ئالەمنىڭ يارىتىلىشى




1

خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى

1خۇدا ھەممىدىن بۇرۇن پۈتۈن ئالەمنى ياراتتى. 2ئۇ چاغدا يەر شارى شەكىلسىز ۋە قۇپقۇرۇق ھالەتتە بولۇپ، سۇلارنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. خۇدانىڭ روھى سۇ ئۈستىدە لەرزان پەرۋاز قىلىپ يۈرەتتى.

3خۇدا: «يورۇقلۇق بولسۇن!» دېگەنىدى، يورۇقلۇق پەيدا بولدى. 4-5خۇدا يورۇقلۇقنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىدى ۋە يورۇقلۇقنى «كۈندۈز»، قاراڭغۇلۇقنى بولسا «كېچە» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۇنجى كۈن بولدى.

6ئاندىن، خۇدا: «سۇلارنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن ئىككىگە ئايرىلىپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىر پاسىل بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 7شۇنىڭ بىلەن، بىر پاسىل پەيدا بولۇپ، ئۇنىڭ ئاستىدىكى سۇلارنى ئۈستىدىكى سۇلاردىن ئايرىدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 8خۇدا بۇ پاسىلنى «ئاسمان» دەپ ئاتىدى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئىككىنچى كۈن بولدى.

9ئاندىن، خۇدا: «ئاسماننىڭ ئاستىدىكى سۇلار بىر يەرگە يىغىلسۇن ۋە قۇرۇق تۇپراق كۆرۈنسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 10خۇدا قۇرۇق تۇپراقنى «يەر»، يىغىلغان سۇلارنى بولسا «دېڭىز» دەپ ئاتىدى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

11ئاندىن، خۇدا يەنە: «يەردە ھەر خىل ئۆسۈملۈكلەر؛ ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك بولۇپ، ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 12شۇنىڭ بىلەن، يەر يۈزىدە ھەر خىل ئۇرۇقلۇق ۋە مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەر ئۆز تۈرلىرى بويىچە ئۈنۈپ چىقتى. خۇدا بۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 13كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئۈچىنچى كۈن بولدى.

14خۇدا يەنە: «ئاسماندا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملار بولسۇن. ئۇلار كېچە بىلەن كۈندۈزنى پەرقلەندۈرۈپ، كۈن، پەسىل ۋە يىللارنى ئايرىپ تۇرۇشتا بەلگە بولسۇن. 15بۇ جىسىملار نۇر چېچىپ، يەر يۈزىنى يورۇتۇپ تۇرسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 16خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان ئىككى چوڭ جىسىمنى ياراتتى، قۇياشنى كۈندۈزنى باشقۇرىدىغان، ئاينى كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلدى. ھەمدە خۇدا يەنە يۇلتۇزلارنىمۇ ياراتتى. 17-18يەر يۈزىنى يورۇتۇش، كۈندۈز بىلەن كېچىنى باشقۇرىدىغان قىلىش ۋە يورۇقلۇقنى قاراڭغۇلۇقتىن ئايرىش ئۈچۈن، خۇدا يورۇقلۇق بېرىدىغان جىسىملارنى ئاسمانغا ئورۇنلاشتۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 19كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ تۆتىنچى كۈن بولدى.

20خۇدا يەنە: «سۇ ھەر خىل جانلىقلار بىلەن تولسۇن، ئاسماندا ھەر خىل ئۇچارقاناتلار ئۇچسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى. 21بۇنىڭ بىلەن، خۇدا سۇدا ياشايدىغان ئاجايىپ-غارايىپ جانلىقلارنى، ھەر خىل چوڭ-كىچىك بېلىقلارنى ۋە ئاسماندىكى ھەر خىل ئۇچارقاناتلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى. خۇدا بۇ جانلىقلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. 22خۇدا بۇ جانلىقلارغا بەخت ئاتا قىلىپ: «سۇدا ياشىغۇچى جانلىقلار كۆپىيىپ، دېڭىز-ئوكيانلارنى تولدۇرسۇن، ئۇچارقاناتلار يەر يۈزىدە ئۇلغايسۇن!» دېدى. 23كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ بەشىنچى كۈن بولدى.

24خۇدا يەنە: «يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلار _ ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلار پەيدا بولسۇن!» دېدى. خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 25شۇنىڭ بىلەن، خۇدا يەر يۈزىدە ھەر خىل جانىۋارلارنى ئۆز تۈرلىرى بويىچە ياراتتى ۋە ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى.

26ئاندىن، خۇدا: «بىزنىڭ ئوبرازىمىزدەك، يەنى روھىي جەھەتتىن بىزگە ئوخشايدىغان ئىنسانلارنى يارىتايلى. ئۇلار ھەر خىل جانىۋارلارنى _ دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، بارلىق ئۆي ھايۋانلىرى ۋە چوڭ-كىچىك ياۋايى ھايۋاناتلارنى باشقۇرىدىغان بولسۇن!» دەپ ئەمر قىلدى.

27بۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئىنساننى ئۆز ئوبرازىدەك ياراتتى،

ئۇنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى،

شۇنداقلا ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى.

28خۇدا ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ پەرزەنت كۆرۈپ كۆپىيىڭلار، يەر يۈزىنى قاپلاپ، دۇنيانى بويسۇندۇرۇڭلار. شۇنداقلا، دېڭىز-ئوكياندىكى بېلىقلار، ئاسماندىكى ئۇچارقاناتلار، شۇنىڭدەك پۈتۈن جانىۋارلارنى باشقۇرۇڭلار. 29مەن سىلەرگە پۈتۈن يەر يۈزىدىكى ھەر خىل زىرائەت ۋە مېۋىلەرنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم. 30بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار قاتارلىق ھەر خىل مەخلۇقلارغا بولسا ئوت-چۆپ ۋە كۆكتاتلارنى ئوزۇقلۇق قىلىپ بەردىم.

خۇدانىڭ ئەمرى بىلەن شۇنداق بولدى. 31خۇدا ياراتقانلىرىنىڭ ھەممىسىگە قاراپ، ئۇلارنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى كۆردى. كېچە-كۈندۈز ئۆتۈپ، بۇ ئالتىنچى كۈن بولدى.




2

1شۇنداق قىلىپ، ئالەم پۈتكۈل مەۋجۇداتلىرى بىلەن يارىتىلىپ بولدى.

2يەتتىنچى كۈنى كەلگەندە، خۇدا يارىتىش ئىشىنى تاماملاپ بولغان بولۇپ، ئۇ كۈنى ئارام ئالدى. 3ئۇ يەتتىنچى كۈننى بەختلىك كۈن قىلىپ، ئۇنى «مۇقەددەس كۈن» دەپ جاكارلىدى، چۈنكى بۇ كۈن خۇدا يارىتىشنى تاماملاپ ئارام ئالغان كۈن ئىدى.

ئېرەم باغ

4-5پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئالەمنى يارىتىشى جەريانىدا مۇنداق ئىشلار بولدى: پەرۋەردىگار خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، يەر يۈزىدە ئوت-چۆپ ۋە زىرائەتلەر يوق ئىدى، چۈنكى خۇدا تېخى يامغۇر ياغدۇرمىغانىدى، شۇنداقلا يەر تېرىيدىغان ئادەممۇ يوق ئىدى. 6ئەمما، يەردىن سۇ چىقىپ، پۈتۈن زېمىننى سۇغاردى. 7ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا يەرنىڭ توپىسىدىن ئادەمئاتىنى ياسىدى* ۋە ئۇنىڭ بۇرنىدىن ھاياتلىق نەپىسىنى پۈۋلىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئادەمئاتىغا ھاياتلىق بېرىلدى.

8پەرۋەردىگار خۇدا شەرقتىكى ئېرەم دېگەن جايدا بىر باغ بەرپا قىلىپ، ئۆزى ياراتقان ئادەمنى ئۇ يەرگە ئورۇنلاشتۇردى. 9پەرۋەردىگار خۇدا ئۇ يەردە يەنە مېۋىلىرى شېرىن ۋە چىرايلىق ھەر خىل دەرەخلەرنى ئۆستۈردى. باغنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئالاھىدە ئىككى تۈپ دەرەخ بار ئىدى. بىرى «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ» بولۇپ، يەنە بىرى «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ» ئىدى.

10ئېرەم دېگەن يەردىن بىر دەريا ئېقىپ كېلىپ، باغنى سۇغىراتتى. باغدىن چىققان سۇ تۆتكە بۆلۈنەتتى. 11بىرىنچىسى پىشون دەرياسى بولۇپ، ئالتۇن چىقىدىغان ھاۋىلاھ دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 12ئۇ يەرنىڭ ئالتۇنى ساپ. ئۇ يەردىن يەنە كەم ئۇچرايدىغان خۇش پۇراقلىق دېۋىرقاي ۋە يوللۇق ھېقىق چىقىدۇ. 13ئىككىنچىسى گىھون دەرياسى بولۇپ، كۇش دېگەن يەرنى ئايلىنىپ ئۆتىدۇ. 14ئۈچىنچىسى دىجلە دەرياسى بولۇپ، ئاسسۇرنىڭ شەرقىدىن ئېقىپ ئۆتىدۇ. تۆتىنچىسى فىرات دەرياسىدۇر.

15پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى ئېرەم باغقا ئىشلەپ ئۇنى پەرۋىش قىلسۇن، دەپ ئۇ يەرگە قويغانىدى. 16پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا ئەمر قىلىپ:

_ باغدىكى مېۋىلەرنى خالىغىنىڭچە يە. 17ئەمما، «ياخشى بىلەن ياماننى بىلدۈرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى ھەرگىز يېمە. چۈنكى، ئۇنى يېسەڭ، چوقۇم ئۆلىسەن!* _ دېدى.

ھاۋائانىنىڭ يارىتىلىشى

18كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا: «ئادەمنىڭ يالغۇز ياشىشى ياخشى ئەمەس، ئۇنىڭغا لايىق بولغۇدەك بىر ياردەمچى ھەمراھ يارىتاي» دېدى. 19بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يەردىكى توپىدىن ياراتقان ھەر خىل ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئۇلارغا ئىسىم قويسۇن، دەپ كەلتۈردى. ئادەمئاتا ئۇلارغا قانداق ئىسىم قويسا، شۇنداق ئاتىلىپ كەلدى. 20ئادەمئاتا بارلىق ئۇچارقانات ۋە ھايۋانلارغا ئىسىم قويدى. ۋەھالەنكى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىگە لايىق بولغۇدەك بىرەر ياردەمچى ھەمراھ يوق ئىدى.

21شۇڭا، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىنى قاتتىق ئۇخلىتىۋەتتى. ئۇ ئۇخلاۋاتقاندا، خۇدا ئۇنىڭ بىر تال قوۋۇرغىسىنى ئېلىپ، ئۇ يەرنى ئۇنىڭ گۆشى بىلەن ئېتىپ قويدى. 22پەرۋەردىگار خۇدا ئالغان قوۋۇرغا سۆڭىكىدىن بىر ئايال ياساپ، ئۇنى ئادەمئاتىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى.

23ئادەمئاتا خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى:

_ مانا ئەمدى سۆڭىكى مېنىڭ سۆڭىكىمدىن، گۆشى مېنىڭ گۆشۈمدىن ئېلىنغان، ماڭا ئوخشاش خىلدىكى بىرى بولدى! ئۇ «ئايال»* دەپ ئاتالسۇن، چۈنكى ئۇ ئەردىن ئېلىنغان.

24بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.

25ئۇ چاغدا، ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ھەر ئىككىلىسى يالىڭاچ بولۇپ، نومۇس قىلىشمايتتى.



*7ئىبرانىي تىلىدا «توپا» ۋە «ئادەم» دېگەن سۆزنىڭ تەلەپپۇزى يېقىن.

*17ئۆلۈش _ بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان ئۆلۈش خۇدادىن ئايرىلىش، يەنى روھىي جەھەتتىكى ئۆلۈش ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسى بولغان جىسمانىي جەھەتتىكى ئۆلۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ.

*23ئىبرانىي تىلىدا «ئايال» دېگەن سۆز ئاھاڭ جەھەتتە «ئەر» دېگەن سۆزگە ناھايىتى يېقىن بولۇپ، ئۇشبۇ سۆز شۇنىڭدىن كەلگەن.



 

3

ئادەمئاتىنىڭ خۇدانىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىشى

1يىلان پەرۋەردىگار خۇدا ياراتقان ھايۋانلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ھىيلىگىرى ئىدى. ئۇ ئايالدىن:

_ خۇدا باغدىكى ھەرقانداق دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىڭلارنى راستتىنلا مەنئى قىلدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

2ئايال:

_ باغدىكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىلىرىنى يېسەك بولىدۇ. 3پەقەت باغنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېسەك بولمايدۇ. خۇدا بىزنىڭ بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنى يېيىشىمىزنى، ھەتتا ئۇنىڭغا قول تەگكۈزۈشىمىزنىمۇ مەنئى قىلدى. ئەگەر بۇ ئىشنى قىلساق، ئۆلىمىز، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4يىلان ئايالغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ يالغان! ھەرگىز ئۆلمەيسىلەر! 5خۇدا سىلەرنىڭ ئۇنى يېسەڭلار، كۆزۈڭلارنىڭ ئېچىلىپ، ئۆزىگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالىدىغانلىقىڭلارنى بىلىدۇ.

6ئايال بۇ دەرەخنىڭ مېۋىسىنىڭ چىرايلىق ۋە شېرىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى يېسە قانچىلىك ئەقىللىق بولۇپ كېتىدىغانلىقىنى ئويلاپ، مېۋىدىن ئۈزۈپ يېدى ۋە ئۇنى يېنىدا تۇرغان ئېرىگىمۇ بەردى. ئۇمۇ يېدى. 7ئۇلار مېۋىنى يېيىشى بىلەنلا كۆزلىرى ئېچىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ يالىڭاچلىقىنى بىلىپ نومۇس قىلىشتى. شۇڭا، ئۇلار ئەنجۈر يوپۇرماقلىرىنى بىر-بىرىگە چېتىپ، بەدەنلىرىنى يېپىۋېلىشتى.

8شۇ كۈننىڭ سالقىن چۈشكەن ۋاقتىدا، ئۇلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەن شەپىسىنى ئاڭلاپ، دەرەخزارلىقنىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋېلىشتى. 9لېكىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا:

_ سەن قەيەردە؟ _ دەپ ۋارقىرىدى.

10ئادەمئاتا:

_ مەن سېنىڭ باغدا مېڭىپ يۈرگەنلىكىڭنى ئاڭلاپ، يالىڭاچلىقىمدىن نومۇس قىلىپ، سەندىن قورقۇپ يوشۇرۇنۇۋالدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

11خۇدا ئۇنىڭدىن:

_ يالىڭاچلىقىڭنى ساڭا كىم ئېيتتى؟ ياكى مەن يېمە، دېگەن مېۋىنى يېدىڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

12ئادەمئاتا:

_ سەن ماڭا ھەمراھ بولسۇن، دەپ بەرگەن ئايال ئۇ مېۋىدىن ماڭا بەرگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

13پەرۋەردىگار خۇدا ئايالدىن:

_ نېمە ئۈچۈن مۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ مېنى يىلان ئازدۇردى، شۇڭا يېدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ئايال.

خۇدانىڭ ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنى جازالىشى

14شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار خۇدا يىلانغا:

_ بۇ قىلمىشىڭ ئۈچۈن جازاغا تارتىلىسەن! بارلىق ھايۋاناتلار ئىچىدە پەقەت سەنلا مۇنۇ لەنەتلەرگە قالىسەن:

«ھازىردىن باشلاپ، يەر بېغىرلاپ مېڭىپ،

ئۆمۈرۋايەت توپا يەيسەن.

15 سېنى ئايال بىلەن دۈشمەن قىلىمەن.

ئۇنىڭ ئەۋلادى بىلەن سېنىڭ ئەۋلادىڭمۇ

دۈشمەنلىشىپ ئۆتىدۇ.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سېنىڭ بېشىڭنى يانجىيدۇ،

سەن ئۇنىڭ تاپىنىنى چاقىسەن» دېدى.

16كېيىن، پەرۋەردىگار خۇدا ئايالغا:

_ ھامىلىدارلىقىڭنىڭ ئازابىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرىمەن. تۇغۇتۇڭنىڭ تولغىقىنىمۇ زىيادە قىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، ئېرىڭگە كۈچلۈك ئىشتىياق باغلايسەن، ئۇ سېنى باشقۇرىدۇ، _ دېدى.

17پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتىغا:

_ ئايالىڭنىڭ سۆزىگە كىرىپ، مەن يېيىشنى مەنئى قىلغان مېۋىنى يېگەنلىكىڭ تۈپەيلىدىن، يەرمۇ لەنىتىمگە ئۇچرىدى. سەن ئەمدى ئۆمۈرۋايەت جاپالىق ئىشلەش بىلەنلا ئوزۇقلىنىسەن. 18يەردىن تىكەن ۋە قامغاق ئۈنىدۇ، سەن بولساڭ يەردىكى زىرائەتلەرنى يەيسەن. 19باش-كۆزۈڭ تەرگە چۆمگەندىلا تويغۇدەك بىرنەرسە يېيەلەيسەن، تاكى ئۆلۈپ توپىغا ئايلىنىپ كەتكۈچە ئىشتىن باش كۆتۈرەلمەيسەن. توپىدىن يارىتىلدىڭ، شۇڭا يەنە توپىغا قايتىسەن! _ دېدى.

20ئادەمئاتا ئايالىغا ھاۋا [ئىبرانىي تىلىدىكى «ھاياتلىق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئانىسى ئىدى. 21پەرۋەردىگار خۇدا ئادەمئاتا بىلەن ئۇنىڭ ئايالىغا ھايۋاننىڭ تېرىسىدىن كىيىم قىلىپ، كىيدۈرۈپ قويدى.

ئادەمئاتا بىلەن ھاۋائانىنىڭ ئېرەم باغدىن قوغلىنىشى

22ئاندىن، پەرۋەردىگار خۇدا مۇنداق دېدى:

_ ئادەمئاتا بىزگە ئوخشاش ياخشى بىلەن ياماننى بىلىدىغان بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ «ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخ»نىڭ مېۋىسىنى يەپ قويۇشىدىن ساقلىنىشىمىز كېرەك. بولمىسا، ئۇ مەڭگۈ ياشايدۇ!

23شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنى ئېرەم باغدىن قوغلاپ چىقىرىپ، يەرگە، يەنى ئۆزلىرى ئەسلى يارىتىلغان تۇپراققا ئىشلەيدىغان قىلىپ قويدى. 24ئاندىن، خۇدا ئادەمئاتىنى ھاياتلىق بېرىدىغان دەرەخكە يېقىنلاشمىسۇن دەپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىگە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان مەخلۇقلارنى ۋە بىسى ئوت چېچىپ، ئۇ يان بۇ يان قوزغىلىپ يالتىراپ تۇرىدىغان بىر قىلىچنى ئورۇنلاشتۇردى. 

 




4

قابىل بىلەن ھابىل

1ئادەمئاتا ئايالى ھاۋائانا بىلەن بىللە بولدى. ھاۋائانا ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر ئوغۇلغا ئىگە بولدۇم» دېدى ۋە ئىسمىنى قابىل [ئىبرانىي تىلىدىكى «ئىگە بولدۇم» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] قويدى. 2كېيىن، ئۇ يەنە بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئىسمىنى ھابىل قويدى. ئىككىيلەن چوڭ بولغاندىن كېيىن، ھابىل پادىچى بولدى، قابىل بولسا دېھقان بولدى.

3ھوسۇل مەزگىلى كەلگەندە، قابىل يەرنىڭ مەھسۇلاتىدىن ئېلىپ پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. 4ھابىلمۇ قوي پادىسى ئىچىدىن تۇنجى تۇغۇلغان قوزىلاردىن سويۇپ، تازا سېمىز يېرىدىن پەرۋەردىگارغا تەقدىم قىلدى. پەرۋەردىگار ھابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلدى. 5بىراق، قابىلنى ۋە ئۇنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلمىدى. بۇنىڭدىن ئىنتايىن خاپا بولغان قابىلنىڭ چىرايى تۇتۇلۇپ كەتتى.

6شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار قابىلغا:

_ نېمىشقا خاپا بولىسەن؟ چىرايىڭ نېمىشقا تۇتۇلۇپ كەتتى؟ 7ئەگەر دۇرۇس ئىش قىلغان بولساڭ، سېنىمۇ قوبۇل قىلغان بولاتتىم! بىراق، يامانلىق قىلساڭ، گۇناھ خۇددى ئىشىك ئالدىدا ئېتىلماقچى بولۇپ تۇرغان ياۋا ئىتقا ئوخشاش، سېنىڭ ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالىدۇ. ئۇ سېنى ئۆز ئىلكىگە ئالماقچى بولسىمۇ، لېكىن سەن ئۇنى يېڭىشىڭ لازىم! _ دېدى.

8كېيىن، قابىل ئىنىسى ھابىلغا:

_ يۈر، دالادا سەيلە قىلىپ كېلەيلى! _ دېدى. ئۇلار دالادىكى ۋاقتىدا، قابىل ئىنىسىغا قول سېلىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتى.

9پەرۋەردىگار قابىلدىن:

_ ئىنىڭ ھابىل قېنى؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىلمەيمەن، مەن ئىنىمنىڭ باققۇچىسىمىدىم؟ _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10پەرۋەردىگار كەينىدىنلا ئۇنى:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئىنىڭنىڭ ئىنتىقام ئېلىش ئۈچۈن داد-پەرياد قىلىۋاتقان قېنى ماڭا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. 11سەن ئەمدى لەنەتكە ئۇچرايسەن. بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ يەردە تۇرالمايسەن! چۈنكى، سەن ئىنىڭنى ئۆلتۈردۈڭ، يەرگە قان تۆكتۈڭ. 12سەن يەرگە ئىشلىگەن تەقدىردىمۇ، يەر ساڭا ھوسۇل بەرمەيدۇ. سەن ئەمدى سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىسەن، _ دەپ ئەيىبلىدى.

13بۇنى ئاڭلىغان قابىل پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن بۇنداق ئېغىر جازانى كۆتۈرەلمەيمەن. 14سەن مېنى بۇ يەردىن قوغلاپ، ھۇزۇرۇڭدىن ھەيدەۋاتىسەن! مەن ئەمدى ئۆي-ماكانسىز، سەرسان بولۇپ، يەر يۈزىدە سەرگەردانلىقتا يۈرىمەن. مېنى كۆرگەنلا كىشى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ!

15لېكىن، پەرۋەردىگار:

_ ياق، سېنى ئۆلتۈرگەن كىشى يەتتە ھەسسە قاتتىق جازالىنىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار قابىلنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن، ئۇنىڭ پېشانىسىگە ئالاھىدە بەلگە قويۇپ قويدى. 16بۇنىڭ بىلەن، قابىل پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ، ئېرەم باغنىڭ شەرق تەرىپىدىكى نود دېگەن جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى.

قابىلنىڭ ئەۋلادلىرى

17قابىل ئايالى بىلەن بىللە بولدى. ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. قابىل بىر شەھەر بىنا قىلىپ، شەھەرنى ئوغلىنىڭ ئىسمىدا ئاتىدى. 18ھانۇختىن ئىراد تۆرەلدى، ئىرادتىن مېھۇيائىل تۆرەلدى، مېھۇيائىلدىن مېتۇشائىل تۆرەلدى، مېتۇشائىلدىن لامىك تۆرەلدى.

19لامىك ئىككى خوتۇن ئالدى. بىرىنىڭ ئىسمى ئادە، يەنە بىرىنىڭ ئىسمى زىللە ئىدى. 20ئادە يابالنى تۇغدى. يابال كۆچمەن مالچىلارنىڭ بوۋىسى بولدى. 21ئۇنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى يۇبال ئىدى. يۇبال چىلتار ۋە نەي چالغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. 22زىللە تۇبال-قايىن دېگەن بىر ئوغۇلنى تۇغدى. تۇبال-قايىن تۇچ، تۆمۈر جابدۇقلارنى ياسىغۇچىلارنىڭ پىرى بولدى. تۇبال-قايىننىڭ نەئىمە ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. 23لامىك ئىككى ئايالىغا پو ئېتىپ، مۇنداق دېدى:

«ئەي ئادە بىلەن زىللە، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار!

ئەي ئاياللىرىم، كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاڭلار!

ماڭا چېقىلغان بىر ئادەمنى ئۆلتۈردۈم.

مېنى ئۇرغان بىر ياشنى ئۆلتۈردۈم.

24 قابىلنى ئۆلتۈرگۈچى يەتتە ھەسسە جازالانسا،

مېنى ئۆلتۈرگۈچى يەتمىش يەتتە ھەسسە جازالىنىدۇ.»

سېت بىلەن ئېنوش

25ئادەمئاتا يەنە ئۆز ئايالى بىلەن بىللە بولۇش نەتىجىسىدە، ئايالى بىر ئوغۇل تۇغدى. ھاۋائانا: «خۇدا ماڭا قابىل ئۆلتۈرۈۋەتكەن ھابىلنىڭ ئورنىغا بىر ئوغۇل بەردى» دېدى. شۇڭا، ئۇ ئىسمىنى سېت [ئاھاڭ جەھەتتە «خۇدا بەردى»] قويدى. 26سېتتىن بىر ئوغۇل تۇغۇلۇپ، ئىسمى ئېنوش قويۇلدى. مانا شۇ چاغدىن باشلاپ، ئادەملەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىشقا باشلىدى. 

 




5

ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرى

1تۆۋەندىكىلەر ئادەمئاتىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر:

خۇدا ئادەمنى ئۆزىگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتى. 2ئۇلارنى ئەر ۋە ئايال قىلىپ ئايرىپ، ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلدى ھەمدە ئۇلارنى «ئادەم» دەپ ئاتىدى.

3ئادەمئاتا يېشىدا ئۆزىگە ئوخشايدىغان يەنە بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى سېت قويدى. 4ئادەمئاتا سېتنى تاپقاندىن كېيىن، يەنە يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە كۆپ ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 5ئۇ 930 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

6سېت 105 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېنوش قويدى. 7كېيىن، ئۇ يەنە 807 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 8ئۇ 912 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

9ئېنوش 90 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى قېنان قويدى. 10كېيىن، ئۇ يەنە 815 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 11ئۇ 905 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

12قېنان 70 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ماھالالىل قويدى. 13كېيىن، ئۇ يەنە 840 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 14ئۇ 910 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

15ماھالالىل 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى يارېت قويدى. 16كېيىن، ئۇ يەنە 830 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 17ئۇ 895 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

18يارېت 162 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى ھانۇخ قويدى. 19كېيىن، ئۇ يەنە يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 20ئۇ 962 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

21ھانۇخ 65 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى مەتۇشەلاھ قويدى. 22شۇنىڭدىن كېيىن، ھانۇخ 300 يىل جەريانىدا خۇدا بىلەن يېقىن ياشىدى. ئۇ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 23ئۇ يەر يۈزىدە جەمئىي 365 يىل ياشاپ، 24پۈتۈن ھاياتىنى خۇدا بىلەن يېقىن ئۆتكۈزۈپ، بىر كۈنى كۆزدىن غايىب بولدى. چۈنكى، خۇدا ئۇنى ئۆز يېنىغا ئېلىپ كەتكەنىدى.

25مەتۇشەلاھ 187 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. ئۇنىڭ ئىسمىنى لامىك قويدى. 26كېيىن، ئۇ يەنە 782 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 27ئۇ 969 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

28-29لامىك 182 يېشىدا بىر ئوغۇل پەرزەنت كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى نۇھ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەڭگىللىتىش»] دەپ قويدى. ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يەرگە لەنەت ئوقۇشى بىلەن، بىز جاپالىق ئىشلارغا قالغان. ئەمدى بۇ بالا بىزنىڭ ئېغىرىمىزنى يەڭگىللىتىدۇ» دېدى.

30نۇھنى تاپقاندىن كېيىن، لامىك يەنە 595 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى. 31ئۇ 777 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

32نۇھ 500 ياشقا كىرگەندىن كېيىن، سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل پەرزەنت كۆردى. 

 




6

ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكى

1ئىنسانلار دۇنيادا كۆپىيىشكە باشلىغاندا، قىزلارمۇ كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. 2«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى»* شۇ قىزلارنىڭ چىرايلىقلىقىنى كۆرۈپ، ئۆزلىرى خالىغان قىزلارنى خوتۇنلۇققا ئېلىشقا باشلىدى.

3بۇنى كۆرگەن پەرۋەردىگار:

_ مەن ئىنسانلارغا بەرگەن ھاياتلىق روھى ئۇلاردا مەڭگۈ ياشىمايدۇ. چۈنكى، ئۇلار ئۆلۈشكە تېگىشلىك. كەلگۈسىدە ئۇلارنىڭ ئۆمرى بىر يۈز يىگىرمە ياشتىن ئاشمىسۇن! _ دېدى.

4«خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» ئىنسانلارنىڭ قىزلىرى بىلەن بىللە بولۇپ، ئەۋلاد تاپقان چاغدا ۋە كېيىنكى ۋاقىتلاردا، يەر يۈزىدە «نېفىلىم» دەپ ئاتىلىدىغان، دىۋىگە ئوخشايدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىدى. ئۇلار قەدىمكى زاماننىڭ باتۇرلىرى ۋە داڭلىق كىشىلىرى ئىدى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى كۆرۈپ، 6ئۆزىنىڭ ئادەمنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا:

7_ مەن ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا، بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنىمۇ يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.

8لېكىن، پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى.

نۇھنىڭ كېمە ياسىشى

9-10نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇداغا يېقىن ياشىغانىدى. 11باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى. 12خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن دۇنيانىڭ ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى. 13شۇنىڭ بىلەن، خۇدا نۇھقا:

_ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن! دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن! 14سەن ياخشى شەمشاد ياغىچىدىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا. ياسىغان كېمىنىڭ ئىچىدە ئۆيلەر بولسۇن. سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئىچى-سىرتىنى موملا. 15كېمىنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە ئىككى مېتىر، ئېگىزلىكى ئون ئۈچ مېتىر بولسۇن. 16كېمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە لەمپە بولسۇن، لەمپە بىلەن ياغاچ تام ئارىلىقىدا ئەللىك سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە بوشلۇق قالدۇر. كېمىنى يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن ئۈچ قەۋەت قىلغىن. كېمىنىڭ ئىشىكىنى يېنىغا ئاچقىن. 17مەن يەر يۈزىنى توپان بىلەن غەرق قىلىپ، ئاسمان ئاستىدىكى پۈتكۈل جانلىقلارنى يوقىتىمەن. يەر يۈزىدىكى تىنىقى بارلىكى مەخلۇقلارنىڭ ھەممىسىنى يوقىتىمەن، 18لېكىن، سەن بىلەن ئالدىن بىر ئەھدە تۈزەي. سەن ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى ئېلىپ كېمىگە چىق. 19سەن يەنە كېمىگە يەر يۈزىدىكى ھەر خىل ھايۋانلارنىڭ ھەربىر تۈرىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىپ، ئۇلارنى ساقلاپ قال. 20ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ساقلىنىپ قېلىش ئۈچۈن، سېنىڭ ئالدىڭغا بىر جۈپتىن كېلىدۇ. سەن ئۇلارنى كېمىگە كىرگۈزگىن. 21ئۆزۈڭلار ۋە ھايۋاناتلار ئۈچۈن ھەر خىل ئوزۇق-تۈلۈكلەرنى ئېلىۋال، _ دېدى.

22نۇھ ھەربىر ئىشتا خۇدا بۇيرۇغاندەك قىلدى.



*2 «خۇدانىڭ ئوغۇللىرى» _ بۇ ھەقتە ئۈچ خىل چۈشەنچە بار: 1. ئىنسان ئەمەس، بەلكى ئەرشتىكى بىر خىل زات، پەرىشتە ياكى روھتىن ئىبارەت. 2. دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم بولۇپ، پادىشاھ ياكى ھۆكۈمدارغا ئوخشاش. 3. خۇداسىز قابىلنىڭ ئەۋلادلىرىدەك ئەمەس، بەلكى خۇدا يولىدا ماڭىدىغان سېتنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئوخشاش.



 

7

توپان بالاسى

1پەرۋەردىگار نۇھقا:

_ بۇ دۇنيادىكى كىشىلەر ئارىسىدا سېنىڭ بىردىنبىر دۇرۇس كىشى ئىكەنلىكىڭنى بايقىدىم. شۇڭا، سەن پۈتۈن ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ كېمىگە چىققىن. 2مەن «ھالال» دەپ بېكىتكەن ھايۋاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن يەتتە جۈپتىن، «ھارام»لىرىنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىن بىر جۈپتىن ئېلىۋال. 3ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر خىلىنىڭ ئەركەك-چىشىسىدىنمۇ يەتتە جۈپتىن ئېلىۋال. شۇنداق بولغاندا، توپان ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەر خىل ھايۋانات، ئۇچارقاناتلار ھايات قېلىپ، يەر يۈزىدە ئۇلارنىڭ ئۇرۇقى قايتا كۆپىيەلەيدۇ. 4ئۆزۈم ياراتقان پۈتكۈل جانلىقلارنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىش ئۈچۈن، يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇدا قىرىق كېچە-كۈندۈز قاتتىق يامغۇر ياغدۇرىمەن، _ دېدى.

5نۇھ پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقلىرىنى بىر-بىرلەپ ئىجرا قىلدى.

6توپان يەر يۈزىنى باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. 8-9«ھالال» ۋە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارمۇ خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى. 10يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى.

11نۇھ ئالتە يۈز ياشقا كىرگەن يىلى ئىككىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، يەر ئاستىدىكى ھەممە بۇلاقلار يېرىلىپ، ئاسماندىن چېلەكلەپ قۇيغاندەك قاتتىق يامغۇر ياغدى. 12يامغۇر قىرىق كېچە-كۈندۈز توختىماي داۋاملاشتى. 13دەل يامغۇر باشلانغان كۈنى، نۇھ، ئايالى، سام، ھام، ياپەتتىن ئىبارەت ئۈچ ئوغلى ۋە كېلىنلىرى كېمىگە چىقتى. 14ھەر خىل ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭ چوڭ-كىچىكلىرى، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئۇچارقاناتلار، 15جۈملىدىن، تىنىقى بارلىكى پۈتكۈل مەخلۇقلار ئۆز جۈپلىرى بىلەن نۇھنىڭ ئالدىغا بىر جۈپتىن كېلىپ، كېمىگە چىقتى. 16ھايات كەچۈرۈۋاتقان بارلىق جانلىقلار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئۆز جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىرگەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار كېمىنىڭ ئىشىكىنى تاقاپ قويدى.

17يامغۇر قىرىق كۈن داۋاملاشتى. توپان ئۇلغايغانسېرى كېمە يەردىن كۆتۈرۈلدى. 18سۇ تېخىمۇ ئېگىزلەپ، كېمە سۇ يۈزىدە لەيلەپ قالدى. 19توپان يەر يۈزىنى قاپلاپ، ھەتتا ئېگىز تاغ چوققىلىرىمۇ كۆرۈنمەي قالدى. 20سۇ ئۆرلەپ تاكى ئەڭ ئېگىز تاغ چوققىلىرىدىن يەتتە مېتىر ئېگىزلەپ كەتكۈچە داۋاملاشتى. 21نەتىجىدە، يەر يۈزىدىكى ھايات كەچۈرۈۋاتقان پۈتكۈل جانلىقلار، يەنى ھەرقانداق ئۇچارقاناتلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئىنسانلار پۈتۈنلەي يوقىتىلدى. 22دېمەك، يەر يۈزىدىكى ھاياتلىق نەپىسى بار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى. 23خۇدا يەر يۈزىدىكى ھەممە جانلىقلارنى، يەنى ئىنسانلار، چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنى يوقاتتى. پەقەت نۇھ بىلەن ئۇنىڭ كېمىسىدىكى جانلىقلارلا ھايات قالدى. 24توپان يەر يۈزىنى بىر يۈز ئەللىك كۈن باستى. 

 




8

توپان بالاسىنىڭ ئاخىرلىشىشى

1شۇنداق بولسىمۇ، خۇدا نۇھنى ۋە كېمىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان بارلىق ھايۋاناتلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى. ئۇ يەر يۈزىدە شامال چىقارغانىدى، سۇ پەسىيىشكە باشلىدى. 2يەر ئاستىدىكى بۇلاقلار يېپىلىپ، ئاسماندىن يېغىۋاتقان قاتتىق يامغۇرمۇ توختىغانىدى. 3بىر يۈز ئەللىك كۈن ئىچىدە سۇ ئاستا-ئاستا ئازايدى. 4يەتتىنچى ئاينىڭ ئون يەتتىنچى كۈنى، كېمە ئارارات تاغ تىزمىلىرىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ قالدى. 5سۇ داۋاملىق پەسىيىپ، ئونىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى تاغ چوققىلىرى كۆرۈنۈشكە باشلىدى.

6قىرىق كۈندىن كېيىن، نۇھ دېرىزىنى ئېچىپ، 7بىر قاغىنى قويۇپ بەردى. بۇ قاغا تاكى يەردىكى سۇ قۇرۇپ كەتكۈچە، كېمىنىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈردى. 8شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نۇھ سۇنىڭ يەر يۈزىدىن يانغان ياكى يانمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، بىر كەپتەرنى قويۇپ بەرگەنىدى. 9لېكىن، يەر يۈزىنى تېخىچە سۇ قاپلاپ تۇرغاچقا، كەپتەر قونغۇدەك جاي تاپالماي قايتىپ كەلدى. نۇھ قولىنى سۇنۇپ، ئۇنى تۇتۇپ كېمىگە ئەكىرىۋالدى. 10يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. 11كەچقۇرۇن، ھېلىقى كەپتەر تۇمشۇقىدا يېڭى زەيتۇن يوپۇرمىقىنى چىشلىگەن ھالدا نۇھنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى. نۇھ شۇنىڭدىن سۇنىڭ يەر يۈزىدىن ئاساسىي جەھەتتىن يانغانلىقىنى بىلدى. 12يەنە يەتتە كۈندىن كېيىن، ئۇ كەپتەرنى يەنە قويۇپ بەردى. بۇ قېتىم كەپتەر قايتىپ كەلمىدى.

13نۇھ ئالتە يۈز بىر ياشقا كىرگەن يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى، توپان يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يېنىپ بولدى. نۇھ كېمىنىڭ قاپقىقىنى ئېچىپ، ئۆپچۆرىسىگە قاراپ، يەر يۈزىنىڭ قۇرۇشقا باشلىغانلىقىنى كۆردى. 14ئىككىنچى ئاينىڭ يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى، يەر يۈزى پۈتۈنلەي قۇرۇپ بولدى.

15-16خۇدا نۇھقا:

_ ئايالىڭ، ئوغۇللىرىڭ ۋە كېلىنلىرىڭنى كېمىدىن ئېلىپ چىق. 17يېنىڭدىكى بارلىق مەخلۇقلار، يەنى ئۇچارقاناتلار ۋە چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلارنى ئېلىپ چىق. ئۇلار يەر يۈزىدە يەنە كۆپىيىپ، زېمىنغا تارالسۇن، _ دېدى.

18شۇنىڭ بىلەن، نۇھ ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىدىن چىقتى. 19يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلار، يەنى چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار ئۆز تۈرلىرى بىلەن توپ-توپ بولۇشۇپ كېمىدىن چىقىشتى.

نۇھنىڭ خۇداغا قۇربانلىق قىلىشى

20نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، «ھالال» دەپ بېكىتىلگەن ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈۋەتتى. 21پەرۋەردىگار قۇربانلىقتىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەرگە قايتا لەنەت ئوقۇمايمەن. ئىنسانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ نىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك قايتا يوقىتىۋەتمەيمەن. 22يەر يۈزى بىر كۈن مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈزمۇ مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى. 

 




9

خۇدانىڭ نۇھ بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

1خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا بەخت ئاتا قىلىپ مۇنداق دېدى:

_ سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار، ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنياغا تارقالسۇن. 2يەر يۈزىدىكى بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار، ئۇچارقاناتلار ۋە بېلىقلار سىلەردىن قورقۇپ، سىلەرنىڭ باشقۇرۇشۇڭلاردا بولىدۇ. 3بۇرۇن سىلەرگە ئوزۇقلۇق ئۈچۈن كۆكتاتلارنى بەرگىنىمدەك، ئەمدى سىلەرگە ھەممە ھايۋاناتلارنىمۇ بېرىمەن. 4لېكىن، سىلەر قېنى بار گۆشنى ھەرگىز يېمەڭلار، چۈنكى جان قاندىدۇر. 5بۇنىڭدىن باشقا، قان تۆكۈلۈش بولسا، چوقۇم ھېساب ئالىمەن. ھەرقانداق بىر ھايۋان ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىڭدىنمۇ ھېساب ئالىمەن. كىمدەكىم ئادەم ئۆلتۈرسە، ئۇنىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىمەن.

6 مەن ئادەمنى ئۆزۈمگە ئوخشايدىغان قىلىپ ياراتتىم،

شۇنىڭ ئۈچۈن، كىمكى باشقا بىر ئادەمنىڭ قېنىنى تۆكسە،

ئۇنىڭ قېنىمۇ باشقىلار تەرىپىدىن تۆكۈلىدۇ.

7سىلەر نەسلىڭلارنى كۆپەيتىڭلار. سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭلار پۈتۈن دۇنيانى قاپلىسۇن.

8-10ئاندىن، خۇدا نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئەمدى سىلەر ۋە سىلەرنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلار بىلەن ھەمدە يەر يۈزىدىكى بارلىق ھايۋاناتلار، يەنى سىلەر بىلەن بىللە كېمىدىن چىققان ھەربىر ئۆي ھايۋانلىرى، ياۋايى ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلار بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. 11سىلەرگە ۋەدە بېرىمەنكى، پۈتكۈل جانلىقلار ھەرگىز توپان بىلەن قايتا يوقىتىلمايدۇ، يەر يۈزىنى خاراب قىلىدىغان توپان ئىككىنچى كەلمەيدۇ. 12-13مەن سىلەر ۋە بارلىق جانلىقلار بىلەن مەڭگۈلۈك بىر ئەھدىنى تۈزدۈم. بۇ ئەھدىنىڭ بەلگىسى _ ئاسماندا كۆرۈنىدىغان ھەسەن-ھۈسەندۇر. 14-15مەيلى قاچان بولمىسۇن، يامغۇردىن كېيىن ئاسماندىكى بۇلۇتلار ئارىسىدا ھەسەن-ھۈسەننى كۆرگىنىمدە، ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالىمەن. توپان بارلىق جانلىقلارنى قايتا يوقاتمايدۇ. 16ھەسەن-ھۈسەننىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا پەيدا بولۇشى ئۆزۈمنىڭ سىلەر ۋە يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل جانلىقلار بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنى ئېسىمگە كەلتۈرىدۇ. 17ھەسەن-ھۈسەن مېنىڭ بارلىق جانلىقلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولسۇن.

