لاۋىيلار

 

1

كۆيدۈرمە قۇربانلىق

1پەرۋەردىگار ئۇچرىشىش چېدىرىدىن مۇسانى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، سىلەردىن بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇنماقچى بولسا، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىدىن قۇربانلىق قىلسۇن.3ئەگەر كالىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، مېنىڭ قۇربانلىقنى قوبۇل قىلىشىم ئۈچۈن ھەممە ئەزايى بېجىرىم بولغان بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.4قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىق قىلغاندا، قولىنى قۇربانلىق بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن. شۇندىلا قىلغان قۇربانلىقى قوبۇل قىلىنىپ، گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.5ئاندىن قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنى ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئېلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.6قۇربانلىق سۇنغۇچى بۇقىنىڭ تېرىسىنى سويۇپ، تېنىنى پارچىلىسۇن.7ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتنى يالقۇنلىتىپ، ئۈستىگە ئوتۇن تاشلىسۇن.8ئاندىن قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى، بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.9قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
10ئەگەر قوي ياكى ئۆچكىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، چوقۇم بېجىرىم قوچقار ياكى تېكىنى ئېلىپ كەلسۇن.11قۇربانلىقنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا، يەنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدە بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.12قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنى پارچىلىسۇن. ئاندىن روھانىي قۇربانلىق پارچىلىرىنى، قۇربانلىقنىڭ بېشىنى ۋە چاۋا مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويسۇن.13قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى، پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيسۇن. ئاندىن روھانىي ھەممىسىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
14ئەگەر بىرسى ماڭا ئاتاپ قۇشنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، پاختەك ياكى ياش كەپتەرنى ئېلىپ كەلسۇن.15روھانىي قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، بوينىنى تولغاپ ئۈزسۇن، بېشىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە تېمىتسۇن.16تاشلىقىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ شەرقىدىكى كۈل تۆكىدىغان يەرگە تاشلىۋەتسۇن.17روھانىي قۇشنى ئىككى قانىتىدىن تۇتۇپ ئىككىگە بۆلسۇن، لېكىن ئۈزۈۋەتمىسۇن. ئاندىن قۇشنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل كۆيدۈرمە قۇربانلىق مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.

 

2

ئاشلىق ھەدىيەسى

1_ ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك بۇغداي ئۇنى سۇنسۇن. ئۇنغا زەيتۇن يېغى قۇيسۇن ۋە مەستىكى رۇمى قويسۇن.2ئۇننى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلارنىڭ ئالدىغا ئاپارسۇن. روھانىي زەيتۇن يېغى قۇيۇلغان ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە قويۇلغان مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.3قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
4ئەگەر تونۇردا يېقىلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ پىشۇرۇلغان پېتىر توقاچ ياكى يۈزىگە زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نانلار سۇنسۇن.
5ئەگەر تاۋىدا پىشۇرۇلغان ناننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندا پىشۇرۇلغان پېتىر نان سۇنسۇن.6پېتىر ناننى پارچىلاپ، ئۈستىگە زەيتۇن يېغى قۇيسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر.
7ئەگەر قازاندا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنماقچى بولسا، سۈپەتلىك ئۇندا قىلىنغان ۋە زەيتۇن يېغىدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكنى سۇنسۇن.
8ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قايسى ئۇسۇلدا تەييارلانغىنىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن. روھانىي ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا ئېلىپ بارسۇن9ۋە ئۇنىڭدىن ئازراق ئوشتۇپ ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.10قالغان قىسمى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان ئەڭ مۇقەددەس تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.
11ماڭا ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق كۆيدۈرمە ھەدىيەلەرگە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن. چۈنكى خېمىرتۇرۇچ ياكى ھەسەلنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ، تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاشقا بولمايدۇ.12لېكىن تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن قىلىنغان يېمەكلىككە خېمىرتۇرۇچ ۋە ھەسەل قوشۇپ ماڭا ھەدىيە قىلسا بولىدۇ. ئەمما ئۇلارنى مەن خۇدانى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ.13بارلىق ئاشلىق ھەدىيەلىرىگە تۇز سېلىنسۇن. تۇز مەن خۇدانىڭ ئىسرائىللار بىلەن تۈزگەن ئەھدىنىڭ مەڭگۈلۈك ئىكەنلىكىنىڭ سىمۋولىدۇر، تۇز سېلىنمىغان بىرەر ھەدىيە بولمىسۇن.
14بىرەرسى تۇنجى ئېلىنغان ھوسۇلدىن ماڭا ئاتاپ ئاشلىق ھەدىيەسى سۇنماقچى بولسا، ئالدى بىلەن يېڭى داننى ئوتتا قورۇپ، ئاندىن يارما قىلىپ،15ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ۋە مەستىكى رۇمى قوشسۇن. بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىدۇر.16روھانىي بۇغداي يارمىسى بىلەن زەيتۇن يېغىدىن ئازراق ۋە مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى ھېسابلىنىدۇ.

 

3

ئامانلىق قۇربانلىقى

1_ ئەگەر بىرسى كالىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، بېجىرىم بۇقا ياكى سىيىرنى قۇربانلىق قىلسۇن.2قۇربانلىق سۇنغۇچى كالىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى كالىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى، يەنى روھانىيلار قۇربانلىقنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.3قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىدىن مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنسۇن، يەنى قۇربانلىق سۇنغۇچى قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى،4ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن.5بۇلارنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيۈۋاتقان ئوتۇننىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرلىكتە كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئامانلىق قۇربانلىقى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.
6ئەگەر بىرسى قوي ياكى ئۆچكىنى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا سۇنماقچى بولسا، مەيلى ئەركەك، مەيلى چىشى بولسۇن، چوقۇم بېجىرىم بولسۇن.7ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى قوي بولسا، قۇربانلىق سۇنغۇچى قوينى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ،8قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قوينىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.9قۇربانلىق سۇنغۇچى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقىرىۋېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن. ئۇ ئومۇرتقىسىدىن پۈتۈن قۇيرۇق مېيىنى چىقىرىۋالسۇن ھەمدە قۇربانلىقنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى،10ئىككى بۆرىكىنى، بۆرەك مېيىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن.11بۇلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ، ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.12ئەگەر سۇنماقچى بولغىنى ئۆچكە بولسا، سۇنغۇچى ئۆچكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كېلىپ،13قولىنى ئۆچكىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئۆچكىنىڭ قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچسۇن.14قۇربانلىق سۇنغۇچى مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۇنۇش ئۈچۈن، قۇربانلىق ئۆچكىنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرىنى،15ئىككى بۆرىكىنى، بۆرەك مېيىنى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن.16بۇلارنى روھانىيلار قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بارلىق مايلار ماڭا تەئەللۇقتۇر.
17ماي ۋە قاننى قەتئىي يېمىسۇن. ئىسرائىللار قەيەردە ياشىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىتائەت قىلسۇن.

 

4

گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:
3ئەگەر باش روھانىي گۇناھ سادىر قىلىپ، پۈتۈن جامائەتنى ئەيىبدار قىلىپ قويغان بولسا، ئۇ چوقۇم قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بېجىرىم بىر بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.4بۇقىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قولىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.5باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ،6بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەڭ مۇقەددەس جاينى توسۇپ تۇرغان پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.7ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان خۇشبۇي ئىسرىق سېلىنىدىغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.8ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنغان بۇقىنىڭ بارلىق چاۋا مايلىرى،9ئىككى بۆرىكى، بۆرەك مېيى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن.10ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بۇقىنىڭ مايلىرىنى قانداق چىقىرىۋالغان بولسا، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنىمۇ شۇنداق چىقىرىۋالسۇن. ئۇ بۇ مايلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن.11-12بۇقىنىڭ قالغان قىسمىنى، يەنى تېرىسى، گۆشى، بېشى، پۇت-پاچىقى، قارىن ۋە ئۈچەيلىرىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدىكى كۈل تۆكىدىغان پاك يەرگە ئېلىپ چىقىپ، كۈلنىڭ ئۈستىدە ئوتۇندا ئوت قالاپ كۆيدۈرۈۋەتسۇن.
13پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.14بۇ ئىش ئۇلارغا مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بىر تۇياق بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.15جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا بوغۇزلىسۇن.16باش روھانىي ئۇچرىشىش چېدىرىغا بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كىرىپ،17بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پەردە تەرەپكە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.18ئاندىن قاننىڭ بىر قىسمىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدە تۇرغان ئىسرىقداننىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن. ئېشىپ قالغان قاننى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.19ئۇ بۇقىنىڭ بارلىق مايلىرىنى چىقىرىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن.20روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىنىدىغان بۇقىنى قانداق قىلغان بولسا، بۇ بۇقىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. شۇندىلا خەلقنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇلار كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.21ئاندىن روھانىي بۇقىنىڭ قالغان قىسمىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، ئالدىنقى بۇقىنى قانداق كۆيدۈرگەن بولسا، بۇنىمۇ شۇنداق كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەتنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.
22ئەگەر يېتەكچىلەردىن بىرى مەنكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە بىخەستەلىكتىن خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.23يېتەكچىنىڭ قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، ئۇ چوقۇم بېجىرىم بولغان تېكىدىن بىرنى قۇربانلىق قىلسۇن.24ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويسۇن ۋە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ ئۇنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھېسابلىنىدۇ.25روھانىي بارمىقىنى تېكىنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.26خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرگەنگە ئوخشاش، تېكىنىڭ بارلىق مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
27ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالسىمۇ، ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ.28قىلغان گۇناھى مەلۇم بولغاندىن كېيىن، چوقۇم بېجىرىم بولغان چىشى ئۆچكىدىن بىرنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئېلىپ كەلسۇن.29ئۇ قولىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن.30روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.31قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش ئۆچكىنىڭ مايلىرىنىمۇ چىقىرىۋالسۇن. روھانىي ھەممە ماينى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
32ئەگەر ئادەتتىكى بىر كىشى بىر قوينى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسە، چوقۇم بېجىرىم بولغان ساغلىق بولسۇن.33ئۇ قولىنى قوينىڭ بېشىغا قويسۇن، ئاندىن ئۇنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايدا بوغۇزلىسۇن.34روھانىي بارمىقىنى قۇربانلىقنىڭ قېنىغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈۋەتسۇن.35قۇربانلىق سۇنغۇچى خۇددى ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان قوينىڭ مايلىرىنى چىقارغانغا ئوخشاش، ساغلىقنىڭمۇ مايلىرىنى چىقارسۇن. روھانىي ھەممە ماينى قۇربانلىق سۇپىسىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بىلەن بىرگە كۆيدۈرسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كىشى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.

 

5

1_ سوت مەلۈم ۋەقە ھەققىدە گۇۋاھچى ئىزدەپ، ئېلان چىقارسا، لېكىن ۋەقەنى كۆرگۈچى ياكى بىلگۈچى ئۆزىنىڭ كۆرگەن، بىلگەنلىرى ھەققىدە سوتتا گۇۋاھلىق بېرىشنى خالىمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
2ئەگەر بىرسى مەيلى ياۋايى ھايۋان، مەيلى ئۆي ھايۋىنى بولسۇن، ھەرقانداق بىر ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، يەنىلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
3ئەگەر بىرسى باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە بىخەستەلىكتىن تېگىپ كەتسە ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ناپاك بولغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
4ئەگەر بىرسى مەيلى ياخشى نىيەتتىن، مەيلى يامان نىيەتتىن بولسۇن، ئويلانمايلا قەسەم قىلغان بولسا ۋە كېيىن ئۆزىنىڭ ئويلانمايلا قەسەم قىلغانلىقىنى بىلسە، ئوخشاشلا ئەيىبكار ھېسابلىنىدۇ.
5ئەگەر بىرسى يۇقىرىدا ئېيتىلغانلارنىڭ بىرەرسىدە ئۆزىنى ئەيىبكار دەپ بىلسە، ئۇ قىلغان گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن.6ئۇ ئۆتكۈزگەن گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تۇياق بېجىرىم ساغلىق ياكى چىشى ئۆچكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ.
7ئەگەر ئۇنىڭ قوي ياكى ئۆچكىنى قۇربانلىق قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى گۇناھىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېلىپ كەلسۇن. بىرى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بولسۇن.8قۇربانلىق سۇنغۇچى ئۇلارنى روھانىينىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي ئالدى بىلەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر پاختەكنىڭ بوينىنى تولغاپ سۇندۇرسۇن، لېكىن بېشىنى بىراقلا ئۈزۈۋەتمىسۇن.9پاختەكنىڭ ئازراق قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يان تەرىپىگە سەپسۇن، قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تېمىتسۇن. بۇ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىدۇر.10ئىككىنچى پاختەكنى روھانىي قائىدە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
11ئەگەر ئۇ قۇربانلىق قىلىشقا ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تاپالمىسا، بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇننى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن. سۈپەتلىك ئۇنغا زەيتۇن يېغى ياكى مەستىكى رۇمى قوشۇشقا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.12ئۇ سۈپەتلىك ئۇننى روھانىيغا ئېلىپ بارسۇن، روھانىي ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدۇر.13شۇندىلا روھانىي ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەدىيەسىدىن قالغان ئۇنلار خۇددى ئاشلىق ھەدىيەلىرىدەك، روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.

ئەيىب قۇربانلىقى

14پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
15_ ئەگەر بىر كىشى بىخەستەلىكتىن ماڭا ئاتىلىدىغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە ئائىت قائىدىلەرگە خىلاپلىق قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە قوي پادىلىرىدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ماڭا ئاتىسۇن. قوچقارنىڭ باھاسى مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمى بويىچە بېكىتىلسۇن.16ئۇ سەۋەنلىكى سەۋەبىدىن ئاتىيالمىغان نەرسىلىرىنى ئاتىغاندىن سىرت، ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنىڭ قىممىتىگە توغرا كېلىدىغان نەرسىنى قوشۇپ روھانىيغا بەرسۇن. روھانىي قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇ كىشىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
17ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مېنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىمنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سالغان بولسا، ئۇ ئوخشاشلا گۇناھكار ھېسابلىنىپ، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.18ئۇ مۇۋاپىق باھادىكى بېجىرىم بىر قوچقارنى ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن. شۇندىلا روھانىي ئۇنى بىخەستەلىكتىن سادىر قىلغان گۇناھىدىن ساقىت قىلىدۇ ۋە ئۇ كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.19بۇ ئەيىب قۇربانلىقىدۇر، چۈنكى ئۇ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئەيىبلىك ئىش قىلغاندۇر.

 

6

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئەگەر بىرسى ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزسە، يەنى بىرسى ساقلاپ بېرىشكە ئامانەت قويغان ياكى گۆرۈگە قويغان نەرسىگە خىيانەت قىلسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ئوغرىلىۋالسا، ياكى بىرسىنىڭ نەرسىسىنى ناھەق يول بىلەن ئۆزىنىڭ قىلىۋالسا،3ياكى تېپىۋالغان نەرسىسىنى ئېتىراپ قىلمىسا ۋە يۇقىرىدىكى ئىشلارنى قىلمىدىم، دەپ مەن خۇدانىڭ نامى بىلەن يالغان قەسەم قىلسا،4ئوغرىلىۋالغان، ئىگىلىۋالغان، ئالدىۋالغان ۋە تېپىۋالغان5ھەرقانداق نەرسىنى قايتۇرۇپ بەرسۇن ۋە ئۈستىگە ئەسلى باھاسىنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرسۇن.6شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بېجىرىم ۋە مۇۋاپىق باھادىكى قوچقاردىن بىرنى ماڭا ئاتاپ، روھانىيغا ئېلىپ كەلسۇن.7روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن. شۇندىلا ئۇنىڭ ھەرقانداق گۇناھى ساقىت قىلىنىدۇ ۋە گۇناھكارمۇ گۇناھلىق ئىشلىرىدىن كەچۈرۈمگە ئېرىشىدۇ.

يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا

8پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
9_ سەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانلىق سۇپىسىدىكى شالادا پۈتۈن كېچە كۆيۈپ تۇرسۇن، ئوت ئۆچۈپ قالمىسۇن.10ئەتىگەندە روھانىي زىغىر رەختتە قىلىنغان تونچە كۆڭلەك ۋە تامبال كىيىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرۈلگەن قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى تازىلاپ ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا قويسۇن.11ئاندىن ئۈستىدىكى كىيىملەرنى يېشىپ، باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلنى قارارگاھ سىرتىدىكى پاك بىر جايغا تۆكسۇن.12قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن. روھانىي ھەر كۈنى ئەتىگىنى قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوتقا ئوتۇن سېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئوتقا قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى كۆيدۈرسۇن.13قۇربانلىق سۇپىسىدىكى ئوت داۋاملىق كۆيۈپ تۇرسۇن، ئۆچۈپ قالمىسۇن.

يەنە ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدا

14_ ئاشلىق ھەدىيەسى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيەلەرنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىدا مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن.
15روھانىي زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان سۈپەتلىك ئۇندىن بىر چاڭگال ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى مەستىكى رۇمىنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ، نىشانە سۈپىتىدە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن. بۇ خىل ئاشلىق ھەدىيەسى مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.16ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمىدا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا پېتىر نان پىشۇرۇپ يېسۇن.17نانغا خېمىرتۇرۇچ قوشمىسۇن. ماڭا ئاتاپ تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنغان بۇ ئاشلىق ھەدىيەسىنىڭ قالغان قىسمى روھانىيلارنىڭ نېسىۋىسىدۇر. بۇ خۇددى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە ئەيىب قۇربانلىقىغا ئوخشاش ئەڭ مۇقەددەستۇر.18ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ تائام ھەدىيەسىدىن يېسە بولىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادىدىن ئەۋلادىغىچە داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ مۇقەددەس ھەدىيەلەرگە باشقىلار تەگسە، تەگكۈچى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ.
19پەرۋەردىگار يەنە مۇساغا مۇنداق دېدى:
20_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈنى ماڭا ھەدىيە سۇنسۇن. ئۇلارنىڭ سۇنىدىغان ئاشلىق ھەدىيەسى بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇندىن تەييارلانسۇن. ئۇنىڭ يېرىمى ئەتىگەندە، يېرىمى كەچتە سۇنۇلسۇن.21بۇ ھەدىيە ئۇنى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ، خېمىر قىلىپ يۇغۇرۇلۇپ، تاۋىدا پىشۇرۇلسۇن. ئاندىن پىشۇرۇلغان نان پارچىلىنىپ، مېنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلسۇن.22باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن ھارۇننىڭ ئوغلىمۇ مۇشۇنداق ھەدىيەنى سۇنسۇن. ھەر قېتىملىق روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان ھەدىيە مېنىڭ ئۈلۈشۈم بولۇپ، ئۇ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن.23روھانىيلار سۇنغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلىرى پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ.

يەنە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى توغرىسىدا

24پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
25_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەرنى يەتكۈزگىن. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.26گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن.27بۇ گۆشكە قۇربانلىقنى سۇنغان روھانىيدىن باشقا كىم تېگىپ كەتسە، شۇ كىشى مۇقەددەس كۈچنىڭ زەخىملەندۈرۈشىگە ئۇچرايدۇ. ئەگەر بىرەر كىيىمگە قۇربانلىقنىڭ قېنى چاچراپ كەتكەن بولسا، شۇ كىيىم جەزمەن مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يۇيۇلسۇن.28بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشى پىشۇرۇلغان قازان ساپال قازان بولسا، چېقىۋېتىلسۇن؛ تۇچ قازان بولسا، سۈرتۈپ تازىلىنىپ، چايقالسۇن.29روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يېسە بولىدۇ، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.30لېكىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ قېنى كىشىلەرنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىگە، يەنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلسە، بۇنداق قۇربانلىقنىڭ گۆشى يېيىلمىسۇن، بەلكى كۆيدۈرۈلسۇن.

