«دانىيال»


1

دانىيال نىبۇكادنەزەرنىڭ ئوردىسىدا

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىم ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى* بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورشاۋغا ئالدى. 2ئىگىمىز خۇدا يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوياقىمنى ۋە ئىبادەتخانىدىكى بىر قىسىم مۇقەددەس بۇيۇملارنى نىبۇكادنەزەرگە تاپشۇرۇپ بەردى. نىبۇكادنەزەر بۇ بۇيۇملارنى بابىلدىكى ئۆز ئىلاھى ئۈچۈن ياسالغان ئىبادەتخانىنىڭ خەزىنىسىگە ئەكىرىپ قويدى.

3بابىل پادىشاھى ھەرەمئاغىسى ئاشپىنازغا پەرمان قىلىپ: «بابىلغا ئېلىپ كېلىنگەن ئەسىرلەر ئىچىدىكى يەھۇدىيەنىڭ پادىشاھ جەمەتى ۋە باشقا ئاقسۆڭەكلەر ئائىلىسىگە تەۋە ياش يىگىتلەرنىڭ بىر قىسمىنى ئوردىغا باشلاپ كىر. 4بۇ ياش يىگىتلەر يەتتە ئەزاسى بېجىرىم، كېلىشكەن، پاراسەتلىك، بىلىمى مول، ئەقىللىق، ھەرقايسى جەھەتلەردە پادىشاھ ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشقا لايىق بولسۇن. ئۇلارغا بابىل تىل-ئەدەبىياتىنى ئۆگىتىڭلار» دېدى. 5پادىشاھ ئۇلارغا كۈندە ئوردا تامىقى ۋە شاراب بېرىش ھەمدە ئۇلارنى ئۈچ يىل تەربىيەلەپ ئاندىن ئوردا خىزمىتىگە سېلىش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.

6بۇ ياش يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە يەھۇدا قەبىلىسىدىن دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالار بار ئىدى. 7ھەرەمئاغىسى ئۇلارغا يېڭى ئىسىم قويدى: دانىيالنى بېلتىشاززار، خانانيانى شادراك، مىشائېلنى مېشاك، ئازاريانى ئابېدنىگو دەپ ئاتىدى.

8دانىيال ئوردا تامىقى ۋە شاراب بىلەن ئۆزىنى بۇلغىماسلىقنى قارار قىلىپ، ھەرەمئاغىسىدىن ئۆزىنى پاك تۇتۇشقا ئىجازەت بېرىشىنى سورىدى. 9خۇدا دانىيالنى ھەرەمئاغىسىنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى ۋە رەھىمدىللىكىگە نائىل قىلدى. 10ئەمما ھەرەمئاغىسى دانىيالغا مۇنداق دېدى:

_ مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن قورقىمەن، ئۇ سىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمىكىڭلارنى شۇنداق ئورۇنلاشتۇرغان. ئەگەر پادىشاھ سىلەرنىڭ باشقا يىگىتلەرگە قارىغاندا روھسىز تۇرغىنىڭلارنى كۆرسە، كاللامنى ئېلىشى مۇمكىن.

11دانىيال ھەرەمئاغىسى تەرىپىدىن خانانيا، مىشائېل، ئازاريا ۋە ئۆزىنى باشقۇرۇشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان قاراۋۇلغا مۇنداق دېدى:

12_ سىلى بىز خىزمەتكارلىرىغا كۆكتات ۋە سۇدىن باشقا ھېچ نەرسە بەرمەي، ئون كۈن سىناپ باقسىلا. 13كېيىن بىزنى، ئوردا تامىقى يەۋاتقان باشقا ياش يىگىتلەر بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرسىلە، ئاندىن ئۆز كۆزلىرى بىلەن كۆرگەن ئەھۋالغا قاراپ بىزنى ئورۇنلاشتۇرسىلا!

14قاراۋۇل ئۇلارنى ئون كۈن سىناپ بېقىشقا قوشۇلدى. 15ئون كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ قامىتى ئوردا تامىقى يېگەن باشقا يىگىتلەردىنمۇ كېلىشكەن، ساغلام بولۇپ كۆرۈندى. 16قاراۋۇل ئۇلارنىڭ ئوردا تامىقى ۋە شارابنى بىكار قىلىپ، كۆكتات بىلەن ئوزۇقلىنىشىغا يول قويدى.

17خۇدا بۇ تۆت يىگىتنى ئەدەبىيات ۋە پەلسەپەدە مۇكەممەل بىلىمگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارغا ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلدى ۋە دانىيالغا ھەر خىل غايىبانە ئالامەت ۋە چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغان قابىلىيەتنى بەردى.

18پادىشاھ بەلگىلىگەن ئۈچ يىل توشقاندىن كېيىن، ھەرەمئاغىسى ھەممە يىگىتلەرنى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىردى. 19پادىشاھ ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ، يىگىتلەرنىڭ ئىچىدە ھېچكىمنىڭ دانىيال، خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا يەتمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بۇ تۆت يىگىتنى ئۆز خىزمىتىگە ئېلىپ قالدى. 20پادىشاھ ئۇلاردىن ھەرقانداق بىر مەسلىھەتنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ ئەقلى ۋە چۈشەنچىسىنىڭ ئۆز پادىشاھلىقىدىكى بارلىق سېھىرگەرلەر ۋە پالچىلاردىن ئون ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. 21دانىيال بابىلدا كورەش پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلىغىچە* تۇرۇپ قالدى.



*1مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 605-يىلىغا توغرا كېلىدۇ.

*21كورەش پادىشاھ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 539-يىلىدا بابىلنىڭ ھۆكۈمرانلىق تەختىدە ئولتۇرغان.



 

2

پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشى

1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئىككىنچى يىلى بىر چۈش كۆردى، چۈشى سەۋەبلىك كەيپىياتى بۇزۇلۇپ، ئۇيقۇسى قاچتى. 2شۇنىڭ بىلەن ئۇ سېھىرگەر، پالچى، داخان ۋە باخشىلارنى ئۆز چۈشىگە تەبىر بېرىش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلدى. ئۇلار پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا كىرگەندىن كېيىن، 3پادىشاھ بۇ ھۆكۈمالارغا:

_ مەن بىر چۈش كۆردۈم، چۈشۈم كەيپىياتىمنى بۇزدى، مەن بۇ چۈشنىڭ تەبىرىنى بىلمەكچىمەن، _ دېدى.

4ھۆكۈمالار پادىشاھقا ئارامىي تىلىدا* جاۋاب بېرىپ:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېدى.

5پادىشاھ ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەگەر سىلەر مېنىڭ قانداق چۈش كۆرگەنلىكىمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرەلمىسەڭلار، تېنىڭلار پارچىلىنىپ، ئۆيۈڭلار خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. 6ئەگەر سىلەر كۆرگەن چۈشۈمنى ئېيتىپ بېرىپ، ئۇنىڭغا تەبىر بېرەلىسەڭلار، مەندىن كاتتا ئىنئام ۋە مەرتىۋىگە ئېرىشىسىلەر. ئەمدى مېنىڭ چۈشۈمنى ۋە ئۇنىڭ تەبىرىنى ئېيتىپ بېرىڭلار.

7ئۇلار پادىشاھقا يەنە جاۋاب بېرىپ:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، چۈشلىرىنى بىز خىزمەتكارلىرىغا سۆزلەپ بەرسىلە، چۈشلىرىگە تەبىر بېرەيلى، _ دېدى.

8پادىشاھ:

_ ئېنىق بىلىپ تۇرۇۋاتىمەن، سىلەر قارارىمنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، ۋاقىتنى ئارقىغا سوزۇۋاتىسىلەر. 9ئەگەر سىلەر مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىسەڭلار، سىلەرنى پەقەت جازا كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. سىلەر تىل بىرىكتۈرۈپ، ماڭا يالغان گەپ قىلىپ، ئىشلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولۇۋاتىسىلەر. سىلەر ھازىر مېنىڭ چۈشۈمنى دەپ بېرىڭلار، شۇندىلا مەن سىلەرنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭلارغا ئىشىنىمەن، _ دېدى.

10ھۆكۈمالار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ:

_ يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئادەم ئالىيلىرىنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى قاندۇرالمايدۇ. ئەلمىساقتىن تارتىپ ھېچقانداق بىر ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك پادىشاھ بۇنداق بىر تەلەپنى سېھىرگەر، پالچى ۋە ھۆكۈمالاردىن تەلەپ قىلىپ باقمىغان. 11ئالىيلىرىنىڭ قىلغان بۇ تەلىپى ئىنتايىن قىيىندۇر، بۇ تەلەپنى پەقەت ئىنسانلار ئارىسىدا ياشىمايدىغان ئىلاھلارلا ئورۇندىيالايدۇ، _ دېدى.

12بۇنى ئاڭلاپ پادىشاھ قاتتىق دەرغەزەپ بولۇپ، بابىلدىكى بارلىق ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا ئەمر قىلدى. 13ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىش ھۆكۈمى ئېلان قىلىندى. ئادەم ئەۋەتىلىپ، دانىيال ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىمۇ ئۆلتۈرمەكچى بولۇشتى.

14ياساۋۇللار باشلىقى ئاريوك ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى. دانىيال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ زېرەكلىك ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن:

15_ پادىشاھ نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاتتىق يارلىقنى چۈشۈردى؟ _ دەپ سورىدى.

ئاريوك بولغان ئەھۋالنى دانىيالغا سۆزلەپ بەردى. 16شۇنىڭ بىلەن دانىيال پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۆزىگە ۋاقىت بەرسە پادىشاھنىڭ كۆرگەن چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 17ئاندىن دانىيال ئۆيىگە قايتىپ بېرىپ، دوستلىرى خانانيا، مىشائېل ۋە ئازاريالارغا نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى. 18ئۇ ئۆزلىرى ۋە بابىلدىكى باشقا ھۆكۈمالارنىڭ قەتل قىلىنماسلىقى ئۈچۈن، دوستلىرىغا:

_ ئەرشتىكى خۇداغا ئىلتىجا قىلىڭلار، ئۇنىڭ بىزگە رەھىم قىلىپ، بۇ سىرلىق چۈشكە تەبىر بېرەلىشىمىزنى ئۆتۈنۈڭلار، _ دېدى.

19شۇ كېچىسى بۇ سىرلىق چۈشنىڭ تەبىرى دانىيالغا غايىبانە ۋەھىي ئارقىلىق ئايان بولدى. شۇنىڭ بىلەن دانىيال ئەرشتىكى خۇداغا مەدھىيە ئوقۇپ، 20مۇنداق دېدى:

«مەدھىيەلەيمەن خۇدانىڭ نامىنى تائەبەد،

مەڭگۈ ئۇنىڭغا يار بولغاي ئەقىل ۋە قۇدرەت.

21ئۇ ئۆزگەرتەلەيدۇ ۋاقىت ۋە پەسىلنى،

ئۇ بىكار قىلىدۇ ۋە تىكلەيدۇ پادىشاھلارنى.

ئۇ دانىشمەنلەرگە دانالىق، ئاقىللارغا بىلىم ئاتا قىلىدۇ.

22ئۇ ئاشكارىلايدۇ غايىب ئىشلار ۋە سىرلارنى،

ئۇ بىلىدۇ بارچە قاراڭغۇلۇقتىكى ئىشلارنى،

چۈنكى ياردۇر يورۇقلۇق ئۇنىڭغا.

23شۈكۈر ۋە مەدھىيە ئېيتىمەن، ئى خۇدا ساڭا،

ئى ئەجدادلىرىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا،

ماڭا پاراسەت ۋە قۇدرەت قىلدىڭ ئاتا.

بىزگە بەردىڭ سورىغىنىمىزنى،

بىزگە بىلدۈردۈڭ پادىشاھنىڭ چۈشىنى.»

دانىيالنىڭ پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى

24دانىيال پادىشاھ تەرىپىدىن بابىلدىكى ھۆكۈمالارنى قەتل قىلىشقا بۇيرۇلغان ئاريوكنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ بابىلدىكى ھۆكۈمالارنى قەتل قىلماڭ، مېنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا باشلاپ بېرىڭ، مەن پادىشاھنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىمەن، _ دېدى.

25ئاريوك دانىيالنى دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كىردى ۋە پادىشاھقا:

_ مەن يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغانلار ئىچىدىن ئالىيلىرىنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرەلەيدىغان بىرسىنى تېپىپ كەلدىم، _ دېدى.

26پادىشاھ دانىيالدىن (بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتىلىدۇ):

_ سەن مېنىڭ نېمە چۈش كۆرگەنلىكىمنى بىلەلەمسەن ۋە چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى.

27دانىيال مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ھېچقانداق بىر ھۆكۈما، پالچى، سېھىرگەر ياكى مۇنەججىم ئالىيلىرى سورىغان بۇ سىرلىق ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدۇ. 28لېكىن ئەرشتە سىرلارنى يېشەلەيدىغان بىر خۇدا بار. ئۇ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەن. سىلى ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈش ۋە ئالامەتلەر مۇنداق:

29پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا كۆرگەن چۈشلىرى كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلاردىن بېشارەتتۇر. سىرلىق ئىشلارنى ئاشكارا قىلالايدىغان خۇدا سىلىگە كېيىن يۈز بېرىدىغان ئىشلاردىن ئالدىن بېشارەت بەرگەندۇر. 30بۇ سىرنىڭ ماڭا ئاشكارا قىلىنغانلىقى مېنىڭ دانالىقىمنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى سىلى كۆرگەن بۇ چۈشنىڭ مەنىسىنى بىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.

31پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى چۈشلىرىدە ئالدىلىرىدا يالتىراپ، چاقناپ تۇرغان ناھايىتى چوڭ بىر ھەيكەلنى كۆردىلە. بۇ ھەيكەلنىڭ تۇرقى ئىنتايىن قورقۇنچلۇق بولۇپ، 32ئۇنىڭ بېشى ساپ ئالتۇندىن، كۆكرىكى ۋە بىلىكى كۈمۈشتىن، قورسىقى ۋە يوتىسى تۇچتىن ياسالغان. 33پاچىقى تۆمۈردىن، پۇتىنىڭ بىر قىسمى تۆمۈردىن، بىر قىسمى ساپالدىن ياسالغان. 34سىلى ئۇنىڭغا قاراپ تۇرغانلىرىدا، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاش دومىلاپ كېلىپ، ھەيكەلنىڭ تۆمۈر ۋە ساپالدىن ياسالغان پۇتلىرىغا ئۇرۇلدى-دە، ئۇلارنى پارچە-پارچە قىلىۋەتتى. 35شۇنىڭ بىلەن تۆمۈر، ساپال، تۇچ، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلار پارچە-پارچە بولۇپ، خۇددى يازدا خامانغا دۆۋىلەپ قويۇلغان ساماننى بوران ئۇچۇرۇپ كەتكەندەك، ھەيكەلنىڭ پارچىلىرىدىن ھېچبىر ئەسەر قالمىدى. ئەمما ھەيكەلنى چېقىپ تاشلىغان ھېلىقى قورام تاش چوڭ بىر تاغقا ئايلىنىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنى قاپلىدى. 36بۇ سىلىنىڭ كۆرگەن چۈشلىرىدۇر، ئەمدى چۈشلىرىگە تەبىر بېرەي.

37پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇرلا! ئەرشتىكى خۇدا سىلىگە سەلتەنەت، كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شۆھرەت ئاتا قىلدى. 38ئۇ سىلىنى يەر يۈزىدە ياشاۋاتقان بارلىق ئىنسانلارنىڭ، ھەتتاكى ياۋايى ھايۋانلار، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ خاقانى قىلغاندۇر. سىلى چۈشلىرىدە كۆرگەن ھەيكەلنىڭ ئاشۇ ئالتۇن بېشى ئۆزلىرى بولىلا. 39سىلىدىن كېيىن، سىلىنىڭ پادىشاھلىقلىرىغا يەتمەيدىغان يەنە بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، كېيىن يەنە ئۈچىنچى بىر پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ، بۇ پادىشاھلىق ھېلىقى تۇچتۇر. ئۇ پۈتۈن يەر يۈزىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. 40ئاخىرىدا تۆتىنچى پادىشاھلىق بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ تۆمۈردەك قاتتىق بولۇپ، تۆمۈر بارلىق نەرسىلەرنى كۇكۇم-تالقان قىلالىغىنىدەك بۇ پادىشاھلىقمۇ باشقا پادىشاھلىقلارنى ئۇرۇپ، بىتچىت قىلىدۇ. 41سىلى كۆرگەن ساپال بىلەن تۆمۈردىن ياسالغان پۇت ۋە پۇتنىڭ بارماقلىرى، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ پارچىلىنىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. چۈشلىرىدە تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلاش ياسالغاندەك، بۇ پادىشاھلىقنىڭمۇ تۆمۈردەك كۈچلۈك تەرىپى بولىدۇ. 42پۇت بارماقلىرىنىڭ بىر قىسمىنىڭ تۆمۈردىن يەنە بىر قىسمىنىڭ ساپالدىن ياسالغانلىقى بۇ پادىشاھلىقنىڭ تۆمۈردەك كۈچلۈك، ھەم ساپالدەك ئاجىز بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 43تۆمۈر بىلەن ساپالنىڭ ئارىلاشقانلىقى ھۆكۈمدارلارنىڭ قۇدا بولۇش يولى بىلەن پادىشاھلىقلىرىنى مۇستەھكەملەش ئويىدا بولىدىغانلىقىنى، ئەمما تۆمۈر بىلەن ساپال ئارىلىشالمىغاندەك ئۇلارنىڭمۇ بىرلىشەلمەيدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ.

44ئاشۇ پادىشاھلار ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان زاماندا، ئەرشتىكى خۇدا مەڭگۈ مەغلۇپ بولمايدىغان ۋە يوقالمايدىغان بىر پادىشاھلىقنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. بۇ پادىشاھلىق باشقا بارلىق پادىشاھلىقلارنى يانجىپ، يوقىتىپ، ئۆزى مەڭگۈ ھۆكۈم سۈرىدۇ. 45سىلى كۆرگەن، ئىنسان قولى بىلەن قېزىۋېلىنمىغان بىر قورام تاشنىڭ دومىلاپ كېلىپ، تۆمۈر، تۇچ، ساپال، كۈمۈش ۋە ئالتۇنلاردىن ياسالغان ھەيكەلگە ئۇرۇلۇپ، ئۇنى چېقىپ تاشلىغانلىقى، ئۇلۇغ خۇدانىڭ پادىشاھ ئالىيلىرىغا كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان ئىشلارنى كۆرسىتىپ بەرگەنلىكىدۇر. سىلىنىڭ كۆرگەن بۇ چۈشلىرى راستتۇر، ئۇنىڭ تەبىرىمۇ ئىشەنچلىكتۇر.

پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ دانىيالغا ئىنئام بېرىشى

46پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەرگە باش قويۇپ، دانىيالغا تەزىم قىلدى. پادىشاھ ئادەملىرىگە دانىيالغا يېمەكلىك ھەدىيە قىلىش ۋە ئىسرىق كۆيدۈرۈش پەرمانىنى چۈشۈردى. 47ئۇ دانىيالغا:

_ راست، سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى، پادىشاھلارنىڭ ئىگىسى، سىرلارنىڭ يەشكۈچىسى ئىكەن. چۈنكى بۇ سىرنى پەقەت سەنلا ماڭا يېشىپ بېرەلىدىڭ، _ دېدى.

48شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالغا يۇقىرى مەرتىۋە بەردى ۋە يەنە ئۇنىڭغا كۆپلىگەن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئىنئام قىلدى. ئۇ دانىيالنى پۈتۈن بابىل ئۆلكىسىنىڭ* ھۆكۈمرانلىقىغا قويدى، شۇنداقلا بارلىق ھۆكۈمالارنىڭ ئاقساقىلى قىلىپ تەيىنلىدى. 49ئۇنىڭدىن باشقا پادىشاھ، دانىيالنىڭ ئىلتىماسى بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى بابىل ئۆلكىسىنى باشقۇرىدىغان ئەمەللەرگە تەيىنلىدى، دانىيال بولسا پادىشاھنىڭ ئوردىسىدا قالدى.



*4ئەسلى تېكىست بۇ ئايەتتىن باشلاپ 7-باب 28-ئايەتكىچە ئىبرانىي تىلىدا ئەمەس، بەلكى ئارامىي تىلىدا يېزىلغان. ئارامىي تىلى بابىللىقلارنىڭ دۆلەت تىلىدۇر.

*48بۇ يەردە دېيىلگەن بابىل، بابىل پادىشاھلىقىنى ئەمەس، بەلكى بابىل پادىشاھلىقىنىڭ ئىچىدىكى بىر ئۆلكىنى كۆرسىتىدۇ.



 

3

پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئالتۇن ھەيكەل تىكلىشى

1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر ئېگىزلىكى 30 مېتىر، كەڭلىكى 3 مېتىر كېلىدىغان بىر ئالتۇن ھەيكەلنى ياسىتىپ، ئۇنى بابىل ئۆلكىسىنىڭ دۇرا تۈزلەڭلىكىگە تىكلىدى. 2ئاندىن ئۇ ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلارنى چاقىرتىپ، ھەيكەل تىكلەش مۇراسىمىغا قاتنىشىشىنى ئەمر قىلدى. 3شۇنىڭ بىلەن ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار، مەسلىھەتچىلەر، خەزىنىچىلەر، سوتچىلار، تەپتىشلەر ۋە ھەرقايسى ئۆلكىلەردىكى باشقا بارلىق ئەمەلدارلار يىغىلىپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ھەيكەلنىڭ مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئۇلار ھەيكەلنىڭ ئالدىدا تۇردى. 4شۇ چاغدا جاكارچى يۇقىرى ئاۋازدا: «ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئاڭلاڭلار! بۇ سىلەرگە جاكارلانغان پەرماندۇر: 5سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلىڭلار. 6كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت يېنىۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىدۇ» دەپ جاكارلىدى. 7شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، يەرگە باش قويۇپ، پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلدى.

ئۈچ ياش يىگىتنىڭ ئوتقا تاشلىنىشى

8بۇ چاغدا بىرنەچچە بابىللىقلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، يەھۇدىيلارنى چاقتى. 9ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 10پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى پەرمان قىلىپ «بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، ئادەملەرنىڭ ھەممىسى يەرگە باش قويۇپ، ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلسۇن. 11كىمكى يەرگە باش قويۇپ، سەجدە قىلمىسا، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانسۇن» دەپ جاكارلىغانىدىلە. 12ئەمما بىرنەچچە يەھۇدىيلار يەنى پادىشاھ ئالىيلىرى بابىل ئۆلكىسىگە ئەمەلدار قىلىپ تەيىنلىگەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئالىيلىرىنىڭ ئەمرىگە پەرۋا قىلماي، سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىدى، ئۇلار سىلىنىڭ ئىلاھلىرىغا ئېتىقاد قىلمايدىكەن.

13پادىشاھ نىبۇكادنەزەر دەرغەزەپ بولۇپ، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى ئۆز ھۇزۇرىغا كەلتۈرۈشكە بۇيرۇدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىندى. 14نىبۇكادنەزەر ئۇلارغا:

_ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگو، سىلەر مېنىڭ ئىلاھلىرىمغا ئېتىقاد قىلماي، مەن تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمىغىنىڭلار راستمۇ؟ 15ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان، مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا دەرھال تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.

16شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ:

_ ئالىيلىرى، بۇ ئىشتا سىلىنىڭ ئالدىلىرىدا بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئاقلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. 17ئەگەر بىز لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلانساق، بىز ئېتىقاد قىلىۋاتقان خۇدا بىزنى ئوتنىڭ كۆيدۈرۈشىدىن ساقلىيالايدۇ ۋە سىلىنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ. 18پادىشاھ ئالىيلىرى، بىلىپ قالسىلا، ئۇ بىزنى قۇتقۇزمىغان تەقدىردىمۇ، بىز سىلىنىڭ خۇدالىرىغا ياكى سىلى تىكلىگەن ئالتۇن ھەيكەلگە سەجدە قىلمايمىز، _ دېدى.

19شۇ چاغدا نىبۇكادنەزەرنىڭ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارغا قاتتىق غەزىپى كېلىپ، چىرايى تاتىرىپ كەتتى. ئۇ خۇمداننى ئادەتتىكى چاغلاردىن يەتتە ھەسسە ئارتۇق قىزىتىشقا پەرمان قىلدى. 20لەشكەرلەر ئىچىدىكى قاۋۇل ئادەملىرىگە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنى باغلاپ، لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلاشقا بۇيرۇق قىلدى. 21شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۈچەيلەن باغلىنىپ، تون، ئىشتان، باش كىيىم ۋە باشقا ئېگىنلىرى بىلەنلا ئوتقا تاشلاندى. 22پادىشاھ خۇمداندىكى ئوتنى ئۇلغايتىشقا قاتتىق بۇيرۇق قىلغاچقا، ئوت يالقۇنى ئۇلارنى ئوتقا تاشلاشقا كەلگەن لەشكەرلەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلىدى. 23بۇ ئۈچەيلەن _ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار باغلاقلىق پېتى لاۋۇلداپ يېنىۋاتقان ئوتقا تاشلاندى.

24پادىشاھ نىبۇكادنەزەر تۇيۇقسىز ھەيران بولۇپ سەكرەپ كەتتى ۋە مەسلىھەتچىلىرىدىن:

_ بىز ئۈچ ئادەمنى باغلاپ ئوتقا تاشلىغان ئەمەسمىدۇق؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ شۇنداق، پادىشاھ ئالىيلىرى، _ دېدى.

25پادىشاھ:

_ ئەمما مەن ئوت ئىچىدە باغلانمىغان تۆت ئادەمنىڭ ساق-سالامەت مېڭىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم، ئۇلارنىڭ تۆتىنچىسى ئىلاھىي زاتقا ئوخشايدىكەن، _ دېدى.

26ئاندىن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمداننىڭ ئېغىزىغا كېلىپ:

_ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگو، ئۇلۇغ خۇدانىڭ خىزمەتكارلىرى، بۇ ياققا چىقىڭلار، _ دەپ ۋارقىرىدى.

شۇنىڭ بىلەن شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولار ئوتتىن چىقتى. 27ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلار، ھاكىملار ۋە ئوردا مەسلىھەتچىلىرى ئۇلارنى ئورىۋېلىشتى ۋە ئوتنىڭ ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى، بەدىنىنى، ھەتتا بىر تال مويىنىمۇ كۆيدۈرەلمىگەنلىكىنى كۆرۈشتى. ھەتتا ئۇلارنىڭ تونىدا ئوتنىڭ ئىس پۇرىقىمۇ يوق ئىدى.

28پادىشاھ نىبۇكادنەزەر:

_ شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا مەدھىيەلەر بولسۇن! ئۇ پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن خىزمەتكارلىرىنى قۇتقۇزدى. ئۇلار مېنىڭ ئەمرىمگە خىلاپلىق قىلسىمۇ، ئەمما ئۆز خۇداسىدىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىلاھقا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلىشنى خالىماي، ھاياتىدىن كېچىشكە رازى بولۇشتى. 29شۇڭا مەن شۇنداق پەرمان قىلىمەنكى، «مەيلى قايسى خەلق، قايسى مىللەت، قايسى تىلدا سۆزلىشىدىغانلار بولسۇن، شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ خۇداسىغا قارشى گەپ قىلسا، ئۇلار چېپىپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇۋېتىلىدۇ، ئۇلارغا نىجاتلىق بەرگەن خۇدادىن باشقا خۇدا نىجاتلىق بېرەلمەيدۇ»، _ دېدى.

30شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ بابىل ئۆلكىسىدە شادراك، مېشاك ۋە ئابېدنىگولارنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈردى.


4

نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىدە دەرەخ كۆرۈشى

1پادىشاھ نىبۇكادنەزەر يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا مۇنداق دەپ جاكارلىدى:

_ ھەممىڭلارغا دائىم ئاسايىشلىق بولسۇن! 2مەن ئۇلۇغ خۇدانىڭ ماڭا كۆرسەتكەن مۆجىزىلىرى ۋە بېشارەتلىرىنى سىلەرگە خۇشاللىق بىلەن سۆزلەپ بېرىمەن.

3«نەقەدەر ئۇلۇغ ئۇنىڭ بېشارەتلىرى،

نەقەدەر قۇدرەتلىك ئۇنىڭ كارامەتلىرى،

مەڭگۈلۈكتۇر ئۇنىڭ پادىشاھلىقى

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە داۋاملىشار ھۆكۈمرانلىقى.»

4مەن نىبۇكادنەزەر ئوردامدا باياشات ۋە راھەت ياشاۋاتقانىدىم. 5بىر كۈنى كېچىدە قورقۇنچلۇق بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەردىن شۇنداق قورقۇپ كەتتىم. 6مەن بابىلدىكى بارلىق ھۆكۈمالارنى ئالدىمغا چاقىرتىپ كېلىپ، چۈشۈمگە تەبىر بېرىشكە بۇيرۇدۇم. 7شۇنىڭ بىلەن سېھىرگەر، پالچى، باخشى ۋە مۇنەججىملەر ئالدىمغا كېلىشتى. مەن ئۇلارغا چۈشۈمنى دەپ بەردىم. ئەمما ئۇلار چۈشۈمگە تەبىر بېرەلمىدى. 8ئاخىرىدا دانىيال ھۇزۇرۇمغا كەلدى. (مەن، ئىلاھىمنىڭ ئىسمىغا ئوخشىتىپ، ئۇنىڭغىمۇ بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغان ئىدىم). ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن. مەن چۈشۈمنى ئۇنىڭغا دەپ بەردىم. 9مەن ئۇنىڭغا: «ئەي ھۆكۈمالارنىڭ ئۇستازى بېلتىشاززار، سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بارلىقىنى بىلىمەن، سەن يېشەلمەيدىغان ھېچقانداق سىر يوق. چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن.

10مەن چۈشۈمدە زېمىننىڭ ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى ئېگىز بىر دەرەخنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. 11ئۇ دەرەخ توختىماي زورىيىپ، ئۆسۈپ، ئۇنىڭ ئۇچى پەلەككە تاقاشتى. بۇ دەرەخنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيتتى. 12ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولاتتى. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايتتى. ئاسماندىكى قۇشلار ئۇنىڭ شاخلىرىغا چاڭگا تىزاتتى. ھەر خىل جانىۋارلار ئۇنىڭدىن ئوزۇقلىناتتى.

13مەن ئورنۇمدا يېتىپ، كۆز ئالدىمدىكى بۇ مەنزىرىنى ئويلاۋاتاتتىم. شۇ پەيتتە ئاسماندىن بىر كۆزەتكۈچى پەرىشتە چۈشتى. 14ئۇ يۇقىرى ئاۋازدا: ‹بۇ دەرەخنى كېسىڭلار، شاخلىرىنى پۇتاڭلار، يوپۇرماقلىرىنى چۈشۈرۈۋېتىڭلار، مېۋىلىرىنى قېقىۋېتىڭلار. ھايۋانلارنى سايىسىدىن ۋە قۇشلارنى شاخلىرىدىن قوغلىۋېتىڭلار. 15ئەمما، دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولۇپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۆسۈملۈك ئارىسىدا ياشىسۇن. 16يەتتە مەزگىل* ئىچىدە ئۇ ئىنساننىڭ تەپەككۇرىدە ئەمەس بەلكى ھايۋاننىڭ تەپەككۇرىدە ياشىسۇن.› دېدى.

17مانا بۇ، دۇنيا پادىشاھلىقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانى بولغان ئۇلۇغ خۇدانىڭ يەريۈزىدىكى پادىشاھلىقلارنى خالىغان ئادەمگە، ھەتتا تۆۋەن تەبىقىدىكى ئادەملەرگىمۇ بېرىدىغانلىقىنى ھەممە ئادەمگە بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ قارارنى پەرىشتىلەر ئارقىلىق جاكارلىغىنىدۇر.

18بۇ مەن پادىشاھ نىبۇكادنەزەر كۆرگەن چۈش. مېنىڭ چۈشۈمگە پادىشاھلىقىمدىكى ھېچقايسى ھۆكۈمالار تەبىر بېرەلمىدى. سەن بېلتىشاززار مېنىڭ چۈشۈمگە تەبىر بەرگىن. پەقەت سەنلا بۇ چۈشۈمگە تەبىر بېرەلەيسەن، چۈنكى سەندە مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار» دېدىم.

دانىيالنىڭ نىبۇكادنەزەرنىڭ چۈشىگە تەبىر بېرىشى

19دانىيال، يەنى بېلتىشاززار بىر دەم تېنەپ قالدى ۋە ئۆزىنىڭ خىيالىدىن قورقۇپ كەتتى.

پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ بېلتىشاززار، چۈشۈم ۋە چۈشۈمنىڭ تەبىرى سېنى چۆچۈتۈپ قويمىسۇن، _ دېدى.

بېلتىشاززار جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھىم، مەن بۇ چۈش ۋە چۈشلىرىنىڭ تەبىرىنىڭ سىلىگە ئەمەس، بەلكى دۈشمەنلىرىنىڭ بېشىغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلاتتىم. 20چۈشلىرىدە كۆرگەن دەرەخ توختىماي زورىيىپ، ئۆسۈپتۇ، ئۇنىڭ ئۇچى پەلەككە تاقىشىپتۇ، ئۇنى زېمىندىكى بارلىق كىشىلەر كۆرەلەيدىكەن. 21ئۇنىڭ يوپۇرماقلىرى كۆركەم، مېۋىلىرى غۇچچىدە بولۇپ، ھەممە جانلىقلارغا ئوزۇق بولالايدىكەن. ياۋايى ھايۋانلار ئۇنىڭ ئاستىدا سايىدايدىكەن، ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئاسماندىكى قۇشلار چاڭگا تىزىپتۇ. 22پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇ دەرەخ بولسا سىلى ئۆزلىرىدۇر. سىلى زورىيىپ، ئۇلۇغلىشىپ، ھوقۇقلىرى ئەرشكىچە يېتىپتۇ. ھۆكۈمرانلىقلىرى زېمىننىڭ ئەڭ چېتىگىچە يېتىپ بېرىپتۇ.

23پادىشاھ ئالىيلىرى سىلى بىر پەرىشتىنىڭ ئاسماندىن چۈشكەنلىكىنى كۆرۈپلا ۋە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلاپلا: «دەرەخنى كېسىپ تاشلاپ، ئۇنى ۋەيران قىلىڭلار. ئەمما، دەرەخنىڭ كۆتىكى بىلەن يىلتىزلىرىغا تەگمەڭلار، ئۇلارنى تۆمۈر ۋە تۇچ بىلەن چەمبەرلەپ، ئوت-چۆپلەر ئارىسىدا قالدۇرۇڭلار. ئۇ شەبنەملەردە ھۆل بولسۇن، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ئۇ يەردە يەتتە مەزگىل ياشىسۇن».

24پادىشاھ ئالىيلىرى، مانا بۇ ئۇلۇغ خۇدا سىلىنىڭ باشلىرىغا كېلىشىنى بېكىتكەن ئىشلاردۇر. كۆرگەن چۈشلىرىنىڭ تەبىرى مۇنداقتۇر: 25«سىلى ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىدىلا ۋە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايدىلا. سىلى كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيدىلا، شەبنەملەردە ھۆل بولىدىلا. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن سىلى دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ پەقەت ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدىلا. 26پەرىشتىنىڭ ‹دەرەخنىڭ كۆتىكى ۋە يىلتىزلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇڭلار› دېگىنى بولسا، سىلى ئەرشتىكى خۇدانىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە قايتۇرۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. 27شۇنىڭ ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرى، مېنىڭ نەسىھەتىمنى قوبۇل قىلغايلا، گۇناھلاردىن قول ئۈزۈپ، ئادالەتلىك ئىش قىلغايلا، يامانلىق قىلىشتىن يېنىپ، كەمبەغەللەرگە شاپائەت قىلغايلا. شۇنداق قىلسىلىرى بەلكىم داۋاملىق روناق تاپىدىلا.»

چۈشتىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى

28بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. 29ئون ئىككى ئايدىن كېيىن ئۇ بابىلدىكى ئوردىسىنىڭ ئۆگزىسىدە ئايلىنىپ يۈرۈپ، 30مۇنداق دېدى: «ئۇلۇغ بابىل شەھىرىگە قاراڭلار! بۇ پايتەختنى مەن كۈچ-قۇدرىتىم ۋە شان-شەرىپىمنى نامايان قىلىش ئۈچۈن سالدۇرغان ئەمەسمىدىم؟»

31ئۇنىڭ گېپى تۈگىمەي تۇرۇپلا، ئاسماندىن بىر ئاۋاز كەلدى: «پادىشاھ نىبۇكادنەزەر، مەن ساڭا دەپ قوياي، سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ سەندىن تارتىۋېلىندى! 32سەن ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىرگە ياشايسەن، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يەيسەن. يەتتە مەزگىلدىن كېيىن، سەن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، ئۇ پادىشاھلىقلىرىنى خالىغان ئادەمگە بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىسەن.»

33بۇ ئىش شۇئان پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ بېشىغا كەلدى. ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلاندى، كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپ يېدى. ئۇنىڭ تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇنىڭ چاچلىرى ئۆسۈپ بۈركۈتنىڭ پەيلىرىدەك، تىرناقلىرى ئۆسۈپ قۇشلارنىڭ تىرناقلىرىدەك ئۇزۇن بولۇپ كەتكۈچە بۇ ئەھۋال داۋاملاشتى.

34بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقاندا، مەن نىبۇكادنەزەر كۆزۈمنى ئاسمانغا تىكتىم، كاللام سەگەكلەشتى. ئۇلۇغ خۇدانى مەدھىيەلەپ، مەڭگۈ ياشايدىغان خۇداغا شۈكۈر ئېيتتىم ۋە ئۇنى ئۇلۇغلىدىم:

«ئۇ مەڭگۈلۈك ھۆكۈمراندۇر، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچىدۇر.

35زېمىندىكى پۈتكۈل ئىنسانلار ئۇنىڭ ئالدىدا ھېچنېمىگە ئەرزىمەستۇر.

جەننەتتىكى پەرىشتىلەر ۋە زېمىندىكى ئىنسانلارنى قانداق قىلىشنى خالىسا، ئۇ شۇنداق قىلالايدۇ.

ئۇنىڭغا ھېچكىم قارشى تۇرالمايدۇ.

‹سەن نېمە قىلغانىدىڭ؟› دەپ ئۇنىڭدىن ھېچكىم سورىيالمايدۇ.»

36كاللام سەگەكلەشكەندىن كېيىن، شان-شەرىپىم، پادىشاھلىقىم ئەسلىگە كەلدى. مەسلىھەتچىلىرىم ۋە ئەمەلدارلىرىم مېنى ئىزدەپ كېلىشتى. مەن قايتىدىن پادىشاھ بولۇپ، شۆھرىتىم بۇرۇنقىدىنمۇ ئاشتى. 37ھازىر مەن نىبۇكادنەزەر ئەرشتىكى پادىشاھ _ خۇدانى ماختايمەن، مەدھىيەلەيمەن، ئۇلۇغلايمەن. ئۇنىڭ تۇتقان يولى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ بارلىقى ھەقتۇر. ئۇ تەكەببۇرلارنىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇشقا قادىردۇر.



*16 يەتتە مەزگىل _ مەنىسى ئەسلى تېكىستتە ئانچە ئېنىق ئەمەس، يەتتە مەزگىل، يەتتە يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.



 

5

تامدىكى سىرلىق يازما

1پادىشاھ بېلشاززار زامانىدا، ئۇ مىڭ نەپەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، چوڭ زىياپەت بەردى ۋە ئۇلار بىلەن بىرگە شاراب ئىچتى*. 2بېلشاززار كەيپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ ئەجدادى نىبۇكادنەزەر يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئالغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىشىنى بۇيرۇدى. ئۇ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشمەكچى بولۇشتى. 3شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن ئولجا ئېلىنغان ئالتۇن، كۈمۈش قەدەھلەرنى ئېلىپ كەلدى. پادىشاھ ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن شاراب ئىچىشتى. 4ئۇلار شاراب ئىچىشىۋاتقاندا، ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلەشتى.

