ئاموس

 

1

1ئۇززىيا يەھۇدىيەگە، يىھوئاشنىڭ ئوغلى ياروبئام ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغان مەزگىللەردە، يەنى قاتتىق يەر تەۋرەشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى، تىقوۋالىق چارۋىچى ئاموسقا ئىسرائىلىيە توغرۇلۇق ۋەھىي كېلىشكە باشلىدى.2ئاموس مۇنداق دېدى:

«ھۆركىرەر پەرۋەردىگار سىئون تېغىدىن،

ياڭرار ئۇنىڭ ئاۋازى يېرۇسالېمدىن.

قۇرۇپ كېتەر پادىچىلارنىڭ يايلاقلىرى،

قۇرۇپ كېتەر كارمەل تېغىنىڭ چوققىسى.»

ئىسرائىلىيەنىڭ قوشنا ئەللىرىنىڭ جازالىنىشى

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«دەمەشق خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

تۆمۈر چىشلىق تۇلۇق بىلەن خامان ئەزگەندەك،

ئۇلار گىلئادتىكى خەلقىمنى يانجىپ ئەزدى.

4شۇڭا مەن پادىشاھ خازائېلنىڭ ئوردىسىغا ئوت ياغدۇرىمەن،

بۇ ئوت پادىشاھ بەنھادادنىڭ قورغانلىرىنىمۇ يالماپ يۇتىدۇ.

5مەن دەمەشق شەھەر دەرۋازىلىرىنىڭ بالداقلىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن.

ئاۋېن جىلغىسىنىڭ ھۆكۈمرانىنى يوقىتىمەن،

بەيت-ئەدەننىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن.

ئاررام پۇقرالىرى قىر زېمىنىغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«گازا خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ،

ئىدومغا قۇللۇققا ساتتى.

7شۇڭا مەن گازا شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن.

بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.

8مەن ئاشدود شەھىرىنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىپ،

ئاشقىلون شەھىرىنىڭ سەلتەنەت ھاسىسىنى تۇتقان ھۆكۈمرانىنى يوق قىلىمەن.

مەن ئەقرون شەھىرىگە قارشى قول كۆتۈرىمەن.

ئامان قالغان فىلىستىيەلىكلەر قىرىپ تاشلىنىدۇ.

بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

9پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«تىر خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى ئىدومغا قۇللۇققا سېتىپ،

ئۆزلىرى تۈزگەن ئىتتىپاقداشلىق ئەھدىسىنى بۇزدى.

10شۇڭا مەن تىر شەھىرىنىڭ سېپىلىغا ئوت ياغدۇرىمەن.

بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىدوم خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار ئۆز قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىللارغا قىلىچ كۆتۈرۈپ،

ئۇلارغا قىلچە رەھىم-شەپقەت قىلمىدى.

ئۇلارغا چەكسىز قەھر قىلدى،

غەزىپى پەقەت پەسەيمىدى.

12شۇڭا مەن تېمان شەھىرىگە ئوت ياغدۇرىمەن.

بۇ ئوت بوزرا شەھىرىنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاممون خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن،

گىلئادتىكى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قارنىنى ياردى.

14شۇڭا مەن رابباھنىڭ شەھەر سېپىللىرىغا ئوت ياغدۇرىمەن.

بۇ ئوت ئۇنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.

ئۇرۇش كۈنىدە چۇقان-سۈرەنلەر ئاڭلىنىدۇ،

جەڭ شىددەتلىك بوراندەك ئەۋج ئالىدۇ.

15ئامموننىڭ پادىشاھى سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەمەلدارلىرىمۇ سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

2

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«موئاب خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار ئىدوم پادىشاھىنىڭ ئۇستىخانلىرىنى كۆيدۈرۈپ، ھاك ئورنىدا ئىشلەتتى.

2مەن موئابقا ئوت ياغدۇرىمەن.

بۇ ئوت قىرىيوتنىڭمۇ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.

ئۇرۇش چۇقانلىرى ئاڭلانغاندا،

لەشكەرلەر سۈرەن سېلىشقاندا،

جەڭ بۇرغىلىرى ياڭرىغاندا،

موئاب خەلقى ھالاك بولىدۇ.

3مەن موئابنىڭ ھۆكۈمدارىنى يوقىتىمەن.

ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرىنى قىرىپ تاشلايمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يەھۇدىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار مېنىڭ قانۇنۇمدىن يۈز ئۆرۈپ،

ئەمرلىرىمگە بويسۇنمىدى.

ئۇلار بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ھەق يولدىن ئازدى.

ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىمۇ شۇنداق قىلغانىدى.

5شۇنىڭ ئۈچۈن مەن يەھۇدىيەگە ئوت ياغدۇرىمەن.

بۇ ئوت يېرۇسالېمنىڭ قورغانلىرىنى يالماپ يۇتىدۇ.»

خۇدانىڭ ئىسرائىلىيەگە بېرىدىغان جازاسى

6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىسرائىلىيە خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى.

مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن!

ئۇلار دۇرۇس ئادەملەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە،

كەمبەغەللەرنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىشتى.

7ئۇلار ئاجىزلارنى خۇددى كوچىدىكى توپىنى دەسسىگەندەك دەسسىدى.