 

7

يەنە ئەيىب قۇربانلىقى توغرىسىدا

1_ ئەيىب قۇربانلىقى ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇنىڭ بەلگىلىمىلىرى تۆۋەندىكىدەكتۇر:
2ئەيىب قۇربانلىقى كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان يەردە بوغۇزلانسۇن. قېنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چېچىلسۇن.3روھانىي قۇربانلىقنىڭ بارلىق مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى،4بۆرەك مېيى، ئىككى بۆرىكى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى چىقىرىۋالسۇن.5روھانىي بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارغا سۇنسۇن. بۇ ئەيىب قۇربانلىقى بولىدۇ.6روھانىيلارنىڭ ئائىلىسىدىن ھەرقانداق ئەر كىشى بۇ قۇربانلىقنى يېسە بولىدۇ. بۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن، بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەستۇر.
7گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ياكى ئەيىب قۇربانلىقى بولسۇن، ھەممىسىنىڭ بەلگىلىمىسى ئوخشاش بولۇپ، قۇربانلىقلارنىڭ گۆشى گۇناھتىن ساقىت قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەن روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.8بىرەر كىشىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنغان روھانىي قۇربانلىق مالنىڭ تېرىسىگە ئىگە بولىدۇ.9ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان ھەرقانداق ھەدىيەلەر مەيلى تونۇردا، مەيلى قازاندا ياكى تاۋىدا پىشۇرۇلغان بولسۇن، ھەممىسى ئۇلارنى سۇنغان روھانىيغا تەۋە بولىدۇ.10لېكىن ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغىنى ئۇن بولسا، ئۇنىڭغا مەيلى زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلسۇن ياكى ئارىلاشتۇرۇلمىسۇن، ھەممىسى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىغا تەڭ تەۋە بولىدۇ.

يەنە ئامانلىق قۇربانلىقى توغرىسىدا

11_ مەن پەرۋەردىگارغا ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنۇشقا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:
12ئەگەر بىرسى ماڭا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرمەكچى بولسا، مىننەتدارلىق قۇربانلىقى بىلەن بىرگە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان پېتىر توقاچ، زەيتۇن يېغى سۈرتۈلگەن نېپىز پېتىر نان ۋە سۈپەتلىك ئۇندا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلۇپ يۇغۇرۇلغان خېمىردا قىلىنغان توقاچنى سۇنسۇن.13مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقىغا قوشۇپ خېمىرتۇرۇچ سېلىنغان توقاچمۇ سۇنسۇن.14نانلارنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرى مېنىڭ نېسىۋەم بولسۇن. بۇ نانلار ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى چاچقان روھانىيغا تەۋە بولسۇن.15مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ئامانلىق قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى روھانىي شۇ كۈنىلا يېۋەتسۇن، ئەتىسىگە قالدۇرمىسۇن.
16سۇنۇلغان ئامانلىق قۇربانلىقى مەيلى ئىچكەن قەسىمىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قىلىنغان ياكى خالىس قىلىنغان بولسۇن، قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى شۇ كۈنى يەپ بولالمىسا، ئەتىسى يېسىمۇ بولىدۇ.17ئەگەر قۇربانلىقنىڭ گۆشى ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، چوقۇم كۆيدۈرۈلسۇن.18ناۋادا ئۈچىنچى كۈنىمۇ يەنە ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى يېيىلسە، قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ ھەم قۇربانلىق ھېسابلانمايدۇ. چۈنكى بۇ قۇربانلىق سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇنى يېگۈچى جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
19ئەگەر ئامانلىق قۇربانلىقى ھەرقانداق بىر ناپاك نەرسىگە تېگىپ كەتسە، ئۇنى يېيىشكە بولمايدۇ، ئۇ كۆيدۈرۈلسۇن. لېكىن ئامانلىق قۇربانلىقى ناپاك بولمىغان بولسا، ئۇنى ھەرقانداق پاك كىشى يېسە بولىدۇ.20ئەگەر ناپاك بىر ئادەم ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.21ھەرقانداق بىر ئادەم باشقىلارنىڭ تېنىدىن چىققان ناپاك نەرسىگە، ھارام ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە ياكى باشقا ھەرقانداق ناپاك، يىرگىنچلىك نەرسىگە تېگىپ كەتكەندىن كېيىن ماڭا ئاتالغان ئامانلىق قۇربانلىقىدىن يەپ سالسا، ئۇ كىشى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
23_ سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «كالا، قوي ۋە ئۆچكىنىڭ مېيىنى يېمەڭلار.24يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنىڭ مېيىنىمۇ يېمەڭلار، لېكىن ئۇنى باشقا ئىشلارغا ئىشلەتسەڭلار بولىدۇ.25ھەرقانداق بىر كىشى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلغان قۇربانلىقنىڭ مېيىنى يېسە، ئۇ خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.26مەيلى سىلەر نەدە بولماڭلار، قۇشنىڭ ۋە ھايۋاننىڭ قېنىنى يېمەڭلار.27قان يېگۈچىلەر خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.»
28پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
29_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنىڭ بىر قىسىم گۆشىنى ھەدىيە سۈپىتىدە ماڭا ئاتىسۇن.30ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەسىنى، يەنى قۇربانلىقنىڭ مايلىرىنى ۋە تۆشىنى ئۆز قولى بىلەن ئېلىپ كەلسۇن. تۆشنى ماڭا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈرسۇن.31مايلارنى روھانىي قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن، تۆشى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن.32-33قۇربانلىقنىڭ ئوڭ يانپىشى روھانىينىڭ، يەنى ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىكى ئامانلىق قۇربانلىقىنىڭ قان ۋە مايلىرىنى سۇنغان روھانىينىڭ نېسىۋىسىدۇر.34چۈنكى ئامانلىق قۇربانلىقى ئىچىدىكى سۇنۇلغان يانپاش ۋە ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان تۆشنى ئىسرائىل خەلقى ئارقىلىق روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئاتىدىم. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسرائىللاردىن ئىگە بولىدىغان مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.35تائام ھەدىيەلىرىدىكى يانپاش ۋە تۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مېنىڭ خىزمىتىمنى قىلىش ئۈچۈن روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كۈندىن باشلاپ، ئىگە بولىدىغان نېسىۋىدۇر.36ئۇلار بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ روھانىي بولغان كۈنى مەن پۈتۈن ئىسرائىللارغا قۇربانلىقنىڭ بۇ قىسمىنى ئۇلارغا بېرىشكە ئەمر قىلدىم. ئىسرائىللار بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.
37-38يۇقىرىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئەيىب قۇربانلىقى، روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق ھەم ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا ئەمر قىلغانىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە پەرۋەردىگار سىناي چۆلىدە ئىسرائىل خەلقىنىڭ قۇربانلىقلارنى ئۆزىگە ئاتاپ ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇغانىدى.

 

8

روھانىيلارنىڭ تەيىنلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ھارۇن ۋە ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كەلگىن. ئۇلار بىلەن بىرگە روھانىيلىق كىيىم، مۇقەددەس ياغ، گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقار ۋە بىر سېۋەت پېتىر نان ئېلىپ كەلگىن.3ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن جامائەتنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن.
4مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. جامائەت ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا جەم بولدى.5مۇسا جامائەتكە:
_ پەرۋەردىگار ماڭا بۇ ئىشلارنى قىلىشنى ئەمر قىلدى، _ دېدى.

6ئاندىن ئۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى جامائەتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى ۋە ئۇلارنى يۇيۇنۇشقا بۇيرۇدى.7ئۇنىڭدىن كېيىن ھارۇنغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بېلىگە پوتا باغلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە پەرىجەنى كىيدۈرۈپ، پەرتۇقنى تاقىدى ۋە ئۇنى ئۆزىنىڭ تاسمىسى بىلەن چىڭىتتى.8ئاندىن كۆكرەكلىكنى تاقاپ، ئۇنىڭ ئىچىگە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى*سالدى.9بېشىغا سەللە يۆگەپ، ئالتۇن قاداقنى، يەنى مۇقەددەس بەلگىنى قادىدى. ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىگە بىنائەن بولدى.
10ئاندىن مۇسا ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بولغان بارلىق بۇيۇملارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.11ئۇ يەنە قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم مۇقەددەس ياغ سېپىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملار، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچقا ياغ سۈركەپ، ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە ئاتىدى.
12ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.13ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا تونچە كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە پوتا باغلىدى، باشلىرىغا سەللە يۆگىدى، ھەممە ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە بولدى.
14ئاندىن مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئاتالغان بۇقىنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئوغۇللىرى قوللىرىنى بۇقىنىڭ بېشىغا قويدى.15مۇسا بۇقىنى بوغۇزلىغاندىن كېيىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىدى. قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئورنى سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا بېغىشلىدى.16ئۇ بۇقىنىڭ چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيىنى چىقىرىۋېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.17پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بۇقىنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيىنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.
18ئاندىن مۇسا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.19مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.20قوچقارنى پارچىلاپ، بېشىنى، گۆشىنى، چاۋا مايلىرىنى،21تازىلانغان ئىچ-قارنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى، يەنى پۈتۈن قوچقارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە كۆيدۈردى. بۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى.
22مۇسا يەنە بىر قوچقارنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا سۇنۇلغان قوچقار ئىدى. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى.23مۇسا قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى.24ئۇ يەنە ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، قوچقارنىڭ قېنىدىن ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى ۋە ئوڭ قولى بىلەن ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈركەپ قويدى. ئاندىن قالغىنىنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.25مۇسا قوچقارنىڭ مايلىرىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مايلىرى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى، ئىككى بۆرىكى ۋە بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئوڭ يانپىشىنى چىقىرىۋالدى.26ھەمدە پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى پېتىر نانلار سېلىنغان سېۋەتتىن پېتىر توقاچ، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر نانلارنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، ئۇلارنى قوچقارنىڭ ئوڭ يانپىشى بىلەن مايلارنىڭ ئۈستىگە قويدى.27ئاندىن ھەممىسىنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزدى. ئۇلار ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئېگىز كۆتۈردى.
28شۇنىڭدىن كېيىن مۇسا بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ، كۆيدۈردى. بۇ ئۇلارنىڭ روھانىيلىققا تەيىنلىنىش قۇربانلىقى بولۇپ، بۇ پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولدى.29مۇسا قۇربانلىقنىڭ تۆشىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈردى. بۇ تۆش روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا قۇربانلىق قىلىنغان قوچقارنىڭ گۆشىدىن مۇساغا تېگىشلىك بولغان نېسىۋە ئىدى. ھەممە ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى.
30مۇسا مۇقەددەس ياغ ۋە قۇربانلىق سۇپىسىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە چاچتى. شۇنداق قىلىپ، مۇسا ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە بېغىشلىدى.
31مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر گۆشنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا پىشۇرۇڭلار. ئۇنى مەن بۇيرۇغاندەك، شۇ يەردە روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمىدا سۇنۇلغان سېۋەتتىكى نانلار بىلەن يەڭلار.
32ئېشىپ قالغان گۆش ۋە نانلارنى كۆيدۈرۈڭلار.33سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىن روھانىيلىققا تەيىنلىنىش مۇراسىمى ئاياغلاشمىغۇچە كەتمەڭلار، يەتتە كۈن تۇرۇڭلار. چۈنكى روھانىيلىققا تەيىنلەش مۇراسىمىغا يەتتە كۈن كېتىدۇ.34بۈگۈن قىلىنغان بارلىق ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولدى، بۇ سىلەرنىڭ سادىر قىلغان گۇناھىڭلارنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈندۇر.35سىلەر ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا يەتتە كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى بەجا كەلتۈرۈڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ھالاك بولمايسىلەر. مانا بۇ پەرۋەردىگار ماڭا قىلغان ئەمردۇر.
36شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى.


*8:8«ئۇرىم» ۋە «تۇممىم» _بۇلار خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەكتۇر. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، بۇ يەردە «بولمايدۇ» دېگەن مەنىدە، «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، بۇ يەردە «بولىدۇ» دېگەن مەنىدە بولۇشى مۇمكىن.


 

9

روھانىيلارنىڭ خىزمىتىنىڭ باشلىنىشى

1سەككىزىنچى كۈنى مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى، شۇنداقلا ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرتتى.2ئۇ ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
_ سەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭ ئۈچۈن بېجىرىم بىر قوچقارنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كەلگىن.
3ئاندىن ئىسرائىللارغا: «سىلەر گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بولغان بىر ياشلىق تورپاق ۋە بىر ياشلىق قوي،4ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر بۇقا ۋە بىر قوچقارنى كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قۇربانلىق قىلىڭلار، ھەم بۇلار بىلەن بىرلىكتە زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۇننى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگار بۈگۈن سىلەرگە زاھىر بولىدۇ» دېگىن.
5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە قۇربانلىقلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. پۈتۈن جامائەت ئۇ يەردە جەم بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا تۇرۇشتى.6مۇسا ئۇلارغا:
_ پەرۋەردىگار مۇشۇنداق قىلىشىڭلارنى ئەمر قىلدى. شۇنداق قىلساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى سىلەرگە زاھىر بولىدۇ، _ دېدى.

7ئاندىن مۇسا ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
_ سەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۆزۈڭ ۋە خەلقىڭنىڭ گۇناھلىرىنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىڭ ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭنى سۇنغىن. ئاندىن خەلقنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنغىن. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.

8شۇنىڭ بىلەن ھارۇن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، تورپاقنى ئۆزى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىدى.9ئوغۇللىرى تورپاقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا ئېلىپ بەردى، ئۇ بارمىقىنى قانغا تەگكۈزۈپ، قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈركەپ قويدى. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۈۋىگە تۆكتى.10ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق بەرگەن ئەمرىگە بىنائەن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.11گۆش ۋە تېرىسىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈردى.
12ھارۇن يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن تەييارلانغان قوچقارنى بوغۇزلىدى، ئوغۇللىرى ئۇنىڭ قېنىنى ھارۇنغا سۇنۇپ بەردى، ھارۇن ئۇنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.13ئۇلار كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ پارچىلىرىنى ۋە بېشىنى ئۇنىڭغا بەردى، ھارۇن ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.14ئۇ يەنە قۇربانلىقنىڭ ئىچ-قارنىنى ۋە پۇت-پاچاقلىرىنى يۇيۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىگە قويۇپ كۆيدۈردى.
15ئۇنىڭدىن كېيىن خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى ئېلىپ كەلدى. ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى قانداق قىلغان بولسا، خەلقنىڭ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى بولغان تېكىنىمۇ شۇ بويىچە بوغۇزلاپ، قۇربانلىق قىلدى.16ئۇ يەنە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىمۇ ئېلىپ كېلىپ، قائىدە بويىچە قۇربانلىق قىلدى.17ئۇ ئەتىگەنلىك كۆيدۈرمە قۇربانلىقتىن باشقا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.
18ھارۇن خەلقنىڭ ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەكەلگەن بۇقا ۋە قوچقارنىمۇ بوغۇزلىدى. ئاندىن ئوغۇللىرى قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇنىڭغا بەردى. ئۇ قانلارنى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچتى.19ئۇلار بۇقا ۋە قوچقارنىڭ مېيىنى، يەنى قۇيرۇق مېيى، چاۋا مېيى، بۆرەكلىرى ۋە جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىنى20قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرىنىڭ ئۈستىگە قويدى. ئاندىن ھارۇن بۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈردى.21لېكىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ھارۇن مۇسانىڭ بۇيرۇغىنىدەك قۇربانلىقلارنىڭ تۆشلىرى ۋە ئوڭ يانپاشلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەنىدى.
22ھارۇن قوللىرىنى كۆتۈرۈپ جامائەتكە بەخت تىلىدى. ئۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئامانلىق قۇربانلىقىنى سۇنۇپ بولغاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسىدىن ئايرىلدى.23مۇسا بىلەن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىردى. ئاندىن چىقىپ خەلققە يەنە بەخت تىلىدى. پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى پۈتۈن خەلققە زاھىر بولدى.24شۇ ئەسنادا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت چىقىپ، قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە مايلارنى بىراقلا كۆيدۈرۈۋەتتى. پۈتۈن جامائەت بۇنى كۆرۈپ، خۇشاللىقلىرىدىن چۇقان سېلىشىپ، باشلىرىنى يەرگە قويۇشتى.

 

10

ناداب ۋە ئابىھۇنىڭ ئۆلۈمى

1ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن ناداب ۋە ئابىھۇ ئىسرىقدانلىرىنى ئېلىپ، ئىچىگە چوغ ۋە ئىسرىق سېلىپ، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىردى. لېكىن پەرۋەردىگار بۇ ئوتنى ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىغا ئېلىپ كىرىشكە ئەمر قىلمىغانىدى.2شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن بىر ئوت ئېتىلىپ چىقىپ، ئۇلارنى كۆيدۈردى. ئۇلار شۇ يەردە، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ھالاك بولدى.3شۇ ۋاقىتتا مۇسا ھارۇنغا:
_ پەرۋەردىگارنىڭ «مەن روھانىيلار ئارقىلىق پۈتۈن خەلق ئالدىدا مۇقەددەسلىكىمنى ۋە ئۇلۇغلۇقۇمنى نامايان قىلىمەن» دېگىنى مۇشۇ، _ دېدى. ھارۇن زۇۋان سۈرمىدى.

4مۇسا ھارۇننىڭ تاغىسى ئۇززىئېلنىڭ ئوغۇللىرى مىشائېل ۋە ئەلزافاننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:
_ كېلىڭلار، قېرىندىشىڭلارنىڭ جەسىتىنى مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىن قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كېتىڭلار، _ دېدى.

5ئۇلار كېلىپ، مۇسانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە تونچە كۆڭلەك بىلەن ياتقان جەسەتلەرنى قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
6مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ قالغان ئوغۇللىرى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر چېچىڭلارنى چۇۋۇپ، كىيىمىڭلارنى يىرتىپ، ھازا تۇتۇپ يۈرمەڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار ھالاك بولىسىلەر. پەرۋەردىگار پۈتۈن خەلققىمۇ غەزەپ ياغدۇرىدۇ. بىراق سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ غەزەپ ئوتىدا ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھەسرەت چەكسە بولىدۇ.
7لېكىن سىلەر ئۇلارغا ھازا تۇتۇش ئۈچۈن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدىن چىقماڭلار، بولمىسا سىلەرمۇ ھالاك بولىسىلەر. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇقەددەس يېغى ئۈستۈڭلارغا قۇيۇلۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىگە تەيىنلەندىڭلار.
ئۇلار مۇسانىڭ دېگىنى بويىچە ئىش تۇتتى.

8پەرۋەردىگار ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
9_ سەن ۋە ئوغۇللىرىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىشتىن ئىلگىرى مەي ۋە شاراب ئىچمەڭلار، بولمىسا ھالاك بولىسىلەر. سىلەر بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.10سىلەر نېمىنىڭ مۇقەددەس، نېمىنىڭ مۇقەددەس ئەمەس، نېمىنىڭ پاك، نېمىنىڭ ناپاك ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئايرىشنى بىلىڭلار.11سىلەر مەن مۇسا ئارقىلىق بەرگەن بارلىق بەلگىلىمىلىرىمنى ئىسرائىللارغا ئۆگىتىڭلار.
12مۇسا ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئامان قالغان ئىككى ئوغلى ئەلئازار بىلەن ئىتامارغا مۇنداق دېدى:
_ سىلەر پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان تائام ھەدىيەلىرىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدىكى ھەدىيە ئۇنلىرىدىن پېتىر نان پىشۇرۇپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىدا يەڭلار، چۈنكى ئۇ ئەڭ مۇقەددەس يېمەكلىكتۇر.
13سىلەر ئۇنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يەڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان بۇ تائام ھەدىيەلىرى سېنىڭ ۋە ئوغۇللىرىڭنىڭ ئۈلۈشلىرىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئەمرىدۇر.14پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاشنى سەن ئوغۇل-قىزلىرىڭ بىلەن بىرلىكتە ھەرقانداق پاك يەردە يېسەڭ بولىدۇ. چۈنكى بۇ نەرسىلەر ئىسرائىللار سۇنغان ئامانلىق قۇربانلىق ئىچىدىكى سىلەرنىڭ ئۈلۈشۈڭلاردۇر.15پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلگەن تۆش ۋە سۇنۇلغان يانپاش تائام ھەدىيەسىنىڭ مېيى بىلەن بىرگە ئېلىپ كېلىنسۇن. بۇلار سىلەرنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر. بۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىدۇر.
16شۇ ۋاقىتتا مۇسا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى سۈرۈشتۈردى ۋە ئۇنىڭ ئاللىقاچان كۆيدۈرۈلگەنلىكىنى بىلدى. ئۇ ھارۇننىڭ ئامان قالغان ئوغۇللىرىدىن ئەلئازار ۋە ئىتامارغا ئاچچىقلىنىپ مۇنداق دېدى:
17_ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى نېمىشقا مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېمىدىڭلار؟ بۇ قۇربانلىق ئەڭ مۇقەددەس قۇربانلىق ئىدىغۇ! بۇ قۇربانلىقنى پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ ھۇزۇرىدا سىلەرنىڭ خەلقنى ئەيىبتىن خالاس قىلىشىڭلار، گۇناھتىن ساقىت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرگە تەقدىم قىلغانىدىغۇ!؟18بۇ قۇربانلىقنىڭ قېنى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، مېنىڭ بۇيرۇغىنىم بويىچە بۇ قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسەڭلار بولاتتىغۇ!؟
19ھارۇن مۇساغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:
_ قارا، بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارغا گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى قائىدە بويىچە سۇندۇق. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن يەنىلا مۇشۇنداق قازاغا مۇپتىلا بولدۇم. ئەگەر مەن بۈگۈن بۇ گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ گۆشىنى يېگەن بولسام، پەرۋەردىگار قوبۇل قىلاتتىمۇ؟

20مۇسا ھارۇننىڭ جاۋابىدىن رازى بولدى.