5شۇ چاغدا تۇيۇقسىز بىر ئادەم قولى پەيدا بولۇپ، ئوردىدىكى چىراغنىڭ نۇرى چۈشكەن ھاكلانغان تامغا خەت يېزىشقا باشلىدى. پادىشاھ خەت يېزىۋاتقان قولنى كۆرۈپ، 6ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ باستى. چىرايى تاتىرىپ، پۇتلىرى ھالسىزلىنىپ، تىزلىرى تىترەشكە باشلىدى. 7پادىشاھ ۋارقىراپ، پالچىلارنى، باخشىلارنى ۋە مۇنەججىملەرنى چاقىرتىپ كەلدى. ئۇ بابىلنىڭ ھۆكۈمالىرىغا مۇنداق دېدى:

_ كىمكى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلىسە، ئۇنىڭغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈلۈپ، بوينىغا ئالتۇن زەنجىر تاقىلىپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىنىدۇ.

8شۇنىڭ بىلەن پادىشاھنىڭ بارلىق ھۆكۈمالىرى كەلدى، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەلمىدى. 9پادىشاھ بېلشاززار تېخىمۇ قورقۇپ، يۈزلىرىدە قان قالمىدى. ئەمەلدارلىرى نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالدى.

10خاننىڭ ئانىسى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭىنى ئاڭلاپ، زىياپەت زالىغا كىردى. ئۇ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! قورقۇپ، رەڭگىلىرى ئۆڭۈپ كەتمىسۇن! 11پادىشاھلىقلىرىدا بىر ئادەم بار، ئۇنىڭدا مۇقەددەس ئىلاھلارنىڭ روھى بار. بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەر ھايات چېغىدا، بۇ ئادەمنى ئەقىل-پاراسەتلىك، ئىلاھلاردەك دانا دەپ بىلەتتى. بوۋىلىرى ئۇنى سېھىرگەرلەر، پالچىلار، باخشىلار ۋە مۇنەججىملەرنىڭ بېشى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 12بۇ ئادەمنىڭ ئىسمى دانىيال بولۇپ، بوۋىلىرى ئۇنىڭغا بېلتىشاززار دەپ ئىسىم قويغانىدى. ئۇنىڭدا ئالاھىدە ئەقىل ۋە ئىلىم-ھېكمەت بار ئىدى. ئۇ چۈشكە تەبىر بېرەلەيتتى، سىرلارنى ئاچالايتتى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيتتى. ئۇنى چاقىرىپ كېلىڭلار، ئۇ چوقۇم بۇ خەتلەرنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرەلەيدۇ.

دانىيالنىڭ تامدىكى خەتنىڭ مەنىسىنى يېشىپ بېرىشى

13شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىپ كەلدى. پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ سەن شاھ بوۋام يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىپ كەلگەنلەر ئىچىدىكى دانىيال بولامسەن؟ 14ئاڭلىسام سەندە ئىلاھلارنىڭ روھى بار ئىكەن، ئىنتايىن ئەقىل-پاراسەتلىك، دانا ئىكەنسەن. 15مەن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىش ئۈچۈن ھۆكۈمالار ۋە پالچىلارنى ئالدىمغا ھازىر قىلغانىدىم، ئەمما ئۇلار ھېچنېمە دېيەلمىدى. 16مەن سېنىڭ چۈشكە تەبىر بېرەلەيدىغانلىقىڭنى ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى يېشەلەيدىغانلىقىڭنى ئاڭلىدىم. ئەگەر سەن بۈگۈن بۇ خەتلەرنى ئوقۇپ، ئۇنىڭ مەنىسىنى ماڭا يېشىپ بېرەلىسەڭ، ساڭا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈرۈپ، بوينۇڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارى قىلىمەن، _ دېدى.

17ئەمما دانىيال پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ سوۋغىلىرى ۋە ئىنئاملىرى ئۆزلىرىدە قالسۇن ياكى باشقىلارغا بەرسىلە! مەن سىلىگە خەتلەرنى ئوقۇپ، مەنىسىنى يېشىپ بېرەي. 18پادىشاھ ئالىيلىرى، ئۇلۇغ خۇدا بوۋىلىرى نىبۇكادنەزەرنى پادىشاھ قىلىپ، ئۇنىڭغا شان-شەرەپ ۋە ئۇلۇغلۇقنى بەرگەنىدى. 19خۇدا ئۇنىڭغا بەرگەن ئۇلۇغلۇق شۇنچىلىك يۈكسەك ئىدىكى، ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭدىن شۇنداق قورقۇپ، تىترەپ تۇراتتى. ئۇنىڭ كىمنى ئۆلتۈرگۈسى كەلسە، شۇنى ئۆلتۈرەتتى، كىمنى ھايات قالدۇرغۇسى كەلسە، شۇنى ھايات قالدۇراتتى. كىمنى ئەزىزلىگۈسى كەلسە، شۇنى ئەزىز قىلاتتى، كىمنى خار قىلغۇسى كەلسە، شۇنى خار قىلاتتى. 20ئەمما ئۇ ھاكاۋۇر، جاھىل ئىدى. شۇڭا ئۇ تەخت ۋە ئۇلۇغلۇقتىن مەھرۇم قىلىندى. 21ئۇ ئىنسانلار ئارىسىدىن قوغلىنىپ، ھايۋانلارچە تەپەككۇر قىلىدىغان بولدى، ياۋايى ئېشەكلەر بىلەن بىرگە ياشىدى. كالىغا ئوخشاش ئوت-چۆپلەرنى يېدى. تېنى شەبنەملەردە ھۆل بولدى. ئۇ ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى پادىشاھلىقلارنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئۇلۇغ خۇدا ئىكەنلىكىنى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقلارغا ئۆزى خالىغان ئادەمنى تەيىنلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.

22ئى پادىشاھ بېلشاززار، سىلى ئۇنىڭ ئەۋلادى، سىلى گەرچە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى بىلسىلىمۇ، ئەمما ئۆزلىرىنى بىلەلمىدىلە. 23سىلى ھاكاۋۇرلىشىپ، ئەرشتىكى ئىگىمىزگە قارشى ئىش قىلدىلا، ئۇنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى قەدەھلەرنى ئېلىپ كېلىپ، ئاياللىرى، توقاللىرى ۋە ئەمەلدارلىرى بىلەن بىرگە بۇ قەدەھلەردە شاراب ئىچىشتىلە. سىلى يەنە ھېچنېمىنى كۆرەلمەيدىغان، ئاڭلىيالمايدىغان، ھېچنېمىنى بىلمەيدىغان ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر، ياغاچ ۋە تاشلاردىن ياسالغان بۇتلارنى مەدھىيەلىدىلە. ئەمما سىلىگە ھايات بەرگۈچى ۋە ھايات يوللىرىنى بەلگىلىگۈچى خۇدانى ئۇلۇغلىمىدىلا. 24شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا قول ئەۋەتىپ، تامغا خەت يازدۇردى. 25تامغا: «سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش*» دەپ يېزىلغاندۇر. 26بۇ سۆزلەرنىڭ مەنىسى تۆۋەندىكىچىدۇر:

سان _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ ئاخىرلىشىدىغان كۈنىنىڭ ساناقلىقلا قالغانلىقىنى،

27ئېغىرلىق _ تارازىدا تارتىلىپ بولغانلىقلىرىنى، نېسىۋىلىرىنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى،

28بۆلۈش _ پادىشاھلىقلىرىنىڭ مىدىيالىقلار بىلەن پېرسىيەلىكلەرگە بۆلۈنۈپ بېرىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

29شۇنىڭ بىلەن بېلشاززار پەرمان چۈشۈرۈپ، دانىيالغا سۆسۈن رەڭلىك شاھانە تون كىيدۈردى، ئۇنىڭغا ئالتۇن زەنجىر تاقاپ، پادىشاھلىقنىڭ ئۈچىنچى چوڭ ئەمەلدارلىقىنى بەردى.

30دەل شۇ كۈنى كېچىدە، بابىلنىڭ پادىشاھى بېلشاززار ئۆلتۈرۈلدى. 31مىدىيالىق دارىئوس ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنى تارتىۋالدى. شۇ چاغدا دارىئوش 62 ياشلاردا ئىدى.



*1بۇ ۋەقە پادىشاھ نىبۇكادنەزەرنىڭ ئۆلۈمىدىن 23 يىل كېيىن يۈز بەرگەن.

*25سان، سان، ئېغىرلىق، بۆلۈش _ ئارامىي تىلىدا مىنە، مىنە، تىقەل، پارسىن دەپ يېزىلغان.



 

6

دانىيالنىڭ شىر ئۇۋىسىغا تاشلىنىشى

1پادىشاھ دارىئوس 120 نەپەر ئۆلكە باشلىقىنى تەيىنلەپ، پۈتۈن پادىشاھلىقنى ئىدارە قىلىشنى قارار قىلدى. 2ئۇ ئۆزىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن دانىيال بىلەن يەنە باشقا ئىككى ئادەمنى ئۇلارغا باش قىلىپ، ۋەزىرلىككە تەيىنلىدى. 3دانىيال ئالاھىدە ئەقىل-پاراسەتلىك بولغاچقا، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ باشقا ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرىدىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. شۇڭا پادىشاھ دانىيالنى ئۆزىنىڭ پۈتۈن پادىشاھلىقىنى باشقۇرۇشقا قويۇشنى پىلانلىدى. 4دانىيالنىڭ ھەمراھلىرى ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى ئۇنىڭ پادىشاھلىقتىكى ئىشلىرىدىن بىرەر ئەيىب، سەۋەنلىك تېپىشقا ئۇرۇندى. ئەمما دانىيال راستچىل، پاك ۋە ئەستايىدىل بولغاچقا، ئۇلار ئۇنىڭدىن ھېچقانداق قۇسۇر تاپالمىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئۇلار:

_ ئەگەر بىز دانىيالدىن قۇسۇر تاپماقچى بولساق، پەقەت ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقادىدىن تېپىشىمىز كېرەك ئىكەن، _ دېيىشتى.

6شۇنىڭ بىلەن ئىككى ۋەزىر ۋە ئۆلكە باشلىقلىرى بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، مۇنداق دېيىشتى:

_ پادىشاھ دارىئوس ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 7پادىشاھلىقلىرىنىڭ ۋەزىرلىرى، ئۆلكە باشلىقلىرى، ۋالىيلىرى، مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھاكىملىرى بولغان بىز مەسلىھەتلىشىپ، پادىشاھ ئالىيلىرىنىڭ مۇنداق پەرمان چۈشۈرۈشلىرىگە كېلىشتۇق. سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن، بۇ پەرمان قەتئىي ئىجرا قىلىنسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرسىلە. 8پادىشاھ ئالىيلىرى، بۈگۈنلا يازما پەرمان چۈشۈرسىلە، ئۇنى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

9شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دارىئوس شۇنداق بىر يازما پەرماننى چۈشۈردى.

10دانىيال بۇ پەرماننىڭ چۈشكىنىنى ئاڭلاپ، ئۆيىگە قايتتى. ئۇنىڭ ئۆيىدە بىر بالىخانا بار ئىدى. بالىخانىنىڭ دېرىزىسى يېرۇسالېم تەرەپكە قاراپ ئېچىلغانىدى. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا دېرىزىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ، كۈندە ئۈچ قېتىم ئۆزى ئېتىقاد قىلغان خۇداغا دۇئا قىلىپ، ئىبادەت قىلىۋەردى. 11پادىشاھنىڭ ئالدىغا كىرگەن ھېلىقى ئەمەلدارلار دانىيالنىڭ ئۆيىگە بىللە بېرىپ، ئۇنىڭ ئۆز خۇداسىغا ئىلتىجا قىلىپ، دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. 12ئۇلار شۇ ھامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرمان ھەققىدە توختالدى. ئۇلار پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى: «30 كۈن ئىچىدە ھەرقانداق بىر ئادەم مەن پادىشاھ ئالىيلىرىدىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھ ياكى ئادەمگە دۇئا قىلسا، شىر ئۇۋىسىغا تاشلانسۇن» دەپ پەرمان چۈشۈرگەنىدىلە.

_ شۇنداق، مۇشۇنداق پەرمان چۈشۈرگەنىدىم. مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، _ دېدى پادىشاھ.

13ئۇلار پادىشاھقا يەنە:

_ يەھۇدىيە زېمىنىدىن ئەسىرگە ئېلىنغان دانىيال سىلى ۋە سىلى چۈشۈرگەن پەرمانغا بويسۇنماي، ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ئۆزىنىڭ ئىلاھىغا دۇئا قىلىۋاتىدۇ، _ دېدى.

14پادىشاھ بۇ گەپنى ئاڭلاپ، قاتتىق بىئارام بولدى ۋە دانىيالنى قانداق قۇتقۇزۇۋېلىش ھەققىدە ئويلاندى. ئۇ كۈن پاتقۇچە دانىيالنى قۇتقۇزۇۋېلىشنىڭ ئامالىنى ئويلىدى. 15كۈن پاتقاندا دانىيالنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇچىلار بىرلىشىپ پادىشاھنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە كەلدى ۋە پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى، سىلى بىلىلا، مىدىيالىقلار ۋە پېرسىيەلىكلەرنىڭ قانۇنىغا ئاساسەن پادىشاھ چۈشۈرگەن پەرماننى ھېچكىم ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

16شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنى تۇتۇپ كېلىپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا بۇيرۇدى ھەمدە پادىشاھ دانىيالغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدا سېنى قۇتقۇزغاي!

17بىر قورام تاش بىلەن ئۇۋا ئېغىزى ئېتىپ قويۇلدى. ھېچكىمنىڭ دانىيالنى قۇتقۇزۇۋالماسلىقى ئۈچۈن، پادىشاھ قورام تاشقا ئۆزىنىڭ ئۈزۈك مۆھۈرى بىلەن ئەمەلدارلىرىنىڭ مۆھۈرلىرىنىمۇ باستى. 18پادىشاھ ئوردىغا يېنىپ كېلىپ، كېچىچە بىر نەرسە يېمىدى، كۆڭۈل ئاچمىدى ھەم ئۇخلىمىدى.

