« ۋەھىيلەر »




1

1مەزكۇر كىتاب ئەيسا مەسىھنىڭ ۋەھىيسىدۇر. خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئەيسا مەسىھكە بۇ ۋەھىينى چۈشۈردى. مەسىھ بۇنى ئۆز پەرىشتىسى ئارقىلىق خىزمەتكارى يۇھانناغا ئايان قىلدى. 2يۇھاننا خۇدانىڭ سۆزى _ ئەيسا مەسىھ بەرگەن گۇۋاھلىققا، كۆرگەنلىرىنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھلىق بەردى. 3بۇ ۋەھىيلەرنى ئوقۇپ بەرگەن ۋە ئۇنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر.

يۇھاننانىڭ يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام يوللىشى

4مەنكى يۇھاننادىن ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە سالام! ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچىدىن، ئۇنىڭ تەختىنىڭ ئالدىدىكى يەتتە روھتىن،*5سادىق گۇۋاھچى، ئۆلۈمدىن تۇنجى تىرىلگۈچى، دۇنيا پادىشاھلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئەيسا مەسىھتىن سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق بولغاي.

ئۇ بىزنى سۆيدى، ئۆز قېنى بىلەن بىزنى گۇناھلىرىمىزدىن ئازاد قىلدى، 6بىزنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ، ئۆز ئاتىسى خۇدانىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدى. بارلىق شان-شەرەپ ۋە كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

7مانا، ئۇ بۇلۇتلار ئۈستىدە كەلمەكتە. ھەممە كۆزلەر، ھەتتا ئۇنىڭ تېنىنى نەيزىلىگەنلەرمۇ ئۇنى كۆرىدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر ئۇنىڭ ئۈچۈن ھازا تۇتىدۇ. بۇ ئىش جەزمەن بولىدۇ، ئامىن!

8پەرۋەردىگار خۇدا دەيدۇكى: «باش ۋە ئاخىر ئۆزۈمدۇرمەن. ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان ھەم مەڭگۈ بار بولغۇچىمەن، شۇنداقلا ھەممىگە قادىردۇرمەن.»

تىرىلگەن مەسىھنىڭ يۇھانناغا كۆرۈنۈشى

9مەن قېرىندىشىڭلار يۇھاننامەن. بىز ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەتكە، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا ۋە سەۋر-تاقەتكە ئورتاقمىز. خۇدانىڭ سۆزى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقىنى تارقاتقانلىقىم ئۈچۈن، بىر مەزگىل پاتموس ئارىلىدا مەھبۇس بولۇپ تۇرۇپ قالغاندىم. 10رەببىمىزنىڭ كۈنىدە* مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، كەينىمدىن كەلگەن كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئۈنلۈك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 11بۇ ئاۋاز: «كۆرىدىغانلىرىڭنى كىتاب قىلىپ ياز ۋە ئۇنى يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە، يەنى ئەفەس، ئىزمىر، پەرگاما، تىياتىرا، ساردىس، فىلادېلفىيە ۋە لائودىكىيا شەھەرلىرىگە ئەۋەت» دېگەنىدى.

12ماڭا سۆزلىگۈچىنى كۆرۈش ئۈچۈن كەينىمگە بۇرۇلدۇم. بۇرۇلغىنىمدا، كۆزۈمگە يەتتە ئالتۇن چىراغدان 13ۋە ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇچىسىدىكى تونى ئوشۇقىغىچە چۈشۈپ تۇرىدىغان، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى كۆرۈندى. 14ئۇنىڭ چېچى ئاق يۇڭ ۋە قاردەك ئاپئاق ئىدى. كۆزلىرى گويا يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتتەك ئىدى. 15پۇتلىرى ئوچاقتا تاۋلىنىپ پارقىرىغان تۇچقا ئوخشايتتى، ئاۋازى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شاۋقۇنىدەك ئىدى. 16ئۇ ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇز تۇتقان بولۇپ، ئاغزىدىن ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. چىرايى خۇددى چىڭقى چۈش ۋاقتىدىكى قۇياشتەك پارلاق ئىدى.

17ئۇنى كۆرگىنىمدە، ئايىغىغا ئۆلۈكتەك يىقىلدىم. ئۇ ئوڭ قولىنى ئۇچامغا قويۇپ مۇنداق دېدى:

_ قورقما، تۇنجى ۋە ئاخىرقى مەن بولىمەن. 18ھايات بولغۇچى ئۆزۈمدۇرمەن. مەن ئۆلگەنىدىم، لېكىن ئەمدى مەڭگۈ ھايات ياشايمەن. ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىنىڭ ئاچقۇچى مېنىڭ قولۇمدا. 19شۇنىڭ ئۈچۈن، كۆرگەنلىرىڭنى، يەنى ھازىر بولۇۋاتقان ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارنى يېزىپ قالدۇر. 20يەتتە ئالتۇن چىراغدان ۋە سەن ئوڭ قولۇمدا كۆرگەن يەتتە يۇلتۇزنىڭ سىرىغا كەلسەك، يەتتە يۇلتۇز يەتتە ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىلىرى. يەتتە چىراغدان بولسا يەتتە جامائەتچىلىكتۇر.



*4«يەتتە» دېگەن ساننىڭ كامالەتكە يەتكەن، مۇكەممەل دېگەن مەنىسى بار بولۇپ، «يەتتە روھ» خۇدانىڭ مۇقەددەس روھىنى كۆرسىتىدۇ.

*10«رەببىمىزنىڭ كۈنى» ھەپتىنىڭ باشلىنىش كۈنىنى، يەنى يەكشەنبە كۈنىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ كۈندە ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلگەن.



 

2

ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

1_ ئەفەستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە* مۇنداق ياز:

«ئوڭ قولىدا يەتتە يۇلتۇزنى تۇتۇپ، يەتتە ئالتۇن چىراغداننىڭ ئوتتۇرىسىدا ماڭغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 2سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، تىرىشچانلىقىڭنى، سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. رەزىل ئادەملەرنىڭ قىلمىشلىرىغا چىداپ تۇرالمايدىغانلىقىڭنى، ئەلچى بولمىسىمۇ ئۆزلىرىنى ئەلچى، دەپ ئاتىۋالغانلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ ساختىلىقىنى تونۇغانلىقىڭنىمۇ بىلىمەن. 3شۇنداق، سەن سەۋر-تاقەت قىلدىڭ، ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان جاپا-مۇشەققەتكە بەرداشلىق بەردىڭ ۋە ھارمىدىڭ. 4لېكىن ساڭا بىر ئېتىرازىم باركى، ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببىتىڭ دەسلەپكىدىن سۇسلاشتى. 5شۇنىڭ ئۈچۈن، قانچىلىك ھالەتكە چۈشۈپ قالغانلىقىڭغا نەزەر سال! توۋا قىل ۋە دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭنى ئەسلىگە كەلتۈر. ئەگەر توۋا قىلمىساڭ، مەن كېلىپ چىراغدىنىڭنى ئورنىدىن ئېلىپ كېتىمەن. 6بىراق، سېنىڭ بىر ئارتۇقچىلىقىڭ باركى، ئۇ بولسىمۇ، سەنمۇ ماڭا ئوخشاش نىكولاس* تەرەپدارلىرىنىڭ قىلمىشلىرىدىن نەپرەتلەندىڭ.

7مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت! غەلىبە قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ جەننىتىدىكى ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىنى يېيىش ھوقۇقىنى بېرىمەن.»

ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

8_ ئىزمىردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:

«تۇنجى ۋە ئاخىرقى، ئۆلۈپ تىرىلگۈچى مۇنداق دەيدۇ: 9سېنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىڭنى ۋە نامراتلىقىڭنى بىلىمەن، لېكىن ئەمەلىيەتتە سەن باي. ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەۋالغانلارنىڭ تۆھمەتلىرىنى بىلىمەن. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار يەھۇدىي ئەمەس، بەلكى شەيتاننىڭ گۇرۇھىدىكىلەردۇر. 10كەلگۈسىدە چېكىدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قورقما. بىلىپ قويغىنكى، شەيتان ئاراڭلاردىن بەزىلەرنى يېقىندا زىندانغا تاشلىتىپ سىنىماقچى. سىلەر ئون كۈنگىچە قىينىلىسىلەر. تاكى ئۆلگۈچە ماڭا سادىق بول. شۇ چاغدا، مەن ساڭا ھاياتلىق تاجىنى كىيدۈرىمەن.

11مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلار ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ زىيىنىغا ھەرگىز ئۇچرىمايدۇ.»

پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

12_ پەرگامادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:

«ئىككى بىسلىق ئۆتكۈر قىلىچى بار بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: 13سېنىڭ شەيتاننىڭ تەختى ئورۇنلاشقان يەردە تۇرىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداقتىمۇ، سەن مېنىڭ نامىمغا سادىق بولۇپ كەلدىڭ. ھەتتا ئاراڭدىكى ئىشەنچلىك گۇۋاھچىم ئانتىپا مۇشۇ شەيتاننىڭ ماكانىدا قەتل قىلىنغان كۈنلەردىمۇ ماڭا ئېتىقاد قىلغانلىقىڭنى ئىنكار قىلمىدىڭ. 14لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئاراڭلاردا بىلئامنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەر بولماقتا. بىلئام بالاق دېگەن ئادەمگە ئىسرائىللارنى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ئازدۇرۇشنى ئۆگەتكەنىدى. 15شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا نىكولاس تەرەپدارلىرىنىڭ تەلىمىگە ئەگەشكەنلەرمۇ بار. 16شۇنىڭ ئۈچۈن، توۋا قىل. ئۇنداق قىلمىساڭ، يېنىڭغا دەرھال بېرىپ، ئاغزىمدىكى قىلىچىم بىلەن ساڭا زەربە بېرىمەن.

17مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭدا چىڭ تۇت. غەلىبە قىلغۇچىلارغا ساقلاقلىق ماننادىن* بېرىمەن. ئۇلارغا يەنە بىردىن ئاق تاش ۋە بۇ تاشلارنىڭ ئۈستىگە يېزىلغان يېڭى بىر ئىسىمنى، يەنى بۇنى قوبۇل قىلغۇچىلاردىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىمنى بېرىمەن.»

تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

18_ تىياتىرادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:

«خۇدانىڭ كۆزلىرى يالقۇنلىغان ئوتقا ۋە پۇتلىرى پارقىراق تۇچقا ئوخشايدىغان ئوغلى مۇنداق دەيدۇ: 19سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنى، ئېتىقادىڭنى، ئەجرىڭنى ۋە سەۋر-تاقىتىڭنى بىلىمەن. ھازىرقى ئەمەلىيىتىڭنىڭ دەسلەپكى ئەمەلىيىتىڭدىن ئېشىپ چۈشۈۋاتقانلىقىنىمۇ بىلىمەن. 20لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا. 21مەن ئۇنىڭ توۋا قىلىشى ئۈچۈن پۇرسەت بەرگەنىدىم، لېكىن ئۇ جىنسىي ئەخلاقسىزلىقىغا توۋا قىلىشنى خالىمىدى. 22ئەمدى ئۇنى ئېغىر كېسەل قىلىپ ياتقۇزۇۋېتىمەن. ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغانلار قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىسا، ئۇلارنىمۇ ئېغىر ئازابقا مۇپتىلا قىلىمەن. 23ئۇنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئەجەللىك كېسەل بىلەن ھالاك قىلىمەن. ئۇ چاغدا، پۈتكۈل ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرى ۋە قەلبىنى ياخشى بىلگۈچىنىڭ ئۆزۈم ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىمەن ھەمدە ھەربىرىڭلارغا قىلغان ئەمەلىيىتىڭلارغا يارىشا ياندۇرىمەن.

24-25لېكىن، تىياتىرادىكى بۇ تەلىمنى قوبۇل قىلمىغان ۋە شەيتاننىڭ ئاتالمىش «چوڭقۇر سىرلىرى»نى ئۆگەنمىگەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى: ئۆزۈڭلاردا بار بولغاننى مەن كەلگۈچە چىڭ ساقلاڭلار. سىلەرگە بۇنىڭدىن باشقا تەلەپ قويمايمەن. 26كىم غەلىبە قىلسا، يەنى ئەمرلىرىمگە ئاخىرغىچە ئەمەل قىلسا، ئۇنىڭغا پۈتكۈل خەلقلەرگە ھاكىم بولۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 27مانا بۇ، ئاتام ماڭا بەرگەن ھوقۇققا ئوخشاش ھوقۇقتۇر. زەبۇردا يېزىلغاندەك:

«ئۇ ئۇلارنى* تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرۇپ،

ساپال قاچىلارنى ئۇرۇپ چاققاندەك تارمار قىلىدۇ.»

28غەلىبە قىلغۇچىلارغا يەنە تاڭ يۇلتۇزىنى ئاتا قىلىمەن. 29مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!»



*1ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ باشلامچىسى كۆرسىتىلىشى مۇمكىن.

*6بۇ ئادەم قۇتقۇزۇلغانلارنىڭ بۇتپەرەسلىك ۋە ئەخلاقسىزلىق قىلىش ئەركىنلىكىنىڭ بارلىقىنى تەرغىب قىلاتتى.

*17«مىسىردىن چىقىش» 16-باب، 32 _ 36-ئايەتلەرگە ۋە «يۇھاننا» 6-باب، 48 _ 58-ئايەتلەرگە قارالسۇن.

*27بۇ ئايەت زەبۇر 2-باب 9-ئايەتتىن ئېلىنغان بولۇپ، بۇ يەردىكى «ئۇلار» خۇدا بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنى كۆرسىتىدۇ.



 

3

ساردىستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

1_ ساردىستىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:

«خۇدانىڭ يەتتە روھىغا ۋە يەتتە يۇلتۇزغا ئىگە بولغۇچى مۇنداق دەيدۇ: سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. ھايات جامائەتچىلىك، دەپ نام ئېلىپسەن، لېكىن ئۆلۈكسەن. 2شۇڭا، ئۇيقۇڭنى ئېچىپ، كىچىككىنە ھەم يوقاپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان ئېتىقادىڭنى كۈچەيت. چۈنكى، خۇدايىم ئالدىدا ئەمەلىيىتىڭنىڭ تېخى تۈگەل ئەمەسلىكىنى بىلدىم. 3شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىغان ۋە قوبۇل قىلغان تەلىملەرنى ئېسىڭدە تۇت. ئۇلارغا ئەمەل قىل، توۋا قىل. ئەگەر ئويغانمىساڭ، مېنىڭ كېلىشىم ساڭا خۇددى ئوغرىنىڭ كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا كەلگىنىدەك تۇيۇقسىز بىلىنىدۇ. مېنىڭ كېلىدىغان ۋاقىت-سائىتىمنى ھەرگىز بىلەلمەيسەن.

4لېكىن، ئاراڭلاردا ئۆزلىرىگە داغ تەگكۈزمىگەن يەنە بىرنەچچەيلەن بار. ئۇلار ئاق تون كىيىپ، مەن بىلەن بىللە يۈرىدۇ. چۈنكى، ئۇلار بۇنىڭغا لايىقتۇر. 5غەلىبە قىلغۇچىلار مانا شۇنداق ئاق تون كىيىدۇ. ئۇلارنىڭ نامىنى ھاياتلىق دەپتىرىدىن ھەرگىز ئۆچۈرمەيمەن. ئۇلارنىڭ نامىنى ئاتام خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇق ئېتىراپ قىلىمەن. 6مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!»

فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

7_ فىلادېلفىيىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:

«مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك، قولىدا داۋۇتنىڭ ئاچقۇچى* بولغان، ئىشىكنى ئاچسام ھېچكىم ياپالمايدۇ، ياپسام ھېچكىم ئاچالمايدۇ دېگۈچى مۇنداق دەيدۇ: 8سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. كۈچۈڭ ئاجىز بولسىمۇ، تەلىمىمگە ئەمەل قىلدىڭ ۋە نامىمنى ئىنكار قىلمىدىڭ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئالدىڭدا ھېچكىم ياپالمايدىغان بىر ئىشىكنى ئېچىپ قويدۇم. 9قارا، شەيتان گۇرۇھىدىكىلەرگە، ئۆزلىرىنى يەھۇدىي دەپ ئاتىۋالغان، ئەمەلىيەتتە يەھۇدىي ئەمەس ئالدامچىلارنى شۇنداق ئاقىۋەتكە قالدۇرىمەنكى، ئۇلار كېلىپ سېنىڭ ئايىغىڭغا يىقىلىدۇ ۋە مېنىڭ سېنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىمنى كۆرىدۇ. 10بەرداشلىق بېرىش ھەققىدىكى ئەمرىمگە ئەمەل قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، بۇ دۇنيادىكى ئىنسانلارنى سىناش مەقسىتىدە پۈتۈن يەر يۈزىگە بالايىئاپەت چۈشۈرۈلىدىغان ۋاقىتتا سېنى ئۇنىڭدىن قوغداپ قالىمەن.

11تۇيۇقسىز كېلىمەن. تاجىڭنى باشقىلارنىڭ تارتىۋالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزۈڭدە بار بولغاننى چىڭ ساقلا. 12غەلىبە قىلغۇچىنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا تۈۋرۈك قىلىمەن. بۇنداق ئادەم ئۇ يەردىن ئەسلا كەتمەيدۇ. ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا خۇدايىمنىڭ نامىنى، خۇدايىمنىڭ شەھىرىنىڭ نامىنى، يەنى ئەرشتىن _ خۇدانىڭ يېنىدىن چۈشىدىغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ نامىنى ۋە مېنىڭ يېڭى نامىمنى يازىمەن. 13مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!»

لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە يېزىلغان خەت

14_ لائودىكىيادىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ پەرىشتىسىگە مۇنداق ياز:

«ئامىن ئاتالغۇچى،* يەنى سادىق ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاھچى، خۇدا ياراتقان مەۋجۇداتلارنىڭ مەنبەسى مۇنداق دەيدۇ: 15سېنىڭ ئەمەلىيىتىڭنى بىلىمەن. سەن ئېتىقادتا سوغۇقمۇ ئەمەس، قىزغىنمۇ ئەمەس. يا سوغۇق، يا قىزغىن بولساڭچۇ كاشكى. 16سەن يا سوغۇق يا قىزغىن ئەمەس، بەلكى ئىلمان سۇدەك بولغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنى ئاغزىمدىن تۈكۈرۈپ چىقىرىۋېتىمەن. 17بايمەن، باياشاتلىقتا ياشاۋاتىمەن، ھېچ نەرسىگە ھاجەت ئەمەسمەن دەيسەن. لېكىن، بىچارە، ئېچىنىشلىق، نامرات، كور ۋە يالىڭاچ ئىكەنلىكىڭنى بىلمەيسەن. 18شۇڭا، باي بولۇشۇڭ ئۈچۈن ئوت بىلەن تاۋلانغان ئالتۇن، يالىڭاچلىق ئەيىبىڭنى يېپىشىڭ ئۈچۈن كىيىدىغان ئاق كىيىم-كېچەك، كۆرۈشۈڭ ئۈچۈن كۆزلىرىڭگە سۈرتىدىغان مەلھەملەرنى مەندىن سېتىۋېلىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن. 19مەن ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئەيىبىنى كۆرسىتىپ تەربىيىلەيمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، قىزغىن بولۇپ، گۇناھلىرىڭغا توۋا قىل. 20قارا، مەن ھازىر ئىشىك ئالدىدا تۇرۇپ، ئىشىكنى قېقىۋاتىمەن. ئەگەر بىرى ئاۋازىمنى ئاڭلاپ ئىشىكنى ئاچسا، ئۇنىڭ يېنىغا كىرىمەن. مەن ئۇنىڭ بىلەن، ئۇمۇ مەن بىلەن بىللە غىزالىنىدۇ. 21مەن غەلىبە قىلىپ، ئاتامنىڭ تەختىدە ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇردۇم. شۇنىڭ ئۈچۈن، مەنمۇ غەلىبە قىلغۇچىلارغا تەختىمدە مەن بىلەن بىرگە ئولتۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىمەن. 22مۇقەددەس روھنىڭ جامائەتچىلىكلەرگە دېگەنلىرىنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!»



*7ئەيسا مەسىھ جىسمانىي جەھەتتە داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش دەرۋازىسىنىڭ ئاچقۇچىدۇر.

*14«ئامىن» سۆزىنىڭ مەنىسى «شۇنداق بولسۇن» بولۇپ، بۇ يەردە ئەيسا مەسىھنىڭ خۇدانىڭ بارلىق ۋەدە ۋە پىلانلىرىنىڭ «ئامىن»ى، يەنى ئۇلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنىڭ كاپالىتى ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.



 

4

ئەرشتىكى ئىبادەت

1ئاندىن، ئاسماندا ئوچۇق بىر ئىشىكنى كۆردۈم. مەن بۇرۇن ئاڭلىغان كاناي ئاۋازىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئاۋاز: «بۇ ياققا چىق، ساڭا بۇنىڭدىن كېيىن يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى كۆرسىتەي» دېدى. 2مۇقەددەس روھنىڭ مېنى دەرھال ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن ئەرشتە بىر تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغان بىرىنى كۆردۈم. 3تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ قىياپىتى يېشىل قاشتاش ۋە قىزىل كۋارتسقا ئوخشايتتى. زۇمرەتنى ئەسلىتىدىغان بىر ھەسەن-ھۈسەن تەختنى ئوراپ تۇراتتى. 4تەختنىڭ ئەتراپىدا يەنە يىگىرمە تۆت تەخت بار ئىدى. تەختلەردە باشلىرىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، ئاق تونغا ئورانغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئولتۇراتتى. 5تەختتىن چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. تەختنىڭ ئالدىدا يالقۇنلاپ تۇرغان يەتتە مەشئەل بار ئىدى. بۇلار خۇدانىڭ يەتتە روھى ئىدى. 6تەختنىڭ ئالدىدا يەنە خۇددى خرۇستالدەك پارقىراپ تۇرىدىغان، ئەينەكتەك سۈزۈك دېڭىزغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. تەختنىڭ ھەربىر تەرىپىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئالدى ۋە كەينىدە نۇرغۇن كۆزلىرى بار تۆت تىرىك مەخلۇق تۇراتتى. 7بىرىنچى مەخلۇق شىرغا، ئىككىنچى مەخلۇق بۇقىغا ئوخشايتتى. ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ يۈزى ئادەمنىڭ چىرايىغا ئوخشايتتى. تۆتىنچى مەخلۇق ئۇچۇۋاتقان بۈركۈتكە ئوخشايتتى. 8تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ھەربىرىنىڭ ئالتىدىن قانىتى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنى، ھەتتا قانات ئاستىمۇ كۆزلەر بىلەن تولغانىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز تىنماي مۇنداق دېيىشەتتى:

«مۇقەددەس، مۇقەددەس، مۇقەددەستۇر،

ئەزەلدىن بار بولغان، ھازىرمۇ بار ھەم كەلگۈسىدە كەلگۈچى

ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا!»

9تىرىك مەخلۇقلار تەختتە ئولتۇرغان ئەبەدىلئەبەد ھايات بولغۇچىنى ئۇلۇغلاپ، ئۇنىڭغا ھۆرمەت ۋە تەشەككۈر ئىزھار قىلغىنىدا، 10يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئايىغىغا باش قويۇپ سەجدە قىلاتتى. تاجلىرىنى تەختنىڭ ئالدىغا قويۇشۇپ، مۇنداق دېيىشەتتى:

11«پەرۋەردىگارىمىز ۋە خۇدايىمىز!

شان-شەرەپ، ھۆرمەت ۋە قۇدرەتكە لايىقسەن.

چۈنكى، ھەممىنى سەن ياراتتىڭ.

ھەممە شەيئى خاھىشىڭ بىلەن يارىتىلىپ ۋۇجۇدقا كەلدى.» 




5

p class=”zhenzhu”>قوزىنىڭ ئورام يازمىنى قولىغا ئېلىشى

1ئاندىن تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدا ھەر ئىككى يۈزىگە خەت يېزىلغان ۋە يەتتە مۆھۈر بىلەن پېچەتلەنگەن بىر ئورام يازمىنى كۆردۈم. 2يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورام يازما ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا كىم لايىقتۇر؟» دەپ توۋلىغان كۈچلۈك بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. 3لېكىن، نە ئەرشتە، نە يەر يۈزىدە، نە يەر ئاستىدا ئورام يازمىنى ئېچىپ ئوقۇيالايدىغان بىرەرسى چىقمىدى. 4ئورام يازمىنى ئېچىش ۋە ئوقۇشقا لايىق بىرەرسى چىقمىغاچقا، قاتتىق يىغلىۋەتتىم. 5بۇنىڭ بىلەن، يېتەكچىلەردىن بىرى ماڭا:

_ يىغلىما! قارا، يەھۇدا قەبىلىسىدىن كەلگەن شىر _ داۋۇتنىڭ نوتىسى* غەلىبە قىلدى. ئورام يازمىنى ۋە ئۇنىڭ يەتتە پېچىتىنى ئېچىشقا ئۇ قادىر، _ دېدى.

6ئاندىن، بىر قوزىنىڭ يېتەكچىلەر قورشاپ تۇرغان تەخت بىلەن تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ئارىلىقىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. قارىماققا، ئۇ بۇرۇن بوغۇزلانغاندەك قىلاتتى. قوزىنىڭ يەتتە مۈڭگۈزى ۋە يەتتە كۆزى بار بولۇپ، بۇ كۆزلەر خۇدانىڭ پۈتكۈل دۇنىياغا ئەۋەتكەن يەتتە روھى ئىدى. 7قوزا بېرىپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ ئوڭ قولىدىن ئورام يازمىنى ئالدى. 8يازمىنى ئالغاندا، تۆت تىرىك مەخلۇق ۋە يىگىرمە تۆت يېتەكچى ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدى. ئۇلارنىڭ ھەربىرىنىڭ قولىدا چىلتار* ۋە ئىسرىق بىلەن تولغان ئالتۇن تاۋاق بار ئىدى. بۇ ئىسرىق خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى ئىدى. 9ئۇلار يېڭى بىر قوشاق ئېيتىشتى:

«ئورام يازمىنى ئېلىشقا

ۋە پېچەتلەرنى ئېچىشقا لايىقسەن.

چۈنكى بوغۇزلاندىڭ

ۋە ھەر قەبىلىدىن، ھەر تىلدىن،

ھەر مىللەتتىن، ھەر خەلقتىن بولغان ئىنسانلارنى

ئۆز قېنىڭ بەدىلى بىلەن خۇداغا مەنسۇپ قىلدىڭ.

10ئۇلارنى بىر پادىشاھلىق قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇپ،

خۇدايىمىزنىڭ خىزمىتىدىكى روھانىي قىلدىڭ.

ئۇلار يەر يۈزىدە ھۆكۈم سۈرگۈسى.»

11ئاندىن، تەختنىڭ، تىرىك مەخلۇقلارنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان پەرىشتىلەرنى كۆردۈم ۋە ئۇلارنىڭ ئاۋازلىرىنى ئاڭلىدىم. 12ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېيىشەتتى:

«بوغۇزلانغان قوزا

قۇدرەت، بايلىق، دانالىق، كۈچ-قۇۋۋەت،

ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىگە لايىقتۇر.»

13مەن يەنە ئەرش، يەر يۈزى، يەر ئاستى، دېڭىزلار ۋە كائىناتتىكى پۈتۈن جانلىقلارنىڭ:

«مەدھىيە، ھۆرمەت، شان-شەرەپ ۋە قۇدرەت،

تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم.

14تۆت تىرىك مەخلۇق «ئامىن!» دەپ جاۋاب قايتۇراتتى، يېتەكچىلەر يەرگە باش قويۇپ، تەختتە ئولتۇرغۇچىغا ۋە قوزىغا سەجدە قىلاتتى.



*5بۇ ئاتالغۇ دەسلەپ تەۋراتتا تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، كېيىن كېلىدىغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنىڭ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادىدىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.

*8چىلتار _ بىر خىل تارلىق چالغۇ ئەسۋاب.



 

6

قوزىنىڭ ئالتە پېچەتنى ئېچىشى

1ئاندىن، قوزىنىڭ يەتتە پېچەتنىڭ بىرىنچىسىنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. شۇ چاغدا، تۆت تىرىك مەخلۇقتىن بىرىنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋاز بىلەن: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 2قارىۋىدىم، بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر ساداق بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىر تاج بېرىلدى. ئۇ غەلىبە قىلغۇچى سۈپىتىدە زەپەر قۇچۇش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلاندى.

3قوزا ئىككىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئىككىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 4ئۇ چاغدا، يەنە بىر ئات ئوتتۇرىغا چىقتى، ئۇنىڭ رەڭگى قىزىل ئىدى. ئاتقا مىنگۈچىگە يەر يۈزىدىكى تىنچلىقنى ئېلىپ كېتىش ۋە ئىنسانلارنى ئۆزئارا قىرغىنچىلىققا سېلىش ھوقۇقى بېرىلدى. ئۇنىڭغا يەنە چوڭ بىر قىلىچ بېرىلدى.

5قوزا ئۈچىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئۈچىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. قارىۋىدىم، بىر قارا ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ قولىدا بىر تارازا بار ئىدى. 6تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئارىسىدىن: «بىر كۈنلۈك ئىش ھەققى ئۈچۈن پەقەت بىر تاۋاق بۇغداي ياكى بولمىسا ئۈچ تاۋاق ئارپىلا بېرىلىدۇ. زەيتۇن دەرىخى بىلەن ئۈزۈم تېلىغا تەگمە!» دېگەندەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

7قوزا تۆتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، تۆتىنچى مەخلۇقنىڭ: «كەل!» دېگەن ئاۋازىنى ئاڭلىدىم. 8قارىۋىدىم، بىر تاتىراڭ ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «ئۆلۈم» ئىدى. ئۇنىڭ كەينىدىن ئۆلۈكلەر دىيارى ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. بۇلارغا يەر يۈزىنىڭ تۆتتىن بىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ، قىلىچ، ئاچارچىلىق، ۋابا ۋە يەر يۈزىدىكى يىرتقۇچ ھايۋانلار ئارقىلىق ئادەم ئۆلتۈرۈش ھوقۇقى بېرىلدى.

9قوزا بەشىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ۋە بەرگەن گۇۋاھلىقى ۋەجىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ جانلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تېگىدە كۆردۈم. 10ئۇلار قاتتىق ئاۋاز بىلەن چۇقان سېلىشىپ: «مۇقەددەس ۋە ئىشەنچلىك ئىگىمىز! يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان ئىنسانلارنى قاچان سوراق قىلىپ، ئۇلاردىن قېنىمىزنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ بېرىسەن؟» دېيىشەتتى. 11ئۇلارنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئاق تون بېرىلگەن بولۇپ، خۇداغا خىزمەت قىلغان، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۆلتۈرۈلىدىغان ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىنىڭ سانى توشقۇچە ئازغىنە ۋاقىت كۈتۈشى تەلەپ قىلىنغانىدى. 12ئاندىن، قوزىنىڭ ئالتىنچى پېچەتنى ئاچقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ ۋاقىتتا، زېمىن قاتتىق تەۋرىنىپ، قۇياش بەئەينى قاپقارا كۆمۈرنىڭ، ئاي بولسا قاننىڭ رەڭگىگە كىردى. 13ئەنجۈر دەرىخىنىڭ قاتتىق بوراندا سىلكىنىشىدىن توڭ ئەنجۈرلەر يەرگە تۆكۈلگەندەك، ئاسماندىكى يۇلتۇزلارمۇ يەر يۈزىگە تۆكۈلدى. 14ئاسمان خۇددى ئورام يازمىدەك ئورىلىپ غايىب بولدى، پۈتكۈل تاغلار ۋە ئاراللار ئورنىدىن يۆتكەلدى. 15دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى، ھۆكۈمرانلىرى، سەردارلىرى، بايلىرى، ھوقۇقدارلىرى، قۇللىرى ۋە ھۆرلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆڭكۈرلەرگە ۋە تاغلارنىڭ كامارلىرىغا يوشۇرۇندى. 16ئۇلار تاغ-داۋانلارغا مۇنداق دەپ جار سالدى: «ئۈستىمىزگە چۈشۈڭلار! بىزنى تەختتە ئولتۇرغۇچىنىڭ سىيماسىدىن ۋە قوزىنىڭ غەزىپىدىن توسۇپ قېلىڭلار! 17چۈنكى، ئۇلارنىڭ غەزىپى تۇتقان دەھشەتلىك كۈن كەلدى. ئۇنىڭغا كىممۇ بەرداشلىق بېرەلىسۇن؟» 




7

مۆھۈرلەنگ,ن 144,000 كىشى

1ئۇنىڭدىن كېيىن، يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدا تۇرغان تۆت پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلار قۇرۇقلۇق، دېڭىز ھەم دەل-دەرەخلەرنى بوران ئۇرماسلىقى ئۈچۈن، يەر يۈزىنىڭ تۆت تەرىپىدىن كېلىدىغان بوراننى تىزگىنلەپ تۇراتتى. 2مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ مۆھرىنى ئېلىپ كۈنچىقىشتىن كەلگەن باشقا بىر پەرىشتىنىمۇ كۆردۈم. ئۇ قاتتىق ئاۋاز بىلەن قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزلارنى بۇزۇپ تاشلاش ھوقۇقى بېرىلگەن ئاشۇ تۆت پەرىشتىگە: 3«بىز خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرىنىڭ پېشانىسىگە مۆھۈر باسقۇچە، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە دەل-دەرەخلەرنى بۇزۇپ تاشلىماڭلار» دەپ ۋارقىرىدى. 4ئاندىن، مەن مۆھۈرلەنگەنلەرنىڭ سانىنى ئاڭلىدىم. ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قەبىلىلىرىدىن 144,000 كىشى، يەنى:

 

5يەھۇدا قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

رۇبېن قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

گاد قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

6ئاشېر قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

نافتالى قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

ماناسسە قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

7شىمون قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

لاۋىي قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

ئىسساكار قەبىلىسىدىن 12000 كىشى،

8زەبۇلۇن قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

يۈسۈپ قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى،

بىنيامىن قەبىلىسىدىن 12,000 كىشى مۆھۈرلەنگەنىدى.

ئاق كىيىملىك خالايىق

9ئاندىن، ھەر خەلق، ھەر قەبىلە، ھەر مىللەتتىن بولغان، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان ساناپ تۈگەتكۈسىز زور بىر توپ خالايىقنىڭ تەختنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاق تون كىيگەن بولۇپ، قوللىرىدا خورما شاخلىرى تۇتقانىدى. 10ئۇلار ئۈنلۈك ئاۋاز بىلەن: «نىجاتلىق تەختتە ئولتۇرغان خۇدايىمىزدىن ۋە قوزىدىن كېلىدۇ» دەپ ۋارقىرىشاتتى. 11پۈتۈن پەرىشتىلەر تەختنىڭ، يېتەكچىلەرنىڭ ۋە تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانىدى. ئۇلار تەختنىڭ ئالدىدا يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشەتتى:

 

12«ئامىن! مەدھىيە، شان-شەرەپ،

دانالىق ۋە تەشەككۈر،

ھۆرمەت ۋە كۈچ-قۇدرەت

خۇدايىمىزغا مەڭگۈ مەنسۇپ بولسۇن. ئامىن!»

 

13شۇ چاغدا، يېتەكچىلەردىن بىرى مەندىن:

_ ئاق تون كىيگەن بۇ كىشىلەر كىم بولىدۇ، قەيەردىن كەلدى؟ _ دەپ سورىدى.

14_ تەقسىر، مەن بىلمەيمەن، بۇ ئۆزلىرىگە مەلۇمدۇر، _ دېدىم.

ئۇ ماڭا:

_ بۇلار دەھشەتلىك بالايىئاپەتلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلەردۇر. ئۇلار تونلىرىنى قوزىنىڭ قېنىدا يۇيۇپ، ئاپئاق قىلغان. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار خۇدانىڭ تەختىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا كېچە-كۈندۈز ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ. تەختتە ئولتۇرغۇچى خۇدا ئۇلارغا سايىۋەندۇر. 16ئۇلار ئەمدى ئاچ قالمايدۇ، ئۇسسىمايدۇ، ئۇلارغا نە ئاپتاپ، نە قاتتىق ئىسسىق ئۆتمەيدۇ. 17چۈنكى، ئۇلارنى تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قوزا باقىدۇ ۋە ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلاقلىرىغا ئېلىپ بارىدۇ. خۇدا ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى پۈتۈن ياشلارنى سۈرتىدۇ، _ دېدى. 




8

قوزىنىڭ يەتتىنچى پېچەتنى ئېچىشى

1قوزا يەتتىنچى پېچەتنى ئاچقاندا، ئەرشتە يېرىم سائەتچە جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 2ئاندىن، خۇدانىڭ ئالدىدا تۇرغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇلارغا يەتتە كاناي بېرىلدى.

3ئالتۇن ئىسرىقدان تۇتقان يەنە بىر پەرىشتە كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا تۇردى. تەختنىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىدا خۇدانىڭ بارلىق مۇقەددەس خەلقىنىڭ دۇئالىرى بىلەن بىللە ئاتاش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۆپ ئىسرىق بېرىلدى. 4ئىسرىقتىن چىققان تۈتۈنلەر بىلەن مۇقەددەس خەلقنىڭ دۇئالىرى پەرىشتىنىڭ قولىدىن خۇدانىڭ ئالدىغا كۆتۈرۈلدى. 5ئاندىن، پەرىشتە ئىسرىقداننى قولىغا ئېلىپ، ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت بىلەن تولدۇرۇپ، يەر يۈزىگە ئاتتى. ئۇ چاغدا، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. چاقماقلار چېقىپ، يەر-زېمىن تەۋرەندى.

پەرىشتىلەرنىڭ كاناي چېلىشى

6ئاندىن كېيىن، قوللىرىغا بىردىن كاناي تۇتقان يەتتە پەرىشتە كانايلىرىنى چېلىشقا ھازىرلاندى.

7بىرىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، مۆلدۈر بىلەن ئوت قانغا ئارىلاشقان ھالدا ياغدۇرۇلدى. زېمىننىڭ ئۈچتىن بىرى، دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋە پۈتكۈل يېشىل ئوت-چۆپلەر كۆيۈپ كەتتى.

8ئىككىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، گويا لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان چوڭ بىر تاغدەك غايەت زور بىر جىسىم دېڭىزغا تاشلاندى. دېڭىزنىڭ ئۈچتىن بىرى قانغا ئايلاندى. 9دېڭىزدىكى جانىۋارلارنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆلدى ۋە كېمىلەرنىڭ ئۈچتىن بىرى ۋەيران بولدى.

10ئۈچىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن مەشئەلدەك يالقۇنلاپ يانغان چوڭ بىر يۇلتۇز دەريالارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ ۋە بۇلاقلارنىڭ ئۈستىگە چۈشتى. 11بۇ يۇلتۇزنىڭ ئىسمى «قېرىق» ئىدى. سۇلارنىڭ ئۈچتىن بىرى قېرىق بولۇپ كېتىپ، بۇ سۇنى ئىچكەن نۇرغۇن ئادەم ئۆلۈپ كەتتى.

12تۆتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، قۇياشنىڭ، ئاينىڭ ۋە يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرى زەربىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ يورۇقلۇقىنىڭ ئۈچتىن بىرى ئۆچتى. كۈندۈزنىڭ ئۈچتىن بىرى قاراڭغۇلۇققا ئايلاندى، كېچىنىڭ ئۈچتىن بىرىدە يورۇقلۇق يوقالدى.

13يەنە قارىۋىدىم، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ كېتىۋاتقان بىر بۈركۈتنىڭ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «باشقا ئۈچ پەرىشتە چالىدىغان كاناي ئاۋازلىرىنىڭ دەستىدىن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي، ھالىغا ۋاي!» دېگىنىنى ئاڭلىدىم. 




9

1بەشىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، ئاسماندىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن بىر يۇلتۇزنى كۆردۈم. تېگى يوق ھاڭغا* بارىدىغان لەخمىنىڭ ئاچقۇچى ئۇنىڭغا بېرىلدى. 2ئۇ تېگى يوق ھاڭنى ئاچقاندا، ھاڭدىن يوغان ئوچاقنىڭ ئىسىدەك تۈتۈن ئېتىلىپ چىقتى. ھاڭنىڭ تۈتۈنىدىن قۇياش ۋە ئاسماننى قاراڭغۇلۇق باستى. 3تۈتۈننىڭ ئىچىدىن يەر يۈزىگە چېكەتكە ياغدى. ئۇلارغا چايانلاردەك چېقىش كۈچى بېرىلگەنىدى. 4چېكەتكىلەرگە يەر يۈزىدىكى ئوت-چۆپلەرگە ۋە ھەرقانداق ئۆسۈملۈك ياكى دەل-دەرەخلەرگە ئەمەس، پەقەت پېشانىسىدە خۇدانىڭ مۆھرى بولمىغان ئىنسانلارغىلا زىيان يەتكۈزۈش بۇيرۇلغانىدى. 5ئۇلارغا بۇ ئىنسانلارنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس، پەقەت بەش ئاي مۇددەتلىك قىيىن-قىستاققا ئېلىش بۇيرۇقىلا بېرىلگەنىدى. بۇ قىيىن-قىستاق چايان ئادەمنى چاققان ۋاقىتتىكى قاتتىق ئاغرىق ئازابىغا ئوخشايتتى. 6ئۇ كۈنلەردە، ئىنسانلار ئۆلۈمنى ئىزدەيدۇ، لېكىن تاپالمايدۇ؛ ئۆلۈمنى سېغىنىدۇ، لېكىن ئۆلۈم ئۇلاردىن قاچىدۇ.

7چېكەتكىلەرنىڭ قىياپىتى خۇددى جەڭگە ھازىرلانغان ئاتلارغا ئوخشايتتى. باشلىرىدا بولسا ئالتۇن تاجغا ئوخشايدىغان بىر نەرسە بار ئىدى. چىرايى ئادەمنىڭكىگە ئوخشايتتى. 8چاچلىرى ئاياللارنىڭ چېچىغا، چىشلىرى شىرنىڭ چىشىغا ئوخشايتتى. 9كۆكرەكلىرى تۆمۈر ساۋۇتلارغا ئوخشايتتى. قاناتلىرىنىڭ ئاۋازى جەڭگە ئاتلانغان نۇرغۇن ئات-ھارۋىلارنىڭ ئاۋازىغا ئوخشايتتى. 10چايانلارنىڭكىگە ئوخشاش چاقىدىغان قۇيرۇقلىرى بار ئىدى. قۇيرۇقلىرىدىكى زەھەرلىك نەشتىرىدە ئادەمنى بەش ئاي ئازابقا سالغۇدەك كۈچ بار ئىدى. 11ئۇلارنى باشقۇرىدىغان پادىشاھ تېگى يوق ھاڭنىڭ پەرىشتىسى ئىدى. بۇ پەرىشتىنىڭ ئىبرانىيچە ئىسمى ئاۋاددون؛ گرېكچە ئىسمى ئاپولىيون، يەنى ھالاك قىلغۇچى ئىدى.

12بىرىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ئىككى بالايىئاپەت كېلىدۇ.

13ئالتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئالتۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت مۈڭگۈزىدىن چىققان بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. 14بۇ ئاۋاز ئالتىنچى پەرىشتىگە: «چوڭ فىرات دەرياسىنىڭ يېنىدا باغلاقلىق تۆت پەرىشتىنى بوشات» دېدى. 15دەل شۇ يىل، شۇ ئاي، شۇ كۈن ۋە شۇ سائەت ئۈچۈن ھازىرلاپ قويۇلغان بۇ تۆت پەرىشتە ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن باغلاقتىن بوشىتىلدى. 16بۇلارنىڭ ئاتلىق لەشكەرلىرىنىڭ سانى ئىككى يۈز مىليون ئىدى. ئۇلارنىڭ سانىنىڭ جاكارلانغانلىقىنى ئاڭلىدىم.

17غايىبانە ئالامەتتە كۆزۈمگە كۆرۈنگەن ئات ۋە ئاتلىقلار مانا مۇنداق ئىدى: ئاتلىقلارنىڭ كۆكرەك قالقانلىرى چوغدەك قىزىل، كۆك ياقۇتتەك كۆك ۋە گۈڭگۈرتتەك سېرىق ئىدى. ئاتلارنىڭ باشلىرى شىرنىڭ بېشىغا ئوخشايتتى. ئېغىزلىرىدىن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرت پۈركۈلەتتى. 18ئىنسانلارنىڭ ئۈچتىن بىرى بۇلارنىڭ ئاغزىدىن پۈركۈلگەن ئوت، تۈتۈن ۋە گۈڭگۈرتتىن ئىبارەت بۇ ئۈچ ئاپەتتىن ئۆلدى. 19ئاتلارنىڭ كۈچى ئېغىزلىرىدا ۋە قۇيرۇقلىرىدا ئىدى. قۇيرۇقلىرىنىڭ يىلانغا ئوخشاش بېشى بولۇپ، بۇلار بىلەن ئادەمنى زەخىملەندۈرەتتى.

20قالغان ئىنسانلار، يەنى بۇ بالايىئاپەتلەردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرىغا توۋا قىلمىدى. جىنلارغا، كۆرەلمەس، ئاڭلىيالماس ۋە ماڭالماس ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ ۋە ياغاچ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كەچمىدى. 21ئۇلار قاتىللىق، سېھىرگەرلىك، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە ئوغرىلىقلىرىغىمۇ توۋا قىلمىدى.



*1تېگى يوق ھاڭ _ جىنلار قامىلىدىغان يەر.



 

10

پەرىشتە ۋە كىچىك ئورام يازما

1ئاندىن كېيىن، ئەرشتىن چۈشۈۋاتقان يەنە بىر كۈچلۈك پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ بىر پارچە بۇلۇتنى يېپىنغان بولۇپ، بېشىنىڭ ئۈستىدە بىر ھەسەن-ھۈسەن بار ئىدى. يۈزى قۇياشقا، پۇتلىرى بولسا ئوت تۈۋرۈكىگە ئوخشايتتى. 2قولىدا بىر كىچىك ئوچۇق ئورام يازما بار ئىدى. ئۇ ئوڭ پۇتىنى دېڭىز ئۈستىگە، سول پۇتىنى بولسا قۇرۇقلۇققا قويۇپ تۇرۇپ، 3شىرنىڭ ھۆركىرىشىگە ئوخشاش قاتتىق ئاۋاز بىلەن ۋارقىرىدى. ئۇ ۋارقىرىغاندا، يەتتە گۈلدۈرماما ئۆز گۈلدۈر-قاراسلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 4يەتتە گۈلدۈرماما جاۋاب قايتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ سۆزلىرىنى خاتىرىلىۋالماقچى بولۇپ تۇراتتىم. بىراق، ئاسماندىن: «يەتتە گۈلدۈرمامىنىڭ ئېيتقانلىرىنى خاتىرىلىمە. ئۇلارنى مەخپىي تۇت» دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم.

5دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان، مەن كۆرگەن ئۇ پەرىشتە ئوڭ قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، 6ئاسمان، يەر، دېڭىز ۋە ئۇلاردىكى مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچى، يەنى ئەبەدىلئەبەد ياشىغۇچىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «ئەمدى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ؛ 7ئەكسىچە، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالغاندا، خۇدا ئۆز خىزمەتكارلىرى بولغان پەيغەمبەرلەرگە جاكارلىغان سىر ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.

8مەن ئاسماندىن ئاڭلىغان ئاۋاز ماڭا يەنە: «بېرىپ، دېڭىز ھەم قۇرۇقلۇقنىڭ ئۈستىدە تۇرغان پەرىشتىنىڭ قولىدىكى ئوچۇق ئورام يازمىنى ئال» دېدى.

9مەن بېرىپ، پەرىشتىنىڭ كىچىك ئورام يازمىنى ماڭا بېرىشىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا:

_ بۇنى ئېلىپ يە! ئاغزىڭدا ھەسەلدەك تاتلىق بولىدۇ، بىراق مەيدەڭنى ئېچىشتۇرىدۇ، _ دېدى.

10كىچىك ئورام يازمىنى پەرىشتىنىڭ قولىدىن ئېلىپ يېدىم، ئاغزىمدا ھەسەلدەك تاتلىق تېتىدى. لېكىن، ئۇنى يۇتقىنىمدا مەيدەم ئېچىشىپ كەتتى.

11كېيىن، پەرىشتە ماڭا:

_ سەن خۇدانىڭ كۆپ مىللەتلەر، خەلقلەر، ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر ۋە پادىشاھلار توغرىسىدىكى ۋەھىيلىرىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىشىڭ لازىم، _ دېدى. 




11

ئىككى گۇۋاھچى

1ماڭا ئۆلچىگۈچ ئورنىدا ئىشلىتىشكە قومۇش بېرىلدى ۋە بىر ئاۋاز ماڭا مۇنداق دېدى: «بېرىپ، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۆلچە، ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىۋاتقانلارنى سانا. 2ئىبادەتخانىنىڭ تاشقىرىقى ھويلىسىنى ئۆلچىمەي قوي، چۈنكى ئۇ يەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بېرىلدى. ئۇلار مۇقەددەس شەھەرنى 42 ئاي دەپسەندە قىلىدۇ. 3مەن ئىككى گۇۋاھچىمغا قۇدرەت بېرىمەن. ئۇلار قارىلىق كىيىم كىيىپ، خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى بېكىتىلگەن ئەنە شۇ 1260 كۈندە يەتكۈزىدۇ.»

4دۇنيانىڭ رەببى ئالدىدا تۇرغان ئىككى تۈپ زەيتۇن دەرىخى ۋە ئىككى چىراغدان مانا شۇ گۇۋاھچىلاردۇر. 5بىرەرسى ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولسا، ئۇلار ئېغىزلىرىدىن ئوت پۈركۈپ، ئۇ دۈشمەننى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. ئۇلارنى زەخىملەندۈرمەكچى بولغانلار مانا شۇنداق ئۆلتۈرۈلىدۇ. 6ئۇلار خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى جاكارلايدىغان كۈنلەردە يامغۇر ياغماسلىقى ئۈچۈن، ئاسماننى يېپىۋېتىش قۇدرىتىگە ئىگە. ئۇلار سۇلارنى قانغا ئايلاندۇرۇش ۋە ھەر خىل بالايىئاپەتلەر بىلەن يەر يۈزىگە خالىغان ۋاقىتتا زەربە بېرىش قۇدرىتىگىمۇ ئىگە.

7گۇۋاھلىق ۋەزىپىلىرى ئاياغلاشقاندا، تېگى يوق ھاڭدىن چىقىدىغان دىۋە ئۇلار بىلەن ئېلىشىدۇ ۋە ئۇلارنى يېڭىپ ئۆلتۈرىدۇ. 8جەسەتلىرى كاتتا شەھەرنىڭ غول يولىغا تاشلىنىدۇ. بۇ شەھەر سودوم ياكى مىسىر دېگەن سىمۋوللۇق نام بىلەن ئاتالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەببىمۇ ئۇ يەردە كرېستكە مىخلانغانىدى. 9ھەر مىللەتتىن، ھەر قەبىلىدىن ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەردىن كىشىلەر كېلىشىپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىگە ئۈچ يېرىم كۈن تىكىلىپ قارايدۇ ۋە جەسەتلەرنىڭ يەرلىككە قويۇلۇشىغا رۇخسەت قىلمايدۇ. 10يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇلارنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپ، ھېيت-بايرام ئۆتكۈزىدۇ، بىر-بىرىگە ھەدىيىلەر ئەۋەتىشىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى پەيغەمبەرنىڭ سۆزى ئىنسانلارنىڭ ۋىجدانلىرىغا تىكەندەك سانجىلىپ، ئۇلارغا قاقشاتقۇچ زەربە بەرگەنىدى.

11ئۈچ يېرىم كۈندىن كېيىن، ئىككى پەيغەمبەرنىڭ تېنىگە خۇدادىن كەلگەن ھاياتلىق نەپىسى كىردى، ۋە ئۇلار ئورنىدىن تۇردى. ئۇلارنى كۆرگەنلەر ئىنتايىن ئالاقزادە بولۇپ كېتىشتى. 12ئىككى پەيغەمبەر ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ: «بۇ ياققا چىق!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدى ۋە رەقىبلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا بىر بۇلۇت ئىچىدە ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. 13دەل شۇ چاغدا، زېمىن شىددەتلىك تەۋرەندى، شەھەرنىڭ ئوندىن بىرى گۇمران بولۇپ، يەتتە مىڭ كىشى ھالاك بولدى. قالغانلىرى ئىنتايىن قورقۇشۇپ، ئەرشتىكى خۇدانى ئۇلۇغلاشتى.

14ئىككىنچى بالايىئاپەت ئۆتۈپ كەتتى. ئەمدى ئۈچىنچى بالايىئاپەت كېلىشكە ئاز قالدى.

يەتتىنچى پەرىشتىنىڭ كاناي چېلىشى

15ئۇنىڭدىن كېيىن، يەتتىنچى پەرىشتە كانىيىنى چالدى. ئەرشتىن كەلگەن جاراڭلىق ئاۋازلار مۇنداق دەيتتى:

«دۇنيانىڭ پادىشاھلىقى پەرۋەردىگارىمىز ۋە ئۇنىڭ مەسىھىگە مەنسۇپ بولدى. ئۇ ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرگۈسى.»

16خۇدانىڭ ئالدىدىكى ئۆز تەختلىرىدە ئولتۇرغان يىگىرمە تۆت يېتەكچى يەرگە باش قويۇپ، خۇداغا سەجدە قىلىپ مۇنداق دېيىشتى:

17«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان

ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،

شۈكۈرلەر بولسۇن ساڭا.

چۈنكى، ئۇلۇغ قۇدرىتىڭ بىلەن،

ھۆكۈمۈڭنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدىڭ.

18خەلقلەر غەزەپلەنگەنىدى.

ئەمدى سېنىڭ غەزىپىڭ يېتىپ كەلدى!

ئۆلۈكلەرنى سوراق قىلىش،

خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنى

ۋە خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى،

شۇنداقلا ئەرزىمەس ياكى كاتتا بولسۇن،

نامىڭنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىنئامغا ئىگە قىلىش،

يەر يۈزىنى گۇمران قىلغانلارنى ھالاك قىلىش ۋاقتى كەلدى.»

19ئاندىن، خۇدانىڭ ئەرشتىكى ئىبادەتخانىسى ئېچىلدى ۋە ئۇنىڭ ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە كۆرۈندى. شۇئان چاقماقلار چېقىپ، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. زېمىن تەۋرىنىپ، دەھشەتلىك مۆلدۈر يېغىپ كەتتى. 




12

ئايال ۋە ئەجدىھا

1ئۇ چاغدا، ئەرشتە ئاجايىپ زور بىر كارامەت، يەنى قۇياشنى يېپىنچاقلىغان بىر ئايال كۆرۈندى. ئۇنىڭ پۇتلىرىنىڭ ئاستىدا ئاي، بېشىدا ئون ئىككى يۇلتۇزلۇق تاج بار ئىدى. 2بۇ ئايالنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالغان بولۇپ، تولغاق ئىچىدە داد-پەرياد قىلاتتى. 3ئاندىن، ئەرشتە يەنە بىر كارامەت، يەنى يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، چوڭ بىر قىزىل ئەجدىھا كۆرۈندى. ئۇنىڭ يەتتە بېشىدا يەتتە تاج بار ئىدى. 4ئۇ ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنى قۇيرۇقى بىلەن سۈرۈپ، يەر يۈزىگە چۈشۈرۈۋەتتى. ئاندىن، ئايال يەڭگىگەن ھامان ئۇنىڭ بالىسىنى يالماپ يۇتۇۋەتمەكچى بولۇپ، تۇغۇت ئۈستىدىكى ئايالنىڭ ئالدىدا تۇردى. 5ئايال بىر بالا، يەنى پۈتۈن ئەللەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇرىدىغان بىر ئوغۇل تۇغدى. بالا تەختتە ئولتۇرغان خۇدانىڭ ئالدىغا دەرھال ئېلىپ چىقىلدى. 6ئايال بولسا چۆلگە قاچتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ 1260 كۈن بېقىلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا خۇدا تەرىپىدىن ھازىرلاپ قويۇلغان بىر جاي بار ئىدى.

7ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جەڭ بولدى. باش پەرىشتە مىكائىل ۋە ئۇنىڭ پەرىشتىلىرى ئەجدىھاغا قارشى جەڭ قىلدى. ئەجدىھامۇ ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن ئۇلارغا ئېتىلدى، 8لېكىن ئېلىشالمىدى. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئەرشتىكى ئورنىدىن مەھرۇم قالدى. 9چوڭ ئەجدىھا، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دەپ ئاتالغان، پۈتۈن دۇنيانى ئازدۇرغان ھېلىقى قەدىمىي يىلان ئۆز پەرىشتىلىرى بىلەن بىللە يەر يۈزىگە تاشلاندى.

10شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«خۇدايىمىزنىڭ نىجاتلىقى، قۇدرىتى، پادىشاھلىقى ۋە ئۇ تەيىنلىگەن مەسىھنىڭ ھوقۇقى نامايان بولدى.

چۈنكى، خۇدايىمىزنىڭ ئالدىدا قېرىنداشلىرىمىزنى كېچە-كۈندۈز ئەيىبلىگۈچى ئەرشتىن تاشلىۋېتىلدى.

11قېرىنداشلىرىمىز قوزىنىڭ قېنى ۋە ئۇنىڭ قىلغان گۇۋاھلىقى بىلەن ئەجدىھانى يەڭدى.

ئۇلار ھەتتا ئۆلۈم ئالدىدىمۇ ئۆز جېنىنى ئايىمىدى.

12شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەي ئەرش ۋە ئەرشتە ياشىغۇچىلار، خۇشال بولۇڭلار!

لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي يەر ۋە دېڭىزلار! چۈنكى، ئىبلىس ئۈستۈڭلارغا تاشلاندى.

ئۇ ئۆز ۋاقتىنىڭ ئاز قالغانلىقىنى بىلىپ، دەرغەزەپكە كەلدى.»

