« تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت »




1

1-2ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىش ۋەدىسىنى جاكارلاش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن ئەيسا مەسىھنىڭ ئەلچىسى بولۇشقا تاللانغان مەنكى پاۋلۇستىن ئۆز ئوغلۇمدەك قەدىرلىك تىموتىيغا سالام. خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ساڭا مېھىر-شەپقەت، رەھىمدىللىك ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

شۈكۈر ۋە مەدەت

3مەن خۇددى ئەجدادلىرىمغا ئوخشاش، خۇداغا پاك ۋىجدانىم بىلەن خىزمەت قىلىۋاتىمەن. مەن سەن ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. مەيلى كېچە ياكى كۈندۈز بولسۇن، دۇئالىرىمدا سېنى دائىم ئەسلەپ تۇرىمەن. 4ئايرىلغان ۋاقتىمىزدا ئاققۇزغان كۆز ياشلىرىڭنى ئەسلىگىنىمدە، سەن بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئىنتايىن ئارزۇ قىلىمەن. سەن بىلەن كۆرۈشۈش مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلىدۇ. 5سېنىڭ سەمىمىي ئېتىقادىڭ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ئەڭ ئاۋۋال موماڭ لوئىدە ۋە ئاناڭ ئەۋنىكىدە بار بولغان ئېتىقادنىڭ ئەمدى سەندىمۇ بار ئىكەنلىكىگە چوڭقۇر ئىشىنىمەن. 6شۇنىڭ ئۈچۈن مەن شۇنى يادىڭغا سالايكى، قوللىرىمنى ئۇچاڭغا قويغان چاغدا، خۇدا ساڭا بەرگەن قابىلىيەتنى تولۇق ئىشلەتكەيسەن. 7چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

8شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر. 9خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى. 10ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى.

11مەن بۇ خۇش خەۋەرنىڭ جاكارچىسى ۋە ئەلچىسى، شۇنداقلا ئۇ توغرىسىدا تەلىم بەرگۈچى بولۇپ تەيىنلەنگەن. 12ھازىرقى بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشىمنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. لېكىن، بۇنىڭدىن نومۇس قىلمايمەن. چۈنكى، مەن كىمگە ئېتىقاد قىلغانلىقىمنى بىلىمەن ھەمدە خۇدانىڭ ماڭا ئامانەت قىلغان بۇ خۇش خەۋەرنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.*

13ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولۇپ، ئۇنىڭدىن كەلگەن ئېتىقاد ۋە مېھىر-مۇھەببەت ئىچىدە ياشاپ، مەندىن ئاڭلىغان ھەقىقىي تەلىملەرنى نىزام قىلىپ، ئۇنىڭدا چىڭ تۇر. 14ساڭا ئامانەت قىلىنغان بۇ قىممەتلىك ھەقىقەتنى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بار بولغان مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى بىلەن ساقلا. 15ئاڭلىغىنىڭدەك، ئاسىيا ئۆلكىسىدىكى* ئېتىقادچىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مېنى تاشلىۋەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا فىگېل ۋە ئېرموگېنمۇ بار. 16رەببىمىز ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلىرىگە رەھىم-شەپقەت قىلغاي. چۈنكى، ئۇ كۆپ قېتىم مېنى يوقلاپ، كۆڭلۈمنى كۆتۈردى. ئۇ مېنىڭ مەھبۇس بولغانلىقىمدىن نومۇس قىلمىدى. 17رىم شەھىرىگە كەلگىنىدە ئۇ مېنى تاپقۇچە كۆپ ئاۋارە بولۇپتۇ. 18قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ رەببىمىزنىڭ رەھىم-شەپقىتىگە ئېرىشىشىنى تىلەيمەن. ئەفەس شەھىرىدە ئۇنىڭ ماڭا قىلغان نۇرغۇن خىزمىتىدىن سېنىڭمۇ ئوبدان خەۋىرىڭ بار.



*12 ئۇشبۇ ئايەتنىڭ ئاخىرقى جۈملىسىنى «ھەمدە مېنىڭ خۇداغا ئامانەت قىلغانلىرىمنى رەببىمىز قايتا كەلگەن كۈنگىچە چوقۇم قوغدايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.

*15بۇ يەردىكى ئاسىيا ئۆلكىسى ھازىرقى تۇركىيىنىڭ غەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ.



