«ئايۇپ»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

«مۇقەددەس كىتاب»نىڭ «ئايۇپ» قىسمىدا «ياخشى ئادەملەر نېمىشقا ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە قالىدۇ؟» دېگەن مۇھىم تىلغا ئېلىنىدۇ. شەيتان ئايۇپنى سىناشقا خۇدادىن رۇخسەت ئالىدۇ. ئايۇپ شەيتاننىڭ سىنىقى بىلەن ھەممە پەرزەنتلىرىدىن ۋە پۈتۈن مال-مۈلۈكلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىپ، چەكسىز دەرد-ئەلەمگە قالىدۇ.

ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىشكە كېلىدۇ. ئۇلار ئايۇپنىڭ ئەجەللىك بالايىئاپەتلەرگە دۇچار بولۇشى ئۇنىڭ گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىدىن بولغان، دەپ قارايدۇ. ئەمما ئايۇپ بۇنى قوبۇل قىلالماي، خۇدادىن سوئال سورايدۇ. گەرچە خۇدا ئايۇپنىڭ سوئاللىرىغا بىۋاسىتە جاۋاب قايتۇرمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆزىنىڭ چەكسىز ئۇلۇغلۇقىنى نامايان قىلىدۇ. ئايۇپ خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈپ، ئۆزىنىڭ خۇدادىن رەنجىگەنلىكىگە قاتتىق پۇشايمان قىلىدۇ. كېيىن ئايۇپ ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن قۇتۇلۇپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈپ، بەخت ئىچىدە ياشايدۇ.


تېزىس:

1. ئايۇپنىڭ سىنىلىشى (1-، 2-بابلار)

2. ئايۇپنىڭ تۇغۇلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىشى (3-باب)

3. ئايۇپنىڭ دوستلىرى بىلەن بىرىنچى قېتىم سۆزلىشىشى (4-بابتىن 14-بابقىچە)

4. ئايۇپنىڭ دوستلىرى بىلەن ئىككىنچى قېتىم سۆزلىشىشى (15-بابتىن 21-بابقىچە)

5. ئايۇپنىڭ دوستلىرى بىلەن ئۈچىنچى قېتىم سۆزلىشىشى (22-بابتىن 27-بابقىچە)

6. ئەقىل-پاراسەتنى مەدھىيەلەش (28-باب)

7. ئايۇپنىڭ ئاخىرقى سۆزلىرى (29-بابتىن 31-بابقىچە)

8. ئەلىھۇنىڭ سۆزلىرى (32-بابتىن 37-بابقىچە)

9. خۇدانىڭ ئايۇپقا بەرگەن جاۋابى (38-بابتىن 42-باب 6-ئايەتكىچە)

10. پەرۋەردىگارنىڭ ئايۇپقا قايتىدىن بەخت ئاتا قىلىشى (42-باب 7-ئايەتتىن 17-ئايەتكىچە)