« يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »




1

ھەزرىتى ئەيسا _ خۇدانىڭ كالامىدۇر

1ھەممىدىن بۇرۇن «كالام»* مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. 2ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 5نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.

6ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. 7ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق «ھەقىقىي نۇر»غا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. 8يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر»غا گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 9دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.

10دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 11ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. 13بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ.

14«كالام» ئىنسان بولدى ھەم ئارىمىزدا ياشىدى. ئۇ مېھىر-شەپقەت ۋە ھەقىقەتكە تولغان بولۇپ، بىز ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى، يەنى ئاتىمىز خۇدانىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆردۇق.

15يەھيا پەيغەمبەر ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت» دېگەنىدىمغۇ. ئۇ دەل مۇشۇ كىشىدۇر!

16ئۇنىڭ مېھىر-شەپقىتى چەكسىز بولغاچقا، ھەممىمىز ھەر دائىم بەخت ئۈستىگە بەختكە ئېرىشىپ كەلدۇق. 17چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ* ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى. 18خۇدانى ھېچكىم كۆرۈپ باققان ئەمەس. بىراق، ئۇنى ئاتىمىز خۇدانىڭ ھەمراھى ۋە يېگانە ئوغلى، شۇنداقلا ئۆزى خۇدا بولغان ئەيسا مەسىھ بىزگە بىلدۈردى.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزى

19يېرۇسالېمدىكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى خۇدانىڭ ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچىسىنىڭ يەھيا پەيغەمبەر ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، روھانىيلار بىلەن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا ئىشلەيدىغان لاۋىيلارنى يەھيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. 20يەھيا پەيغەمبەر ئىككىلەنمەستىن:

_ مەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەمەسمەن، _ دەپ ئېنىق جاۋاب بەردى.

21ئۇلار ئۇنىڭدىن:

_ ئۇنداقتا ئۆزۈڭ كىم بولىسەن؟ ئىلياس پەيغەمبەر بولامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ ياق! مەن ئىلياس پەيغەمبەر ئەمەسمەن، _ دېدى ئۇ.

_ ئەمىسە، مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەرمۇسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇلار. يەھيا پەيغەمبەر يەنە:

_ ياق! _ دەپ رەت قىلدى.

22ئاخىردا، ئۇلار:

_ ئۇنداقتا، سەن زادى كىم بولىسەن؟ بىزنى ئەۋەتكەنلەرگە ئېيتقۇدەك بىر جاۋاب بەرگىن. ئېيتقىنا. سەن قانداق ئادەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

23يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ يەشايا پەيغەمبەر بۇرۇن ئېيتقان، خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى كېلىشتىن ئىلگىرى چۆلدە، «رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە تۈز يول تەييار قىلىڭلار» دەپ توۋلايدىغان كىشى مەندۇرمەن!

2425يېرۇسالېمدىن ئەۋەتىلگەن بەزى پەرىسىيلەرمۇ* يەھيا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن يا قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، يا ئىلياس ياكى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر بولمىساڭ، نېمىشقا كىشىلەرنى خۇدانىڭ يولىغا چاقىرىپ، سۇغا چۆمۈلدۈرىسەن؟* _ دەپ سورىدى.

26يەھيا پەيغەمبەر ئۇلارغا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

_ مەن كىشىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئاراڭلاردا سىلەر تونۇمايدىغان بىرى بار. 27ئۇ مەندىن كېيىن كەلگۈچى بولۇپ، مەن ھەتتا ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!

28مانا بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيتانىيا دېگەن يېزىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى دەريادا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.

خۇدانىڭ قوزىسى

29ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇ، پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلارنىڭ گۇناھىدىن ئازاد قىلىنىشى ئۈچۈن ھازىرلانغان خۇدانىڭ قوزىسىدۇر! 30مەن سىلەرگە: «مەندىن كېيىن كەلگۈچى مەندىن ئۇلۇغدۇر، چۈنكى ئۇ مەن تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى» دېگەنىدىم. مانا بۇ دەل مەن تىلغا ئالغان ئاشۇ كىشىدۇر! 31مەن بۇرۇن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسەممۇ، بۇ قۇتقۇزغۇچى ئىسرائىللارغا ئايان بولسۇن دەپ، سىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرگىلى كەلدىم. 32يەھيا پەيغەمبەر يەنە گۇۋاھلىق بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ مەن خۇدانىڭ روھىنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە قونغانلىقىنى كۆردۈم. 33مەن ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلمىگەنىدىم. بىراق، مېنى كىشىلەرنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈشكە ئەۋەتكەن خۇدا ماڭا: «سەن خۇدانىڭ روھىنىڭ چۈشۈپ، بىرىنىڭ ئۈستىگە قونىدىغانلىقىنى كۆرىسەن. ئۇ، كىشىلەرنى خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا چۆمۈلدۈرىدىغان قۇتقۇزغۇچىدۇر!» دېگەنىدى. 34ھازىر راستتىنلا بۇ ۋەقەنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنلىكىم ئۈچۈن، ئۇنىڭ شەكسىز خۇدانىڭ ئوغلى* ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن!

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى شاگىرتلىرى

35ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ئىككى شاگىرتى بىلەن يەنە شۇ يەردە ئىدى. 36ئۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ:

_ قاراڭلار! خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! _ دېدى.

37بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 38ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن:

_ نېمىگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالدى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ _ دېدى.

39_ كېلىپ كۆرۈڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. بۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇلار ئۇ كۈننى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.

40يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ئىدى. 41ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

_ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! _ دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)

42ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ:

_ يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، _ دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)

فىلىپ ۋە ناتانيەلنىڭ چاقىرتىلىشى

43ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! _ دېدى.

44فىلىپ بەيتسايدالىق بولۇپ، ئەندەر بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى.

45فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

_ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! _ دېدى.

46بىراق، ناتانيەل:

_ ناسىرەلىكمۇ؟! ئاشۇ كىچىك بىر شەھەردىن مۇنداق ياخشى ئىش چىقارمۇ؟ _ دېدى.

_ كېلىپ كۆرۈپ باق! _ دېدى فىلىپ.

47ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق:

_ مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! _ دېدى.

48_ مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى ناتانيەل ھەيران بولۇپ.

ھەزرىتى ئەيسا:

_ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

49ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ:

_ ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! _ دەپ ئېتىراپ قىلدى.

50ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن تېخى!

51ئاندىن، شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاسماننىڭ ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ* يېنىغا چۈشۈپ-چىقىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! _ دېدى.



*1كالام _ «سۆز» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىر نامىدۇر.

*17مەسىھ _ پەيغەمبەرلەر ئالدىن ئېيتقان، خۇدا تەرىپىدىن تاللانغان، ھامان بىر كۈنى كېلىپ مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ.

*24-25پەرىسىيلەر _ يەھۇدىي دىنىغا تەۋە بولغان، تەۋرات تۈزۈملىرىگە قاتتىق رىئايە قىلىدىغان مەزھەپتىكى كىشىلەر.

*24-25بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان چۆمۈلدۈرۈش كىشىلەرنىڭ ئۆز گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق كۆرۈشىدىن ئىبارەت مۇراسىمنى كۆرسىتىدۇ.

*34خۇدانىڭ ئوغلى _ بۇ نام ھەرگىزمۇ خۇدا بىلەن ھەزرىتى ئەيسا ئوتتۇرىسىدىكى جىسمانىي جەھەتتىكى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئەمەس، بەلكى روھىي جەھەتتىكى مۇناسىۋەتنى بىلدۈرىدۇ.

*51مۇقەددەس يازمىلاردا «ئىنسانئوغلى»دىن ئىبارەت ئەۋەتىلگۈچىنىڭ خۇدانىڭ كۈچ-قۇدرىتى ۋە شان-شەرىپى بىلەن ئەرشتىن چۈشۈپ، پۈتكۈل ئىنسانلارنى مەڭگۈ باشقۇرىدىغانلىقى ئالدىن ئېيتىلغان. ھەزرىتى ئەيسا بۇ نامنى ئۆزى ھەققىدە ئىشلەتكەن.



 

2

كانا يېزىسىدىكى توي زىياپىتى

1ئىككى كۈندىن كېيىن، جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كانا يېزىسىدا بىر توي بولدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئانىسى مەريەم ئۇ يەردە ئىدى. 2ھەزرىتى ئەيسا ۋە ئۇنىڭ شاگىرتلىرىمۇ تويغا تەكلىپ قىلىنغانىدى.

3تويدا شاراب تۈگەپ قالغاندا، مەريەم ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇلارنىڭ شارابلىرى تۈگەپ قاپتۇ، _ دېدى.

4_ ئانا، مېنى ئارىلاشتۇرمىسىڭىز. مېنىڭ ۋاقتىم تېخى كەلمىدى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

5ئانىسى چاكارلارغا:

_ ئۇ سىلەرگە نېمە قىل دېسە، شۇنى قىلىڭلار، _ دېدى.

6ئۇ ئۆيدە يەھۇدىيلارنىڭ تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان، ھەربىرىگە سەككىز-توققۇز چېلەكتىن سۇ سىغىدىغان ئالتە تاش كۈپ قويۇلغانىدى.

7ھەزرىتى ئەيسا چاكارلارغا:

_ كۈپلەرگە سۇ تولدۇرۇڭلار، _ دېدى.

ئۇلار كۈپلەرنى ئاغزىغىچە تولدۇرۇشتى. 8ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ ئەمدى بۇنىڭدىن بىر چىنە ئېلىپ، زىياپەت باشقۇرغۇچىغا بېرىڭلار، _ دېدى.

ئۇلار بەجا كەلتۈرۈشتى.

9زىياپەت باشقۇرغۇچى سۇدىن ئۆزگەرگەن شارابنى تېتىپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلمىدى، ئەمما بۇنى سۇ توشۇغانلار بىلىشەتتى. شۇنىڭ بىلەن، زىياپەت باشقۇرغۇچى كۈيئوغۇلنى چاقىرىپ، 10ئۇنىڭغا:

_ بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! _ دېدى.

11بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەسلەپكى مۆجىزىسى* بولۇپ، جەلىلىيىنىڭ كانا يېزىسىدا كۆرسىتىلگەنىدى. بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلدى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنى خۇدانىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندى. 12بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى، ئىنىلىرى ۋە شاگىرتلىرى بىلەن كەپەرناھۇم شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە بىرنەچچە كۈن تۇردى.

ئوقەتچىلەرنىڭ چوڭ ئىبادەتخانىدىن قوغلىنىشى

13يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا* ئاز قالغاندا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. 14ئۇ، مەركىزىي ئىبادەتخانا* ھويلىلىرىدا قۇربانلىق ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كالا، قوي ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنى ھەم ئۇ يەردە ئولتۇرۇپ پۇل تېگىشىدىغان كىشىلەرنى كۆرۈپ قالدى 15ۋە تانىدىن قامچا ياساپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوي-كالىلىرى بىلەن قوشۇپ ئىبادەتخانىدىن ھەيدەپ چىقاردى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ئۆرۈپ، پۇللىرىنى چېچىۋەتتى 16ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارغا:

_ نەرسىلىرىڭنى بۇ پاك يەردىن كۆتۈرۈش، خۇدائاتامنىڭ ئۆيىنى بازارغا ئايلاندۇرۇشما! _ دېدى.

17بۇنى كۆرگەن شاگىرتلىرى زەبۇردا يېزىلغان بۇ سۆزنى ئېسىگە ئېلىشتى:

«ئى خۇدا! سېنىڭ ئۆيۈڭ ئۈچۈن كۆرسەتكەن قىزغىن مۇھەببىتىم خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوتنىڭ ئۆزىدۇر.»

18يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ بۇنداق قىلىشقا نېمە ھوقۇقۇڭ بار؟ سېنى خۇدا ئەۋەتكەن بولسا، بۇنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بىزگە بىر كارامەت كۆرسىتىپ باقمامسەن، قېنى؟! _ دەپ سوئال قويدى.

19ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ سىلەرگە كۆرسىتىدىغان كارامىتىم شۇكى، بۇ ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلساڭلار، ئۈچ كۈن ئىچىدە ئۇنى يېڭىۋاشتىن ياساپ چىقىمەن.

20يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ جاۋابىنى چۈشەنمەي:

_ بۇ ئىبادەتخانىنىڭ ياسىلىشى ئۈچۈن ھازىرغىچە قىرىق ئالتە يىل كەتكەن تۇرسا، سەن ئۇنى قانداقسىگە ئۈچ كۈندىلا ياساپ چىقالايسەن؟ _ دەپ ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى. 21ھالبۇكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان «ئىبادەتخانا» ئۇنىڭ ئۆز تېنى ئىدى. 22شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىگە ئالدى ۋە مۇقەددەس يازمىلاردا قۇتقۇزغۇچىنىڭ تىرىلىشى ھەققىدە يېزىلغان سۆزلەر ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا ئېيتقان سۆزلەرنىڭ تېگىگە يېتىپ، ئېتىقادى تېخىمۇ كۈچەيدى.

23ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى جەريانىدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمدا كۆرسەتكەن كارامەت ۋە مۆجىزىلىرىنى كۆرگەن نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىشتى. 24لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ قەلبىنى بىلگەچكە، ئۇلارغا ئىشەنمەيتتى. 25ئىنسان تەبىئىتى ھەققىدە ھېچكىمنىڭ ئۇنىڭغا بىر نەرسە دەپ بېرىشىنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى. چۈنكى، ئۇ ئۆزى كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدە نېمە بار ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.



*11مۆجىزە _ گرېكچىدە «مۆجىزىلىك بەلگە» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھەزرىتى ئەيسا مۆجىزە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھەقىقىي كىملىكىنى ئاشكارىلىماقچى بولغان.

*13ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى _ بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يېتەكلىشى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىسىردىكى قۇللۇق ھاياتىدىن قۇتۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھېيتى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا يەھۇدىي ئەرلەرنىڭ ھەممىسى يېرۇسالېمغا بېرىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدا قۇربانلىق قىلىپ، بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈشى كېرەك ئىدى.

*14مەركىزىي ئىبادەتخانا _ ئەينى چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ نۇرغۇن ئىبادەتخانىلىرى بولۇپ، بۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئەڭ كۆپ يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدىغان جايى ئىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە، پەقەت يېرۇسالېمدىكى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىلا قۇربانلىق قىلىش توغرا بولاتتى.



 

3

قايتىدىن تۆرىلىش

12يەھۇدىيلارنىڭ نىكودىم ئىسىملىك بىر كېڭەشمە كاتتىۋېشى بار ئىدى. پەرىسىيلەردىن بولغان بۇ ئادەم بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ تەقسىر، سىزنىڭ خۇدا ئەۋەتكەن بىر ئۇستاز ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمىز. چۈنكى، خۇدا بىلەن بىللە بولمىغان ئادەم سىز كۆرسەتكەن بۇ كارامەت ۋە مۆجىزىلەرنى قەتئىي كۆرسىتەلمەيدۇ، _ دېدى.

3ھەزرىتى ئەيسا:

_ بىلىپ قويۇڭكى، ھېچكىم قايتىدىن تۆرەلمىگۈچە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرەلمەيدۇ! _ دېدى.

4نىكودىم:

_ ياشىنىپ قالغان ئادەم قانداقمۇ قايتىدىن تۆرەلسۇن؟ ئانىسىنىڭ قورسىقىغا كىرىپ قايتا تۆرىلىشى مۇمكىنمۇ؟! _ دەپ سورىدى.

5ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىلىپ قويۇڭكى، ھەم سۇدىن، ھەم خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلمىگۈچە، ھېچكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرەلمەيدۇ! 6ئاتا-ئانىسىدىن تۆرەلگەنلەر جىسمانىي ھاياتلىققىلا ئىگە بولىدۇ. بىراق، خۇدانىڭ روھىدىن تۆرەلگەنلەر روھىي ھاياتلىققىمۇ ئىگە بولىدۇ. 7سىزگە: «قايتىدىن تۆرىلىشىڭلار كېرەك» دېسەم، ھەيران بولماڭ. 8شامال خالىغان يېرىدە چىقىدۇ، سىز ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايسىز، لېكىن قەيەردىن كېلىپ، قەيەرگە كېتىدىغانلىقىنى بىلەلمەيسىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، خۇدانىڭ روھىنىڭ كىشىلەرگە قانداق قىلىپ ھاياتلىق ئاتا قىلىدىغانلىقىنىمۇ بىلەلمەيسىز.

9نىكودىم ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ بۇ ئىش قانداقمۇ مۇمكىن بولار؟ _ دەپ سورىدى.

10ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز ئىسرائىللارنىڭ مۇھىم ئۇستازى تۇرۇقلۇق، بۇنىمۇ چۈشەنمەمسىز؟ 11بىلىپ قويۇڭكى، بىز بىلىدىغىنىمىزنى ۋە كۆرگىنىمىزنى ئېيتساقمۇ، سىلەر يەنىلا بىزنىڭ گۇۋاھلىقىمىزنى قوبۇل قىلمايۋاتىسىلەر. 12سىلەرگە بۇ دۇنيا توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام ئىشەنمىگەن يەردە، ئەرش توغرىسىدىكى ئىشلارنى ئېيتسام قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟ 13ھېچكىم ئەرشتىكى ئىشلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. چۈنكى، ھېچكىم ئەرشتىن چۈشكەن ئەمەس. لېكىن، ئىنسانئوغلى بۇلارنى بىلىدۇ. چۈنكى، ئۇ ئەرشتىن چۈشكەن. 14تۇچتىن ياسالغان يىلان مۇسا پەيغەمبەر تەرىپىدىن چۆلدە ئۆلۈۋاتقانلارنىڭ قۇتۇلدۇرۇلۇشى ئۈچۈن لىمدا ئېگىز كۆتۈرۈلگىنىدەك، ئىنسانئوغلى بولغان مەنمۇ شۇنداق ئېگىز كۆتۈرۈلۈشۈم كېرەك. 15شۇنداق بولغاندا، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشەلەيدۇ.

16چۈنكى خۇدا دۇنيادىكى ئىنسانلارنى شۇ قەدەر سۆيىدۇكى، ئۆزىنىڭ بىردىنبىر يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان ھەربىر كىشى ھالاك بولماي، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئۇنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. 17خۇدا ئوغلىنى دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سوراققا تارتىشقا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. 18ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار سوراققا تارتىلمايدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا ئاللىبۇرۇن سوراققا تارتىلغان بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار خۇدانىڭ يەككە-يېگانە ئوغلىغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى. 19ئۇلار دائىم يامانلىق قىلغاچقا، «ھەقىقىي نۇر» دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ، ئۇلار بۇ نۇرنى ئەمەس، زۇلمەتنى ياخشى كۆردى. شۇڭا، ئۇلار جازاغا تارتىلىدۇ. 20كىمدەكىم يامانلىق قىلسا، نۇرغا ئۆچ بولىدۇ ۋە قىلغان-ئەتكەنلىرىم ئاشكارا بولۇپ قالمىسۇن دەپ، نۇردىن قاچىدۇ. 21لېكىن، كىمدەكىم ھەقىقەت بويىچە ئىش قىلسا، ئىشلىرىمنى خۇداغا تايىنىپ قىلغانلىقىم مەلۇم بولسۇن دەپ، نۇرغا يېقىن كېلىدۇ.

يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقى

22بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىگە باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە ئۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى چۆمۈلدۈردى. 23شۇ چاغدا، سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى. 24بۇ، يەھيا پەيغەمبەر تېخى زىندانغا چۈشمىگەن ۋاقىت ئىدى. 25يەھيا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى بىر يەھۇدىي بىلەن تازىلىنىش دىنىي قائىدىسى توغرىسىدا تالىشىپ قالدى. 26شاگىرتلار يەھيا پەيغەمبەرنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، ئۆتكەندە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدا سىز بىلەن بىرگە بولغان، ئۆزىڭىز «بۇ ئادەم مەندىن ئۇلۇغ» دەپ گۇۋاھلىق بەرگەن كىشى ھازىر باشقىلارنى چۆمۈلدۈرۈۋاتىدۇ. ئەمدى ھەممىسى بىزدىن قېچىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېتىۋاتىدۇ، _ دېدى.

27يەھيا پەيغەمبەر مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ خۇدا بەرمىسە، ئىنسان ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 28مەن سىلەرگە: «مەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئەمەس، پەقەت ئۇنىڭ ئالدىدا كەلگەن يول ھازىرلىغۇچى» دېگەن. بۇنىڭغا سىلەر ئۆزۈڭلارمۇ گۇۋاھلىق بېرەلەيسىلەر. 29قىز چوقۇم ئۆزى بىلەن توي قىلىدىغان يىگىتكە مەنسۇپ بولىدۇ. قولداش بولسا يىگىتنىڭ تەييارلىقىنى قىلىپ، ئۇنىڭ كېلىشىنى كۈتىدۇ ھەم ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ خۇرسەن بولىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەنمۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىشىدىن خۇشاللىنىپ، قىن-قىنىمغا پاتماي قالدىم. 30ئەمدى ئۇنىڭ شۆھرىتى ئۆسۈشى، مېنىڭ بولسا تۆۋەنلىشى كېرەك.

31ئۇ ئەرشتىن كەلگۈچى بولۇپ، ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. مەن بولسام بۇ دۇنيادىن كەلگۈچى، شۇڭا قىلىدىغان سۆزلىرىممۇ بۇ دۇنيادىكى ئىشلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. ئەرشتىن كەلگۈچى ھەممىدىن ئۈستۈن بولۇپ، 32ئۇ ئۆزىنىڭ ئەرشتە كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ. 33ھالبۇكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىدىغانلار خۇدانىڭ ھەق ئىكەنلىكىگىمۇ گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 34خۇدا ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى خۇدانىڭ سۆزىنى سۆزلەيدۇ، چۈنكى خۇدا ئۆز روھىنى ئۇنىڭغا ئايىماستىن بېرىپ كەلمەكتە. 35ئەرشتىكى ئاتىمىز ئوغلىنى سۆيىدۇ ۋە ھەممە ئىشلارنى ئۇنىڭ قولىغا تاپشۇرغان. 36خۇدانىڭ ئوغلىغا ئېتىقاد قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. لېكىن، ئۇنى رەت قىلغان كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتتىن مەھرۇم قالىدۇ-دە، خۇدانىڭ غەزىپى مانا شۇنداقلاردىن مەڭگۈ نېرى بولمايدۇ. 




4

ھەزرىتى ئەيسا بىلەن سامارىيىلىك ئايال

1ھەزرىتى ئەيسا يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ كۆپ شاگىرت قوبۇل قىلىپ، ئۇلارنى چۆمۈلدۈرۈۋېتىپتۇ دېگەن خەۋەر پەرىسىيلەرگە يەتتى. 2(ئەمەلىيەتتە ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئەمەس، شاگىرتلىرى چۆمۈلدۈرەتتى.) 3ئۇلارنىڭ خەۋەر تاپقىنىنى ئۇققان ھەزرىتى ئەيسا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن چىقىپ يەنە جەلىلىيىگە كەتتى. 4يول ئۈستىدە سامارىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈشكە توغرا كەلدى. 5بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا سامارىيىنىڭ سىھار دېگەن يېزىسىغا كەلدى. سىھار بۇرۇنقى زاماندا ياقۇپ ئۆز ئوغلى يۈسۈپكە مىراس قىلغان يەرگە يېقىن بولۇپ، 6«ياقۇپ قۇدۇقى» دېگەن قۇدۇقمۇ شۇ يەردە ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا سەپەردە چارچىغانلىقى ئۈچۈن قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. بۇ چۈش ۋاقتى بولۇپ، 78ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى يېمەكلىك سېتىۋېلىش ئۈچۈن، شەھەرگە كىرىپ كەتكەنىدى.

