«رۇت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

مۇقەددەس كىتابنىڭ «ھاكىملار» قىسمىدا خاتىرىلەنگەن كۈلپەتلىك كۈنلەر _ «رۇت» تىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىدۇر. ھاكىملار ئىسرائىللار ئۈستىدىن ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزگەن چاغلار _ ئىسرائىللار كەنئان زېمىنىغا جايلاشقاندىن تارتىپ تاكى پادىشاھلىقنى قۇرۇشقىچە بولغان ۋاقىتنى يەنى تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 13-ئەسىردىن 11-ئەسىرگىچە بولغان ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھاكىملار _ خۇدا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئادەملەر بولۇپ، ئۇلار ئەينى چاغدا ئۆز خەلقىنى يېتەكلەپ، ئۇلارنى قوشنا ئەللەرنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇراتتى. تىنچ ۋاقىتلاردا بولسا، ئۇلار خەلق ئارىسىدا سوت قىلاتتى.

«ھاكىملار»دا خۇدانىڭ خەلقىنىڭ قايتا-قايتا پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرگەندە ئۇچرىغان بالا-قازالىرى يېزىلغان. دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، مۇقەددەس كىتابنىڭ «رۇت» دېگەن قىسمىدا پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەن بىرقانچە قەھرىمانلارنىڭ پەيدا بولغانلىقى ھەمدە يات مىللەتنىڭ بىر ئەزاسىنىڭ ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا يۈزلىنىشى بىلەن بەختلىك بولۇپ، خۇدانىڭ سادىق خەلقىنىڭ بىر ئەزاسىغا ئايلانغانلىقى يېزىلغاندۇر.

كىتابىمىزدىكى باش شەخس رۇت موئابلىق بولۇپ، ئۇ بىر ئىسرائىلغا نىكاھلىنىدۇ. ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، قېينانىسىغا چوڭقۇر ۋاپادارلىقىنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىسرائىلىيەگە بارىدۇ. شۇنداقلا ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى قوبۇل قىلىدۇ.

ئاخىرىدا ئالدىنقى ئېرىنىڭ ئىسرائىل تۇغقانلىرىدىن بىرىگە نىكاھلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادىدىن ئىسرائىلنىڭ ئۇلۇغ پادىشاھى داۋۇت كېلىپ چىقىدۇ.

تېزىس:

1. ئەلىمەلەك ئائىلىسىنىڭ موئاب ئېلىگە بېرىشى (1-باب 1-ئايەتتىن 5-ئايەتكىچە)

2. نائومى بىلەن رۇتنىڭ بەيتلەھەمگە قايتىپ كېلىشى (1-باب 6-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە)

3. رۇتنىڭ بوئازنىڭ ئېتىزىدا باشاق تېرىشى (2-باب)

4. رۇتنىڭ خامانغا بېرىپ، بوئاز بىلەن كۆرۈشۈشى (3-باب)

5. بوئازنىڭ رۇتنى نىكاھىغا ئېلىشى (4-باب 1-ئايەتتىن 12-ئايەتكىچە)

6. پادىشاھ­ داۋۇت بوئاز بىلەن رۇتنىڭ ئەۋلادىدۇر (4-باب 13-ئايەتتىن 22-ئايەتكىچە)