭگۈ چىرىمەيدۇ. 43تېنىمىز شەرەپسىز ھالدا ئاجىزلىقتا كۆمۈلىدۇ لېكىن، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەتتە تىرىلدۈرۈلىدۇ. 44تېنىمىز جىسمانىي تەن ھالىتىدە كۆمۈلىدۇ. لېكىن، ئالاھىدە بىر تەن ھالىتىدە تىرىلدۈرۈلىدۇ. بۇ دۇنياغا خاس جىسمانىي تېنىمىز بولغىنىدەك، ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە تېنىمىزمۇ بار بولىدۇ. 45بۇ دۇنياغا خاس تەن توغرۇلۇق مۇقەددەس يازمىلاردا: «تۇنجى ئىنسان، يەنى ئادەمئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى» دەپ يېزىلغان. ئاخىرقى ئادەمئاتا، يەنى ئەيسا مەسىھ بولسا ئۇ دۇنيادا ياشىشىمىز ئۈچۈن بىزگە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بەردى. 46ئەڭ ئاۋۋال پەيدا بولغان تەن ئۇ دۇنياغا خاس تەن ئەمەس، بەلكى بۇ دۇنياغا خاس تەندۇر. كېيىن پەيدا بولغان تەن بولسا ئۇ دۇنياغا خاس ئالاھىدە بىر تەندۇر. 47دەسلەپكى ئىنسان يەردىن، يەنى توپىدىن يارىتىلدى. كېيىنكى ئىنسان، يەنى ئەيسا مەسىھ ئەرشتىن كەلدى. 48بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان ئىنسانلار توپىدىن يارىتىلغان ئادەمئاتىغا ئوخشايدۇ. مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدىغانلار بولسا ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكە ئوخشايدىغان بولىدۇ. 49بىزلەر توپىدىن يارىتىلغان ئادەمئاتىغا قانداق ئوخشاش بولساق، كەلگۈسىدە ئەرشتىن كەلگەن ئەيسا مەسىھكىمۇ شۇنداق ئوخشاش بولىمىز.

50قېرىنداشلار، شۇنى دېمەكچىمەنكى، بىزنىڭ گۆش ۋە قاندىن تۆرەلگەن جىسمانىي تېنىمىز خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ. بىزنىڭ ئۆلۈپ چىرىيدىغان تېنىمىز مەڭگۈ ياشىيالمايدۇ. 51ئەمدى خۇدا ماڭا ئاشكارىلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە ئېيتاي. ھەممىمىزلا ئۆلمەيمىز، بىراق ھەممىمىز پۈتۈنلەي ئۆزگىرىمىز. 52بۇ ئىش ئەڭ ئاخىرقى كاناي چېلىنغاندا، كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە بىر دەمدىلا يۈز بېرىدۇ. كاناي چېلىنىشى بىلەنلا، ئۆلگەن ئېتىقادچىلار چىرىمەس تەن بىلەن تىرىلىدۇ، بىزلەرمۇ ئۆزگىرىمىز. 53چۈنكى، بۇ چىرىيدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان تەنگە، بۇ ئۆلىدىغان تېنىمىز ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلىنىشى كېرەك. 54چىرىيدىغان ۋە ئۆلىدىغان تېنىمىز چىرىمەيدىغان ۋە ئۆلمەيدىغان تەنگە ئايلانغاندا، مۇقەددەس يازمىلاردىكى ئالدىن ئېيتقان بۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ:

 

«ئۆلۈم يېڭىلىپ، يوق بولدى!»

55«ئەي ئۆلۈم، غەلىبەڭ يوق ئەمدى!

ئەي ئۆلۈم، نەشتىرىڭ يوق ئەمدى!»

 

56ئۆلۈمنىڭ نەشتىرى _ گۇناھتۇر. گۇناھنىڭ كۈچى بولسا بىزنىڭ تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلمىغانلىقىمىزدىن پەيدا بولىدۇ. 57لېكىن، خۇداغا شۈكۈر! چۈنكى خۇدا رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بىزنى ئۆلۈم ۋە گۇناھ ئۈستىدىن غەلىبىگە ئېرىشتۈردى.

58شۇنىڭ ئۈچۈن، قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ تۇرۇڭلار. رەببىمىزگە ئەستايىدىللىق بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. رەببىمىز ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەرگىز بىھۇدە كەتمەيدىغانلىقىنى چۈشىنىڭلار. 




16

يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا ئىئانە بېرىش توغرىسىدا

1خېتىڭلاردا يازغان يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلارغا بېرىلىدىغان ئىئانە ئىشىغا كەلسەك، سىلەرمۇ گالاتىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەرگە ئېيتقىنىمدەك قىلىڭلار. 2ھەر يەكشەنبە كۈنى، ھەربىرىڭلار ھەپتىلىك تاپاۋىتىڭلارغا قاراپ، ئۇنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئىئانىگە ئاجرىتىپ توپلاڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، يېنىڭلارغا بارغىنىمدا پۇل توپلىنىپ بولغان بولىدۇ. 3مەن يېنىڭلارغا بارغىنىمدا، ئىئانەڭلارنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۆزۈڭلار تاللىغان كىشىلەرنى تونۇشتۇرۇش خېتىم بىلەن يېرۇسالېمدىكى جامائەتچىلىكنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئەۋەتىمەن. 4ئەگەر ئۆزۈمنىڭ بېرىشىغا توغرا كەلسە، ئۇلار بىلەن بىللە بارىمەن.

پاۋلۇسنىڭ پىلانلىرى

5ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە بارغاندىن كېيىن، يېنىڭلارغا بارىمەن. چۈنكى، ماكېدونىيىدىن ئۆتمەكچىمەن. 6بەلكىم يېنىڭلاردا بىر مەزگىل تۇرۇشۇم ۋە ھەتتا قىشنى سىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈشۈممۇ مۇمكىن. كېيىن قەيەرگە بارماقچى بولسام، سىلەر ياردەم قىلىپ، مېنى يولغا سېلىپ قويارسىلەر. 7بۇ قېتىم سىلەرنى يول ئۈستىدىلا كۆرۈپ ئۆتۈپ كېتىشنى خالىمايمەن. خۇدا بۇيرۇسا، سىلەر بىلەن ئۇزۇنراق ۋاقىت بىللە بولىمەن.

8لېكىن، ئورما ھېيتىغىچە ئەفەس شەھىرىدە داۋاملىق تۇرماقچىمەن. 9چۈنكى، بۇ يەردە خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن ماڭا ئىشىك كەڭ ئوچۇقتۇر. كۆپ كىشىلەر ئۇنى قوبۇل قىلىۋاتىدۇ. لېكىن، خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرۇۋاتقانلارمۇ كۆپ بولۇۋاتىدۇ.

10تىموتىي يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن بىللە تۇرغاندا، ئۇنىڭ قورقماي، ئەركىن-ئازادە بولۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار. چۈنكى، ئۇمۇ ماڭا ئوخشاش، رەببىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. 11ھېچكىم ئۇنىڭغا سەل قارىمىسۇن. ھەممىڭلار ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى يېنىمغا ساق-سالامەت يولغا سېلىپ قويۇڭلار. چۈنكى، ئۇنىڭ باشقا قېرىنداشلار بىلەن بىللە كېلىشىنى كۈتمەكتىمەن.

12قېرىندىشىمىز ئاپوللوسقا كەلسەك، ئۇنى قېرىنداشلار بىلەن بىللە سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا بېرىشقا كۆپ دەۋەت قىلدىم. لېكىن، ئۇنىڭ ھازىر ھېچ بارغۇسى يوق. كېيىن پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە بارىدۇ.

ئاخىرقى سۆزلەر

13قېرىنداشلار، ئېتىقاد يولىدا ھوشيار بولۇڭلار، ئېتىقادىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، مەردانە ۋە قەيسەر بولۇڭلار. 14ھەممە ئىشنى مېھىر-مۇھەببەت بىلەن قىلىڭلار.

15-16يۇنان ئۆلكىسىدىكى ئەڭ دەسلەپتە ئېتىقاد قىلغان ئىستىپاناس ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى ئېتىقادچىلارنىڭ خىزمىتىگە چىن دىلى بىلەن ئاتىغانلىقىنى بىلىسىلەر. قېرىنداشلار، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە رەببىمىزگە خىزمەت قىلىۋاتقانلارنىڭ سۆزلىرىگە كىرىڭلار.

17يېنىڭلاردىن ئىستىپاناس، فورتۇنات ۋە ئاخايىكنىڭ بۇ يەرگە مېنى يوقلاپ كەلگەنلىكىگە ناھايىتى خۇش بولدۇم. چۈنكى، ھازىر سىلەر مەن بىلەن بىللە بولالمىغىنىڭلار ئۈچۈن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئورنۇڭلاردا ماڭا ياردەم قىلدى. 18ئۇلار سىلەرنى روھلاندۇرغاندەك، مېنىڭ قەلبىمنىمۇ روھلاندۇردى. بۇنداق كىشىلەرنى قەدىرلەڭلار.

19بۇ يەردىكى، يەنى ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى جامائەتچىلىكلەردىن سىلەرگە سالام. ئاكۋىلا بىلەن ئايالى پرىسكىلا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدە جەم بولىدىغان جامائەتچىلىك سىلەرگە رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن سەمىمىي سالام يوللىدى. 20بۇ يەردىكى بارلىق قېرىنداشلار سىلەرگە سالام ئېيتتى. بىر-بىرىڭلار بىلەن مېھرىبانلارچە سالاملىشىڭلار.

21مانا ھازىر بۇ ئاخىرقى سالاملارنى مەنكى پاۋلۇس ئۆز قولۇم بىلەن يېزىۋاتىمەن.

22رەببىمىزنى سۆيمىگەنلەرگە لەنەت بولسۇن. ئى رەببىمىز، كەلگەيسەن!

23رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي. 24ھەممىمىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، سىلەرنى چىن دىلىمدىن سۆيىمەن، ئامىن!