شۇ چاغدا، سامارىيىلىك بىر ئايال سۇغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ماڭا بىرئاز ئۇسسۇلۇق بەرگەيسىز، _ دېدى.

9يەھۇدىيلارنىڭ سامارىيىلىكلەرنى كاپىر دەپ، ھەتتا ئۇلارنىڭ چىنە-قاچىلىرىنىمۇ ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بىلىدىغان ئايال:

_ ئۆزىڭىز يەھۇدىي تۇرۇپ، مەندەك سامارىيىلىك ئايالدىن قانداقلارچە سۇ تەلەپ قىلىپ قالدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى.

10ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەگەر سىز خۇدانىڭ سوۋغىتىنىڭ نېمىلىكى ۋە سىزدىن ئۇسسۇلۇق سورىغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلسىڭىزىدى، ئۇنداقتا سىز ئۇنىڭدىن شۇنى تىلەيتتىڭىز-دە، ئۇمۇ سىزگە ھاياتلىق سۈيىنى بېرەتتى.

11ئايال:

_ تەقسىر، قۇدۇق چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە سۇ تارتىدىغان ئەسۋابلار يوق تۇرسا، ھاياتلىق سۈيىنى نەدىن تاپالايسىز؟ 12بۇ قۇدۇقنى ئەجدادىمىز ياقۇپ كولىغان. ئۇنىڭدىن ئۆزى، ئوغۇللىرى ۋە مال-ۋارانلىرىمۇ سۇ ئىچكەن. ئەجەبا، سىز بۇ سۇدىنمۇ ياخشى سۇ بېرىمەن دەپ، ئۆزىڭىزنى ئەجدادىمىز ياقۇپتىن ئۇلۇغ دېمەكچىمۇ؟! _ دەپ سورىدى.

13ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى:

_ بۇ سۇنى ئىچكەنلەر يەنە ئۇسسايدۇ. 14ئەمما، مەن بېرىدىغان سۇنى ئىچكەنلەر مەڭگۈ ئۇسسىمايدىغان بولىدۇ. مەن بېرىدىغان سۇ، ئىچكەن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئېتىلىپ چىقىدىغان بىر بۇلاققا ئايلىنىپ، ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدۇ.

15_ تەقسىر، ماڭا بۇ سۇدىن بەرگەيسىز. شۇ سۇ بىلەن تەشنالىقىمنى قاندۇرۇپ، قۇدۇققا ئىككىنچى كەلمەيدىغان بولاي، _ دېدى ئايال.

16ھەزرىتى ئەيسا:

_ بېرىپ ئېرىڭىزنى باشلاپ كېلىڭ، _ دېدى.

17_ ئېرىم يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.

_ ئېرىم يوق دەپ، راستىنى ئېيتتىڭىز. 18بەش ئەرگە تەگكەنىدىڭىز، ھازىر سىز بىلەن بىللە ياشاۋاتقان ئادەم ئېرىڭىز بولمايدۇ. بۇنى توغرا ئېيتتىڭىز! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

19_ تەقسىر، ئەمدى چۈشەندىم، سىز ئەسلىدە پەيغەمبەر ئىكەنسىز! 20شۇڭا ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئەجدادلىرىمىز بۇ تاغدا ئىبادەت قىلىپ كەلگەن، لېكىن سىلەر يەھۇدىيلار نېمە ئۈچۈن «ئىبادەتنى يېرۇسالېمدا قىلىش كېرەك!» دەپ چىڭ تۇرىسىلەر، _ دېدى ئايال.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ خانىم، سۆزلىرىمگە ئىشىنىڭ، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنىڭ بۇ تاغقا ياكى يېرۇسالېمغا بېرىشىنىڭ ھاجىتى قالمايدۇ. 22سىلەر سامارىيىلىكلەر خۇداغا ئىبادەت قىلغان بىلەن ئۇنى بىلمەيسىلەر. بىراق، بىز يەھۇدىيلار كىمگە ئىبادەت قىلغىنىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، قۇتقۇزۇلۇش يەھۇدىيلار ئارقىلىق دۇنياغا كېلىدۇ. 23لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇ، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، كىشىلەر روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئەرشتىكى ئاتىمىز ئۆزىگە ئەنە شۇنداق ھەقىقىي ئىبادەت قىلغۇچىلارنى ئىزدىمەكتە. 24خۇدا _ روھتۇر. ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغۇچىلار روھى بىلەن ۋە خۇدا ئاشكارىلىغان ھەقىقەت بويىچە ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشى كېرەك.

25ئايال ھەزرىتى ئەيساغا:

_ مەسىھنىڭ، يەنى قۇتقۇزغۇچىنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ كەلگەندە، بىزگە ھەقىقەتنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى.

26_ سىز بىلەن سۆزلىشىۋاتقان مەن، ئۇ بولىمەن! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

27دەل شۇ چاغدا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى قايتىپ كەلدى. ئۇلار ئۇنىڭ بىر سامارىيىلىك ئايال بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىغا ھاڭ-تاڭ قېلىشتى، لېكىن، ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسادىن: «سىز ئۇنىڭدىن نېمە سورىماقچىسىز؟» ياكى «سىز نېمىشقا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىسىز؟» دەپمۇ سورىمىدى.

28شۇنىڭ بىلەن، ئايال كوزىسىنى تاشلاپ، شەھەرگە قايتىپ بېرىپ، كىشىلەرگە:

29_ يۈرۈڭلار، ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادەمنى كۆرۈپ كېلىڭلار. ئەجەبا، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ شۇمىدۇ؟ _ دېدى.

30بۇنىڭ بىلەن، كىشىلەر شەھەردىن چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىشكە باشلىدى.

31شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ئۇستاز، ئازراق بىر نەرسە يەۋالسىڭىزچۇ؟ _ دەپ ئۆتۈنۈشتى.

32لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا:

_ مېنىڭ سىلەر بىلمەيدىغان بىر يېمەكلىكىم بار، _ دېدى.

33شاگىرتلار بىر-بىرىگە:

_ ئەجەبا، بىرى ئۇستازغا يېمەكلىك ئەكېلىپ بەرگەنمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

34_ مېنىڭ يېمەكلىكىم _ مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

35ھەزرىتى ئەيسا شەھەردىن كېلىۋاتقانلارنى كۆزدە تۇتۇپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر: «ھوسۇل يېغىشقا يەنە تۆت ئاي بار» دەيسىلەر. ئەمما سىلەرگە ئېيتىمەنكى، بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ ئېتىزلارغا قاراڭلار، زىرائەتلەر سارغىيىپ ئورۇشقا تەييار بولغاندەك، بۇ كىشىلەرمۇ ئېتىقاد قىلىشقا تەييار بولدى!

36خۇددى ھوسۇل يىغقۇچى ھەققىنى ئېلىۋاتقاندەك، بۇ كىشىلەرنى ماڭا ئېتىقاد قىلىشقا يېتەكلەۋاتقانلارمۇ خۇدادىن تېگىشلىك ئىنئام ئېلىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ يىغقان ھوسۇلى بولسا مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن كىشىلەردۇر. شۇنداق قىلىپ، «تېرىقچى» ۋە «ئورمىچى» تەڭ خۇشاللىنىدۇ. 37«بىرى تېرىيدۇ، يەنە بىرى يىغىدۇ» دېگەن تەمسىل توغرىدۇر. 38مەن سىلەرنى ئۆزۈڭلار ئەمەس، باشقىلار ئەمگەك سىڭدۈرگەن بىر «ھوسۇل»نى يىغىشقا ئەۋەتتىم. شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر تەييار بولغان بۇ «ھوسۇل»نى يىغقۇچىسىلەر.

39سىھار يېزىسىدىكى نۇرغۇن سامارىيىلىكلەر ھېلىقى ئايالنىڭ: «ھاياتىمدا قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسىنى ماڭا ئېيتىپ بەردى!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 40شۇڭا، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭ ئۆزلىرى بىلەن بىللە تۇرۇشىنى تەلەپ قىلىشتى. شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردە ئىككى كۈن تۇردى.

41ئۇنىڭ تەلىمى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. 42ئۇلار ئايالغا:

_ بىزنىڭ ئېتىقاد قىلىشىمىز ئەمدى پەقەت سىزنىڭ سۆزلىرىڭىز سەۋەبىدىنلا ئەمەس، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئاڭلىغانلىقىدىنمۇ بولدى. ئۇنىڭ ھەقىقەتەن دۇنيانىڭ قۇتقۇزغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق! _ دېيىشتى.

بىر ئەمەلدارنىڭ ئوغلىنىڭ ساقايتىلىشى

43ئىككى كۈندىن كېيىن ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە قاراپ يول ئالدى. 44ئۇ ئۆزى بۇرۇن: «ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتىدا ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ» دېگەن. 45جەلىلىيىگە كەلگىنىدە، جەلىلىيىلىكلەر ئۇنى قارشى ئېلىشتى، چۈنكى ئۇلارمۇ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ياراتقان مۆجىزە ھەم كارامەتلىرىنى كۆرگەنىدى.

46ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقتىدا، كانا يېزىسىغا يەنە باردى. (ئۇ دەل شۇ يېزىدىكى بىر تويدا سۇنى شارابقا ئايلاندۇرغانىدى.) شۇ كۈنلەردە، كەپەرناھۇم شەھىرىدە ئوغلى كېسەل بولۇپ ياتقان بىر ئوردا ئەمەلدارى بار ئىدى. 47ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭ ئالدىغا باردى ۋە:

_ ئۆيۈمگە بېرىپ، سەكراتتا ياتقان ئوغلۇمنى ساقايتىپ بەرسىڭىز! _ دەپ ئۆتۈندى.

48شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! _ دېدى.

49ئوردا ئەمەلدارى ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ھەزرەتلىرى، بالام ئۆلمەستە بارغايسىز! _ دېدى.

50_ ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېيتقان سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. 51يولدا چاكارلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئوغلىنىڭ ھايات ھەم سالامەت ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

52ئەمەلدار ئۇلاردىن ئوغلىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنلىكىنى سورىغىنىدا، ئۇلار:

_ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن سائەت بىردە قىزىتمىسى ياندى، _ دېيىشتى.

53بالىنىڭ ئاتىسى بۇنىڭ دەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «ئوغلىڭىز ھايات قالىدۇ!» دېگەن ۋاقىت ئىكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ۋە پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشتى.

54بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىيىدىن جەلىلىيىگە كېلىپ كۆرسەتكەن ئىككىنچى مۆجىزىسى ئىدى. 




5

كۆلچەك بويىدىكى پالەچنىڭ ساقايتىلىشى

1بۇنىڭدىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەھۇدىيلارنىڭ بىر ھېيتى يېتىپ كەلدى. شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا يېرۇسالېمغا باردى. 2يېرۇسالېمدىكى «قوي دەرۋازىسى»نىڭ يېنىدا ئىبرانىي تىلىدا «بەيتەستا» دەپ ئاتىلىدىغان بىر كۆلچەك بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا بەش پېشايۋان بار ئىدى. 3بۇ پېشايۋانلار ئاستىدا بىر توپ قارىغۇ، توكۇر ۋە پالەچلەر يېتىشاتتى. {ئۇلار يېتىپ كۆلچەكنىڭ سۈيىنىڭ چايقىلىشىنى كۈتەتتى. 4چۈنكى، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى تۇرۇپ-تۇرۇپ كۆلچەككە چۈشۈپ سۇنى چايقايدىكەن، سۇنىڭ چايقىلىشىدىن كېيىن كۆلچەككە بىرىنچى بولۇپ كىرگەن كىشى ھەرقانداق كېسەلدىن خالاس بولىدىكەن.} 5ئۇ يەردە ئوتتۇز سەككىز يىل كېسەل تارتقان بىر بىمار بار ئىدى. 6ھەزرىتى ئەيسا بۇ توكۇر ئادەمنى كۆردى ۋە ئۇنىڭ ئۇزۇندىن بېرى شۇ ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ساقىيىپ كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

7بىمار مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ھەزرەتلىرى، سۇ چايقالغاندا مېنى سۇغا چۈشۈرىدىغان ئادىمىم يوق. مەن چۈشەي دېگۈچە، باشقىلار مېنىڭ ئالدىمدا چۈشۈۋالىدۇ.

8ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ! _ دېدى.

9ھېلىقى ئادەم شۇئان ساقىيىپ، ئورۇن-كۆرپىسىنى يىغىشتۇرۇپ مېڭىشقا باشلىدى.

بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ دەم ئېلىش كۈنى* ئىدى. 10شۇڭا، بەزى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ساقايغان ئادەمگە:

_ بۈگۈن دەم ئېلىش كۈنى تۇرسا، تەۋرات قانۇنىمىزدا دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلىش مەنئى قىلىنغانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، يەنە ئورۇن-كۆرپەڭنى كۆتۈرۈپ يۈرىسەنغۇ! _ دېدى.

11لېكىن، بىمار ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مېنى ساقايتقان كىشى ماڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن تۇرسا!

12_ ساڭا: «ئورۇن-كۆرپەڭنى يىغىشتۇرۇپ ماڭ» دېگەن زادى كىم ئىكەن ئۇ؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.

13بىراق، ساقايغان ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى. ئۇ يەردە ئادەم كۆپ بولغانلىقتىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، ئاستىغىنا كېتىپ قالدى.

14بۇ ئىشتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ھېلىقى ئادەمنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدا كۆرۈپ:

_ كېسىلىڭدىن ساقايدىڭ. ئەمدى گۇناھ سادىر قىلما، بېشىڭغا تېخىمۇ چوڭ بالا-قازا كېلىپ قالمىسۇن! _ دېدى.

15ھېلىقى ئادەم يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ قېشىغا بېرىپ، ئۆزىنى ساقايتقان ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇردى. 16ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئىشلارنى دەم ئېلىش كۈنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى. 17لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ خۇدائاتام تا ھازىرغىچە توختىماستىن ئىش قىلىپ كەلمەكتە، مەنمۇ شۇنداق قىلىشىم كېرەك! _ دېدى.

18شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش نىيىتى تېخىمۇ كۈچەيدى. چۈنكى، ئۇ دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، خۇدانىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىش بىلەن، ئۆزىنى خۇداغا تەڭ قىلغانىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھوقۇقى

19ھەزرىتى ئەيسا بۇ شىكايەتلەرگە جاۋابەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئوغلى ئۆزلۈكىدىن ھېچنېمە قىلالمايدۇ. پەقەت ئەرشتىكى ئاتىسىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئاندىن شۇ ئىشنى قىلالايدۇ. ئاتىسى نېمە قىلسا، ئۇمۇ شۇنى قىلىدۇ. 20چۈنكى، ئاتىسى ئۇنى سۆيىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىلىدىغان بارلىق ئىشلىرىنى ئۇنىڭغا كۆرسىتىدۇ ھەم ئوغلى ئارقىلىق سىلەرنى ھەيران قالدۇرغۇدەك، تېخىمۇ زور ۋە ئۇلۇغ ئىشلارنى ئايان قىلىدۇ. 21ئۆلگەنلەرنى ئاتىسى قانداق تىرىلدۈرۈپ، ئۇلارغا ھاياتلىق ئاتا قىلغان بولسا، ئوغلىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش ئۆزى خالىغان كىشىلەرگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىدۇ. 22شۇنداقلا، ئاتىسى ھېچكىمنى سوراققا تارتمايدۇ، بەلكى ئوغلى تارتىدۇ. چۈنكى، سوراققا تارتىشنىڭ پۈتۈن ھوقۇقىنى ئوغلىغا بەرگەندۇر. 23بۇنىڭدىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنىدەك، ئوغلىنىمۇ ھۆرمەتلىشى ئۈچۈندۇر. ئوغلىنى ھۆرمەتلىمىگەنلەر ئۇنى ئەۋەتكۈچى ئاتىسىنىمۇ ھۆرمەتلىمىگەنلەردىن بولىدۇ. 24بىلىپ قويۇڭلاركى، سۆزۈمنى ئاڭلاپ، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئىشەنگەنلەر مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. بۇنداق ئادەم سوراققا تارتىلمايدۇ، شۇنداقلا ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئۆتكەن بولىدۇ.

25بىلىپ قويۇڭلاركى، روھى ئۆلۈكلەرنىڭ خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلمەكتە، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ئاڭلاپ ئىشەنگەنلەر ھاياتلىققا ئىگە بولىدۇ. 26چۈنكى، ئاتىسى ئۆزى قانداق ھاياتلىق مەنبەسى بولسا، ئوغلىنىمۇ شۇنداق ھاياتلىق مەنبەسى قىلدى. 27يەنە ئۇنىڭغا سوراق قىلىش ھوقۇقىنىمۇ بەردى، چۈنكى ئۇ ئىنسانئوغلىدۇر. 28بۇنىڭغا ھەيران بولماڭلار. ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئاۋازىمنى ئاڭلايدىغان ۋاقىت كېلىدۇ 29ۋە ئۇلار يەرلىكلىرىدىن چىقىشىدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار تىرىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ، يامانلىق قىلغانلار تىرىلىپ سوراققا تارتىلىدۇ. 30مەن ئۆزلۈكۈمدىن ھېچنېمە قىلالمايمەن، پەقەت ئاتامنىڭ ئېيتقىنى بويىچە سوراق قىلىمەن. مېنىڭ ھۆكۈمۈم ئادىلدۇر. چۈنكى، مېنىڭ نىيىتىم مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتۇر.

خۇدانىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بەرگەن گۇۋاھلىقى

31_ ئەگەر ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بەرسەم، گۇۋاھلىقىم بىكار بولىدۇ. 32لېكىن، مەن ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىدىغان باشقا بىرى بار. ئۇنىڭ ماڭا قىلىدىغان گۇۋاھلىقىنىڭ راستلىقىنى بىلىمەن. 33يەھيا پەيغەمبەرگە ئادەم ئەۋەتكەن ئەمەسمىدىڭلار؟! ئۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بەرگەن. 34ئەمەلىيەتتە، ماڭا بىر ئىنساننىڭ گۇۋاھلىقى كېرەك ئەمەس. سىلەرنى يەھيا پەيغەمبەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئىشىنىپ، قۇتقۇزۇلسۇن دەپ، بۇلارنى ئېيتىۋاتىمەن. 35يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار. 36لېكىن، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ مەن ئۈچۈن بەرگەن گۇۋاھلىقىدىنمۇ چوڭ بىر گۇۋاھلىق بار. ئۇ بولسىمۇ مېنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىم، يەنى ئاتام مېنىڭ ئورۇندىشىم ئۈچۈن ماڭا تاپشۇرغان ئىشلاردۇر. بۇلار ئاتامنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 37مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر. سىلەر ھېچقاچان ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىمىدىڭلار، قىياپىتىنى كۆرمىدىڭلار. 38ئۇنىڭ سۆزلىرى سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىن ئورۇن ئالمىدى، چۈنكى مېنى ئۇنىڭ ئەۋەتكىنىگە ئىشەنمىدىڭلار.

39مۇقەددەس يازمىلارنى تەتقىق قىلىسىلەر، چۈنكى ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولۇشنىڭ يولىنى تاپالايمىز، دەپ قارايسىلەر. ئەجەبا، بۇ يازمىلار مېنى خۇدا ئەۋەتىدىغان قۇتقۇزغۇچى دەپ تونۇشتۇرغان ئەمەسمۇ؟! 40شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ھاياتلىققا ئېرىشىشنى خالىمايسىلەر.

41مەن ئىنسانلارنىڭ ماختىشىنى ئىزدىمەيمەن. 42لېكىن، مەن سىلەرنى بىلىمەن. قەلبىڭلاردا خۇداغا بولغان مۇھەببىتىڭلار يوق. 43مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلسەم، سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقىلار ئۆز نامى بىلەن كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر. 44سىلەر بىر-بىرىڭلارنىڭ ماختىشىنى قوبۇل قىلىسىلەريۇ، يېگانە خۇدانىڭ ماختىشىغا ئىگە بولۇشقا تىرىشمايسىلەر. بۇ ھالدا ماڭا قانداقمۇ ئېتىقاد قىلالايسىلەر؟!

45بىراق، مېنى ئۈستىمىزدىن ئاتامغا شىكايەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىماڭلار. ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدىغان مەن ئەمەس، بەلكى سىلەر ئۈمىد باغلىغان مۇسا پەيغەمبەردۇر. 46ئەگەر سىلەر راستتىن مۇسا پەيغەمبەرگە ئىشەنگەن بولساڭلار، ماڭىمۇ ئىشەنگەن بولاتتىڭلار. چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا پەيغەمبەر مەن توغرۇلۇق يازغان. 47لېكىن، ئۇنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردا يازغان سۆزلىرىگە ئىشەنمىسەڭلار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قانداقمۇ ئىشىنىسىلەر؟!



*9دەم ئېلىش كۈنى _ بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇ كۈنى ئىشلەش قەتئىي مەنئى قىلىنغان.



 

6

بەش مىڭ ئادەمنىڭ تويدۇرۇلۇشى

1بىر مەزگىلدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە كۆلى (تىبېرىيە كۆلى دەپمۇ ئاتىلىدىغان كۆل)نىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. 2زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كېسەللەرنى ساقايتقان مۆجىزىلىرىنى كۆرگەنىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا تاغقا چىقىپ، ئۇ يەردە شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى. 4بۇ، يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغان ۋاقىت ئىدى. 5ھەزرىتى ئەيسا بېشىنى كۆتۈرۈپ، زور بىر توپ خالايىقنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، فىلىپتىن:

_ شۇنچە كۆپ ئادەمنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپىمىز؟ _ دەپ سورىدى. 6ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى ئۇنى سىناش ئۈچۈن ئېيتقانىدى. ئەمەلىيەتتە، قانداق قىلىشنى ئۆزى بىلەتتى.

7فىلىپ جاۋابەن:

_ ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن، يېرىم يىللىق كىرىممۇ يەتمەيدۇ! _ دېدى.

8شاگىرتلاردىن يەنە بىرى، يەنى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ھەزرىتى ئەيساغا:

9_ بۇ يەردە بىر كىچىك بالا بولۇپ، ئۇنىڭدا بەش ئارپا نان بىلەن ئىككى بېلىق بار. لېكىن، بۇنچىۋالا ئادەم ئۈچۈن بۇ نېمىگە يەتسۇن؟! _ دېدى.

10_ كۆپچىلىكنى ئولتۇرغۇزۇڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ئۇ يەر كەڭ كەتكەن چىمەنزارلىق ئىدى. خالايىقنىڭ ھەممىسى ئولتۇردى. ئۇ يەردىكى ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە بار ئىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا نانلارنى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئولتۇرغانلارغا بۆلۈپ بەردى. بېلىقلارنىمۇ شۇنداق قىلدى. كۆپچىلىك خالىغانچە يېدى. 12ھەممەيلەن يەپ تويغاندا، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا:

_ ئېشىپ قالغىنىنى يىغىڭلار، ھېچ نەرسە زايە بولمىسۇن، _ دېدى.

13شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار كۆپچىلىكنىڭ بەش ئارپا ناندىن يەپ ئېشىپ قالغىنىنى ئون ئىككى سېۋەتكە تولدۇرۇپ يىغىۋالدى.

14خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىسىنى كۆرۈپ: «دۇنياغا كېلىشىنى مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن مۇشۇ ئىكەن!» دېيىشتى. 15ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا تەنھا چىقىپ كەتتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ سۇ ئۈستىدە مېڭىشى

16كەچقۇرۇن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرى كۆل بويىغا كېلىشتى. 17گەرچە قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا تېخىچە ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلمىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بىر كېمىگە ئولتۇرۇپ، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدىكى كەپەرناھۇم شەھىرىگە قاراپ يول ئېلىشتى. 18قاتتىق بوران چىقىپ، كۆلدە دولقۇن كۆتۈرۈلۈۋاتاتتى. 19شاگىرتلار پالاق ئۇرۇپ تۆت-بەش چاقىرىم يەرگىچە بارغاندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كۆل ئۈستىدە مېڭىپ كېمىگە يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قورقۇشۇپ كەتتى. 20لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار، بۇ مەن! _ دېدى.

21بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى كېمىگە چىقىشقا ئۈندىدى. ئۇ كېمىگە چىققاندىن كېيىنلا، ئۇلار بارماقچى بولغان يېرىگە بېرىپ قالدى.

ھەزرىتى ئەيسا _ روھىي ئوزۇقتۇر

22ئىككىنچى كۈنى، كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا قالغان خالايىق تۈنۈگۈنكى كۈندە ئۇ يەردە پەقەت بىرلا كېمىنىڭ بارلىقىنى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ كېمىگە ئولتۇرمىغانلىقىنى، شاگىرتلىرىنىڭ يالغۇز كەتكەنلىكىنى ئېسىگە ئالدى. 23بىرنەچچە كېمە تىبېرىيە شەھىرىدىن ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىپ خالايىققا نان تارقىتىپ بەرگەن يەرگە يېقىن كېلىپ توختىدى. 24ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋە شاگىرتلىرىنىڭ ئۇ يەردە ئەمەسلىكىنى بىلگەن خالايىق ئۇ كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ، كەپەرناھۇم شەھىرىگە ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدىگىلى ماڭدى.

25خالايىق ئۇنى كۆلنىڭ ئۇ قېتىدا تاپقاندىن كېيىن:

_ ئۇستاز، بۇ يەرگە قاچان كەلدىڭىز؟ _ دەپ سوراشتى.

26ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر مېنى مۆجىزىلىرىمنى كۆرۈپ چۈشەنگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نانلاردىن خالىغانچە يەپ تويغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئىزدىدىڭلار. 27بىراق، سىلەر بۇزۇلىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن ئەمەس، بۇزۇلمايدىغان، مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بېرىدىغان ئوزۇقلۇق ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەڭلار! بۇنى سىلەرگە ئىنسانئوغلى _ ئۆزۈم بېرىمەن، چۈنكى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خۇدائاتام تەستىقلىغان.

28ئۇلار:

_ قانداق قىلغاندا خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولالايمىز؟ _ دەپ سوراشتى.

29_ خۇدانىڭ خىزمىتى _ خۇدانىڭ ئەۋەتكىنىگە ئېتىقاد قىلىشتۇر، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

30ئۇلار يەنە:

_ سىز قانداق مۆجىزە يارىتىش بىلەن بىزنى ئۆزىڭىزگە ئىشەندۈرىسىز؟ بىزگە نېمە قىلىپ بەرمەكچىسىز؟ 31ئەجدادلىرىمىز چۆلدە يۈرگەندە، «ماننا» دەپ ئاتالغان نان يېگەن. بۇ ھەقتە زەبۇردا: «ئۇ ئۇلارغا ئەرشتىن چۈشۈرۈلگەن نان تەقدىم قىلدى» دېيىلگەن. سىز بىزگە نېمە تەقدىم قىلماقچىسىز؟ _ دېيىشتى.

32بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەجدادلىرىڭلارغا ئاسماندىن چۈشكەن ناننى مۇسا پەيغەمبەر ئەمەس، بەلكى خۇدائاتام بەرگەن. مانا ھازىرمۇ سىلەرگە ئاسماندىن چۈشكەن ھەقىقىي ناننى خۇدائاتام بېرىۋاتىدۇ. 33بۇ نان ئەرشتىن چۈشكەندۇر ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھاياتلىق بەرگۈچىدۇر.

34_ تەقسىر، ھەمىشە بىزگە بۇنداق نان بېرىپ تۇرغايسىز! _ دېيىشتى ئۇلار.

35ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ھاياتلىق بېرىدىغان نان ئۆزۈمدۇرمەن! مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەر ھەرگىز ئاچ قالمايدۇ. ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھېچقاچان ئۇسسىمايدۇ. 36لېكىن سىلەرگە ئېيتقىنىمدەك، سىلەر مېنى كۆرگەن بولساڭلارمۇ، ماڭا ئېتىقاد قىلمايۋاتىسىلەر.

37خۇدائاتام ماڭا تاپشۇرغانلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەنلەرنى ھەرگىز تاشلىۋەتمەيمەن. 38چۈنكى، مەن ئۆز ئىرادەمنى ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەرشتىن چۈشتۈم. 39مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ ئىرادىسى بولسا ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغانلىرىدىن بىرىنىمۇ يوقاتماسلىقىم، شۇنداقلا قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشۈمدىن ئىبارەت. 40چۈنكى، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىرادىسى ئوغلىنى، يەنى مېنى تونۇغان ۋە ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرۈشتۇر. مەن ئۇلارنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرۈپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشتۈرىمەن.

41ھەزرىتى ئەيسا: «ئەرشتىن چۈشكەن ‹نان› ئۆزۈمدۇرمەن!» دېگەنلىكى ئۈچۈن، يەھۇدىيلار ئۇنىڭغا نارازى بولۇپ غودۇڭشىشقا باشلىدى. 42«بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەيسا ئەمەسمۇ؟ ئاتىسىنىمۇ، ئانىسىنىمۇ تونۇيدىغان تۇرساق، يەنە قانداقلارچە: ‹ئەرشتىن چۈشتۈم!› دېيەلىسۇن؟» دېيىشەتتى ئۇلار.

43_ ماڭا غودۇڭشىماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ 44مېنى ئەۋەتكەن خۇدائاتام ئۆزى كىشىلەرنىڭ قەلبىگە سالمىسا، ئۇلار مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ. مېنىڭ يېنىمغا كەلگەن كىشىلەرنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 45پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرىدا مۇنداق يېزىلغان: «ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدا تەرىپىدىن تەلىم بېرىلىدۇ.» شۇڭا، ئاتامنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغان ۋە ئۇنىڭدىن ئۆگەنگەن كىشىلەر مېنىڭ يېنىمغا كېلىدۇ. 46بۇ، ئاتامنى بىر كىشى كۆرگەن دېگەنلىك ئەمەس. ئاتامنى پەقەت ئۇنىڭ يېنىدىن كەلگۈچى مەنلا كۆرگەن.

47بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئاللىقاچان ئېرىشكەن بولىدۇ. 48ھاياتلىق بېرىدىغان «نان» ئۆزۈمدۇرمەن. 49گەرچە ئەجدادلىرىڭلار چۆللەردە ماننا يېگەن بولسىمۇ، يەنىلا ئۆلدى. 50لېكىن، ئەرشتىن چۈشكەن شۇنداق بىر «نان» باركى، ئۇنى يېگەنلەر ئۆلمەيدۇ. 51ئەرشتىن چۈشكەن، «ھاياتلىق بېرىدىغان نان» ئۆزۈمدۇرمەن. كىمدەكىم بۇ «نان»دىن يېسە، مەڭگۈ ياشايدۇ. بۇ «نان» مېنىڭ تېنىمدۇر. مەن دۇنيادىكى ئىنسانلار ھەقىقىي ھاياتقا ئىگە بولسۇن دەپ، ئۇنى ئاتىماقچى.

52بۇ سۆز بىلەن ئۇلار خاپا بولۇشۇپ:

_ بۇ ئادەم بىزنىڭ يېيىشىمىزگە ئۆز تېنىنى قانداق بېرەلەيدۇ؟ _ دېيىشىپ، تالاش-تارتىش قىلىشقا باشلىدى.

53ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئىنسانئوغلىنىڭ تېنىنى يېمىگۈچە ۋە قېنىنى ئىچمىگۈچە، سىلەردە مەڭگۈلۈك ھاياتلىق بولمايدۇ. 54تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەن بولىدۇ. مەن ئۇ كىشىنى قىيامەت كۈنى تىرىلدۈرىمەن. 55چۈنكى، تېنىم ھەقىقىي يېمەكلىك، قېنىم بولسا ھەقىقىي ئىچىملىكتۇر. 56تېنىمنى يېگەن ۋە قېنىمنى ئىچكەن كىشى مەندە ياشايدۇ. مەنمۇ ئۇنىڭدا ياشايمەن.

57ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولغان ئاتام مېنى ئەۋەتتى. مەن ئۇنىڭ بار بولغانلىقىدىن ياشايمەن. شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ تېنىمنى يېگەن كىشىمۇ مېنىڭ بار بولغانلىقىمدىن ياشايدۇ. 58مانا بۇ ئەرشتىن چۈشكەن «نان»دۇر. ئەجدادلىرىڭلار «ماننا» دەپ ئاتالغان ناننى يېگەن بولسىمۇ، ئۆلدى، بىراق بۇ ناننى يېگەنلەر بولسا مەڭگۈ ياشايدۇ!

59ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى كەپەرناھۇم شەھىرىدىكى ئىبادەتخانىدا تەلىم بەرگىنىدە ئېيتقانىدى.

60نۇرغۇن شاگىرتلار بۇنى ئاڭلىغاندا:

_ بۇ تەلىمنى ھەزىم قىلىش بەك تەس ئىكەن! بۇنى كىم قوبۇل قىلالىسۇن؟ _ دېيىشتى.

61شاگىرتلىرىنىڭ غودۇڭشىغىنىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا:

_ سۆزلىرىم چىشىڭلارغا تېگىۋاتامدۇ؟ 62مۇبادا ئىنسانئوغلىنىڭ ئەسلى كەلگەن جايى _ ئاسمانغا كۆتۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەڭلار، نېمە دەيسىلەر؟! 63ئىنسانغا ھاياتلىق بەرگۈچى _ خۇدانىڭ روھىدۇر. بۇ ئىش ئىنساننىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىم خۇدانىڭ روھىدىن كەلگەن بولۇپ، ئۇ ھاياتلىق تەقدىم قىلىدۇ. 64لېكىن، ئاراڭلاردا ئېتىقاد قىلمىغانلارمۇ بار، _ دېدى. (چۈنكى، ھەزرىتى ئەيسا ئېتىقاد قىلمىغانلارنى ۋە ئۆزىگە ساتقۇنلۇق قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بۇرۇندىن بىلەتتى.)

65_ مەن سىلەرگە دېدىمغۇ! ئاتام ماڭا يېقىنلاشتۇرغانلاردىن باشقا، ھېچكىم مېنىڭ يېنىمغا كېلەلمەيدۇ! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا يەنە قوشۇمچە قىلىپ.

66بۇنىڭ بىلەن، ئەگەشكۈچىلىرىدىن خېلى كۆپى چېكىنىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا ئەگەشمەيدىغان بولدى. 67ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىدىن:

_ سىلەرچۇ، سىلەرمۇ مەندىن ئايرىلماقچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

68سىمۇن پېترۇس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئى رەببىم، مەڭگۈ ھاياتلىق بېرىدىغان سۆزلەر پەقەت سىزدىلا تۇرسا! بىز كىمنىڭ يېنىغا كېتەتتۇق؟ 69ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز!

70ھەزرىتى ئەيسا جاۋابەن:

_ مەن سىلەر ئون ئىككىڭلارنى تاللىدىم، بىراق ئاراڭلاردا بىرى شەيتاننىڭ ئىلكىدىدۇر! _ دېدى.

71ھەزرىتى ئەيسا سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنى دېمەكچى ئىدى، چۈنكى يەھۇدا ئون ئىككى شاگىرتنىڭ بىرى بولۇپ تۇرۇقلۇق، كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلاتتى. 




7

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى

1شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىدە كېزىپ يۈردى. يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئۆلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇشنى خالىمايتتى. 2بۇ چاغدا، يەھۇدىيلارنىڭ كەپە تىكىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى، 3شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى ئۇنىڭغا:

_ ھېيتتىن بۇرۇن يەھۇدىيىگە بېرىڭ، ئەگەشكۈچىلىرىڭىزمۇ كارامەتلىرىڭىزنى كۆرسۇن! 4چۈنكى، ئۆزىنى تونۇتماقچى بولغان كىشى يوشۇرۇن ئىش قىلمايدۇ. بۇ ئىشلارنى قىلىۋاتقانىكەنسىز، ئۆزىڭىزنى ئىنسانلارغا كۆرسىتىڭ! _ دېيىشتى. 5(سەۋەبى، ئىنىلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىغانىدى.)

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى كەلمىدى. لېكىن، سىلەرگە قاچانلا بولسا پۇرسەت بار. 7بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر سىلەرنى ھەرگىز ئۆچ كۆرمەيدۇ، لېكىن مېنى ئۆچ كۆرىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىل دەپ، گۇۋاھلىق بېرىۋاتىمەن. 8سىلەر ھېيتقا بېرىۋېرىڭلار. مەن ھازىرچە بارمايمەن، چۈنكى مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم تېخى يېتىپ كەلمىدى، _ دېدى.

9ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ، جەلىلىيىدە قالدى.

كەپە تىكىش ھېيتىدا

10ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىنىلىرى يېرۇسالېمغا ھېيت ئۈچۈن كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىمۇ ئۇ يەرگە باردى. ئەمما ئاشكارا ئەمەس، يوشۇرۇن باردى. 11ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ئۇنى ئىزدەپ، خالايىقتىن: «ئەيسانى كۆردۈڭلارمۇ؟» دەپ سوراشتى.

12كىشىلەر ئارىسىدا ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كۆپ گەپ-سۆزلەر ئېقىپ يۈردى. بەزىلەر ئۇنى: «ياخشى ئادەم!» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، دەل ئەكسىچە، خەلقنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ!» دېيىشتى. 13بىراق، ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشىلىقى توغرۇلۇق ئاشكارا سۆزلىمەيتتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورقاتتى.

14ھېيتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندە، ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ خەلققە تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 15يەھۇدىي ئاقساقاللىرى:

_ بۇ ئادەم ھېچقانداق تەلىم ئالمىغان تۇرۇقلۇق، ئۇنىڭ قانداقمۇ مۇنچە كۆپ بىلىمى بولسۇن؟ _ دەپ ھاڭ-تاڭ قېلىشتى.

16ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بۇ تەلىملەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانىڭكىدۇر. 17خۇداغا چىن دىلىدىن ئىتائەت قىلىشنى خالايدىغان كىشى بۇ تەلىملەرنىڭ خۇدادىن كەلگەنلىكىنى ياكى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتىۋاتقانلىقىمنى بىلەلەيدۇ. 18ئۆز ئالدىغا سۆزلىگەن كىشى ئۆز شان-شەرىپىنى ئىزدەيدۇ، لېكىن ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىنىڭ شان-شەرىپىنى ئىزدەيدىغان كىشى ھەق سۆزلەيدۇ. ئۇنداق كىشىدە ھەقسىزلىق يوقتۇر. 19مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەۋرات قانۇنىنى ئۆزى يەتكۈزگەن، شۇنداققۇ؟! لېكىن، ھېچقايسىڭلار بۇ قانۇنغا ئەمەل قىلمىدىڭلار! ئېيتىڭلارچۇ، نېمىشقا مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولىسىلەر؟ _ دېدى.

20كۆپچىلىك:

_ سىزگە جىن تېگىپتۇ! سىزنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان كىم ئىكەن؟ _ دېيىشتى.

21_ مەن دەم ئېلىش كۈنىدە بىر مۆجىزە يارىتىپ قويسام، ھەممىڭلار ھاڭ-تاڭ قېلىشتىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، 22_ بىراق، سىلەرمۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ بالا تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنىسىنى قىلىش كېرەك دېگەن بۇيرۇقىنى ئادا قىلىمىز دەپ، دەم ئېلىش كۈنى بولسىمۇ، بالىلارنىڭ خەتنىسىنى قىلىۋېرىسىلەر. ئەمەلىيەتتە، خەتنە قىلىش مۇسا پەيغەمبەردىن ئەمەس، ئەجدادىڭلار ئىبراھىمدىن قالغان. 23تەۋرات قانۇنى بۇزۇلمىسۇن دېيىلىپ تۇرۇپ، دەم ئېلىش كۈنى خەتنە قىلىنىدۇيۇ، بۇنداق كۈندە بىر ئادەمنى ساپمۇساق قىلسام، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئاچچىقلىنىسىلەر؟ 24تەكشۈرمەي تۇرۇپ ھۆكۈم قىلماڭلار، ھۆكۈمۈڭلار ئادىل بولسۇن!

ھەزرىتى ئەيسا قۇتقۇزغۇچىمىدۇ؟

25يېرۇسالېملىقلارنىڭ بەزىلىرى:

_ ئاقساقاللار ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم بۇ ئەمەسمىدى؟ 26ئاشكارا سۆزلەۋاتسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى ھېچ نەرسە دېمەيۋاتقىنىنى! ئاقساقاللار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئىكەنلىكىگە ھەقىقەتەن كۆزلىرى يەتتىمۇ؟ 27ھالبۇكى، مەسىھ كەلگەندە، ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ھېچكىم بىلەلمەيدىغۇ. بىراق، بۇ ئادەمنىڭ بولسا قەيەردىن كەلگەنلىكىنى ئېنىق بىلىمىز، _ دېيىشتى.

28ئۇ چاغدا، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مېنى تونۇيمىز ھەمدە مېنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنىمۇ بىلىمىز، دەپ قارايسىلەر، شۇنداقمۇ؟ بىراق، مەن ئۆزلۈكۈمدىن ئەمەس، مەن ۋەكىللىك قىلغۇچىنىڭ ئەۋەتىشى بىلەن كەلدىم. ئۇ ھەقتۇر، بىراق سىلەر ئۇنى تونۇمايسىلەر. 29مەن ئۇنى تونۇيمەن. چۈنكى مەن ئۇنىڭ يېنىدىن كەلدىم، مېنى ئۇ ئەۋەتتى.

30شۇنىڭ بىلەن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇنىڭغا قول سالىدىغان ئادەم چىقمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى. 31خالايىق ئارىسىدىكى نۇرغۇن كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى. ئۇلار: «مەسىھ قانداقمۇ ئۇنىڭدىن كۆپ مۆجىزە يارىتار؟!» دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن قاراۋۇللارنىڭ ئەۋەتىلىشى

32پەرىسىيلەر خەلق ئىچىدە ھەزرىتى ئەيسا ھەققىدىكى ئېقىپ يۈرگەن گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالىي روھانىيلار بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى ئەۋەتتى. 33ھەزرىتى ئەيسا:

_ يەنە بىرئاز ۋاقىت سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. كېيىن، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا كېتىمەن. 34مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر، _ دېدى.

35بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بىر-بىرىگە:

_ ئۇ بىز تاپالمىغۇدەك قەيەرلەرگە كېتەر؟ چەت ئەلدە تۇرۇۋاتقان يەھۇدىي مۇھاجىرلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، گرېكلارغا تەلىم بېرەمدىغاندۇ؟ 36«مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن تاپالمايسىلەر. مەن بارىدىغان يەرگە بارالمايسىلەر» دېگىنى نېمىسىدۇ؟ _ دېيىشتى.

ھاياتلىق سۈيى

37ھېيتنىڭ ئاخىرقى ھەم ئەڭ تەنتەنىلىك كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق جاكارلىدى:

_ كىمدەكىم ئۇسسىسا، مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ ئىچسۇن!*38چۈنكى، مۇقەددەس يازمىلاردا ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ھەققىدە: «ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن ھاياتلىق سۈيىنىڭ دەريالىرى ئېقىپ چىقىدۇ!» دەپ يېزىلغان.

39ئۇ بۇ سۆزنى ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارغا ئاتا قىلىنىدىغان خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا قارىتا ئېيتقانىدى. خۇدانىڭ روھى تېخى ھېچكىمگە چۈشمىگەنىدى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا تېخى ئاتىسىنىڭ ئەرشتىكى شان-شەرىپىگە كىرمىگەنىدى.

خەلقنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشى

40خەلق ئىچىدە بەزى كىشىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:

_ مۇسا پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقان پەيغەمبەر ھەقىقەتەن ئۇ ئىكەن! _ دېيىشتى.

41بەزىلەر: «بۇ، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ!» دېيىشەتتى. يەنە بەزىلەر بولسا: «ئۇنداق ئەمەستۇ! مەسىھ جەلىلىيىدىن كەلمەيتتىغۇ؟ 42مۇقەددەس يازمىلاردا مەسىھنىڭ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادىدىن ھەم پادىشاھ داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيتلەھەم يېزىسىدىن كېلىشى ھەققىدە دېيىلمىگەنمىدى؟» دېيىشتى.

43بۇنىڭ بىلەن، خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋەجىدىن ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. 44بەزىلىرى ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قول سالمىدى.

يەھۇدىي ئاقساقاللىرىنىڭ ئېتىقادسىزلىقى

45ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ئىبادەتخانىدىن قايتىپ كەلگەندە، ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر:

_ نېمە ئۈچۈن ئۇنى تۇتۇپ كەلمىدىڭلار؟ _ دەپ سوراشتى.

46ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى:

_ ھېچكىم ھېچقاچان بۇ ئادەمدەك سۆزلىگەن ئەمەس! _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

47پەرىسىيلەر:

_ سىلەرمۇ ئازدۇرۇلمىغانسىلەر؟ 48ئاقساقاللاردىن ياكى پەرىسىيلەردىن ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغانلار بارمۇ نېمە؟ 49ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلغان گۇرۇھنىڭ مۇقەددەس يازمىلاردىن خەۋىرى يوق، شۇڭا ئۇ خەقنى خۇدا ئۇرىدۇ! _ دېيىشتى.

50ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىرى، يەنى بۇرۇن بىر ئاخشىمى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەن نىكودىم ئۇلارغا:

51_ تەۋرات قانۇنىمىزدا بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىقرارىنى ئاڭلىماي ۋە قىلمىشلىرىنى بىلمەي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا بولمايدۇ، دەپ يېزىلغان، _ دېدى.

52_ ئەجەبا، سەنمۇ جەلىلىيىلىكمۇ نېمە؟ _ دېيىشتى ئاقساقاللار، _ مۇقەددەس يازمىلارنى ئوقۇساڭ، جەلىلىيىدىن پەيغەمبەر چىقمايدىغانلىقىنى بىلەلەيسەن!

