مىسىردىن چىقىش

 

1

ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا تارتقان ئازابلىرى

1ياقۇپنىڭ ھەرقايسى ئوغۇللىرى ئۆز بالا-چاقىلىرىنى ئېلىپ، ياقۇپ بىلەن بىللە مىسىرغا باردى. ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئىسىملىرى 2رۇبېن، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، 3ئىسساكار، زەبۇلۇن، بىنيامىن، 4دان، نافتالى، گاد ۋە ئاشېر ئىدى. 5ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياقۇپنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادلىرى بولۇپ، جەمئىي يەتمىش كىشى ئىدى. ياقۇپنىڭ يەنە بىر ئوغلى يۈسۈپ بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان مىسىردا ئىدى.

6كېيىن، يۈسۈپ ۋە ئۇنىڭ قېرىنداشلىرى ھەمدە بارلىق زامانداشلىرى ئالەمدىن ئۆتتى. 7شۇنداقتىمۇ، ئىسرائىلنىڭ (يەنە بىر ئىسمى ياقۇپ) ئەۋلادلىرى تېز كۆپىيىپ، ئۇ يەرنى تولدۇردى ۋە خېلى كۈچىيىپ قالدى.

8كېيىن، يۈسۈپنىڭ مىسىر خەلقىگە قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن خەۋىرى بولمىغان يېڭى بىر پادىشاھ مىسىردا تەختكە چىقتى. 9ئۇ مىسىرلىقلارغا:

_ بۇ ئىسرائىللارنىڭ بىزگە قارىغاندا كۆپىيىپ، بىزدىنمۇ كۈچىيىپ كېتىۋاتقانلىقىغا قاراڭلار! 10ئەڭ ياخشىسى ئاقىلانە تەدبىر قوللىنىپ، بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. ئۇنداق بولمىغاندا، ناۋادا ئۇرۇش پارتلاپ قالسا، ئۇلار دۈشمەنلەر بىلەن بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، بۇ يەردىن قېچىپ كېتىشى مۇمكىن، _ دېدى.

11بۇنىڭ بىلەن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئېغىر ئەمگەكلەر بىلەن ئېزىش ئۈچۈن، ئەمگەك نازارەتچىلىرىنى تەيىنلىدى. ئۇلار ئىسرائىللارغا پادىشاھ ئۈچۈن پىتوم ۋە رەمىس ئىسىملىك تەمىنلەش مەركىزى قىلىنغان شەھەرلەرنى سالدۇردى. 12لېكىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى قانچە ئەزگەنسېرى، ئۇلار شۇنچە كۆپىيىپ، دۆلەتنىڭ باشقا يەرلىرىگىمۇ تارقالدى. بۇ سەۋەبتىن، مىسىرلىقلار ئىسرائىللاردىن قورقۇپ، 13ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سالدى. 14مىسىرلىقلار ئۇلارنى لايچىلىق، كېسەك قۇيۇش ۋە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىنى قىلىشتەك ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىپ، ئىنتايىن قاتتىق ئازابلارغا دۇچار قىلدى.

15مىسىر پادىشاھى يەنە سەخرا ۋە پۇۋا ئىسىملىك ئىككى نەپەر ئىبرانىي* تۇغۇت ئانىسىغا:

16_ سىلەر ئىبرانىي ئاياللىرىنى تۇغدۇرغان ۋاقتىڭلاردا، بوۋاقنىڭ ئوغۇل ياكى قىز ئىكەنلىكىگە قاراڭلار. ئەگەر ئوغۇل تۇغۇلسا، بوۋاقنى ئۆلتۈرۈۋېتىڭلار؛ قىز تۇغۇلسا، تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دېدى.

