«فىلىمۇنغا يېزىلغان خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇس بولۇپ، ئۇ بۇ خەتنى كولوسىلىقلارغا يازغان خېتى بىلەن ئاساسەن بىر ۋاقىتتا يازغان بولۇپ، ئۇنى كولوسى شەھىرىدە تۇرىدىغان ئېتىقادچى فىلىمۇنغا شۇ يەرگە ماڭىدىغانلار ئارقىلىق ئەۋەتكەن.

فىلىمۇننىڭ ئونېسىمۇس ئىسىملىك بىر قۇلى ئۇنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، قېچىپ كېتىپ، تۈرمىدە تۇرۇۋاتقان پاۋلۇس بىلەن تونۇشۇپ قالغان ھەم ئۇ ئارقىلىق ئېتىقادچى بولغان. پاۋلۇس ئونېسىمۇسنى بۇ خەت بىلەن بىللە فىلىمۇننىڭ يېنىغا قايتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن ئونېسىمۇسنى كەچۈرۈشنى ۋە ئۇنىڭغا ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىشنى سورىغان.

تېزىس:

1. سالام (1-ئايەتتىن 3-ئايەتكىچە)

2. فىلىمۇننى ماختاش (4-ئايەتتىن 7-ئايەتكىچە)

3. ئونېسىمۇس ئۈچۈن ئۆتۈنۈش (8-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە)

4. ئاخىرقى سۆز (23-ئايەتتىن 25-ئايەتكىچە)