 

11

ھالال ۋە ھارام ھايۋانلار

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار: «يەر يۈزىدىكى جانلىقلاردىن3تۇيىقى ئاچىماق ھەم كۆشەيدىغان ھەرقانداق ھايۋانلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.4لېكىن پەقەت كۆشەيدىغان ياكى پەقەت تۇيىقى ئاچىماق ھايۋان بولسىلا يېسەڭلار بولمايدۇ. تۆگە ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ.5سۇغۇر ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ.6ياۋا توشقان ھارامدۇر، چۈنكى ئۇ كۆشىسىمۇ، ئەمما ئاچىماق تۇياقلىقلارغا كىرمەيدۇ.7چوشقا ھارامدۇر، چۈنكى تۇيىقى ئاچىماق بولسىمۇ، ئۇ كۆشىمەيدۇ.8ئۇلارنىڭ گۆشىنى يېسەڭلارمۇ، ئۆلۈكىنى تۇتساڭلارمۇ بولمايدۇ، چۈنكى ئۇلار ھارامدۇر.
9دېڭىز ۋە دەريادىكى قاناتلىق ۋە قاسراقلىق جانلىقلارنى يېسەڭلار بولىدۇ.10لېكىن دېڭىز ۋە دەريادىكى ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلاردىن يىرگىنىڭلار.11ئۇلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار، ئۇلارنى يېمەڭلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىدىنمۇ يىرگىنىڭلار.12سۇدا ياشايدىغان ھەرقانداق قاناتسىز ۋە قاسراقسىز جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.
13تۆۋەندىكى قۇشلارنى يىرگىنچلىك دەپ بىلىڭلار ھەم قەتئىي يېمەڭلار: بۈركۈت، بارلىق تاپ قۇشلىرى،14ھەر خىل سار ۋە لاچىن،15قاغا-قۇزغۇنلار،16-18ھەر خىل ھۇۋقۇش، چايكا، شۇڭقار تىپىدىكى قۇشلار، قارونا، تازقارا،19لەيلەك، قوتان تىپىدىكى قۇشلار، ھۆپۈپ ۋە شەپەرەڭ.
20كۆپ پۇتلۇق ھەم قاناتلىق ھاشارەتلەردىن يىرگىنىڭلار.21پەقەت ھەم ئۇچىدىغان ھەم سەكرەيدىغان ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.22مەسىلەن: چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكە تىپىدىكى ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.23باشقا بارلىق قاناتلىق ھەم ئۆمىلەيدىغان ھاشارەتلەر سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.
24تۆۋەندىكى جانلىقلار سىلەر ئۈچۈن ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.25ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. لېكىن يەنىلا كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
26تۇيىقى ئاچىماق بولمىغان ھەم كۆشىمەيدىغان ھەرقانداق ھايۋاننى ھارام ھېسابلاڭلار، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاك ھېسابلىنىدۇ.27تۆت پۇتتا ماڭىدىغان تاپانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر، ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن ھەرقانداق ئادەم شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.28ئۇلارنىڭ ئۆلۈكىنى يۆتكىگەنلىكى كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. ئۇ ھايۋانلار ھارامدۇر.
29-30ئۆمىلىگۈچى جانلىقلاردىن ئاغمىخان، چاشقان، پاتمىچۇق، سالما، ۋاران كەسلەنچۈكى، باشقا ھەر خىل كەسلەنچۈكلەر ۋە خامېلېئون ھارامدۇر.31يۇقىرىقى ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى ھارامدۇر. ھەرقانداق ئادەم بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكىگە تەگسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.32ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ھەرقانداق بىر نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، مەيلى ئۇ ياغاچ، رەخت، خۇرۇم ياكى ئۆچكە تىۋىتىدا توقۇلغان نەرسە بولسۇن، ئۇلارنى مەيلى قانداق مەقسەتتە ئىشلەتسۇن، ھەممىسى ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ نەرسىلەرنى سۇغا چىلاپ قويسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.33ئەگەر ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى ساپال قاچىنىڭ ئىچىگە چۈشسە، ئىچىدىكى ھەرقانداق نەرسە ھارام بولىدۇ. سىلەر چوقۇم ئۇ ساپال قاچىنى چېقىۋېتىڭلار.34ئەگەر ئۇ ساپال قاچىدىكى سۇ يېمەكلىككە تېمىپ كەتسە، يېمەكلىك ھارامدۇر. ئىچىملىككە تېمىپ كەتسە، ئىچىملىكمۇ ھارامدۇر.35بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى قانداق نەرسىنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇ نەرسە ناپاكتۇر، مەيلى تونۇر ياكى ئوچاق بولسۇن، چېقىۋېتىلسۇن. ئۇلار ناپاكتۇر. سىلەر ئۈچۈن ناپاكتۇر.36لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆلۈكى بۇلاق ياكى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتسە، سۈيى يەنىلا ھالالدۇر، بىراق ئۆلۈككە تەگكەن كىشى ناپاكتۇر.37ئەگەر بۇ جانلىقلارنىڭ ئۆلۈكى تېرىلماقچى بولغان ئۇرۇقنىڭ ئۈستىگە چۈشۈپ كەتسە، ئۇرۇق يەنىلا ھالالدۇر.38لېكىن ئۇرۇق سۇغا چىلاقلىق بولۇپ، ئۆلۈك ئۇنىڭ ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە، بۇنداق ئۇرۇق ھارامدۇر.
39ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھالال ھايۋاننىڭ ئۆلۈكىگە تەگكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.40ئۇنىڭ گۆشىنى يېگەن ياكى ئۆلۈكىنى يۆتكىگەن كىشى كىيىملىرىنى يۇيسۇن، لېكىن يەنىلا شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
41ئۆمىلىگۈچى جانلىقلارنىڭ ھەممىسى سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر، ئۇلارنى يېمەڭلار،42يەنى يەر بېغىرلىغۇچى، تۆت پۇتلۇق، كۆپ پۇتلۇق ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يېمەڭلار، ئۇلار سىلەر ئۈچۈن يىرگىنچلىكتۇر.43بۇنداق جانلىقلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغاپ، ناپاك بولماڭلار.44مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاڭلار، پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن. ئۆمىلىگۈچى جانلىقلار ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنىڭ سەۋەبىدىن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار.45مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن، سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. سىلەر پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن مۇقەددەستۇرمەن.
46يۇقىرىدىكىلەر ماڭىدىغان، ئۇچىدىغان، سۇدا ئۈزىدىغان، يەردە ئۆمىلەيدىغان جانلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردۇر.47نېمىنىڭ ھالال، نېمىنىڭ ھارام، نېمىنى يېسە بولىدىغان، نېمىنى يېسە بولمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايرىۋېلىڭلار.»

 

12

تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ پاكلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر ئايال ھامىلىدار بولۇپ ئوغۇل تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى يەتتە كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ.3ئوغۇل بوۋاق سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنسۇن.4تۇغۇتلۇق ئايال يەنە ئوتتۇز ئۈچ كۈندىن كېيىن قاندىن پاكلىنىدۇ. قىرىقى توشمىغۇچە ئۇ ئايال ھەرقانداق مۇقەددەس نەرسىگە يېقىن كەلمىسۇن، ئىبادەت جايغىمۇ كىرمىسۇن.5ئەگەر ئايال قىز تۇغسا، تۇغۇتتىن كېيىنكى ئون تۆت كۈن ھەيز مەزگىلىدىكىگە ئوخشاش ناپاك ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەنە ئاتمىش ئالتە كۈندىن كېيىن، قان كېلىشتىن پاكلىنىدۇ.
6تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاكلىنىش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىر ياشلىق ئەركەك پاقلاندىن بىرنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن، پاختەك ياكى ياش كەپتەردىن بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدا روھانىيغا تاپشۇرۇپ بەرسۇن.7روھانىي ئايالنى پاكلاش ئۈچۈن ئۇلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا قۇربانلىق قىلسۇن، شۇنىڭ بىلەن ئايال قاندىن پاكلىنىدۇ. بۇ ئوغۇل ياكى قىز تۇغقان ئايال ئۈچۈن بېكىتىلگەن بەلگىلىمىدۇر.8ئەگەر تۇغۇتلۇق ئايالنىڭ پاقلان ئېلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر ئالسۇن. بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، يەنە بىرنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلىدۇ، ئايال بولسا پاكلىنىدۇ.

 

13

تېرە كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ ئەگەر بىرسىنىڭ تېرىسىدە ئىششىق، تاشما، ئاق داغ پەيدا بولۇپ، تېرە كېسىلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، ئۇ روھانىي ھارۇن ياكى ئۇنىڭ روھانىي ئوغۇللىرىنىڭ بىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىلسۇن.3روھانىي بەدەندىكى كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەن بولسا، بۇ تېرە كېسىلىدۇر. روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن.4ئەگەر كېسەل ئورنىدا ئاق داغلار پەيدا بولغان بولسىمۇ، لېكىن تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.5يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىدا يامانلىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى جامائەتتىن يەنە يەتتە كۈن ئايرىۋەتسۇن.6يەتتىنچى كۈنى روھانىي كېسەل ئورنىنى يەنە تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر كېسەل ئورنىنىڭ رەڭگى سۇسلىشىپ، كېسەل ئورنى كېڭىيىپ كەتمىگەن بولسا، روھانىي ئۇنى پاك دەپ، ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭ كېسىلى پەقەت تېرە تاشمىسى بولۇپ، كىيىمىنى يۇيۇۋەتسىلا پاكلىنىدۇ.7لېكىن روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ تېرە تاشمىسى كېڭىيىپ كەتسە، ئۇ چوقۇم روھانىيغا يەنە كۆرۈنسۇن.8روھانىي تەكشۈرۈش جەريانىدا تېرە تاشمىسىنىڭ كېڭىيىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى بۇ تېرە كېسىلىدۇر.
9ئەگەر بىرسى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولسا، چوقۇم روھانىينىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن.10روھانىي ئۇنىڭ تېرىسىدە ئاق ئىششىق، تۈكلىرى ئاقىرىپ كېتىش ۋە جاراھىتى ئېچىلىپ قېلىش ئالامەتلىرىنى بايقىسا،11بۇ سوزۇلما خاراكتېرلىك تېرە كېسىلىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنى جامائەتتىن ئايرىۋېتىپ، قايتا تەكشۈرۈش زۆرۈر ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئېنىقلا تېرە كېسىلىدۇر.12ئەگەر تېرە كېسىلى يامراپ، بېشىدىن تارتىپ تاكى پۇتىغىچە ھەممە يېرىنى قاپلاپ كەتكەن بولسا،13روھانىي ئۇنى قايتىدىن تەكشۈرسۇن. ناۋادا روھانىي تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن.14ئەگەر ئۇنىڭ تېنىدىكى جاراھىتى ئېچىلىپ قالغان بولسا، ئۇ ناپاكتۇر.15روھانىي ئېچىلىپ قالغان جاراھەتنى كۆرگەن ھامان ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇنىڭ تېنىدىكى ئاشۇ جاراھەت تېرە كېسىلىنىڭ ئالامىتىدۇر.16ئەگەر ئېچىلىپ قالغان جاراھەت ساقىيىشقا يۈزلىنىپ، ئاقىرىشقا باشلىسا، روھانىينىڭ ئالدىغا كەلسۇن.17روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرگەندىن كېيىن، جاراھەت ئورنىنىڭ ھەقىقەتەن ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن، ئۇ پاكتۇر.
18ئەگەر بىرسىگە چىقان چىقىپ، ساقىيىپ كەتكەن بولسىمۇ،19لېكىن چىقاننىڭ ئورنىدا ئاق رەڭلىك ئىششىق ياكى قىزغۇچ ئاق داغ پەيدا بولغان بولسا، روھانىيغا كۆرۈنسۇن.20روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كېسەل تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ، تۈكلىرى ئاقىرىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى، بۇ چىقاننىڭ تېرە كېسىلىگە ئايلانغانلىقىنىڭ بەلگىسىدۇر.21لېكىن روھانىي تەكشۈرگەن ۋاقتىدا چىقان چىققان ئورۇندا ئاق تۈك، تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كېتىش ئالامىتى بولماي، تېرىسىنىڭ رەڭگى سۇسلاپ كەتكەن بولسا، ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.22ئايرىۋېتىلگەن مەزگىلىدە، كېسەللىك يېيىلىپ كەتسە، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.23ئەگەر كېسەل ئورۇندىكى داغ ئەسلىدىكىدىن ئۆزگەرمىسە، كېڭىيىپمۇ كەتمىسە، بۇ چىقاندىن قالغان بىر ئىزدۇر. روھانىي ئۇنى پاك، دەپ ئېلان قىلسۇن.
24ئەگەر بىرسى ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغاندىن كېيىن كۆيگەن يېرى قىزغۇچ ئاق ياكى ئاق رەڭگە ئۆزگىرىپ قالسا،25كۆيگەن يېرىنى روھانىيغا تەكشۈرتسۇن. ئەگەر كۆيگەن يېرىدىكى تۈكلەر ئاقىرىپ، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتكەن بولسا، كۆيۈك يارىسىنىڭ تېرە كېسىلىگە ئۆزگىرىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئالامىتىدۇر، روھانىي ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.26ئەگەر كۆيگەن يەردىكى تۈكلەر ئاقارماي، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتمەي، پەقەت رەڭگى سۇسلاپ قالغان بولسا، روھانىي ئۇنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.27يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، كۆيۈك يارىسىنىڭ يېيىلىپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، ئۇنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى ئۇ تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندۇر.28ئەگەر كۆيۈك يارىسى يامانلاشمىغان، كېڭىيىپ كەتمىگەن ۋە رەڭگى ئەسلىگە قايتىشقا باشلىغان بولسا، بۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان ئىششىقتۇر. روھانىي ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى ئۇ پەقەت كۆيۈكتىن قالغان بىر ئىزدۇر.
29ئەگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ بېشى ياكى ئىڭىكىدە يارا پەيدا بولۇپ قالسا،30روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتكەن، يارا ئۈستىدىكى تۈكلەرمۇ سارغىيىپ، ئىنچىكىلەپ كەتكەن بولسا، ئۇ ئادەمنى ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بېشى ياكى ئىڭىكىدە پەيدا بولغىنى تەمرەتكە بولۇپ، تېرە كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.31لېكىن روھانىي تەكشۈرگەندە، يارا تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەن ئەمما قارا تۈكلەر قالمىغان بولسا، ئۇ كىشىنى يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.32يەتتىنچى كۈنى روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى، ئۈستىدە سېرىق تۈكمۇ يوقلۇقىنى ھەم تەمرەتكىنىڭ تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا،33ئۇ ئادەم چېچىنى، ساقال-بۇرۇتلىرىنى چۈشۈرۈۋەتسۇن، لېكىن تەمرەتكە ئورنىدىكى تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتمىسۇن. روھانىي ئۇنى يەنە يەتتە كۈن جامائەتتىن ئايرىۋەتسۇن.34يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، تەمرەتكىنىڭ كېڭىيىپ كەتمىگەنلىكىنى ھەم تېرە ئاستىغا ئۆتۈپ كەتمىگەنلىكىنى بايقىسا، روھانىي ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. لېكىن ئۇ ئادەم كىيىملىرىنى يۇيسۇن، ئاندىن ئۇ پاكلىنىدۇ.35ئۇ ئادەم پاكلانغاندىن كېيىن، تەمرەتكە يەنە پەيدا بولۇپ كېڭىيىپ كەتسە،36روھانىي ئۇنى يەنە تەكشۈرسۇن. ئەگەر تەمرەتكە ھەقىقەتەن كېڭىيىپ كەتكەن بولسا، روھانىي يەنە كېسەل بولغان ئورۇندىن سېرىق تۈك ئىزدەپ يۈرۈشىنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئادەم ناپاكتۇر.37ئەگەر روھانىي تەمرەتكىنىڭ ئەسلى ھالىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى، تەمرەتكە بولغان ئورۇنغا قارا تۈكلەرنىڭ چىققانلىقىنى كۆرسە، ئۇ ئادەمنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. چۈنكى بۇ، تەمرەتكىنىڭ ساقىيىپ، ئۇ ئادەمنىڭ پاكلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
38ئەگەر ئەر ۋە ئاياللارنىڭ تېرىسىدە ئاق داغ پەيدا بولۇپ قالسا،39روھانىي تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەگەر داغ رەڭگى سۇس ئاق رەڭلىك بولسا، ئۇ پەقەت تاشمىدۇر، ئۇ كىشى پاكتۇر.
40ئەرلەرنىڭ چېچىنىڭ كەينى چۈشۈپ كەتسە، پاك ھېسابلىنىدۇ.41ماڭلاي چېچى چۈشۈپ كەتسىمۇ، يەنىلا پاك ھېسابلىنىدۇ.42ئەگەر چاچ چۈشۈپ كەتكەن يەردە قىزغۇچ ئاق يارا پەيدا بولۇپ قالسا، ئۇ تېرە كېسىلىنىڭ باشلىنىشىدۇر.43روھانىي كېسەل ئورنىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، جاراھەت ئورنىدا قىزغۇچ ئاق ئىششىق بايقىسا ۋە قارىماققا تېرە كېسىلىدەك كۆرۈنسە،44ئۇ كىشى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولىدۇ، ئۇ كىشى ناپاكتۇر. روھانىي ئۇ كىشىنى بېشىدىكى يارىسى سەۋەبىدىن ناپاك دەپ ئېلان قىلسۇن.
45تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىملىرىنى يىرتىپ، چېچىنى چۇۋۇپ، يۈزىنىڭ تۆۋەن تەرىپىنى يېپىۋېلىپ: «ناپاكتۇرمەن، ناپاكتۇرمەن!» دەپ ۋارقىرىسۇن.46كېسىلى ساقايمىغۇچە ئۇ ناپاك بولۇپ، قارارگاھ سىرتىدا جامائەتتىن ئايرىلىپ تۇرسۇن.