نۇھ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى

18كېمىدىن چىققان نۇھنىڭ ئوغۇللىرى: سام، ھام ۋە ياپەتلەر ئىدى. (ھام قانانلىقلارنىڭ بوۋىسى.) 19دۇنياغا تارقالغان ھەممە خەلقلەر نۇھنىڭ بۇ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

20نۇھ دېھقان بولۇپ، ئۈزۈمزارلىق يېتىشتۈرگەن بىرىنچى كىشى ئىدى. 21بىر قېتىم، ئۇ شاراب ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى سېلىۋېتىپ، چېدىرىدا ياتاتتى. 22قاناننىڭ ئاتىسى بولغان ھام، ئاتىسىنىڭ قىپيالىڭاچلىقىنى كۆرۈپ قېلىپ، بۇ ئىشنى ئىككى قېرىندىشىغا ئاشكارىلاپ قويدى. 23سام بىلەن ياپەت ئۇچىسىغا بىر ئۇزۇن چاپان يېپىنچاقلاپ، چېدىرنىڭ ئىچىگە كەينىچە مېڭىپ كىرىپ، چاپاننى ئاتىسىغا يېپىپ قويدى. ئۇلار يۈزىنى ئالدى تەرەپكە قىلىپ، ئاتىسىنىڭ يالىڭاچ تېنىگە قارىمىدى. 24نۇھ ئويغىنىپ، كەنجى ئوغلى ھامنىڭ قىلغانلىرىنى بىلىپ، 25ئۇنىڭ ئوغلى قانانغا لەنەت ئوقۇپ مۇنداق دېدى:

«قانانغا لەنەت ياغقاي!

ئۇ قېرىنداشلىرىنىڭ ئەڭ تۆۋەن قۇلى بولغاي.

26 پەرۋەردىگار _ سام ئېتىقاد قىلغان خۇدا مەدھىيىلەنگەي!

قاناننىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.

27 خۇدا ياپەتنى گۈللەپ ياشناتقاي.

ئۇنىڭ ئەۋلادى سامنىڭ ئەۋلادى بىلەن بىللە ئىناق ياشىغاي.

قاناننىڭ ئەۋلادى ياپەتنىڭ ئەۋلادىغا قۇل بولغاي.»

28توپاندىن كېيىن، نۇھ يەنە 350 يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ 950 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 




10

نۇھنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرى

1نۇھنىڭ ئوغۇللىرى سام، ھام، ياپەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: توپاندىن كېيىن، ئۇ ئۈچەيلەندىن پەرزەنتلەر* تۆرەلدى.

2ياپەتنىڭ ئوغۇللىرى: گومەر، ماگوگ، ماداي، ياۋان، تۇبال، مەشەك ۋە تىراسلار ئىدى.

3گومەرنىڭ ئەۋلادلىرى: ئاشكىنازلار، رىفاتلار ۋە توگارماھلار ئىدى.

4ياۋاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئەلىشا، تارشىش، كىتتىم، رودانىم خەلقلىرى ئىدى. 5ئۇلار دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئاراللاردا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. ياپەتنىڭ ئەۋلادلىرى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى.

6ھامنىڭ ئوغۇللىرى: كۇش، مىسىر، لىۋىيە ۋە قانانلار ئىدى.

7كۇشنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: سىبالار، ھاۋىلاھلار، سابىتالار، رائامىلار ۋە سەبىتىكاھلار ئىدى.

رائامىنىڭ ئەۋلادلىرى بولسا: شىبالار ۋە دېدانلار ئىدى.

8كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر-يۈزىدىكى ئەڭ كۈچلۈك باتۇرغا ئايلاندى. 9ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا باتۇر ئوۋچى بولغانىدى. شۇڭا، كىشىلەر ئارىسىدا «پەرۋەردىگار سېنى نىمرودتەك باتۇر ئوۋچى قىلسۇن!» دېگەن سۆز تارقالغانىدى. 10دەسلەپتە، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى بابىل، ئەرەك، ئاكاد، كالنېھ دېگەن جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ تۆت جاي بابىلوندا ئىدى. 11-12ئۇ بۇ يەردىن ئاسسۇر رايونىغا كېڭىيىپ، نىنەۋى، رىھۇبوت-ئىر، كالاخ ۋە رەسەن دېگەن شەھەرلەرنى بىنا قىلدى. رەسەن شەھىرى نىنەۋى بىلەن كالاخ شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇ كاتتا شەھەر ئىدى.

13مىسىرنىڭ ئەۋلادلىرى: لۇدلار، ئانامىيلار، لېھابىيلار، نافتۇھىيلار، 14پاترۇسلار، كاسلۇھىيلار ۋە كرىتلار ئىدى. فىلىستىنلىكلەر بولسا، كاسلۇھىيلارنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرى ئىدى.

15قاناننىڭ تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى سىدون ئىدى، يەنە بىر ئوغلىنىڭ ئىسمى خىت ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرى بولدى. 16قانان يەنە يەبۇسلار، ئامورلار، گىرگاشلار، 17ھىۋىلار، ئاركىيلار، سىندىيلار، 18ئارۋادىيلار، سىمارىيلار ۋە ھاماتىيلارنىڭ بوۋىسى بولدى.

كېيىن، قانانلىقلارنىڭ قەبىلىلىرى ناھايىتى كەڭ تارقالدى. 19ئۇلارنىڭ زېمىن چېگرىسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادما ۋە سىبوئىمنىڭ يېنىدىكى لاشا شەھىرىگىچە باراتتى. 20ھامنىڭ بۇ ئەۋلادلىرى ھەرقايسىسى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى.

21سام ياپەتنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇ ئەبەرلەرنىڭ ئاتىسى بولدى. 22سامنىڭ ئوغۇللىرى ئېلام، ئاسسۇر، ئارپاخشاد، لود ۋە ئاررام ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتلەرنىڭ بوۋىلىرى بولدى.

23ئاررامنىڭ ئەۋلادلىرى: ئۇسلار، ھۇللار، گەتەرلەر ۋە ماشلار ئىدى.

24ئارپاخشاد شالاھنىڭ ئاتىسى، شالاھ بولسا ئەبەرنىڭ ئاتىسى ئىدى.

25ئەبەردىن ئىككى ئوغۇل تۆرەلدى. بىرىنىڭ ئىسمى پەلەگ [ئاھاڭ جەھەتتە «بۆلۈنۈش»] ئىدى، چۈنكى ئۇ ياشىغان دەۋردە ئىنسانلار بۆلۈنۈشكە باشلىدى. يەنە بىرىنىڭ ئىسمى يوقتان ئىدى.

26يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى: ئالمودادلار، شەلەپلەر، خازارماۋىتلار، يەراھلار، 27ھادوراملار، ئۇزاللار، دىكلاھلار، 28ئوبالىيلار، ئابىمائېللار، شىبالار، 29ئوفىرلار، ھاۋىلاھلار ۋە يوبابلار ئىدى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى يوقتاننىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، 30ئۇلار مېشادىن سەففارنىڭ شەرق تەرىپىدىكى تاغقىچە بولغان جايلاردا ياشايتتى.

31سامنىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەۋلادلىرى، ھەرقايسىسى ئۆز قەبىلىلىرى ۋە دۆلەتلىرى ئىچىدە ياشاپ، ئۆز تىللىرىدا سۆزل ىشىدىغان مىللەتلەردىن بولۇپ قالدى.

32يۇقىرىدىكىلەر نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. بۇلار ئۆز زېمىنىدىكى ھەربىر قەبىلىلەر بويىچە خاتىرىلەنگەن. توپاندىن كېيىن، دۇنيادىكى پۈتۈن مىللەتلەر نۇھنىڭ ئوغۇللىرىدىن تارقالدى.



*1نۇھنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىرى كېيىن ھەر مىللەتنىڭ ئىسىملىرىغا ئايلىنىپ، ئۇلار شۇ مىللەتنىڭ بوۋىسى بولدى. ئۇلار تۇرغان يەرلەرمۇ شۇلارنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى.



 

11

خۇدانىڭ تىلنى كۆپ تىللارغا بۆلۈۋېتىشى

1دەسلەپتە، يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئىنسانلار پەقەت بۇ تىلدىلا سۆزلىشەتتى. 2ئۇلار شەرق تەرەپكە كۆچۈۋاتقىنىدا، بابىلوندىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا:

_ خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى.

بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا ماي ئىشلىتىدىغان بولدى.

4ئاندىن، ئۇلار:

_ بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەردە ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياساپ، ئۆز نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى چۈشتى. 6پەرۋەردىگار:

_ ئۇلار بىرلىشىپ بىر قوۋم بولۇپ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەتلا ئۇلار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ باشلىنىشى! بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالايدۇ. 7بىز چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقالمايدىغان قىلىپ قويايلى، _ دېدى.

8بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋەتتى. ئۇلار شەھەر بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى توختاتتى. 9شۇڭا، بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئاھاڭ جەھەتتە «قالايمىقانچىلىق»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنىدى.

سامنىڭ ئەۋلادلىرى

10سامنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: توپان ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى، سام 100 يېشىدا ئارپاخشادنى تاپتى. 11كېيىن، ئۇ يەنە 500 يىل ھايات كەچۈرۈپ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

12ئارپاخشاد 35 يېشىدا شالاھنى تاپتى. 13كېيىن، ئۇ يەنە 403 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

14شالاھ 30 يېشىدا ئەبەرنى تاپتى. 15كېيىن، ئۇ يەنە 403 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

16ئەبەر 34 يېشىدا پەلەگنى تاپتى. 17كېيىن، ئۇ يەنە 430 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

18پەلەگ 30 يېشىدا راغۇنى تاپتى. 19كېيىن، ئۇ يەنە 209 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

20راغۇ 32 يېشىدا سېرۇخنى تاپتى. 21كېيىن، ئۇ يەنە 207 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

22سېرۇخ 30 يېشىدا ناھورنى تاپتى. 23كېيىن، ئۇ يەنە 200 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

24ناھور 29 يېشىدا تەراھنى تاپتى. 25كېيىن، ئۇ يەنە 119 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

26تەراھ 70 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئىبرام، ناھور ۋە ھارانلارنى تاپتى.

تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى

27تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: تەراھ ئىبرام، ناھور ۋە ھارانلارنى تاپتى. ھاران بولسا لۇتنى تاپتى. 28ھاران كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. 29ئىبرام ساراھقا ئۆيلەندى، ناھور بولسا ھاراننىڭ قىزى مىلكاغا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە ئىسكاھ دېگەن بالىسىمۇ بار ئىدى. 30ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

31تەراھ ئوغلى ئىبرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، قانان دېگەن رايونغا كەتمەكچىدى. بىراق، ئۇلار ھاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 32تەراھ ئىككى يۈز بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى. 




12

خۇدانىڭ ئىبراھىمنى تاللىشى

1پەرۋەردىگار ئىبرامغا* مۇنداق دېدى:

_ سەن يۇرتۇڭدىن چىقىپ، ئاتاڭ ۋە باشقا ئۇرۇق-جەمەتىڭدىن ئايرىلىپ، مەن كۆرسەتمەكچى بولغان يەرگە بارغىن.

2 «مەن سېنىڭ ئۇرۇق-ئەۋلادىڭنى كۆپەيتىپ،

ئۇلارنى بىر چوڭ خەلق قىلىمەن.

مەن ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، نامىڭنى ئۇلۇغ قىلىمەن.

شۇنداق قىلىپ، كىشىلەر سەن ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ.

3 ساڭا بەخت تىلىگەنلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن،

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغدۇرىمەن.

سەن ئارقىلىق ھەممە مىللەتلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن!»

4ئىبرام يەتمىش بەش يېشىدا پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن ھاران شەھىرىدىن كەتتى، لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتتى. 5ئىبرام ئايالى ساراھ بىلەن جىيەنى لۇتنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ ھاران شەھىرىدە تاپقان بايلىقى ۋە قۇللىرىنى ئېلىپ، قانان رايونىغا قاراپ يول ئالدى. ئۇلار قانان تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن، 6سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەكەم شەھىرىگە يېقىن مورەھ دېگەن جايىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ چاغدا، قانانلىقلار شۇ زېمىندا ياشاۋاتاتتى.

7پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

شۇڭا، ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى. 8كېيىن، ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 9كېيىن، ئۇ ئاستا-ئاستا قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا يۆتكەلدى.

ئىبرامنىڭ مىسىرغا بېرىشى

10قاناندا ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئىبرام مىسىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقتىنچە تۇرماقچى بولدى. 11ئۇلار مىسىرغا كىرىشكە ئاز قالغاندا، ئىبرام ئايالى ساراھقا:

_ سەن بىر گۈزەل ئايال. 12مىسىرلىقلار سېنى كۆرسە، جەزمەن مېنىڭ ئايالىم ئىكەنلىكىڭنى بىلىپ، سېنى ھايات قالدۇرۇپ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ. 13سەن ئۇلارغا ئۆزۈڭنى مېنىڭ سىڭلىم دېگىن. شۇنداق دېسەڭ، ئۇلار سېنى دەپ، مېنىڭ جېنىمغا زامىن بولماي، ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ، _ دېدى.

14ئىبرام مىسىرغا كىرگەن ۋاقتىدا، مىسىرلىقلار دەرۋەقە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ گۈزەللىكىنى بايقىدى. 15ئوردىدىكى بىرنەچچە ئەمەلدار ئۇنى كۆرۈپ، پادىشاھ ئالدىدا ئۇنىڭ گۈزەللىكىنى تەرىپلىگەنىدى. شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ئوردىغا ئېلىپ كىرىلدى.

16پادىشاھ ساراھنىڭ سەۋەبىدىن ئىبرامغا ياخشى مۇئامىلە قىلدى. ئۇنىڭغا نۇرغۇن كالا، قوي، ئېشەك، تۆگە ۋە ئەر-ئايال قۇللارنى سوۋغات قىلدى. 17لېكىن، پادىشاھ ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، پەرۋەردىگار پادىشاھقا ۋە ئۇنىڭ ئوردىسىدىكىلەرگە ئاپەت ياغدۇردى. ئۇلار قورقۇنچلۇق كېسەلگە گىرىپتار بولدى. 18بۇنى سەزگەن پادىشاھ ئىبرامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭغا:

_ بۇ ماڭا نېمە قىلغىنىڭ؟ نېمىشقا ساراھنىڭ ئۆز ئايالىڭ ئىكەنلىكىنى ئېيتمىدىڭ؟ 19نېمىشقا ئۇنى سىڭلىم دېدىڭ؟ شۇنداق دېگىنىڭنى ئاڭلاپ، مەن ئۇنى ئالدىم. ئايالىڭ مانا! ئۇنى ئېلىپ كەت! _ دېدى.

20بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا ئىبرامنى چېگرىدىن چىقىرىۋېتىشكە ئەمر قىلدى. ئۇلار ئۇنى ئايالى ۋە ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى.



*1ئىبرام _ خۇدا كېيىن «ئىبراھىم» دەپ ئىسىم قويغان پەيغەمبەر.



 

13

ئىبرام بىلەن لۇتنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى

1ئىبرام ئايالى ۋە ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان ھەممە نەرسىلىرىنى ئېلىپ مىسىردىن چىقىپ، قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا باردى. لۇتمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. 2ئىبرام باي بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرغۇن مال-ۋارانلىرى ۋە ئالتۇن-كۈمۈشلىرىمۇ بار ئىدى. 3كېيىن، ئۇ نېگىب رايونىدىن ئايرىلىپ، ئاستا-ئاستا شىمالغا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە قايتا باردى. ئۇ بەيتەل بىلەن ئاي شەھىرىنىڭ ئارىلىقىغا، يەنى ئۇ تۇنجى قېتىم ئورۇنلىشىپ، 4قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغان يەرگە قايتىپ كېلىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.

5ئىبرام بىلەن ماڭغان لۇتنىڭمۇ مال-ۋارانلىرى ۋە قۇللىرى كۆپ ئىدى. 6بۇ ئىككى ئائىلىنىڭ پادىلىرى بەك كۆپ بولغاچقا، ئوتلاقلار يېتىشمەي قالغانىدى. 7شۇڭا، ئىبرامنىڭ پادىچىلىرى بىلەن لۇتنىڭ پادىچىلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقىپ قالدى. (ئۇ چاغدا، قانانلىقلار بىلەن پەرىزىلەر يەنىلا قانان رايونىدا تۇراتتى.)

8شۇڭا، ئىبرام لۇتقا:

_ بىز بولساق ئۇرۇق-تۇغقان، ئارىمىزدا ياكى پادىچىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا تالاش-تارتىش چىقمىسۇن. 9ئايرىلىپ ياشايلى. مانا، پۈتۈن زېمىن سېنىڭ ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. خالىغان يەرنى تاللا! ئوڭ تەرەپنى تاللىساڭ، سول تەرەپ ماڭا قالسۇن، سول تەرەپنى تاللىساڭ، ئوڭ تەرەپ ماڭا قالسۇن، _ دېدى.

10لۇت تۆت تەرەپكە نەزەر سېلىپ، ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىن زوئارغىچە سوزۇلغان كەڭ تۈزلەڭلىكنى كۆردى. بۇ تۈزلەڭلىكنىڭ سۈيى مول بولۇپ، خۇددى ئېرەم باغقا ۋە مىسىرنىڭ يەرلىرىگە ئوخشايتتى. (ئۇ چاغدا، پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنى تېخى خارابىلىككە ئايلاندۇرمىغانىدى.)

11شۇڭا، لۇت ئۇ يەرنى تاللاپ، شەرق تەرەپكە يۆتكەلدى. ئۇ ئىككىيلەن مانا شۇنداق ئايرىلدى. 12ئىبرام قاناندا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. لۇت ئىئوردان دەريا ۋادىسىدىكى شەھەرلەرگە يېقىنلىشىپ، سودوم شەھىرىنىڭ ئەتراپىدا چېدىر تىكىپ ئورۇنلاشتى. 13سودوملۇقلار رەزىللىككە تولغان بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ئۇلار ئېغىر گۇناھكارلار ئىدى.

ئىبرامنىڭ ھىبرونغا كۆچۈشى

14لۇت ئىبرامدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا:

_ سەن تۇرغان جايىڭدىن شەرق، غەرب، جەنۇب ۋە شىمال تەرەپلەرگە قاراپ باق. 15سەن كۆرۈۋاتقان بۇ زېمىنلارنى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. بۇ زېمىن مەڭگۈ سىلەرگە مەنسۇپ. 16مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ھەددى-ھېسابسىز كۆپەيتىمەن. يەر يۈزىدىكى قۇمنى ھېچكىم سانىيالمىغانغا ئوخشاش، ئۇلارنىڭ سانىنىمۇ ھېچكىم سانىيالمايدۇ. 17ئورنۇڭدىن تۇر. بۇ زېمىننى كېزىپ چىق. مەن ئۇنى ساڭا تەقدىم قىلدىم! _ دېدى.

18بۇنىڭ بىلەن، ئىبرام چېدىرلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، ھىبرون شەھىرىگە يېقىن مامرەدىكى دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا ئولتۇراقلىشىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى. 




14

ئىبرامنىڭ لۇتنى قۇتقۇزۇشى

1شۇ كۈنلەردە، بابىلون بېگى ئامرافىل، ئېللاسار بېگى ئاريوك، ئېلام بېگى كېدورلاۋمار، گويىم بېگى تىدال قاتارلىق تۆت بەگ بىرلىشىپ، 2سودوم بېگى بەرا، گومورا بېگى بىرشا، ئادما بېگى شىناب، سىبوئىم بېگى شەمەبەر ۋە بېلا (زوئار دەپمۇ ئاتىلىدۇ) بېگى قاتارلىق بەش بەگ بىلەن جەڭ قىلىشقا چىقتى. 3بۇ بەش بەگ قوشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، سىددىم ۋادىسىغا يىغدى. (سىددىم ۋادىسى ھازىرقى «ئۆلۈك دېڭىز» ۋادىسىدۇر.) 4ئۇلار ئون ئىككى يىل كېدورلاۋمار بېگىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولۇپ، ئون ئۈچىنچى يىلغا كەلگەندە، ئۇنىڭغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەنىدى.

5شۇڭا، ئون تۆتىنچى يىلى كېدورلاۋمار بەگ ئۆزىنىڭ ۋە ئىتتىپاقداش بەگلەرنىڭ قوشۇنلىرىنى باشلاپ بېرىپ، ئاشتاروت-كارنائىم دېگەن يەردە رېفالارنى يەڭدى. كېيىن، ھام دېگەن يەردە زۇزلارنى ۋە شاۋا-كىرياتائىم تۈزلەڭلىكىدە ئېملارنىڭ ھەممىسىنى تارمار قىلدى. 6سەئىر تاغلىق رايونىدا ياشاۋاتقان ھورىتلارنىمۇ چۆل بويىدىكى ئەل-پارانغىچە قوغلاپ بېرىپ تارمار قىلدى. 7ئارقىدىنلا، ئۇلار ئېن-مىشپات، يەنى كادېشقا قايتىپ، ئامالەكلەرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى بېسىۋېلىپ، ھازازۇن-تاماردا ياشاۋاتقان ئامورلارنىمۇ تارمار قىلدى.

8بۇنىڭ بىلەن، سودوم، گومورا، ئادما، سىبوئىم ۋە بېلا، يەنى زوئار قاتارلىق بەش بەگلىكنىڭ بەگلىرى بىرلەشمە قوشۇنىنى باشلاپ، سىددىم ۋادىسىغا جەڭ قىلىشقا چىقتى. 9ئۇلار ئېلام شەھىرىنىڭ بېگى كېدورلاۋمار، گويىمنىڭ بېگى تىدال، بابىلوننىڭ بېگى ئامرافىل ۋە ئېللاسارنىڭ بېگى ئاريوكتىن ئىبارەت تۆت بەگ بىلەن جەڭ قىلدى. 10سىددىم ۋادىسىنىڭ ھەممە يېرىدە قارا ماي بىلەن تولغان كۆلچەكلەر بار ئىدى. سودوم بېگى بىلەن گومورا بېگى قاچقان ۋاقتىدا، قوشۇنلىرىنىڭ بىر قىسمى كۆلچەكلەرگە چۈشۈپ كېتىپ، قالغانلىرى تاغقا قېچىپ كەتتى.

11تۆت بەگ سودوم بىلەن گومورانىڭ پۈتۈن بايلىق ۋە ئاشلىق-تۈلۈكلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ كەتتى. 12ئۇ چاغدا ئىبرامنىڭ جىيەنى لۇت سودومدا تۇراتتى. ئۇلار ئۇنىمۇ مال-مۈلۈكلىرى بىلەن قوشۇپ بۇلاپ كەتتى.

13لېكىن، قۇتۇلۇپ قالغان بىر كىشى بۇ ئىشلارنى ئىبرانىي* بولغان ئىبرامغا مەلۇم قىلدى. ئۇ چاغدا، ئىبرام ئامور قەبىلىسىدىن مامرە ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ دۇب دەرەخلىكىنىڭ يېنىدا تۇراتتى. مامرە ۋە ئىككى ئىنىسى _ ئەشكول ۋە ئانىر ئىبرامنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئىدى.

14ئىبرام جىيەنى لۇتنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئادەملىرىدىن ئۈچ يۈز ئون سەككىز نەپەر جەڭچىنى چاقىرىپ، تۆت بەگنى دان دېگەن جايغىچە قوغلاپ باردى. 15-16ئۇ يەردە جەڭچىلەرنى بىرقانچە قىسىمغا بۆلۈپ، كېچىسى ھۇجۇم قىلىپ، دۈشمەننى مەغلۇپ قىلدى. ئۇلارنى دەمەشقنىڭ شىمالىدىكى خوبا دېگەن جايغىچە قوغلاپ، بۇلاپ كەتكەن ھەممە مال-مۈلۈكنى تارتىۋېلىپ، ئۆز جىيەنى لۇتنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقلىرىنى، خوتۇن-قىزلىرىنى ۋە باشقا ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملىرىنى قايتۇرۇپ ئالدى.

مالكىسىدىقنىڭ ئىبرامغا بەخت تىلىشى

17ئىبرام كېدورلاۋمار ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداش ھەرقايسى بەگلەرنى مەغلۇپ قىلىپ، غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەندە، سودوم بېگى ئۇنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن شاۋا ۋادىسى (خان ۋادىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا چىقتى.

18ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالىمنىڭ بېگى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ، 19ئۇنىڭغا بەخت تىلەپ:

«پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان ئۇلۇغ خۇدا ئىبرامنى بەختلىك قىلغاي!

20 سېنى دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدۇرغان ئۇلۇغ خۇدا مەدھىيىلەنگەي!» دېدى.

ئىبرام غەنىيمەت ئالغان نەرسىلەرنىڭ ئوندىن بىرىنى مالكىسىدىققا تەقدىم قىلدى. 21سودوم بېگى ئىبرامغا:

_ غەنىيمەتلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا مەنسۇپ، لېكىن ئادەملىرىمنى قايتۇرۇپ بەر! _ دېدى.

22ئىبرام ئۇنىڭغا:

_ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلۇغ خۇدا ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، 23مەن سېنىڭ ھەرقانداق نەرسەڭنى، ھەتتا بىر تال يىپىڭنى ياكى كەشىڭنىڭ بوغقۇچىنىمۇ ئالمايمەن. بولمىسا، سەن كېيىن: «مەن ئىبرامنى باي قىلىپ قويدۇم!» دېيىشتىن يانمايسەن.

24شۇنىڭ ئۈچۈن، ئادەملىرىمنىڭ يېگىنىنىلا ھېسابلايمەن. ئۇنىڭدىن باشقا ھېچنېمىنى ئالمايمەن. لېكىن، مېنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىم ئانىر، ئەشكول ۋە مامرەلەرگە غەنىيمەتلەردىن تېگىشلىكىنى ئايرىپ بەرسەڭ بولدى، _ دېدى.



*13ئىبرانىي _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.



 

15

خۇدانىڭ ئىبرام بىلەن ئەھدە تۈزۈشى

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئىبرامغا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا:

_ ئىبرام، قورقما! مەن ساڭا قالقان بولۇپ، ناھايىتى زور ئىنئام بېرىمەن، _ دېدى.

2لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مېنىڭ پەرزەنتىم بولمىسا، سېنىڭ بەرمەكچى بولغان ئىنئامىڭنىڭ پايدىسى نېمە؟ مېنىڭ بىردىنبىر مىراسخورۇم _ دەمەشقتىن كەلگەن چاكىرىم ئېلىيەزەر بولىدۇ. 3سەن ماڭا پەرزەنت بەرمىدىڭ، شۇڭا مېنىڭ تەئەللۇقاتىمغا چاكىرىم مىراسخور بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

4ئارقىدىنلا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە يەنە: «چاكىرىڭ ئېلىيەزەر سېنىڭ مىراسخورۇڭ بولمايدۇ، پەقەت ئۆزۈڭدىن بولغان ئوغۇللا مىراسخورۇڭ بولىدۇ» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى.

5شۇندىن كېيىن، خۇدا ئۇنى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاسمانغا قاراپ، يۇلتۇزلارنى سانىيالايدىغان بولساڭ ساناپ باق، سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئەنە شۇ يۇلتۇزلاردەك سان-ساناقسىز بولىدۇ! _ دېدى.

6ئىبرام پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ ئېتىقادىنى كۆرۈپ، ئۇنى ھەققانىي ئادەم، دەپ ھېسابلىدى.

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يەنە:

_ سېنى بۇ زېمىنغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن، سېنى كالدانىلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار مەن بولىمەن، _ دېدى.

8لېكىن، ئىبرام:

_ ئى ئىگەم خۇدا، مەن بۇ زېمىنغا جەزمەن ئىگە بولىدىغانلىقىمنى نېمىدىن بىلىمەن؟ _ دەپ سورىدى.

9پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن ئۈچ ياشلىق كالا، ئۆچكە، قوچقاردىن ھەم پاختەك ۋە ياش كەپتەردىن بىردىن ئېلىپ، مېنىڭ ئالدىمغا كەلگىن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10ئىبرام بۇ ھايۋانلارنى خۇدانىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ، قۇشلاردىن باشقىسىنىڭ قارنىنى يېرىپ ئىككى پارچە قىلدى. گۆشلەرنى ئىككى تەرەپكە قاتار قىلىپ تىزدى. 11قۇزغۇنلار ئۇچۇشۇپ كېلىپ، گۆشلەرگە قونغاندا، ئىبرام ئۇلارنى قوغلىۋەتتى. 12كۈن پاتقاندا، ئىبرام ئۇيقۇغا كەتتى. چۈشىدە ئۇنى قورقۇنچلۇق قاراڭغۇلۇق باستى. 13پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ شۇنى بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ باشقا بىر دۆلەتتە مۇساپىر بولىدۇ. شۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرگە قۇل بولۇپ، تۆت يۈز يىل ئۇلار تەرىپىدىن ئازاب چېكىدۇ. 14لېكىن، مەن ئۇلارنى قۇل قىلغۇچى خەلقنى چوقۇم جازالايمەن. ئۇلار ئۇ دۆلەتتىن قايتقىنىدا، نۇرغۇن بايلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. 15سەن بولساڭ ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، ئەجدادلىرىڭنىڭ قېشىغا كېتىسەن. 16سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بۇ يەرگە قايتىپ كەلگۈچە، ئۇ يەردە تۆت ئەۋلاد ئۆتۈپ كېتىدۇ. چۈنكى، بۇ يەردە تۇرۇۋاتقان ئامورلارنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمىگۈچە، ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلمايمەن.

17كۈن پېتىپ قاراڭغۇ چۈشكەندىن كېيىن، ئىس چىقىپ تۇرغان ئوچاق ۋە يېنىپ تۇرغان مەشئەل تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ، ھېلىقى ئىككى قاتار گۆشنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ كەتتى. 18-19مانا شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ئىبرام بىلەن ئەھدە تۈزۈپ مۇنداق دېدى:

_ مەن مىسىر چېگرىسىدىن تاكى فىرات دەرياسىغىچە سوزۇلغان بۇ زېمىننىڭ ھەممىسىنى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. بۇ زېمىن كېنلار، كېنىزلەر، كادمونلار، 20خىتلار، پەرىزىلەر، رېفالار، 21ئامورلار، قانانلار، گىرگاشلار ۋە يەبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 




16

ئىسمائىلنىڭ تۇغۇلۇشى

1ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھ تۇغماس ئىدى، بىراق ئۇنىڭ ھەجەر ئىسىملىك مىسىرلىق بىر دېدىكى بار ئىدى. 2ساراھ ئىبرامغا:

_ پەرۋەردىگار مېنى تۇغماس يارىتىپتۇ، ئەمدى سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلەن بىر ياستۇققا باش قويۇڭ! بەلكىم ئۇ ماڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرەر، _ دېدى.

ئىبرام ساراھنىڭ بۇ سۆزىگە قوشۇلدى. 3شۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى ئىبرامغا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. (بۇ ۋەقە ئىبرام قاناندا ئون يىل تۇرغاندا يۈز بەردى.) 4ئىبرام ھەجەر بىلەن بىللە بولغاندىن كېيىن، ھەجەر ھامىلىدار بولۇپ قالدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدار بولغانلىقىنى سېزىپ مەغرۇرلىنىپ، ساراھنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇپ قالدى.

5ساراھ ئىبرامغا قېيىداپ:

_ ھەممىنى قىلغان سەن! مەن ھەجەرنى ساڭا قوشۇپ قويغان. ئەمدىلىكتە، ئۇ ئۆزىنىڭ ھامىلىدارلىقىنى بىلىپلا، مېنى كۆزگە ئىلمايدىغان بولۇۋالدى. سېنىڭ ياكى مېنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە پەرۋەردىگار ئۆزى ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.

6ئىبرام:

_ ئۇ سېنىڭ دېدىكىڭ، ئۇ سېنىڭ ئىلكىڭدە. ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش سېنىڭ ئىختىيارىڭ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

بۇنىڭ بىلەن، ساراھ ھەجەرنى بوزەك قىلدى، شۇڭا ھەجەر ئىبرامنىڭ ئۆيىدىن قېچىپ كەتتى.

7پەرىشتىنىڭ سۈرىتىدە كۆرۈنگەن پەرۋەردىگار* ھەجەرنى چۆلدىكى بىر بۇلاقنىڭ يېنىدا كۆردى. بۇلاق شۇر دېگەن يەرگە بارىدىغان يولنىڭ بويىدا ئىدى. 8پەرىشتە ئۇنىڭدىن:

_ ئەي ساراھنىڭ دېدىكى ھەجەر، سەن قەيەردىن كەلدىڭ؟ نەگە كېتىۋاتىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن ئايال خوجايىنىم ساراھنىڭ يېنىدىن قېچىپ چىقتىم، _ دەپ جاۋاب بەردى ھەجەر.

9پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ سەن ئايال خوجايىنىڭنىڭ يېنىغا قايتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا بويسۇنغىن، _ دېدى.

10پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:

_ مەن سېنىڭ ئەۋلادىڭنى شۇنداق كۆپەيتىمەنكى، ئۇلارنى ھېچكىم سانىيالمايدىغان قىلىمەن. 11سەن ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىسەن، ئىسمىنى ئىسمائىل [مەنىسى «ئاڭلىغۇچى خۇدا»] قويغىن، چۈنكى سېنىڭ داد-پەريادىڭ پەرۋەردىگارغا يەتتى. 12سېنىڭ ئوغلۇڭنىڭ مىجەزى بىر ياۋا ئېشەككە ئوخشايدۇ. ھەممە يەرگە بېرىپ، كىشىلەر بىلەن جېدەل چىقىرىدۇ. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا قارشىلىق كۆرسىتىدۇ. ئۇ تۇغقانلىرىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ ياشايدۇ.

13ھەجەر ئۆز-ئۆزىگە: «مەن راستتىنلا ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدانى كۆردۈم!» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئۆزىگە سۆز قىلغان پەرۋەردىگارنى «ئېل-روئا»، [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. 14شۇڭا، كىشىلەر ئۇ بۇلاققا بېئېر-لاھايروي [مەنىسى «مېنى كۆرگۈچى خۇدانىڭ بۇلىقى»] دەپ نام قويدى. بۇ بۇلاق ھازىرمۇ كادېش بىلەن بەرەد شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىدۇر.

15ھەجەر ئىبرامغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئىبرام ئۇنىڭغا ئىسمائىل دەپ ئات قويدى. 16ئۇ چاغدا، ئىبرام سەكسەن ئالتە ياشتا ئىدى.



*7سۆزمۇسۆز تەرجىمىسى: «پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى» بولۇپ، تەۋراتتا بۇ كۆپ ۋاقىتلاردا پەرىشتە قىياپىتىدە كۆرۈلگەن خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.



 

17

قەدىمكى ئەھدىنىڭ بەلگىسى _ خەتنە

1ئىبرام توقسان توققۇز يېشىدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ:

_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن داۋاملىق مېنىڭ يولۇمدا مېڭىپ، قۇسۇرسىز ئادەم بول. 2مەن سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇپ، سېنى كۆپ ئەۋلادلىق قىلىمەن، _ دېدى.

3ئىبرام يەرگە باش قويدى. خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

4_ مېنىڭ سەن بىلەن تۈزگەن ئەھدەم مۇنداق: سەن نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى بولىسەن. 5ھازىردىن باشلاپ سېنىڭ ئىسمىڭ ئىبرام ئەمەس، ئىبراھىم [مەنىسى «نۇرغۇن ئەۋلادلارنىڭ ئاتىسى»] بولسۇن. چۈنكى، مەن سېنى نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئاتىسى قىلىمەن. 6مەن ساڭا كۆپ ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن يېڭى خەلق ۋە پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ. 7مەن سەن ۋە كەلگۈسىدىكى ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە تۇرىمەن. مەن سېنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭنىڭ خۇداسىدۇرمەن. 8سەن ھازىر قاناندا مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتىسەن. ئەمما، بۇ پۈتۈن زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلدىم. ئۇ سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ مىراس بولسۇن. مەن ئۇلارنىڭمۇ خۇداسىدۇرمەن!

9خۇدا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭمۇ مېنىڭ ئەھدەمدە چىڭ تۇرۇشۇڭلار كېرەك. 10سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەرقانداق ئەر كىشى خەتنە قىلىنىشى كېرەك. مانا بۇ مېنىڭ سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدۇر. 11-12ھازىردىن باشلاپ، سىلەر بارلىق ئوغۇل بوۋاقلىرىڭلارنى، مەيلى ئۆيۈڭلاردا تۇغۇلغان ياكى چەت ئەللىكلەردىن سېتىۋالغان قۇللىرىڭلار تۇغقان بولسۇن، ئۇلارنى تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىشىڭلار كېرەك. خەتنە قىلىش _ ئارىمىزدا تۈزگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. 13ھەممە ئەرلەرنىڭ خەتنىسىنى قىلىشىڭلار كېرەك. سىلەرنىڭ تېنىڭلاردىكى بەلگە _ ئارىمىزدىكى تۈزگەن مەڭگۈلۈك ئەھدەمنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن. 14خەتنە قىلىنمىغان ئەرنى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئەھدەمنى بۇزغان بولىدۇ.

15بۇنىڭدىن باشقا، خۇدا ئىبراھىمغا مۇنداق دېدى:

_ سېنىڭ ئايالىڭ ساراھنىڭ ئىسمى ھازىردىن باشلاپ سارە [مەنىسى «ئايال شاھزادە»] بولسۇن. 16مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭدىن ساڭا بىر ئوغۇل تەقدىم قىلىمەن. سارە نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ ئانىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىدىن پادىشاھلارمۇ چىقىدۇ.

17ئىبراھىم يەرگە باش قويۇپ، كۈلۈپ، كۆڭلىدە «يۈز ياشلىق بوۋاي قانداقمۇ پەرزەنت كۆرەلىسۇن؟! سارە بولسا توقسان ياشقا كىرگەن تۇرسا، قانداقمۇ ھامىلىدار بولالىسۇن؟» دەپ ئويلىدى 18ۋە خۇداغا:

_ ئىسمائىلنى بەختكە ئېرىشتۈرسەڭ بولدىغۇ! _ دېدى.

19لېكىن، خۇدا مۇنداق دېدى:

_ ياق، ھەجەر ئەمەس، ئايالىڭ سارە ساڭا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] قوي. مەن ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى بىلەنمۇ مەڭگۈلۈك ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 20ئىسمائىلغا كەلسەك، ئۇ توغرىسىدىكى تەلىپىڭنىمۇ ئاڭلىدىم. مەن ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ نەسلىنى ناھايىتى كۆپەيتىمەن. ئۇ ئون ئىككى پادىشاھنىڭ ئاتىسى بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇلۇغ بىر مىللەتكە ئايلاندۇرىمەن. 21بىراق، مېنىڭ ئەھدەم بولسا كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا سارە ساڭا تۇغۇپ بېرىدىغان ئوغۇل _ ئىسھاق بىلەن باغلىنىشلىق.

22خۇدا ئىبراھىمغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدىن ئايرىلدى.

23مانا شۇ كۈنى، ئىبراھىم خۇدانىڭ ئەمرىگە ئەمەل قىلىپ، ئوغلى ئىسمائىل ۋە ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەرنى، جۈملىدىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە سېتىۋالغان قۇللارنى خەتنە قىلدۇردى. 24ئىبراھىم خەتنە قىلىنغاندا، توقسان توققۇز ياشتا، 25ئىسمائىل خەتنە قىلىنغاندا، ئون ئۈچ ياشتا ئىدى. 26-27ئىككىسى، ئائىلىسىدىكى ھەممە ئەرلەر، جۈملىدىن ئائىلىسىدە تۇغۇلغان ۋە چەت ئەللىكلەردىن سېتىۋېلىنغان قۇللار بىلەن بىللە شۇ كۈن ئىچىدە خەتنە قىلىندى. 




18

ئەرشتىن چۈشكەن ئۈچ مېھمان

1كېيىن، پەرۋەردىگار مامرەدىكى دۇب دەرەخلىكىدە ئىبراھىمغا قايتا كۆرۈندى. كۈن تىكلەشكەن ۋاقىتتا، ئىبراھىم چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا ئولتۇراتتى. 2ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، ئۇدۇلىدا ئۈچ كىشىنىڭ ئۆرە تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، شۇ ھامان ئۇلارنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ يەرگە ئېڭىشىپ، تەزىم قىلىپ، 3ئۇلارغا:

_ جانابلار، ئېغىر كۆرمىسەڭلار ئۆيىمىزگە كىرىپ، مېھمان بولۇپ قايتقايسىلەر. 4ھەرقايسىڭلار دەرەخ سايىسىدە دەم ئېلىپ تۇرغايسىلەر، مەن پۇت-قوللىرىڭلارنى يۇيۇشقا سۇ، 5غىزالىنىشىڭلارغا بىرئاز يېمەكلىك ئېلىپ كېلەي. ئارام ئېلىپ، يولۇڭلارنى داۋاملاشتۇرغايسىلەر. كەلگەنلىكىڭلاردىن خۇشال بولدۇم، _ دېدى.

_ رەھمەت، ئېيتقىنىڭىزچە بولسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.

6ئىبراھىم دەرھال چېدىرغا يۈگۈرۈپ كىرىپ، سارەگە:

_ دەرھال بىر خالتا ئەڭ ياخشى ئۇندىن نان پىشۇرغىن! _ دېدى.

7ئارقىدىنلا، ئۇ يەنە كالا پادىلىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ، سېمىز بىر تورپاقنى تاللاپ، چاكىرىغا تاپشۇردى. ئۇ دەرھال تورپاقنى سويۇپ، تەييارلىدى. 8-9ئاندىن، ئىبراھىم قايماق، سۈت ۋە گۆشنى ئۈچ مېھماننىڭ ئالدىغا قويدى. ئۆزى بولسا، ئۇلارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن دەرەخ سايىسىدە كۈتۈپ تۇردى. تاماق يەۋاتقاندا، ئۇلار ئىبراھىمدىن:

_ ئايالىڭ سارە قەيەردە؟ _ دەپ سورىدى.

_ چېدىردا، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

10مېھمان سىياقىدىكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ كېلەر يىلى بۇ چاغدا، مەن چوقۇم قايتىپ كېلىمەن. شۇ چاغدا، ئايالىڭ سارە بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.

سارە ئۇلارنىڭ كەينىدىكى چېدىر ئاغزىدا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇراتتى.

11ئۇ چاغدا، ئىبراھىم بىلەن سارە ئىككىلىسى قېرىپ قالغانىدى. سارەنىڭ ئادەت كۆرۈشىمۇ توختاپ كەتكەنىدى. 12شۇڭا، سارە ئىچىدە كۈلۈپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن قېرىپ قالدىم، ئېرىممۇ قېرىپ قالغان تۇرسا، ئەمدى ماڭا بۇنداق خۇشاللىق قەيەردىن كەلسۇن؟!» دېدى.

13شۇڭا، پەرۋەردىگار ئىبراھىمغا:

_ سارە نېمىشقا كۈلۈپ تۇرۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «مەن شۇنچە قېرىپ كەتكەن تۇرسام، يەنە قانداقمۇ ھامىلىدار بولالاي؟!» دەيدۇ؟ 14پەرۋەردىگار قىلالمايدىغان ئىش يوق ئەمەسمۇ! ئېيتقىنىمدەك، كېلەر يىلى دەل مۇشۇ چاغدا قايتىپ كېلىمەن. ئۇ چاغدا، سارە چوقۇم بىر ئوغۇلغا ئانا بولىدۇ، _ دېدى.

15سارە قورقۇپ:

_ مەن كۈلمىدىم! _ دەپ تاندى.

_ ياق، سەن راستتىنلا كۈلدۈڭ، _ دېدى پەرۋەردىگار.

ئىبراھىمنىڭ خۇدادىن سودوم شەھىرى ھەققىدە يالۋۇرۇشى

16ئەرشتىن چۈشكەن بۇ مېھمانلار ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، سودوم شەھىرى تەرەپكە يۈزلەندى. ئىبراھىممۇ ئۇلارنى ئۇزىتىش ئۈچۈن بىللە ماڭدى.

17پەرۋەردىگار ئۆز-ئۆزىگە مۇنداق دېدى: «مەن قىلىدىغان ئىشىمنى ئىبراھىمدىن يوشۇرسام بولمايدۇ. 18چۈنكى، ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى چوقۇم ئۇلۇغ ۋە كۈچ-قۇدرەتلىك بىر خەلق بولىدۇ. مەن ئۇ ئارقىلىق دۇنيادىكى ھەممە خەلقلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. 19مەن ئۇنى ئۆز بالىلىرى ۋە ئەۋلادلىرىغا مېنىڭ يولۇمنى تۇتۇشنى، دۇرۇس ۋە ھەققانىي بولۇشنى بۇيرۇسۇن، دەپ تاللىدىم. شۇنداق قىلسا، مەنمۇ ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرىمەن.»

20شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار:

_ مەن سودوم بىلەن گومورا شەھىرىدىكىلەرنىڭ ھەددىدىن ئاشقان گۇناھلىرى ئۈستىدىن قىلىنغان ئېغىر ئەرزلەرنى ئاڭلىدىم. 21مەن چوقۇم چۈشۈپ، ئاڭلىغانلىرىمنىڭ ئەمەلىيەت ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمەكچىمەن، _ دېدى.

22ئاندىن كېيىن ئىككى كىشى سودومغا كېتىپ قالدى. بىراق، پەرۋەردىگار بولسا ئىبراھىمنىڭ قېشىدا قالدى.

23ئىبراھىم ئۇنىڭغا يېقىنلىشىپ:

_ سەن راستتىن دۇرۇس كىشىلەرنى گۇناھكارلار بىلەن قوشۇپ ھالاك قىلامسەن؟ 24ئەگەر شەھەردە ئەللىك دۇرۇس كىشى بولسا، سەن پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟ بۇ ئەللىك ئادەمنى قۇتقۇزۇۋېلىش ئۈچۈن شەھەرنى ساقلاپ قالمامسەن؟ 25سەن چوقۇم دۇرۇس كىشىلەرنى گۇناھكارلار بىلەن قوشۇپ يوقاتمايسەن. ھەرگىز ئۇنداق قىلمايسەن! ئۇنداق قىلساڭ، دۇرۇس كىشىلەر گۇناھكارلار بىلەن بىللە تەڭ جازاغا ئۇچرايدۇ. بۇ مۇمكىن ئەمەس! سەن پۈتۈن ئالەمنىڭ سوراقچىسىسەن! جەزمەن ئادىل ھۆكۈم چىقىرىسەن، _ دېدى.

26پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سودوم شەھىرىدە ئەللىك دۇرۇس كىشى تاپالىسام، ئۇلارنى دەپ پۈتۈن شەھەرنى ساقلاپ قالىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

27ئىبراھىم يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئى ئىگەم! باشلىغانىكەنمەن، داۋاملاشتۇراي. ئېغىر كۆرمىسەڭ، مەندەك بىر ئاجىز بەندەڭنىڭ يۈرەكلىك ھالدا سەندىن يەنە سورىشىغا رۇخسەت قىلغايسەن! 28ناۋادا شەھەردە پەقەت قىرىق بەش دۇرۇس كىشى بولسا، بەش كىشى كەم بولغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن شەھەرنى خاراب قىلامسەن؟

پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر قىرىق بەش دۇرۇس كىشى تاپالايدىغان بولسام، بۇ شەھەرنى خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

29ئىبراھىم يەنە:

_ ئەگەر پەقەت قىرىق كىشى بولسىچۇ؟ _ دېدى.

_ ئەگەر قىرىق كىشى بولسىمۇ خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار.

30ئىبراھىم يەنە:

_ ئى ئىگەم! خاپا بولمىساڭ، سەندىن يەنە بىرنېمە سورىماقچىمەن. مۇبادا ئوتتۇز كىشى بولسىچۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئەگەر ئوتتۇز كىشى تېپىلسىمۇ، خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار.

31ئىبراھىم دېدى:

_ ئى ئىگەم! سەندىن يۈرەكلىك ھالدا يەنە سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن. مۇبادا يىگىرمە كىشى بولسىچۇ؟

_ ئەگەر يىگىرمە كىشى تېپىلسا، مەن يەنىلا خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار.

32ئەڭ ئاخىرىدا ئىبراھىم:

_ ئى ئىگەم! خاپا بولماي، يەنە بىر قېتىم سورىشىمغا رۇخسەت قىلغايسەن! ئەگەر پەقەت ئون كىشى تېپىلسىچۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ پەقەت ئون دۇرۇس كىشى بولغان تەقدىردىمۇ، مەن بۇ شەھەرنى خاراب قىلمايمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى پەرۋەردىگار.

33پەرۋەردىگار ئىبراھىم بىلەن سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن، كېتىپ قالدى. ئىبراھىم بولسا ئۆيىگە قايتىپ كەتتى. 




19

سودوم شەھىرىدىكىلەرنىڭ يامانلىقى

1شۇ كۈنى ئاخشىمى، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە سودومغا كەلدى. بۇ ۋاقىتتا، لۇت شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇراتتى. لۇت ئۇلارنى كۆرۈپلا، ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، تەزىم قىلىپ:

2_ جانابلار، بىزنىڭ ئۆيگە مەرھەمەت قىلىپ، داستىخىنىمغا داخىل بولغايسىلەر. پۇت-قوللىرىڭلارنى يۇيۇپ، بىرەر كېچە ھاردۇق ئېلىپ، ئەتە سەھەردە يولۇڭلارغا راۋان بولساڭلارمۇ بولار، _ دېدى.

لېكىن، ئۇلار:

_ ياق، بىز كېچىنى كوچىدا ئۆتكۈزىمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

3لېكىن، لۇت بەك چىڭ تۇتۇۋالغاچقا، ئۇلار ئاخىر لۇتنىڭ ئۆيىگە باردى. لۇت خىزمەتكارلىرىغا پېتىر نان پىشۇرۇپ، تاماقلارنى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا قويۇشنى بۇيرۇدى. تاماق تەييار بولغاندىن كېيىن، ئۇلار غىزالاندى.

4مېھمانلار تېخى ياتمىغانىدى، سودومدىكى پۈتۈن قېرى-ياش ئەرلەر كېلىپ لۇتنىڭ ئۆيىنى قورشىۋالدى. 5ئۇلار لۇتنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:

_ بۈگۈن كەچتە سىلەرنىڭ ئۆيگە چۈشكەن كىشىلەر قېنى؟ ئۇلارنى ئېلىپ چىق! بىز ئۇلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچىمىز، _ دېدى.

6لۇت سىرتقا چىقىپ، ئىشىكنى تاقىۋېتىپ، 7ئۇلارغا:

_ بۇرادەرلەر، بۇنداق رەزىل ئىشنى قىلماڭلار! 8قاراڭلار، مېنىڭ تېخى ئەرگە تەگمىگەن ئىككى قىزىم بار. ئۇلارنى سىلەرگە چىقىرىپ بېرەي، ئۇلارنى نېمە قىلساڭلار قىلىڭلار، لېكىن بۇ ئىككى كىشىگە ھەرگىز تەگمەڭلار. ئۇلار بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەنىكەن، مېنىڭ مېھمىنىم بولىدۇ. شۇڭا، مەن ئۇلارنى قوغدىشىم كېرەك! _ دېدى.

9لېكىن، ئۇلار:

_ يوقال! سەن تېخى ياقا يۇرتتىن كېلىپ، بىزگە ئۇنى قىل، بۇنى قىل دېگۈدەك قانچىلىك ئادەم سەن؟ كۆزدىن يوقال! بولمىسا، كۆرگۈلۈكۈڭنى ئۇلاردىنمۇ ئېغىر كۆرىسەن، _ دېيىشىپ، لۇتنى ئىتتىرىۋېتىپ، باستۇرۇپ كېلىپ، ئىشىكنى بۇزۇپ كىرمەكچى بولدى. 10لېكىن، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە قولىنى سوزۇپ، لۇتنى ئۆينىڭ ئىچىگە ئەكىرىۋېلىپ، ئىشىكنى تاقىۋالدى. 11ئاندىن، تاشقىرىدىكى ئەرلەرنىڭ كۆزلىرىنى كور قىلىپ، ئىشىكنى تاپالمايدىغان قىلىپ قويدى.

لۇتنىڭ سودومدىن قېچىشى

12ئاندىن، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتقا:

_ سېنىڭ بۇ شەھەردە باشقا تۇغقانلىرىڭ بارمۇ؟ ئوغۇل-قىزلىرىڭ، كۈيئوغۇللىرىڭ ياكى باشقا تۇغقانلىرىڭ بار بولسا، ئۇلار بۇ يەردىن دەرھال چىقىپ كەتسۇن. 13چۈنكى، بىز بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىمىز. بۇ يەر ئۈستىدىن قىلىنغان ئېغىر ئەرزلەر پەرۋەردىگارغا يەتتى. شۇڭا، ئۇ بىزنى بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىشكە ئەۋەتتى، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن، لۇت تاشقىرىغا چىقىپ، قىزلىرىنىڭ لايىقلىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر بۇ يەردىن دەرھال كېتىڭلار. چۈنكى، پەرۋەردىگار بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتمەكچى، _ دېدى. لېكىن، ئۇلار ئۇنى چاقچاق قىلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى.

15تاڭ ئاتقاندا، پەرىشتىلەر لۇتنى ئالدىرىتىپ:

_ دەرھال ئايالىڭ بىلەن ئىككى قىزىڭنى ئېلىپ، بۇ يەردىن چىقىپ كەت! بولمىسا، سىلەرمۇ بۇ شەھەر بىلەن تەڭ ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.

16لۇت يەنىلا ئارىسالدى بولۇپ تۇراتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا رەھىم قىلغاچقا، ھېلىقى ئىككى پەرىشتە لۇتنىڭ، ئايالىنىڭ ۋە ئىككى قىزىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ، ئۇلارنى يېتەكلەپ، شەھەردىن چىقىرىپ قويدى.

17شەھەردىن چىقىش بىلەنلا، پەرىشتىلەردىن بىرى:

_ سىلەر جېنىڭلارنى ئېلىپ قېچىڭلار! كەينىڭلارغا قارىماڭلار، تاغقا يەتكۈچە تۈزلەڭلىكتە توختىماڭلار! بولمىسا، ئۆلۈپ كېتىسىلەر، _ دېدى.

18لېكىن، لۇت:

_ جانابلىرى، ئۇنداق بولمىغاي! 19سىلەر ماڭا ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلىپ، جېنىمنى قۇتقۇزغانىكەنسىلەر، بىزنى ئۇنچە يىراق يەرگە ئەۋەتمەڭلار. ئۇ تاغ بەك يىراق ئىكەن. بەلكىم مەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارماي تۇرۇپلا، بالايىئاپەتكە ئۇچراپ تىرىك قالماسمەنمىكىن. 20ئاۋۇ كىچىك شەھەرنى كۆردۈڭلارمۇ؟ بۇ يەردىن ئانچە يىراق ئەمەس. ئۇ يەرگە قېچىشىمغا ئىجازەت بېرىڭلار. ئۇ كىچىك بىر يەر ئىكەن. مەن شۇ يەردە ئامان قالاي! _ دېدى.

21پەرىشتە مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ماقۇل! ساڭا رۇخسەت قىلدىم. ئۇ كىچىك شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرماي قوياي. 22چاپسانراق قاچ! چۈنكى، سەن ئۇ يەرگە يېتىپ بارمىغۇچە، سودومنى ۋەيران قىلالمايمەن!

بۇ شەھەر كىچىك بولغاچقا، لۇت ئۇنى زوئار [مەنىسى «كىچىك»] دەپ ئاتىدى.

سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشى

23لۇت زوئارغا يېتىپ بارغۇچە، كۈن چىققانىدى. 24تۇيۇقسىز پەرۋەردىگار سودوم بىلەن گومورا شەھەرلىرىگە ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرتنى ياغدۇردى. 25ئۇ بۇ ئىككى شەھەرنى، پۈتۈن تۈزلەڭلىكنى ۋە پۈتۈن ئاھالىنى يەردىكى گىياھلار بىلەن قوشۇپ خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋەتتى. 26ئۇ چاغدا، لۇتنىڭ ئايالى كەينىگە بۇرۇلۇپ قارىۋىدى، شۇ ئىسكەتىدە قېتىپ، تاشتۇزغا ئايلىنىپ قالدى.

27ئەتىسى تاڭ سەھەردە، ئىبراھىم پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەن يەرگە باردى. 28ئۇ سودوم، گومورا ۋە پۈتۈن تۈزلەڭلىككە نەزەر سېلىپ، يەر يۈزىدىن خۇمداندىكى ئىسقا ئوخشاش ئىس-تۈتەكنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 29بىراق، خۇدا لۇت ياشىغان تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغىنىدا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى قۇتقۇزدى.

لۇت ۋە ئۇنىڭ قىزلىرى

30لۇت زوئار شەھىرىدە تۇرۇشتىن قورقتى. شۇڭا، ئۇ ئىككى قىزىنى ئېلىپ، تاغقا چىقىپ، ئۆڭكۈردە ياشايدىغان بولدى. 31بىر كۈنى، چوڭ قىزى سىڭلىسىغا:

_ ئاتىمىز ياشىنىپ قالدى. بۇ يەردە دۇنيادىكى قائىدە-يوسۇن بويىچە بىزنى نىكاھىغا ئېلىپ، پەرزەنت تاپىدىغان ئەرمۇ قالمىدى. 32ئاتىمىزنى مەست قىلىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، ئۇنىڭدىن پەرزەنت يۈزى كۆرەيلى. شۇنداق قىلساق، ئەۋلاد قالدۇرالايمىز، _ دېدى.

33ئۇ كۈنى كېچىسى، ئۇلار ئاتىسىنى مەست قىلىپ قويۇپ، چوڭ قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. لۇت قاتتىق مەست بولۇپ، يۈز بەرگەن ۋەقەدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى.

34ئەتىسى، چوڭ قىزى سىڭلىسىغا:

_ تۈنۈگۈن مەن ئاتام بىلەن بىر ئورۇندا ياتتىم. بۈگۈن ئاخشام، ئۇنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، سەن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقىن. شۇنداق قىلىپ، ھەر ئىككىمىز ئاتىمىزدىن پەرزەنت يۈزى كۆرۈپ، ئائىلىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى، _ دېدى.

35شۇنىڭ بىلەن، ئۇ كۈنى كەچتە ئۇلار لۇتنى يەنە مەست قىلىپ قويۇپ، كىچىك قىزى ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ يەنە قاتتىق مەست بولغاچقا، يۈز بەرگەن ئىشتىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى. 36شۇنداق قىلىپ، لۇتنىڭ بۇ ئىككى قىزى ئۆز ئاتىسىدىن ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 37چوڭ قىزى بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى موئاب [ئاھاڭ جەھەتتە «ئاتامدىن»] دەپ قويدى. ئۇ ھازىرقى موئابلىقلارنىڭ ئاتىسى بولدى. 38كىچىك قىزىمۇ بىر ئوغۇل تۇغۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنى بىناممى [مەنىسى «خەلقىمنىڭ ئوغلى»] دەپ قويدى. ئۇ ھازىرقى ئاممونلۇقلارنىڭ ئاتىسى بولدى. 




20

ئىبراھىم بىلەن ئابىمەلەك

1ئىبراھىم مامرەدىن قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا يۆتكىلىپ، مەلۇم ۋاقىت كادېش بىلەن شۇر ئارىلىقىدىكى يەردە ئولتۇردى. كېيىن گىراردا تۇرغان ۋاقتىدا، 2كىشىلەرگە ئايالى سارەنى ئۆزىنىڭ سىڭلىسى، دەپ ئېيتقانىدى. شۇڭا، گىرار پادىشاھى ئابىمەلەك سارەنى ئوردىسىغا ئەكەلدۈردى. 3بىر كۈنى كېچىسى، خۇدا ئابىمەلەكنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ:

_ پات ئارىدا جېنىڭنى ئالىمەن! چۈنكى، سەن ئەكەلگەن بۇ ئايال باشقا كىشىنىڭ ئايالى، _ دېدى.

4سارەگە يېقىنلاشمىغان ئابىمەلەك خۇداغا:

_ مەن گۇناھسىز تۇرسام، سەن مېنى ۋە مېنىڭ خەلقىمنى ھالاك قىلامسەن؟ 5ئىبراھىم ئۆزى بۇ ئايال مېنىڭ سىڭلىم، دېگەنغۇ! بۇ ئايالمۇ ئىبراھىمنى مېنىڭ ئاكام، دېگەن ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئىشنى پاك ۋىجدانىم ۋە ئىنساپىم بىلەن قىلدىم! _ دېدى.

6ئاندىن، خۇدا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ شۇنداق، سېنىڭ بۇ ئىشنى پاك ۋىجدانىڭ بىلەن قىلغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلىپ قويمىسۇن، دەپ سېنى سارەگە چېقىلىپ قويۇشۇڭدىن توسىدىم. 7ئەمدى بۇ ئايالنى ئىبراھىمغا قايتۇرۇپ بەر. ئىبراھىم بولسا _ پەيغەمبەر. ئۇ ساڭا دۇئا قىلىدۇ، سەن ھايات قالىسەن. لېكىن سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويا يكى، ئەگەر بۇ ئايالنى ئېرىگە قايتۇرۇپ بەرمىسەڭ، پۈتۈن خەلقىڭ بىلەن قوشۇلۇپ ھالاك بولىسەن!

8سەھەردە، ئابىمەلەك ھەممە ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئۇلارغا ئېيتتى. ئۇلار ئىنتايىن قورقۇشۇپ كەتتى. 9ئابىمەلەك ئىبراھىمنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ سەن مېنى ۋە مەملىكىتىمنى بۇنداق گۇناھ قىلدۇرغۇدەك، ساڭا نېمە يامانلىق قىلدىم؟ سەن ماڭا قىلمايدىغان ئىشنى قىلدىڭ. 10نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلدىڭ؟ _ دەپ سۈرۈشتۈردى.

11ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ مەن بۇ يەرنىڭ ئادەملىرىنى خۇدادىن قورقمايدۇ، مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ ئايالىمنى بۇلاپ كېتىدۇ، دەپ ئويلىغانىدىم. 12ئەمەلىيەتتە، ئۇنىڭ مېنىڭ سىڭلىم ئىكەنلىكى راست، ئۇ ئاتا بىر، ئانا باشقا سىڭلىم. كېيىن، ماڭا نىكاھلاندى. 13خۇدا مېنى يۇرتۇمدىن ئايرىپ، باشقا يۇرتلاردا مۇساپىر بولۇشقا چىقارغاندا، مەن ئۇنىڭغا: «بىز بارغانلىكى يەردە، ئۆزۈڭنىڭ چىن مۇھەببىتىڭنى ماڭا كۆرسىتىش ئۈچۈن، مېنى ‹ئاكام› دېگىن» دېگەنىدىم.

14بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئابىمەلەك سارەنى ئىبراھىمغا قايتۇرۇپ بەردى، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قوي-كالا، ئەر قۇللار ۋە دېدەكلەرنىمۇ تەقدىم قىلدى. 15ئۇ ئىبراھىمغا:

_ قارا، پۈتۈن زېمىنىم ئالدىڭدا تۇرۇپتۇ. سەن قەيەردە تۇرۇشنى خالىساڭ، شۇ يەردە تۇرۇپ قال، _ دېدى.

16ئۇ سارەگىمۇ:

_ مەن سېنىڭ پاكلىقىڭنى كۆپچىلىككە ئىسپاتلاش ئۈچۈن، «ئاكاڭ» ئىبراھىمغا مىڭ كۈمۈش تەڭگە تەقدىم قىلىمەن. بۇنىڭ بىلەن، سېنىڭ يامان ئىش قىلمىغانلىقىڭ ھەممە كىشىگە ئايان بولىدۇ، _ دېدى.

17-18ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىشلار تۈپەيلىدىن، پەرۋەردىگار ئابىمەلەكنىڭ ئوردىسىدىكى ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى تۇغماس قىلىۋەتكەنىدى. شۇڭا، ئىبراھىم خۇداغا دۇئا قىلدى. خۇدا پادىشاھ ئابىمەلەكنى، ئۇنىڭ ئايالى ۋە كېنىزەكلىرىنى ئەسلىگە ك ەلتۈرۈپ، ئۇلارنى يەنە پەرزەنت كۆرەلەيدىغان قىلدى. 




21

ئىسھاقنىڭ دۇنياغا كېلىشى

1پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى. 2سارە ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلدى. 3ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى. 4خۇدا بۇيرۇغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى.

5ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى.

6سارە ئۆزىگە: «خۇدا مېنى خۇرسەن قىلدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارمۇ مەن بىلەن بىللە خۇش كۈلىدۇ! 7كىم سارەنى ئۆز بالىسىنى ئېمىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ شۇنداق بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى.

ھەجەر بىلەن ئىسمائىلنىڭ قوغلىنىشى

8بالا ئاستا-ئاستا چوڭ بولۇپ ئەمچەكتىن ئايرىلغان كۈنى، ئىبراھىم مېھمان چاقىرىپ، چوڭ زىياپەت ئۆتكۈزۈپ بەردى. 9شۇ كۈنى، سارە مىسىرلىق ھەجەرنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ ئىسھاقنى بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 10شۇنىڭ بىلەن، سارە ئىبراھىمغا:

_ سەن بۇ دېدەك ئايالنى ئوغلى بىلەن قوشۇپ ھەيدىۋەت! چۈنكى دېدەكنىڭ ئوغلى ھەرگىز مېنىڭ ئوغلۇم ئىسھاق بىلەن مىراسقا ئورتاق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك! _ دېدى.

11سارەنىڭ بۇ گېپى ئىبراھىمنى ئىنتايىن قايغۇغا سالدى، چۈنكى ئىسمائىلمۇ ئۇنىڭ ئوغلى ئىدى. 12لېكىن، خۇدا ئىبراھىمغا:

_ ئىسمائىل ۋە دېدىكىڭ ھەجەرنىڭ ئىشى توغرۇلۇق قايغۇرما. سارەنىڭ دېگىنىدەك قىل. چۈنكى، مەن ساڭا ۋەدە قىلغان ئەۋلادلىرىڭ ئىسھاقتىن كېلىپ چىقىدۇ. 13ھەجەرنىڭ ئوغلىغا كەلسەك، مەن ئۇنىڭغىمۇ نۇرغۇن پەرزەنت بېرىمەن. ئۇلار بىر مىللەتكە ئايلىنىدۇ، چۈنكى ئۇمۇ سېنىڭ ئوغلۇڭ، _ دېدى.

14ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ھەجەرنىڭ مۈرىسىگە نان بىلەن بىر تۇلۇم سۇنى ئېسىپ، ئانا-بالا ئىككىسىنى يولغا سېلىپ قويدى. ھەجەر بالىسى بىلەن ئۇ يەردىن چىقىپ، بەئەرشەبا چۆلىگە كېلىپ، ئۇ يەردە ئادىشىپ قالدى.

15-16سۈيى تۈگەپ قالغاندا، ھەجەر بالىسىنى چاتقالنىڭ سايىسىگە قويۇپ، ئۆز-ئۆزىگە: «ئوغلۇم ئۆلەي دەپ قالدى. مەن قاراپ تۇرۇپ بالامنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە چىدىمايمەن!» دەپ، بىر ئوقيا يېتىم يەرگە بېرىپ ئولتۇرۇپ، دەرد-پەرياد قىلىشقا باشلىدى.

17بالىنىڭ يىغا ئاۋازى خۇداغا يەتتى. خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئاسماندىن ھەجەرگە:

_ ئەي ھەجەر، سەن نېمىگە قايغۇرىسەن؟ قورقما، بالاڭنىڭ يىغىسى خۇداغا يەتتى. 18ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، بالىنى قولۇڭغا ئېلىپ تەسەللى بەر. مەن ئۇنىڭ ئەۋلادىنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن، _ دېدى.

19ئارقىدىنلا، خۇدا ھەجەرنىڭ كۆزلىرىنى نۇرلاندۇردى. ھەجەر بىر قۇدۇقنى كۆردى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، تۇلۇمغا سۇ تولدۇرۇپ، بالىنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇردى.

20بالا چوڭ بولغۇچە، خۇدا ئۇنىڭغا يار بولدى. ئۇ چۆلدە ياشاپ، ئۇستا مەرگەن بولۇپ يېتىشتى. 21ئۇ پاران چۆلىدە تۇراتتى. شۇ ۋاقىتلاردا، ئانىسى ئۇنىڭغا مىسىردىن بىر قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.

ئىبراھىمنىڭ پادىشاھ ئابىمەلەك بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

22ئۇ چاغدا، ئابىمەلەك ئۆز لەشكەر بېشى فىكول بىلەن بىللە ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ سېنىڭ قىلغان ھەممە ئىشلىرىڭدا خۇدا ساڭا يار. 23شۇڭا، سەن بۇ يەردە خۇدانىڭ ئالدىدا ماڭا قەسەم قىلىپ، ۋەدە بەر: مېنى، پەرزەنتلىرىمنى ۋە ئەۋلادلىرىمنى ھەرگىز ئالدىما. مەن ئەزەلدىن ساڭا سادىق بولغاندەك، سەنمۇ ماڭا، يەنى ئۆزۈڭ مۇساپىر بولۇپ تۇرغان بۇ مەملىكەتكە سادىق بول، _ دېدى.

24ئىبراھىم ئۇلارغا:

_ قەسەم قىلىپ، ۋەدە بېرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

25ئاندىن، ئىبراھىم ئابىمەلەكنىڭ چاكارلىرى تارتىۋالغان بىر قۇدۇق توغرىسىدا ئابىمەلەككە نارازىلىق بىلدۈردى. 26ئابىمەلەك:

_ بۇ ئىشنى كىمنىڭ قىلغىنىدىن خەۋىرىم يوق ئىكەن. سەنمۇ بۇ ئىشنى ماڭا ئېيتماپسەن، بۇنى بىرىنچى قېتىم ئاڭلىشىم، _ دېدى.

27شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبراھىم ئابىمەلەككە قوي-كالا تەقدىم قىلدى. ئىككىيلەن كېلىشىم تۈزدى. 28ئاندىن، ئىبراھىم يەتتە تۇياق چىشى قوزىنى بىر تەرەپكە ئايرىپ قويدى. 29ئابىمەلەك ئۇنىڭدىن:

_ نېمىشقا بۇنداق قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

30ئىبراھىم ئۇنىڭغا:

_ بۇ قۇدۇقنى مېنىڭ كولىغانلىقىمنى ئېتىراپ قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يەتتە چىشى قوزىنى قوبۇل قىلغايسىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

31شۇنىڭ بىلەن، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەم قۇدۇقى»] بولۇپ قالدى. چۈنكى، ئۇلار ئۇ يەردە قەسەم قىلغانىدى.

32ئۇلار بەئەرشەبادا كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، ئابىمەلەك بىلەن فىكول ئۆيلىرىگە قايتىپ كەتتى. 33ئىبراھىم بەئەرشەبادا بىر تۈپ سۆگەت تىكىپ، ئۇ يەردە پەرۋەردىگارغا، يەنى مەڭگۈ ھايات خۇداغا ئىبادەت قىلدى. 34ئىبراھىم فىلىستىنلىكلەرنىڭ زېمىنىدا خېلى ئۇزۇن تۇردى. 




22

خۇدانىڭ ئىبراھىمنى سىنىشى

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى:

_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ لەببەي! _ دېدى.

2خۇدا ئۇنىڭغا:

_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورايا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، _ دېدى.

3ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4ئۈچىنچى كۈنى، ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى 5ۋە چاكارلىرىغا:

_ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.

6ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوت ئېلىپ، ئىسھاق بىلەن يۈرۈپ كەتتى. 7ئىسھاق:

_ ئاتا، _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى.

_ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان قوزا قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

8ئىبراھىم ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم! قۇربانلىق قىلىدىغان قوزىنى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.

9ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئوتۇنلارنى ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز ئوغلىنى باغلاپ، ئوتۇن دۆۋىلەنگەن سۇپىغا ياتقۇزدى. 10ئاندىن، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* ئەرشتىن:

_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ، ۋاقىرىدى.

_ لەببەي! _ دېدى ئۇ.

12پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.

13ئىبراھىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى يېشىپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.

14شۇڭا، ئىبراھىم ئۇ يەرنى ياھۋە-يىرەھ [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەر «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېيىشىدۇ.

15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:

16_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «سەن سۆيۈملۈك بىر تال ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17ساڭا بەخت ئاتا قىلىش بىلەن، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇمدەك كۆپ بولىدۇ. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. 18مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر بەختكە ئېرىشىدۇ» _ دېدى.

19ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان يەرگە، يەنى بەئەرشەباغا قايتتى.

ناھورنىڭ ئەۋلادلىرى

20بىر مەزگىلدىن كېيىن، ئىبراھىم ئىنىسى ناھورنىڭ ئايالى مىلكانىڭ ئېرىگە سەككىز ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. 21ئۇلار: تۇنجى ئوغۇل ئۇز، كەينىدىكىلىرى بۇز، ئارراملىقلارنىڭ ئاتىسى بولغان كەمۇئېل، 22كەسەد، ھازو، پىلداش، يىدلاف ۋە بېتۇئېل ئىدى. 23بېتۇئېل بولسا رىبەقانىڭ ئاتىسى بولدى. مىلكا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھورغا بۇ سەككىز ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 24ناھورنىڭ كىچىك خوتۇنى رەئۇمامۇ تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: تېباھ، گاھام، تاخاش ۋە مائاكاھ ئىدى.



*11پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى _ بۇ، خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.



 

23

ئىبراھىمنىڭ سارەنى دەپنە قىلىشى

1سارە يۈز يىگىرمە يەتتە ياش ئۆمۈر كۆردى. 2ئۇ قاناننىڭ كىرىئات-ئاربا، يەنى ھىبرون دېگەن جايىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئىبراھىم ئۇنىڭغا ھەسرەت بىلەن يىغا-زار قىلدى. 3ئىبراھىم ئايالىنىڭ جەسىتىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، خىتلارنىڭ يېنىغا كېلىپ:

4_ مەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىر مۇساپىر. ئايالىمنى دەپنە قىلىش ئۈچۈن ماڭا بىر پارچە يەر سېتىپ بەرگەيسىلەر، _ دېدى.

5-6ئۇلار ئىبراھىمغا:

_ جانابلىرى، قۇلاق سالسىلا! بىزنىڭ نەزىرىمىزدە سىلى بىر كۈچلۈك قەبىلە باشلىقى، ئاياللىرىنى ئەڭ ياخشى يەرلىكلىرىمىزدىن بىرىگە دەپنە قىلغايلا. ھېچقايسىمىز سىلىدىن قەبرىلىك يەر ئايىمايمىز، _ دېدى.

7ئىبراھىم ئۇلارغا تەزىم قىلىپ:

8_ ئەگەر سىلەر ئايالىمنى بۇ يەرگە دەپنە قىلىشىمغا رازى بولساڭلار، سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروندىن 9ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرنى ماڭا سېتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغايسىلەر. ئۇ ئۆڭكۈر ئۇنىڭ ئېتىزىنىڭ چېتىدە. ئۇ سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۆڭكۈرنىڭ باھاسىنى كېسىپ بەرسە، ئۇ يەرنى سېتىۋېلىپ ئائىلەمگە قەبرىستانلىق قىلاي دەيمەن، _ دېدى.

10باشقا خىتلار بىلەن بىللە شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان ئەفرون كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا:

11_ جانابلىرى، قۇلاق سالغايلا، مەن ئېتىزنى ئۆڭكۈر بىلەن قوشۇپ سىلىگە بەردىم. كۆپچىلىك ئالدىدا ئۇنى سىلىگە سوۋغات قىلدىم. ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلغايلا، _ دەپ جاۋاب بەردى.

12لېكىن، ئىبراھىم خىتلارنىڭ ئالدىدا تەزىم قىلىپ، 13ھەممە ئادەمگە ئاڭلىتىپ، ئەفرونغا:

_ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، پۇل تۆلىشىمنى قوبۇل قىلغايسىز. ئايالىمنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلماقچىمەن، _ دېدى.

14ئەفرون جاۋاب قايتۇرۇپ:

15_ جانابلىرى، ئۇ يەر ئاران تۆت يۈز كۈمۈش تەڭگىگە ئەرزىيدۇ. سىلى بىلەن مېنىڭ ئوتتۇرامدا بۇ نېمە ئىدى! ئاياللىرىنى ئۇ يەرگە دەپنە قىلىۋەرگەيلا، _ دېدى.

16ئىبراھىم ئەفروننىڭ كۆپچىلىك ئالدىدا ئېيتقىنى بويىچە ئۇنىڭغا تۆت يۈز تەڭگە تۆلەپ بەردى.

17شۇنداق قىلىپ، ئەفرون مامرەنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۇ يەرنى ئىبراھىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. ئۇ يەر ئېتىزلىق، ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ۋە ئېتىزلىق ئەتراپىدىكى دەل-دەرەخلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. 18شەھەر دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان خىتلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەرنىڭ ئەمدى ئىبراھىمغا مەنسۇپ بولغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

19شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىم ئايالى سارەنى قاناندىكى شۇ ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى.

20خىتلارغا مەنسۇپ بولغان بۇ ئېتىز ۋە ئېتىزلىقتىكى ئۆڭكۈر ئەمدى ئىبراھىمنىڭ قەبرىستانلىقى بولۇپ، ئۇنىڭ خۇسۇسىي مۈلكىگە ئايلاندى. 




24

ئىسھاقنىڭ ئۆيلىنىشى

1ئىبراھىم قېرىپ كەتكەنىدى، پەرۋەردىگار ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭغا بەخت ئاتا قىلىپ كەلدى. 2مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ئائىلىسىدىكى غوجىدارغا:

_ قولۇڭنى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، 3پەرۋەردىگار، يەنى پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان خۇدانىڭ ئالدىدا قەسەم قىلىپ، ئوغلۇم ئىسھاقنى بۇ يەردىكى ئىمانسىز قانانلىقلاردىن ئۆيلەندۈرمەي، 4چوقۇم يۇرتۇمغا بېرىپ، تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن بىر قىز ئېلىپ بېرىدىغانغا ۋەدە بەرگىن، _ دېدى.

5لېكىن، چاكار ئۇنىڭدىن:

_ ئەگەر ئۇ قىز ئۆز يۇرتىدىن بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسىچۇ؟ ئۇ چاغدا، ئوغلىڭىزنى ئېلىپ يۇرتىڭىزغا قايتىپ كېتەمدىم؟ _ دەپ سورىدى.

6ئىبراھىم مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە ئاپارما! 7پەرۋەردىگار، يەنى ئەرشتىكى خۇدا مېنى يۇرت ۋە ئۇرۇق-جەمەتىمدىن ئايرىپ، بۇ زېمىننى ئەۋلادلىرىمغا تەقدىم قىلىشقا قەسەم قىلىپ ۋەدە بەرگەن. شۇڭا، ئۇ ئۆز پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىپ، ئوغلۇمغا ئۇ يەردىن بىر قىز تېپىشىڭغا ياردەم قىلىدۇ. 8مۇبادا ئۇ قىز سەن بىلەن كېلىشكە ئۇنىمىسا، بۇ قەسەمدىن خالىي بولىسەن. لېكىن، ئوغلۇمنى ھەرگىز ئۇ يەرگە ئاپارمىغىن!

9بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى چاكار قولىنى خوجايىنى ئىبراھىمنىڭ ئىككى يوتىسىنىڭ ئاستىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئىبراھىمنىڭ تاپشۇرۇقىنى بەجا كەلتۈرۈشكە قەسەم بەردى.

10چاكار خوجايىنىنىڭ تۆگىلىرىدىن ئوننى تاللاپ، ئۇلارغا ھەر خىل قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى ئارتىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار ئاررام-ناھارائىم رايونىغا بېرىپ، ناھور تۇرغان شەھەرگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 11شەھەرنىڭ سىرتىدىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا تۆگىلەرنى چۆكتۈردى. بۇ، كۈن پېتىپ قالغان چاغ بولۇپ، قىزلار قۇدۇققا سۇ ئالغىلى چىقىدىغان ۋاقىت ئىدى.

12چاكار مۇنداق دەپ دۇئا قىلدى:

_ ئى پەرۋەردىگار! سەن خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداسەن. خوجايىنىمغا مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 13مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. شەھەر قىزلىرى بۇ يەرگە سۇغا كېلىدۇ. 14مەن ئۇلارنىڭ بىرىگە: «كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئىچىۋالسام قانداق؟» دەيمەن. ئەگەر ئۇ: «ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېسە، بۇ قىز خىزمەتكارىڭ ئىسھاققا تاللاپ بەرگىنىڭ بولسۇن. بۇنىڭدىن سېنىڭ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق قىلغانلىقىڭنى بىلەلەيمەن.

15ئۇنىڭ دۇئاسى ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇ بېتۇئېلنىڭ قىزى ئىدى. بېتۇئېل بولسا ئىبراھىمنىڭ ئىنىسى ناھور بىلەن ئۇنىڭ ئايالى مىلكانىڭ ئوغلىدۇر. 16رىبەقا تېخى يۈزى ئېچىلمىغان، ئىنتايىن چىرايلىق، پاك قىز ئىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، كومزىكىگە سۇ تارتىپ چىقتى. 17ئىبراھىمنىڭ چاكىرى قىزنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ماڭا سۈيىڭىزدىن ئازراق بەرسىڭىزچۇ، _ دەپ سورىدى.

18قىز ئۇنىڭغا:

_ مانا، ئىچىڭ، _ دەپلا، دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى چاكارغا بەردى. 19چاكار سۇنى ئىچىپ بولۇشىغا، رىبەقا ئۇنىڭغا:

_ تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي، ئۇلارمۇ ئىچىپ قانسۇن، _ دېدى.

20رىبەقا دەرھال كومزەكتىكى سۇنى ئوقۇرغا قۇيغاندىن كېيىن، يەنە يۈگۈرۈپ بېرىپ قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ كېلىپ، ھەممە تۆگىلەرنى قانغۇدەك سۇغىرىپ بەردى.

21چاكار پەرۋەردىگار يولىنى ئوچۇق قىلغان-قىلمىغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن، جىمجىت كۆزىتىپ تۇردى. 22تۆگىلەر سۇنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ بەش يېرىم گراملىق ئالتۇن ھالقىنى قىزنىڭ بۇرنىغا، ۋە يەنە يىگىرمە ئۈچ گراملىق بىر جۈپ ئالتۇن بىلەزۈكنى بىلىكىگە سېلىپ قويدى. 23ئاندىن:

_ سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟ سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا بىز قونغۇدەك يەر بارمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

24قىز ئۇنىڭغا:

_ ناھور بىلەن مىلكانىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن. 25بىزنىڭ ئۆيدە سىلەر قونغۇدەك يەر بار ھەمدە ماللىرىڭلارغا يەم-خەشەكمۇ كەڭرى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

26بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى چاكار سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلىپ، 27مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار _ خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيىلەر ئوقۇلسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھرىبانلىق كۆرسىتىپ ۋە قىلغان ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلىدى.

28ھېلىقى قىز ئانىسىنىڭ يېنىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئائىلىسىدىكىلەرگە سۆزلەپ بەردى. 29رىبەقانىڭ لابان ئىسىملىك بىر ئاكىسى بار ئىدى. ئۇ يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ يېنىغا باردى. 30ئۇ سىڭلىسىنىڭ ھالقا ۋە بىلەزۈك سېلىۋالغىنىنى كۆرگەن ۋە سىڭلىسىدىن چاكارنىڭ دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلىغانىدى. ئۇ قۇدۇقنىڭ تۈۋىدە تۆگىلەرنىڭ يېنىدا تۇرغان ئىبراھىمنىڭ چاكىرىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، 31ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار بەختلىك قىلغان ئادەم، نېمىشقا تاشقىرىدا تۇرىسىز؟ مەن بىلەن يۈرۈڭ، ئۆيگە بارايلى! مەن سىلەرگە ئۆي تەييارلاپ قويدۇم، تۆگىلەرگىمۇ جاي تەييارلاپ قويدۇم، _ دېدى.

32ئۇ ئۆيگە كىردى. لابان بولسا تۆگىلەردىكى ماللارنى چۈشۈرۈپ، ئۇلارغا چۆپ سالدى. ئاندىن، ئىبراھىمنىڭ بۇ چاكىرى ۋە ھەمراھلىرىغا پۇت-قوللىرىنى يۇغىلى سۇ ئېلىپ كەلدى. 33تاماقلار كەلتۈرۈلگەندە، چاكار:

_ مەن سىزگە دەيدىغىنىمنى دەپ بولمىغۇچە غىزالانمايمەن، _ دېدى.

_ قېنى، گېپىڭىزنى ئېيتىڭ، _ دېدى لابان.

34ئۇ مۇنداق دېدى:

_ مەن ئىبراھىمنىڭ چاكىرى. 35پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا كۆپتىن-كۆپ بەرىكەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ئىنتايىن باي قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا قوي-كالا پادىلىرى، ئالتۇن-كۈمۈش، ئەر-ئايال قۇللار، تۆگە ۋە ئېشەكلەرنى بەردى. 36خوجايىنىمنىڭ ئايالى سارە ياشانغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەنىدى. خوجايىنىم پۈتۈن بايلىقىنى شۇ ئوغلىغا ئاتىدى. 37خوجايىنىم ئۆز تاپشۇرۇقلىرىغا ئەمەل قىلىشىم ئۈچۈن، مېنى قەسەم قىلدۇردى. ئۇ: «سەن ئوغلۇمنى بۇ يەردىكى قانانلىقلار ئارىسىدىن ئۆيلەندۈرمەي، 38مېنىڭ يۇرتۇمغا بېرىپ، ئۇنى ئۆز تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن ئۆيلەپ قوي» دېگەنىدى.

39مەن خوجايىنىمدىن: «ئەگەر قىز بۇ يەرگە كەلگىلى ئۇنىمىسا، قانداق قىلىمەن؟» دەپ سورىسام، 40ئۇ: «مەن خىزمىتىدە بولۇپ كەلگەن پەرۋەردىگار پەرىشتىسىنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئەۋەتىدۇ. ئۇ سېنىڭ ئىشىڭنى ئوڭ قىلىدۇ. سەن ئوغلۇمغا ئۆز يۇرتۇمدىكى تۇغقانلىرىم ئارىسىدىن خوتۇن ئېلىپ بەر. 41سەن تۇغقانلىرىمنىڭ ئۆيىگە بارساڭلا، ئۇلار قىزىنى بەرمىگەن تەقدىردىمۇ، قەسەمدىن يەنىلا خالىي بولغان بولىسەن» دېگەنىدى.

42بۈگۈن مەن قۇدۇق يېنىغا كەلگىنىمدە، خۇداغا دۇئا قىلىپ: «ئى پەرۋەردىگار _ خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، ئىشىمنى ئوڭ قىلغايسەن. 43مەن ھازىر قۇدۇق يېنىدا تۇرىمەن. بىرەر قىز بۇ يەرگە سۇغا كەلسە، مەن ئۇنىڭدىن: ‹كومزىكىڭىزدىكى سۇدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟› دەپ سورايمەن. 44ئەگەر ئۇ قىز قوشۇلسا ۋە تۆگىلىرىمگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بەرسە، ئۇ سەن خوجايىنىمنىڭ ئوغلىغا تاللاپ قويغان قىز بولسۇن» دېدىم.