13ئەجدىھا ئۆزىنىڭ يەر يۈزىگە تاشلانغانلىقىنى كۆرۈپ، ئوغۇل بالىنى تۇغقان ئايالنى قوغلاشقا باشلىدى. 14ئايالنىڭ ئەجدىھادىن دالدىلىنىپ، چۆلدىكى ئۈچ يېرىم يىل بېقىلىدىغان ماكانغا ئۇچۇپ كېتىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا يوغان بىر بۈركۈتنىڭ ئىككى قانىتى بېرىلدى. 15ئەجدىھا ئايالنىڭ ئارقىسىدىن ئاغزى بىلەن دەريادەك سۇ پۈركۈپ، ئۇنى سەلگە باستۇرۇپ ئېقىتىپ كەتمەكچى بولدى. 16لېكىن، زېمىن ئايالغا ياردەم قىلىپ، ئاغزىنى ئېچىپ، ئەجدىھانىڭ ئاغزىدىن ئېتىلىپ چىققان دەريانى يۇتتى. 17بۇنىڭ بىلەن، ئەجدىھا ئايالغا دەرغەزەپ بولۇپ، ئۇنىڭ باشقا پەرزەنتلىرى، يەنى خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتۇپ، ئەيسا مەسىھنىڭ بەرگەن گۇۋاھلىقىدا تۇرغانلىرى بىلەن جەڭ قىلغىلى كەتتى.

18ھېلىقى ئەجدىھا دېڭىز بويىدا تىكىلىپ تۇراتتى. 




13

دېڭىزدىن چىققان دىۋە

1ئاندىن، ئون مۈڭگۈزلۈك، يەتتە باشلىق بىر دىۋىنىڭ دېڭىزدىن چىقىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ ھەربىر مۈڭگۈزىدە بىردىن تاج بار ئىدى، ھەربىر بېشىدا خۇداغا كۇپۇرلۇق كەلتۈرىدىغان ئىبارە يېزىلغانىدى. 2مەن كۆرگەن بۇ دىۋە يىلپىزغا ئوخشايتتى، پۇتلىرى ئېيىقنىڭ پۇتلىرىغا، ئاغزى بولسا شىرنىڭ ئاغزىغا ئوخشايتتى. ئەجدىھا دىۋىگە ئۆز قۇدرىتى، تەختى ۋە زور ھوقۇقىنى بەردى. 3دىۋىنىڭ باشلىرىدىن بىرى ئەجەللىك يارىلانغاندەك تۇراتتى. لېكىن، بۇ ئەجەللىك يارا ساقايغانىدى. پۈتۈن دۇنيا ھەيرانلىق ئىچىدە دىۋىگە ئەگەشتى. 4ئۇلار دىۋىگە بۇنداق ھوقۇق بەرگەن ئەجدىھاغا چوقۇنۇشتى. ئۇلار يەنە دىۋىگىمۇ چوقۇنۇپ، «دىۋىگە تەڭ كېلەلەيدىغانلار بارمۇ؟ ئۇنىڭ بىلەن كىممۇ ئېلىشالىسۇن؟» دېدى.

5دىۋىگە تەكەببۇرلۇق ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان ئېغىز ھەمدە 42 ئاي يۈرگۈزەلەيدىغان ھوقۇق بېرىلدى. 6ئۇ خۇداغا، خۇدانىڭ نامىغا ۋە ئۇنىڭ دەرگاھىغا، يەنى ئۇ يەردە ياشايدىغانلارغا كۇپۇرلۇق قىلىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئاچتى. 7ئۇنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىگە قارشى جەڭ قىلىپ، ئۇلارنى يېڭىشىگە يول قويۇلدى. ھەر قەبىلە، ھەر مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش ھوقۇقى بېرىلدى. 8دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.

9مۇنۇ سۆزنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار:

10«خۇدانىڭ ‹تۇتقۇن بولىدۇ› دېگىنى چوقۇم تۇتقۇن بولىدۇ.

خۇدانىڭ ‹قىلىچلىنىدۇ› دېگىنى چوقۇم قىلىچلىنىپ ئۆلىدۇ.»

شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى سەۋر قىلىشى، ئېتىقادتا چىڭ تۇرۇشى لازىم.

يەردىن چىققان دىۋە

11ئۇنىڭدىن كېيىن، يەردىن چىقىۋاتقان يەنە بىر دىۋىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ قوزىنىڭكىدەك كىچىك ئىككى مۈڭگۈزى بار ئىدى، لېكىن ئاۋازى ئەجدىھانىڭكىدەك چىقاتتى. 12ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن پۈتۈن ھوقۇقنى يۈرگۈزۈپ، يەر يۈزىنى ۋە ئۇنىڭدا ياشايدىغانلارنى ئەجەللىك يارىسى ساقايغان بىرىنچى دىۋىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلايتتى. 13ئۇ چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتەتتى، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئاسماندىن يەر يۈزىگە ئوت ياغدۇراتتى. 14ئۇ بىرىنچى دىۋىگە ۋاكالىتەن كۆرسىتىشكە ھوقۇقلاندۇرۇلغان كارامەتلەر بىلەن يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارنى ئازدۇردى. ئۇلارغا قىلىچ بىلەن چېپىلغان، لېكىن ئامان قالغان بىرىنچى دىۋىنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر ھەيكەل تىكلەشنى بۇيرۇدى. 15يەردىن چىققان دىۋىگە دېڭىزدىن چىققان دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە ھاياتلىق نەپىسى بېرىپ، ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان قىلىش ۋە ئۇنىڭغا چوقۇنمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈش قۇدرىتى بېرىلدى. 16ئۇ كاتتا ۋە ئەرزىمەس، باي ۋە كەمبەغەل، ھۆر ۋە قۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئوڭ قولى ياكى پېشانىسىگە بىر بەلگە ئۇرغۇزۇشقا مەجبۇرلىدى. 17بۇ بەلگە بارلار، يەنى قولى ياكى پېشانىسىدە دىۋىنىڭ نامى ياكى ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بېسىلغانلاردىن باشقا ھېچكىم بىر نەرسە سېتىۋالالمايتتى ياكى ساتالمايتتى.

18بۇ يەردە بىر ھېكمەت بار. ئەقىل-پاراسىتى بارلىكى كىشىلەر دىۋىنىڭ رەقىمىنى ھېسابلاپ چىقالايدۇ، چۈنكى بۇ رەقەم بىر ئادەمگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئۇنىڭ رەقىمى 666 دۇر. 




14

قۇتقۇزۇۋېلىنغانلارنىڭ قوشىقى

1ئاندىن، قوزىنىڭ سىئون* تېغى ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا پېشانىسىگە قوزىنىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى يېزىلغان 144,000 كىشى بار ئىدى. 2ئاسماندىن خۇددى شارقىراپ ئېقىۋاتقان سۇلارنىڭ ۋە گۈلدۈرمامىنىڭ قاتتىق گۈلدۈرلىشىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. مەن ئاڭلىغان ئاۋاز يەنە چىلتارچىلار ئورۇندىغان نەغمە ئاۋازىغىمۇ ئوخشايتتى. 3ھېلىقى 144,000 كىشى تەختنىڭ، تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ ۋە يېتەكچىلەرنىڭ ئالدىدا يېڭى بىر ناخشا ئېيتىشتى. بۇ ناخشىنى گۇناھلىرىنىڭ بەدىلى تۆلىنىپ بۇ دۇنيادىن ئازاد قىلىنغان كىشىلەردىن باشقا ھېچكىم ئۆگىنىشكە قادىر ئەمەس ئىدى. 4ئۇلار خۇددى زىنا قىلىپ باقمىغان كىشىلەردەك پاك بولۇپ، قوزا نەگە بارسا، ئۇلارمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ شۇ يەرگە بارىدۇ. ئۇلار ئىنسانلار ئارىسىدىن بەدەل بىلەن قۇتقۇزۇۋېلىنغانلار بولۇپ، خۇددى دەسلەپ پىشقان مېۋە خۇداغا ئاتالغىنىدەك، ئۇلار خۇداغا ۋە قوزىغا ئاتالغانلاردۇر. 5ئۇلارنىڭ ئاغزىدىن يالغان سۆز چىقمايدۇ. ئۇلار ئەيىبسىزدۇر.

ئۈچ پەرىشتە ئېلىپ كەلگەن خەۋەرلەر

6بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى. 7ئۇ جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن: «خۇدادىن قورقۇڭلار! ئۇنى ئۇلۇغلاڭلار! چۈنكى، ئۇنىڭ ئىنسانلارنى سوراق قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئاسماننى، زېمىننى، دېڭىزنى ۋە بۇلاقلارنى ياراتقۇچىغا سەجدە قىلىڭلار!» دەيتتى.

8ئۇنىڭ كەينىدىن كەلگەن ئىككىنچى پەرىشتە مۇنداق دېدى: «گۇمران بولدى! ئۆز زىناسىنىڭ كۈچلۈك شارابىنى پۈتكۈل خەلقلەرگە ئىچكۈزگەن كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!»

9ئالدىنقى ئىككى پەرىشتىنىڭ كەينىدىن ئۈچىنچى پەرىشتە قاتتىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق دېدى: «كىمدەكىم دېڭىزدىن چىققان دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنسا، ئۇنىڭ بەلگىسىنى پېشانىسىگە ياكى قولىغا ئۇرغۇزسا، 10خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ ساپ ھەم كۈچلۈك شارابىنى خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھتە ئىچىدۇ. ئۇ مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ ۋە قوزىنىڭ ئالدىدا ئوت ۋە گۈڭگۈرتتە ئازابلىنىدۇ. 11ئۇنى قىينىغان ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى مەڭگۈ پۇرقىراپ تۇرىدۇ. دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئىسمىنىڭ بەلگىسىنى ئۇرغۇزغانلارغا كېچە-كۈندۈز ئاراملىق بولمايدۇ.» 12شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى تۇتقان ۋە ئەيساغا سادىق بولغان خەلق سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى لازىم.

13مەن يەنە ئاسماندا مۇنداق بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم: «بۇ سۆزنى ياز: ‹بۇنىڭدىن كېيىن، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولۇپ ئۆلگەنلەر نەقەدەر بەختلىك!›» مۇقەددەس روھ: «دۇرۇس، ئۇلار ئۆز ئىشلىرىنى تۈگىتىپ ئارام ئالىدۇ. چۈنكى، قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسى ئۇلار بىلەن بىللە بولىدۇ» دېدى.

زېمىندىكى ئورما

14ئۇنىڭدىن كېيىن، بىر پارچە ئاق بۇلۇتنى كۆردۈم. بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە بېشىغا ئالتۇن تاج كىيگەن، قولىدا ئۆتكۈر بىر ئورغاق تۇتقان، ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرى ئولتۇراتتى. 15ئىبادەتخانىدىن چىققان باشقا بىر پەرىشتە بۇلۇتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغۇچىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئورغىقىڭنى سال ۋە ئور! چۈنكى، ئورما ۋاقتى كەلدى، زېمىندىكى زىرائەتلەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى. 16بۇلۇت ئۈستىدە ئولتۇرغۇچى زېمىنغا ئورغاق سالدى. يەردىكى زىرائەتلەر ئورۇلدى.

17ئەرشتىكى ئىبادەتخانىدىن يەنە بىر پەرىشتە چىقتى. ئۇنىڭمۇ ئۆتكۈر بىر ئورغىقى بار ئىدى. 18ئارقىدىنلا، ئوتنى باشقۇرىدىغان يەنە بىر پەرىشتە قۇربانلىق سۇپىسى تەرەپتىن چىقىپ، ئۆتكۈر ئورغاق تۇتقان پەرىشتىگە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئۆتكۈر ئورغىقىڭنى سېلىپ، يەر يۈزىدىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ ساپاقلىرىنى يىغىۋال، چۈنكى ئۈزۈملەر پىشىپ يېتىلدى» دېدى. 19بۇنىڭ بىلەن، پەرىشتە ئورغىقىنى يەر يۈزىگە سالدى ۋە يەردىكى ئۈزۈم تاللىرىنىڭ مېۋىلىرىنى يىغىپ، خۇدانىڭ غەزىپىنىڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىدى.*20شەھەرنىڭ سىرتىدىكى شاراب كۆلچىكىدىكى ئۈزۈملەر دەسسىلىپ، شەربەتلىرى قان بولۇپ، ئاتنىڭ تىزگىنىگە كېلىدىغان ئېگىزلىكتە ئۈچ يۈز چاقىرىم يىراقلىققا ئاقتى.



*1سىئون _ يېرۇسالېمنىڭ يەنە بىر ئىسمى بولۇپ، داۋۇت پادىشاھنىڭ ۋاقتىدىلا ئىسرائىلىيىنىڭ پايتەختى ئىدى. «ۋەھىيلەر»دە سىئون خۇدانىڭ ۋە ئۇنىڭ قۇتقۇزۇۋېلىنغان خەلقىنىڭ ئەرشتىكى مەڭگۈلۈك ماكانىغا سىمۋول قىلىنغان.

*19يىغىلغان مېۋىلەرنىڭ شاراب كۆلچىكىگە تاشلىنىشى خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ جازاسىغا تارتىلىشىغا سىمۋول قىلىنىدۇ.



 

15

پەرىشتىلەر ۋە كېيىنكى بالايىئاپەتلەر

1ئاسماندا زور ھەم ھەيران قالارلىق يەنە بىر كارامەتنى، يەنى ئاخىرقى يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئېلىپ كېلىدىغان يەتتە پەرىشتىنى كۆردۈم. خۇدانىڭ غەزىپى بۇ بالايىئاپەتلەر بىلەن ئاخىرلىشاتتى.

2مەن يەنە ئوت ئارىلاش خرۇستال دېڭىزىدەك بىر كۆرۈنۈشنى كۆردۈم. ئۇنىڭ يېنىدا دىۋە ئۈستىدىن غەلىبە قىلغانلار، يەنى دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان ھەم ئۇنىڭ نامىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەقەم بىلەن مۆھۈرلەنمىگەنلەر تۇراتتى. ئۇلارنىڭ قوللىرىدا خۇدا بەرگەن چىلتارلار بولۇپ، 3ئۇلار خۇدانىڭ خىزمەتكارى مۇسانىڭ ناخشىسىنى ھەم قوزا ھەققىدىكى ناخشىنى ئېيتىشاتتى:

«ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا،

قىلغانلىرىڭ ئۇلۇغ ۋە كارامەتتۇر.

ئى پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ پادىشاھى،

يوللىرىڭ ئادىل ۋە ھەقتۇر.

4ئى پەرۋەردىگار، سەندىن قورقمايدىغان كىم بار،

نامىڭنى مەدھىيىلىمەيدىغان؟

چۈنكى، يېگانە مۇقەددەس ئۆزۈڭدۇرسەن.

كېلىپ پۈتكۈل خەلقلەر،

ساڭا سەجدە قىلغۇسى.

