« تىتۇسقا يېزىلغان خەت »




1

1خۇدانىڭ خىزمەتكارى ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن تىتۇسقا سالام. مەن خۇدا تاللىغانلارغا ئېتىقاد يولىنى كۆرسىتىشكە ۋە ئۇلارنى ئىخلاسمەنلىككە يېتەكلەيدىغان ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈشكە تەيىنلەندىم. 2بۇ ئېتىقاد ۋە ھەقىقەت بىزدە مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىنى پەيدا قىلىدۇ. يالغانچىلىقتىن مۇستەسنا بولغان خۇدا دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا بۇ مەڭگۈلۈك ھاياتنى ۋەدە قىلغان. 3خۇدا بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا بۇ مەڭگۈلۈك ھايات توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنى ئاشكارىلىدى. قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئۆز ئەمرى بىلەن بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش ۋەزىپىسىنى ماڭا تاپشۇردى.

4خۇدائاتىمىز ۋە قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھكە بولغان ئورتاق ئېتىقاد يولىدا ئۆز ئوغلۇمدەك بولۇپ قالغان ساڭا مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

تىتۇسنىڭ كرىت ئارىلىدىكى خىزمىتى

5ئورۇندىلىپ بولمىغان ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ساڭا بۇرۇن تاپشۇرغىنىمدەك، ھەرقايسى شەھەرلەردىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى تەيىنلەش ئۈچۈن، سېنى كرىت ئارىلىدا قالدۇردۇم. 6يېتەكچىلىككە تەيىنلىنىدىغان كىشى ئەيىبسىز، ئايالىغا سادىق بولغان، پەرزەنتلىرى بولسا خۇداغا ئېتىقاد قىلىدىغان، كەيپ-ساپادىن نېرى بولغان ھەمدە ئاتا-ئانىسىغا بويسۇنىدىغان كىشىلەردىن بولۇشى كېرەك. 7ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە باشلامچى بولغان بۇنداق كىشى خۇدانىڭ خىزمىتىنى زىممىسىگە ئالغانلىقى ئۈچۈن، شۇنداق ئەيىبسىز بولۇشى كېرەككى، ھەرگىز تەرسا، چۇس مىجەز، ھاراقكەش، زوراۋان، مال-دۇنياغا تەمەخور بولماسلىقى، 8ئەكسىچە مېھماندوست، ياخشىلىقنى سۆيىدىغان، ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئادىل، پاك ۋە تەمكىن بولۇشى لازىم. 9ئۇ ئۆزىگە ئۆگىتىلگەن ئىشەنچلىك تەلىمدە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ بۇ توغرا تەلىم ئارقىلىق باشقىلارغا نەسىھەت قىلالايدۇ ھەم تەلىمگە قارشى چىققۇچىلارنىڭ خاتالىقىنى تۈزىتەلەيدۇ.

10نۇرغۇن كىشىلەر بۇ تەلىمگە ئىتائەت قىلماي، بىمەنە سۆزلەر بىلەن باشقىلارنى ئازدۇرىدۇ. بولۇپمۇ قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن خەتنە قىلىنىش زۆرۈر، دەپ تۇرۇۋالغۇچىلار شۇنداق قىلىدۇ. 11مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاش كېرەك. چۈنكى، ئۇلار مال-دۇنياغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن كىشىلەرگە ساختا تەلىملەرنى ئۆگىتىپ، بەزى ئائىلىلەرنىڭ ئېتىقادىنى پۈتۈنلەي نابۇت قىلماقتا. 12كرىت ئارىلىدىكىلەرنىڭ ئۆز پەيغەمبەرلىرىدىن بىرى: «كرىتلار ھەمىشە يالغان سۆزلەيدۇ، ئۇلار ۋەھشىي ھايۋانلار ۋە ھۇرۇن نان قېپىلاردۇر» دېگەن. 13بۇ ھەقىقەتتۇر. شۇڭا، كرىتتىكى ئېتىقادچىلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ ساپ بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرغىن. 14ئۇلار بىمەنە يەھۇدىي ئەپسانىلىرىگە ۋە ھەقىقىي تەلىمدىن چەتنىگەنلەرنىڭ دىنىي قائىدە-يوسۇنلىرىغا قۇلاق سالمىسۇن. 15پاك كىشىلەر ئۈچۈن ھەممە نەرسە ھالالدۇر. لېكىن، ناپاك كىشىلەر ۋە ئېتىقادسىزلار ئۈچۈن ھېچقانداق نەرسە ھالال ئەمەستۇر. ئۇلارنىڭ ئوي-پىكىرلىرىمۇ، ۋىجدانىمۇ بۇلغىنىپ كەتكەن. 16ئۇلار خۇدانى تونۇيمىز، دەپ داۋراڭ قىلسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيىتىدە ئۇنى رەت قىلىدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە بويسۇنمايدىغان يىرگىنچلىك كىشىلەر بولۇپ، قولىدىن ھېچقانداق ياخشى ئىش كەلمەيدۇ. 




