«يەشايا»


1

1يەھۇدىيە پادىشاھلىرى ئۇززىيا، يوتەم، ئاخاز ۋە خىزكىيا زامانىلىرىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا تۆۋەندىكى ۋەھىيلەر كەلدى.

ئاسىي خەلق

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا،

قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن،

بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.

3ئۆكۈز ئىگىسىنى تونۇيدۇ، ئېشەك ئوقۇرىنى بىلىدۇ،

بىراق ئىسرائىللار مېنى تونۇمايدۇ،

خەلقىم مېنىڭ ئۆزلىرىگە غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىمنى چۈشەنمەيدۇ!»

4ئەي گۇناھكار قوۋم، رەزىللىككە پاتقان خەلق،

قەبىھلەرنىڭ پۇشتى، ساختىلىققا تولغان ئەل!

بۇ خەلق پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈدى،

ئۇلار ئۆزلىرىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى كۆزگە ئىلمىدى،

ئۇلار ئۇنى تاشلىۋەتتى.

5نېمىدېگەن تاياق قېپى خەلقسىلەر؟

نېمە ئۈچۈن قارشىلىشىشنى توختاتمايسىلەر؟

باشلار يارىلانغان، يۈرەكلەر مادارىدىن كەتكەن.

6بېشىدىن ئايىغىغىچە بىرمۇ ساق يېرى يوق،

ھەممە يەر يارا، كۆك ئىزلىرى ۋە قان ئېقىپ تۇرغان جاراھەت،

ئۇلار نە تازىلانمىغان، نە تېڭىلمىغان، نە مەلھەم سۈرتۈلمىگەن.

7ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن.

ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى.

زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.

8غېرىبانە سىئون* يالغۇز قالدى،

ئۇ ئۈزۈمزارلىقتىكى يېگانە چەللىگە،

قوغۇنلۇقتىكى ئەسكى كەپىگە

ۋە مۇھاسىرىگە ئېلىنغان شەھەرگە ئوخشاش يالغۇز قالدى.

9ئەگەر قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاز بىر قىسمىمىزنى ئامان قالدۇرمىغان بولسا ئىدى،

بىز رەزىللىكىدىن تۈپتۈز قىلىنغان سودوم شەھىرىدەك بولاتتۇق،

بىز رەزىللىكىدىن ۋەيران قىلىنغان گومورا شەھىرىدەك بولاتتۇق.

10ئەي، سودوم ھۆكۈمرانلىرىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ باشلىقلىرى،

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي، گومورا خەلقىدەك رەزىل يەھۇدىيەنىڭ خەلقى،

پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

11پەرۋەردىگار دەيدۇكى:

«نۇرغۇنلىغان قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى بار؟

قوچقارلار ۋە سەمرىتىلگەن كالىلارنىڭ ياغلىرىدىن قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلاردىن تويۇپ كەتتىم.

مەن بۇقىنىڭ، پاقلاننىڭ ۋە ياكى ئۆچكىنىڭ قانلىرىدىن خۇرسەن ئەمەسمەن.

12سىلەر ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانامغا كەلگەندە،

سىلەرنى ئىبادەتخانامدا گۈپۈرلىشىپ، قالايمىقان قىلىڭلار دەپ كىم ئېيتتى؟

13بۇنداق مەنىسىز ھەدىيەلەرنى ئەمدى ئەكەلمەڭلار!

سىلەرنىڭ ئىسرىقىڭلارمۇ مەن ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر!

سىلەر يېڭى ئاي، دەم ئېلىش كۈنى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيتلارنى ئۆتكۈزىسىلەر،

لېكىن گۇناھلىرىڭلاردىن بۇلغانغان بۇ ھېيتلىرىڭلاردىن بىزار بولدۇم.

14سىلەرنىڭ يېڭى ئاي ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ھېيت-بايراملىرىڭلاردىن نەپرەتلىنىمەن.

ئۇلار ماڭا ئېغىر يۈك بولدى، ئۇلارنى كۆتۈرۈشتىن زېرىكتىم.

15سىلەر دۇئاغا قوللىرىڭلارنى كۆتۈرگىنىڭلاردا،

كۆزلىرىمنى قاچۇرىمەن.

قانچە كۆپ دۇئا-تىلاۋەت قىلساڭلارمۇ ئاڭلىمايمەن،

چۈنكى قوللىرىڭلار قانغا بويالغان.

16ئۆزۈڭلارنى يۇيۇپ تازىلاڭلار،

رەزىل قىلمىشلىرىڭلارنى كۆز ئالدىمدىن يوقىتىڭلار.

يامانلىق قىلىشنى توختىتىڭلار.

17ياخشىلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار،

ئادىللىقنى ئىزدەڭلار،

زۇلۇم سالغۇچىلارنى ئەدەپلەڭلار،

يېتىم-يېسىرلەرنى قوغداڭلار،

تۇل ئاياللارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىڭلار.»

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كېلىڭلار، بىرلىكتە باش قوشۇپ، بۇنى ھەل قىلايلى.

گەرچە گۇناھلىرىڭلار قىزىل داغدەك بولسىمۇ،

ئۇلار قاردەك ئاق بولىدۇ.

ئۇلار ھەتتا قىپقىزىل داغدەك بولسىمۇ،

ئاقارتىلغان قوي يۇڭىدەك ئاپئاق بولىدۇ.

19ماڭا چىن قەلبىڭلاردىن ئىتائەت قىلساڭلار،

زېمىندىكى ئەڭ ئېسىل نېمەتلەر سىلەرنىڭ بولىدۇ.

20ئەگەر رەت قىلىپ، ماڭا قارشى چىقساڭلار،

سىلەر قىلىچ ئاستىدا ھالاك بولىسىلەر.»

بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!

ساداقەتسىز يېرۇسالېم

21بۇ سادىق شەھەر قانداقلارچە پاھىشە ئايالغا ئوخشاش ساداقەتسىز بولۇپ قالدى؟!

ئۇ ئىلگىرى ئادالەتكە تولغان، ھەققانىيەت دەۋر سۈرگەن شەھەر ئىدىغۇ؟!

بىراق ئەمدى ئۇ يەردە قاتىللارلا قالدى خالاس.

22كۈمۈشلىرىڭ داشقال بولدى،

شارابلىرىڭغا سۇ قېتىلدى.

23ئەمەلدارلىرىڭ خۇدا بىلەن قارشىلاشتى.

ئوغرى-قاراقچىلار ئۇلارنىڭ ھەمراھى بولدى.

ھەممىسى پارا ئېلىشنى ياخشى كۆرىدۇ،

سوۋغاتنىڭ كەينىدىن چاپىدۇ.

ئۇلار يېتىم-يېسىرلەرنى قوغدىمايدۇ،

تۇل ئاياللارنىڭ ئەرزىنى ئاڭلىمايدۇ.

24ئىسرائىللارنى تاللىغان قادىر خۇدا،

يەنى ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«رەقىبلىرىم بولغان سىلەرگە غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن،

دۈشمەنلىرىم بولغان سىلەردىن ئىنتىقام ئالىمەن.

25سىلەرگە قارشى قول كۆتۈرىمەن.

داشقاللىرىڭلارنى ئۈزۈل-كېسىل تازىلاپ،

پۈتكۈل ئەخلەتلىرىڭلارنى چىقىرىپ تاشلايمەن.

26بۇرۇنقىدەك ئادىل سوراقچىلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمەن،

بۇرۇنقىدەك دانا مەسلىھەتچىلەرنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.

شۇندىلا يېرۇسالېم ‹ھەققانىيەتلىك شەھەر›، ‹ساداقەتلىك شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»

27سىئون شەھىرى ئادالەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ،

شەھەردىكى توۋا قىلغان خەلق ھەققانىيەت ئارقىلىق قۇتقۇزۇلىدۇ.

28بىراق خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلار ۋە گۇناھكارلار بىرلىكتە ھالاك قىلىنىدۇ،

پەرۋەردىگاردىن ۋاز كەچكۈچىلەر يوقىتىلىدۇ.

29سىلەر ياخشى كۆرگەن دۇپ دەرەخلىكىدىكى بۇتپەرەسلىكىڭلار سەۋەبىدىن نومۇسقا قالىسىلەر،

سىلەر بۇتلارغا تولغان باغلارنى چوقۇنىدىغان جاي قىلىپ تاللىغانلىقىڭلار تۈپەيلىدىن شەرمەندە بولىسىلەر.

30سىلەر يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ كەتكەن دۇپ دەرىخىگە ئوخشاپ قالىسىلەر،

سۇغۇرۇلمىغان باغقا ئوخشاش قاغجىراپ قالىسىلەر.

31كۈچلۈكلەر قۇرۇق چۆپكە ئوخشاپ قالىدۇ،

ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۇچقۇنغا ئوخشايدۇ،

ئۇلار قىلغان ئىشلىرى بىلەن بىرلىكتە كۆيۈپ كېتىدۇ،

ھېچكىم بۇ ئوتنى ئۆچۈرەلمەيدۇ.



*8 غېرىبانە سىئون _ ئەسلى نۇسخىدا «سىئون قىزى» دەپ ئېلىنغان. سىئون يېرۇسالېمدىكى تاغ بولۇپ، بۇ يەردە يېرۇسالېم ۋە ئۇنىڭ خەلقىگە ئوخشىتىلغان.



 

2

پەرۋەردىگارنىڭ تېغى

1بۇ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېم توغرىسىدا ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا كەلگەن ۋەھىي:

2شۇنداق بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى جايلاشقان تاغ،

تاغلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى سۈپىتىدە قەد كۆتۈرىدۇ.

ئۇ ھەممە تاغلاردىن بۈيۈك تۇرىدۇ،

بارلىق ئەللەر ئۇ يەرگە سەلدەك ئېقىپ كېلىدۇ.

3نۇرغۇن ئەللەر كېلىپ شۇنداق دېيىشىدۇ:

«كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا چىقايلى،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا بارايلى،

ئۇ يەردە پەرۋەردىگار بىزگە ئۆز يولى توغرۇلۇق تەلىم بېرىدۇ،

بىز ئۇنىڭ يولىدا ماڭىمىز.»

پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمى سىئوندىن،

سۆزى يېرۇسالېمدىن تارقىلىدۇ.

4ئۇ ئەللەر ئارىسىدا سوراق ئېلىپ بارىدۇ،

ئەللەر ئارىسىدىكى دەتالاشلارنى ھەل قىلىدۇ.

ئۇلار قىلىچلىرىدىن ساپان سوقىدۇ،

نەيزىلىرىنى شاخ پۇتايدىغان قايچا قىلىدۇ.

ئەللەر بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرمەيدۇ،

ئۇرۇش قىلىشنى ئۆگەنمەيدۇ.

5ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.

خۇدانىڭ جازاسى

6ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ،

چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى،

فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى.

يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى.

7ئۇلارنىڭ زېمىنى ئالتۇن-كۈمۈشكە تولدى،

خەزىنىلىرىنىڭمۇ چېكى يوق.

يايلاقلىرى ئاتلارغا تولدى،

جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ سانى چەكسىز.

8ئۇلارنىڭ زېمىنى بۇتلارغا تولدى،

ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىگە،

يەنى ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىۋالغان بۇتلارغا چوقۇندى.

9ئىنسان شۇ بۇتلار ئالدىدا ئۆزىنى پەس قىلىپ كەمسىتىدۇ،

ئۇلارنى كەچۈرمىگەيسەن.

10سىلەر غارلارغا كىرىۋېلىپ ياكى يەر ئاستىغا يوشۇرۇنىۋېلىپ،

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن قېچىپ قۇتۇلالامسىلەر؟!

ئۇنىڭ ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن ئامان قالالامسىلەر؟!

11ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،

ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ،

ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.

12قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ شۇنداق بىر كۈنى كېلىدۇكى،

ئۇ كۈنى ئۇ تەكەببۇرلار، ھاكاۋۇرلار ۋە بارلىق ئۆزىنى چوڭ تۇتقانلارنى يەرگە ئۇرىدۇ.

13ئۇلارنى خۇددى لىۋاننىڭ پەلەككە تاقاشقان ئېگىز كېدىرلىرى

ۋە باشاننىڭ دۇپ دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغاندەك كېسىپ تاشلايدۇ،

14خۇددى بارلىق ئېگىز تاغ ۋە چوققىلارنى تۈزلىۋەتكەندەك تۈزلىۋېتىدۇ،

15خۇددى ئېگىز مۇنار ۋە مۇستەھكەم سېپىللارنى ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران قىلىۋېتىدۇ،

16خۇددى ئەڭ يىراق تارشىشقا بارىدىغان كاتتا كېمىلەرنى

ۋە ھەشەمەتلىك كېمىلەرنى بۇزۇپ تاشلىغاندەك بۇزۇپ تاشلايدۇ.

17ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى پەسكە چۈشىدۇ،

ئىنساننىڭ مەغرۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،

ئۇ كۈن كەلگەندە پەقەت پەرۋەردىگارلا ئۇلۇغلىنىدۇ.

18بۇتلار پۈتۈنلەي يوقىتىلىدۇ.

19پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە،

كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن،

قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە ئۆڭكۈر ۋە ئورەكلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

20ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئىنسانلار چوقۇنۇش ئۈچۈن

ئۆزلىرى ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسىۋالغان بۇتلارنى،

غارلاردىكى چاشقان ۋە شەپەرەڭلەرگە تاشلاپ بېرىدۇ.

21پەرۋەردىگار ئورنىدىن قوزغىلىپ زېمىننى لەرزىگە كەلتۈرگەندە،

كىشىلەر ئۇنىڭ غەزىپىدىن ۋە ھەيۋەتلىك ئۇلۇغلۇقىدىن،

قورقۇنچلۇق ۋەھىمە ئىچىدە غارلارغا ۋە ئۆڭكۈرلەرگە كىرىپ كېتىدۇ.

22ئاجىز بەندىگە ئىشىنىشتىن ۋاز كەچكىن.

ئۇ نېمىتتى؟ ئۇ نەپسىدىن ئايرىلسا ئۆلىدۇ، خالاس.


3

يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ جازالىنىشى

1قاراڭلار، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنى ئۇلار تايىنىپ كەلگەن ھەممە نەرسىلىرىدىن مەھرۇم قىلىدۇ،

يەنى ئۇ سىلەردىن نان ۋە سۇنى،

2باتۇرلار ۋە لەشكەرلەرنى،

پەيغەمبەر ۋە سوتچىلارنى،

پالچى ۋە ئاقساقاللارنى،

3ئەللىكبېشى ۋە ئابرۇيلۇقلارنى،

مەسلىھەتچىلەر، ماھىر ھۈنەرۋەن ۋە ئەپسۇنچىلارنى ئېلىپ كېتىدۇ.

4پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆسمۈر بالىلارنى ھۆكۈمران قىلىمەن،

كىچىك بالىلار خەلقىمنى باشقۇرىدۇ.

5خەلق بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ،

ھەتتا قوشنىلارمۇ بىر-بىرىگە زۇلۇم سالىدۇ.

ياشلار قېرىلارنى خورلايدۇ،

پەسكەش ئادەملەر ئابرۇيلۇقلارنى مەنسىتمەيدۇ.»

6بىرى، ئاتىسىنىڭ ئۆيىدە ئاكىسىنى تارتىپ، ئۇنىڭغا:

«سېنىڭ چاپىنىڭ بار ئىكەن،

سەن بىزگە باشلىق بولغىن،

بۇ خارابىلىكنى باشقۇرغىن» دەيدۇ.

7بۇ ۋاقىتتا ئاكىسى ۋارقىراپ تۇرۇپ:

«مەن ياراڭلارنى ساقايتالمايمەن،

ئۆيۈمدە نە نان، نە چاپان يوق.

مېنى خەلققە باشلىق قىلماڭلار!» دەيدۇ.

8يېرۇسالېم ئاغدۇرۇلۇپ چۈشىدۇ،

يەھۇدىيە گۇمران بولىدۇ!

چۈنكى ئۇلارنىڭ سۆز-ھەرىكەتلىرى پەرۋەردىگارنىڭ زىتىغا تەگدى،

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە قارشى چىقتى.

9يۈزلىرىدىكى ئىپادىلەر ئۇلارنىڭ ئۆز رەزىللىكىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ،

خۇددى رەزىل سودوملۇقلاردەك ئۆز گۇناھلىرىنى ئاشكارا قىلىدۇ.

ئۇلار ئۆز گۇناھلىرىدىن نومۇس قىلمايدۇ،

ئۇلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

چۈنكى ئۇلار ئۆز بېشىغا ئۆزى ئىش تاپتى.

10ھەققانىيلارغا ئېيتقىن، ئۇلار ياخشىلىق تاپىدۇ،

ئۇلار ئۆز ئىش-ھەرىكىتىنىڭ مېۋىسىنى يەيدۇ.

11رەزىللەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلارنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشۈپ،

قىلغان يامانلىقلىرى ئۆزىگە يانىدۇ.

12بالىلار خەلقىمگە زۇلۇم سالىدۇ،

ئاياللار ئۇلار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئاھ خەلقىم، يولباشچىلىرىڭلار سىلەرنى ئازدۇرىدۇ،

سىلەر گاڭگىراپ قېلىپ، توغرا يولنى تاپالمايسىلەر.

13پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى،

ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.

14‏-15ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ئاقساقاللىرىنى سوراققا تارتىپ:

«سىلەر ئۈزۈمزارلىقىمنى ۋەيران قىلدىڭلار،

يوقسۇللارنى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆيۈڭلارنى تولدۇردۇڭلار.

سىلەرنىڭ خەلقىمگە بېسىم ئىشلىتىدىغان،

يوقسۇللارنى ئېزىدىغان نېمە ھوقۇقۇڭلار بار؟» دەپ ئەيىبلەيدۇ.

يېرۇسالېم ئاياللىرىنى ئاگاھلاندۇرۇش

16پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«سىئون ئاياللىرى تەكەببۇرلىشىپ كەتتى.

ئۇلار غادىيىپ، كۆزلىرىنى ئوينىتىپ،

ئۇششاق قەدەم تاشلاپ،

پۇتلىرىدىكى زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنى شاراقشىتىپ مېڭىشىدۇ.

17شۇ سەۋەبتىن مەن ئىگەڭلار سىئون ئاياللىرىنىڭ بېشىنى تاز قىلىمەن.

مەن پەرۋەردىگار ئۇلارنى چاچسىز قىلىپ، نومۇستا قالدۇرىمەن.»

18ئۇ كۈن كەلگەندە ئىگىمىز ئۇلارنىڭ پۇتلىرىدىكى بېزەكلەر، بېشىدىكى لېنتىلار، ئاي شەكىللىك زىننەت بۇيۇملار، 19ھالقىلار، بىلەزۈكلەر، چۈمبەللەر، 20باش كىيىملىرى، پۇتىدىكى زەنجىرلەر، كەمەرلەر، ئەتىر قۇتىلار، تۇمارلار، 21ئۈزۈكلەر، بۇرۇن ھالقىلىرى، 22بايراملىق لىباسلار، تونلار، چاپانلار، ھەميانلار، 23ئەينەكلەر، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن كىيىملەر، تاجلار ۋە روماللارنى تارتىپ ئەكىتىدۇ.

24خۇشبۇي پۇراقلارنىڭ ئورنىغا سېسىق پۇراق ئالمىشىدۇ،

كەمەر ئورنىغا ئارغامچا ئىشلىتىلىدۇ،

قويۇق چاچ ئورنىغا تاقىر باش ئالمىشىدۇ،

ئېسىل لىباس ئورنىغا ماتەملىك كىيىم كىيىدۇ،

گۈزەللىك ئورنىنى شەرمەندىچىلىك ئالىدۇ.

25ئەرلىرىڭلار قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ،

باتۇرلىرىڭلار ئۇرۇش مەيدانىدا يەر چىشلەيدۇ.

26سىئون دەرۋازىلىرى نالە قىلىپ ھازا تۇتىدۇ،

بۇ شەھەر توپا يەردە غېرىبسىنىپ يالغۇز ئولتۇرغان ئايالغا ئوخشاپ قالىدۇ.


4

1ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، يەتتە ئايال بىر ئەرنى تالىشىپ:

«بىز ئۆز نېنىمىزنى ئۆزىمىز تېپىپ يەيمىز،

ئۆز كىيىمىمىزنىڭ ھۆددىسىدىن ئۆزىمىز چىقىمىز.

بىزنى ئەمىرلىرىگە ئالغايلا،

شەرمەندىچىلىكىمىزنى يوقاتقايلا!» دەيدۇ.

يېرۇسالېمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش توغرىسىدا ۋەھىي

2ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆستۈرگەن نوتىسى گۈزەل ۋە سەلتەنەتلىك بولىدۇ. بۇ زېمىننىڭ مېۋە-چېۋىلىرى ئىسرائىلىيەدىكى ئامان قالغانلارنىڭ ئىپتىخارى ۋە شان-شەرىپى بولىدۇ. 3سىئوندا قالغانلار، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان قالغانلار «خۇداغا بېغىشلانغانلار» دەپ نام ئالىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدا ئامان قالدۇرۇشقا تاللىغان ئادەملەردۇر. 4ئىگىمىز سوراق ۋە جازالاش ئارقىلىق سىئون ئاياللىرىنىڭ مەينەتچىلىكىنى يۇيىدۇ، يېرۇسالېمنىڭ قان داغلىرىنىمۇ تازىلايدۇ. 5ئارقىدىن پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا خەلق يىغىلغان يەردە كۈندۈزى بۇلۇتنى، كېچىسى يالقۇنجاپ تۇرغان بىر يورۇقلۇقنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭ شان-شەرىپى پۈتكۈل زېمىنغا سايىۋەن بولىدۇ. 6ئۇ كۈندۈزنىڭ ئىسسىقىغا سايە ۋە كۆلەڭگە بولىدۇ، بوران-چاپقۇن ۋە يامغۇر-يېشىندا پاناھگاھ ۋە دالدا بولىدۇ.


5

ئىسرائىل خەلقى خۇدانىڭ ئۈزۈمزارلىقىدۇر

1مەن سىلەرگە بىر مۇھەببەت ناخشىسى ئېيتىپ بېرەي،

بۇ ناخشا دوستۇمنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ھەققىدىدۇر:

«دوستۇمنىڭ بار ئىدى ئۈزۈمزارلىقى،

ئۇنىڭ يېرى مۇنبەت ئېدىرلىقتا ئىدى،

2ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى،

تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى.

ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى،

ھەتتا قازدى ھەم بىر شاراب كۆلچىكى.

كۈتكەنىدى ئۇ، بۇ يەردىن ياخشى ھوسۇلنى،

بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.»

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي، يېرۇسالېمدا ياشايدىغانلار،

ئەي، يەھۇدىيە پۇقرالىرى،

مەن بىلەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىڭلار!

4مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم!

يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟

ئۈزۈملەرنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم،

بىراق نېمە ئۈچۈن ئۈزۈملەر ناچار چىقتى؟

5ئەمدى ئۈزۈمزارلىقىمغا نېمە قىلىدىغانلىقىمنى سىلەرگە ئېيتىپ قوياي:

ئۇنىڭ قاشالىرىنى قومۇرۇپ تاشلايمەن،

ھايۋانلار كېلىپ ئۇنى يەپ تۈگەتسۇن.

ئۇنىڭ تاملىرىنى بۇزۇپ، چاقىمەن،

ئۇنى ھايۋانلار دەسسەپ-چەيلەپ ۋەيران قىلسۇن.

6مەن ئۇنى تاشلاندۇق يەر قىلىۋېتىمەن،

ھېچكىم ئۇنىڭ شاخلىرىنى پۇتىمايدۇ، ئوتلىرىنى ئوتىمايدۇ،

ئۇ يەرنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ،

بۇلۇتلارغا يامغۇر ياغماسلىققا ئەمر قىلىمەن.»

7قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر،

يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر.

ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى،

ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.

ئىسرائىل خەلقىنىڭ ھالىغا ۋاي

8ئۆيى تۇرۇپ يەنە ئۆي قوشۇۋالغانلار،

قورۇقىغا يەنە قورۇق قېتىۋالغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

بۇ زېمىندا باشقىلارغا جاي قالدۇرمىدىڭلار،

ئەمدى ئۆزۈڭلار يالغۇز ياشايسىلەر.

9قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«نۇرغۇنلىغان ئۆيلەر چۆلدەرەپ قالىدۇ،

ھەتتا ئېسىل سارايلارمۇ ئادەمسىز قالىدۇ.

10ئون مو ئۈزۈمزارلىقتىن ئاران بىر كۈپلا شاراب چىقىدۇ،

ئون تاغار ئۇرۇقتىن ئاران بىر تاغارلا ئاشلىق چىقىدۇ.»

11قاق سەھەردە تۇرۇپ، ئاچچىق بوزىنىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈپ،

كېچىچە مەي ئىچىپ غەرق مەست بولغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

12ئۇلارنىڭ زىياپەتلىرىدە شارابلار ئىچىلىپ، لىرا، چىلتار، داپ ۋە نەيلەر بىلەن نەغمە-ناۋا قىلىنىدۇ،

بىراق پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغۋار ئىشلىرى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كىرىپ چىقمايدۇ،

ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا نەزەرمۇ سالمايدۇ.

13خەلقىم مېنى تونۇمىغانلىقى ئۈچۈن سۈرگۈن قىلىنىدۇ.

يۈز-ئابرۇيلۇقلار ۋە پۇقرالار

ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ھالاك بولىدۇ.

14شۇ تۈپەيلىدىن گۆرنىڭ ئىشتىھاسى يوغىناپ،

ئاغزى چەكسىز يوغان ئېچىلىدۇ.

ئۇ يېرۇسالېمنىڭ نوپۇزلۇقلىرى ۋە پۇقرالىرىنى يۇتۇپ كېتىدۇ،

شۇنىڭ بىلەن بىللە ئويۇن-تاماشا قىلغانلارنىمۇ يۇتۇپ كېتىدۇ.

15ئىنسان پەس قىلىنىدۇ،

ئىنساننىڭ ھاكاۋۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ،

ئىنساننىڭ تەكەببۇرلۇقى يەرگە ئۇرۇلىدۇ.

16بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئادىل ھۆكۈمى بىلەن ئۇلۇغلىنىدۇ،

مۇقەددەس خۇدا ئۆزىنىڭ ھەققانىيلىقى ئارقىلىق مۇقەددەسلىكىنى نامايان قىلىدۇ.

17ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، قويلار ئۆز يايلاقلىرىدا ئوتلاپ يۈرگەندەك، ئۈزۈمزارلىقلاردا ئوتلاپ يۈرىدۇ.

بايلارنىڭ خارابىلىكىدىمۇ مۇساپىرلار ئوزۇقلۇق تېپىپ يەيدۇ.

18يالغانچىلىقنى ئارغامچا قىلىپ گۇناھىنى سۆرەپ يۈرگەنلەرنىڭ،

رەزىللىكىنى ھارۋىسى بىلەن ئېلىپ يۈرگەنلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

19ئۇلار خۇدانى مەسخىرە قىلىپ:

«قېنى تېز بولسۇن، ئۇ قىلىدىغىنىنى تېز قىلسۇن، بىز كۆرەيلى!

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرسۇنچۇ، بىز بىلەيلى!» دەيدۇ.

20ئاقنى قارا، قارىنى ئاق،

يورۇقلۇقنى زۇلمەت، زۇلمەتنى يورۇقلۇق،

تاتلىقنى ئاچچىق، ئاچچىقنى تاتلىق دەيدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

21ئۆزىنى دانا دەپ بىلگەنلەرنىڭ،

ئۆزىنى زېرەك ھېسابلىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

22ھاراق ئىچىشتە باتۇرلۇق قىلغانلارنىڭ،

ھاراقنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىشتە نوچىلىق قىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

23ئۇلار پارا ئېلىپ گۇناھكارنى قويۇپ بېرىدۇ،

بىگۇناھقا ئادالەتسىزلىك قىلىدۇ.

24شۇڭا، يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوتتا كۆيۈۋاتقان پاخال ۋە غازاڭدەك،

ئۇلارنىڭ يىلتىزلىرى چىرىپ، گۈل-چېچەكلىرى كۆيۈپ كېتىدۇ.

ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى رەت قىلدى،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ سۆزلىرىنى كۆزگە ئىلمىدى.

25شۇ سەۋەبتىن پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز خەلقىگە غەزىپى قوزغالدى،

ئۇلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرىدۇ.

تاغلار تەۋرىنىپ، جەسەتلەر خۇددى ئەخلەتكە ئوخشاش، كوچىلاردا ياتىدۇ.

شۇنداقتىمۇ ئۇنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

26ئۇ يىراقتىكى ئەللەرگە تۇغ كۆرسىتىدۇ،

ئۇ پۇشتەك چېلىپ دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكىلەرنى چاقىرىدۇ.

مانا بۇ ئەللەر تېز ھەم ئۇچقاندەك كېلىدۇ!

27ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ھارمايدۇ، پۇتلاشمايدۇ،

مۈگدەپ قالمايدۇ، ئۇخلاپ قالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ نە كەمەرلىرى بوشاشمايدۇ،

نە چورۇقلىرىنىڭ يىپلىرى ئۈزۈلمەيدۇ.

28ئۇلارنىڭ ئوقيالىرى ئۆتكۈر بولۇپ،

ساداقلىرىنىڭ كىرىچى چىڭ تارتىلغان.

ئاتلىرىنىڭ تۇياقلىرى چاقماق تاشتەك قاتتىق،

جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى قۇيۇندەك پىرقىرايدۇ.

29ئۇلار شىردەك ھۆركىرەيدۇ،

غالجىر شىردەك ھۇۋلايدۇ.

ئۇلار ھۆركىرەپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ئېتىلىدۇ،

ئۇنى ئېلىپ ماڭغاندا، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزالمايدۇ.

30ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ،

ئۇ ئاۋاز خۇددى دېڭىز شاۋقۇنىغا ئوخشايدۇ.

ئەگەر كىمكى ئۇ زېمىنغا باقسا،

ئۇ زۇلمەت ۋە ئازابنى كۆرىدۇ،

يورۇقلۇقمۇ قارا بۇلۇتلاردىن خىرەلىشىدۇ.


6

يەشايانىڭ پەيغەمبەرلىككە چاقىرىلىشى

1ئۇززىيا پادىشاھ ۋاپات بولغان يىلى، مەن كۆكتە يۈكسەك تەختتە ئولتۇرغان ئىگەمنى كۆردۈم. ئۇنىڭ لىباسىنىڭ ئېتىكى ئىبادەتخانا ئىچىگە تولغانىدى. 2ئۈستى تەرىپىدە يېنىپ تۇرغان «سىراف»لار* بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتە قانىتى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىككى قانىتى يۈزىنى يېپىپ تۇراتتى، يەنە ئىككى قانىتى پۇتلىرىنى يېپىپ تۇراتتى، قالغان ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچۇپ تۇراتتى. 3ئۇلار بىر-بىرىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن:

«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار!

پۈتكۈل يەر-زېمىن تولغاندۇر ئۇنىڭ ئۇلۇغلۇقىغا!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.

4ئۇلارنىڭ ئاۋازى پۈتكۈل ئىبادەتخانىنى تەۋرىتىۋەتتى، ئۇ يەر تۈتۈنگە تولدى.

5مەن ئۆزۈمگە شۇنداق دېدىم:

_ ھالىمغا ۋاي! مەن تۈگەشتىم. چۈنكى ئېغىزىم گۇناھقا پاتقان ھەمدە ئېغىزى گۇناھقا پاتقانلار ئارىسىدا ياشايدىغان مەن، ئالەمنىڭ پادىشاھى، يەنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم!

6سىرافلارنىڭ بىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىن لاخشىگىر بىلەن ئالغان بىر چوغنى قولىدا تۇتۇپ، يېنىمغا ئۇچۇپ كەلدى. 7ئۇ چوغنى ئاغزىمغا تەگكۈزۈپ قويۇپ:

_ قارا، بۇ چوغ لەۋلىرىڭگە تەگكۈزۈلدى، ئەمدى ئەيىبلىرىڭ يۇيۇلدى، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈلدى، _ دېدى.

8مەن يەنە ئىگەمنىڭ: «كىمنى ئەۋەتەي؟ كىم بىز ئۈچۈن بارىدۇ؟» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. مەن:

_ مەن بۇ يەردىمەن، مېنى ئەۋەتىڭ! _ دېدىم.

9ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى:

_ سەن بېرىپ ئۇ خەلققە:

«ئاڭلايسىلەر، بىراق چۈشەنمەيسىلەر،

كۆرىسىلەر، بىراق ھېس قىلالمايسىلەر.» دەپ ئېيتقىن.

10سەن ئۇلارنىڭ قەلبىنى جاھىل، قۇلاقلىرىنى پاڭ، كۆزلىرىنى كور قىل!

شۇنىڭدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەس، قۇلاقلىرى ئاڭلىماس، قەلبى چۈشەنمەس بولىدۇ،

شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ شىپا تاپالمايدۇ.

11كېيىن مەن:

_ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.

ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى:

«بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە،

ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،

12تاكى مەن بۇ خەلقنى يىراققا سۈرگۈن قىلىپ،

بۇ زېمىنلار تاشلىۋېتىلگۈچە داۋاملىشىدۇ.

13بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ.

لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ.

مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»



*2 سىراف _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق.



 

7

ئاخاز پادىشاھقا يەتكۈزۈلگەن ۋەھىي

1پادىشاھ ئۇززىيانىڭ نەۋرىسى، يوتەمنىڭ ئوغلى ئاخاز يەھۇدىيەدە پادىشاھ بولغان مەزگىلدە، سۈرىيە پادىشاھى رىزىن بىلەن رىماليانىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخ يېرۇسالېمغا ئۇرۇش ئاچتى، بىراق غالىب كېلەلمىدى.

2سۈرىيە بىلەن شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ئىتتىپاقداش بولغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەھۇدىيەدىكى پادىشاھ ئوردىسىغا يېتىپ كەلگەندە، ئاخاز پادىشاھ ۋە بارلىق خەلق قورققىنىدىن، بوراندا سىلكىنگەن دەرەخلەردەك تىترەپ كەتتى.

3پەرۋەردىگار يەشاياغا مۇنداق دېدى:

_ ئوغلۇڭ شىئار-ياشۇب* نى ئېلىپ ئاخاز پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا سۆزۈمنى يەتكۈزگىن. سەن ئۇنى، يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان ئۆستەڭنىڭ ئايىغىدىن، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولنىڭ بويىدىن تاپالايسەن. 4ئۇنىڭغا ئېيتقىن:

«ئېھتىيات قىل، جىددىيلەشمە ۋە قورقما. سۈرىيە پادىشاھى رىزىن ۋە رىماليانىڭ ئوغلىنىڭ غەزىپىدىن بوشاپ كەتمە. ئۇلار خۇددى ئوتى ئۆچكەن ئوتۇننىڭ ئىسىدۇر. 5سۈرىيە پادىشاھى ۋە رىماليانىڭ ئوغلى سۇيىقەست پىلانلاپ: 6‹يەھۇدىيەگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلقنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ئۇ يەرنى ئىشغال قىلايلى. كېيىن ئۇ يەرگە تابىئالنىڭ ئوغلىنى پادىشاھ قىلىپ تىكلەيلى› دەۋاتىدۇ. 7بىراق مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى:

‹بۇ ھەرگىز ئەمەلگە ئاشمايدۇ ھەم ھېچقاچان بۇنداق ئىش يۈز بەرمەيدۇ.

8چۈنكى دەمەشق شەھىرى سۈرىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ،

لېكىن دەمەشقنىڭ بېشى بولغان رىزىن پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟

شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىمۇ 65 يىل ئىچىدە بىتچىت قىلىنىپ، خەلقىمۇ يوق قىلىنىدۇ،

9سامارىيە شەھىرى ئىسرائىلىيەنىڭ بېشى بولسىمۇ،

لېكىن سامارىيەنىڭ بېشى بولغان رىماليانىڭ ئوغلى پەقەت بىر ئاجىز بەندىغۇ؟

ئەگەر سەن ئېتىقادىڭدا چىڭ تۇرمىساڭ، پۇت تىرەپ تۇرالمايسەن!›»

ئىممانۇئېل _ «خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر»

10پەرۋەردىگار يەشايا ئارقىلىق ئاخاز پادىشاھقا يەنە مۇنداق دېدى:

11_ مېنىڭ ئېيتقان بۇ سۆزلىرىمنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى بىلىپ، ئىشىنىشىڭ ئۈچۈن، مەيلى بۇ قانچىلىك مۆجىزىلىك ئىش بولسىمۇ، سەن مەن پەرۋەردىگار خۇدادىن بېشارەت تىلە!

12بىراق ئاخاز يەشاياغا:

_ مەن سورىمايمەن، مەن پەرۋەردىگارنى سىنىمايمەن! _ دېدى.

13يەشايا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ ئەي پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى، قۇلاق سېلىڭلار! خەلقنى بەزدۈرگىنىڭلار يەتمىگەندەك، ئەمدى خۇدانىمۇ بەزدۈرمەكچىمۇ؟ 14ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل»* دەپ ئىسىم قويىدۇ. 15بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغۇچە سۈزمە بىلەن بال يەيدۇ. 16بالا ئاق-قارىنى پەرق ئېتەلىگۈدەك بولغان ۋاقىتقىچە، سىلەرنى ۋەھىمىگە سالغان ئىككى پادىشاھنىڭ زېمىنى ئاللىبۇرۇن تاشلاندۇق يەرگە ئايلىنىدۇ. 17پەرۋەردىگار سېنىڭ بېشىڭغا، شۇنداقلا خەلقىڭگە ۋە خان جەمەتىڭگە، ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەدىن بۆلۈنۈپ چىققاندىن بۇيان يۈز بېرىپ باقمىغان شۇنداق بىر كۈننى سالىدۇ. ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى باشلاپ كېلىدۇ.

18ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار مىسىر ۋە ئاسسۇر قوشۇنلىرىنى پۇشتەك چېلىپ چاقىرىپ كېلىدۇ. ئۇلار خۇددى چىۋىن ۋە ھەرىلەردەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ، زېمىنىڭغا يېپىشىدۇ. 19ئۇلار كېلىپ تىك جىلغىلارغا، قىيا تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىغا، چاتقاللىقلارغا ۋە يايلاقلارغا جايلىشىدۇ. 20ئۇ ۋاقىت كەلگەندە پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنى ئىشقا سالىدۇ. ئۇ، پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن ئىجارىگە ئېلىپ كېلىنگەن ئۇستىرىغا ئوخشاش چېچىڭنى، پۇتۇڭنىڭ تۈكلىرىنى ۋە ساقىلىڭنى چۈشۈرۈپ تاشلايدۇ. 21ئۇ ۋاقىت كەلگەندە ئادەملەر بىر ياش ئىنەك ۋە ئىككى ئۆچكىنىلا تىرىك ساقلاپ قالالايدۇ. 22ئۇلار كۆپ سۈت بەرگەنلىكتىن، بۇ ئادەم سۈزمە يەيدۇ. شۇ زېمىندا قالغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ سۈزمە ۋە بال يەيدۇ. 23ئۇ ۋاقىت كەلگەندە مىڭ كۈمۈش تەڭگىگە باراۋەر كېلىدىغان مىڭلىغان تەكلىرى بار ئۈزۈمزارلىقلار ئازغان ۋە تىكەنلىككە ئايلىنىدۇ. 24ئادەملەر ئۇ يەرگە ئوۋ ئوۋلاش ئۈچۈن ئوقيالىرىنى ئېلىپ بارىدۇ، چۈنكى پۈتكۈل زېمىننى ئازغان ۋە تىكەن قاپلاپ كەتكەن بولىدۇ. 25بۇرۇن تېرىلغان ئېدىرلىقلارغا ئەمدى بارالمايسەن. چۈنكى ئازغان ۋە تىكەندىن قورقىسەن. ئۇ يەرلەر كالا ۋە قوي-ئۆچكىلەر ئوتلايدىغان يەرگە ئايلىنىدۇ.



*3«شىئار-ياشۇب» _ ئىبرانىي تىلىدا: «قۇتۇلۇپ قالغانلار قايتىپ كېلىدۇ» دېگەن مەنىدە.

*14«ئىممانۇئېل» _ئىبرانىي تىلىدا: «خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر» دېگەن مەنىدە.



 

8

ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمى

1كېيىن پەرۋەردىگار ماڭا:

_ بىر چوڭ تاختايغا كىشىلەر ئوقۇيالىغۇدەك ئېنىق قىلىپ: «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش»* دەپ يازغىن. 2مەن، ئىشەنچلىك بولغان روھانىي ئۇرىيا ۋە يىبەرەكيانىڭ ئوغلى زىكىرىيانى گۇۋاھلىققا چاقىرىمەن، _ دېدى.

3كېيىن مەن ئايالىم بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى.

پەرۋەردىگار ماڭا:

_ ئۇنىڭغا «تېز بۇلاش، تېز تالان-تاراج قىلىش» دەپ ئىسىم قويغىن. 4بالىنىڭ «دادا، ئانا» دەپ تىلى چىقىشتىن بۇرۇن، دەمەشقنىڭ ۋە سامارىيەنىڭ ئولجا ئالغان بايلىقلىرى ئاسسۇر پادىشاھى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، _ دېدى.

5پەرۋەردىگار ماڭا يەنە مۇنداق دېدى:

6_ بۇ خەلق تىنچ ئاقىدىغان شىلوخ ئۆستىڭىدىن ۋاز كېچىپ، پادىشاھ رىزىن ۋە پادىشاھ پېكاھتىن خۇش بولدى. 7شۇڭلاشقا مەن پەرۋەردىگار خۇددى فىرات دەرياسىنىڭ شىددەتلىك سۈيىدەك، ئاسسۇر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىنى ئۇلارغا قارشى باشلاپ كېلىمەن. بۇ قوشۇنلار خۇددى كەلكۈندەك، بوغۇزلارنى بۆسۈپ، قىرغاقلاردىن تېشىپ كېتىدۇ. 8بۇ ئېقىم يەھۇدىيەگە سەلدەك كېلىپ، تاشقىنلاپ، ئۇنىڭ بوينىغىچە تاقىشىدۇ. ئۇنىڭ كەڭ يېيىلغان قاناتلىرى پۈتكۈل زېمىنىڭنى تولدۇرىدۇ، ئەي ئىممانۇئېل!

9ئەي يات خەلقلەر، سىلەر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر،

ئەي يىراقتىكى ئەللەر، سىلەر قۇلاق سېلىڭلار،

ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، لېكىن كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر،

ساۋۇتىڭلارنى كىيىڭلار، بىراق بەرىبىر كۇكۇم-تالقان بولىسىلەر!

10پۇختا ئۇرۇش پىلانى تۈزۈۋېرىڭلار، ئەمما ئۇ كارغا كەلمەيدۇ.

بۇيرۇق چۈشۈرۈۋېرىڭلار، بىراق ئۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ،

چۈنكى خۇدا بىز بىلەن بىللىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ يەشايا پەيغەمبەرنى ئاگاھلاندۇرۇشى

11پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك قولى بىلەن ماڭا كۈچ بېرىپ، مېنى بۇ خەلقنىڭ يولىدا ماڭماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى:

12«بۇ خەلق سۇيىقەست دېگەننى سەن سۇيىقەست دېمە،

ئۇلار قورققان ئىشلاردىن سەن قورقما، ۋەھىمىمۇ قىلما.

13مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارىڭنى مۇقەددەس دەپ بىل،

پەقەت مەندىن قورققىن، پەقەت مەندىن ۋەھىمە قىل.

14مەن سىلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان جاي بولىمەن.

لېكىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىككى پادىشاھلىقى پۇتلىشىدىغان،

نۇرغۇن ئادەملەرنى پۇتلاشتۇرۇپ يىقىتىدىغان تاش بولىمەن.

يېرۇسالېم ئاھالىسى ئۈچۈن تۇزاق ۋە قاپقان بولىمەن.

15نۇرغۇن ئادەملەر بۇ تاشقا پۇتلىشىدۇ،

ئۇلار يىقىلىپ، پارچە-پارچە بولۇپ كېتىدۇ.

ئۇلار قاپقانغا چۈشۈپ ئەسىر بولىدۇ.»

16تەلىملىرىم پۈتۈلگەن يازمىلىرىمنى ئوراپ قويغىن،

شاگىرتلىرىمغا ئېيتىلغان بۇ تەلىملىرىمنى پېچەتلەپ قويغىن.

17مەن ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى رەت قىلغان پەرۋەردىگارنى كۈتىمەن،

مەن ئۈمىدىمنى ئۇنىڭغا باغلىدىم.

18مانا قاراڭلار، پەرۋەردىگار ماڭا ئىككى پەرزەنت ئاتا قىلدى. مەن ۋە پەرزەنتلىرىم، سىئون تېغىدا ئۆز خەلقى بىلەن بىللە بولغان قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىلىيە ئۈچۈن، بەرگەن نىشان ۋە بېشارەتلىرىدۇر.

19ئادەملەر سىلەرگە: «ئۆلگەنلەرنىڭ روھىدىن ياردەم تىلەپ ئەپسۇن ئوقۇيدىغانلارنىڭ قېشىغا بېرىڭلار» دەيدۇ. ئىنسان ئۆز تەقدىرىنى بىلىش ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلماستىن، ئۆلۈكلەرگە مۇراجىئەت قىلىشى كېرەكمۇ؟ 20ياق! خۇدانىڭ تەلىمى پۈتۈلگەن يازمىلارغا قاراڭلار! ئەگەر ئۇلار بۇ تەلىملەر بويىچە سۆزلىمىسە، ئۇلار تاڭ نۇرىنى كۆرەلمەيدۇ. 21ئۇلار بۇ زېمىندا قاتتىق ئازابلىنىدۇ، ئاچ-يالىڭاچ قالىدۇ. بۇ چاغدا ئۇلار قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئاسمانغا قاراپ پادىشاھىغا ۋە خۇداغا لەنەت ئوقۇيدۇ. 22ئۇلار ئەتراپىغا قاراپ، پەقەت ئازاب، قاراڭغۇلۇق ۋە قورقۇنچلۇق كۈلپەتنى كۆرىدۇ. ئۇلار تۇم قاراڭغۇلۇققا تاشلىنىدۇ.



*1بۇ ئىبرانىي تىلىدا: «ماخېرشالال-خاشباز» دېيىلىدۇ.



 

9

كەلگۈسىدىكى پادىشاھ

1لېكىن ئەمدى بۇ كۈلپەتلىك زېمىندا ئازاب ئۇزاق داۋاملاشمايدۇ. بۇرۇن پەرۋەردىگار زەبۇلۇن ۋە نافتالى زېمىنلىرىنى شەرمەندىچىلىكتە قويغانىدى. بىراق كېيىنچە، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى يولدىن تارتىپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى يەرلەر ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەر تۇرىدىغان جەلىلىيەگىچە شان-شەرەپكە تولدۇرىدۇ.

2قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ،

قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.

3ئى خۇدا، سەن خەلقنى كۆپەيتكەنسەن.

سەن ئۇلارغا كۆپ خۇرسەنلىك ئاتا قىلغانسەن،

ئۇلار سېنىڭ ھۇزۇرۇڭدا شادلىنىدۇ،

خۇددى ھوسۇل ئالغاندا شادلىققا تولغانغا ئوخشاش،

خۇددى ئولجىلارنى بۆلۈشكەن چاغدا شادلىققا چۆمگەنگە ئوخشاش.

4بۇ خەلقنىڭ بوينىدىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىپ تاشلىغانسەن،

يەلكىسىدىكى زۇلۇم تايىقىنى ۋە زالىملارنىڭ كالتىكىنى

مىدياننى مەغلۇپ قىلغانغا ئوخشاش سۇندۇرۇپ تاشلىغانسەن.

5لەشكەرلەرنىڭ ئۇرۇشتا كىيگەن ئۆتۈكلىرى،

قانغا مىلەنگەن كىيىم-كېچەكلىرى

يېقىلغۇ ئورنىدا كۆيدۈرۈلىدۇ.

6بىز ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇلىدۇ،

بىزگە بىر ئوغۇل پەرزەنت ئاتا قىلىنىدۇ.

ھاكىمىيەت ئۇنىڭ زىممىسىدە بولىدۇ،

ئۇنىڭ نامى ئاجايىپ مەسلىھەتچى، قۇدرەتلىك خۇدا،

مەڭگۈلۈك ئاتا، تىنچلىقنىڭ شاھى، دەپ ئاتىلىدۇ.

7ئۇنىڭ ھاكىمىيىتى ۋە تىنچلىقى چەكسىز ئۇزۇن بولىدۇ،

ئۇ داۋۇتنىڭ تەختىدە ئولتۇرۇپ، ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن

ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى مۇستەھكەم قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

بۇ، شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ مەڭگۈگە داۋاملىشىدۇ.

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى

8پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قارشى بىر ھۆكۈم چۈشۈردى،

ئۇنىڭ بۇ ھۆكۈمى ئىسرائىللارغا يېتىپ كەلدى.

9شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىدا ۋە ئۇنىڭ پايتەختى سامارىيەدە ياشايدىغان بارلىق خەلق بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى.

ئۇلار ھاكاۋۇرلۇق بىلەن ماختىنىپ مۇنداق دېدى:

10«خام كېسەكتىن ياسالغان ئۆيلىرىمىز ئۆرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ،

بىز ئۇنى سىلىقلانغان تاشتىن قايتىدىن ياسىۋالىمىز.

ئەنجۇر دەرەخلىرىمىز كېسىۋېتىلگەن بولسىمۇ،

ئۇنىڭ ئورنىغا كېدىر دەرەخلىرىنى تىكىۋالالايمىز.»

11بىراق پەرۋەردىگار رىزىن پادىشاھنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئىسرائىللارغا قارشى ئەۋەتىدۇ،

ئىسرائىللارنىڭ باشقا رەقىبلىرىنىمۇ ئۇلارغا قارشى قوزغايدۇ.

12شەرقتە سۈرىيەلىكلەر، غەربتە فىلىستىيەلىكلەر ئېغىزلىرىنى يوغان ئېچىپ ئىسرائىلىيەنى يۇتۇۋالىدۇ.

شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

13ئەمما بۇ خەلق جازالىنىپ بولۇپمۇ يەنە توۋا قىلمايدۇ.

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىشنى خالىمايدۇ.

14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار بىر كۈندىلا باش ۋە قۇيرۇقنى،

يەنى خورما دەرىخى ۋە قومۇشلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.

15ئاقساقاللار ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەرلەر باش بولسا،

ساختا پەيغەمبەرلەر قۇيرۇقتۇر.

16بۇ ئەلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلقنى ئازدۇردى،

ئازدۇرۇلغان بۇ خەلق ۋەيران قىلىندى.

17ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئىمانسىز رەزىل بولدى،

ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىدىن ئەخمىقانە سۆزلەر چىقىدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ يىگىتلىرىدىن خۇرسەن بولمايدۇ،

يېتىم بالىلار ۋە تۇل ئاياللارغىمۇ ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

18بۇ رەزىللىك ئوتقا ئوخشاش كۆيۈپ كېتىدۇ،

بۇ ئوت ئازغان ۋە تىكەنلەرنى يالماپ كېتىدۇ.

كېيىن ئۇ قويۇق ئورمانلارغىمۇ تۇتىشىپ،

قويۇق ئىس-تۈتەك بولۇپ يۇقىرىغا كۆتۈرۈلىدۇ.

19قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىدىن زېمىن كۆيدۈرۈلىدۇ،

بۇ رەزىل خەلق ئوتقا يېقىلغۇ بولىدۇ،

ھېچكىم بىر-بىرىگە ئىچ ئاغرىتمايدۇ.

20ئوڭ تەرەپتە كىشىلەر گۆش پارچىلايدۇ،

بىراق ئۇلار يەنىلا ئاچ يۈرىدۇ.

سول تەرەپتە كىشىلەر يالماپ يۇتىدۇ،

بىراق يەنىلا تويمايدۇ.

ھەركىم بىر-بىرىنى تالاپ، گۆشىنى يەيدۇ.

21ماناسسە قەبىلىسى ئەفرايىم قەبىلىسىنى يەيدۇ،

ئەفرايىم ماناسسەنى يەيدۇ،

ئۇ ئىككىسى بىرلىشىپ يەھۇدىيەگە قارشى چىقىدۇ.

شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.


10

1ئادالەتسىز قانۇنلارنى تۈزگۈچىلەرنىڭ،

ناھەق تۈزۈملەرنى چىقارغۇچىلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

2ئۇلار نامراتلاردىن ئادالەتنى تارتىۋالدى.

خەلقىم ئارىسىدىكى ئاجىزلارنى ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلدى،

ئۇلار تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالىلارنى بۇلىدى.

3سىلەرنى جازالايدىغان كۈن كەلگەندە،

يىراقتىن بالا-قازا كەلسە قانداق قىلارسىلەر؟

كىمنىڭ يېنىغا قېچىپ بېرىپ، ياردەم تىلەيسىلەر؟

يىغقان مال-مۈلۈكۈڭلارنى قەيەرگە قويارسىلەر؟

4ئۇ چاغدا سىلەرنىڭمۇ باشقا ئەسىرلەرگە ئوخشاش

تىز پۈكۈشتىن باشقا ئامالىڭلار يوق،

ياكى ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرگە ئوخشاش ئۆلىسىلەر.

شۇنداقتىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلمايدۇ،

ئۇ كۆتۈرگەن قولىنى يەنىلا چۈشۈرمەيدۇ.

خۇدانىڭ ئاسسۇرلارنى جازالىشى

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئاسسۇرلار، سىلەر قەھرىمنىڭ كالتىكى،

غەزىپىمنىڭ ھاسىسىدۇرسىلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!

6مەن ئاسسۇرلارنى ئىتائەتسىز خەلقنى جازالاشقا ئەۋەتىمەن،

مېنى غەزەپلەندۈرگەن بۇ ئىسرائىل خەلقىگە ھۇجۇم قىلىشقا بۇيرۇيمەن.

ئاسسۇرلار ئۇلارنى بۇلاپ، مال-مۈلۈكىنى ئېلىپ كېتىدۇ،

ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقنى پېتىقلىغاندەك پېتىقلايدۇ.

7ئەمما ئاسسۇر پادىشاھى مېنىڭ ئۆزىنى ئەۋەتىدىغىنىمنى بىلمەيدۇ،

ئۇ كۆڭلىدىمۇ بۇنداق ئويلىمايدۇ.

ئۇ پەقەت باشقا خەلقلەرنى ۋەيران قىلىشنى ئويلايدۇ،

ئۇ پەقەت باشقا ئەللەرنى مەغلۇپ قىلىشنى ئويلايدۇ.

8ئۇ: ‹مېنىڭ بارلىق سەركەردىلىرىم پادىشاھتەك قۇدرەتلىكقۇ؟!

9بىز كالنو شەھىرىنى خۇددى كاركىمىش شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!

بىز خامات شەھىرىنى خۇددى ئارپاد شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!

بىز يەنە سامارىيە شەھىرىنى خۇددى دەمەشق شەھىرىدەك ۋەيران قىلمىدۇقمۇ؟!

10مېنىڭ قۇدرىتىم، بۇتلار قاپلاپ كەتكەن پادىشاھلىقلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى،

ئۇلارنىڭ ئويما بۇتلىرى يېرۇسالېم بىلەن سامارىيەنىڭ بۇتلىرىدىن ئۇلۇغ ئىدى.

11مەن خۇددى سامارىيە شەھىرىنى ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ مەغلۇپ قىلغاندەك،

مەن يېرۇسالېمنىمۇ ئۇنىڭ بۇتلىرى بىلەن قوشۇپ مەغلۇپ قىلىمەن› دەپ ئويلايدۇ.»

12پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولى بىلەن سىئون تېغى ۋە يېرۇسالېمنى جازالاپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنى ئۇنىڭ ماختانچاقلىقى ۋە ھاكاۋۇرلۇقى ئۈچۈن جازالايدۇ. 13پادىشاھ ماختىنىپ مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆز قۇدرىتىم بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلدىم،

ئۆز ئەقلىم بىلەن بۇ ئىشلارنى پىلانلىدىم، مەن شۇنداق ئەقىللىقتۇرمەن!

دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پاسىللارنى يوقاتتىم، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسىنى تارتىۋالدىم.

مەن خۇددى غايەت كۈچلۈك پالۋانغا ئوخشاش،

ئۇلارنىڭ تەختتىكى پادىشاھلىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدىم.

14مەن خۇددى قۇش چاڭگىسى تېپىۋالغاندەك،

بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقىنى تاپتىم.

خۇددى چاڭگىدىكى تۇخۇملارنى ئالغاندەك،

بۇ دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىۋېلىش شۇنداق بولدى.

ھېچبىر قۇش ماڭا قارشى قانات قاقالمىدى،

ئاغزى ئوچۇق بولسىمۇ ئاۋاز چىقىرالمىدى.»

15لېكىن پالتا قانداقمۇ ئۆزىنى ئىشلەتكۈچىگە «مەن سەندىن كۈچلۈك» دەپ ماختانسۇن؟!

ھەرە قانداقمۇ ئۆزىنى «مەن ئىشلەتكۈچىدىن مۇھىم» دەپ ئويلىسۇن؟!

توقماق ئۆزىنى تۇتقۇچىنى قانداقمۇ پۇلاڭلىتالىسۇن؟!

ھاسا قانداقمۇ بىر ئادەمنى كۆتۈرەلىسۇن؟!

16شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئاسسۇرلارغا ئۇلارنىڭ پالۋانلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان كېسەل ئەۋەتىدۇ،

ئاسسۇرلارنىڭ شۆھرىتىنى لاۋىلداۋاتقان ئوت يالقۇنى يالماپ كېتىدۇ.

17ئىسرائىللارنىڭ نۇرى بولغان پەرۋەردىگار ئوتقا ئايلىنىدۇ،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا يالقۇنغا ئايلىنىدۇ،

ئاسسۇردىن ئىبارەت بۇ تىكەن ۋە ئازغانلار بىر كۈندىلا كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ.

18ئاسسۇرلارنىڭ قويۇق ئورمانلىقى ۋە مۇنبەت ئېتىزلىرى تۈگىشىدۇ،

خۇددى ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئاجىزلاپ كەتكەن كىشىدەك بولۇپ قالىدۇ.

19ئۇلارنىڭ ئورمانلىقىدا دەرەخلەر شۇنچىلىك ئاز قالىدۇكى،

ھەتتا بىر كىچىك بالىمۇ ئۇلارنى سانىيالايدۇ.

ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمىنىڭ قايتىپ كېلىشى

20شۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ قالغان ئاز بىر قىسمى، يەنى ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى ئۆزلىرىنى مەغلۇپ قىلماقچى بولغان ئاسسۇرلارغا تايانماي، ئۆزلىرىنى پۈتۈنلەي پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تاپشۇرىدۇ. 21مۇشۇ ئاز بىر قىسىم ئىسرائىللارلا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنداق، ياقۇپنىڭ بۇ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى قۇدرەتلىك خۇدانىڭ يولىغا قايتىپ كېلىدۇ. 22ئەي ئىسرائىللار! سىلەرنىڭ خەلقىڭلار دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئاز بىر قىسمىڭلارلا يۇرتىڭلارغا قايتالايسىلەر. سىلەرنىڭ گۇمران بولۇشۇڭلارنى خۇدا ئاللىقاچان قارار قىلغان، مانا بۇ ئادىللىقتۇر. 23شۇنداق، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پۈتكۈل زېمىننى ئۆزىنىڭ ئالدىن قىلغان قارارى بويىچە گۇمران قىلىۋېتىدۇ.

24شۇڭا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي سىئوندا ياشاۋاتقان خەلقىم، ئاسسۇرلارنىڭ مىسىرلىقلارغا ئوخشاش سىلەرنى كالتەك ۋە قامچا بىلەن ئۇرغىنىدىن قورقۇپ كەتمەڭلار. 25ئۇزۇن ئۆتمەي مېنىڭ سىلەرگە بولغان غەزىپىم بېسىلىدۇ، شۇ چاغدا مەن ئاسسۇرلارغا غەزەپ ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىمەن. 26مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى مىديانلارنى ‹ئورېب قورام تېشى›دا قامچام بىلەن قاتتىق ساۋىغاندەك ساۋايمەن. ھاسامنى خۇددى سىلەر مىسىردىن چىققاندا دېڭىزدىن قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگەندە كۆتۈرگەندەك كۆتۈرىمەن. 27شۇ كۈنى كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئاسسۇرلارنىڭ زۇلمىدىن ئازاد قىلىمەن. بوينۇڭلارغا سېلىنغان بويۇنتۇرۇقلار چېقىپ تاشلىنىدۇ. چۈنكى سىلەر كۈچكە تولدۇڭلار.»

دۈشمەنلەرنىڭ يېرۇسالېمغا يېقىنلاپ كېلىشى

28ئاسسۇرلار ئاييات شەھىرىگە كېلىدۇ،

مىگرون شەھىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ،

مىكماس شەھىرىدە لەشكىرىي لازىمەتلىكلىرىنى قالدۇرۇپ قويىدۇ،

29ئۇلار تاغ داۋىنىدىن ئۆتۈپ، گەبا شەھىرىدە قونىدۇ.

راماھ شەھىرىنىڭ خەلقى قورقۇشۇپ، تىترەپ كېتىدۇ،

پادىشاھ سائۇلنىڭ گېبئاھ شەھىرىدىكى خەلقمۇ قېچىپ كېتىدۇ.

30ئەي، گاللىم شەھىرىنىڭ خەلقى، ياردەم چاقىرىڭلار!

لايشاھ شەھىرىدىكىلەر، سىلەرمۇ ئاڭلاڭلار،

ئەي، بىچارە ئاناتوت شەھىرىدىكىلەر،

31مادمېنا شەھىرىدىكى خەلقلەر قاچىدۇ،

گېبىم شەھىرىدىكىلەر قېچىپ پاناھلىنىدۇ.

32بۈگۈن ئاسسۇرلار نوب شەھىرىدە توختايدۇ،

ئۇلار يېرۇسالېمدىكى، يەنى سىئون تېغىدىكى خەلققە مۇشت كۆتۈرىدۇ.

33قارا، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن

شاخلارنى قىرقىپ تاشلايدۇ!

ئېگىز دەرەخلەرنى كېسىپ تاشلايدۇ،

ھاكاۋۇر ئاسسۇرلار يەرگە يىقىتىلىدۇ.

34پەرۋەردىگار ئۇلارنى، خۇددى لىۋاننىڭ ئېگىز دەرەخلىرىنى يىقىتىپ تاشلىغاندەك، يىقىتىپ تاشلايدۇ،

ئورمانلىقتىكى دەرەخلەرنى چاپقاندەك، پالتا بىلەن چېپىپ تاشلايدۇ.


11

داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن چىققان پادىشاھ

1خۇددى كۆتەكتىن ئۈنۈپ چىققان نوتىدەك،

يىشاينىڭ* يىلتىزىدىن بىر كۆچەت يېتىلىپ چىقىپ، مېۋە بېرىدۇ.

2پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشىدۇ،

ئۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئىدراك بېرىدۇ،

ئۇنىڭغا مەسلىھەت ۋە كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ،

ئۇنىڭغا بىلىم ۋە ئىتائەتمەنلىك ئاتا قىلىدۇ.

3ئۇ، پەرۋەردىگارغا بولغان ئىتائەتمەنلىكىدىن شادلىنىدۇ،

ئۇ، كىشىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە قاراپ ھۆكۈم چىقارمايدۇ،

ياكى پىتنە-ئىغۋالارغا ئاساسەن قارار چىقارمايدۇ.

4ئۇ كەمبەغەللەرگە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ،

ئاجىزلارغا ئادىللىق بىلەن قارار چىقىرىدۇ.

ئۇ سۆزلىرى بىلەن ئادەملەرنى كالتەكلەيدۇ،

ئۇ نەپىسى ئارقىلىق رەزىل ئادەملەرنى ئۆلتۈرىدۇ.

5ھەققانىيلىق ئۇنىڭ كەمىرىدۇر،

سادىقلىق ئۇنىڭ بەلبىغىدۇر.

6شۇ چاغدا بۆرە بىلەن قوزا بىللە ياشايدۇ،

يىلپىز بىلەن ئۆچكىچاق بىللە ياتىدۇ،

مۇزاي بىلەن شىر بىللە ئوتلايدۇ،

كىچىك بالا ئۇلارنى يېتىلەپ يۈرىدۇ.

7كالا بىلەن ئېيىق بىللە ئوتلايدۇ،

ئۇلارنىڭ بالىلىرى بىللە ياتىدۇ،

شىر كالىغا ئوخشاش سامان يەيدۇ.

8بوۋاقلار كۆزەينەكلىك يىلان ئۇۋىسى يېنىدا ئوينايدۇ،

بالىلار زەھەرلىك يىلان ئۇۋىسىغا قولىنى تىقىپ ئوينايدۇ.

9پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس تېغى سىئوننى ھېچنېمە گۇمران قىلالمايدۇ.

خۇددى سۇلار دېڭىزنى تولدۇرغاندەك،

پۈتۈن يەر يۈزى پەرۋەردىگارنى بىلىدىغان بىلىم بىلەن تولدۇرۇلىدۇ.

10شۇ چاغدا يىشاينىڭ يىلتىزىدىن چىققان بۇ پادىشاھ تۇغ بولۇپ خەلقنى يېتەكلەيدۇ. باشقا ئەللەر ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا ئىنتىلىدۇ. ئۇ تۇرىدىغان يەر شان-شەرەپكە تولىدۇ.

11شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.

12پەرۋەردىگار شۇ ئەللەردە تۇغ چىقىرىپ،

سۈرگۈن قىلىنغان ئىسرائىللارنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.

ئۇ يەھۇدىيەنىڭ چېچىلىپ كەتكەن خەلقىنى

يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن يىغىپ كېلىدۇ.

13ئىسرائىلىيە يەھۇدىيەگە ھەسەتخورلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ،

يەھۇدالارغا زىيانكەشلىك قىلىشمۇ توختىتىلىدۇ،

ئىسرائىللار يەھۇدالارغا قىزغانچۇقلۇق قىلمايدىغان بولىدۇ،

يەھۇدالار مۇ ئىسرائىللارغا زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىدۇ،

14ئىسرائىللار بىلەن يەھۇدالار بىرلىشىپ، غەربتىكى فىلىستىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىدۇ.

ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى خەلقلەرنى تالان-تاراج قىلىدۇ.

ئۇلار ئىدوم ۋە مۇئابلارنى بويسۇندۇرىدۇ،

ئاممونلار ئۇلارغا ئىتائەت قىلىدۇ.

15پەرۋەردىگار مىسىرنىڭ دېڭىز قولتۇقىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتىۋېتىدۇ،

ئۇ فىرات دەرياسىدا ئىسسىق شامال چىقىرىپ،

كىشىلەرنىڭ قۇرۇقلۇققا ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنى يەتتە تارماق ئېقىنغا ئايرىۋېتىدۇ.

16خۇددى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا بىر يول ئېچىلغاندەك،

پەرۋەردىگارنىڭ قېپقالغان ئاز بىر قىسىم خەلقىگىمۇ ئاسسۇرىيەدىن بىر يول ئېچىلىدۇ.



*1يىشاي _ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئاتىسى.



 

12

مەدھىيەلەر

1شۇ چاغدا يېرۇسالېم خەلقى مۇنداق دەيدۇ:

«شۈكۈر ئېيتىمەن ساڭا پەرۋەردىگار،

گەرچە سەن ماڭا غەزەپلەنگەن بولساڭمۇ،

يېنىپ ھازىر سەن غەزىپىڭدىن، بەردىڭ ماڭا تەسەللى.

2بەرھەق، خۇدا قۇتقۇزغۇچىمدۇر!

ئۇ مېنىڭ ئىشەنچىمدۇر، قورقمايمەن ھېچنېمىدىن.

چۈنكى پەرۋەردىگار مېنىڭ مۇناجىتىم ۋە كۈچ-قۇدرىتىمدۇر،

ئۇ مېنىڭ ھەم نىجاتكارىمدۇر.»

3سىلەر خۇشاللىق بىلەن نىجاتلىق قۇدۇقىدىن سۇ ئېلىڭلار. 4ئۇ كۈنى سىلەر مۇنداق دەيسىلەر:

«شۈكۈر ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

مەدھىيە ئوقۇڭلار ئۇنىڭ نامىغا.

ئۇنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىنى جاكارلاڭلار بارچە ئەللەرگە،

ئۇنىڭ قۇدرەتلىكلىكىنى بىلدۈرۈڭلار ئۇلارغا!

5ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار پەرۋەردىگارغا،

چۈنكى ئۇ قىلدى ئاجايىپ ئىشلارنى.

جاكارلانسۇن بۇ ئىشلار ھەم پۈتۈن يەر يۈزىگە!

6ئەي، سىئوندىكى پۇقرالار،

ياڭرىتىڭلار بار ئاۋازىڭلار بىلەن شادلىق مەدھىيەسىنى،

چۈنكى ئۇلۇغدۇر بىز ئىسرائىللارنى تاللىغان،

بىز بىلەن بىللە بولىدىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار.»


13

مىدىيالىقلارنى بابىللىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا چاقىرىش

1ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا بابىل توغرىسىدا ۋەھىي كەلدى:

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر چاقىرىق قىلىش ئۈچۈن تاقىر تاغدا تۇغ تىكلەڭلەر،

قوللىرىڭلارنى پۇلاڭلىتىپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئۇلارغا چاقىرىق قىلىڭلار.

ئۇلار شاھزادىلەرنىڭ ئوردا دەرۋازىلىرىغا ھۇجۇم قىلسۇن!

3مەن ئۆزۈم تاللىغان قوشۇنۇمغا پەرمان قىلدىم،

غەزىپىمنى ياغدۇرۇش ئۈچۈن لەشكەرلىرىمگە چاقىرىق قىلدىم.

لەشكەرلىرىم پەخىرلىنىپ، غەلىبەمدىن شادلىنىدۇ.»

4قۇلاق سېلىڭلار تاغلاردىن كەلگەن سادالارغا،

ئۇ غايەت زور خەلقنىڭ شاۋقۇن-سۈرەنلىرىگە ئوخشايدۇ،

قۇلاق سېلىڭلار پادىشاھلىقلاردىكى نەرە تارتقان ئاۋازلارغا،

نۇرغۇن ئەللەرنىڭ بىرلىشىشدىن يىغىلغان ئاۋازلارغا،

قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇرۇش ئۈچۈن قوشۇن توپلاۋاتىدۇ.

5ئۇلار يىراق يەردىن كېلىدۇ، زېمىننىڭ ئۇ چېتىدىن كېلىدۇ.

پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ غەزەپلىك قوراللىرى بىلەن كېلىۋاتىدۇ،

پۈتۈن زېمىننى گۇمران قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتىدۇ.

6ھەممىڭلار پەرياد چېكىسىلەر!

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلىشكە ئاز قالدى.

ئۇ كۈن قادىر خۇدا ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان كۈن بولىدۇ.

7ھەممە ئادەمنىڭ پۇت-قوللىرىدا جان قالمايدۇ،

ھەممە ئادەمنىڭ يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كېتىدۇ.

8ئۇلار ئالاقزادىلىكتە قالىدۇ،

ئازاب ۋە غەم-غۇسسە ئۇلارنى چىرمىۋالىدۇ.

ئۇلار تولغاق ئازابىدىكى ئايالدەك قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ چىرايى قورقۇنچلۇق تۈس ئېلىپ،

بىر-بىرىگە ۋەھىمىلىك ھالدا قارايدۇ.

9قاراڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ جازا كۈنى كېلەي دەپ قالدى.

بۇ شەپقەتسىز كۈن، چەكسىز غەزەپ ۋە رەھىمسىزلىككە تولغاندۇر.

ئۇ زېمىننى خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ ۋە گۇناھكارلارنى گۇمران قىلىدۇ.

10ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ۋە يۇلتۇز تۈركۈملىرى ئۆز يورۇقلۇقىنى چۈشۈرمەيدۇ.

قۇياش قاپقارا بولۇپ چىقىدۇ،

ئايمۇ يورۇقلۇق بەرمەيدۇ.

11پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن دۇنيانى ئۇنىڭ رەزىللىكى ئۈچۈن جازالايمەن،

رەزىل ئادەملەرنى ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالايمەن.

مەن كۆرەڭلەپ، مەغرۇرلانغانلارنى پەسلەشتۈرىمەن.

شەپقەتسىزلەرچە غادايغانلارنى يەرگە ئۇرىمەن.

12ئىنسانلار زېمىندا ئازىيىپ، ئالتۇندىنمۇ تەستە تېپىلىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ،

ئادەملەرنى ئوفىرنىڭ ئالتۇنلىرىدەك ئازايتىۋېتىمەن.

13بۇ مېنىڭ ئاسماننى تىترىتىپ، زېمىننى تەۋرىتىپ،

ئۆز ئورنىدىن قوزغىتىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر.

شۇ كۈنى مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

ھەممىگە رەھىمسىزلەرچە غەزىپىمنى چاچىمەن.»

14شۇ كۈنى ئەھۋال شۇنداق بولىدۇكى:

بۆكەن ئوۋچىدىن قاچقاندەك، قويلار پىتىراپ كەتكەندەك،

ھەممە ئادەم ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ ۋە ئۆز زېمىنىگە قاچىدۇ.

15تېپىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە نەيزە سانجىلىدۇ،

تۇتۇلغانلارنىڭ ھەممىسى قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ.

16ئۇلارنىڭ ئۇششاق بالىلىرى كۆز ئالدىدىلا يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى بۇلاپ-تالىنىدۇ، خوتۇنلىرى دەپسەندە قىلىنىدۇ.

17«مەن مىدىيالىقلارنى بابىللارغا قارشى ئاتلاندۇرىمەن.

ئۇلار كۈمۈشكە قىزىقمايدۇ، ئالتۇنغا قاراپمۇ قويمايدۇ.

18ئۇلار ئوقيالىرى بىلەن يىگىتلەرنى ئېتىپ ئۆلتۈرىدۇ.

ئۇلار بوۋاقلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ،

بالىلارغا رەھىم-شەپقەت قىلمايدۇ.»

19بابىل باشقىلار ئەڭ ھەۋەسلەنگەن پادىشاھلىق ئىدى،

بابىللارنىڭ شان-شۆھرىتى ۋە ئىپتىخارى ئىدى.

ئۇ پەرۋەردىگار تەرىپىدىن گۇمران قىلىنىدۇ،

خۇددى سودوم ۋە گومورادەك.

20بۇ يەردە ئەمدى ئادەم تۇرمايدۇ،

كەلگۈسىدىكى ئىنسانلارمۇ بۇ يەردە ياشىمايدۇ.

كۆچمەنلەر بۇ يەرگە كەپىلىرىنى قۇرمايدۇ،

پادىچىلارمۇ قويلىرىنى بۇ يەردە باقمايدۇ.

21بۇ يەر چۆل جانلىقلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇۋقۇشلار تولۇپ كېتىدۇ.

ئۇ يەردە تۆگە قۇشلار ياشايدۇ،

ياۋا ئۆچكىلەر تاقلاپ يۈرىدۇ.

22بابىلنىڭ قورغانلىرى ياۋا ئىتلار ھۇۋلىشپ يۈرىدىغان ماكان بولىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئوردىلىرى چىلبۆرىلەرنىڭ يايرايدىغان ماكانى بولىدۇ.

بابىلنىڭ ۋاقتى توشۇپ قالدى،

ئۇنىڭغا ئەمدى ئۇزۇن ۋاقىت بېرىلمەيدۇ.


14

ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشى

1پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئىسرائىللارنى قايتىدىن يەنە ئۆزىنىڭ خەلقى قىلىپ تاللايدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئۆز زېمىنىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، شۇنداقلا باشقا خەلقلەر كېلىپ ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا قوشۇلۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. 2ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

بابىل پادىشاھىنىڭ تۈگىشىشى

3پەرۋەردىگار سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن، قالايمىقانچىلىقتىن، رەھىمسىز قۇللۇقنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلدۇرغان كۈندە، 4سىلەر بابىل پادىشاھىنى مۇنۇ سۆزلەر بىلەن مەسخىرە قىلسىلەر:

بۇ زوراۋان قانداق تۈگەشتى-ھە!

ئۇنىڭ مۇشتۇمزورلۇقى قانداق ئاخىرلاشتى-ھە!

5پەرۋەردىگار رەزىللەرنىڭ كۈچىنى بىتچىت قىلدى،

زوراۋان ھۆكۈمدارلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىلىرىنى سۇندۇردى.

6ئۇلار قەھر-غەزەپ بىلەن توختىماي ھۇجۇم قىلىپ ئەللەرنى يوقاتقان،

خەلقلەرگە قەھر-غەزەپ بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىپ ئۇلارنى ھىسابسىز ئەزگەن.

7ئەمما ھازىر پۈتكۈل زېمىن تىنچلىنىپ، ئارام ئالدى.

خەلقلەر خۇشاللىق بىلەن تەنتەنە قىلدى.

8ئەي، بابىل پادىشاھى! لىۋاننىڭ كىپارىس ۋە كېدىر دەرەخلىرى

سېنىڭ ئاقىۋىتىڭدىن چەكسىز شادلىنىدۇ.

ئۇلار: «سېنى يوقاتقاندىن كېيىن ھېچكىم كېلىپ بىزنى كەسمەيدۇ» دەيدۇ.

9يەر ئاستىدىكى ئۆلۈكلەر دۇنياسى سېنى خۇشال قارشى ئالىدۇ،

بۇرۇن يەر يۈزىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۆلۈكلەرنى ئويغىتىدۇ،

بۇرۇنقى پادىشاھلار چىرىگەن تەختلىرىدىن قوپۇپ سېنى كۈتۈۋالىدۇ.

10ئۇلارنىڭ ھەممىسى سېنى مەسخىرە قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«سەنمۇ بىزدەك بىچارە بولدۇڭ! سەنمۇ بىزنىڭ سېپىمىزگە قېتىلدىڭ!»

11سېنىڭ ھەيۋەڭ سەن بىلەن بىللە ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا كىرىپ كەتتى.

سېنىڭ مۇزىكىلىق تاماشىلىرىڭمۇ سەن بىلەن بىللە دەپنە قىلىندى.

سەن ئەمدى قۇرت-قوڭغۇزلارنى سېلىنچا ۋە يېپىنچا قىلىسەن.

12سەن قانداق بولۇپ كۆكتىن يىقىلدىڭ؟!

سەن ئاسماندىكى يورۇق يۇلتۇز، تاڭنىڭ نۇرى ئەمەسمىدىڭ؟!

قانداق بولۇپ يەرگە چۈشۈپ كەتتىڭ؟!

سەن يەر يۈزىدىكى دۆلەتلەرنى گۇمران قىلغان ئەمەسمىدىڭ؟!

13سەن ئۆز-ئۆزۈڭگە شۇنداق دېگەنىدىڭ:

«مەن ئەرشكە چىقىپ، خۇدانىڭ يۇلتۇزلىرىنىڭ ئۈستىگە تەخت قۇرىمەن.

مەن ھامان ئىلاھلار يىغىلىدىغان شىمالدىكى تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرىمەن.

14مەن بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىگە يامىشىپ چىقىمەن،

مەن ئۇلۇغ خۇداغا ئايلىنىمەن!»

15ئەمما سەن ئۆلۈكلەر دۇنياسىغا تاشلاندىڭ،

ئۆلۈكلەر دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرىگە تاشلاندىڭ.

16ئۇ يەردە سېنى كۆرگەنلەر ساڭا تىكىلىپ قارايدۇ

ۋە ساڭا نېمە ئىش بولغانلىقىنى ئويلاپ، مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ، يەر يۈزىنى تەۋرەتكەن ۋە پادىشاھلىقلارنى تىترەتكەن ھېلىقى ئادەم ئەمەسمۇ؟

17بۇ ئادەم دۇنيانى قاقاسلىققا ئايلاندۇرغان،

شەھەرلەرنى خاراب قىلىۋەتكەن ئەمەسمۇ؟

ئەسىرلەرنى قاماپ قويۇپ، ئۆيلىرىگە قايتۇرمىغان كىشى شۇ ئەمەسمۇ؟»

18بارلىق ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرى شان-شۆھرىتى بىلەن ئۆز قەبرىسىدە ياتىدۇ.

19ئەمما سەن خۇددى قەدىرسىز شاخ-شۇمبىدەك قەبرەڭدىن تارتىپ چىقىرىلىسەن.

سەن خۇددى دەسسەپ چەيلەنگەن جەسەتلەردەك،

ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلەر بىلەن بىللە جەسەت ئازگاللىرىغا تاشلىۋېتىلىسەن.

ئۇ يەرنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاراڭغۇ يېرى سېنىڭ جايىڭ بولىدۇ.

20سەن باشقا پادىشاھلارغا ئوخشاش دەپنە قىلىنمايسەن،

چۈنكى سەن ئۆز زېمىنىڭنى ۋە خەلقىڭنى ۋەيرانچىلىققا دۇچار قىلغان.

بۇنداق رەزىللەرنىڭ ئەۋلادى مەڭگۈ تىلغا ئېلىنمىغاي!

21بۇ ئادەمنىڭ ئوغۇللىرىنى يوقىتىشقا تەييار تۇرۇڭلار.

ئۇلار ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ گۇناھى ئۈچۈن ئۆلسۇن.

ئۇلار يەنە قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىپ، يەر يۈزىنى ئىشغال قىلىۋالمىسۇن.

يەر يۈزىنى ئۆز شەھەرلىرى بىلەن تولدۇرمىسۇن!

22قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقىپ،

ئۇنىڭ نامىنى، قېپقالغان خەلقىنى ۋە ئەۋلادلىرىنى يوقىتىمەن.»

بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بابىلنى ياۋايى ھايۋانلار ماكانىغا،

شۇنداقلا سازلىققا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.

مەن خۇددى ئەخلەتنى سۈپۈرۈپ تاشلىغانغا ئوخشاش، بابىلنى يوقىتىۋېتىمەن.»

ئاسسۇرىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

24قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئىشلار خۇددى مەن بۇرۇنلا ئىرادە قىلغىنىمدەك يۈز بېرىدۇ؛

مەن قانداق بولۇشنى ئىرادە قىلغان بولسام، ئىشلارمۇ شۇنداق بولىدۇ.

25مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن،

خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن.

ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.

26بۇ مېنىڭ پۈتكۈل يەر يۈزىگە قىلغان ئىرادەم.

مېنىڭ قولۇم پۈتكۈل ئەللەرگە سوزۇلدى.»

27بەرھەق، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلسا،

قېنى كىم ئۇنى توسىيالايدۇ؟

ئۇنىڭ قوللىرى گۇمران قىلىشقا تەييارلانسا،

قېنى كىم ئۇنى توختىتالايدۇ؟

فىلىستىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

28پادىشاھ ئاخاز ئۆلگەن يىلى پەرۋەردىگاردىن بۇ ۋەھىي كەلدى:

29«ئەي فىلىستىيەلىكلەر، سىلەر: ‹بىزنى ئۇرىدىغان كالتەك سۇندى› دەپ،

ئالدىراپ خۇش بولۇپ كەتمەڭلار!

كېيىن چىققان يىلان كۆزەينەكلىك يىلاندۇر.

ئۇنىڭدىن تۇغۇلغان يىلان تېخمۇ زەھەرلىك ئۇچار يىلاندۇر.

30پېقىر-مىسكىنلەرگە يەيدىغان نېسىۋە بېرىلىدۇ،

موھتاجلارمۇ خاتىرجەم ياتىدۇ.

لېكىن، مەن پەرۋەردىگار ئاچارچىلىق بىلەن يىلتىزلىرىڭلارنى قۇرۇتىمەن،

ھەممىڭلارنى قىرىپ تاشلايمەن.

31ئەي فىلىستىيەلىكلەر، دەرۋازىلىرىڭلاردا ئولتۇرۇپ نالە-پەرياد قىلىڭلار!

شەھەرلىرىڭلاردا ئۆكسۈپ يىغلاڭلار!

پۈتكۈل فىلىستىيەلىكلەر، ۋەھىمىگە پېتىڭلار!

شىمال تەرەپتىن بىر قارا تۈتەك كېلىدۇ،

ئۇ بىرمۇ لەشكىرى سەپتىن چۈشۈپ قالمايدىغان، باستۇرۇپ كېلىۋاتقان قوشۇندۇر.

32فىلىستىيەلىكلەرنىڭ يېرۇسالېمغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرىگە قانداق جاۋاب بېرىلىدۇ؟

‹پەرۋەردىگار سىئوننى مۇستەھكەم شەھەر قىلىپ قۇردى،

ئۇنىڭ جاپاكەش خەلقى ئۇ يەردە پاناھلىق تاپىدۇ.›»


15

موئابنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ، موئاب توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

موئابتىكى ئار شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!

موئابتىكى قىر شەھىرى بىر كېچىدىلا خارابىلىككە ئايلاندۇرۇلۇپ، گۇمران قىلىنىدۇ!

2موئابتىكى دىبون شەھىرىنىڭ خەلقى ئۆز بۇتخانىسىغا بارىدۇ،

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەجدىگاھلىرىغا بېرىپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلىشىدۇ.

موئابلار نىبو ۋە مېدىبا شەھەرلىرى ئۈچۈن ھازا ئېچىشىدۇ.

ئۇلار مۇسىبەتتە چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ.

3ئۇلار كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ كوچىلاردا ھازا تۇتىدۇ.

ئۆيلەرنىڭ ئۆگزىلىرىدە ۋە شەھەر مەيدانلىرىدا ھەممە ئادەم نالە-پەرياد قىلىپ ھازا ئېچىشىدۇ،

ئۇلارنىڭ يۈزلىرى كۆز ياشلىرى بىلەن يۇيۇلىدۇ.

4خەشبون ۋە ئەلئالى شەھەرلىرىنىڭ خەلقلىرى ياردەم تىلەپ يىغلىشىدۇ،

ئۇلارنىڭ يىغا-زار ئاۋازلىرى يىراقتىكى ياھاز شەھىرىگىچە ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

شۇڭا موئاب لەشكەرلىرى قورقۇنچتىن چۇقان سېلىپ، تىترەپ كېتىدۇ.

5مەنمۇ موئاب ئۈچۈن يىغلايمەن.

ئۇنىڭ مۇساپىرلىرى زوئار ۋە ئەگلات-شىلشىيا شەھەرلىرىگە قاچىدۇ.

ئۇلار ئېگىزلىكتىكى لۇخىت شەھىرىگە بارغۇچە يىغلاپ ماڭىدۇ.

خورونايىم شەھىرىگە بارغۇچە ۋەيرانچىلىقىدىن نالە-پەرياد قىلىپ ماڭىدۇ.

6نىمرىم بۇلاقلىرى سۇسىز قالىدۇ،

ئوت-چۆپلەرمۇ قۇرۇپ كېتىدۇ،

يۇمران مايسىلارمۇ سولىشىدۇ،

ھەممە يەر قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.

7ئۇلار ئۆزلىرى توپلىغان ۋە ساقلاپ قالغان بايلىقلىرىنى ئېلىپ،

ئارابىم جىلغىسىدىن
* ئۆتۈپ قاچىدۇ.

8پۈتكۈل موئاب زېمىنىدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ،

ئۇلارنىڭ نالە-زارى ئەگلايىم شەھىرىگىچە يېتىپ بارىدۇ.

ئۇلارنىڭ داد-پەريادى بەئەر-ئېلىم شەھىرىگىچە ئاڭلىنىدۇ.

9دىمون شەھىرىنىڭ دەريالىرى قان بىلەن قىپقىزىل بويىلىپ كېتىدۇ،

شۇنداق، پەرۋەردىگار دىمون شەھىرىنىڭ پۇقرالىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئازاب ئېلىپ كېلىدۇ.

موئاب زېمىنىدا قېپقالغان ئادەملەر ۋە قېچىپ يۈرگەنلەر شىرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرايدۇ.



*7ئارابىم جىلغىسى _ موئاب بىلەن ئىدومنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى چېگرا.



 

16

1سەلا شەھىرىدىن چىقىپ چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سىئون تېغىغا بېرىپ،

زېمىننىڭ ھۆكۈمدارىغا قوينىڭ قوزىلىرىنى تارتۇق قىلىڭلار.

2موئاب خەلقى ئۇۋىسىدىن قوغلانغان قۇشلارغا ئوخشاش ئارنون دەرياسىدىن قېچىپ ئۆتىدۇ.

3ئۇلار مۇنداق دەيدۇ:

«نېمە قىلىشىمىزنى بىزگە ئېيتىڭلار، بىزنى قوغداڭلار!

سىلەرنىڭ پاناھلىقىڭلار خۇددى چىڭقى چۈشتىكى سايىگە ئوخشايدۇ،

بىزدەك قوغلانغانلارنى ئۆز پاناھىڭلارغا ئېلىڭلار،

بىزدەك پاناھلىق تىلىگۈچىلەردىن يۈز ئۆرۈمەڭلەر!

4موئابتىن سەرسان بولۇپ كەلگەن بىزلەرنى ئۆزۈڭلار بىلەن بىللە تۇرۇشقا يول قويۇڭلار،

بىزنى گۇمران قىلماقچى بولغانلاردىن قوغداپ قېلىڭلار.»

زالىملار چوقۇم يوقىلىدۇ،

ۋەيرانچىلىق ئاخىرلىشىدۇ،

تاجاۋۇزچىلار زېمىندىن يوقىلىدۇ،

5ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئىشەنچلىك بىر پادىشاھنى تىكلەيدۇ.

ئۇ پادىشاھ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولىدۇ.

ئۇ رەھىم-شەپقەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇ دائىم ئادىل ۋە توغرا ئىشلارنى قىلىدۇ.

6بىز موئابلارنىڭ ھاكاۋۇرلۇقىنى ئاڭلىغان، ئۇلار شۇنداق ھاكاۋۇر ئىدىغۇ!

ئۇلار ھاكاۋۇرلۇقىدىن، كىبىرلىكىدىن كۆرەڭلەپ كەتكەنىدى.

ئەمما ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلىغىنى بىكار بولدىغۇ!

7شۇڭا موئابلارنىڭ نالە-پەريادىغا ئېرەن قىلماڭلار،

موئابلارنىڭ ھەممىسى ئۆزى ئۈچۈن نالە-پەرياد قىلسۇن.

ئۇلارنىڭ قىرخەرەستىكى كىشمىشلىرى قۇرۇپ كېتىدۇ.

8خەشبون شەھىرىنىڭ دالالىرىدىكى زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ.

سىبماھ شەھىرىدىكى باراقسان ئۈزۈمزارلىقلارمۇ يوقىلىدۇ.

يات ئەللەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئۇلارنى كېسىپ تاشلايدۇ.

بۇ ئۈزۈمزارلىقلار يازېر شەھىرىدىن ئۆتۈپ چۆللەرگىچە تۇتاشقانىدى،

ئۇلار شاخلارنى چىقىرىپ، دېڭىزغىچە باراقسانلاشقانىدى.

9شۇڭا مەن يازېر بىلەن سىبماھتىكى ئاشۇ ئۈزۈمزارلىققا ئېچىنىمەن.

ئەي خەشبونلۇقلار ۋە ئەلئالىلىقلار، كۆز ياشلىرىمغا چىلىشىپ كېتىسىلەر،

سىلەرنىڭ مەي باغلاپ پىشقان مېۋە-چېۋەڭلار ۋە مول ھوسۇل شادلىقىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

10شادلىق ۋە خۇشال كۈلكەڭلار باغلىرىڭلاردىن يوقىلىدۇ،

ئۈزۈمزارلىقىڭلاردا ھېچكىم خۇشاللىق ناخشىلىرىنى ئېيتمايدۇ،

شادلىق سادالىرىنى ياڭراتمايدۇ.

ھېچكىم ئۈزۈملەرنى يانجىپ، ئۈزۈم ھارىقى ياسىمايدۇ.

سىلەرنىڭ خۇشاللىق سادالىرىڭلار ئاخىرلىشىدۇ.

11شۇ سەۋەبتىن، مېنىڭ يۈرىكىم خۇددى ماتەم مۇزىكىسى چالغاندەك موئابلار ئۈچۈن يىغلايدۇ،

قىرخەرەس شەھىرىنىڭ خەلقى ئۈچۈن زارلانماقتىمەن.

12موئابلار ئىبادەت قىلىشقا بارغاندا، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنى بىكارلا ئاۋارە قىلىدۇ.

ئۇلار بۇتخانىلىرىغا بېرىپ دۇئا قىلسا، قىلغان دۇئالىرىنىڭ نېمىگە پايدىسى بولسۇن؟

13يۇقىرىدىكى ۋەقەلەر پەرۋەردىگارنىڭ موئابلارغا ئالدىن بەرگەن بېشارىتىدۇر. 14ۋاھالەنكى، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەل ئۈچ يىلدىن كېيىن، موئابلارنىڭ شۆھرىتى ئاخىرلىشىدۇ، گەرچە ئۇلار شۇنچە كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئۇلاردىن ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ، شۇنچە بىچارە بولۇپ قالىدۇ.»


17

سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ، دەمەشق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

«قاراڭلار، دەمەشق شەھىرى پات ئارىدا يوقىلىدۇ،

ئۇ ۋەيرانە خارابىلىككە ئايلىنىدۇ!

2خەلق ئاروئېرنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەرنى تاشلايدۇ.

بۇ شەھەرلەر مال-چارۋىلارنىڭ يايلايدىغان يېرىگە ئايلىنىدۇ.

بۇ يەردىن ھېچكىم ئۇلارنى قوغلاپ يۈرمەيدۇ، ئۈركۈتمەيدۇ.

3شىمالدىكى ئىسرائىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى يوقىلىدۇ،

دەمەشق پادىشاھلىقى ھەم يوقىلىدۇ.

قېپقالغان سۈرىيەلىكلەرنىڭ ئاقىۋىتى، ئىسرائىلىيەدىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىگە ئوخشاش شەرمەندىلىك بولىدۇ!»

مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

4«شۇ چاغدا ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ شۆھرىتى تۈگەيدۇ.

خۇددى قاۋۇل ئادەم ئورۇقلاپ كەتكەندەك بولىدۇ.

5ئۇنىڭ پۈتكۈل زېمىنى ھوسۇل يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى ئېتىزلىققا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئۇ يەرلەر زىرائەتلەر يىغىۋېلىنغاندىن كېيىنكى رافاھ جىلغىسىدەك قاقاس بولۇپ قالىدۇ.

6مېۋىلىرى قېقىۋېلىنغان زەيتۇن دەرىخىنىڭ شاخلىرىدا قېپقالغان نەچچە تال زەيتۇندەك،

تۆت-بەش تال مېۋىسى قالغان دەرەختەك، پەقەت ساناقلىقلا ئادەم قالىدۇ.»

مانا بۇ، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر.

7شۇ چاغدا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ ياراتقۇچىسىغا يۈزلىنىدۇ،

ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغىلا تايىنىدۇ.

8شۇ چاغدا ئۇلار ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان بۇتلارغا چوقۇنمايدىغان بولىدۇ،

ياكى ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ئۆزلىرى ياسىغان ياغاچ تۈۋرۈككە ئىلتىجا قىلمايدىغان بولىدۇ.

ھەمدە ئۆز قوللىرى بىلەن ياسىغان ئىسرىقدانلاردا ئىلاھلىرىغا كۈجە كۆيدۈرمەيدىغان بولىدۇ.

9بۇ چاغدا ئىسرائىللارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرى تاشلاندۇق خارابىلىككە ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇ شەھەرلەر، ئىلگىرى خەلقلىرى ئىسرائىللارنىڭ ھۇجۇمىدىن قېچىپ، تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەردەك ئادەمسىز قالىدۇ.

10چۈنكى سىلەر ئۆزۈڭلارنى قۇتقۇزغان خۇدانى ئۇنتۇپ قالدىڭلار،

سىلەر پاناھلانغان قورام تاشنى ئۇنتۇپ قالدىڭلار.

مەيلى سىلەر ئەڭ ئېسىل دەرەخلەرنى تىككەن بولۇڭلار،

ۋە ياكى ئۈزۈمزارلىقلارنى بەرپا قىلغان بولۇڭلار،

11مەيلى ئۇلار تىكىلگەن كۈنى كۆكلىگەن بولسۇن،

ياكى شۇ كۈنى ئەتىگەندە بىخ چىقارغان بولسۇن،

لېكىن شۇ ئېغىر ئازاب-ئوقۇبەتلىك كۈن كەلگەندە،

سىلەرنىڭ ھوسۇلۇڭلا يوقىلىدۇ.

12ئاڭلاڭلار! نۇرغۇن ئەللەرنىڭ قوشۇنلىرى دېڭىز شاۋقۇنىدەك نەرە تارتىۋاتىدۇ.

قۇدرەتلىك قوشۇنلارنىڭ دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كېلىۋاتقىنىغا قۇلاق سېلىڭلار!

13گەرچە ئۇلار دېڭىز شاۋقۇنىدەك سۈرەن سېلىپ كەلسىمۇ،

خۇدانىڭ ئەيىبلىشى بىلەن يىراقلارغا قېچىپ كېتىدۇ.

ئۇلار خۇددى ئېدىرلىقتا شامال ئۇچۇرغان ساماندەك،

بوران ئۇچۇرغان توزاندەك قېچىپ كېتىدۇ.

14كەچ كىرگەندە ئىسرائىللارنى ۋەھىمە باسقان بولسا،

تاڭ ئاتقۇچە دۈشمەن غايىب بولىدۇ.

مانا بۇ بىزنى تالان-تاراج قىلغانلارنىڭ تەقدىرى،

بىزنى بۇلىغانلارنىڭ ئاقىۋىتى.


18

ئېفىيوپىيەگە يەتكۈزۈلگەن ۋەھىي

1نىل دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدە _ ھاشاراتلار قاناتلىرىنى ئۆرۈپ غوڭۇلدايدىغان يەردە ياشايدىغان ئېفىيوپىيەلىكلەرنىڭ ھالىغا ۋاي!

2ئۇلار قومۇشتا ياسالغان كېمىلەر بىلەن دەريا ئارقىلىق ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىدۇ.

ئەي يەلتاپان خەۋەرچىلەر، زېمىنلىرى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدىغان،

تېرىلىرى سىلىق، بويلىرى ئېگىز بولغان ئەلگە بېرىڭلار.

يېقىن-يىراقتىكىلەرنى قورقۇتقان ئەلگە،

كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى ئەلگە بېرىڭلار.

3ئەي دۇنيادىكى بارلىق ئەللەر، زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەر،

سىلەر تاغدا كۆتۈرۈلگەن بىر تۇغنى كۆرگەندە ئاگاھ بولۇڭلار!

سىلەر قوچقار مۈڭگۈزىدىن ياسالغان بۇرغىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، ئاگاھ بولۇڭلار!

4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«مەن ئۆز جايىمدا ھەممە ئىشنى كۆزىتىپ تۇرىمەن.

مەن تومۇز كۈنلىرىدىكى ئىسسىق ھاۋادەك،

ھوسۇل مەزگىلىدە ئەتىگىنى چۈشكەن شەبنەمدەك تىۋىشسىز تۇرىمەن.»

5ھوسۇل مەزگىلىدىن بۇرۇن چېچەكلەر توزۇپ، ئۈزۈملەر پىشاي دېگەندە،

پەرۋەردىگار يۇمران شاخلارنى كېسىپ تاشلايدۇ،

قاتار كەتكەن بۈك-باراقسان ئۈزۈم باراڭلىرىنى چېپىپ تاشلايدۇ.

6جەسەتلەر تاغدىكى ئوزۇق ئىزدەپ يۈرگەن قۇشلارغا،

ياۋايى يىرتقۇچلارغا تاشلاپ بېرىلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن قۇشلار يازدا ئوزۇقلۇقتىن غەم قىلمايدۇ،

يىرتقۇچلار قىشتا ئاچ قېلىشتىن غەم قىلمايدۇ.

7شۇ چاغدا، بويلىرى ئېگىز ۋە تېرىلىرى سىلىق بولغان قوۋملاردىن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا تارتۇقلار قىلىنىپ تۇرىدۇ.

بۇ يىراق-يېقىندىكىلەرنى قورقۇتقان قوۋملاردۇر،

كۈچلۈك ۋە ئىشغالىيەتچى قوۋملاردۇر.

ئۇلارنىڭ زېمىنى دەريا ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇرىدۇ.

ئۇلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا تاللىغان جايغا، يەنى سىئون تېغىغا تارتۇقلارنى ئەكېلىدۇ.