17لېكىن، بۇ ئىككى تۇغۇت ئانىسى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغاچقا، پادىشاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنماي، ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدى. 18شۇڭا، پادىشاھ ئۇلارنى چاقىرتىپ:

_ بۇ سىلەرنىڭ نېمە قىلغىنىڭلار؟ نېمە ئۈچۈن ئوغۇل بوۋاقلارنى ئۆلتۈرمىدىڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

19ئۇلار:

_ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى. 2021تۇغۇت ئانىلىرى خۇداغا ئىخلاسمەن بولغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارغا غەمخورلۇق قىلىپ، ئۆز ئائىلىلىرىنى قۇرۇش شەرىپىنى ئاتا قىلدى. ئىسرائىللار داۋاملىق كۆپىيىپ، تېخىمۇ كۈچەيدى.

22بۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى پۈتۈن پۇقرالىرىغا:

_ ئىسرائىللاردىن تۇغۇلغان ئوغۇل بوۋاقلارنىڭ ھەممىسىنى نىل دەرياسىغا تاشلاڭلار، قىز بالىلارنىلا تىرىك قالدۇرۇڭلار، _ دەپ ئەمر قىلدى.



*15ئىبرانىي _ قەدىمكى يەھۇدىيلارنى، يەنى ئىسرائىللارنى كۆرسىتىدۇ.



 

2

مۇسانىڭ دۇنياغا كېلىشى

1ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى. 2ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى. 4بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.

5پادىشاھنىڭ قىزى دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. 6مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:

_ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.

7بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە:

_ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلار ئارىسىدىن سىز ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتىدىغان بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8مەلىكە:

_ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9مەلىكە بۇ ئايالغا:

_ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت. ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئايال بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. 10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.

مۇسانىڭ مىدىيان دۆلىتىگە قېچىپ كېتىشى

11مۇسا چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئىبرانىي قېرىنداشلىرىنى يوقلاپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆردى. ئارىدا، ئۇ بىر مىسىرلىقنىڭ ئىبرانىي قېرىنداشلىرىدىن بىرىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، 12ئەتراپىغا قاراپ «باشقا ئادەم يوققۇ» دەپ ئويلاپ، ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلۈكىنى قۇمغا كۆمۈۋەتتى. 13ئەتىسى، مۇسا يەنە سىرتقا چىقىپ، ئىككى ئىسرائىلنىڭ بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇشۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇ يولسىزلىق قىلغان بىرىگە:

_ نېمىشقا ئۆز قېرىندىشىڭنى ئۇرىسەن؟ _ دېدى.

14ھېلىقى كىشى:

_ كىم سېنى بىزگە باشلىق ياكى سوراقچى بولسۇن دەپتۇ!؟ سەن ھېلىقى مىسىرلىقنى ئۆلتۈرگىنىڭدەك ئەمدى مېنىمۇ ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى. مۇسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ قورقۇپ قالدى. ئۇ ئىچىدە «مېنىڭ قىلغان ئىشىمنى باشقىلار جەزمەن بىلىپ قاپتۇ» دەپ ئويلىدى.

15پادىشاھ بۇ ئىشتىن خەۋەر تېپىپ، مۇسانى ئۆلتۈرمەكچى بولدى. بىراق، مۇسا ئۇنىڭدىن قېچىپ، مىدىيان دېگەن دۆلەتكە باردى.

بىر كۈنى، ئۇ بىر قۇدۇقنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى. 16مىدىياندىكى بىر روھانىينىڭ يەتتە قىزى بار ئىدى. ئۇلار دائىم ئاتىسىنىڭ قويلىرىنى سۇغىرىش ئۈچۈن بۇ قۇدۇق بېشىغا كېلىپ، سۇ تارتىپ، ئوقۇرلارنى تولدۇرۇشاتتى. 17بۇنداق ۋاقىتلاردا، بىرقانچە پادىچى كېلىپ، ئۇلارنى قوغلىۋېتەتتى. بۇ قېتىم بولسا، مۇسا ئۇلارنى قوغدىدى ۋە ئۇلارغا ياردەملىشىپ سۇ تارتىپ بەردى. 18ئۇلار ئاتىسى رەئۇلنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، ئاتىسى ئۇلاردىن:

