«كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ، ئەلچى پاۋلۇسنىڭ ئەفەس شەھىرىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان كىچىك بىر شەھەر كولوسىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يازغان خېتىدۇر. گەرچە پاۋلۇس بۇ يەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى ئۆزى قۇرۇپ چىقمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بۇرۇن ئەفەس شەھىرىدىن ئۇ يەرگە خىزمەتچىلەرنى ئەۋەتكەن بولغاچقا، بۇ جامائەتچىلىككە نىسبەتەن چوڭ مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان. شۇڭا بۇ جامائەتچىلىكتە ساختا تەلىم بەرگۈچىلەرنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، بۇ خەتنى ئۇلارغا يازغان.

ساختا تەلىم بەرگۈچىلەر روھىي كۈچلەر دۇنياسىدىكى ھۆكۈمرانلار ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ تەسىرىدىن توقۇپ چىققان تەلىملەرنى تەرغىب قىلغان. ئۇلار يەنە خەتنە قىلىشقا ئوخشاش ئالاھىدە ئۆرپ-ئادەتلەرگە، شۇنداقلا يېمەك-ئىچمەك ۋە باشقا تەرەپلەردىكى بىر قىسىم قائىدىلەرگە رئىايە قىلىشتا قاتتىق تۇرغان.

پاۋلۇس بۇ خەتتە ئەيسا مەسىھنى ناھايىتى تەپسىلىي، ئېنىق چۈشەندۈرۈش بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىنى، تولۇق قۇتقۇزۇلۇشقا پەقەتلا ئۇ ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى، ئېتىقادچىلار ئۇنىڭغا باغلىنىپ، ئۇنىڭ مۇكەممەللىكىدىن تولۇقلىنىپ تۇرغاچقا ئۇلارنىڭ بۇنداق قائىدىلەرگە موھتاج ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ، بۇ خىل تەلىملەرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان. پاۋلۇس يەنە بۇ ھەقىقىي تەلىمنىڭ ئېتىقادچىلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن.

تېزىس:

1. دۇئايىسالام (1-باب 1-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە)

2. ئەيسا مەسىھنىڭ ئۈستۈنلۈكى ۋە خىزمىتى (1-باب 15-ئايەتتىن 2-باب 19-ئايەتكىچە)

3. ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھايات (2-باب 20-ئايەتتىن 4-باب 6-ئايەتكىچە)

4. ئاخىرقى سالام (4-باب 7-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)