19

مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ مىسىر توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

قاراڭلار! پەرۋەردىگار مىسىرغا ئۇچقۇر بۇلۇتقا مىنىپ كېلىدۇ.

مىسىرنىڭ بۇتلىرى تىترىشىدۇ،

مىسىرلىقلارنىڭ يۈرەكلىرى قورققىنىدىن سۇ بولۇپ كېتىدۇ.

2پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن مىسىرلىقلارنى ئۆزئارا قارشىلاشتۇرىمەن،

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ.

ھەممە ئائىلە كىشىلىرى، ھەممە قوشنىلار ئۆزئارا ئۇرۇشىدۇ.

بىر شەھەر يەنە بىر شەھەر بىلەن،

بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشىدۇ.

3مىسىرلىقلارنىڭ ئىرادىسىنى سۇندۇرۇپ،

ئۇلارنىڭ پىلانلىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىمەن.

ئۇلار ئۆز بۇتلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ،

ئۇلار روھلار بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەملىرىدىن،

باخشىلىرى ۋە پالچىلىرىدىن ياردەم تىلەيدۇ.

4مەن مىسىرنى بىر زالىم ھۆكۈمرانغا تۇتۇپ بېرىمەن.

بىر قۇدرەتلىك پادىشاھ ئۇلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.»

مانا بۇ، ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

5نىل دەرياسىنىڭ سۈيى قۇرۇپ كېتىدۇ،

دەريا قاغجىراپ، سۈيى تۈگەيدۇ.

6مىسىرنىڭ نىل دەرياسى ۋە ئۇنىڭ تارماقلىرى سېسىپ،

سۈيى ئاستا-ئاستا ئازىيىپ، قۇرۇپ كېتىدۇ.

قومۇشلار ۋە يېكەنلەر قاقشال بولۇپ قالىدۇ.

7نىل دەرياسى بويىدىكى ۋە دەريا ئېغىزىدىكى ئۆسۈملۈكلەر،

ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى تېرىلغان زىرائەتلەر قۇرۇپ كېتىدۇ،

ئۇلارنى شاماللار ئۇچۇرۇپ كېتىپ، يوقىلىدۇ.

8بېلىقچىلار قايغۇغا چۆمىدۇ،

نىل دەرياسى بىلەن تىرىكچىلىك قىلىدىغانلار ھەسرەتكە چۆمىدۇ،

دەرياغا تور تاشلايدىغانلار نالە قىلىدۇ.

9كەندىردىن يىپ ئېشىدىغانلار قايغۇرىدۇ،

رەخت توقۇيدىغانلار ئۈمىدسىزلىككە تولىدۇ.

10مىسىرنىڭ توقۇمچىلىرىغا مۇسىبەت بولىدۇ،

بارلىق ئىشلەمچىلەر چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ.

11زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ھەقىقەتەن ئەخمەق،

پىرئەۋننىڭ دانىشمەنلىرى ئەخمىقانە مەسلىھەتلەرنى بېرىدۇ:

«مەن بىر دانىشمەننىڭ ئوغلى، قەدىمكى پادىشاھلارنىڭ ئەۋلادى.»

ئۇلار نەقەدەر قاپ يۈرەكلىك بىلەن پىرئەۋنگە شۇنداق دېگەن-ھە!

12ئەي پىرئەۋن! ئەمدى سېنىڭ دانىشمەنلىرىڭ قېنى؟

ئۇلار ساڭا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ

مىسىرغا قارشى نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇنچۇ.

13زوئان شەھىرىنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنى ئەخمەق قىلىۋاتىدۇ،

مېمفىس شەھىرىنىڭ ئاقساقاللىرى ئۆز-ئۆزىنى ئالداۋاتىدۇ،

مىسىردىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرى مىسىرنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويىدۇ.

14پەرۋەردىگار مىسىر ئاقساقاللىرىنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ.

شۇڭا ئۇلار مىسىر خەلقىنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ.

ئۇلارنى ھاراقكەشلەردەك ئۆز قۇسۇقلىرىغا تېيىلىپ، دەلدەڭشىپ يۈرىدىغان ھالغا كەلتۈرۈپ قويىدۇ.

15مىسىردا ھېچبىر ئادەم، مەيلى مەرتىۋىسى يۇقىرى ياكى تۆۋەن بولسۇن،

ئۇلۇغ ياكى پېقىر بولسۇن،

بۇ كەلگۈلۈكنىڭ ئالدىدا ئامال-چارىسىز قالىدۇ.

16ئۇ چاغدا مىسىرلىقلارنىڭ قىلىقى ئاياللارغا ئوخشاپ قالىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئاتقان مۇشتۇمىنىڭ زەربىسىدە قورقۇشۇپ تىترەپ كېتىدۇ. 17يەھۇدىيە خەلقى مىسىرلىقلارنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. مىسىرلىقلار يەھۇدىيەنى ئېسگە ئالغان ھامان ئۇلار قورقىدۇ، چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى جازالىماقچى.

18ئۇ چاغدا مىسىرنىڭ بەش شەھىرىدە ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان بولىدۇ. ئۇلار قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارغا ساداقەت بىلدۈرۈپ قەسەم قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر شەھەر «قۇياش شەھىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

19شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ. 20بۇلار مىسىرلىقلارنىڭ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنى ياد ئېتىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ياسالغان بىر خاتىرە بەلگىسى بولىدۇ. خەلق ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەر ئۈستىدىن پەرۋەردىگارغا يىغلاپ نالە-پەرياد قىلغاندا، پەرۋەردىگار ئۇلارنى قۇتقۇزۇش ۋە قوغداش ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى ئەۋەتىدۇ. ئۇ ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ. 21شۇنداق قىلىپ، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارغا ئۆزىنى ئاشكارىلايدۇ. شۇ چاغ كەلگەندە، مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارنى تونۇپ، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىدۇ. ئۇلار قۇربانلىق ۋە ئاشلىق ھەدىيەلىرى قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا ۋەدە قىلىدۇ ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدۇ. 22پەرۋەردىگار مىسىرغا زەربە بېرىدۇ ۋە ئاندىن ئۇنىڭغا شىپالىق بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن مىسىرلىقلار پەرۋەردىگارغا يۈزلىنىدۇ. پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ دۇئالىرىنى ئاڭلاپ، ئۇلارغا شىپالىق بېرىدۇ.

23شۇ چاغدا مىسىردىن ئاسسۇرىيەگە بىر يول ئېچىلىدۇ. ئاسسۇرلار مىسىرنى زىيارەت قىلىدۇ، مىسىرلىقلار ئاسسۇرىيەنى زىيارەت قىلىدۇ. مىسىرلىقلار بىلەن ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارغا بىرلىكتە ئىبادەت قىلىدۇ. 24شۇ چاغدا ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە ئاسسۇرىيە يەر يۈزىدىكى خەلقلەرنىڭ بەخت مەنبەسىگە ئايلىنىدۇ. 25قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «مىسىرلىقلار مېنىڭ خەلقىم، ئاسسۇرلار مېنىڭ قولۇمدىكى ئىجادىيىتىم، ئىسرائىللار مېنىڭ مۈلكۈم، سىلەر بەختلىك بولۇڭلار!»


20

مىسىر ۋە ئېفىيوپىيە توغرىسىدىكى ۋەھىي

1ئاسسۇرلارنىڭ پادىشاھى سارگون باش سەركەردىسىنى ئاشدود شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئەۋەتىپ، ئۇ شەھەرنى ئىشغال قىلدى. 2شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئاموزنىڭ ئوغلى يەشاياغا: «كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىمىڭنى ۋە ئايىغىڭنى سېلىۋەت!» دېدى. يەشايا شۇنداق قىلدى ۋە يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز كېزىپ يۈردى.

3ئاندىن پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «مېنىڭ خىزمەتكارىم يەشايا ئۈچ يىل يالاڭ ئاياغ ۋە كىيىمسىز يۈردى. مانا بۇ، مىسىر ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. 4چۈنكى ئاسسۇر پادىشاھى، مىسىرلىقلار ۋە ئېفىيوپىيەلىكلەرنى ئەسىرگە ئالىدۇ ۋە سۈرگۈن قىلىدۇ. ياشلار ۋە ياشانغانلار يالاڭ ئاياغ، كىيىمسىز يالىڭاچ ھالدا يۈرىدۇ. بۇ مىسىر ئۈچۈن نومۇس. 5ئېفىيوپىيەگە ئۈمىد باغلىغان ۋە مىسىرنى چوڭ بىلىپ ئۇنىڭغا تايانغانلار بۇنى كۆرۈپ قورقىدۇ ۋە خىجىل بولىدۇ. 6شۇ چاغدا دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان فىلىستىيەلىكلەر ۋە يەھۇدىيە خەلقى مۇنداق دەيدۇ: ‹قاراڭلار! بىز ئۈمىد باغلىغان كىشىلەرگە نېمە بولدى؟ ئۇلار بىزنى ئاسسۇرلارنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالىدۇ، دەپ ئىشەنگەنىدۇققۇ؟ ئەمدى بىزچۇ، بىز قانداق قۇتقۇزۇلىمىز؟›»


21

بابىل توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ دېڭىز بويىدىكى قۇملۇق توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

نەگېب چۆللۈكىدە بوران چىققاندەك،

چۆللۈكتىن، يەنى ۋەھشىيلەرنىڭ زېمىنىدىن تاجاۋۇزچى كېلىدۇ.

2مەن بىر قايغۇلۇق ۋەھىينى تاپشۇرۇپ ئالدىم:

«ئالدامچى ئالدامچىلىق قىلىدۇ،

بۇزغۇنچى بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.

ئەي ئېلاملار، ھۇجۇم قىلىڭلار!

مىدىيالىقلار، قورشاڭلار!

مەن بابىل ئېلىپ كەلگەن بارلىق ئازابلارنى ئاخىرلاشتۇرىمەن!»

3بۇ ۋەھىي سەۋەبىدىن پۈتۈن بەدىنىم تىترەپ تۇرىدۇ،

ئاغرىق مېنى تولغاق ئازابىدەك قىينىماقتا.

مېنىڭ ئاڭلىغانلىرىم مېنى بىئارام قىلىۋاتىدۇ.

كۆرگەنلىرىم مېنى ۋەھىمىگە سېلىپ قويدى.

4بېشىم پۈتۈنلەي گاڭگىراپ قالدى،

قورقۇنچتىن تىترەپ تۇرىمەن.

مەن كەچكى شەپەقنى كۈتكەنىدىم.

ئەپسۇس، كۆرگىنىم مېنى چۆچۈتۈپ قويدى.

5ئۇلار گىلەملەرنى سېلىپ، زىياپەت تەييار قىلىشتى.

ئۇلار تائاملارنى يېيىشىپ، شارابلارنى ئىچىشتى.

تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز كەلدى:

«ئەمىرلەر، قالقانلىرىڭلارنى مايلاپ تەييار قىلىڭلار!»

6ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى:

«شەھەر قوۋۇقىغا بىر قاراۋۇل قويۇڭلار.

ئۇ كۆرگەنلىرىنى خەۋەر قىلىپ تۇرسۇن.

7ئۇ قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرىنى كۆرگەندە،

ئېشەكلەرگە ياكى تۆگىلەرگە مىنىپ كېلىۋاتقانلارنى كۆرگەندە،

ئۇ چوقۇم كۆز-قۇلاق بولسۇن، قاتتىق كۆزەتسۇن.»

8قاراۋۇل مۇنداق دەپ ۋارقىرىدى:

«جانابلىرى، مەن كۈندۈزى قوۋۇقتا كۆزەتتە تۇرىمەن.

كېچىسى ھەم كۆزەتتە تۇرىمەن.

9قارىسىلا، قوش ئاتلىق جەڭ ھارۋىلىرى كەلدى.»

ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:

«بابىل تۈگەشتى! بابىل تۈگەشتى!

ئۇلار چوقۇنغان بارلىق بۇتلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، پارە-پارە بولدى.»

10ئەي خەلقىم يەھۇدىيەلىكلەر، سىلەر يانجىلغان ۋە سورۇلۇپ كەتكەنىدىڭلار!

مەن سىلەرگە قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار،

يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانىڭ ماڭا ئېيتقانلىرىنى يەتكۈزدۈم.

ئىدومنىڭ قىسقىغىنا ئامانلىقىدىن كېيىنكى زۇلۇم

11بۇ، دۇماھ* توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر.

سەئىردىن بىر ئادەم مېنى چاقىرىۋاتىدۇ:

«قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟

قاراۋۇل، تاڭ ئېتىشقا قانچىلىك قالدى؟»

12قاراۋۇل جاۋاب بېرىدۇ:

«تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، ئارقىدىن كېچە بولىدۇ.

ئەگەر يەنە سورىماقچى بولساڭ، قايتىپ كېلىپ، ئاندىن سورا.»

ئەرەبلەر توغرىسىدىكى ۋەھىي

13بۇ، ئەرەب چۆللۈكى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

ئەي دىدانلىقلارنىڭ كارۋانلىرى، سىلەر ئەرەبىستان چۆللۈكىدە چېدىر تىكىپ ئولتۇرىسىلەر.

14چاڭقىغانلارغا ئۇسسۇزلۇق بېرىڭلار،

ئەي تەما زېمىنىدا ياشايدىغانلار،

مۇساپىرلارغا تاماق بېرىڭلار.

15ئۇلار قىلىچ ئاستىدىن قاچقانلار،

غىلىپىدىن سۇغۇرۇلغان قىلىچتىن،

كىرىچى تارتىلغان ئوقيادىن،

شۇنداقلا قايناق ئۇرۇشتىن قاچقانلار.

16ئىگەم ماڭا مۇنداق دېدى: «دەل بىر يىلدىن كېيىن قېدار خەلقىنىڭ بارلىق شەرىپى ئاخىرلىشىدۇ. 17قېدارنىڭ قوشۇنلىرىدىكى مەرگەنلىرى ئىنتايىن ئاز قالىدۇ.» بۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سۆزلىرىدۇر.



*11 دۇماھ، سەئىر _ قەدىمكى ئىدوم دۆلىتىنىڭ ئىككى مۇھىم شەھىرى.



 

22

يېرۇسالېمنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ، خۇدا ماڭا كۆرسەتكەن جىلغا _ يېرۇسالېم توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

سىلەرگە نېمە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ھەممىڭلار ئۆگزىگە چىقىۋالىسىلەر؟

2شەھىرىڭلارنىڭ ھەممە يېرى ۋاراڭ-چۇرۇڭغا تولغان، كۈندە بايرام بولىدىغان، ئاۋات بىر شەھەر ئىدىغۇ؟

ئەمما، ئۆلتۈرۈلگەنلەر قىلىچ بىلەن ئۆلتۈرۈلمىدى، ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلمىدى.

3سىلەرنىڭ سەركەردىلىرىڭلار بىرلىكتە قاچتى،

ئۇلارغا بىرمۇ ئوقيا ئېتىلماي تۇتۇلدى.

ئۇلار قانچىلىك يىراققا قاچقان بولسۇن، ھەممىسى تەسلىم بولدى.

4شۇڭلاشقا، مەن دەيمەنكى:

«ماڭا قارىماڭلار!

مەن ئۆكسۈپ يىغلىماقتىمەن.

ئاجىز خەلقىمنىڭ گۇمران بولغانلىقى سەۋەبىدىن،

ماڭا تەسەللى بېرىمەن دەپ، ئۇرۇنماڭلار.»

5ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا كۆرسەتكەن جىلغىغا

ۋەيرانچىلىق، مەغلۇبىيەت ۋە قالايمىقانچىلىق كۈنلىرىنى ئىرادە قىلدى.

سېپىللار بۇزۇپ تاشلىنىدىغان ۋە تاغلاردىن ياردەم تىلەپ يىغلايدىغان كۈنلەرنى ئىرادە قىلدى.

6ئېلام پالۋانلىرى ئوقيالىرىنى ئېلىپ،

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق چەۋەندازلىرى بىلەن كېلىدۇ،

قىر پالۋانلىرى قالقانلىرىنى تەييار قىلىدۇ.

7سىلەرنىڭ مۇنبەت جىلغاڭلار جەڭ ھارۋىلىرىغا توشۇپ كېتىدۇ.

چەۋەندازلار شەھەر قوۋۇقلىرىنى قورشايدۇ.

8بۇ چاغقا كەلگەندە پەرۋەردىگار يەھۇدىيەنى قوغدىمايدىغان بولىدۇ.

بۇ چاغدا سىلەر ئوردىدىكى «ئورمان سارىيى»دىن ئۇرۇش قوراللىرىنى ئىزدەيسىلەر.

9سىلەر «داۋۇت پادىشاھ شەھىرى» سېپىلىنىڭ قانچە يەردىن بۇزۇلغانلىقىنى تەكشۈرىسىلەر،

پەستىكى كۆلچەككە سۇ تولدۇرۇپ قويىسىلەر،

10يېرۇسالېمدىكى ئۆيلەرنى تەكشۈرىسىلەر،

سېپىلىڭلارنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۆيلەرنى بۇزۇپ تاشلايسىلەر.

11سىلەر كونا كۆلنىڭ سۈيىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئىككى سېپىلنىڭ ئارىسىغا بىر كۆل ياسايسىلەر.

ئەمما سىلەر ئاشۇ شەھەرنى سالغان پەرۋەردىگارغا يۈزلەنمەيسىلەر،

شۇنداقلا بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ بۇرۇنلا پىلانلىغانلىقىنى ئويلىمايسىلەر.

12شۇ چاغدا ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە «توۋا قىلىپ يىغلاڭلار!

چېچىڭلارنى چۈشۈرۈپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىڭلار!» دېگەن.

13ئويلاپ كۆرۈڭلار! لېكىن سىلەر شاد-خۇرام ھالدا تاماشا قىلىپ يۈردىڭلار،

كالا-قويلارنى سويۇپ، ئېسىل تائاملارنى يەپ، شارابلارنى ئىچىپ يۈردىڭلار!

سىلەر شۇنداق دېگەن: «يەيلى، ئىچەيلى، ئەتە بەرىبىر ئۆلىمىز!»

14ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۇلار ئۆلگۈچە كەچۈرۈلمەيدۇ!» مانا بۇ، ئىگىمىز قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!

شەبناغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش

15ئىگىمىز _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«سەن ئوردا غوجىدارى شەبنانىڭ قېشىغا بېرىپ ئۇنىڭغا ئېيتقىن:

16‹ئەي شەبنا، سەن بۇ يەردە نېمىدەپ تۇرىسەن؟

ئۆزۈڭنى كىم چاغلايسەن؟ بۇ يەردە ئۆزۈڭگە قەبرە ياساۋاتامسەن؟

بۇ شۆھرەتلىك قەبرىنى ياسىغۇدەك سەن كىم ئىدىڭ؟!

تاشلاردىن ئۆزىگە ياتىدىغان جاي ياسىغۇدەك سەن كىم بولىسەن؟!

17قارا ئۆزۈڭگە، ئەي ئەرباب!

پەرۋەردىگار سېنى چىڭ قاماللايدۇ،

سېنى ئەمدى پۈتۈنلەي تاشلىۋېتىدۇ!

18ئۇ سېنى سەللىنى ئورىغاندەك چىڭ ئوراپ،

يىراق، كەڭرى بىر زېمىنغا تاشلاپ قويىدۇ.

ئۇ يەردە سەن ئېسىل جەڭ ھارۋىلىرىڭ بىلەن ئۆلىسەن.

سەن ئۆز پادىشاھىڭنىڭ يۈزىنى تۆكىسەن.›»

19پەرۋەردىگار ساڭا مۇنداق دەيدۇ:

«سېنىڭ ئەمىرلىكىڭنى يوق قىلىۋېتىمەن،

ئەمىلىڭنى سەندىن ئېلىپ تاشلايمەن!

20شۇ چاغ كەلگەندە، مەن خىلقىيانىڭ ئوغلى ئۆز خىزمەتكارىم ئەلياقىمنى چاقىرىمەن. 21مەن ئۇنىڭغا سېنىڭ شاھانە تونۇڭنى كىيدۈرۈپ، بەلبېغىڭنى باغلاپ، ئۇنىڭغا سېنىڭ ھوقۇقۇڭنى بېرىمەن. شۇ چاغدا ئۇ يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەدە ياشاۋاتقان خەلقنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. 22مەن ئۇنىڭ بوينىغا داۋۇت پادىشاھنىڭ ئوردىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېسىپ قويىمەن. ئۇ ئاچقان ئىشىكنى ھېچكىم ياپالمايدۇ. ئۇ ياپقان ئىشىكنى ھېچكىم ئاچالمايدۇ. 23مەن ئۇنى مەزمۇت بىر يەرگە مىخ قاققاندەك قېقىپ قويىمەن، ئۇ ئاتىسىنىڭ جەمەتىگە شەرەپ ئېلىپ كېلىدۇ. 24شۇنداق قىلىپ، ئاتا جەمەتىنىڭ شان-شەرىپى ئۇنىڭ بېشىدا بولىدۇ. ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە تۇغقانلىرى خۇددى جام، ئىدىشلار ئېسىپ قويۇلغاندەك، ئۇنىڭغا ئېسىلىدۇ.»

25بىراق قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «بۇ چاغدا، مەن شۇ يەرگە قېقىپ قويغان مىخ جايدىن چىقىپ سۇنۇپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا ئېسىلغان بارلىق نەرسىلەر گۇمران بولىدۇ.» مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


23

تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1بۇ تىر شەھىرى توغرىسىدىكى ۋەھىيدۇر:

يىراقتىكى تارشىشتىن قايتىپ كەلگەن دېڭىزچىلار قايغۇرۇپ نالە قىلىڭلار.

شەھىرىڭلار تىر گۇمران بولىدۇ،

ھېچبىر ئۆي ۋە پىرېستان ساق قالمايدۇ.

بۇ خەۋەر ئۇلارغا سىپرۇس زېمىنىدا يەتكۈزۈلىدۇ.

2ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار ۋە سىدون سودىگەرلىرى،

سىلەر سۈكۈتتە قايغۇرۇڭلار!

سودىگەرلىرىڭلار دېڭىزلاردا تىرىكچىلىك قىلاتتى،

3ئۇلار چوڭقۇر دېڭىزلاردىن ئۆتۈپ،

مىسىردىكى شىخور ۋادىسىدىن ئاشلىق سېتىۋالاتتى،

نىل دەريا ۋادىسىدىن چىققان ھوسۇللارنى ئەكېلەتتى.

يەر يۈزىنىڭ ئەڭ ئاۋات بازىرى سىلەردە ئىدى.

4ئەي سىدون شەھىرى، سېنىڭ يۈزۈڭ تۆكۈلىدۇ!

چۈنكى تىر شەھىرى، يەنى دېڭىز بويىدىكى قۇرغان مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ئەزەلدىن بالىلىرىم يوق، مەن ئەزەلدىن ئوغۇل-قىزلارنى باقمىغان.»

5بۇ خەۋەر مىسىرغا كەلگەندە،

ئۇلار تىرغا كەلگەن كەلگۈلۈكنى ئاڭلاپ ئىنتايىن پەرىشان بولىدۇ.

6ئەي دېڭىز بويىنى ماكان قىلغانلار، تارشىشقا قېچىپ كېتىڭلار! ئازابلىنىپ يىغلاڭلار!

7قەدىمىي شەھىرىڭلار خۇشال-خۇراملىققا تولغان شەھەرمىدى؟!

سىلەر بۇ شەھەردىن دېڭىز يوللىرى ئارقىلىق يىراق ئەللەردە ياشاشقا بارغان ئەمەسمۇ؟!

8بۇ ئىشلارنى تىرغا كىم ئىرادە قىلدى؟

بۇ شەھەردىن پادىشاھلار چىققان،

سودىگەرلىرى شاھزادىلەردەك مەرتىۋىلىك ئىدى.

ئۇنىڭ سودىگەرلىرى يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر ئىدى.

9بۇ خەلققە كەلگەن كەلگۈلۈكنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئىرادە قىلدى.

ئۇ ھاكاۋۇر خەلقنىڭ شۆھرىتىنى يەرگە ئۇردى.

يەر يۈزىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولغان سودىگەرلەرنىڭ ئابرۇيىنى تۆكتى.

10ئەي تارشىش خەلقى،

نىل دەريا بويىدىكى دېھقانلارغا ئوخشاش

يەرلىرىڭلارغا ئىشلەڭلار!

چۈنكى پىرېستانىڭلار ئەمدى يوق بولدى.

11پەرۋەردىگار قولىنى دېڭىزغا سوزۇپ، پادىشاھلىقلارنى تىترەتمەكتە.

ئۇ تىر ئەتراپىدىكى قورغانلارنى گۇمران قىلىشقا بۇيرۇق قىلدى.

12ئۇ: «ئەي ئېزىلگەن سىدونلۇقلار،

سىلەرنىڭ خۇشال كۈنلىرىڭلار تۈگىدى.

ئەمدى سىپرۇسقا بېرىڭلار.

ئەمما ئۇ يەردىمۇ سىلەر خاتىرجەملىك تاپالمايسىلەر.»

13بابىل زېمىنىغا قاراڭلار، بۇ زېمىندىكى خەلق يوقالغان!

ئاسسۇرلار بۇ زېمىننى ياۋايى يىرتقۇچلارغا ماكان قىلىپ بەردى.

ئۇلار شەھەر سېپىلىغا توپا دۆۋىلەپ، سېپىلغا چىقىپ،

ئوردىلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇردى.

14تارشىشتىن قايتىپ كېلىۋاتقان دېڭىزچىلار، قايغۇرۇڭلار،

چۈنكى سىلەرنىڭ قورغىنىڭلار گۇمران قىلىندى.

15شۇ چاغ كەلگەندە، تىر شەھىرى 70 يىل ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ، بۇ، بىر پادىشاھنىڭ ئۆمرى بىلەن تەڭ. 70 يىلدىن كېيىن، تىر بۇ ناخشىدىكى پاھىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ:

16سازىڭ چىلتارنى قولۇڭغا ئال،

كەزگىن بۇ شەھەرنى، ئەي ئۇنتۇلغان پاھىشە،

ناخشاڭنى ئېيت، مۇڭلۇق سازىڭنى چال،

بەلكىم كىشىلەر سېنى قايتا ئەسكە ئالار.

1770 يىلدىن كېيىن پەرۋەردىگار تىر شەھىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تىر شەھىرى يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار بىلەن سودا قىلىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاش پاھىشە بولۇپ، پۇل تاپىدىغان يولغا كىرىپ كېتىدۇ. 18لېكىن ئۇنىڭ تاپقان كىرىمىدىن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇلىدۇ. ئۇ تاپقان بايلىقىنى دۆۋىلەپ قويمايدۇ. ئۇنىڭ كىرىمى پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىدىغانلارغا ئايرىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ يېمەكلىرى مول بولىدۇ، ياخشى كىيىنىدۇ.


24

دۇنيانىڭ سوراق قىلىنىشى توغرىسىدىكى ۋەھىي

1قاراڭلار! پەرۋەردىگار زېمىننى گۇمران قىلىپ، خارابىلىككە ئايلاندۇرىدۇ.

ئۇ يەر يۈزىنى ۋەيران قىلىپ، ئىنسانلارنى ھەر تەرەپكە چاچىدۇ.

2روھانىيلار ۋە خەلقلەر،

خوجايىنلار ۋە قۇللار،

ئاغىچا خېنىملار ۋە دېدەكلەر،

ساتقۇچىلار ۋە ئالغۇچىلار،

قەرز بەرگۈچىلەر ۋە قەرز ئالغۇچىلار،

ھەركىم شۇ كۈننى كۆرىدۇ.

3زېمىن پۈتۈنلەي تالان-تاراج قىلىنىپ، قۇرۇقدىلىپ قالىدۇ.

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

4زېمىن قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ،

جاھان چۆلدەرەپ، قاغجىراپ قالىدۇ،

زېمىندىكى ئەڭ ئابرۇيلۇق مۆتىۋەرلەرمۇ تۈگىشىدۇ.

5كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن،

ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن،

ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن،

يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

6شۇڭا يەر يۈزىگە قارغىش ياغىدۇ،

كىشىلەر ئۆز گۇناھى ئۈچۈن جازالىنىدۇ،

شۇنىڭ ئۈچۈن زېمىندا ياشاۋاتقانلار كۆيدۈرۈلىدۇ،

پەقەت ئاز ساندىكى بىر قىسىم كىشىلەرلا ئامان قالىدۇ.

7ئۈزۈملۈكلەر ۋەيران قىلىنىدۇ،

يېڭى شارابلار يوق بولىدۇ،

ئويۇن-تاماشاغا بېرىلگۈچىلەر ئاھ ئۇرىدۇ.

8داقا-دۇمباق ئاۋازلىرى توختايدۇ،

تەبرىكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ خۇشال ئاۋازلىرى جىمىقىدۇ،

چىلتار سادالىرىمۇ ئۆچىدۇ.

9ئۇلار ئەمدى ناخشا ئېيتىپ، شاراب ئىچەلمەيدۇ.

مەي ئىچكۈچىلەرگە مەي لاۋزا تېتىيدۇ.

10خارابىگە ئايلانغان شەھەرلەر قاقاسلىشىپ كېتىدۇ.

خەۋپسىرەپ، ھەممە ئۆيلەرنىڭ ئىشىكلىرى تاقىلىدۇ.

11شارابسىز قالغان كىشىلەر كوچىلاردا ۋارقىرىشىپ يۈرۈشىدۇ.

ھەممە شادلىق قايغۇغا ئايلىنىدۇ.

يەر يۈزىدىن خۇشاللىق كۆتۈرۈلۈپ كېتىدۇ.

12شەھەر دەرۋازىلىرى پاچاقلىنىپ، شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.

13مانا بۇ، جاھاندىكى بارلىق خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان كۈن.

خۇددى مول ھوسۇلنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىغا،

زەيتۇننىڭ شاخلىرىدىن ئۈزۈۋېلىنغانلىقىغا،

ئۈزۈملەرنىڭ تەكلەردىن كېسىۋېلىنغانلىقىغا ئوخشاش،

دۇنيادا ئازلا ئادەم قالىدۇ.

14ئۇلار خۇشاللىق سادالىرىنى ياڭرىتىدۇ.

كۈنپېتىشتا كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى مەدھىيەلەيدۇ.

15ئەي كۈنچىقىشتا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ئۇلۇغلاڭلار.

دېڭىز بويلىرىدا ياشىغانلار، پەرۋەردىگارنى، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئۇلۇغلاڭلار.

16جاھاننىڭ تەرەپ-تەرەپلىرىدىن،

ھەققانىيەتچى پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىگە ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرى ئاڭلىنىدۇ.

بىراق، مەن يەشايا، تۈگەشتىم، مەن تۈگەشتىم! ھالىمغا ۋاي!

ئالدامچىلىق داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ خائىنلىقى چېكىگە يەتتى.

17ئەي زېمىندىكى ئىنسانلار، سىلەر ۋەھىمىگە چۈشىسىلەر،

سىلەرنى ئورەكلەر ۋە تۇزاقلار كۈتۈپ تۇرىدۇ.

18ۋەھىمىلىك ئاۋازدىن قاچقانلار ئورەككە چۈشىدۇ،

ئورەكتىن چىققانلار تۇزاققا چۈشىدۇ.

ئاسماننىڭ دەرۋازىسى ئېچىلىپ، ۋەيرانچىلىق يامغۇردەك ياغىدۇ،

زېمىننىڭ ئۇلى تەۋرىنىپ كېتىدۇ.

19يەر-زېمىن پۈتۈنلەي ۋەيران بولىدۇ،

يەر تامامەن يېرىلىپ كېتىدۇ،

زېمىن قاتتىق سىلكىنىدۇ.

20زېمىن مەست ئادەمدەك ئىرغاڭلايدۇ،

بوران-چاپقۇندىكى ئاجىز كەپىدەك لەپەڭشىيدۇ.

زېمىن گۇناھنىڭ ئېغىرلىقى تۈپەيلىدىن،

گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ قايتا ئۆرە بولالمايدۇ.

21ئۇ چاغدا پەرۋەردىگار پەلەكتىكى كۈچلەرنى،

يەر يۈزىدىكى پادىشاھلارنى جازالايدۇ.

22ئۇلار ئۇ چاغدا قاماقتىكى جىنايەتچىلەرگە ئوخشاش توپلىنىدۇ،

ئۇلار زىندانغا سولىنىپ، بىر مەزگىلدىن كېيىن جازالىنىدۇ.

23ئاسماندىكى ئاي ئوڭايسىزلىنىدۇ.

كۈن ئىزا تارتىدۇ،

چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمدىكى سىئون تېغىدا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇ ئۆز خەلقىنىڭ ئاقساقاللىرىغا شان-شەرىپىنى نامايان قىلىدۇ.


25

پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەش

1ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ خۇدايىمسەن، سېنى ئۇلۇغلايمەن.

سېنىڭ نامىڭنى مەدھىيەلەيمەن.

چۈنكى سەن، بۇرۇندىلا پىلانلىغان بۈيۈك ئىشلارنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشۇردۇڭ.

2سەن دۈشمەننىڭ شەھەرلىرىنى خارابىلىككە ئايلاندۇردۇڭ،

مۇستەھكەم شەھەرلەر كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندى،

يات ئەللەرنىڭ ئوردىلىرى ئەمدى مەڭگۈ قەد كۆتۈرەلمەيدۇ.

3شۇنىڭ بىلەن كۈچلۈك خەلقلەر سېنى ئۇلۇغلايدۇ،

شەپقەتسىز ئەللەر سەندىن ئەيمىنىدۇ.

4سەن يوقسۇللارنىڭ باشپاناھىسەن،

قىيىنچىلىقتا قالغان بىچارىلەرنىڭ باشپاناھىسەن.

بوران-چاپقۇندىن دالدىلىنىدىغان پاناھگاھىسەن ۋە ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان سايىسەن.

زالىملار دەھشەتلىك بوراندەك ھۇجۇم قىلىدۇ،

5ئۇلار چۆلدىكى پىژغىرىم ئىسسىققا ئوخشايدۇ.

ئى پەرۋەردىگار، سەن يات ئەللەرنىڭ چۇقان-سۈرەنلىرىنى شۈك قىلىپ قويدۇڭ.

خۇددى كۈننىڭ ئىسسىقىنى بۇلۇت توسۇۋالغاندەك،

زالىملارنىڭ زەپەر ناخشىلىرىنى توسۇۋالدىڭ.

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىئون تېغىدا بارلىق خەلققە زىياپەت تەييارلايدۇ.

ئاجايىپ ئېسىل تائاملار، كونا ئېسىل شارابلار بىلەن داستىخان سالىدۇ.

7بۇ تاغدا پەرۋەردىگار بارلىق خەلقنىڭ ئۈستىدىكى كېپەنلىكنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

پۈتۈن ئەللەرنىڭ ئۈستىدىكى ئاخىرەتلىك يېپىنچىنى ئېلىپ تاشلايدۇ.

8ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ.

ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ،

دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ.

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!

9شۇ چاغدا ئۇنىڭ خەلقى مۇنداق دەيدۇ:

«بەرھەق، بۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! بىز ئۇنىڭغا ئىشەنگەن، ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى!

مانا بۇ، بىزنىڭ ئىشەنگەن پەرۋەردىگارىمىز.

ئەمدى بىز شادلىنايلى، خۇشال بولايلى، چۈنكى ئۇ بىزنى قۇتقۇزدى.»

10سىئون تېغى پەرۋەردىگارنىڭ قۇدرەتلىك قولى ئاستىدا بولىدۇ،

ئۇ، موئابلارنى قىغ ئازگىلىدىكى ساماننى دەسسىگەندەك دەسسەيدۇ.

11خۇددى سۇ ئۈزگۈچى سۇنى ئالقىنىدا باسقىنىدەك،

پەرۋەردىگارمۇ ئۇلارنىڭ مەغرۇرلۇقىنى يەرگە باسىدۇ.

12ئۇ موئابلارنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلىرىنى ئۆرۈپ، گۇمران قىلىپ، يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.


26

مەدھىيە ناخشىسى

1شۇ كۈنى يەھۇدىيە زېمىنىدىكى بارلىق خەلق بۇ ناخشىنى ئېيتىدۇ:

بىزنىڭ شەھىرىمىز مۇستەھكەم!

خۇدا خۇددى سېپىل ۋە سېپىل مۇنارلىرىغا ئوخشاش بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

2دەرۋازىلارنى ئېچىڭلار،

پەرۋەردىگارغا ساداقەتمەن، ھەققانىي خەلقنى ئىچىگە كىرگۈزۈڭلار.

3ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن ئوي-خىيالى سەندە بولغانلارغا

سەن مۇكەممەل تىنچلىقنى بېرىسەن، چۈنكى ئۇلار ساڭا تايانغان.

4ھەر دائىم پەرۋەردىگارغا تايىنايلى،

چۈنكى پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك پاناھلىنىدىغان قورام تاشتۇر.

5ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ كىبىرىنى سۇندۇرىدۇ.

ئۆزىنى ئاسماندا چاغلايدىغانلارنىڭ شەھەرلىرىنى تۈزلىۋېتىدۇ.

ئۇلارنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

6ئېزىلگەنلەر ئۇلارنى يانجىيدۇ،

يوقسۇللارمۇ ئۇنى دەسسەپ ئۆتىدۇ.

7ئى پەرۋەردىگار، سەن توغرا يولدا ماڭغانلارنىڭ يولىنى راۋان قىلىسەن،

دۇرۇسلارنىڭ يولىنى تۈز قىلىسەن.

8پەرۋەردىگار، بىز سېنىڭ كۆرسەتكەن يولۇڭدا ماڭىمىز، ساڭا تەلپۈنىمىز.

سېنىڭ نامىڭنى ئۇلۇغلاش قەلبىمىزنىڭ ئىستىكىدۇر.

9ئى پەرۋەردىگار، پۈتۈن كېچە قەلبىم سېنى سېغىنىدۇ،

تاڭ سەھەردە روھىم سېنى ئىزدەيدۇ،

سەن يەر يۈزىگە سوراققا كەلگەندە،

ئىنسانلار توغرا يولنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ.

10گەرچە رەزىللەرگە شەپقەت قىلىنسىمۇ،

ئۇلار يەنىلا ھەققانىي يولنى بىلمەيدۇ.

ئۇلار دۇرۇسلار ياشايدىغان بۇ زېمىندا گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىۋېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ئويلىمايدۇ.

11ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ،

لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى.

ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن.

سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.

12ئى پەرۋەردىگار، سەن بىزگە تىنچلىق ئاتا قىلغىن.

بىزنىڭ سىڭدۈرگەن بارلىق ئەجرىمىز سەندىن كەلگەن.

13ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز،

سەندىن باشقا ھۆكۈمرانلار ئۈستىمىزدە ھۆكۈم سۈرگەن،

لېكىن بىز سېنىڭ نامىڭنىلا ئېتىراپ قىلىمىز.

14ئۇ ھۆكۈمرانلار ئۆلدى، قايتا تىرىلمەيدۇ.

ئۇلار گۆردە ياتىدۇ، قايتىپ كەلمەيدۇ.

چۈنكى سەن ئۇلارنى جازالاپ، يوقاتتىڭ.

ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئېسىدىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋەتتىڭ.

15ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئۇلغايتتىڭ.

ئۆز خەلقىڭنىڭ سانىنى كۆپەيتتىڭ.

بۇنىڭ بىلەن سەن شان-شەرەپكە ئېرىشتىڭ.

سەن زېمىنىمىزنىڭ چېگرالىرىنى كېڭەيتتىڭ.

16ئى پەرۋەردىگار، بىز قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، سېنى ئىزدىدۇق.

سەن بىزنى جازالاپ تەربىيەلىگەندە،

بىز مەيۈسلەنگەن ئاجىز ئاۋازىمىز بىلەن دۇئا قىلدۇق.

17ھامىلىدار ئايال تولغاق ئازابىدا يىغلىغاندەك،

بىزمۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يىغلىدۇق، ئى پەرۋەردىگار.

18بىز تولغاق ئازابىدىكى ھامىلىدار ئايالغا ئوخشاپ قالدۇق،

لېكىن بىزدىن تۇغۇلغىنى يوقلۇق بولدى.

بىز دۇنيانى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرەلمەيمىز.

قولىمىزدىن ھېچبىر ئىش كەلمەيدۇ.

19ئەمما، ساڭا مەنسۇپ بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەر، قايتىدىن ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ!

ئۇلارنىڭ تېنى باشقىدىن تىرىلىدۇ.

ئەي تۇپراقتا ياتقانلار، ئويغىنىپ، شادلىق ناخشىسىنى ئېيتىڭلار!

ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تاڭ سەھەردىكى شەبنىمىڭ ئالەمگە ھاياتىي كۈچ بەرگەندەك،

سەن ئۆلگەنلەرگىمۇ قايتا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىسەن.

20خەلقىم، ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، ئىشىكلىرىڭلارنى تاقاپ قويۇڭلار.

پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى بېسىلغۇچە ئازغىنا ۋاقىت يوشۇرۇنۇپ تۇرۇڭلار.

21قاراڭلار، يەر يۈزىدىكى گۇناھكار كىشىلەرنى جازالاش ئۈچۈن

پەرۋەردىگار ئۆز ماكانىدىن چىقتى.

زېمىنغا تۆكۈلگەن قانلارنى زېمىن ئاشكارىلايدۇ،

ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جەسەتلىرىنى زېمىن يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.


27

ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

1شۇ چاغدا پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر، زور قۇدرەتلىك قىلىچى بىلەن يۈگۈرۈك يۆگىمەچ يىلان لىۋياتاننى* جازالايدۇ. ئۇ، قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقى لىۋياتاننى ئۆلتۈرىدۇ.

2شۇ ۋاقىتتا پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كۆڭۈلنى خۇش قىلىدىغان ئۈزۈمزارلىقنى، يەنى خەلقىمنى كۈيلەپ ناخشا ئېيتىڭلار.

3مەن پەرۋەردىگار ئۈزۈمزارلىقىمنى قوغدايمەن،

مەن ئۇنى دائىم سۇغىرىپ تۇرىمەن.

مەن ئۇنىڭغا كېچە-كۈندۈز قاراپ، ھېچكىمنى چېقىلدۇرمايمەن.

4مەن ئەمدى ئۇنىڭغا غەزەپ ياغدۇرمايمەن.

خەلقىمنىڭ دۈشمەنلىرى تىكەن ۋە ئازغانلارغا ئوخشاش ئۈنۈپ چىقىۋەرسۇن!

مەن دەرھال ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋېتىمەن،

5ياخشىسى ئۇلار مەندىن پاناھلىق تىلەپ كەلسۇن.

مەن بىلەن ياراشسۇن، ئۇلار مەن بىلەن يارىشىۋالسۇن.»

6ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ يىلتىز تارتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ،

ئىسرائىل ئەۋلادلىرى كۆكلەيدىغان چاغ كېلىدۇ.

ئۇلار يەر يۈزىنى مېۋىلەرگە تولدۇرىدۇ!

7پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىگە زەربە بەرگەندەك، ئىسرائىللارغىمۇ زەربە بېرەمدۇ؟

ئىسرائىللارنىڭ دۈشمەنلىرىنى ئۆلتۈرگەندەك، ئۇلارنىمۇ ئۆلتۈرەمدۇ؟

8ياق! لېكىن پەرۋەردىگار ئۆز خەلقى ئىسرائىللارنى سۈرگۈن قىلىپ جازالايدۇ،

ئۇلارنى شەرقتىن كەلگەن شەپقەتسىز بوران بىلەن قوغلايدۇ.

9لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.

ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ،

ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى،

ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ.

بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.

10سۈرگۈندىن كېيىن مۇستەھكەم شەھەر ئادەمسىز قالىدۇ،

پۇقرالىرى شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كېتىپ، شەھەر چۆلدەرەپ قالىدۇ.

ئۇ شەھەر قاقاسلىققا ئوخشاپ قالىدۇ.

بۇ يەردە كالىلار ئوتلاپ،

ئارام ئېلىپ، شاخ-شۇمبىلارنى يەپ يۈرىدۇ.

11شاخ-شۇمبىلار سۇنۇپ، قۇرۇپ قاقشال بولغاندا،

ئاياللار تېرىپ ئەكېلىپ ئوتۇن قىلىدۇ.

بۇ خەلق ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ،

شۇڭا ياراتقۇچى ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ئولتۇرمايدۇ،

ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغۇچى ئۇلارغا شاپائەت قىلمايدۇ.

12بىر ۋاقىت كېلىدۇكى، پەرۋەردىگار سىلەر ئىسرائىللارنى، فىرات دەرياسى ۋە مىسىر چېگراسىدىكى دەريانىڭ ئارىلىقىدىكى يەرلەردىن، خۇددى بۇغداينى ساماندىن ئايرىغاندەك ئايرىپ، بىر-بىرلەپ يىغىۋالىدۇ. 13بۇ چاغدا بۇرغا چېلىنىدۇ، ئاسسۇرىيەدىكى ئۆلۈم ۋەھىمىسىدە قالغان ۋە مىسىردا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئىسرائىللار قايتىپ كېلىپ، يېرۇسالېمدىكى مۇقەددەس تاغدا پەرۋەردىگارغا سەجدە قىلىدۇ.



*1 لىۋياتان _ كەنئانلىقلارنىڭ رىۋايەتلىرىدە، دېڭىزدا ياشايدىغان ئەجدىھاغا ئوخشاپ كېتىدىغان قورقۇنچلۇق ھايۋان بولۇپ، بۇ يامانلىققا، رەزىللىككە سىمۋول قىلىنغان.



 

28

شىمالىي پادىشاھلىقنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيەنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇ مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان شەھەر ئىدى،

ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ.

بۇ خەلقنىڭ مەغرۇرلۇقى شاراب بىلەن ۋەيران قىلىنىدۇ.

2قاراڭلار، پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ۋە كۈچلۈك بىرسىنى ئەۋەتىدۇ.

ئۇ مۆلدۈر، قارا بوران ۋە قارا يامغۇر ئېلىپ كەلگەن كەلكۈندەك كېلىدۇ،

بۇ شەھەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ.

3شىمالىي پادىشاھلىق ھاراقكەشلىرىنىڭ شەرەپلىك تاج-تەختى بولغان مەغرۇر شەھەر سامارىيە

دۈشمەنلىرىنىڭ ئايىغى ئاستىدا چەيلىنىدۇ.

4ئۇ شەھەر مۇنبەت ساينىڭ ئېگىزلىكىگە جايلاشقان بولسىمۇ،

ئەمما ئۇنىڭ ئاجايىپ گۈزەللىكى گۈلگە ئوخشاش خازان بولىدۇ.

ئۇ خۇددى تۇنجى پىشقان ئەنجۈردەك بولۇپ،

پىشقان ھامان يۇلۇۋېلىنىپ، يۇتۇۋېتىلىدۇ.

5بۇ چاغدا قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، قايتىپ كەلگەن ئاز بىر قىسىم خەلقىنىڭ شەرەپلىك، گۈزەل، تاج-تەختى بولىدۇ.

6ئۇ، خەلقنىڭ سوتچىلىرىغا ئادالەتنى ئاتا قىلىدۇ.

شەھەر سېپىلىنى قوغدايدىغان ئەزىمەتلەرگە كۈچ بېرىدۇ.

7لېكىن، پەيغەمبەرلەر ۋە روھانىيلار شاراب بىلەن مەست بولىدۇ،

ئۇلار كۈچلۈك شارابلارنى ئىچىپ، ئىرغاڭلاپ يۈرۈشىدۇ.

ئۇلار شاراب بىلەن مەست بولۇپ، قايمۇقۇپ قالىدۇ.

ئۇلار دەلدەڭشىپ يۈرۈشىدۇ.

پەيغەمبەرلەر ئۆزلىرىگە كەلگەن ۋەھىيلەرنى چۈشىنەلمەيدۇ،

روھانىيلار خاتا ھۆكۈملەرنى چىقىرىشىدۇ.

8ئۇلارنىڭ شىرەلىرى قۇسۇقلارغا تولۇپ،

ھەممە يېرى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.

9ئۇلار خۇدا توغرۇلۇق: «ئۇ كىمگە ئەقىل ئۆگىتىدۇ؟

ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى كىم چۈشىنىدۇ؟

ئەمچەكتىن ئەمدىلا ئايرىلغان، ئانىسىنىڭ قۇچىقىدىن ئەمدىلا چىققان گۈدەكلەرگە سۆزلەۋاتامدۇ؟

10ئۇ بىزگە، ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە دېگەندەك، چۈشىنىكسىز گەپلەر بىلەن تەلىم بېرىۋاتىدىغۇ؟!» دېيىشىدۇ.

11ئۇنداق بولسا، پەرۋەردىگار غەيرىي تىلدا سۆزلەيدىغانلار ئارقىلىق،

يات مىللەتلەرنىڭ ئاغزى ئارقىلىق، بۇ خەلققە سۆزلىسۇن.

12بۇرۇن پەرۋەردىگار بۇ خەلققە مۇنداق دېگەنىدى:

«بۇ بىر ئارام ئالىدىغان جاي،

سىلەر ھارغىنلىق يەتكەنلەرگە ئاراملىق بېرىڭلار!

بۇ، كىشىلەر ئارام ئالسا بولىدىغان جاي.»

بىراق بۇ خەلق ئاڭلاشنى خالىمىدى.

13شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارغا قىلغان سۆزلىرى ئۇلارغا

«ئۇنى قىل، بۇنى قىل، ئۇ يەردە، بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشىنىكسىز ئاڭلىنىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن ئۇلار ماڭغاندا يىقىلىدۇ، يارىلىنىدۇ، تۇزاققا چۈشۈپ تۇتۇلىدۇ.

14ئەي، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى مازاق قىلغۇچىلار،

يەنى يېرۇسالېمدا خەلققە ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىلار،

سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار!

15سىلەر مۇنداق دەيسىلەر:

«بىز ئۆلۈم بىلەن كېلىشىم تۈزدۇق،

بىز گۆر بىلەن توختاملاشتۇق.

دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە،

بېشىمىزغا چۈشمەيدۇ.

بىز يالغانچىلىق بىلەن قوغدىنىمىز،

بىز چىرايلىق گەپلەر بىلەن ئۆزىمىزنى يوشۇرىمىز.»

16ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىئون تېغىغا بىر تاش قويىمەن،

ئۇ سىناقتىن ئۆتكەن قىممەتلىك تاشتۇر،

ئۇ مۇستەھكەم بىر ئىمارەتنىڭ ئۇل تېشىدۇر،

بۇ تاشقا ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا تايانغان ئادەم خاتىرجەم تۇرىدۇ.

17مەن بىر ئادالەت سىزىقى تارتىمەن،

ھەققانىيلىقنى سىناش سىزىقى قىلىمەن.

يالغانچىلىق بىلەن قۇرۇلغان پاناھلىق جاينى مۆلدۈرلەر ۋەيران قىلىدۇ.

كەلكۈنلەر سىلەرنىڭ دالدىلانغان جايىڭلارنى بېسىۋالىدۇ.

18سىلەرنىڭ ئۆلۈم بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىڭلار بىتچىت بولىدۇ.

سىلەرنىڭ گۆر بىلەن تۈزگەن توختىمىڭلار بىكار بولىدۇ.

دەھشەتلىك بالايىئاپەت كەلگەندە،

سىلەر يەر بىلەن يەكسان بولىسىلەر.

19ھەر قېتىم بالايىئاپەت كەلگەندە، سىلەرنى يالماپ كېتىدۇ.

شۇنداق، ھەر كۈنى سەھەر ئۇ يامراپ كېلىدۇ.

ئۇ كېچىسىمۇ، كۈندۈزىمۇ كېلىدۇ.»

ئەگەر سىلەر بۇ سۆزلەرنى چۈشەنگەن بولساڭلار،

ۋەھىمىگە چۈشكەن بولاتتىڭلار!

20«تۆشەك كىچىك ياتقىلى بولماس،

يوتقان تار ياپقىلى بولماس»*،

دېگەن ماقالنى بىلىسىلەر.

21پەرۋەردىگار ئىلگىرى پىرئازىم تېغىدا ئۇرۇش قىلغاندەك ئۇرۇش قىلىدۇ.

ئۇ گىبئون جىلغىسىدا غەزەپلەنگەندەك غەزەپكە كېلىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ ئىرادىسىغا يات بىر ئىشنى قىلىدۇ،

ئۆزىنىڭ كۈتۈلمىگەن ئىشىنى قىلىپ، ئۇنى تاماملايدۇ.

22مازاق قىلىشنى توختىتىڭلار، بولمىسا سىلەرنىڭ بوينۇڭلاردىكى زەنجىر تېخىمۇ چىڭىيدۇ.

ئىگەم _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ماڭا: «بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىش بېكىتىلىپ بولدى!» دېدى.

خۇدانىڭ تەربىيەسىنىڭ نەتىجىسى زوردۇر

23مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

مېنىڭ دېگەنلىرىمنى دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار!

24دېھقان كۈندە قايتا-قايتا يەر ئاغدۇرۇۋېرەمدۇ؟

ئۇ تېرىقچىلىق قىلماي تۇپراقنى ئاغدۇرۇۋېرەمدۇ؟

25ياق! ئۇ يەرنى تەكشى تۈزلەپ،

ئاندىن سېرىقچېچەك ئۇرۇقى ۋە زېرە ئۇرۇقى چاچىدۇ.

ئۇ يەرنى يۇمشىتىپ، بۇغداي تېرىيدۇ،

قىر ئېلىپ ئارپا تېرىيدۇ،

يەنە ئېتىز ئەتراپلىرىغا باشقا زىرائەتلەرنى تېرىيدۇ.

26چۈنكى، خۇدا ئۇنىڭغا تەلىم بېرىپ توغرا يولنى كۆرسىتىدۇ.

27سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى تىرنا بىلەن ئايرىغىلى بولمايدۇ،

زىرە ئۇرۇقىنى تاش تۇلۇق بىلەن تەپكىلى بولمايدۇ.

سېرىقچېچەك ئۇرۇقىنى چىۋىق بىلەن، زىرە ئۇرۇقىنى توقماق بىلەن ئايرىغۇلۇق.

28نان ياسايدىغان ئاشلىقنى ئېزىش ئاسان،

شۇڭا ھېچكىم ئۇنى يەنە يەنجىۋەرمەيدۇ.

بۇغداينى تاش تۇلۇق بىلەن خاماندا تەپكەندە،

ئۇنى ھەرگىزمۇ قاتتىق ئەزمەيدۇ.

29بۇ پاراسەتلەرنى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆگەتكەن.

ئۇنىڭ تەلىملىرى ئىنتايىن ئورۇنلۇق.

ئۇنىڭ پاراسىتى قالتىستۇر.



*20يەھۇدىيەنىڭ مىسىر بىلەن تۈزگەن كېلىشىمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كېلىشىمنىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمىغانلىقتىن، ئۇ كىچىك كارىۋات ۋە تار يوتقانغا ئوخشىتىلغان.



 

29

يېرۇسالېمنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي يېرۇسالېم _ داۋۇت بارگاھ قۇرغان شەھەر ئارىئېل*،

سېنىڭ ھالىڭغا ۋاي!

سېنىڭ ئادەملىرىڭ بايراملىرىنى تەبرىكلەپ ئويناۋەرسۇن.

2ئەمما مەن ئارىئېلنى بىر مۈشكۈلاتقا دۇچار قىلىمەن،

بۇ شەھەر پەرياد كۆتۈرۈپ، نالە قىلسۇن.

مەن بۇ يەرنى قۇربانلىق سۇپىسى قىلىمەن.

3مەن سېنىڭ ھەممە تەرىپىڭگە بارگاھ قۇرىمەن،

ئەتراپىڭغا مۇنارلارنى ياسايمەن،

سېپىلىڭغا توپا دۆۋىلەپ، ھۇجۇم قىلىمەن.

4سەن يىقىلىپ چۈشۈپ، توپىدا يېتىپ سۆزلەيسەن.

سېنىڭ سۆزلىرىڭ توپىدىن ئارانلا ئاڭلىنىدۇ.

سېنىڭ ئاۋازىڭ يەر ئاستىدىن كەلگەن جىننىڭ ئاۋازىدەك ئاڭلىنىدۇ.

سېنىڭ سۆزلىرىڭ تۇپراقتىن كەلگەن پىچىرلاشتەك بىلىنىدۇ.

5ئەمما سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭ تۇيۇقسىزدىن توپىدەك توزۇپ كېتىدۇ.

سېنىڭ نۇرغۇن رەقىبلىرىڭ شامالدىكى چاڭ-توزاندەك يوقاپ كېتىدۇ.

بۇ ئىشلار ئىنتايىن تۇيۇقسىز، ھەش-پەش دېگۈچە يۈز بېرىدۇ.

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇددى گۈلدۈرمامىدەك،

يەر تەۋرىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز بىلەن كېلىدۇ.

جۇدۇن-چاپقۇن، قارا بوران ۋە ئۇلغىيىپ كۆيۈۋاتقان ئوت بىلەن كېلىدۇ.

7ئارىئېل بىلەن ئۇرۇش قىلغان، ئۇنىڭ سېپىللىرىغا ھۇجۇم قىلىپ،

خەلقىگە ئازاب سالغان بارلىق دۆلەتلەر

خۇددى كېچىدىكى چۈشتەكلا غايىب بولىدۇ!

8ئاچ قالغان كىشىلەر چۈشىدە تاماقلانغاندەك،

ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئاچ قورساق تۇرغاندەك،

چاڭقاپ كەتكەن كىشىلەر چۈشىدە ئۇسسۇلۇق ئىچكەندەك،

ئەمما ئويغانغاندا يەنىلا ئۇسسىز، ھارغىن قوپقاندەك بولىدۇ.

مانا بۇ، سىئون تېغىغا ھۇجۇم قىلغان سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنىڭ ھالى.»

9چۆچۈپ كېتىڭلار، ھاڭ-تاڭ بولۇپ قېلىڭلار!

ئەمالاردەك يۈرۈۋېرىڭلار!

سىلەر مەست، بىراق شارابتىن ئەمەس.

سىلەر دەلدەڭىشىپ ماڭىسىلەر، ئەمما بۇ شاراب ئىچكىنىڭلاردىن ئەمەس.

10پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق ئۇيقۇ بەردى.

پەيغەمبەرلىرىڭلارنىڭ كۆزلىرى يۇمدۇرۇلۇپ قويۇلغان.

غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ بېشى چۈمكەپ قويۇلغان.

11مەن سىلەرگە مۇناسىۋەتلىك بېشارەتلىك ۋەھىيلەرنىڭ ھەممىسىنى سۆزلەپ بەردىم. بۇ سىلەر ئۈچۈن پېچەتلەگلىك دەستۇرغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بۇنى ئوقۇيالايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇيالمايمىز، چۈنكى بۇ دەستۇر پېچەتلەگلىك ئىكەن» دەيدۇ. 12ئەگەر بۇنى ئوقۇيالمايدىغان كىشىلەرگە ئوقۇش ئۈچۈن بېرىلسە، ئۇلار: «بىز ئوقۇشنى بىلمەيمىز» دەيدۇ.

13ئىگەم مۇنداق دەيدۇ:

«بۇ ئادەملەر ماڭا ئېغىزىدىلا ئېتىقاد قىلىدۇ،

تىلىنىڭ ئۇچىدىلا مېنى ئۇلۇغلايدۇ،

ئۇلارنىڭ يۈرىكى مەندىن يىراق.

ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان ئىبادىتى پەقەت ئۇلارنىڭ ئادەت-قائىدىلىرىدىن بولغان.

14شۇ سەۋەبتىن، مەن بۇ خەلققە، ئۇلارنى چۆچۈتىدىغان پەۋقۇلئاددە ئىشلارنى قايتا-قايتا قىلىمەن.

ئۇلارنىڭ ئاقىللىرى ئەقىلسىز بولۇپ قالىدۇ.

ئۇلارنىڭ پاراسەتلىك كىشىلىرى، پاراسەتسىز بولۇپ قالىدۇ!»

15ئۆزلىرىنىڭ پىلانىنى پەرۋەردىگاردىن يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى قاراڭغۇدا يوشۇرۇنچە قىلىدۇ ۋە ئويلايدۇ:

«بىزنى كىم كۆرىدۇ؟ بىزنىڭ نېمە قىلىۋاتقىنىمىزنى كىم بىلىدۇ؟»

16سىلەر ئەخمەق! سىلەر ھېچنېمىنى چۈشەنمەيسىلەر!

كۇلالچى بىلەن لاي تەڭ ئورۇندا تۇرامدۇ؟

نەرسىلەر ئۆزىنى ياسىغۇچىنى «ئۇ مېنى ياسىمىغان» دەمدۇ؟

ساپال قاچا كۇلالچىنى «ئۇ ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدۇ» دەمدۇ؟

17قىسقا ۋاقىت ئىچىدە لىۋان مۇنبەت بىر زېمىنغا ئايلىنىدۇ،

بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.

18شۇ چاغدا گاس ئادەملەر دەستۇرلاردىن ئوقۇلغان سۆزلەرنى ئاڭلايدۇ،

قاراڭغۇ زۇلمەتتىكى ئەمالار كۆرىدۇ.

19پەرۋەردىگارنىڭ قىلغانلىرىدىن ئاجىزلار قايتىدىن خۇشاللىققا چۆمىدۇ.

يوقسۇللار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادىن شادلىنىدۇ.

20زالىملار يوقىلىدۇ،

مازاق قىلغۇچىلار ۋەيران بولىدۇ.

يامانلىققا ھېرىسمەنلەرنىڭ ھەممىسى تۈگىشىدۇ.

21بۇلار كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچىلاردۇر.

بۇلار ھۆكۈم چىقارغۇچىلارنى ئالداپ، خاتا ھۆكۈم چىقارغۇزغۇچىلاردۇر.

يالغان سۆزلەپ، گۇناھسىز كىشىلەرگە ئادالەتسىزلىك قىلغۇچىلاردۇر.

22ئىبراھىمنى قۇتقۇزۇۋالغان پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرى توغرىسىدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇلار ئەمدى نومۇس قىلىپ ئولتۇرمايدۇ.

ئۇلارنىڭ ئەمدى يۈزى تۆكۈلمەيدۇ.

23چۈنكى ئۇلار ئۆز ئەۋلادلىرىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنى كۆرسە،

مېنىڭ نامىمغا ھۆرمەت كەلتۈرىدۇ.

ئۇلار، ياقۇپنى تاللىغان مەن مۇقەددەس خۇداغا ھۆرمەت ياغدۇرىدۇ.

ئۇلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مەن خۇدانى چوڭقۇر ھۆرمەت قىلىدۇ.

24يولدىن ئازغانلار ھەقىقەتنى چۈشىنىدۇ،

ئاغرىنغۇچىلار تەلىمنى ئاڭلايدىغان بولىدۇ.»



*1«ئارىئېل» يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئىسمى. ئۇ «قۇربانلىق سۇپىسى» دېگەن مەنىدە بولۇشىمۇ مۇمكىن.



 

30

يەھۇدىيەنىڭ مىسىر بىلەن تۈزگەن بىھۇدە كېلىشىمى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مېنىڭ ئاسىي بالىلىرىمنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئۆز پىلانلىرىنى ئىجرا قىلىپ، مېنىڭ پىلانىمنى ئىجرا قىلمايدۇ.

ئۇلار مېنىڭ روھىمغا تايانماي، ئۆز ئالدىغا ئىتتىپاق تۈزۈشىدۇ.

ئۇلار گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ سادىر قىلدى.

2ئۇلار مېنىڭ رۇخسىتىمسىز مىسىرغا باردى.

ئۇلار پىرئەۋندىن ئۆزلىرىنى قوغداشنى تەلەپ قىلىشتى.

ئۇلار مىسىردىن پاناھلىق ئىزدەشتى.

3ئەمما پىرئەۋننىڭ ھىمايىسىگە تايىنىش، ئۇلارغا نومۇس ئېلىپ كېلىدۇ،

مىسىرنىڭ پاناھلىقى سىلەرنى خارلىقتا قالدۇرىدۇ.

4گەرچە يەھۇدىيەنىڭ ئەمىرلىرى ۋە ئەلچىلىرى مىسىرنىڭ زوئان شەھىرى

ۋە خانېس شەھىرىگە بارغان بولسىمۇ،

5يەھۇدىيە خەلقى نومۇسقا قالىدۇ.

چۈنكى ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم قىلمايدۇ.

ئۇ ئەل ئۇلارغا ياردەم بېرەلمەيدۇ.

ئۇلارغا پەقەت نومۇس ۋە خارلىق ئېلىپ كېلىدۇ.»

6يەھۇدىيەنىڭ جەنۇبىي چۆللۈكىدىكى ھايۋانلار توغرىسىدىكى ۋەھىي:

«يەھۇدىيەنىڭ ئەلچىلىرى ئېشەكلەرگە بايلىقلارنى ئارتىپ،

تۆگىلەرگە خەزىنىلىرىنى يۈكلەپ،

شىرلار ۋە زەھەرلىك يىلانلار ماكانلاشقان

خەتەرلىك زېمىنلاردىن ئېغىر مۈشكۈلات ۋە جاپالار بىلەن ئۆتۈپ،

ئۆزلىرىگە قىلچىمۇ ياردەم قىلالمايدىغان بىر دۆلەتكە ئاپىرىپ بېرىدۇ.

7مىسىرنىڭ ياردىمى ئەسقاتمايدۇ، ھېچقانداق پايدىسى يوقتۇر.

مېنىڭ ئۇنى: ‹جىملا ئولتۇرىدىغان راخاب*› دەپ ئاتىشىمنىڭ سەۋەبى شۇ.»

8پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«ئەمدى بېرىپ، يەھۇدىيە خەلقىنىڭ ئالدىدا تاش تاختىغا بۇ ئىشلارنى خاتىرە قىلىپ ئويغىن.

بۇ ئىشلاردىن دەستۇر پۈتكىن.

كەلگۈسىدىكىلەرگە مىراس قىلغىن،

بۇ پۈتۈكلەر مەڭگۈ گۇۋاھچى بولسۇن.

9بۇ خەلق ئاسىيدۇر، يالغانچى بالىلاردۇر.

بۇ بالىلار پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ.

10ئۇلار غايىبنى بىلگۈچىلەرگە: ‹غايىبانە ئالامەتلەرنى سۆزلىمەڭلار!› دەيدۇ.

ئۇلار پەيغەمبەرلەرگە: ‹بىزگە توغرا-خاتا توغرىسىدىكى ۋەھىيلەرنى يەتكۈزمەڭلار.

بىزگە شېرىن سۆزلەرنى قىلىڭلار، بىزگە خىيالىي، يالغان نەرسىلەرنى سۆزلەپ بېرىڭلار.

11پەيغەمبەرلىك يولۇڭلاردا ماڭماڭلار! ۋەھىي يەتكۈزۈشنى توختىتىڭلار!

خۇدايىڭلارنىڭ نېمىلەرنى دېگەنلىكىنى سۆزلەشتىن توختاڭلار!› دەيدۇ.»

12شۇڭا، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر مېنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمنى رەت قىلدىڭلار.

سىلەر زۇلۇمغا ۋە ئالدامچىلىققا تاياندىڭلار.

13شۇڭا سىلەرنىڭ گۇناھىڭلار دۆۋىلىنىپ، يېرىلغان ئېگىز تامغا ئوخشايدۇ.

ئۇ ئۆرۈلۈشكە تەييار تۇرىدۇ.

تۇيۇقسىز گۈمۈرۈلۈپ چۈشىدۇ.

14ئۇ خۇددى يەرگە چۈشكەن كومزەك پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەندەك،

شۇنچىلىك پارچىلىنىپ كېتىدۇكى،

ئوچاقتىن قوقاس ئالغۇدەك پارچىسىمۇ،

كۆلچەكتىن سۇ ئالغۇدەك پارچىسىمۇ قالمايدۇ.»

15ئىگەم پەرۋەردىگار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«ئەگەر سىلەر يولۇمغا قايتىپ كېلىپ، خاتىرجەملىك بىلەن ماڭا ئىشەنسەڭلار، قۇتقۇزۇلىسىلەر.

سىلەر سۈكۈت قىلىپ، ماڭا تايانساڭلار، كۈچلۈك بولىسىلەر.

لېكىن سىلەر ئۇنداق قىلىشنى خالىمايسىلەر.

16سىلەر: ‹ياق! بىز ئاتلىرىمىز بىلەن قاچىمىز› دەيسىلەر.

شۇنداق، سىلەر قاچىسىلەر.

سىلەر دەيسىلەر: ‹بىز تېز چاپىدىغان ئاتلىرىمىزغا مىنىمىز›.

شۇنداق، لېكىن سىلەرنى قوغلىغانلار تېخىمۇ تېز چاپىدۇ.

17سىلەرنى قوغلىغانلارنىڭ بىر ئادىمىدىن، مىڭ ئادىمىڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ.

ئۇلارنىڭ بەش ئادىمىدىن، سىلەرنىڭ پۈتۈن قوشۇنۇڭلار قورقۇپ، قاچىدۇ.

سىلەر خۇددى تاغدىكى يالغۇز بايراق خادىسىدەك،

ياكى يىراق تاغ چوققىسىدىكى بايراقتەك، يېگانە قالىسىلەر.»

پەرۋەردىگارنىڭ رەھىمدىللىكى

18پەرۋەردىگار سىلەرگە رەھىمدىللىك قىلىشنى كۈتۈۋاتىدۇ،

ئۇ سىلەرگە ھېسداشلىق قىلىشقا دائىم تەييار.

چۈنكى پەرۋەردىگار ئادالەتلىك خۇدادۇر.

ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلىغانلار بەختلىك بولىدۇ.

19ئەي سىئون تېغىدىكى خەلق _ يېرۇسالېمدا ياشاۋاتقان خەلقلەر، سىلەر ئەمدى يىغلىمايسىلەر. ئەگەر سىلەر ياردەم تىلىسەڭلار، ئۇ سىلەردىن شەپقىتىنى ئايىمايدۇ. ئۇ سىلەرنىڭ نالەڭلەرنى ئاڭلىغاندا، سىلەرگە ياردەم قىلىدۇ. 20گەرچە ئىگىمىز سىلەرگە بالا-قازادىن غىزا ۋە مۈشكۈلاتتىن ئۇسسۇلۇق بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەرنىڭ ئۇستازىڭلار خۇدا ئۆزىنى ئەمدى سىلەردىن يوشۇرمايدۇ. سىلەر ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر. 21سىلەر توغرا يولدىن ئېزىپ، ئوڭغا ياكى سولغا چەتنەپ كەتسەڭلار، ئارقاڭلاردىن كەلگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلايسىلەر: «ئۇدۇلغا مېڭىڭلار! ئۇ توغرا يول!» 22ئاندىن سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ كۈمۈش ۋە ئالتۇن بىلەن قاپلانغان بۇتلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايسىلەر. سىلەر ئۇلارنى ئەسكى كىيىمنى تاشلىۋەتكەندەك تاشلىۋېتىسىلەر ۋە ئۇلارغا «كۆزۈمدىن يوقال!» دەيسىلەر.

23پەرۋەردىگار ئېتىزىڭلارغا تېرىلغان ئۇرۇقلارغا يامغۇر ياغدۇرۇپ بېرىدۇ. زېمىنىڭلار مول ھوسۇل بېرىپ، باياشاتچىلىق بولىدۇ. شۇ چاغدا سىلەرنىڭ مال-چارۋىلىرىڭلار كەڭ يايلاقلاردا ئوتلايدۇ. 24سىلەرنىڭ ئېتىزىڭلارنى ئاغدۇرىدىغان ئۆكۈز ۋە ئېشەكلەر ئەڭ ياخشى يەم-خەشەكلەرنى يەيدۇ. 25سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلار قىرىلىپ، شەھەر مۇنارلىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن شۇ كۈنى، ھەربىر چوقا ۋە تاغلاردىن سۈپسۈزۈك ئېرىق-ئېرىق سۇلار ئېقىپ كېلىدۇ. 26پەرۋەردىگار ئۆزى جاراھەتلەندۈرگەن خەلقىنىڭ يارىلىرىنى تېڭىپ، ئۇلارنىڭ يارىلىرىغا شىپالىق بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاي نۇرى خۇددى قۇياشتەك پارلايدۇ. قۇياشمۇ خۇددى يەتتە كۈنلۈك قۇياش نۇرى قوشۇلغاندەك، يەتتە ھەسسە يورۇقلۇق بېرىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئاسسۇرلارنى جازالىشى

27قاراڭلار! پەرۋەردىگار يىراقلاردىن كېلىۋاتىدۇ.

ئۇ غەزەپ ئوتلىرىنى چاچرىتىپ،

قويۇق كۆتۈرۈلگەن ئىسلار ئىچىدە كېلىۋاتىدۇ.

ئۇنىڭ سۆزلىرى غەزەپكە تولغان، ئۇنىڭ تىلى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوت.

28ئۇنىڭ نەپەسلىرى دۈشمەنلىرىنى بوغۇزىغىچە چۆكۈرۈۋېتىدىغان كەلكۈنگە ئوخشايدۇ.

ئۇ، ۋەيران قىلىنىدىغان دۆلەتلەرنى ئەلگەكتە تاسقىغاندەك تاسقايدۇ.

ئۇ، ئۇلارغا يۈگەن سېلىپ، ئۇلارنى خارابىلىككە باشلاپ بارىدۇ.

29ئەمما خۇدانىڭ ئۆز خەلقى بولغان سىلەر خۇددى ھېيت كېچىسىدىكىدەك، ناخشاڭلارنى ياڭرىتىسىلەر.

خۇددى كىشىلەر نەي چېلىپ پەرۋەردىگارنىڭ تېغىغا ماڭغاندەك،

خۇددى ئىسرائىللارنى قوغداپ كەلگەن قورام تاشقا ماڭغاندەك،

سىلەرنىڭ قەلبىڭلار شادلىققا تولىدۇ.

30خۇددى ئۇلۇغ ئوت ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدىغاندەك،

خۇددى جۇدۇن-چاپقۇن ئېلىپ كەلگەن قارا يامغۇر بىلەن مۆلدۈردەك،

پەرۋەردىگار ئۇلۇغ ئاۋازىنى ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىدۇ،

ئۇ ئۆزىنىڭ جازالايدىغان غەزەپلىك قولىنى ھەممە ئادەمگە كۆرسىتىدۇ.

31ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، قورققىنىدىن شۈركىنىپ كېتىدۇ.

ئۇ جازا كالتىكى بىلەن ئۇلارنى ئۇرىدۇ.

32ھەر قېتىم پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازا كالتىكى بىلەن ئۇرغاندا،

ئىسرائىللارنىڭ داپ ۋە چىلتارلىرىنىڭ ئاۋازلىرى ئاڭلىنىدۇ.

پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈردى.

33پەرۋەردىگار بۇرۇنلا ئاسسۇر پادىشاھىنى كۆيدۈرىدىغان جاي تەييارلاپ قويغان.

ئوت ئازگىلى چوڭقۇر ھەم كەڭ، ئۇنىڭدا نۇرغۇن ئوتۇنلار بار.

پەرۋەردىگارنىڭ نەپىسى خۇددى يانارتاغ بولۇپ، ئۇنىڭغا ئوت تۇتاشتۇرىدۇ.



*7 راخاب _ قەدىمكى زاماندا دېڭىزدا ياشايدىغان قورقۇنچلۇق، چوڭ بىر مەخلۇقنىڭ ئىسمى.



 

31

خۇدانىڭ يېرۇسالېمنى قوغدىشى

1مىسىردىن ياردەم سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى مىسىرلىقلارنىڭ ئاتلىرىغا باغلىدى،

ئۈمىدلىرىنى مىسىرنىڭ كۆپلىگەن جەڭ ھارۋىلىرىغا،

جەڭ ھارۋىلىرىنى ھەيدەيدىغان نۇرغۇن ھارۋىكەشلىرىگە باغلىدى،

ئۇلار ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇداغا تايانمىدى.

ئۇلار پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىمىدى.

2پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن دانادۇر ۋە يەنە بالا-قازا ئېلىپ كېلەلىگۈچىدۇر.

ئۇ ئۆز سۆزىدىن يانمايدۇ.

ئۇ رەزىللىك قىلغۇچىلارغا،

ۋە ئۇلارغا ياردەم بەرگۈچىلەرگە قارشى ئاتلىنىدۇ.

3مىسىرلىقلار ئىنساندۇر، ئىلاھ ئەمەس!

ئۇلارنىڭ ئاتلىرى پەقەت گۆشتۇر، روھ ئەمەس!

پەرۋەردىگار ئۇلارنى جازالاش ئۈچۈن قولىنى كۆتۈرگەندە،

ياردەم بەرگۈچىلەر يىقىلىدۇ، ياردەم سورىغانلارمۇ تۈگىشىدۇ.

ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ، تۈگەيدۇ.

4پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«شىرلار ئۆزى ئۆلتۈرگەن ئولجىنىڭ ئۈستىدە ھۆركىرەيدۇ.

شىر ئۆزىنى قوغلىۋەتمەكچى بولغان قويچىلارنىڭ ۋارقىراشلىرىغا پىسەنت قىلمايدۇ،

ئۇلارنىڭ سۈرەن سېلىشلىرىدىن قورقۇپ قالمايدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار

سىئون تېغىغا چۈشۈپ، ئۇرۇش قىلىمەن.

5خۇددى بىر قۇش ئۆز ئۇۋىسى ئەتراپىدا پەرۋانە بولۇپ، ئۇۋىسىنى قوغدىغانغا ئوخشاش،

مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يېرۇسالېمنى قوغدايمەن،

شەھەرنى قوغداپ، قۇتقۇزىمەن،

يېرۇسالېمنى پاناھىمغا ئېلىپ، قۇتۇلدۇرىمەن.»

6ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر شۇ قەدەر ۋاپاسىزلىق بىلەن ئاسىيلىق قىلدىڭلار. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىڭلار! 7شۇندىلا، ھەممىڭلار گۇناھقا پاتقان قولۇڭلار بىلەن كۈمۈش ۋە ئالتۇندىن ياسىغان بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىسىلەر.

8«ئاسسۇرلار پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى بىلەن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئىنسانلار ياسىمىغان بۇ قىلىچ ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ.

ئۇلار ئىنساننىڭ قولى بىلەن ياسالمىغان بۇ قىلىچتىن قاچىدۇ.

ئۇلارنىڭ يىگىتلىرى قۇل قىلىنىدۇ.

9ئۇلارنىڭ ئەڭ جەسۇر لەشكەرلىرىمۇ قورقۇنچتىن تىترەيدۇ.

ئۇلارنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇرۇش تۇغىنى كۆرگەندە قېچىپ كېتىدۇ.»

مانا بۇلار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئوتى سىئون تېغىدا لاۋىلدىسا،

ھالاكەت ئوتى يېرۇسالېمدىدۇر.


32

ئادالەتلىك پادىشاھ

1قاراڭلار! كەلگۈسىدە بىر پادىشاھ ھەققانىيلىق بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

ئۇنىڭ ۋەزىرلىرى ئادالەت بىلەن يۇرت سورايدۇ.

2ئۇلار بوراندىن دالدىلىنىدىغان پاناھلىق جايغا،

جۇدۇن-چاپقۇندىن پاناھلىنىدىغان جايغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار قاغجىرىغان يەرنى سۇغىرىدىغان ئېقىن سۇلارغا ئوخشايدۇ.

قاتتىق ئىسسىق يەردىكى قورام تاشنىڭ سالقىن سايىسىغا ئوخشايدۇ.

3شۇنىڭدىن باشلاپ كۆزلەر كۆرىدىغان بولىدۇ،

قۇلاقلار ئوچۇق ئاڭلايدىغان بولىدۇ.

4ئالدىراقسانلار چۈشىنىشكە باشلايدۇ،

كېكەچلەر راۋان ۋە ئوچۇق سۆزلەيدىغان بولىدۇ.

5ئەخمەقلەر «ئالىيجاناب» دەپ ئىززەتلەنمەيدىغان بولىدۇ.

مەككارلار ئىززەت-ھۆرمەتلىك بولالمايدۇ.

6ئەخمەقلەر ئەخمەقلەرچە سۆزلەپ، رەزىل پىلانلارنى تۈزىدۇ،

ئۇلار گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار توغرىسىدا خاتا تەلىملەرنى تارقىتىدۇ،

ئۇلار ئاچ قالغانلارنى تائامسىز، ئۇسسۇغانلارنى سۇسىز قويىدۇ.

7مەككارلارنىڭ ئۇسۇللىرى رەزىلدۇر.

يوقسۇللارنىڭ تەلەپلىرى توغرا بولسىمۇ،

ئۇلار ھىيلە-مىكىرلىك پىلانلارنى تۈزۈپ چىقىپ،

يوقسۇللارنى يالغان گۇۋاھلىقى بىلەن ۋەيران قىلىدۇ.

8ئەمما ئالىيجاناب ئادەملەر، ئالىيجاناب پىلانلارنى تۈزىدۇ.

ئۇلار ئالىيجاناب ئىشلاردا چىڭ تۇرىدۇ.

جازالاش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش

9كېلىڭلار، ئەي غەمدىن خالىي ئاياللار، مېنىڭ سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار.

تۇرمۇشى خاتىرجەم خېنىملار، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار.

10غەمسىز يۈرۈۋاتقان سىلەرگە بىر يىلدىن كېيىن قورقۇنچ كېلىدۇ.

ئۈزۈم تەكلىرىدىن ھوسۇل چىقمايدۇ،

باشقا مېۋىلەردىنمۇ ھوسۇل ئالالمايسىلەر.

11قورقۇنچتىن تىترەڭلار غەمسىز خېنىملار،

ۋەھىمىدىن شۈركىنىپ كېتىڭلار خاتىرجەملىكتە ياشاۋاتقانلار.

ئېسىل كىيىمىڭلارنى سېلىۋېتىپ،

ئۈستۈڭلەرگە ماتەملىك كىيىم كىيىپ، قايغۇرۇڭلار!

12بۇرۇن باياشات بولغان ئېتىزلار ۋە مول ھوسۇللۇق ئۈزۈملۈكلەر ئۈچۈن

مەيدەڭلەرگە ئۇرۇپ يىغلاڭلار.

13سىلەرنىڭ ئېتىزلىرىڭلارنى تىكەن ۋە ئازغانلار بېسىپ كېتىدۇ.

سىلەرنىڭ شاد-خۇرام ئائىلەڭلار ۋە كۆڭۈللۈك شەھىرىڭلار يوق بولىدۇ.

14ئوردىلار تاشلىنىپ قالىدۇ.

شاۋقۇنلۇق شەھەرلەر قاقاسلىشىدۇ.

قورغان ۋە مۇنارلار ئادەمسىز، قۇپقۇرۇق بولۇپ قالىدۇ.

بۇ يەر ياۋا ئېشەكلەرنىڭ يايرايدىغان، قويلارنىڭ ئوتلايدىغان جايىغا ئايلىنىدۇ.

15بۇ ئەھۋال خۇدا ئۆز روھىنى ئەرشتىن بىزگە چۈشۈرگۈچە داۋاملىشىدۇ.

ئۇ چاغ كەلگەندە قاقاسلىقلار مۇنبەت زېمىنغا ئايلىنىدۇ.

بۇ مۇنبەت زېمىن ئورمانلىققا ئايلىنىدۇ.

16ھەققانىيەت مۇنبەت زېمىندا ھۆكۈم سۈرىدۇ،

ھەتتا چۆللۈكتىمۇ ئادالەت ماكانلىشىدۇ.

17ھەققانىيەتنىڭ نەتىجىسى تىنچلىق بولىدۇ،

ئۇ مەڭگۈ خاتىرجەملىك ۋە بىخەتەرلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ.

18مېنىڭ خەلقىم تىنچ زېمىندا ياشايدۇ،

بىخەتەر ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ،

تىنچ جايلاردا ئارام ئالىدۇ.

19مەيلى مۆلدۈرلەر ئورمانلارنى ۋەيران قىلىۋەتسۇن

ياكى شەھەرلەرنى يوق قىلىۋەتسۇن،

20سىلەرگە يەنىلا بەخت ھەمراھ بولىدۇ.

ئېرىق بويلىرىغا ئۇرۇق چاچىسىلەر،

كالا ۋە ئېشەكلىرىڭلارنى ئەركىن ئوتلاشقا قويۇپ بېرىسىلەر.


33

ئاسسۇرىيەنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي

1ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار،

سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!

ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي!

سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر.

سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.

2ئى پەرۋەردىگار، بىزگە رەھىم قىلغىن!

بىز ساڭا ئۈمىد باغلاپ، كۈتۈپ تۇرىمىز.

ھەر كۈنى بىزگە كۈچ-قۇدرەت بەرگىن.

بېشىمىزغا كۈلپەت چۈشكەندە بىزنى قۇتقۇزغىن.

3يات خەلقلەر سېنىڭ گۈلدۈرلىگەن ئاۋازىڭدىن قورقۇپ، قاچىدۇ.

سەن ئورنۇڭدىن دەس تۇرساڭ، دۈشمەن تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىدۇ!

4چېكەتكىلەر زىرائەتلەرنى يەۋەتكەندەك، يات خەلقلەرنىڭ يىغىۋالغان ئولجىلىرىمۇ يوق بولىدۇ.

خەلق چېكەتكىلەر يىغىلغاندەك يىغىلىپ، ئۇلارنىڭ ئولجىلىرىغا تاشلىنىدۇ.

5پەرۋەردىگار ئۇلۇغدۇر، ئۇ ئەرشتە ياشايدۇ.

ئۇ سىئون تېغىنى ئادالەت ۋە ھەققانىيلىق بىلەن تولدۇرىدۇ.

6ئۇ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلارغا مۇقىم خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ.

ئۇ سىلەرنىڭ بىخەتەرلىك، دانالىق ۋە بىلىم مەنبەيىڭلاردۇر.

پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلىك سىلەرنىڭ بايلىقىڭلاردۇر.

7بىلىڭلار، سىلەرنىڭ باتۇر لەشكەرلىرىڭلار كوچىلاردا ئۈن سېلىپ يىغلايدۇ.

تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئەۋەتىلگەن ئەلچىلىرىڭلار قاتتىق يىغلايدۇ.

8يوللار تىمتاسلىقتا قالىدۇ،

كىشىلەر سەپەر قىلمايدىغان بولىدۇ،

كىشىلەر ئارىسىدىكى توختاملار بۇزۇلىدۇ،

گۇۋاھچىلار كۆزگە ئىلىنمايدۇ،

ئىنسانلار بىر-بىرىنى قەدىرلىمەيدىغان بولىدۇ.

9زېمىن قۇرۇپ، قاغجىراپ قالىدۇ،

لىۋاندىكى ئورمانلىقلار قۇرۇپ، قاقشال بولۇپ قالىدۇ،

شارون تۈزلەڭلىكى چۆللۈككە ئايلىنىدۇ،

باشان تۈزلەڭلىكىدىكى، كارمەل تېغىدىكى دەرەخلەرنىڭ يوپۇرماقلىرى تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «مەن ئەمدى ئوتتۇرىغا چىقىمەن،

ئەمدى مەن ئورنۇمدىن تۇرىمەن.

ئەمدى مەن ئۇلۇغلىنىمەن.

11ئەي ئاسسۇرلار، سىلەرنىڭ بارلىق پىلانلىرىڭلار خۇددى قۇرۇق پاخالغا،

قىلغان ئىشلىرىڭلار ھېچقانداق قىممىتى يوق سامانغا ئوخشايدۇ.

سىلەرنىڭ نەپىسىڭلار ئوت بولۇپ ئۆزۈڭلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ.

12خۇددى كېسىپ تاشلانغان تىكەن ئوتقا تاشلانغاندەك،

خەلقلىرىڭلار پۈتۈنلەي كۆيۈپ، كۈل بولىدۇ.

13مەيلى سىلەر يىراقتا ياشاۋاتقان بولۇڭلار، ياكى يېقىندا ياشاۋاتقان بولۇڭلار،

ھەممىڭلار مېنىڭ قىلغان بۈيۈك ئىشلىرىمنى ئاڭلاڭلار!

مېنىڭ غايەت قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىڭلار.»

14سىئون تېغىدىكى گۇناھكارلارنى قورقۇنچ باسىدۇ.

ئىمانسىزلارنى تىترەك باسىدۇ.

ئۇلار سورىشىدۇ: «بىزنىڭ ئارىمىزدىن كىملەر پەرۋەردىگارنىڭ ئوتلۇق ھۇزۇرىدا تۇرالايدۇ؟

ئارىمىزدىن كىملەر مەڭگۈلۈك ئوت ئىچىدە ياشىيالايدۇ؟»

15توغرا ئىشلارنى قىلغانلار ۋە ھەققانىي سۆزلەيدىغانلار ياشايدۇ.

مەككارلىق بىلەن باي بولۇشتىن باش تارتقانلار ۋە پارا ئېلىشنى رەت قىلغانلار،

سۇيىقەستلەرگە قاتناشمىغانلار،

رەزىل ئىشلارنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغانلار،

16مانا مۇشۇنداق كىشىلەر بىخەتەر جايدا ياشايدۇ،

قورام تاشتىن ياسالغان مۇستەھكەم ئۆيلەردە تۇرىدۇ،

ئۇلارنىڭ غىزاسى ۋە ئىچىدىغان سۈيى كەم بولمايدۇ.

17سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن بىر شۆھرەتلىك پادىشاھنى كۆرىسىلەر.

سىلەر بىپايان كەتكەن زېمىننى كۆرىسىلەر.

18سىلەر بۇرۇنقى قورقۇنچلۇق چاغلارنى ئەسلەپ، مۇنداق دەيسىلەر:

«دۈشمەننىڭ مەسئۇل ئەمەلدارى قېنى؟

ئولجىلارنى تىزىملىغۇچىلار قېنى؟

مۇنارلىرىمىزنى سانىغانلار قېنى؟»

19سىلەر ئەمدى، تىلىنى بىلمەيدىغان، يات تىلدا سۆزلىشىدىغان تەكەببۇر كىشىلەرنى كۆرمەيسىلەر.

20سىئون تېغىغا قاراڭلار! ھېيتلىرىمىزنى ئۆتكۈزۈۋاتقان شەھىرىمىزگە قاراڭلار.

سىلەر يېرۇسالېمنىڭ خاتىرجەم يەرگە ئايلانغانلىقىنى،

ئۇنىڭ يۆتكىگىلى بولمايدىغان چېدىردەك مەزمۇت ئورناپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر.

ئۇنىڭ قوزۇقلىرىنى سۇغۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ،

ئۇنىڭ ئارغامچىلىرىنى ھېچكىم ئۈزەلمەيدۇ.

21پەرۋەردىگار بىزنىڭ قۇدرەتلىك قوغدىغۇچىمىز بولىدۇ.

ئۇ دۈشمەن ئۆتەلمەيدىغان قوغدىغۇچى دەريا بولىدۇ،

ئۇنىڭدا دۈشمەننىڭ ھېچبىر كېمىسى ئۈزەلمەيدۇ.

22پەرۋەردىگار بىزنىڭ سوتچىمىز.

پەرۋەردىگار بىزنىڭ ھۆكۈمرانىمىز.

پەرۋەردىگار بىزنىڭ پادىشاھىمىز، ئۇ بىزنى قۇتقۇزىدۇ.

23ھازىر سىلەرنىڭ ئارغامچىلىرىڭلار يېشىلىپ كەتكەن بولسىمۇ،

كېمەڭلارنىڭ يەلكەن خادىسى مۇستەھكەم بولمىسىمۇ،

يەلكىنىڭلار ئېچىلمىغان بولسىمۇ،

لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، سىلەر نۇرغۇن ئولجا ئالىسىلەر،

ھەتتا ئاقساق-چۇلاقلارمۇ ئولجا ئالالايدۇ.

24يېرۇسالېمنىڭ پۇقرالىرىدىن ھېچكىم ئەمدى ئۆزىنى

«مەن كېسەل» دېمەيدۇ.

پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ.


34

ئىمانسىز خەلقلەرنىڭ جازالىنىشى

1ئەي خەلقلەر، يېقىنراق كېلىڭلار، قۇلاق سېلىڭلار،

ئەي ئادەملەر، دىققەت قىلىڭلار!

زېمىن ۋە زېمىندىكى پۈتكۈل خەلق ئاڭلىسۇن.

پۈتكۈل جاھان ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق ھاياتلىق ئاڭلىسۇن.

2پەرۋەردىگار بارلىق خەلقلەرگە ۋە

ئۇلارنىڭ قوشۇنلىرىغا غەزەپلەندى،

ئۇ ئۇلارنى قىرغىن قىلىپ، تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ.

3ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى تاشلىنىپ قالىدۇ،

ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى سېسىپ كېتىدۇ،

تاغلار ئۇلارنىڭ قانلىرى بىلەن بويىلىدۇ.

4ئاسماندىكى بارلىق يۇلتۇزلار ئېرىپ كېتىدۇ.

ئاسمان يۆگىلىپ قالىدۇ.

خۇددى ئۈزۈم يوپۇرماقلىرى يەرگە چۈشكەندەك،

دەرەختىكى ئەنجۈر يەرگە چۈشكەندەك،

يۇلتۇزلار چۈشۈپ كېتىدۇ.

5پەرۋەردىگار: «مېنىڭ قىلىچىم ئاسماندىكى سوراقنى تۈگىتىپ،

ئاندىن، مەن تەلتۆكۈس يوقىتىشنى ئىرادە قىلغان ئىدومغا چۈشىدۇ» دېدى.

6پەرۋەردىگارنىڭ قىلىچى خۇددى قوزا، ئۆچكە ۋە قوچقارنى

قۇربانلىق قىلغاندەك، قان ۋە گۆشكە مېلىنىدۇ.

چۈنكى، پەرۋەردىگار بوزرا شەھىرىدە قۇربانلىق قىلىدۇ،

ئىدومدا چوڭ قىرغىنچىلىق قىلىدۇ،

7ياۋا كالىلار ئۇلار بىلەن بىللە قىرغىن قىلىنىدۇ،

موزايلىرىمۇ بۇقىلار بىلەن بىللە ئۆلتۈرۈلىدۇ.

ئۇلارنىڭ زېمىنى قانغا بويىلىدۇ،

تۇپرىقى گۆشلەرنىڭ يېغىغا تولۇپ كېتىدۇ.

8پەرۋەردىگار قىساس ئالىدىغان كۈننى بېكىتتى،

بۇ سىئون تېغى ئۈچۈن ئېلىنغان ئىنتىقام.

9ئىدومنىڭ ئېقىنلىرى قارا مايغا تولىدۇ،

ئۇنىڭ تۇپرىقى كۆيۈۋاتقان قوقاسقا،

ئۇنىڭ زېمىنى يالقۇنلاۋاتقان قارا مايغا ئايلىنىدۇ.

10كېچە-كۈندۈز توختىماي كۆيىدۇ.

ئۇنىڭدىن تارقىغان ئىسلار ئۈزۈلمەيدۇ.

ئىدوم ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە قاقاسلىق بولىدۇ.

ئۇ يەرگە ھېچكىم قايتا قەدەم باسمايدۇ.

11چۆل قۇشلىرى ۋە كىرپىلەر ئۇ يەرلەرگە ماكانلىشىدۇ.

قاغا-قۇزغۇنلار ئۇ يەرلەرنى ماكان قىلىدۇ.

پەرۋەردىگار تانا تارتىپ ئۆلچەپ، ئۇ يەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

12بۇ يەرگە پادىشاھلىق قىلغۇدەك بىرەر ئېسىلزادە ئادەم چىقمايدۇ،

ئۇ يەرنىڭ شاھزادىلىرىنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ.

13ئوردىلارنى تىكەن بېسىپ كېتىدۇ.

قورغانلارنى چاققاق ۋە ئازغان قاپلاپ كېتىدۇ.

بۇ خارابىلىكلەر چىلبۆرىلەر ۋە مۆشۈكياپىلاقلارنىڭ ماكانى بولىدۇ.

14بۇ يەردە چۆل ھايۋانلىرى، ۋەھشىي ياۋايى ئىتلار تېنىشىپ يۈرىدۇ،

ياۋا ئۆچكىلەر خارابىلىكتە مەرەپ يۈرۈشىدۇ،

تۈن قۇشلىرى بۇ يەردە ئۇۋىلايدۇ.

15مۈشۈكياپىلاقلار ئۇۋىلاپ، تۇخۇملايدۇ.

ئۇ تۇخۇملاپ بالىلىرىنى چىقىرىدۇ.

تاپ يېگۈچى قۇشلار جۈپ-جۈپى بىلەن

بۇ يەرگە كېلىدۇ.

16پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرى يېزىلغان يازمىلارغا قاراڭلار!

ئاشۇ ھايۋانلارنىڭ بارلىقى بۇ يەردە ياشايدۇ،

ئۇلارنىڭ ھەممىسى جۈپ-جۈپى بىلەن كېلىدۇ.

ئۇ بۇيرۇق قىلىپ، ئۆزىنىڭ روھى ئارقىلىق ئۇلارنى بۇ يەرگە يىغىدۇ.

17پەرۋەردىگار زېمىننى ئاشۇلارغا بۆلۈپ بېرىدۇ،

ئۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ.

ئۇلار بۇ زېمىننى مەڭگۈلۈك ئىگىلەيدۇ،

ئۇلار بۇ يەردە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ياشايدۇ.


35

يېرۇسالېمنىڭ شادلىققا تولۇشى

1چۆل-جەزىرىلەر شادلىققا چۆمىدۇ.

قاقاسلىقلار خۇشاللىققا چۆمۈپ، گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلىدۇ.

2ھەممە يەر گۈل-چېچەككە ۋە شاد-خۇراملىققا تولىدۇ!

چۆل-جەزىرىلەر لىۋان تاغلىرىدەك ياپيېشىللىققا پۈركىنىدۇ.

ئۇ يەرلەر كارمەل تاغلىرى ۋە شارون تۈزلەڭلىكىدەك گۈزەللىشىپ كېتىدۇ.

پەرۋەردىگارىمىز ئۆز شان-شەرىپى ۋە ئۇلۇغلۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

3تالغان قوللارغا مەدەت بېرىڭلار،

جانسىز تىزلارغا كۈچ بېرىڭلار.

4قورقۇپ كەتكەن كىشىلەرگە مۇنداق دەڭلار:

«جاسارەتلىك بولۇڭلار، قورقماڭلار.

قاراڭلار، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار كېلىدۇ.

ئۇ سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنى جازالايدۇ.

ئۇ، ئۇلاردىن ئىنتىقام ئالىدۇ،

ئۇ كېلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزىدۇ.»

5ئۇ چاغدا ئەمالارنىڭ كۆزلىرى ئېچىلىدۇ،

گاسلارنىڭ قۇلاقلىرى ئاڭلايدۇ.

6ئاقساقلار بۇغىلاردەك تاقلاپ يۈرىدۇ،

گاچىلار خۇشاللىقتىن ۋارقىرايدۇ.

سۇلار چۆللەرگە ئېقىپ كىرىدۇ.

دەريالار قۇملۇقلارغا ئاقىدۇ.

7قىزىق قۇملۇقلاردا كۆللەر پەيدا بولىدۇ.

قاغجىراپ كەتكەن تۇپراقتىن بۇلاقلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.

بۇرۇن چىلبۆرىلەر ياشىغان يەرلەردە

قومۇش ۋە يېكەنلەر ئۆسۈپ چىقىدۇ.

8زېمىندا بىر يول پەيدا بولۇپ،

بۇ يول «مۇقەددەس يول» دەپ ئاتىلىدۇ.

ناپاك ئادەملەر بۇ يولدا ماڭالمايدۇ،

بۇ يولدا پەقەت پەرۋەردىگارنىڭ خەلقىلا ماڭالايدۇ.

ئەخمەقلەر ئۇنىڭدا ماڭالمايدۇ.

9بۇ يولدا شىرلار ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلار يوق.

ئۇلارنى بۇ يەردىن تاپقىلى بولمايدۇ.

پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەرلا بو يولدا ماڭالايدۇ.

10پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىپ كېلىدۇ.

ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.

مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى ئۆز بېشىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ.

ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ،

ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.


36

پادىشاھ سانخېرىبنىڭ يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىشى

1خىزكىيا پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان 14-يىلى ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب يەھۇدىيەنىڭ بارلىق مۇستەھكەم شەھەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ شەھەرلەرنى بويسۇندۇردى. 2كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ خاس سەركەردىسىنى لاكىش شەھىرىدىن زور قوشۇنى بىلەن يېرۇسالېمغا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇ يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ يۇقىرىدىكى كۆلچەككە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى. 3بۇ ۋاقىتتا خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخ ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى.

