چۆلدە

1

ئىسرائىللارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

1‏ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 1-كۈنى،*پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدىكى ئۇچرىشىش چېدىرىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:
3-2_ ھارۇن ئىككىڭلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ سانىنى ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئېلىڭلار ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرى تەۋە بولغان قوشۇنلىرى بويىچە رويخەتكە پۈتۈڭلار.4ھەر قەبىلىدىن بىر جەمەت باشلىقى سىلەرگە ياردەمدە بولسۇن.5تۆۋەندىكىلەر سىلەرگە ياردەم بېرىدىغانلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:

رۇبېن قەبىلىسىدىن شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر،

6شىمون قەبىلىسىدىن زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل،

7يەھۇدا قەبىلىسىدىن ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون،

8ئىسساكار قەبىلىسىدىن زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل،

9زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب،

10يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما،

يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل،

11بىنيامىن قەبىلىسىدىن گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان،

12دان قەبىلىسىدىن ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر،

13ئاشېر قەبىلىسىدىن ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل،

14گاد قەبىلىسىدىن دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف،

15نافتالى قەبىلىسىدىن ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا.

16بۇلار جامائەت ئارىسىدىن تاللانغانلار بولۇپ، قەبىلە باشلىقلىرى ھەم ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى ئىدى.
17مۇسا بىلەن ھارۇن تاللانغان بۇ ئەرلەرگە چاقىرىق قىلىپ،18شۇ كۈنى پۈتۈن جامائەتنى بىر يەرگە يىغدى ۋە پۈتكۈل خەلقنى ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالدۇردى. يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكىلەرنى بىر-بىرلەپ تىزىمغا ئالدۇردى.19پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، مۇسا سىناي چۆلىدە خەلقنى رويخەتكە ئالدى.
21-20 ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن 46,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
23-22 شىمون قەبىلىسىدىن 59,300 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
25-24 گاد قەبىلىسىدىن 45,650 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
27-26 يەھۇدا قەبىلىسىدىن 74,600 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
29-28 ئىسساكار قەبىلىسىدىن 54,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
31-30 زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 57,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
33-32 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن 40,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
35-34 يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن 32,200 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
37-36 بىنيامىن قەبىلىسىدىن 35,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
39-38 دان قەبىلىسىدىن 62,700 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
41-40 ئاشېر قەبىلىسىدىن 41,500 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
43-42 نافتالى قەبىلىسىدىن 53,400 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
44يۇقىرىقىلار مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلە باشلىقلىرى ئۆز قەبىلىلىرى بويىچە رويخەتكە ئالغان ئادەملەرنىڭ سانىدۇر.45يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ياراملىق ئەرلىرىنىڭ ھەممىسى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدۇرۇلغان بولۇپ،46جەمئىي 603,550 ئادەم ئىدى.

لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئالاھىدە مەرتىۋىسى

47لاۋىي قەبىلىسىدىكىلەر باشقا قەبىلىدىكىلەر بىلەن بىرگە رويخەتكە ئېلىنمىدى.48چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى:49«لاۋىي قەبىلىسىنى باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرگە رويخەتكە ئالما.50ئۇلارنى ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن جاھازلىرىنى، شۇنداقلا ئىچىدىكى نەرسىلەرنى باشقۇرۇشقا قوي. ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرىنى توشۇش ھەم قوغداش خىزمىتىنى قىلسۇن. ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن.51ھەر قېتىم ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەشكە توغرا كەلگەندە، لاۋىيلار ئۇنى چۇۋۇپ، قۇرماقچى بولغان يەرگە ئاپىرىپ تىكسۇن. ئەگەر لاۋىيلاردىن باشقا بىرەرى ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.52قالغان بارلىق ئىسرائىللار ئۆز قوشۇنلىرىنىڭ تۇغى ئاستىدا توپ-توپى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكسۇن.53لاۋىيلار چېدىرلىرىنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا تىكسۇن. شۇنداق قىلغاندا ئۇلار چېدىرىدا قاراۋۇللۇق قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئەھدە چېدىرىغا يېقىن بېرىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئىسرائىللارنى خۇدانىڭ غەزىپىگە قېلىشتىن ساقلاپ قالالايدۇ.»
54ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان بارلىق ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.


*1: 1 2-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


2

قەبىلىلەرنىڭ قارارگاھتىكى ئورنى

1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئەتراپىغا مەلۇم ئارىلىق تاشلاپ، ئۆز قەبىلىسىنىڭ قوشۇنلىرىنى يېتەكلەيدىغان قەبىلىنىڭ تۇغى ۋە جەمەت بەلگىسىنىڭ ئاستىغا تىكسۇن.3يەھۇدا قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنچىقىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە شۇ يەرگە تىكسۇن. يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوندۇر.4ئۇنىڭ 74,600 ئادىمى بار.5يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئىسساكار قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلدۇر.6ئۇنىڭ 54,400 ئادىمى بار.7يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە زەبۇلۇن قەبىلىسى بولۇپ، باشلىقى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابدۇر.8ئۇنىڭ 57,400 ئادىمى بار.9يەھۇدا قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 186,400 بولۇپ، ئۇلار ئالدىنقى سەپتە ماڭسۇن.
10رۇبېن قوشۇنلىرى تۇغىنى جەنۇب تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. رۇبېن قەبىلىسىنىڭ باشلىقى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇردۇر.11ئۇنىڭ 46,500 ئادىمى بار.12رۇبېن قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە شىمون قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلدۇر.13ئۇنىڭ 59,300 ئادىمى بار.14رۇبېن قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە گاد قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافتۇر،15ئۇنىڭ 45,650 ئادىمى بار.16رۇبېن قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 151,450 بولۇپ، ئۇلار ئىككىنچى سەپتە ماڭسۇن.
17ئالدىنقى ئىككى قوشۇن بىلەن كېيىنكى ئىككى قوشۇن ئوتتۇرىسىدا لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىنى ئېلىپ ماڭسۇن. بارلىق قەبىلە ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇرغاندەك ئۆز ئورۇنلىرىدا ماڭسۇن.
18ئەفرايىم قوشۇنلىرى تۇغىنى كۈنپېتىش تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامادۇر.19ئۇنىڭ 40,500 ئادىمى بار.20ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ماناسسە قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلدۇر.21ئۇنىڭ 32,200 ئادىمى بار.22ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە بىنيامىن قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداندۇر.23ئۇنىڭ 35,400 ئادىمى بار.24ئەفرايىم قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 108,100 بولۇپ، ئۇلار ئۈچىنچى سەپتە ماڭسۇن.
25دان قوشۇنلىرى تۇغىنى شىمال تەرەپكە قاداپ، چېدىرلىرىنى قوشۇن تەرتىپى بويىچە تىكسۇن. دان قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەردۇر.26ئۇنىڭ 62,700 ئادىمى بار.27دان قەبىلىسىنىڭ بىر تەرىپىدە ئاشېر قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلدۇر.28ئۇنىڭ 41,500 ئادىمى بار.29دان قەبىلىسىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە نافتالى قەبىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭ باشلىقى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرادۇر.30ئۇنىڭ 53,400 ئادىمى بار.31دان قەبىلىسى يېتەكلەيدىغان قوشۇنلارنىڭ ئومۇمىي سانى 157,600 بولۇپ، ئۇلار ئۆز تۇغلىرىنى كۆتۈرۈپ، پۈتۈن سەپنىڭ كەينىدە ماڭسۇن.
32بۇلار جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغان ئىسرائىللار بولۇپ، ھەرقايسى قارارگاھتىكى رويخەتكە ئېلىنغان لەشكەرلىرىنىڭ سانى 603,550كە يەتكەنىدى.33لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئارىسىدا لاۋىيلار رويخەتكە ئېلىنمىدى.34ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ئۇلار ئۆز تۇغى ئاستىدا قارارگاھ قۇردى، ھەرقايسىسى ئۆز ئۇرۇق-جەمەتلىرى بىلەن يولغا چىقتى.

3

لاۋىيلارنىڭ روھانىيلارغا خىزمەت قىلىشى

1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا بىلەن سۆزلەشكەن ۋاقىتتا، ھارۇن ۋە مۇسانىڭ تۆۋەندىكىدەك ئوغۇللىرى بار ئىدى.2ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى: تۇنجى ئوغۇل ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار.3ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەنىدى.4لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ خۇداغا بويسۇنماي، سىناي چۆلىدە ئۇچرىشىش چېدىرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئەكىرگەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۆلدى، ئۇلاردىن پەرزەنت قالمىغانىدى. شۇڭا ئەلئازار بىلەن ئىتامار ئاتىسى ھارۇننىڭ قېشىدا روھانىيلىق قىلاتتى.
5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
6_ سەن لاۋىي قەبىلىسىنى روھانىي ھارۇننىڭ ئالدىغا باشلاپ كېلىپ، ئۇلارنى ئۇنىڭ خىزمىتىگە سالغىن.7لاۋىيلار ھارۇننىڭ ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىشلىرىنى قىلسۇن.8ئۇلار باشقا ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى قىلىپ، ئۇنىڭ پۈتۈن نەرسە-كېرەكلىرىگە مەسئۇل بولسۇن.9سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇرۇپ بەرگىن. ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان لاۋىيلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەمدە بولۇشقا مەخسۇس تەيىنلەنسۇن.10سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە قويغىن. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشسا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
11پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
13-12 _ لاۋىيلار ئەمدى ماڭا تەئەللۇق بولىدۇ. مەن مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆلتۈرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە ماللىرىنىڭ تۇنجىسىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم. ئەمدى مەن ئىسرائىل خەلقىدىن لاۋىيلارنى تاللاپ، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلىمەن. لاۋىيلار ماڭا تەئەللۇقتۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!

لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

14پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى:
15_ لاۋىيلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ بارلىق ئەرلىرىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.
16مۇسا ئۇلارنى رويخەتكە ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.17لاۋىينىڭ ئوغۇللىرى: گېرشون، قوھات ۋە مىرارى.18گېرشوننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى لىبنى ۋە شىمئى ئىدى.19قوھاتنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېل ئىدى.20مىرارىنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ جەمەت ناملىرىغا ئايلانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلى ۋە مۇشى ئىدى. يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى جەمەتلەر ئىدى.
21گېرشونلاردىن لىبنى ۋە شىمئىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ،22ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 7500 ئادەم ئىدى.23گېرشون جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ كەينىگە، يەنى كۈنپېتىش تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى.24ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى لائېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئىدى.25ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارغا، چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە،26ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلارغا، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىدىكى پەردىگە ۋە ئۇنىڭ تانىلىرىغا ھەم ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
27قوھاتلاردىن ئامرام، يىزھار، ھىبرون ۋە ئۇززىئېلدىن ئىبارەت تۆت جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ،28بۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 8600 ئادەم ئىدى. قوھات جەمەتى مۇقەددەس جابدۇقلارغا مەسئۇل ئىدى.29بۇ جەمەت ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى جەنۇب تەرەپكە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى.30ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئۇززىئېلنىڭ ئوغلى ئەلىزافان ئىدى.31ئۇلار ئەھدە ساندۇقى، شىرە، چىراغدان، قۇربانلىق سۇپىسى، ئىسرىقدان، مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان جابدۇقلار ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ئىشىكتىكى پەردىگە ۋە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
32روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار لاۋىيلارنىڭ باش يېتەكچىسى بولۇپ، مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلارنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل ئىدى.
33مىرارىلاردىن ماخلى ۋە مۇشىدىن ئىبارەت ئىككى جەمەت كېلىپ چىققان بولۇپ،34ئۇلارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ رويخەتكە ئېلىنغان ئەرلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى 6200 ئادەم ئىدى.35مىرارى جەمەتى ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېنىغا، يەنى شىمالىي تەرىپىگە ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلارنىڭ جەمەت باشلىقى ئابىخايىلنىڭ ئوغلى زۇرىئېل ئىدى.37-36 ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى ۋە ئۇلارغا مۇناسىۋەتلىك سايمانلارغا، شۇنداقلا ھويلىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى ۋە تانىلىرىغا ھەمدە شۇلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل ئىدى.
38ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى كۈنچىقىش تەرىپىگە مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئورۇنلىشىشى شەرت ئىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارنى باشقۇراتتى. ئەگەر روھانىيلاردىن باشقا ئادەملەر مۇقەددەس جايغا يېقىنلاشسا ئۆلتۈرۈلەتتى.39مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن جەمەتلەر بويىچە بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلاردىن تارتىپ رويخەتكە ئالغان لاۋىي ئەرلىرىنىڭ سانى جەمئىي 22,000 ئادەم ئىدى.

تۇنجى ئوغۇللارنىڭ پەرۋەردىگارغا تەئەللۇق بولۇشى

40‏ پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىسىملىرى بويىچە رويخەتكە ئالغىن.
41لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن! ئۇلارنىڭ چارۋا ماللىرىنى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن.
43-42 مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ بىر ئايلىق بولغان ئوغۇل بوۋاقلىرىدىن تارتىپ تۇنجى ئوغۇللىرىنى رويخەتكە ئالدى. ئۇلارنىڭ سانى جەمئىي 22,273 ئادەم بولدى.
44پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:
45_ ئەمدى سەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا لاۋىيلارنى ماڭا تەئەللۇق قىلغىن ۋە لاۋىيلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىمۇ ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان چارۋا ماللىرىنىڭ ئورنىدا ماڭا تەئەللۇق قىلغىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن!46ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ سانى لاۋىيلارنىڭ سانىدىن 273 ئادەم ئارتۇق، شۇڭا ئارتۇقىغا تۆلەم تۆلىشىڭلار كېرەك.47ھەربىر كىشىگە بەش كۈمۈش تەڭگە تۆلىگىن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.48ئارتۇقىغا تۆلەنگەن بۇ كۈمۈشلەرنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەرگىن، _ دېدى.
50-49 مۇسا لاۋىيلارنىڭ سانىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ئۈچۈن مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە جەمئىي 16 كىلو 380 گىرام كۈمۈشنى51پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تاپشۇردى.

4

قوھات جەمەتى ۋە روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى

1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ لاۋىيلارنىڭ قوھات جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،3ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار.4قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر.
5چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن.6ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
7ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن.8ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە توق قىزىل رەڭلىك رەخت بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
9ئۇلار چىراغدان، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، پەتنۇس ۋە بارلىق زەيتۇن يېغى قاچىلانغان قاچىلارنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن يۆگەپ،10ئۈستىنى نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.
11ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.12مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا جابدۇقلارنى كۆك رەڭلىك رەختكە يۆگەپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.
13قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن.14ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.
15ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.
16روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار چىراغ يېغى، خۇشبۇي ئىسرىق، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەسى، مۇقەددەس ياغ ھەمدە پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە، جۈملىدىن چېدىرنىڭ جاھازلىرى ۋە جابدۇقلىرىغا مەسئۇل بولسۇن.
17پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
18‏ _ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار!19قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.20بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھاتلار قەتئىي كىرىپ كۆرمىسۇن! كىرسە، ئۆلىدۇ.

گېرشون ۋە مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى

21پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
22_ گېرشون جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،23ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن.24گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلىش بولسۇن.25ئۇلار ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارنى، كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردىنى،26ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلار، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردە ۋە تانىلارنى شۇنداقلا شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان-جابدۇقلارنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولسۇن ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلسۇن.27گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن.28مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن.
29مىرارى جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنىمۇ ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،30ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن.31ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى توشۇش بولۇپ، ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى،32ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن.33مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر.

شەرتكە توشقان لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

34مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،35ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى.36ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 2750 كىشى بولۇپ چىقتى.37قوھات جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن قوھات جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.
38ئۇلار گېرشون جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،39ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رويخەتكە ئالدى.40ئۇلارنىڭ سانى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە جەمئىي 2630 كىشى بولۇپ چىقتى.41گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن گېرشون جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.
42ئۇلار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ،43ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى.44ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 3200 كىشى بولۇپ چىقتى.45مىرارى جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىرارى جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.
46مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پۈتۈن لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدى.47لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە توشۇش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ سانى48جەمئىي 8580 كىشى بولۇپ چىقتى.49پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى.

5

ناپاك كىشىلەرنىڭ قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئېغىر تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما چىققانلار، جەسەتنى تۇتۇپ ناپاك بولغانلار،3مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، ھەممىسى قارارگاھتىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئاراڭلاردىكى مەن تۇرىدىغان بۇ قارارگاھ ئۇلارنىڭ سەۋەبىدىن بۇلغانمىسۇن.»
4ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىگە بىنائەن بۇنداق كىشىلەرنى قارارگاھتىن چىقىرىۋەتتى.

زىيان ئۈچۈن تۆلەم تۆلەش

5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
6_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلسا، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلغان بولىدۇ. ئۇ ئادەم گۇناھكار بولىدۇ.7ئۇنداق ئادەم گۇناھىنى بوينىغا ئېلىپ، زىيان سالغان كىشىگە زىياننى تۆلەپ بەرسۇن. بۇنىڭ سىرتىدا يەنە زىياننىڭ بەشتىن بىر ئۈلۈشىنى قوشۇپ تۆلىشى كېرەك.8ئەگەر تۆلەم ئالغۇچى ۋاپات بولۇپ كېتىپ، يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۇ تۆلەمنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، روھانىيغا بەرسۇن. زىيان سالغۇچى گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىدىغان قوچقاردىن سىرت، تۆلەمنىمۇ قوشۇپ بەرسۇن.
9ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ، روھانىيلارغا بېرىدىغان بارلىق ھەدىيەلىرى روھانىيلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەنسۇپ بولىدۇ.10ھەربىر روھانىي ئۆزىگە ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەلەرنى ئۆزى قوبۇل قىلسۇن.»

ئايالنىڭ سادىقلىقىنى تەكشۈرۈش

11پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
12_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەگەر بىر ئايال يولدىن چىقىپ، ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ،13مەلۇم بىر ئەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە ھەمدە بۇ ئىشنى ئېرىدىن سىر تۇتسا، گەرچە ئۇ ئايال بۇلغانغان بولسىمۇ لېكىن بايقالمىغان بولسا، ھەمدە گۇۋاھچىسىمۇ بولمىسا،14ئەرنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ بۇزۇقچىلىق قىلغان ئايالىنى كۈنلىسە، ياكى ئايالى بۇزۇقچىلىق قىلمىغان تەقدىردىمۇ ئايالىنى كۈنلىسە،15ئەر ئايالىنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارسۇن. ئۇ يەنە ئايالى ئۈچۈن بىر كىلو ئارپا ئۇنىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە ئېلىپ بارسۇن. بۇ كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيە بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى قۇيمىسۇن، ئىسرىقنىمۇ سالمىسۇن.
16روھانىي ئۇ ئايالنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، تۇرغۇزسۇن.17ئاندىن ساپال قاچىغا ئازراق مۇقەددەس سۇ ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىبادەت چېدىرىنىڭ يېرىدىن ئازراق توپا ئېلىپ سالسۇن.18روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇ ئايالنىڭ چېچىنى چۇۋۇپ، كۈندەشلىكنى ھەم گۇناھنى ئاشكارىلاش ئۈچۈن ئېلىپ كېلىنگەن ھەدىيەنى ئايالنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويسۇن، شۇنداقلا روھانىي لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان زەرداب سۈيىنى قولىغا ئېلىپ تۇرسۇن.
19روھانىي ئۇ ئايالغا قەسەم ئىچكۈزۈپ، مۇنداق دېسۇن: ‹ئەگەر سەن بىرەر ئەر بىلەن ياتمىغان، ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولساڭ، لەنەت ياغدۇرىدىغان بۇ زەرداب سۇنىڭ زەھەرلىشىدىن خالاس بولىسەن.20ئەگەر سەن ئېرىڭنىڭ ئەمرىدە تۇرۇپ، يولدىن چىقىپ، باشقا ئەر بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭنى بۇلغىغان بولساڭ،21(ئۇ ۋاقىتتا روھانىي ئايالغا قەسەم ئىچكۈزىدۇ) پەرۋەردىگار بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋېتىپ، قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، سېنى خەلقىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى قىلسۇن.22بۇ سۇ ئىچىڭگە كىرىپ، ساڭا لەنەت ئېلىپ كەلسۇن ھەمدە قورسىقىڭنى كۆپتۈرۈپ، بالىياتقۇڭنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.› كېيىن ئۇ ئايال ‹ئامىن، ئامىن› دېسۇن.
23روھانىي بۇ لەنەت سۆزلىرىنى تېرىگە يازسۇن، ئاندىن ئۇنى زەرداب سۈيىدە يۇيسۇن.24روھانىي ئۇ ئايالغا لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ زەرداب سۈيىنى ئىچكۈزسۇن. سۇ ئايالنىڭ قورسىقىغا كىرگەندە، ئەگەر ئايال گۇناھكار بولسا، سۇ ئۇنىڭغا ئېغىر ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.25روھانىي ئايالنىڭ قولىدىكى كۈندەشلىكنى ئاشكارىلايدىغان ھەدىيەنى ئېلىپ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا ئېلىپ كەلسۇن.26روھانىي ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر سىقىم ئېلىپ، ئۇنى نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. كېيىن زەرداب سۈيىنى ئايالغا ئىچكۈزسۇن.27روھانىي بۇ سۇنى ئىچكۈزگەندە، ئەگەر ئۇ ئايال ھەقىقەتەن ئېرىگە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان بولسا، لەنەت ئېلىپ كېلىدىغان بۇ سۇ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇنى جەبىر-زۇلۇمغا سالىدۇ. قورسىقى كۆپۈپ، بالىياتقۇسى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئۇ ئايال خەلقىنىڭ ئالدىدا لەنەتكە قالغانلارنىڭ مىسالى بولىدۇ.28ئەگەر ئۇ ئايال بۇزۇقچىلىق قىلمىغان بولۇپ، پاك بولسا، ھېچقانداق زىيانغا ئۇچرىمايدۇ ھەمدە پەرزەنت كۆرەلەيدۇ.
30-29 مانا بۇ، بىر ئايالنىڭ ئېرىنىڭ ئەمرىدە تۇرۇقلۇق يولدىن چىقىپ، بۇزۇقچىلىق قىلغان ياكى ئېرىنىڭ كۈندەشلىكى تۇتۇپ، ئايالىنى كۈنلىگەن چاغدىكى گۇمانلىق ئىشلارنى ھەل قىلىشتا ئاساسلىنىدىغان قانۇندۇر. شۇنداق ئەھۋال يۈز بەرسە، ئەر ئايالىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي بۇ قانۇننى تولۇق ئىجرا قىلسۇن.31مۇنداق بولغاندا ئەر گۇناھتىن خالىي بولىدۇ. ئايال گۇناھكار بولسا، خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچرايدۇ.»

6

پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلاش

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن ئەگەر قەسەم ئىچىپ، ئۆزىنى مەلۇم مۇددەتكىچە مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىماقچى بولسا،3ئۆزىنى مەي ۋە شارابتىن نېرى قىلسۇن. ئۈزۈم ياكى باشقا نەرسىلەردىن ئېچىتىلغان ئىچىملىكلەرنى ئاغزىغا ئالمىسۇن، ئۈزۈم شەربىتىنى ئىچمىسۇن ھەمدە ئۈزۈم ۋە كىشمىشنى يېمىسۇن.4ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە ئۈزۈمدىن ياسالغان يېمەكلىكلەرنى، ھەتتا ئۈزۈم ئۇرۇقى ۋە پوستىنىمۇ يېمىسۇن.5ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە بېشىغا ئۇستىرا تەگكۈزمىسۇن. ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان كۈنلەرنىڭ مۇددىتى توشقۇچە، چېچىنى ئۇزۇن ئۆستۈرۈپ يۈرسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغاندۇر.6ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كۈنلەردە جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن.7ھەتتا ئاتا-ئانىسى ياكى ئەر ۋە ئايال قېرىنداشلىرى تۈگەپ كەتسىمۇ، ئۇلارغا تېگىپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. ئۇنىڭ چېچى، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.8ئۇ ئۆزىنى بېغىشلىغان كۈنلەردە، مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتالغان بولىدۇ.
9ئەگەر بىرى ئۇنىڭ يېنىدا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتسە، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ ئۆستۈرگەن چېچى بۇلغانغان بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى پاكلاش ئۈچۈن يەتتە كۈندىن كېيىن چېچىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن.10سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا بەرسۇن.11روھانىي ئۇنى ئۆلۈككە يېقىنلاشقانلىق گۇناھىدىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇ شۇ كۈننىڭ ئۆزىدە چېچىنى قايتىدىن مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىسۇن12ھەمدە مەن پەرۋەردىگارغا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىشىنى قايتىدىن باشلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە ئاتىغان كۈنلىرى بۇلغانغانلىقى ئۈچۈن، ئالدىنقى كۈنلىرى ئىناۋەتسىز بولسۇن. ئۇ بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاننى ئەيىب قۇربانلىقىغا ئېلىپ كەلسۇن.»