نەرسە-كېرەكلەرنىڭ پاختىلىشىپ قېلىشى

47_ ئەگەر كىيىم-كېچەكتە پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، مەيلى ئۇ يۇڭ ياكى زىغىر رەختتە تىكىلگەن كىيىم بولسۇن،48يۇڭ ياكى زىغىر تالاسىدا توقۇلغان رەخت بولسۇن، مەيلى ئۇ خۇرۇم ۋە خۇرۇمدا تىكىلگەن بۇيۇم بولسۇن،49ھەممىسىدە سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ داغلار پەيدا بولسا، ئۇنى پاختىلىشىپ قالغان ھېسابلاپ، روھانىيغا تەكشۈرتسۇن.50روھانىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، بۇنداق كىيىملەرنى يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن.51يەتتىنچى كۈنى روھانىي يەنە تەكشۈرۈپ، ئەگەر كىيىم-كېچەك، توقۇلما ياكى خۇرۇم نەرسىلەردە پاختىلىشىشنىڭ يامراش ئەھۋالىنى بايقىسا، ئۇ نەرسىلەر ناپاك ھېسابلىنىدۇ.52مەيلى قايسى خىل كىيىم بولسۇن، ياكى قوي يۇڭىدا، زىغىر تالاسىدا تىكىلگەن نەرسە ياكى خۇرۇمدا قىلىنغان نەرسە بولسۇن، روھانىي ئۇنى چوقۇم كۆيدۈرۈۋەتسۇن، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن پاختىلىشىپ قالغاندۇر. پاختىلىشىپ قالغان كىيىم-كېچەك، نەرسىلەر چوقۇم كۆيدۈرۈپ تاشلانسۇن.
53ئەگەر كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇملار ياكى خۇرۇمدىكى پاختىلىشىپ قېلىش ئالامەتلىرى يامراپ كەتمىگەن بولسا،54روھانىي ئۇنى يۇيۇشقا ۋە يەنە يەتتە كۈن ئايرىم قويۇشقا بۇيرۇسۇن.55شۇنىڭدىن كېيىن روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى قايتىدىن تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. ئەسلىدىكى كۆكەرگەن داغلار يامرىمىغان بولسىمۇ، يەنىلا كۆكەرگەن رەڭگى ئۆزگەرمىسە، ئۇ نەرسىلەر يەنىلا ناپاكتۇر. پاختىلىشىپ قالغان جاي كىيىمنىڭ ئىچى ياكى تېشىدا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر كىيىم كۆيدۈرۈلسۇن.
56روھانىي يۇيۇلغان نەرسىلەرنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، پاختىلىشىپ قالغان يەرنىڭ رەڭگىنىڭ ئۆڭۈپ كەتكەنلىكىنى بايقىسا، كىيىم-كېچەكنىڭ، خۇرۇمنىڭ، توقۇلما بۇيۇملارنىڭ ئاشۇ يېرىنى كېسىپ ئېلىۋەتسۇن.57لېكىن بۇ كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى يەنە كۆرۈلسە ۋە كېڭىيىپ كەتسە، ئۇلار كۆيدۈرۈلسۇن.58يۇيۇلغاندىن كېيىن كىيىم-كېچەك، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇملاردىكى داغلار يوقالغان بولسا، يەنە بىر قېتىم يۇيۇلسۇن. شۇندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ.
59يۇڭ كىيىم، زىغىر رەخت كىيىم، توقۇلما بۇيۇم ياكى خۇرۇم بۇيۇملاردا پاختىلىشىپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە، يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە بۇ نەرسىلەرنىڭ پاك ياكى ناپاك ئىكەنلىكىنى بېكىتىڭلار.

 

14

تېرە كېسىلىدىن پاكلىنىش توغرىسىدا

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ تېرە كېسىلىدىن ساقايغۇچىنىڭ پاكلىنىش مۇراسىمىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر تۆۋەندىكىدەكتۇر:
تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغۇچى ساقايغاندىن كېيىن، روھانىي ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ،
3ئۇنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا تەكشۈرۈپ كۆرسۇن. روھانىي كېسەلنىڭ ساقايغانلىقىنى بايقىسا،4ئۇنى پاكلاش ئۈچۈن، ئىككى دانە ھالال قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئەكېلىشكە بۇيرۇسۇن.5روھانىي قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلاشنى بۇيرۇسۇن.6ئاندىن روھانىي ئىككىنچى قۇشنى قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە لېپەكگۈل بىلەن بىرلىكتە قۇشنىڭ قېنى ئارىلاشقان سۇغا چىلىسۇن.7ئاندىن قاننى پاكلىنىدىغان كىشىنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم چېچىپ، ئۇنى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن قۇشنى دالاغا قويۇۋەتسۇن.8پاكلانغۇچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرۈپ، يۇيۇنسۇن. ئاندىن ئۇ كىشى پاك كىشى ھېسابلىنىپ، قارارگاھقا كىرسە بولىدۇ. لېكىن ئۇ كىشى ئاۋۋال ئۆز چېدىرىنىڭ سىرتىدا يەتتە كۈن تۇرسۇن.
9يەتتىنچى كۈنى يەنە چاچ-ساقىلى، قاشلىرى ۋە بەدىنىدىكى پۈتۈن تۈكلەرنى چۈشۈرۈۋەتسۇن ۋە كىيىم-كېچىكىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئاندىن بۇ كىشى پاكلانغان بولىدۇ.
10سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى تۇياق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بېجىرىم بىر ياشلىق ساغلىق ئېلىپ كەلسۇن. ئۇنىڭدىن سىرت ئاشلىق ھەدىيەسى ئۈچۈن زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان ئۈچ كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغى ئېلىپ كەلسۇن.11پاكلىنىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان روھانىي پاكلانغۇچىنى ۋە قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.
12ئاندىن ئەركەك پاقلاننىڭ بىرىنى ئەيىب قۇربانلىقى قىلىپ، ئۇنى بىر پىيالە زەيتۇن يېغى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.13پاقلاننى روھانىي گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، يەنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا بوغۇزلىسۇن. ئەيىب قۇربانلىقى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىغا ئوخشاش روھانىيغا مەنسۇپ بولۇپ، ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.14روھانىي ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن.15روھانىي يەنە سول قولىنىڭ ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ،16ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.17ئاندىن ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە، يەنى پاكلانغۇچىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتسۇن.18روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى يەنە پاكلانغۇچىنىڭ بېشىغا سۈرتسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.
19ئاندىن روھانىي بىر ياشلىق ساغلىقنى پاكلىنىش قۇربانلىقى قىلىپ، پاكلانغۇچىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئاتالغان يەنە بىر ئەركەك پاقلاننى بوغۇزلاپ،20ئۇنى ئاشلىق ھەدىيەسى بىلەن بىرگە قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن ۋە ئۇ كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن، شۇندىلا ئۇ كىشى پاكلىنىدۇ.
21ئەگەر ئۇ نامرات بولۇپ، بۇ قۇربانلىقلارنى قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ناپاكلىقىدىن پاكلىنىشى ئۈچۈن ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرۈلىدىغان ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق ئەركەك پاقلاننى سۇنسۇن. ئۇنىڭدىن باشقا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇلغان بىر كىلو سۈپەتلىك ئۇن ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنسۇن.22ئۇنىڭدىن سىرت، ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ، بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە سۇنسۇن.
23سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئۆزىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىقلىرىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن.24روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلان ۋە بىر پىيالە زەيتۇن يېغىنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن.25ئۇنىڭدىن كېيىن روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى قىلىنىدىغان پاقلاننى بوغۇزلاپ، قېنىنى ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرتۈپ قويسۇن.26روھانىي سول ئالىقىنىغا زەيتۇن يېغىدىن ئازراق قۇيۇپ،27ئوڭ قولىنىڭ بارمىقىنى زەيتۇن يېغىغا تەگكۈزۈپ، ھۇزۇرۇمدا يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.28ئۇنىڭدىن كېيىن ئالىقىنىدىكى زەيتۇن يېغىدىن ئۇنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى، ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقى ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باش بارمىقىغا، يەنى ئەيىب قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى سۈرتكەن يەرلەرگە سۈرتسۇن.29روھانىي ئالىقىنىدا ئېشىپ قالغان زەيتۇن يېغىنى ئۇنىڭ بېشىغا سۈرتۈپ، ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.30ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ قۇربى يەتكىنىچە ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەر تەييارلاپ،31بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. ئۇلارغا يەنە ئاشلىق ھەدىيەسىمۇ قوشسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي ئۇنى ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.
32بۇلار تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، لېكىن پاكلىنىش رەسمىيىتىگە كېرەكلىك قۇربانلىقلارنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىگەن كىشىلەر ئەمەل قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەردۇر.

كۆكەرگەن ئۆينى پاكلاش توغرىسىدا

33پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
34_ سىلەر مەن سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەرگەن زېمىن كەنئانغا بارغاندىن كېيىن، ئەگەر ئۇ يەردىكى ئۆيلەرنىڭ تاملىرىنى كۆكەرتىپ قويسام،35ئۆي ئىگىسى: «مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ تاملىرى كۆكىرىپ قالغاندەك تۇرىدۇ» دەپ روھانىيغا مەلۇم قىلسۇن.36ئۆيدىكى نەرسىلەرنىڭ ناپاك دەپ ئېلان قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، روھانىي ئۆينى تەكشۈرۈشتىن ئىلگىرى، ئۆينى بوشاتقۇزسۇن. ئاندىن روھانىي ئۆيگە كىرىپ، ئۆينىڭ كۆكەرگەن يېرىنى تەكشۈرسۇن.37تامدا سۇس يېشىل ياكى قىزغۇچ رەڭدىكى ئالامەتلەر بايقالسا ھەم تامنىڭ ئىچىگە قاراپ يېيىلغان بولسا،38روھانىي ئۆينى يەتتە كۈن پېچەتلىسۇن.39يەتتىنچى كۈنى روھانىي ئۆينى يەنە بىر قېتىم تەكشۈرسۇن، ئەگەر ئۆينىڭ تاملىرىدىكى كۆك يېيىلىپ كەتكەن بولسا،40كۆك يېيىلىپ كەتكەن جايدىكى تاشلارنى چىقىرىپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلاشقا ئەمر قىلسۇن.41ئۆي ئىچىدىكى تاملارنىڭ سۇۋاقلىرىنى قىرىپ چۈشۈرۈپ، شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تۆكۈشكە ئەمر قىلسۇن.42ئاندىن باشقا تاشلار ئەسلىدىكى چىقىرىۋېتىلگەن تاشلار ئورنىغا قويۇلۇپ، ئۈستى لاي بىلەن يېڭىدىن سۇۋالسۇن.
43تاشلار چىقىرىۋېتىلىپ، سۇۋاقلىرى قىرىلىپ، يېڭىدىن سۇۋالغاندىن كېيىن، ئۇ يەردە يەنە كۆكىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلسە،44روھانىي بېرىپ تەكشۈرسۇن. ئەگەر تامدىكى كۆك ئەتراپىغا يامراپ كەتكەن بولسا، ئۇ يامان سۈپەتلىك كۆكتۇر، ئۆي ناپاك ھېسابلانسۇن.45ئۆينىڭ ئىگىسى ئۆينى بۇزۇپ، تاش، ياغاچ، كاكىللىرىنى شەھەر سىرتىدىكى ناپاك يەرگە تاشلىۋەتسۇن.46ئۆي پېچەتلەنگەن مەزگىلدە ھەرقانداق ئادەم ئۇ ئۆيگە كىرسە، شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.47ئاشۇ ئۆيدە تۇرغان، تاماق يېگەنلەرنىڭ ھەممىسى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيسۇن.
48لېكىن روھانىي بېرىپ يېڭىدىن سۇۋالغان ئۆينى تەكشۈرۈپ، ئۆينىڭ تاملىرىدا كۆك بايقىمىسا، ئۆينى پاك دەپ ئېلان قىلسۇن، چۈنكى تامدىكى كۆك يوقالغاندۇر.49روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىغا ئىككى قۇش، ئازراق قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ ۋە بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ كەلسۇن.50ئاندىن قۇشلاردىن بىرىنى ئېقىن سۇ تولدۇرۇلغان ساپال قاچىغا بوغۇزلىسۇن.51ئۇنىڭدىن كېيىن ساپال قاچىغا قارىغاي شېخى، توق قىزىل يىپ، لېپەكگۈل ۋە ئىككىنچى تىرىك قۇشنى چىلاپ، قان تېمىتىلغان سۇنى ئۆيگە قارىتىپ، يەتتە قېتىم چاچسۇن.52روھانىي مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن ئۆينى پاكلىسۇن.53ئاندىن تىرىك قۇشنى شەھەر سىرتىدىكى دالاغا قويۇۋەتسۇن. روھانىي ئۆينى پاكلاش مۇراسىمىنى مۇشۇ تەرىقىدە ئۆتكۈزسە، ئۆي پاكلانغان بولىدۇ.
54يۇقىرىدىكىلەر تېرە كېسىلى، تەمرەتكە،55كىيىم-كېچەكلەرنىڭ پاختىلىشىشى ۋە ئۆيلەرنىڭ كۆكىرىپ قېلىشى،56ئىششىق، تاشما ياكى ئاق داغ ھەققىدىكى بەلگىلىمىلەردۇر.57يۇقىرىدىكى بەلگىلىمىلەر پاك ياكى ناپاكلىققا ھۆكۈم قىلىشنىڭ ئاساسىدۇر.

 

15

ئەرلەرنىڭ ئاجرالما كېسىلىدىن پاكلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇسا ۋە ھارۇنغا مۇنداق دېدى:
2_ سىلەر ئىسرائىللارغا ئېيتىڭلار، كېسەللىك سەۋەبىدىن بىر ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاقسا، ئۇ ئەر ناپاكتۇر.3مەيلى ئۇنىڭ جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالمىلار ئاققان بولسۇن، ياكى جىنسىي يولى توسۇلۇپ قالغان بولسۇن، بۇ خىل كېسەللىك بەرىبىر ئۇنى ناپاك قىلىدۇ.4ئۇ ئۇخلىغان تۆشەك، ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر.5ئۇنىڭ تۆشىكىنى تۇتقان ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇمۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.6ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە ئولتۇرغان ئادەملەرمۇ ناپاكتۇر. ئۇلارمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.7كېسەل كىشىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم ناپاكتۇر. ئۇلار كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
8ئەگەر كېسەل كىشىنىڭ تۈكۈرۈكى پاك كىشىگە چاچراپ كەتسە، پاك كىشى چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.9كېسەل كىشى ئىشلەتكەن ئېگەرمۇ ناپاكتۇر.10ئۇ ئولتۇرغان نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن كىشىلەرمۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرگەن بولسا، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويلىرىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.11ئەگەر كېسەل كىشى قولىنى سۇدا چايقىماي تۇرۇپ، باشقىلارنى تۇتۇپ سالسا، تۇتۇلغان كىشىمۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.12كېسەل كىشى تېگىپ كەتكەن ساپال قاچا چېقىۋېتىلسۇن، ياغاچ نەرسىلەر سۇدا چايقالسۇن.
13كېسەل كىشى ساقايغاندىن كېيىن يەتتە كۈنلۈك پاكلىنىش مۇددىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا بويىنى سۇغا سالسۇن، شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ پاكلىنىدۇ.14سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيغا تاپشۇرسۇن.15روھانىي بىرسىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرسىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ روھانىي مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلسۇن.

ئەرلەرنىڭ ئېھتىلامدىن پاكلىنىشى

16_ بىر ئەر ئېھتىلام بولۇپ قالسا، بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.17مەنى تېگىپ قالغان كىيىم ۋە خۇرۇملارمۇ چوقۇم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.18ئەگەر ئەر-ئايال جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، ئەردىن مەنى كەلسە، ھەر ئىككىلىسى بويىنى سۇغا سالسۇن، ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.

ئاياللارنىڭ ھەيزدىن پاكلىنىشى

19_ ئايال ھەيز كۆرگەن كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈن ناپاكتۇر. بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭغا تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.20ھەيز مەزگىلىدە ئۇ ياتقان ۋە ئولتۇرغان ھەرقانداق نەرسە ناپاكتۇر.21ئۇنىڭ تۆشىكىگە تېگىپ كەتكەن ھەرقانداق ئادەم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.22ھەيز كۆرگەن ئايال ئولتۇرغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.23ھەيز كۆرگەن ئايالنىڭ تۆشىكىگە ياكى تۆشىكىنىڭ ئۈستىدىكى ھەرقانداق نەرسىگە تېگىپ كەتكەن كىشى شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.24ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ قالسا، ئايالنىڭ ناپاكلىقى ئەرگە ئۆتىدۇ. ھەيز ئەرنى يەتتە كۈنگىچە ناپاك قىلىدۇ. ئەر ياتقان تۆشەكمۇ ناپاك بولىدۇ.

ئاياللارنىڭ خۇن تەۋرەش كېسىلىدىن پاكلىنىشى

25_ ئەگەر ئايالنىڭ ھەيز مەزگىلىدىن كېيىن يەنە قان كەلسە ياكى ھەيز مەزگىلى ئۇزىرىپ كەتسە، ئايال ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاك ھېسابلىنىدۇ.26ئاشۇ مەزگىلدە ئۇ ياتقان تۆشەك ۋە ئولتۇرغان نەرسىلىرى خۇددى ھەيز مەزگىلىدىكىدەك ناپاكتۇر.27بۇ نەرسىلەرگە تېگىپ كەتكەن ئادەممۇ ناپاكتۇر. ئۇ چوقۇم كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇ شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر.
28ئۇ ئايال خۇن توختىغان كۈندىن باشلاپ يەتتە كۈننى ساناپ ئۆتكۈزسۇن، ئاندىن ئۇ ئايال پاك ھېسابلىنىدۇ.29سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى ياش كەپتەرنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، روھانىيغا تاپشۇرسۇن.30روھانىي ئۇ پاختەكلەرنىڭ بىرىنى پاكلىنىش قۇربانلىقى، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلسۇن. شۇنداق قىلىپ، روھانىي ھەيز كۆرگەن ئايالنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ناپاكلىقىدىن خالاس قىلسۇن.
31ئىسرائىللارنىڭ ناپاك ۋاقتىدا، ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىدىن يىراق تۇرۇشىنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىبادەت چېدىرىمنى بۇلغاپ قويۇپ، ناپاك ھالەتتە جېنىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدىن ساقلىنالايسىلەر.
32-33يۇقىرىقىلار ئاجرالما كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئېھتىلام بولۇپ، ھەيز كۆرۈپ، ھەيزدىن كېيىن يەنە قان كېلىپ ۋە ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ناپاك بولغانلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەردۇر.