{ 53بۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك ئۆيلىرىگە قايتىشتى.



*37ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ھېيتنىڭ ئاخىرقى كۈنى، يەنى دەل خۇدانىڭ ئىسرائىل خەلقى چۆلدىكى ۋاقتىدا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇلارنى سۇ بىلەن تەمىنلىگەن مۆجىزىسىنىڭ ئەسلىتىلىدىغان كۈنى دېگەن.



 

8

زىنا قىلغان ئايال

1ھەزرىتى ئەيسا زەيتۇن تېغىغا چىقىپ كەتتى. 2ئەتىسى سەھەردە، ئۇ يەنە مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇنىڭ يېنىغا كېلىۋالغانىدى. ئۇ ئولتۇرۇپ، ئۇلارغا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. 3شۇ چاغدا، بەزى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر زىنا قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان بىر ئايالنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلار ئايالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، 4ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئايال زىنا ئۈستىدە تۇتۇۋېلىندى. 5مۇسا پەيغەمبەر تەۋرات قانۇنىدا زىنا قىلغان ئاياللارنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشنى بۇيرۇغان. سىزچە قانداق قىلىش كېرەك؟ _ دەپ سوراشتى. 6ئۇلارنىڭ بۇنداق دېيىشتىكى غەرىزى، ھەزرىتى ئەيسانى تۇزاققا چۈشۈرۈپ، ئۇنى گۇناھكار دەپ ئەيىبلەشكە باھانە ئىزدەش ئىدى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئېڭىشىپ، قولى بىلەن يەرگە بىر نېمىلەرنى يازغىلى تۇردى. 7ئۇلار شۇ سوئالنى سوراۋەردى، شۇڭا ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ، ئۇلارغا:

_ ئاراڭلاردىكى گۇناھسىز كىشى بۇ ئايالغا بىرىنچى تاشنى ئاتسۇن! _ دېدى.

8ئاندىن، يەنە ئېڭىشىپ، يەرگە يېزىشنى داۋاملاشتۇردى. 9ئۇلار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئالدى بىلەن ياشانغانلىرى، ئاندىن كېيىن باشقىلىرى بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىشتى. ئاخىردا، ھەزرىتى ئەيسا ئالدىدا ئۆرە تۇرغان ھېلىقى ئايال بىلەن يالغۇز قالدى. 10ھەزرىتى ئەيسا رۇسلىنىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا:

_ خانىم، سىزنى شىكايەت قىلغانلار قېنى؟ سىزنى سوراققا تارتىدىغان ئادەم چىقمىدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

11_ چىقمىدى، ھەزرەتلىرى، _ دېدى ئايال.

ھەزرىتى ئەيسا:

_ مەنمۇ سىزنى سوراق قىلمايمەن. قايتىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ قىلماڭ! _ دېدى.}

ھەزرىتى ئەيسا دۇنيانىڭ نۇرى

12ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:

_ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.

13پەرىسىيلەر:

_ سەن ئۆزۈڭگە ئۆزۈڭ گۇۋاھلىق بېرىۋاتىسەن. شۇڭا سېنىڭ گەپلىرىڭگە ئىشەنگىلى بولمايدۇ، _ دېيىشتى.

14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئۆزۈمگە گۇۋاھلىق بېرىپ سۆزلىسەممۇ، سۆزلىرىم ھەقتۇر، چۈنكى مەن ئۆزۈمنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىمنى ۋە قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى بىلىمەن. لېكىن، سىلەر بۇنى بىلمەيسىلەر. 15سىلەر ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىمى بويىچە ھۆكۈم قىلىسىلەر. بىراق، مەن ھېچكىمگە ھۆكۈم قىلمايمەن. 16ھۆكۈم قىلىپ قالساممۇ، ھۆكۈمۈم توغرا بولاتتى، چۈنكى ھۆكۈم قىلغاندا مەن يالغۇز ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر. 17سىلەر رىئايە قىلىدىغان تەۋرات قانۇنىدا: «ئىككى گۇۋاھچىنىڭ سۆزى ئوخشاش چىقسا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرى توغرا» دەپ يېزىلغان. 18مەن ئۆزۈم ئۈچۈن ئۆزۈم گۇۋاھلىق بېرىمەن، مېنى ئەۋەتكەن ئاتاممۇ مەن ئۈچۈن گۇۋاھچىدۇر.

19_ ئاتاڭ قەيەردە؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.

_ سىلەر يا مېنى تونۇمايسىلەر، يا ئاتامنى. مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇيتتۇڭلار، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

20ھەزرىتى ئەيسا بۇ تەلىملەرنى مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە توپلىنىدىغان يەردە ئېيتقانىدى. بىراق، ھېچكىم ئۇنى تۇتمىدى، چۈنكى ئۇنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىگەنىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئېتىقادسىزلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ مەن بۇ يەردىن كېتىمەن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، بىراق تاپالمايسىلەر. شۇنداقلا، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنمايلا ئۆلىسىلەر. مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر، _ دېدى.

22بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى:

_ ئۇ: «مەن كېتىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر» دەيدۇ. بۇ، ئۆزۈمنى ئۆلتۈرۈۋالىمەن دېگەنلىكىمىدۇ؟ _ دېيىشتى.

23ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەر بۇ يەرلىك بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە. مەن بولسام ئەرشتىن كەلگەن بولۇپ، بۇ دۇنياغا تەۋە ئەمەس. 24شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرگە: «گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر» دېدىم. چۈنكى، سىلەر مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى»* ئىكەنلىكىمگە ئىشەنمىسەڭلار، گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىنماي ئۆلىسىلەر، _ دېدى.

25_ سەن زادى كىم؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.

_ باشتىن تارتىپ سىلەرگە نېمە دېگەن بولسام، مەن شۇ. 26ئەسلى مېنىڭ سىلەرنى سوراققا تارتىدىغان نۇرغۇن سۆزلىرىم بار ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، مېنى ئەۋەتكۈچىدىن ئاڭلىغانلىرىمنىلا ئىنسانلارغا ئۇقتۇرۇۋاتىمەن، چۈنكى ئۇ ھەقتۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

27ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزلىرىگە ئېيتقانلىرىنىڭ ئاتىسى خۇدا توغرۇلۇق ئىكەنلىكىنى چۈشىنەلمىدى. 28شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىنسانئوغلىنى كرېستكە مىخلاپ تىكلىگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. شۇنداقلا، ھېچ ئىشنى ئۆزلۈكۈمدىن قىلمىغانلىقىمنى ۋە پەقەت ئاتامنىڭ ئۆگەتكىنىنىلا سۆزلىگەنلىكىمنىمۇ بىلىسىلەر. 29مېنى ئەۋەتكۈچى مەن بىلەن بىللىدۇر، ئۇ مېنى ھەرگىز يالغۇز قويمىدى، چۈنكى مەن ھەمىشە ئۇنى خۇش قىلىدىغان ئىشلارنى قىلىمەن.

30ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىۋاتقان چاغنىڭ ئۆزىدە، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى.

ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرگۈچى

31ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغان يەھۇدىيلارغا:

_ ئەگەر مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرسەڭلار، مېنىڭ ھەقىقىي شاگىرتلىرىم بولىسىلەر. 32ھەقىقەتنى بىلىسىلەر ۋە ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ، _ دېدى.

33_ بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار، _ ھېچكىمگە ھېچقاچان قۇل بولمىدۇق. سىزنىڭ: «ھەقىقەت سىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىدۇ» دېگىنىڭىزنىڭ مەنىسى زادى نېمە؟

34_ بىلىپ قويۇڭلاركى، گۇناھ سادىر قىلغان كىشى گۇناھنىڭ قۇلىدۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا، 35_ قۇل ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولالمايدۇ. ئوغۇل بولسا شۇ ئائىلىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسىدۇر. 36شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئوغلى سىلەرنى ئەركىن قىلسا، ھەقىقىي ئەركىن بولىسىلەر. 37سىلەرنىڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىمەن. بىراق، مېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، چۈنكى مېنىڭ تەلىمىم سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردا ئورۇن ئالمىدى. 38مەن ئاتامنىڭ يېنىدا كۆرگەنلىرىمنى سىلەرگە ئېيتىۋاتىمەن. سىلەر ئۆز ئاتاڭلاردىن ئاڭلىغانلىرىڭلارنى قىلىۋاتىسىلەر!

39_ بىزنىڭ ئاتىمىز، ئەجدادىمىز ئىبراھىم، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.

_ ئىبراھىمنىڭ پەرزەنتلىرى بولساڭلار، ئىبراھىمنىڭ ياخشى ئەمەللىرىنى قىلغان بولاتتىڭلار! 40بىراق، ھازىر ئەكسىچە مېنى، يەنى خۇدادىن ئاڭلىغان ھەقىقەتنى سىلەرگە يەتكۈزگەن كىشىنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. ئەجدادىڭلار ئىبراھىم ھەرگىز ئۇنداق ئىشنى قىلمىغان. 41سىلەر ئۆز ئاتاڭلارنىڭ قىلغىنىنى قىلىۋاتىسىلەر! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

_ بىز ھارامدىن بولمىدۇق. بىزنىڭ پەقەت بىرلا ئاتىمىز بار، ئۇ بولسا خۇدادۇر! _ دېيىشتى ئۇلار.

42_ ئاتاڭلار خۇدا بولغان بولسا، مېنى سۆيگەن بولاتتىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ چۈنكى مەن خۇدانىڭ يېنىدىن كەلدىم، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يەردىمەن. ئۆزلۈكۈمدىن كەلگەن ئەمەسمەن، بەلكى ئۇ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنمەن. 43سۆزلىرىمنى نېمىشقا چۈشەنمەيسىلەر؟ ئېنىقكى، مېنىڭ تەلىمىم قۇلىقىڭلارغا ياقمايۋاتىدۇ! 44ئاتاڭلار شەيتان بولغاچقا، سىلەرمۇ ئۇنىڭ ھەۋەسلىرى بويىچە ئىش قىلىسىلەر. ئۇ ئەزەلدىن قاتىل ھەم ھەقىقەتتە تۇرمايدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭدا ھەقىقەت يوقتۇر. يالغان سۆزلەش ئۇنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتى، چۈنكى ئۇ يالغانچى ۋە يالغانچىلىقنىڭ پىرىدۇر. 45مەن بولسام ھەقىقەتنى سۆزلەيمەن، شۇڭا ماڭا ئىشەنمەيسىلەر. 46قايسىڭلار مېنىڭ گۇناھىم بارلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرەلەيسىلەر، قېنى؟ ھەقىقەتنى سۆزلىسەم، نېمە ئۈچۈن ماڭا ئىشەنمەيسىلەر؟ 47خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلايدۇ، سىلەر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بولمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىمايسىلەر!

48يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيساغا جاۋابەن:

_ ئەجەبا، بىزنىڭ سېنى: «سامارىيىلىك* ھەم جىن چاپلاشقان ئادەمسەن» دېگەن سۆزىمىز توغرا ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

49_ ماڭا جىن چاپلاشقىنى يوق، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئاتامنى ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن، سىلەر ماڭا بىھۆرمەتلىك قىلىۋاتىسىلەر. 50مېنىڭ ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىغۇم يوق، لېكىن مېنىڭ ئۇلۇغ بولۇشۇمنى خالايدىغان بىرى بار. ئۇنىڭ ھۆكۈمى ئادىلدۇر. 51بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

52ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا:

_ ساڭا جىن چاپلاشقانلىقىنى ئەمدى ئېنىق بىلدۇق، _ دېيىشتى، _ ھەتتا ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ ئۆلگەن تۇرسا، سەن قانداقچە: «تەلىمىم بويىچە ئىش كۆرگەن كىشى مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ!» دېيەلەيسەن؟ 53ئەجەبا، سەن ئالەمدىن ئۆتكەن ئاتىمىز ئىبراھىمدىن ۋە ۋاپات بولغان باشقا پەيغەمبەرلەردىنمۇ ئۈستۈن تۇرامسەن؟ سەن ئۆزۈڭنى زادى قانداق ئادەم دەپ ھېسابلايسەن؟

54ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەگەر مەن ئۆزۈمنى ئۇلۇغلىسام، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم بىكار بولاتتى. بىراق، مېنى ئۇلۇغلىغۇچى _ سىلەر «خۇدايىمىز» دەپ ئاتايدىغان ئاتامنىڭ ئۆزىدۇر. 55سىلەر ئۇنى تونۇپ يېتەلمىدىڭلار، لېكىن مەن ئۇنى تونۇيمەن. ئۇنى تونۇمايمەن دېسەم، سىلەردەك يالغانچى بولىمەن، بىراق مەن ئۇنى تونۇيمەن ۋە ئۇنىڭ سۆزى بويىچە ئىش كۆرىمەن. 56ئاتاڭلار ئىبراھىم مېنىڭ كېلىشىمگە ئىنتىزار بولغان ھەم كەلگەنلىكىمنى ئالدىنئالا كۆرۈپ، ئىنتايىن خۇشال بولغان.

57_ سەن تېخى ئەللىك ياشقا كىرمىگەن تۇرۇپ، ئەجدادىمىز ئىبراھىمنىمۇ كۆردۈڭمۇ؟ _ دېيىشتى ئۇلار.

58ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئىبراھىم تۇغۇلماستىلا بار ئىدىم! _ دېدى.

59بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەردىن تاش ئېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چالما-كېسەك قىلماقچى بولۇشتى، لېكىن ئۇ ئۆزىنى دالدىغا ئېلىپ، مەركىزىي ئىبادەتخانىدىن چىقىپ كەتتى.



*24 «مەڭگۈ بار بولغۇچى» _ بۇ، خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە ئاشكارىلىغان نامى بولۇپ («مىسىردىن چىقىش» 3-باب 14-ئايەت)، ھەزرىتى ئەيسامۇ بۇ نامنى ئۆزىگە قوللانغان.

*48سامارىيىلىكلەر _ يەھۇدىيلار كۆزگە ئىلمايدىغان بىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆزقارىشىچە سامارىيىلىكلەر خۇدانىڭ سۆزىنى بۇرمىلىغان ۋە جىن تەگكەنلەردۇر.



 

9

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغما قارىغۇنى ساقايتىشى

1ھەزرىتى ئەيسا يولدا كېتىۋېتىپ، تۇغما قارىغۇ بىر ئادەمنى كۆردى. 2شاگىرتلىرى ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ ئادەمنىڭ تۇغما قارىغۇ بولۇشى كىمنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن بولغان؟ ئۆزىنىڭمۇ ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭمۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۆزى ياكى ئاتا-ئانىسىنىڭ گۇناھ سادىر قىلغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئۆز قۇدرىتىنى ئۇنىڭ ھاياتىدا ئايان قىلماقچى بولغانلىقىدىندۇر. 4كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 5دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن.

6ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يەرگە تۈكۈرۈپ، تۈكۈرۈك بىلەن لاي قىلىپ، لاينى ھېلىقى ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە سۈرۈپ قويدى 7ۋە ئۇنىڭغا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېدى. («سىلوھا» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئەۋەتىلگۈچى» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ.)

ھېلىقى ئادەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى ۋە كۆزلىرى ئېچىلغان ھالدا قايتتى. 8قوشنىلىرى ۋە تىلەمچىلىك قىلغىنىدا ئۇنى كۆرگەنلەر:

_ بۇ، ئولتۇرۇپ تىلەمچىلىك قىلىدىغان ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

9بەزىلەر: «ھەئە، شۇ» دېسە، يەنە بەزىلەر: «ياق، ئۇ ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭغا ئوخشايدىكەن» دېيىشتى.

بىراق، ئۇ ئۆزى:

_ مەن دەل شۇ كىشى بولىمەن! _ دېدى.

10_ ئۇنداقتا كۆزلىرىڭ قانداق ئېچىلدى؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.

11ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەيسا دېگەن بىر كىشى تۈكۈرۈكىدىن لاي قىلىپ كۆزلىرىمگە سۈرۈپ قويۇپ، ماڭا: «سىلوھا كۆلچىكىگە بېرىپ كۆزلىرىڭنى يۇ» دېگەنىدى. مەن ئۇ يەرگە بېرىپ يۇسام، كۆزلىرىم ئېچىلىپ كەتتى.

12_ ئۇ ھازىر قەيەردە؟ _ دەپ سوراشتى ئۇلار.

_ بىلمەيمەن، _ دېدى ئۇ.

پەرىسىيلەرنىڭ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈشى

13خالايىق ئىلگىرى قارىغۇ بولغان بۇ ئادەمنى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا لاي قىلىپ بۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى ساقايتقان كۈن _ دەل دەم ئېلىش كۈنى ئىدى. 15پەرىسىيلەر بۇ ئادەمدىن كۆزلىرىنىڭ قانداق ئېچىلغانلىقىنى سورىۋىدى، ئۇ: «ئۇ كۆزلىرىمگە لاي سۈرۈپ قويدى، ئاندىن يۈزۈمنى يۇدۇم. ھازىر مانا كۆرەلەيدىغان بولدۇم!» دېدى.

16شۇنىڭ بىلەن، پەرىسىيلەردىن بەزىلىرى:

_ ئۇ ئادەم خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەن ئەمەس، چۈنكى ئۇ دەم ئېلىش كۈنى ئىش قىلماسلىق ئەمرىگە خىلاپلىق قىلدى، _ دېيىشتى.

يەنە بەزىلىرى:

_ گۇناھكار بولسا، قانداقلارچە بۇنداق مۆجىزىلەرنى يارىتالايدۇ؟ _ دېيىشتى.

بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولدى. 17ئۇلار قارىغۇ ئادەمدىن يەنە:

_ كۆزلىرىڭنى ئاچقان ئۇ ئادەم سېنىڭچە قانداق ئادەمدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

_ ئۇ بىر پەيغەمبەر، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.

18يەھۇدىي ئاقساقاللىرى كۆزلىرى ئېچىلغان ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تېپىپ كەلمىگۈچە، بۇرۇن ئۇنىڭ قارىغۇ ئىكەنلىكىگە ۋە ھازىر كۆزلىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىغا ئىشەنمەيتتى. شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنى چاقىرتىپ، 19ئۇلاردىن:

_ تۇغما قارىغۇ دېگەن ئوغلۇڭلار مۇشۇمۇ؟ ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالدى؟ _ دەپ سوراشتى.

20_ ئۇنىڭ بىزنىڭ ئوغلىمىز ئىكەنلىكى ۋە تۇغۇلۇشىدىنلا قارىغۇ ئىكەنلىكى راست، 21لېكىن ھازىر قانداقلارچە كۆرەلەيدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، كۆزلىرىنى كىم ئاچقانلىقىنى بىلمەيمىز. ئۇنى ئۆزۈڭلار سوراڭلار، ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆز ئىشىنى ئۆزى سۆزلەپ بەرسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى.

22ئۇلار يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېيىشتى، چۈنكى يەھۇدىي ئاقساقاللىرى ھەزرىتى ئەيسانى قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، دەپ ئېتىراپ قىلغانلارنى ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىشنى قارار قىلغانىدى. 23شۇنىڭ ئۈچۈن، ھېلىقى ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسى: «ئۇ چوڭ ئادەم تۇرسا، ئۆزىدىن سوراڭلار» دېگەنىدى.

24پەرىسىيلەر ئىلگىرى قارىغۇ بولغان ئۇ ئادەمنى يەنە چاقىرىپ:

_ خۇدا ئالدىدا قەسەم قىل! بىز بۇ ئادەمنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىنى بىلىمىز، _ دېيىشتى.

25ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئۇنىڭ گۇناھكار ياكى ئەمەسلىكىنى بىلمەيمەن. مەن پەقەت بىرلا ئىشنى بىلىمەن، ئۇ بولسىمۇ قارىغۇ ئىدىم، ھازىر كۆرەلەيدىغان بولدۇم.

26بۇ چاغدا، ئۇلار:

_ ئۇ سېنى قانداق قىلدى؟ كۆزلىرىڭنى قانداق ئاچتى؟ _ دەپ سوراشتى.

27ئۇ جاۋابەن:

_ سىلەرگە ئېيتسام، قۇلاق سالمىدىڭلار. يەنە قانداقلارچە ئاڭلىماقچى بولۇپ قالدىڭلار؟ سىلەرمۇ ئۇنىڭ شاگىرتلىرى بولماقچىمۇ نېمە؟! _ دېدى.

28بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇنى ھاقارەتلەپ:

_ سەن ئۇ ئەبلەخنىڭ شاگىرتى! بىز بولساق مۇسا پەيغەمبەرنىڭ شاگىرتلىرى. 29خۇدانىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە سۆزلىگەنلىكىنى بىلىمىز. بۇ ئەبلەخنىڭ بولسا ئەڭ قىسقىسى قەيەردىن كەلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيمىز، _ دېيىشتى.

30ھېلىقى ئادەم ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئاجايىپ ئىشقۇ بۇ! ئۇ كۆزلىرىمنى ئاچتى. شۇنداقتىمۇ، سىلەر ئۇنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمىدىڭلار. 31بىز بىلىمىزكى، خۇدا گۇناھكارلارنىڭ تەلىپىنى ئاڭلىمايدۇ، بەلكى ئۆزىگە ئىبادەت قىلغان ۋە ئىرادىسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلارنىڭكىنى ئاڭلايدۇ. 32دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بېرى، بىرەر كىشىنىڭ تۇغما قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقانلىقىنى ئاڭلاپ باققان ئەمەسمىز. 33بۇ ئادەم خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلمىگەن بولسا، ھېچنېمە قىلالمىغان بولاتتى.

34ئۇلار ئۇنى:

_ سەن گۇناھ ئىچىدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، ئەمدى بىزگە تەلىم بەرمەكچىمۇسەن؟ _ دېيىشىپ، ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقىرىشتى.

روھىي قارىغۇلۇق

35ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئادەمنى ئىبادەتخانىدىن قوغلاپ چىقارغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ:

_ سەن ئىنسانئوغلىغا ئېتىقاد قىلامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

36_ ھەزرەتلىرى، ئۇ كىم؟ ئېيتىپ بەرگەيسىز، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلاي، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.

37_ ئۇنى كۆرۈپ تۇرۇپسەن، ھازىر سەن بىلەن سۆزلىشىۋاتقان دەل شۇنىڭ ئۆزى، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

38ھېلىقى ئادەم:

_ ئى رەببىم، ساڭا ئېتىقاد قىلدىم! _ دەپ، ھەزرىتى ئەيساغا سەجدە قىلدى.

39_ دۇنيادىكى ئادەملەر ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغىلى كەلدىم. كورلارنى كۆرىدىغان قىلىش، كۆرىمەن دەيدىغانلارغا ئۇلارنىڭ كور ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن كەلدىم، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

40ئۇنىڭ يېنىدىكى بەزى پەرىسىيلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ:

_ بۇ بىزنىمۇ كور دەپ قارىغانلىق ئەمەستۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

41_ كور بولغان بولساڭلار، گۇناھكار بولمىغان بولاتتىڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ لېكىن ھازىر، «كۆرۈۋاتىمىز» دېگەنلىكىڭلار ئۈچۈن گۇناھكارسىلەر. 




