«يەشايا»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 740-يىلى، يەنى ئۇززىيا پادىشاھ ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى يىلىدىن باشلاپ، يەشايا پەيغەمبەر خۇدانىڭ ۋەھىيسىنى ئىسرائىل خەلقىگە يەتكۈزۈشكە باشلىغان. ئۇ يەھۇدىيەگە تۆت پادىشاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان 40 يىل ئىچىدە پەيغەمبەرلىك خىزمىتىنى قىلغان. يەشايا پەيغەمبەر ياشىغان دەۋرىدە پۈتۈن ئىسرائىل زېمىنى ئاللىقاچان جەنۇبىي پادىشاھلىق ۋە شىمالىي پادىشاھلىق دەپ ئ‍ىككى پادىشاھلىققا بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، شىمالىي پادىشاھلىق ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي پادىشاھلىق يەھۇدىيە دەپ ئاتىلاتتى. مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 722-يىلى ئاسسۇرلار شىمالىي پادىشاھلىق بولغان ئىسرائىلىيەگە بېسىپ كىرىپ، خەلقىنى بابىلغا سۈرگۈن قىلىدۇ.

يەشايا پەيغەمبەر ئىسرائىل خەلقىنى ئىزچىل ھالدا بۇتلارغا چوقۇنماسلىققا، نامراتلارغا يار-يۆلەك بولۇشقا ھەمدە خۇدانىڭ يولىدا مېڭىشقا دەۋەت قىلىپ كەلگەن. ئەگەر ئىسرائىل خەلقى خۇداغا بويسۇنسا، ئامان-ئېسەن گۈزەل ھايات كەچۈرىدىغانلىقىنى، ئەكسىچە خۇداغا بويسۇنمىسا، خۇدانىڭ ئۇلارنى جازالايدىغانلىقىنى داۋاملىق تەكىتلىگەن. ئۇ ئىسرائىللارنىڭ مىسىر ۋە باشقا ئەللەرگە تايانماستىن، پەقەتلا ھەممىگە قادىر ئۇلۇغ خۇداغا تايىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا تەلىم بەرگەن.

يەشايا پەيغەمبەر كەلگۈسىدە يۈز بېرىدىغان نۇرغۇن ۋەقەلەر توغرىسىدا ئالدىن مەلۇمات بەرگەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ھايات ۋاقتىدا ئەمەلگە ئاشقان. مەسىلەن، ئۇ خۇدانىڭ يېرۇسالېمنى ئاسسۇرلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىشتىن قۇتقۇزۇپ قالىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان ۋە بۇ ۋەقە يەشايا پەيغەمبەر زامانىسىدا يۈز بەرگەن (38-بابقا قاراڭ). بەزى ئالدىن ئېيتقان ۋەقەلەر يەشايا پەيغەمبەر ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئەمەلگە ئاشقان. ئۇ ئىسرائىل خەلقىگە، ئۇلارنىڭ قايتىدىن ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن خۇدانىڭ ئۇلارنى كەلگۈسىدە بابىل پادىشاھلىقىغا سۈرگۈن قىلىپ، جازالايدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتقان. ئۇ يەنە ئۇلارنىڭ بىر كۈنى بابىلنىڭ سۈرگۈنىدىن ئازاد قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىغا يەنە قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقىنىمۇ ئالدىن ئېيتقان. ئۇنىڭ بەزى ۋەھىيلىرى تېخى زامانىمىزغىچە ئەمەلگە ئاشمىغان بولۇپ، ئ‍اخىر زاماندا ئەمەلگە ئاشىدۇ.

تېزىس:

1. ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە ۋەدىلەر (1-بابتىن 12-بابقىچە)

2. يات ئەللەرنىڭ جازالىنىشى توغرىسىدىكى ۋەھىي (13-بابتىن 23-بابقىچە)

3. دۇنيانىڭ سوراق قىلىنىشى توغرىسىدىكى ۋەھىي (24-بابتىن 27-بابقىچە)

4. يەھۇدىيە ۋە باشقا ئەللەرنى جازالاش توغرىسىدىكى ۋەھىي (28-بابتىن 35-بابقىچە)

5. خىزكىيا پادىشاھ بىلەن يەشايا پەيغەمبەر (36-بابتىن 39-بابقىچە)

6. خۇدانىڭ ئۆز خەلقىگە كۆرسەتكەن مېھىر-شەپقىتى (40-بابتىن 48-بابقىچە)

7. خۇدانىڭ خىزمەتكارى (49-بابتىن 53-بابقىچە)

8. ئاگاھلاندۇرۇشلار ۋە ۋەدىلەر (54-بابتىن 66-بابقىچە)