چۈنكى، ئاشكارا بولغاچ

قىلغانلىرىڭنىڭ ھەققانىيلىقى.»

5ئۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ، يەنى ئەھدە چېدىرىنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆردۈم. 6يەتتە خىل بالايىئاپەتنى ئۆز ئىلكىدە تۇتقان يەتتە پەرىشتە پاكىز ھەم پارقىراپ تۇرىدىغان كەندىر رەختتىن تون كىيگەن، كۆكسىگە ئالتۇن كەمەر باغلىغان ھالدا ئىبادەتخانىدىن چىقتى. 7تۆت تىرىك مەخلۇقنىڭ بىرى يەتتە پەرىشتىگە ئەبەدىلئەبەد ياشايدىغان خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە ئالتۇن چىنىنى بەردى. 8ئىبادەتخانا خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى ۋە قۇدرىتىدىن تۈتۈن بىلەن تولدى. يەتتە پەرىشتىنىڭ يەتتە بالايىئاپىتى تامام بولمىغۇچە، ھېچكىم ئىبادەتخانىغا كىرەلمىدى. 




16

خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنە

1شۇنىڭدىن كېيىن، ئىبادەتخانىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ يەتتە پەرىشتىگە: «بېرىڭلار، خۇدانىڭ غەزىپى بىلەن تولغان يەتتە چىنىدىكىنى يەر يۈزىگە تۆكۈڭلار!» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

2بىرىنچى پەرىشتە بېرىپ چىنىدىكىنى قۇرۇقلۇققا تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنىڭ بەدىنىنى يىرگىنچلىك يىرىڭلىق يارىلار قاپلاپ كەتتى.

3ئىككىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دېڭىزغا تۆكتى. دېڭىز سۈيى ئۆلۈكنىڭ قېنىغا ئوخشاش قانغا ئايلاندى ۋە ئىچىدىكى پۈتۈن جانلىقلار ئۆلدى.

4ئۈچىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دەريا ۋە بۇلاقلارغا تۆكتى. ئۇلارنىڭ سۈيىمۇ قانغا ئايلاندى. 5ئاندىن، سۇ پەرىشتىسىنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم:

«ھازىر ۋە ئەزەلدىن بار بولغان مۇقەددەس خۇدا!

چىقارغان ھۆكۈملىرىڭ دۇرۇس ۋە ئادىلدۇر.

6يامان ئادەملەر سېنىڭ مۇقەددەس خەلقىڭ ۋە پەيغەمبەرلەر قېنىنى تۆككەنلىكى ئۈچۈن،

سەن ئۇلارغا ئىچكىلى قان بەردىڭ. ئۇلار مۇشۇ جازاغا لايىقتۇر.»

7يەنە قۇربانلىق سۇپىسىدىن كەلگەن بىر ئاۋازنىڭ:

«ئى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا، ھۆكۈملىرىڭ ھەق ۋە ئادىلدۇر» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

8تۆتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى قۇياشنىڭ يۈزىگە تۆكتى. بۇنىڭ بىلەن، قۇياشقا ئىنسانلارنى ئوتتەك قىزىقى بىلەن ئۆرتەش قۇدرىتى بېرىلدى. 9ئىنسانلار دەھشەتلىك ئىسسىقتا ئۆرتەلدى. بىراق، ئۇلار توۋا قىلىش ۋە بۇ بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرۈش قۇدرىتىگە ئىگە بولغان خۇداغا ھەمدۇسانالار ئوقۇشنىڭ ئورنىغا ئۇنى قارغاشتى.

10بەشىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى دىۋىنىڭ تەختىگە تۆكتى. دىۋىنىڭ پادىشاھلىقىنى قاراڭغۇلۇق باستى. ئىنسانلار ئازابتىن تىللىرىنى چىشلەشتى. 11ئۇلار ئاغرىق ئازابى ۋە يارىلىرىنىڭ دەستىدىن ئەرشتىكى خۇدانى قارغاشتى. بىراق، قىلمىشلىرىغا توۋا قىلىشمىدى.

12ئالتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ئۇلۇغ فىرات دەرياسىغا تۆكتى. شۇ ھامان دەريانىڭ سۈيى قۇرىدى. بۇنىڭ بىلەن، كۈنچىقىشتىن كېلىدىغان پادىشاھلارنىڭ يولى ئېچىلدى. 13شۇنىڭدىن كېيىن، ئەجدىھانىڭ، دىۋىنىڭ ۋە ساختا پەيغەمبەرنىڭ ئېغىزلىرىدىن چىققان پاقىغا ئوخشايدىغان ئۈچ يامان روھنى كۆردۈم. 14بۇلار كارامەتلەر كۆرسىتىدىغان جىنلارنىڭ روھلىرى بولۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلارنى ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئۇلۇغ كۈنىدىكى جەڭگە توپلاشقا كېتىۋاتاتتى.

15ئەيسا مۇنداق دېدى: «قاراڭلار، ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك تۇيۇقسىز كېلىمەن. يالىڭاچ قېلىپ، نومۇسقا قالماسلىق ئۈچۈن، كىيىملىرىنى يېنىغا قويۇپ، سەگەك ياتقانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە!»

16ئۈچ يامان روھ پادىشاھلارنى ئىبرانىيچە «ئارماگېدون» دېيىلىدىغان يەرگە توپلىدى.

17يەتتىنچى پەرىشتە چىنىدىكىنى ھاۋاغا تۆكتى. ئەرشتىكى ئىبادەتخانىنىڭ تەختىدىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋاز: «ئىش تامام!» دېدى. 18شۇ ئەسنادا چاقماقلار چېقىلدى، گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈر-قاراسلىرى ئاڭلاندى. يەر-زېمىن شۇنچىلىك تەۋرەندىكى، ئىنسانلار يارىتىلغاندىن بېرى بۇنداق قاتتىق تەۋرىنىش بولمىغانىدى. 19كاتتا شەھەر بابىل ئۈچكە بۆلۈندى. ھەرقايسى ئەللەردىكى شەھەرلەرمۇ يەر بىلەن يەكسان بولدى. شۇ كاتتا شەھەر بابىلدىن ھېساب ئېلىنىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ قاتتىق غەزىپى بىلەن تولغان قەدەھ ئۇنىڭغا بېرىلدى. 20پۈتۈن ئاراللار غايىب بولدى، تاغلار يوقالدى. 21ئاسماندىن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە ھەربىر دانىسى قىرىق بەش كىلو چامىسىدا كېلىدىغان مۆلدۈر ياغدى. بۇ مۆلدۈر ئاپىتى شۇنداق قورقۇنچلۇق بولدىكى، ئىنسانلار بۇ بالايىئاپەتنىڭ دەستىدىن خۇدانى قارغاشتى. 




17

داڭلىق پاھىشە ئايال

1يەتتە چىنىسى بار يەتتە پەرىشتىنىڭ بىرى كېلىپ، ماڭا:

_ بۇ يەرگە كەل، سۇلار ئۈستىدە ئولتۇرغان، داڭقى چىققان پاھىشە ئايالنىڭ تارتىدىغان جازاسىنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي. 2دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتى، يەر يۈزىدە ياشايدىغانلار ئۇنىڭ زىناسىنىڭ شارابىدىن مەست بولۇشتى، _ دېدى.

3ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە مېنى بىر چۆلگە ئېلىپ كەتتى. شۇ چاغدا، مۇقەددەس روھ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئالغانىدى. ئۇ يەردە يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك، پۈتۈن ئەزايىنى كۇپۇرلۇق ناملىرى قاپلىغان بىر توق قىزىل دىۋىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بىر ئايالنى كۆردۈم. 4ئايال سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك كىيىم كىيگەن بولۇپ، ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلار بىلەن بېزەلگەنىدى. قولىدا يىرگىنچلىك نەرسىلەر ۋە ئۆز زىناسىنىڭ مەينەتچىلىكلىرى بىلەن تولغان بىر ئالتۇن قەدەھ بار ئىدى. 5پېشانىسىگە «كاتتا بابىل _ پاھىشىلەرنىڭ ۋە دۇنيادىكى پۈتكۈل يىرگىنچلىكلەرنىڭ ئانىسى» دېگەن بىر سىرلىق نام يېزىلغانىدى. 6مەن ئايالنىڭ خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەنى ئەيساغا گۇۋاھلىق بېرىپ قۇربان بولغانلارنىڭ قېنى بىلەن مەست بولغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران بولدۇم. 7پەرىشتە ماڭا مۇنداق دېدى:

_ نېمىگە ھەيران بولۇۋاتىسەن؟ ئايالنىڭ ۋە ئۇ مىنىپ تۇرغان يەتتە باشلىق، ئون مۈڭگۈزلۈك دىۋىنىڭ سىرىنى ساڭا ئېيتىپ بېرەي. 8سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.

9بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئەقىل-پاراسەت كېرەك. يەتتە باش ئۇ ئايال ئولتۇرغان يەتتە تاغقا، شۇنداقلا يەتتە پادىشاھقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. 10بۇلارنىڭ بەشى ئاغدۇرۇلغان، بىرى بار، يەنە بىرى تېخى كەلمىدى. ئۇ كەلگەندە ئازلا ۋاقىت تۇرالايدۇ. 11بۇرۇن بار، لېكىن ھازىر بولمىغان دىۋىنىڭ ئۆزى سەككىزىنچى پادىشاھتۇر. ئۇ ھەم يەتتە پادىشاھنىڭ قاتارىدا ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ.

12سەن كۆرگەن دىۋىنىڭ ئون مۈڭگۈزى تېخى ھۆكۈم سۈرمىگەن ئون پادىشاھتۇر. لېكىن، بۇلارغا دىۋە بىلەن بىللە بىر سائەتلىك پادىشاھلىق ھوقۇقى بېرىلىدۇ. 13بۇ پادىشاھلار ئۆز قۇدرىتى ۋە ھوقۇقلىرىنى بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە دىۋىگە بېرىشىدۇ. 14دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.

15پەرىشتە ماڭا يەنە:

_ پاھىشە ئايال بويىدا ئولتۇرغان، سەن كۆرگەن سۇلارنىڭ ئۆزى مىللەتلەر، قوۋملار، خەلقلەر ۋە ھەر خىل تىللاردا سۆزلىشىدىغان كىشىلەردۇر. 16سەن كۆرگەن دىۋە ۋە ئون مۈڭگۈز بۇ پاھىشە ئايالدىن نەپرەتلىنىدۇ، ئۇنى تالان-تاراج قىلىپ يالىڭاچلاپ قويىدۇ، ئۇنىڭ گۆشىنى يەپ، ئۆزىنى ئوتتا كۆيدۈرىدۇ. 17چۈنكى، خۇدا ئاشۇ ئون پادىشاھنىڭ قەلبىنى ئەسىر قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز مەقسەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرغۇزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بۇ پادىشاھلار خۇدانىڭ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشقۇچە، ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىنى دىۋىگە ئۆتۈنۈپ بېرىشتە بىرلىككە كېلىدۇ. 18سەن كۆرگەن ئايال دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان كاتتا شەھەر _ بابىلدۇر، _ دېدى. 




18

بابىلنىڭ گۇمران بولۇشى

1ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ ھوقۇقلۇق يەنە بىر پەرىشتىنىڭ ئەرشتىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. يەر يۈزى ئۇنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن يورۇپ كەتتى. 2پەرىشتە جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن مۇنداق ۋارقىرىدى:

«گۇمران بولدى، كاتتا شەھەر بابىل گۇمران بولدى!

ئەمدى ئۇ جىنلارنىڭ ماكانى،

ھەر خىل يامان روھلارنىڭ ئۇۋىسى،

ھەر خىل ئىپلاس ۋە يىرگىنچلىك قۇشلارنىڭ چاڭگىسىدۇر.

3چۈنكى، ئىچىشتى ھەرقايسى خەلقلەر،

ئۇنىڭ ئەخلاقسىزلىقىنىڭ كۈچلۈك شارابىدىن.

زىنا قىلىشتى دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنىڭ بىلەن،

بېيىشتى دۇنيانىڭ سودىگەرلىرى،

ئۇنىڭ باياشاتچىلىقىنىڭ زىيادىلىكىدىن.»

4ئاسماندىن يەنە بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم:

«ئۇ يەردىن چىقىڭلار، ئەي خەلقىم!

بولمىسا شېرىك بولىسىلەر ئۇ شەھەرنىڭ گۇناھلىرىغا.

ئۇچرايسىلەر ئۇنىڭ بېشىغا چۈشىدىغان بالايىئاپەتلەرگە.

5چۈنكى، پەلەككە يەتتى ئۇنىڭ قاتمۇقات گۇناھلىرى،

خۇدانىڭ يادىغا يەتتى ئۇنىڭ رەزىل قىلمىشلىرى.

6ياندۇرۇڭلار ئۇنىڭ سىلەرگە قىلغىنىغا مۇۋاپىق.

قايتۇرۇڭلار ئۇنىڭ قىلمىشلىرىغا قوشلاپ.

سۇنۇڭلار ئىككى باراۋەر تولدۇرۇپ،

ئۇنىڭ شاراب بەرگەن قەدىھىنى.

7ئەيش-ئىشرەتتە ھەشەمەتچىلىك بىلەن ياشىسا قانداق،

بېرىڭلار ئۇنىڭغا ئازاب ۋە ئەلەم شۇنداق.

چۈنكى ماختىنىدۇكى ئۇ ئۆز كۆڭلىدە:

‹ئولتۇرىمەن خانىشتەك تەختتە،

تۇل ئەمەسمەن. تۇتماسمەن ئەسلا ماتەم!›

8بۇ ۋەجىدىن

ئۇنىڭ بېشىغا كېلىدىغان بالايىئاپەت،

يەنى ئۆلۈم، ئاچارچىلىق ۋە ماتەم،

كېلىدۇ ھامان بىر كۈن ئىچىدىلا.

ئۆرتىلىدۇ ئۇ ئوت ئىچىدە.

چۈنكى، سوراق قىلىدۇ ئۇنى

قۇدرەتلىك پەرۋەردىگار خۇدا!»

9ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلغان ۋە ئەيش-ئىشرەتتە ياشىغان دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرگەندە، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. 10ئۇنىڭ تارتىۋاتقان ئازابىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ دەيدۇكى:

«ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر!

ئاھ بابىل، كۈچلۈك شەھەر!

تارتىلدىڭ جازاغا، بىر سائەت ئىچىدىلا!»