يوقسۇللارغا ئادالەتسىزلىك قىلدى.

ئاتا بىلەن ئوغۇل ئوخشاش بىر ئايال بىلەن زىنا قىلىپ،

مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.

8ئۇلار ئۆزلىرىگە گۆرۈگە قويۇلغان كىيىملەرنى

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تېگىگە سېلىپ يېتىشتى.

ئۇلار بۇتخانىلاردا ناھەق ئېلىنغان جېرىمانىلەر بىلەن سېتىۋېلىنغان شارابلارنى ئىچىشتى.

9ئەي خەلقىم، كۆز ئالدىڭلاردا

ئامورلارنى ۋەيران قىلغان مەن ئەمەسمىدىم؟!

ئۇلار خۇددى كېدىر دەرەخلىرىدەك ئېگىز،

دۇپ دەرەخلىرىدەك مەزمۇت بولسىمۇ،

ئۇلارنى ئۇچىدىن يىلتىزىغىچە پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋەتمىگەنمىدىم؟!

10ئامورلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن،

سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ،

چۆل-باياۋانلاردا قىرىق يىل يېتەكلىگەن مەن ئەمەسمىدىم؟!

11مەن پەرزەنتلىرىڭلاردىن پەيغەمبەرلەرنى تەيىنلىدىم،

ئاراڭلاردىن ماڭا ئۆزىنى ئالاھىدە بېغىشلىغان ياشلارنى تاللىدىم.

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، ئەجەبا دېگىنىم توغرا ئەمەسمۇ؟!

12بىراق، سىلەر ماڭا ئالاھىدە بېغىشلىغان بۇ كىشىلەرنى

شاراب ئىچىشكە مەجبۇرلىدىڭلار.

سىلەر پەيغەمبەرلەرنى ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن توستۇڭلار.

13ئاشلىق بېسىلغان ھارۋا يەرنى چىڭدىغاندەك،

ئەمدى مەن سىلەرنى چىڭداپ، مىجىقىڭلارنى چىقىرىۋېتىمەن.

14يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،

ھەتتا كۈچلۈكلەرنىڭمۇ قارشى تۇرۇشقا ماغدۇرى يەتمەيدۇ.

باتۇر لەشكەرلەرمۇ ئۆز جېنىنى ساقلاپ قالالمايدۇ.

15ئوقياچىلار پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ.

يەل تاپانلارمۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

ھەتتا چەۋەندازلارمۇ ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.

16ئۇ كۈنى ئەڭ باتۇر لەشكەرلەرمۇ قوراللارنى تاشلاپ قېچىشىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

3

1ئەي مىسىردىن ئېلىپ چىقىلغان پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قارشى ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار:2«يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر ئارىسىدىن يالغۇز سىلەرنىلا تاللىدىم.

لېكىن سىلەر گۇناھ قىلدىڭلار، شۇڭا مەن سىلەرنى جازالايمەن.»

پەرۋەردىگار سۆزلىسە، پەيغەمبەر سۈكۈتتە تۇرالماس

3ئىككى ئادەم دېيىشىپ قويماي تۇرۇپ،

بىرگە سەپەر قىلامدۇ؟

4ئوۋ تۇتالمىغان شىر چاتقاللىقتا ھۆركىرەمدۇ؟

ئوزۇق بولمىسا ئۆڭكۈردىكى ياش شىرلار ئۆزئارا خىرىس قىلىشامدۇ؟

5ئەگەر يەمچۈك بولمىسا،

قۇش تۇزاققا چۈشەمدۇ؟

قىسماققا ھېچ نەرسە قىسىلمىسا،

قىسماق ئۆزلۈكىدىن قىسىلىپ قالامدۇ؟

6شەھەردىن بۇرغا ئاۋازى ئاڭلانسا،

كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشمەي قالامدۇ؟

پەرۋەردىگار ئىرادە قىلمىسا،

شەھەر بالايىئاپەتكە ئۇچرامدۇ؟

7دەرھەقىقەت، ئىگىمىز پەرۋەردىگار

ئۆزىنىڭ يوشۇرۇن مەقسەتلىرىنى خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلىرىگە

ئايان قىلماي تۇرۇپ، ئىش قىلمايدۇ.

8ئەنە، شىر ھۆركىرەۋاتىدۇ! كىم قورقماي تۇرالايدۇ؟

ئەنە، ئىگىمىز پەرۋەردىگار سۆزلەۋاتىدۇ!

كىم ئۇنىڭ ۋەھىيلىرىنى جاكارلاشنى رەت قىلالايدۇ؟

سامارىيەنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى

9ئاشدود ۋە مىسىر ئوردىسىدىكىلەرگە:

«سىلەر سامارىيەدىكى تاغلارغا يىغىلىپ،

ئۇ يەردىكى قالايمىقانچىلىق ۋە زۇلۇملارنى كۆرۈپ بېقىڭلار» دەپ جاكارلانسۇن.

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ خەلقىم ھەق ئىش قىلىشنى بىلمىدى.

ئۇلار سارايلىرىنى زومىگەرلىك بىلەن ئېرىشكەن بايلىقلار بىلەن تولدۇردى.»

