ھاگاي


1

ئىبادەتخانىنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى

1دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى*، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ۋە يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋاغا ۋەھىي كەلدى.

2قۇدرەت ئىگىسى پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بۇ خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇشنىڭ ۋاقىت-سائىتى تېخى يېتىپ كەلمىدى، دەپ يۈرىدۇ.»

3پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق يەنە بىر ۋەھىي كەلدى:
4«ھازىر ئىبادەتخانام خارابىلىقتا تۇرۇۋاتسا، سىلەرنىڭ ھەشەمەتلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدىغان ۋاقتىڭلارمۇ؟
5سىلەر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ئويلاپ بېقىڭلار!
6سىلەر كۆپ تېرىغان بولساڭلارمۇ، بىراق ئالغان ھوسۇلۇڭلار ئاز بولدى. سىلەر غىزالىنىسىلەر، لېكىن پەقەت تويمايسىلەر. سۇ ئىچىسىلەر، لېكىن يەنىلا ئۇسساپ تۇرىسىلەر. كىيىم كىيىسىلەر، لېكىن پەقەت ئىسسىمايسىلەر. سىلەرنىڭ ئىش ھەققىڭلار خۇددى تۆشۈك ھەميانغا سالغان پۇلدەك يوقاپ كېتىدۇ.

7‏-8سىلەر بېشىڭلارغا كەلگەن بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەبىنى ئويلاپ بېقىڭلار! ئەمدى سىلەر تاغقا چىقىپ، ياغاچ كېسىپ كېلىپ، ئىبادەتخانامنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىڭلار. شۇنىڭدىلا مەن خۇرسەن بولىمەن ھەم شان-شەرەپ تاپىمەن. بۇ، مەن پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!
9سىلەر مول ھوسۇل ئېلىشنى ئۈمىد قىلغانىدىڭلار، بىراق ھوسۇل ئاز چىقتى. ھوسۇلنى ئۆيگە ئېلىپ كەلگىنىڭلاردا، مەن يەنە بەرىكىتىنى ئۇچۇرۇۋەتتىم. نېمە ئۈچۈن؟ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى: چۈنكى سىلەر ئۆز ئۆيۈڭلارنى ياساش بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، مېنىڭ ئىبادەتخانام تېخىچە خارابلىقتا تۇرۇۋاتىدۇ.
10‏-11شۇ سەۋەبتىن، يامغۇر ياغماي، قۇرغاقچىلىق بولۇپ يېرىڭلار ھوسۇل بەرمىدى. مەن ئېتىز ۋە ئېدىرلىقلىرىڭلاردا قۇرغاقچىلىق ئاپىتى بولۇشقا ئەمر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن زىرائەتلىرىڭلارغا، شاراب ۋە زەيتۇن يېغىڭلارغا ۋە يەردىن چىقىدىغان بارلىق ئۆسۈملۈكلەرگە، شۇنداقلا ئادەم ھەم مال-ۋارانلىرىڭلارغىمۇ زىيان يەتتى. ئەمگىكىڭلارمۇ بىكارغا كەتتى.»

خۇدادىن كەلگەن ۋەھىيگە ئەمەل قىلىش

12بۇ ۋاقىتتا شىئالتېلنىڭ ئوغلى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلق، پەرۋەردىگار، يەنى ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن كەلگەن بۇ ۋەھىيگە ئەمەل قىلدى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ھاگاي پەيغەمبەر ئارقىلىق قىلغان سۆزىنى ئاڭلىغاندا، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشقا باشلىدى.
13پەرۋەردىگارنىڭ خەۋەرچىسى ھاگاي پەيغەمبەر خەلققە يەنە بۇ ۋەھىينى يەتكۈزۈپ مۇنداق دېدى: «پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە يار بولىمەن!›»

14شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار، شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەل، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە بارلىق خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىشنى باشلىۋەتتى.
15بۇ ۋەقە دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 6-ئاينىڭ 24-كۈنى* بولدى.