45دۇئايىم ئاياغلاشمايلا، رىبەقا كومزىكىنى مۈرىسىدە كۆتۈرۈپ، قۇدۇقنىڭ يېنىغا سۇ ئالغىلى كەلدى. مەن ئۇنىڭغا: «سۈيىڭىزدىن ئازراق ئىچىۋالسام بولامدۇ؟» دېگەنىدىم.

46ئۇ دەرھال مۈرىسىدىكى كومزەكنى قولىغا ئېلىپ: «مانا، ئىچىڭ! تۆگىلىرىڭىزگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بېرەي» دېدى. سۇنى ئىچتىم، ئۇ تۆگىلەرگىمۇ سۇ ئەكېلىپ بەردى. 47ئاندىن، مەن ئۇنىڭدىن: «سىز كىمنىڭ قىزى بولىسىز؟» دەپ سورىۋىدىم، ئۇ: «ناھور بىلەن مىلكانىڭ ئوغلى بېتۇئېلنىڭ قىزى بولىمەن» دېدى. شۇڭا، مەن ئۇنىڭ بۇرنىغا ھالقا، قوللىرىغا بىلەزۈك سېلىپ قويدۇم. 48شۇ ۋاقىتتا، سەجدە قىلىپ، خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، ئىبادەت قىلدىم. چۈنكى، ئۇ مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ قىزىنى خوجايىنىمغا كېلىنلىككە تېپىشىمغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەنىدى.

49ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلارنىڭ خوجايىنىمغا سادىقلىق ۋە مېھىر-شەپقەت كۆرسەتمەكچى بولغانلىقىڭلارنى ياكى ئۇنداق قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىڭلارنى ماڭا ئېيتىڭلار. بۇنىڭدىن مەن قانداق قىلىشىمنى بىلەلەيمەن.

50لابان بىلەن بېتۇئېل چاكارغا:

_ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز؟ 51مانا رىبەقا، ئۇنى ئېلىپ كەتسىڭىز بولىدۇ. ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرغىنىدەك، خوجايىنىڭىزنىڭ كېلىنى بولسۇن، _ دەپ جاۋاب بەردى.

52ئىبراھىمنىڭ چاكىرى بۇ سۆزنى ئاڭلاپ، سەجدە قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. 53ئارقىدىن، ئۇ كىيىم-كېچەك، ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان زىبۇزىننەت بۇيۇملىرىنى چىقىرىپ، رىبەقاغا سۇندى. ئۇنىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسىغىمۇ قىممەت باھالىق سوۋغاتلارنى سوۋغا قىلدى.

54شۇنداق قىلىپ، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ھەمراھلىرى بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئۇ يەردە بىر كېچە قوندى. ئەتىسى سەھەر تۇرۇپ، رىبەقانىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە:

_ خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.

55لېكىن، رىبەقانىڭ ئاكىسى بىلەن ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ رىبەقا بىز بىلەن ئون كۈنچە تۇرۇپ، ئاندىن كېيىن بارسۇن، _ دېدى.

56لېكىن، ئۇ:

_ بىزنى كېچىكتۈرمىگەيسىلەر. پەرۋەردىگار ھەممە ئىشىمىزنى ئوڭۇشلۇق قىلغانىكەن، خوجايىنىمنىڭ يېنىغا قايتىشىمغا رۇخسەت قىلغايسىلەر، _ دېدى.

57_ بىز قىزدىن سوراپ كۆرەيلى، ئۇ نېمە دەيدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

58شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار رىبەقانى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ سەن بۇ كىشى بىلەن كېتىشنى خالامسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ خالايمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

59شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار رىبەقانى ئۇنىڭ ئىنىكئانىسى، ئىبراھىمنىڭ چاكىرى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن قوشۇپ يولغا سالدى.

60ئۇلار رىبەقاغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

«ئەي سىڭلىمىز، مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئىنسانلارنىڭ ئانىسى بولغايسەن!

ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىۋالغاي!» دېيىشتى.

61رىبەقا ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولىدىغان دېدەكلەر سەپەرگە تەييارلىنىپ، تۆگىلەرگە مىندى. ئىبراھىمنىڭ چاكىرى رىبەقانى ئېلىپ، يولغا راۋان بولدى.

62شۇ ۋاقىتتا، ئىسھاق بېئېر-لاھايروي دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان قاناننىڭ جەنۇبىدىكى نېگىب رايونىغا قايتىپ كەلدى. 63بىر كۈنى كۈن پېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

64-65رىبەقا ئىسھاقنى كۆرۈش بىلەنلا، تۆگىدىن چۈشۈپ، ئىبراھىمنىڭ چاكىرىدىن:

_ دالادا بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ كىشى كىم؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئۇ مېنىڭ كىچىك خوجايىنىم، _ دەپ جاۋاب بەردى چاكار.

بۇنىڭ بىلەن، رىبەقا يۈزىنى ياغلىقى بىلەن يېپىۋالدى.

66چاكار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 67ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى. 




25

ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى

1ئىبراھىم كەتۇراھ ئىسىملىك يەنە بىر ئايالنى كىچىك خوتۇنلۇققا ئالدى. 2ئۇ ئىبراھىمغا زىمران، يوقشان، مېدان، مىدىيان، ئىشباك ۋە شۇئاختىن ئىبارەت ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 3يوقشان _ شىبا بىلەن دەداننىڭ ئاتىسى بولدى. دەداننىڭ ئەۋلادلىرى ئاشۇرىم، لەتۇشىم ۋە لەئۇممىم خەلقلىرى بولدى. 4مىدىياننىڭ ئوغۇللىرى ئەفا، ئەفەر، ھانۇخ، ئابىداھ ۋە ئېلدالار ئىدى. يۇقىرىدىكىلەرنىڭ ھەممىسى كەتۇراھتىن دۇنياغا كەلگەن ئەۋلادلار ئىدى.

5ئىبراھىم پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئىسھاققا ئاتىۋەتكەنىدى. 6لېكىن، ئۇ ئۆزى ھايات ۋاقتىدا ئىككى كىچىك خوتۇندىن بولغان ئوغۇللىرىغىمۇ سوۋغاتلارنى بېرىپ، ئاندىن بۇ ئوغۇللىرىنى ئىسھاقتىن يىراق تۇرسۇن دەپ، شەرقىي زېمىنغا ئەۋەتتى.

ئىبراھىمنىڭ ئۆلۈمى ۋە دەپنە قىلىنىشى

7-8ئىبراھىم ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، يۈز يەتمىش بەش يېشىدا ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. 9ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئىسھاق بىلەن ئىسمائىل ئۇنى ماكپېلاھ يېزىسىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر مامرە دېگەن يەرگە يېقىن بولۇپ، بۇرۇن خىت قەبىلىسىدىن بولغان سوخارنىڭ ئوغلى ئەفروننىڭ ئېتىزلىقى ئىدى. 10ئىبراھىم خىتلاردىن سېتىۋالغان ئېتىزلىق دەل شۇ ئىدى. ئىبراھىمنىڭ ئايالى سارەمۇ مۇشۇ يەرگە دەپنە قىلىنغانىدى. 11ئىبراھىم ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭ ئوغلى ئىسھاققا بەخت ئاتا قىلدى. ئىسھاق شۇ ۋاقىتتا بېئېر-لاھايروي دەپ ئاتالغان قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى جايدا تۇرۇۋاتاتتى.

ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى

12سارەنىڭ دېدىكى مىسىرلىق ھەجەر ئىبراھىمغا تۇغۇپ بەرگەن ئىسمائىلنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: 13ئالدى بىلەن تۇنجى ئوغلى نېبايوت، ئاندىن كېيىن قالغان ئوغۇللىرى كەدار، ئادبەئەل، مىبسام، 14مىشما، دۇما، ماسسا، 15خاداد، تەما، يەتۇر، نافىش ۋە قەدەما تۇغۇلدى.

16ئۇلار ئون ئىككى قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى بولۇپ، ئۇلار ياشىغان يېزا ۋە قىشلاقلار ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالدى. 17ئىسمائىل يۈز ئوتتۇز يەتتە يېشىدا ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. 18ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئولتۇراقلاشقان جاي ھاۋىلاھ رايونىدىن شۇر دېگەن يەرگە قەدەر ئىدى. شۇر مىسىرنىڭ شەرقىي تەرىپىدە بولۇپ، ئاسسۇرغا بارىدىغان يولدا ئىدى. ئۇلار ئىبراھىمنىڭ باشقا ئەۋلادلىرى بىلەن چىقىشالمىدى.

ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ دۇنياغا كېلىشى

19ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە:

20ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بولسا پاددان-ئاررامنىڭ ئارران دېگەن يېرىدىن بولغان بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى ئىدى. 21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. 22بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قاتتىق سوقۇشتى. رىبەقا: «ماڭا نېمە بولغىنى؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى.

23پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«سېنىڭ قورسىقىڭدىن ئىككى خەلق چىقىدۇ.

تۇغۇلۇپلا ئايرىم بولىدۇ.

بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ،

چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ.»

24ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك تۇغدى. 25ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى. 26كېيىن تۇغۇلغىنىنىڭ قولى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا، ئىسھاق ئاتمىش ياشقا كىرگەنىدى.

ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى سېتىۋېتىشى

27ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ئىنىسى ياقۇپ جىمجىت يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە تۇراتتى. 28ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا بولسا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى.

29بىر كۈنى، ياقۇپ قىزىل پۇرچاق شورپىسى قاينىتىۋاتاتتى. ئوۋدىن ئېچىرقاپ قايتىپ كەلگەن ئەساۋ 30ياقۇپقا:

_ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى. قىزىل پۇرچاق شورپىسىدىن تېزرەك بەرسەڭچۇ! _ دېدى. شۇ سەۋەبتىن، ئۇ ئىدوم [مەنىسى «قىزىل»] دەپمۇ ئاتالدى.

31ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنسەڭ، ساڭا بۇ شورپىدىن بېرەي، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

32_ بولدى! بولدى! قورسىقىم ئېچىپ ئۆلەي دەپ قالدىم. تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنىڭ ماڭا نېمە كېرىكى؟ _ دېدى ئەساۋ.

33ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ سەن ئاۋۋال مېنىڭ ئالدىمدا تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇڭنى ماڭا ئۆتۈنگەنلىكىڭگە قەسەم قىلىپ بەر، _ دېدى.

ئەساۋ قەسەم قىلىپ، تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىنى ياقۇپقا ئۆتۈنۈپ بەردى. 34ئاندىن، ياقۇپ ئۇنىڭغا نان بىلەن پۇرچاق شورپىسىنى بەردى. ئەساۋ غىزالانغاندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى. بۇ ئۇنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقىغا ئېتىبارسىز قارىغانلىقىدىندۇر. 




26

ئىسھاقنىڭ گىراردا مۇساپىر بولۇپ قېلىشى

1ئىبراھىمنىڭ زامانىدا، قاناندا بىر قېتىم ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. كېيىن، يەنە بىر قېتىم ئاچارچىلىق بولدى. ئىسھاق گىرار شەھىرىدىكى فىلىستىنلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەكنىڭ ئالدىغا باردى. 2پەرۋەردىگار ئىسھاققا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن مىسىرغا بارماي، مەن تۇر دېگەن جايدا تۇرۇپ قال. 3سەن بۇ يەردە تۇرساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 4مەن ساڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىمەن ھەمدە بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر بەخت تاپىدۇ. 5چۈنكى، ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.

6شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. 7ئۇنىڭ ئايالى رىبەقا ئىنتايىن گۈزەل ئىدى. يەرلىك كىشىلەر ئۇنىڭدىن ئايالى رىبەقانى كىم دەپ سورىسا، ئۇ ئۇنى ئۆز سىڭلىم، دېدى. چۈنكى، ئۇ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ، رىبەقانى ئېلىپ كېتىشىدىن قورقاتتى.

8ئىسھاق ئۇ يەردە بىرمەزگىل تۇردى. بىر كۈنى، فىلىستىنلىكلەرنىڭ پادىشاھى ئابىمەلەك دېرىزىسىدىن سىرتقا قاراۋاتقاندا، ئىسھاقنىڭ رىبەقا بىلەن قۇچاقلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.

9پادىشاھ ئابىمەلەك ئىسھاقنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭدىن:

_ ئۇ سېنىڭ ئايالىڭ ئىكەن، نېمە ئۈچۈن ئۇنى سىڭلىم دېگەنىدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

ئىسھاق جاۋاب بېرىپ:

_ ئەگەر مەن ئۇنى ئايالىم دېگەن بولسام، ئۇنى ئېلىش ئۈچۈن سىلەرنىڭ مېنى ئۆلتۈرۈۋېتىشىڭلاردىن قورققانىدىم، _ دېدى.

10ئابىمەلەك ئۇنىڭغا:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭ؟ ئەگەر خەلقىم ئىچىدە بىرى سېنىڭ ئايالىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتقان بولسا، سەن پۈتۈن خەلقىمىزنى گۇناھقا تىققان بولاتتىڭ! _ دېدى.

11ئاندىن، پادىشاھ ئابىمەلەك ئۆز خەلقىگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

_ كىمدەكىم بۇ كىشىگە ياكى ئايالىغا چېقىلسا، جېنىدىن جۇدا قىلىنىدۇ، _ دېدى.

12ئىسھاق ئۇ يەردە دېھقانچىلىق قىلاتتى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بەرىكەت بەرگەچكە، ئۇ يىلى بىرگە يۈز ھەسسە ھوسۇل ئالدى. 13ئۇ بارغانسېرى روناق تېپىپ، كاتتا باي بولدى. 14فىلىستىنلىكلەر ئۇنىڭ نۇرغۇن قوي-كالا پادىلىرى ۋە قۇللىرى بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ھەسەت قىلىشقا باشلىدى. 15شۇڭا، ئۇلار ئۇنىڭ ئاتىسى ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا چاكارلىرىغا قازدۇرغان قۇدۇقلارنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتتى.

16كېيىن، ئابىمەلەك ئىسھاققا:

_ سەن بىزدىن كۈچىيىپ كەتتىڭ. دۆلىتىمىزدىن چىقىپ كەت! _ دېدى.

17بۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، گىرار جىلغىسىغا بېرىپ، ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ، بىرمەزگىل تۇردى. 18ئىبراھىم ھايات ۋاقتىدا، بىرمۇنچە قۇدۇقلارنى قازدۇرغانىدى. بىراق، ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، فىلىستىنلىكلەر ئۇنىڭ ھەممە قۇدۇقلىرىنى توپا بىلەن تىندۇرۇۋەتكەنىدى. ئىسھاق ئۇلارنى قايتا قازدۇرۇپ، يەنىلا دەسلەپ ئاتىسى قويغان ئىسىملىرى بىلەن ئاتىدى.

19ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى گىرار جىلغىسىدا بىر قۇدۇق قېزىپ، سۇ تاپتى. 20بىراق، گىرارنىڭ پادىچىلىرى ئىسھاقنىڭ پادىچىلىرى بىلەن ماجىرالىشىپ، ھەممىسى: «بۇ بىزنىڭ سۈيىمىز» دېيىشتى. شۇڭا، ئىسھاق ئۇ قۇدۇقنى ئەسەك [مەنىسى «ماجىرا»] دەپ ئاتىدى. 21ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى يەنە بىر قۇدۇق قازغانىدى. ئۇلار يەنە بۇ قۇدۇق ئۈچۈن ماجىرالاشتى. شۇڭا، ئىسھاق بۇ قۇدۇقنى سىتنا [مەنىسى «ئۆچمەنلىك»] دەپ ئاتىدى. 22ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەنە بىر قۇدۇق قازدۇردى. بۇ قېتىم ماجىرا چىقمىدى. شۇڭا، ئۇ بۇ قۇدۇقنىڭ ئىسمىنى رىھۇبوت [مەنىسى «ئازادە يەر»] دەپ ئاتىدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ئاخىر بىزنى ئازادە يەردە ياشاشقا مۇيەسسەر قىلدى. بىز بۇ يەردە چوقۇم روناق تاپىمىز» دېدى.

23ئىسھاق ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەئەرشەباغا كۆچۈپ باردى. 24ئۇ كۈنى كەچتە پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ: «مەن ئاتاڭ ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان خۇدا، قورقمىغىن! مەن ساڭا يار. مەن خىزمەتكارىم ئىبراھىمنىڭ سەۋەبىدىن، ساڭا بەخت ئاتا قىلىمەن ۋە ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىمەن» دېدى.

25ئىسھاق ئۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى. شۇندىن كېيىن ئىسھاق ئۇ يەرگە ئورۇنلىشىپ قالدى ھەمدە ئۇنىڭ چاكارلىرى ئۇ يەردە يەنە بىر قۇدۇق قازدى.

ئىسھاقنىڭ پادىشاھ ئابىمەلەك بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

26پادىشاھ ئابىمەلەك ئاخۇززات دېگەن مەسلىھەتچىسى بىلەن لەشكەر باشلىقى فىكولنى ئېلىپ، گىراردىن ئىسھاقنى زىيارەت قىلىپ كەلدى.

27ئىسھاق ئۇلارغا:

_ بۇرۇن سىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىپ، مېنى دۆلىتىڭلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدىڭلار. ئەمدى نېمە ئۈچۈن يەنە مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدىڭلار؟ _ دېدى.

28ئۇلار جاۋابەن:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا يار ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. شۇڭا، بىز بىر-بىرىمىزگە قەسەم بېرىپ، كېلىشىم تۈزسەك بولغۇدەك. 29بىز ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزمىگەندەك، سېنىڭمۇ بىزگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەسلىككە ۋەدە بېرىشىڭنى تەلەپ قىلىمىز. بۇرۇن بىز ساڭا ھەمىشە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ، سېنى ئۇ يەردىن ئامان-ئېسەن كەتكۈزگەنىدۇق. ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقى ئېنىق بولدى، _ دېدى.

30ئىسھاق زىياپەت تەييارلاپ، ئۇلارنى مېھمان قىلدى. 31ئۇلار سەھەر تۇرۇپ، ئۆزئارا قەسەم بېرىشىپ، كېلىشىم تۈزۈشتى. ئىسھاق ئۇلار بىلەن دوستانە خوشلىشىپ، ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى.

32ئۇ كۈنى، ئىسھاقنىڭ چاكارلىرى كېلىپ، ئۇنىڭغا ئۆزلىرى قازغان قۇدۇق توغرىسىدا خەۋەر بېرىپ:

_ بىز سۇ تاپتۇق! _ دېدى.

33ئۇ قۇدۇقنى شەبا [مەنىسى «قەسەم»] دەپ ئاتىدى. شۇڭا، ئۇ شەھەر ھازىرغىچە بەئەرشەبا [مەنىسى «قەسەملەشكەن قۇدۇق»] دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.

ئەساۋنىڭ يات قەبىلىدىن ئالغان ئاياللىرى

34ئەساۋ قىرىق يېشىدا ئىمانسىز خىتلاردىن ئىككى قىزنى خوتۇنلۇققا ئالدى. بۇ ئىككى قىز بەئەرنىڭ قىزى يۇدىت بىلەن ئېلوننىڭ قىزى باسىمات ئىدى. 35ئۇلار ئىسھاق بىلەن رىبەقانىڭ ئارامىنى قويمىدى. 




27

ياقۇپنىڭ ئىسھاقنى ئالدىشى

1ئىسھاق قېرىپ كەتتى، كۆزىمۇ كۆرمەس بولۇپ قالدى. ئۇ تۇنجى ئوغلى ئەساۋنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئوغلۇم، _ دېدى.

_ مانا مەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.

2ئىسھاق مۇنداق دېدى:

_ قارا، مەن قېرىپ كەتتىم، ئۆلۈمۈم يىراق ئەمەس. 3سەن ئوقيايىڭنى ئېلىپ، دالاغا چىقىپ ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، 4مەن ياخشى كۆرىدىغان لەززەتلىك تاماق پىشۇرۇپ ماڭا يېگۈز. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى ساڭا ئاخىرقى خەيرلىك دۇئايىمنى قىلاي.

5رىبەقا ئىسھاقنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئەساۋنىڭ ئوۋغا چىقىپ كەتكەن ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ، 6ياقۇپقا مۇنداق دېدى:

_ مەن بايا داداڭنىڭ ئاكاڭ ئەساۋغا: 7«سەن ئوۋ ئوۋلاپ كېلىپ، لەززەتلىك تاماق پىشۇرۇپ ماڭا يېگۈز. شۇنىڭ بىلەن، مەن ئۆلۈشتىن ئىلگىرى پەرۋەردىگار ئالدىدا ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلاي» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. 8ئوغلۇم، گېپىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ دېگىنىمنى قىل. 9قوي پادىسىغا بېرىپ، سېمىز ئوغلاقتىن ئىككىنى ئېلىپ كەل. مەن ئۇنى داداڭ ياخشى كۆرىدىغان تەمدە پىشۇراي. 10سەن ئەكىرىپ يېگۈزسەڭ، ئۇ ۋاپات بولۇشتىن بۇرۇن ساڭا خەيرلىك دۇئا قىلىدۇ، _ دېدى.

11لېكىن، ياقۇپ ئانىسىغا:

_ سىزگە مەلۇم، ئەساۋنىڭ پۈتۈن بەدىنى تۈكلۈك، مېنىڭ تېنىم بولسا تۈكسىز. 12مۇبادا دادام تېنىمنى تۇتۇپ قالسا، مېنىڭ ئۇنى ئالدىغانلىقىمنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇ چاغدا، ئۇنىڭ خەيرلىك دۇئاسىنى ئېلىش بۇ ياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە قارغىشىغا ئۇچرايمەن! _ دېدى.

13ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم، لەنەت بولسا ماڭا بولسۇن! مېنىڭ دېگىنىمنى قىل. ئوغلاقلارنى ئېلىپ كەل، _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ ئوغلاقلارنى ئەكېلىپ، ئانىسىغا تاپشۇردى. ئانىسى تاماقنى دادىسى ياخشى كۆرىدىغان تەم بىلەن پىشۇردى. 15ئاندىن، ئەساۋنىڭ ئۆيدە ساقلىغان ئەڭ ياخشى كىيىملىرىنى ئاچىقىپ، ياقۇپقا كىيدۈردى. 16ئۇنىڭ ئىككى قولى ۋە بوينىنىڭ تۈكسىز جايلىرىنى ئۆچكە يۇڭى بىلەن يۆگەپ، 17لەززەتلىك تاماق بىلەن ياققان ناننى ئۇنىڭغا تۇتقۇزدى.

18ياقۇپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا كىرىپ:

_ ئاتا، _ دېدى.

_ ئوغلۇم، سەن قايسى ئوغلۇم بولىسەن؟ _ دېدى ئاتىسى.

19ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ. تاپشۇرۇقىڭىزنى ئورۇنداپ بولدۇم. قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ئاندىن ماڭا خەيرلىك دۇئايىڭىزنى قىلغايسىز، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

20_ ئوغلۇم، نېمانچە تېز ئوۋلاپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

_ پەرۋەردىگارىڭىز بولغان خۇدا تەلىيىمنى ئوڭدىن كەلتۈرۈپ، ماڭا ياردەم قىلدى، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى ياقۇپ.

21ئىسھاق ياقۇپقا:

_ ئوغلۇم، يېنىمغا كەل، تۇتۇپ كۆرەي، سەن راستتىن ئەساۋمۇ، ئەمەسمۇ؟ _ دېدى.

22ياقۇپ يېنىغا باردى. ئىسھاق تۇتۇپ كۆرۈپ:

_ ئاۋازىڭ ياقۇپنىڭ، قولۇڭ بولسا، ئەساۋنىڭكىگە ئوخشايدىكەن، _ دېدى.

23ئۇ ئۇنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى پەرق ئېتەلمىدى. چۈنكى، ياقۇپنىڭ قولى ئەساۋنىڭكىگە ئوخشاش تۈكلۈك تۇراتتى. ئۇ ياقۇپقا دۇئا قىلىدىغان چاغدا، 24يەنە بىر قېتىم:

_ سەن راستتىن ئەساۋمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

_ شۇنداق، _ دەپ جاۋاب بەردى ياقۇپ.

25ئىسھاق ئۇنىڭغا:

_ گۆشنى ئەكەل، ئۇنى يېگەندىن كېيىن، ساڭا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

ياقۇپ گۆشنى ئېلىپ كىردى ۋە ئۇنىڭغا شاراب تۇتتى.

26ئىسھاق يەپ-ئىچىپ بولغاندىن كېيىن:

_ ئوغلۇم، ئالدىمغا كېلىپ، مېنى سۆي، _ دېدى.

27ياقۇپ ئالدىغا بېرىپ سۆيدى. ئىسھاق ياقۇپنىڭ كىيگەن كىيىملىرىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن، سۆزىگە ئىشىنىپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئاسىنى قىلدى:

«ئوغلۇمنىڭ تېنىدىكى خۇش پۇراق،

دەل پ رۋەردىگارىم بەرىكەت بەرگەن تۇپراقنىڭ پۇرىقىغا ئوخشايدىكەن.

28 خۇدا ئاسماندىن ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ،

تۇپرىقىڭنى مۇنبەت قىلغاي.

ئۇ ساڭا مول ئاشلىق-تۈلۈك،

ئېسىل شارابلارنى تەقدىم قىلغاي.

29 باشقا ئەللەرمۇ خىزمىتىڭدە بولغاي،

خەلقلەر ساڭا تىزلىنىپ ھۆرمەت بىلدۈرگەي.

قېرىنداشلىرىڭغا ھاكىم بولغايسەن.

ئاناڭنىڭ ئەۋلادلىرى ساڭا ئېگىلگەي.

ساڭا لەنەت ئوقۇغانلارغا لەنەت ياغقاي،

ساڭا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي.»

ئەساۋنىڭ ئىسھاقتىن دۇئا تەلەپ قىلىشى

30ياقۇپ ئىسھاقنىڭ دۇئاسىنى ئېلىپ چىقىپ تۇرۇشىغىلا، ئاكىسى ئەساۋ ئوۋدىن قايتىپ كەلدى. 31ئەساۋمۇ گۆشنى لەززەتلىك پىشۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىرىپ:

_ ئاتا، قوپۇڭ، مەن ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئېغىز تېگىپ، ماڭا خەيرلىك دۇئايىڭىزنى قىلىڭ، _ دېدى.

32_ سەن كىم بولىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

_ چوڭ ئوغلىڭىز ئەساۋ بولىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئەساۋ.

33ئىسھاقنىڭ پۈتۈن ئەزاسىنى تىترەك باستى ۋە ئۇنىڭدىن سورىدى:

_ ئۇنداقتا، ھازىر ماڭا ئوۋ گۆشىنى ئېلىپ كەلگەن كىم؟ سەن كېلىشتىن بۇرۇن مەن ئۇنى يەپ، ئۇنىڭغا خەيرلىك دۇئا قىلغانىدىم. بۇ بەخت مەڭگۈ ئۇنىڭغا مەنسۇپ بولۇپ كەتتى.

34بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەساۋ ئىنتايىن ئېچىنىپ، ئۈن سېلىپ يىغلاپ تۇرۇپ:

_ ئاتا، ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلغايسىز! _ دېدى.

35_ ئىنىڭ كىرىپ مېنى ئالداپ، سېنىڭ بەختىڭگە ئولتۇرۇپتۇ، _ دېدى ئىسھاق.

36ئەساۋ:

_ بۇ ئۇنىڭ مېنى ئىككىنچى قېتىم ئالدىشى. ئۇنىڭ ياقۇپ* دەپ ئاتىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس ئىكەن! ئۇ مېنىڭ تۇنجى ئوغۇللۇق مىراس ھوقۇقۇمنى تارتىۋالغانىدى. ئەمدى ماڭا مەنسۇپ بولغان خەيرلىك دۇئانىمۇ تارتىۋاپتۇ. ئاتا، مەن ئۈچۈن خەيرلىك دۇئايىڭىز قالمىدىمۇ؟ _ دېدى.

37ئىسھاق مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مەن ئۇنى ساڭا خوجايىن قىلىۋەتتىم. ئۇنىڭ پۈتۈن قېرىنداشلىرىنى ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغان قىلىۋەتتىم. مەن يەنە ئۇنىڭغا ئاشلىق-تۈلۈك، ئېسىل شارابلارنى بېغىشلىدىم. ئەي ئوغلۇم، ئەمدى مەن ساڭا يەنە نېمىنى بېرىمەن؟

38ئەساۋ ئاتىسىغا يەنە يالۋۇردى:

_ ئاتا، سىزنىڭ پەقەت بىرلا خەيرلىك دۇئايىڭىز بارمۇ؟ ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلغايسىز! _ دەپ ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتى.

39ئاندىن، ئىسھاق مۇنداق دېدى:

«مۇنبەت تۇپراقتىن نېسىۋەڭ يوقتۇر.

خاسىيەتلىك يامغۇر ساڭا ياغمايدۇ.

40 سەن قىلىچقا تايىنىپ ياشايسەن،

ئىنىڭنىڭ خىزمىتىدە بولىسەن.

لېكىن، سەن ئۇنىڭغا قارشى چىققىنىڭدا،

ئۇنىڭ بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلىسەن.»

41ئەساۋ ياقۇپقا قارىتا كۆڭلىگە ئۆچمەنلىك پۈكتى. چۈنكى، ئاتىسى خەيرلىك دۇئاسىنى ياقۇپقا قىلغانىدى. ئۇ ئىچىدە: «ئاتام ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدى. ئۆلۈمىنى ئۇزىتىۋېتىپلا، ياقۇپنى ئۆلتۈرۈۋېتىمەن» دەپ ئويلىدى.

42رىبەقا باشقىلاردىن ئەساۋنىڭ پىلانىنى ئاڭلاپ قېلىپ، ياقۇپنى چاقىرتىپ:

_ گېپىمگە قۇلاق سال! ئاكاڭ ئەساۋ سېنى ئۆلتۈرۈپ، دەردىنى چىقارماقچى. 43ئەي ئوغلۇم، سەن مېنىڭ دېگىنىمنى قىل: دەرھال ھاران رايونىغا، ئاكام لاباننىڭ يېنىغا قېچىپ كەت. 44ئاكاڭ ئەساۋنىڭ ئاچچىقى يانغۇچە، شۇ يەردە تۇر. 45ئۇ سېنىڭ قىلغانلىرىڭنى ئۇنتۇپ قالغاندا، مەن ئادەم ئەۋەتىپ سېنى قايتۇرۇپ كېلىمەن. نېمە ئۈچۈن بىر كۈننىڭ ئىچىدە ھەر ئىككىڭلاردىن ئايرىلىپ قالغۇدەكمەن، _ دېدى.

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىغا كېتىشى

46رىبەقا ئىسھاققا:

_ مەن ئەساۋنىڭ ئىمانسىز خىتلاردىن ئالغان ئاشۇ ئىككى ئايالىدىن تويۇپ كەتتىم. ئەگەر ياقۇپمۇ خىتلاردىن قىز ئالسا، ئۇنىڭدىن ئۆلگىنىم ياخشى، _ دېدى.



*36ياقۇپ دېگەن ئىسىمنىڭ مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى» بولۇپ، بۇ بىر ئىدىئوم ئىدى. بۇ ئىدىئومنىڭ مەنىسى «ئالدامچى»دۇر.



 

28

1ئىسھاق ياقۇپنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇنىڭغا دۇئا قىلىپ، مۇنداق بۇيرۇدى:

_ سەن قانانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمە. 2پاددان-ئاررام رايونىغا بېرىپ، ئاناڭنىڭ ئاتىسى بېتۇئېلنىڭ ئۆيىگە بار. ئۇ يەردە ئاناڭنىڭ ئاكىسى لاباننىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئال. 3ھەممىگە قادىر خۇدا ساڭا بەخت ئاتا قىلىپ، كۆپ پەرزەنت بېرىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن مىللەت قىلغاي! 4ئۇ ئىبراھىمغا بەرگەن ۋەدىسى بويىچە ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا بەخت ئاتا قىلغاي. سەن ھازىر مۇساپىر بولۇپ ياشاۋاتقان يەرنى، يەنى خۇدا ئىبراھىمغا ۋەدە بېرىپ بەرمەكچى بولغان زېمىننى ساڭا تەقدىم قىلغاي!

5شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق ياقۇپنى پاددان-ئاررام رايونىغا، بوۋىسى ئارراملىق بېتۇئېلنىڭ ئوغلى لاباننىڭ يېنىغا يولغا سالدى. لابان رىبەقانىڭ ئاكىسى بولۇپ، رىبەقا بولسا ئەساۋ بىلەن ياقۇپنىڭ ئانىسى ئىدى.

ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئايال ئېلىشى

6-7ئەساۋ ئىسھاقنىڭ ياقۇپقا دۇئا قىلىپ، ئۇنى پاددان-ئاررامغا ئۆيلىنىشكە ئەۋەتكەنلىكىدىن، شۇنداقلا ئىسھاق ئۇنىڭغا دۇئا قىلغاندا، قانانلىق قىزلارغا ئۆيلەنمەسلىكنى تاپىلىغانلىقى ھەمدە ياقۇپنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن پاددان-ئاررامغا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى. 8ئەساۋ بۇنىڭدىن ئاتىسى ئىسھاقنىڭ قانانلىق ئاياللارنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. 9شۇڭا، ئۇ ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسمائىلنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئاياللىرىنىڭ ئۈستىگە تاغىسى ئىسمائىلنىڭ قىزى ماھالاتنى ئالدى. ماھالات نېبايوتنىڭ سىڭلىسى ئىدى.

ياقۇپنىڭ بەيتەلدە چۈش كۆرۈشى

10ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى. 11كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، يەردە يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. 12ئۇ چۈشىدە يەردىن تاكى ئاسمانغىچە تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى. 13ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. 14ئۇلارنىڭ سانى يەردىكى قۇمدەك كۆپ بولۇپ، شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مىللەتلەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. 15مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرمىغۇچە، سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

16ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى. 17ئۇ قورقۇپ كېتىپ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى.

18ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىش ئۈچۈن تىكلەپ، ئۈستىگە ياغ قويۇپ، ئۇنى خۇداغا ئاتىدى. 19بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

20ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:

_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، ماڭا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىپ، 21مېنى يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرساڭ، شۇ ۋاقىتتا ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. 22مەن خاتىرە قىلىپ تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولسۇن. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى. 




29

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ ئۆيىگە بېرىشى

1ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، شەرق تەرەپتىكىلەرنىڭ زېمىنىغا كەلدى. 2ئۇ دالادىكى بىر قۇدۇقنىڭ يېنىدا ئۈچ توپ قوينىڭ ياتقانلىقىنى كۆردى. پادىچىلار قويلىرىنى شۇ قۇدۇقتىن سۇغىراتتى. قۇدۇقنىڭ ئاغزىدا بىر يوغان تاش يېپىقلىق تۇراتتى. 3قويلارنىڭ ھەممىسى يېتىپ كەلگەندە، پادىچىلار بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، قويلىرىنى سۇغىرىۋېلىپ، ئاندىن يەنە شۇ تاش بىلەن قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى يېپىپ قوياتتى.

4ياقۇپ بۇ پادىچىلاردىن:

_ بۇرادەرلەر، سىلەر قەيەرلىك؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىز ھارانلىق، _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى ئۇلار.

5_ سىلەر ناھورنىڭ ئوغلى لاباننى تونۇمسىلەر؟ _ دېدى ئۇ.

_ تونۇيمىز! _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇلار.

6ياقۇپ يەنە:

_ ئۇ قانداقراق؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ ئۇ ناھايىتى ياخشى. ئەنە قاراڭ! ئۇنىڭ قىزى راھىلە قويلىرىنى ھەيدەپ كېلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

7ياقۇپ ئۇلارغا:

_ كۈن تېخى تىك تۇرسا، قوي پادىسىنى يىغىدىغان ۋاقىت بولمىسا، نېمىشقا قويلارنى تېزرەك سۇغىرىپ، ئوتلاققا ئاپىرىپ باقمايسىلەر؟ _ دېدى.

8ئۇلار:

_ بىز قويلارنىڭ ھەممىسىنى يىغىپ، پادىچىلار بىلەن بىرلىكتە قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋەتمىگۈچە، قويلارنى سۇغىرالمايمىز، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

9ياقۇپنىڭ پادىچىلار بىلەن پارىڭى تېخى تۈگىمەيلا، راھىلە پادىلىرىنى ھەيدەپ يېتىپ كەلدى. 10ياقۇپ راھىلە بىلەن تاغىسى لاباننىڭ قوي پادىسىنى كۆرۈپلا، قۇدۇقنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى دومىلىتىۋېتىپ، ئۇنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىپ بەردى. 11-12ئاندىن، ئۇ راھىلەنى سۆيۈپ، ھاياجان بىلەن يىغلاپ كەتتى ۋە راھىلەگە:

_ مەن سىزنىڭ دادىڭىزنىڭ جىيەنى، يەنى رىبەقانىڭ ئوغلى بولىمەن، _ دېدى.

راھىلە يۈگۈرگەن پېتى قايتىپ بېرىپ، ئاتىسىغا ئېيتتى. 13لابان جىيەنى ياقۇپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاش بىلەنلا، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ چىقىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كۆرۈشۈپ ئۆيىگە باشلاپ كىردى. ياقۇپ ئۇنىڭغا يۈز بەرگەن پۈتۈن ئىشنى ئېيتىپ بەردى.

14_ سەن ھەقىقەتەن مېنىڭ جان-جىگەر تۇغقىنىم! _ دېدى لابان. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۇ يەردە بىر ئاي تۇردى.

ياقۇپنىڭ ئالدىنىپ كېتىشى

15بىر كۈنى، لابان ياقۇپقا:

_ سەن مېنىڭ جىيەنىم بولساڭمۇ، ماڭا بىكارغا ئىشلەپ بەرسەڭ بولماس. ئېيتقىن، قانچىلىك ئىش ھەققى تەلەپ قىلىسەن؟ _ دېدى.

16لاباننىڭ ئىككى قىزى بولۇپ، چوڭىنىڭ ئىسمى لېياھ، كىچىكىنىڭ ئىسمى راھىلە ئىدى. 17لېياھنىڭ كۆزلىرى نۇرسىز ئىدى، راھىلە بولسا گۈزەل ۋە كېلىشكەن قىز ئىدى. 18ياقۇپ راھىلەگە ئاشىق بولۇپ قالغانىدى. شۇڭا، ئۇ:

_ ئەگەر سىز راھىلەنى ماڭا بەرسىڭىز، مەن سىزگە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرەي، _ دەپ ئىلتىماس قىلدى.

19لابان ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى باشقا بىرىگە بەرگىنىمدىن ساڭا بەرگىنىم ئەلا! سەن مېنىڭ يېنىمدا تۇر، _ دېدى.

20ياقۇپ راھىلەنى ئېلىش ئۈچۈن يەتتە يىل ئىشلەپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ كۈنلەر ئۇنىڭغا بىرنەچچە كۈندەكلا بىلىندى. چۈنكى، ئۇ راھىلەنى بەكمۇ ياخشى كۆرەتتى.

21يەتتە يىل توشقاندا، ياقۇپ لابانغا:

_ بىز كېلىشكەن ۋاقىت توشتى، قىزىڭىزنى نىكاھىمغا بەرگەيسىز! _ دېدى.

22بۇنىڭ بىلەن، لابان توي زىياپىتى تەييارلاپ، شۇ يەردىكى ھەممە كىشىلەرنى تەكلىپ قىلدى. 23لېكىن، توي كېچىسى لابان راھىلەنىڭ ئورنىغا لېياھنى بەردى. ياقۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 24لابان دېدەكلىرىدىن زىلپانى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەردى.

25پەقەت تاڭ ئاتقاندىلا، ياقۇپ ئايالىنىڭ لېياھ ئىكەنلىكىنى بىلدى. ئۇ لابانغا:

_ بۇ نېمە قىلغىنىڭىز؟ مەن راھىلەنى دەپ، سىزگە يەتتە يىل ئىشلىدىم. مېنى نېمىشقا ئالدىدىڭىز؟ _ دېدى.

26لابان ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرنىڭ ئادىتى بويىچە چوڭ قىز ياتلىق قىلىنمىغۇچە، كىچىك قىز ياتلىق قىلىنمايدۇ. 27لېياھ بىلەن ئىككىڭلارنىڭ بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىنلا، راھىلەنىمۇ نىكاھىڭغا ئالساڭ بولىدۇ. بىراق، ئۇنىڭ ئۈچۈن ماڭا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بېرىشىڭ كېرەك! _ دەپ جاۋاب بەردى.

28ياقۇپ ماقۇل بولدى. لېياھ بىلەن بىر ھەپتىلىك توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، لابان راھىلەنىمۇ ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 29لابان دېدەكلىرىدىن بىلھانى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەردى. 30ياقۇپ راھىلە بىلەنمۇ بىر ئورۇندا ياتتى. ئۇ راھىلەنى لېياھتىن ياخشى كۆرەتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ لابانغا يەنە يەتتە يىل ئىشلەپ بەردى.

ياقۇپنىڭ پەرزەنتلىرى

31پەرۋەردىگار لېياھنىڭ ياقۇپ تەرىپىدىن ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزەنت ئاتا قىلدى. راھىلە بولسا تۇغماس ئىدى. 32لېياھ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار مېنىڭ دەردىمنى كۆرۈپتۇ، ئەمدى ئېرىم مېنى ياخشى كۆرىدىغان بولىدۇ» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى رۇبېن [ئاھاڭ جەھەتتە «دەردىمنى كۆردى»] دەپ قويدى. 33ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئوغۇلنىمۇ بەردى، چۈنكى مېنىڭ ياخشى كۆرۈلمىگەنلىكىم ئۇنىڭغا يېتىپتۇ» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى شىمون [مەنىسى «ئۇ ئاڭلىدى»] دەپ قويدى. 34ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى ئېرىم ماڭا تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ، چۈنكى مەن ئۇنىڭغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن، بالىنىڭ ئىسمىنى لاۋىي [ئاھاڭ جەھەتتە «يېقىنلىشىش»] دەپ قويدى. 35ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، تۆتىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇ: «ئەمدى مەن پەرۋەردىگارغا مەدھىيە ئوقۇي» دېدى، شۇڭا بالىنىڭ ئىسمىنى يەھۇدا [ئاھاڭ جەھەتتە «مەدھىيە»] دەپ قويدى. شۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ تۇغمىدى. 




30

1راھىلە ياقۇپقا بالا تۇغۇپ بېرەلمىگەچكە، ھەدىسىگە ھەسەت قىلىپ، ياقۇپقا:

_ مەندىنمۇ بالا تېپىڭ، بولمىسا ئۆلگىنىم ياخشى! _ دېدى.

2ياقۇپ راھىلەگە ئاچچىقلاپ:

_ سېنى تۇغماس قىلىپ قويغان خۇدا تۇرسا، مەن نېمە قىلالايتتىم؟ _ دېدى.

3راھىلە ئۇنىڭغا:

_ سىز مېنىڭ دېدىكىم بىلھا بىلەن بىر ئورۇندا يېتىڭ. ئۇ ماڭا بالا تۇغۇپ بەرسۇن، بۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئانا بولۇپ قالاي، _ دېدى.