 

2

ئەيسا مەسىھنىڭ سادىق جەڭچىسى

1ئەي ئوغلۇم، سەن ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتىگە تايىنىپ كۈچلۈك بول. 2سەن مەندىن ئۆگەنگەن تەلىملەرنى كۆپ ئېتىقادچىلار ئاڭلىغان ۋە بۇ تەلىملەرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىپ كەلگەن. ئەمدى بۇ تەلىملەرنى ئىشەنچلىك ھەمدە باشقىلارغا تەلىم بېرەلەيدىغان كىشىلەرگە يەتكۈزگىن. 3ئەيسا مەسىھنىڭ ياخشى جەڭچىسى بولۇپ، مەن بىلەن بىرگە ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. 4جەڭچى بولغان كىشى ئۆز قوماندانىنى رازى قىلىش ئۈچۈن، تۇرمۇشنىڭ ئۇششاق-چۈششەك ئىشلىرىغا باشقا پۇقرالاردەك ئارىلاشماسلىقى كېرەك. 5مۇسابىقىگە قاتناشقان تەنھەرىكەتچىمۇ مۇسابىقە قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمىسا، غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. 6ئەجىر سىڭدۈرگەن دېھقان ئالغان ھوسۇلىدىن ئەلۋەتتە بىرىنچى بولۇپ بەھرىمەن بولىدۇ. 7بۇ ھېكمەتلىك سۆزلەرنى ياخشى ئويلا، چۈنكى رەببىمىز ساڭا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە ئەقىل بېرىدۇ. 8سەن داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولغان ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلگەن ئەيسا مەسىھنى ئېسىڭدە تۇت. مانا بۇ، مەن يەتكۈزۈۋاتقان خۇش خەۋەر. 9بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگەنلىكىمدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چەكتىم. ھەتتا جىنايەتچىلەردەك كىشەنلىنىپ، زىندانغا تاشلاندىم. لېكىن، ھېچكىم خۇدانىڭ سۆزىنى كىشەنلىيەلمەيدۇ. 10شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا تاللىغان بەندىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھ تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلۇشى ۋە مەڭگۈلۈك شان-شەرەپكە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە بەرداشلىق بېرىۋاتىمەن. 11تۆۋەندىكى بۇ سۆزلەر ئىشەنچلىكتۇر: ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلگەنىكەنمىز، ئۇنىڭ بىلەن يېڭى ھاياتتا بىللە ياشايمىز. 12قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بەرسەك، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ھۆكۈم سۈرىمىز. بىز ئۇنىڭدىن تانساق، ئۇمۇ بىزدىن تانىدۇ. 13بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ.

خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتچى

14بۇ ئىشلارنى داۋاملىق ئېتىقادچىلارنىڭ سەمىگە سال. خۇدا ئالدىدا ئۇلارنى بىمەنە سۆزلەر توغرىسىدا تالاش-تارتىش قىلماسلىققا بۇيرۇغىن. بۇنداق تالاش-تارتىشلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمايلا قالماي، بەلكى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلىدۇ. 15خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى توغرا چۈشەندۈرۈپ، ئۆزۈڭنى خۇدا ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمايدىغان، بەلكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان خىزمەتچى قىلىپ يېتىشتۈرۈشكە تىرىش. 16خۇداغا بولغان ئىخلاسمەنلىككە مۇناسىپ كەلمىگەن قۇرۇق گەپلەردىن ساقلان. چۈنكى، بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچىلار خۇدادىن تېخىمۇ يىراقلىشىدۇ. 17ئۇلارنىڭ گەپلىرى خۇددى زەھەرلىك ئۆسمىدەك تېزلا يامراپ كېتىدۇ. ئىمېنېي ۋە فىلېتلارمۇ مانا شۇنداق گەپ-سۆزلەرنى قىلغۇچىلاردىندۇر. 18ئۇلار ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشىدىن ئىبارەت بۇ ئىش ئاللىقاچان يۈز بېرىپ بولدى دەپ،* ھەق يولدىن چەتنەپ، بەزىلەرنىڭ ئېتىقادىغا بۇزغۇنچىلىق قىلماقتا. 19بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل* مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: «رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ»، «ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.» 20باي ئائىلىلەردە پەقەت ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلارلا بولۇپ قالماي، ياغاچ، ساپال قاچىلارمۇ بولىدۇ. ئالتۇن-كۈمۈش قاچىلار ئالاھىدە سورۇنلاردا، باشقىلىرى بولسا ئادەتتىكى سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدۇ. 21ئەگەر بىر كىشى ئۆزىنى يۇقىرىقى يامان ئىشلاردىن پاك تۇتسا، ئۇ خۇددى ئالاھىدە سورۇنلاردا ئىشلىتىلىدىغان ئالتۇن-كۈمۈش قاچىغا ئوخشايدۇ. چۈنكى، ئۇ پاك بولىدۇ ھەمدە خوجايىنىغا، يەنى خۇداغا ياراملىق كىشى بولۇپ، ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. 22شۇڭا، ياشلىقنىڭ ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن ئۆزۈڭنى تارت. پاك قەلب بىلەن رەببىمىزنى چاقىرغان باشقا كىشىلەر بىلەن بىللە ھەققانىيلىق، ئېتىقاد، مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئىناقلىقنى ئىزدە. 23ئەخمىقانە ۋە بىھۇدە تالاش-تارتىشلارغا ئارىلىشىشنى رەت قىل. چۈنكى، بۇنداق ئىشلارنىڭ جېدەل تېرىيدىغانلىقىنى بىلىسەن. 24رەببىمىزنىڭ خىزمەتكارى جېدەلخور بولماسلىقى، ئەكسىچە ھەممىگە مېھرىبان ۋە تەلىم بېرىشكە ماھىر، سەۋر-تاقەتلىك بولۇشى كېرەك. 25رەببىمىزنىڭ تەلىمىگە قارشى تۇرغانلارغىمۇ مۇلايىملىق بىلەن نەسىھەت قىلىش كېرەك. بەلكىم خۇدا ئۇلارغا ھەقىقەتنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن توۋا قىلىش پۇرسىتىنى بېرىدۇ. 26بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ.



*18بۇ «بىر ئادەم ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغاندا، ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە ئۆلۈپ تىرىلىدۇ. بۇ تىرىلىش پەقەت روھىي جەھەتتە بولۇپ، كەلگۈسىدە تەن جەھەتتە يۈز بەرمەيدۇ» دېگەن خاتا كۆزقاراشتۇر.

*19ئۇل _ ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.



 

3

ئاخىر زامان

1شۇنى بىلگىنكى، ئاخىر زاماندا ئېغىر كۈنلەر بولىدۇ. 2ئۇ چاغدا، ئىنسانلار ئۆزىنىلا ئويلايدىغان، پۇلپەرەس، ماختانچاق، تەكەببۇر ۋە كۇپۇرلۇق قىلىدىغان، ئاتا-ئانىسىنىڭ سۆزىنى ئاڭلىمايدىغان، ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان، خۇداغا بىپەرۋالىق قىلىدىغان، 3كۆيۈمسىز، باشقىلارنى كەچۈرمەيدىغان، تۆھمەتخور، ئۆزىنى تۇتالمايدىغان، ۋەھشىي، شۇنداقلا خەير-ساخاۋەتنىڭ دۈشمىنى بولىدۇ. 4ئۇلار ساتقۇن، تەلۋە ۋە ھاكاۋۇر بولۇپ، كەيپ-ساپانى خۇدادىن ياخشى كۆرىدۇ. 5سىرتقى قىياپەتتە ئىخلاسمەن بولۇۋېلىپ، ئەمەلىيەتتە كۆڭلىدە خۇدانىڭ قۇدرىتىنى ئىنكار قىلىدۇ. بۇنداقلاردىن يىراق تۇر. 6ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئۆيلىرىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ، ئىرادىسى ئاجىز، گۇناھقا پاتقان ۋە ھەر خىل ئارزۇ-ھەۋەسلەرنىڭ قۇلى بولۇپ قالغان ئاياللارنى ئازدۇرىدۇ. 7بۇنداق ئاياللار ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلايدۇ ۋە ھەقىقەتنى تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 8ياننى بىلەن يامبىرى* مۇسا پەيغەمبەرگە قانداق قارشى چىققان بولسا، بۇ ئازدۇرغۇچىلارمۇ ھەقىقەتكە شۇنداق قارشى چىقىدۇ. بۇ ئازدۇرغۇچىلارنىڭ قەلبى چىرىپ كەتكەن، ئېتىقادى ساختا بولۇپ، ئۇلار خۇدا تەرىپىدىن رەت قىلىنغان كىشىلەردۇر. 9ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۇزۇنغا داۋاملىشالمايدۇ. چۈنكى، ياننى بىلەن يامبىرىنىڭ ئەقىلسىزلىقى پاش بولغاندەك، بۇلارنىڭ ئەقىلسىزلىقىمۇ خالايىق ئالدىدا چوقۇم پاش بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ ۋەسىيەتلىرى