_ بۈگۈن ئەجەب بۇرۇنلا قايتىپ كەپسىلەرغۇ؟ _ دەپ سورىدى. 19ئۇلار:

_ بىر مىسىرلىق بىزنى پادىچىلارنىڭ بوزەك قىلىشىدىن قۇتۇلدۇردى، ھەتتا بىز ئۈچۈن سۇ تارتىپ قويلىرىمىزنى سۇغىرىپ بەردى، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.

20ئاتىسى قىزلىرىغا:

_ ئۇ قەيەردە قالدى؟ ئۇنى سىرتتا تاشلاپ كەلگىنىڭلار نېمىسى؟ ئۇنى بىز بىلەن بىللە تاماق يېيىشكە چاقىرىپ كېلىڭلار، _ دېدى.

21مۇسا رەئۇلنىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قالدى. رەئۇل قىزى زىپورەنى ئۇنىڭغا خوتۇنلۇققا بەردى. 22زىپورە بىر ئوغۇل تۇغدى. مۇسا «مەن ياقا يۇرتتىكى بىر مۇساپىر ئىدىم» دەپ، بالىغا گەرشوم [«ئۇ يەردە ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى.

23ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىمۇ ئۆلدى. ئىسرائىللار يەنىلا ئېغىر ئەمگەكلەردىن قاتتىق ئازاب چېكىپ، خۇدادىن ياردەم تىلەپ، نالە-پەرياد كۆتۈرۈشتى. ئۇلارنىڭ نالە-پەرياد ئاۋازى خۇداغا يەتتى. 24خۇدا ئۇلارنىڭ نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىدىن بولغان ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئېسىگە ئالدى. 25ئۇ ئىسرائىللارنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا ئىنتايىن ئىچ ئاغرىتتى.

 

3

خۇدانىڭ مۇسانى چاقىرىشى

1مۇسا قېيناتىسى، مىدىيان روھانىيسى يېترو (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. بىر كۈنى، ئۇ پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى. 2ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى* تىكەنلىكتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن مۇساغا تۇيۇقسىز كۆرۈندى. مۇسا تىكەنلىكتە ئوت يېنىۋاتقان بولسىمۇ، تىكەنلىكنىڭ كۆيۈپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، تىكەنلىك نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى.

4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن:

_ مۇسا! مۇسا! _ دەپ توۋلىدى.

_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.

5خۇدا ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 6مەن سېنىڭ ئاتاڭ، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن، _ دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى.

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. 8شۇڭا، مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر قانانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر. 9خەلقىمنىڭ قىلغان نالە-پەريادى قۇلىقىمغا ئاڭلانماقتا. مىسىرلىقلارنىڭ ئۇلارنى قانداق ئەزگەنلىكىمۇ كۆز ئالدىمدا تۇرماقتا. 10شۇڭا، ئەمدى سېنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا ئەۋەتىمەن. بېرىپ، ئۆز خەلقىم بولغان ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىق.

11لېكىن، مۇسا خۇداغا:

_ مەن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقالايدىغان قانچىلىك چوڭ ئادەم ئىدىم؟ _ دېدى.

12خۇدا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققاندىن كېيىن، سىلەر بۇ تاغقا كېلىپ ماڭا ئىبادەت قىلىسىلەر. مانا بۇ مېنىڭ سېنى ئەۋەتكەنلىكىمنىڭ بەلگىسى، _ دېدى.

13_ مەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا: «مېنى بۇ يەرگە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئەۋەتتى» دېسەم، ئۇلار ماڭا ئىشەنمەي: «قايسى خۇدا ھەققىدە سۆزلەۋاتىسەن؟ ئۇنىڭ نام-شەرىپى نېمە؟» دەپ سورىسا، مەن نېمە دەيمەن؟ _ دېدى مۇسا.

