«يوشۇۋا»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«يوشۇۋا» قىسمىدا ئىسرائىللارنىڭ خۇدا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا، يەنى كەنئانغا كىرىش ۋەقەسى بايان قىلىنغان. ئۇشبۇ قىسىم مۇسا پەيغەمبەر ئىسرائىللارنى چۆللۈكتە باشلاپ ماڭغان يىللاردىكى ئۇنىڭ ياردەمچىسى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋانىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ئىسرائىللارنىڭ خۇدا ئۇلارغا ۋەدە قىلغان زېمىنغا كىرىش ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئۇلارنى ئۇ زېمىنغا باشلاپ كىرىشىگە رۇخسەت بېرىلمەيدۇ. بۇ ۋەزىپە يوشۇۋاغا بېرىلىدۇ. مۇسا پەيغەمبەر ۋاپات بولغان كېيىن، خۇدا مۆجىزە كۆرسىتىپ، ئىئوردان دەرياسىنى ئېقىشىدىن توختىتىپ، ئىسرائىللارنىڭ يوشۇۋانىڭ يېتەكچىلىكىدە دەريادىن ئۆتۈشىگە ياردەم قىلىدۇ. بۇ مۆجىزە ئارقىلىق خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرىنى يوشۇۋا ئارقىلىق يېتەكلەۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ.

بۇ ئىشلار بولۇشتىن 600 يىل بۇرۇن، خۇدا ئىبراھىم پەيغەمبەرگە كەنئان زېمىنىنى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغانىدى. ۋاھالەنكى، خۇدا ۋەدە قىلىنغان ئۇشبۇ زېمىننى ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇ زېمىندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ گۇناھى چېكىگە يەتمىگۈچە بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان («ئالەمنىڭ يارىتىلىشى»15‏-باب 16-ئايەت). يوشۇۋا زامانىسىدا ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرگە بېرىلىدىغان جازانىڭ ۋاقتى توشقانىدى. خۇدا يوشۇۋاغا ۋە ئىسرائىللارغا ئۇ زېمىننى ئىگىلەشنى شۇنداقلا ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىشنى بۇيرۇيدۇ. خۇدانىڭ بۇنداق قىلىشى ئىسرائىللارنىڭ ئۇ يەردىكى گۇناھكار خەلقلەرنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈش يوللىرىنى ئۈگەنمەسلىكى ئۈچۈندۇر. خۇدا ئىسرائىللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقلەرگە يۈرگۈرمەكچى بولغان جازاسىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان. ئىسرائىللارنىڭ ئۇ خەلقلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىشقا قۇدرىتى يەتمەيتتى. شۇڭا ئىسرائىللار ۋەدە قىلىنغان ئۇ زېمىنغا ئېرىشىش ئۈچۈن خۇداغا بويسۇنۇشى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار ھەر قېتىم خۇدانىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغاندا، ئۇرۇشتا غەلىبىگە ئېرىشكەن. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنمىغاندا ئۇرۇشتا مەغلۇبىيەتكە دۇچار بولغان.

يوشۇۋا 110 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ ھاياتىدا مىسىردىكى قۇللۇقنى، خۇدانىڭ 10 تۈرلۈك ئاپەت ئارقىلىق ئىسرائىللارنى مىسىردىن قۇتقۇزۇپ چىقىشىنى ۋە قىزىل دېڭىزدىن مۆجىزىلىك ئۆتۈشتەك كارامەتلىك ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ. بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە خۇدا ئىسرائىللارنىڭ ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىشىگە رۇخسەت بەرگۈچە چۆلدە 40 يىل مۇساپىر بولۇپ يۈرىدۇ.

تېزىس:

1. ۋەدە قىلىنغان زېمىنغا كىرىش (1-بابتىن 5-بابقىچە)‏

2. كەنئانننى بېسىۋېلىش (6-بابتىن 12-بابقىچە)‏

3. ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىكى يەر تەقسىماتى ‏(13-بابتىن 21-بابقىچە)‏

4. شەرقىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆز زېمىنلىرىغا قايتىشى (22-باب)

5. يوشۇۋانىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى (23-باب)

6. پەرۋەردىگار بىلەن بولغان ئەھدىنىڭ يېڭىلىنىشى (24-باب)