10-11لېكىن، سەن مېنىڭ تەلىمىم، يۈرۈش-تۇرۇشۇم، ھاياتلىق نىشانىم، ئېتىقادىم، سەۋر-تاقىتىم، مېھىر-مۇھەببىتىم، چىداملىقىم ھەمدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكىم ۋە تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىمگە دىققەت-ئېتىبارىڭنى قارىتىپ كەلدىڭ. بولۇپمۇ ئانتاكيا، كونيا ۋە لىسترا شەھەرلىرىدە ئۇچرىغان زىيانكەشلىكلەرگە قانداق بەرداشلىق بەرگەنلىكىمدىن ھەمدە رەببىمىزنىڭ مېنى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىدىن قۇتقۇزغانلىقىدىن تولۇق خەۋىرىڭ بار. 12ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان، خۇداغا ئىخلاسمەنلىك بىلەن ھايات كەچۈرۈشكە ئىرادە باغلىغانلارنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ. 13رەزىل ۋە ساختىپەز كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى بۇرۇنقىدىنمۇ يامانلىشىپ، باشقىلارنى ئالداش بىلەن بىللە ئۆزلىرىمۇ ئالدىنىپ كېتىدۇ. 14لېكىن، سەن ھازىرغىچە ئۆگىنىپ كەلگەن ۋە چوڭقۇر ئىشەنگەن ھەقىقەتتە داۋاملىق چىڭ تۇر. چۈنكى، بۇ ھەقىقەتنى ئىشەنچلىك كىشىلەردىن ئۆگەنگەنلىكىڭنى بىلىسەن. 15سەن بالىلىق چاغلىرىڭدىن تارتىپلا مۇقەددەس يازمىلارنى ئۆگەندىڭ. بۇ يازمىلار ساڭا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدىغان ئەقىل-پاراسەتنى تەقدىم قىلدى. 16پۈتۈن مۇقەددەس يازمىلار خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يېزىلغان بولۇپ، ئۇ، ھەقىقەت توغرىسىدا تەلىم بېرىش، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بېرىش، سەۋەنلىكلەرنى تۈزىتىش ۋە كىشىلەرنى ھەققانىيلىققا يېتەكلەشكە پايدىلىقتۇر. 17ئۇ، خۇداغا مەنسۇپ بولغان كىشىلەرنى تولۇق قوراللاندۇرۇپ، ئۇلارنى ھەرقانداق ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا تەييار تۇرغۇزالايدۇ. 



*8ياننى بىلەن يامبىرى ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن قايتىشىدىن بۇرۇن، مۇسا پەيغەمبەرگە قارشى تۇرغان مىسىر پادىشاھىنىڭ سېھىرگەرلىرىدۇر.



 