11شۇ سەۋەبتىن ئىگىمىز پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«دۈشمەن بۇ زېمىننى قورشاۋغا ئېلىپ،

قەلئەلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىدۇ،

سارايلىرىڭلارنى تالان-تاراج قىلىدۇ.

12مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەنكى، پادىچى شىر ئاغزىدىن قوينى تارتىۋالماقچى بولغىنىدا، ئۇنىڭ قولىدا پەقەت قوينىڭ ئىككى تۇيىقى ياكى قۇلىقىنىڭ بىر پارچىسىلا قالغىنىغا ئوخشاش، دۈشمەن ھۇجۇمىدىن كېيىن سامارىيەدىكى ئىسرائىللارنىڭ قولىدا پەقەت ئورۇن-كۆرپىلىرىنىڭ پارچىلىرىلا قالىدۇ.
13مەن ئىگەڭلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن،

سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار ھەم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار!

14مەن ئىسرائىلىيە خەلقىنى گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىغان ۋاقتىمدا،

بەيتەلدىكى قۇربانلىق سۇپىلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىمەن.

قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكى چېپىپ تاشلىنىدۇ.

15مەن بايلارنىڭ قىشلىق ۋە يازلىق سارايلىرىنى

ۋە پىل چىشى بىلەن بېزەلگەن ئۆيلىرىنى ۋەيران قىلىمەن.

ھەشەمەتلىك سارايلار ئۆرۈۋېتىلىدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

 

4

ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ خۇدانىڭ يولىغا قايتمىغانلىقى

1ئەي باشاندىكى بوردالغان ئىنەكلەردەك سامارىيە ئاياللىرى، قۇلاق سېلىڭلار.

تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيەدىكى ئاياللار، قۇلاق سېلىڭلار.

سىلەر نامراتلارغا زۇلۇم قىلىپ، موھتاجلارنى ئېزىسىلەر.

سىلەر ھەمىشە ئەرلىرىڭلارغا: «بىزگە يەنە شاراب ئەكېلىپ بېرىڭلار!» دەيسىلەر.

2ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس نامى بىلەن قەسەم قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ:

«شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى،

خۇددى بېلىقلار قارماققا ئىلىنغىنىدەك،

سىلەرمۇ قارماققا ئىلىنىسىلەر،

ھەممىڭلار شۇنداق ئەكېتىلىسىلەر.

3سىلەر سېپىل يوچۇقلىرىدىن تارتىپ چىقىرىلىپ،

ھارمونغا ھەيدەپ ئاپىرىلىسىلەر.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

4سىلەر بەيتەلگە بېرىپ، گۇناھ قىلىۋېرىڭلار.

گىلگالغا بېرىپ، قانغۇچە گۇناھ قىلىۋېرىڭلار!

ھەر كۈنى ئەتىگەندە قۇربانلىقلىرىڭلارنى ئاپىرىپ،

ھەر ئۈچىنچى كۈنى كىرىمىڭلارنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى ئاتاۋېرىڭلار.

5خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان نانلىرىڭلارنى مىننەتدارلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆرۈپ،

ئۆزۈڭلارنىڭ خالىس ھەدىيەڭلاردىن ماختىنىپ يۈرۈۋېرىڭلار.

بۇ سىلەر ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قىلىدىغان ئىشلىرىغۇ!

بۇ مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

6مەن بارلىق شەھىرىڭلاردا ئاچارچىلىق پەيدا قىلدىم،

ھەممە يېزاڭلارنى نانغا زار قىلدىم.

شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

7مەن ھوسۇل پەسلىدىن ئۈچ ئاي بۇرۇن

يامغۇرنىمۇ توختىتىۋەتتىم.

بىر شەھەرگە يامغۇر ياغدۇرسام،

يەنە بىر شەھەرگە ياغدۇرمىدىم.

بىر ئېتىزغا يامغۇر ياغدۇرۇلسا،

يەنە بىر ئېتىز يامغۇرسىز قاغجىراپ قالدى.

8ھالسىزلانغان پۇقرالار يېزىمۇ يېزا سۇ ئىزدەپ، دەلدەڭشىپ قالدى.

لېكىن ئۇلار قانغۇدەك سۇ ئىچەلمىدى

شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

9مەن زىرائەتلىرىڭلارنى ئىسسىق شامالدا قۇرۇتتۇم، نەملىك بىلەن چىرىتتىم.

چېكەتكىلەر باغلىرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلار،

ئەنجۈر ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىڭلارنى يەپ تۈگەتتى.

شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

10مەن ئىلگىرى مىسىرلىقلارنى مۇپتىلا قىلغان ۋاباغا سىلەرنىمۇ مۇپتىلا قىلدىم.

باھادىر يىگىتلىرىڭلارنى قىلىچتا ئۆلتۈردۈم.

ئاتلىرىڭلار تارتىۋېلىندى.

بارگاھلىرىڭلارنى ئۆلۈكلەرنىڭ سېسىق پۇرىقى بىلەن تولدۇردۇم.

شۇنداقتىمۇ، سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

11مەن خۇددى سودوم بىلەن گومورانى ۋەيران قىلغاندەك،

سىلەرنىمۇ ۋەيران قىلدىم.

سىلەر خۇددى ئوتتىن تارتىۋېتىلگەن چۇچىلىغا ئوخشاپ قالدىڭلار.