11دۇنيادىكى سودىگەرلەرمۇ ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىدۇ. چۈنكى، ئەمدى ئۇلارنىڭ ماللىرىنى، 12يەنى ئالتۇن-كۈمۈش، قىممەت باھالىق تاش، ئۈنچە-مەرۋايىت، ئېسىل كەندىر رەخت، سۆسۈن تاۋار-دۇردۇن، يىپەك، توق قىزىل رەڭلىك گەزمال، ھەر تۈرلۈك خۇشبۇي ياغاچلار، پىل چىشى، ئەڭ ئېسىل ياغاچ، تۇچ، تۆمۈر ۋە مەرمەرلەردىن ئىشلەنگەن خىلمۇخىل بۇيۇملار، 13شۇنىڭدەك گۈلدارچىن، دورا-دەرمەك، ئىسرىق، مۇرمەككى، مەستەك، شاراب، زەيتۇن يېغى، ئاق ئۇن، بۇغداي، كالا، قوي، ئات، ھارۋا ۋە قۇللىرىنى، يەنى ئادەملىرىنى سېتىۋالىدىغان كىشى يوقتۇر.

14بۇ سودىگەرلەر بابىلغا:

«سەن مەستانە بولغان ئېسىل نەرسىلەر سەندىن كەتتى؛

پۈتۈن ئېسىل مال-دۇنيالىرىڭ غايىب بولدى.

سەن ئۇلارنى ئەمدى تاپالماسسەن» دەيدۇ.

15بابىلدا بۇ ماللارنى سېتىپ بېيىغان سودىگەرلەر شەھەرنىڭ تارتىۋاتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىدىن قورقۇپ، يىراقتا تۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىغا ئېچىنىپ يىغا-زار قىلىشىپ دېيىشىدۇكى:

16«ئىسىت، ئىسىت كاتتا شەھەر!

ئورالغانىدىڭ ئېسىل كەندىر رەختلەرگە، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك گەزماللارغا،

بېزەلگەنىدىڭ ئالتۇن، قىممەت باھالىق تاش ۋە ئۈنچە-مەرۋايىتلارغا!

17بەربات بولدۇڭ شۇنچە كاتتا بايلىقلار بىلەن بىر سائەت ئىچىدىلا.»

بارلىق كېمە باشلىقلىرى، كېمىدىكى يولۇچىلار، كېمىچىلەر ۋە دېڭىزغا تايىنىپ جان باقىدىغانلارنىڭ ھەممىسى يىراقتا تۇرۇپ، 18ئۇنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرىنى كۆرۈپ: «بۇ كاتتا شەھەرنىڭ يەنە بىر تەڭدىشى بارمىدۇ؟» دەپ پەرياد قىلىشىدۇ. 19ئۇلار باشلىرىغا توپا تۆكۈشۈپ، ماتەم تۇتۇپ، ھەسرەت بىلەن ئۈن سېلىپ مۇنداق دەپ يىغلىشىدۇ:

«ئىسىت، ئىسىت، كاتتا شەھەر!

بېيىغانىدى ئۇنىڭ بايلىقىدىن دېڭىزدا كېمىسى بارلار،

ھالبۇكى ۋەيران بولدى شەھەر بىر سائەت ئىچىدىلا!»

20«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر!

خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن!

چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى،

ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»

21ئاندىن، كۈچلۈك بىر پەرىشتە تۈگمەن تېشىغا ئوخشاش يوغان بىر تاشنى كۆتۈرۈپ، دېڭىزغا تاشلاپ مۇنداق دېدى:

«تاشلىنىدۇ مانا شۇنداق شىددەت بىلەن، كاتتا شەھەر بابىل،

كۆرۈنمەيدۇ قايتا.

22ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى ئۇنىڭدا،

چىلتارچىنىڭ، ناخشىچىنىڭ، كانايچىنىڭ، سۇنايچىنىڭ.

ئەمدى تېپىلمايدۇ ئۇنىڭدا ھېچقانداق قول ھۈنەرۋەن.

ئەمدى ئاڭلانمايدۇ ئاۋازى تۈگمەنچىنىڭ.

23ئەمدى پارلىمايدۇ چىراغ يورۇقى ئۇنىڭدا،

ئاڭلانمايدۇ مۇڭدىشىشلىرى يېڭى ئەر-خوتۇنلارنىڭ.

دۇنيانىڭ ئەڭ مەرتىۋىلىك كىشىلىرى ئىدى ئۇنىڭ سودىگەرلىرى،

ئازدى سېھرى بىلەن پۈتۈن خەلقىئالەم.

24تۆكۈلدى، بۇ شەھەردە قانلىرى،

پەيغەمبەرلەر، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، يەر يۈزىدە قىرغىن بولغانلارنىڭ.» 




19

ئەرشتىكى ھەمدۇسانالار

1شۇنىڭدىن كېيىن، ئەرشتە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ۋارقىراشلىرىدەك بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار:

«ھەمدۇسانا!

نىجاتلىق، ئۇلۇغلۇق ۋە قۇدرەت خۇدايىمىزغا مەنسۇپتۇر.

2چۈنكى، ئۇنىڭ ھۆكۈملىرى ھەق ۋە ئادىلدۇر.

ئۇ يەر يۈزىنى ئۆز زىناسى بىلەن بۇزغان داڭلىق پاھىشىنى سوراققا تارتىپ،

ئۆز خىزمەتكارلىرىنىڭ قېنىنىڭ ئىنتىقامىنى ئالدى» دېيىشەتتى.

3ئۇلار يەنە:

«ھەمدۇسانا!

پاھىشىنى ئۆرتىگەن ئوتنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى

پۇرقىرايدۇ ئەبەدىلئەبەد!» دېيىشتى.

4يىگىرمە تۆت يېتەكچى ۋە تۆت تىرىك مەخلۇق يەرگە باش قويۇپ: «ئامىن! ھەمدۇسانا!» دەپ، تەختتە ئولتۇرغان خۇداغا سەجدە قىلىشتى.

قوزىنىڭ توي زىياپىتى

5ئۇنىڭدىن كېيىن، تەختتىن كۆتۈرۈلگەن بىر ئاۋاز مۇنداق دېدى:

«ئەي خۇدانىڭ پۈتكۈل خىزمەتكارلىرى،

ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلىگەن كاتتا ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ ھەممىسى ئۇنى مەدھىيىلەڭلار!»

6ئاندىن، سۇلارنىڭ شارقىرىشىغا، قاتتىق گۈلدۈرمامىنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ۋە نۇرغۇن خالايىقنىڭ ئاۋازىغا ئوخشاش بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. ئۇلار:

«ھەمدۇسانا! ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ھۆكۈمراندۇر.

7شاد-خۇراملىق بىلەن تەنتەنە قىلايلى!

ئۇنى مەدھىيىلەپ ئۇلۇغلايلى!

چۈنكى، قوزىنىڭ توي كۈنى يېتىپ كەلدى،

قىز ئۆزىنى تەييار قىلدى.

8ئۇنىڭغا كىيىش ئۈچۈن پاكىز ۋە يالتىراپ تۇرىدىغان ئېسىل كەندىر تون بېرىلدى» دەپ ۋارقىراشتى.

(ئېسىل كەندىر خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ خەيرلىك ئىشلىرىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.)

9ئاندىن، پەرىشتە ماڭا:

_ مۇنۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال: «قوزىنىڭ توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلىنغانلار نەقەدەر بەختلىك!» _ دېدى.

ئۇ ماڭا يەنە:

_ بۇلار خۇدانىڭ ھەقىقىي سۆزلىرىدۇر. _ دېدى.

10ئۇنىڭغا سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئايىغىغا باش قويدۇم. لېكىن، ئۇ:

_ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەنمۇ خۇدانىڭ سەن ۋە ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلىرىڭغا ئوخشاش خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ھەققىدە گۇۋاھلىق بېرىش خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى يەتكۈزۈشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدۇر، _ دېدى.

ئاق ئاتقا مىنگۈچى

11ئۇنىڭدىن كېيىن، ئاسماننىڭ ئېچىلغانلىقىنى ۋە ئۇ يەردە تۇرغان بىر ئاق ئاتنى كۆردۈم. ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «سادىق» ۋە «ھەق» ئىدى. ئۇ ئادىل ھۆكۈم ۋە ئادىل جەڭ قىلاتتى. 12ئۇنىڭ كۆزلىرى يالقۇنلاپ تۇرغان ئوتقا ئوخشايتتى. بېشىدا نۇرغۇن تاجى بار بولۇپ، بەدىنىگە ئۆزىدىن باشقا ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر ئىسىم يېزىلغانىدى. 13ئۇچىسىغا قانغا مىلەنگەن تون كىيگەن بۇ ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئىسمى «خۇدانىڭ كالامى» ئىدى. 14پاكىز ۋە ئاپئاق ئېسىل كەندىر تون كىيگەن ئەرشتىكى قوشۇنلار ئاق ئاتلارغا مىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. 15ئۇنىڭ ئاغزىدىن ھەرقايسى خەلقلەرگە زەربە بېرىش ئۈچۈن ئۆتكۈر بىر قىلىچ چىقىپ تۇراتتى. ئۇ خەلقلەرنى تۆمۈر كالتەك بىلەن باشقۇراتتى. ئۇ خۇداغا قارشى تۇرغۇچىلارنى خۇددى ئۈزۈملەرنى شاراب كۆلچىكىدە دەسسەپ مىجىغاندەك، ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ ئوتلۇق غەزىپى بىلەن ھالاك قىلاتتى. 16ئۇنىڭ تونى ۋە يوتىسىدا «پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى ۋە رەبلەرنىڭ رەببى» دېگەن نامى يېزىلغانىدى.

17ئاندىن، قۇياشنىڭ ئىچىدە تۇرغان بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. ئۇ ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇۋاتقان بارلىق قۇشلارغا قاتتىق ئاۋاز بىلەن: «كېلىڭلار، خۇدانىڭ كاتتا زىياپىتىگە يىغىلىڭلار! 18پادىشاھلارنىڭ، سەردارلارنىڭ ۋە قۇدرەتلىكلەرنىڭ، شۇنداقلا ئاتلارنىڭ ۋە ئۇنىڭغا مىنگەنلەرنىڭ، قۇللارنىڭ ۋە ھۆرلەرنىڭ، كاتتىلارنىڭ ۋە ئەرزىمەسلەرنىڭ گۆشلىرىنى يەڭلار!» دېدى.

19ئۇنىڭدىن كېيىن، دىۋە، دۇنيا پادىشاھلىرى ۋە ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئاتقا مىنگۈچى ھەم ئۇنىڭ قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەم بولغانلىقىنى كۆردۈم. 20دىۋە ۋە ئۇنىڭغا ۋاكالىتەن مۆجىزىلەر كۆرسەتكەن ساختا پەيغەمبەر ئىككىلىسى تۇتۇلدى. ساختا پەيغەمبەر شۇ مۆجىزىلەر ئارقىلىق تېنىدە دىۋىنىڭ بەلگىسى بولغان ھەمدە دىۋىنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنغانلارنى ئازدۇرۇپ يۈرگەنىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى گۈڭگۈرت يېنىۋاتقان ئوت كۆلىگە تىرىك تاشلاندى. 21ئۇلارنىڭ لەشكەرلىرى ئاتقا مىنگۈچىنىڭ ئاغزىدىن چىققان قىلىچ بىلەن چېپىلدى. پۈتۈن ئۇچارقاناتلار بۇلارنىڭ گۆشىنى يەپ تويدى. 




20

مىڭ يىل

1ئۇنىڭدىن كېيىن، قولىدا تېگى يوق ھاڭنىڭ ئاچقۇچى ۋە يوغان بىر كىشەن تۇتقان بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 2پەرىشتە ئەجدىھانى، يەنى ئىبلىس ياكى شەيتان دېيىلگەن ھېلىقى قەدىمىي يىلاننى تۇتۇپ، مىڭ يىللىق كىشەنلىدى. 3ھەرقايسى خەلقلەرنىڭ مىڭ يىل توشقۇچە قايتا ئازدۇرۇلماسلىقى ئۈچۈن، ئۇنى تېگى يوق ھاڭغا تاشلىدى. ئاندىن، ھاڭنىڭ ئاغزىنى يېپىپ پېچەتلىۋەتتى. مىڭ يىل توشقاندىن كېيىن، ئەجدىھا ۋاقىتلىق قويۇپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى.

4ئاندىن، تەختلەرنى ۋە ئۇلاردا ئولتۇرغانلارنى كۆردۈم. ئۇلارغا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەنىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەيساغا گۇۋاھلىق بەرگەنلىكى ۋە خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن كاللىسى ئېلىنغانلارنىڭ جانلىرىنىمۇ كۆردۈم. ئۇلار دىۋىگە ۋە ئۇنىڭ ھەيكىلىگە چوقۇنمىغان، ئۇنىڭ بەلگىسى پېشانىسىگە ۋە قوللىرىغا ئۇرۇلمىغانلار ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تىرىلىپ، مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرەتتى. 5بۇ دەسلەپكى تىرىلىش ئىدى. ئۆلۈكلەرنىڭ قالغانلىرى مىڭ يىل توشمىغۇچە تىرىلمەيتتى. 6دەسلەپكى تىرىلىشتىن بەھرىمەن بولغانلار بەختلىك ۋە مۇقەددەستۇر. ئىككىنچى ئۆلۈمنىڭ بۇلارنى ئىلكىگە ئېلىش ھوقۇقى يوقتۇر. ئۇلار خۇدانىڭ ۋە مەسىھنىڭ روھانىيلىرى بولىدۇ ۋە مەسىھ بىلەن بىرلىكتە مىڭ يىل ھۆكۈم سۈرىدۇ.

شەيتاننىڭ مەغلۇپ بولۇشى

7مىڭ يىل توشقاندا، شەيتان زىنداندىن بوشىتىلىپ، 8يەر يۈزىنىڭ تۆت بۇلۇڭىدىكى خەلقلەرنى، يەنى يەجۈج بىلەن مەجۈجلەرنى* ئازدۇرۇش ۋە ئۇلارنى جەڭ قىلىش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاشقا چىقىدۇ. توپلىنىدىغانلارنىڭ سانى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك ساناقسىزدۇر. 9ئۇلار پۈتۈن يەر يۈزىنى كېزىپ، خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقىنىڭ بارگاھىنى، يەنى ئۇ سۆيىدىغان شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. لېكىن، ئاسماندىن ئوت يېغىپ، ئۇلارنى كۈل قىلىدۇ. 10ئۇلارنى ئازدۇرغان ئىبلىس بولسا دىۋە بىلەن ساختا پەيغەمبەر كۆيۈۋاتقان ئوت ۋە گۈڭگۈرت كۆلىگە تاشلىنىپ، ئۇ يەردە كېچە-كۈندۈز مەڭگۈ ئازابلىنىدۇ.

