«يەھۇدا يازغان خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنىسى يەھۇدادۇر.

بۇ خەت پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت بىلەن مەزمۇن جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ، مۇئەللىپنىڭ بۇ خەتنى يېزىشىدىكى مەقسىتى ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەپ ئاتىۋالغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ئاگاھلاندۇرۇشتۇر.

مۇئەللىپنىڭ بۇ خەتنى قەيەردىكى ئېتىقادچىلارغا يازغانلىقى ئېنىق ئەمەس. بىراق، خەتنىڭ مەزمۇنى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىنىڭ ئارىسىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ساختا تەلىم بەرگۈچىلەردىن ھەزەر ئەيلەشكە، ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ تەلىملىرىگە قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ يەنە ئېتىقادچىلارنى ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇشقا ھەمدە ئېتىقادىدا تەۋرەنگۈچىلەرگە ياردەم بېرىشكە ئۈندىگەن.

تېزىس:

1. سالام (1-ئايەتتىن 2-ئايەتكىچە)

2. ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر ھەققىدە (3-ئايەتتىن 16-ئايەتكىچە)

3. ئاگاھلاندۇرۇش ۋە تاپىلاش (17-ئايەتتىن 23-ئايەتكىچە)

4. خۇداغا مەدھىيىلەر (24-ئايەتتىن 25-ئايەتكىچە)