19ئەتىسى سۈبھى بىلەن پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئالدىراپ شىر ئۇۋىسىغا يول ئالدى. 20ئۇ شىر ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كەلگەندە، قايغۇلۇق ئاۋاز بىلەن:

_ دانىيال، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ خىزمەتكارى، سېنىڭ ئىخلاس بىلەن چوقۇنىدىغان خۇدايىڭ سېنى شىرلاردىن قۇتقۇزۇۋالدىمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

21دانىيال پادىشاھقا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ پادىشاھ ئالىيلىرى مەڭگۈ ياشىغايلا! 22مېنىڭ خۇدايىم ئۆز پەرىشتىسىنى ئەۋەتىپ، شىرلارنىڭ ئېغىزلىرىنى ئېتىپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن شىرلار ماڭا زىيانكەشلىك قىلالمىدى. چۈنكى مەن خۇدا ئالدىدا پاك ئىدىم. پادىشاھىم، سىلىنىڭ ئالدىلىرىدىمۇ خاتالىق ئۆتكۈزمىگەنمەن.

23پادىشاھ ئىنتايىن خۇشال بولدى ۋە دانىيالنى شىر ئۇۋىسىدىن تارتىپ چىقىرىشقا پەرمان قىلدى. دانىيال ساق-سالامەت ئۇۋىدىن چىقتى. چۈنكى ئۇ خۇداسىغا ئىشەنگەنىدى. 24شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ دانىيالنىڭ ئۈستىدىن يامان نىيەت بىلەن ئەرز قىلغۇچىلارنى خوتۇن-بالىلىرى بىلەن قوشۇپ، شىر ئۇۋىسىغا تاشلاشقا پەرمان قىلدى. ئۇلار تېخى شىر ئۇۋىسىنىڭ تېگىگە يەتمەي تۇرۇپلا، شىرلار ئۇلارغا ئېتىلىپ كېلىپ، سۆڭەكلىرىنى چايناپ، ئېزىۋەتتى.

25پادىشاھ دارىئوس يەر يۈزىدىكى ھەرقايسى خەلق، ھەرقايسى مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلارغا مەكتۇپ يوللاپ مۇنداق دېدى:

«سىلەرگە ئامانلىق يار بولسۇن! 26مەن شۇنداق پەرمان جاكارلايمەنكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىمدىكى ھەربىر ئادەم دانىيال ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدادىن ئەيمىنىشى ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك.

چۈنكى ئۇ مەڭگۈ ھايات خۇدادۇر، ئۇ مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.

ئۇنىڭ پادىشاھلىقى ھەرگىز ۋەيران بولماستۇر، ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى مەڭگۈ مەۋجۇتتۇر.

27ئۇ قۇتقۇزغۇچىدۇر، نىجاتكاردۇر،

ئۇ ئاسمان ۋە زېمىندىكى مۆجىزە ۋە بېشارەتلەرنىڭ ئىگىسىدۇر.

ئۇ دانىيالنى شىرلاردىن قۇتقۇزدى.»

28پادىشاھ دارىئوس ۋە پېرسىيەلىك پادىشاھ كورەشنىڭ زامانلىرىدا دانىيالنىڭ مەرتىۋىسى ئۈستۈن بولدى.


7

دانىيالنىڭ چۈشىدە تۆت دىۋە كۆرۈشى

sup id=”1‏”>1-2 بابىل پادىشاھى بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن دانىيال كېچىسى بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە كۆرگەن غايىبانە ئالامەتلەرنى خاتىرىلەپ قويدۇم. كۆرگەن چۈشۈم مۇنداق ئىدى:

ئالدىمدا تۆت تەرەپتىن كۆتۈرۈلگەن قارا بوران دېڭىز سۈيىنى چايقاۋاتاتتى. 3دېڭىزدىن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان غايەت چوڭ تۆت دىۋە چىقىپ كەلدى.

4بىرىنچىسى شىرغا ئوخشايتتى، ئەمما بۈركۈتنىڭكىدەك قانىتى بار ئىدى. مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، ئۇنىڭ قاناتلىرى سۇندۇرۇپ ئېلىۋېتىلدى. ئۇنى يۆلىگەنىدى، ئۇ خۇددى ئادەمدەك ئىككى پۇتى بىلەن ئۆرە تۇردى. ئۇنىڭغا ئىنساننىڭ تەپەككۇرى بېرىلگەنىدى.

5ئىككىنچى دىۋە ئېيىققا ئوخشايتتى. ئۇ كەينى پۇتلىرى بىلەن ئۆرە تۇراتتى. چىشلىرى ئارىسىدا ئۈچ تال قوۋۇرغا سۆڭەك چىشلەكلىك تۇراتتى. بىر ئاۋاز ئۇنىڭغا: «قېنى، كۆپرەك گۆش يېگىن!» دەۋاتاتتى.

6ئاندىن كېيىن ئۈچىنچى دىۋىنى كۆردۈم، ئۇ يىلپىزغا ئوخشايتتى. ئۇنىڭ دۈمبىسىدە قۇشلارنىڭ قانىتىدەك تۆت تال قانات بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە تۆت بېشى بولۇپ، ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى بېرىلگەنىدى.

7شۇ ئەسنادا تۆتىنچى دىۋە پەيدا بولدى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە كۈچلۈك بولۇپ، ناھايىتى ۋەھىمىلىك ئىدى. ئۇ چوڭ تۆمۈر چىشلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. ئۇ ئالدىنقى ئۈچ دىۋىگە ئوخشىمايدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئون مۈڭگۈزى بار ئىدى.

8مەن بۇ مۈڭگۈزلەرگە قاراپ تۇرغىنىمدا، مۈڭگۈزلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. بۇ مۈڭگۈز ئەسلىدىكى ئون مۈڭگۈزنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يىلتىزلىرى بىلەن بىللە قومۇرۇپ تاشلىدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئېغىزى تەكەببۇرلارچە پو ئېتىۋاتاتتى.

9مەن قاراپ تۇراتتىم، بىرقانچە تەختلەر ئۆز ئورۇنلىرىغا قويۇلدى،

ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى ئۆز تەختىدە ئولتۇردى.

ئۇنىڭ كىيىملىرى قاردەك، چاچلىرى ئاق يۇڭدەك ئاپئاق ئىدى.

ئۇنىڭ تەختى ئوت يالقۇنىدىن بولۇپ،

كۆيۈۋاتقان چاقلارنىڭ ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

10ئوت ئۇنىڭ ھۇزۇرىدىن كەلكۈندەك يوپۇرۇلۇپ چىقاتتى.

ئۇنىڭ ئەتراپىدا مىڭلىغانلار خىزمەت قىلاتتى،

ئالدىدا سان-ساناقسىزلار كۈتۈپ تۇراتتى.

سوئال-سوراق باشلىنىپ، پۈتۈكلەر ئېچىلدى.

11مەن كۆزىتىپ تۇراتتىم، ھېلىقى كىچىك مۈڭگۈز تېخىچە پو ئېتىۋاتاتتى. شۇ ئەسنادا تۆتىنچى دىۋە ئۆلتۈرۈلدى. ئۇنىڭ جەسىتى ۋەيران قىلىنىپ، يالقۇنلاۋاتقان ئوتقا تاشلاندى. 12قالغان ئۈچ دىۋىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى تارتىۋېلىنىپ، يەنە بىر مەزگىل ياشاشقا يول قويۇلدى.

13چۈشۈمدە ئىنسانئوغلىغا ئوخشايدىغان بىرسىنىڭ بۇلۇتلار بىلەن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇ ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچىنىڭ ھۇزۇرىغا باشلاپ كىرىلدى. 14ئۇنىڭغا ھۆكۈمرانلىق، شان-شەرەپ ۋە سەلتەنەت ئاتا قىلىندى. ھەممە خەلق، ھەممە مىللەت، ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغانلار ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلدى. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئەبەدىيدۇر، پادىشاھلىقى مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدۇ، ھېچقاچان گۇمران بولمايدۇ.

دانىيال كۆرگەن چۈشنىڭ مەنىسى

15مەن بۇ غايىبانە ئالامەتلەردىن قورقۇپ، خاتىرجەمسىزلەندىم. 16شۇنىڭ بىلەن مەن تەخت يېنىدا تۇرغان بىر پەرىشتىدىن بۇلارنىڭ ئېنىق مەنىسىنى سورىدىم. ئۇ ماڭا بۇلارنىڭ مەنىسىنى دەپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: 17«بۇ تۆت دىۋە بولسا يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. 18ئاخىرىدا ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى خۇدانىڭ بۇ پادىشاھلىقىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ئىگە بولىدۇ.»

19شۇ چاغدا مەن تۆتىنچى دىۋىنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلىۋېلىشنى ئويلىدىم. ئۇ باشقا ئۈچ دىۋىگە ئوخشىمايتتى. ئۇ ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ئىدى. ئۇ تۆمۈر چىشلىرى، تۇچ تىرناقلىرى بىلەن ئولجىلىرىنى پارچە-پارچە قىلىپ، يالماپ يۇتاتتى، ئاشقانلىرىنى دەسسەپ چەيلەيتتى. 20مەن يەنە ئۇنىڭ بېشىدىكى ئون تال مۈڭگۈز ۋە كېيىن ئۆسكەن مۈڭگۈزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ مۈڭگۈزنى يۇلۇپ تاشلىغانلىقتىن ئىبارەت ئىشلارنى بىلمەكچى بولدۇم. كىچىك مۈڭگۈزنىڭ ئادەمگە ئوخشاش كۆزى ۋە ئېغىزى بار بولۇپ، تەكەببۇرلارچە پو ئاتاتتى. ئۇنىڭ تەسىرى باشقا مۈڭگۈزلەرگە قارىغاندا چوڭراق ئىدى. 21مەن كۆزىتىپ تۇرغىنىمدا، بۇ مۈڭگۈز خۇدانىڭ تەقۋادارلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلدى. 22شۇنىڭدىن كېيىن ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغۇچى _ ئۇلۇغ خۇدا كېلىپ، تەقۋادارلىرى ئۈچۈن ئادالەتنى ياقىلىدى. تەقۋادارلارنىڭ پادىشاھلىققا ئېرىشىدىغان كۈنلىرى يېتىپ كەلدى.

23ئۇ پەرىشتە مۇنداق دېدى: «تۆتىنچى دىۋە بولسا يەر يۈزىدە بارلىققا كېلىدىغان تۆتىنچى پادىشاھلىق بولۇپ، باشقا پادىشاھلىقلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى يالماپ يۇتۇپ، دەسسەپ-چەيلەپ، پارە-پارە قىلىدۇ. 24ئون مۈڭگۈز بولسا بۇ پادىشاھلىقتىكى ئون پادىشاھنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلاردىن كېيىن يەنە بىر پادىشاھ بارلىققا كېلىدۇ. ئۇ ئىلگىرىكى باشقا پادىشاھلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئون پادىشاھنىڭ ئىچىدىكى ئۈچ پادىشاھنى مەغلۇپ قىلىدۇ. 25ئۇ ئۇلۇغ خۇداغا قارشى گەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ تەقۋادارلىرىنى ئېزىدۇ. خۇدا بېكىتكەن مۇقەددەس بايراملار ۋە قانۇنلارنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. تەقۋادارلار ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل* تۇرىدۇ.

26ئاندىن ئەرشتە سوئال-سوراق باشلىنىدۇ. زالىم پادىشاھنىڭ ھوقۇقى تارتىۋېلىنىپ، مەڭگۈلۈك يوق قىلىنىدۇ. 27يەر يۈزىدىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ ھوقۇقى، ھەيۋىسى ۋە سەلتەنىتى ئۇلۇغ خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقى مەڭگۈلۈك بولىدۇ، ھەممە ھۆكۈمرانلار ئۇلارغا خىزمەت قىلىدۇ ۋە بويسۇنىدۇ.»

28چۈشۈم مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. قورققىنىمدىن چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ ئىشلارنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىپ قالدىم.



*25«بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل» _ ئۈچ يېرىم يىلنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.



 

8

دانىيالغا كەلگەن ئىككىنچى ۋەھىي

1پادىشاھ بېلشاززار ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، مەن دانىيال ئىككىنچى بىر غايىبانە ئالامەتنى كۆردۈم. 2مەن ئېلام ئۆلكىسى ئۇلاي قانىلى بويىدىكى سۇزا قەلئەسىدە تۇرغۇدەكمەن. 3ئالدىمدىكى ئۇلاي قانىلى بويىدا ئۇزۇن قوش مۈڭگۈزلۈك بىر قوچقار تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنىڭ بىر مۈڭگۈزى يەنە بىر مۈڭگۈزىدىن ئۇزۇنراق ئىدى، ئۇزۇن مۈڭگۈزى كېيىن ئۆسۈپ چىققانىدى. 4مەن قوچقارنىڭ غەرب، شىمال، جەنۇب تەرەپلەرگە ئۆزىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ھېچقانداق ھايۋان ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى ھەم ئۇلارنى ئۇنىڭ قۇدرىتىدىن ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. ئۇ نېمىنى خالىسا شۇنى قىلىپ، بارغانچە مەغرۇرلىشىپ كەتتى.