4سەركەردە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خىزكىياغا ئېيتىڭلار، ئۇلۇغ ئاسسۇر پادىشاھى ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «سىلەر نېمىگە تايىنىپ ئۆزۈڭلارغا شۇنچە ئىشىنىسىلەر؟ 5سىلەرچە، قۇرۇق گەپلەر ئۇرۇش تەدبىرلىرى ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئورنىغا دەسسىيەلەمدۇ؟ سىلەر كىمگە ئىشىنىپ ماڭا قارشى چىقتىڭلار؟ 6سىلەر مىسىرغا تايانماقچىمۇ؟ مىسىر خۇددى قومۇشتىن ياسالغان سۇنۇق ھاسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا تايانساڭلار قولۇڭلارنى تېشىۋېتىدۇ. مىسىر پادىشاھىغا تايانغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاقىۋىتىمۇ شۇنداق بولىدۇ. 7بەلكىم سىلەر ماڭا: ‹بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ بىزگە ياردەم قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز› دەپ ئېيتارسىلەر. لېكىن پادىشاھ خىزكىيا سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان جايىڭلارنى ۋە قۇربانلىق سۇپىلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىۋەتمىدىمۇ؟ پادىشاھ خىزكىيا يېرۇسالېم خەلقى ۋە بارلىق يەھۇدىيە خەلقىگە، خۇداغا پەقەت يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ قۇربانلىق سۇپىسىدىلا ئىبادەت قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتمىغانمىدى؟»

8سەركەردە يەنە مۇنداق دېدى:

_ كېلىڭلار، بىز خوجايىنىم ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نامى بىلەن قول باغلىشايلى. بىز سىلەرگە ئىككى مىڭ ئات بېرىمىز. قېنى، سىلەر ئىككى مىڭ چەۋەنداز تېپىپ بېقىڭلارچۇ؟ 9سىلەر مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە چەۋەندازلىرى ياردەمگە كەلگەن تەقدىردىمۇ، خوجايىنىمنىڭ قول ئاستىدىكى ئەڭ كىچىك قوشۇنىنى مەغلۇپ قىلالامسىلەر؟! 10مېنىڭ بۇ زېمىننى ۋەيران قىلىشىم پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى بىلەن بولغان ئەمەسمۇ؟ پەرۋەردىگار ئۆزى ماڭا: «يەھۇدىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ يەرنى ۋەيران قىل» دەپ بۇيرۇغان.

11ئەلياقىم، شەبنا ۋە يوئاخلار ئاسسۇر سەركەردىسىگە مۇنداق دېدى:

_ تەقسىر، بىزگە ئارامىي تىلىدا سۆزلەڭ، بىز چۈشىنىمىز. ئىبرانىي تىلىدا سۆزلىمەڭ، سېپىل ئۈستىدىكىلەر ئاڭلاپ قالمىسۇن.

12سەركەردە جاۋاب بېرىپ:

_ خوجايىنىم مېنى، بۇ سۆزلەرنى پەقەت سىلەر بىلەن پادىشاھىڭلارغىلا ئېيتىپ بېرىشكە ئەۋەتكىنى يوق. سېپىل ئۈستىدىكىلەرمۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلىسۇن. ئەگەر بىز بۇ شەھەرنى قامال قىلساق، ئۇلارمۇ سىلەرگە ئوخشاش پوقىنى يەپ، سۈيدۈكىنى ئىچىدۇ، _ دېدى.

13ئاندىن ئۇ تىك تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئىبرانىي تىلىدا مۇنداق دېدى:

_ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار! 14پادىشاھ مۇنداق دەيدۇكى: «سىلەر خىزكىياغا ئالدانماڭلار، ئۇ سىلەرنى قۇتقۇزالمايدۇ. 15خىزكىيانىڭ سىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئىشىنىشكە دەۋەت قىلىپ: ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ، ئۇ بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىغا تاشلاپ بەرمەيدۇ› دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانماڭلار. 16خىزكىيانىڭ گېپىنى ئاڭلىماڭلار! مەن ئاسسۇر پادىشاھى سىلەرنى مەن بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە، ماڭا بويسۇنۇشقا دەۋەت قىلىمەن. ئەگەر شۇنداق قىلساڭلار، سىلەر ئۆز بېغىڭلارنىڭ ئۈزۈملىرىنى ۋە ئەنجۈرلىرىنى يېيەلەيسىلەر، ئۆز قۇدۇقۇڭلارنىڭ سۈيىنى ئىچەلەيسىلەر. 17مەن زېمىنىڭلارغا بارغاندىن كېيىن سىلەرنى، خۇددى ئۆز زېمىنىڭلارغا ئوخشاش ئاشلىق، شاراب، يېمەكلىك ۋە ئۈزۈمزارلىقلىرى مول بولغان يېڭى زېمىنغا باشلاپ بارىمەن. 18خىزكىيا سىلەرنى ‹پەرۋەردىگار بىزنى قۇتقۇزىدۇ› دەپ، تۇيۇق يولغا باشلىمىسۇن. قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مەن ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزالغان؟ 19خامات ۋە ئارپاد شەھەرلىرىنىڭ ئىلاھلىرى قانداق بولدى؟ سىفارۋايىم شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرىچۇ؟ سامارىيە شەھىرىنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدا مەغلۇپ بولۇشتىن قۇتقۇزالىدىمۇ؟ 20قايسىبىر خەلقنىڭ ئىلاھلىرى ئۆز خەلقىنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالىغان؟ شۇنداق ئىكەن، پەرۋەردىگارىڭلار يېرۇسالېمنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالامدۇ؟»

21خەلق سۈكۈت قىلىپ، ھېچقانداق جاۋاب قايتۇرمىدى، چۈنكى پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارغا جاۋاب قايتۇرماسلىقنى بۇيرۇغانىدى. 22خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا، ئاسافنىڭ ئوغلى خاننىڭ تەزكىرىچىسى يوئاخلار قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىشقان ھالدا پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا سەركەردىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدى.


37

پادىشاھ خىزكىيانىڭ پەرۋەردىگاردىن ياردەم تىلىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇمۇ قاتتىق قايغۇرۇپ، كىيىملىرىنى يىرتىپ، كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 2ئۇ يەنە خىلقىيانىڭ ئوغلى ئوردا غوجىدارى ئەلياقىم، پۈتۈكچى شەبنا ۋە روھانىي يېتەكچىلەرنى ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلارمۇ ماتەملىك كىيىم كىيگەنىدى. 3ئۇلار يەشايا پەيغەمبەرگە مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھىمىز خىزكىيا مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈن بىز ئۈچۈن قاتتىق ئازاب، تىل-ئاھانەت ۋە خورلۇققا قالغان كۈن بولدى، بىز خۇددى بوۋىقىنى تۇغۇشقا كۈچى يەتمىگەن ئانىدەك بولۇپ قالدۇق. 4سىلە ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېپقالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا.»

5پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئەلچىلىرى يەشايا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىغا كېلىپ، پادىشاھنىڭ بۇ سۆزلىرىنى يەتكۈزگەندىن كېيىن، 6يەشايا پەيغەمبەر ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ:

_ پادىشاھقا ئېيتىڭلار، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ: «ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ چاكىرىنىڭ ماڭا ھاقارەت كەلتۈرىدىغان سۆزلىرىدىن قورقۇپ كەتمە. 7مەن ئۇنى ھازىرلا ئۆسەك گەپلەرگە ئىشىنىدىغان قىلىپ قويىمەن. ئۇ بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئۆز زېمىنىغا قايتىدۇ. ئۇنىڭ شۇ يەردە قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدىغانلىقىنى ئىرادە قىلغانمەن.» _ دېدى.

8ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىسى ئۆز پادىشاھىنىڭ لاكىشتىن لىبناھ شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلغانلىقىنى ئاڭلاپ، پادىشاھنىڭ يېنىغا قايتتى ۋە پادىشاھنى ئۇرۇشۇۋاتقان يەردە تاپتى.

9بۇ چاغدا پادىشاھ سانخېرىب ئېفىيوپىيە پادىشاھى تىرھاقانىڭ ئۆزى بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، پادىشاھ خىزكىياغا يەنە ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

10_ يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىياغا مۇنداق دەپ ئېيتىڭلار: «سەن تايىنىۋاتقان خۇدانىڭ، ئاسسۇر پادىشاھى يېرۇسالېمنى بېسىۋالالمايدۇ، دېگەن سۆزلىرىگە ئالدانما. 11سەن چوقۇم ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ باشقا زېمىنلاردا نېمىلەرنى قىلغانلىرىنى ئاڭلىدىڭ. بىز بۇ زېمىنلارنى ۋەيران قىلىۋەتتۇق. سەن ئۆزۈڭچە، بىز قۇتقۇزۇلۇپ قالىمىز، دەپ ئويلامسەن؟ 12گوزان، ھاران ۋە رەزەف شەھەرلىرىنىڭ ھەمدە تىلاسساردىكى ئەدەن خەلقىنىڭ ئىلاھلىرى ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ قالالىدىمۇ؟ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلالمىدى! مېنىڭ ئەجدادلىرىم ئۇ يەرلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 13خامات، ئارپاد، سىفارۋايىم، ھېنا ۋە ئىۋۋاھ شەھەرلىرىنىڭ پادىشاھلىرىچۇ، ئۇلار قانداق بولدى؟»

پادىشاھ خىزكىيانىڭ دۇئاسى

14پادىشاھ خىزكىيا ئەلچىلەر ئېلىپ كەلگەن خەتنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. ئۇ بۇ يەردە خەتنى ئېچىپ، 15پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى:

16«ئى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن كېرۇبلار
* ئوتتۇرىسىدا تەختتە ئولتۇرغۇچىسەن، سەن بۇ دۇنيانىڭ پۈتكۈل پادىشاھلىقلىرىنىڭ يېگانە پەرۋەردىگارىسەن، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسىسەن. 17ئى پەرۋەردىگار، نىدايىمنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىغايسەن، كۆزلىرىڭنى ئېچىپ قارىغايسەن، سانخېرىبنىڭ سەن مەڭگۇ ھايات خۇدانى ھاقارەتلەپ ئەۋەتكەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغايسەن. 18ئى پەرۋەردىگار، ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ نۇرغۇن ئەللەر ۋە زېمىنلارنى ۋەيران قىلغىنى راست. 19ئۇلار بۇ زېمىنلارنىڭ ئىلاھلىرىنى ئوتقا تاشلىدى، چۈنكى بۇ ئىلاھلار خۇدا ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئادەملەر ئۆز قولى بىلەن ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسىۋالغان نەرسىلەر ئىدى، شۇڭا ئاسسۇرلار ئۇلارنى ۋەيران قىلالىدى. 20ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا، بىزنى ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ قولىدىن ساقلاپ قالغايسەن. يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلار سېنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىڭنى بىلسۇن!»

يەھۇدىيەنىڭ قۇتقۇزۇلۇشىدىن بېشارەت

21ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنۇ سۆزلەرنى ئەۋەتتى. پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ: «سەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب توغرىسىدا دۇئا قىلغانىدىڭ، 22مەنكى پەرۋەردىگار، سانخېرىب توغرىسىدا مۇنداق دەيمەن:

ئەي سانخېرىب، سىئوندىكى قىزلار سەندىن نەپرەتلىنىدۇ،

سېنى زاڭلىق قىلىدۇ.

يېرۇسالېمدىكى قىزلار سېنى مەسخىرە قىلىدۇ،

كەينىڭدىن باش چايقىشىدۇ.

23ئەي سانخېرىب، سەن مەسخىرە قىلغان كىم؟ سەن ھاقارەت قىلغان كىم؟

سەن ۋارقىراپ تىللىغان كىم؟ سەن ھاكاۋۇرلۇق قىلىپ مەنسىتمىگەن كىم؟

ئۇ مەن! يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن!

24سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ.

سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى،

لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن،

شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن.

ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،

25قۇدۇقلارنى قېزىپ، سۇلىرىنى ئىچكەنمەن،

تاپانلىرىم بىلەن مىسىرنىڭ بارلىق دەريالىرىنى كېچىپ، سۇلىرىنى توختىتىۋەتكەنمەن› دېدىڭ.

26سەن ئاڭلىمىغانمىدىڭ؟

مەن پەرۋەردىگار بۇ ئىشلارنى بۇرۇنلا قارار قىلىپ بولغانمەن.

بۇرۇنلا پىلان قىلىپ بولغانمەن، مانا ھازىر بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغان ۋاقتى كەلدى.

سېنىڭ مۇستەھكەم شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇشۇڭ مېنىڭ پىلانىمدۇر.

27شۇ سەۋەبتىن بۇ شەھەرلەرنىڭ پۇقرالىرى ئاجىزدۇر،

ئۇلار چۈشكۈنلىشىپ، نومۇسقا قالدى،

خۇددى دالادا ئۆسكەن ئوت-چۆپلەر، يېڭى ئۆسۈپ چىققان مايسىلار،

ئۆگزىدە ئۆسكەن ياۋا ئوتلارنىڭ ئىسسىق شامالدا قۇرۇپ قالغىنىدەكتۇر.

28سېنىڭ نەدە تۇرىدىغانلىقىڭنى،

قاچان كېلىپ، قاچان كېتىدىغانلىقىڭنى،

ماڭا قانچىلىك ئاچچىق غەزەپ قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن.

29سېنىڭ بۇ غەزەپلىرىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇقۇڭ مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتتى.

مەن ئەمدى قارمىقىمنى بۇرنۇڭدىن، ئېغىزدۇرۇقۇمنى ئاغزىڭدىن ئۆتكۈزىمەن،

سەن قانداق كەلگەن بولساڭ، سېنى شۇ يول بىلەن قايتۇرۇپ ئەكېتىمەن.»

30يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىشلارنىڭ چوقۇم ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، مەن بۇنى ئالدىن ساڭا ئېيتىمەن: سەن بۇ يىل تۇپراقتا ئۆزى ئۆسكەن نەرسىلەرنى يەيسەن، كېلەر يىلى يەنە ئۆزى ئۆسۈپ چىققان نەرسىلەرنى يەيسەن. لېكىن ئۈچىنچى يىلى ئۆزۈڭ تېرىغان زىرائەتتىن ئالغان ھوسۇلنى، ئۆستۈرگەن ئۈزۈملەرنى يەيسەن. 31يەھۇدىيەدىن ھايات قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كېيىن، خۇددى چوڭقۇر يىلتىز تارتقان، مېۋىسى كۆپ دەرەخكە ئوخشاش كۆپىيىدۇ. 32شۇنداق، بۇ ئاز بىر قىسىم ئادەملەر كۆپىيىپ يېرۇسالېمدىن چىقىدۇ، يەنى قۇتۇلۇپ قالغانلار سىئون تېغىدىن چۈشىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار بۇنى جان دىلى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ!

33پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھى توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭ قوشۇنلىرى يېرۇسالېمغا كىرەلمەيدۇ، ھەتتا بىر تال يا ئوقىمۇ ئاتالمايدۇ. ئۇلار قالقانلىرىنى كۆتۈرۈپ، يېرۇسالېم دەرۋازىسى يېنىغىمۇ كېلەلمەيدۇ، ياكى شەھەر سېپىلىگە توپا دۆۋىسى يۆلەپمۇ ھۇجۇم قىلالمايدۇ. 34مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، ئۇ قايسى يول بىلەن كەلگەن بولسا، شۇ يول بىلەن كېتىدۇ. ئۇ بۇ شەھەرگە كىرەلمەيدۇ. 35مەن ئۆز شان-شەرىپىم ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت پادىشاھقا بەرگەن ۋەدەم ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قۇتقۇزۇپ، قوغداپ قالىمەن».

36ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى. 37شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.

38بىر كۈنى سانخېرىب ئىبادەتخانىسىدا ئۆز ئىلاھى نىسروكقا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا، ئۇنىڭ ئوغۇللىرىدىن ئادراممەلەك ۋە سارئەزەر ئۇنى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈپ، ئارارات زېمىنىغا قېچىپ كەتتى. سانخېرىبنىڭ يەنە بىر ئوغلى ئېسارخاددون ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ بولدى.



*16 كېرۇب _ ئەرشتە ياشايدىغان ئىنتايىن كۈچلۈك بىر خىل قاناتلىق مەخلۇق.



 

38

پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقىيىشى

1پادىشاھ خىزكىيا ھاكىمىيەت تۇتقان شۇ مەزگىللەردە، ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ، ئۆلۈم گىردابىغا بېرىپ قالغانىدى. ئاموزنىڭ ئوغلى يەشايا پەيغەمبەر ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار ساڭا شۇنداق دەيدۇكى: تەييارلىقلىرىڭنى قىلىپ قوي. ئەمدى سەن ئۆلىسەن، ساقىيالمايسەن، _ دېدى.

2پادىشاھ خىزكىيا بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تام تەرەپكە قاراپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى: 3«ئى پەرۋەردىگار، ساڭا پۈتۈن ساداقىتىم بىلەن، پۈتۈن جان-دىلىم بىلەن خىزمەت قىلغانلىقىمنى بىلىسەن. مەن دائىم سېنىڭ ئالدىڭدا سەن ياخشى دەپ ئويلىغان ئىشلارنى قىلىپ كەلدىم.» ئۇ شۇنداق دەپلا قاتتىق يىغلاپ كەتتى.

4بۇ چاغدا پەرۋەردىگاردىن يەشايا پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى: 5«سەن پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بار، ئۇنىڭغا: ‹پەرۋەردىگار، يەنى ئەجدادىڭ داۋۇت ئېتىقاد قىلغان خۇدا ساڭا: مەن سېنىڭ دۇئايىڭنى ئاڭلىدىم ۋە كۆز يېشىڭنى كۆردۈم. ساڭا يەنە 15 يىللىق ئۆمۈر قوشۇپ بەردىم. 6مەن سېنى ۋە بۇ شەھەرنى ئاسسۇر پادىشاھىدىن قۇتقۇزىمەن. بۇ شەھەرنى قوغدايمەن دېدى› دەپ ئېيت.»

7يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەرگەن ۋەدىسىنىڭ بېشارىتىدۇر: 8«قارا، پېتىۋاتقان قۇياش ئاخازنىڭ پەلەمپىيىگە سايىسىنى تاشلاپ تۇرۇپتۇ. مەن بۇ سايىنى ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلۈشكە بۇيرۇيمەن.»

شۇنىڭ بىلەن سايە ئون قەدەم كەينىگە سۈرۈلدى.

9يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھى خىزكىيا سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن، تۆۋەندىكى قۇرلارنى يازدى:

10«مەن شۇنداق ئويلىغان: ‹تازا قىران چېغىمغا كەلگەندە،

گۆرگە كىرىشىم كېرەكمىدى؟

قالغان ئۆمرۈم ئېلىپ كېتىلىشى كېرەكمىدى؟›

11مەن يەنە شۇنداق ئويلىغان:

‹بۇ يورۇق دۇنيادا مەن ئەمدى پەرۋەردىگارنى كۆرەلمەيمەن،

بۇ ھاياتلىق دۇنياسىدا مەن ئەمدى ئادەملەرنى كۆرەلمەيمەن.

12خۇددى قويچى چېدىرىنى سۆكۈپ كەتكەندەك،

ھاياتىم مەندىن تارتىپ ئېلىندى.

خۇددى توقۇمىچىنىڭ توقۇش جاھازىسىدىن رەخت كەسكىنىدەك،

ھاياتىم كېسىلىپ كەتتى.

سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

13مەن كېچىچە ئازابلىنىپ، ئاھ ئۇرۇپ چىقتىم،

خۇددى شىر ئۇستىخانلىرىمنى پارچە-پارچە قىلغاندەك.

سەن مېنىڭ ھاياتىمنى بىر كۈندىلا ئېلىپ كەتتىڭ.

14مەن خۇددى قارلىغاچ ياكى تۇرنىدەك نالە قىلدىم،

خۇددى كەپتەردەك گۇڭۇلدىدىم.

ئاسمانغا تىكىلىپ كۆزلىرىم تالدى،

مەن مۈشكۈللۈكتە قالدىم، ئى پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزغايسەن!›

15ئەمما مەن نېمە دېيەلەيمەن؟

ئۇ ماڭا نېمە دېگەن بولسا، ئۇ شۇنى قىلدى.

مەن ھاياتىمنى ئىتائەتمەنلىك بىلەن ئۆتكۈزىمەن،

چۈنكى مېنىڭ قەلبىم كۆپ ئازاب چەككەن.

16ئى ئىگەم، سېنىڭ تەربىيەلىرىڭ ئىنساننى چىن ھاياتلىققا باشلايدۇ،

مېنىمۇ ھاياتلىققا باشلايدۇ.

سەن ماڭا ساغلاملىقىمنى قايتۇرۇپ، قايتا ھاياتلىق بەردىڭ.

17مانا قارا، مېنىڭ تارتقان بۇ قاتتىق ئازابلىرىم

مېنىڭ مەنپەئەتلىرىم ئۈچۈندۇر،

سەن مۇھەببىتىڭ بىلەن مېنى گۆر ئاغزىدىن قايتۇرۇپ كەلدىڭ،

چۈنكى سەن گۇناھلىرىمنى نەزىرىڭدىن ساقىت قىلدىڭ.

18گۆردىكىلەر ساڭا شۈكۈر ئېيتالمايدۇ،

ئۆلگەنلەر ساڭا مەدھىيە ئوقۇيالمايدۇ،

لەھەتتىكى مۇردا سېنىڭ ساداقىتىڭدىن ئۈمىد كۈتەلمەيدۇ.

19لېكىن خۇددى بۈگۈن مەن ساڭا مەدھىيە ئوقۇۋاتقاندەك،

ھاياتلار، پەقەت ھاياتلارلا ساڭا شۈكۈر ئېيتالايدۇ.

ئاتىلار سېنىڭ ساداقىتىڭنى بالىلىرىغا ئۆگىتىدۇ.

20پەرۋەردىگار مېنى قۇتقۇزدى،

بىز بارلىق ھاياتىمىزنى ئىبادەتخانىدا ئۆتكۈزۈپ،

تارلىق سازلىرىمىزنى چېلىپ، ئۇنى مەدھىيەلەيمىز.»

21ئىلگىرى يەشايا پەيغەمبەر خىزكىيانىڭ خىزمەتكارىغا: «ئەنجۈرنى ئېزىپ، ئۇنى ئىششىقىغا سۈرتسەڭ، خىزكىيا ساقىيىدۇ» دېگەنىدى. 22شۇ چاغدا خىزكىيامۇ «مېنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا قايتا بارالايدىغانلىقىمدىن قانداق بېشارەت بېرىسەن؟» دەپ سورىغانىدى.


39

بابىلدىن كەلگەن ئەلچىلەر

1ئۇ چاغلاردا، بالئاداننىڭ ئوغلى بابىل پادىشاھى مىروداك-بالئادان، پادىشاھ خىزكىيانىڭ كېسەلدىن ساقايغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا خەت ۋە سوۋغا-سالام بىلەن ئەلچى ئەۋەتتى. 2پادىشاھ خىزكىيا ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، ئەلچىلەرنى قىزغىن كۈتۈۋالدى ھەمدە ئۇلارغا خەزىنىسىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، خۇش پۇراق بۇيۇملار، قىممەتلىك مايلار ۋە قورال ئامبىرىدىكى بارلىق قورال-ياراغ قاتارلىق ئۆزىنىڭ بارلىق بايلىقىنى كۆرسەتتى. پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئوردىسىدا، شۇنداقلا پادىشاھلىقىدا ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن بىرمۇ نەرسە قالمىدى.

3يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇلار نېمە دېدى، قەيەردىن كەپتۇ؟ _ دەپ سورىدى.

پادىشاھ خىزكىيا جاۋاب بېرىپ:

_ ئۇلار يىراقتىكى بابىلدىن كەلگەنىكەن، _ دېدى.

4يەشايا پەيغەمبەر يەنە:

_ ئۇلار سېنىڭ ئورداڭدا نېمىلەرنى كۆردى؟ _ دەپ سورىدى.

پادىشاھ خىزكىيا:

_ ئۇلار ئوردامدىكى جىمى نەرسىنى كۆردى، خەزىنەمدە ئۇلارغا كۆرسەتمىگەن ھېچقانداق نەرسە قالمىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

5يەشايا پەيغەمبەر پادىشاھ خىزكىياغا مۇنداق دېدى:

_ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردىن كەلگەن ۋەھىينى ئاڭلا. 6پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇكى: «قۇلاق سال! شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا سېنىڭ ئەجدادلىرىڭ ھازىرغىچە توپلىغان بارلىق بايلىقلىرىڭ بابىلغا توشۇپ كېتىلىدۇ، ھېچ نەرسەڭ قالمايدۇ. 7ئۆز ئەۋلادلىرىڭدىنمۇ بەزىلىرى سۈرگۈن قىلىنىدۇ. ئۇلار بابىلغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئاختا قىلىنىپ، بابىل پادىشاھىنىڭ خىزمىتىگە سېلىنىدۇ.»

8پادىشاھ خىزكىيا يەشايا پەيغەمبەرگە:

_ سەن يەتكۈزگەن پەرۋەردىگارنىڭ ۋەھىيسى ياخشى ئىكەن، _ دېدى.

چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە، ھېچبولمىغاندا مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە تىنچ ۋە خاتىرجەم ياشايدىكەنمەن، دەپ ئويلىدى.


40

خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى

1خۇدايىڭلار مۇنداق دەيدۇ:

«تەسەللى بەر، خەلقىمگە تەسەللى بەر!

2يېرۇسالېمغا مۇلايىملىق بىلەن سۆزلىگىن،

ئۇلارغا جاكارلىغىن:

‹سىلەرنىڭ ئازابلىق كۈنلىرىڭلار ئاخىرلاشتى،

سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلار كەچۈرۈم قىلىندى.

سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە بەرگەن جازاسىنى ئىككى ھەسسە ئارتۇق تارتتىڭلار.›»

3غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ، مۇنداق دەپ جاكارلىدى:

«پەرۋەردىگارغا چۆللۈكتە يول ئېچىڭلار!

خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇملۇقتا بىر تۈپتۈز يول ياساڭلار!

4ھەربىر جىلغا تولدۇرۇلسۇن.

بارلىق تاغ-ئېدىرلار تۈزلەنسۇن.

ئويمان-چوڭقۇرلار تىندۇرۇلسۇن،

كاتاڭلار ئوڭشالسۇن.

5پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى ئايان بولىدۇ،

ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى پۈتۈن جاھان كۆرىدۇ،

بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.»

6غايىبتىن بىر ئاۋاز كېلىپ: «جاكارلا!» دېدى.

مەن: «نېمە دەپ جاكارلايمەن؟» دەپ سورىدىم.

«پۈتكۈل ئىنسانلار گۇيا ئوت-چۆپكە ئوخشايدۇ،

ئۇلارنىڭ شان-شۆھرىتى دالادىكى گۈل-چېچەكلەردەك توزۇپ كېتىدۇ.

7پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە،

ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ،

گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ،

ئىنسانلار خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش.

8ئوت-چۆپلەر قۇرۇپ كېتىدۇ،

گۈل-چېچەكلەر سولىشىپ خازان بولىدۇ.

پەقەت خۇدايىمىزنىڭ سۆزلىرىلا ئەبەدىي قالىدۇ.»

9ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى سىئون خەلقى،

تاغقا چىققىن!

ئەي خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى يېرۇسالېم،

ئۈنلۈك ئاۋازدا قورقماي ۋارقىراپ،

يەھۇدىيەنىڭ شەھەر-يېزىلىرىغا: «قاراڭلار، بۇ سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار!» دېگىن.

10قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئۆز قۇدرىتى بىلەن كېلىدۇ،

ئۆزىنىڭ قۇدرەتلىك قولى بىلەن ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ،

قاراڭلار، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.

11پەرۋەردىگار پادىچىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ قويلىرىنى باقىدۇ.

ئۇ ئۆزىنىڭ قوزىلىرىنى قولىغا ئالىدۇ،

ئۇلارنى كۆتۈرۈپ، باغرىغا بېسىپ ماڭىدۇ،

ئۇ ساغلىق ۋە قوزىلارنى مېھرىبانلىق بىلەن يېتەكلەيدۇ.

12كىم دېڭىز سۈيىنى قولى بىلەن ئوچۇملاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟

كىم ئاسماننى قولى بىلەن غېرىچلاپ ئۆلچىيەلەيدۇ؟

كىم زېمىننىڭ چاڭ-توزانلىرىنى سېۋەتكە قاچىلىيالايدۇ؟

كىم تاغلارنى ۋە دۆڭلەرنى تارازىدا تارتالايدۇ؟

13كىم پەرۋەردىگارنىڭ ئويلىرىنى چۈشىنىپ يېتەلەيدۇ؟

كىم پەرۋەردىگارغا مەسلىھەت كۆرسىتەلەيدۇ؟

14پەرۋەردىگار كىمدىن يوليورۇق سورايدۇ؟

كىم ئۇنىڭغا ئادالەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟

كىم ئۇنىڭغا ئىلىم ئۆگىتەلەيدۇ؟

كىم ئۇنىڭغا پاراسەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ؟

15قاراڭلار، ھەرقايسى ئەللەر چېلەكتىكى بىر تامچە سۇغا ئوخشايدۇ.

ئۇلار تارازىدىكى چاڭ-توزانغا ئوخشايدۇ.

پەرۋەردىگار ئاراللارنى خۇددى چاڭ-توزاننى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرەلەيدۇ.

16لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق دەرەخلەرمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئوتۇن قىلىشقا يەتمەيدۇ.

لىۋاننىڭ ئورمانلىقىدىكى بارلىق ھايۋانلارمۇ ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشقا يەتمەيدۇ.

17يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ،

ئۇلار ئۇنىڭ نەزىرىدە قۇپقۇرۇق بىر بوشلۇقتىن ئىبارەت.

18سىلەر كىمنى خۇدا بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر؟

سىلەر قايسىبىر شەيئىنىڭ قىياپىتىنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالايسىلەر؟

19بۇتنى ئۇنىڭغا ئوخشىتالامسىلەر؟ بۇتنى قۇيمىچى قۇيۇپ چىققان،

زەرگەر ئۇنىڭغا ئالتۇندىن ھەل بېرىپ،

كۈمۈش زەنجىرلەر بىلەن بېزىگەن.

20بۇنداق بۇتنى سېتىۋالالمىغان كىشى

چىداملىق ياغاچنى تاللاپ،

ئويمىكار ئۇستامنى ئىزدەپ،

تىك تۇرالايدىغان بۇتنى ياسايدۇ.

21ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟

ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟

سىلەرگە باشتىلا دەپ بېرىلمىگەنمۇ؟

ئەجەبا سىلەر زېمىن ئاپىرىدە بولغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟

22پەرۋەردىگار ئاسمان گۇمبىزىنىڭ ئۈستىدە ئۆز تەختىدە ئولتۇرىدۇ،

زېمىندىكى ئادەملەر خۇددى چېكەتكىلەرگە ئوخشايدۇ.

ئۇ ئاسماننى خۇددى پەردىدەك يېيىپ،

ئۇنى ماكان قىلىش ئۈچۈن چېدىرغا ئوخشاش قۇرغان.

23ئۇ ھۆكۈمدارلارنى ئاجىز ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ،

ھۆكۈمرانلارنى كېرەكسىز قىلىپ قويىدۇ.

24ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى خۇددى ئەمدىلا تىكىلگەندەك،

خۇددى ئەمدىلا تېرىلغاندەك،

ئەمدىلا ئۈنۈپ چىققان مايسىدەك،

پەرۋەردىگار بىرلا پۈۋلىسە قۇرۇپ كېتىدۇ.

بوران ئۇلارنى خۇددى پاخالدەك ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

25مۇقەددەس خۇدا: «سىلەر كىمنى مەن بىلەن سېلىشتۇرالايسىلەر،

كىم مەن بىلەن تەڭ بولالايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.

26سىلەر ئاسمانغا قاراڭلار،

بۇ مەۋجۇداتلارنى كىم ياراتقاندۇ؟

كىم بارلىق يۇلتۇزلارنى ئىسمى بىلەن چاقىرىپ،

ئۇلارنى بىر-بىرلەپ يېتەكلەپ چىققاندۇ؟

پەرۋەردىگار غايەت كۈچلۈك، چەكسىز قۇدرەتلىك بولغاچقا،

ئۇلارنىڭ بىرسىمۇ كەم قالمايدۇ.

27ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى! سىلەر نېمە ئۈچۈن

«پەرۋەردىگار بىزنىڭ مۇشەققەتلىرىمىزنى كۆرمەيۋاتىدۇ» دەپ ئويلايسىلەر؟

ئەي ئىسرائىللار! سىلەر نېمە ئۈچۈن

«پەرۋەردىگار بىزگە ئادىل بولمىدى» دەيسىلەر؟

28ئەجەبا سىلەر بىلمەمسىلەر؟

ئەجەبا سىلەر ئاڭلاپ باقمىغانمۇ؟

پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك خۇدادۇر،

ئۇ پۈتۈن جاھاننى ياراتقان،

ھېچقاچان چارچاپ، ھېرىپ قالمايدۇ،

ئۇنىڭ پاراسىتىنى ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.

29ئۇ چارچىغان كىشىلەرگە مادار بېرىدۇ،

ئاجىزلارغا كۈچ بېرىدۇ.

30ياشلارمۇ چارچايدۇ، ھېرىپ قالىدۇ،

ھەتتا يىگىتلەرمۇ مادارىدىن كېتىپ يىقىلىدۇ.

31ئەمما پەرۋەردىگارغا تەلپۈنۈپ، ئۈمىد كۈتكەن كىشىلەرنىڭلا

ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ،

ئۇلار بۈركۈتكە ئوخشاش قانات قاقىدۇ.

توختىماي يۈگۈرسىمۇ ھارغىنلىق ھېس قىلمايدۇ،

قانچىلىك يول ماڭسىمۇ چارچىمايدۇ.


41

خۇدانىڭ ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر،

شۈك تۇرۇپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار!

جەسۇرراق بولۇپ، ئالدىمغا كېلىڭلار،

ماڭا گەپ قىلىڭلار، بىز مۇنازىرىلىشىپ باقايلى.

2كىم كۈنچىقىشتىن بىر ھۆكۈمراننى قوزغىتىدۇ؟

كىم ئۇنى ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە چاقىرىدۇ؟

كىم ئەللەرنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ؟

كىم پادىشاھلارنى ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بېرىدۇ؟

ئۇنىڭ قىلىچى ئۇلارنى توپىغا ئايلاندۇرىدۇ.

ئۇنىڭ ئوقياسى ئۇلارنى شامال ئۇچۇرۇپ كەتكەن ساماندەك تارقىتىۋېتىدۇ.

3ئۇ ئەزەلدىن بېرىپ باقمىغان جايلارغا بارسىمۇ،

دۈشمەنلىرىنى سۈر-توقاي قىلىپ، ئۆزى ئامان-ئېسەن مېڭىۋېرىدۇ.

4كىم بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؟

كىم ئەزەلدىن تارتىپ تارىخنىڭ يۆنۈلۈشىنى بەلگىلىگەن؟

بۇ ئىشلارنى قىلغان مەن پەرۋەردىگار!

تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن،

ئەبەدىي-ئەبەد مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغىنىمۇ مەن!

5دېڭىز بويىدىكى ئەللەر مەن قىلغان ئىشلارنى كۆرسىلا قورقىدۇ،

پۈتۈن جاھاندىكى خەلقلەر تىترىشىدۇ،

ئۇلار بىر يەرگە توپلىشىدۇ.

6ئۇلار بىر-بىرىگە مەدەت بېرىپ،

‹جاسارەتلىك بول!› دېيىشىدۇ.

7ئۇستىكارلار زەرگەرلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ،

تۆمۈرچىلەر بازغانچىلارنى ئىلھاملاندۇرىدۇ،

‹ياخشى سوقتۇڭ!› دەپ ماختىشىدۇ.

ئۇلار بۇتنى يىقىلىپ كەتمىسۇن دەپ، ئاۋايلاپ مىخلايدۇ.

8ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم،

سىلەر مەن تاللىغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،

سىلەر مېنىڭ دوستۇم ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرى.

9مەن سىلەرنى جاھاننىڭ ئەڭ يىراق بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن يىغىپ كەلدىم،

سىلەرنى زېمىننىڭ يىراق، چەت يەرلىرىدىن چاقىرتتىم.

مەن سىلەرگە: ‹سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم،

سىلەرنى تاللىدىم، سىلەرنى تاشلىۋەتمەيمەن.

10قورقماڭلار، چۈنكى مەن سىلەر بىلەن بىللە.

ئەنسىرىمەڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار.

مەن سىلەرنى كۈچلەندۈرىمەن ۋە سىلەرگە ياردەم بېرىمەن.

مەن ھەققانىي، قۇدرەتلىك قولۇم بىلەن سىلەرنى يۆلەيمەن› دېدىم.

11سىلەرگە غەزەپلەنگەنلەر چوقۇم شەرمەندە بولۇپ، نومۇس قىلىدۇ.

سىلەرنىڭ دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسى ۋەيران بولۇپ، يوقىلىدۇ.

12سىلەرنى بويسۇندۇرماقچى بولغانلارنى ئىزدىسەڭلار، ئەمدى تاپالمايسىلەر.

سىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغانلار ئەمدى يوق.

13چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

سىلەرنىڭ ئوڭ قولۇڭلارنى تۇتۇپ تۇرىمەن.

‹قورقماڭلار، مەن سىلەرگە ياردەم قىلىمەن!› دېگۈچى مەن ئۆزۈمدۇرمەن.

14ئەي ئىسرائىللار! سىلەر: ‹بىز كىچىك قۇرتتەك تۇرساق› دەپ ئويلىغان بولساڭلارمۇ، قورقماڭلار!

سىلەرگە ئۆزۈم ياردەم قىلىمەن.

مەن قوغدىغۇچىڭلار، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇرمەن.

15قاراڭلار، مەن سىلەرنى خامان يانجىيدىغان چىشلىق سايمانغا ئايلاندۇرىمەن،

سىلەر تاغلارنى يانجىپ ئېزىۋېتىسىلەر،

چوققىلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىسىلەر،

ئېدىرلىقلارنى يانجىپ، ساماندەك قىلىۋېتىسىلەر.

16سىلەر ئۇلارنى سورۇۋېتىسىلەر، شامال ئۇلارنى ئېلىپ كېتىدۇ،

بوران ئۇلارنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن سىلەر مەن پەرۋەردىگاردىن خۇرسەن بولىسىلەر.

سىلەر مېنى ‹ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا› دەپ پەخىرلىنىسىلەر.

17ھاجەتمەن نامراتلار سۇ ئىزدەپ تاپالمىغاندا،

ئاغزى قۇرۇپ كېتىدۇ.

مەن پەرۋەردىگار چوقۇم ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.

مەن ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۇلارنى تاشلىۋەتمەيمەن.

18مەن دەريالارنى تاقىر ئېگىزلىكلەرگە ئاققۇزىمەن،

جىلغىلاردىن بۇلاقلارنى چىقىرىمەن،

چۆللۈكلەردە كۆللەرنى پەيدا قىلىمەن،

قاقاسلىقنى بۇلاقلىققا ئايلاندۇرىمەن.

19مەن چۆللۈكلەرگە كېدىر دەرىخى، ئاكاتسىيە دەرىخى، مىرتا دەرىخى ۋە زەيتۇن دەرىخى تىكىمەن.

مەن قۇملۇقلارغا قارىغاي دەرىخى، شەمشاد دەرىخى ۋە كىپارىسلارنى تىكىمەن.

20كىشىلەر بۇنى كۆرۈپلا كىمنىڭ قىلغانلىقىنى بىلىدۇ،

بۇ ئىشلارنى چوڭقۇر ئويلاپ چۈشىنىدۇ.

بۇلارنى مەن پەرۋەردىگار ئۆز قولۇم بىلەن قىلغان،

بۇلارنى ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مەن ياراتقان.»

21پەرۋەردىگار _ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ پادىشاھى مۇنداق دەيدۇ:

«نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئىسپاتلاپ كۆرسىتىپ بېرىڭلار!

22بۇتلىرىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار! ئۇلار بىزگە كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرسۇن.

ئۇلار ئۆتمۈشتە، نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى سىلەرگە ئالدىن ئېيتقانمۇ؟

بۇتلارنىڭ بېشارەتلىرىنىڭ ھەقىقەتەن يۈز بەرگەن ياكى بەرمىگەنلىكىنى بىلىۋالايلى!

ھەمدە ئۇلاردىن كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئۇقۇۋالايلى.

23ئەي بۇتلار، كەلگۈسىدە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرىڭلار،

شۇندىلا بىز سىلەرنى ھەقىقىي ئىلاھ دەپ بىلىمىز.

سىلەر، مەيلى ياخشى بولسۇن ياكى يامان بولسۇن،

بىزنى ھەيران قالدۇرىدىغان، ياكى قورقىتىدىغان بىرەر ئىشنى قىلىپ بېقىڭلار.

24بىراق سىلەر كېرەكسىز نەرسىلەر،

سىلەر ھېچ ئىش قىلالمايسىلەر،

سىلەرگە چوقۇنغانلار يىرگىنچلىكتۇر!

25مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن،

ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ.

ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ.

ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك،

ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.

26بۇرۇن بۇتلىرىڭلار بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىزگە بىلدۈرگەنمۇ؟

بىرەر بۇت بىزگە: ‹ئۇنىڭ بېشارىتى توغرا ئىكەن› دېگۈدەك بىرەر بېشارەت بەرگەنمۇ؟

ياق! ھېچبىر بۇت بۇنداق بېشارەت بېرىپ باقمىغان،

بۇتلار بۇنداق قىلالمىغان،

ھېچكىم بۇتلاردىن بۇنداق بېشارەتنى ئاڭلاپ باقمىغان!

27مەن ئالدى بىلەن بىرىنچى بولۇپ سىئونغا:

‹قاراڭلار، ئۇلار كېلىدۇ!

مەن يېرۇسالېمغا خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى ئەلچىنى ئەۋەتىمەن› دېدىم.

28لېكىن مەن كۆردۈمكى، سىلەرنىڭ بۇتلىرىڭلار ھېچقانداق نەسىھەتلىك سۆزلەرنى قىلالمىدى،

مەن ئۇلاردىن سوئال سورىسام، ھېچقايسىسى ماڭا جاۋاب بېرەلمىدى.

29قاراڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يالغان ئەمەسمۇ؟

ئۇلار ھېچبىر ئىشنى قىلالمايدۇ،

ئۇلار خۇددى شامالغا ئوخشاش يوقلۇقتۇر.»


42

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى

1«قاراڭلار، مەن قوللىغان، مەن تاللىغان،

مەن ياقتۇرغان خىزمەتكارىمغا!

مەن ئۆزۈمنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا ئاتا قىلدىم.

ئۇ بارلىق خەلقلەرگە ئادالەتنى يەتكۈزىدۇ.

2ئۇ داۋراڭ سالمايدۇ،

ياكى كوچىلاردا يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەپ يۈرمەيدۇ.

3ئۇ زەخىملەنگەن قومۇشنى سۇندۇرۇۋەتمەيدۇ،

پىلىلداپ ئاجىز يېنىپ تۇرغان چىراغنى ئۆچۈرۈۋەتمەيدۇ.

ئۇ چوقۇم ئادالەتنى يولغا قويىدۇ.

4ئۇ يەر يۈزىدە ئادالەتنى ئورناتقۇچە،

ئۈمىدسىزلەنمەيدۇ، چۈشكۈنلەشمەيدۇ.

ھەتتا دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرمۇ ئۇنىڭ تەلىم بېرىشىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتىدۇ.»

5ئاسماننى ياراتقان ۋە ئۇنى يايغان،

زېمىن ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق مەۋجۇدىيەتلەرنى ئاپىرىدە قىلغان،

ئىنسانلارغا نەپەس ئاتا قىلىپ، ھاياتلىق بەرگەن

پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ئۆزى تاللىغان خىزمەتكارىغا مۇنداق دەيدۇ:

6«مەن پەرۋەردىگار ھەققانىيلىقىم ئايان بولسۇن دەپ، سېنى تاللىدىم.

مەن قولۇڭنى تۇتۇپ، سېنى قوغدايمەن.

مەن سېنى ئىسرائىللارغا ئەھدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىمەن.

مەن سېنى بارلىق ئەللەرنى يورۇتىدىغان نۇر قىلىمەن.

7سەن ئەمالارنىڭ كۆزىنى ئاچىسەن،

سەن زىندانلاردىن كىشىلەرنى ئازاد قىلىسەن،

قاراڭغۇلۇققا سولانغان كىشىلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرىسەن.

8مەن ‹ياھۋەھ›دۇرمەن، بۇ مېنىڭ نامىمدۇر.

ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.

مەن بۇتلارنىڭ ماڭا ئوخشاش مەدھىيەلىنىشىگە يول قويمايمەن.

9قاراڭلار! مېنىڭ بۇرۇنقى بېشارەتلىرىمنىڭ ھەممىسى يۈز بەردى،

ئەمدى مەن سىلەرگە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىمەن،

شۇ ئىشلار يۈز بېرىشتىن بۇرۇن بېشارەت بېرىمەن.»

مەدھىيە ناخشىلىرى

10پەرۋەردىگارغا بېغىشلاپ، يېڭى ناخشا ئېيتىڭلار!

دېڭىزچىلار ۋە دېڭىزدا ياشايدىغان جانىۋارلار،

دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر ناخشا ئېيتىڭلار!

ھەممە يەردە مەدھىيەلەر ياڭرىسۇن!

11چۆلدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خەلقلەر

جاراڭلىق ئاۋازدا شۈكۈر-ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار.

قېدارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىدىكى خەلقلەر شادلىنىڭلار.

سەلا خەلقى خۇشاللىق بىلەن ناخشا ئوقۇڭلار.

مەدھىيەلەر تاغ چوققىلىرىدىن ياڭرىسۇن.

12ئۇلار پەرۋەردىگارنى ئۇلۇغلىسۇن.

دېڭىز بويىدا ياشاۋاتقان خەلقلەر مەدھىيەلەرنى ئوقۇسۇن.

13پەرۋەردىگار خۇددى باتۇر جەڭچىدەك،

ھاياجان بىلەن جەڭ شوئارى توۋلاپ،

دۈشمەنلىرىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا ياردەم بېرىشى

14پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۇزۇن مەزگىل سۈكۈت قىلدىم،

جىم تۇردۇم، ئۆزۈمنى تۇتۇۋالدىم.

مەن ئەمدى ئاياللار تولغاق ئازابىدىن ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاش،

قاتتىق ۋارقىراپ، پەرياد قىلىمەن.

15مەن چوققىلارنى ۋە تاغلارنى تۈپتۈز قىلىۋېتىمەن،

تاغ ئۈستىدىكى گۈل-گىياھلارنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

دەريالارنى ئاراللارغا ئايلاندۇرۇپ قويىمەن،

كۆللەرنى قۇرۇتۇۋېتىمەن.

16مەن ئەمالارنى ئۆزى مېڭىپ باقمىغان،

ئۇلار بىلمەيدىغان ناتونۇش يوللارغا باشلايمەن.

ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى قاراڭغۇلۇقنى نۇرلاندۇرىمەن ھەمدە

ئويمان-چوڭقۇرلارنى تۈزلەيمەن.

مانا بۇ مەن قىلىدىغان ئىشلار!

مەن ئۇلارنى تاشلاپ قويمايمەن.

17ئەمما ئويما بۇتلارغا ئىشەنگەنلەر،

شۇ بۇتلارنى ‹ئىلاھىم› دەپ بىلگەنلەر،

چوقۇم تاشلىنىپ قالىدۇ، قاتتىق نومۇستا قالىدۇ.»

قۇلىقى گاس، قەلبى قارىغۇ ئىسرائىللار

18پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي گاسلار، ئاڭلاڭلار!

ئەي ئەمالار، كۆرۈڭلار!

19كىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك ئەما؟

كىممۇ مەن ئەۋەتكەن ئەلچىدەك گاس؟

كىممۇ مەن تاللىغان خەلقىمدەك قارىغۇ؟

ھېچكىممۇ مېنىڭ خىزمەتكارىمدەك قارىغۇ ئەمەس.

20سىلەر نۇرغۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ ئۇنى بىلمىدىڭلار.

قۇلاقلىرىڭلار ئوچۇق تۇرۇپ، ھېچنېمىنى ئاڭلىمىدىڭلار.»

21پەرۋەردىگار ھەققانىي بولغانلىقى ئۈچۈن،

ئۇ ئۆزىنىڭ شەرەپلىك تەلىملىرىنى ئۇلۇغلىغانىدى.

22ئەمما بۇ بويسۇنماس خەلق تالان-تاراج قىلىنىدۇ،

تۇزاقلارغا چۈشىدۇ،

زىندانلارغا قامىلىدۇ.

ئۇلارنى ھېچكىم قوغدىمىغانلىقتىن

ئۇلار ئولجا بولۇپ قالىدۇ،

بۇ ئولجىلارنى «قويۇپ بەر!» دەيدىغان ھېچكىم چىقمايدۇ.

23ئاراڭلاردا كىم بۇ ئىشلارنى زېھىن قويۇپ ئاڭلايدۇ؟

كىم بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئىبرەتلىك ئىشلارنى دىققەت بىلەن ئاڭلايدۇ؟

24كىم ئىسرائىللار _ ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ تالان-تاراج قىلىنىشىغا يول قويىدۇ؟

پەرۋەردىگار يول قويىدۇ! بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولدۇق ئەمەسمۇ؟!

بىز ئۇنىڭ يولىنى تۇتمىدۇق!

ئۇنىڭ تەلىملىرىگە بويسۇنمىدۇق.

25شۇڭا ئۇ بىزگە قاتتىق غەزەپ ياغدۇرىدۇ،

لەشكەرلىرىمىزنى جەڭدە مەغلۇپ قىلىدۇ.

بىز ئوت ئىچىدە قالغاندىمۇ، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدۇق.

بىز كۆيۈۋاتقاندىمۇ، بۇنىڭ گۇناھنىڭ ئاقىۋىتى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويمىدۇق.


43

پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسىدۇر

1ئەي ئىسرائىل خەلقى، سىلەرنى ياراتقان پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار،

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەرنى ئاپىرىدە قىلغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قورقماڭلار، مەن سىلەرنى قوغدايمەن.

مەن سىلەرنى ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان، سىلەر ماڭا تەئەللۇق.

