«ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتتە مۇئەللىپ ئۆزى ھەققىدە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. بىراق، خەتتىكى خاتىرىلەردىن ئۇنىڭ تەۋرات قانۇنىنى ياخشى بىلىدىغان يەھۇدىي، ھەم ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدە نوپۇزلۇق ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.

مۇئەللىپ ئۇشبۇ خەتنى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىدىن بوشىشىپ، يەھۇدىي دىنىي ئېتىقادىغا قايتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنى ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادتا ئاخىرغىچە چىڭ تۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش ئۈچۈن يازغان.

مۇئەللىپ خېتىدە ئەيسا مەسىھنىڭ پەرىشتىلەر، بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلارنىڭ ھەممىسىدىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن مەڭگۈلۈك باش روھانىي ئىكەنلىكىنى ھەمدە باش روھانىي سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى قۇربان قىلىش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنى يۇيۇپ، ئۇلارنى مەڭگۈگە قۇتقۇزىدىغان بىر قېتىملىق قۇربانلىق بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. مۇئەللىپ يەنە كونا ئەھدە بويىچە قىلىنغان قۇربانلىقلارنىڭ ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىنىڭ كۆلەڭگىسى بولغاچقا ئېتىقادچىلارنىڭ گۇناھلار ئۈچۈن داۋاملىق قۇربانلىق قىلىشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيىتى قالمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇلارنىڭ يېڭى ئەھدىنىڭ ۋاسىتىچىسى بولغان ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش يولىنى تاشلاش بىلەن ھەرگىزمۇ قۇتقۇزۇلالمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. مۇئەللىپ ئاخىرىدا ئۇلارغا خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان ھايات كەچۈرۈش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن.

تېزىس:

1. ئەيسا مەسىھنىڭ پەرىشتىلەردىن ئۈستۈنلۈكى (1-، 2-بابلار)

2. ئەيسا مەسىھنىڭ مۇسا ۋە يەشۇدىن ئۈستۈنلۈكى (3-بابتىن 4-باب 13-ئايەتكىچە)

3. ئەيسا مەسىھنىڭ باش روھانىيلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى (4-باب 14-ئايەتتىن 7-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

4. يېڭى ئەھدىنىڭ ئۈستۈنلۈكى (8-، 9-بابلار)

5. ئەيسا مەسىھنىڭ قۇربانلىقىنىڭ ئۈستۈنلۈكى (10-باب)

6. ئېتىقادنىڭ مۇھىملىقى (11-، 12-بابلار)

7. خۇدانى خۇرسەن قىلىش (13-باب 1-ئايەتتىن 19-ئايەتكىچە)

8. تىلەك ۋە ئاخىرقى سۆزلەر (13-باب 20-ئايەتتىن 25-ئايەتكىچە)