ئالاھىدە بېغىشلاش مۇددىتىنىڭ ئاخىرلىشىشى

13«ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر مۇددەت ئىچىدە ئالاھىدە بېغىشلاشقا قەسەم قىلغۇچىنىڭ مۇددىتى توشقاندا، ئۇ مۇنداق قانۇن بويىچە ئىش قىلسۇن: ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىنسۇن.14مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق ھەدىيەلەرنى ئېلىپ كەلسۇن: كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان، گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق، ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقار،15بىر سېۋەت پېتىر نان، يەنى سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ۋە يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن پېتىر نان ۋە ئۇلار بىلەن بىللە سۇنىدىغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى.
16روھانىي ئۇلارنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن17ھەمدە قوچقارنى پېتىر نان بىلەن ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. روھانىي يەنە ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسىنىمۇ سۇنسۇن.
18ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغان كىشى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ ئاستىدىكى ئوتقا تاشلىسۇن.
19ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى چېچىنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، روھانىي قوچقارنىڭ سۇدا پىشۇرۇلغان ئالدى پۇتىنى ۋە سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر پېتىر ناننى ئېلىپ، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىنىڭ قولىغا تەگكۈزسۇن.20روھانىي مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بۇ نەرسىلەرنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. بۇلارغا قوشۇپ يەنە، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە يوتا گۆشلىرى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارمۇ روھانىينىڭ ئۈلۈشىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى شاراب ئىچسە بولىدۇ.
21مانا بۇلار، ئۆزىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچىغا ئائىت قانۇندۇر. ئەگەر ئۆزىنى ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغۇچى، ئۆزىنى بېغىشلاش قەسىمىدىن باشقا، ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا قاراپ، ماڭا يەنە ھەدىيە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئۇ قىلغان قەسىمىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلسۇن.»

روھانىينىڭ دۇئاسى

22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
23_ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ بەخت تىلەڭلار:
24‹پەرۋەردىگار سىلەرگە بەخت ئاتا قىلغاي ۋە سىلەرنى قوغدىغاي!25پەرۋەردىگار سىلەرگە دىدارىنىڭ نۇرىنى چاچقاي26پەرۋەردىگار سىلەرگە ئۆز دىدارىنى كۆرسەتكەي

27ئۇلار ئىسرائىللار ئۈچۈن مېنىڭ نامىم بىلەن دۇئا قىلسا، مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.

7

قەبىلە باشلىقلىرى سۇنغان ھەدىيەلەر

1مۇسا ئىبادەت چېدىرىنى قۇرۇپ بولغان كۈنى، ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلەرگە، قۇربانلىق سۇپىسىغا ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق سايمانلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى مۇقەددەس قىلدى.2شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىل ئاقساقاللىرى، يەنى رويخەتكە ئېلىشقا مەسئۇل بولغان ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەدىيەلىرىنى سۇنۇشتى.3ئۇلار پەرۋەردىگارغا ئالتە ھارۋا، ئون ئىككى تۇياق ئۆكۈز ھەدىيە قىلغان بولۇپ، ھەربىر قەبىلە باشلىقى بىردىن ئۆكۈز، ھەر ئىككى قەبىلە باشلىقى بىرلىشىپ، بىردىن ھارۋىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشكەنىدى.
4پەرۋەردىگار مۇساغا:
5_ ئۇلار ئېلىپ كەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئالغىن. بۇ نەرسىلەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىشقا ئىشلىتىڭلار. لاۋىيلارنىڭ ئىش تەقسىماتىغا قاراپ، بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارغا بۆلۈپ بەرگىن، _ دېدى.
6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۋا ۋە ئۆكۈزلەرنى لاۋىيلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.8-7 ئۇ ئۇلارنىڭ قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە قاراپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى گېرشون ئەۋلادلىرىغا ئىككى ھارۋا بىلەن تۆت ئۆكۈزنى، مىرارى ئەۋلادلىرىغا تۆت ھارۋا بىلەن سەككىز ئۆكۈزنى بەردى.9بىراق قوھات ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى مۈرىسىدە كۆتۈرىدىغان بولغاچقا، مۇسا ئۇلارغا ھېچنېمە بەرمىدى.
10قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن، ئاقساقاللار بېغىشلاش ھەدىيەلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويدى.11چۈنكى پەرۋەردىگار مۇساغا: «ئۇلار قۇربانلىق سۇپىسىنى ماڭا بېغىشلاش ئۈچۈن ھەدىيەلىرىنى سۇنسۇن، ھەر كۈنى بىر ئاقساقال ئۆز ھەدىيەسىنى سۇنسۇن» دېگەنىدى.
12بىرىنچى كۈنى يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.13ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،14ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،15كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،16گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،17ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشوننىڭ ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
18ئىككىنچى كۈنى ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.19ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،20ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،21كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،22گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،23ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
24ئۈچىنچى كۈنى زەبۇلۇن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.25ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،26ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،27كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،28گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،29ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئابنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
30تۆتىنچى كۈنى رۇبېن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.31ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،32ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،33كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،34گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،35ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
36بەشىنچى كۈنى شىمون قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.37ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،38ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،39كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،40گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،41ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
42ئالتىنچى كۈنى گاد قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.43ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،44ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،45كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،46گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،47ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياسافنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
48يەتتىنچى كۈنى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.49ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،50ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،51كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،52گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،53ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشامانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
54سەككىزىنچى كۈنى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.55ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،56ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،57كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،58گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،59ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
60توققۇزىنچى كۈنى بىنيامىن قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.61ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،62ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،63كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،64گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،65ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىداننىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
66ئونىنچى كۈنى دان قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.67ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،68ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،69كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،70گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،71ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەرنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
72ئون بىرىنچى كۈنى ئاشېر قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.73ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،74ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،75كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،76گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،77ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېلنىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
78ئون ئىككىنچى كۈنى نافتالى قەبىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا ئۆز ھەدىيەسىنى سۇندى.79ئۇنىڭ سۇنغان ھەدىيەسى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر يېرىم كىلو ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش تاۋاق، 800 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر كۈمۈش قاچا (ھەر ئىككىلىسى ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن كەلتۈرۈلگەن سۈپەتلىك ئۇن بىلەن تولدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغانىدى)،80ئىسرىق تولدۇرۇلغان 115 گىرام ئېغىرلىقتىكى بىر ئالتۇن تەخسە،81كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە بىر ياشلىق بىر ئەركەك پاقلان،82گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە،83ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى بۇقا، بەش قوچقار، بەش تېكە ۋە بەش تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولۇپ، ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرانىڭ ھەدىيەسى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
84قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەن كۈنى، ئىسرائىل ئاقساقاللىرى قۇربانلىق سۇپىسىنى خۇداغا بېغىشلاش ئۈچۈن سۇنغان ھەدىيەلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى تۆۋەندىكىدەك: 12 كۈمۈش تاۋاق، 12 كۈمۈش قاچا، 12 ئالتۇن تەخسە.85مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە ھەربىر كۈمۈش تاۋاقنىڭ ئېغىرلىقى بىر يېرىم كىلو، ھەربىر كۈمۈش قاچىنىڭ ئېغىرلىقى 800 گىرام بولۇپ، بارلىق كۈمۈشنىڭ ئېغىرلىقى 27 كىلو 600 گىرام ئىدى.86ئىچىگە ئىسرىق تولدۇرۇلغان 12 ئالتۇن تەخسە، ھەربىر تەخسىنىڭ ئېغىرلىقى مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە 115 گىرام بولۇپ بارلىق تەخسىلەرنىڭ ئېغىرلىقى 1 كىلو 380 گىرام ئىدى.87كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن 12 بۇقا، 12 قوچقار، 12 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان ھەمدە قوشۇمچە ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن 12 تېكە سۇنۇلغانىدى.88ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن ماللار تۆۋەندىكىدەك: 24 بۇقا، 60 قوچقار، 60 تېكە، 60 تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان. قۇربانلىق سۇپىسىغا مۇقەددەس ياغ سۈركەلگەندىن كېيىن سۇنۇلغان بېغىشلاش ھەدىيەلىرى مانا شۇلاردىن ئىبارەت ئىدى.
89مۇسا پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلىشىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرگەندە، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «گۇناھتىن پاكلىنىش جايى»غا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىككى «كېرۇب»نىڭ ئوتتۇرىسىدىن چىقىۋاتقان پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار شۇ خىل ئۇسۇلدا مۇسا بىلەن سۆزلەشتى.

8

يەتتە چىراغنى ئورۇنلاشتۇرۇش

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ھارۇنغا ئېيتقىن: «ئۇ يەتتە چىراغنى چىراغدانغا ئورۇنلاشتۇرغاندا، چىراغلارنىڭ نۇرى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويسۇن».
3ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چىراغلارنى چىراغداننىڭ ئالدىنى يورۇتىدىغان قىلىپ قويدى.4پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا كۆرسەتكىنى بويىچە چىراغدان پۇتىدىن تارتىپ تاكى گۈللۈك نەقىشلىرىگىچە پۈتۈنلەي ئالتۇندىن سوقۇلغانىدى. مانا بۇ چىراغداننىڭ ياسىلىشىدۇر.

لاۋىيلارنىڭ پاكلىنىشى ۋە خۇداغا بېغىشلىنىشى

5پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
6_ لاۋىيلارنى ئىسرائىللاردىن ئايرىپ چىقىپ، ئۇلارنى پاكلىغىن.7لاۋىيلارنى مۇنداق ئۇسۇل بىلەن پاكلىغىن: ئۇلارغا پاكلىنىش سۈيىنى سەپكىن، ئاندىن ئۇلار ئۇستىرا بىلەن پۈتۈن بەدەنلىرىنى قىرىپ تازىلىسۇن. كىيىملىرىنى يۇيسۇن، شۇندىلا ئۇلار پاكلانغان بولىدۇ.8ئاندىن ئۇلار بىر تۇياق بۇقا ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىنىدىغان زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇن ئېلىپ كەلسۇن. سەن ئۆزۈڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن يەنە بىر تۇياق بۇقا ئېلىپ كەلگىن.9پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنى جەم قىلىپ، لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇم بولغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكەلگىن.10لاۋىيلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلگىنىڭدە، ئىسرائىللار قوللىرىنى لاۋىيلارنىڭ باشلىرىغا قويۇشسۇن.11ھارۇن لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالاھىدە ھەدىيەسى سۈپىتىدە مېنىڭ خىزمىتىمدە بولۇشى ئۈچۈن، ماڭا بېغىشلىسۇن.12لاۋىيلار ئىككى تۇياق بۇقىنىڭ باشلىرىغا قوللىرىنى قويۇشسۇن، ھارۇن ئۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ، لاۋىيلارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلسۇن.13سەن لاۋىيلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى بىلەن يۈزمۇيۈز قارىتىپ تۇرغۇزۇپ قويغىن. ھارۇن لاۋىيلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلىسۇن.14شۇنداق قىلىپ لاۋىيلارنى ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدىن ئايرىۋالغىن. شۇندىلا لاۋىيلار مېنىڭ بولىدۇ.15لاۋىيلار پاكلىنىپ، ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا بېغىشلانغاندىن كېيىن، ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلسا بولىدۇ.
16ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ماڭا پۈتۈنلەي ھەدىيە قىلىنغاندۇر. مەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىدا ئۆزۈمگە تەئەللۇق قىلدىم.17ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرى مەيلى ئىنسان ياكى چارۋا مال بولسۇن، ماڭا تەئەللۇقتۇر. چۈنكى مەن مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنى ھالاك قىلغان كۈنى، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق تۇنجىلىرىنى ئۆزۈمگە ئاتىغانىدىم.18مانا ئەمدى پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغان ئوغۇللىرىنىڭ ئورنىغا لاۋىيلارنى قويدۇم.19مەن لاۋىيلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن ئايرىپ چىقىپ، ھەدىيە سۈپىتىدە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەقدىم قىلدىم. ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەپ، خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلىشىپ قالسىمۇ، ئۇلارغا بالا-قازا كەلمەيدۇ.
20مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن خەلق پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلىپ، لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.21لاۋىيلار پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇلارنى ئالاھىدە ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، پاكلىدى.22ھەممە ئىشلار ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە لاۋىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، خىزمىتىنى باشلىدى. ئىسرائىل خەلقى پەرۋەردىگارنىڭ لاۋىيلار توغرىسىدا مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.
23پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
24_ لاۋىيلار ئارىسىدا مۇنداق قائىدە بولسۇن: لاۋىيلار 25 ياشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمەتكە قويۇلسۇن.2550 يېشىدا دەم ئېلىشقا چىقىپ، قايتا خىزمەت قىلمىسۇن.26ئەمما ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىۋاتقان باشقا لاۋىيلارغا ياردەم قىلسا بولىدۇ. لېكىن ئۆزى يالغۇز خىزمەت قىلسا بولمايدۇ. سەن لاۋىيلارنىڭ ۋەزىپىسىنى مانا شۇنداق بەلگىلەپ بەرگىن.

9

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قوشۇمچە بەلگىلىمىلىرى

1ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى، 1-ئايدا*پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە مۇساغا:
2_ ئىسرائىل خەلقى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆتكۈزسۇن.3مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، بارلىق بەلگىلىمە ۋە قائىدىلەر بويىچە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزسۇن، _ دېدى.
4شۇنىڭ بىلەن مۇسا خەلققە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشنى بۇيرۇدى.5‏ 1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ، ئۇلار سىناي چۆلىدە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنى خەلق بىر-بىرلەپ بەجا كەلتۈردى.
6بىراق بىرنەچچە كىشى جەسەتلەرنى تۇتۇپ، ناپاك بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزەلمىدى. ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئالدىغا بېرىپ:
7_ بىز جەسەت تۇتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ناپاك بولۇپ قالدۇق. شۇ سەۋەبتىن بىزنىڭ ئىسرائىل خەلقى بىلەن بىللە بەلگىلەنگەن كۈندە پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا رۇخسەت قىلىنمامدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.
8مۇسا ئۇلارغا:
_ مۇشۇ يەردە بىر ئاز كۈتۈپ تۇرۇڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە نېمە يوليورۇقى باركىن، ئاڭلاپ باقاي، _ دېدى.

9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئىچىدە جەسەتنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن ناپاك بولۇپ قالغانلار ياكى ئۇزۇن سەپەردە بولۇپ قالغانلار بولسا، ماڭا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزىۋەرسۇن.11بۇنداق كىشىلەر بىر ئايدىن كېيىن، يەنى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ھېيت قىلسۇن. ھېيتنىڭ قۇربانلىقىنى پېتىر نان ۋە ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات بىلەن يېسۇن.12ئېشىپ قالغان يېمەكلىكنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىمىسۇن. مالنىڭ ئۇستىخىنىنى سۇندۇرمىسۇن. ھېيتنى پۈتۈن قائىدە-يوسۇنلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن.13ئەگەر ھەرقانداق بىر كىشى پاك بولۇپ تۇرۇقلۇق ياكى ئۇزۇن سەپەرگە چىقمىغان تۇرۇقلۇق، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزمىسە، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ بەلگىلەنگەن كۈندە ماڭا قۇربانلىق قىلمىدى.14ئەگەر ئاراڭلاردىكى يات خەلقلەردىن بىركىم ھېيتنى ئۆتكۈزمەكچى بولسا، ئۇ ھېيتنى پۈتۈن بەلگىلىمىلىرى ۋە قائىدىلىرى بويىچە ئۆتكۈزسۇن. مەيلى ئىسرائىللار ياكى يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسىگە ئوخشاش بەلگىلىمىلەر قوللىنىلسۇن.

خەلقنى يېتەكلەيدىغان بۇلۇت

15ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن كۈنى بىر پارچە بۇلۇت ئۇنى قاپلاپ تۇردى. كەچتىن ئەتىگەنگىچە چېدىر ئۈستىدىكى بۇ بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى.16بۇ ئەھۋال داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇردى. كۈندۈزى چېدىرنى بۇلۇت قاپلىۋالاتتى، كېچىسى بۇلۇت خۇددى ئوتتەك كۆرۈنەتتى.17ئۇ چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلگەن ۋاقىتتا، ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى. بۇلۇت پەسلىگەن جايلاردا، چېدىرلىرىنى تىكەتتى.18ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، يولغا چىقاتتى ۋە يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بىلەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى. بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە قانچىلىك ۋاقىت توختىسا، ئۇلار قارارگاھىدا شۇنچىلىك ۋاقىت تۇراتتى.19بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئۇزاقراق توختىغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ، يۆتكەلمەيتتى.20بەزىدە بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە ئاران بىرنەچچە كۈنلا توختايتتى، ئەھۋال قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ، كۆچەتتى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن چېدىرلىرىنى تىكەتتى.21بەزىدە بۇلۇت پەقەت بىر كېچىلا توختاپ، ئەتىسى ئەتىگەندە كۆتۈرۈلۈپ كېتەتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلارمۇ يولغا چىقاتتى. مەيلى كۈندۈزى ياكى كېچىسى بولسۇن، بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يولغا چىقاتتى.22ئىككى كۈن، بىر ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ۋاقىت بولسىمۇ، پەقەت بۇلۇت ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئۈستىدە توختىسىلا، ئۇلار قوزغالمايتتى. بۇلۇت كۆتۈرۈلسىلا، ئۇلار يەنە يولغا چىقاتتى.23ئۇلارنىڭ چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچۈشى ياكى چېدىرلىرىنى تىكىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرى بويىچە ئىش كۆردى.


*9: 1 1-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


10

خەۋەر كانايلىرى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ كۈمۈشتىن ئىككى كاناي ياساتقىن، كانايلار سوقۇپ ياسالسۇن. ئۇلارنى جامائەتنى يىغىش ۋە قارارگاھلارنى كۆچۈرۈشتە ئۇقتۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكىن.3ئىككى كۈمۈش كاناي تەڭ چېلىنغاندا، پۈتۈن جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، سېنىڭ يېنىڭغا يىغىلسۇن.4ئەگەر بىر كاناي چېلىنسا، ئىسرائىل قوشۇنلىرىنىڭ سەركەردىلىرى بولغان ئاقساقاللار يىغىلسۇن.5ئەگەر قىسقا چېلىنسا، شەرق تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن.6ئىككىنچى قېتىم قىسقا چېلىنسا، جەنۇب تەرەپتە چېدىر تىككەن قەبىلىلەر چېدىرلىرىنى چۇۋۇپ كۆچسۇن. كاناي چېدىرلارنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن قىسقا چېلىنسۇن.7جامائەتنى يىغىشقا توغرا كەلسە ئۇزۇن چېلىنسۇن، قىسقا چېلىنمىسۇن.
8بۇ ئىككى كاناينى ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان روھانىيلار چالسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار.9سىلەر زېمىنىڭلارغا باستۇرۇپ كەلگەن دۈشمەنگە قارشى جەڭگە ئاتلانغاندا، بۇ ئىككى كاناي بىلەن چاقىرىق قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى قوغداپ، دۈشمىنىڭلاردىن قۇتۇلدۇرىمەن.10شاد-خۇراملىق كۈنلىرىڭلار، يەنى بەلگىلەنگەن ھېيتلىرىڭلار ۋە يېڭى ئاي بايراملىرىڭلاردا كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقلىرى سۇنغاندا، بۇ كانايلارنى چېلىڭلار، مەن سىلەرنى ئەسلەيمەن، سىلەرگە ياردەم قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.

ئىسرائىللارنىڭ سەپەرگە چىقىشى

11ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىنكى 2-يىلى 2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇت كۆتۈرۈلدى.12ئىسرائىللار سەپەرگە ئاتلىنىپ، سىناي چۆلىدىن چىقىپ كەتتى. بۇلۇت پاران چۆلىگە كېلىپ توختىدى.13بۇ ئۇلارنىڭ بىرىنچى قېتىم پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە يولغا چىقىشى بولدى.
14ھەر قېتىم ئۇلار يولغا چىققاندا، ئالدى بىلەن يەھۇدا تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. يەھۇدا قەبىلىسىگە ئاممىنادابنىڭ ئوغلى ناخشون يېتەكچىلىك قىلدى.15زۇئارنىڭ ئوغلى نىتانئېل ئىسساكار قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.16خېلوننىڭ ئوغلى ئەلىئاب زەبۇلۇن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.17ئىبادەت چېدىرى چۇۋۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، گېرشون ۋە مىرارىنىڭ ئەۋلادلىرى چېدىرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى.
18ئۇنىڭ كەينىدىن رۇبېن تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. رۇبېن قەبىلىسىگە شىدېئۇرنىڭ ئوغلى ئەلىزۇر يېتەكچىلىك قىلدى.19زۇرىشادداينىڭ ئوغلى شىلۇمىئېل شىمون قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.20دىئۇئېلنىڭ ئوغلى ئەلياساف گاد قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.21ئاندىن كېيىن قوھاتنىڭ ئەۋلادلىرى مۇقەددەس نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ يولغا چىقتى. ئۇلار قارارگاھقا يېتىپ بارغۇچە، ئىبادەت چېدىرى تىكىلىپ بولغانىدى.
22ئۇنىڭ كەينىدىن ئەفرايىم تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تارتىپ ماڭدى. ئەفرايىم قەبىلىسىگە ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى ئەلىشاما يېتەكچىلىك قىلدى.23پىدازۇرنىڭ ئوغلى گاملىئېل ماناسسە قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.24گىدئونىنىڭ ئوغلى ئابىدان بىنيامىن قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
25ئەڭ ئاخىرىدا مۇھاپىزەتچىلەر قوشۇنى بولغان دان تۇغى ئاستىدىكىلەر يولغا چىقىپ، سەپ تۈزۈپ ماڭدى. دان قەبىلىسىگە ئاممىشادداينىڭ ئوغلى ئاخىئەزەر يېتەكچىلىك قىلدى.26ئوكراننىڭ ئوغلى پاگىئېل ئاشېر قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.27ئېناننىڭ ئوغلى ئاخىرا نافتالى قەبىلىسىگە يېتەكچىلىك قىلدى.28ئىسرائىللار چېدىرلىرىنى چۇۋۇغاندىن كېيىن، مانا شۇ تەرتىپ بويىچە سەپ تارتىپ ماڭدى.
29مۇسا مىديانلاردىن بولغان قېيىنئاتىسى رىئۇئېلنىڭ ئوغلى خوبابقا:
_ بىز پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز. ئۇ ئىسرائىللارنى روناق تاپقۇزۇشقا ۋەدە قىلدى. شۇڭا بىز بىلەن بىللە ماڭغايسىز. بىز ھالىڭىزدىن خەۋەر ئالىمىز، _ دېدى.

30لېكىن خوباب:
_ مەن بارمايمەن، ئۆز يۇرتۇمغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ قېشىغا كېتەي، _ دەپ جاۋاب بەردى.

31مۇسا ئۇنىڭغا:
_ بىزدىن ئايرىلمىغايسىز. سىز بۇ چۆلنى ياخشى بىلىسىز. بىزگە يول باشلىغۇچى بولۇپ، قەيەردە قارارگاھ قۇرساق بولىدىغانلىقىنى دەپ بەرگەيسىز.
32ئەگەر سىز بىز بىلەن بىللە بارسىڭىز، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان بارلىق سائادەتلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولىسىز، _ دېدى.
33ئىسرائىللار پەرۋەردىگار زاھىر بولغان سىناي تېغىدىن چىقىپ، ئۈچ كۈن يول ماڭدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەنلەر ئۇلارنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، چېدىر تىكىدىغانغا جاي ئىزدىدى.34ئۇلار بىر قارارگاھتىن يەنە بىر قارارگاھقا كۆچكىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن نېرى كەتمىدى.
35ئەھدە ساندۇقىنى ھەر قېتىم يۆتكىگەندە، مۇسا:

36ئەھدە ساندۇقى ھەربىر توختىغاندا، مۇسا:

11

خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جازاسى

1خەلق قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، ئاغرىنىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ئاغرىنىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، ئۇلارغا ئوت چېچىپ، قارارگاھنىڭ بىر چېتىنى كۆيدۈرۈۋەتتى.2خەلق مۇساغا يالۋۇرۇۋىدى، مۇسا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. ئاندىن ئوت ئۆچتى.3پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئوت چاچقاچقا، ئۇ يەر تابئېرا [مەنىسى «كۆيگەن يەر»] دەپ ئاتالدى.