4

1مەن تىرىكلەر بىلەن ئۆلگەنلەرنى سوراق قىلىدىغان ھەمدە ئۆز پادىشاھلىقىنى قۇرۇش ئۈچۈن قايتا كېلىدىغان ئەيسا مەسىھنىڭ، شۇنداقلا خۇدانىڭ ئالدىدا ساڭا شۇنداق بۇيرۇق قىلىمەنكى، 2پۇرسەت بولسۇن-بولمىسۇن، ھەر ۋاقىت خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزگىن. سەن زور سەۋر-تاقەت ۋە ياخشى تەلىم بېرىش بىلەن كىشىلەرنىڭ خاتالىقلىرىنى تۈزەتكۈز ھەمدە ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغىن ۋە رىغبەتلەندۈرگىن. 3چۈنكى، شۇنداق بىر زامان كېلىدۇكى، ئۇ چاغدا ئىنسانلار خۇدا توغرىسىدىكى توغرا تەلىملەرنى ئاڭلاشنى خالىمايدۇ. بەلكى، ئۇلار قۇلاقلىرىغا خۇش ياقىدىغان سۆزلەرنى ئاڭلاش ئۈچۈن، ئۆز ھەۋەسلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تەلىم بەرگۈچىلەرنى ئىزدەيدۇ. 4ھەق سۆزلەرنى رەت قىلىپ، بىمەنە ئەپسانىلەرگە قۇلاق سالىدۇ. 5لېكىن، سەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۆزۈڭنى سەگەك تۇت. ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشقا تەييار تۇر. ھەر ۋاقىت خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش خىزمىتىدە بولۇپ، خۇدا ساڭا تاپشۇرغان ۋەزىپىنى ئادا قىل. 6ئەمدى ئۆزۈمگە كەلسەم، ھاياتىم خۇداغا قۇربانلىق ئورنىدا تەقدىم قىلىنىش ئالدىدا تۇرىدۇ. مېنىڭ بۇ دۇنيادىن ئايرىلىدىغىنىمغا ئاز قالدى. 7مەن خۇدا يولىدا ئاخىرغىچە كۈرەش قىلدىم، يەنى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىنىڭ پۈتۈن مەنزىلىنى بېسىپ بولدۇم، ئېتىقادىمدا چىڭ تۇرۇپ كەلدىم. 8ھازىر ھەققانىيلىق تاجى مېنى كۈتۈپ تۇرىدۇ. ئۇنى ئادىل سوراق قىلىدىغان رەببىمىز قايتا كەلگەندە، ماڭا كىيدۈرىدۇ. شۇنداقلا، ئۇنى يالغۇز ماڭىلا ئەمەس، ئۇنىڭ قايتا كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتۈپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسىگە كىيدۈرىدۇ.

ئاخىرقى سۆزلەر

9يېنىمغا تېزدىن يېتىپ كېلىشكە تىرىش. 10چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى. 11يېنىمدا يالغۇز لۇقا قالدى. ماركۇسنى ئۆزۈڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەل. ئۇ خىزمەتلىرىمدە ماڭا ياردەمچى بولىدۇ. 12تىكىكۇسنى ئەفەس شەھىرىگە ئەۋەتىۋەتتىم. 13كېلىشىڭدە تروئاس شەھىرىدە بولغان ۋاقتىمدا كارپۇسنىڭ يېنىدا قالدۇرۇپ قويغان تونۇم بىلەن كىتابلارنى، بولۇپمۇ ئورام تېرە يازمىلارنى بىللە ئالغاچ كەلگىن. 14مىسكەر ئىسكەندەر ماڭا كۆپ زىيانكەشلىك قىلدى. رەببىمىز چوقۇم ئۇنىڭغا قىلمىشلىرىغا لايىق جازا ياندۇرىدۇ. 15سەنمۇ ئۇنىڭدىن ھوشيار بول. چۈنكى، ئۇ بىز يەتكۈزگەن خۇش خەۋەرگە كۈچىنىڭ بارىچە قارشى چىقتى. 16بىرىنچى قېتىم سوتلانغىنىمدا، ماڭا ياردەم قىلىدىغانلار چىقمىدى، ئەكسىچە ھەممىسى مېنى تاشلاپ كەتتى. خۇدا ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلغاي. 17لېكىن، خۇدا مەن بىلەن بىللە بولۇپ، ماڭا خۇش خەۋەرنى تولۇق جاكارلاشقا مەدەت بەردى. نەتىجىدە، ئۇ يەردىكى ھەممە يەھۇدىي ئەمەسلەر بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىدى. بۇنىڭ بىلەن، خۇدا مېنى بۇ قېتىمقى سوتتىن، يەنى يولۋاسنىڭ ئاغزىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. 18رەببىمىز مېنى ھەر خىل يامانلىقلاردىن قۇتقۇزۇپ، ئەرشتىكى ئۆز پادىشاھلىقىغا بىخەتەر يەتكۈزگەي. بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئاخىرقى سالام

19مەندىن پرىسكىلا بىلەن ئېرى ئاكۋىلاغا ۋە ئونېسىفورنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە سالام ئېيت. 20ئېراست كورىنت شەھىرىدە قالدى. تروفىم كېسەل بولۇپ قالغانلىقتىن، ئۇنى مىلېت شەھىرىدە قالدۇرۇپ قويدۇم. 21قىش كىرىپ كەلگۈچە، بۇ يەرگە كېلىشكە تىرىشقىن. ئېۋۇل، پۇد، لىن، كلاۋدىيا ۋە بارلىق قېرىنداشلاردىن ساڭا سالام. 22رەببىمىز سىلەر بىلەن بىللە بولغاي. خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولسۇن!