« فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت »




1

1ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولغان مەنكى پاۋلۇستىن ۋە مەن ئارقىلىق تىموتىيدىن، فىلىپى شەھىرىدىكى ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان مۇقەددەس خەلققە، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ باشلامچىلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىگە سالام. 2خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي!

شۈكۈر ۋە دۇئا

3مەن سىلەرنى ھەر قېتىم ئەسلىگىنىمدە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. 4ھەر قېتىم سىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلغىنىمدا، قەلبىم خۇرسەنلىككە تولۇپ تاشىدۇ. 5چۈنكى، مەن ئاراڭلاردا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشكە باشلىغان بىرىنچى كۈندىن ھازىرغىچە، سىلەر مېنىڭ بۇ خىزمىتىمنى قوللاپ كەلدىڭلار. 6شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىلەرنى يېڭى ھاياتلىق يولىغا يېتەكلىگەن خۇدا ئۆزى باشلىغان بۇ ياخشى ئىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئەيسا مەسىھ قايتا كېلىدىغان كۈنى تاماملايدۇ. 7مېنىڭ بۇنداق ئويلىشىم توغرا، دەپ قارايمەن. چۈنكى، سىلەرنىڭ مېنىڭ قەلبىمدىن ئالغان ئورنۇڭلار ناھايىتى مۇھىم. مەيلى مەن زىنداندا كىشەنلىنىپ ياتقان ۋاقتىمدا بولسۇن ياكى سىرتتا خۇش خەۋەرنى قوغداپ، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بەرگەن ۋاقتىمدا بولسۇن، ھەممىڭلار مەن بىلەن بىللە خۇدانىڭ ئىلتىپاتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدۇڭلار. 8مېنىڭ سىلەرنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمغا ھەمدە ئەيسا مەسىھ ماڭا ئاتا قىلغان مېھىر-مۇھەببەت بىلەن سىلەرنى قانچىلىك سۆيىدىغانلىقىمغا خۇدا ئۆزى گۇۋاھتۇر.

9مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن. 10شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر. 11ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر.

ھاياتلىق ئەيسا مەسىھ ئۈچۈندۇر

12قېرىنداشلار، شۇنى بىلىشىڭلارنى خالايمەنكى، بېشىمغا كەلگەن بۇ جاپا-مۇشەققەتلەر خۇش خەۋەرنىڭ تېخىمۇ كەڭ تارقىلىشىغا تۈرتكە بولدى. 13ساراي مۇھاپىزەتچىلىرى ۋە باشقىلارنىڭ ھەممىسى مېنىڭ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلغانلىقىم ئۈچۈن كىشەنلەنگەنلىكىمنى بىلىشتى. 14زىندانغا تاشلانغانلىقىم سەۋەبىدىن نۇرغۇنلىغان قېرىنداشلارنىڭ رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى تېخىمۇ مەردانە ۋە يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزىدىغان بولدى.