10

ھەزرىتى ئەيسا _ «ياخشى قويچى»دۇر

1ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، قوينىڭ قوتىنىغا ئىشىكتىن كىرمەي، تېمىغا يامىشىپ كىرگەن كىشى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر. 2ئىشىكتىن كىرىدىغان كىشى بولسا شۇ قويلارنىڭ قويچىسىدۇر. 3كۆزەتچى ئىشىكنى قويچىغا ئېچىپ بېرىدۇ. قويلار قويچىنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ، ئۇمۇ ئۆز قويلىرىنىڭ ئىسىملىرىنى چاقىرىپ ئۇلارنى سىرتقا ئېلىپ چىقىدۇ. 4قويچى قويلىرىنىڭ ھەممىسىنى سىرتقا چىقىرىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدۇ، قويلارمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىشىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىنى تونۇيدۇ. 5يات بىرىنىڭ كەينىدىن ماڭمايدۇ، ئەكسىچە ئۇنىڭدىن قاچىدۇ، چۈنكى ياتلارنىڭ ئاۋازىنى تونۇمايدۇ.

6ئەتراپىدىكىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدى. 7شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، قويلار كىرىدىغان ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. 8مەندىن ئىلگىرى كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى ئوغرى ۋە قاراقچىدۇر،* لېكىن قويلار ئۇلارغا بوي بەرمىدى. 9ئىشىك ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئارقىلىق كىرگىنى قۇتقۇزۇلىدۇ ھەم كىرىپ-چىقىپ يۈرۈپ، ياپيېشىل ئوت-چۆپلەرنى تېپىپ يېيەلەيدۇ. 10ئوغرى بولسا ئوغرىلاش، ئۆلتۈرۈش ۋە بۇزۇش ئۈچۈنلا كېلىدۇ. مەن بولسام ئادەملەر ھاياتلىققا ئېرىشسۇن ۋە ئۇ ھاياتلىق مول بولسۇن، دەپ كەلدىم.

11ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ياخشى قويچىنىڭ قويلىرى ئۈچۈن جېنى پىدادۇر. 12مەدىكار ئۇنداق قىلمايدۇ. ئۇ قويلارنىڭ خوجايىنى ھەم قويچىسى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۆرىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرسە، قويلارنى تاشلاپ قاچىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۆرە قويلارنى تۇتۇۋېلىپ تىرىپىرەن قىلىۋېتىدۇ. 13مەدىكار نېمىشقا قاچىدۇ؟ چۈنكى، ئۇ قويلارنىڭ ئىگىسى ئەمەس، شۇڭلاشقا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

14-15ياخشى قويچى ئۆزۈمدۇرمەن. ئاتام مېنى ۋە مەن ئاتامنى _ بىز بىر-بىرىمىزنى تونۇغىنىمىزدەك، مەن ئۆز قويلىرىمنى تونۇيمەن، ئۇلارمۇ مېنى تونۇيدۇ. قويلىرىم ئۈچۈن جېنىم پىدا. 16بۇ قوتاندىن بولمىغان باشقا قويلىرىممۇ بار. ئۇلارنىمۇ چاقىرىشىم كېرەك. ئۇلارمۇ ئاۋازىمنى ئاڭلايدۇ. ھەممە قويلار بىر پادا بولۇشۇپ، بىر قويچىغا ئەگىشىدۇ.

17ئاتام مېنى سۆيىدۇ. چۈنكى، مەن ئۆزۈمنى قۇربان قىلغاندىن كېيىن تىرىلىشىم ئۈچۈن، جېنىمنى پىدا قىلىشنى خالايمەن. 18جېنىمنى ھېچكىم ئالالمايدۇ، مەن ئۇنى ئۆز ئىختىيارىم بىلەن پىدا قىلىمەن. مەن ئۇنى بېرىشكە ۋە قايتۇرۇۋېلىشقا ھوقۇقلۇق. ئاتام ماڭا شۇنداق قىلىشنى بۇيرۇغان.

19بۇ سۆزلەر تۈپەيلىدىن يەھۇدىيلار ئارىسىدا يەنە بۆلۈنۈش چىقتى. 20بىرمۇنچە كىشىلەر:

_ ئۇنىڭغا جىن تېگىپتۇ، ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالغۇدەكمىز؟ _ دېيىشەتتى.

21يەنە بەزىلەر بولسا:

_ جىن تەگكەن ئادەمنىڭ سۆزلىرى بۇنداق بولمايدۇ. جىن تەگكەن ئادەم قانداقمۇ قارىغۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئاچالىسۇن؟! _ دېيىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ رەت قىلىنىشى

22قىش پەسلى بولۇپ، يېرۇسالېمدا مەركىزىي ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى خاتىرىلەيدىغان بايرام ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى. 23ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىكى «سۇلايمان پادىشاھنىڭ پېشايۋىنى» دېگەن يەردە ئايلىنىپ يۈرەتتى. 24خەقلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ:

_ بىزنى يەنە قاچانغىچە گۇماندا قالدۇرىسەن؟ ئەگەر قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بولساڭ، بىزگە ئوچۇقىنى ئېيت، _ دېيىشتى.

25ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن سىلەرگە ئېيتقان، لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلمىدىڭلار. ئاتامنىڭ نامى بىلەن قىلغان ئىشلىرىم مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 26بىراق، سىلەر ئېتىقاد قىلمىدىڭلار، چۈنكى مېنىڭ قويلىرىمدىن ئەمەسسىلەر. 27مېنىڭ قويلىرىم گېپىمنى ئاڭلايدۇ. مەن ئۇلارنى تونۇيمەن. ئۇلار ماڭا ئەگىشىدۇ. 28ئۇلارغا مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلىمەن. ئۇلار ئەسلا ھالاك بولمايدۇ. ئۇلارنى ھېچكىم قولۇمدىن تارتىۋالالمايدۇ. 29ئۇلارنى ماڭا تەقدىم قىلغان ئاتام ھەممىدىن ئۈستۈندۇر. ئۇلارنى ئاتامنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىشقا ھېچكىمنىڭ كۈچى يەتمەيدۇ. 30ئاتام ئىككىمىز ئەسلىدە بىرمىز.

31بۇنىڭ بىلەن، يەھۇدىيلار يەنە ئۇنى چالما-كېسەك قىلىش ئۈچۈن، يەردىن تاش ئېلىشتى.

32_ ئاتام ماڭا بۇيرۇغان نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنى ئالدىڭلاردا كۆرسەتتىم. بۇ ئىشلارنىڭ قايسىسى ئۈچۈن مېنى چالما-كېسەك قىلماقچىسىلەر؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.

33_ سېنى ياخشى ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەمەس، كۇپۇرلۇق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن چالما-كېسەك قىلىمىز. چۈنكى، سەن ئادەم تۇرۇقلۇق، ئۆزۈڭنى خۇدا قىلىپ كۆرسەتتىڭ! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى خالايىق.

34ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى يەھۇدىي يېتەكچىلەرگە: «سىلەر ئىلاھلار» دېگىنى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ 35مۇقەددەس يازمىلاردا ئېيتىلغىنى مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ-دە! خۇدا ئۆزىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەنلەرنى: «ئىلاھلار» دەپ ئاتىغانغۇ! 36ئەمدى ماڭا كەلسەك، ئاتام مېنى تاللاپ پانىي دۇنياغا ئەۋەتتى. شۇنداق تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن «خۇدانىڭ ئوغلىمەن» دېسەم، مېنى «كۇپۇرلۇق قىلدىڭ!» دەيسىلەر؟ 37ئەگەر ئاتام بۇيرۇغان ئىشلارنى قىلمىسام، ماڭا ئېتىقاد قىلماڭلار. 38لېكىن قىلسام، سۆزلىرىمگە ئىشەنمىگەن ھالەتتىمۇ، قىلغانلىرىمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ ھەقلىقىگە ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، ئاتامنىڭ مەندە ئىكەنلىكىنى، مېنىڭمۇ ئاتامدا ئىكەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يېتىسىلەر.

39بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار يەنە ئۇنى تۇتماقچى بولدى، بىراق ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى ئۇلاردىن قاچۇرۇپ قۇتۇلدى. 40ئاندىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن يەرگە كېتىپ، ئۇ يەردە تۇردى.

41نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار:

_ يەھيا پەيغەمبەر ھېچ مۆجىزە كۆرسەتمىگەن، لېكىن بۇ ئادەم توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقتى! _ دېيىشتى. 42شۇنداق قىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى.



*8بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلغىنى پەرىسىيلەر ۋە يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولۇپ، تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلەر كۆزدە تۇتۇلمىغان.



 

11

لازارنىڭ ئۆلۈمى

1-2لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ سۈركەپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېرتىپ قۇرۇتقان ئايال ئىدى.

3لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.

4ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ:

_ بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، _ دېدى.

5ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى. 6گەرچە ئۇ لازارنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە يەنە ئىككى كۈن تۇردى. 7ئاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ يەھۇدىيىگە قايتا بارايلى! _ دېدى.

8شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى خەقلەر سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ _ دېيىشتى.

9ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. 10لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.

11ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن:

_ دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، _ دەپ قوشۇپ قويدى.

12شاگىرتلار:

_ ئۇخلىغان بولسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئى رەببىمىز، _ دېدى.

13ھەزرىتى ئەيسا لازارنىڭ ئۆلۈمىنى دېمەكچىدى، لېكىن ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. 14شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ:

_ لازار ئالەمدىن ئۆتتى، دېمەكچىمەن. 15سىلەرنى دەپ، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن، يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇ بار يەرگە بارايلى، _ دېدى.

16«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا:

_ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ لازارنى تىرىلدۈرۈشى

17ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 18بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. 19نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 20مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى.

21_ ئى رەببىم، _ دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، _ بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى. 22ھېلىمۇ، خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

23_ ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

24مارتا:

_ قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دېدى.

25_ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، _ ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ. 26ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

27_ ئىشىنىمەن رەببىم، _ دېدى مارتا، _ سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىشكە تەيىنلەنگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.

28مارتا بۇنى دەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ:

_ ئۇستازىمىز كېلىپ بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېدى.

29مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى.

30ئۇ پەيتتە ھەزرىتى ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئالدىغا چىققان يەردە ئىدى. 31ئۆيدە مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان خالايىق مەريەمنىڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى ۋە ئۇنى قەبرىستانلىققا يىغا-زار قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.

32بىراق، مەريەم ھەزرىتى ئەيسا بار يەرگە باردى ۋە ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى! _ دېدى.

33مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن خالايىقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا غەزەپلىنىپ،* كۆڭلى قاتتىق ئازابلىنىشقا باشلىدى ۋە:

34_ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىمىز، كېلىپ كۆرۈڭ، _ دېيىشتى ئۇلار.

35ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. 36خەقلەر:

_ قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! _ دېيىشتى.

37ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى:

_ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان كىشى لازارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايتتىمۇ؟ _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسا ئىچىدە يەنە غەزەپلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىغا باردى. يەرلىك كىرىش ئاغزى چوڭ بىر تاش بىلەن توسۇلغان ئۆڭكۈر ئىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا:

_ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! _ دېدى.

ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا:

_ ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسىتى پۇراپ كەتكەندۇ، _ دېدى.

40ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! _ دېدى.

41بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن. 42تەلەپلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن.

43ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا:

_ لازار، تاشقىرىغا چىق! _ دەپ توۋلىدى.

44لازار قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ كېپەنلىكنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار! _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

45مەريەمنىڭ يېنىغا پەتىلەپ كەلگەن ۋە ھەزرىتى ئەيسا كۆرسەتكەن بۇ مۆجىزىنى كۆرگەن نۇرغۇن خەقلەر ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. 46لېكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى پەرىسىيلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قىلغان ئىشلىرىنى مەلۇم قىلىشتى. 47شۇڭا، پەرىسىيلەر ۋە ئالىي روھانىيلار يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي كېڭەشمىسىنى يىغىپ:

_ قانداق قىلغۇلۇق؟ بۇ ئادەمنىڭ ياراتقان نۇرغۇن مۆجىزىلىرىگە قاراپ بېقىڭلار. 48ئۇنى بۇنداق قويۇپ بەرسەك، ھەممە ئادەم ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىپ كېتىدۇ. شۇنداق بولغاندا، رىم ھۆكۈمىتى ئىبادەتخانىمىزنى، ھەتتا مىللىتىمىزنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇ! _ دېيىشتى.

49ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرى، يەنى شۇ يىلى باش روھانىي بولغان قاياپا:

_ سىلەر ھېچنېمىنى بىلمەيدىكەنسىلەر! 50پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىنىڭ ئورنىغا، بىرلا ئادەمنىڭ ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدىكەنسىلەر، _ دېدى.

51-52بۇ سۆزنى ئۇ ئۆزلۈكىدىن ئېيتمىغانىدى. ئۇ شۇ يىلى باش روھانىي بولغاچقا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇدىي خەلقى ئۈچۈن، شۇنداقلا پەقەت ئۇ خەلق ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەر يانغا چېچىلىپ كەتكەن پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىر قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇش ئۈچۈن ئۆلىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقانىدى.

53شۇنداق قىلىپ، ئۇلار شۇ كۈندىن ئېتىبارەن ھەزرىتى ئەيسانى ئۆلتۈرۈۋېتىش ئۈچۈن سۇيىقەست قىلىشقا باشلىدى. 54شۇڭا، ھەزرىتى ئەيسا ئەمدى يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئاشكارا يۈرمەي، ئۇ يەردىن ئايرىلىپ چۆلگە يېقىن رايوندىكى ئەفرايىم شەھىرىگە كېتىپ، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردە تۇردى.

55يەھۇدىيلارنىڭ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىغا ئاز قالغانىدى. نۇرغۇن كىشىلەر تازىلىنىش دىنىي قائىدىسىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ھېيتتىن بىرقانچە كۈن ئىلگىرى يېزىلاردىن يېرۇسالېمغا كېلىشتى. 56ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەيتتى. ئۇلار مەركىزىي ئىبادەتخانىدا يىغىلغىنىدا بىر-بىرىگە:

_ سېنىڭچە قانداق بولار، ھەزرىتى ئەيسا ھېيتقا كەلمەمدىكىن؟ _ دېيىشەتتى.

57ئالىي روھانىيلار بىلەن پەرىسىيلەر ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ قەيەردىلىكىنى بىلىدىغانلارنىڭ ئۆزلىرىگە مەلۇم قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.



*33بۇ يەردە ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرگە شەيتاننىڭ گۇناھ ۋە ئۆلۈم ئېلىپ كەلگەنلىكىدىن ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەن بولۇشى ياكى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تۇتقان ھازىلىرىدىن ئۇلارنىڭ خۇدانىڭ ئادەملەرنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەنلىكىگە غەزەپلەنگەن بولۇشى مۇمكىن.



 

12

گۇناھكار ئايالنىڭ ھەزرىتى ئەيسانى ئەتىرلىشى

1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار تۇرغان جاي _ بەيتانىياغا كەلدى. 2ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىلدى. مارتا ئۇ يەردە مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى. لازار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلاردىن بىرى ئىدى. 3مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى. 4لېكىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت:

5_ بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن! نېمىشقا بۇ ئەتىر سېتىلىپ، پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلمىدى؟ _ دېدى.

6بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.

7_ ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەت! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ ئۇ بۇ ئارقىلىق مېنىڭ دەپنە قىلىنىدىغان كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. 8كەمبەغەللەر ھەر دائىم ئاراڭلاردا، لېكىن مەن ھەر دائىم ئاراڭلاردا بولمايمەن.

ئالىي روھانىيلارنىڭ لازارنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستى

9زور بىر تۈركۈم يەھۇدىيلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ بەيتانىيادا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە يالغۇز ھەزرىتى ئەيسانى ئەمەس، ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازارنىمۇ كۆرۈش ئۈچۈن ئۇ يەرگە كەلدى. 10ئالىي روھانىيلار بولسا لازارنىمۇ ئۆلتۈرۈشنى قەستلىدى. 11چۈنكى، ئۇنىڭ سەۋەبىدىن نۇرغۇن يەھۇدىيلار ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلىۋاتاتتى.

شەرەپ بىلەن يېرۇسالېمغا كىرىش

12ئەتىسى، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزۈشكە كەلگەن زور بىر تۈركۈم خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېرۇسالېمغا كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. 13ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.

14ھەزرىتى ئەيسا بىر تەخەي تېپىپ مىندى. بۇ ئىشنى زەكەرىيا پەيغەمبەر خېلى بۇرۇن ئالدىن ئېيتىپ، مۇنداق يازغانىدى:

15«ئەي يېرۇسالېم خەلقى، ئەمدى قورقماڭلار! مانا، پادىشاھىڭلار تەخەي مىنىپ كېلىۋاتىدۇ.»

16ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇ چاغدا بۇنى چۈشەنمىگەنىدى، لېكىن ھەزرىتى ئەيسا تىرىلىش ۋە ئاسمانغا چىقىش بىلەن ئۇلۇغلانغاندىن كېيىن، زەكەرىيا پەيغەمبەر يازغان بۇ سۆزلەرنى ھەمدە بۇ ئىش دەل پەيغەمبەر ئالدىن ئېيتقاندەك چىققانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

17ھەزرىتى ئەيسانىڭ لازارنى يەرلىكىدىن چاقىرىپ تىرىلدۈرگەنلىكىنى كۆرگەن كىشىلەر بۇ مۆجىزە توغرىسىدا باشقىلارغا توختىماستىن خەۋەر قىلدى. 18خالايىق ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياراتقان بۇ مۆجىزىسىنى ئاڭلىغاچقا، ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى. 19پەرىسىيلەر بولسا بىر-بىرىگە:

_ قاراڭلار، بىزنىڭ قىلغىنىمىز بىكار كەتتى! مانا ئەمدى پۈتۈن دۇنيا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەتمەكتە! _ دېيىشتى.

گرېكلارنىڭ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى

20ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، يېرۇسالېمغا ئىبادەت قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە يەھۇدىي دىنىغا كىرگەن بەزى گرېكلارمۇ بار ئىدى. 21بۇلار جەلىلىيىنىڭ بەيتسايدا يېزىسىدىن بولغان فىلىپنىڭ يېنىغا كېلىپ:

_ جانابلىرى، بىز ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشمەكچىدۇق، _ دەپ تەلەپ قىلىشتى.

22فىلىپ بېرىپ بۇنى ئەندەرگە مەلۇم قىلدى. ئاندىن، ئۇلار ئىككىسى ھەزرىتى ئەيساغا خەۋەر قىلدى.

23ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرەپكە ئىگە بولىدىغان ۋاقىت-سائىتى يېقىنلىشىپ قالدى. 24بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇغداي دېنى توپىغا تاشلىنىپ قۇربان بولمىغۇچە، يەنىلا بىر تال دان پېتى تۇرىدۇ. قۇربان بولسا، بىخ سۈرۈپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدۇ. 25ھاياتىنى ئايىغانلار ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيادا ھاياتىنى ئايىمىغانلار ئۇنى مەڭگۈ ساقلىيالايدۇ. 26كىمدەكىم ماڭا خىزمەت قىلىشنى خالىسا، ماڭا ئەگەشسۇن. مەن قەيەردە بولسام، مېنىڭ چاكىرىم شۇ يەردە بولىدۇ. ماڭا خىزمەت قىلغۇچىلارنى ئەرشتىكى ئاتام ھۆرمەتلەيدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز ئۆلۈمى توغرىسىدا ئېيتقانلىرى

27_ ھازىر كۆڭلۈم قاتتىق ئازابلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا نېمە دېيىشىم كېرەك؟ «ئاتا، مېنى كېلىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائەتتىن قۇتقۇز!» دەيمۇ؟ ياق! مەن شۇ ۋاقىت-سائەتنى بېشىمدىن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلدىم. 28ئاتا، ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكىن!

شۇ ۋاقىتتا، ئەرشتىن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى:

_ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرسەتتىم ۋە يەنە كۆرسىتىمەن.

29شۇ مەيداندىكى بۇنى ئاڭلىغان خالايىق:

_ ھاۋا گۈلدۈرلىدى، _ دېيىشتى.

يەنە بەزىلەر بولسا:

_ بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا گەپ قىلدى، _ دېيىشتى.

بىراق، ھەزرىتى ئەيسا:

30_ بۇ سۆزلەر مېنى دەپ ئەمەس، سىلەرنى دەپ ئېيتىلغان. 31بۇ دۇنيا ئەمدى سوراققا تارتىلىدۇ. بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى _ شەيتانمۇ ئەمدى ئاغدۇرۇلىدۇ. 32مەن يەردىن كۆتۈرۈلگىنىمدە، پۈتكۈل ئىنسانلارنى ئۆزۈمگە جەلپ قىلىمەن، _ دېدى. 33(ئۇ بۇنى دېيىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.)

34خالايىق بۇ گەپلەرنى چۈشەنمەي، ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ مۇقەددەس يازمىلاردا: «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ ئۆلمەي مەڭگۈ ھايات تۇرىدۇ» دېيىلگەن تۇرسا، سىز قانداقسىگە «ئىنسانئوغلى كۆتۈرۈلۈشى كېرەك» دېيەلەيسىز؟! ئىنسانئوغلى زادى كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

35_ نۇرنىڭ ئاراڭلاردا چاقنايدىغان ۋاقتى ئۇزۇن ئەمەستۇر. شۇڭا، قاراڭغۇلۇقنىڭ سىلەرنى بېسىۋالماسلىقى ئۈچۈن، نۇر بار ۋاقتىدا داۋاملىق مېڭىڭلار. قاراڭغۇلۇقتا ماڭغان كىشى ئۆزىنىڭ قەيەرگە كېتىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ. 36شۇڭلاشقا، نۇر ئاراڭلاردا بار ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا ئىشىنىڭلار. بۇنىڭ بىلەن، نۇرنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

يەھۇدىيلارنىڭ تەرسالىقى

ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، خالايىقتىن ئايرىلىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 37گەرچە ئۇ خالايىقنىڭ كۆز ئالدىدا شۇنچە مۆجىزە كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلمىدى. 38بۇ ئەھۋال دەل يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا ئالدىنئالا كۆرسىتىلگەندەك چىقتى:

«ئى پەرۋەردىگار، بىز يەتكۈزگەن سۆزلەرگە كىم ئىشەندى؟

سېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىڭ كىمگە كۆرسىتىلدى؟»

3940خالايىق ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبىنى يەشايا پەيغەمبەر ئالدىنئالا چۈشەندۈرۈپ بەرگەنىدى:

«پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلدى، قەلبىنى بىخۇدلاشتۇردى. ئۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قەلبى سەزمەس بولۇپ قالدى.

‹ئۇلار گۇناھلىرىغا توۋا قىلىپ، ماڭا قايتىشنى خالىمايدۇ. خالىسىدى، مەن ئۇلارنى ساقايتاتتىم› دەيدۇ خۇدا.»

41يەشايا پەيغەمبەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ سۆزلەرنى ئۇنىڭغا قارىتا ئالدىنئالا ئېيتقانىدى.