5مەن نېمە ئىش بولغاندۇ، دەپ ئويلىنىپ تۇرغىنىمدا، غەربتىن بىر تېكە يېتىپ كەلدى. ئۇنىڭ تېزلىكىدىن پۇتلىرى يەرگە تەگمەي، پۈتۈن زېمىننى ئايلىنىپ چىققاندەك ئىدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزىنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مۈڭگۈزى بار ئىدى. 6ئۇ ئۇدۇل كۆرۈنۈپ تۇرغان قانالنىڭ بويىدىكى قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقارنىڭ ئالدىغا كەلدى ۋە ئۇنىڭغا شىددەت بىلەن ئېتىلدى. 7مەن، تېكىنىڭ قوچقارغا غەزەپ بىلەن ئېتىلىپ، ئۇنىڭ قوش مۈڭگۈزىنى سۇندۇرۇپ تاشلىغانلىقىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن قوچقار ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمىدى. تېكە ئۇنى يەرگە يىقىتتى ۋە پۇتلىرى بىلەن دەسسىدى. ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىدىن قوچقارنى ھېچكىم قۇتقۇزالمىدى. 8بۇ تېكە ئىنتايىن مەغرۇرلىنىپ كەتكەنىدى. بىراق ئۇنىڭ كۈچى تازا ۋايىغا يەتكەن ۋاقتىدا، مۈڭگۈزى سۇنۇپ كەتتى. ئەمما شۇ مۈڭگۈزنىڭ ئورنىدىن يەنە يەر يۈزىنىڭ تۆت يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ تۇرىدىغان، ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تۆت تال مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. 9بۇ تۆت مۈڭگۈز ئىچىدىكى بىر مۈڭگۈزدىن يەنە بىر كىچىك مۈڭگۈز ئۆسۈپ چىقتى. ئۇ جەنۇب، شەرق ۋە گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا قاراپ كېڭىيىپ، كۈچلىنىپ باراتتى. 10ئۇنىڭ قۇدرىتى ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇنغا زەربە بېرىشكە بېرىپ يەتتى، ھەتتا ساماۋى قوشۇندىكى بەزى پەرىشتىلەر ۋە يۇلتۇزلارنى ئۇرۇپ، يەرگە چۈشۈردى ۋە دەسسەپ چەيلىدى. 11ئۇ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇننىڭ سەركەردىسى بولغان خۇدا بىلەن قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا قىلىنىدىغان كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختاتتى ۋە ئۇنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىنى بۇلغىدى.

12پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى گۇناھ قىلغانلىقى ئۈچۈن مۈڭگۈزگە يېڭىلگەنىدى. شۇڭا كۈندىلىك قۇربانلىقلار توختىدى، ھەقىقەت دەپسەندە بولدى. بۇ مۈڭگۈزنىڭ ھەممە ئىشلىرى شۇنچىلىك راۋان بولۇۋاتاتتى.

13مەن ئىككى پەرىشتىنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىۋاتقىنىنى ئاڭلىدىم. بىرسى: «بۇ ۋەھىيدە دېيىلگەن ئىشلار قاچانغىچە داۋام ئېتەر؟ يىرگىنچلىك ئىشلار قاچانغىچە كۈندىلىك قۇربانلىقنىڭ ئورنىنى ئىگىلەر؟ ئەرشتىكى ساماۋى قوشۇن ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانا قاچانغىچە دەپسەندە بولار؟» دەپ سورىدى.

14يەنە بىرى: «2300 كېچە ۋە كۈندۈزدىن كېيىن ئىبادەتخانا ئەسلىگە كېلىدۇ» دەپ جاۋاب بەردى.

غايىبانە ئالامەتنىڭ تەبىرى

15مەن دانىيال غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان بۇ ئىشلارنى كۆرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ مەنىسىنى بىلمەكچى بولدۇم. شۇ چاغدا تۇرقى ئادەمگە ئوخشايدىغان بىرسى ئالدىمدا پەيدا بولدى. 16شۇ پەيتتە مەن: «جەبرائىل، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلارنىڭ مەنىسىنى بۇ ئادەمگە ئېيتىپ بەرگىن» دېگەن بىر ئاۋازنىڭ ئۇلاي قانىلىدىن چىققانلىقىنى ئاڭلىدىم.

17جەبرائىل ئالدىمغا كەلدى. مەن قورقۇپ، يەرگە باش قويدۇم. ئۇ ماڭا:

_ ئەي ئادەم، شۇنى بىلگىنكى، بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىنىڭ بېشارىتىدۇر، _ دېدى.

18ئۇ ماڭا گەپ قىلىۋاتقاندا، مەن ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەردە دۈم ياتتىم. ئۇ ماڭا قولىنى تەگكۈزۈپ، تۇرغۇزۇپ قويدى-دە، مۇنداق دېدى:

19_ مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى كەلگەندىن كېيىن نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى دەپ بېرەي. چۈنكى بۇ غايىبانە ئالامەتتە زاھىر بولغان ئىشلار زامان ئاخىرىدىن بېشارەتتۇر. 20سەن كۆرگەن قوش مۈڭگۈزلۈك قوچقار مىدىيا ۋە پېرسىيە پادىشاھلىقلىرىنى كۆرسىتىدۇ. 21تېكە يۇنان پادىشاھلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ مۈڭگۈز بولسا يۇنان پادىشاھلىقىنىڭ تۇنجى پادىشاھىدۇر. 22سۇنۇپ كەتكەن بىر مۈڭگۈزنىڭ ئورنىنى ئىگىلىگەن تۆت مۈڭگۈز بولسا، بۇ پادىشاھلىقتىن بۆلۈنۈپ چىقىدىغان تۆت پادىشاھلىقتۇر. بۇلار ئالدىنقىسىدەك قۇدرەتلىك بولمايدۇ. 23بۇ تۆت پادىشاھلىقنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى چېكىدىن ئېشىپ، ياۋۇز، ھىيلىگەر بىر پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. 24ئۇنىڭ كۈچى شۇنچىلىك زورايسىمۇ، ئەمما بۇ ئۆزىنىڭ كۈچى بىلەن بولمايدۇ. ئۇ كۆپ ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ. نېمە ئىش قىلسا شۇنىڭدا غەلىبە قىلىدۇ. ئۇ قۇدرەتلىكلەرنىمۇ، خۇدانىڭ تەقۋادارلىرىنىمۇ ۋەيران قىلىدۇ. 25ئۇ ئىنتايىن ھىيلىگەر بولۇپ، شۇنچىلىك ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ. كۆپ ئادەملەرگە ئاگاھلاندۇرماستىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى ۋەيران قىلىدۇ. ئۇ ھەتتا ئەڭ قۇدرەتلىك پادىشاھ بولغان خۇداغىمۇ قارشى چىقىدۇ. بىراق ئۇ ئاخىرى ۋەيران بولىدۇ، ئەمما ئىنساننىڭ قولى بىلەن بولمايدۇ.

26_ يۇقىرىدا ساڭا دېيىلگەن كەچلىك ۋە ئەتىگەنلىك قۇربانلىقلار توغرىسىدىكى ۋەھىي ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئەمما ھازىر ئۇنى سىر ساقلا، چۈنكى ئۇ ئەمەلگە ئاشقۇچە ئۇزۇن ۋاقىت كېتىدۇ.

27مەن دانىيال ماغدۇرسىزلىنىپ، بىرقانچە كۈن ئاغرىپ، يېتىپ قالدىم. كېيىن يەنە پادىشاھنىڭ خىزمىتىگە كەلدىم. ئەمما بۇ غايىبانە ئالامەتتىن تېڭىرقاپ قېلىپ، مەنىسىنى چۈشىنەلمىدىم.


9

دانىيالنىڭ دۇئاسى

1مىدىيالىق ئاخاشۋېروشنىڭ ئوغلى دارىئوس بابىلغا پادىشاھ بولدى. 2ئۇنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى، مەن دانىيال مۇقەددەس يازمىلاردىن پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر يەرەمىياغا ۋەھىي قىلغان: «يېرۇسالېم ۋەيرانچىلىقتا 70 يىل تۇرۇشى كېرەك» دېگەن سۆزىنى ئوقۇدۇم. 3شۇنىڭ بىلەن مەن ئىگەم خۇداغا يۈزلىنىپ، روزا تۇتۇپ، ماتاغا يۆگىنىپ، كۈلگە مىلىنىپ، ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلدىم. 4دۇئايىمدا گۇناھلىرىمىزنى پەرۋەردىگار خۇدايىمغا ئىقرار قىلدىم:

«ئى ئىگەم خۇدا، سەن ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىكسەن! سېنى سۆيگەن ۋە ئەمرلىرىڭگە ئىتائەت قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىپ، ئەھدەڭدە تۇرىسەن. 5بىز گۇناھ ئۆتكۈزدۇق ۋە خاتالاشتۇق. بىز يامان يولغا ماڭدۇق، ساڭا ئاسىيلىق قىلدۇق؛ سېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىڭدىن چەتنەپ كەتتۇق. 6سېنىڭ خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىمىدۇق. ئۇلار سېنىڭ نامىڭ بىلەن پادىشاھلىرىمىزغا، يولباشچىلىرىمىزغا، ئەجدادلىرىمىزغا ۋە زېمىنىمىزدىكى بارلىق كىشىلەرگە سۆز قىلغانىدى.

7ئى ئىگەم، سەن ھەققانىيدۇرسەن. ئەمما بۈگۈن بىزنىڭ ساڭا ئىتائەت قىلماسلىقىمىز سەۋەبىدىن يېقىن ۋە يىراققا قوغلانغانلارنىڭ، يەھۇدىيە ۋە يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان بارلىق ئىسرائىللارنىڭ يۈزىمىز نومۇستىن قىزارماقتا. 8ئى پەرۋەردىگار، بىز ۋە بىزنىڭ پادىشاھلىرىمىز، يولباشچىلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىز سېنىڭ ئالدىڭدا گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىزدىن نومۇس قىلماقتىمىز. 9ئىگىمىز خۇدا، بىز ساڭا ئاسىيلىق قىلساقمۇ، سەن يەنىلا رەھىمدىل ۋە ئەپۇچان. 10بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق. ئى پەرۋەردىگار، بىزنىڭ خۇدايىمىز، خىزمەتكارلىرىڭ بولغان پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق چۈشۈرگەن قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدۇق. 11بارلىق ئىسرائىللار سېنىڭ قانۇنلىرىڭغا ئەمەل قىلمىدى ۋە يولۇڭدىن چەتنىدى، گېپىڭنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارىڭ مۇساغا چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدىكى قارغىشلار ۋە قەسەملەر ئۆتكۈزگەن گۇناھىمىز سەۋەبىدىن بېشىمىزغا كەلدى. 12سەن بىزگە ۋە بىزنىڭ يولباشچىلىرىمىزغا قىلغان سۆزلىرىڭنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتىڭ، بىزگە زور بالا-قازانى ياغدۇردۇڭ. يېرۇسالېم دۇچ كەلگەن بالايىئاپەت ئەزەلدىن پۈتۈن ئالەمدە بولۇپ باقمىغانىدى. 13بۇ بالايىئاپەتلەر مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋرات قانۇنىدا يېزىلغىنىدەك بېشىمىزغا كەلدى. ئەمما، ئى پەرۋەردىگار خۇدايىمىز، بىز تېخى گۇناھلىرىمىزدىن يانمىدۇق، ھەقىقىتىڭگە بويسۇنماي، سەندىن شاپائەت تىلىمىدۇق. 14شۇڭا پەرۋەردىگار، سەن بىزنى جازالىماقچى بولۇپ، بېشىمىزغا بۇ بالايىئاپەتنى سالدىڭ. سەن بىزگە ھەقىقەتەن توغرا قىلدىڭ، چۈنكى بىز ساڭا ئىتائەت قىلمىدۇق.

15ئىگىمىز خۇدا، سەن ئۆز خەلقىڭنى قۇدرەتلىك قولۇڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقتىڭ، بۇ قۇدرىتىڭ سېنىڭ نامىڭنى ھازىرغىچە ئېسىمىزدە قالدۇردى. بىز گۇناھ قىلدۇق ۋە خاتالاشتۇق. 16ئىگىمىز، بۇرۇن بىزگە كۆرسەتكەن ھەققانىي ئىشلىرىڭدەك ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېم _ مۇقەددەس تېغىڭدىن غەزەپ-نەپرىتىڭنى نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبلىك ئەتراپىمىزدىكى خەلقلەر ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.

17ئى خۇدا، پېقىرنىڭ دۇئاسى ۋە ئىلتىجايىغا قۇلاق سالغىن. ئى ئىگەم، ۋەيران بولغان ئىبادەتخاناڭغا ئۆزۈڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن دىدارىڭنىڭ نۇرىنى چاچقىن. 18ئى خۇدايىم، ئىلتىجايىمغا قۇلاق سالغىن. ئۈمىدسىز ھالىتىمىزنى، يەنى ئۆزۈڭگە مەنسۇپ بولغان شەھەرنىڭ خارابە ھالىتىنى كۆرگىن. بىزنىڭ ھەق بولغانلىقىمىزدىن ئەمەس، بەلكى سېنىڭ بەك رەھىمدىل بولغانلىقىڭدىن سەندىن تىلەۋاتىمىز. 19ئى ئىگىمىز، زارىمىزنى ئاڭلىغىن، بىزنى ئەپۇ قىلغىن! ئى ئىگىمىز، نالىمىزنى ئاڭلاپ، بىرەر تەدبىر قوللانغىن. ئى خۇدايىم، ئۆز نامىڭ ئۈچۈن كېچىكمىگىن، چۈنكى بۇ شەھەر ۋە خەلق ئۆزۈڭنىڭ».