15دەرۋەقە، ماڭا ھەسەتخورلۇق قىلىپ، مەن بىلەن بەسلىشىش مەقسىتىدە خۇش خەۋەر تارقىتىۋاتقانلارمۇ بار. ئەمما باشقىلار خۇش خەۋەرنى ياخشى نىيەت بىلەن يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 16بۇلار مېنىڭ خۇش خەۋەرنى قوغداشقا تەيىنلەنگەنلىكىمنى بىلىپ، مېنى سۆيگەنلىكى ئۈچۈن، بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتىدۇ. 17لېكىن، ئالدىنقىلىرى بولسا خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشتە ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىنى ئويلاپ، ئۇنى پاك قەلبى بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ زىنداندا تارتىۋاتقان ئازابىمنىڭ ئۈستىگە يۈرەك ئازابى قوشۇش ئۈچۈن قىلىۋاتىدۇ. 18مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يەنى ئۇلارنىڭ مۇددىئاسى توغرا بولسۇن-بولمىسۇن، پەقەت ئەيسا مەسىھ تونۇتۇلسىلا خۇرسەنمەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىق خۇرسەن بولىمەن. 19چۈنكى، خۇدانىڭ مېنى مەن بىلەن قارشىلاشقۇچىلارنىڭ ئالدىدا ئاقلايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.* بۇ، سىلەرنىڭ دۇئالىرىڭلار ۋە ئەيسا مەسىھنىڭ روھى، يەنى مۇقەددەس روھنىڭ ياردىمى ئارقىلىق بولىدۇ. 20ئەيسا مەسىھكە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ، خىجالەتچىلىكتە قالماسلىقىمنى ئىنتىزارلىق بىلەن ئۈمىد قىلىمەن ھەمدە ھازىرمۇ ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا، مەيلى مەن قانداق ياشاي ياكى قانداق ئۆلەي، ئەيسا مەسىھنى باتۇرلۇق بىلەن ئۇلۇغلايمەن. 21چۈنكى، مەن ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن ياشايمەن. ئۆلسەممۇ، ئەرشتە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولىمەن. بۇ، مەن ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشىدۇر. 22لېكىن، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ئىشىنىمەنكى ئەيسا مەسىھ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىم نەتىجىلىك بولىدۇ. قايسىنى تاللىشىم كېرەك؟ 23تەڭلىكتە قالدىم. بۇ دۇنيادىن ئايرىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىمەن، چۈنكى بۇنىڭدىنمۇ ياخشى ئىش يوقتۇر، ئەلۋەتتە. 24بىراق، سىلەر ئۈچۈن مېنىڭ ھايات تۇرۇشۇم زۆرۈردۇر. 25شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، مەن ھازىرچە ئۆلمەيمەن. ئەكسىچە، ھەممىڭلارنىڭ ئېتىقادى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىپ، تېخىمۇ خۇشال بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، داۋاملىق سىلەر بىلەن بىللە بولىمەن. 26مەن ئامان-ئېسەن سىلەرنىڭ قېشىڭلارغا قايتا بارغىنىمدا، مېنىڭ كەلگەنلىكىمدىن سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان خۇرسەنلىكىڭلار تېخىمۇ تولۇپ تاشىدۇ.

27نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرگە لايىق بولسۇن. شۇنداق بولغاندا، مەيلى مەن يېنىڭلارغا بېرىپ، سىلەر بىلەن دىدار كۆرۈشەي ياكى مۇشۇ يەردە تۇرۇپ، سىلەرنىڭ ئەھۋالىڭلاردىن خەۋەردار بولاي، سىلەرنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قەتئىي تەۋرەنمەي، بۇ خۇش خەۋەر ئېلىپ كېلىدىغان ئېتىقاد ئۈچۈن بىرلىكتە كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەلەيمەن. 28سىلەرگە قارشى تۇرغۇچىلاردىن قىلچە قورقماڭلار. سىلەردىكى بۇ غەيرەت ئۇلارنىڭ ھالاك بولىدىغانلىقىنىڭ، سىلەرنىڭ بولسا خۇدا تەرىپىدىن قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىڭلارنىڭ بەلگىسىدۇر. 29چۈنكى، خۇدا سىلەرگە پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشنىڭمۇ شەرىپىنى ئاتا قىلغان. 30مەن سىلەر بىلەن بىللە بولغان ۋاقتىمدا، سىلەر مېنىڭ خۇش خەۋەرگە قارشى تۇرغۇچىلار بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. ھازىرمۇ مېنىڭ بۇ كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىمدىن خەۋەردار بولۇۋاتىسىلەر ھەمدە سىلەرمۇ بۇ كۈرەشنى قىلىۋاتىسىلەر.



*19بۇنى «خۇدانىڭ مېنى زىنداندىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دەپ چۈشىنىشكىمۇ بولىدۇ.



 

2

ئەيسا مەسىھنى ئۈلگە قىلىڭلار

1ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، سىلەر رىغبەتلەندۈرۈلدۈڭلار ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتىدىن تەسەللى تاپتىڭلار. مۇقەددەس روھتىن ئورتاق بەھرىمەن بولدۇڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ مېھرىبانلىقى ۋە رەھىمدىللىكىنى كۆردۈڭلار. 2شۇنداق ئىكەن، سىلەر ئوخشاش ئوي-پىكىر، ساپ مېھىر-مۇھەببەت ۋە بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇڭلار. شۇنداق بولغاندا، مېنى خۇشاللىققا چۆمدۈرىسىلەر. 3ھەرقانداق ئىشتا شەخسىيەتچىلىك ۋە قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەڭلار. ئەكسىچە، كەمتەر بولۇپ، باشقىلارنى ئۆزۈڭلاردىن ئۈستۈن كۆرۈڭلار. 4ئۆز مەنپەئىتىڭلارنىلا ئەمەس، باشقىلارنىڭ مەنپەئىتىنىمۇ ئويلاڭلار. 5ئوي-پىكرىڭلاردا ئەيسا مەسىھتەك بولۇڭلار:

6ئۇ تەبىئىتى جەھەتتە خۇدا بولسىمۇ،

خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشۇم كېرەك، دېمىدى.

7ئەكسىچە، ئۇ ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ ئورۇندىن ۋاز كېچىپ،

ئىنسان تېنىدە كېلىپ، ئۆزىنى قۇلدەك تۇتتى.

8ئۇ ئىنسان قىياپىتىدە ياشاپ ئۆزىنى تۆۋەن تۇتۇپ،

تاكى ئۆلگۈچە خۇداغا ئىتائەتمەن بولدى.

ئۇ ھەتتا كرېستكە مىخلانغاندىمۇ شۇنداق قىلدى.

9شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ خۇدا ئۇنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرۈپ،

ئۇنىڭغا ھەممىدىن ئۈستۈن نام-شۆھرەتنى بەردى.

10شۇڭا، بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى پۈتكۈل مەۋجۇدات

ئەيسا مەسىھنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئۇنىڭغا سەجدە قىلىپ،

11ئۇنى رەببىم دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ.

بۇنىڭ بىلەن، خۇدائاتىمىز ئۇلۇغلىنىدۇ.

ئالەمدە يورۇقلۇق بولۇڭلار

12شۇڭلاشقا، ئەزىز قېرىنداشلىرىم، مەن ئاراڭلاردىكى ۋاقتىمدا ھەمىشە سۆزۈمنى ئاڭلىغىنىڭلاردەك، سىلەردىن ئايرىلغان مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ سۆزۈمنى تېخىمۇ ياخشى ئاڭلاڭلار. خۇدادىن قورقۇپ ۋە ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەپ، خۇدا سىلەرنى قۇتقۇزغاندا ئاتا قىلغان يېڭى ھاياتنى تۇرمۇشۇڭلارغا تەتبىقلاشقا تىرىشىڭلار. 13چۈنكى، خۇدا سىلەرنى ئۆزگەرتىپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئارزۇ ھەم كۈچ-قۇدرەت بېرىدۇ.

14ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاغرىنماڭلار، تاكاللاشماڭلار. 1516مۇشۇنداق بولغاندا، ھېچكىم سىلەرنى ئەيىبلىيەلمەيدۇ. سىلەرمۇ بۇ چىرىكلىشىپ، رەزىللىشىپ كەتكەن ئىنسانلار ئارىسىدا خۇدانىڭ قۇسۇرسىز، پاك پەرزەنتلىرىدىن بولىسىلەر ھەمدە ھاياتلىق ئېلىپ كېلىدىغان خۇش خەۋەرنى يەتكۈزگىنىڭلاردا، بۇ زۇلمەتلىك دۇنيادا خۇددى چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلارغا ئوخشاش چاقناپ تۇرىسىلەر. مانا شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پۈتۈن خىزمىتىم ۋە ئەجرىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىدىن پەخىرلىنەلەيمەن. 17سىلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادىڭلار ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭلار خۇداغا ئاتالغان قۇربانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر مەن ئىسسىق قېنىمنى سىلەرنىڭ بۇ قۇربانلىقىڭلار ئۈستىگە چاچسام، يەنى سىلەر ئۈچۈن ئۆلسەم، خۇرسەن بولىمەن ھەمدە سىلەر بىلەن بىللە شادلىققا چۆمىمەن. 18شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ خۇرسەن بولۇڭلار ھەمدە مەن بىلەن بىللە شادلىققا چۆمۈڭلار.

تىموتىي ۋە ئېپافرودىت

19رەببىمىز ئەيسا خالىسا، تىموتىينى يېقىندا يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۆزئارا ئەھۋالىمىزنى ئۇقۇشۇپ، كۆڭلىمىز ئارام تاپىدۇ. 20ھازىر مېنىڭ يېنىمدا تىموتىيدىن باشقا ماڭا ئوخشاش سىلەرگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ئادەم يوق. 21باشقىلار ئۆز ئىشلىرىنىلا ئويلاپ، ئەيسا مەسىھنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. 22سىلەرگە مەلۇمكى، تىموتىي ئۆزىنىڭ ياخشى بىر ياردەمچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ خۇددى ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ياردەم قىلغىنىغا ئوخشاش، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئىشلىدى. 23شۇڭا، مەن زىنداندىن چىقىش ئىشىمنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلگەن ھامان، ئۇنى دەرھال يېنىڭلارغا ئەۋەتىمەن. 24رەببىمىزگە بولغان ئىشەنچىم كامىلكى، پات ئارىدا ئۆزۈممۇ يېنىڭلارغا بارىمەن.

25مەن ياردەمگە موھتاج بولۇپ تۇرغان ۋاقتىمدا، سىلەر ماڭا ئۇچۇرچى ئېپافرودىتنى ئەۋەتتىڭلار. ھازىر مەن ئۇنى سىلەرنىڭ يېنىڭلارغا ئەۋەتىشنى قارار قىلدىم. ئۇ مەن بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلغان قېرىندىشىم ھەم خىزمەتدىشىمدۇر. 26ئۇ ھەممىڭلارنى سېغىندى ھەمدە ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇپ قالغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىڭلار ئۈچۈن بىئارام بولدى. 27دەرۋەقە، ئۇ راستتىنلا كېسەل بولۇپ قېلىپ، ئۆلۈپ كېتىشكە تاس قالغانىدى. لېكىن، ئۇ ئۆلمىدى، چۈنكى خۇدا ئۇنىڭغا رەھىم قىلدى. خۇدا يالغۇز ئۇنىڭغىلا ئەمەس، دەرد ئۈستىگە دەرد بولمىسۇن دەپ، ماڭىمۇ رەھىم قىلدى. 28مانا شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەرنىڭ ئۇنىڭ بىلەن قايتا كۆرۈشۈپ خۇرسەن بولۇشۇڭلار ئۈچۈن، ئۇنى تېزلا يولغا سالماقچىمەن. شۇنداق قىلسام، مەن سىلەردىن كۆپ ئەنسىرمەيدىغان بولىمەن. 29شۇڭا، ئۇنى قېرىندىشىڭلارنى كۈتۈۋالغاندەك خۇشال-خۇراملىق بىلەن كۈتۈۋالغايسىلەر ھەمدە بۇنداق كىشىلەرنى ھۆرمەتلىگەيسىلەر. 30چۈنكى، ئۇ ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھاياتىنىڭ خېيىمخەتەرگە ئۇچرىشىغا قارىماي، سىلەر ماڭا قىلالمىغان ياردەمنى قىلىمەن دەپ، ئۆلۈشكە تاس قالغانىدى. 