42ۋەھالەنكى، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر، ھەتتا يەھۇدىي ئاقساقاللىرىمۇ ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلدى. لېكىن، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ پەرىسىيلەر تەرىپىدىن ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلمەسلىكى ئۈچۈن، ئېتىقاد قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىمىدى. 43بۇنىڭ سەۋەبى، ئۇلار ئىنساندىن كېلىدىغان ماختاشنى خۇدادىن كېلىدىغان ماختاشتىنمۇ ياخشى كۆرەتتى.

44ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى:

_ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار ماڭىلا ئەمەس، مېنى ئەۋەتكۈچىگە ئېتىقاد قىلغان بولىدۇ. 45مېنى كۆرگەنلەر مېنى ئەۋەتكۈچىنىمۇ كۆرگەن بولىدۇ. 46مەن ماڭا ئېتىقاد قىلغانلار قاراڭغۇلۇقتا قالمىسۇن دەپ، دۇنياغا نۇر بولۇپ كەلدىم. 47سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ، سۆزلىرىمگە ئەمەل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتمايمەن، چۈنكى مەن ئىنسانلارنى سوراققا تارتقىلى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنى قۇتقۇزغىلى كەلدىم. 48بىراق، مېنى رەت قىلغانلارنى ۋە سۆزلىرىمنى قوبۇل قىلمىغانلارنى سوراققا تارتقۇچى بار. ئۇ بولسىمۇ ئېيتقان سۆزلىرىم بولۇپ، ئۇ قىيامەت كۈنى كىشىلەرنى سوراققا تارتىدۇ. 49چۈنكى، مەن ئۆزلۈكۈمدىن سۆزلىگىنىم يوق. نېمىنى سۆزلىشىم ۋە قانداق سۆزلىشىم كېرەكلىكىنى مېنى ئەۋەتكەن ئاتام ماڭا بۇيرۇدى. 50ئۇنىڭ بۇيرۇقىنىڭ مەڭگۈلۈك ھايات ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىمەن. شۇڭا، نېمىنى سۆزلىسەم، خۇدائاتامنىڭ ماڭا بۇيرۇغىنىدەك سۆزلەيمەن. 




13

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆز شاگىرتلىرىنىڭ پۇتىنى يۇيۇپ قويۇشى

1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئاتىسىنىڭ يېنىغا كېتىدىغان ۋاقىتنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ بۇ دۇنيادىكى ئۆز ئادەملىرىگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى بۇرۇنلا كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ قانچىلىك چوڭقۇرلۇقىنى ئەمدى تولۇق كۆرسەتمەكچىدى.

2ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن كەچلىك تاماقتا بىللە بولدى. شەيتان ئاللىبۇرۇن سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتنىڭ كۆڭلىگە ھەزرىتى ئەيسانى يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا تۇتۇپ بېرىش ۋەسۋەسىسىنى سالغانىدى. 3ھەزرىتى ئەيسا ئاتىسىنىڭ ھەممە ھوقۇقنى ئۆزىگە ئامانەت قىلغانلىقىنى، ئاتىسى خۇدانىڭ يېنىدىن كېلىپ، خۇدانىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىنى بىلەتتى. 4ئۇ داستىخاندىن تۇرۇپ، تونىنى يېشىپ، بىر لۆڭگە بىلەن بېلىنى باغلىدى. 5ئاندىن، بىر جاۋۇرغا سۇ قۇيۇپ، شاگىرتلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشقا ۋە بېلىگە باغلىغان لۆڭگە بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتۇشقا باشلىدى. 6نۆۋەت سىمۇن پېترۇسقا كەلگەندە، پېترۇس:

_ ئى رەببىم، پۇتۇمنى سىز يۇسىڭىز قانداق بولغىنى؟! _ دېدى.

7ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ نېمە قىلىۋاتقىنىمنى ھازىر چۈشەنمەيسەن، لېكىن كېيىن چۈشىنىسەن، _ دېدى.

8_ مەن پۇتۇمنى ھەرگىز سىزگە يۇغۇزمايمەن! _ دېدى پېترۇس.

_ پۇتۇڭنى يۇمىسام، سەن مەن بىلەن بىرگە بولالمايسەن، _ دېگەن جاۋابنى قايتۇردى ھەزرىتى ئەيسا.

9سىمۇن پېترۇس:

_ ئى رەببىم، ئۇنداقتا پۇتلىرىمنىلا ئەمەس، قوللىرىمنىمۇ، بېشىمنىمۇ يۇغايسىز! _ دېدى.

10ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ يۇيۇنۇپ بولغان ئادەمنىڭ قايتا يۇيۇنۇشىنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت پۇتلىرىنى يۇسىلا، پۈتۈن ئەزاسى پاك بولىدۇ. سىلەرمۇ گۇناھلىرىڭلاردىن پاك، لېكىن ھەممىڭلار ئەمەس، _ دېدى.

11(ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنى كىمنىڭ تۇتۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇ ھەممىسىنىڭلا پاك ئەمەسلىكىنى دېگەنىدى.) 12ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، تونىنى كىيىپ يەنە داستىخانغا ئولتۇردى ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نېمە قىلغانلىقىمنى چۈشەندىڭلارمۇ؟ 13سىلەر مېنى «رەببىم» ۋە «ئۇستازىم» دەيسىلەر. راست ئېيتىسىلەر، ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق. 14مەن رەببىڭلار ۋە ئۇستازىڭلار تۇرۇقلۇق پۇتلىرىڭلارنى يۇغاندىكىن، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنىڭ پۇتلىرىنى يۇيۇشۇڭلار كېرەك. 15بۇ سىلەرنىڭمۇ ماڭا ئوخشاش باشقىلارغا خىزمەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۆرسەتكەن ئۈلگەمدۇر. 16بىلىپ قويۇڭلاركى، قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ، ئەلچىمۇ ئۆزىنى ئەۋەتكۈچىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. 17بۇ ئىشلارنى بىلگەنىكەنسىلەر، سىلەرمۇ شۇنداق قىلساڭلار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر!

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ساتقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى ئالدىن ئېيتىشى

18«سىلەر گۇناھلىرىڭلاردىن پاك» دېگەن سۆزۈم ھەممىڭلارغا قارىتىلغان ئەمەس. مەن تاللىغانلىرىمنى بىلىمەن، لېكىن مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغان: «مەن بىلەن ھەمداستىخان بولۇپ، نېنىمنى يېگەن دوستۇم مەندىن يۈز ئۆرۈدى!» دېگەن بۇ سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى كېرەك. 19سىلەرگە بۇ ئىش يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال ئېيتىپ قويايكى، ئۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە مېنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئىكەنلىكىمگە ئىشىنىسىلەر. 20يەنە شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، مەن ئەۋەتكەن ھەرقانداق بىر كىشىنى قوبۇل قىلغانلار مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قوبۇل قىلغانلار بولسا مېنى ئەۋەتكۈچى خۇدانى قوبۇل قىلغان بولىدۇ.

21ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، قاتتىق ئازابلانغان ھالدا ئوچۇقىنى ئېيتتى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئاراڭلاردا بىرەيلەن ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ!

22شاگىرتلار كىمنى دەۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەي، بىر-بىرىگە قاراشتى. 23ھەزرىتى ئەيسا ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارالغان شاگىرت ئۇنىڭ يېنىدا يانپاشلاپ ياتاتتى. 24سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭغا ھەزرىتى ئەيسادىن كىمنى دېمەكچى بولغانلىقىنى سوراپ بېقىشنى ئىشارەت قىلدى.

25شۇڭا، ئۇ ھەزرىتى ئەيساغا يېقىن كېلىپ، تۆۋەن ئاۋازدا:

_ ئى رەببىم، سىزگە ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىم؟ _ دەپ سورىدى.

26ھەزرىتى ئەيسا:

_ بىر چىشلەم ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ كىمگە سۇنسام، شۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. كېيىن، ئۇ ناننى ئاشقا تۆگۈرۈپ، سىمۇننىڭ ئوغلى يەھۇدا ئىشقارىيوتقا سۇندى. 27يەھۇدا ناننى ئېلىشىغىلا ئىچىگە شەيتان كىردى.

_ قىلىدىغىنىڭنى چاپسان قىل، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

28داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەھۇداغا بۇ سۆزلەرنى نېمە ئۈچۈن قىلغانلىقىنى چۈشەنمىدى. 29ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.

30يەھۇدا ناننى ئېلىپلا تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. بۇ چاغ كېچە ئىدى.

يېڭى ئەمر

31يەھۇدا تاشقىرىغا چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپى كۆرۈنىدىغان ۋاقىت-سائەت يېتىپ كەلدى. ئۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ شان-شەرىپىمۇ ئايان بولىدۇ. 32خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۇ ئارقىلىق ئايان بولغانىكەن، خۇدا ئۆزىمۇ ئىنسانئوغلىنىڭ شان-شەرىپىنى دەرھال ئايان قىلىدۇ. 33بالىلىرىم، مېنىڭ ئەمدى سىلەر بىلەن بىللە بولىدىغان ۋاقتىم ئاز قالدى. كېيىن، سىلەر مېنى ئىزدەيسىلەر، لېكىن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا ئېيتقىنىمدەك سىلەرگىمۇ ئېيتىمەنكى، مەن بارىدىغان يەرگە سىلەر بارالمايسىلەر. 34ھازىر سىلەرگە يېڭى بىر ئەمر بېرىمەن. «بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. سىلەرنى سۆيگىنىمدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى سۆيۈڭلار.» 35بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بولسا، ھەممەيلەن سىلەرنىڭ مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى تونۇيدۇ.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇسنىڭ تانىدىغانلىقىنى ئېيتىشى

36سىمۇن پېترۇس ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئى رەببىم، قەيەرگە بارىسىز؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن كېتىدىغان يەرگە ھازىرچە ئەگىشىپ بارالمايسەن، لېكىن كېيىن بارىسەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.

37پېترۇس ئۇنىڭغا:

_ ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ھازىر سىزنىڭ كەينىڭىزدىن بارالمايمەن؟ سىز ئۈچۈن جېنىم پىدا! _ دېدى.

38ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئۈچۈن راستتىنلا جېنىڭ پىدامۇ؟ بىلىپ قويغىنكى، خوراز چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن! 




14

ھەزرىتى ئەيسا _ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار! خۇداغا ئىشىنىڭلار، ماڭىمۇ ئىشىنىڭلار. 2خۇدائاتامنىڭ دەرگاھىدا نۇرغۇن ئۆي-ماكانلار بار. ئۇنداق بولمىسا، بۇنى سىلەرگە ئېيتىپ يۈرمىگەن بولاتتىم. مەن ھەربىرىڭلارغا ئورۇن تەييارلاش ئۈچۈن، شۇ يەرگە كېتىپ بارىمەن. 3مەن تەييارلىق قىلغىلى بارىدىغانىكەنمەن، چوقۇم قايتىپ كېلىپ، سىلەرنى مەن بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىمەن. شۇنداق بولغاندا، مەن قەيەردە بولسام، سىلەرمۇ شۇ يەردە بولىسىلەر. 4سىلەر مېنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىمنى ۋە ئۇ يەرگە بارىدىغان يولنى بىلىسىلەر.

5_ ئى رەببىم، سىزنىڭ قەيەرگە كېتىدىغانلىقىڭىزنى بىلمەيمىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق، ئۇ يولنى قانداق بىلىمىز؟ _ دېدى توماس.

6ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ يول، ھەقىقەت ۋە ھاياتلىق ئۆزۈمدۇرمەن. مېنىڭسىز ھېچكىم خۇدائاتامنىڭ يېنىغا بارالمايدۇ. 7ئەگەر مېنى تونۇغان بولساڭلار، ئاتامنىمۇ تونۇغان بولاتتىڭلار. ھازىردىن باشلاپ ئۇنى تونۇدۇڭلار ھەم ئۇنى كۆردۈڭلار، _ دېدى.

8_ ئى رەببىم، ئاتىڭىزنى كۆرسىتىپ قويسىڭىزلا، رازى بولاتتۇق، _ دېدى فىلىپ.

9_ فىلىپ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ سىلەر بىلەن بىرگە بولغىنىمغا تالاي ۋاقىت بولدى، مېنى تېخىچە تونۇمىدىڭمۇ؟ مېنى كۆرگەن كىشى ئاتام خۇدانى كۆرگەن بولىدۇ. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سەن نېمىشقا يەنە: «بىزگە ئاتىڭىزنى كۆرسىتىڭ» دەيسەن؟ 10مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە ئىكەنلىكىگە ئىشەنمەمسەن؟ سىلەرگە ئېيتقان سۆزلىرىمنى ئۆزلۈكۈمدىن ئېيتقىنىم يوق، بەلكى مېنىڭ ئاتام ئېيتقان. ئۇ مەندە تۇرۇپ خىزمەتلىرىنى قىلىۋاتىدۇ. 11«مەن ئاتامدا، ئاتام مەندە» دېگىنىمگە ئىشىنىڭلار. ھېچبولمىغاندا، مېنىڭ قىلغانلىرىمدىن ماڭا ئىشىنىڭلار.

12بىلىپ قويۇڭلاركى، ماڭا ئىشەنگەن كىشى مېنىڭ ئەمەلىيىتىمدەك قىلالايدۇ. مۇنداق كىشى بۇنىڭدىنمۇ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىدۇ، چۈنكى مەن ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. 13مېنىڭ نامىم بىلەن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۆز ئاتامنىڭ ئۇلۇغلۇقى مەن ئارقىلىق ئايان بولسۇن ئۈچۈن، تىلەكلىرىڭلارنى ئىجابەت قىلىمەن. 14مېنىڭ نامىم بىلەن نېمە تىلىسەڭلار، مەن سىلەرگە شۇنى بېرىمەن.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىشكە ۋەدە بېرىشى

15ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ مېنى سۆيسەڭلار، ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىسىلەر. 16مەنمۇ خۇدائاتامدىن سىلەرگە باشقا بىر ياردەمچى ئاتا قىلىشنى تىلەيمەن. ئۇ سىلەر بىلەن مەڭگۈ بىرگە تۇرىدۇ. 17ئۇ بولسىمۇ ھەقىقەتكە باشلىغۇچى _ مۇقەددەس روھتۇر. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى قوبۇل قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇنى كۆرمەيدۇ، تونۇمايدۇ. بىراق، سىلەر ئۇنى تونۇيسىلەر، چۈنكى ئۇ دائىم سىلەر بىلەن بىللە تۇرىدۇ ھەم سىلەردە ياشىماقچى.

18مەن سىلەردىن ئايرىلغاندا، سىلەرنى يېتىم قالدۇرمايمەن. سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا يەنە قايتىپ كېلىمەن. 19ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى كۆرمەيدۇ، لېكىن سىلەر كۆرىسىلەر. مەن ھايات بولغانلىقىم ئۈچۈن، سىلەرمۇ ھايات بولىسىلەر. 20شۇ ۋاقىت كەلگەندە بىلىسىلەركى، مەن ئاتامدا بولىمەن، سىلەر مەندە بولىسىلەر، مەنمۇ ھەم سىلەردە بولىمەن. 21كىم ئەمرلىرىمنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلسا، مېنى سۆيىدىغان كىشى شۇ بولىدۇ. مېنى سۆيىدىغان كىشىنى ئاتاممۇ سۆيىدۇ، مەنمۇ ئۇنى سۆيىمەن ۋە ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا ئايان قىلىمەن.

22يەھۇدا ئىسىملىك باشقا بىر شاگىرت (يەھۇدا ئىشقارىيوت ئەمەس) ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئى رەببىم، نېمە ئۈچۈن ئۆزىڭىزنى بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئايان قىلماي، بىزگىلا ئايان قىلىسىز؟ _ دەپ سورىدى.

23ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ مېنى سۆيىدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلىدۇ، ئاتاممۇ ئۇنى سۆيىدۇ. ئاتام بىلەن ئىككىمىز مۇنداق كىشىنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ماكان قۇرىمىز. 24مېنى سۆيمەيدىغان كىشى دېگىنىمنى قىلمايدۇ. سىلەر ئاڭلاۋاتقان سۆزلەر مېنىڭ ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكەن ئاتامنىڭكىدۇر. 25مەن سىلەر بىلەن بىللە بولۇۋاتقان چېغىمدا، سىلەرگە بۇلارنى دېدىم. 26لېكىن، ئاتام مېنىڭ نامىم بىلەن ئەۋەتىدىغان ياردەمچى، يەنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس روھى سىلەرگە ھەممىنى ئۆگىتىدۇ ھەم مېنىڭ ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىمنى ئېسىڭلارغا سالىدۇ.

27سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.

28سىلەر مېنىڭ: «مەن سىلەردىن ئايرىلىپ كېتىمەن، كېيىن سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا قايتىپ كېلىمەن» دېگەن سۆزۈمنى ئاڭلىدىڭلار. مېنى سۆيسەڭلار، ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىدىغانلىقىم ئۈچۈن خۇشال بولاتتىڭلار. چۈنكى، ئاتام مەندىن ئۇلۇغدۇر. 29سىلەرنى بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە ماڭا ئىشەنسۇن دەپ، بۇلارنى سىلەردىن ئايرىلىشتىن بۇرۇن ئېيتتىم. 30سىلەر بىلەن سۆزلىشىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى _ شەيتان كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئۇنىڭ مېنى بېسىپ چۈشكۈدەك قۇدرىتى ئەسلا يوقتۇر. 31لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنىڭ ئاتامنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلسۇن دەپ، ئاتام ماڭا ئەمر قىلغان ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن. تۇرۇڭلار، بۇ جايدىن كېتەيلى. 




15

ھەزرىتى ئەيسا _ ئۈزۈم تېلىدۇر

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ ھەقىقىي «ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن، ئاتام خۇدا بولسا باغۋەندۇر. 2باغۋەن مەندىكى مېۋە بەرمەيدىغان ھەربىر شاخنى كېسىپ تاشلايدۇ. مېۋە بەرگەنلىرىنى بولسا تېخىمۇ كۆپ مېۋە بەرسۇن دەپ، پۇتاپ تۇرىدۇ. 3سىلەر پۇتالغان شاخلارغا ئوخشاش بولۇپ، مەن سىلەرگە يەتكۈزگەن سۆزلەر ئارقىلىق ئاللىبۇرۇن پاك بولدۇڭلار. 4سىلەر مەندە بولۇڭلار. مەنمۇ سىلەردە بولىمەن. شاخ تالدا بولماي تۇرۇپ ئۆزلۈكىدىن مېۋە بېرەلمەيدىغىنىدەك، سىلەرمۇ مەندە بولمىساڭلار، مېۋە بېرەلمەيسىلەر.

5«ئۈزۈم تېلى» ئۆزۈمدۇرمەن. سىلەر بولساڭلار شاخلىرىسىلەر. كىم مەندە بولسا، مەنمۇ ئۇنىڭدا بولىمەن. شۇنداق بولغاندا، ئۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. چۈنكى، خۇدا ياقتۇرىدىغان ھەرقانداق ئىشنى مەنسىز قىلالمايسىلەر. 6مەندە بولمىغان كىشى كېرەكسىز شاخلارغا ئوخشاش تاشلىۋېتىلىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ. بۇنداق شاخلار يىغىپ ئوتقا تاشلىنىدۇ.

7سىلەر مەندە بولساڭلار ۋە سۆزلىرىم سىلەردە ساقلانسا، نېمىنى تەلەپ قىلساڭلار، شۇنىڭغا ئېرىشىسىلەر. 8سىلەر كۆپ مېۋە بېرىشىڭلار ئارقىلىق مېنىڭ شاگىرتلىرىم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلايسىلەر. بۇ، ئاتامغا شان-شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 9ئاتام مېنى سۆيگىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى سۆيدۈم، مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولۇڭلار. 10ئەگەر ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭلار، خۇددى مەن ئاتامنىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان ۋە ھەمىشە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدە بولغىنىمدەك، سىلەرمۇ ھەمىشە مېنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىمدە بولىسىلەر.

11بۇلارنى سىلەرگە خۇشاللىقىمدىن بەھرىمەن بولسۇن ۋە خۇشاللىقى تولۇپ تاشسۇن، دەپ ئېيتتىم. 12مېنىڭ ئەمرىم شۇكى، مەن سىلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەندەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. 13ئۆز دوستلىرى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشتىن چوڭقۇر مېھىر-مۇھەببەت يوقتۇر. 14سىلەرگە بۇيرۇغان ئەمرلىرىمنى ئادا قىلساڭلار، مېنىڭ دوستلىرىم بولىسىلەر. 15ئەمدى سىلەرنى «چاكار» دېمەيمەن. چۈنكى، چاكار خوجايىنىنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا سىلەرنى «دوست» دەيمەن، چۈنكى ئاتامدىن ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە يەتكۈزدۈم. 16سىلەر مېنى تاللىغىنىڭلار يوق، ئەكسىچە مەن سىلەرنى تاللىدىم. مەن سىلەرنى مېۋە بەرسۇن ھەمدە مېۋىلىرىڭلار مەڭگۈ ساقلانسۇن، دەپ تەيىنلىدىم. مۇشۇنداق مېۋە بەرگىنىڭلاردا، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامدىن نېمە تىلىسەڭلار، ئاتام شۇنى بېرىدۇ. 17سىلەرگە شۇنى ئەمر قىلىمەنكى، بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار.

ئادەملەرنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا بولغان نەپرىتى

18_ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەردىن ئاۋۋال مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكىنى بىلىڭلار. 19سىلەرمۇ بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىدىن بولغان بولساڭلار، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئۆزىنىڭ دەپ، سۆيگەن بولاتتى. بىراق، مەن سىلەرنى بۇ پانىي دۇنيادىن ئايرىپ تاللىغانلىقىم ئۈچۈن، ئەمدى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەسسىلەر. شۇنىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ. 20مەن سىلەرگە ئېيتقان سۆزنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: «قۇل خوجايىنىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ.» ماڭا زىيانكەشلىك قىلغانلار سىلەرگىمۇ زىيانكەشلىك قىلىدۇ. مېنىڭ سۆزۈمگە ئەمەل قىلغانلار سىلەرنىڭكىگىمۇ ئەمەل قىلىدۇ.

21مېنىڭ نامىم سەۋەبىدىن ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنى ئەۋەتكۈچىنى تونۇمايدۇ. 22ئەگەر مەن كېلىپ ئۇلارغا تەلىم بەرمىگەن بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. لېكىن، ھازىر ئۇلار ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلمىدۇق، دېيەلمەيدۇ. 23ئۇلارنىڭ مەندىن نەپرەتلەنگەنلىكى ئاتامدىنمۇ نەپرەتلەنگەنلىكى بولىدۇ. 24مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا باشقا ھېچكىم قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلمىغان بولسام، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى گۇناھ دەپ قارالمايتتى. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرگەن، شۇنداقتىمۇ يەنە مەندىن ۋە ئاتامدىن نەپرەتلەندى. 25لېكىن بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان: «ھېچقانداق سەۋەبسىزلا مەندىن نەپرەتلەندى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

26مەن سىلەرگە ئاتامنىڭ يېنىدىن ياردەمچى، يەنى ھەقىقەتكە باشلىغۇچى _ مۇقەددەس روھنى ئەۋەتىمەن. ئۇ ئاتامنىڭ يېنىدىن كېلىپ، ماڭا گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 27سىلەرمۇ ماڭا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر، چۈنكى سىلەر باشتىن تارتىپ مەن بىلەن بىللە بولدۇڭلار. 