*1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 8-ئاينىڭ 29-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 9-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.



 

2

يېڭى ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى شان-شەرىپى

1شۇ يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى* پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە يەنە ۋەھىي كەلدى:
2«شىئالتېلنىڭ ئوغلى _ يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا ۋە سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن بارلىق خەلققە بۇ سۆزۈمنى يەتكۈزگىن:
3‹بۇ ئىبادەتخانىنىڭ بۇرۇنقى ھەشەمەتلىك كۆرۈنۈشى كىمنىڭ ئېسىدە بار؟ ھازىر سىلەر قاراپ بېقىڭلار! بۇ ئىبادەتخانىنىڭ سىياقى قانداق بولۇپ قالغان؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتىدىن قىلچە ئەسەر قالمىغانغۇ؟

4پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: ئەي، زىرۇببابەل جاسارەتلىك بول! ئەي، يوزاداقنىڭ ئوغلى باش روھانىي يېشۇۋا جاسارەتلىك بول! شۇ يەردىكى بارلىق خەلق، سىلەرمۇ جاسارەتلىك بولۇڭلار! ھازىرلا ئىشقا كىرىشىڭلار. مەنكى، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىمەن، بۇ مېنىڭ ۋەدەم!
5سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن چىققاندا، مەن ھەرقاچان ئۇلارغا يار بولۇشقا ۋەدە بەرگەن. ھازىرمۇ مېنىڭ روھىم سىلەرگە ياردۇر، قورقماڭلار!

6قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: مەن ئاز ۋاقىتتىن كېيىن يەنە ئاسمان-زېمىن، دېڭىز-ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇقنى زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن.
7مەن پۈتكۈل ئەللەرنى زىلزىلىگە كەلتۈرىمەن، ئۇلارنىڭ مال-دۇنياسى بۇ ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىنىدۇ. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: بۇ مال-دۇنيا بىلەن ئىبادەتخانىنى شان-شەرەپكە تولدۇرىمەن.
8كۈمۈش مېنىڭكىدۇر، ئالتۇنمۇ مېنىڭكىدۇر،
9بۇ ئىبادەتخانىنىڭ كەلگۈسى بۇرۇنقىدىنمۇ پارلاق بولىدۇ. مەن بۇ يەردە ئۇلارغا تىنچ-ئامانلىقنى ئاتا قىلىمەن! بۇ مېنىڭ سۆزلىرىمدۇر!›»

بەخت-سائادەت خۇداغا ئىتائەتمەنلىكتىن كېلىدۇ

10دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيەت تۇتقان 2-يىلى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى*، پەرۋەردىگاردىن ھاگاي پەيغەمبەرگە ۋەھىي كەلدى:

11قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «سەن روھانىيلاردىن تەۋرات قانۇنلىرى توغرىسىدا مۇنداق سوئال سورىغىن:
12ئەگەر بىرسى مۇقەددەس قۇربانلىق گۆشتىن بىر پارچىنى پېشىگە ئوراپ ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، ئۇنىڭ پېشى نانغا، تائامغا، شارابقا، زەيتۇن يېغىغا ياكى ھەرقانداق بىر يېمەكلىككە تېگىپ كەتسە، بۇ يېمەكلىكلەرمۇ مۇقەددەس بولامدۇ؟»

ھاگاي پەيغەمبەر روھانىيلاردىن جاۋابىنى سورىغانىدى، ئۇلار «ياق» دەپ جاۋاب بېرىشتى.