2سىلەر چوڭقۇر سۇلارنى كېچىپ ئۆتكىنىڭلاردا، مەن سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن.

سىلەر دەريالارنى كەزگىنىڭلاردا، شىددەتلىك ئېقىم سىلەرنى ئېقىتىپ كېتەلمەيدۇ.

ئوت ئىچىدە يۈرگىنىڭلاردا، سىلەر كۆيۈپ كەتمەيسىلەر.

سىلەرگە ئوت تۇتاشمايدۇ.

3مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سىلەرنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭلاردۇر.

مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا مىسىرنى تۇتۇپ بېرىمەن.

مەن يەنە سىلەرنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن،

ئېفىيوپىيە بىلەن سىبانى تۇتۇپ بېرىمەن.

4مەن سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا خەلقلەرنى تۇتۇپ بېرىمەن.

چۈنكى سىلەر مەن ئۈچۈن قىممەتلىك ھەم ئەزىز، مەن سىلەرنى سۆيىمەن.

شۇڭا ھاياتىڭلارنى ئۇلار بىلەن تېگىشىپ، سىلەرنى ساقلاپ قالىمەن.

5قورقماڭلار، مەن سىلەر بىلەن بىللە.

مەن سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلارنى

شەرق ۋە غەربتىن قايتۇرۇپ كېلىمەن.

6شىمالدىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى چىقىرىپ بەر!› دەيمەن.

جەنۇبتىكى ھۆكۈمرانلارغا بۇيرۇق قىلىپ: ‹ئۇلارنى تۇتۇپ قالماڭلار!› دەيمەن.

يىراق زېمىنلاردىن خەلقىم قايتىپ كەلسۇن.

خەلقىم يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىن تارتىپ، قايتىپ كەلسۇن.

7مەن ئۆز خەلقىم بولۇشقا چاقىرغان خەلقنىڭ ھەممىسى قايتىپ كەلسۇن،

چۈنكى مەن ئۇلارنى ئۆز شان-شەرىپىم ئۈچۈن ياراتقان.

مەن ئۇلارنى ئاپىرىدە قىلغان.»

8كۆزى ئوچۇق تۇرۇپ كۆرمىگەنلەرنى چاقىرىڭلار،

قۇلىقى تۇرۇپ ئاڭلىمىغانلارنى چاقىرىڭلار.

9ھەرقايسى ئەللەردىكىلەرنى يىغىڭلار،

بارلىق خەلق يىغىلسۇن.

ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىدىن قايسىسى مۇشۇ ئىشلاردىن بېشارەت بېرەلىگەن؟

كىم ئۆتمۈشتە بولغان ئىشلاردىن خەۋەر بېرەلىگەن؟

ئۇلار گۇۋاھچى ئەكېلىپ ئىسپاتلىسۇن،

گۇۋاھچىلار بۇنىڭ راستلىقىغا گۇۋاھ بولسۇن.

10پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم.

سىلەرنى ئۆزۈمنىڭ خىزمەتكارىم قىلىپ تاللىغان.

مەن سىلەرنى ماڭا ئىشەنسۇن، مېنى تونۇسۇن

مېنىڭ سىلەرنىڭ بىردىنبىر پەرۋەردىگارىڭلار ئىكەنلىكىمنى بىلسۇن دەپ تاللىغان.

مەندىن بۇرۇن باشقا خۇدا بولۇپ باقمىغان،

كەلگۈسىدىمۇ ھەم بولمايدۇ.

11مەن يېگانە بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن،

سىلەرنى مەندىن باشقا ھېچكىم قۇتقۇزالمايدۇ.

12مەن بۇرۇن ئېيتقاندەك، ئەجدادلىرىڭلارنى مەن قۇتقۇزغان

ۋە ئۇلارنى قۇتقۇزىدىغانلىقىمنى جاكارلىغان.

سىلەرنىڭ يات ئىلاھلىرىڭلار بۇنى قىلالمايدۇ.

مېنىڭ خۇدا ئىكەنلىكىمگە سىلەر گۇۋاھچى.

13مەن مەڭگۈلۈك خۇدا.

ھېچكىم مېنىڭ قولۇمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ،

ھېچكىم مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى بىكار قىلالمايدۇ.»

14سىلەرنىڭ قوغدىغۇچىڭلار بولغان پەرۋەردىگار،

ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ئۈچۈن مەن بابىلغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىمەن،

ئۇلار ئۆزلىرى ماختىغان كېمىلەرگە ئولتۇرۇپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ.

15مەن سىلەرنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار،

ئىسرائىللارنىڭ ياراتقۇچىسى، سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلاردۇرمەن.»

16دېڭىزدىن سىلەرگە يول ئېچىپ بەرگەن،

شىددەتلىك ئېقىندىن سىلەرنى ئۆتكۈزۈپ قويغان،

17مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىرى،

قوشۇنلىرى، چەۋەندازلىرى سىلەرگە يوپۇرۇلۇپ كەلگەندە،

ئۇلارنى بىراقلا يىقىتىپ، قوپالماس قىلىۋەتكەن،

ئۇلارنى ئۆچكەن چىراغقا ئوخشاش يوقىتىۋەتكەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

18«ئۆتمۈشتىكى ئىشلارنى ئۇنتۇڭلار،

ئەسلىمىلەرگە باغلىنىپ قالماڭلار.

19قاراڭلار، مەن يېڭى بىر ئىش قىلماقچى.

بۇ ئىش ئەمدىلا يۈز بېرىشكە باشلاندى، ئەجەبا سىلەر ھېس قىلمىدىڭلارمۇ؟

مەن چۆللۈكتە يول ياسايمەن،

قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.

20چۆللۈكلەردىكى ياۋايى ھايۋانلار ماڭا شۈكۈر ئېيتىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئىچىدە چىلبۆرە ۋە تۆگە قۇشلارمۇ بار.

چۈنكى مەن چۆللۈكتە بۇلاقلارنى پەيدا قىلىمەن،

قۇملۇقتا دەريا ھاسىل قىلىمەن.

بۇلاردىن مەن تاللىغان خەلقىم سۇ ئىچىدۇ.

21مەن بۇ ئىشلارنى ئۆزۈم ئۈچۈن ئاپىرىدە قىلغان خەلقىم ئۈچۈن قىلىمەن،

بۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماڭا مەدھىيە ئوقۇيدۇ.

22ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر ماڭا ئىلتىجا قىلمىدىڭلار.

ئەي ئىسرائىللار، سىلەر مەندىن بىزار بولدۇڭلار.

23سىلەر ماڭا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا قويلارنى ئەكەلمىدىڭلار،

ھەم باشقا قۇربانلىقلارنى قىلىپ، مېنىڭ ھۆرمىتىمنى قىلمىدىڭلار.

مەن ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى قىلىڭلار دەپ، سىلەرگە ئېغىر يۈك سالمىدىمغۇ؟

ماڭا ئىسرىق سېلىشنى تەلەپ قىلىپ، سىلەرنى چارچىتىۋەتمىدىمغۇ؟

24سىلەر پۇل خەجلەپ ماڭا پۇراقلىق كۈجە تەقدىم قىلمىدىڭلار،

قۇربانلىق گۆشلىرىنىڭ ياغلىرى بىلەن مېنى قانائەتلەندۈرمىدىڭلار،

ئەكسىچە سىلەر ئۆز گۇناھلىرىڭلار بىلەن ماڭا يۈك بولدۇڭلار،

رەزىللىكىڭلار مېنى چارچىتىۋەتتى.

25مەن سىلەرنىڭ ئىتائەتسىزلىكىڭلارنى ئەپۇ قىلغۇچىمەن،

گۇناھىڭلارنى ئېسىمدە تۇتمايمەن.

26سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ نېمىدىن ئاغرىنغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار!

مەن بىلەن مۇنازىرە قىلىڭلار!

ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھسىزلىقىڭلارنى ئىسپاتلاپ بېقىڭلارچۇ قېنى؟

27ئەي ئىسرائىللار، سىلەرنىڭ دەسلەپكى ئەجدادىڭلار گۇناھكار بولغان.

شۇنىڭدىن كېيىن، سىلەرنىڭ يېتەكچىلىرىڭلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ كەلدى.

28شۇ سەۋەبتىن، سىلەرنىڭ روھانىيلىرىڭلارنى شەرمەندە قىلىمەن،

باشقا ئەللەرنىڭ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلىشىغا يول قويىمەن،

سىلەرنى خورلۇقتا قويىمەن.»


44

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بەخت ئاتا قىلىشى

1«ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم،

مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار.

2سىلەرنى ياراتقان، ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن،

سىلەرگە ياردەم بېرىدىغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان خىزمەتكارىم،

مەن تاللىغان ئىسرائىل خەلقى، قورقماڭلار!

3مەن سىلەرنىڭ قاغجىرىغان يەرلىرىڭلارنى سۇغىرىمەن،

قۇرۇپ كەتكەن زېمىنلىرىڭلاردا ئېقىنلارنى ئاققۇزىمەن.

مەن ئۆز روھىمنى ئەۋلادلىرىڭلارغا ياغدۇرىمەن،

مەن ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىمەن.

4ئۇلار سۇغا قېنىپ ئۆسكەن ئوت-چۆپلەردەك،

دەريا بويىدىكى تېرەكلەردەك ياشىرىپ تۇرىدۇ.

5بەزىلەر: ‹مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ› دەيدۇ،

بەزىلەر: ‹مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادى› دەيدۇ،

بەزىلەر قولىغا: ‹پەرۋەردىگارنىڭكى› دەپ يېزىۋالىدۇ،

يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى ‹ئىسرائىللار› دەپ ھېسابلايدۇ.»

6ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ۋە قوغدىغۇچىسى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسى مەن بولىمەن،

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوق.

7كىم مەن بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ؟

ئەگەر بار بولسا ئۆزىنى ماڭا ئاشكارىلىسۇن.

ئۇ ماڭا، خەلقىمنى قەدىمدە تىكلىگەندىن تارتىپ ھازىرغىچە بولغان ئىشلارنى بايان قىلىپ بەرسۇن،

ھەم بۇنىڭدىن كېيىن بولىدىغان ئىشلارنى دەپ بەرسۇن.

ئۇ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرسۇن.

8قورقماڭلار! تىترەپ كەتمەڭلار!

بۇرۇن مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ئەمەسمۇ؟

سىلەر مېنىڭ گۇۋاھچىلىرىم!

مەندىن باشقا يەنە خۇدا بارمۇ؟

يوق! مەندىن باشقا سىلەرنى قوغدىيالايدىغان ھېچقانداق قورام تاش يوقتۇر.»

كېرەكسىز بۇتلار

9بۇتلارنى ياسىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەخمەق،

ئۇلار قەدىرلىگەن بۇتلارنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر.

بۇتلارغا چوقۇنغۇچىلار قارىغۇلاردۇر،

ئۇلار نومۇسقا قالىدۇ.

10پەقەت ئەخمەق كىشىلەرلا ھېچقانداق ياردەم بېرەلمەيدىغان بۇتنى ياسايدۇ.

11بۇت ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خىجالەتچىلىكتە قالىدۇ،

ئۇلار پەقەت ئاجىز ئىنسان ئەمەسمۇ!

ئۇلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلسۇن.

ئۇ ۋاقىتتا ئۇلارنى قورقۇنچ باسىدۇ، ئۇلار نومۇس قىلىدۇ.

12بۇت ياسايدىغان تۆمۈرچى مېتال ئەسۋاب بىلەن

بۇيۇمنى ئوتقا سېلىپ قىزىتىدۇ،

بولقىسى بىلەن سوقۇپ، ئۇنى ياسايدۇ،

قولىنىڭ كۈچى بىلەن ئىشلەيدۇ،

قورسىقى ئېچىپ ۋە ھېرىپ كېتىدۇ،

ئۇ چاڭقاپ مادارىدىن كېتىدۇ.

13ياغاچچى ياغاچنى ئۆلچەپ،

نەدىن كېسىش كېرەكلىكىنى بەلگىلەيدۇ.

ئاندىن ئۇ ئىسكىنە ۋە باشقا ئەسۋابلارنى ئىشلىتىپ ئادەمنىڭ شەكلىنى ياساپ چىقىدۇ.

ئۇ ئۇنى ناھايىتى چىرايلىق بېزەپ،

بۇتخانىغا قويۇپ قويىدۇ.

14ئۇ كېدىر ياغىچىنى كېسىدۇ،

ياكى ئورمانلىقتىكى كىپارىس، دۇپ دەرىخىنى تاللاپ قويۇپ،

چوڭ ئۆسكەندىن كېيىن ئۇنى كېسىدۇ،

ياكى قارىغاينى ئۆزى تىكىدۇ،

يامغۇرلار ئۇنى چوڭ قىلىدۇ.

15بۇ دەرەخنىڭ بىر قىسمىنى ئوتۇن قىلىپ قالاپ ئىسسىنىدۇ ھەم نان پىشۇرىدۇ.

يەنە بىر قىسمىدا ئۆزى چوقۇنىدىغان بىر «ئىلاھ»نى ياساپ چىقىدۇ.

ئۇ بىر بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدۇ.

16ئۇ ياغاچنىڭ بىر قىسمىنى قالاپ گۆش پىشۇرۇپ، قورساقنى تويدۇرىدۇ

ۋە ئىسسىنىدۇ.

ئۇ: «مەن ئوتقا قاراپ ئولتۇرۇپ، ئىسسىنىۋالدىم» دەيدۇ.

17ئۇ قالغان بىر قىسىم ياغاچتا بىر بۇت ياسايدۇ ۋە

ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ، چوقۇنىدۇ،

ئۇ: «سەن مېنىڭ ئىلاھىم، مېنى قۇتقۇزغىن» دەپ دۇئا قىلىدۇ.

18ئۇلار ھەقىقەتەن ئەخمەق،

كۆزلىرى كور كۆرەلمەيدۇ،

قەلبى تۇتۇق چۈشەنمەيدۇ.

19ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى ئويلىمايدۇ،

ھېچكىم چۈشەنمەيدۇ، ھېچكىم ھوشىنى تېپىپ:

«مەن ياغاچلارنىڭ بىر قىسمىنى ئىسسىنىشقا، نان ۋە گۆشلىرىمنى پىشۇرۇشقا ئىشلەتتىم.

ئەجەبا قالغان بىر قىسىم ياغاچتا يىرگىنچلىك بۇت ياسىمىدىممۇ؟

بىر تال ياغاچقا چوقۇنۇپ تەزىم قىلمىدىممۇ؟» دەپ ئويلىمايدۇ.

20ئەي كۈل يەيدىغان ئەخمەقلەر،

سىلەرنىڭ نادان قەلبلىرىڭلار ئۆزۈڭلارنى ئالدايدۇ،

بۇ بۇتلار سىلەرنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ،

سىلەر: «قولۇمدىكى بۇ نەرسە خۇدا ئەمەسقۇ!» دەپ ئويلىمايسىلەر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇشى

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، ئەي ئىسرائىللار!

بۇنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار: سىلەر مېنىڭ خىزمەتكارىم.

مەن سىلەرنى مېنىڭ خىزمەتكارىم بولۇشقا ياراتتىم،

مەن سىلەرنى ئۇنتۇپ قالمايمەن.

22مەن سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى ئۆچۈرۈۋەتتىم،

گۇناھىڭلار بۇلۇتلاردەك، ئەتىگەندىكى تۇماندەك غايىب بولدى.

يولۇمغا قايتىڭلار، چۈنكى مەن سىلەرنى ئۆزۈمگە قايتۇردۇم.»

23ئەي ئەرشئەلا، شادلىنىپ ناخشا ئوقۇڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار ناھايىتى ئاجايىپ بىر ئىش قىلدى.

ئەي يەر-زېمىن، شادلىق سادالىرىنى ياڭرىتىڭلار!

تاغ چوققىلىرى، ئورمانلار ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى بارلىق دەرەخلەر،

ھەممىڭلار نەغمە-ناۋا قىلىڭلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۆزىگە قايتۇردى،

ئۇ ئىسرائىلىيەدە ئۇلۇغلىنىدۇ.

24سىلەرنى ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدا تۆرەلدۈرگەن ۋە

قوغداپ كەلگەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بارلىق مەۋجۇداتنى ياراتقان پەرۋەردىگاردۇرمەن،

مەن ئۆزۈم يالغۇز ئاسماننى يايدىم،

مېنىڭ ئالەمنى يارىتىشىمغا ھېچكىم شېرىك بولمىدى.

25مەن ساختا پەيغەمبەرلەرنىڭ يالغانچىلىقىنى ئاشكارىلايمەن،

كەلگۈسىدىن بېشارەت بەرگۈچىلەرنىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايىمەن.

بەزىلەر ئۆزىنى ئەقىللىق چاغلايدۇ،

مەن ئۇلارنىڭ ھاماقەتلىكىنى سۆكىمەن.

26ئەمما مەن ئۆز پەيغەمبەرلىرىمنىڭ سۆزلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.

مەن ئۇلارنىڭ ئېغىزى ئارقىلىق يېرۇسالېم توغرىسىدا مۇنداق دېدىم:

‹ھامان بىر كۈنى يېرۇسالېمدا خەلقىم ياشايدۇ.›

يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەرلىرى توغرىسىدا پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق مۇنداق دېدىم:

‹ئۇلار ھامان بىر كۈنى بۇ خارابىلەرنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ.›

27مەن دېڭىزغا قاراپ: ‹قۇرۇپ كەت› دېسەم، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ،

مەن دەريالارنى قۇرۇتىمەن.

28مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم،

ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.

ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن،

ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.»


45

كورەش پادىشاھ پەرۋەردىگارنىڭ قورالى

1پەرۋەردىگار كورەشنى تاللىدى،

ئۇ ئۇنىڭغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.

شۇنداق قىلىپ، ئۇ باشقا ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ،

پادىشاھلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلىدۇ.

ئۇنىڭغا شەھەرلەرنىڭ دەرۋازىلىرىنى ئېچىپ بېرىدۇ،

ھېچكىم بۇ دەرۋازىلارنى يېپىۋېتەلمەيدۇ.

پەرۋەردىگار كورەش پادىشاھقا مۇنداق دەيدۇ:

2«كورەش، مەن سېنىڭ ئالدىڭدا ماڭىمەن،

ئالدىڭدىكى تاغلارنى تۈزلىۋېتىمەن.

تۇچ دەرۋازىلارنى بۇزۇپ تاشلايمەن،

تۆمۈر تاقاقلارنى پاچاقلايمەن.

3مەن ساڭا يوشۇرۇپ قويۇلغان خەزىنىلەرنى،

مەخپىي جايلارغا كۆمۈپ قويۇلغان بايلىقلارنى ئېچىپ بېرىمەن.

مېنىڭ بۇ ئىشلارنى قىلىشتىكى مەقسىتىم:

ئىسمىڭنى چاقىرغان، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان

مەن پەرۋەردىگار خۇدا ئىكەنلىكىمنى سېنىڭ بىلىشىڭ ئۈچۈندۇر.

4گەرچە سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ،

مەن سېنىڭ ئىسمىڭنى چاقىرىمەن.

ساڭا كاتتا شۆھرەتلىك نام بېرىمەن.

بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم: خىزمەتكارىم ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى،

يەنى مەن تاللىغان ئىسرائىللار ئۈچۈندۇر.

5مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن،

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!

سەن مېنى تونۇمىساڭمۇ

مەن ساڭا كۈچ-قۇدرەت بېرىمەن.

6كۈن چىقىشتىن تارتىپ،

كۈن پېتىشقىچە بولغان زېمىنلاردىكى بارلىق خەلق،

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلسۇن.

مەن بىردىنبىر پەرۋەردىگارمەن!

7مەن يورۇقلۇقنى ۋە قاراڭغۇلۇقنى ياراتتىم.

مەن كىشىلەرگە ئامانلىقمۇ بېرەلەيمەن، بالا-قازامۇ كەلتۈرەلەيمەن.

مەن پەرۋەردىگارمەن، مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمەن.

8ئەي ئاسمان، سەندىن يامغۇر ياغقاندەك، ھەققانىيلىق ياغسۇن،

بۇلۇتلاردىن قۇيۇلسۇن!

يەر بۇنى ئىچىۋېلىپ، ھەققانىيلىق بىلەن نىجاتلىقنى ئۆستۈرسۇن!

بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىن كېلىدۇ.»

9ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي ياراتقۇچىسى بىلەن مۇنازىرىلەشكەنلەر،

سىلەر پەقەت لايدىن ياسالغان كوزا-ئىدىشلارغا ئوخشايسىلەر.

لاي قانداقسىگە كۇلالچىدىن:

«سەن مېنى نېمە قىلىۋاتىسەن؟» ياكى

«ياساۋاتقان نەرسەڭنىڭ تۇتقۇچلىرى يوققۇ؟» دەپ سورىيالىسۇن!

10ئۆز ئاتىسىدىن: «سەن مېنى نېمە ئۈچۈن تۆرەلدۈردۈڭ؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

ئۆز ئانىسىدىن: «سەن مېنى نېمە ئۈچۈن تۇغدۇڭ؟» دەپ سورىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي!

11ئىسرائىللار تاللىغان مۇقەددەس خۇدا، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ياراتقۇچىسى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ئۆز خەلقىمنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق مېنى سوراققا تارتماقچىمۇ؟

سىلەر ماڭا قانداق قىلىشىم كېرەكلىكىنى دەپ بەرمەكچىمۇ؟

12زېمىننى بەرپا قىلغان، زېمىندىكى ئىنسانلارنى ياراتقان مەن بولىمەن.

مەن ئاسماننى ئۆز قولۇم بىلەن يايدىم،

ئاسماندىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ئۆز جايلىرىغا ئورۇنلاشتۇردۇم.

13ئادالەت ئۈچۈن كورەش پادىشاھنى قوزغىتىدىغان،

ئۇنىڭ يولىنى راۋان قىلىدىغان مەن بولىمەن.

ئۇ مېنىڭ شەھىرىمنى قايتا قۇرىدۇ.

ئۇ ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلماستىن ۋە پارا ئالماستىن،

مېنىڭ سۈرگۈن قىلىنغان خەلقىمنى ئازاد قىلىدۇ.»

مانا بۇ، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

14پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە مۇنداق دەيدۇ:

«مىسىرنىڭ بايلىقى ۋە ئېفىيوپىيەنىڭ مال-مۈلۈكى سىلەرگە تەۋە بولىدۇ.

بويلىرى ئېگىز سىبالىقلار سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار بولىدۇ.

ئۇلار قوللىرىدىكى كىشەنلىرى بىلەن سىلەرنىڭ ئارقاڭلاردىن ماڭىدۇ.

ئۇلار سىلەرگە باش ئېگىپ:

‹خۇدا سىلەرگە يار بولدى، ئۇ بىردىنبىر خۇدادۇر،

ئۇنىڭدىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر!› دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.»

15ئەي، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا، سەن بىزنىڭ قۇتقۇزغۇچىمىز.

سەن ھەقىقەتەن ئۆزۈڭنى كۆرسەتمەيدىغان خۇدادۇرسەن!

16بۇت ياسىغۇچىلارنىڭ ھەممىسى شەرمەندە بولىدۇ ۋە نومۇس قىلىدۇ،

ئۇلار خورلۇقتا قالىدۇ.

17لېكىن پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى قۇتقۇزىدۇ،

ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مەڭگۈلۈك نىجاتلىق بېرىدۇ.

سىلەر ھېچقاچان شەرمەندە بولمايسىلەر، مەڭگۈ نومۇستا قالمايسىلەر.

18ئاسماننى ياراتقان پەرۋەردىگار ئۇ ھەقىقىي خۇدادۇر!

ئۇ زېمىننى ياساپ، ئۇنى ياراتتى،

ئۇنى مۇستەھكەم قىلدى.

ئۇ زېمىننى قۇرۇق قويمىدى،

ئىنسانلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن زېمىننى ياراتتى.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن،

مەندىن باشقا خۇدا يوقتۇر.

19مەن يوشۇرۇن گەپ قىلمىدىم،

ياكى قاراڭغۇ جايدا گەپ قىلمىدىم.

مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا: ‹مېنى ئىزدەپ تاپالمايسىلەر› دېمىدىم.

مەن پەرۋەردىگار دائىم ھەقىقەتنى ۋە ئادىللىقنى سۆزلەيمەن.

20ئەي ئەللەردىكى ئامان قالغانلار،

يىغىلىپ كېلىڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار!

ياغاچتىن ياسالغان، ئۆزلىرىنى قۇتقۇزالمايدىغان بۇتلارغا دۇئا قىلىپ،

ئۇلارنى يۈدۈپ يۈرگەن ئادەملەر نېمىدېگەن ئەخمەق-ھە!

21نېمە ئاساسىڭلار بار؟ ئېيتىڭلار!

سىلەر ئۆزئارا مەسلىھەتلىشىپ بېقىڭلار.

كىم سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەردى؟

بىرەر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلاردىن بېشارەت بەرگەنمۇ؟

ياق! بېشارەت بەرگەن مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟!

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.

مەن ھەققانىي خۇدا ۋە قۇتقۇزغۇچىدۇرمەن.

مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.

22ئەي، زېمىندىكى بارلىق ئىنسانلار،

ماڭا يۈزلىنىڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا قۇتقۇزۇلىسىلەر!

مەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.

23مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى،

مېنىڭ دېگەنلىرىمنىڭ ھەممىسى ھەقىقەتتۇر.

مېنىڭ سۆزلىرىم ھېچقاچان ئۆزگەرمەيدۇ،

پۈتكۈل ئىنسان ماڭا تىزلىنىدۇ،

ھەربىر ئىنسان ماڭا سادىق بولىدىغانغا قەسەم ئىچىدۇ.

24ئۇلار مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ:

‹پەقەت پەرۋەردىگارلا غەلىبە ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ مەنبەسىدۇر.›»

ئۇنىڭغا غەزەپلەنگەنلەر ئۇنىڭ ئالدىدا نومۇسقا قالىدۇ.

25پۈتكۈل ئىسرائىل ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەنلا غەلىبە قىلىدۇ،

ئۇلار ئۇنى ماختايدۇ.


46

پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە بابىلنىڭ ساختا ئىلاھلىرى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئىلاھ بېلنىڭ تىزى چۆكىدۇ، ئىلاھ نىبونىڭ قەددى پۈكۈلىدۇ،

ئۇلارنىڭ شەكلىدە ياسالغان بۇتلىرى ھايۋانلارغا يۈكلەپ قويۇلىدۇ.

ئىلگىرى بابىللىقلار كۆتۈرۈپ يۈرگەن بۇ بۇتلار

ئەمدى ھارغىن ھايۋانلارغا ئېغىر يۈك بولۇپ قالىدۇ.

2بۇ ئىلاھلارنىڭ قەددى پۈكۈلۈپ، تىزلىرى ئېگىلىدۇ،

بۇ ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرىنى قۇتقۇزالمايدۇ،

ئەكسىچە بۇ كېرەكسىز ئىلاھلار ئۆز بۇتلىرى بىلەن ئەسىرلىككە تاپشۇرۇلىدۇ.

3ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي، ئىسرائىلىيەنىڭ ئامان قالغان پۇقرالىرى!

سىلەر تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا مەن سىلەرنى قوللاپ كەلدىم،

سىلەر ئاناڭلارنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن كۈندىن باشلاپلا مەن سىلەرنى كۆتۈرۈپ كەلدىم.

4تاكى سىلەر قېرىپ، چېچىڭلارغا ئاق كىرىپ كەتسىمۇ، مەن بۇ ئىشىمنى توختاتقىنىم يوق،

مەن يەنىلا شۇ خۇدادۇرمەن، ئۆزگەرگىنىم يوق.

مەن سىلەرنى ياراتقانىكەنمەن، ئەلۋەتتە سىلەرنى يۈدۈپ يۈرىمەن،

ئەلۋەتتە سىلەرنى كۆتۈرىمەن، سىلەرنى قۇتقۇزىمەن.

5سىلەر مېنى كىم بىلەن سېلىشتۇرۇپ، كىم بىلەن تەڭ قىلىۋاتىسىلەر؟

ھېچكىم ماڭا ئوخشىمايدۇ، ماڭا تەڭ بولىدىغىنى يوقتۇر!

6بەزىلەر ھەميانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى چىقىرىشىپ، تارازىلاردا ئۆلچەيدۇ،

ئۇلار ئۇستىلارنى ياللاپ، بۇ ئالتۇن-كۈمۈشلەردىن بىر بۇت ياسايدۇ،

ھەمدە بۇ بۇتقا سەجدە قىلىپ چوقۇنىدۇ.

7ئۇلار بۇ بۇتنى مۈرىلىرىگە ئېلىپ كۆتۈرۈشۈپ،

ئۇنى بىر جايغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ،

بۇ بۇت شۇ جايدا قىمىرلىماي تۇرىدۇ.

بىركىم ئۇنىڭغا ئىلتىجا قىلسا، ئۇ جاۋاب قايتۇرمايدۇ.

ئۇ ھېچكىمنى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتقۇزالمايدۇ.

8ئەي، مەندىن يۈز ئۆرۈگەن خەلقىم،

بۇ ئىشلارنى ئويلاڭلار، بۇلارنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار.

9ئۆتمۈشتە مەن قىلغان ئىشلارنى ئويلاڭلار،

مەن ھەقىقەتەن بىردىنبىر خۇدادۇرمەن،

مەن خۇدادۇرمەن، مەندىن باشقا ھېچبىر خۇدا يوقتۇر.

10مەن كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن،

تېخى يۈز بەرمىگەن ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرىمەن.

مەن پىلانلىغان ھەرقانداق ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمەن.

مەن خالىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن.

11مەن شەرقتىن بىر بۈركۈتنى چاقىرتىپ كېلىمەن،

ئۇ يىراق بىر جايدىن كېلىدۇ، ئۇ مەن نېمىنى خالىسام، شۇنى قىلىدۇ.

مەن ئېيتقانلىرىمنى چوقۇم قىلىمەن،

مەقسەتلىرىمنىمۇ چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىمەن!

12ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، ئەي جاھىللاشقان،

ھەققانىيلىقتىن يىراقلاپ كەتكەن خەلقىم،

13مەن پات ئارىدا ئۆز قولۇم بىلەن ھەققانىيەتنى يۈرگۈزىمەن،

ئۇ كۈن يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ،

مېنىڭ نىجاتلىقىم كېچىكمەيدۇ،

مەن سىئوننى قۇتقۇزىمەن،

مەن ئىسرائىل خەلقىگە شان-شۆھرىتىمنى بېرىمەن.»


47

بابىلنىڭ گۇمران بولۇشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ‹گۈزەل مەلىكە› بابىل، ئەمدى توپىدا ئولتۇر.

ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›، سەن داق يەردە ئولتۇر، ئەمدى سېنىڭ تەختىڭ يوق!

ئەمدى سېنى ھېچكىم ‹نەقەدەر گۈزەل› دەپ تەرىپلىمەيدۇ.

2ھازىردىن باشلاپ تۈگمەن تېشى بىلەن ئۇن تارتىسەن.

يۈزۈڭدىكى چۈمپەردەڭنى ئېلىپ تاشلا! ئېتەكلىرىڭنى قايرىپ قوي!

پاقالچاقلىرىڭنى ئېچىپ، دەريادىن كېچىپ ئۆت!

3سەن يالىڭاچلىنىپ قېلىپ، نومۇسقا قالىسەن.

مەن سەندىن قىساس ئالىمەن، مەن ھېچكىمنى ئايىمايمەن.»

4بىزنىڭ قوغدىغۇچىمىز، ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدادۇر،

ئۇنىڭ نامى: قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگاردۇر!

5پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ‹بابىل مەلىكىسى›،

ئورنۇڭدا جىم ئولتۇر، ئەمدى سەن زۇلمەتكە يۈزلىنىسەن.

سېنى ئەمدى ھېچكىم ‹پادىشاھلىقلارنىڭ خانىشى› دەپ ئاتىمايدۇ.

6مەن خەلقىمدىن غەزەپلەندىم.

مەن ئۇلارنى تاشلىۋېتىپ،

سېنىڭ قولۇڭغا تاپشۇردۇم،

لېكىن سەن ئۇلارغا رەھىمدىللىك قىلمىدىڭ،

ھەتتا قېرىلارنىمۇ ئاياپ قويمىدىڭ.

7سەن: ‹مەن ئالەمنىڭ مەڭگۈلۈك خانىشىمەن› دەپ جار سالدىڭ.

سەن بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلىمىدىڭ،

ھەتتاكى خىيالىڭغىمۇ كەلتۈرمىدىڭ.

8ئەمدى بۇ سۆزلەرگە قۇلاق سالغىن:

سەن: ‹تەختىم مەڭگۈ مۇستەھكەم تۇرىدۇ› دەپ ئويلاپ،

پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ بىلەن ئەيش-ئىشرەتكە بېرىلىپ كەتتىڭ.

سەن ئۆزۈڭچە: ‹مەندىن باشقا مەلىكە يوق، مەن تۇل قالمايمەن،

بالىلىرىمدىن ئايرىلىپ قېلىش ئازابىنى تارتمايمەن› دەپ ئويلايسەن.

9شۇنى بىلگىنكى، بۇ ئىككى ئازاب تۇيۇقسىز بىر كۈندىلا بېشىڭغا كېلىدۇ.

سەن قانچە كۆپ سېھىر ئىشلىتىپ، ئەپسۇنلارنى ئوقۇساڭمۇ،

بەرىبىر تۇل قالىسەن، بالىلىرىڭدىن ھەم ئايرىلىپ قالىسەن.

10سەن ئۆزۈڭنىڭ رەزىللىكىڭگە تايىنىپ،

‹قىلغان يامان ئىشلىرىمنى ھېچكىم كۆرمەيدۇ› دەپ ئويلايسەن.

سېنىڭ دانالىقىڭ، بىلىمىڭ سېنى يولدىن ئازدۇردى.

سەن ئۆزۈڭچە: ‹دۇنيادا پەقەت مەن بىرلا،

مەندىن ئۈستۈن تۇرىدىغان باشقا بىرسى يوق› دەپ ئويلايسەن.

11لېكىن بېشىڭغا شۇنداق چوڭ بالايىئاپەت كېلىدۇكى،

سەن ھەرقانداق جادۇگەرلىك ئىشلىتىپمۇ ئۆزۈڭنى قوغدىيالمايسەن.

بېشىڭغا چۈشكەن بۇ بالايىئاپەتتىن ھەرقانچە قىلىپمۇ قۇتۇلالمايسەن.

بۇ بالايىئاپەت شۇنداق تېز كېلىدۇكى، سەن ئۇنى بىلمەيلا قالىسەن.

12قېنى، بالىلىقىڭدىن تارتىپ ئىشلىتىپ ئادەتلەنگەن سېھىر، ئەپسۇنلىرىڭنى ئىشقا سالغىنچۇ،

بەلكىم ئۇنىڭ ساڭا ئازراق ياردىمى تېگىپ قالار،

بەلكىم دۈشمەنلىرىڭنى قورقۇتالارسەن؟

13ساڭا بېرىلگەن مەسلىھەتلەر سېنى ھالىڭدىن كەتكۈزدى.

قېنى ئەمدى ئاشۇ مۇنەججىملىرىڭ؟

قېنى ئەمدى يۇلتۇزلارغا قاراپ تەبىر بەرگۈچىلىرىڭ؟

قېنى، ھەر يېڭى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تەقدىرىڭنى ئالدىن ئيتىپ بېرىدىغان پالچىلىرىڭ؟

ئەمدى شۇلار كېلىپ سېنى بۇ بالايىئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ باقسۇنچۇ!

14قارا، ئۇلار خۇددى ئوتقا تاشلانغان ساماندۇر، ئوت ئۇلارنى يالماپ يۇتىدۇ،

ئۇلار بۇ ئوتتىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ!

بۇ ئوت ئىسسىنىش ئۈچۈن يېقىلغان ئوت ئەمەس،

ئىسسىنىمەن دەپ، بۇ ئوتنىڭ يېنىغا بېرىپ ئولتۇرۇپ قالما!

15سەن ياشلىقىڭدىن تارتىپ باردى-كەلدى قىلىپ كەلگەن بۇ مۇنەججىملىرىڭ

ئەمدى ساڭا ياردەم قىلالمايدۇ.

ئۇلار ھەممىسى ئۆز يوللىرىغا كېتىدۇ،

سېنى قۇتقۇزىدىغان بىرمۇ ئادەم چىقمايدۇ.»


48

جاھىل ئىسرائىللار

1سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ياقۇپ جەمەتى، ئىسرائىل نامى بىلەن ئاتالغانلار، يەھۇدا ئەۋلادىدىن بولغانلار،

سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىسىلەر،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدانى ئېغىزىڭلاردىن چۈشۈرمەيسىلەر،

لېكىن ئۇنى چىن دىلىڭلاردىن، سەمىمىيەتلىك بىلەن قىلمايسىلەر.

2سىلەر «ئۆزۈڭلارنى مۇقەددەس شەھەرنىڭ پۇقرالىرى» دەپ ئاتىۋالدىڭلار.

سىلەر «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار» دېگەن نام بىلەن ئاتالغان،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا تايىنىمىز، دەيسىلەر.

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئۆتمۈشتە سىلەرگە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

مەن ئۇلارنى ئۆز ئاغزىم بىلەن ئېيتقان،

مەن ئۇلارنى ئالدىن سىلەرگە بىلدۈردىم.

كېيىن مەن قوزغىلىپ، بارلىق بېشارەتلىرىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم.

4چۈنكى مەن سىلەرنىڭ تەرسالىقىڭلارنى بىلىمەن،

سىلەرنىڭ بوينۇڭلار خۇددى تۆمۈردەك،

بوينۇڭلار خۇددى تۇچتەك قاتتىقتۇر.

5شۇڭا، سىلەرنىڭ: ‹بۇ ئىشلارنى مېنىڭ بۇتۇم قىلدى،

مېنىڭ ياسىغان بۇتۇم، مەن قۇيۇپ ياسىغان ئىلاھىم

شۇنداق قىلىشقا بۇيرۇدى› دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈن،

مەن سىلەرگە بۇرۇنلا بۇ ئىشلار توغرىسىدا ئېيتقانىدىم،

بۇ ئىشلارنى يۈز بەرمەستىن ئىلگىرىلا سىلەرگە بىلدۈرگەنىدىم.

6سىلەر ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرۇپ،

ئەجەبا، يەنە قايىل بولمامسىلەر؟

مەن ھازىردىن باشلاپ سىلەرگە يېڭى ئىشلارنى،

سىلەر ئاڭلاپ باقمىغان سىرلىق ئىشلارنى بىلدۈرىمەن.

7بۇ ئىشلار ئىلگىرى بولۇپ باقمىغان، مانا ئەمدى يۈز بېرىدۇ،

بۇ ئىشلارنى سىلەر ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان.

سىلەر ئەمدى، بىز بۇ ئىشلارنى ئاللىبۇرۇنلا بىلەتتۇق، دېيەلمەيسىلەر.

8سىلەر بۇ ئىشلارنى بىلمەيسىلەر، ھەتتا ئاڭلاپمۇ باقمىغان.

سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلار ئەزەلدىن ئېچىلىپ باقمىغان.

مەن سىلەرنىڭ ئىنتايىن مەككارلىقىڭلارنى بىلىمەن،

سىلەر بۇرۇندىن باشلاپلا ماڭا قارشى چىقتىڭلار.

9مەن ئۆزۈمنىڭ نامىنى بۇلغىماسلىق ئۈچۈنلا غەزىپىمنى بېسىپ كەلدىم،

ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىگە داغ چۈشۈرمەسلىك ئۈچۈنلا

قىلمىشلىرىڭلارغا چىداپ كېلىپ، سىلەرنى يوقاتمىدىم.

10مانا قاراڭلار، مەن سىلەرنى تاۋلىدىم،

مەن سىلەرنى كۈمۈشنى ئوتتا تاۋلىغاندەك ئەمەس،

بەلكى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ ئوچىقىدا تاۋلاپ پاكلىدىم.

11مېنىڭ سىلەرنى يوقاتماسلىقىم پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈندۇر،

چۈنكى مەن قانداقمۇ ئۆزۈمنىڭ نامىنىڭ ھۈرمەتسىزلىنىشىگە يول قويىمەن.

ماڭا تېگىشلىك بولغان ئۇلۇغلۇقنى باشقا ھېچقانداق بىرى بىلەن ئورتاقلاشمايمەن.»

ئىسرائىللارنىڭ بابىللىقلاردىن ئازاد بولۇشى

12«ئەي ياقۇپ جەمەتى، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار،

ئەي، مەن تاللاپ چاقىرىۋالغان ئىسرائىل خەلقى، گېپىمنى ئاڭلاڭلار!

مەن پەرۋەردىگارىڭلارمەن،

مەن تۇنجىسى ۋە ئاخىرقىسىدۇرمەن.

13مەن ئۆز قولۇم بىلەن بۇ زېمىننىڭ ئۇلىنى سالدىم،

مەن ئوڭ قولۇم بىلەن ئاسماننى يايدىم.

مەن ئۇلارغا بىرلا چاقىرىق قىلسام، ئۇلار شۇ ھامان تەييار بولىدۇ.

14يىغىلىڭلار، ھەممىڭلار قۇلاق سېلىڭلار،

قايسى بىر بۇت سىلەرگە بۇ ئىشلارنى ئالدىن ئېيتىپ بېرەلىگەن؟

مېنىڭ ئىرادەم بويىچە بابىلغا قارشى ئىش قىلغۇچىنى، مەنكى پەرۋەردىگار ياخشى كۆرىمەن.

ئۇ قولىنى بابىللىقلارغا قارشى كۆتۈرىدۇ.

15بۇ ئىشلارنى پەقەت مەن دېدىم،

ئۇنى مەن چاقىرىمەن، ئۇنى مەن باشلاپ كېلىمەن.

ئۇ قىلغان ئىشلار چوقۇم ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.

16ھەممىڭلار يېنىمغا كېلىپ، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار،

مەن ئەزەلدىنلا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېيتىپ كەلدىم.

مەن باشتىن ئاخىر بۇ ئىشلارنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ كەلدىم.»

مانا ئەمدى ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئۆز روھىنى ئاتا قىلىپ، مېنى ئەۋەتتى.

17قوغدىغۇچىمىز _ ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگار

مۇنداق دەيدۇ:

«مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

مەن سىلەرگە پايدىلىق ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىمەن،

سىلەرنى توغرا يولغا باشلايمەن.

18سىلەر مېنىڭ ئەمىرلىرىمگە بويسۇنغان بولساڭلار ئىدى،

پاراۋانلىقىڭلار تىنچ ئېقىپ تۇرغان دەريادەك بولاتتى،

ھەققانىيلىقىڭلارمۇ توختاۋسىز ئۆركەشلەپ تۇرغان دېڭىز دولقۇنلىرىدەك دائىم ھۆكۈم سۈرەتتى.

19ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىز بولاتتى،

ئەۋلادلىرىڭلار خۇددى قۇم زەررىچىلىرىدەك كۆپ بولاتتى.

ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەيتتى،

ھەرگىز مېنىڭ ئالدىمدىن يوقىتىلمايتتى.»

20سىلەر بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار،

بابىللىقلارنىڭ قولىدىن قېچىپ كېتىڭلار.

سىلەر بار ئاۋازىڭلار بىلەن تەنتەنە قىلىپ:

«پەرۋەردىگار خىزمەتكارى ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى قوغدىدى»

دەپ، پۈتۈن دۇنياغا جاكارلاڭلار!

21پەرۋەردىگار خەلقىمنى قۇملۇقلاردىن ئېلىپ ماڭغاندا،

ئۇلار ئۇسسۇلۇقتىن قىينالمىدى.

چۈنكى خۇدا تاشتىن سۇ چىقىرىپ بەردى،

خۇدا تاشنى يارغانىدى، ئۇ يەردىن بۇلاق سۇلىرى ئېتىلىپ چىقتى.

22پەرۋەردىگار: «رەزىل ئادەملەرگە ئامانلىق يوقتۇر» دەيدۇ.


49

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى

1قۇلاڭ سېلىڭلار، ئەي دېڭىز بويلىرىدىكى ئەللەر!

دىققەت قىلىپ ئاڭلاڭلار، ئەي يىراقتىكى خەلقلەر!

مەن تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرىلا پەرۋەردىگار مېنى چاقىردى،

مەن ئانامنىڭ قورسىقىدىكى چېغىمدىلا مېنىڭ ئىسمىمنى ئاتاپ چاقىردى.

2ئۇ مېنىڭ تىلىمنى خۇددى قىلىچتەك ئۆتكۈر قىلدى،

ئۇ قولىنىڭ سايىسىدا مېنى قوغدىدى،

ئۇ مېنى خۇددى ئوقيادەك ئۇچلۇق قىلدى،

ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ ئوقدانىدا ساقلىدى.

3ئۇ ماڭا: «ئەي ئىسرائىل خەلقىم، سەن مېنىڭ خىزمەتكارىمسەن،

مەن سەن ئارقىلىق ئۆزۈمنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىمەن» دېدى.

4لېكىن مەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: «مېنىڭ مېھنەتلىرىم بىھۇدىدۇر،

مەن كۈچۈمنى سەرپ قىلىپ، ھېچبىر ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمىدىم.»

ئەمما پەرۋەردىگار ماڭا چوقۇم ئادىل مۇئامىلە قىلىدۇ،

مېنىڭ مۇكاپاتىم پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىدۇر.

5ياقۇپ ئەۋلادلىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتۇرۇپ كېلىش،

ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا توپلاش ئۈچۈن،

ئۇ مېنى قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلىپ ياراتتى.

مەن قورساقتا تۆرەلگەن چېغىمدىلا ئۇ مېنى ئۆزىنىڭ خىزمەتكارى قىلدى.

مەن پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئەزىزدۇرمەن،

خۇدايىم مېنىڭ كۈچ-قۇدرىتىمدۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار،

6پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن،

ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن،

مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق!

مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ،

سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»

7ئەللەر تەرىپىدىن نەپرەتلىنىپ رەت قىلىنغان،

ھۆكۈمدارلار تەرىپىدىن قۇل قىلىنغان خىزمەتكارىغا پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى قوغدايدىغان،

ئۇلارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«سېنى كۆرۈپ شاھلار ئورنىدىن تۇرىدۇ،

ھۆكۈمدارلار ئالدىڭدا تىزلىنىپ، ساڭا تەزىم قىلىدۇ.

چۈنكى سېنى تاللىغان پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا ئىشەنچلىكتۇر.»

ئىسرائىلىيەنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

8پەرۋەردىگار سىئونغا مۇنداق دەيدۇ:

«ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، مەن ساڭا جاۋاب بېرىمەن،

نىجاتلىق كۈنى كەلگەندە، مەن ساڭا ياردەم قىلىمەن.

مەن سېنى قوغدايمەن،

مەن سېنى خەلقىم بىلەن تۈزىدىغان ئەھدەمنىڭ ۋاسىتىچىسى قىلىمەن.

سەن بۇ يۇرتنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىسەن،

خارابىلىككە ئايلانغان بۇ زېمىننى قايتىدىن تەقسىم قىلىسەن.

9سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن،

زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن.

ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ،

تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.

10ئۇلار ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسۇزلۇقنىڭ ئازابىنى تارتمايدۇ،

قۇياشنىڭ ھارارىتى ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ ئازابلىمايدۇ.

مەن ئۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ ماڭىمەن،

ئۇلارنى بۇلاقلارغا باشلاپ بارىمەن.

11مەن تاغلارنى تۈزلەپ يول ئېچىپ،

ئۇلارغا داغدام يول تەييارلايمەن.

12قاراڭلار، ئۇلار يىراق جايلاردىن كېلىدۇ،

ئۇلارنىڭ بەزىلىرى شىمالدىن، بەزىلىرى غەربتىن،

يەنە بەزىلىرى مىسىر زېمىنىدىن كېلىشمەكتە.»

13تەنتەنە قىلغىن، ئەي كەڭ ئاسمان!

خۇرسەنلىككە تولغىن، ئەي يەر-زېمىن!

ياڭراتقىن كۈيلىرىڭنى، ئەي تاغلار!

چۈنكى پەرۋەردىگار خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ.

ئېزىلگەن خەلقىگە رەھىمدىللىكىنى كۆرسىتىدۇ.

14لېكىن سىئون:

«پەرۋەردىگار مېنى تاشلاپ كەتتى،

ئىگەم مېنى ئۇنتۇدى» دەيدۇ.

15پەرۋەردىگارىم مۇنداق دەيدۇ:

«ئانا قانداقمۇ ئېمىۋاتقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالسۇن؟

ئۆزى تۇغقان بالىسىغا قانداقمۇ رەھىمدىللىك كۆرسەتمىسۇن؟

ئانا ئۆزى تۇغقان بالىسىنى ئۇنتۇپ قالغان تەقدىردىمۇ،

مەن سېنى ھەرگىز ئۇنتۇمايمەن.

16قارا، مەن سېنىڭ نامىڭنى ئالىقىنىمغا يېزىۋالدىم،

سېنىڭ شەھەر سېپىللىرىڭ ھەر ۋاقىت مېنىڭ كۆز ئالدىمدا.

17سېنىڭ ئوغۇل-قىزلىرىڭ پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ،

سېنى ۋەيران قىلىپ يوقاتماقچى بولغانلار كېتىدۇ.

18سەن بېشىڭنى كۆتۈرۈپ، تۆت ئەتراپىڭغا قاراپ باققىن،

ھەممە ئوغۇل-قىزلىرىڭ كېلىپ ئەتراپىڭغا توپلانماقتا.»

پەرۋەردىگارىم يەنە مۇنداق دەيدۇ:

«مەنكى _ مەڭگۈ ھايات خۇدا شۇنداق قەسەم قىلمەنكى،

بۇ ئوغۇل-قىزلىرىڭ خۇددى زىبۇ-زىننەتلەردەك سېنى ھەر جەھەتتىن بېزەيدۇ،

ئۇلار سېنى خۇددى يېڭى كېلىنچەكتەك گۈزەل تۈسكە كىرگۈزىدۇ.

19بۇزۇۋېتىلگەن، چۆلدەرەپ كەتكەن،

ۋەيران قىلىۋېتىلگەن زېمىنلىرىڭ،

ئەمدى پۇقرالىرىڭنىڭ ياشىشىغا تارلىق قىلىدۇ.

سېنى يوقاتماقچى بولغانلار ئەمدى سەندىن يىراقلىشىدۇ.

20سەن ئەسىرلىكتە يۈرگەن چاغلىرىڭدا تۇغۇلغان ئوغۇل-قىزلىرىڭ ساڭا:

‹بۇ يەر بىزگە تارلىق قىلىۋاتىدۇ،

بىزگە ياشىغۇدەك كەڭرەك يەر بېرىڭ› دەيدۇ.

21شۇ چاغدا سەن كۆڭلۈڭدە شۇنداق ئويلايسەن:

‹ئۇلارنى كىم ماڭا تۇغۇپ بەردى؟

مېنىڭ بالىلىرىم ئۆلتۈرۈلگەن، مەن تۇغماس بولۇپ قالغانىدىم،

مەن سىرتلاردا سەرسان بولۇپ، خار بولۇپ يۈرگەنىدىم،

ئۇلارنى كىم ماڭا بېقىپ چوڭ قىلىپ بەردى؟

مەن يالغۇز قالغان ئىدىمغۇ،

ئۇلار قەيەرلەردىن كېلىپ قالدى؟›»

22ئىگەم پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

«مەن بارلىق ئەللەرگە قولۇمنى پۇلاڭلىتىپ،

پۈتكۈل خەلقلەر ئالدىدا چاقىرىق تۇغۇمنى تىكلەيمەن.

ئۇلار ئوغۇللىرىڭنى قوللىرىدا كۆتۈرۈشۈپ ساڭا ئەكېلىپ بېرىدۇ،

قىزلىرىڭنى دۈمبىلىرىدە ھاپاشلاپ ئەكېلىپ بېرىدۇ.

23شاھلار سېنىڭ خىزمىتىڭدە بولۇپ بالىلىرىڭنى باقىدۇ،

خانىشلار ئىنىكئانا بولىدۇ.

ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ، ساڭا تەزىم قىلىشىدۇ.

ئاياغلىرىڭدىكى چاڭلارنى تىللىرى بىلەن يالايدۇ.

شۇ چاغدا سەن مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن،

ماڭا ئۈمىد باغلىغانلار ھەرگىز نائۈمىدتە قالمايدۇ.»

24باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجىنى كىممۇ تارتىپ ئالالىسۇن؟

زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىر قانداقمۇ قۇتۇلۇپ چىقالسۇن؟

25پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«باتۇرنىڭ قولىدىكى ئولجا چوقۇم تارتىپ ئېلىنىدۇ،

زالىمنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان ئەسىرمۇ قۇتقۇزۇلىدۇ.

ساڭا قارشى چىققانلارغا مەن قارشى چىقىمەن،

بالىلىرىڭنى مەن قۇتقۇزىمەن.

26مەن ساڭا زۇلۇم سالغانلارغا ئۆز گۆشىنى ئۆزىگە يېگۈزىمەن،

ئۇلارنىڭ ئۆز قېنىنى ئۆزىگە ئىچۈرۈپ، خۇددى شاراب ئىچكەندەك مەست قىلىۋېتىمەن.

ئەنە شۇ چاغدا يەر يۈزىدىكى پۈتۈن ئىنسانلار

مەن پەرۋەردىگارنىڭ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ، قوغدىغۇچىڭ ئىكەنلىكىمنى،

ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىپ قالىدۇ.»


50

ئىسرائىللارنىڭ گۇناھى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن ئاناڭلارنى ھەيدەپ چىقارغاندا، ئۇنى تالاق قىلدى، دەپ ئويلامسىلەر؟ ئۇنداقتا تالاق خېتى قېنى؟

مەن قەرزدار بولۇپ قېلىپ، سىلەرنى قەرز بەرگۈچىگە سېتىۋەتتىممۇ؟ ياق!

قاراڭلار، سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن سېتىۋېتىلدىڭلار،

ئاناڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ئىتائەتسىزلىكىدىن ھەيدەلدى.

2مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟

مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟

سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟

سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟

مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ.

دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن،

سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.

3مەن ئاسماننى قاراڭغۇ گۈمبەز قىلىۋېتەلەيمەن،

ماتەملىك رەخت بىلەن ئاسماننى توسۇۋېتەلەيمەن.»

پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارىنىڭ ئىتائەتمەنلىكى

4ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا ئەقىل-پاراسەت بېرىپ،

چارچىغانلارغا قانداق سۆزلەر بىلەن مەدەت بېرىشنى ئۆگەتتى.

ھەر كۈنى سەھەردە ئىگەم مېنى ئويغىتىدۇ،

مېنى شاگىرتقا ئوخشاش دىققەت بىلەن ئاڭلىسۇن دەپ، قۇلاقلىرىمنى ئاچتى.

5ئىگەم پەرۋەردىگار قۇلاقلىرىمنى سەزگۈرلەشتۈردى،

مەن ئىتائەتسىزلىك قىلمىدىم، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈمىدىم.

6ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم،

ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم.

مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.

7ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرگەنلىكى ئۈچۈن،

مەن شۇ خورلۇقلاردىن نومۇس قىلمىدىم،

شۇڭا مېنىڭ ئىرادەم خۇددى ئۇيۇل تاشتەكتۇر،

شەرمەندىچىلىككە قېلىشىمدىن ئەنسىرەش ھاجەتسىزدۇر.

8مېنى ئاقلىغۇچى مېنىڭ يېنىمدىدۇر،

قېنى، كىم مەن بىلەن دەۋالىشالايدۇ؟

بىز يۈزلىشەيلى!

قېنى، كىم مېنى ئەيىبلىيەلەيدۇ؟

بىز سوتقا بارايلى!

9مانا، ئىگەم پەرۋەردىگار ماڭا مەدەت بەرمەكتە،

قېنى، كىم مېنى گۇناھكار دەپ ئېيتالايدۇ؟

قاراڭلار، ئۇلار خۇددى كىيىدىغان كىيىمدەك كونىرايدۇ،

ئۇلارنى كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ.

10قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ،

ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟

زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار

پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن،

خۇداغا تايانسۇن.

11لېكىن، ئوت يېقىپ، ئۆزى ئۈچۈن مەشئەل تەييارلىغانلار،

شۇ مەشئەلنىڭ يورۇقىدا مېڭىۋەرسۇن!

ئۇلار ھامان ئازاب ئىچىدە ياتىدۇ،

بۇ ئاقىۋەتنى خۇدا ئۆز قولى بىلەن ئۇلار ئۈچۈن تەييارلىغاندۇر.


51

خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي ھەققانىيلىققا ئىنتىلىپ، مېنى ئىزدىگەنلەر،

سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئۆزۈڭلار ئويۇپ ئېلىنغان ئاشۇ قورام تاشنى ئەسلەپ بېقىڭلار،

قەيەردىن قېزىپ ئېلىنغانلىقىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار.

2ئەجدادىڭلار ئىبراھىمنى، سىلەرنى تۇغقان سارەنى ئەسلەپ بېقىڭلار.

مەن ئىبراھىمنى چاقىرغاندا، ئۇنىڭ پەرزەنتى يوق ئىدى،

لېكىن مەن ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ئۇنىڭ ئەۋلادىنى كۆپەيتتىم.

3مانا مەن پەرۋەردىگار سىئونغا تەسەللى بېرىمەن،

ئۇنىڭ خارابىلىرىگە تەسەللى بېرىمەن.

ھەمدە سىئوننىڭ بارلىق خارابىلىكلىرىنى ئېرەم باغقا ئايلاندۇرىمەن.

ئۇنىڭ چۆللۈكلىرىنى مېنىڭ بېغىمغا ئايلاندۇرىمەن.

ئۇ يەردە شادلىق ھەم خۇشاللىق بولىدۇ.

شۈكۈر ۋە ھەمدۇسانالارنىڭ ساداسى ياڭرايدۇ.

4ئەي خەلقىم، ماڭا قۇلاق سېلىڭلار،

ئەي خەلقىم، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار:

تەلىملىرىم مەندىن تارقىلىدۇ،

ئادالىتىم خەلققە نۇر بولىدۇ.

5مېنىڭ ھەققانىيلىقىم كېلىش ئالدىدا تۇرىدۇ،

قۇتقۇزۇلۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ.

مەن خەلقلەرگە ئادالەت بېرىمەن.

دېڭىز بويىدىكى يىراق ئەللەرمۇ مېنى كۈتىدۇ،

ئۇلار مېنىڭ قۇدرىتىمگە ئۈمىد باغلايدۇ.

6سىلەر ئاسمانغا قاراپ بېقىڭلار،

ئېڭىشىپ زېمىنغا قاراپ بېقىڭلار.

ئاسمان خۇددى تۈتۈندەك ئىز-دېرەكسىز يوقىلىدۇ،

زېمىن خۇددى كىيىمدەك كونىراپ تۈگەيدۇ.

زېمىندىكى ئادەملەرمۇ خۇددى چىۋىندەك ئۆلۈپ كېتىدۇ.

لېكىن مەن بېرىدىغان نىجاتلىق مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.

مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ ئەمەلدىن قالمايدۇ.

7ئەي ھەققانىيلىقنى بىلگەنلەر،

مېنىڭ قانۇنلىرىمنى قەلبىگە چىڭ پۈككەنلەر،

سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

باشقىلارنىڭ سىلەرنى ھاقارەتلىشىدىن قورقماڭلار،

ئۇلارنىڭ سىلەرنى ئاھانەت قىلىشىدىنمۇ ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.

8چۈنكى كىيىمنى كۈيە، يۇڭنى قۇرت يېگەندەك،

ئۇلارنىمۇ ئۆلۈم يەپ تۆگىتىدۇ.

لېكىن مېنىڭ ھەققانىيلىقىم مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.

مېنىڭ نىجاتلىقىم ئەبەدىي داۋاملىشىدۇ.»

9ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن،

كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن.

خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش،

ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن!

دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ!

قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!

10دېڭىزدىكى سۇلارنى،

تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ!

قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن،

دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ!

11پەرۋەردىگار قۇتقۇزغان كىشىلەر يېرۇسالېمغا قايتىدۇ.

ئۇلار سىئونغا قايتىپ كېلىپ، شادلىق ناخشىلىرىنى ياڭرىتىدۇ.

مەڭگۈلۈك خۇشاللىقنى باشلىرىغا تاج قىلىپ تاقايدۇ.

ئازاب ۋە قايغۇ تۈگەيدۇ،

ئۇنىڭ ئورنىنى خۇشاللىق ۋە شادلىق ئالىدۇ.

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن، پەقەت ۋە پەقەت مەنلا سىلەرگە تەسەللى بېرەلەيمەن.

سىلەر كىمدىن قورقىسىلەر؟ ئۆلىدىغان ئادەمدىنمۇ؟

خۇددى ئوت-چۆپكە ئوخشاش سولىشىپ خازان بولىدىغان ئىنساندىنمۇ؟

13ئەجەبا، كەڭ ئاسماننى يېيىپ، زېمىن ئۇلىنى سالغان،

ياراتقۇچى مەن پەرۋەردىگارنى ئۇنتۇپ قالدىڭلارمۇ؟

سىلەرنى يوقاتماقچى بولغان زالىملارنىڭ غەزىپىدىن،

ھەر ۋاقىت قورقۇپ، ھولۇقۇپلا يۈرەمسىلەر؟

قېنى ئەمدى ئۇ زالىملارنىڭ غەزىپى؟

14ئەسىردىكىلەر ئازادلىققا چىقىدۇ،

ئۇلار زىنداندا ئۆلمەيدۇ،

ئۇلار يېمەكلىككىمۇ زار بولمايدۇ.

15چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن،

مەن دېڭىز سۈيىنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىپ، دېڭىز شاۋقۇنلىرىنى پەيدا قىلالايمەن.

‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار› بۇ مېنىڭ نامىمدۇر.

16سېنىڭ جاكارلىشىڭ ئۈچۈن سۆزلىرىمنى ئاغزىڭغا سېلىپ بەردىم،

قولۇمنى ساڭا سايە قىلدىم.

بىپايان ئاسماننى يېيىپ، زېمىننىڭ ئۇلىنى سالغانمەن،

ھەمدە سىئونغا: ‹سىلەر مېنىڭ خەلقىمسىلەر› دېگەنمەن.»

يېرۇسالېمنىڭ ئازابىنىڭ ئاخىرلىشىشى

17ئويغان، ئەي يېرۇسالېم، ئويغان!

ئورنۇڭدىن دەس تۇر!

سەن قەدەھتىكى ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان،

پەرۋەردىگارنىڭ قولىدىكى ئازاب شارابىنى پاك-پاكىز ئىچىۋەتتىڭ.

18ئۆزۈڭ تۇغقان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن

سېنى يۆلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى.

ئۆزۈڭ ئۆستۈرۈپ چوڭ قىلغان شۇنچە كۆپ ئوغۇللىرىڭدىن

سېنى يېتىلەپ ماڭىدىغان بىرەرسىمۇ چىقمىدى.

19بېشىڭغا قوش ئاپەت كەلدى،

كىممۇ سەن ئۈچۈن قايغۇرار؟

ۋەيرانچىلىق، ھالاكەت، ئاچارچىلىق، ئۇرۇش ئاپىتى سېنىڭ بېشىڭغا چۈشتى،

كىممۇ ساڭا تەسەللى بېرەر؟

20ئوغۇللىرىڭ خۇددى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان بۆكەندەك،

كوچا-كوچىلاردا سۇنايلىنىپ ھوشسىز يېتىشماقتا.

پەرۋەردىگارنىڭ قاتتىق غەزىپى ۋە تەنبىھلىرى

ئۇلارنى شۇ ھالغا چۈشۈردى.

21ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت چەككەنلەر،

سىلەر مەست، لېكىن بۇ شارابنىڭ سەۋەبىدىن ئەمەس.

شۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلاركى،

22ئىگەڭلار پەرۋەردىگار،

ئۆز خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، مەن سىلەرنىڭ قولىڭلاردىن ئادەمنى ئېگىز-پەس دەسسىتىدىغان،

قەدەھتىكى ئازابقا تولغان شارابنى ئېلىۋالدىم،

ئەمدى سىلەر بۇ قەدەھتىن شاراب ئىچمەيسىلەر.

23مەن ئەمدى بۇ قەدەھنى سىلەرگە زۇلۇم سالغانلارنىڭ قولىغا بېرىمەن.

ئۇلار سىلەرگە: ‹يەردە يات، بىز ئۈستۈڭدىن دەسسەپ ئۆتىمىز!› دېگەنىدى.

سىلەر يەردە يېتىپ دۈمبەڭلارنى ئۇلارغا يول قىلىپ بەردىڭلار،

ئادەملەر ئۈستۈڭلاردىن خۇددى كوچىدا ماڭغاندەك دەسسەپ مېڭىشتى.»


52

خۇدانىڭ يېرۇسالېمنى قۇتقۇزۇشى

1ئويغان ئەي يېرۇسالېم، ئويغان،

قېنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغىن!

ئەي مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېم،

قېنى، ھەشەمەتلىك كىيىملىرىڭنى كىيگىن.

بۈگۈندىن باشلاپ خەتنىسىزلەر ۋە ناپاكلار

دەرۋازىلىرىڭغا باستۇرۇپ كەلمەيدۇ.

2ئەي يېرۇسالېم،

ئۈستبېشىڭدىكى چاڭ-توزاننى قېقىۋەتكىن.

ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئۆزۈڭنىڭ تەختىگە بېرىپ ئولتۇرغىن.

ئەي ئەسىرلىكتە قالغان سىئون خەلقى،

بوينۇڭدىكى زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلىغىن.

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەر ھەقسىز سېتىلغانىدىڭلار،

مانا ئەمدى ھەقسىز قۇتقۇزۇلىسىلەر.»

4پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «قەدىمدە خەلقىم مىسىرغا بېرىپ ياشىغانىدى، كېيىن ئاسسۇرلار ئۇلارغا زۇلۇم سالدى.» 5پەرۋەردىگار يەنە مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مەن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ خەلقىم سەۋەبسىزلا ئەسىر قىلىندى، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمدارلىرى ماختىنىپ چۇقان سېلىپ، مېنىڭ نامىمنى كۈن بويى ھاقارەت قىلماقتا. 6ئەمما، خەلقىم ھامان نامىمنى ئېتىراپ قىلىدۇ. شۇ كۈن كەلگەندە، ئۇلار ‹مانا مەن بۇ يەردىمەن› دەۋاتقانلىقىمنى بىلىدۇ.»

7تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ،

خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلگۈچىنىڭ قەدەملىرى نەقەدەر گۈزەل-ھە!

ئۇ تىنچلىقنى ئېلان قىلىدۇ،

ياخشى خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ،

نىجاتلىقنى ئېلان قىلىدۇ،

ئۇ سىئونغا: «سېنىڭ خۇدايىڭ ھۆكۈمراندۇر» دەيدۇ.

8قۇلاق سېلىڭلار، قاراۋۇللىرىڭلار ۋارقىرىماقتا،

بىردەك ئالقىش ياڭراتماقتا.

چۈنكى ئۇلار ئۆز كۆزلىرى بىلەن

پەرۋەردىگارنىڭ سىئونغا قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ.

9ئەي يېرۇسالېمنىڭ خارابىلىرى،

سىلەر ھەممىڭلار خۇشاللىق ئىچىدە تەنتەنە قىلىڭلار،

چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىدۇ،

يېرۇسالېمنى قوغدايدۇ.

10پەرۋەردىگار پۈتكۈل ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا،

ئۆزىنىڭ مۇقەددەس، قۇدرەتلىك قولىنى كۆرسىتىدۇ.

يەر يۈزىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە

ھەممە ئادەم خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

11كېتىڭلار، كېتىڭلار، بابىلدىن چىقىپ كېتىڭلار!

ناپاك نەرسىلەرگە تېگىپ كەتمەڭلەر،

ئەي پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس بۇيۇملىرىنى كۆتۈرىدىغانلار،

ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ، ئۇ يەردىن چىقىپ كېتىڭلار،

12سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ،

قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز.

چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.

پەرۋەردىگارنىڭ ئازابلانغان خىزمەتكارى

13قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارىم ھامان مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ،

ئۇ ھۆرمەتلىنىدۇ، ئىززەتلىنىدۇ ۋە ئابرۇيغا ئىگە بولىدۇ.

14نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى كۆرۈپ ھەيرەتتە قالىدۇ،

تېنى قاتتىق زەخىملەندۈرۈلگەن بولۇپ،

ئۇنىڭ سىياقى ئادەم زاتىغا ئوخشىماي قالغانىدى.

15مانا ئەمدى ئۇ نۇرغۇن ئەللەرنى ھەيرەتتە قالدۇرىدۇ*،

ئۇنى كۆرگەن پادىشاھلارمۇ ئاغزىنى ئېچىپلا قالىدۇ.

چۈنكى ئۇلار ئەزەلدىن خەۋەردار بولۇپ باقمىغان ئىشلارنى كۆرىدۇ،

ئەزەلدىن ئاڭلاپ باقمىغان ئىشلارنى بىلىدۇ.



*15ئىبرانىي تىلىدا «پاكلايدۇ» دەپمۇ چۈشىنىشكە بولىدۇ.



 

53

1بىز يەتكۈزگەن بۇ سۆزلەرگە كىم ئىشىنىدۇ؟

پەرۋەردىگارنىڭ كۈچ-قۇدرىتى كىمگە ئايان بولدى؟

2پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى خۇددى يېڭى ئۈنۈپ چىققان ئاجىز مايسىدەك،

خۇددى قۇرغاق تۇپراقتا يېتىلگەن يىلتىزدەك،

پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۆسۈپ يېتىلدى.

ئۇنىڭ بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلغۇدەك سالاپەتلىك تۇرقى،

بىز ھەۋەس قىلغۇدەك گۈزەل سىياقىمۇ يوق.

3ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى،

ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى.

كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى،

ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.

4ھالبۇكى، ئۇ بىز تارتىشقا تېگىشلىك جەبىر-جاپالارنى،

بىزنىڭ قايغۇلىرىمىزنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

لېكىن بىز بولساق «ئۇنى خۇدا جازالىدى، ئۇنى خۇدا ئۇردى،

خۇدا ئۇنىڭغا شۇنداق جەبىرلەرنى سالدى» دەپ ئويلىدۇق.

5لېكىن ئۇ بىزنىڭ ئىتائەتسىزلىكىمىز تۈپەيلىدىن يارىلاندى،

بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز سەۋەبىدىن ئېزىلدى.

ئۇنىڭ جازالىنىشى بىلەن بىز تىنچلىققا ئېرىشتۇق،

ئۇنىڭ يارىلانغان تېنى بەدىلىگە بىز شىپالىق تاپتۇق.

6ھەممىمىز خۇددى يولدىن ئازغان قويلارغا ئوخشاش،

ھەربىرىمىز ئۆزىمىز بىلگەن يوللارغا كەتتۇق.

لېكىن پەرۋەردىگار ھەممىمىزنىڭ گۇناھلىرىنى

ئۇنىڭ ئۈستىگە يۈكلىدى.

7ئۇ زۇلۇمغا ئۇچرىدى، ئازاب-ئوقۇبەت چەكتى،

لېكىن ئۇ ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.

ئۇ خۇددى بوغۇزلاشقا ئېلىپ مېڭىلغان قوزىدەك،

خۇددى يۇڭ قىرقۇغۇچىنىڭ ئالدىدا ياتقان قويدەك،

ھېچقانداق زۇۋان سۈرمىدى.

8ئۇ ناھەق تۇتۇپ كېتىلىپ، ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى،

ئۇنىڭ تەقدىرى توغرۇلۇق ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.

ئۇ خەلقىمىزنىڭ قىلغان ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن بۇ دۇنيادىن يوقىتىلدى.

9گەرچە ئۇ ھېچقانداق يامانلىق قىلمىغان بولسىمۇ،

ھېچقاچان ھىيلە-مىكىرلىك ئىشلارنى قىلمىغان بولسىمۇ،

ئۇنىڭغا جىنايەتچىلەر قاتارىدىن قەبرە بېرىلگەنىدى،

لېكىن ئۇ ئۆلگەندە، بايلار قاتارىغا قويۇلدى.

10ھالبۇكى ئۇنىڭ ئېزىلىشى، ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشى

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى،

ئۇنىڭ ھاياتى ئىنسانلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغاندىن كېيىن،

ئۇ ئۆز ئەۋلادلىرىنى كۆرىدۇ ھەمدە ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ،

پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئاشۇ خىزمەتكارى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

11ئۇ ھامان ئۆزى چەككەن جەبىر-جاپالارنىڭ مېۋىسىنى كۆرۈپ مەمنۇن بولىدۇ.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مېنىڭ ھەققانىي خىزمەتكارىمنىڭ چەككەن جەبىر-جاپالىرى ئارقىلىق

نۇرغۇنلىغان ئادەملەر ‹ھەققانىي ئادەم› دەپ ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ ئۇلارنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.

12مەن ئۇنىڭغا ئۇلۇغلار قاتارىدىن ئورۇن بېرىمەن،

ئۇ كۈچلۈكلەر بىلەن ئولجىنى تەڭ بۆلۈشىدۇ،

چۈنكى ئۇ ئۆز ھاياتىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىپ،

گۇناھكارلار قاتارىدا سانالدى.

ئۇ نۇرغۇنلىغان ئادەملەرنىڭ گۇناھىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ،

ئۇلار ئۈچۈن خۇداغا مۇراجىئەت قىلىدۇ.»


54

يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەي بالا تۇغمىغان، پەرزەنتسىز ئايال!

تەنتەنە قىلغىن،

ئەي تولغاق ئازابىنى كۆرمىگەن ئايال!

شادلىق ناخشاڭنى ياڭراتقىن،

چۈنكى تاشلاپ كېتىلگەن ئايالنىڭ بالىلىرى،

ئېرى بار ئايالنىڭ بالىلىرىدىن كۆپ بولىدۇ.

2چېدىرلىرىڭنىڭ ئورنىنى كېڭەيتكىن،

چېدىرىڭنىڭ رەختلىرىنى چوڭ يايغىن،

ھېچ نەرسىنى ئايىمىغىن،

ئارقانلارنى ئۇزۇن قىلىپ،

قوزۇقلارنى چىڭ قاققىن.

3چۈنكى سەن ھەر تەرەپكە كېڭىيىسەن،

ئەۋلادلىرىڭ ئەللەرنى زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ.

تاشلاپ كەتكەن شەھەرلەرنى ئۇلار ئاۋات قىلىدۇ.

4قورقمىغىن، چۈنكى سەن ئەمدى ئۇياتقا قالمايسەن،

خىجىل بولما، چۈنكى سەن ئەمدى شەرمەندە بولمايسەن.

سەن ياش ۋاقتىڭدىكى نومۇسلۇق ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىسەن،

تۇل ئولتۇرغان ۋاقىتلىرىڭدىكى شەرمەندىچىلىكلەرنى قايتا ئەسلىمەيسەن.

5چۈنكى مەن سېنىڭ ياراتقۇچۇڭ، سېنىڭ ئېرىڭدۇرمەن،

مېنىڭ نامىم: ‹قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار›دۇر.

مەن ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدا سېنىڭ قوغدىغۇچىڭدۇرمەن.

مەن ‹پۈتكۈل يەر يۈزىنىڭ خۇداسى› دەپ ئاتىلىمەن.

6سەن خۇددى ئېرى تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ ئازابلانغان ئايالغا ئوخشايسەن،

سەن خۇددى ياش ۋاقتىڭدىلا تاشلىۋېتىلگەن ئايالغا ئوخشايسەن،

مەن پەرۋەردىگارىڭ سېنى چاقىرتىپ كېلىمەن.

مانا بۇ مەن خۇدايىڭنىڭ سۆزلىرىدۇر.

7مەن سېنى قىسقا ۋاقىت تاشلىۋەتتىم،

لېكىن مەن قاتتىق ھېسداشلىقىم بىلەن سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن،

8مەن بىر مەزگىل قاتتىق غەزەپكە كېلىپ سەندىن يۈز ئۆرۈگەنىدىم.

مەن ئەمدى مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم بىلەن ساڭا ھېسداشلىق قىلىمەن.

مانا بۇ، سېنى قوغدايدىغان، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

9خۇددى نۇھ پەيغەمبەر دەۋرىدە

توپان بالاسىنىڭ يەر-زېمىننى قايتا غەرق قىلمايدىغانلىقىغا قەسەم قىلغىنىمدەك،

ساڭىمۇ ھېچقاچان غەزىپىمنى ياغدۇرمايمەن،

سېنى جازالىمايدىغانلىقىمغا قەسەم قىلىمەن،

10تاغلار ئورنىدىن قوزغىلىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ،

دۆڭلەر تۈزلىنىپ كېتىدىغان ئىش بولسىمۇ،

لېكىن مېنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىم سەندىن ئايرىلمايدۇ،

مېنىڭ تىنچلىق ئەھدەم ئۆزگەرمەيدۇ.

مانا بۇ، ساڭا ھېسداشلىق قىلغۇچى مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.

11ئەي، ئازاب-ئوقۇبەت تارتقان، بوران-چاپقۇنلاردا قالغان، تەسەللى تاپمىغان شەھەر يېرۇسالېم،

مەن سېنىڭ ئۇلۇڭنى ئېسىل رەڭلىك تاشلاردا قوپۇرۇپ چىقىمەن،

مەن سېنى كۆك ياقۇتلاردىن قۇرۇپ چىقىمەن.

12سېنىڭ راۋاقلىرىڭنى قىزىل ياقۇتلاردىن ياساپ چىقىمەن،

شەھەر دەرۋازىلىرىڭنى گۆھەرلەردىن ياسايمەن،

شەھەر سېپىللىرىڭنى پارقىراق ئېسىل تاشلاردىن قوپۇرۇپ چىقىمەن.

13بالىلىرىڭنىڭ ھەممىسىگە مەن پەرۋەردىگار ئۆزۈم تەربىيە بېرىمەن.

ئۇلار تىنچ-ئامان ھايات كەچۈرىدۇ.

14سەن ھەققانىيلىق بىلەن قۇرۇلغان بولىسەن،

ئەمدى ھېچكىم ساڭا زۇلۇم سالالمايدۇ،

قورقۇپ ئەندىكىپمۇ يۈرمەيسەن،

چۈنكى ئەمدى ۋەھىمە ساڭا يېقىنلىشالمايدۇ.

15ئەگەر بىراۋ ساڭا ھۇجۇم قىلماقچى بولسا،

بىلگىنكى ئۇ ھەرگىزمۇ مېنىڭ ئىرادەم ئەمەس،

ساڭا ھۇجۇم قىلغانلارنى چوقۇم مەغلۇپ قىلىسەن.

16قارا، چوغنى يالقۇنلىتىپ، قورال-ياراغ ياسايدىغان تۆمۈرچىنى مەن ياراتتىم.

ۋەيران قىلغۇچىنىمۇ مەن ياراتتىم.

17ساڭا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ياسالغان ھەرقانداق قورال غەلىبە قىلالمايدۇ،

سەن بىلەن دەۋالاشماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ دەۋاسىنى سەن يوققا چىقىرالايسەن.

بۇنداق تەلەي مەن پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارلىرىغا تەئەللۇقتۇر.

مەن ئۇلارغا غەلىبە ئاتا قىلىمەن.»

مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر.


55

خۇدا خەلقلەرنى ئۆز يولىغا چاقىرىدۇ

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كېلىڭلار، ئەي چاڭقىغانلار، سۇ ئىچىۋېلىڭلار،

كېلىڭلار، ئەي يوقسۇللار، نەرسە ئېلىپ يەڭلەر،

مەيلى شاراب ئېلىڭلار ياكى سۈت ئېلىڭلار،

ھېچقانداق ھەق تۆلىمەيسىلەر، ھەممىسى ھەقسىزدۇر.

2نېمە ئۈچۈن قۇۋۋەتسىز يېمەكلىكلەرنى سېتىۋالىسىلەر؟

نېمە ئۈچۈن جاپا-مۇشەققەتتە تاپقان پۇلۇڭلارنى سىلەرنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئورۇنسىز سەرپ قىلىسىلەر؟

سىلەر سۆزۈمگە دىققەت بىلەن قۇلاق سېلىڭلار،

شۇنداق قىلساڭلار ياخشى يېمەكلىكلەرنى يېگەن بولىسىلەر، كۆڭلۈڭلەر توق تۇرىدۇ.

3گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، يېنىمغا كېلىڭلار،

ئاڭلاڭلار، شۇنداق قىلغاندىلا ھەقىقىي ھاياتلىققا ئىگە بولىسىلەر.

مەن سىلەر بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن،

مەن داۋۇتقا ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىمنى سىلەرگىمۇ ئاتا قىلىمەن.

4بەرھەق، مەن داۋۇتنى ئەللەرنىڭ ئالدىدا ھۆكۈمران ۋە يېتەكچى سەردار قىلىپ،

ئۇ ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى نۇرغۇن ئەللەرگە نامايان قىلدىم.

5سىلەر ئۆزۈڭلار تونۇمايدىغان ئەللەرنى چاقىرىسىلەر،

سىلەرنى تونۇمايدىغان ئەللەر قېشىڭلارغا يۈگۈرۈپ كېلىدۇ،

چۈنكى مەن، ئىسرائىللارنى تاللىغان مۇقەددەس پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا،

سىلەرگە شان-شەرەپ ئاتا قىلىمەن.»

6پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ پەرۋەردىگارنى ئىزدىگىن،

ئۇ يېنىڭدىكى ۋاقتىدا پۇرسەتنى تۇتۇپ ئۇنىڭغا يېلىنغىن.

7رەزىل ئادەملەر رەزىللىك قىلىشتىن توختىسۇن،

گۇناھكار ئادەملەر يامان نىيەتلىرىدىن يانسۇن،

ئۇلار پەرۋەردىگارىمىزنىڭ يولىغا قايتسۇن،

پەرۋەردىگار ئۇلارغا رەھىمدىللىك كۆرسىتىدۇ.

ئۇلار خۇدانىڭ يولىغا قايتسۇن،

ئەپۇچان خۇدايىمىز ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرىدۇ.

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرنىڭ ئوي-پىكرىڭلار مېنىڭ ئوي-پىكرىم ئەمەس،

سىلەرنىڭ يولۇڭلار مېنىڭ يولۇم ئەمەس.

9ئاسمان يەردىن شۇنچە يۇقىرى بولغىنىدەك،

مېنىڭ يولۇممۇ، مېنىڭ ئوي-پىكىرلىرىممۇ،

سىلەرنىڭكىدىن شۇنچە يۇقىرىدۇر.

10قار-يامغۇر ئاسماندىن ياغىدۇ،

لېكىن ئۇ ھەرگىزمۇ ئاسمانغا قايتىپ كەتمەيدۇ،

بەلكى يەر-زېمىننى سۇغىرىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن يەر-زېمىندىكى ئۆسۈملۈكلەر ئۆسۈپ يېتىلىدۇ،

تېرىيدىغانلارغا ئۇرۇق بولىدۇ،

يەيدىغانلارغا ئاشلىق بولىدۇ.

11خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مېنىڭ ئاغزىمدىن چىققان سۆزمۇ

ھەرگىز بىكاردىن-بىكار قايتىپ كەتمەيدۇ.

ئەكسىچە، مېنىڭ ئىرادەم سۆزلىرىم ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ،

مېنىڭ بارلىق مەقسەتلىرىم شۇ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

12سىلەر شاد-خۇراملىق بىلەن يولغا چىقىپ،

ئامان-ئېسەنلىك ئىچىدە يېتەكلىنىسىلەر.

ئالدىڭلاردىكى تاغ-داۋانلار سىلەر ئۈچۈن تەنتەنە قىلىشىدۇ،

دالىلاردىكى دەل-دەرەخلەرمۇ سىلەرگە چاۋاك چالىدۇ.

13تىكەنلىكلەر ئورنىغا كىپارىسلار ئۆسۈپ چىقىدۇ،

ئوغرى تىكەنلەر ئورنىغا قارىغاي دەرەخلىرى ئۈنۈپ چىقىدۇ.

مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا

مەڭگۈ شان-شەرەپ كەلتۈرىدىغان بەلگىدۇر.»


56

يات خەلقلەرنىڭ خۇدانىڭ خەلقىگە قوشۇلۇشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئادالەتنى قوغداڭلار، ھەققانىي ئىشلارنى قىلىڭلار،

چۈنكى مېنىڭ نىجاتلىقىم كېلىدۇ،

ھەققانىيلىقىم ئايان بولىدۇ.

2بۇ بۇيرۇقلىرىمنى ئادا قىلىپ، ماڭا بويسۇنىدىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە،

دەم ئېلىش كۈنىنى بۇلغىماي، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىپ،

رەزىل ئىشلاردىن قولىنى تارتقانلار

نەقەدەر بەختلىك-ھە!

3ئۆزىنى پەرۋەردىگارغا بېغىشلىغان يات خەلقلەر:

‹پەرۋەردىگار مېنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىۋېتىدۇ› دېمىسۇن.

ئاختا قىلىنغان ئەرلەرمۇ ئۆزىنى: ‹مەن قاقشال دەرەخ› دەپ يۈرمىسۇن.»

4چۈنكى پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىدىغان،

مېنى خۇرسەن قىلىشنى تاللايدىغان،

ئەھدەمگە ئەمەل قىلىدىغان ئاختا قىلىنغان ئەرلەرگە،

5ئوردامدا، ئۆز ھويلامدا نام-ئاتاق، ئابىدە ئاتا قىلىمەن.

بۇ، ئوغۇل-قىزلىرى بولغاندىنمۇ ئەۋزەلدۇر.

مەن ئۇلارغا ئاتا قىلغان نام مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ، ئۇ ئۈزۈۋېتىلمەيدۇ.

6يات خەلقلەردىن بولسىمۇ، ئۆزىنى ماڭا بېغىشلىغان،

ماڭا خىزمەت قىلىدىغان ۋە مېنى سۆيىدىغانلار،

مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم بولىدۇ.

ئۇلار دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىپ، گۇناھ سادىر قىلمىسا،

ئەھدەمگە ئەمەل قىلسا،

7مەن ئۇلارنى مۇقەددەس تېغىمغا ئەكېلىپ،

دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئىبادەتخانامدا خۇشاللىققا چۆمدۈرىمەن.

ئۇلارنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلىرى

قۇربانلىق سۇپامدا قوبۇل بولىدۇ،

چۈنكى مېنىڭ ئىبادەتخانام، ‹پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى› دەپ ئاتىلىدۇ.»

8چېچىلىپ كەتكەن ئىسرائىللارنى يىغىدىغان ئىگىمىز پەرۋەردىگار دەيدۇكى:

«يەنە نۇرغۇن ئادەملەرنى يىغىپ، يىغىلغان ئۆز خەلقىمگە قوشىمەن.»

ئىسرائىللارنىڭ يولباشچىلىرىغا جازا ھۆكۈم قىلىشى

9ھەي، دالىدىكى بارلىق ھايۋانلار،

ھەي، ئورماندىكى بارچە ھايۋانلار، كېلىپ، خەلقىمنى يەپ تۈگىتىڭلار!

10ئىسرائىللارنىڭ قاراۋۇللىرى قارىغۇدۇر،

ھەممىسى بىلىمسىزدۇر.

ئۇلار قاۋاشنى بىلمەيدىغان گاچا ئىتلاردۇر،

يېتىۋېلىپ چۈش كۆرىدۇ،

ئۇلار ئۇيقۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

11بۇ ئىتلار ئاچ كۆزدۇر، تويۇشنى بىلمەيدۇ.

بۇلار ھېچنېمىنى چۈشەنمەيدىغان پادىچىلار،

ھەر كىم ئۆز پايدىسى ئۈچۈن ئۆز يوللىرىغا راۋان بولىدۇ.

12ئۇلار: «كېلىڭلار، مەن ھاراق ئەكېلەي،

قانغۇچە ھاراق ئىچەيلى،

ئەتىمۇ بۈگۈنكىگە ئوخشاش بولىدۇ،

ھەتتا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ» دەيدۇ.


57

ئىسرائىللارنىڭ بۇتپەرەسلىرىنى جازالاش

1ھەققانىيلار ئۆلۈپ كەتسە،

ھېچكىم كۆڭلىگە ئېلىپمۇ قويمايدۇ،

تەقۋادارلار ۋاپات بولسا،

ھېچكىم پىسەنت قىلمايدۇ،

ھەققانىيلار ۋاپات بولسا، بالا-قازادىن قۇتۇلىدۇ.

2ئۇلار خاتىرجەملىككە ئېرىشىدۇ،

دۇرۇس يولدا ماڭغانلار ئۆلگەندىمۇ ئارام ئالىدۇ.

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇياققا كېلىڭلار

ئەي جادۇگەرنىڭ بالىلىرى،

زىناخور ۋە پاھىشەنىڭ ئەۋلادلىرى.

4خوش، سىلەر كىملەرنىڭ ئۈستىدىن كۈلىۋاتىسىلەر؟

كىملەرگە قارشى ئېغىز ئېچىۋاتىسىلەر؟

كىملەرگە قاراپ تىلىڭلارنى چىقىرىۋاتىسىلەر؟

سىلەر ئاسىينىڭ بالىلىرى ئەمەسمۇ،

يالغانچىنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغان ئەمەسمۇ؟

5سىلەر دۇپ دەرەخلىرى ئارىسىدا، ئارچىلار ئاستىدا

بۇزۇقچىلىقىڭلار بىلەن يالغان ئىلاھىڭلارغا چوقۇنىسىلەر،

تاغ جىلغىلىرىدا، قىيا تاشلار ئاستىدا ئۆز بالىلىرىڭلارنى قۇربانلىق قىلىسىلەر.

6سىلەر جىلغىدىكى سىلىق تاشلارنى بۇت بىلىپ تېۋىنىسىلەر،

ئۇلار سىلەرنىڭ ئىنتىلگەن نېسىۋەڭلاردۇر.

سىلەر ئۇلارغا ئىچىملىك ھەدىيەلىرىنى قۇيىسىلەر،

ئۇلارغا ئاشلىق ھەدىيەلىرىنى تەقدىم قىلىسىلەر.

خوش، بۇ ئىشلار مېنى رازى قىلارمۇ؟

7سىلەر ئېگىز تاغدا بۇزۇقچىلىق قىلىپ،

ئۇ يەردە بۇتلىرىڭلارغا قۇربانلىقلارنى تەقدىم قىلىسىلەر.

8سىلەر ئىشىكىڭلارنىڭ ئارقىسىغا، ئىشىك كېشىكىڭلارغا

يىرگىنچلىك بەلگىلىرىڭلارنى قويدىڭلار.

سىلەر يۈز ئۆرۈپ، يالىڭاچلىنىپ،

سالغان ئورنىڭلارغا كىرىپ،

پاھىشىلار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىسىلەر.

ئۆزۈڭلەرنى بۇتلارغا بېغىشلىدىڭلار.

ئۇلارنىڭ كارىۋىتىغا كۆڭلۈڭلەر چۈشۈپ، يالىڭاچ تېنىدىن كۆز ئۈزمىدىڭلار.

9سىلەر نۇرغۇن ئەتىر ۋە زەيتۇن مېيىنى ئېلىپ،

مولەك ئىلاھىنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردىڭلار،

سىلەر: ‹باشقا ئىلاھلارنى تاپايلى› دەپ، يىراقلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتتىڭلار،

مۇمكىن بولسا ئۇلار ھەتتا باقىي دۇنياغىمۇ باراتتى.

10كۆپلىگەن ئىزدىنىشىڭلاردىن ھېرىپ-چارچىدىڭلار،

ئەمما سىلەر بۇنى بىھۇدە ھېس قىلمىدىڭلار،

‹يېڭى كۈچنى تاپقىلى بولىدۇ› دەپ،

ھېچ چارچاش ھېس قىلمىدىڭلار.

11كىمدىن شۇنچە قورقۇپ، ماڭا يالغان سۆزلەيدىغان بولدۇڭلار؟

مېنى ئۇنتۇدىڭلار،

مېنى خىيالىڭلارغىمۇ كەلتۈرمىدىڭلار.

مەن ئۇزاقتىن بېرى سۈكۈت قىلغانلىقىم ئۈچۈن،

مەندىن قورقمايدىغان بولدۇڭلار!

12سىلەر ئۆزۈڭلارچە توغرا دەپ بىلگەن ئاشۇ ھەققانىيلىقىڭلارنى

ۋە قىلغان ئىشلىرىڭلارنى ئېچىپ تاشلايمەن.

ئۇلار سىلەرگە قىلچە پايدا كەلتۈرمەيدۇ.

13ياردەم سوراپ پەرياد قىلغىنىڭلاردا، ئاشۇ بۇتلىرىڭلار سىلەرنى قۇتقۇزسۇن!

شاماللار ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى سۈپۈرۈپ كېتىدۇ،

بىر نەپەستىلا ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

لېكىن ماڭا تايانغانلار چوقۇم زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،

مۇقەددەس تېغىمغا ۋارىسلىق قىلىدۇ».

خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە تەسەللى بېرىشى

14پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«يول ياساڭلار، ئۇنى قۇرۇپ، تەييارلاڭلار،

خەلقىمنىڭ يولىدىكى ھەرقانداق توسالغۇنى ئېلىۋېتىڭلار!

15ئەڭ ئۇلۇغ، يۈكسەك، مەڭگۈ مەۋجۇت،

نامى مۇقەددەس بولغۇچى مەن پەرۋەردىگار مۇنداق دەيمەن:

مەن ئەڭ بۈيۈك، ئەڭ مۇقەددەس جايدا تۇرىمەن،

ۋاھالەنكى، چىن قەلبىدىن توۋا قىلغان كىچىك پېئىللار بىلەن بىللە بولىمەن،

كىچىك پېئىللارنىڭ روھىنى ئويغىتىمەن،

توۋا قىلغانلارنىڭ قەلبىنى يېڭىلايمەن.

16مەن داۋاملىق ئەيىبلەپ، مەڭگۈ غەزەپلىنىپ يۈرمەيمەن،

شۇنداق قىلغان بولسام، مەن جان ئاتا قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار ئالدىمدا روھسىزلىنىپ كېتەتتى.

17مەن ئىنساننىڭ ئاچكۆزلۈكى سەۋەبىدىن غەزىپىم كېلىپ،

ئۇنىڭغا زەربە بېرىمەن، يۈزۈمنى ئۆرۈپ غەزەپلىنىمەن.

ئەمما ئۇ يەنىلا ئۆزى بىلگەن يامان يولىدا مېڭىۋېرىدۇ.

18مەن ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىمەن،

لېكىن مەن ئۇلارنى ساقايتىپ، ئۇلارغا يول كۆرسىتىمەن،

ھازا تۇتقان كىشىلەرگە تەسەللى بېرىمەن.

19شۇنداق قىلسام، ئۇلارنىڭ لەۋلىرىدىن مەدھىيەلەر چىقىدۇ.

مەن يىراق-يېقىندىكىلەرگە خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن،

مەن ئۇلارنى ساقايتىمەن!

20لېكىن، رەزىللەر خۇددى چايقىلىۋاتقان دېڭىزدەك تىنچىمايدۇ.

تىنچىماي چايقىلىۋاتقان سۇلاردىن پاسكىنا نەرسىلەر ۋە لاتقىلار ئېتىلىپ چىقىدۇ.

21مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەن: رەزىللەر خاتىرجەملىككە ئېرىشەلمەيدۇ!»


58

پاك ۋە ھەقىقىي روزا

1پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى:

«يۇقىرى ئاۋازدا سۈرەن سال، توختاپ قالما،

ئاۋازىڭ ياڭراق بولسۇن، خۇددى بۇرغا چالغاندەك،

خەلقىمگە ئۆزىنىڭ ئىتائەتسىزلىكلىرىنى كۆرسەت.

ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى بايان قىل.

2ئۇلار ھەر كۈنى مەندىن ئۆتۈنىدۇ،

‹سېنىڭ ئەمرلىرىڭنى ئۆگىنىمىز!› دەيدۇ.

خۇددى توغرا يولدا ماڭغان خەلقتەك،

مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمدىن ئايرىلىپ باقمىغاندەك،

ئۇلار مەندىن ئادالەتنىڭ ھۆكۈمىنى سورايدۇ،

ئۇلار ئۆزلىرىنى ماڭا يېقىنلىشىشنى خالايدىغاندەك كۆرسىتىدۇ.

3ئۇلار ماڭا: ‹سەن بىزنىڭ روزا تۇتقىنىمىزنى نېمىشقا كۆرمەيسەن؟

بىز تاماق يېمەي جاپا چەكسەك، نېمىشقا پەرۋا قىلمايسەن؟› دەپ سورايدۇ.

قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا شەخسىي مەنپەئەتىڭلارنى ئويلايسىلەر،

سىلەر ئۈچۈن جاپالىق ئىشلىگەن كىشىلەرنى ئېزىسىلەر.

4قاراڭلار، سىلەر روزا تۇتتىڭلار، لېكىن روزا تۇتۇپ تۇرۇپ، يەنىلا جەڭگى-جېدەل قىلىپ،

قەبىھلىك بىلەن ئادەم ئۇرىسىلەر.

سىلەرنىڭ بۇنداق روزا تۇتۇشىڭلار ئاۋازىڭلارنىڭ ئەرشكە يېتىپ بېرىشىغا مۇمكىنچىلىك بېرەمدۇ؟

5مەن مۇشۇنداق روزا تۇتۇشىڭلارنى تەلەپ قىلغانمۇ؟

مەن سىلەرنىڭ تاماق يېمەي جاپا چېكىشىڭلارنىلا تەلەپ قىلغانمۇ؟

ئەجەبا مەن ئادەملەرنى قومۇشلاردەك باش ئېگىپ،

كاناپتىن تىكىلگەن ماتەملىك كىيىم كىيىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە يېتىڭلار دېدىممۇ؟

سىلەر بۇنى روزا تۇتۇش دەپ ئويلامسىلەر؟

مەن پەرۋەردىگار بۇنىڭدىن خۇرسەن بولامدىمەن؟

6مېنى خۇرسەن قىلىدىغان روزا،

رەزىللىكنىڭ ئارغامچىسىنى بوشىتىش بولماستىن،

ئېزىلگەنلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈپ،

بويۇنتۇرۇقنىڭ تانىسىنى يېشىپ تاشلاش،

بارلىق بويۇنتۇرۇقلارنى چېقىپ تاشلاش ئەمەسمىدى؟

7يېمەكلىكلىرىڭلارنى ئاچلارغا بۆلۈپ بېرىش،

سەرگەردانلارنى ئۆيۈڭلەردە قوندۇرۇش،

يالىڭاچلارغا كىيىم كىيىدۈرۈش ئەمەسمىدى؟

تۇغقانلىرىڭلاردىن يۈز ئۆرۈمەي، بەلكى ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئەمەسمىدى؟

8شۇنداق قىلساڭلار، تاڭ نۇرى سىلەرنى يورۇتۇپ،

تېزلىكتە شىپالىق تاپاتتىڭلار.

ھەققانىيلىقىڭلار ئۆز ھەمراھىڭلار بولۇپ، سىلەرنى يېتەكلەپ ماڭغان بولاتتى،

پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سىلەرنىڭ ئارقا تىرىكىڭلار بولاتتى.

9شۇ چاغدا سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارغا پەرۋەردىگار جاۋاب بېرەتتى،

سىلەر ئىلتىجا قىلساڭلارلا ئۇ: ‹مەن بۇ يەردە› دەيتتى.

ئاراڭلاردىكى ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى،

دېۋەيلەيدىغان قوللارنى ۋە تۆھمەتلەرنى ئېلىپ تاشلىساڭلار،

10ئاچلارغا شاپائەت كۆرسەتسەڭلار،

جاپا-مۇشەققەتتىكى ئادەملەرگە ياردەم قىلساڭلار،

قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدىغان نۇر بولىسىلەر،

تۈنلىرىڭلار چىڭقى چۈشتەك بولىدۇ.

11ھەر دائىم مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە يول كۆرسىتىمەن،

قاقاس يەرلەردىمۇ ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىمەن

ھەم ئۇستىخىنىڭلارنى مەزمۇت قىلىمەن.

سىلەر خۇددى سۇغۇرۇلغان بىر باغ،

ھەم سۈيى تۈگىمەس بىر بۇلاقتەك بولىسىلەر.

12خەلقىڭلاردىن ئادەملەر چىقىپ، كونا خارابىلىكىڭلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىدۇ،

بۇرۇنقى ئۇللارنىڭ ئۈستىگە ئۆيلەرنى سالىدۇ.

