«لاۋىيلار»

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

«لاۋىيلار»دىكى ۋەقەلەر ئىسرائىل خەلقى مىسىردىن چىقىپ، بىر يىلدىن كېيىن، يەنى سىناي تېغىنىڭ ئېتىكىدە تۇرغان ۋاقتىدا يۈز بېرىدۇ. لاۋىي ئەسلى ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسىنىڭ بىرىنىڭ نامى بولۇپ، ئۇلارنى خۇدا ئىبادەت چېدىرى، يەنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تاللايدۇ. روھانىيلار لاۋىي قەبىلىسىدىن تاللىنىدىغان بولۇپ، باش روھانىي ھارۇننىڭ جەمەتى ئىبادەت چېدىرىدا روھانىيلىق خىزمىتىنى قىلىشقا بېكىتىلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە روھانىيلارغا ۋە ئىسرائىل خەلقىگە قۇربانلىق قىلىش، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش، ھالال ۋە ھارام يېمەكلىكلەر، پاكلىنىش قائىدىلىرى، گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى، ھېيت-بايرام، دەم ئېلىش كۈنى ۋە قۇت يىلى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزۈشنى ئەمر قىلىدۇ.

«لاۋىيلار»دىكى ئەڭ مۇھىم ئۇچۇر خۇدانىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلدۈرۈشتۇر. پەرۋەردىگار «لاۋىيلار»دا ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، شۇڭا خەلقنىڭ پاك بولۇشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىدۇ. «لاۋىيلار»دا يەنە گۇناھ قىلغان كىشىلەر قۇربانلىق قىلىش ئارقىلىقلا پەرۋەردىگارنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە ئېرىشىپ، كەچۈرۈمگە ئىگە بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

تېزىس:

1. قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەر (1-بابتىن 7-بابقىچە)
2. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىشى ۋە خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى (8-بابتىن 10-بابقىچە)
3. ھالال ۋە ھارام يېمەكلىكلەر ھەمدە پاكلىق ۋە ناپاكلىق (11-بابتىن 15-بابقىچە)
4. گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى (16-باب)
5. مەنئى قىلىنغان ئىشلار، جازالار ۋە پاك ياشاش توغرىسىدا (17-بابتىن 20-بابقىچە)
6. روھانىيلار توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر (21-، 22-بابلار)
7. دەم ئېلىش كۈنى، ھېيتلار ۋە قۇت يىلى (23-بابتىن 25-بابقىچە)
8. ئىتائەتمەنلەر ئېرىشىدىغان بەخت ۋە ئىتائەتسىزلەرگە بېرىلىدىغان جازا (26-باب)
9. قوشۇمچە: ئادەم ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىشى (27-باب)