 

16

گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى

1ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېرىپ، ھالاك بولغاندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئاكاڭ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇ پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىغا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا خالىغانچە يېقىنلاشمىسۇن. بولمىسا، جەزمەن ھالاك بولىدۇ. چۈنكى مەن «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى بۇلۇت ئىچىدە زاھىر بولىمەن.
3ھارۇن ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىدىغان ۋاقتىدا، مۇنداق قىلسۇن: گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر تۇياق بۇقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار تەييار قىلسۇن.4ئاندىن ئۇ زىغىر رەختتىن تەييارلانغان مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيسۇن، يەنى تۆۋىنىگە تامبال، ئۈستىگە تونچە كۆڭلەك كىيسۇن، بېلىگە پوتا باغلىسۇن، بېشىغا سەللە يۆگىسۇن. ھارۇن بۇلارنى كىيىشتىن بۇرۇن بويىنى سۇغا سالسۇن.5ئۇ ئىسرائىل جامائىتىدىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تۇياق تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر تۇياق قوچقار ئالسۇن.
6ھارۇن ئالدى بىلەن ئۆزىنى ۋە ئائىلە تاۋابىئاتىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن، ھېلىقى بۇقىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئېلىپ كەلسۇن.7ئاندىن ئىككى تۇياق تېكىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.8ئاندىن چەك تارتىش ئارقىلىق قايسى تېكىنىڭ مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغانلىقىنى، قايسى تېكىنىڭ ئازازۇل*تەرەپكە قوغلىۋېتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىسۇن.9ھارۇن چەك تاشلاش ئارقىلىق ماڭا ئاتالغان تېكىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى تەييار قىلسۇن.10چەك تاشلاش ئارقىلىق ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى، يەنى خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن چۆلگە قوغلىنىدىغان تېكىنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا ئېلىپ كەلسۇن.
11ھارۇن ئۆزىنىڭ ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىشى ئۈچۈن تەييارلانغان بۇقىنى، يەنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنى بوغۇزلىسۇن.12ئاندىن ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىدىن چوغ ئېلىپ، ئىسرىقداننى تولدۇرسۇن ۋە يۇمشاق ئېزىلگەن خۇشبۇي ئىسرىقلاردىن بىر ئوچۇم ئېلىپ، پەردىنىڭ كەينىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرسۇن13ھەمدە ئۇنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا ئوتتا كۆيدۈرسۇن. ئىسرىقلارنىڭ خۇش پۇراق ئىسى ئەھدە ساندۇقىنىڭ قاپقىقىنى، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نى قاپلىغاندا، ئۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ.14ئۇ بۇقىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، بارمىقى بىلەن قاپقاققا، يەنى «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»نىڭ شەرقىي يان تەرىپىگە بىر قېتىم ۋە ساندۇقنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى يەرگە يەتتە قېتىم چاچسۇن.15ئاندىن ھارۇن خەلقنىڭ ئۆزلىرىنىڭ گۇناھىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا ئاتىغان تېكىسىنى بوغۇزلاپ، قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ كىرىپ، خۇددى بۇقىنىڭ قېنىنى چاچقانغا ئوخشاش «گۇناھ ساقىت قىلىنىش جايى»غا ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا چاچسۇن.16ئۇ شۇ تەرىقىدە ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە پۈتۈن گۇناھلىرىدىن پاكلىسۇن، ئۇچرىشىش چېدىرىنىمۇ پاكلىسۇن. چۈنكى ئۇچرىشىش چېدىرى ناپاك خەلقنىڭ ئارىسىدىدۇر.17ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرىپ، ئۆزىنى، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى ۋە پۈتۈن ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىپ، قايتىپ چىقمىغۇچە، ھېچكىم ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرمىسۇن.18ئاندىن ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىدىن چىقىپ، ھۇزۇرۇمدىكى قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلىسۇن. ھارۇن بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ بۆرتۈپ چىققان تۆت بۇرجىكىگە سۈرتسۇن.19ئۇ يەنە بۇقا ۋە تېكىنىڭ قېنىغا بارمىقىنى تەگكۈزۈپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا يەتتە قېتىم چاچسۇن، شۇ ئارقىلىق قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ، مۇقەددەس قىلسۇن.
20ھارۇن ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنى ناپاكلىقتىن خالاس قىلغاندىن كېيىن، ئازازۇلغا ئاتالغان تىرىك تېكىنى يېتىلەپ كەلسۇن.21ئۇ ئىككى قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئاسىيلىقى، ئىتائەتسىزلىكى ۋە گۇناھلىرىنى ئېتىراپ قىلسۇن ۋە ئۇلارنى تېكىگە يۈكلىسۇن. ئۇنىڭدىن كېيىن بەلگىلەنگەن ئادەم تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتسۇن.22چۆلگە قوغلىۋېتىلگەن تېكە خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى چۆلگە ئېلىپ كېتىدۇ.
23ئاندىن ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا قايتىپ كىرىپ، ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندە كىيگەن زىغىر رەخت كىيىمىنى سېلىپ، شۇ يەردە قالدۇرسۇن.24ئۇنىڭدىن كېيىن چېدىردىن چىقىپ، مۇقەددەس ھېسابلانغان ھويلىدا بويىنى سۇغا سېلىپ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا كىيىدىغان روھانىيلىق كىيىمنى كىيسۇن. ئاندىن ئۇ ئۆزىنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن تەييار قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى ۋە خەلقنىڭ گۇناھىنى ساقىت قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى قۇربانلىق قىلسۇن.25ئۇ يەنە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقىنىڭ مايلىرىنى قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرسۇن.
26ئازازۇلغا ئاتالغان تېكىنى چۆلگە قوغلىۋەتكۈچى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن.27گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ۋە گۇناھنىڭ ساقىت قىلىنىشى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان ۋە قېنى ئەڭ مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلگەن بۇقا ۋە تېكە قارارگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلىپ، تېرىسى، گۆشى ۋە ئۈچىيى كۆيدۈرۈلسۇن.28كۆيدۈرۈشكە مەسئۇل كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سېلىپ، ئاندىن قارارگاھقا قايتسۇن.
29ھەر يىلى 7-ئاينىڭ*10-كۈنى مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھەممىسى نەپسىنى يىغسۇن، ئىش قىلمىسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.30چۈنكى بۇ كۈنى خەلقنىڭ ھەممە گۇناھى ساقىت قىلىنىپ پاك بولىدۇ. ئۇلار مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا پاكلىنىدۇ.31بۇ كۈنى ئۇلار نەپسىنى يىغىپ، تولۇق دەم ئالسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.
32بېشىغا مۇقەددەس ياغ قۇيۇلۇپ، ئاتىسىنىڭ ئورنىغا باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگەن كىشى قۇربانلىق سۇنۇپ، خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن. ئۇ زىغىر رەختتىن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ،33ئەڭ مۇقەددەس جاي، ئۇچرىشىش چېدىرى، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاش ۋە روھانىيلار بىلەن پۈتۈن خەلقنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن مۇراسىم ئۆتكۈزسۇن.34ھەر يىلى ئىسرائىللار بىر قېتىم پۈتۈن گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىنسۇن. ئىسرائىللارنى گۇناھلىرىدىن ساقىت قىلىش مۇراسىمى ھەر يىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەمەل قىلىشىغا تېگىشلىك بولغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.
پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق نېمىنى ئەمر قىلغان بولسا، ھارۇن شۇنى بەجا كەلتۈردى.


*8:16ئازازۇل _چۆللەردە ياشايدىغان جىننى كۆرسىتىشى مۇمكىن. پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا خەلقنىڭ پۈتۈن گۇناھلىرىنى تېكىگە يۈكلەپ، تېكىنى چۆلدىكى ئازازۇل تەرەپكە قوغلىۋېتىشكە ئەمر قىلغاندۇر.

*29:16 7-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 10-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.


 

17

قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جاي

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن تۆۋەندىكى ئەمرلىرىمنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا، شۇنداقلا پۈتۈن ئىسرائىللارغا يەتكۈزگىن،3‏ ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا بىرەرسى كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىنى مەيلى قارارگاھ ئىچىدە ياكى سىرتىدا بوغۇزلىغان بولسۇن،4ئۇلارنى ئىبادەت چېدىرىم دەپ ئاتالغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلمىسا، ئۇ قان تۆككەن گۇناھكار ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.5بۇ قائىدە ئىسرائىللارغا ھايۋانلارنى خالىغان يەردە بوغۇزلىماسلىقنى ھەمدە ئۇلارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا، يەنى روھانىيغا ئېلىپ كېلىپ، ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىشىنى ئۆگىتىدۇ.6روھانىي قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىدىكى مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا چاچسۇن، مايلىرىنى كۆيدۈرۈپ، مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنسۇن.7ئۇلار بۇندىن كېيىن يەنە ماڭا ساداقەتسىزلىك قىلىپ، قۇربانلىقلىرىنى ئۆچكە سىياقىدىكى جىنلارغا ئاتىمىسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىدۇر، بۇنىڭغا ئۇلار ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلسۇن.
8ئۇلارغا شۇنى ئېيتقىنكى، مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدىكى يات خەلقلەر بولسۇن، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى ئامانلىق قۇربانلىقلىرىنى9ماڭا ئاتاپ، ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلمىسە، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.

قان يېيىشنىڭ چەكلىنىشى

10_ مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، كىمكى قان يېسە، مەنكى پەرۋەردىگار ئۇلارغا قارشى تۇرىمەن ۋە ئۇلارنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.11چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. مەن پەرۋەردىگار قاننى ئۇلارغا قۇربانلىق سۇپىسىدا ئۆزلىرىنى گۇناھتىن ساقىت قىلىشى ئۈچۈن بەردىم. ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدىغىنى جانلىقنىڭ جېنى بولغان قاندۇر.12شۇڭا مەن ئىسرائىللارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، ئۇلار قان يېمىسۇن.
13ئەگەر ئىسرائىللار ۋە ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ھالال قۇش ياكى ھالال ياۋايى ھايۋاننى ئوۋلاپ تۇتۇۋالسا، ئۇنى دەرھال بوغۇزلاپ، قېنىنى كۆمۈۋەتسۇن.14چۈنكى ھەممە جانلىقنىڭ جېنى قاندىدۇر. شۇڭا مەن ئىسرائىللارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەرنىڭ قان يېيىشىنى چەكلىدىم، چۈنكى جان قاندىدۇر. قان يېگەن ئادەم خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
15مەيلى ئىسرائىللار ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ئۇلار يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى يېسە ناپاك بولىدۇ. ئۇلار چوقۇم كىيىمىنى يۇيۇپ، بويىنى سۇغا سالسۇن. ئۇلار شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر، كۈن پاتقاندا ئاندىن ئۇلار پاكلىنىدۇ.16ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىسا، جازايىمغا ئۇچرايدۇ.

 

18

زىنانىڭ مەنئى قىلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.3سىلەر ياشىغان مىسىرنىڭ خەلقىنىڭ قائىدىلىرىنىمۇ ۋە مەن سىلەرنى ئېلىپ بارىدىغان كەنئان خەلقىنىڭ ئادەتلىرىنىمۇ دورىماڭلار.4مېنىڭ قانۇنلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار، بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلىڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.5سىلەر مەن بۇيرۇغان قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلساڭلار، ھايات قالىسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
6ھەرقاندىقىڭلار قان قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.7ئاناڭلار بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاناڭلار بولغاچقا، ئۇلار بىلەن زىنا قىلماڭلار.8ئاتاڭلارنىڭ توقاللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئاتاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار.9ئاچا-سىڭىللىرىڭلار، ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار بىلەن بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان ياكى بولمىغانلىقىڭلاردىن قەتئىينەزەر بۇنداق مۇناسىۋەتتە بولماڭلار.10ئوغلۇڭلارنىڭ ياكى قىزىڭلارنىڭ قىزى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ شەنىڭلارغا داغ چۈشۈرىدۇ.11ئۆگەي ئاناڭلاردىن تۇغۇلغان بىر ئۆيدە چوڭ بولغان قىز قېرىندىشىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇلار سىلەرنىڭ ئاچا-سىڭلىڭلاردۇر.
12ئاتاڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاتاڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر.13ئاناڭلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇ ئاناڭلارنىڭ قان قېرىندىشىدۇر.14ئاتاڭلارنىڭ ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىپ، تاغاڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار. چۈنكى ئۇلار سىلەرنىڭ يەڭگەڭلاردۇر.
15كېلىنىڭلار بىلەن زىنا قىلماڭلار. ئۇ ئوغلۇڭلارنىڭ ئايالىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ.16ئاكا-ئىنىڭلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، قېرىندىشىڭلارغا ھاقارەت قىلماڭلار.
17بىر ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭ قىزى ۋە قىز نەۋرىسى بىلەن زىنا قىلماڭلار، ئۇلار قانداشتۇر. بۇنداق قىلىش رەزىللىكتۇر.18ئايالىڭلار ھايات ۋاقتىدا، ئۇلارنىڭ ئاچا-سىڭىللىرىنى ئەمرىڭلارغا ئېلىپ، ئۇلارنى كۈنداش قىلىپ قويماڭلار.
19ھەيز كۆرۈپ ناپاك بولغان ئايالىڭلار بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماڭلار.
20باشقىلارنىڭ ئاياللىرى بىلەن زىنا قىلىپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.
21ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنى بۇت ئىلاھى مولەككە قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاپ، مەن خۇدايىڭلارنىڭ نامىنى بۇلغىماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.22بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتمىسۇن، بۇ يىرگىنچلىك ئىشتۇر.
23ھايۋانلار بىلەن جىنسىي ئالاقىدە بولۇپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. ئاياللارمۇ ئۆزىنى ھايۋانغا تۇتۇپ بېرىپ، ئۇلار بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلمىسۇن، بۇ ئىپلاسلىقتۇر.
24سىلەر بۇ ئىشلار بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقارماقچى بولغان خەلقلەر دەل مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن ئۆزلىرىنى بۇلغىغانلاردۇر.25ئۇلار تۇرغان زېمىنلارمۇ بۇلغاندى. مەن ئۇلارنىڭ گۇناھى ئۈچۈن بۇ زېمىننى جازالايمەن، شۇڭا بۇ زېمىن ئۇلارنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.26سىلەر چوقۇم مېنىڭ قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەيلى سىلەر بولۇڭلار، مەيلى ئاراڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر بولسۇن، ھېچقايسىڭلار بۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلماڭلار.27بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان كىشىلەر مۇشۇنداق ئىشلار بىلەن بۇ زېمىننى بۇلغىدى.28ئەگەر سىلەرمۇ بۇ زېمىننى بۇلغىساڭلار، بۇ زېمىن ھازىر ياشاۋاتقان خەلقلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك، سىلەرنىمۇ قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ.29مۇشۇنداق يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانلار خەلق ئارىسىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.30سىلەر ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەرنىڭ يىرگىنچلىك ئادەتلىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

 

19

پاك ۋە ئادىل ياشاش توغرىسىدا

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا مۇقەددەستۇرمەن.
3ئاتا-ئاناڭلارنى ھۆرمەت قىلىڭلار. مېنىڭ دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
4بۇتلارغا سەجدە قىلماڭلار، ئۆزۈڭلارغا ئاتاپ قۇيما بۇت ياسىماڭلار. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
5ماڭا ئامانلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا، مەن جاكارلىغان قائىدىلەرگە ئەمەل قىلساڭلار، قۇربانلىقىڭلارنى قوبۇل قىلىمەن.6سۇنۇلغان قۇربانلىقلار شۇ كۈنى ياكى ئەتىسى يەپ تۈگىتىلسۇن. ئەگەر ئۈچىنچى كۈنىگە ئېشىپ قالسا، ھەممىسى كۆيدۈرۈلسۇن،7چۈنكى ئۇ سېسىپ كەتكەن ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يېيىلسە، مەن بۇنداق قۇربانلىقنى قوبۇل قىلمايمەن.8ئۇنى يېگەن ئادەم جازايىمغا ئۇچرايدۇ. چۈنكى ئۇ مەن مۇقەددەس دەپ بىلگەن قۇربانلىقنى بۇلغىدى. ئۇنداق كىشى خەلقنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
9ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار.10ئۈزۈمزارلىقتىكى ئۈزۈملەرنى پاك-پاكىز يىغىۋالماڭلار ھەم يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئۈزۈملەرنى يىغماڭلار. ئۇلارنى ئاراڭلاردىكى كەمبەغەللەرگە ۋە يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارغا قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
11ئوغرىلىق، يالغانچىلىق ۋە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.
12مېنىڭ نامىم بىلەن قەسەم قىلساڭلار، قەسىمىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار، بولمىسا نامىمنى بۇلغايسىلەر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ نەرسىلىرىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلماڭلار. ئادەم ئىشلەتسەڭلار، ھەققىنى شۇ كۈنى بېرىڭلار، ئەتىگە قالدۇرماڭلار.
14گاسنى ھاقارەتلىمەڭلار، قارىغۇنى پۇتلىماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
15ھەقىقەتنى بۇرمىلىماڭلار، ھەم نامراتلارغا يان باسماڭلار ھەم ھوقۇقدارلارغا خۇشامەت قىلماڭلار، ھۆكۈمدە ئادىل بولۇڭلار.16باشقىلارغا تۆھمەت قىلماڭلار. باشقىلار ھەققىدە يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ ھاياتىغا زامىن بولماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
17قېرىندىشىڭلارغا ئاداۋەت ساقلىماڭلار، ئەيىبىنى يۈزىگە دەڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ گۇناھىغا شېرىك بولۇپ قالمايسىلەر.18ئۆچ ئالماڭلار، قېرىندىشىڭلارغا غۇم ساقلىماڭلار، باشقىلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
19بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. ئوخشىمىغان تۈردىكى ھايۋانلارنى ئۆزئارا جۈپلەشتۈرمەڭلار. بىر ئېتىزغا ئوخشىمىغان ئىككى خىل ئۇرۇق ئارىلاشتۇرۇپ چاچماڭلار، ئىككى خىل يىپتىن توقۇلغان كىيىمنى كىيمەڭلار.
20بىر كىشىگە نىكاھلىنىشقا پۈتۈشۈپ قويۇلغان دېدەك تېخى سېتىلمىغان ياكى ئازاد قىلىنمىغان ئەھۋالدا، باشقا بىرى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياتسا، ئۇ دېدەكنىڭ ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. لېكىن ئۇلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنمىسۇن، چۈنكى دېدەك تېخى ئازاد ئەمەستۇر.21دېدەك بىلەن بىرگە ياتقان ئادەم ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر تۇياق قوچقارنى ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئەكېلىپ، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتىسۇن.22روھانىي ئەيىب قۇربانلىقى ئارقىلىق ئۇنى گۇناھتىن ساقىت قىلسۇن، ئاندىن ئۇنىڭ گۇناھى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ.
23سىلەر كەنئان زېمىنىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرنى تىككەندىن كېيىن، ئۈچ يىلغىچە مېۋىسىنى يېمەڭلار، ئۇلارنى يېيىش مەنئى قىلىنسۇن.24تۆتىنچى يىلىدىكى مېۋىلەرنىڭ ھەممىسى مەدھىيە ھەدىيەسى سۈپىتىدە ماڭا ئاتالسۇن.25بەشىنچى يىلى مېۋىلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ. بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلساڭلار، مېۋىلىك دەرىخىڭلار تېخىمۇ كۆپ مېۋە بېرىدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
26قانسىرىمىغان گۆشنى يېمەڭلار. پال سالغۇزماڭلار ۋە ئەپسۇنمۇ ئوقۇتماڭلار.27چېكى چېچىڭلارنى چۈشۈرمەڭلار، ساقىلىڭلارنىڭ يانلىرىنى قىرقىماڭلار.28ئۆلگەنلەر ئۈچۈن ھازا تۇتقىنىڭلاردا تېنىڭلارنى تىلماڭلار. تېنىڭلارغا بەلگە سالماڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
29قىزىڭلارنى پاھىشەلىككە سېلىپ، ئۇنى خورلىماڭلار، بولمىسا زېمىنىڭلار بۇزۇقچىلىققا ۋە رەزىللىككە تولۇپ كېتىدۇ.
30دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
31ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلاردىن ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتۈپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
32مويسىپىت كىشىلەرنى كۆرگەندە ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەڭلار. مەنكى خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
33سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولغان مۇساپىرلارنى خورلىماڭلار،34ئۇلارنى ئىسرائىل قېرىندىشىڭلاردەك كۆرۈڭلار، ئۇلارنى ئۆزۈڭلارنى سۆيگەندەك سۆيۈڭلار، چۈنكى سىلەرمۇ بۇرۇن مىسىردا مۇساپىر بولۇپ ياشىغان. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
35ئۇزۇنلۇق، ئېغىرلىق ۋە مىقدار ئۆلچەملىرىدە ئالدامچىلىق قىلماڭلار.36تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
37مېنىڭ بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىمغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

 