4شۇنداق قىلىپ، راھىلە دېدىكى بىلھانى ئېرىگە كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. ياقۇپ بىلھا بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. 5بىلھا ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 6راھىلە: «خۇدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ دۇئايىمنى ئاڭلاپ، ماڭا بىر ئوغۇل بەردى!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى دان [ئاھاڭ جەھەتتە «ئادىل ھۆكۈم چىقىرىش»] دەپ قويدى. 7بىلھا يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 8راھىلە: «مەن ھەدەم بىلەن قاتتىق كۈرەش قىلىپ، ئاخىر ئۇنى يەڭدىم» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى نافتالى [مەنىسى «كۈرىشىم»] دەپ قويدى.

9لېياھ ئۆزىنىڭ تۇغۇتى توختاپ قالغانلىقىنى سېزىپ، دېدىكى زىلپانى ياقۇپقا كىچىك خوتۇنلۇققا بەردى. 10زىلپا ياقۇپقا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 11لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن تەلەيلىك!» دېدى ۋە بالىنىڭ ئىسمىنى گاد [مەنىسى «تەلەيلىك»] قويدى. 12زىلپا ياقۇپقا ئىككىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 13لېياھ: «مەن ھەقىقەتەن بەختلىك-ھە! ئاياللار مېنى بەختلىك ئايال دېيىشىدۇ!» دېدى. شۇڭا، بالىنىڭ ئىسمىنى ئاشېر [مەنىسى «بەختلىك»] دەپ قويدى.

14ئورما مەزگىلىدە، لېياھنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن بۇغدايلىقتىن تۇغماسلىق كېسىلىگە شىپا بولىدىغان بىر خىل دورا ئۆسۈملۈك تېپىۋېلىپ، لېياھقا بەردى. بۇنى كۆرگەن راھىلە لېياھقا:

_ ماڭا ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكتىن بىرئاز بەرگىن، _ دېدى.

15لېياھ ئۇنىڭغا:

_ مېنىڭ ئېرىمنى تارتىۋالغىنىڭ يەتمەمدۇ؟ ئەمدى مېنىڭ ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىمۇ تارتىۋېلىپ، مېنى بالا تۇغۇشتىن مەھرۇم قىلماقچىمۇسەن؟ _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

راھىلە:

_ ئەگەر سەن ئوغلۇڭ تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنى ماڭا بەرسەڭ، بۈگۈن كېچە ياقۇپ سەن بىلەن بىللە بولسۇن، _ دېدى.

16شۇ كۈنى كۈن پاتقاندا، ياقۇپ بۇغدايلىقتىن قايتىپ كەلگىنىدە، لېياھ ئالدىغا چىقىپ ئۇنىڭغا:

_ بۈگۈن ئاخشام چوقۇم مەن بىلەن يېتىڭ. چۈنكى، ئوغلۇم تېپىۋالغان دورا ئۆسۈملۈكنىڭ بەدىلىگە سىز بىلەن بۈگۈن كېچە بىر ئورۇندا بولۇش ھوقۇقىغا ئېرىشتىم، _ دېدى. شۇڭا، ئۇ كېچە ياقۇپ لېياھ بىلەن بىللە ياتتى.

17لېياھنىڭ دۇئاسى خۇداغا يەتتى. ئۇ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا بەشىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 18لېياھ: «خۇدا ماڭا ئەجىر قىلدى، چۈنكى مەن ئۆز دېدىكىمنى ئېرىمگە بەردىم!» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى ئىسساكار [ئاھاڭ جەھەتتە «ئەجىر»] دەپ قويدى.

19لېياھ يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ياقۇپقا ئالتىنچى ئوغۇلنى تۇغۇپ بەردى. 20ئۇ: «خۇدا ماڭا قىممەتلىك سوۋغات بەردى. ئەمدى ئېرىم ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ. چۈنكى، مەن ئۇنىڭغا ئالتە ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم» دېدى. شۇڭا، ئۇ بالىنىڭ ئىسمىنى زەبۇلۇن [ئاھاڭ جەھەتتە «سوۋغات»] دەپ قويدى. 21ئۇنىڭدىن كېيىن، ئۇ بىر قىز تۇغدى ۋە ئۇنىڭ ئىسمىنى دىنا دەپ قويدى.

22كېيىن، خۇدا راھىلەنى ياد ئېتىپ، دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، ئۇنى پەرزەنت يۈزى كۆرىدىغان قىلدى. 23ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇ: «خۇدا ماڭا ئوغۇل بېرىپ، مېنى نومۇستىن خالاس قىلدى. 24پەرۋەردىگاردىن يەنە بىر ئوغۇل تىلەيمەن!» دېدى. شۇڭا، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى يۈسۈپ [ئاھاڭ جەھەتتە «يەنە بەرسۇن»] دەپ قويدى.

ياقۇپنىڭ بېيىپ كېتىشى

25راھىلە يۈسۈپنى تۇغقاندىن كېيىن، ياقۇپ لابانغا:

_ ماڭا رۇخسەت قىلىڭ. ئۆز يۇرتۇمغا قايتاي. 26ئايال ۋە بالا-چاقىلىرىمنى ئېلىپ كېتىشىمگە رۇخسەت قىلىڭ. ئۇلار مېنىڭ سىزگە ئىشلەپ بەرگەن ئىش ھەققىم بولسۇن. مېنىڭ سىزگە قانداق تىرىشىپ ئىشلىگىنىم ئۆزىڭىزگە مەلۇم، _ دېدى.

27لابان ئۇنىڭغا:

_ سەن مەندىن خۇشال بولساڭ، مېنىڭ يېنىمدىن ئايرىلما. مەن ھازىر باي بولۇپ كەتتىم. پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقى سېنىڭ يېنىمدا بار بولغىنىڭدىن ئىكەنلىكىنى پال ئېچىش ئارقىلىق تونۇپ يەتتىم. 28ئېيتقىن، قانچىلىك ھەق سورىساڭ، جەزمەن شۇنچىلىك بېرىمەن، _ دېدى.

29ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ مېنىڭ قانداق جان تىكىپ ئىشلىگەنلىكىم، ئەجرىم بىلەن قوي-كالىلىرىڭىزنىڭ قانداق كۆپىيىپ كەتكەنلىكى ئۆزىڭىزگە ئايان. 30مەن كېلىشتىن ئىلگىرى، سىزنىڭ قول-ئىلكىڭىزدە ئانچە يوق ئىدى، ھازىر بايلىقىڭىز شۇنچە كۆپەيدى. پەرۋەردىگار مېنىڭ يېنىڭىزدا بولغىنىمدىن سىزگە بەخت ئاتا قىلدى. ئەمدى مەن ئۆز ئائىلەمنى ئويلىشىم كېرەك، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

31_ ئەمىسە، ساڭا نېمە بېرىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى لابان.

ياقۇپ مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ماڭا ئىش ھەققى كېرەك ئەمەس! ئەگەر تۆۋەندىكى بۇ تەكلىپىمگە قوشۇلسىڭىز، چارۋىلىرىڭىزنى داۋاملىق باقاي. 32تەكلىپىم مۇنداق: بۈگۈن چارۋىلىرىڭىزنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، تاغىل، چىپار ۋە قارا قويلارنى ھەمدە چىپار ۋە تاغىل ئۆچكىلەرنى ئايرىپ چىقاي. بۇلار مېنىڭ ئىش ھەققىم بولسۇن. 33كەلگۈسىدە سىزگە سەمىمىيلىكىمنى مۇنداق كۆرسەتمەكچىمەن: سىز مېنىڭ ئىش ھەققىمنى تەكشۈرۈپ كەلگىنىڭىزدە، ئەگەر مېنىڭ چارۋىلىرىمنىڭ ئىچىدە تاغىل ۋە چىپار بولمىغان ئۆچكە ياكى قارا بولمىغان قويلارنى ئۇچراتسىڭىز، ئۇلارنى ئوغرىلاپ كېلىنگەن دەپ بىلەلەيسىز.

34لابان:

_ سېنىڭ تەكلىپىڭگە قوشۇلدۇم، دېگىنىڭدەك بولسۇن! _ دېدى.

35بىراق شۇ كۈنى، لابان ئەسلى ياقۇپقا تېگىشلىك بولغان تاغىل ۋە چىپار ئەركەك ئۆچكىلەر بىلەن چىپار ۋە ئاق رەڭ ئارىلاشقان چىشى ئۆچكىلەرنى ھەمدە بارلىق قارا قويلارنى ئاستىرتىن ئايرىپ چىقىپ، ئۆز ئوغۇللىرىغا باقتۇردى. 36ئاندىن، ئۇ بۇ ماللارنى ياقۇپتىن ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىقتىكى بىر جايغا ئېلىپ كەتتى. ياقۇپ لاباننىڭ قالغان پادىلىرىنى باقتى.

37بۇنى بىلگەن ياقۇپ تېرەك، بادام ۋە چىنار دەرەخلىرىدىن كۆك شاخلارنى كېسىپ، قوۋزىقىنى تاغىل شەكىلدە، يەنى بىر يولىدا قوۋزاق بار، يەنە بىر يولىدا قوۋزاق يوق قىلىپ سويدى. 38-39ئۇ بۇ شاخلارنى ماللارنىڭ ئوقۇرلىرىغا، يەنى ماللارنىڭ ئالدىغا سانجىپ قويدى. ماللار سۇ ئىچكىلى كەلگەندە، شۇ يەردە جۈپلىشىپ قالاتتى. ماللار شاخلارنىڭ ئالدىدا جۈپلەشسە، تاغىل ۋە چىپار قوزىلارنى تۇغاتتى. 40ياقۇپ ئۇلارنى قالغانلاردىن ئايرىپ قويدى. ئۇ قالغانلارنى لاباننىڭ تاغىل ۋە قارا قويلىرىغا قارىتىپ قويۇپ ئۇرۇقلاندۇردى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئۆز پادىلىرىنى كۆپەيتتى ھەمدە لاباننىڭ پادىلىرىدىن ئايرىدى. 41ساغلام ماللار جۈپلەشسە، ياقۇپ شاخلارنى ئۇلارنىڭ ئالدىدىكى ئوقۇرغا سانجىپ قوياتتى، ماللار شۇ شاخلارنىڭ يېنىدا جۈپلىشەتتى. 42لېكىن، تېنى ئاجىز ماللار جۈپلەشسە، شاخلارنى سانجىمايتتى. ئۇزۇن ئۆتمەي، ئورۇق ماللار لابانغا قېلىپ، سېمىز ماللار ياقۇپقا ئۆتتى. 43شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ بارغانسېرى بېيىپ، نۇرغۇن قوي پادىلىرى، ئەر-ئايال قۇللار، تۆگە ۋە ئېشەكلەرگە ئىگە بولدى. 




31

ياقۇپنىڭ لاباننىڭ يېنىدىن قېچىشى

1ياقۇپ لاباننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ: «ئاتىمىزنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكىنى ياقۇپ بۇلىۋالدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بايلىقى بىزنىڭ ئاتىمىزغا تەئەللۇق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلاپ قالدى. 2ياقۇپ ئۆزىمۇ لاباننىڭ بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلە قىلمايۋاتقانلىقىنى سەزدى. 3بۇ چاغدا، پەرۋەردىگار ياقۇپقا: «سەن ئاتا-بوۋاڭ ياشىغان يۇرتۇڭغا، يەنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىڭنىڭ يېنىغا بار، مەن ساڭا يار بولىمەن» دېدى.

4بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ راھىلە بىلەن لېياھقا ئادەم ئەۋەتىپ، ئۇلارنى ئۆزى قوي باقىدىغان يەرگە كېلىپ، ئۆزى بىلەن كۆرۈشۈشنى بۇيرۇدى 5ۋە ئۇلارغا:

_ داداڭلارنىڭ ماڭا بۇرۇنقىدەك دوستانە مۇئامىلىدە بولمايۋاتقانلىقىنى سېزىۋاتىمەن. لېكىن، ئاتام ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولۇپ كەلمەكتە. 6سىلەرگە مەلۇمكى، مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتاڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم. 7لېكىن، ئۇ مېنى ئالداپ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتى. گەرچە ئۇ شۇنداق قىلغان بولسىمۇ، خۇدا ئۇنىڭ ماڭا زىيان يەتكۈزۈشىگە يول قويمىدى. 8لابان: «چىپار ماللار سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دېگەندە، پۈتۈن ماللار چىپار قوزا تۇغدى، «تاغىل ماللار سېنىڭ ئىش ھەققىڭ» دېگەندە، پۈتۈن ماللار تاغىل تۇغدى. 9شۇنداق قىلىپ، خۇدا ئاتاڭلارنىڭ ماللىرىنى ماڭا ئېلىپ بەردى.

10بىر قېتىم، قويلار جۈپلىشىدىغان مەزگىلدە، مەن بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە، جۈپلىشىۋاتقان ئەركەك ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ تاغىل ياكى چىپار ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. 11خۇدانىڭ پەرىشتىسى چۈشۈمدە: «ئەي ياقۇپ!» دېدى. مەن: «لەببەي!» دېدىم. 12ئۇ: «قارا، جۈپلىشىۋاتقان ئەركەك ئۆچكىلەرنىڭ ھەممىسى تاغىل ۋە چىپار. مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنىڭ سەۋەبى، لاباننىڭ ساڭا قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۆرۈپ تۇردۇم. 13مەن بولسام بەيتەلدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدادۇرمەن. سەن ئۇ يەردە بىر تاشنى ماڭا ئاتاپ، خاتىرە قىلىپ تىكلىدىڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياغ قۇيدۇڭ ۋە ئۇ يەردە ماڭا قەسەم بەردىڭ. ئەمدى سەن ئۆز يۇرتۇڭغا قايتىپ كېتىشكە ھازىرلان!» دېدى.

14راھىلە بىلەن لېياھ ياقۇپقا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ بىز بەرىبىر ئاتىمىزدىن بىرەر نەرسە مىراس ئالالمايمىز. 15ئۇ بىزنى تالانىڭ ئادىمى، دەپ قارايدۇ. ئۇ بىزنى ساتتى ۋە بىزنىڭ تويلۇقىمىزنىمۇ يەپ كەتتى. 16خۇدا بىزنىڭ دادىمىزدىن سىزگە ئېلىپ بەرگەن بايلىق ئەسلى دادىمىزغا ئەمەس، بەلكى بىزگە ۋە بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىزگە مەنسۇپ. خۇدا سىزگە نېمە دېگەن بولسا، شۇنى قىلىڭ!

17-18بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ قانانغا، يەنى ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا بېرىشقا ھازىرلاندى. ئۇ ئاياللىرى، بالا-چاقىلىرىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، پۈتۈن مال-ۋارانلىرىنى ھەيدەپ، ئۆزىنىڭ پاددان-ئاررامدا توپلىغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ قېچىپ كەتتى.

19راھىلە ئاتىسى لاباننىڭ قوي قىرقىغىلى كەتكەنلىكىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنىڭ بۇتلىرىنى* ئوغرىلىۋالدى. 20ياقۇپ لابانغا ئۇقتۇرماي، ئوغرىلىقچە يولغا چىقتى. 21ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ ئالدىراپ قېچىپ، فىرات دەرياسىدىن ئۆتۈپ، گىلىئاد ئېدىرلىقىغا قاراپ راۋان بولدى.

لاباننىڭ ياقۇپنى قوغلىشى

22ئۈچ كۈندىن كېيىن، لابانغا ياقۇپنىڭ قاچقانلىقى توغرىسىدا خەۋەر يەتتى. 23ئۇ ئۆز تۇغقانلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپنى قوغلىدى ھەمدە يەتتە كۈندىن كېيىن، گىلىئاد ئېدىرلىقىدا ياقۇپقا يېتىشتى. 24شۇ كۈنى كېچىدە خۇدا لاباننىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا: «ئېھتىيات قىل! ياقۇپقا توسقۇنلۇق قىلما» دېدى.

25ياقۇپ چېدىرىنى گىلىئاد رايونىدىكى بىر تاغنىڭ ئۈستىگە قۇرغانىدى. لابان ۋە ئۇنىڭ تۇغقانلىرىمۇ ياقۇپقا يېتىشىپ، چېدىرلىرىنى شۇ ئەتراپتا تىكتى.

26لابان ياقۇپقا:

_ سەن نېمە ئۈچۈن مېنى ئالداپ، قىزلىرىمنى ئەسىرگە ئوخشاش ئېلىپ كەتتىڭ؟ 27نېمە ئۈچۈن گەپ-سۆز قىلماي، ئوغرىلىقچە قاچتىڭ؟ ئەگەر سەن ماڭا ئۇقتۇرۇپ قويغان بولساڭ، مەن سېنى چوقۇم خۇشال-خۇراملىق بىلەن چىلتار چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، داقا-دۇمباق ئىچىدە ئۇزىتىپ قويمامتىم؟ 28ئەڭ بولمىغاندا، ماڭا نەۋرىلىرىم بىلەن قىزلىرىمنى سۆيۈپ ئۇزىتىپ قويۇش پۇرسىتىنىمۇ بەرمىدىڭ. بۇنداق قىلىشىڭ بەكمۇ ئەخمەقلىق بولدى! 29ئەسلىدە ئەدىبىڭنى بېرىدىغان كۈچۈممۇ بار ئىدى. لېكىن، تۈنۈگۈن كېچە ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ساڭا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىمنى ئېيتتى. 30مەن ئۆز يۇرتۇڭنى سېغىنغانلىقىڭنى، ئائىلەڭگە قايتماقچى بولغانلىقىڭنى چۈشىنىمەن. لېكىن، مېنىڭ بۇتلىرىمنى نېمىشقا ئوغرىلاپ قاچتىڭ؟ _ دېدى.

31ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن سىزنى قىزلىرىڭىزنى قولۇمدىن زورلۇق بىلەن تارتىپ كېتەرمىكىن دەپ ئويلاپ، ئىنتايىن قورقۇپ قاچقانىدىم. 32لېكىن بۇتلىرىڭىزغا كەلسەك، بۇتلىرىڭىز كىمدىن چىقسا، شۇ تىرىك قالمىسۇن! تۇغقانلىرىڭىز گۇۋاھ بولسۇن. قولىمىزدا ئۆزىڭىزگە تەۋە نېمە تاپسىڭىز، شۇنى ئېلىپ كېتىڭ، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى. چۈنكى، ياقۇپ راھىلەنىڭ ئاتىسى لاباننىڭ بۇتلىرىنى ئوغرىلىۋالغانلىقىنى بىلمەيتتى.

33لابان ئالدى بىلەن ياقۇپنىڭ چېدىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. كېيىن، لېياھ ۋە ئىككى دېدەكنىڭ چېدىرلىرىغا كىرىپ ئاختۇردى. بىراق، ھېچنېمە تاپالمىدى. ئاندىن، ئۇ راھىلەنىڭ چېدىرىغا كىردى. 34راھىلە ئاتىسىنىڭ بۇتلىرىنى تۆگىدىكى خۇرجۇنغا يوشۇرۇپ قويۇپ، ئۆزى ئۈستىدە ئولتۇرۇۋالغانىدى. لابان چېدىرنى ئاختۇرۇپ چىقىپ، ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 35راھىلە ئاتىسىغا:

_ خاپا بولماڭ دادا، مەن ئاي كۆرۈپ قالدىم. ئالدىڭىزدا ئۆرە تۇرغۇدەك ھالىم يوق، _ دېدى.

لاباننىڭ ئاختۇرمىغان يېرى قالمىدى، لېكىن بۇتلارنى تاپالمىدى.

36بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ دەرغەزەپكە كېلىپ لابانغا مۇنداق دېدى:

_ سىز مېنىڭ كەينىمدىن شۇنچە قوغلاپ كەلگۈدەك، مەن زادى نېمە گۇناھ قىلدىم، قايسى قائىدە-نىزامغا خىلاپلىق قىلدىم؟ 37پۈتۈن يۈك-تاقلىرىمنى ئاختۇرۇپ چىقتىڭىز، زادى بىرەر نەرسىڭىزنى تاپتىڭىزمۇ؟ قېنى، ئۇنى چىقىرىپ، سىزنىڭمۇ مېنىڭمۇ تۇغقانلىرىمىزنىڭ ئالدىدا كۆرسىتىڭ! كۆپچىلىك كۆرۈپ بېقىپ، ئارىمىزدا كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىگە ھۆكۈم قىلسۇن. 38مەن سىزنىڭ يېنىڭىزدا بولغان يىگىرمە يىل ئىچىدە قوي، ئۆچكىلىرىڭىزدىن بالا تاشلىغىنىمۇ يوق، بىرەرسىنى يېگىنىممۇ يوق. 39يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈۋەتكەن قويلارنىمۇ سىزگە ئەكېلىپ كۆرسەتمەي، ئۆزۈمنىڭ قويلىرىمدىن سەپلەپ قويدۇم. كېچىسى بولسۇن، كۈندۈزى بولسۇن، قويلارنى ئوغرى ئالسا، ماڭا تۆلەتتىڭىز. 40مەن ھەمىشە كۈندۈزى ئىسسىقنىڭ دەردىنى تارتسام، كېچىسى سوغۇقنىڭ دەردىدىن كېچىچە كۆزۈمنى يۇمالمىدىم. 41يىگىرمە يىلدىن بۇيان سىزگە مانا شۇنداق ئىشلەپ كەلدىم. ئىككى قىزىڭىزنى ئېلىش ئۈچۈن ئون تۆت يىل، پادىلار ئۈچۈن ئالتە يىل ئىشلىدىم. شۇنداق بولسىمۇ، ئىش ھەققىمنى ئون قېتىم ئۆزگەرتتىڭىز! 42بوۋام ئىبراھىم ئېتىقاد قىلغان، ئاتام ئىسھاق ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن خۇدا ماڭا يار بولمىغان بولسا، سىز مېنى چوقۇم قۇرۇق قول قايتۇرغان بولاتتىڭىز. لېكىن خۇدا مېنىڭ دەردىمنى، جاپالىق ئەجرىمنى كۆرۈپ، تۈنۈگۈن كېچە سىزنى ئەيىبلىدى.

ياقۇپنىڭ لابان بىلەن كېلىشىم تۈزۈشى

43لابان ياقۇپقا جاۋابەن:

_ بۇ قىزلار مېنىڭ قىزلىرىم، بۇ بالىلار بولسا مېنىڭ نەۋرىلىرىم. قويلارمۇ مېنىڭ قويلىرىم، كۆز ئالدىڭدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى مېنىڭ. مەن قىزلىرىم بىلەن نەۋرىلىرىمنى ئېلىپ قالالمىغاندىكىن، 44بىزنىڭ بىر كېلىشىم تۈزگىنىمىز تۈزۈكتەك تۇرىدۇ. تۈزگەن كېلىشىمىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز ئۈچۈن، بۇ يەرگە تاش دۆۋىلەيلى، _ دېدى.

45-46شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ قولىغا چوڭ بىر تاشنى ئېلىپ، ئۇنى تىكلەپ قويدى ۋە تۇغقانلىرىغا تاش يىغدۇرۇپ، دۆۋە قىلىپ قويدى. كېيىن كۆپچىلىك تاش دۆۋىسىنىڭ يېنىدا تاماق يېيىشتى. 47لابان ئۆز تىلىدا بۇ يەرنى جەگار-ساخادۇتا دەپ ئاتىدى. ياقۇپ ئۆز تىلىدا گالېئاد [ئىككىلى سۆزنىڭ مەنىسى «كېلىشىمنى ئەسلىتىدىغان دۆۋە»] دەپ ئاتىدى.

48لابان ياقۇپقا:

_ بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ تاش دۆۋىسى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمنى ئەسلىتىش خاتىرىسى بولسۇن، _ دېدى. مانا بۇ، ئۇ يەرنىڭ «گالېئاد» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

49لابان يەنە:

_ بىز ئايرىلغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار ئۈستىمىزدىن كۆزىتىپ تۇرسۇن، _ دېدى. شۇڭا، بۇ جاي مىسپاھ [مەنىسى «كۆزىتىش مۇنارى»] ئاتالدى. 50لابان كەينىدىن:

_ ئەگەر سەن قىزلىرىمغا يامان مۇئامىلە قىلساڭ ياكى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە خوتۇن ئالساڭ، باشقىلار بىلمىگەن تەقدىردىمۇ، ئېسىڭدە بولسۇنكى، خۇدا بىزنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. 51مەن ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بۇ تاشلارنى دۆۋىلىدىم ھەم بۇ تاشنى تۈۋرۈك قىلىپ تىكلىدىم. 52بۇ بىزگە گۇۋاھ بولسۇنكى: مەن ھەرگىز بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ساڭا زىيانكەشلىك قىلمايمەن، سەنمۇ بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ ماڭا زىيانكەشلىك قىلمايسەن. 53ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدا ئىبراھىم، ناھور ۋە ئۇلارنىڭ ئاتىسى ئېتىقاد قىلغان خۇدا ھۆكۈم قىلسۇن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ياقۇپ بۇ كېلىشىمگە ۋاپا قىلىش ئۈچۈن، ئۆز ئاتىسى ئىسھاق ئىخلاسمەن بولۇپ كەلگەن خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. 54ئاندىن، ئۇ تاغدا مال بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى ھەمدە تۇغقانلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان بولدى. تاماقتىن كېيىن، ئۇلار شۇ يەردە قوندى. 55ئەتىسى تاڭ سەھەردە، لابان نەۋرىلىرى ۋە قىزلىرىنى سۆيۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئۆيىگە قايتتى.



*19بۇت _ ئېلىپ يۈرۈشكە بولىدىغان كىچىك تىپتىكى مەبۇد. راھىلە بۇتلارغا چوقۇنىدىغان خەلق ئارىسىدا چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ئۇ ئۆز دىنىدىن تېخى پۈتۈنلەي قايتمىغانىدى.



 

32

ياقۇپنىڭ ئەساۋنىڭ ئالدىغا خىزمەتچىلىرىنى ئەۋەتىشى

1ياقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقاندا، يول ئۈستىدە ئۇنىڭغا خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى ئۇچرىدى. 2ياقۇپ ئۇلارنى كۆرۈپ: «بۇ يەر خۇدانىڭ دەرگاھى* ئىكەن!» دېدى ۋە ئۇ جاينىڭ ئىسمىنى ماھانائىم [مەنىسى «ئىككى دەرگاھ»] دەپ ئاتىدى.

3ياقۇپنىڭ ئاكىسى ئەساۋ ئىدوم، يەنى سەئىر رايونىدا تۇرۇۋاتاتتى. ياقۇپ ئۇنىڭ ئالدىغا خەۋەرچى ئەۋەتىپ، 4ئۇلارغا مۇنداق بۇيرۇدى:

_ ئاكام ئەساۋغا مۇنداق دەڭلار: «كەمىنىلىرى ياقۇپتىن سالام! ئۇنىڭدىن سىزگە مۇنداق خەۋەر بار: ‹مەن لاباننىڭ يېنىدا تا ھازىرغىچە تۇرۇپ، ئەمدى قايتىپ كەلدىم. 5مەندە كالا، قوي، ئۆچكە، ئېشەك ۋە قۇللار بار. ياخشى بولۇپ قالايلى› دەپ، ئالدىڭىزغا خەۋەرچىلىرىمنى ئەۋەتتىم!»

6ياقۇپنىڭ خەۋەرچىلىرى قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ بىز ئاكىڭىز ئەساۋ بىلەن كۆرۈشتۇق. ئۇ تۆت يۈز ئادەمنى ئېلىپ، سىز بىلەن كۆرۈشكىلى يولغا چىقتى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

7ياقۇپ قورقۇنچ ۋە تەشۋىش ئىچىدە ئۆز ئادەملىرىنى ئىككى توپقا بۆلدى ھەمدە قوي، ئۆچكە، كالا ۋە تۆگىلەرنىمۇ ئىككىگە ئايرىدى. 8ئۇ «ئەگەر ئەساۋنىڭ ئادەملىرى بىر توپقا ھۇجۇم قىلسا، يەنە بىر توپ قېچىپ قۇتۇلۇپ قالار» دەپ ئويلىدى.

9ئاندىن، ياقۇپ مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئاتام ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا، دۇئايىمغا قۇلاق سالغايسەن! ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى يۇرتۇمغا ھەمدە تۇغقانلىرىمنىڭ يېنىغا قايتىشقا بۇيرۇغان ۋە ھەممە ئىشلىرىمنى ئوڭ قىلىپ بېرىدىغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 10مەن سېنىڭ مەندەك خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە ۋاپادارلىقىڭغا لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىر ھاسىلا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن. 11مېنى ئاكام ئەساۋنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغايسەن. مەن ئۇنىڭ مېنى، ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قورقىمەن. 12ھەممە ئىشلىرىمنى ئاسان قىلىدىغانلىقىڭ ۋە ماڭا دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىدىغانلىقىڭ توغرىسىدا قىلغان ۋەدەڭنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن.

13-15ياقۇپ ئۇ يەردە بىر كېچە قونۇپ، ئۆز مېلىنىڭ بىر قىسمىنى، يەنى ئىككى يۈز ئۆچكە، يىگىرمە تېكە، ئىككى يۈز ساغلىق قوي، يىگىرمە قوچقار، بوتىلاقلىرى بىلەن قوشۇپ ئوتتۇز چىشى تۆگە، قىرىق ئىنەك، ئون بۇقا، يىگىرمە مادا ئېشەك ۋە ئون ھاڭگا ئېشەكنى ئاكىسى ئەساۋغا سوۋغات قىلىشقا تاللىدى. 16ئۇ بۇ ماللارنى ئايرىم-ئايرىم پادا قىلىپ، ھەر بىر توپ پادىغا خىزمەتچى تەيىنلەپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر ئالدىمدا مېڭىۋېرىڭلار. ھەربىر توپ پادىنىڭ ئارىسىدا بەلگىلىك ئارىلىق قويۇپ ھەيدەڭلار، _ دېدى.

17ئۇ يول باشلاپ ماڭغان خىزمەتچىسىگە:

_ ئاكام ئەساۋ ساڭا ئۇچرىغاندا، ئەگەر: «خوجايىنىڭ كىم؟ قەيەرگە بارىسەن، ئالدىڭدىكى بۇ ماللار كىمنىڭ؟» دەپ سورىسا، 18سەن: «بۇلار خىزمەتكارىڭىز ياقۇپنىڭ. بۇ بولسا ئۇنىڭ خوجايىنى ئەساۋغا قىلغان سوۋغىتى. ئۆزى كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ» دەپ جاۋاب بەرگىن، _ دېدى.

19-20ئۇ ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە باشقا پادىلىرىنى ھەيدىگەنلەرنىڭ ھەممىسىگە:

_ سىلەر ئەساۋغا ئۇچرىغاندا: «خىزمەتكارىڭىز ياقۇپ كەينىمىزدە كېلىۋاتىدۇ!» دېيىشىڭلار كېرەك، _ دەپ بۇيرۇدى.

ياقۇپ ئىچىدە «مەن بۇ سوۋغاتلار بىلەن ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ياندۇرسام، كۆرۈشكەن چېغىمىزدا ئۇ بەلكىم مېنى كەچۈرۈۋېتەر» دەپ ئويلىدى.

21شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سوۋغات ئېلىپ ماڭغۇچىلارنى ئاۋۋال يولغا سېلىۋېتىپ، كېچىنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى.

ياقۇپنىڭ خۇدا بىلەن چېلىشىشى

22شۇ كۈنى كېچىدە، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئىككى ئايالى، ئىككى كىچىك خوتۇنى ۋە ئون بىر پەرزەنتىنى ئېلىپ ياببۇك دەرياسىدىن ئۆتتى. 23ئۇلارنى سۇدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ھەممە تەئەللۇقاتلىرىنىمۇ قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈۋەتتى. 24ئۆزى بولسا بۇ تەرەپتە يالغۇز قالدى. ئاندىن، بىر كىشى كېلىپ ياقۇپ بىلەن تاڭ ئاتقۇچە چېلىشتى. 25ئۇ كىشى ياقۇپنى يېڭەلمەيدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ، ئۇنىڭ ساغرىسىغا تېگىپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، ياقۇپنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتتى.

26ئۇ كىشى:

_ تاڭ ئاتاي دەپ قالدى، مېنى قويۇپ بەر! _ دېدى.

_ سەن ماڭا بەخت ئاتا قىلمىغۇچە، قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى ياقۇپ.

27ئۇ كىشى ئۇنىڭدىن:

_ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئىسمىم ياقۇپ،* _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

28ھېلىقى كىشى يەنە:

_ بۇنىڭدىن كېيىن ئىسمىڭ ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل [مەنىسى «خۇدا بىلەن چېلىشتى»] بولسۇن. چۈنكى، سەن خۇدا ۋە ئىنسان بىلەن چېلىشىپ شۆھرەت قازاندىڭ، _ دېدى.

29ياقۇپ ئۇنىڭدىن:

_ ئېيتقىن، سېنىڭ ئىسمىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

ھېلىقى كىشى:

_ ئىسمىمنى سورىما، _ دەپلا، ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلدى.

30ياقۇپ:

_ مەن خۇدا بىلەن يۈزمۇيۈز كۆرۈشكەن بولساممۇ، جېنىم ساق قالدى! _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بۇ يەرنىڭ نامىنى پېنىئەل [مەنىسى «خۇدانىڭ يۈزى»] دەپ ئاتىدى. 31ياقۇپ پېنىئەلدىن يولغا چىققاندا، كۈن چىققانىدى. ئۇنىڭ سۆڭگىچى ئورنىدىن چىقىپ كەتكەچكە، ئاقساپ ماڭاتتى. 32شۇ سەۋەبتىن، ئىسرائىللار تا بۈگۈنگىچە ھايۋانلارنىڭ ساغرىسىنىڭ پېيىنى يېمەيدۇ، چۈنكى خۇدا ياقۇپنىڭ ساغرىسىغا تەگكەن.



*2دەرگاھ _ ياقۇپ ئىككى پەرىشتىنىڭ بۇ يەرگە ئورۇنلاشقانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ مۇھىم ئورۇننى «ئىككى دەرگاھ» دەپ ئاتاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ خۇدانىڭ كاپالىتىگە ئېرىشىدىغانلىقىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.

*27ياقۇپ _ مەنىسى «ئالدامچى».



 

33

ياقۇپنىڭ ئەساۋ بىلەن ئۇچرىشىشى

1ياقۇپ ئەساۋنىڭ تۆت يۈز كىشىنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، پەرزەنتلىرىنى لېياھ، راھىلە ۋە ئىككى كىچىك خوتۇنىغا بۆلۈپ بەردى. 2ئۇ ئىككى كىچىك خوتۇنىنى بالىلىرى بىلەن بىرىنچى سەپتە، لېياھنى بالىلىرى بىلەن ئىككىنچى سەپتە ماڭدۇردى. ئەڭ كەينىدە، راھىلە بىلەن يۈسۈپنى ماڭدۇردى. 3ياقۇپ ئۆزى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ماڭدى. ئۇ ئاكىسىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، بېشى يەرگە تەگكۈدەك يەتتە قېتىم ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

4ئەساۋ ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، قۇچاقلاپ سۆيۈپ كەتتى، ھەر ئىككىسى يىغلىشىپ كۆرۈشتى. 5ئەساۋ ئەتراپىغا قاراپ، ئاياللار ۋە بالىلارنى كۆرۈپ:

_ يېنىڭدىكى بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

ياقۇپ:

_ خۇدا كەمىنىلىرىگە ياخشىلىق قىلىپ، بۇ بالىلارنى تەقدىم قىلدى، _ دەپ جاۋاب بەردى.

6ئاندىن، ئىككى كىچىك خوتۇنى بالىلىرىنى باشلاپ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئەساۋغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7كەينىدىن، لېياھ ۋە ئۇنىڭ بالىلىرى، ئاخىردا يۈسۈپ بىلەن راھىلەمۇ ئۇنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، ئېگىلىپ تەزىم قىلدى.

8ئەساۋ يەنە:

_ پادىلارنى ئالدىڭدا ماڭدۇرۇشتىكى مەقسىتىڭ نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەقسىتىم _ ياخشى بولۇپ قالايلى، دەپ ئەۋەتكەن سوۋغىتىمدۇر، _ دېدى ياقۇپ.

9بىراق، ئەساۋ:

_ ئۇكام، مېنىڭ توققۇزۇم تەل. بۇ نەرسىلەر ئۆزۈڭدە قالسۇن، _ دېدى.

10_ ياق، مېنىڭ يۈزۈمنى قىلساڭ، سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايسەن. سەن مېنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدىڭ، دىدارىڭنى كۆرگىنىمدە، خۇدانىڭ دىدارىنى كۆرگەندەك بولدۇم. 11مېنىڭ ساڭا ئېلىپ كەلگەن سوۋغىتىمنى قوبۇل قىلغايسەن، خۇدا ماڭا مېھرىبانلىق قىلىپ كەلمەكتە. ئۇ ماڭا ئېھتىياجلىق بولغانلىرىمنىڭ ھەممىسىنى بېغىشلىدى، _ دېدى ياقۇپ.

ياقۇپ ئەساۋدىن سوۋغىتىنى قوبۇل قىلىشنى قايتا-قايتا تەلەپ قىلغاچقا، ئەساۋ ئاخىر نائىلاج قوبۇل قىلدى.

12_ ئەمىسە ماڭايلى! مەن سەن بىلەن بىللە ماڭاي، _ دېدى ئەساۋ.

13بىراق، ياقۇپ:

_ سەن بىلىسەن، بالىلىرىم يول ئازابىدىن بەك ئاجىزلاپ كەتتى، بۇ موزاي، قوزىلار تېخى سۈتتىن ئايرىلمىغان. شۇڭلاشقا، ئۇلاردىن خەۋەر ئېلىشىم كېرەك. ئەگەر يەنە بىر كۈنلا ماڭىدىغان بولساق، ھەممە كالا، قويلار ھالاك بولىدۇ. 14سەن ئالدىمىزدا مېڭىپ تۇر. كالا، قوي ۋە بالىلار قانچىلىك ماڭالىسا، مەنمۇ شۇنچىلىك مېڭىپ، سەن بىلەن سەئىردە كۆرۈشەي، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

15_ ئۇنداق بولسا، مەن ئادەملىرىمدىن بىرنەچچىنى ساڭا ياردەمگە قالدۇرۇپ كېتەي، _ دېدى ئەساۋ.

لېكىن، ياقۇپ:

_ ئۇنىڭمۇ ھاجىتى يوق. ئىككىمىزنىڭ ياخشى بولۇپ قالغىنى كۇپايە، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

16شۇنىڭ بىلەن، ئەساۋ شۇ كۈنىلا يولغا چىقىپ، سەئىرگە قايتتى. 17ياقۇپ بولسا سۇككوت يېزىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە ئۆزىگە ئۆي، ماللىرىغا لاپاس سالدى. شۇڭا، ئۇ يەرنىڭ ئىسمى سۇككوت [مەنىسى «لاپاس»] دەپ ئاتالدى.

18ياقۇپ پاددان-ئاررامدىن قانان رايونىدىكى شەكەم شەھىرىگە ئامان-ئېسەن قايتىپ كېلىپ، شەھەر ئەتراپىدىكى تۈزلەڭلىككە چېدىرلىرىنى تىكتى. 19ئۇ بۇ يەرنى ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىدىن يۈز كۈمۈش تەڭگىگە سېتىۋالدى. (شەكەم ھامۇرنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ بىرى ئىدى.) 20ئۇ بۇ يەردە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭغا ئەل-ئەلوھىي-ئىسرائىل [مەنىسى «ئىسرائىل ئىبادەت قىلغان خۇدا»] دەپ نام قويدى. 




34

شەكەمنىڭ دىنانىڭ نومۇسىغا تېگىشى

1بىر كۈنى، ياقۇپنىڭ لېياھتىن بولغان قىزى دىنا يەرلىك قانانلىقلارنىڭ قىزلىرى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقتى. 2ئۇ يەرنىڭ قەبىلە باشلىقى ھىۋىلاردىن بولغان ھامۇرنىڭ شەكەم ئىسىملىك بىر ئوغلى بار ئىدى. ئۇ دىنانى كۆرۈپ، تۇتۇۋېلىپ نومۇسىغا تەگدى. 3ئۇنىڭغا كۆيۈپ قېلىپ، مۇھەببەت ئىزھار قىلدى. 4ئۇ ئاتىسى ھامۇردىن:

_ قانداقلا بولمىسۇن، مۇشۇ قىزنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەر، _ دەپ تەلەپ قىلدى.

5ياقۇپ قىزىنىڭ نوم سىنىڭ بۇزۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. لېكىن، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتا مال بېقىۋاتقاچقا، ئۇ داۋراڭ سالماي، ئۇلارنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. 6شەكەمنىڭ ئاتىسى ھامۇر ياقۇپنىڭ ئالدىغا قىزىنى سوراپ كەلگەندە، 7ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى يايلاقتىن يېڭىلا كەلگەنىدى. ئۇلار بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، قاتتىق غەزەپكە كەلدى ھەم شەكەمنىڭ ياقۇپنىڭ قىزىنىڭ نومۇسىغا تېگىشى پۈتۈن ئىسرائىل قەبىلىسىنى ھاقارەتلەيدىغان، يۈز بېرىشكە تېگىشلىك بولمىغان سەت ئىش، دەپ قارىدى. 8ھامۇر ئۇلارغا:

_ ئوغلۇم شەكەم قىزىڭلارنى ياخشى كۆرۈپ قاپتۇ. ئۇنىڭ ئۇنى نىكاھىغا ئېلىشىغا رۇخسەت قىلغايسىلەر. 9بىز ئىككى قەبىلە قۇدا بولايلى. سىلەرنىڭ قىزلىرىڭلارنى بىز ئالايلى، بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى سىلەر ئېلىڭلار. 10شۇنداق قىلىپ، سىلەر بىزنىڭ يۇرتىمىزدا خالىغان يېرىڭلاردا ئولتۇرۇپ، ئەركىن ئوقەت قىلىپ، يەر-زېمىن سېتىۋالساڭلار بولۇۋېرىدۇ، _ دېدى.

11ئارقىدىن، شەكەم ئۆزى دىنانىڭ ئاتىسى ۋە قېرىنداشلىرىدىن مۇنداق دەپ ئىلتىماس قىلدى:

_ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا مېھىر-شەپقەتكە ئېرىشسەم، مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭلار شۇنى بېرىمەن. 12پەقەت مېنىڭ دىنانى نىكاھىمغا ئېلىشىمغا رۇخسەت قىلساڭلار، قانچىلىك تويلۇق تەلەپ قىلساڭلار قولۇم كۆكسۈمدە.

13شەكەم ياقۇپنىڭ قىزى دىنانىڭ نومۇسىغا تەگكەنلىكى ئۈچۈن، دىنانىڭ ئاكىلىرى شەكەمگە ۋە ئۇنىڭ ئاتىسى ھامۇرغا ھىيلە-مىكىر سۆزلەر بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 14ئۇلار:

_ بىز سىڭلىمىزنى خەتنە قىلىنمىغان كىشىگە بەرمەيمىز. بۇنداق قىلىش بىزگە نومۇس. 15پەقەت سىلەر بىر شەرتنى قوبۇل قىلساڭلار، سىلەرنىڭ تەلىپىڭلارغا ماقۇل بولىمىز. سىلەر بىزگە ئوخشاش ھەممە ئەرلىرىڭلارنى خەتنە قىلدۇرۇڭلار. 16شۇنداق بولغاندا، بىز قىزلىرىمىزنى سىلەرگە بېرىمىز ھەم قىزلىرىڭلارنى ئالىمىز ۋە يۇرتۇڭلاردا تۇرۇپ قېلىپ، بىر قەبىلە بولىمىز. 17ئەگەر سىلەر بىزنىڭ خەتنە قىلىش توغرىسىدىكى شەرتىمىزنى قوبۇل قىلمىساڭلار، سىڭلىمىزنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىمىز، _ دېدى.