2

2

توغرا تەلىمگە لايىق ياشاش

1تىتۇس، ئېتىقادچىلارغا توغرا تەلىمگە لايىق ياشاشنى ئۆگىتىشىڭ كېرەك. 2ياشانغان ئەرلەرنى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان، ئېسىل پەزىلەتلىك، سالماقلىق، ئېتىقادتا ساپ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن سەۋر-تاقىتى تولۇپ تاشقان بولۇشقا چاقىرغىن. 3شۇنىڭدەك، ياشانغان ئاياللارنى ئىخلاسمەنلىكىگە لايىق يۈرۈش-تۇرۇشقا ھەمدە پىتنە-پاسات قىلمايدىغان، ھاراق-شارابقا بېرىلمەيدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. ئۇلار باشقىلارغا نېمىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئۆگەتسۇن. 4بۇنىڭ بىلەن، بۇ ئاياللار ياش ئاياللارغا تەلىم بېرىپ، ئۇلارغا ئۆز ئەرلىرىگە ۋە بالىلىرىغا كۆيۈنۈش، 5ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش، پاك بولۇش، ئۆي ئىشلىرىغا ماھىر بولۇش، مېھرىبان بولۇش ۋە ئەرلىرىگە ئىتائەت قىلىشلارنى ئۆگىتەلەيدىغان بولسۇن. ياش ئاياللار شۇنداق ياشىسا، خۇدانىڭ سۆزى قارىلانمايدۇ.

6ياش ئەرلەرنىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالايدىغان بولۇشقا چاقىرغىن. 7ئۆزۈڭمۇ ھەرقانداق ئىشتا ياخشى ئەمەلىيىتىڭ بىلەن ئۇلارغا ئۈلگە بول. پاك نىيەت، سالماقلىق، 8ھەمدە باشقىلار قۇسۇر تاپالمايدىغان توغرا سۆزلەر بىلەن تەلىم بەرگىن. بۇنىڭ بىلەن، بىزگە قارشى چىققۇچىلار يامان گېپىمىزنى قىلىشقا سەۋەب تاپالماي ئۇيالسۇن.

9-10قۇللارغا ھەرقانداق ئىشتا خوجايىنلىرىغا بويسۇنۇشنى ئۆگەتكىن. ئۇلار گەپ ياندۇرماي، ئوغرىلىق قىلماي، ئۆزلىرىنىڭ ھەممە ئىشتا ئىشەنچلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، خوجايىنلىرىنى رازى قىلسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار باشقىلارنى قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا توغرىسىدىكى تەلىملەرگە ھەر جەھەتتىن جەلپ قىلالايدۇ.

11سەۋەبى، خۇدانىڭ بارلىق ئىنسانلارنى قۇتقۇزىدىغان مېھىر-شەپقىتى ئايان بولدى. 12بۇ مېھىر-شەپقەت بىزنى گۇناھكارلىقنى ۋە بۇ دۇنيانىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىنى رەت قىلىپ، بۇ پانىي دۇنيادا توغرا، خۇداغا ئىخلاسمەن ۋە ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ھالدا ياشاشقا يېتەكلەيدۇ. 13بىز ئۇلۇغ خۇدا بولغان قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ شان-شەرەپ بىلەن قايتا كېلىشىدىن ئىبارەت مۇبارەك ئۈمىدىمىزنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمىز. 14ئەيسا مەسىھ بىز ئۈچۈن قۇربان بولدى. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئۇ بىزنى ھەممە رەزىللىكلەردىن ئازاد قىلىش ھەمدە بىزنى پاك قىلىپ، ئۆزىگە مەنسۇپ بولغان، ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تىرىشىدىغان خەلق قىلىش ئۈچۈندۇر.

15سەن بۇ تەلىملەرنى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىگە ئۆگەت. ئۇلارغا ئىلھام بەر ھەم پۈتۈن ھوقۇقۇڭنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تۈزەت. ھېچكىم سېنى كەمسىتمىسۇن. 




3

ئېتىقادچىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار

1سەن ئېتىقادچىلارغا شۇنى ئەسلىتىپ تۇرغىنكى، ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا بويسۇنسۇن، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەرقانداق ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا تەييار تۇرسۇن. 2ئېتىقادچىلار ھېچكىمگە تۆھمەت قىلمىسۇن، جېدەلخور بولمىسۇن، ئەكسىچە خۇش پېئىل بولسۇن. ھەرقانداق كىشى بىلەن مۇئامىلە قىلغاندا ھەقىقىي كەمتەرلىكىنى كۆرسەتسۇن.

3چۈنكى، بىر چاغلاردا بىزمۇ نادان ئىدۇق. بىزمۇ خۇداغا بويسۇنمايدىغان، ئازدۇرۇلغان، ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولغان، يامانلىق ۋە ھەسەتخورلۇق ئىچىدە ياشىغان، بىر-بىرىمىزگە ئۆچمەن كىشىلەر ئىدۇق. 4لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. 5بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. 6قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. 7بۇنىڭ بىلەن، بىز خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈمىدىگە ئىگە بولدۇق. 8بۇ سۆزلىرىم ھەقتۇر. ئۇلارنى تەكىتلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن. شۇنداق قىلغىنىڭدا، خۇداغا ئېتىقاد قىلغانلار ئۆزلىرىنى دائىم تىرىشچانلىق بىلەن ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلايدۇ. بۇ تەلىملەر ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ھەم پايدىلىقتۇر.

9ئەخمىقانە تالاش-تارتىشلار، نەسەبنامىلەر توغرىسىدىكى قۇرۇق گەپ-سۆزلەر ۋە تەۋرات قانۇنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جېدەل-ماجىرالاردىن ساقلان. چۈنكى، بۇ ئىشلار پايدىسىز ۋە ئەھمىيەتسىزدۇر. 1011شۇنداق ئىشلارنى قىلىپ ئېتىقادچىلار ئارىسىدا گۇرۇھۋازلىق پەيدا قىلغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇر. بىر-ئىككى قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن يەنە گۇرۇھۋازلىق قىلسا، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىڭنى ئۈز. بۇنداق ئادەملەرنىڭ ھەقىقەتتىن چەتنىگەن، گۇناھكار ئادەملەر ئىكەنلىكى ئېنىقتۇر. ئۇلارنىڭ قىلغان گۇناھلىرى ئۆزلىرىنى جازاغا مەھكۇم قىلىدۇ.

ئاخىرقى سۆز

12ئارتېماسنى ياكى تىكىكۇسنى قېشىڭغا ئەۋەتمەكچى بولۇۋاتىمەن. قايسى بىرى قېشىڭغا بارمىسۇن، مۇمكىنقەدەر نىكوپولىس شەھىرىگە تېزرەك كەلگىن. چۈنكى، ئۇ يەردە قىشلىماقچىمەن. 13قانۇنشۇناس زېناس بىلەن ئاپوللوسنىڭ سەپىرىگە ئىمكانقەدەر ياردەمدە بولغىن. ئۇلارنىڭ كەم-كۈتىلىرى بولسا، ھەل قىلىپ بەرگىن. 14ئېتىقادچى قېرىنداشلىرىمىز ھاجەتمەنلەرگە ياردەم قىلىپ، ئۆزلىرىنى ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشقا بېغىشلاشنى ئۆگەنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلارنىڭ ھاياتى مېۋىسىز بولمايدۇ. 15يېنىمدىكىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ساڭا سالام. كرىت ئارىلىدىكى بىزنى سۆيىدىغان ئېتىقادچىلارغا سالام ئېيت. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ھەممىڭلارغا يار بولغاي!