«نەزمىلەر شاھى»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«نەزمىلەر شاھى» قىز بىلەن يىگىتنىڭ بىر-بىرىگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىنى شېئىرىي ئۇسلۇب بىلەن ئەكىس ئەتتۈرگەن لىرىك داستاندۇر.

سۇلايمان پادىشاھ جەمئىي بىر مىڭ بەش پارچە شېئىر-نەزمە يازغان بولۇپ، ئۇ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۇشبۇ ئەسىرىنى «نەزمىلەر شاھى» دەپ ئاتىغان.

«نەزمىلەر شاھى» ئالتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان، لېكىن ئۇنىڭدىكى ۋەقەلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بايان قىلىنمىغان بولۇشى مۇمكىن. ئوقۇرمەنلەرنىڭ «نەزمىلەر شاھى»نى ئوقۇپ چۈشىنىشىگە ئاسان بولۇشى ئۈچۈن تەرجىمانلار شېئىردىكى «يىگىت»، «قىز» ۋە «يېرۇسالېم قىزلىرى» قاتارلىق ئاتالغۇلارنى ئىبرانىي تىلىنىڭ گرامماتىكىلىق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن سۆزلۈگۈچىنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوشۇپ قويغان.


تېزىس:

1. بىرىنچى بۆلەك (1-باب 1-ئايەتتىن 2-باب 7-ئايەتكىچە)

2. ئىككىنچى بۆلەك (2-باب 8-ئايەتتىن 3-باب 5-ئايەتكىچە)

3. ئۈچىنچى بۆلەك (3-باب 6-ئايەتتىن 5-باب 1-ئايەتكىچە)

4. تۆتىنچى بۆلەك (5-باب 2-ئايەتتىن 6-باب 3-ئايەتكىچە)

5. بەشىنچى بۆلەك (6-باب 4-ئايەتتىن 8-باب 4-ئايەتكىچە)

6. ئالتىنچى بۆلەك (8-باب 5-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە)