«يۇھاننا يازغان ئىككىنچى خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

مۇئەللىپ بۇ خېتىنى «خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان خانىمغا ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىگە»، يەنى مەلۇم بىر ھەقىقىي ئېتىقادچى خانىمغا ياكى مەلۇم بىر ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان. ئۇ بۇ خېتىدە ئېتىقادچىلارنى بىر-بىرىگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشكە، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى تەلىملەردە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسان تېنىدە كەلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە چاقىرغان. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ شۇ ئېتىقادچىلار بىلەن تېزرەك كۆرۈشۈش ئارزۇسىنى ئىپادىلەش بىلەن خېتىنى تاماملىغان.

تېزىس:

1. سالام (1-ئايەتتىن 3-ئايەتكىچە)

2. مېھىر-مۇھەببەتلىك ھايات (4-ئايەتتىن 6-ئايەتكىچە)

3. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنى رەت قىلىش (7-ئايەتتىن 11-ئايەتكىچە)

4. ئاخىرقى سۆز (12-، 13-ئايەتلەر)