خەلقنىڭ گۆش تەلەپ قىلىشى

4ئىسرائىللار بىلەن سەپەرداش بولغان بەزى يات قوۋمدىكى جېدەلخور ئادەملەرنىڭ نەپسى گۆش سېغىنىپ كەتكەنىدى. ئىسرائىللار يەنە زارلىنىپ:
_ ئەگەر گۆش بولغان بولسا نېمىدېگەن ياخشى بولاتتى!
5مىسىردىكى چاغلىرىمىز ھېلىمۇ ئېسىمىزدە بار، ئۇ ۋاقىتتا بىكارلىق بېلىقنى خالىغانچە يەيتتۇق. تەرخەمەك، تاۋۇز، غولپىياز، پىياز ۋە سامساقمۇ بار ئىدى.6ئەمدى ئىشتىھايىمىز تۇتۇلۇپ كەتتى. ھەر كۈنى ماننادىن باشقا يەيدىغان ھېچ نەرسە يوق! _ دەپ نارازى بولۇشتى.
7(ماننانىڭ شەكلى ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش بولۇپ، سارغۇچ رەڭدە ئىدى.9-8 ھەر كۈنى سەھەردە شەبنەم چۈشكەندە ئۇمۇ چۈشەتتى. ئەتىگەنلىكى، ھەممەيلەن ماننا تېرىپ كېلىپ، يارغۇنچاق ياكى ھاۋانچا ئارقىلىق ئۇن قىلىپ، ئۇنى قازان قاتلىمىسى قىلىپ يەيتتى. ئۇنىڭ تەمى زەيتۇن يېغى بىلەن پىشۇرۇلغان قاتلىمىغا ئوخشايتتى.)
10كۆپچىلىك چېدىرلىرىدىن چىقىپ، ھەركىم ئۆز چېدىرلىرىنىڭ ئالدىدا كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ، زارلىنىشاتتى. مۇسا بۇ ئىشلارنى ئاڭلىدى. پەرۋەردىگار خەلققە بەكمۇ غەزەپلەنگەنىدى، مۇسامۇ خاپا بولدى.
11مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ خىزمەتكارىڭ بولغان مېنى نېمىشقا بۇنچە قىينايسەن؟ سېنى رەنجىتكۈدەك بىرەر ئىش قىلدىممۇ؟ نېمىشقا بۇ خەلقنىڭ ئېغىرىنى مېنىڭ يەلكەمگە يۈكلىدىڭ؟
12ئۇلار مېنىڭ پەرزەنتلىرىممىدى؟ ئۇلارنى مەن ئاپىرىدە قىلغانمىدىم؟ سەن نېمىشقا مەندىن، ئۇلارنى خۇددى ئاتىسىغا ئوخشاش ئاسراپ، ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا قوغداپ ئاپىرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭ؟13ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا يىغلاپ: «گۆش تېپىپ بەرگىن!» دەپ يالۋۇرىدۇ. مەن شۇنچە خەلققە گۆشنى نەدىن تېپىپ بېرەلەيمەن؟14بۇ خەلقنى باشقۇرۇش ۋەزىپىسى ماڭا ھەقىقەتەن ئېغىر كەلدى. مەن بۇنى يالغۇز ئۈستۈمگە ئالالمىغۇدەكمەن.15سەن ماڭا مۇشۇنداق مۇئامىلە قىلغانىكەنسەن، ماڭا رەھىم قىلىپ، دەرھال جېنىمنى ئال، مەن بۇ جاپانى قايتا تارتماي!

مۇسانىڭ ياردەمچى تەيىنلىشى

16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ خەلقنىڭ ئارىسىدىكى سەن تونۇيدىغان پېشقەدەم ئاقساقاللار ۋە باشقۇرغۇچىلاردىن يەتمىشنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار يېنىڭدا تۇرسۇن.
17مەن شۇ يەرگە چۈشۈپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. ساڭا ئاتا قىلغان روھتىن ئۇلارغىمۇ ئاتا قىلىمەن. سەن بۇ خەلقنىڭ ئېغىرلىقىنى يالغۇز كۆتۈرمەسلىكىڭ ئۈچۈن، ئۇلار يېنىڭغا كېلىپ ئېغىرلىقىڭنى يەڭگىل قىلىدۇ.18سەن خەلققە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «ھەممىڭلار ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئەتە گۆش يېيىش ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار. سىلەرنىڭ ‹كىم بىزگە گۆش بېرىدۇ؟ مىسىردا پاراۋان ياشىغانىدۇق!› دەپ ۋايساشلىرىڭلار مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى. مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە گۆش بېرىمەن، ئۇنى چوقۇم يەيسىلەر.19بىر-ئىككى كۈن ئەمەس، ياكى بەش-ئون كۈن، ھەتتا يىگىرمە كۈنمۇ ئەمەس،20پۈتۈن بىر ئاي، كۆز-قۇلىقىڭلاردىن تېشىپ چىققۇچە، كۆڭلۈڭلارغا تەگكۈچە يەيسىلەر. چۈنكى سىلەر ‹مىسىردىن ئايرىلمىساق بوپتىكەن› دەپ زارلىنىپ، ئاراڭلاردىكى مەن پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار.»
21مۇسا پەرۋەردىگارغا:
_ مېنىڭ ئەتراپىمدىكى خەلقنىڭ ئەرلىرى ئالتە يۈز مىڭدىن ئاشىدۇ. لېكىن سەن: «ئۇلارغا بىر ئاي يەتكۈدەك گۆش بېرىمەن» دېدىڭ.
22ئۇلارنى تويدۇرۇشقا يەتكۈدەك ئۇنچىۋالا كۆپ قوي، كالىلارنى نەدىن تاپقىلى بولار؟ ئۇلارغا دېڭىزدىكى بېلىقلارمۇ يەتمەسمىكىن؟! _ دېدى.
23پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىم شۇنچىلىك چەكلىك دەپ ئويلامسەن؟ سەن سۆزلىرىمنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ناھايىتى تېزلا كۆرىسەن! _ دېدى.

24شۇنىڭ بىلەن مۇسا چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى خالايىققا يەتكۈزدى. ئۇ كۆپچىلىك ئىچىدىن يەتمىش ئاقساقالنى تاللاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ چۆرىسىگە تۇرغۇزدى.25پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسا بىلەن سۆزلەشتى ۋە مۇساغا ئاتا قىلىنغان روھتىن يەتمىش ئاقساقالغىمۇ ئاتا قىلدى. روھ ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشۈشى بىلەنلا، ئۇلار ئەس-ھوشىنى يوقاتقان ھالدا زىكىر قىلغىلى تۇردى. لېكىن بۇنداق زىكىر قىلىش قايتا تەكرارلانمىدى.26ئاقساقاللار ئىچىدىكى ئەلداد ۋە مېداد ئىسىملىك ئىككى ئاقساقال ئۇچرىشىش چېدىرىغا بارماي قارارگاھلىرىدا قالغانىدى، ئۇ يەردە ئۇلارغىمۇ روھ چۈشتى. ئۇلارمۇ زىكىر قىلىشتى.27مەلۇم بىر يىگىت مۇسانىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئەلداد بىلەن مېدادنىڭ ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلدى.28بۇ چاغدا ياش ۋاقتىدىن بۇيان مۇسانىڭ ياردەمچىسى بولۇپ كەلگەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مۇساغا:
_ تەقسىر، ئۇلارنى توسۇۋالغايسىز؟ _ دېدى.

29مۇسا ئۇنىڭغا:
_ سەن مېنىڭ ئورنۇمدىن ئەنسىرەۋاتامسەن؟ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز روھىنى پۈتۈن خەلققە ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ پەيغەمبەر بولۇشنى خالايتتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

30شۇنىڭ بىلەن مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ يەتمىش ئاقساقىلى قارارگاھلىرىغا قايتىپ كەتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ بۆدۈنە ياغدۇرۇشى

31پەرۋەردىگار شامال چىقاردى ۋە شامال بىلەن تەڭ توپ-توپ بۆدۈنىلەرنى دېڭىز تەرەپتىن ئۇچۇرۇپ كەلدى. بۆدۈنىلەر بىر مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچقان بولۇپ، قارارگاھنىڭ ھەممە تەرىپىنى بىر كۈنلۈك يول يىراقلىققىچە قاپلاپ كەتكەنىدى.32كىشىلەر ئەتىگەندىن كەچكىچە ۋە كېچىسى بۆدۈنە تۇتقىلى كىرىشىپ كەتتى. ئەتىسىمۇ يەنە پۈتۈن بىر كۈن بۆدۈنە تۇتتى. ھەربىر ئادەم ئاز دېگەندە ئەللىك سېۋەتتىن تۇتۇشتى. ئۇلار بۆدۈنىلەرنى قۇرۇتۇش ئۈچۈن چېدىرلارنىڭ ئەتراپىغا يېيىپ قويۇشتى.
33كۆپچىلىك گۆشلىرىنى تېخى يەپ تۈگىتىپ بولالمىغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارغا غەزىپىنى ياغدۇرۇپ، ئەجەللىك ۋابا تارقاتتى.34بۇ يەرگە نەپسى يامانلار دەپنە قىلىنغاچقا، ئۇ يەر قىبروت-ھاتتائاۋا [مەنىسى «نەپسى يامانلارنىڭ قەبرىستانلىقى»] دەپ ئاتالدى.35ئىسرائىل خەلقى قىبروت-ھاتتائاۋادىن خازېروت دېگەن يەرگە كۆچۈپ بېرىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

12

مەريەم بىلەن ھارۇننىڭ مۇساغا قارشى سۆزلىشى

1مۇسا كۇشتىن كەلگەن ئايالغا ئۆيلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەريەم بىلەن ھارۇن ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەرنى قىلىشتى.2ئۇلار:
_ پەرۋەردىگار يالغۇز مۇسا ئارقىلىقلا سۆزلەرمۇ؟! ئەجەبا، ئۇ بىز ئارقىلىقمۇ سۆز قىلماسمۇ؟ _ دېيىشتى.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىدى.
3(مۇسا شۇنچىلىك كەمتەر كىشى بولۇپ، يەر يۈزىدىن ئۇنىڭدەك كەمتەر كىشىنى تاپقىلى بولمايتتى.)4بىردىنلا پەرۋەردىگار مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەمگە:
_ ئۈچۈڭلار ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىڭلار! _ دەپ ئەمر قىلدى.

شۇنىڭ بىلەن ئۈچىلىسى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كېلىشتى.
5پەرۋەردىگار بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئىچىدىن چۈشۈپ، چېدىرنىڭ كىرىش ئېغىزىنىڭ ئالدىدا تۇردى ۋە ھارۇن بىلەن مەريەمنى چاقىردى. ئۇلار ئالدىغا مېڭىشىغا،6پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! ئاراڭلاردا مەن ئەۋەتكەن پەيغەمبەر بولسا، مەن ئۇنىڭغا ئۆزۈمنى غايىبانە ئالامەتتە زاھىر قىلىمەن ياكى چۈشىدە ئۇنىڭغا سۆزلەيمەن.
7لېكىن خىزمەتكارىم مۇساغا باشقىچە سۆزلەيمەن، ئۇ پۈتۈن خەلقىم ئارىسىدا ھەممىدىن سادىقتۇر.8مەن ئۇنىڭغا يۈزتۇرانە سۆزلەيمەن، يوشۇرۇن مەنىلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئېنىق قىلىپ سۆزلەيمەن. ئۇ سىياقىمنى كۆرىدۇ. ۋاھالەنكى سىلەر قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قارشى سۆزلەشكە پېتىندىڭلار؟
9پەرۋەردىگار ئۇلارغا ئاچچىقلىنىپ، كېتىپ قالدى.10بۇلۇت چېدىر ئۈستىدىن كۆتۈرۈلۈشىگىلا، مەريەمنى قاردەك ئاپئاق تېرە كېسىلى قاپلىدى. ھارۇن مەريەمگە بۇرۇلۇپ، مەريەمگە تېرە كېسىلى چىققانلىقىنى كۆردى.11ئۇ مۇساغا يالۋۇرۇپ:
_ ئەي ھەزرىتىم، بىز ئەخمەقلىق قىلىپ گۇناھ قىلدۇق، گۇناھىمىزدىن كېچىشلىرىنى ئۆتۈنىمەن.
12مەريەم ھەرگىزمۇ ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن ئۆلۈك تۇغۇلغان، يېرىمى چىرىپ كەتكەن ھامىلىگە ئوخشاپ قالمىسۇن! _ دېدى.
13شۇنىڭ بىلەن مۇسا پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىپ:
_ ئى خۇدا، ئۇنىڭغا شىپالىق بەرگەيسەن! _ دېدى.

14پەرۋەردىگار مۇساغا جاۋابەن:
_ مۇبادا ئۇنىڭ ئاتىسى ئۇنىڭ يۈزىگە تۈكۈرسە، ئۇ يەتتە كۈنگىچە شەرمەندە بولماسمىدى؟! ئۇنى قارارگاھتىن يەتتە كۈن چىقىرىۋېتىڭلار. ئاندىن ئۇنى قايتۇرۇپ كەلسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.

15شۇنىڭ بىلەن مەريەم قارارگاھ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇردى. تاكى ئۇ قايتۇرۇپ كېلىنگۈچە، خالايىق ھېچ يەرگە كۆچمىدى.16كېيىن خەلق خازېروتتىن قوزغىلىپ، پاران چۆلىگە كېلىپ قارارگاھ تىكتى.

13

چارلىغۇچىلارنىڭ كەنئان زېمىنىنى كېزىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا:
2_ ئەجدادلىرىڭلارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ھەربىر قەبىلە باشلىقلىرى ئىچىدىن بىردىن كىشىنى تاللاپ، مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكىن، _ دېدى.
3پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا پاران چۆلىدىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىسرائىللارنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.4تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:

رۇبېن قەبىلىسىدىن: زاككۇرنىڭ ئوغلى شاممۇۋا،

5شىمون قەبىلىسىدىن: خورىنىڭ ئوغلى شافات،

6يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،

7ئىسساكار قەبىلىسىدىن: يۈسۈپنىڭ ئوغلى يىگال،

8ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: نۇننىڭ ئوغلى ھوشىيا،

9بىنيامىن قەبىلىسىدىن: رافۇنىڭ ئوغلى پالتى،

10زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: سودىنىڭ ئوغلى گاددىئېل،

11يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: سۇسىنىڭ ئوغلى گاد،

12دان قەبىلسىدىن: گىماللىنىڭ ئوغلى ئاممىئېل،

13ئاشېر قەبىلىسىدىن: مىكائىلنىڭ ئوغلى سېتۇر،

14نافتالى قەبىلىسىدىن: ۋوفسىنىڭ ئوغلى ناخبى،

15گاد قەبىلىسىدىن: ماكىنىڭ ئوغلى گىئۇئېل.

16بۇلار مۇسا كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىدۇر. مۇسا نۇننىڭ ئوغلى ھوشىياغا [مەنىسى «ياردەم»] يوشۇۋا [مەنىسى «پەرۋەردىگار ياردەم قىلىدۇ»] دېگەن ئىسىمنى قويۇپ بەردى.
17مۇسا ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى:
_ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، تاغلىق رايونغا كىرىڭلار.
18ئۇ يەرلەرنىڭ قانداقلىقىنى كۆرۈڭلار ۋە ئۇ جايدا ياشايدىغان ئەللەرنىڭ كۈچلۈك ياكى ئاجىزلىقىنى، ئاز ياكى كۆپلۈكىنى بىلىڭلار.19ئۇلار ياشايدىغان زېمىن ياخشىمۇ-يامانمۇ؟ ئۇلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سېپىللىرى بارمۇ-يوق؟20تۇپرىقى مۇنبەتمۇ ياكى قاقاسمۇ؟ ئۇ يەرلەردە دەل-دەرەخلەر بارمۇ-يوق؟ ئامال قىلىپ ئۇ يەرلەرنىڭ مېۋىسىدىن ئالغاچ كېلىڭلار.
ئۇ دەل دەسلەپكى ئۈزۈمنىڭ پىشىدىغان پەسلى ئىدى.

21شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چارلاپ شىمالغا قاراپ ماڭدى. جەنۇب تەرەپتىكى زىن چۆلىدىن تارتىپ تاكى شىمال تەرەپتىكى لىبو-خامات يېنىدىكى رىخوب شەھىرىگىچە باردى.22ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)23ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا كەلگەندە، ئۈزۈم باراڭلىرىدىن بىر ساپاق ئۈزۈمنى شېخى بىلەن كېسىۋالدى. ئۇنى خادىغا ئېسىپ كۆتۈرۈپ كېلىشتى، ئۇنىڭغا قوشۇپ ئازراق ئانار ۋە ئەنجۈرلەرنى ئېلىپ كەلدى.24ئىسرائىللار ئۇ يەردىن بىر ساپاق ئۈزۈم ئېلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ يەر ئەشكول جىلغىسى [مەنىسى «ئۈزۈم ساپىقى جىلغىسى»] دەپ ئاتالدى.25قىرىق كۈندىن كېيىن ئۇلار كەنئان زېمىنىنى چارلاشتىن قايتىپ كەلدى.
26ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى27ھەمدە مۇساغا مۇنداق دەپ تەسۋىرلەپ بەردى:
_ سەن بىزنى ئەۋەتكەن ئاشۇ زېمىنغا ئىچكىرىلەپ كىردۇق. ئۇ يەر ھەقىقەتەنمۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىن ئىكەن. مانا بۇ مېۋىلەر ئاشۇ يەرنىڭ مېۋىلىرى.
28لېكىن ئۇ جايدا ياشايدىغان ئادەملەر كۈچتۈڭگۈر، شەھەرلىرى مۇستەھكەم ۋە ناھايىتى چوڭ ئىكەن. بىز ئۇ يەردە ھەتتا ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىنىمۇ كۆردۇق.29نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن.
30كالىب مۇسانىڭ ئالدىدىكى كىشىلەرنى تىنچلاندۇرۇپ، مۇنداق خىتاب قىلدى:
_ بىز ئاتلىنىپ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىدارلىقىنى چوقۇم ئېلىشىمىز كېرەك، بىز جەزمەن شۇنداق قىلالايمىز.

31لېكىن ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بارغان كىشىلەر:
_ بىز ئۇلارغا ھۇجۇم قىلالمايمىز، ئۇلار بىزدىن كۈچلۈك، _ دېيىشتى.

32ئۇلار ئۆزلىرى چارلىغان زېمىن ھەققىدە ئۆسەك سۆزلەرنى تارقىتىشىپ، مۇنداق دېيىشتى:
_ بىز چارلىغان ئۇ يەرلەر ئادەم يەيدىغان يەر ئىكەن. بىز ئۇ يەردە كۆرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى شۇنداق ھەيۋەتلىك بولۇپ،
33بىز ئۇ يەردە نىفىللارنى كۆردۇق (ئۇلار ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر). بىز ئۆزىمىزنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا چېكەتكىدەك ھېس قىلدۇق ھەم ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز چېكەتكىدەك ئىدۇق.

14

خەلقنىڭ يۈز ئۆرۈشى

1ئۇ كېچە پۈتۈن جامائەت زارلىنىپ ۋارقىراشتى ۋە قاتتىق يىغلاشتى.2ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇندىن ئاغرىنىپ، ئۇلارغا:
_ مىسىردا ئۆلگەن بولساق، ياكى مۇشۇ چۆلدە ئۆلگەن بولساق ئوبدان بولار ئىكەندۇق.
3پەرۋەردىگار نېمە ئۈچۈن بىزنى بۇ زېمىنغا باشلاپ كېلىپ، قىلىچ ئاستىدا يىقىلىشقا بۇيرۇيدۇ؟ ئەمدىلىكتە خوتۇن-بالىلىرىمىز بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدىغان بولدى. ئۇنىڭدىن كۆرە مىسىرغا قايتىپ كەتكىنىمىز ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟! _ دېدى.
4ئاندىن بىر-بىرىگە:
_ بىز بىر باشلامچى تاللاپ، مىسىرغا قايتايلى، _ دېيىشتى.

5مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇ يەرگە يىغىلغان پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.6كەنئان زېمىنىنى چارلاشقا بارغانلاردىن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب كىيىملىرىنى يىرتىشىپ،7پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتىگە:
_ بىز كېزىپ كۆرۈپ كەلگەن ئۇ زېمىن ناھايىتى مۇنبەت ئىكەن.
8ئەگەر پەرۋەردىگار بىزدىن خۇرسەن بولسا، بىزنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىدۇ ھەمدە ئاشۇ سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى بىزگە ئاتا قىلىدۇ.9پەرۋەردىگارغا ھەرگىز ئاسىيلىق قىلماڭلار! ئۇ جاينىڭ ئادەملىرىدىن قورقماڭلار. چۈنكى بىز ئۇلارنى چايناپ پۈركۈپ تاشلايمىز. ئۇلارنىڭ پاناھى يوق، لېكىن پەرۋەردىگار بىزگە يار بولىدۇ. ئۇلاردىن قورقماڭلار، _ دېيىشتى.
10ئەمما يىغىلغان پۈتۈن جامائەت: «ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلايلى» دېيىشتى. شۇ چاغدا پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە نامايان بولدى.

مۇسانىڭ خەلق ئۈچۈن دۇئا قىلىشى

11پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ بۇ كىشىلەر مېنى قاچانغىچە مەنسىتمەيدۇ؟ مەن ئۇلارغا كۆرسەتكەن مۆجىزىلەرنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ، قاچانغىچە ماڭا ئىشەنمەيدۇ؟
12ئەمدى مەن ئۇلارنى ۋابا بىلەن يىقىتىمەن، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن. لېكىن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلاردىنمۇ بۈيۈك ۋە كۈچلۈك بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى.
13مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
_ ئۇلارنى ھالاك قىلىۋەتسەڭ، مىسىرلىقلار بۇ ئىشتىن چوقۇم خەۋەر تاپىدۇ! ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنى ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئېلىپ چىققانىدىڭ.
14ئۇلار كەنئان زېمىنىدىكى ئاھالىلەرگە بۇ ھەقتە سۆزلەپ بېرىدۇ. ئۇ زېمىندىكى ئاھالىلەر سەن توغرۇلۇق ئاللىقاچان ئاڭلىغان. ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ بۇ خەلق بىلەن بىللە ئىكەنلىكىڭنى، سېنىڭ خەلقىڭ ئارىسىدا يۈزتۇرانە زاھىر بولغانلىقىڭنى، بۇلۇتۇڭنىڭ ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغانلىقىنى، سېنىڭ كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدە، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئىچىدە ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغانلىقىڭنى ئاڭلىغان.15ئەگەر سەن بۇ خەلقنىڭ ھەممىسىنى بىراقلا ھالاك قىلىۋەتسەڭ، سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭدىن خەۋەردار بولغان ئەللەر چوقۇم:16«پەرۋەردىگار ئۇ خەلقنى ئاشۇ زېمىنغا ئېلىپ كىرىشكە ۋەدە قىلغان، لېكىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربىتى يەتمەپتۇ، شۇڭلاشقا ئۇلارنى چۆلدە قىرغىن قىلىپتۇ» دەيدۇ.17ئى ئىگەم، ئەمدى ئۆز كۈچ-قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن. خۇددى ئۆزۈڭ ئېيتقاندەك،18سەن پەرۋەردىگار ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببىتىڭ چەكسىزدۇر، گۇناھ ۋە ئاسىيلىقلارنى كەچۈرۈم قىلىسەن. لېكىن سەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايسەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادىغىچە جازالايسەن.19سەن مىسىردىن چىققاندىن تارتىپ تاكى ھازىرغىچە ئۆز خەلقىڭنى كەچۈرگىنىڭگە ئوخشاش، ئۇلۇغ مېھىر-مۇھەببىتىڭ بىلەن بۇ خەلقنىڭ گۇناھىنى كەچۈرگەيسەن.
20پەرۋەردىگار بۇنىڭغا جاۋابەن:
_ ئۆتۈنۈشۈڭنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى كەچۈردۈم.
21شۇنداقتىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن ۋە پۈتۈن يەر-زېمىنغا تولىدىغان ئۇلۇغلۇقۇم بىلەن شۇنى قەسەم قىلىمەنكى،22مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى، مىسىردا ھەم چۆلدە كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ مېنى ئون قېتىم سىنىغان، ماڭا ئىتائەت قىلمىغان بۇ خەلق23مەن ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان زېمىننى ھەرگىز كۆرەلمەيدۇ. مېنى مەنسىتمىگەن ھەرقانداق بىر ئادەم ئۇ يەرنى كۆرەلمەيدۇ.24لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارىم كالىب ئۇلارغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى. مەن ئۇنى ئۇ بېرىپ باققان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىمەن. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ بۇ زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.25لېكىن ھازىر ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردىكى جىلغىلاردا تۇرىدۇ. شۇڭا سىلەر ئەتە ئارقاڭلارغا قايتىپ، قىزىل دېڭىز تەرەپتىكى چۆللۈككە بېرىڭلار، _ دېدى.

پەرۋەردىگارنىڭ خەلقنى جازالىشى

26پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
27_ بۇ رەزىل خەلق قاچانغىچە ماڭا نارازىلىق قىلىدۇ؟ مەن ئىسرائىللارنىڭ شىكايەتلىرىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن.28شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: «مەنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك ھاياتىم بىلەن شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، سىلەرنىڭ ئالدىمدا ئېيتقان ئاشۇ سۆزلىرىڭلارغا بىنائەن مەن بېشىڭلارغا شۇنداق بالا-قازا چۈشۈرەيكى،29جەسىتىڭلار مۇشۇ چۆلدە قالسۇن. سەپەردە ماڭا نارازىلىق بىلدۈرگەن يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىرىڭلار ئەنە شۇنداق قىسمەتكە دۇچار بولىسىلەر.30مەن سىلەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىڭلار ئۈچۈن بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىنغا سىلەرنى كىرگۈزمەيمەن. پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ئۇ زېمىنغا كىرەلەيدۇ.
31سىلەر ‹بۇلاڭ-تالاڭغا قالىدۇ› دېگەن بالىلىرىڭلارنى، سىلەر بېرىشنى رەت قىلغان ئاشۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىپ ھۇزۇرلاندۇرىمەن.32لېكىن سىلەرنىڭ جەسىتىڭلار چۆلدە قالىدۇ.33پەرزەنتلىرىڭلار چۆلدە قىرىق يىل مۇساپىر بولۇپ، سىلەرنىڭ ساداقەتسىزلىكىڭلار تۈپەيلىدىن تاكى سىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە ياشايدۇ.
34بۇ قىرىق يىلنىڭ ھەربىر يىلى سىلەرنىڭ ئۇ زېمىننى چارلاپ كەزگەن قىرىق كۈننىڭ ھەربىر كۈنى ئۈچۈندۇر. سىلەر ئەمدى ئۆز گۇناھىڭلار ئۈچۈن قىرىق يىل ئازاب تارتىسىلەر ۋە مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە قارشى تۇرسام، ئاقىۋىتىڭلارنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.35مەن پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرگە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مۇشۇ چۆلدە بىرلىشىپ ماڭا قارشى تۇرغان بۇ پۈتۈن رەزىل خەلققە ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. ئۇلار بۇ چۆلدە ئۆز ئاخىرىتىنى كۆرىدۇ، بۇ جايدا ئۆلىدۇ».
36مۇسا كەنئاننى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئاشۇ ئادەملەر قايتىپ كېلىپ، شۇ زېمىن ھەققىدە يامان مەلۇماتلارنى تارقاتتى. نەتىجىدە ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنىڭ مۇساغا قارشى شىكايەت قىلىشىغا سەۋەبچى بولدى.37شۇڭا پەرۋەردىگار بۇ ئادەملەرگە ۋابا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى ھالاك قىلدى.38چارلاشقا بارغانلاردىن پەقەت نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبلا ئامان قالدى.
39مۇسا بۇ ئىشلارنى ئىسرائىللارغا خەۋەر قىلغاندا، ئىسرائىل خەلقى قاتتىق قايغۇرۇشتى.40ئەتىسى سەھەردە ئۇلار تاغلىق رايونلارغا چىقىشقا تەييارلىنىپ، «بىز گۇناھ قىلدۇق، بىز ئەمدى پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارىمىز» دېيىشتى.41لېكىن مۇسا ئۇلارغا:
_ سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىسىلەر؟ ئەمدى سىلەر ھېچ نېمىگە ئېرىشەلمەيسىلەر.
42ئۇ يەرگە بارماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە يار ئەمەس، سىلەر دۈشمىنىڭلار تەرىپىدىن مەغلۇپ بولىسىلەر.43ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار ئۇ يەردە سىلەرگە قارشى چىقىدۇ، ئۇلارنىڭ قىلىچى ئاستىدا ئۆلىسىلەر! چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدۈڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولمايدۇ، _ دېدى.
44شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار يەنىلا ئۆزلۈكىدىن تاغلىق رايونلارغا چىقىپ كېتىشتى. لېكىن مۇسا ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقى قارارگاھتا قالدى.45تاغلاردا ياشايدىغان ئامالەكلەر ۋە كەنئانلار تاغلاردىن چۈشۈپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىپ تاكى خورماھقا بارغۇچە قوغلاپ زەربە بەردى.

15

قوشۇمچە ھەدىيەلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىنغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن كېيىن،3ماڭا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەر سۇنغاندا، مەيلى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن، قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن ياكى ھېيتلىرىڭلار ئۈچۈن قىلىنىدىغان قۇربانلىق بولسۇن، كالا ياكى قوي-ئۆچكىلەرنى ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ئېيتقىنىم بويىچە قۇربانلىق قىلىڭلار.
4قوي قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغىنى قۇيۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن5ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب سۇنسۇن.
6قوچقار قۇربانلىق قىلىدىغانلار ئۇنىڭغا قوشۇپ، ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر يېرىم لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن7ۋە بىر يېرىم لىتىر شارابنى ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ.
8قىلغان قەسىمىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياكى ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇش ئۈچۈن بىر بۇقىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىق قىلغاندا،9بۇقىغا قوشۇپ، ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا ئىككى لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلسۇن10ۋە ئىككى لىتىر شاراب بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ.
11بۇقا، قوچقار، قوي ياكى ئۆچكە قۇربانلىق قىلغاندا،12قۇربانلىق قىلىنغان چارۋا مالنىڭ تۈرى ۋە سانىنىڭ نىسبىتى بويىچە قوشۇمچە ھەدىيەلەرنى سۇنسۇن.
13ئىسرائىل خەلقىدىن بولغان ھەربىر ئادەم مەن پەرۋەردىگارغا مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق كۆيدۈرگەندە، مانا مۇشۇ قائىدىلەرگە ئەمەل قىلسۇن.14ئاراڭلاردا ياشاپ كەلگەن ياكى ۋاقتىنچە تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، سىلەر قانداق قىلغان بولساڭلار ئۇلارمۇ شۇنداق قىلسۇن.15ئىسرائىللار ۋە ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈن بۇ بەلگىلىمە ئوخشاشتۇر. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىڭلار. يات خەلقلەر مەنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر بىلەن ئوخشاشتۇر.16ئاراڭلاردا ياشايدىغان يات خەلقلەرگىمۇ بۇ قانۇن ۋە قائىدە ئوخشاشتۇر.»

تۇنجى دانلىق زىرائەت ھەدىيەسى

17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
18_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى يېتەكلەپ ئېلىپ بارماقچى بولغان زېمىنغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن،19ئۇ زېمىننىڭ نېمەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغىنىڭلاردا، بىر قىسمىنى ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.20دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتنىڭ ئۇنىدىن توقاچ پىشۇرۇپ، خاماندىن كەلگەن ھەدىيە سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇڭلار.21دەسلەپ پىشقان دانلىق زىرائەتتىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار. بۇ قائىدىلەرنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇڭلار.»

بىخەستەلىكتىن قىلىنغان گۇناھلارنىڭ قۇربانلىقلىرى

23-22 «ئەگەر سىلەر ھازىر ياكى كەلگۈسىدە مەن پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق چۈشۈرگەن ئەمرلەرنى بىلمەي، ئۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ سالساڭلار24ۋە بۇنى جامائەت بىلمەي، بىخەستەلىكتىن قىلىپ سالغان بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن جامائەت بىر بۇقىنى ئېلىپ كېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. بۇ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە قائىدە بويىچە ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنسۇن ۋە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنسۇن.25شۇنداق قىلىپ، روھانىيلار پۈتۈن جامائەتنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ، ئۇلار كەچۈرۈلىدۇ. چۈنكى بۇ گۇناھ بىلمەسلىكتىن بولغان ھەمدە ئۇلار ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۇنغان.26پۈتۈن ئىسرائىل جامائىتى ۋە ئۇ يەردە ياشايدىغان يات خەلقلەرمۇ كەچۈرۈلىدۇ، چۈنكى ئۇلار بىخەستەلىكتىن خاتالىق ئۆتكۈزگەن.
27ئەگەر بىرەر كىشى بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئۇ بىر ياشلىق چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە قۇربانلىق قىلسۇن.28روھانىيلار بىخەستەلىكتىن گۇناھ قىلغان كىشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈلىدۇ.29مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇ يەردە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، بىخەستەلىكتىن گۇناھ سادىر قىلغان بولسا، ئوخشاش قائىدىگە ئەمەل قىلسۇن.30ئەمما كىمدەكىم بىلىپ تۇرۇپ قەستەن گۇناھ سادىر قىلسا، مەيلى ئۇ ئىسرائىل خەلقىدىن بولسۇن ياكى يات خەلقلەردىن بولسۇن، پەرۋەردىگارغا كۇپۇرلۇق قىلغان بولىدۇ. بۇنداق ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.31ئۇلار مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى كەمسىتىپ، مېنىڭ ئەمرىمگە قەستەن خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن، چوقۇم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن! ئۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»

دەم ئېلىش كۈنىگە خىلاپلىق قىلغۇچىنىڭ جازاسى

32ئىسرائىللار چۆلدىكى ۋاقىتتا بىر كىشىنىڭ دەم ئېلىش كۈنىدە ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.33ئۇنىڭ ئوتۇن تېرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالغان كىشىلەر ئۇنى مۇسا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىغا باشلاپ باردى.34بىراق ئۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنى نەزەربەندكە ئالدى.35پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ بۇ كىشى جەزمەن ئۆلتۈرۈلسۇن. جامائەت ئۇنى قارارگاھ سىرتىدا چالما-كېسەك قىلسۇن، _ دېدى.

36شۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەت ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈردى.

كىيىمگە چۇچا ئېسىپ يۈرۈش ھەققىدە

37پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
38_ ئىسرائىل خەلقىگە بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە كىيىمىڭلارنىڭ ئېتىكىگە چۇچا ئېسىڭلار. ھەربىر چۇچىغا بىر تال كۆك يىپ تىكىلسۇن.39ھەر قېتىم بۇ چۇچىلارنى كۆرگىنىڭلاردا، مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈپ، ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشىڭلارنى يادىڭلارغا سالىدۇ. شۇنداق بولغاندا سىلەر ئۆز ئارزۇ-ھەۋەسلىرىڭلارنىڭ كەينىگە كىرمەيسىلەر، ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلمايسىلەر.
40شۇنداق قىلىپ سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىنى ئېسىڭلاردا تۇتۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلىسىلەر ۋە مەن خۇدايىڭلارغا ئاتالغان بولىسىلەر.41مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

16

كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ ئاسىيلىقى

1لاۋىينىڭ ئەۋرىسى، قوھاتنىڭ نەۋرىسى، يىزھارنىڭ ئوغلى بولغان كوراھ رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىن ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ھەم ئابىرام ۋە پەلەتنىڭ ئوغلى ئونلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ،2مۇساغا قارشى تۇردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن 250 ئادەم ئۇلارغا قوشۇلدى. ئۇلار جامائەتتىن تاللانغان ئابرۇيلۇق كىشىلەر ئىدى.3ئۇلار بىرلىشىپ مۇسا ۋە ھارۇنغا:
_ سىلەر ھەددىڭلاردىن بەك ئېشىپ كەتتىڭلار! ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھەربىر ئادىمى پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر، پەرۋەردىگار ئۇلار بىلەنمۇ بىللىدۇر. شۇنداق تۇرۇقلۇق سىلەر نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭلارنى چوڭ تۇتۇپ، ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىدىن ئۈستۈن قىلىۋالىسىلەر؟ _ دېيىشتى.

4مۇسا بۇنى ئاڭلاپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، بېشىنى يەرگە قويدى،5ئاندىن كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىگە:
_ ئەتە سەھەردە پەرۋەردىگار كىمنىڭ ئۆزىگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ ئۆزىگە ئاتالغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا بارسا بولىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. ئۇ ئۆزى تاللىغان ئادەمنىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىغا ئىجازەت بېرىدۇ.
6كوراھ، سەن شېرىكلىرىڭ بىلەن مۇنداق قىلغىن: ھەربىرىڭلار ئىسرىقدان ئېلىپ كېلىپ،7ئەتە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئۇنىڭغا چوغ سېلىپ، ئىسرىق سېلىڭلار. پەرۋەردىگار كىمنى تاللىسا شۇ ئۇنىڭغا ئاتالغان بولىدۇ. سىلەر لاۋىيلار ھەددىڭلاردىن بەك ئاشتىڭلار! _ دېدى.
8مۇسا يەنە كوراھقا مۇنداق دېدى:
_ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار!
9ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى باشقا ئىسرائىللاردىن ئايرىۋېلىپ، سىلەرنى ئۆزىگە يېقىنلاشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئىبادەت چېدىرىدا خىزمەت قىلدۇرۇشى، پۈتۈن جامائەتنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا تاللىشى يېتەرلىك ئەمەسمۇ؟10ئەي كوراھ، پەرۋەردىگار سېنى ۋە باشقا لاۋىيلارنى ئۆزىگە يېقىن تۇتۇپ كەلدى. لېكىن سىلەر ئەمدى روھانىيلىقنىمۇ تالاشماقچىمۇ؟11سەن ۋە سېنىڭ شېرىكلىرىڭنىڭ بىرلىشىپ قارشى تۇرغىنى ھارۇن بولماستىن ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردۇر!
12مۇسا ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى داتان ۋە ئابىرامنى چاقىرتتى. لېكىن ئۇلار:
_ بىز بارمايمىز!
13سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىندىن ئېلىپ چىقىپ مۇشۇ چۆلدە ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ ئەجەبا، بۇ يەتمەمدۇ؟ ھازىر سەن يەنە ئۆزۈڭنى پادىشاھتەك كۆرۈپ بىزنى باشقۇرماقچىمۇ؟14يەنە كېلىپ سەن بىزنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا باشلاپ كىرمىدىڭ ياكى ۋەدە قىلغىنىڭدەك ئېكىنزارلىق ۋە ئۈزۈمزارلىقمۇ بەرمىدىڭ. سەن كۆزلىرىمىزنى باغلاپ، بىزنى يەنە داۋاملىق ئالدىماقچىمۇ؟ ياق! بىز بارمايمىز! _ دېدى.
15شۇنىڭ بىلەن مۇسا ناھايىتى ئاچچىقلاندى ۋە پەرۋەردىگارغا:
_ ئۇلارنىڭ ھەرقانداق ھەدىيەلىرىنى قوبۇل قىلمىغىن. مەن ئۇلارنىڭ بىر تۇياق ئېشىكىنىمۇ ئېلىپ باقمىدىم ياكى ئۇلارنىڭ ھېچبىرىگە زىيانمۇ يەتكۈزمىدىم، _ دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن مۇسا كوراھقا يەنە:
_ ئەتە سەن بارلىق شېرىكلىرىڭ ۋە ھارۇن بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىڭلار.
17ھەركىم ئۆز ئىسرىقدانلىرىدا ئىسرىق سالسۇن. جەمئىي 250 ئىسرىقدان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈلسۇن. سەن ۋە ھارۇن ئۆز ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.
18شۇنىڭ بىلەن ھەركىم ئۆز ئىسرىقدىنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇنىڭغا چوغ ۋە ئىسرىق تولدۇرۇپ، مۇسا ۋە ھارۇن بىلەن بىللە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا تۇرۇشتى.19كوراھ بارلىق جامائەتنى يىغىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكىنىڭ ئالدىدا مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تەييارلاندى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن جامائەتكە زاھىر بولدى.20پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:
21_ سىلەر جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن مۇشۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.
22لېكىن مۇسا بىلەن ھارۇن ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشۇپ، نالە قىلدى:
_ ئى خۇدا، ئىنسانلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدا، بىر ئادەمنىڭ ئۆتكۈزگەن گۇناھى ئۈچۈن پۈتۈن جامائەتكە غەزەپلىنەمسەن؟

23پەرۋەردىگار مۇساغا:
24_ جامائەتكە ئېيتقىن، ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرسۇن! _ دېدى.
25مۇسا ئورنىدىن تۇرۇپ، داتان ۋە ئابىراملارنىڭ يېنىغا باردى. ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا ئەگەشتى.26ئۇ جامائەتنى ئاگاھلاندۇرۇپ:
_ بۇ رەزىل كىشىلەرنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراق تۇرۇڭلار! ئۇلارنىڭ ھەرقانداق نەرسىسىگە تەگمەڭلار، بولمىسا ئۇلارنىڭ گۇناھىغا سىلەرمۇ چېتىلىپ، بىرلىكتە ۋەيران بولىسىلەر، _ دېدى.

27شۇنىڭ بىلەن ئۇلار كوراھ، داتان ۋە ئابىرامنىڭ چېدىرلىرىدىن يىراقلاشتى. داتان بىلەن ئابىرام ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى ۋە كىچىك بالىلىرى بىلەن بىرگە چىقىپ، ئىشىكلىرى ئالدىدا تۇرۇشتى.28مۇسا جامائەتكە مۇنداق دېدى:
_ مەن قىلغان بارلىق ئىشلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىۋاتقانلىقىمنى، شەخسىي غەرىزىمنىڭ يوقلۇقىنى تېزلا بىلىپ قالىسىلەر.
29ئەگەر بۇ كىشىلەر ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلسە، ياكى ئۇلارنىڭ دۇچار بولغىنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدەك بولسا، پەرۋەردىگار مېنى ئەۋەتمىگەن بولىدۇ.30ئەگەر پەرۋەردىگار بۇرۇن قىلمىغان ئىشتىن بىرنى قىلىپ، يەرنى يېرىپ، ئۇلارنى بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە يەر ئاستىغا، يەنى گۆرگە تىرىكلا ئېلىپ كىرىپ كەتسە، بۇنى ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارنى مەنسىتمىگەنلىكىدىن بولغان، دەپ بىلىڭلار.
31مۇسا سۆزلىرىنى تۈگىتىپ تۇرۇشىغىلا، ئۇلار دەسسەپ تۇرغان يەر يېرىلىپ،32كوراھنىڭ شېرىكلىرى، بالا-چاقىلىرى ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى بىراقلا يالماپ كەتتى.33ئۇلار يەر ئاستىغا ئۆزلىرىگە تەۋە بولغان بارلىق نەرسىلىرى بىلەن بىرگە تىرىكلا چۈشۈپ كەتتى. يەر ئەسلىگە قايتقاندا، ئۇلار ئاللىقاچان جامائەت ئارىسىدىن غايىب بولغانىدى.34ئۇلارنى چۆرىدەپ تۇرغان بارلىق ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، بىزنىمۇ يەر يۇتۇپ كەتمىسۇن دەپ قېچىپ كېتىشتى.
35پەرۋەردىگار يەنە ئوت چۈشۈرۈپ، ئىسرىق سېلىۋاتقان 250 ئادەمنى كۆيدۈرۈپ ھالاك قىلدى.36پەرۋەردىگار مۇساغا:
37_ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا ئېيتقىن، ئۇ ئىسرىقدانلارنى قالدۇق ئوتنىڭ ئىچىدىن ئېلىۋالسۇن. چۈنكى ئىسرىقدانلار مۇقەددەستۇر. چوغلارنى يىراقراق جايغا چېچىۋەتسۇن.38گۇناھى سەۋەبىدىن ھالاك بولغانلارنىڭ ئىسرىقدانلىرىنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلىسۇن، چۈنكى ئىسرىقدانلاردا مەن پەرۋەردىگارغا ئىسرىق كۆيدۈرۈلگەن. ئۇلار مۇقەددەستۇر. ئۇلار ئىسرائىللارغا ئىبرەت بولسۇن، _ دېدى.
39شۇنىڭ بىلەن روھانىي ئەلئازار تۇچ ئىسرىقدانلارنى كۆيۈپ كەتكەن ئادەملەرنىڭ يېنىدىن يىغىۋالدى ھەمدە ئۇلارنى سوقۇپ، نېپىزلىتىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئۈستىنى قاپلاتتى.40بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى. شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارغا، ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن باشقا كىشىلەرنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئىسرىق سالسا بولمايدىغانلىقى، بولمىسا ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتى كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىدەك بولىدىغانلىقلىرى ھەققىدە ئىبرەت بېرىلدى.
41لېكىن ئىككىنچى كۈنىلا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسا ۋە ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ:
_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈردۈڭلار! _ دېدى.

42خەلق مۇسا ۋە ھارۇنغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن يىغىلىۋاتقاندا، ئۇلار بىردىنلا ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇتنىڭ ئورىۋالغانلىقىنى كۆرۈشتى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى نامايان بولغانىدى.43مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرى ئالدىغا كەلدى.44پەرۋەردىگار مۇساغا:
45_ بۇ جامائەتتىن ئايرىلىپ چىقىڭلار. مەن ئۇلارنى بىراقلا ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.
46مۇسا ھارۇنغا:
_ ئىسرىقدىنىڭنى ئېلىپ، ئۇنىڭغا ئىسرىق قويغىن. قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ سالغىن، ئاندىن تېزلىكتە جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلغىن. پەرۋەردىگار قەھر-غەزەپكە كەلدى، ۋابا باشلىنىدىغان بولدى، _ دېدى.

47ھارۇن مۇسانىڭ دېگىنىدەك قىلىپ، ئىسرىقداننى ئېلىپ جامائەت ئارىسىغا يۈگۈرۈپ باردى. كىشىلەر ئارىسىدا ئاللىقاچان ۋابا تارقىلىشقا باشلىغانىدى. ھارۇن ئىسرىق سېلىپ جامائەتنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىپ،48ئۆلۈكلەر بىلەن تىرىكلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇردى. شۇ ۋاقىتتا ۋابا توختىدى.49لېكىن شۇ كۈنىلا كوراھ سەۋەبىدىن ئۆلگەنلەردىن باشقا 14,700 ئادەم ۋابا بىلەن جېنىدىن ئايرىلدى.50ۋابا توختىغاندىن كېيىن، ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا تۇرغان مۇسانىڭ يېنىغا كەلدى.

17

ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ھەربىر قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بىردىن تاياق تەييارلىسۇن، جەمئىي ئون ئىككى تاياق بولسۇن. تاياقلارغا ئۆز قەبىلە ئاقساقاللىرىنىڭ ئىسمى يېزىلسۇن.3لاۋىيلارنىڭ تايىقىغا ھارۇننىڭ ئىسمى يېزىلسۇن. ھەربىر قەبىلە ئاقساقىلىنىڭ بىردىن تايىقى بولسۇن.4ئۇلارنى سەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى مەن پەرۋەردىگار سىلەر بىلەن كۆرۈشىدىغان جاينىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغىن.5كىمنىڭ تايىقى بىخ چىقارسا، مەن تاللىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مەن شۇ ئارقىلىق ئىسرائىللارنىڭ سىلەردىن ئاغرىنىشىنى توختىتىمەن.
6شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ تاياقلىرىنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھارۇننىڭ تايىقىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىدى. جەمئىي ئون ئىككى تاياق ئىدى.7مۇسا تاياقلارنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا قويدى.
8ئەتىسى مۇسا ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەھدە چېدىرىغا كىرىپ، لاۋىيلارغا تەۋە ھارۇننىڭ تايىقىنىڭ بىخلاپلا قالماي بەلكى غۇنچىلاپ، چېچەكلەپ ھەم باداملىغانلىقىنى كۆردى.9مۇسا ھەممە تاياقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىدىن ئېلىپ چىقىپ، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە كۆرسەتتى. ئۇلار بۇنى كۆرۈپ، ھەركىم ئۆز تايىقىنى ئېلىشتى.10پەرۋەردىگار مۇساغا:
_ ھارۇننىڭ تايىقىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قايتا ئاپىرىپ قويغىن. ئۇ قارشى تۇرغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن شۇ يەردە ساقلانسۇن. ئەمدى ئۇلارنىڭ ماڭا قارشى شىكايەتلىرى توختىسۇن، شۇندىلا ئۇلار ئۆلمەيدۇ، _ دېدى.

11مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈردى.
12ئىسرائىل خەلقى مۇساغا:
_ بىز ئۆلىدىغان بولدۇق! بىز تۈگەشتۇق، ھەممىمىز تۈگەشتۇق!
13پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا يېقىنلاشقان ھەرقانداق بىرى ئۆلمەي قالمىدى، ئەمدى بىزمۇ ئۆلەرمىزمۇ؟ _ دېيىشتى.

18

لاۋىيلار ۋە روھانىيلارنىڭ مەجبۇرىيەتلىرى

1پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
_ سەن، ئوغۇللىرىڭ ۋە لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭ ئىبادەت چېدىرى توغرۇلۇق چۈشۈرگەن ئەمرلىرىمگە خىلاپلىق قىلساڭلار، جاۋابكار بولىسىلەر. روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىلىرىگە دەخلى قىلىنغان سەۋەنلىكلەرگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭلا جاۋابكار بولىسىلەر.

2سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئەھدە چېدىرىنىڭ ئالدىدا خىزمەتتە بولغىنىڭلاردا، لاۋىي قەبىلىسىدىكى قېرىنداشلىرىڭلارنى بىرگە ئېلىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارغا ياردەملەشتۈرۈڭلار.3ئۇلار سېنىڭ ۋە چېدىرنىڭ خىزمىتىدە بولسۇن. لېكىن ئۇلار چېدىرنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملارغا ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھەم سىلەر ھالاك بولىسىلەر.4ئۇلار ساڭا ياردەملىشىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا، چېدىرنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل بولسۇن. لاۋىيلاردىن باشقىلارنىڭ سىلەرگە يېقىنلىشىشىغا بولمايدۇ.5سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىغا قاراشقا مەسئۇل بولىسىلەر. سىلەر ئۆز مەجبۇرىيىتىڭلارنى ئادا قىلىپ، ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپ قىلىشىمدىن ساقلىنىڭلار.6مەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدىن قېرىنداشلىرىڭ بولغان لاۋىيلارنى تاللاپ، ئۇلارنى ساڭا ياردەمچى قىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىغا قاراشقا مەسئۇل قىلدىم.
7قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئەڭ مۇقەددەس جايغا مۇناسىۋەتلىك روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە پەقەت سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ مەسئۇل بولىسىلەر. بۇ سىلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىڭلار. چۈنكى مەن روھانىيلىق خىزمىتىنى سىلەرگە ھەدىيە قىلدىم. باشقىلار مۇقەددەس جايغا يېقىن بارسا، چوقۇم ئۆلتۈرۈڭلار.

روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسى

8پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
_ سېنى ئىسرائىللار ماڭا تەقدىم قىلغان ھەدىيەلەرگە قاراشقا مەسئۇل قىلدىم. ماڭا ئاتالغان ھەدىيەلەرنى ساڭا ۋە ئوغۇللىرىڭغا تەقدىم قىلىپ، سىلەرنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان نېسىۋەڭلار قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر.

9ئىسرائىللار ماڭا ھەدىيە قىلغان ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەردىن مەيلى ئاشلىق ھەدىيەسى بولسۇن، مەيلى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولسۇن، مەيلى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرۈلمىگەن قىسمى ساڭا ۋە ئەۋلادلىرىڭغا تەۋەدۇر.10بۇ نەرسىلەرنى ئەڭ مۇقەددەس بىلىپ، پەقەت ئەرلەر يېسۇن. بۇ نەرسىلەرنى مۇقەددەس نەرسە دەپ بىلسۇن.
11ئىسرائىللارنىڭ ئېگىز كۆتۈرۈپ قىلغان ھەدىيەلىرى ساڭا مەنسۇپتۇر. مەن بۇلارنى ساڭا ۋە ئوغۇل-قىزلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسە بولىدۇ.
12ئسرائىللار ماڭا تۇنجى ھوسۇلدىن ئېلىپ ھەدىيە قىلغان ئەڭ ياخشى، يېڭى زەيتۇن يېغىنى، شارابلىرىنى ۋە ئاشلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلدىم.13ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بارلىق تۇنجى پىشقان زىرائەتلىرىنىڭ ھەممىسى سېنىڭ بولسۇن. ئائىلەڭدىكى پاك بولغان ھەممە كىشىلەر ئۇنى يېسە بولىدۇ.14ئىسرائىللار ماڭا ئاتىغان بارلىق نەرسىلەرمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.
15ماڭا ھەدىيە قىلىنغان تۇنجى ئوغۇللار ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ھايۋانلارمۇ ساڭا مەنسۇپ بولسۇن. لېكىن خەلق تۇنجى ئوغۇل ۋە ناپاك ھايۋاننىڭ تۇنجى ئەركەك پۇشتىنى سىلەرگە ھەق تۆلەپ، قايتۇرۇۋالسۇن.16ئۇلار ئېيىغا توشقاندا، كىشى بېشىغا بەش كۈمۈش تەڭگە قايتۇرۇۋېلىش ھەققى ئېلىنىپ قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. مۇقەددەس جاينىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بىر تەڭگە 12 گىرامغا تەڭ.
17ئەمما كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ تۇنجى تۇغۇلغانلىرىنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ. ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغاندۇر. ئۇلارنىڭ قېنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چېچىلسۇن. مايلىرى كۆيدۈرۈلۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.18ئۇلارنىڭ گۆشى، ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە ئوڭ يوتا گۆش ھەدىيەلىرىگە ئوخشاش، ساڭا مەنسۇپ بولسۇن.
19ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ھەدىيەلىرىنىڭ ھەممىسىنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭغا مەنسۇپ قىلدىم. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشۈڭلاردۇر. بۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ۋە بىكار قىلىشقا بولمايدىغان مەڭگۈلۈك ئەھدەمدۇر.

لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى

20پەرۋەردىگار ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:
_ ئىسرائىللار ئىگە بولماقچى بولغان زېمىندا سېنىڭ ئۈلۈشۈڭ بولمايدۇ. ئۇلارغا نېسىۋە قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىمۇ سېنىڭ نېسىۋەڭ بولمايدۇ. چۈنكى مەن ئۆزۈم سېنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدىكى ئۈلۈشۈڭ ۋە نېسىۋەڭ بولىمەن.
21ئىسرائىللار تەقدىم قىلغان بارلىق ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەلەرنى سىلەر لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى بولسۇن دەپ، ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققى قىلىپ بەردىم.22گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، ئۆلۈمگە دۇچار بولماسلىقى ئۈچۈن، ھازىردىن باشلاپ لاۋىيلاردىن باشقا ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا يېقىنلاشمىسۇن.23پەقەت لاۋىيلارلا ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەتتە بولىدۇ. ئۇلار ئۆز ۋەزىپىلىرىنى ئادا قىلىش جەريانىدا سادىر قىلغان سەۋەنلىكلىرىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. لاۋىيلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ.24چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئېلىپ كەلگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنى لاۋىيلارنىڭ نېسىۋىسى قىلدىم. شۇڭا مەن «ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار ئارىسىدا نېسىۋىسى بولمايدۇ» دەپ ئېيتتىم.

لاۋىيلارنىڭ ھەدىيە بېرىشى

25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
26_ سەن لاۋىيلارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئەي لاۋىيلار، سىلەر مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىپ بەرگەن ئوندىن بىر ئۈلۈش نېسىۋەڭلارنى قوبۇل قىلغىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ماڭا ھەدىيە قىلىڭلار.27مەن سىلەرنىڭ ھەدىيەڭلەرنى ئىسرائىللارنىڭ خاماندىكى ئاشلىقى، شاراب كۆلچىكىدىكى شارابىدەك قوبۇل قىلىمەن.28سىلەر ئىسرائىللارنىڭ تەقدىم قىلغان ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەسىنىڭ ئوندىن بىر ئۆلۈشىنى ماڭا تەقدىم قىلىڭلار. ماڭا بېغىشلىغان بۇ ھەدىيەنى روھانىي ھارۇنغا تاپشۇرۇڭلار.29سىلەر ئېرىشكەن بارلىق ھەدىيەلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسىدىن ماڭا مەنسۇپ بولغان ئۈلۈشنى ماڭا ئاتاپ ھەدىيە قىلىڭلار.»
30لاۋىيلارغا يەنە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئەڭ ياخشىسىنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن بۇنى خامىنىڭلاردىن ياكى شاراب كۆلچىكىڭلاردىن كەلگەندەك قوبۇل قىلىمەن.31قالغانلىرىنى سىلەر ۋە ئائىلەڭلەردىكىلەر نەدىلا يېسەڭلار بولىدۇ. چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا قىلغان خىزمىتىڭلارنىڭ ھەققىدۇر.32سىلەر ئەڭ ياخشىسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلغان بولساڭلار، قالغانلىرىنى يېسەڭلار، گۇناھكار بولمايسىلەر. ھەدىيە قىلىنغان مۇقەددەس نەرسىلەرنى بۇلغىماڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر.»

19

پاكلىنىش سۈيى

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللار مەن ئەمر قىلغان بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلسۇن. ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «ئۇلار بېجىرىم ۋە نۇقسانسىز، تېخى بويۇنتۇرۇق سېلىنمىغان ياش بىر قىزىل ئىنەكنى سىلەرگە ئېلىپ كەلسۇن.3ئۇنى روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار. ياش ئىنەك قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، روھانىي ئەلئازارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن.4روھانىي ئەلئازار بارمىقىنى ئۇنىڭ قېنىغا چىلاپ، قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.5ياش ئىنەك ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلسۇن. تېرىسى، گۆشى، قېنى ۋە ئۈچىيىمۇ كۆيدۈرۈلسۇن.6روھانىي ئازراق قارىغاي شېخى، بىر تۇتام لېپەكگۈل ۋە توق قىزىل يىپنى ئېلىپ، كۆيۈۋاتقان ياش ئىنەكنىڭ ئۈستىگە تاشلىسۇن.
7ئۇنىڭدىن كېيىن، روھانىي كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قارارگاھىغا قايتىپ كەتسە بولىدۇ. لېكىن روھانىي كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.8ياش ئىنەكنى كۆيدۈرگەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە ئۆزىمۇ يۇيۇنسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە يەنىلا ناپاكتۇر.9پاك بىر كىشى ياش ئىنەكنىڭ كۈلىنى يىغىپ، قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا قويۇپ قويسۇن. بۇ كۈل ئىسرائىل خەلقىنىڭ پاكلىنىش سۈيىگە سېلىپ ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن ساقلانسۇن. بۇ گۇناھتىن پاكلىنىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.10كۈلنى يىغقان كىشىمۇ ئوخشاشلا كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئۇمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر. بۇلار ئىسرائىللار ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدىغان يات خەلقلەر ئۈچۈنمۇ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر.
11مەيلى كىم بولسۇن جەسەتكە تەگكەن بولسا يەتتە كۈنگىچە ناپاكتۇر.12ئۇ ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىش سۈيى بىلەن ئۆزىنى يۇيسۇن. شۇندىلا ئۇ پاك بولىدۇ. مۇبادا ئۇ ئۆزىنى ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى يۇيمىغان بولسا، ئۇ پاك بولمايدۇ.13ھەرقانداق بىر ئادەم جەسەتكە تېگىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىنى پاكلىمىغان بولسا، ئۇنداق ئادەم مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغىغان ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ئادەم ئىسرائىللارنىڭ قاتارىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭ ئۈستىگە سېپىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇ تېخى پاكلانمىغان بولىدۇ.
14ئەگەر بىرەرسى چېدىردا قازا قىلسا، تۆۋەندىكى قائىدە بويىچە ئىش كۆرۈلسۇن: ئەگەر بىرەرسى جەسەت بار چېدىرغا كىرسە، ياكى بىرەرسى شۇ چېدىردا بولغان بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.15تۇۋىقى بار ھەرقانداق قاچا-قۇچا ئوچۇق قالغان بولسا، ناپاك بولىدۇ.16ئەگەر بىر ئادەم سىرتتا قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر ئادەمنىڭ جەسىتىگە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن بولسا، ئوخشاشلا يەتتە كۈنگىچە ناپاك بولىدۇ.
17ناپاك كىشى ئۈچۈن، كۆيدۈرۈلگەن پاكلىنىش قۇربانلىقىنىڭ كۈلىدىن كۈپكە سېلىپ، ئۈستىگە پاكىز سۇ قۇيۇلسۇن.18ئاندىن پاك بىر كىشى لېپەكگۈلنى ئۇ سۇغا چىلاپ، چېدىرغا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرگە ھەمدە ئۇ يەردىكى ئادەملەرگە سەپسۇن. يەنە قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ياكى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن ھەرقانداق بىر جەسەتكە ياكى ئۆلۈكنىڭ سۆڭىكىگە ياكى قەبرىسىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىگىمۇ ئاشۇ سۇدىن سېپىلسۇن.19پاك كىشى ناپاك كىشىگە ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى سۇ سەپسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشى يەتتىنچى كۈنى پاكلىنىدۇ. پاكلانغۇچى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن ۋە يۇيۇنسۇن. شۇنداق بولغاندا ئۇ كىشى شۇ كۈنى كېچىسى پاكلىنىپ بولغان بولىدۇ.
20ناپاك تۇرۇپ ئۆزىنى پاكلىمىغان ھەرقانداق كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. چۈنكى ئۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس ئىبادەت چېدىرىنى بۇلغايدۇ. پاكلىنىش سۈيى ئۇنىڭغا سېپىلمىگەچكە، ئۇ ناپاكتۇر.21بۇ سىلەر ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر. پاكلىنىش سۈيىنى سەپكەن كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيسۇن. پاكلىنىش سۈيىگە تەگكەن ھەرقانداق بىر كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.22ناپاك كىشى تەگكەن ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر. ئۇ كىشىگە تەگكەن ھەرقانداق كىشىمۇ كەچ كىرگۈچە ناپاكتۇر.»

20

مۇسانىڭ تاشتىن سۇ چىقىرىشى ۋە ئۇنىڭ سەۋەنلىكى

1ئىسرائىل خەلقىنىڭ پۈتۈن جامائىتى زىن چۆلىگە 1-ئايدا *يېتىپ كېلىپ، كادېش دېگەن جايدا تۇرۇپ قالدى. مەريەم شۇ يەردە قازا قىلىپ، دەپنە قىلىندى.
2ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق مۇسا ۋە ھارۇننىڭ ئالدىغا توپلاشتى.3ئۇلار مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېيىشتى:
_ بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىزدەك پەرۋەردىگار ئالدىدا ئۆلۈپ كەتسەك بوپتىكەن!
4سىلەر نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىنى بۇ چۆلگە باشلاپ كەلدىڭلار؟ بىزنى ۋە ماللىرىمىزنى بۇ چۆلدە ئۆلسۇن دېگەنمىدىڭلار؟5نېمە ئۈچۈن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ ھالاكەتلىك يەرگە ئېلىپ كەلدىڭلار؟ بۇ جايدا نە ئاشلىق، نە ئەنجۈر دەرىخى، نە ئۈزۈم تېلى، نە ئانار دەرىخى بولسۇن، ھەتتا ئىچىدىغانغا سۇمۇ يوق!
6مۇسا بىلەن ھارۇن جامائەتتىن ئايرىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنى يەرگە تاشلاپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى ئۇلارغا زاھىر بولدى.
7پەرۋەردىگار مۇساغا:
8_ تايىقىنى ئالغىن ۋە ئاكاڭ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى يىغقىن. ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇ يەردىكى تاشقا سۆزلىگىن، ئۇنىڭدىن سۇ چىقىدۇ. سەن تاشتىن سۇ چىقارغاندىن كېيىن، جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى ئۇ سۇنى ئىچىدۇ، _ دېدى.
9مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە ئەھدە ساندۇقى ئالدىدىن تايىقىنى ئالدى.10ئۇ ھارۇن بىلەن بىرلىكتە جامائەتنى تاشنىڭ ئالدىغا يىغدى. مۇسا ئۇلارغا:
_ ئەي ئىسيانچىلار، ئەجەبا سىلەرگە قورام تاشتىن سۇ چىقىرىپ بېرىشىمىز كېرەكمۇ؟ _ دېدى.

11ئاندىن مۇسا قولىنى كۆتۈرۈپ تاياق بىلەن تاشنى ئىككى قېتىم ئۇرۇۋىدى، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. جامائەت ۋە ئۇلارنىڭ ماللىرى سۇدىن ئىچىشتى.12لېكىن پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا:
_ سىلەرنى ماڭا يېتەرلىك ئىشەنمىگىنىڭلار، ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىغىنىڭلار سەۋەبىدىن، سىلەر جامائەتنى مەن سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنغا باشلاپ بارالمايسىلەر، _ دېدى.

13بۇ يەر «مىرىبا سۈيى» [مەنىسى «جېدەل سۈيى»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى بۇ يەردە ئىسرائىللار پەرۋەردىگار بىلەن جېدەللەشكەنىدى. پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى ئۇلارغا نامايان قىلغانىدى.

ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئىسرائىللارغا يول بەرمەسلىكى

14مۇسا كادېشتىن ئىدوم پادىشاھىغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئەلچىلەر تۆۋەندىكى سۆزلەرنى پادىشاھقا يەتكۈزدى:

«بۇ قېرىنداش ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئېيتقانلىرى: ‹بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگەن بارلىق كۈلپەتلەردىن خەۋەردارسىز.
15بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز مىسىرغا بېرىپ نۇرغۇن يىللار ياشىغانىدى. مىسىرلىقلار بىزگە ۋە ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا زۇلۇم سالدى.16لېكىن بىز پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدۇق. ئۇ نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىر پەرىشتە ئەۋەتىپ بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. ھازىر بىز كادېشتا، سېنىڭ زېمىنىڭنىڭ چېگراسىدا تۇرۇۋاتىمىز.
17بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈۋېلىشىمىزغا رۇخسەت || قىلغايسىز | قىلسىڭىز ||. بىز ئېتىزلىقىڭىزدىن ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدىن ئۆتمەيمىز ياكى قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز زېمىنىڭىزدىن ئۆتكۈچە خانلىق يولدا ماڭىمىز، يولدىن چەتنەپ كەتمەيمىز.›»

18لېكىن ئىدوم پادىشاھى جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ سىلەر مېنىڭ زېمىنىمدىن ئۆتسەڭلار بولمايدۇ. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، قىلىچىمىزنى سىلەرگە قارىتىپ، ھۇجۇمغا ئۆتىمىز.

19ئىسرائىللار:
_ بىز پەقەتلا چوڭ يولدا ماڭىمىز. ئەگەر سۈيۈڭلارنى بىز ياكى چارۋىلىرىمىز ئىچسە، ھەققىنى تۆلەيمىز. بىز پەقەت پىيادە مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىشنىلا سورايمىز، _ دېدى.

20ئىدوم پادىشاھى:
_ سىلەر ئۆتمەيسىلەر، _ دېدى.

ئاندىن ئىدوم پادىشاھى ئۇلارغا قارشى زور، كۈچلۈك قوشۇن بىلەن ئاتلاندى.
21ئىدوم پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ئۇلار ئايلىنىپ باشقا يول بىلەن ماڭدى.

ھارۇننىڭ ۋاپات بولۇشى

22ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن جامائىتى كادېشتىن چىقىپ ھور تېغىغا كەلدى.23ئىدوم چېگراسىدىكى ھور تېغىدا پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
24_ ھارۇننىڭ ئالەمدىن ئۆتىدىغان ۋاقتى كەلدى. ئۇ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرەلمەيدۇ. چۈنكى ھەر ئىككىڭلار «مىرىبا سۈيى»دە مېنىڭ ئەمرىمگە قارشى چىقتىڭلار.25ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارنى ھور تېغىغا ئېلىپ چىققىن.26ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈرگىن. شۇ جايدا ھارۇن ئالەمدىن ئۆتۈپ، بۇ دۇنيادىن كېتىدۇ.
27مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنىنى بەجا كەلتۈردى. ئۇلار پۈتۈن جامائەتنىڭ كۆز ئالدىدا ھور تېغىغا چىقتى.28مۇسا ھارۇننىڭ روھانىيلىق كىيىملىرىنى يەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئازارغا كىيدۈردى. ئاندىن ھارۇن شۇ تاغ ئۈستىدە قازا قىلدى. كېيىن مۇسا بىلەن ئەلئازار تاغدىن قايتىپ چۈشتى.29پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ھارۇننىڭ قازا قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇز كۈن ھازا تۇتتى.


*20: 1بۇ ۋاقىت ئىسرائىللارنىڭ چۆللۈكتىكى ئەڭ ئاخىرقى يىلى بولۇپ، مۇساپىرلىقنىڭ 40-يىلى ئىدى.


21

ئاراد پادىشاھىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى

1كەنئاننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئارادنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ ئاتارىمغا قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى ۋە ئۇلارنىڭ بىر قىسمىنى ئەسىرگە ئالدى.2شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا: «ئەگەر سەن بۇ خەلقنى بىزنىڭ قولىمىزغا چۈشۈرۈپ بەرسەڭ، ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىمىز» دەپ قەسەم قىلدى.3پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، كەنئانلارنى ئۇلارغا تاپشۇردى. ئۇلار كەنئانلارنى ۋە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلدى. شۇڭا ئۇ جاي خورماھ [مەنىسى «خاراب قىلىش»] دەپ ئاتالدى.

تۇچ يىلان

4ئىسرائىللار ھور تېغىدىن قىزىل دېڭىزغا بارىدىغان يولغا چىقىپ، ئىدومدىن ئايلىنىپ ئۆتمەكچى بولدى. لېكىن كىشىلەر يولدا تاقەتسىزلىنىپ،5خۇدا ۋە مۇسادىن ئاغرىنىشقا باشلىدى:
_ سەن نېمىشقا بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، بۇ چۆلدە ئۆلۈمگە باشلايسەن؟ بۇ جايدا يا نان يوق، يا سۇ يوق! ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز بۇ ناچار ماننادىن تويۇپ كەتتۇق! _ دېدى.

6شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئارىسىغا زەھەرلىك يىلانلارنى ئەۋەتتى. يىلانلار نۇرغۇن ئىسرائىللارنى چېقىپ، ئۆلتۈردى.7خەلق مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:
_ بىز سەن ۋە پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ، گۇناھ قىلدۇق. پەرۋەردىگاردىن يىلانلارنى بىزدىن يىراق قىلىشىنى تىلەپ، دۇئا قىلغايسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن مۇسا جامائەت ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
8پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ يىلاندىن بىرنى ياساپ، خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتقىن. يىلان چاققان ھەرقانداق كىشى ئۇنىڭغا قارىسا ھايات قالىدۇ.

9شۇڭا مۇسا تۇچتىن بىر يىلان ياساپ، ئۇنى خادىنىڭ ئۈستىگە ئورناتتى. شۇنىڭ بىلەن يىلان چېقىۋالغان ئادەم تۇچتىن ياسالغان يىلانغا قارىسا، ھايات قالدى.

موئاب تۈزلەڭلىكىگە سەپەر

10ئىسرائىللار يەنە سەپەرگە ئاتلىنىپ ئوبوتتا قارارگاھ تىكتى.11ئاندىن ئۇلار ئوبوتتىن چىقىپ، ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمغا كەلدى ۋە موئابنىڭ شەرقىي چېگراسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى چۆلدە قارارگاھ تىكتى.12ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، زەرەد جىلغىسىدا قارارگاھ تىكتى.13ئاندىن ئۇ جايدىن ئايرىلىپ، ئارنون دەرياسىنىڭ قارشى قىرغىقىدا قارارگاھ تىكتى. بۇ جاي ئامورلارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشىدىغان چۆلدە ئىدى. ئارنون دەرياسى موئابنىڭ چېگراسى بولۇپ، موئاب بىلەن ئامورلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىدى.14شۇڭا بۇ جايلار «پەرۋەردىگارنىڭ جەڭنامىسى»دە پۈتۈلگەنىدى:
«… سۇفاھتىكى ۋاھېب بازىرى ۋە ئارنوننىڭ چوڭقۇر جىلغىلىرى
15ھەمدە ئار يېزىسىغا يېتىپ بارىدىغان ۋە موئاب چېگراسىغا سوزۇلىدىغان جىلغىلارنىڭ باغرىلىرى …»
16ئۇلار ئۇ جايدىن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ بەئەرگە [مەنىسى «قۇدۇق»] باردى. بۇ يەر پەرۋەردىگار مۇساغا: «خەلقنى يىغىپ جەم قىلغىن، مەن ئۇلارغا سۇ بېرىمەن» دېگەن يەر ئىدى.17ئۇ چاغدا ئىسرائىللار تۆۋەندىكى ناخشىنى ئېيتقانىدى:
18ئەل باشچىلىرى، ئەل سەركىلىرى كولاپ سېنى،

ئاندىن ئۇلار چۆلدىن چىقىپ، ماتتاناغا باردى.
19ماتتانادىن ناخالىئېلغا، ناخالىئېلدىن باموتقا،20باموتتىن موئاب زېمىنىغا، يەنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىسگاھ تېغىنىڭ بويىدىكى جىلغىغا يېتىپ باردى.

سىخون ۋە ئوگ پادىشاھلارنىڭ تارمار قىلىنىشى

21ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا تۆۋەندىكى تەلەپلەر بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى:

22«بىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈشىمىزگە يول قويسىڭىز. بىز ئېتىزلىقىڭىزدا ياكى ئۈزۈمزارلىقىڭىزدا ماڭمايمىز، قۇدۇقىڭىزدىن سۇ ئىچمەيمىز. بىز تاكى سىزنىڭ زېمىنىڭىزدىن ئۆتۈپ بولغۇچە، پەقەت خانلىق يولدىلا ماڭىمىز.»

23لېكىن سىخون ئىسرائىللارنى ئۆز زېمىنىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق لەشكىرىنى يىغدى ۋە چۆلگە بېرىپ، ياھاز دېگەن جايدا ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.24ئىسرائىللار پادىشاھ سىخوننى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئارنون دەرياسىدىن ياببوق دەرياسىغىچە بولغان زېمىنىنى تارتىۋېلىپ، مۇداپىئەسى زىچ بولغان ئاممونلارنىڭ چېگراسىغىچە يېتىپ باردى.25ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ بارلىق شەھەرلىرىنى، جۈملىدىن خەشبون ۋە ئەتراپىدىكى يېزا-كەنتلەرنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ يەرلەرگە ئولتۇراقلاشتى.26خەشبون ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننىڭ شەھىرى بولۇپ، سىخون موئابلارنىڭ ئاۋۋالقى پادىشاھى بىلەن ئۇرۇشۇپ، ئۇنىڭ ئارنون دەرياسىغىچە بولغان بارلىق زېمىنىنى ئىشغال قىلغانىدى.27شۇڭا بەزىلەر بۇ توغرۇلۇق مۇنداق قوشاق توقۇغانىدى:
28يالقۇن خەشبوندىن چىقتى،29ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي موئابلار!30بىز ئۇلارنى قىرىپ تاشلىدۇق،

31شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتى.32مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى.33ئاندىن ئىسرائىللار بۇرۇلۇپ، باشانغا قاراپ يول ئالدى. باشان پادىشاھى ئوگ پۈتۈن لەشكەرلىرىنى باشلاپ، ئەدرەئىدە ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلدى.34پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ ئۇنىڭدىن قورقمىغىن، چۈنكى مەن ئۇنى ۋە ئۇنىڭ بارلىق لەشكەرلىرىنى، ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم. خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخونغا قانداق قىلغان بولساڭ، ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق قىلغىن.

35شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئوگنى ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە پۈتۈن لەشكەرلىرى بىلەن قوشۇپ تارمار قىلدى، ئۇلاردىن ھېچكىمنى ئامان قويمىدى ھەمدە ئۇنىڭ زېمىنلىرىنى ئىگىلىدى.

22

موئاب پادىشاھىنىڭ بىلئامنى چاقىرتىشى

1ئىسرائىللار موئاب تۈزلەڭلىكىگە يېتىپ بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىگە، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىگە قارارگاھ تىكتى.2زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاق ئىسرائىللارنىڭ ئامورلارنى قىرغىن قىلغانلىقىدىن خەۋەردار ئىدى.3ئىسرائىللارنىڭ شۇنچە كۆپلۈكىدىن موئابلار قورقۇنچتا قالدى. ئىسرائىللاردىن قورقۇپ ۋەھىمىدە قالغان موئابلار4مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرىغا:
_ خۇددى كالىلار ئوتلاقتىكى ھەممە چۆپلەرنى يەۋەتكەندەك، بۇ بىر توپ ئادەملەر ئەتراپىمىزدىكى ھەممە نەرسىنى يالماپ يۇتۇۋېتىدىغان بولدىغۇ ئاخىر، _ دېيىشتى.

بۇ چاغدا زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق موئابنىڭ پادىشاھى ئىدى.
5ئۇ ئاماۋ زېمىنىدىكى، فىرات دەرياسى بويىدىكى پىتور شەھىرىگە ئەلچى ئەۋەتىپ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنى چاقىرتتى. ئۇ ئەلچىلەر ئارقىلىق مۇنۇ خەۋەرنى بىلئامغا يوللىدى:

«مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ، بېسىپ كەلدى. ئۇلار قارشى تەرىپىمگە كېلىپ ئورۇنلاشتى.
6ئۇلار مەندىن قۇدرەتلىك ئىكەن، مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. شۇنداق بولغاندىلا مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلەيمەن. بىلىمەن، سەن كىمگە بەخت تىلىسەڭ، شۇ بەختكە ئېرىشىدۇ، كىمنى قارغىساڭ، شۇ قارغىشقا قالىدۇ.»

7موئاب ۋە مىديانلارنىڭ ئاقساقاللىرى بىلئامغا سوۋغات قىلماقچى بولغان ئالتۇن-كۈمۈشلەر ئېلىپ يولغا چىقتى. ئۇلار بىلئامنىڭ قېشىغا يېتىپ كەلدى ۋە بالاقنىڭ سۆزلىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى.8بىلئام ئۇلارغا:
_ بۈگۈن كېچە مۇشۇ يەردە قونۇڭلار. مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سىلەرگە جاۋاب بېرىمەن، _ دېدى.

موئابتىن كەلگەن ئەلچىلەر بىلئامنىڭ يېنىدا قالدى.
9خۇدا بىلئامدىن:
_ بۇلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.

10بىلئام جاۋاب بېرىپ:
_ بۇلار زىپپورنىڭ ئوغلى، يەنى موئابنىڭ پادىشاھى بالاقنىڭ ئەلچىلىرىدۇر، ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە:
11«مىسىردىن چىققان بىر خەلق جاھاننى قاپلاپ كېتىپتۇ. بالاق مېنىڭ ئۇ خەلقنى قارغىشىمنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنداق بولغاندا پادىشاھ بالاق ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ، قوغلىۋېتەلىشى مۇمكىن ئىكەن»، _ دېدى.
12خۇدا بىلئامغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئۇلار بىلەن بىرگە بېرىپ، ئۇ خەلقنى قارغىساڭ بولمايدۇ. چۈنكى ئۇ خەلق مېنىڭ بەختىمگە ئېرىشكەن خەلقتۇر.

13ئىككىنچى كۈنى ئەتىگەندە بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرىگە:
_ سىلەر يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە بېرىشىمغا پەرۋەردىگار رۇخسەت قىلمىدى، _ دېدى.

14موئابنىڭ ئەلچىلىرى قايتىپ بېرىپ، بالاققا:
_ بىلئام بىز بىلەن بىرگە كېلىشكە ئۇنىمىدى، _ دېدى.

15بالاق تېخىمۇ كۆپ ۋە ئالدىنقىدىن تېخىمۇ ئابرۇيلۇق ئەلچىلەرنى يەنە ئەۋەتتى.16ئۇلار بىلئامنىڭ يېنىغا بارغاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا:
_ زىپپورنىڭ ئوغلى بالاق سىزنى مەيلى قانداق قىلمىسۇن، چوقۇم كەلسۇن!
17مەن ئۇنى مەردلەرچە تارتۇقلايمەن، ئۇ خالىغىنىنى ئالسۇن، پەقەت ئۇنىڭ ئاشۇ خەلقنى قارغىشىنىلا ئۆتۈنىمەن، _ دېدى.
18بىلئام جاۋابەن:
_ بالاق خەزىنىسىدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى ماڭا بەرسىمۇ، مەن ھەرقانداق بىر ئىشتا پەرۋەردىگارىم خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلالمايمەن.
19سىلەر بۇ يەردە قونۇپ قېلىڭلار. پەرۋەردىگارنىڭ يەنە قانداق تاپشۇرۇقلىرىنىڭ بارلىقىغا قاراپ باقايلى، _ دېدى.
20شۇ كېچىسى خۇدا بىلئامغا زاھىر بولدى ۋە مۇنداق دېدى:
_ بۇ كىشىلەر سېنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەنىكەن، ئۇلار بىلەن بىرگە بارساڭمۇ بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلغىن.

21بىلئام سەھەر تۇرۇپ، ئېشىكىنى توقۇپ، موئابنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.
22بىلئام ماڭغاندىن كېيىن، خۇدانىڭ غەزىپى كەلدى. بىلئام ئېشىكىنى مىنىپ، ئىككى خىزمەتكارىنى ئەگەشتۈرۈپ يولدا كېتىۋاتاتتى. پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى يولدا تۇرۇپ، ئۇنىڭ يولىنى توستى.23ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قولىغا قىلىچ ئېلىپ يولنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، يولدىن چەتنەپ ئېتىزلىققا كىرىپ كەتتى. بىلئام ئېشەكنى ئۇرۇپ يولغا قايتۇرۇپ كەلمەكچى بولدى.24پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككى ئۈزۈمزارلىقنىڭ ئارىسىدىكى بىر تار چىغىر يولدا تۇراتتى، ئىككى تەرىپى تام ئىدى.25ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، تام تەرەپكە قىستىلىپ مېڭىپ، بىلئامنىڭ پۇتىنى يارىلاندۇرۇپ قويدى. بىلئام يەنە ئېشەكنى ئۇردى.26پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئالدىغىراق بېرىپ، يولنىڭ تېخىمۇ تار يېرىدە تۇردى. ئىككى تەرىپىدە ئادەم ئۆتكۈدەك يەر يوق ئىدى.27ئېشەك پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنى كۆرۈپ، يەردە يېتىۋالدى. بىلئام غەزەپلىنىپ، ئېشەكنى ھاسىسى بىلەن ئۇردى.28پەرۋەردىگار ئېشەكنى زۇۋانغا كەلتۈرۈپ، بىلئامغا:
_ مەن قانداق خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، سەن مېنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ، _ دېگۈزدى.

29بىلئام:
_ سەن مېنى ئەخمەق قىلدىڭ، ئەگەر قىلىچىم بولغان بولسا، سېنى ھازىرلا ئۆلتۈرۈۋېتەتتىم، _ دېدى.

30ئېشەك:
_ مەن سېنىڭ بۇرۇندىن باشلاپ مىنگەن ئېشىكىڭمەن، مەن بۇرۇن بۇنداق قىلىپ باققانمىدىم؟ _ دەپ سورىدى.

بىلئام جاۋاب بېرىپ:

_ ياق، _ دېدى.

31دەل شۇ چاغدا پەرۋەردىگار بىلئامنىڭ كۆزىنى ئاچتى، ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىنىڭ قىلىچ تۇتۇپ يولدا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى.32پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى بىلئامغا مۇنداق دېدى:
_ نېمىشقا سەن ئېشىكىڭنى ئۈچ قېتىم ئۇردۇڭ؟ مەن ئالايىتەن سېنى توسقىلى كەلدىم، چۈنكى سېنىڭ يولۇڭ گۇناھ يولىدۇر.
33ئېشىكىڭ مېنى كۆرۈپ، ئۈچ قېتىم يولدىن چەتنىدى، بولمىسا ئاللىقاچان سېنى ئۆلتۈرۈپ، ئېشەكنى قويۇۋەتكەن بولار ئىدىم.
34بىلئام پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق دېدى:
_ مەن گۇناھ قىلدىم، سېنىڭ يول توسۇپ تۇرغانلىقىڭنى بىلمەپتىمەن. ئەگەر سەن مېنىڭ بېرىشىمدىن خۇرسەن بولمىساڭ، مەن ھازىرلا قايتىپ كېتەي.

35پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى:
_ بۇلار بىلەن بىرگە بارغىن، لېكىن پەقەت مېنىڭ ئېيتقىنىمنى ئېيت، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن بىلئام بالاقنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن يۈرۈپ كەتتى.

36بالاق بىلئامنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، چېگراغىچە كېلىپ، موئابنىڭ ئارنون دەرياسى بويىدىكى شەھىرىدە كۈتۈۋالدى.37بالاق بىلئامدىن:
_ ئالدىنقى قېتىم مەن سېنىڭ چوقۇم كېلىشىڭنى ئۆتۈنگەنىدىم. سەن نېمىشقا كەلمىدىڭ؟ ئەجەبا سېنى مەردلەرچە تارتۇقلىيالماسمەنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

38بىلئام مۇنداق دېدى:
_ مانا مەن ھازىر كەلدىم، لېكىن مەن ئۆزۈم خالىغانچە سۆزلىيەلمەيمەن، پەقەت خۇدانىڭ ئېيتقىنى بويىچىلا سۆزلەيمەن، _ دېدى.

39بالاق بىلەن بىلئام بىرلىكتە قىريات-خۇزوت شەھىرىگە كەلدى.40بالاق ئۇ يەردە كالا ۋە قويلارنى قۇربانلىق قىلىپ، بىلئام ۋە ئۇنى ئېلىپ كەلگەن ئەلچىلەرگە سۇندى.41ئىككىنچى كۈنى سەھەردە بالاق بىلئامنى ئەگەشتۈرۈپ، باموت-بائالغا كەلدى. ئۇ يەردە بىر قىسىم ئىسرائىللارنى كۆرگىلى بولاتتى.

23

بىلئامنىڭ بىرىنچى بايانى

1بىلئام بالاققا:
_ بۇ يەرگە مەن ئۈچۈن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، يەتتە تۇياق بۇقا ۋە يەتتە تۇياق قوچقار تەييارلىغىن، _ دېدى.

2بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى. ئۇلار بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىلىرىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.3ئاندىن بىلئام بالاققا:
_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن، مەن ئالدى تەرەپكە باراي، بەلكىم پەرۋەردىگار مەن بىلەن كۆرۈشۈپ قالار. پەرۋەردىگار ماڭا نېمە دېسە، مەن شۇنى ساڭا يەتكۈزىمەن، _ دەپ، بىر تاقىر تاغقا چىقتى.

4خۇدا بىلئامنىڭ ئالدىدا زاھىر بولدى. بىلئام ئۇنىڭغا:
_ مەن يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، ھەربىرىگە بىر تۇياقتىن بۇقا، بىر تۇياقتىن قوچقار قۇربانلىق قىلدىم، _ دېدى.

5پەرۋەردىگار بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقاندىن كېيىن، يەنە:
_ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن، _ دېدى.

6بىلئام قايتىپ بارغاندا، بالاق موئابنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرلىكتە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتاتتى.7بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:
8لېكىن خۇدا قارغىمىسا،9مەن ئېگىز قىيا تاشلاردىن ئۇلارغا نەزەر سالدىم،10ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپتۇر خۇددى توپىدەك،

11بالاق بىلئامغا:
_ نېمە ئىش قىلىۋاتىسەن؟ مەن سېنى دۈشمەنلىرىمنى قارغاشقا ئەكەلسەم، سەن ئۇلارغا بەخت تىلەۋاتىسەنغۇ! _ دېدى.

12بىلئام مۇنداق دېدى:
_ پەرۋەردىگار ماڭا دېگىن، دەپ بۇيرۇغان سۆزلەرنى دېمەسلىكىمگە نېمە ھەددىم؟

بىلئامنىڭ ئىككىنچى بايانى

13بالاق مۇنداق دېدى:
_ يۈرۈڭ، مەن بىلەن باشقا يەرگە بېرىڭ. ئۇ يەردىن باشقا ئىسرائىللارنى كۆرەلەيسىز. سىز شۇ يەردە مەن ئۈچۈن ئۇلارنى قارغاڭ.

14ئۇ بىلئامنى پىسگاھ تېغىنىڭ زۇفىم ئېگىزلىكىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى ياسىتىپ، ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسىدا بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقارنى قۇربانلىق قىلدى.15بىلئام بالاققا:
_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا قالغىن. مەن نېرىراق يەرگە بېرىپ، پەرۋەردىگار بىلەن كۆرۈشىمەن، _ دېدى.

16پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئالدىدا زاھىر بولۇپ، بىلئامغا نېمە دېيىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى:
_ سەن بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، دېگەنلىرىمنى ئۇنىڭغا يەتكۈزگىن.

17بىلئام بالاقنىڭ قېشىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭ موئاب ئەمەلدارلىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇرغانلىقىنى كۆردى.
بالاق:

_ پەرۋەردىگار نېمە دېدى؟ _ دەپ سورىدى.

18بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:
19خۇدا ئىنسان ئەمەس، ئۇ يالغان سۆزلىمەس،20بەخت تىلەشكە ئەمر ئالدىم،21ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا كۈلپەت چۈشمەس،22خۇدا ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى،23ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ،24بۇ خەلق ئانا شىرغا ئوخشاش ئېتىلىدىكەن،

25بالاق بىلئامغا:
_ سەن ئۇلارنى قارغىمىساڭ مەيلى، ئەمما ئۇلارغا بەخت تىلىمەسلىكىڭ كېرەك ئىدى، _ دېدى.

26بىلئام جاۋاب بېرىپ:
_ مەن ساڭا، مەن چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئىش قىلىمەن دېمىدىممۇ؟ _ دېدى.

27بالاق:
_ كەل، سېنى باشقا بىر يەرگە باشلاپ باراي. خۇدا ئۇ يەردە سېنىڭ ئۇلارنى مەن ئۈچۈن قارغىشىڭغا يول قويۇپ قالار، _ دېدى.

28ئۇ بىلئامنى چۆلگە قاراپ تۇرىدىغان پىئور چوققىسىغا ئېلىپ چىقتى.29بىلئام بالاققا:
_ سەن بۇ يەردە يەتتە قۇربانلىق سۇپىسى تەييارلاپ، يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار ھازىرلىغىن، _ دېدى.

30بالاق بىلئامنىڭ دېگىنى بويىچە ھەربىر قۇربانلىق سۇپىسى ئۈچۈن بىردىن بۇقا ۋە بىردىن قوچقار تەييارلىدى.

24

بىلئامنىڭ ئۈچىنچى بايانى

1بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ،2تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى،3بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:
4ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ،5ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!6ئۇلار خۇددى بىپايان خورمىزارلىقلار،7ئۇلارنىڭ چېلەكلىرىدىن سۇ تېشىپ تۇرىدۇ،8خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى،9ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا

10بالاق بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپ بولۇپ، مۇشتۇمىنى تۈگدى ۋە بىلئامغا:
_ مەن سېنى دۈشمىنىمنى قارغاشقا تەكلىپ قىلسام، قارا، سەن ئۇلارغا ئۈچ قېتىم بەخت تىلىدىڭ.
11ئەمدى ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، مەن سېنى كاتتا تارتۇقلايمەن دېگەنىدىم، بىراق پەرۋەردىگار بۇنى ساڭا نېسىپ قىلمىدى، _ دېدى.
12بىلئام جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ سەن ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە بۇنى دېمىگەنمىدىم؟
13سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن.14مەن ھازىر ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن، لېكىن مەن ساڭا، ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.

بىلئامنىڭ تۆتىنچى بايانى

15بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:
16ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ،17غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس،18ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ،19ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ھاكىملىق قىلىپ،

20بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

21بىلئام غايىبانە ئالامەتتە قېنلارنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:
22ئەي قېنلار، سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ،

23بىلئام يەنە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:
24سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ،

25بىلئام سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇرتىغا قايتتى، بالاقمۇ قايتىپ كەتتى.

25

ئىسرائىللارنىڭ پىئوردا ئازدۇرۇلۇشى

1ئىسرائىللار شىتتىمدىكى ۋاقتىدا، بىر قىسىم ئىسرائىل ئەركەكلىرى موئاب قىزلىرى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىشقا باشلىدى.2موئاب قىزلار ئۇلارنى موئابلار چوقۇنىدىغان ئىلاھلارنىڭ قۇربانلىق زىياپەتلىرىگە تەكلىپ قىلدى. ئۇلار ئۇ يەرگە بېرىپ، سۇنۇلغان قۇربانلىقلاردىن غىزالىنىپ، ئۇلارنىڭ بۇت ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.3نەتىجىدە ئىسرائىللار پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا باغلىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كېلىپ،4مۇساغا:
_ ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرىنى تۇتۇپ، كۆز ئالدىمدا ئوچۇق-ئاشكارا ئۆلتۈرۈپ، مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باسقىن، _ دېدى.

5شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئىسرائىللارنىڭ سوتچىلىرىغا:
_ ھەرقايسىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ قول ئاستىدىكى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنغانلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، _ دېدى.

6مۇسا بىلەن ئىسرائىللار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ گۇناھ سەۋەبىدىن كۆز يېشى قىلىشىۋاتاتتى. ئىسرائىللاردىن بىرى بىر مىديان ئايالنى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزىنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ كەتتى.7بۇنى كۆرگەن روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس جامائەتتىن ئايرىلىپ، قولىغا نەيزىسىنى ئالدى-دە،8چېدىرغا كىرىپ، ھېلىقى ئەر بىلەن مىديان ئايالنىڭ قورسىقىغا نەيزە تىقىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن گۇناھ سەۋەبىدىن ئىسرائىللار ئارىسىغا تارقالغان ۋابا كېسىلى توختىدى.9لېكىن ئاللىقاچان 24 مىڭ ئادەم ۋابا كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەنىدى.
10پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
11_ روھانىي ھارۇننىڭ نەۋرىسى، ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس مېنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپىمنى باستى. ئۇ جامائەتنىڭ ساداقەتسىزلىكىدىن ماڭا ئوخشاش قاتتىق نەپرەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن، مەن غەزىپىمنى بېسىپ، ئۇلارنى يوقاتمىدىم.12ئۇنىڭغا ئېيتقىن، مەن ئۇنىڭ بىلەن «ئامانلىق ئەھدىسى» تۈزىمەن،13ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇشۇ ئامانلىق ئەھدىسىگە ئاساسەن مەڭگۈ روھانىي بولىدۇ. چۈنكى ئۇ ماڭا قىزغىن بولۇپ، ساداقەتسىزلەرنى يوقىتىپ، ئىسرائىللارنى گۇناھىدىن ساقىت قىلدى.
14مىديان ئايال بىلەن بىرگە ئۆلتۈرۈلگەن ئىسرائىلنىڭ ئىسمى زىمرى بولۇپ، سالۇنىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ شىمون قەبىلىسىدە بىر جەمەتنىڭ باشلىقى ئىدى.15ئۆلتۈرۈلگەن مىديان ئايالنىڭ ئىسمى كوزبى بولۇپ، مىديانلارنىڭ قەبىلە باشلىقى زۇرنىڭ قىزى ئىدى.
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
17_ سىلەر مىديانلارنى دۈشمەن دەپ بىلىڭلار. ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار.18چۈنكى ئۇلار دۈشمەنلىك قىلىپ، سىلەرنى پىئورنىڭ ئىلاھى بائالغا چوقۇنۇشقا ئازدۇرۇپ، سىلەرگە بالا-قازا كەلتۈردى. ئۇلار مىديانلارنىڭ باشلىقىنىڭ قىزى كوزبى ئارقىلىق سىلەرنى ئازدۇردى، ئۇ قىز پىئور ۋەقەسى پەيدا بولغان، ۋابا كېسىلى تارقالغان كۈندە ئۆلتۈرۈلدى.

26

ئىسرائىللارنىڭ قايتا رويخەتكە ئېلىنىشى

1ۋابا كېسىلى بېسىققاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا ۋە روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازارغا مۇنداق دېدى:
2_ سىلەر پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ سانىنى جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئېلىپ، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئىسىملىرىنى تىزىملاڭلار.
3مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
4_ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى بارلىق ئەرلەرنى رويخەتكە ئېلىڭلار.
مىسىردىن چىققان ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە:

5ئىسرائىلنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن. رۇبېننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر خانوك، پاللۇ،6خەزرون، كارمى قاتارلىق جەمەتلەر بولۇپ،7جەمئىي 43,730 ئادەم ئىدى.8پاللۇنىڭ ئوغلى ئەلىئاب،9ئەلىئابنىڭ ئوغۇللىرى نىمۇئېل، داتان ۋە ئابىرام. داتان بىلەن ئابىراملار جامائەت سايلىغان يېتەكچىلەر بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كوراھ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بىلەن بىرلىشىپ، مۇسا بىلەن ھارۇنغا قارشى چىقىپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلغاچقا،10يەر يېرىلىپ، ئۇلارنى يۇتۇپ كەتكەنىدى. ئەينى چاغدا يەنە 250 كىشى ئوتتا كۆيۈپ، كېيىنكىلەرگە ئىبرەت بولغانىدى.11لېكىن كوراھنىڭ ئەۋلادلىرى پۈتۈنلەي يوقىتالمىغانىدى.
12شىموننىڭ ئوغۇللىرىدىن نىمۇئېل، يامىن، ياكىن،13زەراخ، شائۇل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،14جەمئىي 22,200 ئادەم ئىدى.
15گادنىڭ ئوغۇللىرىدىن زىفون، خاگگى، شۇنىي،16ئوزنى، ئەرى،17ئارودى، ئارئېلى قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،18جەمئىي 40,500 ئادەم ئىدى.
19يەھۇدانىڭ ئىككى ئوغلى ئېر بىلەن ئونان كەنئان زېمىنىدا ۋاپات بولغانىدى.20يەھۇدانىڭ باشقا ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: شېلاھ، پەرەس، زەراخنىڭ جەمەتلىرى.21پەرەسنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەزرون، خامۇلنىڭ جەمەتلىرى ئىدى.22يەھۇدانىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 76,500 ئادەم ئىدى.
23ئىسساكارنىڭ ئوغۇللىرىدىن تولاھ، پۇۋاھ،24ياشۇب، شىمرون قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،25جەمئىي 64,300 ئادەم ئىدى.
26زەبۇلۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن سەرەد، ئېلون، ياخلىئېل قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،27جەمئىي 60,500 ئادەم ئىدى.
28يۈسۈپنىڭ ماناسسە ۋە ئەفرايىم ئىسىملىك ئىككى ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر تۆۋەندىكىلەر ئىدى:
29ماناسسەنىڭ ماكىر ئىسىملىك ئوغلىدىن كېلىپ چىققان جەمەت، گىلئاد جەمەتى ئىدى. ماناسسە ماكىرنىڭ ئاتىسى، ماكىر گىلئادنىڭ ئاتىسى ئىدى.30گىلئادنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىئەزەر، خېلەق،31ئاسرىئېل، شەكەم،32شىمىدا، خېفەر قاتارلىق جەمەتلەر ئىدى.33خېفەرنىڭ ئوغلى زىلوفخادنىڭ ئوغلى يوق، پەقەت قىزلىرىلا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىسىملىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھ ئىدى.34ماناسسەنىڭ جەمەتلىرىدە جەمئىي 52,700 ئادەم بار ئىدى.
35ئەفرايىمنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر شۇتەلاخ، بەكەر، تاخان بولۇپ،36شۇتەلاختىن ئېران جەمەتى كېلىپ چىقتى.37ئۇلار جەمئىي 32,500 ئادەم ئىدى.
يۇقىرىدىكىلەر يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر ئىدى.

38بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرىدىن بەلا، ئاشبېل، ئاخىرام،39شىفۇفام، خۇفام قاتارلىق جەمەتلەر،40بەلانىڭ ئوغۇللىرىدىن ئارىد ۋە نائامان جەمەتلىرى كېلىپ چىققان بولۇپ،41ئۇلار جەمئىي 45,600 ئادەم ئىدى.
42داننىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەت شۇخام جەمەتى بولۇپ،43جەمئىي 64,400 ئادەم ئىدى.
44ئاشېرنىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: يىمناھ، يىشۋى، بىرىئا،45بىرىئانىڭ ئوغۇللىرىدىن كېلىپ چىققان جەمەتلەر: خەبەر، مالكىئېل ئىدى.46ئاشېرنىڭ يەنە سەراخ ئىسىملىك بىر قىزى بار ئىدى.47ئاشېرنىڭ ھەرقايسى جەمەتلىرىدىن جەمئىي 53,400 ئادەم بار ئىدى.
48نافتالى ئوغۇللىرىدىن ياخزىئېل، گۇنى،49يېزەر، شىللېم قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان بولۇپ،50ئۇلار جەمئىي 45,400 ئادەم ئىدى.
51ئىسرائىللاردىن رويخەتكە ئېلىنغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 601,730 ئادەم بولدى.
52پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
53_ سەن ھەر قەبىلىنىڭ ئادەم سانىغا قاراپ، يەر تەقسىم قىلىپ بەرگىن.54ئادەم سانى كۆپلەرگە كۆپرەك، ئادەم سانى ئازلارغا ئازراق بەرگىن. تىزىملانغان ئادەم سانى بويىچە تەقسىم قىلىپ بەرگىن.55ئىسرائىللار ھەرقايسى قەبىلىلەر بويىچە تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن يەرگە ئىگە بولسۇن.56مەيلى چوڭ ياكى كىچىك قەبىلە بولسۇن، تاشلىغان چېكىگە ئاساسەن زېمىنغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.
57لاۋىي قەبىلىسىنىڭ جەمەتلىرى بويىچە رويخەتكە ئېلىنغانلىرى تۆۋەندىكىلەردىن ئىبارەت: گېرشون، قوھات، مىرارى.58بۇ جەمەتلەردىن لىبنى، ھىبرون، ماخلى، مۇشى ۋە كوراھ قاتارلىق جەمەتلەر كېلىپ چىققان. قوھات ئامرامنىڭ ئەجدادى ئىدى.59ئامرامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى يوكەبەد بولۇپ، لاۋىينىڭ قىزى ئىدى. ئۇ مىسىردا تۇغۇلغانىدى. ئۇ ئامرامغا ھارۇن ۋە مۇسا قاتارلىق ئىككى ئوغۇل ۋە مەريەم ئىسىملىك بىر قىز تۇغۇپ بەردى.60ھارۇننىڭ ناداب، ئابىھۇ، ئەلئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغلى بار ئىدى.61لېكىن ناداب بىلەن ئابىھۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چەكلەنگەن ئوتنى ئېلىپ كىرگەنلىكى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.
62لاۋىيلاردا بىر ئايلىقتىن چوڭ ئوغۇل بالىلارنىڭ سانى جەمئىي 23,000 نەپەر بولسىمۇ، ئۇلار باشقا ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە تىزىملانمىدى، چۈنكى ئۇلارغا باشقا ئىسرائىللارغا ئوخشاش زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.
63يۇقىرىدىكىلەر مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدا، ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە رويخەتكە ئالغان ئىسرائىللارنىڭ سانى ئىدى.64لېكىن بۇلارنىڭ ئىچىدە مۇسا بىلەن روھانىي ھارۇن ئىلگىرى سىناي چۆلىدە بىرىنچى قېتىم رويخەتكە ئالغانلاردىن بىرىمۇ قالمىغانىدى.65چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئاشۇ چۆلدە چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دەرۋەقە يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب ۋە نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادىن باشقىلىرى ئۆلۈپ تۈگىگەنىدى.

27

قىزلارنىڭ مىراسخورلۇق ھوقۇقى

1بىر كۈنى زىلوفخادنىڭ ياتلىق بولمىغان قىزلىرى ماخلاھ، نوئاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە تىرزاھلار ئۆز نېسىۋىسىنى ئېلىشقا كەلدى. ئۇلارنىڭ ئاتىسى زىلوفخاد خېفەرنىڭ ئوغلى، گىلئادنىڭ نەۋرىسى، ماكىرنىڭ ئەۋرىسى، ماناسسەنىڭ چەۋرىسى ئىدى، ماناسسە يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئىدى.2ئۇلار ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، مۇسا، روھانىي ئەلئازار، ئاقساقاللار ۋە بارلىق جامائەتكە مۇنداق دېدى:
3_ ئاتىمىز چۆلدە ئۆلۈپ كەتتى. ئۇ كوراھ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارغا قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئوغۇل قالمىدى.4ئەجەبا ئۇنىڭ ئوغلى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ نامى جەمەت ئىچىدىن ئۆچۈپ كېتىشى كېرەكمۇ؟ ئاتىمىزنىڭ جەمەتىدىن بىزگىمۇ زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.
5مۇسا ئۇلارنىڭ ئۆتۈنۈشىنى پەرۋەردىگارغا مەلۇم قىلدى.6پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
7_ زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ دېگەنلىرى ئورۇنلۇق. سەن ئۇلارنىڭ ئاتىسىنىڭ جەمەتىنىڭ زېمىنىدىن بىر ئۈلۈش ئاجرىتىپ بېرىپ، ئۇلارنى ئاتىسىنىڭ زېمىنىغا ۋارىس قىلغىن.8سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىپ، ئوغلى بولمىسا، زېمىنىغا قىزى ۋارىسلىق قىلسۇن.9ئەگەر قىزىمۇ بولمىسا، ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن.10ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى بولمىسا، چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن.11ئەگەر چوڭ دادىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىمۇ بولمىسا، جەمەت ئىچىدىكى ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ۋارىسلىق قىلسۇن. مانا بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ۋە ئۇلار ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.

يوشۇۋانىڭ يولباشچى بولۇشى

12پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ئابارىم تېغىغا چىقىپ، مەن ئىسرائىللارغا ئاتا قىلغان زېمىنغا نەزەر سالغىن.
13ئاندىن كېيىن سەن خۇددى ئاكاڭ ھارۇنغا ئوخشاش ئالەمدىن ئۆتىسەن.14چۈنكى زىن چۆلىدە خەلق ماڭا قارشى چىققاندا، سىلەر ئىككىڭلار مېنىڭ ئەمرىمگە ئەمەل قىلماي، خەلقنىڭ ئالدىدا مېنىڭ مۇقەددەسلىكىمگە ھۆرمەت قىلمىدىڭلار. (بۇ ۋەقە زىن چۆلىدىكى كادېشتا، يەنى «مىرىبا سۈيى»دە يۈز بەرگەن.)
15مۇسا پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:
16_ ئى پەرۋەردىگار، سەن ئىنسانغا ھاياتلىق ئاتا قىلغۇچى خۇدادۇرسەن. سەندىن ئۆتۈنەي، بۇ خەلققە بىر يېتەكچى تەيىنلىگەيسەن،17ئۇ، خەلقىڭنى يېتەكلىسۇن. ھازىر بۇ خەلق خۇددى پادىچىسى يوق قويلارغا ئوخشاپ قالدى.
18پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋادا مېنىڭ روھىم بار. سەن ئۇنى باشلاپ كېلىپ، قولۇڭنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغىن.
19ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزۇپ، ئۇنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىگىن.20سەن ھوقۇقۇڭدىن بىر قىسمىنى ئۇنىڭغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىن، پۈتۈن ئىسرائىللار ئۇنىڭغا بويسۇنىدۇ.21بىر ئىشقا يولۇقسا، روھانىي ئەلئازارنىڭ يېنىغا بارسۇن. ئۇ يوشۇۋاغا ۋاكالىتەن «ئۇرىم» ئارقىلىق مېنىڭ ئىرادەمنى سورايدۇ. ھەرقانداق ئىشتا يوشۇۋا ۋە پۈتۈن جامائەت مېنىڭ كۆرسەتمەم بويىچە ئىش قىلسۇن.
22مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە يوشۇۋانى چاقىرىپ كېلىپ، ئۇنى روھانىي ئەلئازار ۋە پۈتۈن جامائەتنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزدى.23ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئۇنى يېتەكچى قىلىپ تەيىنلىدى.

28

كۈندىلىك ھەدىيەلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق يېمەكلىك ھەدىيەلىرىنى بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا سۇنۇشقا دىققەت قىلسۇن.3تۆۋەندىكىلەر ئۇلارنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان كۈندىلىك ھەدىيەلىرىدۇر: ھەر كۈنى ئىككى تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن،4بىرى ئەتىگەندە، بىرى گۇگۇم چۈشكەندە قىلىنسۇن.5شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا بىر لىتىر زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن.6بۇلار سىناي تېغىدا بەلگىلەنگەن كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولۇپ، ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرۈلگەن ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.7ھەربىر قۇربانلىق قىلىنغان پاقلانغا قوشۇپ بىر لىتىر شاراب ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىنسۇن، بۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى ماڭا ئاتالغان قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلسۇن.8گۇگۇم چۈشكەندە، پاقلان ھەدىيەسى قىلغان ۋاقتىدىمۇ ئەتىگەندىكىگە ئوخشاش ئاشلىق بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى سۇنۇلۇپ، ماڭا ئاتاپ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىق ھەدىيە قىلىنسۇن.»

دەم ئېلىش كۈنىدىكى ھەدىيەلەر

9«دەم ئېلىش كۈنىدە بېجىرىم بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن ئىككى تۇياق قۇربانلىق قىلىنسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەسى قىلىنسۇن.10بۇ، ئادەتتىكى كۈنلەردە قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، دەم ئېلىش كۈنلىرى قىلىنىدىغان ھەدىيەلەردۇر.»

ئاي بېشىدىكى ھەدىيەلەر

11«ئاي بېشىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.12شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،13ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەدۇر.14ماللار قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئۇلارغا قوشۇپ ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئىككى لىتىر شاراب، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن بىر يېرىم لىتىر شاراب، ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر لىتىر شاراب قوشۇپ ھەدىيە قىلىنسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەردۇر. ھەربىر يىلنىڭ ھەممە ئايلىرىدا مۇشۇنداق ھەدىيەلەر قىلىنسۇن.15كۈندىلىك قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە بىر تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا سۇنۇلسۇن. كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن.»

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

16«1-ئاينىڭ 14-كۈنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى خاتىرىلەڭلار.1715-كۈنىدىن باشلاپ پېتىر نان ھېيتى باشلىنىدۇ. سىلەر مۇشۇ كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار.18بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.19بۇ كۈنى ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان مەن پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنسۇن، ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.20شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،21ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىنسۇن.22شۇنىڭ بىلەن بىرگە گۇناھىڭلارنىڭ قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تۇياق تېكە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنسۇن.23ھەر كۈنى ئەتىگىنى قىلىنىدىغان كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن باشقا يەنە ھېيت كۈنى قىلىنىدىغان قۇربانلىقلار قىلىنسۇن.24شۇ بويىچە ئۇدا يەتتە كۈن ھەر كۈنى مۇشۇنداق قۇربانلىقلار قىلىنسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ۋە مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق قۇربانلىقتۇر. بۇنىڭدىن باشقا، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بىلەن ئىچىملىك ھەدىيەلىرى سۇنۇلسۇن.25يەتتىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.»

ئورما ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

26«ئورما ھېيتى كۈنى، يەنى سىلەرنىڭ تۇنجى پىشقان ئاشلىقىڭلاردىن مەن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىدىغان كۈنى سىلەر مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.27ئىككى بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق پاقلاننى قۇربانلىق قىلىڭلار. بۇ قۇربانلىقلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق بولىدۇ.28بۇ قۇربانلىقلار بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،29ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.30بۇنىڭدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.31بۇ قۇربانلىقلار ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ سۇنۇلسۇن. مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن.»

29

بۇرغا چېلىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

1«7-ئاينىڭ 1-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. بۇ كۈندە بۇرغا چېلىنسۇن.2پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار، قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار بېجىرىم بولغان بىر بۇقا، بىر قوچقار ۋە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق ئەركەك پاقلان بولسۇن.3شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىپ سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقىغا ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقارغا ئىككى كىلو،4ھەربىر پاقلانغا بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.5بۇنىڭغا قوشۇپ گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.6بۇنىڭدىن باشقا ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى سۇنۇلىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىمۇ سۇنۇلسۇن. بۇلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ۋە ئۇنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەردۇر.»

گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى ھەدىيەلەر

7«7-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، روزا تۇتۇڭلار، ئىش قىلماڭلار.8مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇڭلار. بېجىرىم بولغان بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتىنى قۇربانلىق قىلىڭلار.9شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقىغا ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقارغا ئىككى كىلو،10ھەربىر پاقلانغا بىر كىلودىن ئاشلىق ھەدىيەسى قىلىڭلار.11گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدىكى قۇربانلىقلار ۋە كۈندىلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار شۇنداقلا ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا، يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.»

كەپە تىكىش ھېيتىدىكى ھەدىيەلەر

12«7-ئاينىڭ 15-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەن پەرۋەردىگار ئۈچۈن يەتتە كۈن ھېيت قىلىڭلار.13مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن 13 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇ مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە بولىدۇ.14شۇنىڭ بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. ھەربىر بۇقا ئۈچۈن ئۈچ كىلو، ھەربىر قوچقار ئۈچۈن ئىككى كىلو،15ھەربىر پاقلان ئۈچۈن بىر كىلودىن توغرىلاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنۇلسۇن.16كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
17ھېيتنىڭ 2-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 12 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق ۋە بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.18شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.19كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئۇنىڭغا قوشۇلغان ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
20ھېيتنىڭ 3-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 11 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.21شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.22كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
23ھېيتنىڭ 4-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 10 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.24شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.25كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
26ھېيتنىڭ 5-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 9 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.27شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.28كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
29ھېيتنىڭ 6-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 8 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.30شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.31كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
32ھېيتنىڭ 7-كۈنى بېجىرىم بولغان بۇقىدىن 7 تۇياق، قوچقاردىن 2 تۇياق، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن 14 تۇياق قۇربانلىق قىلىڭلار.33شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.34كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
35ھېيتنىڭ 8-كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.36مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بۇقىدىن بىرنى، قوچقاردىن بىرنى، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن يەتتە تۇياق كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار، مالنىڭ ھەممىسى بېجىرىم بولسۇن. بۇلار مېنى مەمنۇن قىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ.37شۇنىڭ بىلەن بىرگە بەلگىلەنگەن مىقداردىكى ئاشلىق، ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى بۇقا، قوچقار ۋە پاقلانغا قوشۇپ ھەدىيە قىلىڭلار.38كۈندىلىك قىلىنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەلىرىدىن باشقا يەنە بىر تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىڭلار.
39بۇلار سىلەرنىڭ بەلگىلەنگەن ۋاقىتلاردا مەن پەرۋەردىگارغا سۇنىدىغان ھەدىيەڭلاردۇر. بۇ قەسىمىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ياكى خالىس قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن سۇنىدىغان كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق، ئىچىملىك ۋە ئامانلىق ھەدىيەلىرىڭلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.»
40مۇسا پەرۋەردىگار ئەمر قىلغان بارلىق سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

30

قەسەم قىلىش توغرىسىدىكى نىزاملار

1مۇسا ئىسرائىل قەبىلە باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:
_ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئەمرلىرىدۇر:

2«بىر ئەر كىشى پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا، سۆزىدە تۇرۇپ، ئاغزىدىن چىققانلىرىنىڭ ھەممىسىنى بېجىرسۇن.
3بىر قىز بالا تېخى ئاتىسىنىڭ ئۆيىدىكى ۋاقتىدا پەرۋەردىگارغا ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا،4ئاتىسى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.5ئەگەر ئاتىسى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ، چۈنكى ئاتىسى قىزنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىگە قارشى تۇردى.
6ئەگەر نىكاھلانمىغان بىر قىز ۋەدە قىلىپ ياكى ئويلىماستىن مەلۇم بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلىپ، نىكاھلانغاندىن كېيىن،7ئېرى بۇنى ئاڭلاپ قارشى تۇرمىسا، ئۇ ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.8ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا قارشى تۇرسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمىنى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. شۇندىلا پەرۋەردىگار قىزنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
9لېكىن تۇل ئايال ياكى ئەردىن ئاجراشقان ئايال قىلغان ھەرقانداق ۋەدىسى ياكى قەسىمىدە تۇرۇشى كېرەك.
10ئەگەر نىكاھلانغان ئايال ۋەدە قىلغان ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قەسەم قىلغان بولسا،11ئېرى ئاڭلاپ، ئۈندىمىسە، قارشى تۇرمىسا، ئايال چوقۇم قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن.12ئەگەر ئېرى ئاڭلىغىنىدا ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلسا، ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى ئويلىماستىن قىلغان قەسىمى ئىناۋەتسىز بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ ئېرى ئۇلارنى ئىناۋەتسىز قىلغاندۇر. پەرۋەردىگار ئايالنى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىدىن ئازاد قىلىدۇ.
13ئېرىنىڭ ئايالىنىڭ قىلغان ۋەدىسى ياكى بىر ئىشنى قىلماسلىققا قىلغان قەسىمىنى ئېتىراپ قىلىش ياكى ئىناۋەتسىز قىلىش ھوقۇقى بار.14لېكىن ئېرى ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالى قىلغان ۋەدىسى ياكى قەسىمىنى بېجىرسۇن. ئېرى ئۇنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئاڭلىغان كۈنى قارشى تۇرمىغان بولسا، ئايالىنىڭ ۋەدىسىنى ياكى قەسىمىنى ئېتىراپ قىلغان بولىدۇ.15ئەگەر ئېرى دەل ئاشۇ كۈنى ئېتىراپ قىلىپ، كېيىن يېنىۋالسا، ئېرى ئايالىنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.»
16يۇقىرىقىلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئەمر قىلغان ئەر بىلەن ئايال، ئاتا بىلەن قىز ئوتتۇرىسىدا ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك نىزاملاردۇر.

31

مىديانلاردىن قىساس ئېلىش

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللار ئۈچۈن مىديانلاردىن قىساس ئالغىن، ئاندىن سەن ئالەمدىن ئۆتىسەن.
3مۇسا خەلققە مۇنداق دېدى:
_ ئەرلەر قولۇڭلارغا قورال ئېلىپ، مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىڭلار! پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىساس ئالىمىز.
4ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى جەڭ قىلىش ئۈچۈن مىڭدىن ئادەم چىقىرىشى كېرەك.
5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ھەربىر قەبىلىسى مىڭدىن ئادەم چىقاردى. ئۇلار جەمئىي 12 مىڭ ئادەمنى قوراللاندۇردى.6مۇسا ھەربىر قەبىلىدىن چىققان مىڭ ئادەمنى روھانىي ئەلئازارنىڭ ئوغلى پىنىخاس بىلەن بىرگە جەڭگە ئاتلاندۇردى. پىنىخاس ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس بۇيۇملار ۋە ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىدا چېلىنىدىغان كانايلارنى ئېلىپ ماڭدى.7ئۇلار پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمر بويىچە مىديانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، مىديانلارنىڭ ھەممە ئەرلىرىنى ئۆلتۈردى.8بۇلارنىڭ ئىچىدە مىديانلارنىڭ ئەۋى، رەقەم، زۇر، خۇر ۋە رەبا قاتارلىق بەش پادىشاھىمۇ بار ئىدى. ئۇلار يەنە بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىمۇ ئۆلتۈردى.9ئىسرائىللار مىديانلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى ۋە بالىلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، پۈتۈن چارۋا ماللىرىنى ۋە مال-مۈلكىنى ئولجا ئالدى.10ئۇلارنىڭ شەھەر، يېزا ۋە قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋېتىپ،11ئەسىر ۋە ئولجا ئالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بىرىنىمۇ قويماي ئېلىپ كەتتى.12ئۇلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى قارارگاھىغا كېلىپ، ئەسىرلەر ۋە بارلىق ئولجىلارنى مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئىسرائىل جامائىتىگە تاپشۇردى.
13مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ ئاقساقاللىرى قارارگاھنىڭ سىرتىغا چىقىپ، ئۇلارنى كۈتۈۋالدى.14لېكىن مۇسا جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەر باشلىرى بولغان مىڭبېشى ۋە يۈزبېشىلارغا ئاچچىقلىنىپ،15مۇنداق دېدى:
_ سىلەر نېمىشقا بۇ ئاياللارنى ھايات قالدۇردۇڭلار؟
16دەل مۇشۇ ئاياللار پىئوردىكى ۋاقتىمىزدا بىلئامنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزگە ۋابا كېسىلى چۈشۈرمىدىمۇ؟17ھازىر سىلەر بارلىق ئوغۇل بالىلارنى ۋە ئەرلەر بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغان بارلىق ئاياللارنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار.18لېكىن ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۆزۈڭلار ئۈچۈن ساقلاپ قالساڭلار بولىدۇ.19ئادەم ئۆلتۈرگەنلەر ۋە جەسەتنى تۇتقانلار يەتتە كۈنگىچە قارارگاھنىڭ سىرتىدا تۇرسۇن. ئۈچىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى ئۆزلىرىنى ۋە ئەسىرلىرىنى پاكلىسۇن.20شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ بارلىق كىيىم-كېچەكلىرىنى، خۇرۇم بۇيۇملىرىنى، ئۆچكە يۇڭىدا توقۇلغان نەرسىلىرىنى ۋە ياغاچ ئەسۋابلىرىنى پاكلىسۇن.
21روھانىي ئەلئازار جەڭدىن قايتىپ كەلگەن لەشكەرلەرگە مۇنداق دېدى:
_ تۆۋەندىكىلەر پەرۋەردىگار مۇساغا ئەمر قىلغان قانۇندۇر:
22ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، قەلەي، قوغۇشۇن قاتارلىق23ئوتقا چىداملىق نەرسىلەر ئوت بىلەن پاكلانسۇن. بۇنىڭدىن باشقا بۇ نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك. ئوتتا كۆيىدىغان ھەرقانداق نەرسىلەر پاكلىنىش سۈيىگە سېلىنىشى كېرەك.24يەتتىنچى كۈنى كىيىملىرىڭلارنى يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن پاكلىنىسىلەر. ئاندىن قارارگاھقا قايتساڭلار بولىدۇ.
25پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
26_ سەن، روھانىي ئەلئازار ۋە خەلقنىڭ جەمەت باشلىقلىرى بىرلىكتە ئەسىرلەرنىڭ ۋە ئولجا ئېلىنغان چارۋا ماللارنىڭ سانىنى ئېنىقلاپ چىقىڭلار.27ئاندىن بۇلارنى ئىككىگە بۆلۈڭلار. بىر قىسمىنى جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە، يەنە بىر قىسمىنى خەلققە تەقسىملەپ بېرىڭلار.28لەشكەرلەرگە بۆلۈنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ بەش يۈزدىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ،29روھانىي ئەلئازارغا بېرىڭلار.30خەلققە تەقسىملەنگەن ئەسىر، كالا، ئېشەك ۋە قوي-ئۆچكىلەرنىڭ ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بېرىڭلار.
31مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش قىلدى.32جەڭدە لەشكەرلەر ئالغان ئولجىلارنىڭ ئىچىدە 675,000‏ قوي،33‏72,000 كالا،3461,000 ئېشەك،3532,000 ئىپپەتلىك قىز بار ئىدى.
36جەڭگە قاتناشقان لەشكەرلەرگە بۇ ئولجىلاردىن تۆۋەندىكىلەر تەقسىم قىلىندى: 337,500 قوي،37بۇلاردىن 675 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛3836,000 كالا، بۇلاردىن 72 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛3930,500 ئېشەك، بۇلاردىن 61 تۇيىقى پەرۋەردىگارغا ئاتالدى؛4016,000 ئىپپەتلىك قىز، بۇلاردىن 32 نەپىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتالدى.41مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئولجىلارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قىسمىنى روھانىي ئەلئازارغا بەردى.
42مۇسا جەڭدىن ئېلىنغان ئولجىلاردىن ئىسرائىل خەلقىگە تېگىشلىك بولغان قىسمىنى ئۇلارغا بەردى.43بۇلار 337,500 قوي،4436,000 كالا،4530,500 ئېشەك،4616,000 ئىپپەتلىك قىز ئىدى.47مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە خەلقنىڭ ئولجىلىرىدىن چىقىرىۋېلىنغان ئەللىكتىن بىر ئۈلۈشىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىغا قارايدىغان لاۋىيلارغا بەردى.
48قوشۇننىڭ لەشكەر باشلىرى قول ئاستىمىزدىكى لەشكەرلەرنىڭ سانىنى ئالدۇق. بىرمۇ لەشكەر چىقىم بولماپتۇ.50ئەمدى بىز ھەربىرىمىز ئولجا ئالغان ئالتۇن بۇيۇملار، بىلەكنىڭ تۆۋىنى ۋە يۇقىرىسىغا تاقايدىغان بىلەزۈكلەر، مۆھۈرلۈك ئۈزۈك، ھالقا، زەنجىر قاتارلىقلارنى گۇناھىمىزنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلماقچى، _ دېدى.
51مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازار ئۇلار ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئالتۇن بۇيۇملارنى تاپشۇرۇپ ئالدى.52مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار پەرۋەردىگارغا ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن مۇسا ۋە روھانىي ئەلئازارغا تاپشۇرغان ئالتۇنلار 200 كىلو ئىدى.53لەشكەرلەر ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئولجىلىرىنى ساقلاپ قالدى.54ئىسرائىل خەلقىنى پەرۋەردىگارىمىز دائىم ئېسىدە تۇتۇشى ئۈچۈن مۇسا بىلەن روھانىي ئەلئازار، مىڭبېشىلار ۋە يۈزبېشىلار ھەدىيە قىلغان ئالتۇنلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىردى.