ئاخىرقى ھۆكۈم

11ئۇنىڭدىن كېيىن، چوڭ بىر ئاق تەخت ۋە ئۇنىڭدا ئولتۇرغۇچىنى كۆردۈم. ئاسمان بىلەن زېمىن ئۇنىڭ ئالدىدىن قېچىپ، غايىب بولدى. 12مەن يەنە ئۆلۈكلەرنى كۆردۈم. كاتتا ياكى ئەرزىمەس بولسۇن، ھەممىسى تەختنىڭ ئالدىدا تۇراتتى. كىتابلار ئېچىلدى. «ھاياتلىق دەپتىرى» دېيىلگەن يەنە بىر كىتابمۇ ئېچىلدى. ئۆلۈكلەر كىتابلاردا خاتىرىلەنگەنلەر بويىچە ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 13دېڭىز ئۆزىدىكى ئۆلۈكلەرنى، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارىمۇ ئۆزلىرىدىكى ئۆلۈكلەرنى تاپشۇرۇشتى. ھەركىم ئۆز ئەمەلىيىتىگە قاراپ ھۆكۈم قىلىندى. 14ئاندىن، ئۆلۈم ۋە ئۆلۈكلەر دىيارى ئوت كۆلىگە تاشلاندى. مانا بۇ ئوت دېڭىزى ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر. 15ئىسمى ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلمىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوت كۆلىگە تاشلاندى.



*8يەجۈج بىلەن مەجۈج _ يەنى «گوگ بىلەن ماگوگ». ئۇلار خۇدانىڭ ئەزىز خەلقىگە شەيتاننىڭ باشچىلىقىدا ھۇجۇم باشلايدىغان دۈشمەنلەردۇر.



 

21

يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىن

1ئاندىن، يېڭى ئاسمان ۋە يېڭى زېمىننى كۆردۈم، چۈنكى بۇرۇنقى ئاسمان ۋە زېمىن غايىب بولغانىدى. دېڭىزمۇ يوقالغانىدى. 2مۇقەددەس شەھەرنىڭ، يەنى خۇدا نازىل قىلغان يېڭى يېرۇسالېمنىڭ ئەرشتىن خۇددى ئۆز يىگىتىگە پەردازلىنىپ ھازىرلانغان قىزدەك چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 3تەختتىن كۆتۈرۈلگەن جاراڭلىق بىر ئاۋازنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىدىم: «مانا، خۇدانىڭ ماكانى ئىنسانلارنىڭ ئارىسىدىدۇر، خۇدا ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشايدۇ، ئۇلار خۇدانىڭ خەلقى بولىدۇ. خۇدا ئۆزىمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىدۇ، 4ئۇ ئۇلارنىڭ كۆزلىرىدىكى ھەربىر تامچە ياشلىرىنى ئېرتىدۇ. ئەمدى ئۆلۈم ئەسلا بولمايدۇ، نە ماتەم، نە يىغا-زار، نە قايغۇ-ئەلەم بولمايدۇ، چۈنكى بۇرۇنقى ئالەم ئۆتۈپ كەتتى.»

5بۇ چاغدا، تەختتە ئولتۇرغۇچى مۇنداق دېدى: «مانا، ھەممىنى يېڭىلايمەن!» ئۇ ماڭا يەنە: «بۇلارنى خاتىرىلىۋال، چۈنكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر» دېدى. 6ئۇ يەنە: «تامام بولدى. باش ۋە ئاخىر، مۇقەددەم ۋە تامام ئۆزۈمدۇرمەن. ئۇسسىغانلارغا ھاياتلىق سۈيىنىڭ بۇلىقىدىن ھەقسىز سۇ بېرىمەن. 7غەلىبە قىلغانلار بۇلارغا مىراسخورلۇق قىلىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. ئۇلارمۇ مېنىڭ پەرزەنتلىرىم بولىدۇ. 8لېكىن، قورقۇنچاق، ئېتىقادسىز، چىرىك، قاتىل، زىناخور، سېھىرگەر، بۇتپەرەس ۋە يالغانچىلارغا كەلسەك، ئۇلارنىڭ قىسمىتى گۈڭگۈرت بىلەن يانغان ئوت كۆلىدۇر. مانا بۇ ئىككىنچى ئۆلۈمدۇر.»

يېڭى يېرۇسالېم

9ئاخىرقى يەتتە بالايىئاپەت بىلەن تولغان يەتتە چىنىنى تۇتقان يەتتە پەرىشتىدىن بىرى كېلىپ، ماڭا:

_ كەل! قوزىغا ھەمراھ بولىدىغان قىزنى ساڭا كۆرسىتىپ قوياي، _ دېدى.

10ئاندىن، مۇقەددەس روھنىڭ مېنى ئۆز ئىلكىگە ئېلىشى بىلەن، پەرىشتە مېنى چوڭ ۋە ئېگىز بىر تاغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ يەردىن ماڭا ئەرشتىن خۇدا نازىل قىلغان مۇقەددەس شەھەر يېرۇسالېمنىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى. 11شەھەر خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقى بىلەن تولغان بولۇپ، ئۇنىڭ جۇلاسى ئىنتايىن ئېسىل بىر گۆھەرنىڭ، يېشىل قاشتاشتەك يالتىرىغان خرۇستالنىڭ جۇلاسىغا ئوخشايتتى. 12شەھەرنىڭ چوڭ ھەم ئېگىز سېپىلى ۋە ئون ئىككى دەرۋازىسى بار ئىدى. ھەربىر دەرۋازىنى بىردىن پەرىشتە ساقلايتتى. ھەربىر دەرۋازىنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىدىن بىرىنىڭ ئىسمى يېزىلغانىدى. 13كۈنچىقىشتا ئۈچ دەرۋازا، كۈنپېتىشتا ئۈچ دەرۋازا، كۈنگەيدە ئۈچ دەرۋازا ۋە تەسكەيدە ئۈچ دەرۋازا بار ئىدى. 14شەھەرنى قورشاپ تۇرغان سېپىلنىڭ ئون ئىككى ئۇل تېشى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە قوزىنىڭ ئون ئىككى ئەلچىسىنىڭ ئىسىملىرى يېزىلغانىدى.

15ماڭا گەپ قىلغان پەرىشتىنىڭ قولىدا شەھەرنى ۋە شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى بىلەن سېپىلىنى ئۆلچەيدىغان بىر ئالتۇن ئۆلچىگۈچ بار ئىدى. 16شەھەر تۆت چاسا بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى بىلەن كەڭلىكى ئوخشاش ئىدى. پەرىشتە شەھەرنى ئۆلچىگۈچ بىلەن ئۆلچىدى. ھەربىر تەرىپى ئىككى مىڭ ئىككى يۈز چاقىرىم كەلدى. ئۇزۇنلۇقى، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى بىر-بىرىگە تەپمۇ-تەڭ ئىدى. 17پەرىشتە سېپىلنىمۇ ئۆلچىدى. سېپىلنىڭ قېلىنلىقى ئۇ ئىشلەتكەن ئىنسانلارنىڭ ئۆلچىگۈچى بويىچە ئاتمىش بەش مېتىر كەلدى. 18سېپىل يېشىل قاشتاشتىن، شەھەر ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن بىنا قىلىنغانىدى. 19شەھەر سېپىلىنىڭ ئۇلى ھەر خىل ئېسىل تاشلار بىلەن بېزەلگەنىدى. بىرىنچى ئۇل تاش يېشىل قاشتاش، ئىككىنچىسى كۆك ياقۇت، ئۈچىنچىسى ھېقىق، تۆتىنچىسى زۇمرەت، 20بەشىنچىسى قىزىل ھېقىق، ئالتىنچىسى قىزىل كۋارتس، يەتتىنچىسى سېرىق كۋارتس، سەككىزىنچىسى رەڭسىز ياقۇت، توققۇزىنچىسى توپاز، ئونىنچىسى يېشىل كۋارتس، ئون بىرىنچىسى سۆسۈن ياقۇت ۋە ئون ئىككىنچىسى سۆسۈن كۋارتس ئىدى. 21ئون ئىككى دەرۋازا ئون ئىككى مەرۋايىت ئىدى، يەنى دەرۋازىلارنىڭ ھەربىرى بىردىن مەرۋايىتتىن ياسالغانىدى. شەھەرنىڭ غول يولى ئەينەكتەك سۈزۈك ساپ ئالتۇندىن ئىدى.

22شەھەردە ھېچقانداق ئىبادەتخانا كۆرمىدىم، چۈنكى ھەممىگە قادىر پەرۋەردىگار خۇدا ۋە قوزا شەھەرنىڭ ئىبادەتخانىسىدۇر. 23شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ. 24دۇنيادىكى خەلقلەر شەھەردىكى يورۇقلۇقتا ياشايدۇ. دۇنيانىڭ پادىشاھلىرى شانۇشەۋكىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 25شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ. 26ھەرقايسى خەلقلەر شانۇشەۋكىتىنى ۋە ئىززىتىنى ئۇ يەرگە ئېلىپ كېلىدۇ. 27ئۇ يەرگە ھەرقانداق ناپاك نەرسىلەر ۋە يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلىدىغان يالغانچى كىشىلەر كىرەلمەيدۇ؛ پەقەت نامى قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىدە يېزىلغانلارلا كىرەلەيدۇ. 




22

1ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرىشتە ماڭا خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختىدىن باشلانغان، خرۇستالدەك سۈزۈك ھاياتلىق سۈيى ئېقىۋاتقان دەريانى كۆرسەتتى. 2شەھەرنىڭ غول يولىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئېقىۋاتقان بۇ دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ئون ئىككى قېتىم مېۋىگە كىرىدىغان، يەنى ھەر ئايدا مېۋە بېرىدىغان ھاياتلىق دەرىخى بولۇپ، دەرەخنىڭ يوپۇرماقلىرى پۈتكۈل خەلقلەرگە شىپا ئىدى. 3لەنەتكە ئۇچرايدىغان ئىشلار قالمايدۇ. خۇدانىڭ ۋە قوزىنىڭ تەختى شەھەرنىڭ ئىچىدە بولۇپ، خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى ئۇ يەردە ئىبادەت قىلىدۇ. 4ئۇلار خۇدانىڭ جامالىنى كۆرىدۇ، خۇدانىڭ نامى ئۇلارنىڭ پېشانىلىرىگە يېزىلىدۇ. 5ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.

6پەرىشتە ماڭا:

_ بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىك ۋە ھەقتۇر. پەيغەمبەرلەرنىڭ روھىغا ئىلھام بەرگەن پەرۋەردىگار خۇدا يېقىن كەلگۈسىدە يۈز بېرىشى مۇقەررەر بولغان ۋەقەلەرنى ئۆز خىزمەتكارلىرىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن، پەرىشتىسىنى ئەۋەتتى، _ دېدى.

ئەيسا مەسىھنىڭ قايتا كېلىشى

7ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلار نەقەدەر بەختلىك!»

8بۇلارنى ئاڭلىغۇچى ۋە كۆرگۈچى مەن يۇھاننامەن. بۇ ئىشلارنى ئاڭلىغىنىمدا ۋە كۆرگىنىمدە، بۇلارنى ماڭا كۆرسەتكەن پەرىشتىگە سەجدە قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئايىغىغا باش قويدۇم. 9لېكىن، ئۇ ماڭا:

_ ھەرگىز ئۇنداق قىلما! مەن ساڭا، پەيغەمبەر بولغان سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭغا ھەم بۇ كىتابتىكى سۆزلەرگە ئەمەل قىلغانلارغا ئوخشاش خۇدانىڭ خىزمەتكارىمەن. خۇداغىلا ئىبادەت قىل! _ دېدى.

10ئۇ ماڭا يەنە:

_ بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى پېچەتلەپ مەخپىي تۇتما، چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئەمەلگە ئاشىدىغان ۋاقتى يېقىندۇر. 11يامانلىق قىلغۇچىلار يامانلىقىنى قىلىۋەرسۇن، پەسكەشلەر پەسكەشلىكىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، ھەققانىيلار ھەققانىيلىقىنى داۋاملاشتۇرۇۋەرسۇن، خۇداغا ئاتىلىپ پاك بولغانلار پاكلىقتا ياشاۋەرسۇن، _ دېدى

12ئەيسا مەسىھ مۇنداق دېدى: «مانا، پات يېقىندا كېلىمەن! ھەركىمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ، بېرىدىغىنىمنى ئۆزۈم بىلەن بىللە ئېلىپ كېلىمەن. 13باش ۋە ئاخىر، تۇنجى ۋە ئاخىرقى، مۇقەددەم ۋە تامام مەن بولىمەن.»

14ھاياتلىق دەرىخىنىڭ مېۋىلىرىدىن بەھرىمەن بولۇش ۋە شەھەر دەرۋازىلىرىدىن كىرىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن تونلىرىنى يۇيۇپ تازىلىغانلار نەقەدەر بەختلىك! 15پەسكەشلەر، سېھىرگەرلەر، زىناخورلار، قاتىللار، بۇتپەرەسلەر، يالغانچىلار ۋە يالغانچىلىق قىلىشقا خۇشتارلارنىڭ ھەممىسى شەھەرنىڭ سىرتىدا قالىدۇ.

16«مەنكى ئەيسا مەسىھ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكلىرىگە بۇ ئىشلارنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، پەرىشتەمنى ئەۋەتتىم. داۋۇتنىڭ نوتىسى ھەم ئەۋلادى مەن بولىمەن. پارلاق تاڭ يۇلتۇزى مەن بولىمەن.»

17مۇقەددەس روھ ۋە تويى بولىدىغان قىز*: «كەل!» دېدى. ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسىمۇ: «كەل!» دېسۇن. ئۇسسىغان كەلسۇن، خالىغان كىشى ھاياتلىق سۈيىدىن ھەقسىز ئىچسۇن.

خاتىمە

18مەنكى يۇھاننا بۇ كىتابتىكى بېشارەتلىك سۆزلەرنى ئاڭلىغانلارنى جىددىي ئاگاھلاندۇرىمەنكى: كىمدەكىم بۇ سۆزلەرگە بىر نەرسە قوشسا، خۇدا ئۇنىڭغا بۇ كىتابتا يېزىلغان بالايىئاپەتلەرنى كەلتۈرىدۇ. 19كىمدەكىم بۇ بېشارەتلىك كىتابتىكى بىرەر سۆزنى چىقىرىۋەتسە، خۇدامۇ ئۇنى بۇ كىتابتا يېزىلغان ھاياتلىق دەرىخىدىن ۋە مۇقەددەس شەھەردىن بېرىلىدىغان نېسىۋىسىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.

20مانا بۇلارغا گۇۋاھلىق بەرگۈچى ئەيسا مەسىھ مۇنداق دەيدۇ: «شۇنداق، پات يېقىندا كېلىمەن!»

«ئامىن! كەل، يا رەببىم ئەيسا!»

21رەببىمىز ئەيسانىڭ مېھىر-شەپقىتى خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى بىلەن بىللە بولغاي، ئامىن!



*17بۇ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 19-باب 7-، 8-ئايەتلەرگە قارالسۇن.