3

ئەيسا مەسىھنى تونۇش ھەممىدىن مۇھىمدۇر

1ئەمدى قېرىنداشلىرىم، سىلەر رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن شاد-خۇرام بولۇڭلار. سىلەرگە بۇرۇن ئېيتقان سۆزلەرنى يەنە قايتىلاش ماڭا ئاۋارىچىلىك ئەمەس، چۈنكى بۇ سۆزلەر سىلەرنىڭ قوغدىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر. 2قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن چوقۇم خەتنە قىلىنىش كېرەك، دەپ يۈرىدىغان «تەن كەسكۈچىلەر»دىن ھوشيار بولۇڭلار. بۇ يامانلىق قىلغۇچىلار ئىتتىن پەرقى يوق! 3خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەقىقىي خەتنە قىلىنغانلار ئۇلار ئەمەس، بەلكى بىزلەر. چۈنكى، بىز مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىپ، ئەيسا مەسىھ بىلەن ماختىنىمىز. بىز قىلچىمۇ خەتنىگە ۋە ئۆزىمىز سىڭدۈرگەن ئەجىرگە تايانمايمىز. 4ئەگەر ئۆز ئەجرىمگە تايىنىشقا توغرا كەلسىدى، ئۇنىڭغا ئاساسلىرىم يېتەرلىك بولاتتى. ئەگەر بەزىلەر بۇنداق ئىشلارغا تايىنىپ قۇتقۇزۇلغىلى بولىدۇ دەپ ئويلىسا، ئۇ چاغدا مېنىڭ ئاساسىم تېخىمۇ يېتەرلىك بولاتتى. 5چۈنكى، مەن تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى خەتنە قىلىنغان ئىسرائىل ئەۋلادىمەن، يەنى بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان قېنى ساپ يەھۇدىيمەن. تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىشنى ئۆلچەم قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندىمۇ، مەن قىل سىغمايدىغان پەرىسىي ئېقىمىدىنمەن. 6بۇ يولدىكى قىزغىنلىقىم جەھەتتىن ئېيتقاندا، مەن ئىلگىرى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغۇچىلار تەۋرات قانۇنىنى بىكار قىلماقچى دەپ، ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلغان ئادەم ئىدىم. ئەگەر تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ھەققانىيلىق دەپ قارالسا، مەن بۇ ئۆلچەمگە ئەڭ لايىق ئادەم بولاتتىم. 7لېكىن، مەن بۇرۇن قۇتقۇزۇلۇش ئۈچۈن مۇھىم بىلگەن بۇ ئىشلارنى ھازىر پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز دەپ قارىدىم. 89مەن قەتئىي شۇنداق قارايمەنكى، رەببىم ئەيسا مەسىھنى تونۇشنىڭ ئەۋزەللىكى ئالدىدا ھەرقانداق ئىش قەدىرسىزدۇر. ئەيسا مەسىھنى تونۇپ يېتىشىم ۋە ئۇنىڭغا زىچ باغلىنىشىم ئۈچۈن، ھەممىنى تاشلىۋەتتىم ھەمدە ئۇلارنى ئەخلەت، دەپ قارايمەن. ئەمدى مېنىڭ ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىنىشىم تەۋرات قانۇنىغا ئەمەل قىلىش ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق بولدى. چۈنكى بۇ ھەققانىيلىق ئېتىقاد ئارقىلىق خۇدادىن كەلدى. 10مېنىڭ ھازىرقى مەقسىتىم، ئەيسا مەسىھنى ۋە ئۇنىڭ ئۆلۈپ تىرىلىش قۇدرىتىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ تارتقان ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى ئۆز كەچۈرمىشىم ئارقىلىق چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى ئۈلگە قىلىش 11ۋە نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۆلۈمدىن خۇدا ۋەدە بەرگەن تىرىلىشكە يېتىشتۇر.

نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەش

12بۇنداق دېيىش بىلەن، بۇ مەقسەتكە ئېرىشىپ بولدۇم ياكى كامالەتكە يەتتىم، دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن قۇتقۇزغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتىمەن. 13قېرىنداشلار، مەن ھەرگىز ئۆزۈمنى بۇ مەقسەتكە يېتىپ بولدۇم، دەپ قارىمايمەن. لېكىن مەن شۇنداق قىلىمەنكى، خۇددى يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىدە كەينىگە قارىماي يۈگۈرۈۋاتقان ئادەمدەك، مەنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن ئىشلارنى ئويلىماي، كەلگۈسىدىكى نىشانغا قاراپ تىرىشىمەن. 14يەنى، خۇدا ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق مېنى چاقىرىپ، ئەرشتە مەن ئۈچۈن تەييارلىغان ئىنئامغا قاراپ ئىلگىرىلەيمەن. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، ئارىمىزدىكى روھىي جەھەتتە پىشىپ يېتىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇنداق ئويلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئەگەر باشقىچە ئوي-پىكرىڭلار بولسا، خۇدا بۇنىمۇ سىلەرگە ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدۇ. 16قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز خۇدا بىزگە كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

17قېرىنداشلار، مېنى ئۈلگە قىلىڭلار، شۇنداقلا سىلەر بىزنى ئۈلگە قىلغان كىشىلەردىنمۇ ئۆگىنىڭلار. 18چۈنكى، سىلەرگە كۆپ قېتىم ئېيتقىنىمدەك، ھازىرمۇ كۆز ياشلىرىمنى تۆكۈپ تۇرۇپ شۇنى قايتا ئېيتىمەنكى، ئۆزلىرىنى ئېتىقادچى دەۋالغان نۇرغۇن كىشىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتىكى قۇربانلىقىنى كۆزگە ئىلماي، ئۇنىڭ دۈشمەنلىرىدەك يۈرمەكتە. 19بۇنداقلارنىڭ ئاقىۋىتى مەڭگۈلۈك ھالاكەتتۇر. ئۇلارنىڭ خۇداسى ئۆزىنىڭ قارنىدۇر. ئۇلارنىڭ ماختىنىدىغىنى نومۇسسىز ئىشلاردۇر. ئۇلار پەقەت بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىلا ئويلايدۇ. 20ھالبۇكى، بىزنىڭ ھەقىقىي ماكانىمىز ئەرشتە. بىز ئەرشتىكى قۇتقۇزغۇچىمىز بولغان رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ ئەرشتىن كېلىشىنى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. 21شۇ چاغدا، ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرىدىغان قۇدرىتى بىلەن بىزنىڭ چىرىپ كېتىدىغان تېنىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئۇنى ئۆزىنىڭ شان-شەرەپلىك تېنىگە ئوخشاش قىلىدۇ. 




4

پەند-نەسىھەتلەر

1ئەي سۆيۈملۈك قېرىنداشلىرىم، مەن سىلەرنى سۆيىمەن، سىلەرنى كۆرۈشكە شۇ قەدەر تەشنامەن! سىلەر مېنىڭ خۇشاللىقىم ھەم پەخرىمسىلەر. رەببىمىزگە بولغان ئېتىقادىڭلاردا قىلچە تەۋرەنمەڭلار. 2ئېۋودىيا ۋە سىنتىخە خانىم، سىلەردىن ئۆتۈنىمەنكى، رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن چىقىشىپ ئۆتۈڭلار. 3ئەي سادىق ھەمكارىم، سەندىن شۇنى تەلەپ قىلىمەنكى، بۇ ئىشتا سەنمۇ بۇ ئىككى خانىمغا ياردەم قىل. چۈنكى، ئۇلار مەن ۋە كلېمېنت بىلەن، شۇنداقلا نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەن باشقا خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىللە خۇش خەۋەرنى تارقىتىش يولىدا قان-تەر سىڭدۈرگەن.

4رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! 5خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ.

8قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار. 9مەندىن ئۆگەنگەن، قوبۇل قىلغان، ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلارنى ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلاردا كۆرسىتىڭلار. شۇنداق بولغاندا، خاتىرجەملىك بېرىدىغان خۇدا سىلەر بىلەن بىللە بولىدۇ.

پاۋلۇسنىڭ تەشەككۈرى

10ماڭا يەنە بىر قېتىم غەمخورلۇق قىلغىنىڭلار ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم ۋە رەببىمىزگە شۈكۈر ئېيتتىم. ھەقىقەتەنمۇ سىلەر ماڭا ئەزەلدىن غەمخورلۇق قىلىپ كەلدىڭلار، لېكىن ئۇنى ئىپادىلىشىڭلارغا پەقەت پۇرسەت بولماي كەلدى. 11بۇنى بىرەر ئېھتىياجىم تۈپەيلىدىن ئېيتىۋاتقىنىم يوق، چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا بارىغا قانائەت قىلىشنى ئۆگىنىۋالدىم. 12مەن مەيلى نامراتلىق ياكى باياشاتلىق بولسۇن، مەيلى توقچىلىق ياكى ئاچارچىلىق بولسۇن، مەيلى مولچىلىق ياكى غۇربەتچىلىك بولسۇن، ھەرقاچان، ھەرقانداق ئەھۋالدا قانائەت قىلىشنى بىلىۋالدىم. 13مەن ماڭا كۈچ-قۇدرەت ئاتا قىلغۇچى رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە تايىنىپ، خۇدا مەندىن تەلەپ قىلغان ھەرقانداق ئىشنى قىلالايمەن. 14شۇنداقتىمۇ، سىلەر قىيىنچىلىقلىرىمغا ياردەم بېرىپ ياخشى قىلدىڭلار.

15ئەي فىلىپىلىكلەر، سىلەرگە مەلۇمكى، مەن سىلەرگە بۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈشنى باشلىغان ۋە ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئايرىلغان چاغلىرىمدا، سىلەردىن باشقا ھېچقانداق ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ماڭا ياردەم بەرمىدى. 16سالونىكا شەھىرىدىكى ۋاقتىمدىمۇ، سىلەر ماڭا بىرنەچچە قېتىم ياردەم بېرىپ، ئېھتىياجىمدىن چىقتىڭلار. 17مېنىڭ بۇنداق دېيىشىم، سىلەردىن بىرەر سوۋغات تەلەپ قىلىش ئەمەس، بەلكى سىلەرنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمىڭلار ئۈچۈن خۇدانىڭ سىلەرگە زور بەخت قايتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىشتۇر. 18مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئەۋەتكەن بارلىق سوۋغىتىڭلارنى تاپشۇرۇۋالدىم. بۇ مېنىڭ ئېھتىياجىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەلۋەتتە. ئېپافرودىت ئارقىلىق ئەۋەتكەن سوۋغىتىڭلارنى ئېلىپ، ھەممە نەرسەم تېخىمۇ تولۇقلىنىپ كەتتى. بۇ سوۋغاتلار خۇددى خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتەك، خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. 19شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، ماڭا غەمخورلۇق قىلغان خۇدا ئۆزىنىڭ مول بايلىقى بىلەن سىلەرنىڭمۇ ھەممە ئېھتىياجىڭلارنى قاندۇرىدۇ. 20بارلىق شان-شەرەپ ئەبەدىلئەبەد خۇدائاتىمىزغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن!

ئاخىرقى سالام

21ئەيسا مەسىھكە مەنسۇپ بولغان بارلىق مۇقەددەس خەلققە سالام. مەن بىلەن بىللە تۇرۇۋاتقان قېرىنداشلاردىنمۇ سىلەرگە سالام. 22بۇ يەردىكى مۇقەددەس خەلقتىن، بولۇپمۇ رىم ئىمپېراتورىنىڭ ئوردىسىدىكى خىزمەتكار قېرىنداشلاردىن سىلەرگە سالام.

23رەببىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ مېھىر-شەپقىتى سىلەرگە يار بولغاي!