سىلەر ‹سېپىللارنى رېمونت قىلغۇچى› ۋە ‹مەھەللىلەرنى ياسىغۇچى› دەپ ئاتىلىسىلەر.

13سىلەر دەم ئېلىش كۈنىنى ئاياغ ئاستى قىلماڭلار،

مېنىڭ مۇقەددەس كۈنۈمدە ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار.

دەم ئېلىش كۈنىنى، ‹بىر خۇشاللىق كۈن› دەپ بىلىپ،

پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس كۈنىنى قەدىرلىشىڭلار كېرەك.

ئۆزۈڭلار خالىغانچە ئىش قىلماڭلار،

ئۆز ئىشلىرىڭلار بىلەن بەند بولماڭلار

قۇرۇق پاراڭ سالماڭلار،

بۇ كۈننى ھۆرمەتلىشىڭلار كېرەك.

14شۇنداق قىلساڭلار مەندىن خۇشاللىق تاپىسىلەر.

مەن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مول بەرىكەتلەر ئاتا قىلىمەن،

ھەم سىلەرنى ئەجدادىڭلار ياقۇپنىڭ مۈلۈكىدىن بەھرىمەن قىلىمەن.»

بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزى ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


59

يەشايا پەيغەمبەرنىڭ خەلقنىڭ جىنايەتلىرىنى ئەيىبلىشى

1قارا، پەرۋەردىگارنىڭ قولى قۇتقۇزالمىغۇدەك قىسقا ئەمەس،

قۇلىقى ئاڭلىيالمىغۇدەك گاس ئەمەس.

2لېكىن گۇناھلىرىڭلار سىلەرنى خۇدا بىلەن ئايرىپ تۇرۇۋاتىدۇ،

گۇناھلىرىڭلار تۈپەيلىدىن خۇدا سىلەردىن يۈز ئۆرۈدى،

ئۇ سىلەرنىڭ ئىلتىجالىرىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ.

3قوللىرىڭلار قان بىلەن،

بارماقلىرىڭلار جىنايەت بىلەن بۇلغانغاندۇر.

ئاغزىڭلار يالغانچىلىققا تولغان بولۇپ،

تىلىڭلاردىن رەزىل سۆزلەرلا چىقىدۇ.

4ھېچكىم دۇرۇس نىيەت بىلەن ئەرز قىلمايدۇ،

ھەم ھېچكىم سەمىمىيەت بىلەن ئاقلىمايدۇ،

ئەكسىچە ئويدۇرمىغا تايىنىپ، يالغان سۆزلەيدۇ،

يامانلىققا ھامىلىدار بولۇپ، گۇناھ تۇغىدۇ.

5ئۇلار زەھەرلىك يىلاننىڭ تۇخۇمىنى تۇغىدۇ،

ئۆمۈچۈك تورىنى توقۇيدۇ.

بۇ تۇخۇمنى يېگەنلەر چوقۇم ھالاك بولىدۇ،

تۇخۇم يېرىلسا يىلان چىقىدۇ.

6توقۇغان تورلىرى كىيىم بولۇشقا يارىمايدۇ،

توقۇلغان نەرسىلەر ھېچكىمنىڭ ئۈستىنى ياپالمايدۇ.

ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى رەزىللىكتۇر،

قىلغان ئىشلىرى زوراۋانلىقتۇر.

7ئۇلارنىڭ پۇتلىرى رەزىللىككە تېز يۈگۈرەيدۇ،

بىگۇناھلارنىڭ قانلىرىنى تېز ئاققۇزىدۇ.

ئۇلارنىڭ خىياللىرى رەزىللىككە تولغان بولۇپ،

قەيەرگىلا بارسا ھالاكەت ۋە ۋەيرانچىلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

8ئۇلار تىنچلىق يولىنى بىلمەيدۇ،

قىلغان ئىشلىرى ئادالەتسىزلىكتۇر.

ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەگرى يول ياسايدۇ،

بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ھەممىسى تىنچلىقنى بىلمەيدۇ.

ئىسرائىللارنىڭ ئۆز گۇناھلىرىنى تونۇپ يېتىشى

9شۇ سەۋەبتىن ئادالەت خەلقىمىزدىن بەك يىراقتىدۇر،

ھەققانىيەت بىزنى قوغلاپ يېتىشەلمەيدۇ.

بىز نۇرغا موھتاجمىز، بىراق پەقەت قاراڭغۇلۇق مەۋجۇتتۇر.

بىز نۇرغا تەلپۈنىمىز، بىراق قاراڭغۇلۇقتا ياشايمىز.

10بىز خۇددى قارىغۇلاردەك تامنى سىلايمىز،

خۇددى ئەما ئادەمدەك ئەتراپىمىزنى ئىزدەيمىز.

چۈش ۋاقتىدىمۇ پۇتلىشىمىز خۇددى شام ۋاقتىدىكىدەك،

كۈچتۈڭگۈرلەر ئارىسىدا بىز خۇددى ئۆلۈك ئادەمگە ئوخشايمىز.

11بىز ھەممىمىز خۇددى ئېيىقتەك ھۆركىرەپ،

كەپتەردەك بۇقۇلداپ،

ئادالەتنى ئىستەيمىز، لېكىن ئېرىشەلمەيمىز،

نىجاتلىقنى ئىستەيمىز، لېكىن ئۇ يىراقتىدۇر.

12ئالدىڭدا ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكىمىز كۆپەيمەكتە،

گۇناھلىرىمىز گۇۋاھلىق بېرىپ، ئۈستىمىزدىن شىكايەت قىلماقتا،

بىز ئاسىيلىق بىلەن بىرگىمىز.

گۇناھلىرىمىزنى ھەممىمىز بىلىمىز:

13ئۇ بولسىمۇ پەرۋەردىگارغا ئاسىيلىق قىلىش، ئۇنى ئىنكار قىلىشتۇر،

خۇدايىمىزغا ئەگەشمەيمىز،

ئاغزىمىز زۇلۇم سېلىشنى ۋە ئاسىيلىقنى سۆزلەيدۇ،

كۆڭۈلدىكى يالغانچىلىقلار خالىغانچە چىقىدۇ.

14ئادالەت چېكىندى،

ھەققانىيەت يىراقتا،

سەمىمىيەت مەيداندا يىقىلىپ چۈشكەن،

ئادىللىق كېلەلمەيدۇ.

15سەمىمىيەت ئازلىغان،

ئۆزىنى رەزىللىكتىن يىراق قىلغان ئادەم باشقىلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىدۇ.

خۇدا ئەۋەتمەكچى بولغان قۇتقۇزغۇچى

پەرۋەردىگار بۇلارنى كۆرۈپ، خۇشال بولمايدۇ،

چۈنكى ئادالەت يوقتۇر.

16پەرۋەردىگار ئادالەت ئۈچۈن ئۆتۈنىدىغان ئادەمنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ،

ھەيران قالىدۇ،

شۇڭا ئۇ ئۆزى كېلىپ، ئۆز قولى بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزىدۇ،

ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى ئۇلارنى قۇتقۇزۇشقا تۈرتكە بولىدۇ.

17ئۇ ھەققانىيلىقنى ساۋۇت،

قۇتقۇزۇش قۇدرىتىنى دۇبۇلغا،

قىساسنى كىيىم،

قىزغىنلىقنى تون قىلىپ كىيىدۇ.

18ئۇ ھەر كىمنىڭ قىلمىشىغا قاراپ قايتۇرىدۇ،

دۈشمەنلىرىگە غەزەپلىنىدۇ،

ئۇلارنى جازالايدۇ،

يىراق ئارالدىكىلەرگىمۇ قىلمىشىغا يارىشا قايتۇرىدۇ.

19كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن.

پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.

20پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بىر قۇتقۇزغۇچى چوقۇم سىئونغا كېلىدۇ،

ئۇ ياقۇپ ئەۋلادلىرى ئىچىدىكى گۇناھتىن قول ئۈزگەنلەرگە كېلىدۇ.»

21پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن بىلەن ئۇلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن ئەھدە مۇنداقتۇر: ساڭا ئاتا قىلغان روھىم، ئاغزىڭغا سالغان سۆزلىرىم ئاغزىڭدىن ئايرىلمايدۇ، ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئاغزىدىن ئايرىلمايدۇ، بۈگۈندىن تارتىپ مەڭگۈگە ئايرىلمايدۇ.»

بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


60

يېرۇسالېمنىڭ كەلگۈسىدىكى شان-شەرىپى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

ئەي يېرۇسالېم، ئورنۇڭدىن تۇر، پارلا! چۈنكى سېنىڭ نۇرۇڭ يېتىپ كەلدى!

مەن پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپى سېنى يورۇتماقتا.

2قارا، زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ،

ئەلنى زۇلمەت باسىدۇ،

لېكىن مەن پەرۋەردىگار سېنى يورۇتىمەن،

مېنىڭ شان-شەرىپىمنىڭ نۇرى ئۈستۈڭگە چېچىلىدۇ.

3ئەللەر بۇ نۇرنى كۆرۈپ يېنىڭغا كېلىدۇ،

پادىشاھلارمۇ سەن چاچقان نۇرغا قاراپ كېلىدۇ.

4ئەي يېرۇسالېم، تۆت ئەتراپىڭغا باق،

خەلقلەر يېنىڭغا كېلىپ يىغىلىۋاتىدۇ.

ئوغۇللىرىڭ يىراقتىن كېلىدۇ،

كىچىك قىزلىرىڭمۇ قوللاردا كۆتۈرۈپ كېلىنىدۇ.

5ئۇ چاغدا كۆزلىرىڭ خۇشاللىقتىن چاقنايدۇ،

يۈرىكىڭ شادلىقتىن تېپچەكلەيدۇ،

چۈنكى، دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىدىن بايلىقلار ساڭا ئېلىپ كېلىنىدۇ،

ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا تەۋە بولىدۇ.

6يوللىرىڭغا تۆگە كاراۋانلىرى بېسىپ كېلىدۇ،

مىديان ۋە ئېفاھنىڭ ياش تۆگىلىرى زېمىنىڭغا تولۇپ كېتىدۇ،

شىبانىڭ ئادەملىرىمۇ كېلىدۇ،

ئۇلار ئالتۇن ۋە خۇشبۇي بۇيۇملارنى تارتۇق قىلىپ،

مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيەلەرنى ئوقۇيدۇ.

7قېدارنىڭ قويلىرى يېنىڭغا توپ-توپ بولۇپ يىغىلىدۇ،

نىبايوتنىڭ قوچقارلىرى قۇربانلىق قىلىشقا تاپشۇرۇلىدۇ،

مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامدا قىلغان قۇربانلىقىڭ قوبۇل بولىدۇ،

مەن شەرەپلىك ئىبادەتخانامنى چوقۇم شەرەپلىك قىلىمەن.

8بۇلۇتتەك لەيلەپ كېلىۋاتقان،

كەپتەردەك ئۇۋىسىغا قاراپ ئۇچۇپ كېلىۋاتقان كىم؟

9ئاراللار ماڭا ئۈمىدىنى باغلاپ، ماڭا ئىنتىزار بولماقتا،

ئۇلارنىڭ يىراقتىكى تارشىشتىن كېلىدىغان كاتتا كېمىلىرى باشلامچى بولۇپ،

پەرزەنتلىرىڭنى ھەم ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى يىراقتىن ئەكەلمەكتە،

ئۇلار شۇنداق قىلىپ، مەن پەرۋەردىگارىڭنى،

يەنى ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانى ھۆرمەتلەيدۇ،

چۈنكى مەن پەرۋەردىگار سېنى شان-شەرەپكە ئېرىشتۈردۈم.

10يات خەلقلەر شەھەر سېپىللىرىڭنى قايتىدىن ياسايدۇ،

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرى ساڭا خىزمەت قىلىدۇ.

مەن غەزەپلىنىپ، سېنى جازالىغانىدىم،

لېكىن بۈگۈن ساڭا ئىچىم ئاغرىپ، شەپقەت كۆرسەتمەكتىمەن.

11شەھەر دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ،

كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ،

ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئەكېلىپ بېرىلىدۇ،

ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ.

12ساڭا خىزمەت قىلمىغان پادىشاھلىقلار يوقىلىدۇ،

ئۇنداق ئەللەر پۈتۈنلەي ھالاك بولىدۇ.

13لىۋاننىڭ شان-شەرىپى بولغان

قارىغايلار، شەمشادلار، كىپارىسلار ساڭا مەنسۇپ بولۇپ،

مۇقەددەس ئىبادەتخانامنى بېزەيدىغانغا ئىشلىتىسەن،

مەن دەسسەپ تۇرغان يېرىمنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.

14سېنى ئەزگەنلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلىدۇ،

سېنى كەمسىتكەنلەر سېنىڭ پۇتۇڭغا باش قويىدۇ.

ئۇلار سېنى «پەرۋەردىگارنىڭ شەھىرى»،

ئىسرائىل خەلقىنى تاللىغان مۇقەددەس خۇدانىڭ شەھىرى _ «سىئون» دەپ ئاتايدۇ.

15گەرچە سەن بۇرۇن تاشلىۋېتىلگەن، نەپرەتكە ئۇچرىغان،

ھەتتا زېمىنىڭدىن ھېچكىم ئۆتمەيدىغان جاي بولساڭمۇ،

لېكىن مەن سېنى مەڭگۈلۈك شان-شۆھرەتكە،

ئەۋلادمۇئەۋلاد خۇشاللىققا ئىگە قىلىمەن.

16پۈتكۈل ئەللەر سەندىن خەۋەر ئالىدۇ،

پادىشاھلار سېنى ئانىلاردەك ئېمىتىپ باقىدۇ.

شۇندىلا سەن مېنى _ سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ بولغان پەرۋەردىگارىڭنى بىلىسەن،

سېنىڭ قوغدىغۇچىڭ، ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان ھەممىگە قادىر خۇدادۇر.

17تۇچنىڭ ئورنىغا ئالتۇن،

تۆمۈرنىڭ ئورنىغا كۈمۈش،

ياغاچنىڭ ئورنىغا تۇچ،

تاشنىڭ ئورنىغا تۆمۈر ھەدىيە قىلىمەن.

ئامانلىقنى يېتەكچىڭ،

ھەققانىيلىقنى نازارەتچىڭ قىلىمەن.

18زېمىنىڭ ئەمدى قەبىھ ئىشلاردىن خەۋەر تاپمايدۇ،

چېگرايىڭ ئىچىدە ئەمدى بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەيرانچىلىق غوۋغالىرى ئاڭلانمايدۇ.

تاملىرىڭنى «نىجاتلىق»،

دەرۋازىلىرىڭنى «مەدھىيە» دەپ ئاتايسەن.

19قۇياش كۈندۈزى نۇرۇڭ بولمايدۇ،

ئايمۇ سېنى يورۇتمايدۇ،

پەقەت مەن پەرۋەردىگارلا سېنىڭ نۇرۇڭ بولىمەن.

مەن خۇدا سېنىڭ شان-شەرىپىڭ بولىمەن.

20سېنىڭ قۇياشىڭ پاتماستۇر،

ئېيىڭمۇ يوقالماستۇر.

چۈنكى پەرۋەردىگار سېنىڭ مەڭگۈلۈك نۇرۇڭ بولىدۇ،

ئازابلىق كۈنلىرىڭ ئاخىرلىشىدۇ.

21خەلقىڭنىڭ ھەممىسى ھەققانىي بولىدۇ،

مەڭگۈلۈك زېمىنغا ئىگە بولىدۇ،

ئۇلار مەن تىككەن مايسا، قولۇمنىڭ ھۈنىرى بولۇپ،

مېنىڭ شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىدۇ.

22سانى ئازلىرى چوڭ مىللەتكە ئايلىنىدۇ،

ئاجىزلىرى كۈچلۈك ئەل بولىدۇ،

مەن پەرۋەردىگار ۋاقتى كەلگەندە بۇ ئىشنى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرىمەن.


61

قۇتقۇزۇلۇشنىڭ خۇش خەۋىرى

1ئىگەم پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا،

چۈنكى پەرۋەردىگار مېنى كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشكە تاللىدى،

قەلبى جاراھەتلەنگەنلەرگە شىپاللىق بېرىشكە ئەۋەتتى.

تۇتقۇنلارغا: «ئازاد بولىسىلەر!» دەپ جاكارلاشنى،

گۇناھقا باغلانغانلارنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلىشقا ئەۋەتتى.

2پەرۋەردىگارنىڭ شەپقەت يەتكۈزىدىغان يىلىنى،

ۋە خۇدايىمىزنىڭ قىساس ئالىدىغان كۈنىنى جاكارلاپ،

ھەسرەتلەنگەنلەرگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتتى.

3سىئوندىكى ماتەم تۇتقانلارنىڭ ھەسرەت كۈلىنىڭ ئورنىغا ھەشەمەتلىك تاجنى،

ماتەمنىڭ ئورنىغا خۇشاللىق مېيىنى،

مەيۈس روھنىڭ ئورنىغا ھەمدۇسانا تونلىرىنى بېرىدىغانلىقىنى يەتكۈزۈشكە ئەۋەتتى.

ئۇلار «ھەققانىيلىق دەرەخلىرى» دەپ ئاتىلىدۇ،

پەرۋەردىگارنىڭ شان-شەرىپىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن،

ئۇلارنى پەرۋەردىگار كۆچەت قىلىپ تىككەندۇر.

4ئۇلار كونا خارابىلەرنى ئوڭشاپ،

قاقاسلىشىپ كەتكەن جايلارنى قۇرۇپ چىقىدۇ،

بۇرۇندىن ۋەيران قىلىنغان شەھەرلەرنى قايتا ياساپ چىقىدۇ.

5ئۇ چاغدا ياقا يۇرتلۇقلار قويىڭلارنى باقىدۇ،

ياتلار يېرىڭلارنى تېرىيدۇ،

ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى ياسايدۇ.

6لېكىن سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ روھانىيلىرى»،

«خۇدايىمىزنىڭ خىزمەتكارلىرى» دەپ ئاتىلىسىلەر.

سىلەر ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىدىن بەھرىمەن بولىسىلەر،

ئۇلارنىڭ بايلىقلىرىدىن خۇشال بولىسىلەر.

7خورلۇقىڭلار ئورنىغا ئىككى ھەسسە بەختكە ئېرىشىسىلەر،

سىلەر بۇرۇن خورلانغانىدىڭلار، ئەمدى ئۈلۈشىڭلاردىن شادلىنىسىلەر.

سىلەر زېمىنىڭلاردا ئىككى ھەسسە ئارتۇق مال-مۈلۈككە ئىگە بولىسىلەر،

مەڭگۈلۈك خۇشاللىق سىلەرگە مەنسۇپ بولىدۇ.

8«چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئادالەتنى ياخشى كۆرىمەن،

بۇلاڭچىلىقنى ۋە رەزىللىكنى ئۆچ كۆرىمەن،

مەن ساداقەتلىك بىلەن خەلقىمگە جاۋاب قايتۇرىمەن،

مەن خەلقىم بىلەن مەڭگۈلۈك ئەھدە تۈزىمەن.

9ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى ھەممە ئەللەر بىلىدىغان بولىدۇ،

ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئەللەرنىڭ ئارىسىدا تونۇلىدۇ،

ئۇلارنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگار بەخت ئاتا قىلغان خەلق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.»

10مەن پەرۋەردىگاردىن ئىنتايىن خۇشاللىنىمەن،

يۈرىكىم خۇدادىن خۇشاللىق تاپىدۇ،

چۈنكى ئۇ نىجاتلىقنى ماڭا چاپان قىلىپ كىيگۈزدى،

ھەققانىيلىقنى تون قىلىپ ياپتى.

خۇددى تويى بولغان يىگىت بېشىغا روھانىينىڭ ئېسىل باش كىيىمىنى كىيگەندەك،

ھەم تويى بولغان قىز زىبۇ-زىننەت تاقىغاندەك خۇشاللىنىمەن.

11تۇپراق مايسىنى ئۈندۈرگەندەك،

باغ تېرىغاننى ئۆستۈرگەندەك،

پەرۋەردىگارمۇ ئوخشاشلا،

ھەققانىيلىقنى ئۆستۈرىدۇ، بارلىق ئەللەر ئۇنى مەدھىيەلەيدۇ.


62

يېرۇسالېمنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى

1مەن سىئون ئۈچۈن سۈكۈت قىلالمايمەن،

ئۇنىڭ ھەققانىيلىقى خۇددى نۇردەك چاقنىمىغۇچە،

ئۇنىڭ قۇتقۇزۇلۇشى مەشئەلدەك يانمىغۇچە،

يېرۇسالېم ئۈچۈن جىم تۇرالمايمەن.

2ئەي يېرۇسالېم، ھەممە ئەللەر سېنىڭ ھەققانىيلىقىڭنى،

ھەممە پادىشاھلار شان-شەرىپىڭنى كۆرىدۇ.

سەن يېڭى نامغا ئىگە بولىسەن،

بۇ نامنى پەرۋەردىگار ئۆز ئاغزى بىلەن قويىدۇ.

3سەن پەرۋەردىگارنىڭ قولىدا ئېسىل تاجغا،

خۇدانىڭ ئالىقىنىدا خاننىڭ سەللىسىگە ئايلىنىسەن.

4سەن ئەمدى «تاشلاندۇق» ئەمەس،

يېرىڭمۇ «خارابىلىق» دەپ ئاتالمايدۇ،

سەن «مېنىڭ خۇشاللىقىم» دەپ ئاتىلىسەن،

يېرىڭ «تۇرمۇشقا چىققان» دەپ ئاتىلىدۇ،

چۈنكى پەرۋەردىگار سەندىن خۇشال بولۇپ،

يېرىڭنى ياتلىق قىلىدۇ.

5ياش يىگىت يېڭى كېلىن بىلەن توي قىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياشىغاندەك،

سېنىڭ خەلقىڭمۇ يېرىڭدە ياشايدۇ.

يېڭى توي قىلغان يىگىت توي قىلغان قىزىدىن قانداق خۇشال بولغان بولسا،

سېنىڭ خۇدايىڭمۇ سەندىن شۇنداق خۇشال بولىدۇ.

6ئەي يېرۇسالېم، مەن سېنىڭ شەھەر سېپىلىڭنىڭ ئۈستىگە قاراۋۇللار قويدۇم.

ئۇلار كېچە-كۈندۈز توختىماستىن دۇئا قىلىدۇ.

ئەي پەرۋەردىگارغا ئىلتىجا قىلىدىغانلار، ئارام ئالماڭلار،

7ھەم ئۇنىمۇ ئارام ئالدۇرماڭلار،

تاكى ئۇ يېرۇسالېمنى قۇرۇپ بولغۇچە ئارام ئالمىسۇن،

يېرۇسالېمنى زېمىندىكى ئىنسانلارنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر قىلسۇن.

8پەرۋەردىگار قۇدرەتلىك ئوڭ قولىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، قەسەم قىلىپ:

«مەن ئەمدى زىرائەتلىرىڭنى دۈشمىنىڭگە ئوزۇقلۇق بولۇشقا بەرمەيمەن،

يات خەلقلەرمۇ ئەمدى سېنىڭ جاپا تارتىپ چىقارغان يېڭى شارابلىرىڭنى ئىچەلمەيدۇ.

9پەقەت ھوسۇل يىغقانلارلا ھوسۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ ھەم پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەيدۇ،

ئۈزۈم يىغقۇچىلارلا مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا ئۈزۈم شارابىنى ئىچەلەيدۇ.» دەيدۇ.

10چىقىڭلار! شەھەر دەرۋازىلىرىدىن چىقىڭلار!

پۇقرالار ئۈچۈن يول ھازىرلاڭلار!

سىلەر ياساڭلار، يول ياساڭلار!

تاشلارنى ئېلىپ تاشلاڭلار!

خەلق ئۈچۈن تۇغ تىكلەڭلار!

11مانا ئەمدى، پەرۋەردىگارنىڭ جاكارلىغانلىرى پۈتۈن دۇنياغىچە يېتىپ بارىدۇ:

«سىلەر ئەزىز سىئون خەلقىگە مۇنداق دەڭلار:

‹قارا، سېنىڭ قۇتقۇزغۇچىڭ كەلمەكتە،

قارا، ئۇ مۇكاپاتى بىلەن كەلمەكتە.›

12سىلەر ‹مۇقەددەس خەلق›، ‹پەرۋەردىگار قوغدىغان خەلق› دەپ ئاتىلىسىلەر،

يېرۇسالېم ‹ئەتىۋارلانغۇچى›، ‹تاشلىۋېتىلمىگەن شەھەر› دەپ ئاتىلىدۇ.»


63

پەرۋەردىگارنىڭ ئىمانسىز خەلقلەرنى جازالىشى

1ئىدومدىكى بوزرادىن كېلىۋاتقان،

قىزىل بويالغان تون كىيگەن،

گۈزەل ياسانغان، چەكسىز قۇدرەتلىك،

چوڭ قەدەملەر بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىم؟

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئۇ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن

غەلىبەمنى جاكارلايمەن،

مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا قادىرمەن.»

2كىيىملىرىڭ نېمىشقا قىزىل بويالغان؟

ئۇلار نېمىشقا شاراب كۆلچىكىدە ئۈزۈم يانجىغۇچىلارنىڭكىگە ئوخشاپ قالدى؟

3پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن شاراب كۆلچىكىدە ئۆزۈم يالغۇز ئۈزۈم يانجىدىم،

ھېچكىم مەن بىلەن بىرگە بولمىدى.

مەن غەزەپلىنىپ، دۈشمەنلىرىمنى يانجىدىم،

قەھرىم تېشىپ، رەقىبلىرىمنى چەيلىدىم.

ئۇلارنىڭ قانلىرى كىيىم-كېچەكلىرىمگە چاچراپ،

كىيىملىرىمنىڭ ھەممە يېرىنى بۇلغىدى.

4چۈنكى قىساس ئالىدىغان كۈن قەلبىمدە ئىدى،

ئىنتىقام ئالىدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلگەنىدى.

5قارىسام، ھېچكىم ئۇلارغا ياردەم قىلمىدى،

بەكلا ھەيران بولدۇم، چۈنكى ھېچكىم ئۇلارنى يۆلىمىدى.

شۇڭا ئۆز بىلىكىم بىلەن ئۇلارنى قۇتقۇزدۇم،

قەھرىم ماڭا مەدەت بولدى.

6غەزىپىم ئىمانسىز خەلقلەرنى چەيلىدى،

قەھرىم ئۇلارنى مەست قىلدى،

قانلىرى يەرگە تۆكۈلدى.»

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە ئىچ ئاغرىتىشى

7مەن، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى بايان قىلىمەن،

ئۇنىڭ قىلغان ئىشلىرى ئۈچۈن ئۇنى مەدھىيەلەيمەن.

چۈنكى ئۇ بىز ئۈچۈن ئاجايىپ زور ئىشلارنى قىلغان،

ئۇ بىز ئىسرائىللار ئۈچۈن شۇنچىلىك كۆپ شاپائەتلىك ئىشلارنى قىلغان.

پەرۋەردىگار ئۆز شاپائىتى ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتى بىلەن بۇ ئىشلارنى قىلغان.

8پەرۋەردىگار مۇنداق دېگەن: «پەقەت ئۇلارلا مېنىڭ خەلقىم،

مەندىن يۈز ئۆرۈمەيدىغان پەرزەنتلىرىمدۇر».

شۇڭا پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى بولدى.

9ئۇلار ئازاب چەككەندە،

ئۇمۇ ئۇلار بىلەن تەڭ ئازاب چەكتى،

ئۆز پەرىشتىسىنى ئۇلارنى قوغداشقا ئەۋەتتى.

ئۇ مۇھەببىتى ۋە ئىچ ئاغرىتىشى بىلەن ئۇلارنى قوغدىدى.

بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ئۇلارنى كۆتۈرۈپ ماڭغانىدى.

10لېكىن ئۇلار ئاسىيلىق قىلىپ، ئۇنىڭ مۇقەددەس روھىنى ئازابلىدى.

شۇڭا ئۇ ئۇلارنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، ئۇلارغا ئۆزى زەربە بەردى.

11شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ خەلقى مۇسانىڭ ھايات ۋاقىتلىرىنى ئەسلىرىگە ئېلىشتى:

«خەلقنى مۇسانىڭ يېتەكچىلىكىدە دېڭىزدىن ئۆتكۈزگەن پەرۋەردىگار قېنى؟

مۇقەددەس روھنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەن پەرۋەردىگار قېنى؟

12قۇدرەتلىك قول مۇسانىڭ ئوڭ يېنىدا ھەرىكەت قىلاتتى،

ئۇ خەلقنىڭ ئالدىدىكى دېڭىز سۈيىنى ئىككىگە ئايرىپ،

ئۆزىنىڭ مەڭگۈلۈك نامىنى قالدۇرغانىدى.

13ئۇلارنى چوڭقۇر سۇلاردىن باشلاپ ئۆتكۈزگۈچى ھازىر قەيەردە؟

ئۇ چاغدا ئۇلار خۇددى تۈزلەڭلىكتە چاپقان ئاتلاردەك ھېچ پۇتلاشمىغانىدى.

14كالىلار تىنچ جىلغىدا ئوتلىغاندەك،

پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۆز خەلقىگە ئاراملىق بەرگەنىدى،

پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.»

خۇدادىن شاپائەت تىلەپ ئۆتۈنۈش

15ئى پەرۋەردىگار، ئەرشتىن بىزگە نەزەر سال!

مۇقەددەس، شەرەپلىك ماكانىڭدىن نەزەر سال.

سېنىڭ قىزغىنلىقىڭ، ھەممىگە قادىرلىقىڭ نەگە كەتتى؟

سېنىڭ بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىڭ ۋە شاپائىتىڭ توختاپ قالدىغۇ؟

16گەرچە ئەجدادىمىز ئىبراھىم ۋە ياقۇپ بىزنى ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ،

لېكىن سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىزسەن،

قەدىمدىن بۇيان «قوغدىغۇچىمىز» ئاتىلىپ كېلىۋاتىسەن.

17ئى پەرۋەردىگار، سەن نېمىشقا بىزنىڭ يولۇڭدىن ئېزىشىمىزغا يول قويىسەن،

قەلبىمىزنى تاش قىلىپ، ساڭا ھۆرمەت قىلمىسۇن دەمسەن؟

ئۆتۈنەي، خىزمەتكارلىرىڭ ئۈچۈن،

ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان خەلقىڭ ئۈچۈن يېنىمىزغا قايتىپ كەلگەيسەن.

18سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ، مۇقەددەس ئىبادەتخاناڭغا قىسقا ۋاقىتلا ئىگە بولدى،

كېيىن دۈشمەنلىرىمىز كېلىپ، ئۇنى دەپسەندە قىلدى.

19بىز خۇددى سەن ھېچقاچان باشقۇرمىغان خەلققە،

سېنىڭ نامىڭ بىلەن ئاتالمىغان خەلققە ئايلىنىپ قالدۇق.


64

1ئى پەرۋەردىگار، ئاسماننى يېرىپ، پەسكە چۈشكەيسەن،

تاغلار ئالدىڭدا تىترىسۇن!

2خۇددى قۇرۇق ئوتۇننى ئوتتا كۆيدۈرگەندەك،

ئوت سۇنى قايناتقاندەك،

سەن پەسكە چۈشسەڭ ئىمانسىز ئەللەرمۇ ئالدىڭدا تىترەيتتى،

دۈشمەنلىرىڭمۇ سېنىڭ نامىڭنى بىلەتتى.

3سەن بىز تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك ئاجايىپ ئىشلارنى قىلغانىدىڭ،

سەن پەسكە چۈشكەندە، تاغلار ئالدىڭدا تىترەپ كەتكەنىدى.

4سەندىن باشقا بىر خۇدانىڭ ئۆزىگە ئۈمىد باغلىغان خەلقى ئۈچۈن ئىش قىلغانلىقىنى

قەدىمدىن بۇيان ھېچكىم ئاڭلاپ باقمىدى، ئىشتىپ باقمىدى، كۆرۈپمۇ باقمىدى.

5ئادالىتىڭنى يۈرگۈزۈشنى خۇشاللىق دەپ بىلگەن،

يولۇڭنى ئېسىدە ساقلىغان ئادەملەرگە ياردەم بېرىسەن.

بىز دائىم گۇناھ قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن، سەن غەزەپلەندىڭ،

بىز يەنىلا قۇتقۇزۇلىمىزمۇ؟

6ھەممىمىز ناپاك ئادەملەرمىز،

بىز قىلغان ھەققانىي ئەمەللەرمۇ خۇددى بۇلغانغان كىيىمگە ئوخشايدۇ.

بىز خۇددى يوپۇرماقتەك خازان بولىمىز،

گۇناھلىرىمىز شامال بولۇپ بىزنى ئۇچۇرۇپ كېتىدۇ.

7ھېچكىم نامىڭنى ئاتاپ، ئۆتۈنمەيدۇ،

ساڭا باغلىنىشقا ھېچكىم ئىنتىلمەيدۇ،

سەن بىزدىن يۈز ئۆرۈدۈڭ.

بىزنى گۇناھلىرىمىزنىڭ ئىسكەنجىسىگە تاشلىدىڭ.

8لېكىن پەرۋەردىگار، سەن يەنىلا بىزنىڭ ئاتىمىز،

بىز لاي، سەن كۇلالچى،

بىز سېنىڭ قولۇڭدا ياسالغان.

9ئى پەرۋەردىگار، بىزگە بۇنچىلىك غەزەپلىنىۋەرمە،

گۇناھلىرىمىزنى ئېسىڭدە مەڭگۈ ساقلىۋالمىغىن.

قارىغىنە پەرۋەردىگار، بىزگە قارىغىنە،

بىز ھەممىمىز سېنىڭ خەلقىڭدۇرمىز.

10شەھەرلىرىڭ باياۋانغا ئايلاندى،

سىئون چۆللەشتى،

يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلاندى.

11بىزنىڭ ئاشۇ مۇقەددەس، گۈزەل ئىبادەتخانىمىز،

ئەجدادلىرىمىز سېنى مەدھىيەلىگەن ئاشۇ جاي كۆيدۈرۈۋېتىلدى،

بىز قەدىرلىگەن بارلىق نەرسىلەر ۋەيران بولدى.

12ئى پەرۋەردىگار، سەن بۇ ئىشلارغا چىداپ تۇرالامسەن؟

بىزنى ئازابقا تاشلاپ قويۇپ، جىم تۇرامسەن؟


65

خۇدانىڭ گۇناھكارلارنى جازالىشى

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەندىن سورىمىغانلارغا جاۋاب بېرىشكە تەييار ئىدىم،

مېنى ئىزدىمىگەنلەرنىڭ مېنى تېپىۋېلىشىغا تەييار ئىدىم،

مېنىڭ نامىمنى ئاتىمىغان خەلققە:

‹مەن بۇ يەردە، مەن بۇ يەردە› دەپ تۇردۇم!

2مەن ئاسىي خەلقىمنى كۈنبويى قۇچاق ئېچىپ كۈتىمەن،

لېكىن ئۇلار يامان يولدا مېڭىۋېرىدۇ،

ئۆز خىياللىرى بويىچە ئىش قىلىدۇ.

3ئۇلار ھەر ۋاقىت مېنى غەزەپلەندۈرىدۇ،

ئۇلار باغلىرىدا بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ،

كېسەكتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىلاردا كۈجە كۆيدۈرىدۇ،

4ئۇلار قەبرىستانلىقلاردا ئولتۇرۇپ، كېچىنى تۈنەپ ئۆتكۈزىدۇ.

چوشقا گۆشى يەيدۇ، قاچىلىرىدا ھارام گۆشلەرنىڭ شورپىلىرى بولىدۇ.

5شۇنداق تۇرۇقلۇق يەنە كىشىلەرگە ‹نېرى تۇر، ماڭا يېقىنلاشما،

چۈنكى مەن ساڭا قارىغاندا مۇقەددەسمەن› دەيدۇ.

بۇنداق كىشىلەر خۇددى ئۆچمەي كۆيىدىغان ئوتتەك،

خۇددى بۇرنۇمنى ئىس-تۈتەك ئېچىشتۇرغاندەك مېنى ئازابلايدۇ.

6قارا، بۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھەممىسى ئالدىمدا يېزىقلىق تۇرىدۇ،

مەن جىم تۇرماسلىقىم، چوقۇم جازالىشىم كېرەك،

مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.

7ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ.

چۈنكى ئۇلار تاغلاردا يالغان ئىلاھلارغا كۈجە كۆيدۈرۈپ،

تۆپىلىكلەردە ماڭا ھاقارەت قىلدى.

مەن ئۇلارنى ئۆز يامانلىقلىرىغا يارىشا جازالايمەن.»

8پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار:

‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ،

شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن

خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.

9ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى كۆپەيتىمەن،

يەھۇدىيەنىڭ پۇقرالىرىنى مېنىڭ تاغلىرىمغا ئىگە قىلىمەن.

مېنىڭ تاللىغان خەلقىم زېمىنىمغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ،

مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئۇ يەردە ئولتۇراقلىشىدۇ.

10شارون تۈزلەڭلىكى قوي توپلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىغا،

ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ،

بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ.

11لېكىن، مەن پەرۋەردىگارنى تاشلىغانلار،

مۇقەددەس تېغىمنى ئۇنتۇغانلار،

‹تەلەي› ئىلاھى ئۈچۈن داستىخان سالغانلار،

‹تەقدىر› ئىلاھى ئۈچۈن ھاراق تولدۇرغانلار،

12مەن سىلەرنىڭ تەقدىرىڭلارنى قىلىچ ئاستىغا قويىمەن،

ھەممىڭلار ئۆلۈمگە باش ئېگىسىلەر،

چۈنكى، چاقىرسام جاۋاب بەرمىدىڭلار،

سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدىڭلار،

ئەكسىچە كۆز ئالدىمدا رەزىل ئىشلارنى قىلدىڭلار،

مەن خۇشال بولمايدىغان ئىشلارنى تاللىدىڭلار.»

13شۇڭا ئىگەڭلار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم يەيدۇ، لېكىن سىلەر ئاچ قالىسىلەر،

قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم ئىچىدۇ، سىلەر ئۇسسۇزلۇقتا قالىسىلەر،

قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم شادلىنىدۇ، لېكىن سىلەر نومۇستا قالىسىلەر.

14قاراڭلار، مېنىڭ خىزمەتكارلىرىم قەلبلىرىدىن شادلىنىپ تەنتەنە قىلىدۇ،

لېكىن سىلەر قەلبىڭلاردىكى ئازاب تۈپەيلى يىغلايسىلەر،

روھىڭلاردىكى پىغان تۈپەيلى نالە-زار قىلىسىلەر.

15مەن تاللىغان خەلقىم ئىسمىڭلارنى ئاتاپ قارغايدۇ،

مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار سىلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمەن،

لېكىن مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمغا يېڭى ئىسىم قويىمەن.

16زېمىندا بەخت تىلىگۈچىلەر مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن بەخت تىلەيدۇ،

زېمىندا قەسەم قىلغۇچىلار مەن ھەقىقىي خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىدۇ.

چۈنكى بۇرۇنقى ئېغىر كۈنلەر ئۇنتۇلۇپ كېتىلىدۇ،

كۆز ئالدىمدىن غايىب بولىدۇ.»

يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«قاراڭلار، مەن يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن يارىتىمەن،

ئىلگىرىكى ئىشلار ئۇنتۇلۇپ كېتىدۇ، ئۇلارنى ھېچكىم ئېسىگە ئالمايدۇ.

18مەن ياراتماقچى بولغان ئىشلاردىن خۇشال بولۇڭلار، مەڭگۈ شادلىنىڭلار.

قاراڭلار، مەن يېرۇسالېمنى خۇشاللىق مەنبەسى،

ئاھالىسىنى شادلىق مەنبەسى قىلىمەن.

19مەن چوقۇم يېرۇسالېمدىن شادلىنىمەن،

خەلقىمدىن خۇشال بولىمەن،

ئۇ يەردىن ئەمدى يىغا-زار ۋە نالە-پەرياد ئاۋازلىرى ئاڭلانمايدۇ.

20ئۇ يەردە ئەمدى بوۋاقلار تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتمەيدۇ،

ياشانغانلار قېرىپ ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلىدۇ.

يۈز ياش ئۆمۈر كۆرگەنلەر ياش ھېسابلىنىدۇ.

يۈز ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتكەنلەر قارغىشقا كەتكەنلەر ھېسابلىنىدۇ.

21ئۇلار ئۆي ياساپ، ئۆزلىرى ئولتۇرىدۇ،

ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، مېۋىسىنى يەيدۇ.

22باشقىلار ئۇلار سالغان ئۆيلەردە ئولتۇرالمايدۇ،

ئۇلار ئۆستۈرگەن مېۋىلەرنى باشقىلار بۇلاپ ئەكەتمەيدۇ،

چۈنكى خەلقىم دەل-دەرەخلەردەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدۇ،

مەن تاللىغان خەلقىم ئۆز ئەمگىكىنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

23ئۇلارنىڭ ئەمگىكى بىكارغا كەتمەيدۇ،

ئۇلارنىڭ تۇغقان پەرزەنتلىرى بالا-قازاغا ئۇچرىمايدۇ.

چۈنكى ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى

پەرۋەردىگار تەرىپىدىن بەخت ئاتا قىلىنغان خەلق ھېسابلىنىدۇ.

24ئۇلار ئۆتۈنۈشتىن بۇرۇن، مەن جاۋاب بېرىمەن،

ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، ئۇنى ئىجابەت قىلىمەن.

25بۆرىلەر بىلەن قوزىلار بىرگە ئوزۇقلىنىدۇ،

شىرمۇ كالىغا ئوخشاش چۆپ يەيدۇ،

يىلاننىڭ ئوزۇقى توپا بولىدۇ،

مېنىڭ مۇقەددەس تېغىمدا

ئۇلار ئادەمگىمۇ، ھايۋانغىمۇ چېقىلمايدۇ.»

بۇ پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!


66

ساختا ۋە ھەقىقىي ئىبادەت

1پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«ئەرش مېنىڭ تەختىم،

زېمىن مېنىڭ پۇت قويىدىغان يېرىمدۇر،

سىلەر ماڭا قانداق بىر ساراي ياكى ئارام ئالىدىغان بىر جاي ياساپ بېرەلەيسىلەر؟

2بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز قولۇم بىلەن ياسىدىم،

شۇڭا بۇلارنىڭ ھەممىسى مەۋجۇتتۇر.

مەن مۇنداق ئادەمدىن خۇرسەن بولىمەن:

ئۇ يۈرىكىدىن توۋا قىلغان، كىچىك پېئىللىق بىلەن ياشىغان،

سۆزلىرىمنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمدۇر.

3لېكىن بەزىلەر مەن ئۈچۈن كالا بوغۇزلاپ قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئاتاپ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇربانلىق قىلىدۇ،

ماڭا قوي قۇربانلىق قىلىپ، يەنە ھەم بۇتلارغا ئىتنىڭ بوينىنى ئۈزۈپ سۇنىدۇ،

ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسىنى سۇنۇپ، يەنە ھەم بۇتلارغا چوشقا قېنىنى سۇنىدۇ،

ماڭا ئىسرىق سېلىپ، يەنە ھەم ئۆزلىرىنىڭ بۇتلىرىنى مەدھىيەلەيدۇ.

بۇنداق ئادەملەر ئۆزلىرىنىڭ يوللىرىنى ئۆزلىرى تاللاپ،

قەلبىدىكى يىرگىنىشلىك ئىشلىرىدىنمۇ خۇرسەن بولىدۇ.

4شۇڭا مەن چوقۇم ئۇلارغا جاپا سېلىشنى تاللايمەن،

ئۇلار قورقىدىغان ئىشلارنى ئۇلارغا يولۇقتۇرىمەن.

چۈنكى چاقىرسام ھېچكىم جاۋاب بەرمىدى،

سۆزلىرىمنى ئاڭلىمىدى،

ئەكسىچە نەزىرىمدە رەزىل بولغان ئىشلارنى قىلدى،

مېنى خۇرسەن قىلمايدىغان ئىشلارنى قىلىشنى تاللىدى.»

5ئەي پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىنى ھۆرمەتلەيدىغانلار،

ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.

پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان قېرىندىشىڭلار

سىلەرنى مېنىڭ نامىمدا قوغلاپ چىقىرىۋېتىپ:

‹پەرۋەردىگار ئۆز شان-شەرىپىنى كۆرسىتىپ باقسۇنچۇ!

بىز سىلەرنىڭ قانچىلىك خۇشال بولىدىغانلىقىڭلارنى كۆرۈپ باقايلى!› دېيىشىدۇ.

لېكىن ئاخىرى ئۆزلىرى نومۇستا قالىدۇ.

6شەھەردىن ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلانماقتا،

ئىبادەتخانىدىن بىر ئاۋاز كەلمەكتە،

بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ دۈشمەنلىرىمنى جازالىغان ئاۋازدۇر!

7سىئون تولغىقى تۇتماي بوشىنىدۇ،

ئاغرىق كەلمەستىنلا ئوغۇل تۇغىدۇ.

8بۇنداق ئىشنى كىم ئاڭلاپ باققان؟

كىم كۆرۈپ باققان؟

بىر ئەل بىر كۈندىلا پەيدا بولامدۇ؟

خەلق بىردەمدىلا ئاپىرىدە بولامدۇ؟

لېكىن سىئون كالتە تولغاق بىلەنلا بالا تۇغىدۇ،

9مەن پەرۋەردىگار ئادەمنى تۇغدۇراي دېگەن ئىكەنمەن،

ئۇنى تۇغدۇرماي قالارمەنمۇ؟

سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئادەمنى تۇغدۇراي دېسە،

ئەجەبا ئۇنى تۇغدۇرماي قالارمۇ؟

10ئەي، يېرۇسالېمنى ياخشى كۆرىدىغان بارلىق كىشىلەر،

ئۇنىڭ بىلەن شاد-خۇرام بولۇپ، تەڭ شادلىنىڭلار!

يېرۇسالېم ئۈچۈن ھەسرەت چەككەن بارلىق كىشىلەر،

ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇشال بولۇڭلار!

11ئۇنىڭ تەسەللىلىك قۇچىقىدىن تويغۇچە سۈت ئېمىسىلەر،

ئۇنىڭ زور شان-شەرىپىدىن قانغۇچە بەھرىمەن بولۇپ،

پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن شادلىنىسىلەر.»

12پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«مەن يېرۇسالېمغا خۇددى دەريادەك خاتىرجەملىك ئاتا قىلىمەن،

خۇددى تاشقىن ئېقىنلاردەك ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقلىرىنى ئۇنىڭغا ئەكېلىپ بېرىمەن.

سىلەر ئانا ئۆزى ئېمىتىپ باققان بالىدەك،

ھاپاش قىلىنىسىلەر، قۇچىقىدا ئەركىلىتىلىسىلەر.

13خۇددى ئانا بالىلىرىغا تەسەللى بەرگەندەك،

مەن سىلەرگە تەسەللى بېرىمەن،

سىلەر يېرۇسالېمدا تەسەللىگە ئېرىشىسىلەر.»

14سىلەر بۇلارنى كۆرۈپلا قەلبىڭلاردىن شادلىنىسىلەر،

ئۇستىخىنىڭلار خۇددى ئوت-چۆپلەردەك ياشىرىدۇ،

پەرۋەردىگار كۈچ-قۇدرىتىنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا ئايان قىلىدۇ،

لېكىن ئۇ دۈشمەنلىرىگە غەزەپ ياغدۇرىدۇ.

15قاراڭلار، پەرۋەردىگار ئوت ئىچىدە چۈشمەكتە،

ئۇنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى قۇيۇندەك كەلمەكتە،

ئۇ غەزەپ بىلەن قىساس ئالىدۇ،

ئوت يالقۇنى بىلەن جازالايدۇ.

16پەرۋەردىگار بارلىق ئىنسانلارنى ئوت ۋە قىلىچ بىلەن جازالايدۇ،

نۇرغۇن ئادەملەر پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

17پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ:

«بۇتلارغا تولغان باغلىرىغا كىرىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پاكلاپ، ئۆزىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، چوشقا گۆشى، چاشقان گۆشى ۋە يىرگىنچلىك نەرسىلەرنى يېگەنلەر بىردەك يوقىتىلىدۇ.

18مەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ۋە نىيەتلىرىنى بىلىمەن. پۈتكۈل ئەللەر، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى يىغىدىغان ۋاقىت كېلىدۇ. ئۇلار كېلىپ، مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇمنى كۆرىدۇ. 19مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مۆجىزە كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇتقۇزۇلغانلارنى، ئىسمىمنى ئاڭلاپ باقمىغان، ئۇلۇغلۇقۇمنىمۇ كۆرۈپ باقمىغان تارشىش، لىۋىيە، ئوقيا ئېتىش بىلەن داڭ چىقارغان لۇد، تۇبال، ياۋان ۋە يىراق دېڭىزدىكى ئاراللارغا ئەۋەتىمەن. ئۇلار ئۇ يەرلەردە مېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇم توغرىسىدا سۆزلەيدۇ. 20ئۇلار قېرىندىشىڭلارنى ماڭا ھەدىيە سۈپىتىدە ئۇ يەرلەردىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ. خۇددى ئىسرائىلىيەلىكلەر پاكىز قاچىلاردا مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئاشلىق ھەدىيەسى ئېلىپ كەلگەندەك، ئۇلار ئات مىنىپ، بەزىلىرى ھارۋىغا ئولتۇرۇپ، بەزىلىرى لەمپىلىك ھارۋىلارغا چىقىپ، بەزىلىرى قېچىرغا مىنىپ، بەزىلىرى تۆگىگە مىنىپ مېنىڭ مۇقەددەس تېغىم يېرۇسالېمغا ماڭا ھەدىيە بولۇپ كېلىدۇ. 21مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن روھانىيلارنى، لاۋىيلارنى تاللايمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.

22مەن ياراتقان يېڭى ئاسمان، يېڭى زېمىن مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغىنىدەك، سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار ۋە نامىڭلارمۇ مەڭگۈ داۋاملىشىدۇ. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر. 23ھەر ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى بارلىق ئىنسانلار ئالدىمغا كېلىپ، ماڭا ئىبادەت قىلىدۇ. 24ئۇلار چىقىپ، ماڭا ئاسىيلىق قىلغانلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆزدىن كەچۈرىدۇ، ئاسىيلارنىڭ تېنىدىكى قۇرتلار ئۆلمەيدۇ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋاتقان ئوت ئۆچمەيدۇ، پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.»