13ھاگاي پەيغەمبەر يەنە روھانىيلاردىن:

_ ئەگەر جەسەتنى تۇتۇش بىلەن ناپاك بولۇپ قالغان بىرسى، بۇنداق يېمەكلىكلەرنىڭ بىرەرىگە تېگىپ كەتسە، ئۇ بۇ يېمەكلىكلەرنى ناپاك قىلغان بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

روھانىيلار:

_ ھەئە، ناپاك بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

14ھاگاي پەيغەمبەر سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «مېنىڭ نەزىرىمدە بۇ خەلق ناپاكتۇر. ئۇلارنىڭ قوللىرى تەگكەن ھەرقانداق ئىش، ماڭا سۇنۇلغان بارلىق قۇربانلىقلىرىمۇ ناپاكتۇر!
15سىلەر ھازىردىن باشلاپ ئىبادەتخانامنىڭ ئۇلىنى قويۇشتىن بۇرۇنقى ئۆتمۈشنى ئويلاپ بېقىڭلار!
16بۇرۇنقى ئەھۋالىڭلار قانداق ئىدى؟ كىشىلەر بىر دۆۋە ئاشلىقنىڭ 20 تاغار چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، لېكىن ئۇ پەقەت 10 تاغارلا چىقاتتى. بىر كۈب شارابنىڭ 50 كوزا چىقىشىنى ئۈمىد قىلاتتى، بىراق 20 كوزىلا چىقاتتى.
17مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، مەن زىرائەتلىرىڭلارنى قۇرۇتۇۋېتىش ئۈچۈن ئىسسىق شامال چىقاردىم. ئۇلارنى سېسىتىۋېتىش ئۈچۈن نەملىك چۈشۈردۈم. مەن زىرائەتلىرىڭلارغا مۆلدۈر ياغدۇردۇم. شۇنداق تۇرۇقلۇق، سىلەر مېنىڭ يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى رەت قىلدىڭلار.
18بۈگۈن 9-ئاينىڭ 24-كۈنى*، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇلىنى پۈتتۈرگەن كۈندىن باشلاپ ئويلاپ بېقىڭلار.
19ئامباردا ئۇرۇق قالدىمۇ؟ قالمىدى. ئۈزۈم، ئەنجۈر، ئانار ۋە زەيتۇن دەرەخلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مېۋە بەرمىدى. ئەمدى مەن بۈگۈندىن باشلاپ سىلەرگە بەرىكەت ياغدۇرىمەن!»

زىرۇببابەلگە بېرىلگەن ۋەدە

20شۇ كۈنى، يەنى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى پەرۋەردىگاردىن ھاگايغا ئىككىنچى قېتىم ۋەھىي كەلدى:

21«سەن يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى زىرۇببابەلگە ئېيتقىن: مەن ئاسمان-زېمىننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈش ئالدىدا تۇرىمەن.
22مەن پادىشاھلىقلارنىڭ تاج-تەختىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ھەم ئۇلارنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ۋەيران قىلىش ئالدىدا تۇرىمەن. مەن ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنى ۋە ھارۋىلاردىكى لەشكەرلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلىمەن. ئاتلىق چەۋەندازلار ئاتلىرى بىلەن يىقىلىدۇ. ئۇلار ئۆزئارا قىرغىن قىلىشىدۇ.
23قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەيدۇكى: بۇ ئىشلار يۈز بەرگەن كۈندە، مەن سېنى _ شىئالتېلنىڭ ئوغلى خىزمەتكارىم زىرۇببابەلنى كۆككە كۆتۈرىمەن. مەن سېنى مۆھۈرلۈك ئۈزۈك* قىلىمەن. چۈنكى مەن سېنى تاللىغانمەن! بۇ مېنىڭ _ قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر!»



*1ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ

*10ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرىكى 520-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*18ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 12-ئاينىڭ 18-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*23يەھۇدىيەنىڭ سابىق پادىشاھى يىھوياكىن خۇدانىڭ يولىدا ماڭمىغانلىقى ئۈچۇن، خۇدا يەرەمىيا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇ پادىشاھقا، ئۆزىنىڭ مۆھۈرلۈك ئۈزۈكىنى ئۇنىڭدىن تارتىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كۆپ ئۆتمەي بۇ پادىشاھ بابىللىقلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇپ، بابىلغا سۈرگۈن قىلىنغان. زىرۇببابەل بۇ پادىشاھنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، خۇدا ئۇنىڭغا مۆھۈرلۈك ئۈزۈكنى قايتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.