20

ئېغىر گۇناھلارغا بېرىلىدىغان جازالار

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە ئېيتقىن: «ئىسرائىل خەلقىدىن ياكى يۇرتۇڭلاردا ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەرقانداق بىر كىشى ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلسا، ئۇ كىشى چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.3مەنمۇ ئۇنداق ئادەمگە قارشى چىقىپ، ئۇنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن. چۈنكى ئۇ پەرزەنتىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ، مېنىڭ ئىبادەت جايىمنى ۋە مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىدى.4ئەگەر جامائەت بالىلىرىنى بۇت ئىلاھى مولەككە ئاتاپ قۇربانلىق قىلغۇچى بىلەن كارى بولماي، ئۇنى ئۆلتۈرمىسە،5مەن ئۇلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا قارشى چىقىمەن. مەندىن تېنىپ بۇت ئىلاھى مولەككە چوقۇنغۇچىلارنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگەشكۈچىلەرنى خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.6ئەگەر بىرسى مەندىن تېنىپ ئەرۋاھ چاقىرغۇچىلار ياكى جادۇگەرلەردىن ئۈمىد كۈتسە، مەن ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىمەن.
7ئۆزۈڭلارنى ماڭا بېغىشلاپ، پاك بولۇڭلار. چۈنكى مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.8مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
9ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلار ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇلار ئاتا-ئانىسىنى قارغىغانلىقى ئۈچۈن، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
10ئەگەر بىرسى باشقا بىرىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، زىنا قىلغان ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.
11ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ئاتىسىغا ھاقارەت قىلغان بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
12ئەگەر بىرسى كېلىنى بىلەن زىنا قىلغان بولسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ قىلمىشى ئىپلاسلىق بولۇپ، ئۇلار گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
13ئەگەر بىر ئەر ئايال بىلەن ياتقاندەك، باشقا بىر ئەر بىلەن ياتسا، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى يىرگىنچلىك قىلمىشلىرى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
14ئەگەر بىرسى توي قىلغاندىن كېيىن، ئايالىنىڭ ئانىسى بىلەن نىكاھلانسا، بۇ رەزىللىك ھېسابلىنىدۇ، ئۈچىلىسى ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. بۇ خىل رەزىللىكلەر ئاراڭلاردا قەتئىي يۈز بەرمىسۇن.
15ئەگەر بىر ئەر ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن.
16ئەگەر بىر ئايال ھايۋان بىلەن جىنسىي ئالاقە قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئۆلتۈرۈلسۇن ۋە گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
17ئەگەر بىرسى ئۆز ئاچا-سىڭىللىرى ياكى ئانا باشقا ياكى ئاتا باشقا ئاچا-سىڭىللىرىنى خوتۇن قىلىپ، جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، بۇ نومۇسلۇق ئىش ھېسابلىنىدۇ. ئۇلار ئوچۇق-ئاشكارا ھالدا خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن. ئۇ ئاچا-سىڭىللىرىنىڭ شەنىگە داغ تەگكۈزگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.
18ئەگەر بىر ئەر ھەيز كۆرگەن ئايال بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ھەر ئىككىلىسى ئايالنىڭ ھەيز مەنبەسىنى ئاچقان ھېسابلىنىپ، خەلقىمنىڭ قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.
19ئانىسىنىڭ ياكى ئاتىسىنىڭ قىز قېرىنداشلىرى بىلەن زىنا قىلىشقا بولمايدۇ، بۇ قان قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىكتۇر. ئۇلار جازايىمغا ئۇچرايدۇ.
20ئاتىسىنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭ خوتۇنلىرى بىلەن زىنا قىلىش قېرىنداشلىرىنى ھاقارەتلىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. ھەر ئىككىلىسى ئۆز گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ، پەرزەنت يۈزى كۆرمەي، ئۆلىدۇ.
21كىمكى ئاكىسى ياكى ئىنىسىنىڭ خوتۇنىنى خوتۇنلۇققا ئالسا، ئۇ قېرىندىشىنى ھاقارەتلىگەن بولىدۇ، بۇ ئىپلاسلىقتۇر. ئۇلار پەرزەنت يۈزى كۆرمەي ئۆلىدۇ.
22مېنىڭ بارلىق قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. شۇندىلا سىلەر مەن سىلەرنى ئېلىپ بارغان زېمىندىن قۇسۇپ چىقىرىۋېتىلىشتىن ساقلىنالايسىلەر.23مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇ زېمىندىكى باشقا خەلقلەرنى قوغلاپ چىقىرىمەن. سىلەر ئۇلارنىڭ ئادەتلىرىگە ئەگەشمەڭلار. ئۇلار يۇقىرىقىدەك ئىشلارنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى ئۆچ كۆرىمەن.24مەن سىلەرگە: ‹ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بېرىمەن› دېگەنىدىم. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقتىم.25شۇڭا سىلەر ھايۋان ۋە قۇشلارنىڭ ھالال ۋە ھاراملىرىنى ئايرىڭلار. مەن ھارام دەپ بېكىتكەن ئۇچار قاناتلارنى، ھايۋانلارنى ۋە قۇرت-قوڭغۇزلارنى يەپ، ئۆزۈڭلارنى بۇلغىماڭلار.26پاك بولۇڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىپ چىقىپ، مېنىڭ خەلقىم قىلدىم.
27ئەگەر بىرسى ئەرۋاھ چاقىرىپ، جادۇگەرلىك قىلسا، مەيلى ئەر، مەيلى ئايال بولسۇن، ھەممىسى ئۆلتۈرۈلسۇن. سىلەر ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلىپ، ئۆلتۈرۈڭلار، ئۇلار گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتسۇن.»

 

21

روھانىيلارغا ئائىت بەلگىلىمىلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
_ سەن ھارۇننىڭ روھانىي ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، روھانىيلار خەلق ئارىسىدىكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ جەسىتىگە تېگىپ، ئۆزلىرىنى ناپاك قىلمىسۇن.
2ئۇلار پەقەت ئۆزى بىلەن قانداش بولغان ئاتا-ئانىسى، ئوغۇل-قىزلىرى، ئاكا-ئىنىلىرى،3تېخى ياتلىق بولمىغان ئاچا-سىڭىللىرى سەۋەبىدىن ناپاك بولسا بولىدۇ.4لېكىن ئۇلار خەلقنىڭ باشلامچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارنىڭ جەسىتى سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنى بۇلغىسا بولمايدۇ.5ئۇلار ھازىدار بولغاندا چېچىنى چۈشۈرمىسۇن، ساقاللىرىنىڭ يانلىرىنى قىرقىمىسۇن، تەنلىرىنى تىلمىسۇن.6ئۇلار مېنىڭ ئالدىمدا پاك بولسۇن، نامىمنى بۇلغىمىسۇن. چۈنكى ئۇلار مەن پەرۋەردىگارغا يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنىدۇ، شۇڭا ئۇلار پاك بولسۇن.
7روھانىيلار بۇلغانغان پاھىشە ئاياللارنى ياكى ئاجراشقان ئاياللارنى ئەمرىگە ئالمىسۇن، چۈنكى روھانىيلار مېنىڭ نەزىرىمدە پاكتۇر.8سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى ئۇلار ماڭا ئاتالغان يېمەكلىكنى سۇنغۇچىلاردۇر. سىلەر روھانىيلارنى مۇقەددەس دەپ بىلىڭلار، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار مۇقەددەستۇرمەن. سىلەرنىمۇ پاكلىغۇچى مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
9روھانىيلارنىڭ قىزلىرى زىنا قىلىپ ئۆزلىرىنى بۇلغىسا، ئاتىلىرىغا ھاقارەت قىلغانلىق بولىدۇ، ئۇلار ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن.
10روھانىيلارنىڭ ئىچىدىكى بېشىغا ياغ قۇيۇلۇپ، مۇقەددەس توننى كىيىپ، باش روھانىيلىققا تەيىنلەنگۈچى ھازا تۇتۇش ئۈچۈن چاچلىرىنى چۇۋۇپ، كىيىملىرىنى يىرتمىسۇن.11ئۇ ھەرقانداق جەسەتكە يېقىنلاشمىسۇن، ھەتتا ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ جەسىتى بولسىمۇ يېقىنلاشمىسۇن. ئۆزىنى بۇلغاشتىن ساقلىسۇن.12ئۇ ئىبادەت جايىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، دەپنە مۇراسىمىغا بارمىسۇن. چۈنكى ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس يېغىم بىلەن ماڭا بېغىشلانغاندۇر. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
13باش روھانىي يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالسۇن.14تۇل ئايالنى، ئاجراشقان ئايالنى، ياكى بۇلغانغان پاھىشەنى ئەمرىگە ئالمىسۇن. ئۇ پەقەت ئۆزىنىڭ قەبىلىسى ئىچىدىكى يۈزى ئېچىلمىغان قىزنى ئەمرىگە ئالغاندىلا،15پەرزەنتلىرى خەلق ئارىسىدا پاك ھېسابلىنىدۇ. مەن ئۇنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
16پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
17_ ھارۇنغا ئېيتقىن، ئۇنىڭ نەسلىدىن بولغان جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھېچقايسىسى ماڭا ئاتاپ ھۇزۇرۇمغا يېمەكلىك ئەكەلمىسۇن. بۇنىڭغا كېيىنكى ئەۋلادلىرىڭمۇ ئەمەل قىلسۇن.18جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بارلارنىڭ ھەممىسى، يەنى مەيلى قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، چىرايى بۇزۇلغان، پۇت-قوللىرى ئۇزۇن ئۆسۈپ قالغان،19قول-پۇتى سۇنغان،20دوك، پارپا، كۆزى ئەيىبلىك، قوتۇر ياكى قىچىشقاق بولسۇن، ياكى ئۇرۇقدېنى ئېزىلىپ كەتكەن بولسۇن، ھېچقايسىسى ماڭا ھەدىيە سۇنمىسۇن.21روھانىي ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغىنى ھۇزۇرۇمغا كېلىپ يېمەكلىك سۈپىتىدىكى تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنمىسۇن.22لېكىن ئۇ مەن خۇداغا سۇنۇلغان يېمەكلىكلەردىن، مەيلى مۇقەددەس بولسۇن ياكى ئەڭ مۇقەددەس بولسۇن، ھەممىسىدىن يېسە بولىدۇ.23بىراق، ئۇنىڭ جىسمانىي جەھەتتە ئەيىبى بولغاچقا، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى پەردىگە ياكى چېدىر ئالدىدىكى قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىن كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇ مېنىڭ مۇقەددەس بولغان جايلىرىمنى بۇلغايدۇ. مەن بۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
24مۇسا بۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئىسرائىللارغا تاپىلىدى.

 

22

مۇقەددەس يېمەكلىكلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ئېيتقىن، مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنىڭ بۇلغانماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.3ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرەرسى ناپاك تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ماڭا بېغىشلىغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىگە يېقىنلاشسا، ئۇ ئىبادەت جايىمدا قەتئىي خىزمەت قىلمىسۇن، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
4ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ ئىچىدىكى تېرە كېسىلىگە ياكى جىنسىي ئەزاسىدىن ئاجرالما ئېقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىرى تاكى پاكلانغۇچە مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. جەسەت سەۋەبىدىن ناپاك بولغان نەرسىگە تېگىپ كەتكەن ئادەم، ئېھتىلام بولغان ئادەم،5ياكى ھارام ئۆمىلىگۈچى ھايۋانلارغا ۋە ناپاك ئادەمگە تېگىپ كېتىپ ناپاك بولغان ئادەم بولسۇن،6شۇ كۈنى كۈن پاتقۇچە ناپاكتۇر. بويىنى سۇغا سالمىغۇچە، مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.7كۈن ئولتۇرغاندا ئۇ پاكلىنىدۇ، ئاندىن ئۇ مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ، چۈنكى بۇ ئۇنىڭ يېمەكلىكىدۇر.8ئۇ يىرتقۇچ ھايۋانلار ئۆلتۈرۈپ قويغان ياكى ئۆزلۈكىدىن ئۆلۈپ قالغان ھايۋانلارنى يەپ، ئۆزىنى بۇلغىمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
9روھانىيلار مەن جاكارلىغان بەلگىلىمىلەرگە ئەمەل قىلسۇن. بولمىسا مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى بۇلغايدۇ. بۇ گۇناھى ئۈچۈن گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ھالاك بولىدۇ. مەن ئۇلارنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.
10روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقا ھەرقانداق ئادەم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن. مەيلى روھانىينىڭ مېھمىنى، مەيلى روھانىينىڭ چاكىرى بولسۇن، ھېچكىم مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.11لېكىن روھانىي سېتىۋالغان قۇل ياكى روھانىينىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان قۇل مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېسە بولىدۇ.12روھانىينىڭ قىزى روھانىيلاردىن باشقا كىشىگە ياتلىق قىلىنسا، روھانىينىڭ نېسىۋىسى بولغان مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن يېمىسۇن.13ناۋادا روھانىينىڭ قىزى تۇل بولۇپ قالسا، ياكى ئېرىدىن ئاجرىشىپ كېتىپ، بالىسى بولمىغانلىقتىن ئاتىسىنىڭ ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن بولسا، قىزلىق دەۋرىدىكىدەك ئاتىسىنىڭ يېمەكلىكلىرىدىن يېسە بولىدۇ. مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنى روھانىي ئائىلىسىدىكىلەردىن باشقىلار يېمىسۇن.
14ئەگەر بىرى مۇقەددەس يېمەكلىكلەردىن ئۇقۇشماي يەپ سالسا، مۇقەددەس يېمەكلىكلەرنىڭ ئەسلى قىممىتىگە يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، روھانىيغا تۆلەپ بەرسۇن.15-16روھانىيلار ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتاپ سۇنغان مۇقەددەس يېمەكلىكلىرىنى روھانىي بولمىغانلارنىڭ ئۆز مەيلىچە يېيىشىگە يول قويۇپ، يېمەكلىكلەرنى ھارام قىلمىسۇن. بولمىسا، يېمەكلىكلەرنى يېگەن كىشىلەر گۇناھكار ھېسابلىنىپ، ئەيىب قۇربانلىقى سۇنۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. مەن يېمەكلىكلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

قوبۇل بولىدىغان قۇربانلىقلار

17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
18_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەمدە پۈتۈن ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەر ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار،19بىر تۇياق بېجىرىم بۇقا، قوچقار ياكى تېكە سۇنۇڭلار، شۇندىلا قۇربانلىقىڭلار قوبۇل بولىدۇ.20بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنساڭلار، قوبۇل بولمايدۇ.21ئەگەر بىرىڭلار ئىچكەن قەسىمىڭلار بويىچە ياكى خالىس ھالدا ماڭا ئاتاپ ئامانلىق قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، چوقۇم كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭلارنىڭ بېجىرىم ۋە ساغلاملىرىدىن سۇنۇڭلار.22قارىغۇ، ئاقساق-چولاق، زەخىملەنگەن، يىرىڭلىق يارا ۋە قوتۇر باسقان ھايۋانلارنى قۇربانلىق قىلماڭلار. بۇلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسىدا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇشقا بولمايدۇ.23لېكىن خالىس ھالدا قۇربانلىق سۇنماقچى بولساڭلار، بىر پاچىقى قىسقا ياكى ئۇزۇن بولغان كالا ياكى قوينى سۇنساڭلار بولىدۇ. لېكىن ئىچكەن قەسىمىڭلارغا ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى سۇنماڭلار. بۇنى مەن پەرۋەردىگار قوبۇل قىلمايمەن.24ئۇرۇقدېنى زەخىملەنگەن، ئېزىلگەن، يىرتىلغان ياكى پىچىۋېتىلگەن ھايۋانلارنى ماڭا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. زېمىنىڭلاردا بۇنداق ئىشلارغا يول قويماڭلار.25بۇنداق بېجىرىم بولمىغان ھايۋانلارنى يات خەلقلەردىن سېتىۋېلىپ، ماڭا ئاتالغان يېمەكلىك سۈپىتىدە سۇنماڭلار. چۈنكى ئۇ مېيىپ ۋە بېجىرىم بولمىغانلىقى ئۈچۈن، قوبۇل بولمايدۇ.»
26پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە مۇنداق دېدى:
27_ يېڭى تۇغۇلغان موزاي، قوزا ۋە ئوغلاقلار يەتتە كۈن ئانىسىغا ئەگىشىپ يۈرسۇن، سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ ئۇنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، بۇ قوبۇل بولىدۇ.28مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكە بولسۇن، ئانىسى بىلەن بالىلىرىنى بىر كۈندە بوغۇزلاشقا بولمايدۇ.29ماڭا مىننەتدارلىق قۇربانلىقىڭلارنى سۇنغىنىڭلاردا قۇربانلىقىڭلارنىڭ قوبۇل بولۇشى ئۈچۈن، مەن سىلەرگە جاكارلىغان بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلىڭلار.30قۇربانلىقنى شۇ كۈنى يەپ تۈگىتىڭلار، ئىككىنچى كۈنى سەھەرگە ئېشىپ قالمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
31ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.32مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار. ئىسرائىللار مېنى مۇقەددەس دەپ بىلسۇن، مەن سىلەرنى پاكلىغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.33مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.

 

23

ھېيتنىڭ قائىدە-يوسۇنلىرى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «مەن بەلگىلىگەن ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنلىرى، دەپ جاكارلاڭلار.3ئالتە كۈن ئىش كۈنى، يەتتىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىش كۈنىدۇر. دەم ئېلىش كۈنىدە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار. مەيلى سىلەر قەيەردە ياشىماڭلار، مەن پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بۇ دەم ئېلىش كۈنىدە تولۇق دەم ئېلىڭلار.
4مەن پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈشۈڭلار ئۈچۈن بەلگىلىگەن تۆۋەندىكى كۈنلەرنى ھېيت كۈنلىرى دەپ جاكارلاڭلار.»

ئۆتۈپ كېتىش ۋە پېتىر نان ھېيتى

5«1-ئاينىڭ 14-كۈنى گۇگۇم چۈشكەندىن باشلاپ ماڭا ئاتاپ، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.6مۇشۇ ئاينىڭ 15-كۈنى ماڭا ئاتالغان پېتىر نان ھېيتىدۇر. سىلەر ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يەڭلار.7بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.8ماڭا ئاتاپ يەتتە كۈن تائام ھەدىيەلىرىنى سۇنۇڭلار. يەتتىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.»

باش ھوسۇل ھەدىيەسى

9پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
10_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغاندىن كېيىن، ھەر قېتىم زىرائىتىڭلارنى ئورىغاندا، تۇنجى باغلىمىنى روھانىيغا بېرىڭلار.11دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى روھانىي بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. شۇندىلا سىلەر قوبۇل قىلىنىسىلەر.12روھانىي ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرگەن شۇ كۈنى، سىلەر بىر ياشلىق بېجىرىم پاقلاندىن بىرنى ماڭا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىڭلار.13شۇنىڭ بىلەن بىرگە سۈپەتلىك ئۇندىن ئىككى كىلو ئېلىپ، ئۇنىڭغا زەيتۇن يېغى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاشلىق ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. بىر لىتىر شارابنىمۇ ئىچىملىك ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.14ماڭا ھەدىيە سۇنۇلمىغۇچە، يېڭى ئېلىنغان ھوسۇلۇڭلاردىن مەيلى نان، مەيلى قوماچ ياكى دان بولسۇن يېمەڭلار. سىلەر نەدە ياشىماڭلار، بۇ مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىگە ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىڭلار.»

ئورما ھېيتى

15«دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسىدىن، يەنى سىلەر مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئاشۇ بىر باغلام زىرائەتنى ئېگىز كۆتۈرگەن كۈندىن باشلاپ، تولۇق يەتتە ھەپتە ھېسابلاڭلار.16ئەللىكىنچى كۈنى، يەنى يەتتىنچى قېتىملىق دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئەتىسى ماڭا تۇنجى پىشقان بۇغدىيىڭلاردىن ھەدىيە سۇنۇڭلار.17مەيلى نەدە ياشىماڭلار، ھەربىر ئائىلە بويىچە ئىككى كىلو سۈپەتلىك ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ قوشۇپ ئىككى دانە نان يېقىپ، ئۇنى زىرائىتىڭلاردىن ئېلىنغان تۇنجى ھوسۇل سۈپىتىدە ماڭا ئېگىز كۆتۈرۈپ ھەدىيە قىلىش ئۈچۈن ئەكېلىڭلار.18شۇنىڭ بىلەن بىرگە سىلەر بىرلىكتە يەتتە تۇياق بىر ياشلىق بېجىرىم ئەركەك پاقلان، بىر تۇياق بۇقا، ئىككى تۇياق قوچقارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ھەدىيە قىلىڭلار. بۇلارنى ئاشلىق ۋە ئىچىملىك ھەدىيەسى بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاڭلار. بۇلار مەن پەرۋەردىگارنى مەمنۇن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق تائام ھەدىيەسى بولىدۇ.19ئاندىن بىر تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى، ئىككى تۇياق بىر ياشلىق قوينى ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنۇڭلار.20روھانىي تۇنجى ھوسۇل ھەدىيەسىگە تەۋە نانلارنى ئىككى تۇياق قوي بىلەن بىرلىكتە ماڭا ئاتاپ ئېگىز كۆتۈرسۇن. ماڭا ئاتالغان بۇ مۇقەددەس نەرسىلەر روھانىيغا تەۋەدۇر.21بۇ كۈنى سىلەر ئىش قىلماي، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار. مەيلى سىلەر نەدە ياشىماڭلار بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.
22ئورما ئورغان ۋاقتىڭلاردا ئېتىزنىڭ قىرىدىكى زىرائەتلەرنى ئورماڭلار ھەم ئېتىزدا قالغان باشاقلارنى تېرىۋالماڭلار. ئۇنى كەمبەغەللەرگە ۋە ئاراڭلاردا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات خەلقلەرگە قالدۇرۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

بۇرغا چېلىش ھېيتى

23پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
24_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «سىلەر 7-ئاينىڭ 1-كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار. بۇرغا چېلىپ، پەرۋەردىگارنى ئەسلەپ، مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار.25بۇ كۈنى ئىش قىلماڭلار. ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.»

گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنى

26پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
27_ 7-ئاينىڭ 10-كۈنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدۇر. سىلەر بۇ كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، نەپسىڭلارنى يىغىڭلار، ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار.28بۇ كۈن سىلەرنىڭ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا گۇناھىڭلاردىن ساقىت قىلىنىش كۈنۈڭلاردۇر. بۇ كۈنى ئىشلىمەڭلار.29بۇ كۈنى نەپسىنى يىغمىغانلار خەلق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلسۇن.30بۇ كۈنى ئىشلىگەنلەر مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، مەن ئۇلارنى خەلقىمنىڭ ئارىسىدىن يوقىتىمەن.31سىلەر بۇ كۈنى ھەرقانداق ئىش قىلماڭلار. نەدە ياشىماڭلار، بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.32بۇ كۈنى سىلەر نەپسىڭلارنى يىغىپ، تولۇق دەم ئېلىڭلار ۋە 7-ئاينىڭ 9-كۈنى كەچ ۋاقتىدىن باشلاپ، ئەتىسى كەچ كىرگۈچە دەم ئېلىش كۈنىگە ئەمەل قىلىڭلار.

كەپە تىكىش ھېيتى

33پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
34_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئۇدا يەتتە كۈن مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزۈڭلار.35بىرىنچى كۈنى مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار، ئىش قىلماڭلار.36بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ھەر كۈنى ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. سەككىزىنچى كۈنى يەنە مۇقەددەس يىغىلىش ئۆتكۈزۈڭلار ۋە ماڭا تائام ھەدىيەسى سۇنۇڭلار. بۇ تەنتەنىلىك يىغىلىش كۈنىدۇر، ئىش قىلماڭلار.
37يۇقىرىقىلار مەن پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن ھېيتلاردۇر. سىلەر بۇ ھېيت كۈنلىرىنى مۇقەددەس يىغىلىش كۈنى دەپ جاكارلاپ، بەلگىلەنگەن كۈنلەردە ماڭا ئاتالغان تائام ھەدىيەلىرىنى، يەنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق، ئاشلىق ھەدىيەسى، ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنۇڭلار.38دەم ئېلىش كۈنلىرىدىن سىرت يەنە يۇقىرىدا ئېيتىلغان ھېيتلارنىمۇ ئۆتكۈزۈڭلار. يۇقىرىدىكى مەنكى پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان ھەدىيەلەرنى قەسىمىڭلار بويىچە ۋە خالىس ھالدا سۇنىدىغان ھەدىيەلەر ھەمدە دائىملىق ھەدىيەلەردىن سىرت سۇنۇڭلار.
39سىلەر زېمىنىڭلاردىكى ھوسۇلۇڭلارنى ۋە مېۋىلىرىڭلارنى يىغىپ بولغاندىن كېيىن، 7-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ، ئۇدا يەتتە كۈن ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بىرىنچى كۈنى ۋە سەككىزىنچى كۈنى تولۇق دەم ئېلىڭلار.40بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار.41ھەر يىلى 7-ئاينىڭ مۇشۇ يەتتە كۈنىدە ماڭا ئاتاپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمەڭلاردۇر.42سىلەر يەتتە كۈن كەپىدە تۇرۇڭلار. پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى شۇنداق قىلسۇن.43سىلەر شۇنداق قىلساڭلار، مەن ئىسرائىللارنى باشلاپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇلارنى كەپىدە تۇرغۇزغانلىقىمنى كېيىنكى ئەۋلادلارمۇ بىلەلەيدۇ. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»
44شۇنداق قىلىپ، مۇسا پەرۋەردىگار بەلگىلىگەن بۇ ھېيتلارنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى.

 

24

ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى چىراغلار

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ سەن ئىسرائىللارغا بۇيرۇغىن، ئۇلار ساڭا ساپ زەيتۇن يېغى ئەكېلىپ بەرسۇن. سەن ئۇنى چىراغلارغا ئىشلەتكىن، چىراغلار تۈن بويى يېنىپ تۇرسۇن.3ھارۇن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقى قويۇلغان ئەڭ مۇقەددەس جايغا تارتىلغان پەردىنىڭ ئالدىدىكى چىراغلارغا مەسئۇل بولسۇن. بۇ چىراغلار شام ۋاقتىدىن ئەتىسى سەھەرگىچە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يېنىپ تۇرسۇن. بۇ ئۇلارنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد ئەمەل قىلىدىغان مەڭگۈلۈك بەلگىلىمىسىدۇر.4مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇندىن ياسالغان چىراغداندىكى چىراغلاردىن ھەر دائىم ياخشى خەۋەر ئالسۇن.

خۇداغا سۇنۇلىدىغان نانلار

5_ سۈپەتلىك ئۇندا ئون ئىككى دانە نان تەييارلاتقىن، ھەربىر نانغا ئىككى كىلو ئۇن ئىشلەتسۇن.6نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمدىكى ساپ ئالتۇن شىرەگە ئىككى دەستە قىلىپ تىزغىن. ھەربىر دەستىدە ئالتە دانە نان بولسۇن.7ھەربىر دەستە نان ئۈستىگە بىرئازدىن ساپ مەستىكى رۇمى قويغىن. بۇ مەستىكى رۇمىلار مەن پەرۋەردىگارغا تائام ھەدىيەسى سۈپىتىدە سۇنۇلىدىغان نانلارنىڭ نىشانىسى بولىدۇ.
8ھارۇن ئىسرائىللارغا ۋاكالىتەن ھەربىر دەم ئېلىش كۈنى نانلارنى مېنىڭ ھۇزۇرۇمغا كەلتۈرسۇن. بۇ مەڭگۈلۈك مەسئۇلىيەتتۇر.9بۇ نانلار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋەدۇر. ئۇلار بۇ نانلارنى مۇقەددەس ھېسابلانغان ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. چۈنكى ماڭا سۇنۇلىدىغان تائام ھەدىيەلىرىنىڭ ئىچىدە بۇ نانلار ئەڭ مۇقەددەس بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈلۈشىدۇر.

‏خۇدانى ھاقارەتلىگۈچىگە ۋە قاتىلغا بېرىلىدىغان جازا

10بىرسى بار ئىدى، ئۇنىڭ ئانىسى ئىسرائىللاردىن، ئاتىسى مىسىر خەلقىدىن ئىدى. ئۇ بىر كۈنى قارارگاھتا بىر ئىسرائىل بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ،11ئاغزىنى بۇزۇپ پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ھاقارەتلىدى. ئىسرائىللار ئۇنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى شىلومىت بولۇپ، دان قەبىلىسىدىن بولغان دىبرىنىڭ قىزى ئىدى.12ئۇلار ئۇنى تاكى پەرۋەردىگاردىن ۋەھىي كەلگۈچە قاماپ قويدى.
13پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
14_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.15سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، كىمكى مەن خۇدانى ھاقارەتلىسە، شۇ ئۆز گۇناھىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ.16مەنكى پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچى ئۆلتۈرۈلسۇن، جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن. مەيلى ئىسرائىللار، مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، مېنى ھاقارەتلىگەن بولسىلا، ئۆلتۈرۈلسۇن.
17قاتىللار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.18باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋاننىڭ ئورنىغا ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن. جانغا جان قايتۇرسۇن.19كىمكى بىرىنى زەخىملەندۈرسە، ئۇمۇ شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن.20يارىلاندۇرسا يارىلاندۇرۇلسۇن، كۆزگە كۆز، چىشقا چىش ئېلىنسۇن. قانداق زەخىملەندۈرگەن بولسا، شۇنداق زەخىملەندۈرۈلسۇن.21باشقىلارنىڭ ھايۋانلىرىنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغانلار ھايۋان تۆلەپ بەرسۇن، لېكىن ئادەم ئۆلتۈرگۈچىلەر جانغا جان قايتۇرسۇن.22مەيلى يات خەلقلەر بولسۇن، ياكى ئىسرائىللار بولسۇن، بۇ قانۇن ھەممىسىگە ئوخشاشتۇر. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
23مۇسا بۇ ۋەھىينى ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئەمر قىلغىنى بويىچە، پەرۋەردىگارنى ھاقارەتلىگۈچىنى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈشتى.

 

25

ئېتىزنى دەم ئالدۇرۇش يىلى

1پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا مۇنداق دېدى:
2_ ئىسرائىللارغا مۇنداق دەپ ئېيتقىن: «سىلەر مەن ئاتا قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردا، ئېتىزلارنى ھەر يەتتە يىلدا بىر قېتىم ماڭا ئاتاپ دەم ئالدۇرۇڭلار.3ئالتە يىل يېرىڭلارنى تېرىڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتاپ تۇرۇڭلار، ھوسۇل ئېلىڭلار.4لېكىن يەتتىنچى يىلى يېرىڭلارنى ماڭا ئاتاپ تولۇق دەم ئالدۇرۇڭلار. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئۈزۈمزارلىقىڭلارنى پۇتىماڭلار.5بۇ يىل يەر تولۇق دەم ئالدۇرۇلغانلىقى ئۈچۈن، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار.6لېكىن سىلەر بۇ زىرائەت، ئۈزۈملەرنى ئېتىزدا يېسەڭلار بولىدۇ، شۇنداقلا قۇلۇڭلار، دېدەكلىرىڭلار، سىلەر بىلەن بىرگە تۇرۇۋاتقان مەدىكارلىرىڭلار ۋە يات خەلقلەر يېسىمۇ بولىدۇ.7ئېتىزىڭلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان بۇ زىرائەتلەرنى چارۋا مېلىڭلار ۋە ياۋايى ھايۋانلارمۇ يېسە بولىدۇ.»

قۇت يىلى

8«سىلەر يەتتە قېتىملىق دەم ئالدۇرۇش يىلىنى ھېسابلاڭلار، بۇ 49 يىل بولىدۇ.9‏ 50-يىلىنىڭ 7-ئېيىنىڭ 10-كۈنى، يەنى گۇناھتىن ساقىت قىلىنىش كۈنىدە پۈتۈن زېمىندا بۇرغا چالدۇرۇڭلار.10سىلەر 50-يىلىنى مۇقەددەس يىل بىلىپ، بۇ يىلنى زېمىنىڭلاردىكى پۈتۈن خەلققە ھۆرلۈك يىلى دەپ جاكارلاڭلار. بۇ يىل سىلەرگە قۇت يىلى بولسۇن. سېتىلىپ كەتكەن پۈتۈن زېمىن ۋە ئۆيلەر بۇ يىلدا ئۆز ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. بۇرۇن قۇل قىلىپ سېتىلغانلار ھۆر قىلىنىپ، ئۆز ئائىلىسىگە قايتۇرۇلسۇن.11‏ 50-يىلى سىلەرنىڭ قۇت يىلىڭلاردۇر. بۇ يىلى يەر تېرىماڭلار، ئېتىزلاردا ئۆزى ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى، پەرۋىش قىلىنمىغان تاللاردىكى ئۈزۈملەرنى ھوسۇل سۈپىتىدە يىغماڭلار.12چۈنكى بۇ يىل قۇت يىلىدۇر، سىلەرنىڭ مۇقەددەس يىلىڭلاردۇر. لېكىن سىلەر يېرىڭلاردا ئۆسۈپ قالغان زىرائەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.13قۇت يىلىدا ھەركىم ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتىپ، ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلسۇن.14سىلەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللار بىلەن يەر-زېمىن سودىسى قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار.15يەرنىڭ باھاسى سودا بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانى بويىچە بەلگىلەنسۇن.16قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىلنىڭ سانى كۆپ بولسا باھاسى يۇقىرى، ئاز بولسا، باھاسى تۆۋەن بولسۇن. چۈنكى باھالىنىدىغىنى ئېتىزدىن ئېلىنغان ھوسۇلنىڭ قېتىم سانىدۇر.17مەن پەرۋەردىگارىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئۆز مەنپەئىتىڭلارغا چوغ تارتماڭلار. مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.18مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمر-پەرمانلىرىمنى ئىجرا قىلساڭلار، ئۇ زېمىندا خاتىرجەم ياشايسىلەر.19يېرىڭلار ھوسۇل بېرىدۇ، سىلەر قانائەتلەنگۈدەك يېمەكلىككە ئىگە بولىسىلەر ۋە خاتىرجەملىككە ئېرىشىسىلەر.
20بەلكىم سىلەر: ‹يەتتىنچى يىلى ھېچنېمە تېرىمىساق، ھوسۇل ئالمىساق، نېمە يەيمىز؟› دەپ سورىشىڭلار مۇمكىن.21مەن سىلەرنىڭ ئالتىنچى يىلى ئالغان ھوسۇلۇڭلارغا بەرىكەت بېرىمەن، ئۇ ئۈچ يىل يېيىشىڭلارغا يېتىدۇ.22سەككىزىنچى يىلى ئۇرۇق تېرىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ يەنىلا ئاشۇ ئالتىنچى يىلىدىن ئېشىپ قالغان ئاشلىقىڭلارنى يەيسىلەر. توققۇزىنچى يىلى يەردىن ھوسۇل ئالغۇچە سىلەردە يەنىلا ئېشىنچا ئاشلىق بولىدۇ.»

يەر ۋە مال-مۈلۈكلەرنىڭ قايتۇرۇلۇشى

23«يەر-زېمىنىڭلارنى مەڭگۈلۈككە ساتماڭلار، چۈنكى يەر مېنىڭدۇر. سىلەر پەقەت بىر يولۇچى، مېھمانلىرىمدۇرسىلەر.24ئۆزىنىڭ يەرلىرىنى ساتقان ئادەمگە يەرلىرىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ئىمكانىيىتىنى يارىتىپ بېرىڭلار.
25ئەگەر قېرىنداشلىرىڭلار بولغان ئىسرائىللاردىن بىرەرسى نامراتلىشىپ، يېرىنىڭ بىر قىسمىنى باشقا بىرىگە ساتقان بولسا، ئۇنىڭ ئەڭ يېقىن تۇغقانلىرى ئۇ سېتىۋەتكەن يەرنى سېتىۋالسۇن.26ئەگەر يەرنى سېتىۋالغۇدەك يېقىن تۇغقىنى بولمىسا، ئۆزى پۇل تېپىپ، سېتىۋالغۇدەك ھالغا كەلگەندە، ئۆزى سېتىۋالسۇن.27يەرنىڭ باھاسى سېتىلغان يىل سانى بويىچە ھېسابلىنىپ، ھەق تۆلىسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ يېرى ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ.28ئەگەر ئۇنىڭ سېتىۋېلىشقا ئىقتىسادى يەتمىسە، سېتىۋېتىلگەن يەر تاكى قۇت يىلى كەلگۈچە يەنىلا ئالغۇچىنىڭ قولىدا قالىدۇ. قۇت يىلى كەلگەندە، يەر ئىگىسىگە قايتىدۇ، يەر ئىگىسىمۇ ئۆزىنىڭ يېرىگە قايتسا بولىدۇ.
29ئەگەر بىرسى سېپىللىق شەھەردىكى ئۆيىنى ساتقان بولسا، بىر يىلنىڭ ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋېلىش ھوقۇقىغا ئىگىدۇر. بىر يىل قايتا سېتىۋېلىش ۋاقىت چېكىدۇر.30ئەگەر ئۇ بىر يىل ئىچىدە ئۆيىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالالمىسا، بۇ ئۆي ئالغۇچىغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك تەۋە بولىدۇ، قۇت يىلىدىمۇ قايتۇرۇلمايدۇ.31لېكىن ئەتراپى سېپىلسىز بولغان يېزىدىكى ئۆي بولسا، يېزا يېرى ھېسابلىنىپ، قايتۇرۇپ سېتىۋالغىلى بولىدۇ ھەم قۇت يىلىدا ئىگىسىگە قايتىدۇ.
32لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە لاۋىيلار ئۆزلىرى سېتىۋەتكەن ئۆيلىرىنى خالىغان ۋاقىتتا قايتۇرۇپ سېتىۋالالايدۇ.33لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەردە ئەگەر ئۇلار ئۆيلىرىنى ساتقاندىن كېيىن قايتۇرۇپ سېتىۋالمىسا، ئۆينى ئالغۇچى قۇت يىلىدا قايتۇرۇپ بەرسۇن. چۈنكى لاۋىيلارنىڭ بۇ شەھەرلەردىكى ئۆيلىرى ئۇلارنىڭ ئىسرائىللار زېمىنىدىكى مۈلكىدۇر.34لېكىن لاۋىيلار ياشايدىغان شەھەرلەرنىڭ سىرتىدىكى ئوتلاقلارنى ھەرقانداق ئادەمنىڭ سېتىشىغا بولمايدۇ، چۈنكى بۇ ئوتلاقلار لاۋىيلارنىڭ مەڭگۈلۈك ئورتاق مۈلكىدۇر.»

ئۆسۈمسىز قەرز بېرىش

35«ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، قولى قىسقا بولۇپ قالسا، ئاراڭلاردىكى يات خەلقتىن بولغان مۇساپىرلارغا ياردەم بەرگەندەك، ئۇلارغىمۇ ياردەم بېرىڭلار، ئۇلارمۇ ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن.36ئۇلاردىن جازانە ئالماڭلار. مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار، ئىسرائىل قېرىندىشىڭلار ئاراڭلاردا ياشاپ قالسۇن.37ئۆسۈمنى ئويلاپ، پۇل ياكى ئاشلىق قەرز بەرمەڭلار.38مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. سىلەرگە كەنئان زېمىنىنى ئاتا قىلىش ۋە سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلار ئۈچۈن، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم.»

قۇللارنى ھۆرلۈككە چىقىرىش

39«ئەگەر ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىشىپ، ئۆزلىرىنى سىلەرگە ساتقان بولسا، ئۇلارنى قۇل ئورنىدا ئىشلەتمەڭلار.40ئۇلار يىللىقچى بولۇپ قۇت يىلىغىچە ئىشلەپ تۇرسۇن.41قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە سىلەردىن ئايرىلىپ، ئۆز جەمەتىگە ۋە ئەجدادلىرىدىن مىراس قالغان يېرىگە قايتسا بولىدۇ.42چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مەن ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. ئۇلار قۇل ئورنىدا سېتىلمىسۇن.43ئۇلارغا زۇلۇم قىلماڭلار، مەن خۇدايىڭلاردىن ئەيمىنىڭلار.
44سىلەرگە قۇل ۋە دېدەكلەر كېرەك بولسا، ئەتراپتىكى ئەللەردىن سېتىۋېلىڭلار.45سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقلەردىن ۋە ئۇلارنىڭ زېمىنىڭلاردا تۇغۇلغانلىرىدىن سېتىۋېلىپ، ئۆزۈڭلارنىڭ مۈلكى قىلساڭلار بولىدۇ.46ئۇلارنى ئەۋلادلىرىڭلارغا مىراس قالدۇرىدىغان مۈلكۈڭلار سۈپىتىدە مەڭگۈلۈك قۇل قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. لېكىن قېرىندىشىڭلار بولغان ئىسرائىللارغا رەھىمسىزلىك قىلماڭلار.
47سىلەر بىلەن بىرگە ياشاۋاتقان يات خەلقتىن بولغان قوشناڭلارنىڭ قول ئىلكىدە بولۇپ، ئىسرائىللاردىن بولغان قېرىندىشىڭلار نامراتلىقتىن ئۆزلىرىنى ئۇلارغا ياكى ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكىلەردىن بىرەرسىگە ساتقان بولسا،48ئۇلارنىڭ كېيىن ھۆر بولۇش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ.49ئۇلارنىڭ ئاتىلىرىنىڭ ئاكا-ئىنىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جەمەتىدىكى باشقا قانداشلىرىنىڭمۇ ئۇلارنى سېتىۋېلىپ، ھۆرلۈككە چىقىرىش ھوقۇقى بولىدۇ. ئۇلار پۇل تاپقاندا، ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ.50ئۇلار خوجايىنى بىلەن ھېسابلاشقاندا، ئۆزلىرى سېتىلغان يىلدىن تاكى قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلىسۇن، باھا شۇ يىللاردىكى مەدىكارلارنىڭ ئىش ھەققى بويىچە بېكىتىلسۇن.51ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار كۆپ بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى يۇقىرىراق بولىدۇ.52ئەگەر قۇت يىلىغا قالغان يىللار ئاز بولسا، ھۆرلۈككە ئېرىشىش باھاسى قالغان يىللارنىڭ سانى بويىچە ھېسابلىنىپ تۆۋەنرەك بولىدۇ.53سېتىۋالغۇچىلار ئۇلارغا يىللىقچى ھېسابىدا مۇئامىلە قىلسۇن. سىلەر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىشىغا يول قويماڭلار.
54قۇت يىلى كەلگۈچە، ئەگەر ئۇلار يۇقىرىقى ئۇسۇللار بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلۈكىنى سېتىۋالالمىسا، قۇت يىلى كەلگەندە، ئۇلار بالا-چاقىلىرى بىلەن بىرلىكتە ھۆرلۈككە ئېرىشسۇن.55چۈنكى ئىسرائىللار مېنىڭ خىزمەتكارلىرىمدۇر، مېنىڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خىزمەتكارلىرىمدۇر. مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.»