16

ئېتىقادىڭلار تەۋرەنمىسۇن!

1_ بۇلارنى سىلەرگە ئېتىقادىنى تاشلاپ قويمىسۇن، دەپ ئېيتتىم. 2سىلەر ئىبادەتخانا جامائەتچىلىكىڭلاردىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىلىسىلەر ھەمدە شۇنداق بىر ۋاقىت-سائەتلەر كېلىدۇكى، سىلەرنى ئۆلتۈرىدىغانلار ئۆزلىرىنى خۇداغا خىزمەت قىلىۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدۇ. 3ئۇلار بۇلارنى يا ئاتامنى، يا مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن قىلىدۇ. 4شۇنىڭ ئۈچۈن ئېيتىمەنكى، ئۇلار سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلغاندا، مېنىڭ ئاگاھلاندۇرغانلىقىمنى ئېسىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار.

خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنىڭ ۋەزىپىسى

_ مەن دەسلەپتە بۇلارنى سىلەرگە ئېيتمىدىم، چۈنكى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم. 5لېكىن، ئەمدى مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېتىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئاراڭلاردىن ھېچكىم مەندىن: «نەگە كېتىسىز؟» دەپ سورىمايۋاتىدۇ. 6بۇنىڭ ئورنىغا، سىلەرگە بۇلارنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن، قەلبىڭلار ھەسرەت بىلەن تولدى. 7بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنىڭ كېتىشىم سىلەرگە پايدىلىق. كەتمىسەم، سىلەرگە ياردەمچى كەلمەيدۇ. ئەمما كەتسەم، ئۇنى سىلەرگە ئەۋەتىمەن. 8ئۇ كەلگەندە، بۇ دۇنيادىكى كىشىلەرنى ئۆزلىرىنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكىگە، مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا ۋە ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ بولىدىغانلىقىغا قايىل قىلىدۇ. 9ئۇلار گۇناھكار ئىكەنلىكىگە قايىل بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلمىدى. 10ئۇلار مېنىڭ ھەققانىيلىقىمغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، مەن ھەققانىيمەن ھەم شۇڭا ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىشقا لايىقتۇرمەن. شۇنداق قىلىپ، سىلەر مېنى كۆرەلمەيسىلەر. 11ئۇلار ئاخىرقى زاماندىكى سوئال-سوراقنىڭ چوقۇم بولىدىغانلىقىغا قايىل بولىدۇ. چۈنكى، خۇدا بۇ دۇنيانىڭ ھۆكۈمدارى بولغان شەيتاننى سوراققا تارتتى.

12سىلەرگە ئېيتىدىغان يەنە كۆپ سۆزلىرىم بار ئىدى. بىراق، سىلەر ئۇنىڭغا بەرداشلىق بېرەلمەيسىلەر. 13لېكىن، ھەقىقەتكە باشلىغۇچى _ مۇقەددەس روھ كەلگەندە، سىلەرگە بارلىق ھەقىقەتنى ئۆگىتىدۇ. ئۇ ئۆزلۈكىدىن سۆزلىمەيدۇ؛ ئەكسىچە، ئاتام ئىككىمىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن سۆزلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ. 14ئۇ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزۈپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى ئايان قىلىدۇ. 15ئاتامدا بار بولغاننىڭ ھەممىسى ھەم مېنىڭدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇقەددەس روھ مەندە بار بولغاننى سىلەرگە يەتكۈزىدۇ، دەپ ئېيتتىم.

غەم-قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ

16_ ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر.

17شاگىرتلارنىڭ بەزىلىرى بىر-بىرىگە:

_ بۇ قانداق گەپ؟ ئۇ بىزگە: «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى قايتا كۆرىسىلەر» دەيدۇ. ئۇ يەنە: «چۈنكى، مەن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن» دەيدۇ. 18«ئاز ۋاقىتتىن كېيىن» دېگەن سۆزىنىڭ مەنىسى زادى نېمىدۇ! ئۇنىڭ نېمىلەرنى دەۋاتقانلىرىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.

19ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ سورىماقچى بولغان سوئالىنى بىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ مېنىڭ «ئاز ۋاقىتتىن كېيىن، مېنى كۆرمەيسىلەر. يەنە بىرئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، مېنى كۆرىسىلەر» دېگىنىمنىڭ مەنىسىنى بىر-بىرىڭلاردىن سوراۋاتامسىلەر؟ 20بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر يىغا-زار قىلىپ قايغۇرىسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ. سىلەر بولساڭلار، قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ. 21ئايال تۇغۇتتا ئازابلىنىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ۋاقىت-سائىتى يېتىپ كەلگەن. لېكىن، بوۋىقى تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ خۇشاللىقى بىلەن، تارتقان ئازابىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. 22شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ھازىر ئازابلىنىۋاتىسىلەر، لېكىن مەن سىلەر بىلەن قايتا كۆرۈشىمەن. شۇ چاغدا، قەلبىڭلار خۇشاللىققا چۆمىدۇ. خۇشاللىقىڭلارنى ھېچكىم سىلەردىن تارتىۋالالمايدۇ. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەندىن ھېچ نەرسە سورىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى، مېنىڭ نامىم بىلەن ئاتامنىڭ ئۆزىدىن نېمىنى تىلىسەڭلار، ئۇ شۇنى بېرىدۇ. 24ھازىرغىچە مېنىڭ نامىم بىلەن ھېچنېمە تىلىمىدىڭلار. ئەمدى تىلەڭلار، ئېرىشىسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، خۇشاللىقىڭلار تولۇپ تاشسۇن.

بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش

25_ سىلەرگە بۇلارنى تەمسىللەر بىلەن بىلدۈردۇم. بىراق، شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا تەمسىللەر بىلەن سۆزلىمەيمەن، ئاتام توغرۇلۇق ئوچۇق ئېيتىمەن. 26شۇ كۈنلەر كەلگەندە، تىلەكلىرىڭلارنى مېنىڭ نامىم بىلەن تىلەيسىلەر. مەن سىلەر ئۈچۈن ئاتامدىن تەلەپ قىلىمەن، دېمەكچى ئەمەسمەن. 27بۇنىڭ سەۋەبى، ئاتام ئۆزىمۇ سىلەرنى سۆيىدۇ. چۈنكى، سىلەر مېنى سۆيىسىلەر ۋە مېنى ئاتامنىڭ ئەۋەتكەنلىكىگە ئىشەندىڭلار.

28مەن ئاتامنىڭ يېنىدىن بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن.

29شاگىرتلىرى:

_ ئەمدى تەمسىل كەلتۈرمەي، ئوچۇق ئېيتتىڭىز! 30بىز سىزنىڭ ھەممىنى بىلىدىغانلىقىڭىزنى ئەمدى چۈشەندۇق. چۈنكى، بىز سوئال سورىمىساقمۇ، سىز كۆڭلىمىزدىكىنى بىلىدىكەنسىز. بۇنىڭدىن سىزنىڭ خۇدانىڭ يېنىدىن كەلگەنلىكىڭىزگە ئىشەندۇق، _ دېيىشتى.

31ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ھازىر ئىشەندىڭلار، شۇنداقمۇ؟ 32مانا، شۇنداق ۋاقىت كېلەي دەپ قالدى، شۇنداقلا كېلىپ قالدىكى، ھەممىڭلار مېنى يالغۇز تاشلاپ ئۆز يوللىرىڭلارغا كېتىسىلەر. بىراق، مەن يالغۇز قالمايمەن، چۈنكى ئاتام مەن بىلەن بىللىدۇر. 33بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! 




17

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا دۇئا قىلىشى

1ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، كۆزلىرىنى ئەرشكە تىكىپ مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى ئاتا، مېنىڭ ۋاقىت-سائىتىم يېتىپ كەلدى. سەن ئوغلۇڭنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئايان قىلغىن. بۇنىڭ بىلەن ئوغلۇڭمۇ ئۇلۇغلۇقۇڭنى ئايان قىلسۇن. 2چۈنكى، سەن ئۇنىڭغا پۈتكۈل ئىنسانىيەتتىن ئۈستۈن ھوقۇق ئاتا قىلدىڭ. بۇنىڭ بىلەن، ئۇ سەن ئۇنىڭغا بەرگەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسىگە مەڭگۈلۈك ھايات ئاتا قىلسۇن. 3مەڭگۈلۈك ھايات بولسا ھەقىقىي بىردىنبىر خۇدا _ سېنى ۋە سەن ئەۋەتكەن ئەيسا مەسىھنى تونۇشتۇر. 4مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم. 5ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن.

6سەن بۇ دۇنيادىن ماڭا تاللاپ بەرگەنلەرگە سېنى ئايان قىلدىم. ئۇلار سېنىڭكى ئىدى. ئۇلارنى ماڭا بەردىڭ، ئۇلار سېنىڭ سۆزۈڭگە ئەمەل قىلدى. 7ئۇلار سەن ماڭا بەرگەن ھەممە نەرسىلەرنىڭ سېنىڭدىن كەلگەنلىكىنى ئەمدى بىلدى. 8چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى. 9بۇلارغا دۇئا قىلىمەن. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىگە ئەمەس، بەلكى سەن ماڭا بەرگەن ئادەملەرگە دۇئا قىلىمەن. چۈنكى ئۇلار سېنىڭكىدۇر. 10مېنىڭكى سېنىڭكىدۇر. سېنىڭكى بولسا مېنىڭكىدۇر. مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم ئۇلار ئارقىلىق ئايان بولدى.

11مەن ئەمدى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. ئۇلارنى بۇ دۇنيادا قالدۇرۇپ، سېنىڭ يېنىڭغا كېتىۋاتىمەن. ئى مۇقەددەس ئاتا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىغىن. بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن. 12مەن ئۇلار بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، ئۇلارنىڭ ساڭا بولغان سادىقلىقىنى ساقلىدىم ھەم قوغدىدىم. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ھالاكەت يولىغا ماڭغان كىشىدىن باشقا بىرىمۇ يوقالمىدى. مۇقەددەس يازمىلاردىكى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى توغرۇلۇق ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، مۇشۇنداق بولدى. 13مانا ئەمدى سېنىڭ يېنىڭغا كېتىمەن. ئۇلارنىڭ قەلبىدە مېنىڭ خۇشاللىقىم تولۇپ تاشسۇن دەپ، بۇ سۆزلەرنى دۇنيادىكى ۋاقتىمدا سۆزلىدىم، 14سۆزلىرىڭنى يەتكۈزدۈم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى ئۇلاردىن نەپرەتلەندى، چۈنكى مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. 15ئۇلارنى بۇ دۇنيادىن ئايرىۋەت دەپ ئەمەس، بەلكى شەيتاندىن ساقلا، دەپ تىلەيمەن. 16مەن بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولمىغىنىمدەك، ئۇلارمۇ بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەستۇر. 17ئۇلارنى ھەقىقىتىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە ئاتىغۇزغايسەن، چۈنكى سېنىڭ سۆزلىرىڭ ھەقتۇر. 18سەن مېنى دۇنياغا ئەۋەتكىنىڭدەك، مەنمۇ ئۇلارنى دۇنياغا ئەۋەتتىم. 19ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنى ھەقىقىي ئاتىسۇن دەپ، ئۆزۈمنى ساڭا ئاتايمەن.

20مەن ئۇلار ئۈچۈنلا ئەمەس، يەنە ئۇلارنىڭ يەتكۈزىدىغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىمەن. 21ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر بولسۇن. ئى ئاتا، سەن مەندە، مەن سەندە بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىزدە بولسۇن. شۇ ئارقىلىق، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن، دەپ دۇئا قىلىمەن. 22بىز ئىككىمىز بىر بولغاندەك، ئۇلارمۇ بىر بولسۇن دەپ، سەن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقنى ئۇلارغا ئاتا قىلدىم. 23مەن ئۇلاردا، سەن مەندە؛ بۇ ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈندۇر. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى شۇ ئارقىلىق مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭنى ھەم مېنى سۆيگىنىڭدەك ماڭا ئېتىقاد قىلغانلارنىمۇ سۆيىدىغانلىقىڭنى بىلسۇن.

24ئى ئاتا، سەن ماڭا بەرگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مەن بىلەن بىر يەردە بولۇشىنى ھەم ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىمەن. بۇ، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن، مېنى سۆيگەنلىكىڭ ئۈچۈن ماڭا بەرگەن ئۇلۇغلۇقتۇر. 25ئى ئادىل ئاتا، بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سېنى تونۇمايدۇ، ئەمما مەن سېنى تونۇيمەن. شاگىرتلىرىممۇ مېنى سېنىڭ ئەۋەتكەنلىكىڭنى بىلىدۇ. 26مەن سېنى ئۇلارغا ئايان قىلدىم، يەنە داۋاملىق ئايان قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ماڭا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىڭ ئۇلاردا بولسۇن، ھەم مەنمۇ ئۇلاردا بولاي. 




18

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى

1ھەزرىتى ئەيسا بۇ دۇئانى قىلغاندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بىلەن بىللە تاشقىرىغا چىقىپ، يېرۇسالېمنىڭ سىرتىدىكى كىدرون ۋادىسىنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتتى. ئۇ يەردە بىر باغچە بار ئىدى. ھەزرىتى ئەيسا بىلەن شاگىرتلىرى ئۇ باغچىگە كىردى. 2ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدامۇ ئۇ يەرنى بىلەتتى، چۈنكى ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن پات-پات ئۇ يەردە جەم بولاتتى. 3شۇنداق قىلىپ، يەھۇدا بىر قىسىم رىم لەشكەرلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار ۋە پەرىسىيلەر ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىنى باشلاپ بۇ يەرگە كەلدى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا پانۇس، مەشئەل ۋە قوراللار بار ئىدى. 4ھەزرىتى ئەيسا بېشىغا كېلىدىغانلارنىڭ ھەممىسىنى بىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىپ:

_ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

5_ ناسىرەلىك ئەيسانى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ مانا مەن شۇ، _ دېدى.

ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدامۇ ئۇلارنىڭ قاتارىدا تۇراتتى. 6ھەزرىتى ئەيسا: «مانا مەن شۇ» دېيىشىگىلا، ئۇلار ئارقىلىرىغا يېنىپ يەرگە يىقىلىشتى. 7ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن يەنە بىر قېتىم:

_ كىمنى ئىزدەيسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

_ ناسىرەلىك ئەيسانى، _ دېيىشتى ئۇلار.

8_ سىلەرگە ئېيتتىمغۇ، مانا مەن شۇ. ئەگەر مېنىلا ئىزدىگەن بولساڭلار، بۇلارنى تۇتماڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

9بۇنىڭ بىلەن، ئۆزىنىڭ: «ئاتا، سەن ماڭا بەرگەنلەردىن ھېچقايسىسىنى يوقاتمىدىم» دېگەن سۆزى ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلاندى.

10سىمۇن پېترۇس يېنىدىكى قىلىچنى قولىغا ئېلىپ، باش روھانىينىڭ مالكۇس ئىسىملىك چاكىرىغا ئۇردى. قىلىچ چاكارنىڭ ئوڭ قۇلىقىغا تېگىپ، ئۇنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. 11ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا:

_ قىلىچنى غىلىپىڭغا سال! مېنى ئاتام ئەمر قىلغان بۇ ئازاب قەدىھىنى ئىچمەيدۇ دەمسەن؟ _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىشى

12شۇنىڭ بىلەن، لەشكەر توپى بىلەن قوماندانى ھەم يەھۇدىيلار ئەۋەتكەن ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى تۇتۇپ باغلاشتى. 13ئاندىن، ئۇنى ئالدى بىلەن شۇ يىلى باش روھانىي بولۇپ تۇرغان قاياپانىڭ قېيناتىسى ھانناننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. 14بۇرۇن يەھۇدىي ئاقساقاللىرىغا: «پۈتۈن خەلقنىڭ ھالاك بولۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرلا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ئەۋزەل» دېگەن كىشى دەل شۇ قاياپا ئىدى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن تېنىشى

15سىمۇن پېترۇس بىلەن يەنە بىر شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭغانىدى. ئۇ شاگىرت باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن باش روھانىينىڭ ھويلىسىغا كىرەلىدى. 16سىمۇن پېترۇس بولسا تاشقىرىدا، دەرۋازىنىڭ يېنىدا قالدى. شۇڭا، باش روھانىينىڭ تونۇشى بولغان شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، دەرۋازىۋەن قىز بىلەن سۆزلىشىپ، پېترۇسنى ئىچكىرىگە باشلاپ كىردى. 17دەرۋازىۋەن قىز پېترۇستىن:

_ سىزمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ياق، مەن ئەمەس، _ دېدى پېترۇس.

18ھاۋا سوغۇق بولغانلىقى ئۈچۈن، باش روھانىينىڭ چاكارلىرى ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان گۈلخاننىڭ چۆرىسىدە ئىسسىنىپ تۇرۇشاتتى. پېترۇسمۇ ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ ئوتقا قاقلاندى.

باش روھانىينىڭ ھەزرىتى ئەيسانى سوراق قىلىشى

19باش روھانىي ھەزرىتى ئەيسادىن شاگىرتلىرىنى ۋە ئۇنىڭ تەلىم بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك سوئاللارنى سورىدى. 20ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم. 21بۇلارنى نېمىشقا مەندىن سورايسىز؟ سۆزلىرىمنى ئاڭلىغانلاردىن سوراڭ، ئۇلار نېمە دېگەنلىكىمنى بىلىدۇ.

22ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندا، يېنىدا تۇرغان ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرىدىن بىرى ئۇنى بىر كاچات ئۇرۇپ:

_ باش روھانىيغا مۇشۇنداق جاۋاب قايتۇرامسەن؟ _ دېدى.

23_ ئەگەر خاتا گەپ قىلغان بولسام، بۇنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا كۆرسەت. ئەمما، ئېيتقانلىرىم توغرا تۇرسا، مېنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

24بۇنىڭ بىلەن، ھاننان ئۇنى باغلاقلىق پېتى باش روھانىي قاياپاغا يوللىدى.

پېترۇسنىڭ ھەزرىتى ئەيسادىن قايتا-قايتا تېنىشى

25سىمۇن پېترۇس ئوتنىڭ ئالدىدا ئىسسىنىپ تۇرۇۋاتقاندا، باشقىلار:

_ سەنمۇ ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن ئەمەسمۇ؟ _ دېيىشتى.

_ ياق، مەن ئەمەس، _ دەپ تاندى پېترۇس.

26ئۇ يەردە باش روھانىينىڭ چاكارلىرىدىن بىرى، يەنى پېترۇس قۇلىقىنى چېپىپ تاشلىغان ئادەمنىڭ تۇغقىنىمۇ بار ئىدى. ئۇ پېترۇسقا:

_ باغچىدە سېنى ئەيسا بىلەن بىللە كۆردۈمغۇ! _ دېدى.

27پېترۇس يەنە تاندى. دەل شۇ چاغدا، خوراز چىللىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ۋالىي پىلاتۇس ئالدىدا سوراق قىلىنىشى

28تاڭ يورۇغاندا، ھەزرىتى ئەيسا قاياپانىڭ يېنىدىن رىملىق ۋالىي پىلاتۇسنىڭ ئوردىسىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇنى ئېلىپ كەلگەن يەھۇدىي ئاقساقاللىرى بولسا ئۆزىمىزنىڭ ئېتىقادىنى بۇلغىۋالمايلى دەپ، ئوردىغا كىرمەي، سىرتتا ساقلاپ تۇراتتى. بولمىسا ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ داستىخىنىغا جەم بولالمايتتى.

29شۇڭا، ۋالىي پىلاتۇس تاشقىرىغا چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن نېمە ئىش توغرۇلۇق ئەرز قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

30ئۇلار:

_ بۇ ئادەم يامان ئىش قىلمىغان بولسا، ئۇنى سىزگە تاپشۇرمىغان بولاتتۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

31_ ئۇنى ئۆزۈڭلار ئېلىپ كېتىپ، ئۆز قانۇنۇڭلار بويىچە سوراڭلار، _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا.

ئۇلار:

_ بىزنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىمىز يوق تۇرسا، _ دېيىشتى.

32ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىنىڭ قانداق ئۆلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئالدىن ئېيتقىنىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن، بۇ ئىشلار يۈز بەردى.

33ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسانى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

34ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ بۇ سوئالنى ئۆزىڭىز قويۇۋاتامسىز ياكى باشقىلار مەن توغرۇلۇق سىزگە شۇنداق ئېيتقانمۇ؟ _ دېدى.

35_ مەن يا يەھۇدىي بولمىسام مۇنداق سوئاللارنى سورايدىغان! سېنى ماڭا تاپشۇرغانلار ئۆز خەلقىڭ ۋە ئالىي روھانىيلارغۇ! نېمە جىنايەت ئۆتكۈزگەنىدىڭ؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس.

36_ مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولسىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىققا ئوخشىمايدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

37_ دېمەك سەن بىر پادىشاھ، شۇنداقمۇ؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس.

_ ئېيتقىنىڭىزدەك، مەن پادىشاھ، مەن ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم، ھەقىقەتتە تۇرىدىغان كىشىلەر مېنىڭ سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

38ۋالىي پىلاتۇس ئۇنىڭدىن:

_ «ھەقىقەت» دېگەن نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

ۋالىي پىلاتۇس بۇنداق دەپ سورىغاندىن كېيىن، يەنە تاشقىرىغا چىقىپ يەھۇدىيلارغا:

_ مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم. 39لېكىن، سىلەرنىڭ ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يەھۇدىي مەھبۇسلاردىن بىرنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىش ئادىتىڭلار بار. شۇڭا، ئەگەر خالىساڭلار، بۇ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى»نى قويۇپ بېرەي؟ _ دېدى.

40ئۇلار يەنە:

_ بۇ ئادەمنى ئەمەس، بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى. (بارابباس بىر قاراقچى ئىدى.) 




19

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىشى

1بۇنىڭ بىلەن، ۋالىي پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قامچىلاتتى. 2لەشكەرلەر تىكەن شاخلىرىنى ئۆرۈپ، بىر تاج ياساپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا كىيدۈرۈشتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا شاھانە سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى. 3ئۇلار يەنە ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ:

_ ياشىسۇن يەھۇدىيلارنىڭ «پادىشاھى»! _ دەپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنى كاچاتلاشتى.

4ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا:

_ دىققەت! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقىمەن، _ دېدى.

5بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا بېشىدىكى تىكەنلىك تاج ۋە ئۇچىسىدىكى سۆسۈن رەڭلىك تون بىلەن تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلدى. ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا:

_ مانا، ئۇ ئادەم! _ دېدى.

6ئالىي روھانىيلار ۋە ئىبادەتخانا قاراۋۇللىرى ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ، كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ ۋارقىراشتى.

_ ئۇنى ئۆزۈڭلار مىخلاڭلار! مەن ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىدىم! _ دېدى پىلاتۇس.

7يەھۇدىيلار مۇنداق دېيىشتى:

_ بىزدە شۇنداق بىر قانۇن بار. شۇ قانۇنغا ئاساسەن، ئۇ ئۆزىنى خۇدانىڭ ئوغلى دەپ ئاتىغانلىقى ئۈچۈن، ئۆلتۈرۈلۈشكە تېگىشلىك.

8ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزنى ئاڭلاپ تېخىمۇ قورقۇپ، 9يەنە ئوردىسىغا كىرىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ سەن زادى قەيەردىن كەلگەن؟ _ دەپ سورىدى.

ھەزرىتى ئەيسا جاۋاب بەرمىدى.

10_ سەن ماڭا گەپ قىلمامسەن؟ سېنى قويۇپ بېرىشكە ھوقۇقۇم بولغىنىدەك، كرېستكە مىخلاشقىمۇ ھوقۇقۇم بارلىقىنى بىلمەمسەن؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس.

11_ سىزگە ئەرشتىن بېرىلمىگەن بولسا، ماڭا نىسبەتەن ھېچقانداق ھوقۇقىڭىز بولمىغان بولاتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنى سىزگە تاپشۇرۇپ بەرگەن ئادەمنىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىردۇر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

12شۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس ھەزرىتى ئەيسانى قويۇۋەتمەكچى بولدى، لېكىن يەھۇدىيلار:

_ بۇ ئادەمنى قويۇۋەتسىڭىز، رىم ئىمپېراتورىنىڭ دوستى بولمىغان بولىسىز! كىم ئۆزىنى پادىشاھ دېسە، ئۇ كىشى ئىمپېراتورغا قارشى چىققان بولىدۇ! _ دەپ چۇقان سېلىشتى.

13ۋالىي پىلاتۇس بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى تاشقىرىغا چىقاردى ۋە «تاش ياتقۇزۇلغان ھويلا» (ئارامىي تىلىدا «غابباتا») دېگەن يەردىكى ھۆكۈم چىقىرىش ئورنىدا ئولتۇردى.

14ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى بولۇپ، سائەت ئون ئىككىگە ئاز قالغانىدى. ۋالىي پىلاتۇس يەھۇدىيلارغا:

_ مانا بۇ سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار! _ دېدى.

15_ يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار.

_ مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ _ دېدى ۋالىي پىلاتۇس.

ئالىي روھانىيلار:

_ رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! _ دەپ توۋلاشتى.

16بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستكە مىخلىنىشقا تاپشۇرۇلدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستكە مىخلىنىشى

17لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، «باش سۆڭەك» (ئارامىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. 18ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە كرېستكە مىخلاپ، كرېستنى تىكلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى جىنايەتچى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مىخلاندى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستى ئىككى جىنايەتچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەنگەنىدى.

19ۋالىي پىلاتۇس تاختىغا «ناسىرەلىك ئەيسا _ يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يېزىپ، كرېستكە ئاستۇرۇپ قويدى. 20تاختىدىكى سۆزلەر ئىبرانىيچە، لاتىنچە ۋە گرېكچە ئۈچ خىل يېزىقتا يېزىلغانلىقى ھەمدە ھەزرىتى ئەيسا مىخلانغان يەر شەھەرگە يېقىن بولغانلىقى ئۈچۈن، نۇرغۇن يەھۇدىيلار تاختىدىكى سۆزلەرنى ئوقۇغانىدى. 21شۇڭا، يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي روھانىيلىرى ۋالىي پىلاتۇسقا:

_ «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ يازماڭ. ئۆزىنى «مەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى دېگەن» دەپ يېزىڭ، _ دېيىشتى.

22بىراق، ۋالىي پىلاتۇس ئۇلارغا:

_ يازىدىغىنىمنى يازدىم! _ دېدى.

23لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى كرېستكە مىخلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى ئېلىپ، تۆتكە بۆلۈپ، ھەربىرى بىر ئۈلۈشتىن ئېلىشتى. تونىنىڭ ئىچىدىكى ئۇزۇن كۆڭلەكنىمۇ ئېلىشتى. بۇ كۆڭلەك تىكىلمىگەن بولۇپ، ئۈستىدىن ئاستىغا بىر يۈرۈش توقۇلغانىدى. 24شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بىر-بىرىگە:

_ بۇنى يىرتماي، چەك تارتىشايلى، كىمگە چىقسا شۇ ئالسۇن، _ دېيىشتى.

بۇنىڭ بىلەن، مۇقەددەس يازمىلاردىكى مۇنۇ سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

«تونۇمنى بۆلۈشتى ئۇلار،

كۆڭلىكىم ئۈچۈن تارتىشتى چەكلەر.»

دەرۋەقە، لەشكەرلەر شۇنداق قىلىشتى.

25ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستىنىڭ يېنىدا ئانىسى، ئانىسىنىڭ سىڭلىسى، كلوپانىڭ ئايالى مەريەم ۋە مەجدەللىك مەريەملەر تۇراتتى. 26ھەزرىتى ئەيسا ئانىسى بىلەن ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ بىرگە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، ئانىسىغا:

_ ئانا، بۇ سىزنىڭ ئوغلىڭىز بولسۇن، _ دېدى.

27كېيىن، شاگىرتىغا:

_ بۇ سېنىڭ ئاناڭ بولسۇن، _ دېدى.

شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇ شاگىرتى مەريەمنى ئۆزىنىڭ ئۆيىدە تۇرغۇزدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمى

28ھەزرىتى ئەيسا ھەممە ئىشلىرىنىڭ تاماملانغانلىقىنى بىلدى. ئاندىن:

_ ئۇسسىدىم! _ دېدى.

بۇنىڭ بىلەن مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.

29ئۇ يەردە ئەرزان ئۈزۈم شارابى بىلەن تولدۇرۇلغان بىر كۈپ بار ئىدى. ئۇلار ئۈزۈم شارابىغا چىلانغان بىر پارچە بۇلۇتنى لېپەكگۈل غولىغا باغلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاغزىغا ئۇزاتتى. 30ھەزرىتى ئەيسا ئۈزۈم شارابىنى تېتىغاندىن كېيىن:

_ تامام بولدى! _ دېدى-دە، بېشىنى تۆۋەن چۈشۈرۈپ، جان بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بىقىنىغا نەيزە سانجىلىشى

31ئۇ كۈنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ھارپىسى ئىدى. بۇ ھېيت دەم ئېلىش كۈنىگە توغرا كەلگەنىدى. يەھۇدىيلار كرېستكە مىخلانغانلارنىڭ جەسىتىنى دەم ئېلىش كۈنىدە كرېستتە قالدۇرۇشنى توغرا تاپمايتتى. شۇڭا، يەھۇدىي ئاقساقاللىرى جەسەتلەرنى كرېستتىن ئېلىۋېتىش مەقسىتىدە، ۋالىي پىلاتۇستىن مىخلانغانلارنىڭ تېزرەك ئۆلۈشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى.

32شۇنىڭ بىلەن، لەشكەرلەر بېرىپ ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە كرېستكە مىخلانغان ھېلىقى ئىككى ئادەمنىڭ پۇتلىرىنى چېقىۋەتتى. 33لېكىن، ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. 34بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.

35سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 3637بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە سانجىغان ئادەمگە قارىشىپ قالىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ دەپنە قىلىنىشى

38بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئاراماتىيالىق يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانى دەپنە قىلىش ئۈچۈن، ۋالىي پىلاتۇستىن ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىپ كېتىشنى تەلەپ قىلدى. (يۈسۈپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئەگەشكۈچىسى ئىدى. لېكىن، يەھۇدىي ئاقساقاللىرىدىن قورققىنىدىن بۇنى مەخپىي تۇتاتتى.) ۋالىي پىلاتۇس رۇخسەت بەرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ بېرىپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتتى. 39بۇرۇن بىر كېچىسى ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن نىكودىممۇ جەسەتكە چاچىدىغان سەبرە ئارىلاش مۇرمەككى دېگەن دورا-دەرماندىن ئوتتۇز نەچچە كىلو ئېلىپ، يۈسۈپ بىلەن بىللە كەلدى. 40ئىككىيلەن ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتىنى يەھۇدىيلارنىڭ دەپنە قىلىش ئادىتى بويىچە دورا-دەرمانلارنى چېچىپ، كەندىر رەخت بىلەن ئوراپ كېپەنلىدى. 41ھەزرىتى ئەيسا كرېستكە مىخلانغان يەردە بىر باغ بولۇپ، باغنىڭ ئىچىدە تېخى ھېچكىم قويۇلمىغان يېڭى بىر ئۆڭكۈر يەرلىك بار ئىدى. 42بۇ كۈن ھېيتنىڭ ھارپىسى ھەم بۇ يەرلىك يېقىن جايدا بولغانلىقى سەۋەبىدىن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانى شۇ يەرگە دەپنە قىلدى. 




20

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلىشى

1يەكشەنبە كۈنى تاڭ تېخى يورۇمىغاندا، مەجدەللىك مەريەم ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەرلىكىگە باردى ۋە ئۆڭكۈرنىڭ ئاغزىدىكى تاشنىڭ ئېلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. 2ئۇ يۈگۈرگەن پېتى سىمۇن پېترۇس ۋە ھەزرىتى ئەيسا ياخشى كۆرىدىغان ھېلىقى شاگىرتنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلارغا:

_ رەببىمىزنى يەرلىكىدىن ئېلىۋېتىپتۇ، قەيەرگە قويغانلىقىنى بىلمىدۇق! _ دېدى.

3پېترۇس بىلەن ھېلىقى شاگىرت تاشقىرىغا چىقىپ، يەرلىككە قاراپ يول ئالدى. 4ئىككىيلەن بىللە يۈگۈرۈشۈپ ماڭدى، لېكىن ھېلىقى شاگىرت پېترۇستىن تېز يۈگۈرۈپ، يەرلىككە بىرىنچى بولۇپ يېتىپ باردى. 5ئۇ ئېڭىشىپ ئىچىگە قاراپ، كەندىر كېپەننىڭ ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغانلىقىنى كۆردى، لېكىن ئىچكىرىگە كىرمىدى. 6كەينىدىن سىمۇن پېترۇس يېتىپ كېلىپ يەرلىككە كىردى ۋە ئۇ يەردە يېيىقلىق تۇرغان كېپەننى كۆردى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ بېشىغا چىگىلگەن ياغلىقنىمۇ كۆردى. ياغلىق كېپەن بىلەن بىر يەردە ئەمەس، بەلكى ئايرىم يەردە يۆگەكلىك تۇراتتى.

8ئاندىن، يەرلىككە ئاۋۋال كەلگەن شاگىرتمۇ يەرلىكنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئەھۋالنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تىرىلگەنلىكىگە ئىشەندى. 9شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ قايتا تىرىلىشى كېرەكلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغان سۆزلەرنى تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى. 10شۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىيلەن ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايغا قايتىشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ مەجدەللىك مەريەمگە كۆرۈنۈشى

11مەريەم بولسا يەرلىكنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ يىغلاۋاتاتتى. ئۇ يىغلاپ تۇرۇپ يەرلىكنىڭ ئىچىگە ئېڭىشىپ قارىۋىدى، 12ئاق كىيىم كىيگەن ئىككى پەرىشتىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ بىرى ھەزرىتى ئەيسانىڭ جەسىتى قويۇلغان يەرنىڭ باش تەرىپىدە، يەنە بىرى ئاياغ تەرىپىدە ئولتۇراتتى.

13ئۇلار مەريەمدىن:

_ خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز؟ _ دەپ سورىدى.

_ رەببىمنى ئېلىپ كېتىپتۇ، ئۇنى نەگە قويغانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىمەن، _ دېدى مەريەم.

14ئۇ شۇ گەپنى قىلىپلا كەينىگە قارىۋىدى، بىرىنىڭ ئۇ يەردە تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇ دەل ھەزرىتى ئەيسا ئىدى. لېكىن، ئۇ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلەلمىدى.

15_ خانىم، نېمىشقا يىغلايسىز، كىمنى ئىزدەيسىز؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

مەريەم ئۇنى باغۋەن دەپ ئويلاپ:

_ تەقسىر، ئەگەر ئۇنى سىز يۆتكىۋەتكەن بولسىڭىز، قەيەرگە قويغانلىقىڭىزنى ئېيتىپ بەرگەيسىز. مەن ئۇنى ئېلىپ كەلسەم، _ دېدى.

16_ مەريەم! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

مەريەم بۇرۇلۇپلا، ئىبرانىي تىلىدا:

_ راببونى! _ دېدى. (بۇ سۆز «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە.)

17_ ماڭا ئېسىلماڭ! چۈنكى، مەن تېخى ئاتامنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقمىدىم. بېرىپ قېرىنداشلىرىمغا ئېيتىڭ: «سىلەرنىڭمۇ ئاتاڭلار بولغان ئاتامنىڭ، يەنى خۇدايىڭلار بولغان خۇدايىمنىڭ يېنىغا قايتىپ چىقىمەن!» _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

18شۇنىڭ بىلەن، مەجدەللىك مەريەم شاگىرتلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا:

_ رەببىمىزنى كۆردۈم! _ دېدى. ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ بەردى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىغا كۆرۈنۈشى

19شۇ يەكشەنبە كۈنى كەچتە، شاگىرتلار جەم بولغان يېرىدە يەھۇدىيلاردىن قورققانلىقىدىن ئۆينىڭ ئىشىكلىرىنى تاقىۋەتكەنىدى. شۇ پەيتتە، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا پەيدا بولۇپ، ئۆرە تۇرغان ھالدا ئۇلارغا:

_ ئامان بولۇڭلار! _ دېدى 20ۋە ئارقىدىنلا قوللىرى ۋە بىقىنىنى ئۇلارغا كۆرسەتتى. شاگىرتلار رەببىنى كۆرگىنىدىن قىن-قىنىغا پاتماي خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. 21ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ ئامان بولۇڭلار! ئاتام مېنى ئەۋەتكىنىدەك، مەنمۇ سىلەرنى ئەۋەتىمەن، _ دېدى.

22بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇلارغا بىر پۈۋلەپ:

_ خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىغا مۇيەسسەر بولۇڭلار. 23كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ! كىمنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلمىساڭلار، ئۇنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنمايدۇ!* _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ توماسقا كۆرۈنۈشى

24ئون ئىككى شاگىرتتىن بىرى، يەنى «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس ھەزرىتى ئەيسا كەلگەندە ئۇلارنىڭ يېنىدا ئەمەس ئىدى. 25كېيىن، ئۇلار ئۇنىڭغا:

_ بىز رەببىمىزنى كۆردۇق! _ دېيىشتى. لېكىن توماس:

_ ئۇنىڭ قوللىرىدا مىخنىڭ ئىزىنى كۆرمىگۈچە، مىخلارنىڭ ئىزىغا ئۆز بارمىقىمنى ۋە بىقىنىغا ئۆز قولۇمنى تەگكۈزۈپ باقمىغۇچە، ھەرگىز ئىشەنمەيمەن، _ دېدى.

26بىر ھەپتىدىن كېيىن، شاگىرتلار يەنە شۇ ئۆيدە جەم بولغان بولۇپ، توماسمۇ ئۇلار بىلەن بىللە ئىدى. ئىشىكلەر تاقاقلىق بولسىمۇ، ھەزرىتى ئەيسا كىرىپ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ:

_ ئامان بولۇڭلار! _ دېدى. 27ئاندىن، توماسقا:

_ بارمىقىڭنى بۇ يەرگە تەگكۈزۈپ، قوللىرىمغا قارا. قولۇڭنى ئۇزىتىپ، بىقىنىمغا تەگكۈزۈپ باق. گۇمان قىلماي، ماڭا ئىشەن! _ دېدى.

28_ سەن مېنىڭ رەببىم ھەم خۇدايىمسەن! _ دېدى توماس ئۇنىڭغا جاۋابەن.

29ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مېنى كۆرگەنلىكىڭ ئۈچۈن ئىشەندىڭمۇ؟ كۆرمەي تۇرۇپ ئىشەنگەنلەر نەقەدەر بەختلىك-ھە! _ دېدى.

بۇ كىتابتىن مەقسەت

30ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنىڭ ئالدىدا، بۇ كىتابتا يېزىلمىغان باشقا نۇرغۇن مۆجىزىلەرنىمۇ كۆرسەتتى. 31بۇ خاتىرىلەر سىلەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىگە ئىشەنسۇن ھەم بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭغا باغلىنىپ ھاياتلىققا ئېرىشسۇن، دەپ يېزىلدى.



*23بۇ، ئەلچىلەرنىڭ كىشىلەرنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقى بار، دېگەنلىك ئەمەس. پەقەت خۇدالا گۇناھنى كەچۈرۈم قىلالايدۇ. بۇ يەردە ئەلچىلەرگە ھەزرىتى ئەيساغا ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنغانلىقىنى جاكارلاش ئىمتىيازى بېرىلگەنلىكى شەرھلەنگەن.



 

21

ھەزرىتى ئەيسانىڭ يەتتە شاگىرتىغا كۆرۈنۈشى

1بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا تىبېرىيە كۆلىنىڭ بويىدا شاگىرتلىرىغا يەنە بىر قېتىم كۆرۈندى. بۇ قېتىمقى كۆرۈنۈشنىڭ جەريانى مۇنداق بولدى: 2سىمۇن پېترۇس، «قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس، جەلىلىيىدىكى كانالىق ناتانيەل، زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقا ئىككى شاگىرت بىللە ئىدى. 3سىمۇن پېترۇس:

_ مەن بېلىق تۇتقىلى بارىمەن، _ دېدى.

كۆپچىلىك:

_ بىزمۇ سەن بىلەن بىللە بارىمىز، _ دېيىشتى.

ئۇلار تاشقىرىغا چىقىپ، كېمىگە ئولتۇردى، لېكىن كېچىچە ھېچ نەرسە تۇتالمىدى. 4تاڭ ئاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا سۇ بويىدا تۇراتتى، بىراق شاگىرتلار ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى بىلمىدى. 5ھەزرىتى ئەيسا:

_ بالىلار، سىلەردە بېلىق يوقمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ يوق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

6_ تورنى كېمىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە تاشلاڭلار، ئاندىن تۇتالايسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ئۇلار تورنى شۇ ياققا تاشلاپ، شۇنداق كۆپ بېلىق تۇتتىكى، ھەتتا تورنى تارتىپ چىقىرالماي قالدى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرگەن شاگىرتى پېترۇسقا:

_ بۇ رەببىمىزغۇ! _ دېدى.

سىمۇن پېترۇس ئۇنىڭ ھەزرىتى ئەيسا ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ، سېلىۋەتكەن چاپىنىنى كىيىپ، سۇغا سەكرىدى. 8قالغانلار قىرغاقتىن ئانچە يىراق ئەمەس، تەخمىنەن يۈز مېتىرچە يىراقلىقتا بولۇپ، بېلىق بىلەن تولغان تورنى كېمە بىلەن تارتىپ قىرغاققا كەلدى. 9ئۇلار قىرغاققا چىققاندا، ياغاچ كۆمۈردىن يېقىلغان، ئۈستىدە بېلىق بار گۈلخاننى ۋە ناننى كۆردى. 10ھەزرىتى ئەيسا:

_ ئەمدى تۇتقان بېلىقىڭلاردىن ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

11سىمۇن پېترۇس كېمىگە چىقىپ، تورنى قىرغاققا تارتىپ چىقاردى. تور چوڭ بېلىقلار بىلەن تولغان بولۇپ، جەمئىي بىر يۈز ئەللىك ئۈچ بېلىق بار ئىدى. بېلىق شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، تور يىرتىلمىغانىدى. 12ھەزرىتى ئەيسا:

_ كېلىڭلار، تاماق يەڭلار، _ دېدى. شاگىرتلارنىڭ ئىچىدە بىرەرسىمۇ ئۇنىڭدىن:

_ سىز كىم بولىسىز؟ _ دەپ سوراشقا پېتىنالمىدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆزلىرىنىڭ رەببى ئىكەنلىكىنى بىلدى. 13ھەزرىتى ئەيسا نان بىلەن بېلىقنى ئەكېلىپ ئۇلارغا بەردى. 14مانا بۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىپ، شاگىرتلىرىغا ئۈچىنچى قېتىمقى كۆرۈنۈشى ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ پېترۇس بىلەن سۆزلىشىشى

15تاماقتىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا سىمۇن پېترۇستىن:

_ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، سەن مېنى بۇلاردىنمۇ چوڭقۇر سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى سىز بىلىسىز! _ دېدى پېترۇس.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئۇنداقتا، قوزىلىرىمنى ئوتلات! _ دېدى.

16ئىككىنچى قېتىم يەنە ئۇنىڭدىن:

_ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

پېترۇس يەنە:

_ شۇنداق، رەببىم، مېنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلىسىز، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى باق، _ دېدى.

17ئۈچىنچى قېتىم يەنە:

_ يۇھاننا ئوغلى سىمۇن، مېنى سۆيەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ سوئالنى ئۈچ قېتىم سورىغانلىقىغا كۆڭلى بىر قىسما بولۇپ:

_ رەببىم، سىز ھەممىنى بىلىسىز، سىزنى سۆيىدىغانلىقىمنىمۇ بىلىسىز، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ ئۇنداقتا، قويلىرىمنى ئوتلات. 18بىلىپ قويغىنكى، ياش ۋاقتىڭدا ئۆز بەلبېغىڭنى ئۆزۈڭ باغلاپ، خالىغان يېرىڭگە كېتەتتىڭ، لېكىن ياشانغاندا، قوللىرىڭنى ئۇزىتىپ بېرىسەن. باشقىلار سېنى باغلاپ، سەن خالىمايدىغان يەرگە ئېلىپ كېتىدۇ، _ دېدى.

19ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى پېترۇسنىڭ قانداق ئۆلۈش ئارقىلىق خۇداغا شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئېيتتى. ئاندىن، ئۇنىڭغا يەنە:

_ ماڭا ئەگىشىۋەر، _ دېدى.

20پېترۇس كەينىگە بۇرۇلۇپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ياخشى كۆرىدىغان شاگىرتىنىڭ ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. (بۇ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئاخىرقى كەچلىك تامىقىدا ئۇنىڭغا يېقىن ئولتۇرۇپ: «ئى رەببىم، سىزنى تۇتۇپ بەرمەكچى بولغان كىمدۇ؟» دەپ سورىغان شاگىرت ئىدى.) 21پېترۇس ئۇنى كۆرۈپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئى رەببىم، بۇ ئادەم كەلگۈسىدە قانداق بولار؟ _ دەپ سورىدى.

22_ ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟! ماڭا ئەگىشىۋەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا.

23بۇنىڭ بىلەن، قېرىنداشلار ئارىسىدا ھېلىقى شاگىرتنىڭ ئۆلمەيدىغانلىقىغا دائىر گەپ تارقالدى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسقا: «ئۇ ئۆلمەيدۇ» دېمىگەنىدى. پەقەت: «ئەگەر مەن قايتا كەلگۈچە ئۇنىڭ ھايات بولۇشىنى خالىسام، بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى بار؟» دېگەنىدى.

خاتىمە

24بۇ ئىشلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ھەمدە بۇ ئىشلارنى خاتىرىلىگۈچى ئەنە شۇ شاگىرتتۇر. بىزمۇ بىلىمىزكى، ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر.

25ھەزرىتى ئەيسا بۇلاردىن باشقا نۇرغۇن ئىشلارنىمۇ قىلغانىدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئايرىم-ئايرىم يېزىلغان بولسا، مېنىڭچە كىتابلار پۈتۈن دۇنياغا سىغمايتتى!