جەبرائىلنىڭ بايانى

20مەن دۇئالىرىمنى داۋاملاشتۇرۇپ، گۇناھلىرىمنى ۋە خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلدىم. پەرۋەردىگار خۇدايىمدىن ئۇنىڭ مۇقەددەس تېغى يېرۇسالېم ئۈچۈن ئىلتىجا قىلدىم. 21كەچلىك قۇربانلىق ۋاقتىدا دۇئا قىلىۋاتاتتىم، ئالدىنقى ۋەھىيدە كۆرگەن ئادەم _ جەبرائىل ئالدىمغا ئۇچۇپ كەلدى. 22ئۇ ماڭا چۈشەندۈرۈپ، مۇنداق دېدى:

_ دانىيال، مەن ساڭا چۈشەنچە بەرگىلى كەلدىم. 23سەن دۇئا قىلىشنى باشلىغان ۋاقتىڭدىلا ساڭا جاۋاب بېرىلىپ بولۇنغانىدى. مەن شۇ جاۋابنى ساڭا يەتكۈزگىلى بۇ يەرگە كەلدىم، چۈنكى خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ. دىققەت قىلىپ ئاڭلىساڭلا، ۋەھىينىڭ مەنىسىنى چۈشىنەلەيسەن.

24خەلقىڭ ۋە مۇقەددەس شەھىرىڭنىڭ ئىتائەتسىزلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇشى، گۇناھىنى يۇيۇشى، يامانلىقىنى توختىتىشى، مەڭگۈلۈك ئادالەت ئورنىتىشى، ۋەھىيدىكى بېشارەتلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ۋە مۇقەددەس ئىبادەتخانىنىڭ پاكلىنىشى ئۈچۈن يەتمىش كەررە يەتتە مەزگىل بېكىتىلدى. 25شۇنى بىلىپ قويغىنكى، يېرۇسالېمنى قايتا قۇرۇش بۇيرۇقى بېرىلگەندىن باشلاپ، تاكى خۇدا تاللىغان پادىشاھ دۇنياغا كەلگۈچە، يەتتە كەررە يەتتىگە قوشۇلغان ئاتمىش ئىككى كەررە يەتتە مەزگىل ئۆتىدۇ. گەرچە ئۇ كۈنلەر مۇشەققەت ئىچىدە ئۆتسىمۇ، ئەمما يېرۇسالېم شەھىرى كوچا ۋە خەندەكلىرى بىلەن قايتا قۇرۇلىدۇ.

26بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ. 27ئۇ ھۆكۈمران كۆپ خەلقلەر بىلەن يەتتە مەزگىل كېلىشىم تۈزىدۇ، ئەمما ۋاقىتنىڭ يېرىمى ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇ قۇربانلىقلار ۋە ھەدىيەلەرنى توختىتىدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز يېرىگە «ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە» ئورنىتىدۇ. پەرۋەردىگاردىن ئۇ ھۆكۈمرانغا بېكىتىلگەن ئاخىرقى كۈن كەلگۈچە، بۇ نەرسە شۇ يەردە تۇرىدۇ.


10

دانىيالغا دەجلە دەرياسى بويىدا كۆرۈنگەن غايىبانە ئالامەتلەر

1پېرسىيە پادىشاھى كورەش ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئۈچىنچى يىلى، بېلتىشاززار دەپمۇ ئاتالغان دانىيالغا خۇدادىن بىر ۋەھىي كەلدى. بۇ ۋەھىي راست، لېكىن چۈشىنىش ناھايىتى قىيىن ئىدى. دانىيال غايىبانە ئالامەتلەردىن ئۇنىڭ تەبىرىنى كۆردى.

2ئۇ چاغدا مەن دانىيال ئۈچ ھەپتە ھازىداردەك يۈردۈم. 3بۇ ئۈچ ھەپتىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە غىزالانمىدىم، گۆش يېمىدىم، شاراب ئىچمىدىم ۋە خۇش پۇراق ماي ئىشلەتمىدىم.

4بىرىنچى ئاينىڭ 24-كۈنى*، مەن بۈيۈك دەجلە دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپ، 5يۇقىرىغا قارىغانىدىم، ئۇچىسىغا كەندىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان، بېلىگە ساپ ئالتۇن كەمەر باغلىغان بىرسىنى كۆردۈم. 6ئۇنىڭ تېنى ياقۇتتەك جۇلالىنىپ، يۈزلىرى چاقماقتەك يالتىراپ تۇراتتى. كۆزلىرى ئوتتەك چاقنايتتى. پۇت-قوللىرى پارقىراق تۇچتەك ۋالىلدايتتى. ئاۋازى بىر توپ ئادەمنىڭ ئاۋازىدەك جاراڭلىق ئىدى.

7بۇ غايىبانە ئالامەتنى يالغۇز ئۆزۈملا كۆرگەنىدىم. يېنىمدىكىلەر ھېچنېمە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنى ۋەھىمە بېسىپ، قېچىپ بېرىپ يوشۇرۇنۇۋالدى. 8ئۇ يەردە ئۆزۈم يالغۇز تۇرۇپ، بۇ ئاجايىپ ئالامەتنى كۆردۈم. تېنىم ماغدۇرسىزلىنىپ، چىرايىمنىڭ تاتىرىپ كەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. پۇت-قولۇمدا جان قالمىغانىدى. 9ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان ھوشۇمدىن كەتكەندەك بولۇپ، يەرگە دۈم چۈشتۈم. 10بىر قول ماڭا تېگىپ، قول ۋە تىزلىرىمدا يۈكۈندۈرۈپ قويدى. 11ئۇ ماڭا:

_ ئەي دانىيال، خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ! ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، سۆزلىرىمنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلا. مەن سېنىڭ يېنىڭغا ئەۋەتىلدىم، _ دېدى.

مەن ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى ئاڭلاپ، تىترىگەن ھالدا ئورنۇمدىن تۇردۇم. 12ئۇ يەنە:

_ ئەي دانىيال، قورقما، سەن خۇدايىڭنىڭ ئالدىدا غايىبانە ئالامەتنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىشنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تەلەپ قىلغىنىڭدىن باشلاپ، ئۇ دۇئايىڭنى ئاڭلىدى. مەن سېنىڭ ئىلتىجايىڭغا بىنائەن بۇ يەرگە كەلدىم. 13لېكىن، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە* مېنى 21 كۈن توسۇۋالدى. مەن پېرسىيەدە يالغۇز بولغاچقا، مىكائىل ئىسىملىك بىر باش پەرىشتە ماڭا ياردەم قىلدى. 14مەن كەلگۈسىدە خەلقنىڭ بېشىغا كېلىدىغان ئىشلاردىن ساڭا ئالدىن خەۋەر بەرگىلى كەلدىم. بۇ، كەلگۈسى توغرىسىدىكى غايىبانە ئالامەتتۇر، _ دېدى.

15ئۇ ماڭا سۆزلەۋاتقاندا، مەن يەرگە تىكىلىپ قارىغىنىمچە زۇۋان سۈرمەي تۇردۇم. 16ئادەمگە ئوخشايدىغان بۇ پەرىشتە لەۋلىرىمنى سىلاپ قويدى. مەن ئۇنىڭغا:

_ ھەزرىتىم، بۇ غايىبانە ئالامەتتىن ۋۇجۇدۇم تىترەپ، ماجالىم قالمىدى. 17پېقىر ھەزرىتىم بىلەن قانداقمۇ سۆزلىشەلەيمەن؟ ماغدۇرۇم تۈگەپ، نەپىسىم ئۈزۈلدى، _ دېدىم.

18ئۇ ماڭا يەنە بىر قېتىم قول تەگكۈزۈپ، تېنىمگە ماغدۇر بەردى. 19ئۇ ماڭا:

_ خۇدا سېنى ئەزىز كۆرىدۇ، قورقما، ئامان بول! چىداملىق، باتۇر بول، _ دېدى.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ماڭا تېخىمۇ ماغدۇر كىردى. مەن:

_ ھەزرىتىم، سىز ماڭا كۈچ-قۇۋۋەت بەردىڭىز، ئەمدى سۆزلەۋېرىڭ! _ دېدىم.

20‏-21 _ يېنىڭغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىمنى بىلەمسەن؟ _ دەپ سورىدى ئۇ مەندىن، _ مەن ساڭا «ھەقىقەت يازمىلىرى»دىكى سۆزلەرنى ئېلىپ كەلدىم. مەن قايتىپ بېرىپ، پېرسىيە پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە بىلەن جەڭ قىلىمەن. كېيىن يۇنان پادىشاھلىقىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان پەرىشتە مەيدانغا چىقىدۇ. ئىسرائىلىيەنى قوغدايدىغان پەرىشتە مىكائىلدىن باشقا، ماڭا ياردەم بېرىدىغان ھېچكىم يوق.



*4مىلادىيە كالېندارى بويىچە تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 536-يىلى، 4-ئاينىڭ 23-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

*13پەرىشتە _ پەرىشتىلەرنىڭ بىر قىسمى خۇدادىن يۈز ئۆرىگەنىدى. ئۇلار شەيتاننىڭ خىزمىتىنى قىلىدۇ.



 

11

1مىدىيالىق دارىئوس ھۆكۈمرانلىقىنىڭ بىرىنچى يىلى مەن باش پەرىشتە مىكائىلغا ياردەم بېرىپ، ئۇنى قوغداپ تۇرغانىدىم.

جەنۇب ۋە شىمال پادىشاھلىقلىرى

2پەرىشتە يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى مەن ساڭا ھەقىقىي بولىدىغان ئىشلارنى ئېيتىپ بېرەي. پېرسىيە پادىشاھلىقىغا يەنە ئۈچ پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. كېيىن تۆتىنچى پادىشاھ مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ باشقا پادىشاھلارغا قارىغاندا ناھايىتى دۆلەتمەن بولىدۇ. ئۇ كۈچىيىپ، قۇدرەت تاپقاندا، ھەممىسىنى يۇنان پادىشاھلىقىغا قارشى جەڭگە ئاتلاندۇرىدۇ. 3ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە بىر كۈچلۈك پادىشاھ مەيدانغا چىقىدۇ. ئۇ چوڭ ھوقۇقنى ئىگىلەپ، ئۆزى خالىغىنىنى قىلىدۇ. 4ئۇ ئەڭ قۇدرەت تاپقاندا، پادىشاھلىقى تۆتكە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. تەختىگە ئەۋلادلىرى ۋارىسلىق قىلالمايدۇ. ئۇنىڭ تەختى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىنىپ، باشقىلارغا بېرىلىدۇ. لېكىن پادىشاھلىق ئۇ ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدەك كۈچلۈك بولمايدۇ.

5كېيىن جەنۇب پادىشاھى* قۇدرەت تاپىدۇ، لېكىن سەركەردىلىرىنىڭ ئىچىدىن ئۇنىڭدىنمۇ كۈچلۈك بىرى مەيدانغا كېلىپ، تېخىمۇ زور پادىشاھلىققا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. 6بىرنەچچە يىلدىن كېيىن، جەنۇب پادىشاھى شىمال پادىشاھى* بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ. لېكىن قىزى ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئۇزاققىچە ساقلاپ قالالمىغاچقا، بۇ ئىتتىپاق ئۇزۇن داۋاملىشالمايدۇ. قىزى، قىزىنىڭ ئېرى، بالىسى ۋە قىزى بىلەن بىللە بارغان خىزمەتكارلىرى بىراقلا ئۆلتۈرۈلىدۇ.

7كېيىن، قىزىنىڭ قېرىنداشلىرىدىن بىرى جەنۇب پادىشاھلىقىغا پادىشاھ بولىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھلىقىنىڭ قوشۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، قەلئەسىگە بېسىپ كىرىدۇ ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىدۇ. 8ئۇ شىمال پادىشاھلىقتىكى ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە بۇتلارغا ئاتالغان ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قىممەتلىك نەرسىلەرنى ئولجا ئېلىپ، جەنۇب پادىشاھلىقى بولغان مىسىرغا ئېلىپ كېتىدۇ. ئۇ كېيىنكى بىرنەچچە يىل ئىچىدە شىمال پادىشاھلىقىغا ھۇجۇم قىلمايدۇ. 9كېيىن شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھىنىڭ زېمىنىغا باستۇرۇپ كېلىدۇ، لېكىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. 10شىمال پادىشاھىنىڭ شاھزادىلىرى جەڭگە ھازىرلىنىپ، زور قوشۇن تەشكىللەيدۇ. شاھزادىلەردىن بىرى دۈشمەن قەلئەسىگە كەلكۈندەك بېسىپ كېلىدۇ.

11جەنۇب پادىشاھى قاتتىق غەزەپلىنىدۇ. ئۇ شىمال پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنىڭ زور قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالىدۇ. 12جەنۇب پادىشاھى دۈشمەن قوشۇنىنى ئەسىرگە ئالغانلىقىدىن مەغرۇرلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى قىرىپ تاشلايدۇ. بىراق ئۇنىڭ غەلىبىسى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

13بىرنەچچە يىلدىن كېيىن شىمال پادىشاھى بۇرۇنقىدىن كۈچلۈك قوشۇن تەشكىللەپ، خىل قوراللانغان قۇدرەتلىك قوشۇننى جەنۇبقا باشلاپ كېلىدۇ. 14ئۇ چاغدا نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇب پادىشاھىغا قارشى باش كۆتۈرىدۇ. ئەي دانىيال، سېنىڭ خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى بەزى زوراۋانلارمۇ ئاسىيلىق قىلىپ، غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولىدۇ، لېكىن ئۇلار مەغلۇپ بولىدۇ. 15شىمال پادىشاھى جەنۇب پادىشاھلىقىغا تەۋە مۇستەھكەم بىر شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئېلىپ، ئۇنى بېسىۋالىدۇ. جەنۇب قوشۇنى قارشىلىق قىلالمايدۇ. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئەڭ خىل لەشكەرلىرىمۇ قارشىلىق قىلىشقا ئاجىزلىق قىلىدۇ. 16شىمال پادىشاھى خالىغان ئىشىنى قىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلالمايدۇ. ئۇ گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىنى ئىگىلەپ، ئۇنى ۋەيران قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدۇ.