18ئۇلارنىڭ بۇ سۆزلىرى ھامۇر ۋە ئۇنىڭ ئوغلى شەكەمنىڭ قۇلىقىغا ياقتى. 19شەكەم ياقۇپنىڭ قىزىغا كۆيۈپ قالغان بولغاچقا، خەتنە قىلدۇرۇشقا ئالدىرىدى. ئۇ ئائىلىسىنىڭ ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەزاسى ئىدى. 20شۇنىڭ بىلەن، ھامۇر ۋە شەكەم شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدىكى كىشىلەر يىغىلىدىغان جايغا بېرىپ، يۇرت ئەھلىگە:

21_ بۇ كىشىلەر ئىناق ئادەملەر ئىكەن. ئۇلار بۇ يەردە تۇرۇپ سودا-سېتىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانسا بولغۇدەك. بۇ يۇرت كەڭ، ئۇلار سىغىپ كېتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ قىزلىرىنى ئالساق، ئۇلار بىزنىڭ قىزلىرىمىزنى ئالسا بولىدۇ. 22لېكىن، بۇ كىشىلەر بىزگە ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان بىر شەرتنى قويۇۋاتىدۇ، يەنى بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئۇلارنىڭ ئەرلىرىگە ئوخشاش خەتنە قىلدۇرۇلۇشى كېرەك ئىكەن. ئەگەر بىز بۇ شەرتنى قوبۇل قىلساق، ئۇلار بىز بىلەن بىللە ياشاپ، بىر قەبىلە بولىدىكەن. 23بىز ئۇلارنى بۇ يەردە تۇرغۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، بۇ شەرتكە ماقۇل بولايلى. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ ماللىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتلىرى بىزنىڭ بولمامدۇ؟ _ دېدى.

24ھامۇر بىلەن شەكەمنىڭ تەكلىپىنى شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا يىغىلغان پۈتۈن خالايىق قۇۋۋەتلىدى. بۇنىڭ بىلەن، شەھەردىكى ئەرلەرنىڭ ھەممىسى خەتنە قىلدۇردى.

25ئۈچ كۈندىن كېيىن، ئۇ يەردىكى ئەرلەر خەتنە قىلدۇرۇپ، تېخى ساقايمىغاندا، ياقۇپنىڭ ئىككى ئوغلى، يەنى دىنانىڭ ئۆز ئاكىلىرى شىمون بىلەن لاۋىي قولىغا قىلىچ ئېلىپ، توسالغۇسىزلا شەھەرگە كىرىپ، شەھەردىكى پۈتۈن ئەرلەرنى قىرىپ تاشلىدى. 26ھەتتا ھامۇر بىلەن ئوغلى شەكەمنىمۇ ئۆلتۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئۇلار شەكەمنىڭ ئۆيىدىن دىنانى ئېلىپ چىقتى.

27چوڭ قىرغىنچىلىقتىن كېيىن، ياقۇپنىڭ باشقا ئوغۇللىرى شەھەرنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلىپ، سىڭلىسى ئۈچۈن ئىنتىقام ئالدى. 28ئۇلار قوي، كالا، ئېشەكلىرىنى ۋە شەھەرنىڭ باغ-ۋارانلىرىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى بۇلاپ كەتتى. 29شۇنداقلا، ئۇلار يەنە بارلىق بايلىقلىرىنى، خوتۇن-قىزلىرىنى، بالىلىرىنى ھەمدە ئۆيلىرىدىكى بار بىساتلارنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلدى. 30ياقۇپ شىمون بىلەن لاۋىيغا:

_ سىلەر مېنى بالاغا تىقتىڭلار. بۈگۈندىن باشلاپ، قانانلىقلار، پەرىزىلەر ۋە بۇ يەردىكى باشقا قەبىلىلەر ماڭا ئۆچمەنلىك قىلىدۇ. بىزنىڭ ئادەم سانىمىز ئاز، ئەگەر ئۇلار بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلسا، پۈتۈن ئائىلىمىز ھالاك بولىدۇ، _ دېدى.

31لېكىن، ئۇلار:

_ ئۇنداقتا، ئۇلار سىڭلىمىزغا پاھىشە ئايالغا قىلغان مۇئامىلىنى قىلسۇنمۇ؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى. 




35

خۇدانىڭ بەيتەلدە ياقۇپقا بەخت ئاتا قىلىشى

1خۇدا ياقۇپقا:

_ سەن ئاكاڭ ئەساۋدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغىنىڭدا، بەيتەل شەھىرىدە ساڭا كۆرۈنگەن خۇدا مەن بولىمەن. سەن ئەمدى بەيتەلگە بېرىپ، ئۇ يەردە تۇرۇپ قال ۋە مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسا، _ دېدى.

2بۇ چاغدا، ياقۇپ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرگە ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقانلارغا:

_ سىلەر بۇتلىرىڭلارنى تاشلىۋېتىپ، ئۆزۈڭلارنى پاكلاپ پاكىز كىيىملەرنى كىيىڭلار. 3بىز بۇ يەردىن ئايرىلىپ، بەيتەل شەھىرىگە بارىمىز. مەن ئۇ يەردە خۇداغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماقچىمەن. چۈنكى، مەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ، مۇساپىر بولۇپ يۈرگەن ۋاقتىمدا، خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، ماڭا يار بولغانىدى، _ دېدى.

4بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار پۈتۈن بۇتلىرىنى ۋە قۇلىقىدىكى ھالقىلارنى ياقۇپقا تاپشۇردى. ياقۇپ بۇ نەرسىلەرنى شەكەم شەھىرىگە يېقىن جايدىكى دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە كۆمۈپ قويدى.

5ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى يولغا چىققان ۋاقىتتا، خۇدا ئەتراپتىكى شەھەرلەرنىڭ خەلقلىرىگە قورقۇنچ سېلىپ، ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان قىلىپ قويدى. 6ياقۇپ پۈتۈن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن قانان رايونىنىڭ لۇز دېگەن يېرىگە، يەنى ھازىر بەيتەل دەپ ئاتىلىدىغان جايغا يېتىپ كەلدى. 7ياقۇپ ئۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇ يەرنى ئەل-بەيتەل [مەنىسى «بەيتەلدىكى خۇدا»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئۇ ئاكىسىدىن قېچىپ ھارانغا ماڭغاندا، خۇدا ئۇ يەردە ئۇنىڭغا كۆرۈنگەنىدى.

8بەيتەلگە كەلگەندىن كېيىن، رىبەقانىڭ ئىنىكئانىسى دېبورا ۋاپات بولدى. ئۇ بەيتەلنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر دۇب دەرىخىنىڭ تۈۋىگە دەپنە قىلىندى. ئۇ دەرەخ ئاللون-باقۇت [مەنىسى «كۆز يېشى دەرىخى»] دەپ ئاتالدى.

خۇدانىڭ ياقۇپنىڭ ئىسمىنى تەكرارلىشى

9ياقۇپ پاددان-ئاررام رايونىدىن بەيتەلگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ئۇنىڭغا يەنە كۆرۈنۈپ، بەخت ئاتا قىلىپ:

10_ بۇنىڭدىن كېيىن ياقۇپ ئەمەس، ئىسرائىل ئاتىلىسەن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، خۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئىسرائىلغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى تەكرارلىدى. 11خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن ھەممىگە قادىر خۇدادۇرمەن. سەن نۇرغۇن ئەۋلاد تېپىپ كۆپەيگىن. نۇرغۇن خەلقلەر سېنىڭ نەسلىڭدىن بارلىققا كېلىدۇ. سەن نۇرغۇن پادىشاھلارنىڭ بوۋىسى بولىسەن. 12مەن ئىبراھىمغا ۋە ئىسھاققا ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغىمۇ تەقدىم قىلىمەن، _ دېدى.

13خۇدا بۇ سۆزنى قىلىپ بولۇپ، ياقۇپ بىلەن سۆزلەشكەن يەردىن ئايرىلدى. 14ياقۇپ خۇدا ئۆزىگە سۆزلىگەن جايدا بىر خاتىرە تاش تىكلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇداغا ئاتاپ شاراب ۋە ياغ تۆكتى. 15ئۇ خۇدا ئۆزىگە كۆرۈنگەن بۇ جاينى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

راھىلەنىڭ تۇغۇتتا ئۆلۈپ كېتىشى

16ياقۇپ ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بەيتەلدىن يولغا چىقىپ، ئەفراتا شەھىرىگە ئاز قالغاندا، راھىلەنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، تۇغۇتى قىيىن بولدى. 17تولغاق چىدىغۇسىز قاتتىق كەلگەندە، تۇغۇت ئانىسى ئۇنىڭغا:

_ قورقما، يەنە بىر ئوغۇل تۇغىسەن، _ دېدى.

18ئۇنىڭ جېنى تۇمشۇقىغا كېلىپ، نەپىسى توختاي دېگەندە، بالىسىغا بىنئونى [مەنىسى «قايغۇلۇق ئوغلۇم»] دەپ ئىسىم قويدى. بالىنىڭ دادىسى بولسا ئۇنىڭغا بىنيامىن [مەنىسى «ئامەتلىك بالا»] دەپ ئىسىم قويدى.

19راھىلە ۋاپات بولۇپ، ئەفراتاغا، يەنى ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدىغان شەھەرگە ماڭىدىغان يولنىڭ بويىغا دەپنە قىلىندى. 20ياقۇپ راھىلەنىڭ قەبرىسىنىڭ ئۈستىگە بىر تاش ئابىدە قويغانىدى. بۇ تاش ھازىرغىچە بار. 21ئاندىن، ئىسرائىل [ياقۇپ] ئۆز سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، مىگدال-ئېدىر دېگەن يەردىن ئۆتۈپ چېدىرىنى تىكتى.

ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى

22ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنى بىلھا بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ، زىنا قىلدى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى.

ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بولۇپ، 23لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: تۇنجى ئوغلى رۇبېن، ئاندىن شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇنلاردۇر. 24راھىلەدىن تۇغۇلغانلىرى: يۈسۈپ ۋە بىنيامىندۇر. 25راھىلەنىڭ دېدىكى بىلھادىن تۇغۇلغانلىرى: دان ۋە نافتالىدۇر. 26لېياھنىڭ دېدىكى زىلپادىن تۇغۇلغانلىرى بولسا: گاد ۋە ئاشېردۇر. بۇ ئوغۇللارنىڭ ھەممىسى پاددان-ئاررامدا تۇغۇلغانىدى.

ئىسھاقنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

27ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە بولسا كىرىئات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى. 28ئىسھاق يۈز سەكسەن ياش ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ئۇزۇن ياشاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى. 




36

ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى

1تۆۋەندىكىلەر ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. ئەساۋنىڭ يەنە بىر ئىسمى ئىدوم ئىدى. 2ئەساۋ بىرقانچە قانان قىزلىرىنى ئەمرىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار خىتلاردىن ئېلوننىڭ قىزى ئادە، ھىۋىلاردىن زىبىئوننىڭ ئوغلى ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىباما، 3ئىسمائىلنىڭ قىزى، نېبايوتنىڭ سىڭلىسى باسىماتلاردۇر. 4ئادەدىن ئەلىفاز تۇغۇلدى. باسىماتتىن رەئۇل تۇغۇلدى. 5ئوھولىبامادىن يېئۇش، يالام ۋە كوراھلار تۇغۇلدى. ئەساۋنىڭ بۇ ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى قاناندا تۇغۇلدى.

6ئەساۋ ئاياللىرى، پەرزەنتلىرى، ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئادەملىرى، پۈتۈن قوي-كالا ۋە قاناندا تاپقان مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ، ئىنىسى ياقۇپتىن ئايرىلىپ، باشقا يەرگە كۆچۈپ كەتتى. 7بۇ ئىككىيلەننىڭ قوي-كالا ۋە باشقا تەئەللۇقاتلىرى نۇرغۇن بولغاچقا، بۇ يەر ئۇلارغا يېتىشمىگەنىدى. 8شۇڭا ئەساۋ، يەنى ئىدوم سەئىر تاغلىق رايونىغا بېرىپ تۇردى.

9تۆۋەندىكىلەر ئېدىرلىق رايونى سەئىردىكى ئىدوملۇقلارنىڭ ئاتىسى ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر. 10-13ئەساۋنىڭ ئايالى ئادە بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئەلىفاز بولۇپ، ئۇنىڭدىن بەش ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار: تەمان، ئومار، زەفو، گاتام ۋە كەنازلاردۇر. ئەلىفازنىڭ كىچىك خوتۇنى تىمنا بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمى ئامالەك ئىدى.

ئەساۋنىڭ ئايالى باسىمات بىر ئوغۇل تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمى رەئۇل ئىدى. رەئۇلدىن تۆت ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار: ناھات، زەراھ، شامما ۋە مىززالاردۇر.

14ئەساۋنىڭ ئايالى ئوھولىباما زىبىئوننىڭ نەۋرىسى بولسا، ئاناھنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئەساۋغا ئۈچ ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. ئۇلار: يېئۇش، يالام ۋە كوراھلاردۇر.

15ئەساۋنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكى قەبىلىلەرنىڭ قەبىلە باشلىقلىرى بولدى: ئەساۋنىڭ تۇنجى ئوغلى ئەلىفاز ئىدوم رايونىدىكى تىمان، ئومار، زەفو، كەناز، 16كوراھ، گاتام ۋە ئامالەك قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى ئەساۋنىڭ ئايالى ئادەدىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.

17ئەساۋنىڭ ئوغلى رەئۇل بولسا ئىدوم رايونىدىكى ناھات، زەراھ، شامما ۋە مىززا قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. يۇقىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ نامى ئەساۋنىڭ ئايالى باسىماتتىن بولغان ئەۋلادلارنىڭ ئىسىملىرىدۇر.

18يېئۇش، يالام ۋە كوراھلار ئەساۋنىڭ ئايالى ئاناھنىڭ قىزى ئوھولىبامادىن تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇلار ئۆز ناملىرىدىكى قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسىدۇر. 19يۇقىرىدىكى قەبىلىلەر ۋە قەبىلە باشلىقلىرى ئەساۋ، يەنى ئىدومنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرى

20-21ئىدوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەر تۆۋەندىكى قەبىلىلەرگە بۆلۈنگەن. ئۇلار: لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئەزەر ۋە دىشانلادىن ئىبارەت. بۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان بولۇپ، بۇ كىشىلەر ھورىتلاردىن بولغان سەئىرنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

22لوتاننىڭ ئوغۇللىرى: ھورى ۋە ھىمام بولۇپ، تىمنا بولسا لوتاننىڭ سىڭلىسىدۇر.

23شوبالنىڭ ئوغۇللىرى: ئالۋان، ماناھات، ئەبال، شېفو ۋە ئوناملاردۇر.

24زىبىئوننىڭ ئوغۇللىرى: ئاييا ۋە ئاناھتۇر. (چۆلدە ئاتىسىنىڭ ئېشەكلىرىنى بېقىۋېتىپ، ئارشاڭلارنى بايقىغان دەل مانا شۇ ئاناھ ئىدى.)

25ئاناھنىڭ بالىلىرى: ئوغلى دىشون ۋە قىزى ئوھولىبامادۇر. 26دىشوننىڭ ئوغۇللىرى: ھەمدان، ئەشبان، ئىتران ۋە كەرانلاردۇر.

27ئەزەرنىڭ ئوغۇللىرى: بىلھان، زائاۋان ۋە ئاكانلاردۇر.

28دىشاننىڭ ئوغۇللىرى: ئۇز ۋە ئارراندۇر.

29-30ھورىتلاردىن بولغان قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرى لوتان، شوبال، زىبىئون، ئاناھ، دىشون، ئەزەر ۋە دىشانلاردۇر. كېيىنچە، بۇ باشلىقلارنىڭ ئىسىملىرى سەئىر رايونىدىكى ھورىتلاردىن بولغان ئۆز قەبىلىلىرىنىڭ ناملىرىغا ئايلاندى.

ئىدومدىكى پادىشاھلار

31ئىسرائىللارنىڭ تېخى پادىشاھى بولماستا، تۆۋەندىكى پادىشاھلار ئىدومغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى:

32بېئورنىڭ ئوغلى بېلا. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى دىنھابا ئىدى.

33بېلا ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا بوسرالىق زەراھنىڭ ئوغلى يوباب چىقتى.

34يوباب ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا تەمانى رايونىدىن كەلگەن خۇشام چىقتى.

35خۇشام ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا بېدادنىڭ ئوغلى خاداد چىقتى. ئۇ مىدىيانلارنى موئابتا تارمار قىلغان. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى ئاۋىت ئىدى.

36خاداد ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ماسرىقالىق ساملا چىقتى.

37ساملا ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا دەريا بويىغا جايلاشقان رىھۇبوتتىن كەلگەن شائۇل چىقتى.

38شائۇل ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان چىقتى.

39ئاكبورنىڭ ئوغلى بائال-خانان ئۆلگەندىن كېيىن، ئورنىغا خاداد چىقتى. ئۇ تۇرغان شەھەرنىڭ ئىسمى پائۇ ئىدى. ئۇنىڭ ئايالى مەھېتابېل بولسا مېزاھابنىڭ قىزى بولغان ماترىدنىڭ قىزى ئىدى.

40-43ئەساۋ ئىدومدىكى تىمنا، ئالۋا، يەتەت، ئوھولىباما، ئەلا، پىنون، كەناز، تەمان، مىبسار، ماگدىيەل ۋە ئىرام قاتارلىق قەبىلىلەرنىڭ ئاتىسى بولۇپ، بۇ قەبىلىلەرنىڭ ناملىرى ئۆز قەبىلە باشلىقلىرىنىڭ ئىسىملىرىدىن كەلگەن. يۇقىرىقى قەبىلىلەر ئولتۇراقلاشقان جايلار شۇ قەبىلىلەرنىڭ نامى بىلەن ئاتالدى. 




37

يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى

1ياقۇپ ئۆز ئاتىسى تۇرغان قانان رايونىدا ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 2تۆۋەندىكىلەر ياقۇپ ئائىلىسىنىڭ ئىش-ئىزلىرىدۇر.

يۈسۈپ ئون يەتتە ياشقا كىرگەن چاغلىرىدا، ھەمىشە ئاتىسىنىڭ كىچىك خوتۇنلىرى بىلھا ۋە زىلپانىڭ ئوغۇللىرىغا ياردەملىشىپ، قوي باققىلى چىقاتتى. ئۇ ئاكىلىرىنىڭ قىلغان يامان ئىشلىرىنى ئاتىسىغا مەلۇم قىلىپ تۇراتتى. 3ئىسرائىل يۈسۈپنى باشقا ئوغۇللىرىدىن بەكرەك ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۇنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا تاپقان بالىسى ئىدى. ئىسرائىل يۈسۈپكە بىر ئالا تون تىكتۈرۈپ بەردى. 4ئاتىلىرىنىڭ ئۇنى ئۆزلىرىدىن ئارتۇق كۆرىدىغانلىقىنى سەزگەن ئاكىلىرى يۈسۈپكە شۇنچىلىك ئۆچمەنلىك قىلاتتىكى، ھەتتا ئۇنىڭغا سىلىق گەپمۇ قىلمايتتى.

5بىر كۈنى يۈسۈپ چۈش كۆرۈپ، ئۇنى ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بەردى. ئۇلار ئۇنىڭغا بۇرۇنقىدىنمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى. 6ئۇ:

_ قۇلاق سېلىڭلار! كۆرگەن چۈشۈمنى سىلەرگە ئېيتىپ بېرەي. 7بىز ھەممەيلەن ئېتىزدا بۇغداي باغلاۋاتقۇدەكمىز. مېنىڭ باغلىغان بۇغدىيىم تىكلىنىپ تۈز تۇرغۇدەك، سىلەرنىڭ باغلىغانلىرىڭلار مېنىڭكىنىڭ ئەتراپىدا بېشىنى ئېگىپ تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

8ئاكىلىرى ئۇنىڭدىن:

_ سەن پادىشاھ بولۇپ، بىزگە ھۆكۈمرانلىق قىلماقچىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. يۈسۈپ چۈشىنى ئاكىلىرىغا ئۆرۈپ بەرگەنلىكىدىن، ئۇلار ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولۇپ كەتتى.

9كېيىن، يۈسۈپ يەنە بىر چۈش كۆرۈپ، ئۇنىمۇ ئاكىلىرىغا ئېيتىپ بېرىپ، ئۇلارغا:

_ مەن يەنە بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە قۇياش، ئاي، ۋە ئون بىر يۇلتۇز ماڭا تەزىم قىلىپ تۇرغۇدەك! _ دېدى.

10يۈسۈپ بۇ چۈشنى ئاتىسىغىمۇ ئېيتىپ بەردى. ئاتىسى ئۇنى ئەيىبلەپ:

_ قانداق چۈش بۇ؟ سەن ئاناڭ، ئاكىلىرىڭ ۋە مېنىڭ ساڭا باش ئېگىپ تەزىم قىلىشىمىزنى ئويلامسەن؟ _ دېدى.

11بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭغا ئىنتايىن ھەسەت قىلىشىدىغان بولۇپ قالدى. لېكىن، ئاتىسى بۇ ئىشنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى.

يۈسۈپنىڭ مىسىرغا سېتىلىشى

12بىر كۈنى، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى شەكەمدىكى يايلاققا ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى باققىلى بارغانىدى.

13ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ ئاكىلىرىڭ شەكەمدە قوي بېقىۋاتىدۇ. سەن ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ يوقلاپ كەلگىن، _ دېدى.

_ ماقۇل، باراي، _ دەپ جاۋاب بەردى يۈسۈپ.

14ئاتىسى ئۇنىڭغا:

_ سەن ئاكىلىرىڭنىڭ ۋە پادىلارنىڭ ئامان-ئېسەن ياكى ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ كېلىپ، ماڭا خەۋەر قىلغىن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاتىسى ھىبرون جىلغىسىدىن ئۇنى يولغا سالدى.

يۈسۈپ شەكەمگە بېرىپ، 15دالادا ئاكىلىرىنى ئىزدەپ يۈرگەندە، بىر كىشى ئۇنى كۆرۈپ:

_ كىمنى ئىزدەيسەن؟ _ دەپ سورىدى.

16_ ئاكىلىرىمنى ئىزدەۋاتىمەن. ئۇلارنىڭ قەيەردە قوي بېقىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەرسىڭىز، _ دېدى ئۇ.

17ئۇ كىشى:

_ ئۇلار كېتىپ قالدى. ئۇلارنىڭ دوتانغا بارماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، ئۇلارنى دوتاندىن تاپتى.

18ئۇلار يۈسۈپنى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇ يېتىپ كەلگۈچە مەسلىھەتلىشىپ، ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەكچى بولۇشتى. 19ئۇلار ئۆزئارا:

_ ھېلىقى چۈش پىرى كەپتۇ. 20مۇنداق قىلايلى! بىز ئۇنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن قۇدۇققا تاشلىۋېتىپ، يىرتقۇچ ھايۋان يەپ كېتىپتۇ، دەيلى. قېنى، ئۇنىڭ چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى بىر كۆرەيلى، _ دېيىشتى.

21ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنى ئاڭلىغان رۇبېن يۈسۈپنى قۇتقۇزۇۋالماقچى بولۇپ:

_ ئۇنى ئۆلتۈرسەك بولمايدۇ! 22ئۇنى زەخىملەندۈرمەي، چۆلدىكى سۈيى قۇرۇپ كەتكەن بۇ قۇدۇققا تاشلىۋەتسەكلا بولدى، _ دېدى.

ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى مەقسەت، كېيىن يۈسۈپنى بىر ئامال قىلىپ ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بېرىش ئىدى.

23-24يۈسۈپ ئاكىلىرىنىڭ يېنىغا كېلىش بىلەنلا، ئۇلار ئۇنى تۇتۇپ، ئۇچىسىدىكى ئالا تونىنى سالدۇرۇۋېلىپ، ئۇنى بىر سۇسىز قۇدۇققا تاشلىۋەتتى.

25ئۇلار تاماققا ئولتۇرغىنىدا، بىر توپ ئىسمائىل قەبىلىسىدىن بولغان سودىگەرلەر كارۋىنىنىڭ گىلىئادتىن مىسىر تەرەپكە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلار تۆگىلىرىگە دورا-دەرمان، مەلھەم ۋە مۇرمەككىلەرنى ئارتىپ كەلگەنىدى. 26يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىغا:

_ بىزنىڭ ئۆز ئىنىمىزنى ئۆلتۈرۈپ، جىنايىتىمىزنى يوشۇرۇشىمىزنىڭ پايدىسى نېمە؟ 27ئۇنى ئۆزىمىز قول سېلىپ ئۆلتۈرگىنىمىزدىن كۆرە، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتكىنىمىز تۈزۈك. ئۇ قانداقلا بولمىسۇن بىزنىڭ ئىنىمىز، بىزنىڭ قان قېرىندىشىمىز، _ دېدى. قېرىنداشلىرى بۇنىڭغا قوشۇلدى. 28شۇڭا، مىدىياندىن كەلگەن ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر ئۇ يەردىن ئۆتكەندە، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى قۇدۇقتىن چىقىرىپ، يىگىرمە كۈمۈش تەڭگىگە باھالىشىپ، ئىسمائىللارغا سېتىۋەتتى. بۇ كىشىلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئېلىپ كەتتى.

29يۈسۈپ سودىگەرلەرگە سېتىلغاندا، رۇبېن يوق ئىدى. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، قۇدۇقنىڭ يېنىغا بېرىپ، يۈسۈپنىڭ يوقلۇقىنى كۆرۈپ، ئېچىنغان ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىپ، 30قېرىنداشلىرى تۇرغان يەرگە بېرىپ:

_ يۈسۈپ يوق تۇرىدۇ! ئۆيگە قانداق بارىمەن؟ _ دېدى.

31بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۆچكىدىن بىرنى بوغۇزلاپ، يۈسۈپنىڭ ئالا تونىنى ئۆچكىنىڭ قېنىغا مىلەپ، 32ئاتىسىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىپ:

_ بىز بۇ ئالا توننى تېپىۋالدۇق، بۇ يۈسۈپنىڭمۇ قانداق؟ _ دېدى.

33ياقۇپ بۇ توننى تونۇپ:

_ بۇ مېنىڭ ئوغلۇمنىڭغۇ! ئۇ جەزمەن يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بوپتۇ! _ دېدى.

34ياقۇپ ھەسرەتتە كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ماتەم كىيىمىنى كىيىپ، ئوغلى ئۈچۈن ئۇزۇنغىچە ھازا تۇتتى. 35ئۇنىڭ قىز-ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ، قوبۇل قىلمىدى. ئۇ:

_ مەن تاكى ئۆلگۈچە، ئوغلۇمغا ھازا تۇتىمەن! _ دېدى.

ئۇ ئوغلى يۈسۈپ ئۈچۈن داۋاملىق ھەسرەت چەكتى.

36شۇ ئارىلىقتا، مىدىياندىن كەلگەن ھېلىقى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئاپىرىپ، ئۇنى پادىشاھنىڭ بىر ئەمەلدارى _ ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا سېتىۋەتكەنىدى. 




38

يەھۇدا بىلەن تامار

1شۇ كۈنلەردە، يەھۇدا ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ يېنىدىن كېتىپ، ئادۇللام يېزىسىدىكى ھىرا دېگەن كىشىنىڭ يېنىغا چۈشتى. 2يەھۇدا ئۇ يەردە ئىمانسىز قانانلىق شۇئانىڭ قىزى بىلەن تونۇشۇپ، ئۇنى نىكاھىغا ئالدى. 3قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. يەھۇدا ئۇنىڭ ئىسمىنى ئېر قويدى. 4قىز يەنە ھامىلىدار بولۇپ، ئىككىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى ئونان قويدى. 5كېيىن، ئۈچىنچى ئوغلىنى تۇغدى. ئۇنىڭ ئىسمىنى شالاھ قويدى. شالاھ تۇغۇلغاندا، ئۇلار كەزىب دېگەن يەردە ئىدى.

6يەھۇدا تۇنجى ئوغلى ئېرگە تامار ئىسىملىك بىر قىزنى ئېلىپ بەردى. 7ئېرنىڭ قىلىقى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭ جېنىنى ئالدى.

8بۇ چاغدا، يەھۇدا ئېرنىڭ ئىنىسى ئونانغا:

_ سەن بېرىپ يەڭگەڭ بىلەن ئۆيلىنىپ، ئاكاڭنىڭ نەسلىنى داۋاملاشتۇر. بۇ سېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچۇڭ، _ دېدى.

9لېكىن، ئونان تۇغۇلىدىغان بالا ئۆزىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلىپ، ھەر قېتىم يەڭگىسى بىلەن بىر ئورۇندا ياتقاندا ئاكىسىغا نەسىل قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مەنىنى يەرگە ئاقتۇرۇۋېتەتتى. 10ئۇنىڭ قىلمىشلىرى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە رەزىل بولغاچقا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭمۇ جېنىنى ئالدى.

11ئاندىن، يەھۇدا كېلىنى تامارغا:

_ ئوغلۇم شالاھ چوڭ بولغۇچە، ئاتاڭنىڭ ئۆيىدە تۇل ئولتۇرۇپ تۇرغىن، _ دېدى. ئۇ شالاھنىڭمۇ ئىككى ئاكىسىدەك ئۆلۈپ كېتىشىدىن قورقۇپ، شۇنداق دېگەنىدى. شۇڭا، تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ كەتتى.

12مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن، يەھۇدانىڭ ئايالى بولغان شۇئانىڭ قىزى ئالەمدىن ئۆتتى. قارىلىق تۇتۇش ۋاقتى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ ئادۇللاملىق دوستى ھىرا بىلەن بىللە تىمناھ دېگەن يەرگە باردى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرى قوي قىرقىۋاتاتتى.

13بىرەيلەن تامارغا قېيناتىسىنىڭ تىمناھ دېگەن يەرگە قوي قىرقىغىلى بارىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. 14بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان تامار تۇل خوتۇنلۇق كىيىمىنى سېلىۋېتىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىۋېلىپ، باشقىلارغا ئۆزىنى تونۇتماسلىق ئۈچۈن يۈزىگە چۈمپەردە تارتىپ، تىمناھ يولى ئۈستىدىكى ئېنائىم شەھىرىنىڭ دەرۋازىسىغا بېرىپ ئولتۇردى. چۈنكى، ئۇ يەھۇدانىڭ كىچىك ئوغلى شالاھ چوڭ بولۇپ قالغان بولسىمۇ، يەھۇدانىڭ ئۆزىنى ئۇنىڭغا نىكاھلىمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

15يەھۇدا ئۇنى كۆرگىنىدە، پاھىشە ئايال دەپ قارىدى، چۈنكى ئۇ يۈزىنى يېپىۋالغانىدى. 16يەھۇدا ئۇنىڭ ئۆز كېلىنى ئىكەنلىكىنى بىلمەي، يولنىڭ چېتىگە بېرىپ، ئۇنىڭدىن:

_ نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

_ مەن بىلەن بىر ئورۇندا ياتسىڭىز، ماڭا نېمە بېرىسىز؟ _ دېدى تامار.

17_ ماللىرىمنىڭ ئىچىدىن بىر ئوغلاق ئەۋەتىپ بېرىمەن، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

_ خوپ، ئوغلاقنى ئەكېلىپ بەرگۈچە، بىرەر نەرسىڭىزنى گۆرۈگە قويۇپ كېتىڭ، _ دېدى تامار.

18_ گۆرۈگە نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ.

تامار:

_ بوينىڭىزغا ئېسىقلىق مۆھرىڭىز بىلەن قولىڭىزدىكى ھاسىڭىزنى، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تامارغا بېرىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى، تامار ھامىلىدار بولۇپ قالدى. 19تامار ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، يۈزىدىكى چۈمپەردىسىنى ئېلىۋېتىپ، تۇللۇق كىيىملىرىنى قايتا كىيىۋالدى.

20يەھۇدا دوستى ھىرانى ئۇ ئايالغا بىر ئوغلاق ئاپىرىپ بېرىپ، گۆرۈگە قويغان نەرسىلىرىنى قايتۇرۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. لېكىن، ھىرا ئۇنى تاپالمىدى. 21ھىرا ئېنائىم شەھىرىدىكى كىشىلەردىن:

_ بۇرۇن يول بويىدا تۇرغان ھېلىقى پاھىشە ئايال نەگە كەتتى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ بۇ يەردە پاھىشە ئايال زادىلا بولۇپ باقمىغان، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

22ھىرا يەھۇدانىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئۇنى تاپالمىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شۇ يەرلىك كىشىلەر: «بۇ يەردە پاھىشە ئايال بولۇپ باققان ئەمەس!» دېيىشىدۇ، _ دېدى.

23يەھۇدا ئۇنىڭغا:

_ بوپتۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئالسا ئالسۇن، باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالمايلى. ھەر ھالدا مەن ئوغلاقنى ئەۋەتتىم. بىراق، سەن ئۇنى تاپالماپسەن، _ دېدى.

24ئۈچ ئايچە ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا:

_ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بوپتۇ، _ دېدى.

_ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتقا تاشلاڭلار! _ دەپ غەزەپ بىلەن بۇيرۇق قىلدى يەھۇدا.

25تامار ئۆيدىن ئېلىپ چىقىلغاندا، قېيناتىسىغا ئادەم ئەۋەتىپ:

_ مەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ئىگىسىدىن ھامىلىدار بولدۇم. قاراپ بېقىڭ! بۇ مۆھۈر ۋە ھاسا كىمنىڭ؟ _ دېدى.

26يەھۇدا بۇ نەرسىلەرنى تونۇپ:

_ بۇنىڭغا مەن ئەيىبلىك! مەن ئەسلىدە ئۇنى ئوغلۇم شالاھقا ئېلىپ بېرىشىم كېرەك ئىدى، _ دېدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدا ئۇنىڭ بىلەن قايتا بىر ئورۇندا ياتمىدى.

27تامار ئاي-كۈنى توشقاندا، قوشكېزەككە ھامىلىدار بولغانلىقىنى بىلدى. 28ئۇنىڭ تولغىقى تۇتۇپ، بىر بالىنىڭ بىر قولى چىقتى. تۇغۇت ئانىسى ئۇ قولنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا قىزىل يىپ باغلاپ قويۇپ:

_ بۇ ئاۋۋال تۇغۇلغىنى، _ دېدى. 29لېكىن، بالا قولىنى تارتىپ ئەكىرىپ كېتىپ، يەنە بىرى ئاۋۋال تۇغۇلدى. شۇڭا، تۇغۇت ئانىسى:

_ سەن تالىشىپ، قانداقمۇ قېرىندىشىڭنىڭ ئالدىدا چىقىۋالدىڭ؟ _ دەپ، بالىنىڭ ئىسمىنى پارەس [مەنىسى «تالىشىپ چىققان»] دەپ قويدى. 30كەينىدىن، قىزىل يىپ باغلاپ قويۇلغىنى تۇغۇلدى. ئۇنىڭ قولىغا قىپقىزىل يىپ باغلانغان بولغاچقا، ئۇنىڭغا زەراھ [مەنىسى «قىپقىزىل»] دەپ ئىسىم قويدى. 




39

يۈسۈپ بىلەن پوتىفارنىڭ ئايالى

1ئىسمائىل قەبىلىسىدىكى سودىگەرلەر يۈسۈپنى مىسىرغا ئەكېلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ بىر ئەمەلدارى _ ياساۋۇللار باشلىقى پوتىفارغا ساتقانىدى. 2پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلدى. ئۇ مىسىرلىق خوجايىنىنىڭ ئۆيىدە تۇردى. 3پوتىفار پەرۋەردىگارنىڭ يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭ قىلغانلىقىنى بايقىدى. 4پوتىفار ئۇنىڭدىن رازى بولۇپ، ئۇنى شەخسىي ياردەمچى قىلىپ، ئائىلە ئىشلىرى ۋە پۈتۈن تەئەللۇقاتىنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىدى. 5شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، پەرۋەردىگار پوتىفارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىگە، مال-چارۋىلىرىغا ۋە تېرىقچىلىقىغا بەخت ئاتا قىلدى. 6پوتىفار ھەممىنى يۈسۈپنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يېمەك-ئىچمىكىدىن باشقا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولمايدىغان بولدى.

يۈسۈپ كېلىشكەن، چىرايلىق يىگىت ئىدى. 7ئۇزۇن ئۆتمەي، ئۇنىڭغا خوجايىنىنىڭ ئايالىنىڭ كۆزى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ كەل، مەن بىلەن بىر ئورۇندا يات! _ دېدى.

8يۈسۈپ رەت قىلىپ:

_ ئويلاپ كۆرۈڭ، خوجايىنىم بارلىق تەئەللۇقاتىنى مېنىڭ باشقۇرۇشۇمغا تاپشۇردى. مەن بولغاچقا، ئۇ پۈتۈن ئائىلە ئىشلىرىغا باش قاتۇرمايدۇ. 9بۇ ئائىلىدە مەن ئۇنىڭغا ئوخشاش ھوقۇقلۇق. سىزدىن باشقا ھەممىنى ماڭا تاپشۇردى. سىز ئۇنىڭ ئايالى تۇرسىڭىز، مەن قانداقمۇ بۇنداق ئەخلاقسىز ئىشنى قىلىپ، خۇدانىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولاي؟ _ دېدى.

10پوتىفارنىڭ ئايالى ھەر كۈنى شېرىن سۆزلەر بىلەن يۈسۈپنى ئۆزىگە تارتسىمۇ، يۈسۈپ ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتماق تۈگۈل، ئۇنىڭ بىلەن بىر يەردە ئولتۇرۇشنىمۇ رەت قىلىپ كەلدى.

11بىر كۈنى، يۈسۈپ ئۆز ئىشى بىلەن ئۆيگە كىردى. ئۇ چاغدا، ئۆيدە باشقا خىزمەتچىلەر يوق ئىدى. 12پوتىفارنىڭ ئايالى يۈسۈپنىڭ تونىغا ئېسىلىۋېلىپ:

_ كەلگىن، بىر ئورۇندا ياتايلى! _ دېدى. بىراق، يۈسۈپ قېچىپ، تاشقىرىغا چىقىپ كەتتى. تونى بولسا ئايالنىڭ قولىدا قالدى. 13ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى تاشلاپ قېچىپ چىقىپ كەتكىنىنى كۆرۈپ، 14چۇقان سېلىپ، ئۆي خىزمەتچىلىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا:

_ قاراڭلار، ئېرىم ئەكەلگەن ئىبرانىي قۇل بىزگە ھاقارەت كەلتۈردى. ئۇ مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، نومۇسۇمغا تەگمەكچى بولغانىدى، مەن ئاۋازىمنىڭ بارىچە ۋارقىرىدىم. 15ئۇ مېنىڭ ۋارقىرىغىنىمنى ئاڭلاپ، تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى، _ دېدى.

16ئۇ يۈسۈپنىڭ تونىنى بەرمەي، ئېرىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى. 17ئېرى كەلگەندە، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز ئەكەلگەن ھېلىقى ئىبرانىي قۇل مېنىڭ ھۇجرامغا كىرىپ، ماڭا ھاقارەت كەلتۈردى. 18مەن ۋارقىرىغانىدىم، ئۇ تونىنى ئېلىشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي، قېچىپ چىقىپ كەتتى.

19يۈسۈپنىڭ خوجايىنى ئايالىنىڭ: «سېنىڭ قۇلۇڭنىڭ ماڭا قىلغان مۇئامىلىسى مانا!» دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن غەزەپلەندى. 20ئۇ يۈسۈپنى تۇتۇپ، ئوردا زىندانىغا قاماپ قويدى. بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئۇ يەردە قاماقتا بولۇپ قالدى.

21لېكىن، پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولۇپ، ئۇنىڭغا مېھىر-شەپقەت كۆرسەتتى. شۇڭا، زىندان باشقۇرغۇچى ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قېلىپ، 22ئۇنى زىنداندىكى باشقا جىنايەتچىلەرنى باشقۇرۇش ۋە زىندان ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇشقا تەيىنلىدى. 23يۈسۈپ مەسئۇل بولغان ئىشلارغا زىندان باشقۇرغۇچى باش قاتۇرمايدىغان بولدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار يۈسۈپكە يار بولغاچقا، ئۇ باشقۇرغان ھەممە ئىشلار ئوڭۇشلۇق بولغانىدى. 




40

يۈسۈپنىڭ تۈرمىداشلىرىنىڭ چۈشلىرىگە تەبىر بېرىشى

1مەلۇم مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ باش ساقىيى بىلەن باش ناۋىيى پادىشاھنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزدى. 2پادىشاھ غەزەپلىنىپ، 3بۇ ئىككى يۇقىرى ئەمەلدارنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا، يۈسۈپ بىلەن بىر يەرگە قامىدى. 4ياساۋۇل بېگى يۈسۈپنى بۇ ئىككى ئەمەلدارنى كۈتۈشكە ئورۇنلاشتۇردى. ئۇلار زىنداندا بىرمەزگىل بىللە تۇردى.

5بىر كۈنى كېچىدە باش ساقىي بىلەن باش ناۋاي چۈش كۆردى. ئىككىيلەننىڭ كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. 6ئەتىسى ئەتىگەندە، يۈسۈپ ئۇلارنى يوقلاپ كىرگىنىدە، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنىڭ بىئاراملىقىنى بىلدى. 7ئۇ ئۇلاردىن:

_ سىلەر بۈگۈن نېمانچىلا پەرىشان؟ _ دەپ سورىدى.

8ئۇلار:

_ ئىككىمىز ئاخشام چۈش كۆردۇق. لېكىن، چۈشىمىزنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىدىغان ئادەم يوق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ چۈشكە تەبىر بېرىش قابىلىيىتى خۇدادىن كېلىدۇ. چۈشۈڭلارنى ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلار، _ دېدى.

9بۇنىڭ بىلەن، باش ساقىي مۇنداق دېدى:

_ چۈشۈمدە ئالدىمدا بىر تۈپ ئۈزۈم كۆچىتىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 10كۆچەتتە ئۈچ تال نوتا شاخ بولۇپ، كۆچەت بىخلاش بىلەنلا چېچەكلەپ، مېۋە پىشتى. 11قولۇمدا پادىشاھنىڭ شاراب جامى بولۇپ، مەن ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، شىرنىسىنى جامغا سىقىپ، جامنى پادىشاھقا سۇندۇم.

12يۈسۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ نوتا شاخ _ ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 13ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھ سىزگە كەڭچىلىك قىلىپ، ئەسلى مەنسىپىڭىزنى بېرىدىكەن. سىز پادىشاھقا بۇرۇن باش ساقىي بولغان ۋاقتىڭىزدىكىدەك يەنە شاراب تۇتىدىكەنسىز. 14ئەمما، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق بولغاندا، مېنى ئۇنتۇپ قالماي، ماڭا ھېسداشلىق قىلغايسىز. پادىشاھ ئالدىدا مەن ئۈچۈن گەپ قىلىپ، زىنداندىن چىقىشىمغا ياردەم قىلغايسىز. 15مەن ئەسلىدە ئىبرانىيمەن، يۇرتۇمدىن ناھەق تۇتۇپ كېلىنگەنمەن. مىسىردىمۇ مېنى زىندانغا تاشلىغۇدەك بىرەر يامان ئىش قىلغىنىم يوق.