لېكىن سىلەر يەنىلا يولۇمغا قايتمىدىڭلار.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

12ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى،

مەن سىلەرنى جازالايمەن.

ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى،

ماڭا ھېساب بېرىشكە تەييارلىنىڭلار!»

13تاغ ۋە شامالنى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار خۇدادۇر،

ئۇ ئوي-خىياللىرىنى ئىنسانلارغا ئايان قىلغاندۇر.

ئۇ قاراڭغۇلۇقنى تاڭ نۇرىغا ئايلاندۇرار،

ھەتتا ئۇ زېمىننىڭ يۈكسەكلىكلىرىدە ماڭار.

ئۇنىڭ ئىسمى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدادۇر.

 

5

توۋا قىلىشقا دەۋەت قىلىش

1ئەي ئىسرائىلىيەلىكلەر، سىلەر ھەققىدە ئېيتىلغان بۇ ماتەم كۈيۈمگە قۇلاق سېلىڭلار:2«پاك قىز ئىدى ئىسرائىلىيە، يىقىلدى،

ئۇ ئورنىدىن تۇرالماس ئەمدى.

ئۇ تاشلىنىپ قالار ئۆز زېمىنىدا،

يۆلەپ تۇرغۇزغۇچى يوقتۇر يېنىدا.»

3ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان مىڭ جەڭچىدىن،

پەقەت يۈزى ئامان قايتىپ كېلەر.

يەنە بىر شەھەردىن جەڭگە چىققان يۈز جەڭچىدىن،

پەقەت ئونى ئامان قايتىپ كېلەر.»

4پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«ھايات قالىسىلەر مېنى ئىزدىسەڭلار!

5لېكىن بەيتەلگە بارماڭلار!

گىلگالغىمۇ بېرىپ يۈرمەڭلار!

بەئەرشەباغىمۇ چۈشمەڭلار!

چۈنكى گىلگال خەلقى چوقۇم سۈرگۈن قىلىنىدۇ،

بەيتەل يوقىلىدۇ.»

6پەرۋەردىگارنى ئىزدەڭلار، ھايات قالىسىلەر.

بولمىسا، ئەي يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى،

پەرۋەردىگار سىلەرگە ئوتتەك يوپۇرۇلىدۇ.

بۇ ئۆچمەس ئوت بەيتەلنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

7سىلەر ئادالەتنى قىرتاق قىلدىڭلار،

ھەققانىيلىقنى چۆرۈپ تاشلىدىڭلار.

8پەرۋەردىگار ئۈكەر ۋە ئورىيون يۇلتۇزلىرىنى ياراتقۇچىدۇر.

ئۇ ئايلاندۇرغۇچىدۇر قاراڭغۇلۇقنى تاڭغا،

كۈندۈزنى ھەم كېچىگە.

ئۇ دېڭىزدىن سۇ ئېلىپ سەپكۈچىدۇر زېمىنغا،

«ياھۋەھ»تۇر ئۇنىڭ نامى.

9ئۇ كۈچلۈكلەرنى ھالاك قىلار،

قورغانلىرىنى ۋەيران قىلار.

10سىلەر شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى ئادالەتنى ياقىلىغۇچى ئاقساقاللارغا ئۆچ،

سىلەر ھەق سۆزلىگەنلەردىن بىزار.

11سىلەر يوقسۇللارغا زۇلۇم قىلىپ،

ئۇلارنىڭ زىرائەتلىرىنى ئالۋان-سېلىق بىلەن قاقتى-سوقتى قىلىسىلەر.

شۇڭا سىلەر يونۇلانغان تاشلاردىن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلىرىڭلاردا ئولتۇرالمايسىلەر،

ھەم ئۆزۈڭلار ياخشى ئۆستۈرگەن ئۈزۈمزارلىقىڭلاردىن چىققان شارابلارنى ئىچەلمەيسىلەر.

12قىلمىشىڭلارنىڭ كۆپلۈكىنى،

گۇناھىڭلارنىڭ چەكسىزلىكىنى بىلىمەن.

سىلەر بىگۇناھلارغا زۇلۇم قىلىپ، پارا ئالىسىلەر،

شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا نامراتلارغا ئادالەتسىزلىك قىلىسىلەر.

13شۇڭا مۇشۇنداق رەزىل زامانلاردا،

ئەقىللىق ئادەملەر سۈكۈتتە تۇرىدۇ.

14سىلەر رەزىللىك ھەققىدە ئەمەس، بەلكى ياخشىلىق ھەققىدە ئىزدىنىڭلار،

شۇندىلا ھايات قالىسىلەر،

ھەمدە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا ئۆزۈڭلار ئېيتقاندەك سىلەرگە يار بولىدۇ.

15يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار.

شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار.

شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار،

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.

16ئىگىمىز، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ھەربىر شەھەر مەيدانلىرىدىن نالە-پەرياد،

ھەربىر كوچىدىن يىغا-زار كۆتۈرۈلىدۇ.

دېھقانلار ھازا تۇتۇشقا،

مەرسىيەچىلەر يىغلاشقا چاقىرتىلىدۇ.

17پۈتكۈل ئۈزۈمزارلىقلار يىغا-زارغا تولىدۇ،

چۈنكى مەن زېمىنىڭلاردىن ئۆتىمەن، سىلەرنى جازالايمەن.

بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»

پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى

18پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

نېمە ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ كۈنىنىڭ كېلىشىنى كۈتىسىلەر؟

بۇ كۈن يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ!

19ئاشۇ كۈنى سىلەر خۇددى شىردىن قۇتۇلۇپ،

ئېيىققا يولۇققان ئادەمگە،

ياكى ئۆيگە ساق قايتىپ كېلىپ، تامغا يۆلىنىشىگىلا قولىنى يىلان چېقىۋالغان ئادەمگە ئوخشاپ قالىسىلەر.

20پەرۋەردىگارنىڭ كۈنى يورۇقلۇق ئەمەس، بەلكى زۇلمەت ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇ كۈنىدە قاراڭغۇلۇق بولىدۇ، يورۇقلۇق بولمايدۇ.

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن سەسكىنىمەن، ئۇلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

ئىبادەت سورۇنلىرىڭلاردىن بىزارمەن.

22گەرچە سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار

ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلساڭلارمۇ،

مەن ئۇلارنى قوبۇل قىلمايمەن.

سىلەرنىڭ بوردىغان سېمىز موزىيىڭلاردىن سۇنىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارغا پەرۋايىم پەلەك.

23ۋاراڭ-چۇرۇڭ قىلىپ ئېيتقان مۇناجاتلىرىڭلارنى مەندىن يىراق قىلىڭلار.

چىلتارلىرىڭلارنىمۇ ئاڭلىغۇم يوق.

24بۇنىڭ ئورنىغا ئادالىتىڭلار ئېقىن سۇدەك،

ھەققانىيلىقىڭلار قۇرماس دەريادەك ئاقسۇن.

25ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى، سىلەر چۆل-باياۋاندا ياشىغان قىرىق يىل جەريانىدا، راست ماڭىلا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى سۇندۇڭلارمۇ؟26ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلار ياسىۋالغان ئىلاھىي شاھىڭلار سىكۇت ۋە يۇلتۇز ئىلاھىڭلار كىيۇننى كۆتۈرۈپ يۈرىسىلەر.27شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرنى دەمەشقتىنمۇ تېخىمۇ يىراق بولغان جايلارغا سۈرگۈن قىلىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»

 

6

ئىسرائىللارنىڭ جازالىنىشى

1يېرۇسالېمدا راھەت-پاراغەتتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

تۆپىلىككە جايلاشقان سامارىيە شەھىرىدە خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئەڭ مۇھىم ئەلنىڭ كاتتا ئادەملىرى دەپ بىلىسىلەر،

ئىسرائىلىيە خەلقى سىلەردىن ياردەم سوراپ، ئالدىڭلارغا كېلىدۇ.

2سىلەر خەلققە پو ئېيتىپ مۇنداق دەيسىلەر:

«كالنېھقا بېرىپ كۆرۈڭلار!

ئۇ يەردىن بۈيۈك بولغان خاماتقا بېرىڭلار!

ئاندىن فىلىستىيەلىكلەرنىڭ گات شەھىرىگە بېرىڭلار!

بۇ ئىككى پادىشاھلىق بىزدىنمۇ كاتتىمىكەن؟

ئۇلارنىڭ زېمىنى بىزنىڭ زېمىنىمىزدىنمۇ چوڭمىكەن؟»

3سىلەر كۈلپەت كۈنىنىڭ كېلىشىنى خېلى يىراق دەپ ئويلايسىلەر،

لېكىن قىلمىشىڭلار جازا كۈنىنىڭ كېلىشىنى يېقىنلاشتۇرىدۇ.

4ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر پىل چىشى بىلەن نەقىشلەنگەن كاتلاردا سوزۇلۇپ،

دىۋانلاردا يانپاشلاپ ياتىسىلەر.

قويلارنى ۋە سېمىز موزايلارنى يەيسىلەر.

5سىلەر ئۆزۈڭلارنى داۋۇت پادىشاھقا ئوخشىتىپ،

چىلتارلارغا تەڭكەش قىلىپ ناخشا ئېيتىسىلەر.

6چوڭ قەدەھلەردە شاراب ئىچىپ،

ئەڭ ئېسىل مايلارنى ئۆزۈڭلارغا سۈرتىسىلەر.

ئەمما سىلەر ئۆز خەلقىڭلارنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقانلىقىدىن ئەنسىرىمەيسىلەر.

7شۇڭا سىلەر ھەممىدىن ئاۋۋال سۈرگۈن قىلىنىسىلەر،

سىلەرنىڭ كەيپ-ساپا قىلىپ ياتىدىغان ۋاقتىڭلار ئاياغلىشىدۇ.

8ئىگىمىز پەرۋەردىگار، يەنى قۇدرەتلىك سەردار خۇدا قەسەم قىلىپ مۇنداق دېدى:

«ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىدىن نەپرەتلىنىمەن.

ئۇلارنىڭ قورغانلىرىنى ئۆچ كۆرىمەن.

شەھەرلەرنى ۋە ئۇلاردىكى بارلىق نەرسىلەرنى

دۈشمەنلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن.»

9ئەگەر بىر ئۆيدە پەقەت ئون ئادەم ھايات قالغان بولسا، ئۇلارمۇ ئۆلىدۇ.10ئۇلارنىڭ يېقىن تۇغقانلىرىدىن بىرى جەسەتنى ئېلىپ كېتىش ئۈچۈن كەلگەندە، ئۆيگە يوشۇرۇنۇۋالغان ئادەمدىن: «ئۆيدە باشقا ئادەم بارمۇ؟» دەپ سورايدۇ. ئۆي ئىچىدىكى ئادەم «يوق» دەپ جاۋاب بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىشقا باشلىغاندا، كەلگۈچى: «ئارتۇق گەپ قىلما، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى تىلغا ئالمايلى، بولمىسا بىزمۇ ئۆلىمىز!» دەيدۇ.
11پەرۋەردىگار ئەمر قىلماقتا،

چوڭ ئۆيلەر بۇزۇپ تاشلىنىدۇ،

كىچىك ئۆيلەر ۋەيران قىلىنىپ، ئۇششاق داڭگالغا ئايلىنىدۇ.

12ئات قىيا تاشلار ئۈستىدە چاپالامدۇ؟

ئۆكۈز دېڭىزنى يەردەك ئاغدۇرالامدۇ؟

لېكىن سىلەر شۇنداق قىلىپ، ئادالەتنى زەھەرگە ئايلاندۇردۇڭلار،

ھەققانىيەتنىڭ شېرىن مېۋىلىرىنى قىرتاق قىلدىڭلار.

13سىلەر لودىبار شەھىرىنى ئىشغال قىلغىنىڭىلاردىن پەخىرلىنىسىلەر.

سىلەر ماختىنىپ: «قارنايىم شەھىرىنىمۇ ئىگىلەشكە قۇربىمىز يەتتى!» دەيسىلەر.

14لېكىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«قاراپ تۇرۇڭلار، ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى،

مەن سىلەرگە قارشى بىر ئەلنى قوزغىتىمەن.

ئۇلار شىمالدىكى لىبو-خاماتتىن جەنۇبتىكى ئارابا جىلغىسىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنىڭلارنى بېسىۋېلىپ،

سىلەرنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.»

 

7

چېكەتكە توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

1ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. خۇدا بىر توپ چېكەتكىلەرنى زېمىندا پەيدا قىلىپتۇ. بۇ ۋاقىت دېھقانلارنىڭ پادىشاھقا ئالۋان-سېلىق تاپشۇرۇپ بولۇپ، ئىككىنچى قېتىم تېرىغان زىرائەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئۈنۈشكە باشلىغان ۋاقتى ئىكەن.2چېكەتكىلەر زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەرنى يەپ بولغاندىن كېيىن، مەن پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدىم:
_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كەچۈرگەيسەن، ئۇلار بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟!

3شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.

ئوت توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

4ئاندىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا باشقا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇ ئۆز خەلقىنى كۆيدۈرۈپ جازالاش ئۈچۈن ئوتقا ئەمر قىلىپتۇ. ئوت يەر ئاستىدىكى بۈيۈك سۇلارنى قۇرۇتۇپ، زېمىننى كۆيدۈرۈشكە باشلاپتۇ.5مەن:
_ ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، ئۆتۈنەي، توختىغايسەن. ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بەك ئاجىزدۇر، قانداقمۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟! _ دېدىم.

6شۇنىڭ بىلەن ئىگەم پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەتمۇ يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.

تامنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكى ھەققىدىكى غايىبانە ئالامەت

7ئاندىن كېيىن ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا يەنە بىر غايىبانە ئالامەت كۆرسەتتى. ئىگەم تامنىڭ يېنىدا تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى تۇتۇپ تۇرغانىكەن.8ئۇ مەندىن:
_ ئاموس، سەن نېمىنى كۆردۈڭ؟ _ دەپ سورىدى. مەن:

_ تامنىڭ تۈزلۈكىنى تەكشۈرىدىغان تانىنى كۆردۈم، _ دەپ جاۋاب بەردىم. ئۇ:

_ مەن ئەمدى ئىسرائىل خەلقىمنىڭ تۇتقان يولىنىڭ ئەگرى، تۈزلۈكىنى مۇشۇ تانا بىلەن تەكشۈرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.
9ئىسھاقنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇنىدىغان غەيرىي سەجدىگاھلار ۋەيران قىلىنىدۇ، ئىسرائىلىيە خەلقىنىڭ چوقۇنىدىغان جايلىرى خاراب بولىدۇ. مەن قىلىچ بىلەن ياروبئامنىڭ خانىدانلىقىنى يوقىتىمەن، _ دېدى.

روھانىي ئامازيانىڭ ئاموسقا قارشى تۇرۇشى

10بەيتەل شەھىرىنىڭ روھانىيسى ئامازيا ئىسرائىلىيە پادىشاھى ياروبئامغا ئادەم ئەۋەتىپ، مۇنداق ئۇچۇر بەردى:

«ئاموس ئىسرائىلىيە خەلقى ئارىسىدا ساڭا قارشى قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۇنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا تاقىتى قالمىدى.
11ئۇ: ‹ياروبئام قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ ۋە ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ› دەيدۇ.»

12ئاندىن ئامازيا ئاموسقا مۇنداق دېدى:
_ ئى غايىبنى بىلگۈچى، بۇ يەردىن كەت، يەھۇدىيە زېمىنىغا كەت. شۇ يەردە ۋەھىي يەتكۈزۈپ، جېنىڭنى باق!
13لېكىن بەيتەلدە ھەرگىز ۋەھىي يەتكۈزگۈچى بولما. چۈنكى بۇ يەردە خانلىق سەجدىگاھ ۋە خەلقنىڭ چوڭ بۇتخانىسى بار.
14ئاموس ئامازياغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
_ مەن پەيغەمبەرمۇ ھەم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلادىمۇ ئەمەس ئىدىم، پەقەت چارۋىچى ئىدىم. ئەنجۈر دەرەخلىرىنىمۇ پەرۋىش قىلاتتىم.
15پەرۋەردىگار مېنى پادىلىرىمدىن ئايرىپ، ماڭا: «بېرىپ ئىسرائىلىيەدىكى خەلقىمگە ۋەھىي يەتكۈزگىن» دېدى.16سەن ماڭا: «ئىسرائىلىيەگە قارشى ۋەھىي يەتكۈزۈشنى ۋە ئىسھاق ئەۋلادلىرىغا قارشى سۆزلەشنى توختات» دېدىڭ. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ بۇ سۆزلىرىگە قۇلاق سال!17ئەي ئامازيا، پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ:

«ئايالىڭ شەھەردە پاھىشە بولىدۇ،

ئوغۇل-قىزلىرىڭ قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ.

زېمىنىڭ باشقىلارغا بۆلۈپ بېرىلىدۇ،

ئۆزۈڭ ياقا يۇرتتا ئۆلىسەن.

ئىسرائىلىيە خەلقى ئۆز زېمىنىدىن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.»

 

8

پىشقان مېۋە توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

1ئىگىمىز پەرۋەردىگار ماڭا بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭدا مەن بىر سېۋەت پىشقان مېۋىنى كۆردۈم.2ئۇ:
_ ئاموس، نېمىنى كۆردۈڭ؟ — دەپ سورىدى. مەن:

_ بىر سېۋەت پىشقان مېۋە، _ دەپ جاۋاب بەردىم.

ئاندىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ ئىسرائىل خەلقىمنىڭ ۋاقىت-سائىتى توشتى. ئەمدى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆرمەسكە سېلىپ تۇرالمايمەن.
3ئۇ كۈن كەلگەندە، ئوردىدىكى ئاياللارنىڭ ناخشا ئاۋازلىرى يىغا-زارغا ئايلىنىدۇ. ھەممە يەرنى جەسەت قاپلاپ، شەھەردە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرىدۇ. بۇلارنى مەنكى ئىگەڭلار پەرۋەردىگار ئېيتقانمەن! _ دېدى.
4يوقسۇللارغا زۇلۇم سېلىپ، نامراتلارنى ۋەيران قىلىشقا ئۇرۇنلانغانلار قۇلاق سېلىڭلار.5سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق.

دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق.

كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ،

ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.

6كەمبەغەللەرنى ئەرزىمەس كۈمۈشكە،

موھتاجلارنى بىر جۈپ چورۇققا سېتىۋالالايتتۇق.

ئاشلىقلارنى توپانغا ئارىلاشتۇرۇپ ساتالايتتۇق» دەيسىلەر.

7پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار پەخىرلىنىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق قەسەم ئىچتى:

«مەن ئۇلار قىلغان ھەرقانداق قىلمىشلارنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.

8شۇ سەۋەبتىن زېمىن تەۋرەيدۇ،

زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار ھازا تۇتىدۇ.

پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك لەرزىگە كېلىپ،

بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.»

9ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇ كۈنى مەن چۈشتە قۇياشنى پاتۇرۇپ،

زېمىنىغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرىمەن.

10بايراملىرىڭلارنى ماتەمگە،

خۇشال ناخشاڭلارنى يىغا-زارغا ئايلاندۇرىمەن.

ھەممىڭلار ماتەملىك كىيىملەرنى كىيىپ،

چېچىڭلارنى چۈشۈرىسىلەر.

سىلەرنى يالغۇز ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان ئادەمدەك ئازابقا قويىمەن.

پۈتۈن كۈن شەك-شۈبھىسىزكى، قايغۇلۇق بىر كۈن بولىدۇ.»

11ئىگىمىز پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،

مەن زېمىننى ئېچىرقىتىمەن،

بۇ نان ۋە سۇغا بولغان ئېچىرقاش بولماستىن،

بەلكى مېنىڭ سۆزلىرىمگە بولغان ئېچىرقاش بولىدۇ.

12ئادەملەر مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاش ئۈچۈن

دېڭىزدىن دېڭىزغا، شىمالدىن شەرققە سەپەر قىلىدۇ،

لېكىن ئۇلار سۆزۈمنى ھېچ يەردىن تاپالمايدۇ.

13ئۇ كۈندە ياش قىزلار ۋە قىران يىگىتلەر چاڭقاشتىن ھالسىزلىنىدۇ.14‹ئەي دان شەھىرىنىڭ ئىلاھى، ئەي بەئەرشەبا شەھىرىنىڭ ئىلاھى› دەپ،

سامارىيەنىڭ يىرگىنچلىك بۇتلىرىنىڭ نامىدىن قەسەم ئىچكەنلەر يىقىلىدۇ،

قايتا ئورنىدىن تۇرالمايدۇ.»

 

9

ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەيران بولۇشى توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەت

1ئاندىن مەن بىر غايىبانە ئالامەت كۆردۈم. ئۇنىڭدا ئىگەم پەرۋەردىگار قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:

«ئىبادەتخانا تۈۋرۈكلىرىنىڭ بېشىغا ئۇرۇڭلار،

ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلى تەۋرىسۇن.

ئۆگزىسىنى بۇزۇڭلار، ئاستىدا تۇرغان كىشىلەرنى باسسۇن.

مەن ھايات قالغانلارنى قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرىمەن.

ھېچكىم قاچالمايدۇ، ھېچكىم قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ!

2ئۇلار گۆر كولاپ كىرىۋالسىمۇ،

كىرىۋالغان جايلىرىدىن تارتىپ چىقىرىمەن.

ئۇلار ئاسمانغا چىقىۋالسىمۇ،

ئاسماندىن تارتىپ چۈشۈرىمەن.

3ئۇلار كارمەل تېغىنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسىمۇ،

تۇتۇپ كېلىمەن.

ئەگەر ئۇلار مېنى كۆرمىسۇن دەپ دېڭىزنىڭ تېگىگە شۇڭغۇۋالسا،

دېڭىز يىلىنىنى ئۇلارنى چېقىشقا ئەۋەتىمەن.

4ئۇلارنى دۈشمەنلىرى سۈرگۈن قىلسا،

شۇ يەردە ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشكە قىلىچنى بۇيرۇيمەن.

مەن ئۇلارغا بەخت ئەمەس،

بەلكى بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىشنى نىيەت قىلدىم.»

5ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار زېمىنغا تېگىپ كەتسە،

زېمىننى ئېرىتىپ، زېمىندا ياشاۋاتقانلارنى قايغۇغا سالىدۇ.

پۈتۈن زېمىن مىسىردىكى نىل دەرياسىدەك

بىر ئۆرلەپ، بىر پەسلەيدۇ.

6ئۇ ئەرشتە ئۆي سېلىپ،

ئۇلىنى زېمىنغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ،

ئۇ دېڭىز سۈيىنى زېمىنغا يامغۇر قىلىپ ياغدۇرىدۇ!

«ياھۋەھ» ئۇنىڭ نامىدۇر.

7پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىلىيە خەلقى،

سىلەرچە كۇش خەلقى مېنىڭ نەزىرىمدە ئىسرائىللاردەك قىممەتلىك ئەمەسمۇ؟

مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققىنىمدەك،

فىلىستىيەلىكلەرنى كرىت ئارىلىدىن،

ئارراملىقلارنى قىر زېمىنلىرىدىن ئېلىپ چىقمىدىممۇ؟

8مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ گۇناھقا تولغان پادىشاھلىقىڭلارغا كۆز تىككەنمەن.

مەن ئۇنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن.

لېكىن مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ھەممىسىنى ھالاك قىلمايمەن.

9مەن ئەمر-پەرمان چۈشۈرۈپ، ئىسرائىلىيە خەلقىنى يات ئەللەرنىڭ ئارىسىدا دان تاسقىغاندەك تاسقايمەن.

لېكىن غەلۋىرىمدىن بىر تال تاشمۇ يەرگە چۈشمەيدۇ.

10خەلقىم ئارىسىدىكى بارلىق گۇناھكارلار قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىدۇ.

بۇلار دەل: ‹بىزگە ھېچ ئىش بولمايدۇ، بېشىمىزغا بالا-قازا كەلمەيدۇ› دېگەن ئادەملەردۇر.»

ئىسرائىلىيەنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى

11«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن.

بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن.

مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.

12ئىسرائىلىيە خەلقى ئىدومدىن ئامان قالغانلارغا ۋە

مېنىڭ نامىم ئاستىدىكى بارلىق ئەللەرگە ئىگە بولىدۇ.»

بۇ سۆزلەرنى ئېيتقۇچى ۋە ئەمەلگە ئاشۇرغۇچى پەرۋەردىگاردۇر.

13پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«شۇنداق ياخشى كۈنلەر كېلىدۇكى،

دېھقانلار مول ھوسۇلىنى يىغىپ بولغۇچە،

يەنە بىر يەر ئاغدۇرۇش ۋاقتى كېلىدۇ.

ئۈزۈملىرىنى يانجىپ بولغۇچە،

يەنە بىر ئۈزۈم پىششىقى كېلىدۇ.

تاغلاردىن شەربەت تېمىپ، دۆڭلەردىن ئېقىپ چۈشىدۇ.

14مەن سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىم ئىسرائىللارنى قايتۇرۇپ كېلىمەن.

ئۇلار ۋەيران بولغان شەھەرلەرنى قايتا قۇرۇپ، ئۇ يەرلەردە ياشايدۇ.

ئۇلار ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلىپ، ئۈزۈم شارابلىرىنى ئىچىدۇ.

باغلارنى بەرپا قىلىپ، مېۋىلىرىنى يەيدۇ.

15مەن ئۇلارنى ئۇ زېمىندا يىلتىز تارتقۇزىمەن.

ئۇلار مەن ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن ئەمدى يۇلۇپ تاشلانمايدۇ.

بۇ مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»