17شىمال پادىشاھى پۈتۈن قوشۇنى بىلەن سەپەرگە ئاتلىنىشقا نىيەت قىلىدۇ. ئۇ جەنۇب پادىشاھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قىزىنى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ جەنۇب پادىشاھلىقىنى يوقىتىش نىيىتىگە كەلگەنىدى. لېكىن ئۇنىڭ بۇ پىلانى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 18كېيىن شىمال پادىشاھى دېڭىز بويىدىكى خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ، نۇرغۇن خەلقلەرنى بويسۇندۇرىدۇ. لېكىن ياقا يۇرتلۇق بىر سەركەردە ئۇنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ، قىلغان قىلمىشىغا يارىشا جازاسىنى بېرىدۇ. 19شۇنىڭ بىلەن شىمال پادىشاھى ئۆز دۆلىتىدىكى قەلئەلىرىگە چېكىنىدۇ، مۇشۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز، غايىب بولىدۇ.

20ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغۇچى خەزىنىسىنى بېيىتىش ئۈچۈن ئەمەلدارىنى ئەۋەتىپ، خەلقتىن ھەر تۈرلۈك ئالۋان-سېلىقلارنى يىغىدۇ. لېكىن ئۇزۇن ئۆتمەي پادىشاھ ئۆلتۈرۈلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈمى جەڭدە ئەمەس، بەلكى سۇيىقەست بىلەن بولىدۇ.

21شۇنىڭدىن كېيىن بىر يارىماس ئادەم پادىشاھ بولىدۇ. ئۇنىڭ تەخت ۋارىسى بولۇش ھوقۇقى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇ باشقىلارنىڭ تەييارلىقسىز تۇرغان پەيتىدىن پايدىلىنىپ، ھىيلىگەرلىك قىلىپ، پادىشاھلىقنى تارتىۋالىدۇ. 22ئۇ ئۆزىگە قارشى چىققان قوشۇنلارنى، جۈملىدىن ئەھدە شاھزادىسىنىمۇ*يوقىتىدۇ. 23كېلىشىم تۈزۈش ئارقىلىق باشقا خەلقلەرنى ئالدايدۇ. گەرچە ئۇنىڭغا ئەگەشكەنلەر ئاز بولسىمۇ، ئەمما ئۇ بارغانسېرى قۇدرەت تاپىدۇ. 24باشقىلار تەييارلىقسىز تۇرغاندا، بايلىقى مول ئۆلكىلەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئۇ ئەجدادلىرىدىن ھېچكىممۇ قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ، ئولجا ئالغان مال-مۈلۈكلىرىنى ئەگەشكۈچىلىرىگە ئۈلەشتۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇ قەلئەلەرگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كۈنلىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

25ئۇ زور قوشۇن توپلاپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن جەنۇب پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. جەنۇب پادىشاھىمۇ قۇدرەتلىك قوشۇنى بىلەن جەڭگە ئاتلىنىدۇ. لېكىن جەنۇب پادىشاھى سۇيىقەستكە ئۇچراپ، جەڭدە غەلىبە قىلالمايدۇ. 26ئۇنىڭ ھەمداستىخانلىرى ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ. لەشكەرلىرى جەڭدە تارمار بولۇپ، كۆپىنچىسى ھالاك بولىدۇ. 27كېيىن بۇ ئىككى پادىشاھ بىر داستىخاندا تاماققا داخىل بولىدۇ. لېكىن ھەر ئىككىلىسى بىر-بىرىنى ئالدايدىغان يامان نىيەتلەردە بولىدۇ. ئەمما ئاقىۋىتى خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا يۈز بېرىدىغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ پىلانلىرى ئەمەلگە ئاشمايدۇ. 28شىمال پادىشاھى نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى ئېلىپ يۇرتىغا قايتىدۇ، لېكىن ئۇ خۇدانىڭ مۇقەددەس ئەھدىسىگە قارشى تۇرۇش نىيىتىگە كېلىدۇ. ئۇ يولدا خالىغىنىنى قىلىپ، ئاندىن ئۆز يۇرتىغا قايتىدۇ.

29ۋاقتى كەلگەندە، شىمال پادىشاھى جەنۇبقا يەنە بېسىپ كېلىدۇ. لېكىن بۇ قېتىمقى ئەھۋال ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ. 30كىتتىملىقلار* رىملىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.\f*نىڭ كېمىلىرى ئۇنىڭغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى قورقۇتۇۋېتىدۇ، ئۇ چېكىنىشكە مەجبۇر بولىدۇ. شىمال پادىشاھى مۇقەددەس ئەھدىنىڭ كىشىلىرىگە غەزەپ قىلىش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىدۇ ۋە مۇقەددەس ئەھدىنى تەرك ئەتكۈچىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ.

31شىمال پادىشاھىنىڭ قوشۇنلىرى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا باستۇرۇپ كىرىپ، ئۇ يەرنى بۇلغايدۇ. كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسىنى مۇقەددەس ئىبادەتخانىغا ئورنىتىدۇ. 32شىمال پادىشاھى مۇقەددەس ئەھدىگە بويسۇنمىغانلارنى شېرىن-شېكەر سۆزلەر بىلەن ئالداپ، يېنىغا تارتىدۇ. لېكىن خۇدانى تونۇيدىغانلار قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.

33خەلق ئىچىدىكى دانا يولباشچىلار خەلققە تەلىم بېرىدۇ. لېكىن، دانا يولباشچىلارنىڭ بەزىلىرى مەلۇم مەزگىل ئىچىدە جەڭدە ھالاك بولىدۇ، بەزىلىرى ئوتتا كۆيۈپ ئۆلىدۇ، بەزىلىرى بولسا ئەسىرگە چۈشىدۇ ياكى بۇلاڭ-تالاڭغا ئۇچرايدۇ. 34قىيىنچىلىق مەزگىلىدە خۇدانىڭ خەلقى ئازغىنە ياردەمگە ئېرىشىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ سەپلىرىگە قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپلىرى چىن نىيەتلىرى بىلەن قوشۇلمىغانىدى. 35بەزى دانا يولباشچىلار ئازاب چېكىدۇ، لېكىن ئۇلار چەككەن ئازابلىرى ئارقىلىق زامان ئاخىرىغىچە تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. بۇ ئىش تاكى خۇدا بەلگىلىگەن كۈن كەلگۈچە داۋاملىشىدۇ.

36شىمال پادىشاھى خالىغىنىنى قىلىدۇ. ئۇ تەكەببۇرلىشىپ، ئۆزىنى «ھەرقانداق ئىلاھلاردىنمۇ ئۇلۇغمەن» دەپ ماختايدۇ. ھەتتا ھەممە ئىلاھلارنىڭ ئىلاھى بولغان پەرۋەردىگارغا قارشى سۆزلەپ، كۇپۇرلۇق قىلىدۇ. ئۇ تاكى خۇدانىڭ غەزىپى كەلگۈچە داۋاملىق شۇنداق قىلىدۇ. خۇدا ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى ئۆزگەرتمەي، چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. 37شىمال پادىشاھى ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ كەلگەن ئىلاھلارغىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، ئاياللار ئەتىۋارلايدىغان ئىلاھنىمۇ كۆزگە ئىلمايدۇ. ئۇ ئۆزىنى ھەرقانداق ئىلاھتىن ئۇلۇغ دەپ قارايدۇ. 38ئەمما ئەجدادلىرى چوقۇنۇپ باقمىغان قورغانلار ئىلاھىغا چوقۇنىدۇ. ئۇ بۇ ئىلاھقا ئالتۇن، كۈمۈش، ياقۇت ۋە باشقا قىممەتلىك سوۋغاتلارنى تەقدىم قىلىدۇ. 39ئۆز قورغىنىنى يات خەلقنىڭ ئىلاھى ئارقىلىق مۇھاپىزەت قىلىدۇ. ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغۇچىلارغا شان-شەرەپ ۋە يۇقىرى مەرتىۋە ئاتا قىلىدۇ. ئۇلارنى يەر-زېمىن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.

40زامان ئاخىرى بولغاندا جەنۇب پادىشاھى شىمال پادىشاھىغا ھۇجۇم قىلىدۇ. شىمال پادىشاھى جەڭ ھارۋىلىرى، جەڭ تۇلپارلىرى ۋە كېمىلىرىنى ئىشلىتىپ، كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىدۇ. ئۇنىڭ قوشۇنلىرى كەلكۈندەك بېسىپ كېلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرنى بېسىۋالىدۇ. 41ھەتتا گۈزەل ئىسرائىلىيە زېمىنىغا بېسىپ كىرىپ، ئون مىڭلىغان كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. پەقەت ئىدوم، موئاب خەلقى ۋە ئاممونلارنىڭ رەھبەرلىرى قېچىپ قۇتۇلىدۇ. 42شىمال پادىشاھى نۇرغۇن دۆلەتلەرگە بېسىپ كىرگەندە، ھەتتا مىسىرمۇ ئۇنىڭ چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. 43ئۇ مىسىرنىڭ ئالتۇن-كۈمۈشلىرىنى ۋە باشقا قىممەت باھالىق بۇيۇملىرىنى تالان-تاراج قىلىدۇ. لىۋىيىلىكلەر ۋە كۇشلارنى بويسۇندۇرىدۇ. 44كېيىن شەرق ۋە شىمالدىن كەلگەن خەۋەرلەر شىمال پادىشاھىنى ئالاقزادە قىلىدۇ. ئۇ غەزەپلىنىپ، ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنلىرىنى تەلتۆكۈس يوقىتىدۇ. 45ئۇ دېڭىز ۋە ئىسرائىلىيەدىكى كۆركەم، مۇقەددەس تاغ ئارىسىغا بېرىپ، ئۇ يەردە شاھانە چېدىرلىرىنى تىكىدۇ. ئەمما ئۇ شۇ يەردە جان بېرىدۇ، ھېچكىم ئۇنى قۇتقۇزۇۋالالمايدۇ.



*5جەنۇب پادىشاھى مىسىر پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.

*6شىمال پادىشاھى سۈرىيە پادىشاھىنى كۆرسىتىدۇ.

*22بۇ بەلكىم باش روھانىينى كۆرسىتىدۇ.

*30رىملىقلارنى كۆرسىتىشى مۇمكىن.



 

12

زامان ئاخىرى

1پەرىشتە گېپىنى داۋاملاشتۇردى:

_ ئۇ چاغدا خەلقىڭنى قوغدىغۇچى باش پەرىشتە مىكائىل مەيدانغا چىقىدۇ. ئاندىن خەلقىڭ ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان ھېچقاچان بولۇپ باقمىغان ئاپەتلىك بىر دەۋرنى باشتىن كەچۈرىدۇ، لېكىن خەلقىڭنىڭ ئىچىدىكى نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلگەنلەرنىڭ ھەممىسى نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. 2قارا يەر باغرىدا ياتقانلارنىڭ نۇرغۇنلىرى تىرىلىدۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى مەڭگۈلۈك ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ؛ بەزىلىرى نومۇستا قېلىپ، مەڭگۈلۈك شەرمەندە بولىدۇ. 3دانا يولباشچىلار ئاسمان گۈمبىزىدەك نۇرلۇق بولىدۇ، كىشىلەرگە توغرا يول كۆرسەتكەنلەر يۇلتۇزلاردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرىدۇ.

4ئى دانىيال، سەن ئەمدى بۇ پۈتۈكنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، تاكى زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىۋەتكىن. نۇرغۇن كىشىلەر يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار ئۈستىدە يۈرەك قانلىرىنى سەرپ قىلىشىپ، چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ.

5ئاندىن، مەن دانىيال ئەتراپقا قارىسام، يەنە ئىككىيلەن تۇرۇپتۇ، بىرى دەريانىڭ بۇ تەرىپىدە، يەنە بىرى قارشى تەرىپىدە ئىكەن. 6ئۇلاردىن بىرى، دەريانىڭ ئۈستىدە تۇرغان، كەندىر رەختتىن تىكىلگەن لىباس ئارتقان ھېلىقى بىرىدىن:

_ بۇ ئاجايىپ ۋەقەلەرنىڭ ئاخىرلىشىدىغىنىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

7مەن ئۇنىڭ ئىككى قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈپ، مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىپ: «بىر مەزگىل، ئىككى مەزگىل ۋە يەنە يېرىم مەزگىل كېتىدۇ. خۇدانىڭ خەلقى ئۇچراۋاتقان بۇ زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى تۈگەيدۇ» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم.

8ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان بولساممۇ، ئەمما نېمە دېمەكچى بولغانلىقىنى چۈشەنمىدىم. شۇڭا مەن:

_ ھەزرىتىم، بۇ ئىشلارنىڭ ئاقىۋىتى قانداق بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم.

9ئۇ مۇنداق دېدى:

_ ئەي دانىيال، سەن كېتىۋەرگىن، چۈنكى بۇ سۆزلەر زامان ئاخىرىغىچە پېچەتلىنىپ، مەخپىي تۇتۇلىدۇ. 10بۇ ئازابلار ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەر تاۋلىنىدۇ، پاكلىنىدۇ ۋە قۇسۇرسىز بولىدۇ. يامانلار چۈشەنمەي، يامانلىق قىلىۋېرىدۇ، پەقەت دانالار چۈشىنىدۇ. 11كۈندىلىك قۇربانلىقلارنى توختىتىپ، ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كېلىدىغان يىرگىنچلىك بىر نەرسە ئورنىتىلغان كۈندىن باشلاپ، 1290 كۈن ئۆتىدۇ. 12ئاخىرغىچە سادىق بولۇپ، 1335 كۈن ساقلىغانلار نەقەدەر بەختلىك-ھە! 13ئەي دانىيال، سەن ئاخىرغىچە سادىق بول، كېيىن ئالەمدىن ئۆتىسەن. زامان ئاخىرىدا ئىنئامىڭنى ئالغىلى قايتا تىرىلىسەن.