16يۈسۈپنىڭ باش ساقىينىڭ چۈشىگە ياخشى تەبىر بەرگەنلىكىنى كۆرگەن باش ناۋاي يۈسۈپكە مۇنداق دېدى:

_ مەنمۇ بىر چۈش كۆرۈپتىمەن. چۈشۈمدە بېشىمدا ئۈچ سېۋەتتە نان بارمىش. 17ئەڭ ئۈستىدىكى سېۋەتتە پادىشاھ يەيدىغان ھەر خىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان نازۇنېمەتلەر بارمىش. لېكىن، ئۇلارنى ئۇچارقاناتلار يەۋاتقۇدەكمىش.

18يۈسۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ چۈشنىڭ مەنىسى مۇنداق: ئۈچ سېۋەت ئۈچ كۈننى كۆرسىتىدۇ. 19ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھ كاللىڭىزنى ئېلىپ، جەسىتىڭىزنى دەرەخكە ئاسىدىكەن، تېنىڭىزنى بولسا ئۇچارقانات يەيدىكەن.

20ئۈچ كۈندىن كېيىن، پادىشاھنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ، پادىشاھ ئۆز ئەمەلدارلىرىغا زىياپەت بەردى. ئۇ باش ساقىي بىلەن باش ناۋاينى زىنداندىن چىقىرىپ، ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 21ئۇ باش ساقىينىڭ مەنسىپىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. 22باش ناۋاينى بولسا دارغا ئاستى. بۇ ئىشلار دەل يۈسۈپنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. 23لېكىن، باش ساقىي بولسا يۈسۈپنى ئېسىدىن چىقىرىپ، ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ قالدى. 




41

يۈسۈپنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى

1ئىككى يىلدىن كېيىن مىسىر پادىشاھى مۇنداق بىر چۈش كۆردى: چۈشىدە ئۇ نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتۇ. 2يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاپتۇ. 3ئارقىدىن، سەت ۋە قوتۇر يەتتە تۇياق چىقىپ، قىرغاقتىكى ئۇ يەتتە سېمىز كالىنىڭ يېنىدا تۇرۇپتۇ. 4بۇ يەتتە قوتۇر كالا ھېلىقى يەتتە سېمىز كالىنى يەۋېتىپتۇ. بۇ چاغدا پادىشاھ ئويغىنىپ كېتىپتۇ.

5ئۇ قايتا ئۇيقۇغا كېتىپ، يەنە بىر چۈش كۆردى: ئۇ بىر تۈپ بۇغداينىڭ تولۇق ۋە يېتىلگەن يەتتە دانە باشاق چىقارغانلىقىنى كۆرۈپتۇ. 6كەينىدىن، ھېلىقى بۇغداي يەنە ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ قالغان پۇچەك يەتتە باشاق چىقىرىپتۇ. 7بۇ يەتتە باشاق ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقنى يۇتۇۋاپتۇ. پادىشاھ ئويغانسا، بۇ چۈشى ئىكەن. 8تاڭ ئاتقاندا، پادىشاھ بىئارام بولۇپ، ئادەم ئەۋەتىپ، مىسىردىكى پۈتۈن تەبىرچىلەر بىلەن دانىشمەنلەرنى چاقىرتىپ، چۈشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بەردى. لېكىن، ئۇنىڭ چۈشلىرىگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.

9بۇ چاغدا، باش ساقىي پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ بۈگۈن ئويلاپ باقسام، مېنىڭ ئۆتكۈزگەن خاتالىقىم ئېسىمگە كەلدى. 10بىر قېتىم، جانابلىرى بىزگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، باش ناۋاي بىلەن مېنى ياساۋۇل مەھكىمىسىدىكى زىندانغا قامىتىپ قويغانىدىلا. 11بىر كۈنى كېچىدە، بىز ئىككىلىمىز چۈش كۆرۈپتۇق. كۆرگەن چۈشلىرىمىزنىڭ مەنىسى ئوخشىمايتتى. 12ئۇ چاغدا، بىر ئىبرانىي ياش بىز بىلەن بىر زىنداندا ئىدى. ئۇ ئەسلىدە ياساۋۇل بېگىنىڭ خىزمەتكارى ئىكەن. ئىككىمىز چۈشىمىزنى ئۇنىڭغا ئېيتىپ بەرسەك، ئۇ چۈشىمىزگە تەبىر بەرگەنىدى. 13نەتىجىدە، ئىشلار دەل ئۇنىڭ تەبىرىدەك بولۇپ چىقتى. جانابلىرى مېنىڭ مەنسىپىمنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باش ناۋاينى دارغا ئاستىلا.

14پادىشاھ يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 15پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم. چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بىراق ئاڭلىشىمچە، سەن تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.

16يۈسۈپ:

_ جانابلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن، خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

17پادىشاھ مۇنداق دېدى:

_ چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن. 18يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاۋاتاتتى. 19ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق سەت قوتۇر ۋە ئاۋاق كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالا كۆرۈپ باقمىغانىدىم. 20بۇ قوتۇر كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى. 21لېكىن، يەنىلا بۇرۇنقىدەك سەت ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرمايتتى. بۇ چاغدا، مەن ئويغىنىپ كەتتىم.

22كەينىدىن، يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى. 23كەينىدىن، يەنە يەتتە دانە ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن ئاجىز ۋە پۇچەك باشاق چىقاردى. 24بۇ دانسىز باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشنى تەبىرچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.

25يۈسۈپ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ. 26يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. 27كەينىدىن چىققان يەتتە قوتۇر كالا بىلەن ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە قەھەتچىلىك يىلنى كۆرسىتىدۇ. 28دېمەك، پېقىر ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن كۆرسىتىپتۇ. 29پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن يەتتە باياشاتچىلىق يىل بولىدۇ. 30كەينىدىن، يەتتە قەھەتچىلىك يىل بولۇپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلاپ، ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. 31ئاچارچىلىق ئاپىتى شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 32جانابلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

33شۇنىڭ ئۈچۈن، جانابلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان بىر كىشىنى قويۇشلىرىنى 34ھەم ئەمەلدارلارنى تاللاپ، يەتتە باياشاتچىلىق يىللىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىشلىرىنى، 35شۇنداقلا ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى باياشاتچىلىق يىللىرىدا ھەر خىل ئاشلىقنى توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ئاشلىق ساقلاش ھوقۇقىنى بېرىشلىرىنى ۋە ئاشلىق ئىقتىساد قىلىش توغرىسىدا ئەمر چۈشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. 36كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ئاشلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ.

يۈسۈپنىڭ مىسىرنى ئىدارە قىلىشى

37پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يۈسۈپنىڭ بۇ تەكلىپىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى. 38شۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئەمەلدارلىرىغا:

_ بىز بۇ ئىشنى باشقۇرۇشقا يۈسۈپتىنمۇ لايىق كىشىنى تاپالمايمىز. چۈنكى، ئۇنىڭدا خۇدانىڭ روھى بار ئىكەن! _ دېدى.

39ئاندىن، پادىشاھ يۈسۈپكە:

_ خۇدا بۇ ئىشلارنى ساڭا ئۇقتۇرغانىكەن، سەن چوقۇم ھەممەيلەندىن ئەقىللىق ۋە يىراقنى كۆرەلەيسەن. 40مەن سېنى مەملىكىتىمنى ئىدارە قىلىشقا تەيىنلەيمەن. پۈتۈن خەلقىم سېنىڭ ئەمرىڭگە بويسۇنىدۇ. مەملىكىتىمدە پەقەت مېنىڭ ھوقۇقۇملا سەندىن يۇقىرى بولىدۇ. 41ھازىردىن باشلاپ، سېنى مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىدىم، _ دېدى.

42بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ ئۆز بارمىقىدىكى مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى چىقىرىپ، يۈسۈپنىڭ قولىغا سالدى ۋە ئۇچىسىغا كەندىر رەختتىن توقۇلغان ئېسىل تون كىيدۈرۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر ئېسىپ قويدى. 43ئۇ يەنە يۈسۈپنى ئوردىنىڭ ۋەزىرلىك ھارۋىسىغا ئولتۇرغۇزدى. ھارۋىنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ كېتىۋاتقان مۇھاپىزەتچىلەر يول بويىدىكى كىشىلەرنى ئۇنىڭغا تەزىم قىلىشقا بۇيرۇدى.

شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ باش ۋەزىرلىككە تەيىنلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلدى. 44پادىشاھ يۈسۈپكە:

_ مەن بولسام پادىشاھ. لېكىن، مىسىردا سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ھەرقانداق ئادەمنىڭ مىدىر-سىدىر قىلىشىغا رۇخسەت ي ق! _ دېدى.

45-46پادىشاھ يۈسۈپكە مىسىرچە زافانات-پانېئاھ دەپ ئىسىم قويدى ۋە ئۇنىڭغا ئون شەھىرىنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسېناتنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بەردى.

يۈسۈپ مىسىر پادىشاھىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا باشلىغان ۋاقتىدا، ئوتتۇز ياشتا ئىدى. ئۇ پادىشاھ ئوردىسىدىن چىقىپ، مىسىرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. 47يەتتە باياشاتچىلىق يىلى مەزگىلىدە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى. 48يۈسۈپ ئاشلىقنى توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە زاپاس ئاشلىق مەركىزى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى جايلاردىن يىغىۋېلىنغان ئاشلىقنى جۇغلىدى. 49يىغىلغان ئاشلىقنىڭ كۆپلۈكى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ھەددى-ھېسابسىز بولغاچقا، ئۇنى ھېسابلاش مۇمكىن ئەمەس ئىدى.

50قەھەتچىلىك يىللىرى يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى، يۈسۈپنىڭ ئايالى، يەنى ئون شەھىرىنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسېنات ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 51يۈسۈپ «خۇدا پۈتۈن دەردىمنى ۋە ئاتامنىڭ ئائىلىسىنى كۆڭلۈمدىن كۆتۈرۈۋەتتى» دەپ، تۇنجى ئوغلىغا ماناسسە [ئاھاڭ جەھەتتە «ئۇنتۇلدۇرغان»] دەپ ئىسىم قويدى. 52ئۇ ئىككىنچى ئوغلىغا «خۇدا مېنى ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەردە پەرزەنتكە ئېرىشتۈردى» دەپ، ئەفرائىم [ئاھاڭ جەھەتتە «روناق تېپىش»] دەپ ئىسىم قويدى.

53مىسىرلىقلار بەھرىمەن بولغان يەتتە باياشات يىل ئاياغلاشتى. 54يۈسۈپ ئالدىن ئېيتقاندەك، يەتتە قەھەتچىلىك يىل ئارقا-ئارقىدىن كەلدى. ئەتراپتىكى ھەممە دۆلەتلەردىمۇ ئاچارچىلىق يۈز بەرگەنىدى. لېكىن، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدە ئاشلىق تېپىلاتتى. 55مىسىرلىقلار ئاچارچىلىقتا قالاي دېگەندە، ئۇلار پادىشاھقا يالۋۇرۇپ، ئاشلىق تەلەپ قىلدى. پادىشاھ ئۇلارغا يۈسۈپنىڭ يېنىغا بېرىشنى ۋە ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا بويسۇنۇشنى بۇيرۇدى.

56ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قاپلاشقا باشلىدى. شۇڭا، يۈسۈپ پۈتكۈل ئاشلىق ئامبارلىرىنى ئېچىپ، زاپاس ئاشلىقلارنى مىسىرلىقلارغا سېتىپ بەردى. 57ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىكى كىشىلەرمۇ كېلىشىپ، يۈسۈپتىن ئاشلىق سېتىۋالدى. چۈنكى، ھەممە يەردە ئاچارچىلىق بولۇپ، ئەھۋال ئىنتايىن ئېغىر ئىدى. 




42

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا ئاشلىق ئالغىلى بېرىشى

1قانان زېمىنىدىمۇ ئاچارچىلىق بولغانىدى. ياقۇپ مىسىردا ئاشلىق بارلىقىنى ئاڭلاپ، ئوغۇللىرىغا:

_ سىلەر بىر-بىرىڭلارغا قارىشىپلا تۇرامسىلەر! نېمىشقا بىر چىقىش يولى تاپمايسىلەر؟ 2ئاڭلىشىمچە، مىسىردا ئاشلىق بار ئىكەن. ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتمەيلى. ئۇ يەرگە بېرىپ، بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ ئەكېلىڭلار، _ دېدى.

3بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپنىڭ ئون ئۆگەي ئاكىسى مىسىرغا ئاشلىق سېتىۋالغىلى باردى. 4لېكىن، ياقۇپ يۈسۈپنىڭ ئىنىسى بىنيامىننى ئۇلار بىلەن ئەۋەتمىدى. چۈنكى، ياقۇپ ئۇنىڭ بىرەر يامانلىققا ئۇچراپ قېلىشىدىن قورقاتتى.

5ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ۋە باشقىلار ئاشلىق سېتىۋالغىلى مىسىرغا بېرىشتى. چۈنكى، قاناندىمۇ ئاچارچىلىق ئېغىر بولغانىدى. 6يۈسۈپ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بولغاچقا، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەنلەرگە ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە مەسئۇل ئىدى. شۇڭا، يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە ئۇنىڭغا ئېگىلىپ تەزىم قىلدى. 7يۈسۈپ ئاكىلىرىنى كۆرۈپلا تونۇپ قالدى، لېكىن تونۇماسقا سېلىۋېلىپ، ئۇلاردىن جىددىي قىياپەتتە:

_ سىلەر قەيەردىن كەلدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ بىز قاناندىن ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدۇق، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى ئۇلار.

8يۈسۈپ ئاكىلىرىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يۈسۈپنى تونۇمىغانىدى. 9ئۇ ئاكىلىرى توغرىسىدىكى كىچىك ۋاقتىدا كۆرگەن چۈشلىرىنى ئېسىگە ئېلىپ، مەقسەتلىك ھالدا ئۇلارغا:

_ سىلەر جاسۇس، مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دېدى.

10ئۇلار:

_ ياق جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئاشلىق سېتىۋالغىلى كەلدى. 11بىز ئاكا-ئۇكىلار راستچىل ئادەملەرمىز، كەمىنىلىرى ھەرگىز جاسۇس ئەمەس! _ دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى.

12يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ياق، سىلەر مەملىكىتىمىزنىڭ ئاجىز يەرلىرىنى چارلىغىلى كەلدىڭلار! _ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى.

13ئۇلار:

_ ئى جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئەسلىدە بىر ئاتىدىن ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق. ئاتىمىز قاناندا تۇرىدۇ. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز ئۇنىڭ يېنىدا قالدى، يەنە بىر ئىنىمىز بولسا ئۆلۈپ كەتكەن! _ دېدى.

14يۈسۈپ يەنە چىڭ تۇرۇپ:

_ ياق! مەن ھازىر ئېيتقاندەك، سىلەر راستتىنلا جاسۇس. 15سىلەرنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىڭلارنى سىناش ئۈچۈن پادىشاھنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، كىچىك ئىنىڭلار بۇ يەرگە كەلمىگۈچە، سىلەرنى ھەرگىز قويۇۋەتمەيمەن. 16سىلەردىن بىرىڭلار بېرىپ، ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار. گېپىڭلار ئىسپاتلانغۇچە، قالغانلىرىڭلار بۇ يەردە زىنداندا تۇرىسىلەر. ئىنىڭلارنى ئەكەلمىسەڭلار، ھەممىڭلار چوقۇم جاسۇس بولۇپ ھېسابلىنىسىلەر! _ دېدى.

17شۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنى زىندانغا قاماپ، ئۈچ كۈن تۇتۇپ تۇردى.

18ئۈچىنچى كۈنى، يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ مەن خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەممەن. ئەگەر سىلەر مېنىڭ شەرتىمنى قوبۇل قىلساڭلار، بىر قوشۇق قېنىڭلاردىن كېچىمەن. 19ئۆزۈڭلارنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بىر ئادىمىڭلارنى زىنداندا گۆرۈگە قويۇپ، قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئالغان ئاشلىقلارنى ئائىلەڭلەردىكى ئاچارچىلىقتا قالغانلارغا يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 20ئاندىن، كىچىك ئىنىڭلارنى بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلغاندىلا، سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقى ئىسپاتلىنىدۇ-دە، ئۆلۈمدىن ئامان قالىسىلەر! _ دېدى.

ئۇلار بۇ شەرتنى قوبۇل قىلىپ، 21ئۆزئارا: «بۇرۇن بىز ئىنىمىزغا زىيانكەشلىك قىلغاچقا، ئەمدى ئۇنىڭ قىساسىغا قالدۇق! بىز ئۇنىڭ ئازابىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، يالۋۇرسىمۇ پىسەنت قىلمىغانىدۇق. شۇڭا، بۇ بالا-قازاغا يولۇقتۇق!» دېيىشتى.

22رۇبېن ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرگە: «بۇ بالىغا تەگمەيلى» دېسەم، سىلەر ئاڭلىمىدىڭلار. ئەمدى شۇ قان قەرزىنى تۆلەيدىغان بولدۇق! _ دېدى.

23يۈسۈپ ئۇلارنىڭ سۆزىنى چۈشەندى. ئاكىلىرى بولسا بۇنى بىلمەيتتى، چۈنكى يۈسۈپ ئۇلار بىلەن تەرجىمان ئارقىلىق سۆزلەشكەنىدى.

24يۈسۈپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، يىغلاپ تاشلىدى. ئاندىن قايتىپ كىرىپ، شىموننى ئايرىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئۇنى باغلاتتى.

يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرىنىڭ قانانغا قايتىشى

25يۈسۈپ خىزمەتچىلىرىگە ئاكىلىرىنىڭ تاغارلىرىغا ئاشلىق تولدۇرۇپ، ئاشلىققا تۆلىگەن پۇللىرىنى تاغارلىرىغا سېلىپ قويۇشنى ۋە ئۇلارغا يوللۇق ئوزۇق-تۈلۈك تەييارلاپ بېرىشنى بۇيرۇدى. ھەممە تەييارلىق پۈتكەندىن كېيىن، 26ئۇلار ئالغان ئاشلىقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يولىغا راۋان بولدى. 27قونالغۇ جايغا بارغاندا، ئۇلاردىن بىرى ئېشەكلەرگە يەم بېرىش ئۈچۈن تاغىرىنى ئېچىپ، ئۆز پۇلىنىڭ تاغاردا تۇرغانلىقىنى كۆردى-دە، 28قېرىنداشلىرىغا:

_ ئۇلار پۇلۇمنى قايتۇرۇۋېتىپتۇ. مانا تاغارنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ! _ دېدى. ئۇلار ھاڭ-تاڭ بولۇپ، قورققان ھالدا ئۆزئارا: «بۇ، خۇدانىڭ بىزگە قىلغان نېمە ئىشىدۇ؟» دېيىشتى.

29ئۇلار قانانغا قايتىپ كېلىپ، ئاتىسى ياقۇپنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 30ئۇلار مۇنداق دېدى:

_ مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بىزگە قاتتىق گەپ قىلىپ، بىزنى ئۇلارنىڭ دۆلىتىنى چارلىغىلى كەلگەن، دەپ ئەيىبلىدى. 31بىز ئۇنىڭغا: «بىز جاسۇس ئەمەسمىز، بىز سەمىمىي ئادەملەر. 32بىر ئاتىدىن جەمئىي ئون ئىككى قېرىنداش ئىدۇق، بىر ئىنىمىز ئۆلۈپ كەتتى. ئەڭ كىچىك ئىنىمىز قاناندا ئاتىمىزغا ھەمراھ بولۇپ قالدى» دېگەنىدۇق. 33بىراق، ئۇ: «سىلەرنىڭ سەمىمىي ياكى سەمىمىي ئەمەسلىكىڭلارنى سىنايمەن. بىر ئادىمىڭلارنى قاماقتا تۇتۇپ تۇرىمەن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ، ئالغان ئاشلىقىڭلارنى ئاچارچىلىقتا قالغان ئائىلەڭلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىڭلار. 34ئاندىن، كىچىك ئىنىڭلارنى مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، سىلەرنىڭ جاسۇس ئەمەس، بەلكى سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭلارغا ئىشىنىپ، قېرىندىشىڭلارنى قايتۇرۇپ بېرىمەن. بۇ يەردە تۇرۇپ قېلىپ، ئوقەت قىلساڭلارمۇ بولىدۇ» دېدى.

35كېيىن ئۇلار ئاشلىقلارنى تۆككەندە، ئۆز پۇللىرىنىڭ تاغاردا ئىكەنلىكىنى كۆرۈشتى. ئاتا-بالىلار پۇل قاپچۇقلىرىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقتى. 36ياقۇپ ئۇلارغا:

_ سىلەر مېنى ھەممە ئوغۇللىرىمدىن ئايرىۋېتەمسىلەر؟ يۈسۈپ يوق بولدى، شىمونمۇ تۈگەشتى. ئەمدى بىنيامىننىمۇ ئېلىپ كەتمەكچى بولدۇڭلارمۇ؟ بالا-قازانىڭ ھەممىسى مېنىڭ بېشىمغىلا كېلەمدىغاندۇ! _ دېدى.

37رۇبېن ئاتىسىغا ۋەدە بېرىپ:

_ ئەگەر مەن بىنيامىننى قايتۇرۇپ كەلمىسەم، مېنىڭ ئىككى ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭ. كىچىك ئىنىمىز بىنيامىننى ماڭا ئامانەت قىلىڭ. مەن ئۇنى چوقۇم قايتۇرۇپ كېلىمەن، _ دېدى.

38لېكىن، ياقۇپ ئۇلارغا:

_ بۇ ئوغلۇم سىلەر بىلەن بارمىسۇن! ئۇنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كېتىپ، يالغۇز قالدى. مۇبادا ئۇ يولدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇپ قالسا، مەن ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىمەن، _ دېدى. 




43

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ بىنيامىننى مىسىرغا ئېلىپ بېرىشى

1قاناندىكى ئاچارچىلىق بارغانسېرى ئېغىرلاشتى. 2ياقۇپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مىسىردىن ئېلىپ كېلىنگەن ئاشلىقنى يەپ بولغاندىن كېيىن، ياقۇپ ئوغۇللىرىغا:

_ سىلەر يەنە بىرئاز ئاشلىق سېتىۋېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

3يەھۇدا ئاتىسىغا:

_ بىراق، ئۇ ئادەم بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەن. 4ئەگەر سىز كىچىك ئىنىمىزنى بىز بىلەن بىللە ئەۋەتسىڭىز، بارىمىز. 5بولمىسا بارمايمىز، چۈنكى ئۇ كىشى بىزگە: «كىچىك ئىنىڭلانى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار» دېگەن، _ دېدى.

6ئىسرائىل ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا مېنى مۇنداق قىينايسىلەر؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ كىشىگە: «ئۆيدە يەنە بىر ئىنىمىز بار» دەپ ئېيتتىڭلار؟ _ دېدى.

7ئۇلار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ ئۇ كىشى بىزنى ۋە ئائىلىمىزنىڭ ئەھۋالىنى كوچىلاپ سۈرۈشتۈرۈپ: «ئاتاڭلار ھاياتمۇ؟ يەنە باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىدى. بىز ئۇنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەرمىسەك بولمايتتى. بىز ئۇنىڭ: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار» دەيدىغانلىقىنى نەدىن بىلەتتۇق؟

8يەھۇدا ئىسرائىلغا:

_ بىنيامىننى ماڭا تاپشۇرۇڭ. بىز دەرھال يولغا چىقايلى. شۇنداق قىلغاندا، بىز، سىز ۋە بالىلىرىمىز ئاچلىقتىن ئۆلمەيمىز! 9كىچىك ئىنىمغا مەن كېپىل، پۈتۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستۈمگە ئالاي. مەن ئۇنى ئامان-ئېسەن قايتۇرۇپ كېلىپ، ئۆز قولىڭىزغا تاپشۇرمىسام، ئۆمۈرۋايەت ئەيىبلىك بولۇپ كېتەي! 10ئەگەر بىز ۋاقىتنى كەينىگە سۈرمىگەن بولساق، بۇ چاغقىچە ئىككى قېتىم بېرىپ كېلەتتۇق، _ دېدى.

11ئىسرائىل ئۇلارغا:

_ ئۇنداق بولسا، مۇنداق قىلىڭلار. باش ۋەزىرگە بىرئاز مەلھەم، ھەسەل، دورا-دەرمان، مۇرمەككى، پىستە-بادام قاتارلىق ئەڭ ياخشى يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلاردىن سوۋغات ئالغاچ بېرىڭلار. 12يەنە بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ئالغاچ بېرىپ، ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىڭلارغا سېلىپ قويغان پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىڭلار. ئېھتىمال بۇ ئىشتا سەۋەنلىك كۆرۈنگەن بولۇشى مۇمكىن. 13ئىنىڭلارنىمۇ ئۇ كىشىنىڭ يېنىغا تېزدىن ئېلىپ بېرىڭلار. 14ھەممىگە قادىر خۇدا ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بېرىپ، بىنيامىن بىلەن شىموننى سىلەرگە قوشۇپ قايتۇرغاي. ناۋادا تەقدىر بالىلىرىمنى مەندىن ئايرىۋەتسە، ئامالىم قانچە! _ دېدى.

15بۇنىڭ بىلەن ئۇلار تەييارلىغان سوۋغاتلىرىنى، بىر ھەسسە ئارتۇق پۇل ۋە بىنيامىننى ئېلىپ، يولغا چىقتى. ئۇلار مىسىرغا بارغاندىن كېيىن، يۈسۈپ بىلەن كۆرۈشتى. 16بىنيامىننىڭ ئۇلار بىلەن بىللە كەلگەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ غوجىدارىغا:

_ بۇ كىشىلەرنى ئۆيۈمگە ئېلىپ بار. ئۇلار چۈشلۈك تاماقتا مەن بىلەن بىللە بولىدۇ. سىلەر بىر مال سويۇپ، زىياپەت تەييارلاڭلار، _ دېدى.

17غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى. 18ئۇلار غوجىدار تەرىپىدىن يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ بېرىلغانلىقىدىن ئىنتايىن قورقۇشۇپ: «بىزنى چوقۇم ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزدا قايتۇرۇلغان پۇللار سەۋەبىدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدى. ئېھتىمال ئۇلار بىزگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئېشەكلىرىمىزنى تارتىۋېلىپ، بىزنى قۇل قىلىشى مۇمكىن!» دېيىشتى، 19ھەمدە يۈسۈپنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىش بىلەنلا، ئۇلار غوجىدارغا:

20_ تەقسىر! ئالدىنقى قېتىم بىز بۇ يەرگە ئاشلىق ئالغىلى كەلگەنىدۇق. 21ئۆيگە قايتىش يولىمىزدا قونىدىغان يەرگە كېلىپ تاغارلارنى ئاچساق، پۇللىرىمىزنىڭ تاغارلىرىمىزدا ئۆز پېتى تۇرغانلىقىنى كۆردۇق. ھازىر بۇ پۇللارنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن ئەكەلدۇق. 22بۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە ئاشلىق سېتىۋالىدىغانغىمۇ پۇل ئەكەلدۇق. ئالدىنقى قېتىم تاغارلىرىمىزغا پۇللارنى كىم سېلىپ قويدىكىن بىلمىدۇق، _ دېيىشتى.

23غوجىدار ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! قورقماڭلار! پۇللىرىڭلارنى مەن تاپشۇرۇپ ئالغانىدىم. ئۇنى تاغارلىرىڭلارغا چوقۇم خۇدا، يەنى ئاتاڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سېلىپ قويغان ئوخشايدۇ، _ دېدى. ئاندىن، ئۇ شىموننى زىنداندىن ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.

24غوجىدار ئۇلارنى يۈسۈپنىڭ ئۆيىگە باشلاپ، پۇتلىرىنى يۇيۇشقا سۇ، ئېشەكلىرىگە بولسا يەم بەردى. 25ئۇلار سوۋغاتلارنى تەييارلاپ، چۈشتە يۈسۈپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەقدىم قىلىشنى كۈتۈپ تۇردى. چۈنكى، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن تاماقتا بىللە بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغانىدى. 26يۈسۈپ ئۆيگە كەلگەندە، ئۇلار باشلىرىنى يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلىپ، سوۋغاتلارنى سۇندى. 27يۈسۈپ ئۇلار بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن:

_ سىلەر ماڭا ياشىنىپ قالغان ئاتاڭلار توغرۇلۇق گەپ قىلغانىدىڭلار. ئۇ كىشى قانداق، ھاياتمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

28ئۇلار جاۋابەن:

_ مۆمىن كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى ھايات ۋە ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ، _ دەپ، باشلىرىنى قايتا يەرگە تەگكۈچە ئېگىپ تەزىم قىلدى.

29يۈسۈپ بىر ئانىدىن بولغان ئۆز ئىنىسى بىنيامىننى كۆرۈپ:

_ سىلەر ماڭا ئېيتقان ھېلىقى ئەڭ كىچىك ئىنىڭلار مۇشۇمۇ؟ ئەي ئوغلۇم، ساڭا خۇدا بەخت ئاتا قىلغاي _ دېدى.

30يۈسۈپ ئۆز ئىنىسىغا بولغان قايناق مېھىر ھېسسىياتىنى باسالماي، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئۈن سېلىپ يىغلىۋەتكۈدەك بولۇپ كەتتى. شۇڭا، ئۇلارنىڭ يېنىدىن چىقىپ، ئۆز ھۇجرىسىغا كىرىپ بىرھازاغىچە كۆز يېشى قىلدى. 31ئاندىن، ئۇ يۈزىنى يۇيۇپ، ھېسسىياتىنى بېسىپ، قايتىپ كىرىپ، خىزمەتچىلىرىگە تاماق ئەكىرىشكە بۇيرۇدى.

32يۈسۈپ ئۆزى يالغۇز بىر داستىخاندا، قېرىنداشلىرى ئايرىم بىر داستىخاندا ئولتۇردى. زىياپەتتە بىللە بولغان مىسىرلىقلار يەنە بىر داستىخاندا ئولتۇردى. چۈنكى، مىسىرلىقلار ئىبرانىيلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشنى تۆۋەن كۆرەتتى. 33يۈسۈپ قېرىنداشلىرىنى ئۆزىگە قارىتىپ، چوڭ-كىچىك تەرتىپى بويىچە ئولتۇرغۇزدى. بۇنى كۆرگەن ئاكا-ئۇكىلىرى ھاڭ-تاڭ بولغىنىدىن بىر-بىرىگە قارىشىپ قويۇشاتتى. 34يۈسۈپ ئۇلارغا ئۆز داستىخىنىدىن تاماق بۆلۈپ بەردى. بىنيامىنغا بولسا باشقىلارنىڭكىدىن بەش ھەسسە ئارتۇق ئۇسۇپ بەردى. ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىللە يەپ-ئىچىپ، ئىنتايىن خۇشال بولۇشتى. 




44

يۈسۈپنىڭ كۈمۈش جامىنىڭ يوقىلىپ كېتىشى

1يۈسۈپ غوجىدارىغا:

_ سەن ئۇلارنىڭ تاغارلىرىغا ئېلىپ كېتەلىگۈدەك ئاشلىق قاچىلاپ، پۇللىرىنى ئۆز تاغارلىرىغا سېلىپ قوي. 2ئۇلارنىڭ ئەڭ كىچىكىنىڭ تاغىرىغا مېنىڭ كۈمۈش جامىم بىلەن ئۆز پۇلىنى سېلىپ قوي! _ دەپ بۇيرۇق قىلدى. غوجىدار بۇيرۇققا بىنائەن شۇنداق قىلدى.

3ئەتىسى تاڭ سەھەردە، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئېشەكلىرى بىلەن يولغا سېلىپ قويۇلدى. 4ئۇلار شەھەردىن چىقىپ ئانچە يىراققا بارمايلا، يۈسۈپ غوجىدارىغا:

_ سەن دەرھال ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ بېرىپ، ئۇلارغا: «سىلەر نېمىشقا ياخشىلىققا يامانلىق قىلىسىلەر؟ 5نېمىشقا خوجايىنىمنىڭ كۈمۈش جامىنى ئوغرىلاپ كېتىسىلەر؟ خوجايىنىم ئۇ جامدا ھەم شاراب ئىچىدۇ، ھەم پال ئاچىدۇ. سىلەر ئېغىر گۇناھ ئۆتكۈزدۈڭلار!» دېگىن، _ دېدى.

6غوجىدار ئۇلارغا يېتىشكەندە، يۈسۈپنىڭ سۆزىنى دېدى.

7ئۇلار:

_ غوجام، بۇ نېمە دېگەنلىرى؟ كەمىنىلىرى بۇنداق ئىشتىن نېرىدۇر! 8ئۆزلىرىگە مەلۇم، بىز ھەتتا ئۆتكەن قېتىمدا تاغارلىرىمىزدا پۇللارنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى قاناندىن قايتۇرۇپ ئەكەلگەن تۇرساق، خوجايىنىڭىزنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى يەنە ئوغرىلامتۇق؟ 9ئەگەر ئۆزلىرى قايسىمىزنىڭ تاغىرىدىن جامنى تېپىۋالسىلا، شۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم بولسۇن. قالغانلىرىمىزمۇ ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولايلى! _ دېيىشتى.

10غوجىدار:

_ بۇ سۆزۈڭلارغا قوشۇلىمەن. ئەمما، جامنى ئوغرىلىغان كىشىنىلا ئېلىپ قالىمەن. قالغانلىرىڭلار قايتىپ كەتسەڭلار بولىدۇ، _ دېدى.

11بۇنىڭ بىلەن، كۆپچىلىك دەرھال ئۆز تاغارلىرىنى يەرگە چۈشۈرۈپ ئاچتى. 12غوجىدار چوڭىنىڭ تاغىرىدىن باشلاپ تاكى ئەڭ كىچىكىنىڭكىگىچە ئىنچىكىلەپ ئاختۇردى. ئاخىردا، كۈمۈش جامنى بىنيامىننىڭ تاغىرىدىن تېپىۋالدى. 13قېرىنداشلار ئۈمىدسىزلەنگەن ھالدا كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، يۈك-تاقلىرىنى ئېشەكلىرىگە ئارتىپ، يەنە شۇ شەھەرگە قايتىپ كېلىشتى.

يەھۇدانىڭ بىنيامىن ئۈچۈن يېلىنىشى

14يەھۇدا ۋە قېرىنداشلىرى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا قايتىپ بارغىنىدا، يۈسۈپ تېخى ئۆيىدە ئىدى. ئۇلار ئۆزلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا تاشلاپ يەرگە ئاتتى. 15يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ سىلەرنىڭ بۇ نېمە قىلغىنىڭلار؟ ماڭا ئوخشاش يۇقىرى مەرتىۋىدىكى بىر كىشىنىڭ سىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشۇڭلارغا پال ئاچالايدىغانلىقىمنى بىلمەيتتىڭلارمۇ؟ _ دېدى.

16يەھۇدا جاۋابەن:

_ ئى ئالىيلىرى، بىز بۇ ئىشقا نېمە دېيەلەيمىز؟ ئۇنى ئالمىدۇق، دەپ قانداقمۇ ئۆزىمىزنى ئاقلىيالايمىز؟ خۇدا كەمىنىلىرىنىڭ گۇناھىنى ئېچىپ تاشلىدى. ئەمدى جام چىققان كىشىلا ئەمەس، ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ قۇلى بولغايمىز! _ دېدى.

17يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ياق! ھەرگىز ئۇنداق قىلمايمەن. پەقەت جامنى ئالغان كىشى ماڭا قۇل بولسۇن. قالغانلىرىڭلار ئاتاڭلارنىڭ يېنىغا ئامان-ئېسەن قايتىپ كېتىڭلار، _ دېدى.

18يەھۇدا يۈسۈپنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرىگە ئەھۋالنى ئوچۇق بايان قىلىشىمغا رۇخسەت قىلغايلا. ئۆزلىرى پادىشاھ بىلەن باراۋەر، كەمىنىلىرىگە رەھىم قىلغايلا! 19ئۆزلىرى بىزدىن: «سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ياكى باشقا قېرىنداشلىرىڭلار بارمۇ؟» دەپ سورىغانلىرىدا، 20بىز: «ياشىنىپ قالغان ئاتىمىز ۋە ئاتىمىز ياشىنىپ قالغاندا تاپقان بىر كىچىك ئىنىمىز بار. بۇ ئىنىمىزنىڭ بىر قورساقتىن بولغان ئاكىسى ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇ ئۇلارنىڭ ئانىسىدىن قالغان بىردىنبىر بالا، شۇڭا ئاتىمىز ئۇنىڭغا بەك ئامراق» دېگەنىدۇق. 21ئۆزلىرى بىز كەمىنىلىرىگە: «ئۇنى ئېلىپ كېلىڭلار، ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرەي» دەپ تاپىلىغاندىلا. 22لېكىن، بىز بۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن ئايرىلالمايدىغانلىقىنى، ئەگەر ئايرىلسا، ئاتىمىزنىڭ چوقۇم ئۆلىدىغانلىقىنى ئېيتقىنىمىزدا، 23ئۆزلىرى بىز كەمىنىلىرىگە: «كىچىك ئىنىڭلارنى ئېلىپ كەلمىگۈچە، يۈزۈمگە قارىغۇچى بولماڭلار!» دېگەنىدىلا. 24بىز ئاتىمىزنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سۆزلىرىنى يەتكۈزدۇق.

25كېيىن، ئۇ بىزنى يەنە ئاشلىق ئەكېلىشكە بۇيرۇغاندا، 26بىز ئۇنىڭغا: «ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بارمىغۇچە، بىز ئۇ كىشىنىڭ يۈزىگە قارىيالمايمىز. كىچىك ئىنىمىز بىز بىلەن بىللە بارمىسا، بىزمۇ بارمايمىز» دېگەنىدۇق. 27كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى بىزگە: «سىلەرگە مەلۇمكى، ئايالىم راھىلە ماڭا پەقەت ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 28ئۇلارنىڭ بىرى مەندىن جۇدا بولدى. ئۇ مەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئۇنى قايتا كۆرمىدىم. ئۇ چوقۇم يىرتقۇچ ھايۋانلارغا يەم بولدى. 29ئەگەر سىلەر بۇ ئوغلۇمنى مەندىن ئېلىپ كېتىپ، ئۇمۇ يولدا بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە يولۇقۇپ قالسا، قېرىغىنىمدا ھەسرەت چېكىپ، ئۆلۈپ كېتىمەن» دېگەنىدى. 30ئەمدى ئويلاپ باقسىلا! ئەگەر بىز بۇ بالىنى ئېلىپ كەتمىسەك، كەمىنىلىرىنىڭ ئاتىسى بۇ بالىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكىنى كۆرۈپلا، ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ. چۈنكى، ئۇنىڭ ھاياتى بۇ بالىنىڭ تەقدىرىگە باغلىق. 31ئاتىمىز بىلەن كۆرۈشكىنىمىزدە، ئىنىمىز يوق بولسا، ئۇ ھەسرەت چېكىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈشىگە بىز سەۋەبچى بولغان بولىمىز. 32كەمىنىلىرى ئاتامغا كېپىللىك بېرىپ: «ئەگەر بالىنى قايتۇرۇپ كەلمىسەم، ئۆمۈرۋايەت ئەيىبلىك بولۇپ كېتەي» دېگەنىدىم. 33شۇڭا، ئى ئالىيلىرى، بۇ بالا ئۈچۈن كەمىنىلىرى قېلىپ، ئۆزلىرىگە قۇل بولسۇن. ئۇ بالا بولسا ئاكىلىرى بىلەن بىللە قايتىپ كەتسۇن! 34ئەگەر بۇ بالا مەن بىلەن بىللە كەتمىسە، مەن ئاتامنىڭ يۈزىگە قانداق قارىيالايمەن؟ مەن ئاتامنىڭ بۇنداق بالا-قازاغا ئۇچرىشىغا چىداپ تۇرالمايمەن! _ دېدى. 




45

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىغا ئۆزىنى ئاشكارىلىشى

1-2يۈسۈپ ئۆز ھېسسىياتىنى بېسىۋېلىشقا ئامالسىز قېلىپ، خىزمەتكارلىرىنىڭ تاشقىرىغا چىقىپ تۇرۇشىنى بۇيرۇدى. ئۇ قېرىنداشلىرى بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى-دە، شۇنداق قاتتىق يىغلىدىكى، ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئۆينىڭ سىرتىدىكىلەرمۇ ئاڭلىدى ۋە ئاڭلاپ قېلىپ، بۇ خەۋەرنى تېزدىن پادىشاھقا يەتكۈزدى.

3يۈسۈپ ئىبرانىي تىلىدا قېرىنداشلىرىغا مۇنداق دېدى:

_ مەن يۈسۈپ بولىمەن! ئاتام سالامەتمۇ؟

بۇ گەپنى ئاڭلىغان قېرىنداشلىرى ھودۇقۇپ كەتكىنىدىن گەپ قىلالماي تۇرۇپلا قالدى. 4يۈسۈپ ئۇلارنى ئالدىغا چاقىردى. ئۇلار ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەندە، مۇنداق دېدى:

_ مەن سىلەرنىڭ ئىنىڭلار، يەنى سىلەر مىسىرغا سېتىۋەتكەن يۈسۈپ بولىمەن. 5لېكىن، سىلەر بۇ ئىش ئۈچۈن ئەنسىرەپ، ئۆزۈڭلارنى ئەيىبكە بۇيرۇماڭلار. خۇدا خەلقنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، مېنى ئاۋۋال بۇ يەرگە ئەۋەتكەن. 6بۇ يەردىكى قەھەتچىلىككە ئەمدى ئىككى يىل بولدى. يەنە بەش يىلغىچە تېرىقچىلىق قىلغىلىمۇ بولمايدۇ، ھوسۇل ئالغىلىمۇ بولمايدۇ. 7شۇڭا، سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ھەم ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ مېنى بۇ يەرگە ئاۋۋال ئەۋەتتى. 8دېمەك، مېنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن سىلەر ئەمەس، بەلكى خۇدادۇر. ئۇ مېنى پادىشاھنىڭ باش مەسلىھەتچىسى ۋە مىسىرنىڭ باش ۋەزىرلىكىگە ئولتۇرغۇزۇپ، پۈتۈن مەملىكەتنى ئىدارە قىلىشقا مۇيەسسەر قىلدى.

9سىلەر ئاتامنىڭ يېنىغا تېزدىن بېرىپ، ئۇنىڭغا: «ئوغلىڭىز يۈسۈپ: ‹خۇدا مېنى پۈتۈن مىسىر دۆلىتىنىڭ باش ۋەزىرى قىلىپ تىكلىدى. سىز ئەمدى كېچىكمەي، بۇ يەرگە تېزدىن يېتىپ كېلىڭ. 10ئوغۇل-قىزلىرىڭىز، نەۋرىلىرىڭىز، قوي-كالىلىرىڭىز ۋە باشقا پۈتۈن تەئەللۇقاتىڭىزنى ئەكېلىپ، گوشەن ۋىلايىتى ئەتراپىدا ماڭا يېقىن ئولتۇرۇڭ. 11سىزنىڭ پۈتۈن ئائىلە ۋە مال-ۋارانلىرىڭىز بىلەن ئاچلىقتىن مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن، مەن سىزنى باقىمەن. چۈنكى، قەھەتچىلىك يەنە بەش يىل داۋاملىشىدۇ!› دېدى» دەڭلار، _ دېدى.

12يۈسۈپ يەنە:

_ مانا، مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى سىلەر ھەممىڭلار ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار، بىنيامىن سەنمۇ، كۆردۈڭ. 13ئاتامغا مىسىردىكى ھۆرمىتىمنىڭ قانچىلىك يۇقىرىلىقىنى ئېيتىڭلار ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنىڭ ھەممىسىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى تېزدىن بۇ يەرگە ئېلىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

14ئۇ ئىنىسى بىنيامىننى قۇچاقلاپ، يەنە قاتتىق يىغلاپ كەتتى. ئىنىسىمۇ ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ قاتتىق يىغلىدى. 15ئاندىن، ئۇ يىغلىغان پېتى ئاكىلىرى بىلەن بىر-بىرلەپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. شۇنىڭدىن كېيىن، قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشكە باشلىدى.

16يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ مىسىرغا كەلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر ئوردىغا يېتىپ كەلگەندە، پادىشاھ ۋە خىزمەتكارلىرى ئىنتايىن خۇشال بولۇشۇپ كەتتى. 17پادىشاھ يۈسۈپكە:

_ قېرىنداشلىرىڭغا ئېيت، ئۇلاغلىرىغا مال ئارتىپ، دەرھال قانانغا قايتىپ بېرىپ، 18ئاتاڭ بىلەن بارلىق ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلسۇن. مەن ئۇلارغا مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى زېمىنىنى بېرىمەن. ئۇلار بۇ يەردە باياشات تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولسۇن. 19ئۇلارغا يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ قوي: «ئۇلار ئاتاڭنى ۋە خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن، مىسىردىن ھارۋا ئالغاچ كەتسۇن. 20ئۇلار ئۇ يەردىكى تەئەللۇقاتىنى ئويلىمىسۇن، چۈنكى مىسىر زېمىنىنىڭ ئەڭ ياخشى نەرسىلىرى ئۇلارنىڭ بولىدۇ»، _ دېدى.

21ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى بۇ سۆزگە بىنائەن ئىش قىلدى. يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇلارغا ھارۋا ۋە يولغا يېتەرلىك ئوزۇق تەييارلاپ بەردى. 22ئۇ يەنە ھەربىر ئاكىسىغا بىر قۇردىن يېڭى كىيىم سوۋغات قىلدى. بىنيامىنغا بولسا بەش قۇر كىيىم بىلەن ئۈچ يۈز كۈمۈش تەڭگە بەردى. 23ئۇ ئاتىسىغا ئون ھاڭگا ئېشەككە مىسىرنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتلىرىنى، يەنە ئون مادا ئېشەككە ئاتىسىنىڭ مىسىرغا كېلىش يولىدا ئىستېمال قىلىشىغا ئاشلىق، نان ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى ئارتىپ بەردى. 24ئۇ قېرىنداشلىرىنى يولغا سېلىش ئالدىدا ئۇلارغا يولدا جېدەل-ماجىرا چىقارماسلىقنى تاپىلىدى.

25ئۇلار مىسىردىن چىقىپ، قانانغا _ ئاتىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ باردى. 26ئۇلار ئاتىسىغا:

_ يۈسۈپ ھايات ئىكەن! مىسىرنىڭ باش ۋەزىرى بوپتۇ! _ دېدى.

ياقۇپنىڭ تەنلىرى جۇغۇلداپ كەتتى. ئۇ ئۇلارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىدى. 27لېكىن، ئۇ ئۇلاردىن يۈسۈپنىڭ ئېيتىپ بەرگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەمدە يۈسۈپنىڭ ئۆزىنى ئېلىپ كېلىشكە ئەۋەتكەن ھارۋىلىرىنى كۆرۈپ، ئەس-ھوشىغا كەلدى. 28ئۇ:

_ بولدى! ئوغلۇم يۈسۈپنىڭ ھايات ئىكەنلىكىگە ئەمدى ئىشەندىم! كۆزۈمنىڭ ئوچۇقىدا بېرىپ ئۇنى كۆرەي! _ دېدى. 




46

ياقۇپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسىنى ئېلىپ مىسىرغا بېرىشى

1ئىسرائىل پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ، بەئەرشەباغا كېلىپ، ئۇ يەردە ئاتىسى ئىسھاق ئېتىقاد قىلغان خۇداغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. 2شۇ كېچە، ئۇنىڭغا بىر غايىبانە ئالامەت كۆرۈنۈپ، خۇدا ئۇنى:

_ ياقۇپ، ياقۇپ! _ دەپ چاقىردى.

_ لەببەي، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

3خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن خۇدا، سېنىڭ ئاتاڭ ئېتىقاد قىلغان خۇدادۇرمەن. سەن مىسىرغا بېرىشتىن قورقما. چۈنكى، مەن ئۇ يەردە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى ئۇلۇغ بىر خەلق قىلىمەن. 4مەن سەن بىلەن بىللە مىسىرغا بېرىپ، ئاندىن ئەۋلادلىرىڭنى چوقۇم بۇ زېمىنغا قايتۇرۇپ كېلىمەن. سەن ئالەمدىن ئۆتكەندە، يۈسۈپ يېنىڭدا بولىدۇ، _ دېدى.

5ياقۇپ بەئەرشەبادىن يولغا چىقتى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىنى مىسىر پادىشاھى ئەۋەتكەن ھارۋىلارغا ئولتۇرغۇزۇپ، 6قاناندا تاپقان مال-ۋارانلىرى بىلەن تەئەللۇقاتلىرىنى ئېلىپ، مىسىرغا قاراپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنى ئېلىپ مىسىرغا كەلدى. 7ئوغۇل-قىزلىرى ۋە ئوغۇل-قىز نەۋرىلىرىمۇ بىللە باردى.

8ئىسرائىل دەپمۇ ئاتالغان ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئەۋلادلىرىنىڭ ئىسىملىكى تۆۋەندىكىچە:

ياقۇپنىڭ چوڭ ئوغلى رۇبېن 9ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ھانۇخ، پاللۇ، ھېسرون ۋە كارمى قاتارلىقلار.

10شىمون ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: يېمۇئىل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، سوخار ۋە قانانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل قاتارلىقلار.

11لاۋىي ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: گەرشون، كوھات ۋە مەرارى قاتارلىقلار.

12يەھۇدا ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: شالاھ، پارەس ۋە زەراھ قاتارلىقلار. يەھۇدانىڭ يەنە ئېر ۋە ئونان دېگەن ئوغۇللىرى بولۇپ، ئۇلار قاناندا ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

پارەسنىڭ ئوغۇللىرى: ھېسرون بىلەن ھامۇل.

13ئىسساكار ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: تولاھ، پۇۋا، يوب ۋە شىمرون قاتارلىقلار.

14زەبۇلۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: سەرەد، ئەلون ۋە ياخلىل قاتارلىقلار.

15يۇقىرىدىكىلەر لېياھ پاددان-ئاررامدا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، قىزى دىنا بىلەن جەمئىي ئوتتۇز ئۈچ نەپەر ئىدى.

16گاد ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: سەفون، ھاگگى، شۇنىي، ئېزبون، ئەرى، ئارودى ۋە ئارېلى قاتارلىقلار.

17ئاشېر ۋە ئۇنىڭ پەرزەنتلىرى: ئوغۇللىرى يىمنا، يىشۋا، يىشۋى، بەرىيا ۋە قىزى سەراھ. بەرىيانىڭ ئوغۇللىرى: ھېبەر ۋە مالكېل ئىدى.

18يۇقىرىدىكىلەر لابان قىزى لېياھقا دېدەك قىلىپ بەرگەن زىلپا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، ئۇلار جەمئىي ئون ئالتە نەپەر ئىدى.

19ياقۇپنىڭ ئايالى راھىلە ئۇنىڭغا ئىككى ئوغۇل تۇغۇپ بەرگەن بولۇپ، ئۇلار يۈسۈپ بىلەن بىنيامىن ئىدى. 20يۈسۈپ مىسىردا ئون شەھىرىنىڭ روھانىيسى پوتىفېرانىڭ قىزى ئاسېناتتىن ماناسسە ۋە ئەفرائىم ئىسىملىك ئىككى ئوغۇل تاپقانىدى.

21بىنيامىننىڭ ئوغۇللىرى: بېلا، بېكەر، ئاشبېل، گېرا، نامان، ئەھى، روش، مۇپپىم، ھۇپپىم ۋە ئارىد قاتارلىقلار.

22يۇقىرىدىكىلەر راھىلە ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي ئون تۆت نەپەر ئىدى.

23دان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ھۇشىم.

24نافتالى ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى: ياخسىئىل، گۇنى، يەسەر ۋە شىللەم قاتارلىقلار.

25يۇقىرىدىكىلەر لاباننىڭ قىزى راھىلەگە دېدەك قىلىپ بەرگەن بىلھا ياقۇپقا تۇغۇپ بەرگەن ئەۋلادلار بولۇپ، جەمئىي يەتتە نەپەر ئىدى.

26دېمەك، ياقۇپنىڭ كېلىنلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا بارغان ئۆز ئەۋلادلىرى جەمئىي ئاتمىش ئالتە كىشى ئىدى. 27يۈسۈپنىڭ مىسىردا تاپقان ئىككى ئوغلىنى قوشقاندا، ياقۇپ جەمەتىنىڭ مىسىردىكى نوپۇسى جەمئىي يەتمىش* كىشى بولدى.

ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنىڭ مىسىرغا يېتىپ كېلىشى

28ياقۇپ يۈسۈپ بىلەن گوشەن ۋىلايىتىدە كۆرۈشۈش ئۈچۈن، يەھۇدانى ئۇنىڭ يېنىغا يۆنىلىشنى ئۇقۇپ كېلىشكە ئەۋەتتى. ياقۇپلار گوشەنگە كەلگىنىدە، 29يۈسۈپ ۋەزىرلىك ھارۋىسىدا ئولتۇرۇپ، ئاتىسىنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار دىدار كۆرۈشۈش بىلەنلا، يۈسۈپ ئاتىسىنى قۇچاقلاپ ئۇزۇنغىچە يىغلىدى. 30ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ مەن سېنىڭ ھايات ئىكەنلىكىڭنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئەمدى ئۆلۈپ كەتسەممۇ رازىمەن! _ دېدى.

31ئاندىن، يۈسۈپ قېرىنداشلىرى ۋە چوڭ ئۆيدىكىلىرىگە مۇنداق دېدى:

_ مەن پادىشاھقا سىلەرنىڭ قاناندىن بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلگەنلىكىڭلارنى مەلۇم قىلاي. 32ئۇنىڭغا سىلەرنىڭ چارۋىچى ئىكەنلىكىڭلارنى، مال-مۈلكۈڭلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىڭلارنى ئېيتاي. 33پادىشاھ سىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، كەسپىڭلارنى سورىسا، 34ئۇنىڭغا: «بىز كىچىكىمىزدىن تارتىپ چارۋىچىلىق قىلىپ كەلگەن. ئاتا-بوۋىلىرىمىزمۇ چارۋىچى ئىدى» دەڭلار. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنى ئۆز خەلقىدىن ئايرىپ، گوشەنگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ، _ دېدى.

يۈسۈپنىڭ بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەب، مىسىرلىقلار مال باققۇچىلارنى پەقەت كۆزگە ئىلمايتتى.



*27بۇ بابنىڭ 15-، 18-، 22-، 25-ئايەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئادەم سانىنى قوشقاندا مىسىرغا بارغانلار جەمئىي 70ئادەم بولىدۇ. بىراق، بۇ ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان 66ئادەم ئىچىگە يۈسۈپنىڭ ئىككى ئوغلى _ ماناسسە بىلەن ئەفرائىم، شۇنداقلا يەھۇدانىڭ قاناندا ئۆلۈپ كەتكەن ئىككى ئوغلى _ ئېر بىلەن ئونان قوشۇلمىغان.



 

47

1بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئاتام بىلەن قېرىنداشلىرىم قاناندىن قوي-كالا ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىنى ئېلىپ بۇ يەرگە كەلدى. ھازىرچە ئۇلار گوشەندە تۇرۇۋاتىدۇ، _ دېدى.

2ئاندىن كېيىن، يۈسۈپ بەش قېرىندىشىنى تاللاپ، پادىشاھ بىلەن كۆرۈشۈشكە ئېلىپ كەلدى.

3پادىشاھ يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىدىن:

_ سىلەر قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار جاۋابەن:

_ جانابلىرى، كەمىنىلىرى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش، مال بېقىش بىلەن تىرىكچىلىك قىلىمىز. 4قاناندا قەھەتچىلىك ئېغىر بولغاچقا، مال باقىدىغان ئوتلاقمۇ يوق. شۇ سەۋەبتىن، بىز بۇ يەرگە كۆچۈپ كەلدۇق. جانابلىرىدىن كەمىنىلىرىنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە تۇرۇشىغا ئىجازەت بېرىشلىرىنى سورايمىز، _ دېدى.

5پادىشاھ يۈسۈپكە:

_ ئاتاڭ بىلەن قېرىنداشلىرىڭ بۇ يەرگە كەپتۇ. 6مىسىرنىڭ زېمىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇرۇپتۇ. ئۆزلىرى مەملىكەتنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى تاللىسۇن. گوشەندە تۇرسىمۇ بولىۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىقتىدارلىق كىشىلەر بولسا، ماللىرىمنى باشقۇرۇشقا قويساڭمۇ بولىدۇ، _ دېدى.

7كېيىن، يۈسۈپ ئاتىسى ياقۇپنى ئوردىغا باشلاپ كېلىپ، مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشتۈردى. ياقۇپ پادىشاھقا بەخت-سائادەت تىلىدى. 8پادىشاھ ئۇنىڭدىن:

_ قانچە ياشقا كەلدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى.

9ياقۇپ ئۇنىڭغا:

_ مەن بۇ دۇنيادا مۇساپىر بولۇپ، بىر يۈز ئوتتۇز يىل ياشىدىم. بۇ جاپا-مۇشەققەتلىك ھاياتىمدا تېخى ئاتا-بوۋىلىرىمدەك ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرمىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

10خوشلىشىش ئالدىدا، ياقۇپ يەنە پادىشاھقا بەخت تىلەپ، ئاندىن چىقىپ كەتتى. 11يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئاتىسى بىلەن قېرىنداشلىرىنى مىسىرغا ئورۇنلاشتۇردى. ئۇ رەمىس شەھىرىنىڭ يېنىدىن دۆلەتنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى ئۇلارغا زېمىنلىققا بەردى 12ھەمدە ئاتىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆيدىكىلىرىگە نوپۇسنىڭ سانىغا قاراپ، ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەردى.

ئاچارچىلىق

13ئاچارچىلىق ئىنتايىن ئېغىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن، ھەممە يەردە ئاشلىق قالمىغانىدى. مىسىرلىقلار بىلەن قانانلىقلار ئاچلىقتىن ئاجىزلاپ كەتتى. 14يۈسۈپ ئاشلىق سېتىپ، ئۇلارنىڭ ھەممە پۇللىرىنى يىغىۋېلىپ ئوردىغا تاپشۇردى. 15مىسىر ۋە قاناندىكى خەلقنىڭ قولىدىكى پۇللار تۈگىگەندە، مىسىر خەلقى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭدىن:

_ پۇللىرىمىز تۈگەپ كەتتى. ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىز ئۈچۈن بىر ئامال قىلىپ، بىزگە ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەرگەيلا، _ دەپ تەلەپ قىلدى.

16يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ ئەگەر پۇلۇڭلار تۈگەپ كەتكەن بولسا، مېلىڭلارنى ئاشلىققا تېگىشىڭلار، _ دېدى.

17بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ماللىرىنى يۈسۈپنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. يۈسۈپ ئۇلارنىڭ ئات، ئېشەك، قوي، كالا ۋە ئۆچكىلىرىگە ئاشلىق تېگىشىپ بەردى. شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ ئۇلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنىڭ بەدىلىگە شۇ يىلى ئۇلارنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلىدى.

18كېيىنكى يىلى، ئۇلار يەنە كېلىپ:

_ ئى ئالىيلىرى، ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرمايمىز. پۇللىرىمىز پۈتۈنلەي تۈگىدى. ماللىرىمىزمۇ ئۆزلىرىگە ئۆتۈپ كەتتى. ھازىر بىزنىڭ تېنىمىز ۋە يېرىمىزدىن باشقا ھېچ نەرسىمىز قالمىدى. 19ئۆلۈمدىن ساقلىنىپ قېلىشىمىزغا بىر ئامال قىلغايلا! يەرلىرىمىزنىڭ ئاق تاشلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزىمىز بىلەن يېرىمىزنى ئاشلىققا ئالماشتۇرۇپ بەرگەيلا. يەرلىرىمىز پادىشاھنىڭ بولسۇن. ئۆزىمىزمۇ پادىشاھنىڭ قۇلى بولۇپ، ئۇنىڭ دېھقانچىلىقىنى قىلايلى. ھايات قېلىشىمىز ئۈچۈن، يەرلەرنى تېرىشىمىزغا ئۇرۇقلۇق بەرگەيلا! _ دەپ تەلەپ قىلدى.

20شۇنداق قىلىپ، يۈسۈپ پادىشاھ ئۈچۈن مىسىرنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى سېتىۋالدى. ئاچارچىلىقنىڭ ئېغىرلىقىدىن مىسىرلىقلار يەرلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدى. نەتىجىدە، پۈتۈن يەر-زېمىن پادىشاھقا ئۆتۈپ كەتتى. 21پۈتۈن مىسىر خەلقىمۇ ئۇنىڭ قۇلى بولۇپ قالدى. 22پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا ئۆز قوللىرىدا قالدى. ئۇلارنىڭ يەرلىرىنى سېتىشى ھاجەتسىز ئىدى. چۈنكى، ئۇلار پادىشاھتىن ھەقسىز ئاشلىق ئالاتتى.

23يۈسۈپ خەلققە:

_ مەن پادىشاھ ئۈچۈن سىلەرنى ۋە يەر-زېمىنلىرىڭلارنى سېتىۋالغانىكەنمەن، ئۇ يەرگە دېھقانچىلىق قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇرۇق بېرەي. 24ھوسۇل ۋاقتىدا، ھوسۇلنىڭ بەشتىن بىرىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇپ، قالغىنىنى ئۆزۈڭلارغا ۋە ئائىلەڭلەرگە ئوزۇق ۋە ئۇرۇقلۇق قىلىڭلار، _ دېدى.

25ئۇلار:

_ ئى ئالىيلىرى، ئۆزلىرى ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇپ قالدىلا. بىزگە شەپقەت قىلىپ، بىزنى قۇللۇققا قوبۇل قىلغايلا،* _ دېيىشتى.

26شۇڭا، يۈسۈپ مىسىرلىقلارغا «دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ھوسۇلىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى پادىشاھقا تاپشۇرۇش كېرەك» دېگەن قانۇننى تۈزۈپ بەردى. بۇ قانۇن بۈگۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولماقتا. پەقەت روھانىيلارنىڭ يەرلىرىلا پادىشاھقا ئۆتمىدى.

ياقۇپنىڭ ئاخىرقى تەلىپى

27ئىسرائىللار مىسىرنىڭ گوشەن ۋىلايىتىدە ئولتۇراقلاشتى. ئۇلار روناق تېپىپ، ئاھالىلىرى ھەسسىلەپ كۆپەيدى. 28ياقۇپ مىسىردا ئون يەتتە يىل ياشاپ، بىر يۈز قىرىق يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ئۆلۈش ئالدىدا يۈسۈپنى چاقىرتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، قولۇڭنى ئىككى يوتامنىڭ ئاستىغا قويۇپ، ماڭا غەمخورلۇق كۆرسىتىپ، مېنى مىسىرغا دەپنە قىلماسلىققا قەسەم قىلغىن. 30مەن ۋاپات بولغاندا، مېنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئاتا-بوۋام دەپنە قىلىنغان يەرگە دەپنە قىلغىن، _ دېدى.

يۈسۈپ ئاتىسىغا:

_ تاپشۇرۇقىڭىزنى چوقۇم ئورۇندايمەن، _ دېدى.

31ئىسرائىل:

_ ئۇنداق بولسا، ماڭا قەسەم قىلغىن، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ قەسەم قىلدى. ئىسرائىل كارىۋاتنىڭ باش تەرىپىدە باش قويۇپ، خۇداغا مەدھىيە ئوقۇدى.



*25ئەگەر ئۇلار قۇللۇققا قوبۇل قىلىنسا، تۇرمۇشىدىن غەم قىلمايتتى. چۈنكى، خوجايىنى ئۇلارنىڭ قورسىقىنى باقاتتى.



 

48

ياقۇپنىڭ ئەفرائىم ۋە ماناسسەگە خەيرلىك دۇئا قىلىشى

1بىرمەزگىلدىن كېيىن يۈسۈپكە ئاتىسىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر يەتتى. شۇڭا، يۈسۈپ ئىككى ئوغلى ماناسسە بىلەن ئەفرائىمنى ئېلىپ ئاتىسىنىڭ يېنىغا باردى. 2ياقۇپ ئوغلى يۈسۈپنىڭ كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ياتقان ئورنىدىن كۈچىنىڭ بارىچە كۈچەپ تۇرۇپ، ئاران ئولتۇردى. 3ياقۇپ يۈسۈپكە:

_ ھەممىگە قادىر خۇدا قاناندىكى لۇز دېگەن يەردە ماڭا كۆرۈنۈپ، ماڭا بەخت ئاتا قىلغانىدى. 4ئۇ ماڭا: «مەن سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى كۆپەيتىپ، ئۇلارنى نۇرغۇن مىللەت قىلىمەن ۋە بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ زېمىنلىققا بېرىمەن» دېگەنىدى، _ دېدى.

5ياقۇپ يەنە:

_ ئەي يۈسۈپ، مەن مىسىرغا كەلمەستە، سەن بۇ يەردە ئىككى ئوغۇل تېپىپسەن. بۇ ئىككى ئوغۇل، يەنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسە، رۇبېن بىلەن شىمونغا ئوخشاش مېنىڭ ئوغۇللىرىم ھېسابلانسۇن.* 6باشقا بالا تاپساڭ، ئۆزۈڭنىڭ بولسۇن. ئۇلار كەلگۈسىدە مىراسخورلۇق قىلىدىغان يەر ئەفرائىم بىلەن ماناسسەنىڭ زېمىنى ئىچىدە بولسۇن. 7بۇنداق قىلىشىمدىكى مەقسەت، ئاناڭ راھىلەنىڭ ۋەجىدىندۇر. مەن پاددان-ئاررامدىن قايتىپ كەلگىنىمدە، ئاناڭ قانان رايونىدىكى ئەفراتاغا بارىدىغان يول بويىدا مېنى ھەسرەتتە قالدۇرۇپ ۋاپات بولدى. مەن ئۇنى شۇ يەردىلا دەپنە قىلغانىدىم، _ دېدى. (ئەفراتا ھازىر «بەيتلەھەم» دەپ ئاتىلىدۇ.)

8ئىسرائىل يۈسۈپنىڭ ئوغۇللىرىنى كۆرۈپ:

_ بۇ بالىلار كىم؟ _ دەپ سورىدى.

9يۈسۈپ:

_ مېنىڭ ئوغۇللىرىم. مەن مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، خۇدا ماڭا بەرگەن بالىلار، _ دەپ جاۋاب بەردى.

ئىسرائىل يەنە:

_ ئۇلارنى يېنىمغا ئەكەل، ئۇلارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

10ئىسرائىل قېرىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، كۆزى تورلىشىپ ياخشى كۆرمەيتتى. يۈسۈپ بالىلىرىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئىسرائىل ئۇلارنى قۇچاقلاپ، سۆيۈپ قويۇپ، 11يۈسۈپكە:

_ ئەسلى سېنى قايتا كۆرىمەن، دەپ ئويلاپ باقمىغانىدىم. مانا ئەمدى خۇدا ماڭا سېنىڭ ئوغۇللىرىڭنىمۇ كۆرسەتتى! _ دېدى.

12يۈسۈپ ئىسرائىلنىڭ تىزىدىن ئىككى ئوغلىنى يەرگە چۈشۈرۈپ، ئۆزى ئاتىسىنىڭ ئالدىدا بېشىنى يەرگە تەگكۈدەك ئېگىپ تەزىم قىلدى. 13يۈسۈپ ئەفرائىمنى ئىسرائىلنىڭ سول يېنىغا، ماناسسەنى ئوڭ يېنىغا تۇرغۇزدى. 14لېكىن، ئىسرائىل ئىككى قولىنى ئالماشتۇرۇپ، ئوڭ قولىنى كىچىك نەۋرىسى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا، سول قولىنى چوڭ نەۋرىسى ماناسسەنىڭ بېشىغا قويۇپ، 15يۈسۈپكە بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

«بوۋىلىرىم ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق يېقىن ئەگەشكەن خۇدا

بۇ ئىككى نەۋرەمنى بەختلىك قىلغاي.

مېنى بۈگۈنگىچە يېتەكلەپ كەلگەن خۇدا

ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.

16 مېنى پۈتۈن بالا-قازالاردىن قۇتقۇزغان پەرىشتە

ئۇلارغا بەخت ئاتا قىلغاي.

مېنىڭ نامىم، ئاتا-بوۋام ئىبراھىم بىلەن ئىسھاقنىڭ نامى

بۇ بالىلار ئارقىلىق مەڭگۈ داۋاملاشقاي.

ئۇلار نۇرغۇن ئەۋلادلىق بولۇپ، يەر يۈزىدە گۈللەپ ياشنىغاي.»

17يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىغا قويغىنىنى كۆرۈپ، كۆڭلىدە نارازى بولغانىدى. شۇڭا، ئۇ ئاتىسىنىڭ ئوڭ قولىنى ئەفرائىمنىڭ بېشىدىن ماناسسەنىڭ بېشىغا يۆتكەپ قويماقچى بولۇپ، 18ئاتىسىغا:

_ ئاتا، بۇ ئىشىڭىز توغرا بولمىدى. چوڭى بۇ. ئوڭ قولىڭىزنى ئۇنىڭ بېشىغا قويغايسىز! _ دېدى.

19ئاتىسى رەت قىلىپ:

_ ئەي ئوغلۇم، بىلىمەن، بىلىمەن. ماناسسەنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ چوڭ خەلق بولىدۇ، لېكىن ئىنىسى ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بولىدۇ. ئىنىسىنىڭ ئەۋلادلىرى روناق تاپقان كۆپ خىل خەلقلەرگە ئايلىنىدۇ! _ دېدى.

20ئۇ كۈنى، ئىسرائىل ئۇلارغا بەخت تىلەپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

«كەلگۈسىدە ئىسرائىلنىڭ ئەۋلادلىرى كىشىلەرگە خەيرلىك دۇئا قىلغاندا، مۇنداق دېسۇن:

‹خۇدا سىلەرنى ئەفرائىم بىلەن ماناسسەگە ئوخشاش بەختلىك قىلغاي!›»

شۇنداق قىلىپ، ياقۇپ ئەفرائىمنى ئۇنىڭ ئاكىسى ماناسسەدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويدى.

21كېيىن، ئىسرائىل يۈسۈپكە:

_ مېنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشۈمگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسەن. لېكىن، خۇدا جەزمەن سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەرنى ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ زېمىنىغا قايتۇرۇپ كېتىدۇ. 22مەن ساڭا قېرىنداشلىرىڭغا قارىغاندا بىر ھەسسە ئارتۇق زېمىن بېرىمەن. ئۇ يەرنى مەن ئامورلارنىڭ قولىدىن قىلىچ ۋە ئوقيايىم بىلەن تارتىۋالغانىدىم، _ دېدى.



*5ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئەۋلادلىرى كېيىن ئىسرائىل خەلقىنىڭ 12قەبىلىسىنى تەشكىل قىلغان. ياقۇپنىڭ ئەفرائىم بىلەن ماناسسەنى ئوغلۇم دېيىشى بىلەن، ئۇلار كېيىن يۈسۈپنىڭ ئورنىغا 12قەبىلىنىڭ ئىككىسىنى تەشكىل قىلىپ، ئون ئىككىگە بۆلۈنگەن قانان زېمىنىنىڭ ئىككى پارچىسىگە ئىگە بولدى. ياقۇپنىڭ 12ئوغلىنىڭ ئۈچىنچىسى لاۋاينىڭ ئەۋلادلىرى بولسا كېيىن مەركىزىي ئىبادەتخانىدا خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلار بولۇپ، زېمىنغا ئىگە بولمىدى.



 

49

ياقۇپنىڭ ۋەسىيىتى

1ياقۇپ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ھەممىڭلار ئالدىمغا كېلىڭلار، سىلەرگە دۇچ كېلىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ قوياي!

2 «ئەي ئوغۇللىرىم، ھەممىڭلار كېلىپ قۇلاق سېلىڭلار.

ئاتاڭلار ئىسرائىلنىڭ سۆزلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ تىڭشاڭلار.

3 ئەي رۇبېن، سەن تۇنجى ئوغلۇمسەن،

سەن كۈچ-قۇدرىتىمسەن.

چوڭ بولۇپ تاپقان تۇنجى ئوغلۇمسەن،

ئوغۇللىرىم ئىچىدە ئەڭ غۇرۇرلۇقى ۋە كۈچلۈكى سەن.

4 بىراق، سەن كەلكۈندەك ئېقىپ، تۇتۇق بەرمىدىڭ!

سەن كىچىك خوتۇنۇم بىلەن بىر ئورۇندا يېتىپ،

كۆرپەمنى بۇلغىغاچقا، ئەمدى كاتتا كىشى بولالمايسەن.

5 شىمون بىلەن لاۋىي ئىتتىپاقداش بولۇپ،

ئۇلارنىڭ قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى.

6 قوشۇلمايمەن ئۇلارنىڭ يامان نىيىتىگە،

قاتناشمايمەن ئۇلارنىڭ سۇيىقەستلىك پىلانىغا،

چۈنكى ئۇلار دەرغەزەپتە ئادەم ئۆلتۈرۈپ،

بۇقىلارنىڭ پېيىنى خالىغىنىچە كەستى.

7 ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە،

شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە.

تارقىتىۋېتەرمەن، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى

ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.

8 ئەي يەھۇدا، قېرىنداشلىرىڭ سېنى ماختار.

سەن دۈشمەننىڭ گېلىنى سىقارسەن.

قېرىنداشلىرىڭ سېنىڭ ئالدىڭدا باش قويار.

9 يەھۇدا دۈشمىنىگە ياش شىردەك ئېتىلىدۇ.

ئۇنى مەغلۇپ قىلىپ، قايتىپ كېلىدۇ ئۇۋىسىغا.

سوزۇلۇپ ياتسا ئۇۋىسىدا،

كىممۇ ئۇنىڭغا تېگىشكە جۈرئەت قىلار؟

10 يەھۇدا تۇتار پادىشاھلىق ئەڭگۈشتىرىنى،

ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى يۈرگۈزەر ھاكىمىيەتنى.

كېيىن، پۈتكۈل ئەل قوشار تۆھپە ئۇنىڭغا، *

پۈتكۈل خەلق تەزىم قىلار ئۇنىڭغا.

11 ھەددى-ھېسابسىز باي بولغانلىقىدىن ئۇ،

غاجاپ قويۇشىغا قارىماي تەخىيىنىڭ،

باغلاپ قويار ئۇنى ئەڭ ياخشى ئۈزۈمگە.

كىيىملىرىنى يۇيار ئۈزۈم شارابىدا،

ئېسىل تونىنى يۇيار ئۈزۈم شەربىتىدە.

12 ئۇنىڭ كۆزلىرى مۇسەللەستىن قارا.

چىشلىرى سۈتتىنمۇ ئاق.

13 زەبۇلۇن تۇرار دېڭىز بويىدا،

ئۇ يەر كېمە پورتى بولار،

زېمىنى سىدون تەرەپكە سوزۇلار.

14 ئىسساكار گويا كۈچلۈك ئېشەك بولۇپ،

ئېغىلنىڭ ئىچىدە ياتار.

15 كۆرگەندە ئۇ دەم ئېلىش ئورنىنىڭ ياخشىلىقىنى

ۋە يېرىنىڭ مۇنبەتلىكىنى،

ئارتىپ يۈكنىڭ ئېغىرىنى مۈرىسىگە،

قۇل بولۇپ، جاپالىق ئىشقا مەجبۇر بولار.

16 دان ئىسرائىل قەبىلىسىدىن بىرى بولار،

ئۇ ئۆز خەلقىگە ئادىل ھۆكۈم قىلار.

17 ئۇ يىلاندەك يول بويلىرىدا،

زەھەرلىك يىلاندەك چىغىر يوللاردا،

چېقىپ ئاتنىڭ تۇيىقىنى،

ئارقىسىغا يىقىتار ئاتلىقلارنى.

18 ئى پەرۋەردىگارىم، قۇتقۇزۇشۇڭنى كۈتمەكتىمەن!

19گاد قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرار.

لېكىن، ئۇ كەينىدىن ھۇجۇم قىلىپ، زەربە بېرەر.

20 ئاشېرنىڭ زېمىنى بەئەينى مول ئاشلىق ئامبىرى بولۇپ،

پادىشاھلارنى ئۇ تەمىنلەر خاس لەززەتلىك تاماقلىرى بىلەن.

21 نافتالى ئەركىن ئانا كېيىكتۇر،

ئۇ تۇغار سۆيۈملۈك بالا كېيىكلەرنى.

22 يۈسۈپ مېۋىلىك دەرەختۇر.

ئۇ بۇلاققا يېقىندۇر.

ئۇنىڭ شاخلىرى ھالقىپ ئۆتەر تامدىن.

23 شىددەتلىك ھۇجۇم قىلار دۈشمەن ئوۋچىلىرى ئۇنىڭغا،

ئوقيالار دەھشەتلىك ئېتىلار ئۇنىڭغا،

24 لېكىن ئۇنىڭ يايى مەزمۇت يەنىلا،

ئۇنىڭ قوللىرى كۈچلۈك يەنىلا.

تايانغاچقا ئۇ ياقۇپ ئېتىقاد قىلغان قادىر خۇداغا،

يەنى ئىسرائىلنىڭ پادىچىسىغا، قورام تېشىغا.

25 ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدا ساڭا ياردەم قىلار،

ھەممىگە قادىر خۇدا سېنى بەختلىك قىلار.

ئۇ ساڭا خاسىيەتلىك يامغۇر ياغدۇرۇپ،

يەردىكى بۇلاقلارنى تەقدىم قىلار.

ئات-كالىلىرىڭنى ھەم ئاۋۇتۇپ،

ئەۋلادلىرىڭنى ھەسسىلەپ كۆپەيتەر.

26 ئاتاڭ خۇدادىن ئېرىشكەن بۇ بەخت،

قەدىمكى تاغ چوققىلىرىدىنمۇ،

ئېدىرلىقلاردىكى بايلىقلاردىنمۇ بۈيۈكتۇر.

مانا بۇ بەخت-سائادەت يۈسۈپنىڭ بېشىغا،

يەنى قېرىنداشلىرىدىن تاللانغىنىغا قونار.

27 بىنيامىن گويا يىرتقۇچ چىلبۆرە.

ئۇ ئەتىگىنى تۇتقىنىنى يالماپ،

كېچىسى ئولجىلارنى بۆلەر.»

28ئىسرائىلنىڭ بۇ ئون ئىككى ئوغلى ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بوۋىلىرى بولدى. بۇ سۆزلەر _ ياقۇپنىڭ ھەربىر ئوغلىغا قىلغان لايىق خەيرلىك دۇئاسىدۇر.

ياقۇپنىڭ ۋاپاتى

29ياقۇپ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دەپ تاپىلىدى:

_ ئەجدادلىرىمنىڭ قېشىغا كېتىدىغانغا ئاز قالدىم. سىلەر مېنى ئاتا-بوۋىلىرىمنىڭ يېنىغا، يەنى خىتلاردىن بولغان ئەفروننىڭ ئېتىزلىقىدىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلىڭلار. 30بۇ ئۆڭكۈر قاناندىكى مامرەنىڭ شەرق تەرىپىدىكى ماكپېلاھ يېزىسىدا بولۇپ، ئىبراھىم ئۇ ئۆڭكۈر بىلەن يەرنى خىتلاردىن بولغان ئەفروندىن يەرلىك قىلىش ئۈچۈن سېتىۋالغانىدى. 31ئىبراھىم ۋە ئايالى سارە ئۇ يەرگە قويۇلغان. ئىسھاق ۋە ئايالى رىبەقامۇ ئۇ يەرگە قويۇلغان. مەن لېياھنىمۇ ئۇ يەرگە دەپنە قىلدىم. 32ئۇ يەر بىلەن ئۆڭكۈر خىتلاردىن سېتىۋېلىنغان بولۇپ، سىلەر مېنى شۇ يەرگە قويۇڭلار. 33ياقۇپ ئوغۇللىرىغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يېتىپلا، نەپىسى توختاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى.



*10ياكى: يەھۇدا تۇتار پادىشاھلىق ئەڭگۈشتىرىنى،



 

50

ياقۇپنىڭ دەپنە قىلىنىشى

1يۈسۈپ ئاتىسىنىڭ جەسىتىگە ئۆزىنى تاشلاپ، ھەسرەت بىلەن يىغلاپ، ئۇنىڭ يۈزىنى سۆيدى. 2كېيىن، يۈسۈپ قول ئاستىدىكى تېۋىپلىرىغا ئاتىسىنىڭ جەسىتىنى موملاشنى بۇيرۇدى. 3ئۇلار ئادەتلىرى بويىچە قىرىق كۈن ئىچىدە جەسەتنى چىرىشتىن ساقلاش خىزمىتىنى تاماملىدى. مىسىرلىقلار ئۇنىڭغا يەتمىش كۈن ماتەم تۇتتى.

4قارىلىق تۇتۇش مەزگىلى ئۆتكەندىن كېيىن، يۈسۈپ پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرىغا:

_ ئېغىر كۆرمىسەڭلار، پادىشاھقا مۇنداق دەڭلار: 5«ئاتام جان ئۈزۈش ئالدىدا مېنى ئۆزىنى قاناندا تەييارلاپ قويغان يەرلىككە قويۇشۇمغا قەسەم قىلدۇرغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ماڭا ئىجازەت بەرسە، ئۇ يەرگە بېرىپ ئاتامنى دەپنە قىلىپ كەلسەم»، _ دېدى.

6پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ بارسۇن، ئاتىسىغا بەرگەن قەسىمى بويىچە دەپنە قىلسۇن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

7بۇنىڭ بىلەن، يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلغىلى كەتتى. پادىشاھنىڭ بارلىق خىزمەتچىلىرى، ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە مىسىردىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابلار يۈسۈپ بىلەن بىللە بېرىشتى. 8يۈسۈپنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى، قېرىنداشلىرى ۋە ئاتىسىنىڭ جەمەتلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. پەقەت يۈسۈپنىڭ كىچىك بالىلىرى ۋە قوي-كالىلىرىلا گوشەندە قالغانىدى. 9ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلارنىڭ ئىچىدە يەنە جەڭ ھارۋىلىرىغا ئولتۇرغانلار ۋە ئاتلىقلارمۇ بار ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار گويا چوڭ بىر قوشۇندەك بولدى.

10ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ نېرىسىدىكى ئاتاد دېگەن يەردىكى خامانغا كەلگەندە، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. يۈسۈپلەر ئۇ يەردە يەتتە كۈن ھازا تۇتتى. 11بۇنى كۆرگەن قانانلىقلار: «مىسىرلىقلارنىڭ دەپنە مۇراسىمى نېمىدېگەن داغدۇغىلىق» دېيىشكەنىدى. شۇڭا، بۇ يەرگە ئابېل-مىزرائىم [مەنىسى «مىسىرلىقلارنىڭ ھازا تۇتۇشى»] دەپ نام قويۇلدى.

12شۇنداق قىلىپ، ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئاتىسىنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە 13ئۇنىڭ جەسىتىنى قانانغا ئاپىرىپ، مامرەنىڭ شەرقىدىكى ماكپېلاھتىكى ئۆڭكۈرگە دەپنە قىلدى. بۇ ئۆڭكۈر ئىبراھىم خىت قەبىلىسىدىن بولغان ئەفروندىن قەبرىستانلىق ئۈچۈن سېتىۋالغان ئېتىزلىقتا ئىدى. 14يۈسۈپ ئاتىسىنى دەپنە قىلىپ بولۇپ، ئۆز قېرىنداشلىرى ۋە دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە مىسىرغا قايتىپ كەلدى.

يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرىنى خاتىرجەم قىلىشى

15يۈسۈپنىڭ ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى: «ئەگەر يۈسۈپ كۆڭلىدە بۇرۇن ئۇنىڭغا يامانلىق قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئاداۋەت ساقلاپ، بىزدىن ئىنتىقام ئالىمەن دېسە، قانداق قىلىمىز؟» دەپ ئويلاشقانىدى. 16شۇڭا، ئۇلار بىر كىشى ئارقىلىق يۈسۈپكە:

_ ئاتىمىز جان ئۈزۈش ئالدىدا، 17بىزگە ساڭا بۇنى ئېيتىپ قويۇشىمىزنى تاپىلىغان: «ئاكىلىرىڭ ساڭا يامانلىق قىلىپ قويدى. ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىۋەت». شۇنىڭ ئۈچۈن، سەندىن بىزنىڭ خاتالىقىمىزنى كەچۈرۈم قىلىشىڭنى سورايمىز. بىز بولساق ئاتاڭ ئىبادەت قىلغان خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، _ دەپ سۆز يەتكۈزدى.

يۈسۈپ بۇ سۆزنى ئاڭلاپ يىغلىۋەتتى.

18ئاندىن، يۈسۈپنىڭ قېرىنداشلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ، بېشى يەرگە تەگكۈچە تەزىم قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ بىز سېنىڭ قۇلۇڭ بولايلى!

19يۈسۈپ ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار! مەن ھۆكۈم قىلىپ جازالايدىغان خۇدا ئەمەسمەن! 20سىلەر ئەسلىدە ماڭا زىيانكەشلىك قىلماقچىدىڭلار، لېكىن خۇدا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، يامان ئىشىڭلارنى ياخشى ئىشقا ئايلاندۇردى. بۈگۈن مانا شۇنچە نۇرغۇن كىشىلەر ھايات قالدى. 21سىلەر قورقماڭلار. مەن چوقۇم سىلەرگىمۇ پەرزەنتلىرىڭلارغىمۇ غەمخورلۇق قىلىمەن، _ دېدى.

يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا مېھرىبانلىق بىلەن تەسەللى بېرىپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلدى.

يۈسۈپنىڭ ئالەمدىن ئۆتۈشى

22يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئۇرۇق-جەمەتى مىسىردا ئولتۇراقلىشىپ قالغانىدى. يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. 23ئۇنىڭ ئۆمرى شۇنچىلىك ئۇزۇن بولدىكى، ئۇ ھەتتا ئوغلى ئەفرائىمنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلادىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولغان. يۈسۈپ ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئۆز قوينىغا ئالغان. 24ئۇ قېرىنداشلىرىغا:

_ مەن ئالەمدىن ئۆتۈشكە ئاز قالدىم. خۇدا چوقۇم سىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ، سىلەرنى بۇ يەردىن ئېلىپ، ئىبراھىمغا، ئىسھاققا ۋە ياقۇپقا ۋەدە قىلىپ بەرمەكچى بولغان زېمىنغا باشلاپ بارىدۇ، _ دېدى.

25يۈسۈپ قېرىنداشلىرىغا يەنە:

_ خۇدا سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىپ، سىلەرنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كەتكەن ۋاقىتتا، مېنىڭ جەسىتىمنى بىللە ئېلىپ كېتىشكە مېنىڭ ئالدىمدا قەسەم قىلىڭلار! _ دېدى.

26يۈسۈپ بىر يۈز ئون يېشىدا مىسىردا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇلار ئۇنىڭ جەسىتىنى چىرىشتىن ساقلاش ئۈچۈن موملاپ، ساندۇققا سېلىپ قويدى.