32

ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى قەبىلىلەر

1رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،2مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:
3_ ئاتاروت، دىبون، يازېر، نىمراھ، خەشبون، ئەلئالى، سىبام، نىبو، بىئون قاتارلىق4پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا بويسۇندۇرۇپ بەرگەن بۇ زېمىنلار مال بېقىشقا مۇۋاپىق ياخشى جايلار ئىكەن. بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرىنىڭ نۇرغۇنلىغان چارۋا ماللىرىمىز بار.5ئەگەر بىزگە ئىلتىپات كۆرسەتسەڭلار، بۇ يەرلەرنى بىزگە تەقسىم قىلىپ بېرىپ، بىزنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتكۈزۈۋەتمىگەيسىلەر.
6مۇسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:
_ ئەجەبا سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، باشقا قېرىنداشلىرىڭلارنى ئۇرۇشقا ئەۋەتمەكچىمۇ؟
7سىلەر نېمىشقا ئىسرائىلىيە لەشكەرلىرىنىڭ يۈرىكىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويىسىلەر؟8ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.9ئۇلار ئەشكول جىلغىسىغا بېرىپ، ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەندىن كېيىن، ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان زېمىنغا كىرىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويغانىدى.10ئۇ كۈنى پەرۋەردىگار غەزەپلىنىپ، قەسەم قىلىپ، مۇنداق دېگەنىدى:11«مىسىردىن چىققان، يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ھېچبىر ئادەم مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان ئاشۇ زېمىننى كۆرەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشمىدى.12پەقەت قېناز جەمەتىدىن بولغان يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋالا كىرەلەيدۇ، چۈنكى ئۇلار پۈتۈن قەلبى بىلەن ماڭا ئەگەشتى.»13پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى چۆلدە قىرىق يىل سەرسان قىلدى. بۇ ئىش تاكى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل ھېسابلانغان ئاشۇ ئەۋلاد كىشىلەر ئۆلۈپ تۈگىگۈچە داۋاملاشتى.14ئاشۇ بىر توپ گۇناھكارلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى بولغان سىلەر، ئەمدى يەنە ئاتىلىرىڭلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، پەرۋەردىگارنى تېخىمۇ غەزەپلەندۈرمەكچىمۇ؟!15ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈسەڭلار، پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى ئىككىنچى قېتىم چۆلگە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. ئۇ چاغدا سىلەرنىڭ تۈپەيلىڭلاردىن پۈتۈن خەلق ۋەيران بولىدۇ.
16ئۇلار مۇساغا يېقىن كېلىپ مۇنداق دېدى:
_ ئۇنداقتا بىز بۇ يەردە چارۋا ماللىرىمىزغا قوتان، ئۆزىمىزگە شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقايلى.
17ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى.18باشقا قېرىنداشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ زېمىنلىرىغا ئىگىدارچىلىق قىلمىغۇچە، ھەرگىز ئۆيلىرىمىزگە قايتمايمىز.19لېكىن بىز ئۇلار بىلەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا زېمىن بۆلۈشمەيمىز. چۈنكى بىز ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىمىز.
20مۇسا مۇنداق دېدى:
_ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار.
21پۈتۈن قوشۇنۇڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، تاكى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىرىنى يوقاتقۇچە،22پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.
23ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرمىساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھ قىلغان بولىسىلەر، ئۇنىڭ جازاسىدىن قۇتۇلالمايسىلەر.24سىلەر ھازىر بېرىپ، ئۆزۈڭلار ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىڭلار، چارۋا ماللىرىڭلار ئۈچۈن قوتان ياساڭلار. بەرگەن ۋەدەڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار.
25گاد ۋە رۇبېننىڭ قەبىلىسىدىكىلەر مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە ئىش كۆرىمىز.
26ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ.27خىزمەتكارلىرىنىڭ ئارىسىدىكى جەڭ قىلالايدىغانلارنىڭ ھەممىسى سىلىنىڭ بۇيرۇغانلىرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، جەڭ قىلىدۇ.
28شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا روھانىي ئەلئازار، نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا ۋە ئىسرائىلىيە قەبىلىلىرىدىكى جەمەت باشلىقلىرىغا مۇنداق دېدى:
29_ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.30ئەگەر گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر قوراللىرىنى قولىغا ئالمىسا، سىلەر بىلەن بىرلىكتە دەريادىن ئۆتۈپ جەڭ قىلمىسا، ئۇلارغا بۇ تەرەپتىن زېمىن بېرىلمىسۇن، ئۇلار چوقۇم باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە كەنئاندىن ئۆزىگە تېگىشلىك زېمىننى جەڭ قىلىپ ئېلىشى كېرەك.
31گاد بىلەن رۇبېن قەبىلىلىرىدىكىلەر ئىككىنچى قېتىم يەنە مۇنداق دېدى:
_ بىز كەمىنە خىزمەتكارلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش تۇتىمىز.
32بىز چوقۇم قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا دەريادىن ئۆتۈپ، كەنئاندا جەڭ قىلىمىز. كېيىن بىز قايتىپ كېلىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىن زېمىن ئالىمىز.
33شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئامورلار پادىشاھى سىخون بىلەن باشان پادىشاھى ئوگنىڭ پۈتۈن زېمىنلىرىنى ۋە ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارنى گاد، رۇبېن قەبىلىلىرىگە ۋە يۈسۈپنىڭ ئوغلىدىن بولغان ماناسسەنىڭ قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا تەقسىم قىلىپ بەردى.34گاد قەبىلىسى دىبون، ئاتاروت، ئاروئېر،35ئاتروت-شوفان، يازېر، يوگبوھا،36بەيت-نىمراھ، بەيت-ھاران قاتارلىق مۇستەھكەم شەھەرلەرنى قايتىدىن بىنا قىلدى ۋە چارۋا ماللار ئۈچۈن قوتانلارنى ياسىدى.37رۇبېننىڭ قەبىلىسى خەشبون، ئەلئالى، قىرياتائىم،38نىبو، بائال-مىئون (بۇ ئىككى شەھەرنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ئۆزگەرتىلدى) ۋە سىبماھ قاتارلىق شەھەرلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقتى.
39ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرى گىلئادنى ئىگىلەپ، ئۇ يەردىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقارغانىدى.40مۇسا گىلئادنى ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىغا بەردى، ئۇ شۇ يەردە ئولتۇراقلاشتى.41ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان يائىر گىلئادنىڭ شەھەرلىرىنى بېسىۋېلىپ، بۇ شەھەرلەرگە «يائىرنىڭ شەھەرلىرى» دەپ نام قويدى.42نوباخ ئىسىملىك كىشى قېنات شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارنى بېسىۋېلىپ، ئۇ شەھەرنى ئۆز ئىسمى بىلەن «نوباخ» دەپ ئاتىدى.

33

مىسردىن ئىئوردان دەرياسىغىچە بولغان سەپەر

1تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ يېتەكچىلىكىدە قوشۇنلىرى بىلەن مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بېسىپ ئۆتكەن سەپەر جەريانلىرىدۇر.2مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھەر قېتىملىق قارارگاھ قۇرغان ۋە قوزغالغان جايلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭدى. تۆۋەندىكىلەر ئۇلار قارارگاھ قۇرغان جايلاردۇر.
31-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ 2-كۈنى ئىسرائىللار قەددىنى كۆتۈرگەن ھالدا مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا رەمسېس شەھىرىدىن ئايرىلدى.4ئۇ چاغدا مىسىرلىقلار تۇنجى ئوغۇللىرىنى دەپنە قىلىۋاتاتتى. پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى جازالىغانىدى.
5ئىسرائىللار رەمسېستىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سۇككوتتا قارارگاھ قۇردى.
6سۇككوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، چۆل بويىدىكى ئېتامدا قارارگاھ قۇردى.
7ئېتامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بائال-زىفوننىڭ ئۇدۇلىدىكى پىھاخىروتقا قايتىپ، مىگدولنىڭ يېنىدا قارارگاھ قۇردى.
8پىھاخىروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، چۆللۈككە كەلدى. ئېتام چۆللۈكىدە ئۈچ كۈن يول يۈرۈپ، ماراھتا قارارگاھ قۇردى.
9ماراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېلىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى.
10ئېلىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدا قارارگاھ قۇردى.
11قىزىل دېڭىزنىڭ ساھىلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىن چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.
12سىن چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دوفقاھتا قارارگاھ قۇردى.
13دوفقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالۇشتا قارارگاھ قۇردى.
14ئالۇشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىفىدىمدە قارارگاھ قۇردى. ئۇ يەردە خەلققە سۇ يوق ئىدى.
15رىفىدىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىناي چۆلىدە قارارگاھ قۇردى.
16سىناي چۆلىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىبروت-ھاتتائاۋادا قارارگاھ قۇردى.
17قىبروت-ھاتتائاۋادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خازېروتتا قارارگاھ قۇردى.
18خازېروتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىتماھتا قارارگاھ قۇردى.
19رىتماھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىممون-پارەزدە قارارگاھ قۇردى.
20رىممون-پارەزدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، لىبناھتا قارارگاھ قۇردى.
21لىبناھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، رىسساھتا قارارگاھ قۇردى.
22رىسساھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، قىھېلاتادا قارارگاھ قۇردى.
23قىھېلاتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، شەفەر تېغىدا قارارگاھ قۇردى.
24شەفەر تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاراداھتا قارارگاھ قۇردى.
25خاراداھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ماقخېلوتتا قارارگاھ قۇردى.
26ماقخېلوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تاخاتتا قارارگاھ قۇردى.
27تاخاتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، تەراھتا قارارگاھ قۇردى.
28تەراھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، مىتقاھتا قارارگاھ قۇردى.
29مىتقاھتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خاشمونادا قارارگاھ قۇردى.
30خاشمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موسېرادا قارارگاھ قۇردى.
31موسېرادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، بىنە-يائاقاندا قارارگاھ قۇردى.
32بىنە-يائاقاندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، خور-ھاگگىدگادتا قارارگاھ قۇردى.
33خور-ھاگگىدگادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، يوتباتادا قارارگاھ قۇردى.
34يوتباتادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابرونادا قارارگاھ قۇردى.
35ئابرونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەزيون-گەبەردە قارارگاھ قۇردى.
36ئەزيون-گەبەردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زىن چۆلىدىكى كادېشتا قارارگاھ قۇردى.
37كادېشتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئىدومنىڭ چېگراسىدىكى ھور تېغىدا قارارگاھ قۇردى.
38ئىسرائىللار مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى 40-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى روھانىي ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ھور تېغىغا چىقتى ۋە شۇ يەردە ئالەمدىن ئۆتتى.39ھارۇن ھور تېغىدا ۋاپات بولغاندا، 123 ياشتا ئىدى.
40كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى ئاراد پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى.
41ئىسرائىللار ھور تېغىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، زالمونادا قارارگاھ قۇردى.
42زالمونادىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پۇنوندا قارارگاھ قۇردى.
43پۇنوندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئوبوتتا قارارگاھ قۇردى.
44ئوبوتتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، موئاب چېگراسىغا جايلاشقان ئابارىم تاغلىرىدىكى ئىيىمدا قارارگاھ قۇردى.
45ئىيىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، دىبون-گادتا قارارگاھ قۇردى.
46دىبون-گادتىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئالمون-دىبلاتايىمدا قارارگاھ قۇردى.
47ئالمون-دىبلاتايىمدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئابارىم تاغلىرىدىكى نىبو تېغىنىڭ ئالدىدا قارارگاھ قۇردى.
48ئابارىم تاغلىرىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى.49ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە قارارگاھ قۇردى. ئۇلارنىڭ چېدىرلىرى بەيت-يىشىموتتىن تاكى ئابېل-شىتتىمغىچە سوزۇلغانىدى.
50ئېرىخانىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
51_ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ، كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن،52ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلاپ چىقىرىڭلار. ئۇلارنىڭ ئويما ۋە قۇيما بۇتلىرىنى ۋە چوقۇنىدىغان سەجدىگاھلىرىنى ۋەيران قىلىۋېتىڭلار.53سىلەر ئۇ زېمىننى ئىگىلەپ، شۇ يەردە ياشاڭلار، چۈنكى مەن ئۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردىم.54جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.55ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ.56ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە سالماقچى بولغان بولسام، شۇنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا سالىمەن.»

34

كەنئاننىڭ چېگرالىرى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن، زېمىنىڭلارنىڭ چېگرالىرى مۇنداق بولىدۇ:
3جەنۇب تەرەپتە زىن چۆلىدىن ئىدوم چېگراسىنى بويلاپ سوزۇلىدۇ. شەرقتە جەنۇبتىكى چېگرا تۇز دېڭىزىنىڭ جەنۇبىي ئۇچىدىن باشلىنىپ،4جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ.5ئاندىن بۇرۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەريانى بويلاپ، ئاخىرىدا ئوتتۇرا دېڭىزغىچە تۇتىشىدۇ.
6غەرب تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىز بولىدۇ.
7شىمال تەرەپتىكى چېگراڭلار ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھور تېغىغىچە،8ئاندىن ئۇ يەردىن لىبو-خامات شەھىرىگە كىرگەندىن كېيىن، زېداد ۋە9زىفرون شەھەرلىرىگە سوزۇلۇپ، خازار-ئېنانغىچە بارىدۇ. بۇ سىلەرنىڭ شىمالىي چېگراڭلار بولىدۇ.
10شەرق تەرەپتىكى چېگراڭلار خازار-ئېناندىن شىفامغا،11ئاندىن جەنۇب تەرەپكە بېرىپ، ئايىننىڭ شەرق تەرىپىدىكى رىبلاھقا بارىدۇ. ئاندىن جەلىلىيە *كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كېلىپ،12ئۇ يەردىن ئىئوردان دەرياسىنى بويلاپ تۇز دېڭىزىغىچە بارىدۇ. مانا بۇلار زېمىنىڭلارنىڭ تۆت ئەتراپىنىڭ چېگرالىرىدۇر.»
13مۇسا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
_ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارنىڭ توققۇز يېرىم قەبىلىسىگە چەك تارتىش ئارقىلىق تەقسىم قىلىنىدىغان زېمىندۇر.
14رۇبېن ۋە گاد قەبىلىلىرى جەمەتلەر بويىچە تەقسىم قىلىنغان زېمىنلىرىغا ئىگە بولدى. ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىمۇ ئۆز زېمىنىغا ئىگە بولدى.15بۇ ئىككى يېرىم قەبىلە ئىگە بولغان زېمىنلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولدى.
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
17_ سىلەرگە يەر تەقسىم قىلىشقا روھانىي ئەلئازار بىلەن نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا مەسئۇل قىلىندى.18ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن باشلىق تاللىنىپ، يەر تەقسىم قىلىشقا ياردەملەشسۇن.19تۆۋەندىكىلەر يەر تەقسىم قىلىشقا تاللانغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر:

يەھۇدا قەبىلىسىدىن: يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىب،

20شىمون قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى سامۇئىل،

21بىنيامىن قەبىلىسىدىن: كىسلوننىڭ ئوغلى ئەلىداد،

22دان قەبىلىسىدىن: يوگلىنىڭ ئوغلى بۇققى،

23يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسە قەبىلىسىدىن: ئېفودنىڭ ئوغلى خاننىئېل،

24يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەفرايىم قەبىلىسىدىن: شىفتاننىڭ ئوغلى كىمۇئېل،

25زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن: پارناكنىڭ ئوغلى ئەلىزافان،

26ئىسساكار قەبىلىسىدىن: ئاززاننىڭ ئوغلى پالتىئېل،

27ئاشېر قەبىلىسىدىن: شىلومىنىڭ ئوغلى ئاخىھۇد،

28نافتالى قەبىلىسىدىن: ئاممىھۇدنىڭ ئوغلى پىدائېل.

29يۇقىرىدىكىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە، كەنئان زېمىنىدا ئىسرائىللارغا يەر تەقسىم قىلىپ بېرىدىغان باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.


*34: 11 جەلىلىيە كۆلى _ كىننەرەت كۆلى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ.


35

لاۋىيلارغا تەقسىم قىلىنغان شەھەرلەر

1ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا بۇ ئەمرنى يەتكۈزگىن: «ئۇلار تەقسىماتتا ئىگە بولىدىغان زېمىنلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى لاۋىيلارغا بەرسۇن.3ئۇلار شەھەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئوتلاقلاردا كالىلىرى ۋە باشقا چارۋا ماللىرىنى باقىدۇ.4لاۋىيلارغا بۆلۈپ بېرىلگەن شەھەرلىرىنىڭ ئوتلاقلىرى شەھەر سېپىلىدىن 450 مېتىر يىراقلىققىچە سوزۇلسۇن.5شەھەرنىڭ سىرتى تۆت تەرىپىدىن، يەنى شەرقتىن غەربكە، شىمالدىن جەنۇبقىچە 900 مېتىر بولۇپ، بۇ لاۋىيلارنىڭ ئوتلاقلىرى بولسۇن. ئوتلاقلار شەھەرنى ئوراپ تۇرىدۇ.
6لاۋىيلارغا 42 شەھەر بېرىڭلار. ئۇنىڭدىن باشقا بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلارنىڭ پاناھلىنىشى ئۈچۈن ئالتە شەھەرنى قوشۇپ بېرىڭلار.7جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىيلارغا تەۋە بولسۇن.8ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى ئۆزلىرى ئىگە بولغان زېمىنلىرىدىن بىر قىسىم شەھەرلەرنى لاۋىيلارغا بەرسۇن. ئادەملىرى كۆپ قەبىلىلەر كۆپرەك، ئادەملىرى ئاز قەبىلىلەر ئازراق بەرسۇن. ھەربىر قەبىلە لاۋىيلارغا قانچىدىن شەھەر بېرىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ بەلگىلەنسۇن.»

پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر

9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10_ ئىسرائىللارغا بۇ سۆزلەرنى يەتكۈزگىن: «سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ كەنئان زېمىنىغا كىرگەندىن كېيىن،11بىر قىسىم شەھەرلەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويۇپ قېچىپ يۈرگەنلەر بۇ شەھەرلەردە پاناھلىنىپ،12ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن جېنىنى ساقلىسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن.13ئالتە شەھەرنى پاناھلىنىدىغان شەھەر قىلىپ تاللاڭلار.14بۇ شەھەرلەرنىڭ ئۈچى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا، يەنە ئۈچى كەنئان زېمىنىدا بولسۇن.15بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار مەيلى ئىسرائىللاردىن بولسۇن، مەيلى بۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالغان ياكى مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەردىن بولسۇن، ھەممىسى بۇ شەھەرلەرگە كېلىپ پاناھلانسا بولىدۇ.
16ئەگەر بىر ئادەم تۆمۈر ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.17ئەگەر بىر ئادەم تاش بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.18ئەگەر بىر ئادەم ياغاچ ئەسۋاب بىلەن ئۇرۇپ، ئادەم ئۆلتۈرگەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر.19ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.20ئەگەر بىر ئادەم بىرسىنى ئۆچمەنلىك بىلەن ئىتتىرىپ، ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ياكى قەستەن بىر نەرسە ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،21ياكى ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى مۇشتلاپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسا، ئۇ قاتىل ھېسابلىنىپ، ئۆلۈمگە مەھكۇمدۇر. قىساس ئالغۇچى ئۇنداقلارنى تاپقان يېرىدە ئۆلتۈرسۇن.
22ئەگەر بىرسى ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەتسىز يەنە بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، ياكى غەرەزسىز ھالدا بىر نەرسىنى ئېتىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،23ياكى كۆرمەي قېلىپ، چوڭ بىر تاشنى چۈشۈرۈۋېتىپ، بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇنىڭ ئۇ ئادەم بىلەن ئۆچ-ئاداۋىتى بولمىسا،24جامائەت ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىلەن قىساس ئالغۇچىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ماجىرانى تۆۋەندىكىدەك ھەل قىلسۇن:
25جامائەت بىخەستەلىك بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىنى قىساس ئالغۇچىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، پاناھلىنىدىغان شەھەرگە ئەۋەتسۇن. ئۇ شۇ شەھەردە تاكى بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ تەيىنلەنگەن باش روھانىي ۋاپات بولغۇچە تۇرسۇن.
26لېكىن ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەردىن ئايرىلغان بولسا،27قىساس ئالغۇچى پاناھلىنىدىغان شەھەرنىڭ سىرتىدا ئۇنى تېپىۋېلىپ ئۆلتۈرۈۋەتسە، قىساس ئالغۇچى قاتىل ھېسابلانمىسۇن.28چۈنكى ئادەمنى بىخەستەلىك قىلىپ ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى چوقۇم پاناھلىنىدىغان شۇ شەھەردە تۇرۇشى كېرەك. باش روھانىي ۋاپات بولغاندىن كېيىنلا، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتسا بولىدۇ.29بۇ، سىلەر مەيلى نەدە ياشاڭلار، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئەمەل قىلىشىڭلارغا تېگىشلىك بولغان قانۇندۇر.
30ئەگەر بىرسى يەنە بىر ئادەمنىڭ ئۈستىدىن قاتىللىق قىلدى، دەپ ئەرز قىلسا، چوقۇم بىرقانچە ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۇنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلسا بولىدۇ. لېكىن بىرلا ئادەمنىڭ گۇۋاھلىقى بىلەن ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشقا بولمايدۇ.31ئادەم ئۆلتۈرگەن قاتىل چوقۇم جانغا جان قايتۇرۇشى كېرەك، پۇل تۆلەپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىغا بولمايدۇ.32پاناھلىنىدىغان شەھەردە پاناھلىنىۋاتقۇچىنىڭ پۇلىنى ئېلىپ، ئۇنى باش روھانىي ئۆلۈشتىن بۇرۇن يۇرتىغا قايتىشقا رۇخسەت قىلىشقا بولمايدۇ.
33شۇنداق قىلساڭلار سىلەر ئۆزۈڭلار تۇرىدىغان زېمىننى بۇلغىمىغان بولىسىلەر چۈنكى قان زېمىننى بۇلغايدۇ. قان بىلەن بۇلغانغان زېمىننى پەقەت قاتىلنىڭ قېنى بىلەن پاكلىغىلى بولىدۇ.34سىلەر تۇرىدىغان بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار بولمايدۇ، چۈنكى بۇ مەن تۇرۇۋاتقان زېمىندۇر. مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرىمەن.»

36

قىزلارنىڭ مىراس ھوقۇقى قانۇنى

1گىلئاد ماكىرنىڭ ئوغلى، ماناسسەنىڭ نەۋرىسى، يۈسۈپنىڭ ئەۋرىسى ئىدى. ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ باشلىقلىرى مۇسا ۋە ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سىلى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە زېمىنلارنى چەك تاشلاش يولى بىلەن ئىسرائىللارغا تەقسىم قىلغانلىرىدا، پەرۋەردىگار سىلىنىڭ زىلوفخادنىڭ زېمىنىنى ئۇنىڭ قىزلىرىغا تەقسىم قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بۇيرۇغانىدى.3ئەگەر ئۇ قىزلار باشقا قەبىلىلەرگە ياتلىق بولسا، قەبىلىمىزنىڭ زېمىنىدىن ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئۇلار ياتلىق بولغان ئەرلەرنىڭ قەبىلىلىرىگە تەۋە بولۇپ كېتىدۇ. بۇنداق بولغاندا قەبىلىمىزگە چەك ئارقىلىق تەقسىم قىلىنغان زېمىنلارمۇ ئازلاپ كېتىدۇ.4قۇت يىلىغا كەلگەندە، سېتىۋېتىلگەن بارلىق زېمىنلار ئەسلى ئىگىسىگە قايتىپ كېلىدۇ. زىلوفخادنىڭ قىزلىرىنىڭ زېمىنى بولسا قايتۇرۇلماي، ئۇلارنىڭ ئەرلىرىنىڭ قەبىلىسىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىزنىڭ قەبىلىمىز ئۇ زېمىندىن مەھرۇم بولۇپ قالىدۇ.
5مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى:
_ يۈسۈپنىڭ ئوغلىنىڭ قەبىلىسىدىكىلەرنىڭ دېگىنى توغرا.
6زىلوفخادنىڭ قىزلىرى ھەققىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى مۇنداق: «ئۇلار ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن ياتلىق بولسا بولىدۇ، لېكىن چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەر بىلەن تويلىشىشى كېرەك.7ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.8زېمىنغا ئىگە بولغان قىزلار چوقۇم ئۆز قەبىلىسى ئىچىدىكىلەرگە ياتلىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، ھەربىر قەبىلە ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قالىدۇ.9ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى بىر قەبىلىدىن يەنە بىر قەبىلىگە يۆتكەلسە بولمايدۇ. ھەربىر قەبىلە چوقۇم ئەجدادلىرىدىن قالغان زېمىنىنى ساقلاپ قېلىشى كېرەك.»
10زىلوفخادنىڭ قىزلىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرىگە ئەمەل قىلدى.11ماخلاھ، تىرزاھ، خوگلاھ، مىلكاھ ۋە نوئاھلار ئاتىسىنىڭ ئاكا-ئۇكىلىرىنىڭ ئوغۇللىرىغا ياتلىق بولدى.12ئۇلار يۈسۈپنىڭ ئوغلى ماناسسەنىڭ قەبىلىسىدىن ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ قىزلارنىڭ زېمىنى ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ قەبىلىسىگە قالدى.
13يۇقىرىقىلار ئېرىخا شەھىرىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىدىكى موئاب تۈزلەڭلىكىدە پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا چۈشۈرگەن ئەمر ۋە قانۇنلىرىدۇر.