 

26

ئىتائەتمەنلەر ئېرىشىدىغان بەخت

1«ئۆزۈڭلارغا مەبۇد، بۇت ياكى بۇتسىمان تاش تۈۋرۈك تىكلىمەڭلار. زېمىنىڭلاردا تاشقا شەكىل ئويۇپ، ئۇنىڭغا چوقۇنماڭلار. چۈنكى مەن پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
2دەم ئېلىش كۈنۈمگە ئەمەل قىلىڭلار ۋە ئىبادەت جايىمغا ھۆرمەت قىلىڭلار، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.
3ئەگەر مېنىڭ بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلىپ، ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلساڭلار،4سىلەرگە ئۆز ۋاقتىدا يامغۇر ياغدۇرىمەن. يېرىڭلار ھوسۇل، مېۋىلىك دەرەخلىرىڭلار مېۋە بېرىدۇ.5خامان تېپىش مەزگىلى ئۈزۈم يىغىش مەزگىلىگىچە، ئۈزۈم يىغىش مەزگىلى ئۇرۇق چېچىش مەزگىلىگىچە داۋاملىشىدۇ. يېمەك-ئىچمىكىڭلار مول بولىدۇ، زېمىنىڭلاردا خاتىرجەم ياشايسىلەر.6مەن زېمىنىڭلاردا تىنچلىق بەرپا قىلىمەن، خاتىرجەم ئۇخلايسىلەر، ھېچكىم سىلەرنى قورقۇتمايدۇ. مەن زېمىنىڭلاردىكى رەزىل ھايۋانلارنى يوق قىلىمەن. زېمىنىڭلاردا ئۇرۇش بولمايدۇ.7سىلەر دۈشمىنىڭلارنى قوغلاپ يېتىشەلەيسىلەر، ئۇلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ.8بەشىڭلار يۈز ئادەمنى، يۈزۈڭلار تۈمەن ئادەمنى قوغلايسىلەر، دۈشمىنىڭلار قىلىچىڭلاردا ھالاك بولىدۇ.9مەن سىلەرنىڭ ھالىڭلاردىن خەۋەر ئالىمەن، نەسلىڭلارنى بەرىكەتلىك قىلىپ، ئۇرۇق-ئەۋلادلىرىڭلارنى ئاۋۇتىمەن ھەم سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن.10سىلەر ساقلىغان كونا ئاشلىقىڭلارنى يەپ بولالماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى ئاشلىق بىلەن تولدۇرىسىلەر.11ئاراڭلاردا ماكان تۇتىمەن. مەن سىلەردىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن.12مەن ئاراڭلاردا بولۇپ، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن، سىلەر مېنىڭ خەلقىم بولىسىلەر.13مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن. مەن سىلەرنى داۋاملىق مىسىرلىقلارنىڭ قۇلى بولمىسۇن دەپ، ئۇ يەردىن ئېلىپ چىقتىم. بوينۇڭلارنى بېسىپ تۇرغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى پاچاقلاپ تاشلىدىم، سىلەر ئەمدى قەددىڭلارنى رۇسلايسىلەر.»

ئىتائەتسىزلەرگە بېرىلىدىغان جازا

14«ئەگەر سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىساڭلار، ئەمرلىرىمگە،15بەلگىلىمىلىرىمگە ئەمەل قىلمىساڭلار، قائىدە-تۈزۈملىرىمدىن نەپرەتلەنسەڭلار، پەرمانلىرىمغا پەرۋا قىلماي، مېنىڭ سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزساڭلار،16مەن سىلەرنى شۇنداق جازالايمەنكى، سىلەرنى ۋەھىمىگە سېلىپ، ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار قىلىپ، قىزىتماڭلارنى ئۆرلىتىمەن. كۆزلىرىڭلارنى تورلاشتۇرۇپ، تېنىڭلارنى زەئىپلەشتۈرىمەن. چاچقان ئۇرۇقۇڭلار بىكارغا كېتىدۇ، ھوسۇلۇڭلارنى دۈشمىنىڭلار يەيدۇ.17مەن سىلەرگە قارشى تۇرىمەن. سىلەر دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدا مەغلۇپ بولىسىلەر. سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلار سىلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ھېچكىم سىلەرنى قوغلىمىسىمۇ، قورقۇپ جېنىڭلارنى ئېلىپ قاچىسىلەر.
18ئەگەر سىلەر مۇشۇنداق جازالارغا ئۇچراپ تۇرۇپمۇ، يەنىلا سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، سىلەرنى ھەسسىلەپ قاتتىق جازالايمەن.19ھەيۋەڭلار بىلەن تەكەببۇرلۇقۇڭلارنى سۇندۇرىمەن، ئاسماننى تۆمۈر، يەرنى تۇچتەك قاتتىق قىلىمەن.20مېھنىتىڭلار ئۈنۈمسىز بولىدۇ، چۈنكى يېرىڭلاردىن ھېچنېمە ئۆسمەيدۇ، مېۋىلىك دەرىخىڭلار مېۋە بەرمەيدۇ.
21سىلەر يەنىلا مەن بىلەن قارشىلىشىپ، سۆزۈمگە قۇلاق سالمىساڭلار، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن سىلەرگە ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.22ئاراڭلارغا يىرتقۇچ ھايۋانلارنى قويۇۋېتىمەن. ئۇلار پەرزەنتىڭلارنى ھالاك قىلىدۇ، چارۋا مېلىڭلارنى قىرغىن قىلىدۇ. سانىڭلار ئازلاپ، كوچىلار چۆلدەرەپ قالىدۇ.
23ئەگەر سىلەر يەنىلا ئىبرەت ئالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار،24مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرىمەن، گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ قاتتىق زەربە بېرىمەن.25سىلەر ئەھدىنى بۇزغىنىڭلار ئۈچۈن، سىلەردىن ئۇرۇش بىلەن قىساس ئالىمەن. شەھەرلىرىڭلارغا قېچىپ كىرىپ پاناھلانساڭلارمۇ، ئاراڭلارغا ۋابا ئەۋەتىمەن. سىلەر دۈشمەن قولىغا چۈشىسىلەر.26سىلەرنى ئاش-نانغا زار قىلىمەن، ئۇ چاغدا ئون ئايالنىڭ يۇغۇرغان خېمىرى پەقەت بىر تونۇر نان بولىدۇ. ئاياللار ناننى ئۆلچەپ بېرىشىدۇ، يەيسىلەر، لېكىن تويمايسىلەر.
27ئەگەر سىلەر يەنىلا مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا قارشى تۇرساڭلار،28مەنمۇ سىلەرگە قارشى تۇرۇپ، غەزىپىمنى ياغدۇرىمەن. سىلەرنى گۇناھىڭلار تۈپەيلىدىن ھەسسىلەپ جازالايمەن.29سىلەر ئوغۇل-قىزلىرىڭلارنىڭ گۆشىنى يەيسىلەر.30مەن سىلەرنىڭ غەيرىي سەجدىگاھلىرىڭلارنى، ئىسرىقدانلىرىڭلارنى ۋەيران قىلىپ، جەسىتىڭلارنى جانسىز بۇتلارنىڭ ئۈستىگە دۆۋىلەپ قويىمەن. مەن سىلەردىن سەسكىنىمەن.31شەھەرلىرىڭلارنى خارابىلىككە، ئىبادەتگاھىڭلارنى چۆللۈككە ئايلاندۇرىمەن. سىلەرنىڭ خۇش پۇراقلىق ھەدىيەڭلارنى قوبۇل قىلمايمەن.32مەن سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنى شۇنداق قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەنكى، ئۇنى ئىگىلىگەن دۈشمىنىڭلارمۇ چۆچۈپ كېتىدۇ.33مەن قىلىچىمنى يالىڭاچلاپ، ئارقاڭلاردىن قوغلايمەن، سىلەرنى باشقا ئەللەرگە چېچىۋېتىمەن. زېمىنىڭلار چۆللۈككە، شەھەرلىرىڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ.34سىلەر ئەسىر ئېلىنىپ دۈشمىنىڭلارنىڭ ئەللىرىگە ئەكېتىلگەن ۋاقتىڭلاردا، يېرىڭلار دەم ئالىدۇ ۋە ئاخىرى چۆللىشىپ، دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ.35يېرىڭلار قانچە ئۇزۇن چۆللۈكتە تۇرسا، شۇنچە ئۇزۇن دەم ئالىدۇ، چۈنكى سىلەر يۇرتۇڭلاردا ياشىغان ۋاقىتلاردا، يېرىڭلارنى دەم ئېلىش يىللىرى دەم ئالدۇرمىغانىدىڭلار.
36ئاراڭلاردىن ھايات قالغىنىڭلارنى دۈشمەن ئەللەردە ۋەھىمىگە سالىمەن، سىلەر غازاڭلارنىڭ شىلدىرلىغان ئاۋازىدىنمۇ دەھشەتكە چۈشىسىلەر. خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قېچىپ قۇتۇلماقچى بولغاندەك قاچىسىلەر. ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، يىقىلىپ چۈشىسىلەر.37گەرچە سىلەرنى ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ، خۇددى قىلىچلىق ئادەمدىن قاچقاندەك قېچىشىپ، بىر-بىرىڭلارغا پۇتلىشىپ يىقىلىپ چۈشىسىلەر. دۈشمىنىڭلارنىڭ ئالدىدا پۇت تىرەپ تۇرالمايسىلەر.38سىلەر يات ئەللەردە ئۆلىسىلەر، ئۆلۈكۈڭلار دۈشمىنىڭلارنىڭ زېمىنىدا قالىدۇ.39ھايات قالغىنىڭلار ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن دۈشمەنلىرىڭلارنىڭ زېمىنىدا ئازاب چېكىسىلەر.
40لېكىن سىلەر ئاخىرى ئۆزۈڭلارنىڭ ۋە ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ گۇناھلىرىنى، يەنى ماڭا قىلغان ئاسىيلىقىڭلار ۋە قارشىلىقلىرىڭلارنى ئېتىراپ قىلىسىلەر.41ئەۋلادلىرىڭلار مېنىڭمۇ سىلەر بىلەن قارشىلىشىپ، سىلەرنى دۈشمىنىڭلارنىڭ يېرىگە پالىغانلىقىمنى توغرا چۈشىنىپ، ئۆزلىرىنىڭ تەكەببۇرلۇقىنى تاشلاپ، گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتقاندىن كېيىن،42مەن ياقۇپ بىلەن، شۇنداقلا بۇرۇن ئىبراھىم ۋە ئىسھاق بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ھەم بۇ زېمىننى ئەسكە ئالىمەن.43لېكىن بۇنىڭدىن ئاۋۋال خەلقىم زېمىنىدىن ھەيدەپ چىقىرىلىپ، زېمىنى بوش قالىدۇ ۋە دەم ئېلىشقا ئېرىشىدۇ. خەلقىم گۇناھلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ، چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئەمرلىرىمنى تەرك ئېتىپ، بەلگىلىمىلىرىمنى ئۆچ كۆردى.44ئەمما ئۇلار دۈشمەنلىرىنىڭ زېمىنىدىكى ۋاقتىدا، مەن ئۇلارنى تەرك ئەتمەيمەن ۋە ئۆچ كۆرمەيمەن ھەمدە ئۇلارنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلغۇدەك ۋە ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى بۇزغۇدەك دەرىجىدە نەپرەتلەنمەيمەن. چۈنكى مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن.45مەن ئۇلارنىڭ مەنپەئىتىنى دەپ، ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنى ئەسلەيمەن. ئۇلارنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن، مەن ئۇلارنى باشقا ئەللەرنىڭ كۆز ئالدىدا مىسىردىن ئېلىپ چىقتىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»
46يۇقىرىدىكى ئەمر-پەرمان ۋە بەلگىلىمىلەرنى پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزدى.

 

27

قوشۇمچە بەلگىلىمىلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:
2-3_ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى مەن پەرۋەردىگارغا مەلۇم بىر ئادەمنى ئاتاشقا ئالاھىدە قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالغان ئادەمنىڭ ئىش قىممىتى بويىچە مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچىمىدە پۇل ھەدىيە قىلسۇن: يىگىرمە ياشتىن ئاتمىش ياشقىچە بولغان ئەرلەر ئۈچۈن 600 گىرام كۈمۈش،4ئاياللار ئۈچۈن 360 گىرام كۈمۈش.5بەش ياشتىن يىگىرمە ياشقىچە بولغان ئوغۇللار ئۈچۈن 240 گىرام كۈمۈش، قىزلار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش.6بىر ئايلىقتىن بەش ياشقىچە بولغان ئوغۇل بالىلار ئۈچۈن 60 گىرام كۈمۈش، قىز بالىلار ئۈچۈن 36 گىرام كۈمۈش.7ئاتمىش ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى ئەرلەر ئۈچۈن 180 گىرام كۈمۈش، ئاياللار ئۈچۈن 120 گىرام كۈمۈش.8ئەگەر قەسەم قىلغۇچى نامراتلىقىدىن قەسىمىنى ئورۇنداشقا كۈچى يەتمىسە، بەلگىلەنگەن ئادەمنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن. روھانىي قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئاساسەن باشقا باھا بېكىتسۇن.
9ئەگەر بىرسى قۇربانلىق قىلىشقا بولىدىغان ھايۋاندىن بىرەرسىنى مەن پەرۋەردىگارغا ئاتاشقا قەسەم قىلغان بولسا، ئاتالماقچى بولغان ھايۋان مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.10بۇنداق ھايۋاننى باشقا ھايۋانغا ئالماشتۇرۇشقا ۋە بېجىرىمىنى بېجىرىم بولمىغىنىغا، بېجىرىم بولمىغىنىنى بېجىرىمىغا ئالماشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ھەر ئىككىلىسى مۇقەددەس ھېسابلىنىپ، ماڭا تەۋە بولىدۇ.11ئەگەر ئاتىماقچى بولغان ھايۋان ھارام ھايۋان بولسا، ئۇنى ماڭا قۇربانلىق سۈپىتىدە ئاتاشقا بولمايدۇ. ئۇنى روھانىينىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن.12روھانىي ئۇنىڭ بېجىرىم ياكى بېجىرىم ئەمەسلىكىگە قاراپ، باھاسىنى بېكىتسۇن. روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن.13ناۋادا ئۇ ئادەم ھايۋاننى قايتۇرۇۋېلىش نىيىتىدە بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.
14ئەگەر بىرسى ئۆيىنى ماڭا ئاتىغان بولسا، روھانىي ئۆينىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئاساسەن باھاسىنى بېكىتسۇن، روھانىي قانداق بېكىتسە، شۇنداق بولسۇن.15ئەگەر ئۇ ئۆيىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، روھانىي باھالىغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا ئۆي ئۇنىڭ بولىدۇ.
16‏ ئەگەر بىرسى مىراس قالغان زېمىنىنىڭ بىر قىسمىنى ماڭا ئاتىسا، روھانىي يەرنىڭ باھاسىنى يەرگە تېرىلىدىغان ئارپا ئۇرۇقىنىڭ مىقدارىغا ئاساسەن بېكىتسۇن. 60 كىلو ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەرنىڭ باھاسى 600 گىرام كۈمۈشتۇر.17ئەگەر ئۇ قۇت يىلىدىن باشلاپ يېرىنى ئاتىغان بولسا، يەرنىڭ باھاسى تولۇق ھېسابلانسۇن.18ئەگەر ئۇ يېرىنى قۇت يىلىدىن كېيىن ئاتىغان بولسا، روھانىي قۇت يىلىدىن تاكى ئاتىغان يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىللارنى ھېسابلاپ، يەرنىڭ باھاسىدىن ئېلىۋەتسۇن.19ناۋادا يېرىنى ئاتىغۇچى كېيىن يېرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، باھالانغان باھاغا يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن، شۇندىلا يەر ئۇنىڭ بولىدۇ.20ئەگەر ئۇ يېرىنى قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىماي، باشقىلارغا ساتسا، ئۇ يەرنى ھەرگىز قايتۇرۇۋالالمايدۇ.21قايتۇرۇۋېلىنمىغان يەر قۇت يىلى كەلگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ مەڭگۈلۈك مۈلكى سۈپىتىدە روھانىيلارغا تەۋە بولىدۇ.
22ئەگەر ماڭا ئاتالغان يەر مىراس يەر بولماي، سېتىۋېلىنغان يەر بولسا،23روھانىي يەر سېتىۋېلىنغان ۋاقىتتىن باشلاپ قۇت يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى يىل سانىغا قاراپ، يەرنىڭ باھاسىنى بېكىتسۇن. يەر ئىگىسى بېكىتىلگەن باھا بويىچە شۇ كۈنى ھەق تۆلىسۇن. پۇل ماڭا ئاتالسۇن.24قۇت يىلى كەلگەندە يەر ئەسلى ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدۇ، يەنى مىراس ئىگىسىگە قايتىدۇ.25ھەرقانداق نەرسىنىڭ باھاسىنى باھالىغاندا، مۇقەددەس جاينىڭ كۈمۈش ئۆلچەم بىرلىكى ئاساس قىلىنسۇن.
26_ ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنى مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپتۇر. بۇلار ھەدىيە سۈپىتىدە سۇنۇلمىسۇن، چۈنكى مەيلى كالا، قوي ياكى ئۆچكىنىڭ بالىسى بولسۇن، بەرىبىر مېنىڭدۇر.27ھارام ھايۋانلارنىڭ تۇنجى تۇغۇلغىنىنى ئەسلىدىكى باھالىغان باھاغا، يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ، قايتۇرۇۋالسا بولىدۇ. ئەگەر قايتۇرۇپ ئالمىسا، روھانىي بەلگىلىگەن باھا بويىچە سېتىلسۇن.
28مەن پەرۋەردىگارغا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە، يەنى ئادەملەرنىڭ ماڭا ئاتىغان ئادەم، ھايۋان، مىراس يەر قاتارلىق ھەرقانداق نەرسىسىنى ئىگىلىرىنىڭ سېتىشىغا ۋە قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا بولمايدۇ، ماڭا مەڭگۈلۈك ئاتالغان ھەرقانداق نەرسە ئەڭ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.
29ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان گۇناھكارلارنى ھەق تۆلەپ ئۆلۈمدىن خالاس قىلىشقا بولمايدۇ، ئۇلار چوقۇم ئۆلتۈرۈلسۇن.
30زېمىندىكى بارلىق نەرسىلەر، مەيلى يەردىن ئېلىنغان ھوسۇل بولسۇن، مەيلى دەرەخلەردىكى مېۋىلەر بولسۇن ھەممىسىنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشى ماڭا تەۋەدۇر. بۇلار ماڭا مۇقەددەستۇر.31ناۋادا ماڭا تەۋە ئوندىن بىر ئۈلۈشنىڭ بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ سېتىۋالماقچى بولسا، ئۇنىڭ ئەسلىدىكى باھاسىغا يەنە بەشتىن بىر قىسمىنى قوشۇپ تۆلىسۇن.32كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ يېڭى تۇغۇلغانلىرىنىڭ ئوندىن بىرى، يەنى پادىچىنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ھەربىر ئونىنچىسى ماڭا تەۋە بولۇپ، مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ.33ياخشى-يامىنى سۈرۈشتۈرۈلمىسۇن، ئورنىغا ئالماشتۇرۇلمىسۇن. ئەگەر ئالماشتۇرۇلسا، ئەسلىدىكىسىمۇ، ئالماشتۇرۇلغىنىمۇ مۇقەددەس ھېسابلىنىدۇ، قايتۇرۇپ سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.
34مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ سىناي تېغىدا مۇسا ئارقىلىق ئىسرائىللارغا يەتكۈزگەن ئەمر-پەرمانلىرىدۇر.