ھاگاي 1 ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى 1دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى*، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى. 2قۇدرەت ئىگىسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ.»
3پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە بىر ۋەھىي كەلدى:
7-8سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇنىڭدىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم شان-شەرەپ تاپىمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر! خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە ئەمەل قىلىش
12بۇ ۋاقىتتا شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق، پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى.
14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار، شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى. *1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. *15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.
2 يېڭى ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى شان-شەرىپى
1شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى:
4پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: ئەي، زىرۇببابەل جاسارەتلىك بول! ئەي، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا جاسارەتلىك بول! شۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم!
6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن. بەخت-سائادەت خۇداغا ئىتائەتمەنلىكتىن كېلىدۇ 10دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى*، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى:
11قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن: ھاگاي پەيغەمبەر روھانىيلاردىن جاۋابىنى سورىغانىدى، ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتى. 13ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن: _ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇش بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، ئۇ بۇ يېمەكلىكلەرنى ناپاك قىلغان بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. روھانىيلار: _ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 14ھاگاي پەيغەمبەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خەلق ناپاكتۇر. ئۇلارنىڭ قوللىرى تەگكەن ھەرقانداق ئىش، ماڭا سۇنۇلغان بارلىق قۇربانلىقلىرىمۇ ناپاكتۇر! زىرۇببابەلگە بېرىلگەن ۋەدە 20شۇ كۈنى، يەنى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى:
21«سەن يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ئېيتقىن: مەن ئاسمان-زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن. *1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ *10ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. *18ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ. *23يەھۇدىيەنىڭ سابىق پادىشاھى يىھوياكىن خۇدانىڭ يولىدا ماڭمىغانلىقى ئۈچۇن، خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇ پادىشاھقا، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆپ ئۆتمەي بۇ پادىشاھ بابىللىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. زىرۇببابەل بۇ پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
|
||