14خۇدا مۇنداق دېدى:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»دۇرمەن. سەن بېرىپ، ئۇلارغا: «مېنى سىلەرگە ‹مەڭگۈ بار بولغۇچى› ئەۋەتتى» دېگىن.

15خۇدا مۇساغا يەنە:

_ ئىسرائىللارغا: «‹مەڭگۈ بار بولغۇچى›، يەنى ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى يېنىڭلارغا ئەۋەتتى» دېگىن. بۇ، مېنىڭ مەڭگۈلۈك نامىم. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇشۇ نام بىلەن ئەسكە ئېلىنىمەن. 16سەن بېرىپ ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا: «پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ماڭا كۆرۈندى. ئۇ مېنىڭ سىلەرگە: ‹مەن مىسىرلىقلارنىڭ سىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. 17مەن سىلەرنى ئۇلارنىڭ زۇلمىدىن قۇتۇلدۇرۇشقا ۋەدە قىلدىم. مەن سىلەرنى سۈت بىلەن ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىنغا، يەنى قانانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ ماكانىغا ئېلىپ بارىمەن› دەپ يەتكۈزۈشۈمنى ئېيتتى» دېگىن.

18_ ئاقساقاللار سېنىڭ سۆزلىرىڭنى ئاڭلايدۇ. ئاندىن كېيىن سەن ئۇلار بىلەن بىرلىكتە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ھەممىڭلار بىر ئېغىزدىن: «پەرۋەردىگار _ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دەڭلار. 19ماڭا مەلۇمكى، مەن مىسىر پادىشاھىنى بېسىم بىلەن مەجبۇر قىلمىغۇچە، ئۇ سىلەرگە ئىجازەت بەرمەيدۇ. 20شۇڭا، مەن ئۆز قۇدرىتىمنى ئىشقا سېلىپ، خەلقىئالەم ئالدىدا ھەر خىل مۆجىزىلىرىمنى كۆرسىتىش ئارقىلىق مىسىرلىقلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى سىلەرنى ئۇ يەردىن چىقىرىۋېتىدۇ.

21سىلەر مىسىردىن چىقىدىغان ۋاقتىڭلاردا، مەن مىسىرلىقلارنى سىلەرگە مېھرىبانلىق كۆرسىتىدىغان قىلىمەن. شۇڭا، سىلەر ئۇ يەردىن چىققاندا، قۇرۇق قول چىقمايسىلەر. 22ئىسرائىل ئاياللارنىڭ ھەممىسى مىسىرلىق قوشنىلىرى ۋە قوشنىلىرىنىڭ مېھمانلىرىدىن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ نەرسىلەر بىلەن بالىلىرىڭلارنى ياساندۇرىسىلەر. مانا شۇنداق قىلىپ، مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى تارتىۋالغان بولىسىلەر، _ دېدى.



*2بۇ خۇدانىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.



 

4

خۇدانىڭ مۇساغا ئالاھىدە ئىقتىدار ئاتا قىلىشى

1بىراق، مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ ئىسرائىللار ماڭا ئىشەنمەي، سۆزۈمگە قۇلاق سالماي، ماڭا: «پەرۋەردىگار ساڭا ئەسلا كۆرۈنمىدى» دېسە، قانداق قىلىمەن، _ دېدى.

2پەرۋەردىگار ئۇنىڭدىن:

_ قولۇڭدىكى نېمە؟ _ دەپ سورىدى.

_ تاياق، _ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ.

3پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ تاياقنى يەرگە تاشلا، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇ يىلانغا ئايلاندى. مۇسا ئۇنىڭدىن قاچتى. 4پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

_ يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇت، _ دەپ بۇيرۇدى. مۇسا يىلاننىڭ قۇيرۇقىنى تۇتۇۋىدى، يىلان يەنە تاياققا ئايلىنىپ كەتتى. 5پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ مانا بۇ ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ، يەنى ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ساڭا كۆرۈنگەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ، _ دېدى.

6پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

_ ئەمدى قولۇڭنى قوينۇڭغا سال، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىپ قارىۋىدى، قولىنى ماخاۋ قاپلاپ كەتكەنىدى. 7ئاندىن، پەرۋەردىگار:

_ قولۇڭنى يەنە قوينۇڭغا سال، _ دېدى. مۇسا قولىنى قوينىغا سېلىپ چىقىرىۋىدى، قولى ئەسلىگە كېلىپ، بەدىنىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش ھالەتكە كەلگەنىدى. 8پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ:

_ ئەگەر ئۇلار ساڭا ئىشەنمىسە ياكى دەسلەپكى مۆجىزىدىن كېيىن يەنىلا قايىل بولمىسا، كېيىنكى مۆجىزە بەلكىم ئۇلارنى قايىل قىلىدۇ. 9ئەگەر بۇ ئىككى مۆجىزىمۇ ئۇلارنى قايىل قىلالمىسا ۋە ئۇلارنى سۆزۈڭگە قۇلاق سالدۇرالمىسا، ئۇ چاغدا سەن نىل دەرياسىنىڭ سۈيىدىن بىرئاز ئېلىپ، قۇرۇق يەرگە تۆك. سەن شۇنداق قىلغىنىڭدا، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.

10لېكىن، مۇسا:

_ ئى ئىگەم، مېنى ئەيىبكە بۇيرۇما، مەن ئەزەلدىنلا سۆزمەن ئەمەسمەن. سەن مەن بىلەن سۆزلەشكەندىن كېيىنمۇ يەنە شۇ، مەن مانا مۇشۇنداق تىلى ئېغىر ئادەممەن، _ دېدى.

11پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ ئادەمگە سۆزلەش قابىلىيىتىنى بەرگەن كىم؟ ئۇنى سۆزلىيەلەيدىغان-سۆزلىيەلمەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان-ئاڭلىيالمايدىغان، كۆرەلەيدىغان-كۆرەلمەيدىغان قىلغان مەن پەرۋەردىگار ئەمەسمۇ؟ 12سەن بېرىۋەر، مەن ساڭا سۆزمەنلىك ئاتا قىلىمەن. نېمە دېيىشىڭ كېرەكلىكىنى مەن ساڭا ئۆگىتىمەن، _ دېدى.

13لېكىن، مۇسا جاۋابەن:

_ ئى ئىگەم، مەن سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، ئۆزۈڭ ئىختىيار قىلغان باشقا بىرسىنى ئەۋەتكىن، _ دېدى.

14بۇ سۆزنى ئاڭلىغان پەرۋەردىگار مۇساغا غەزەپلىنىپ:

_ سەن بىلەن بىر لاۋىي قەبىلىسىدىن بولغان ھارۇن ئىسىملىك بىر ئاكاڭ بارغۇ. ئۇنىڭ ناتىق ئىكەنلىكىنى بىلىمەن. ئۇ سېنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن ئاللىقاچان يولغا چىقتى. ئۇ سېنى كۆرسە خۇشال بولۇپ كېتىدۇ. 15سەن دېمەكچى بولغانلىرىڭنى ئۇنىڭغا ئېيت. مەن ساڭا ۋە ئۇنىڭغا سۆزمەنلىك ئاتا قىلىمەن. مەن ھەر ئىككىڭلارنىڭ نېمە قىلىشىڭلار كېرەكلىكىنى سىلەرگە ئۆگىتىمەن. 16ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭ بولۇپ، ساڭا ۋاكالىتەن خالايىققا سۆز قىلىدۇ. سەن بولساڭ خۇددى خۇداغا ئوخشاش ئۇنىڭغا ئۇنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئۆگىتىسەن. 17بۇ تاياقنى ئېلىۋال. چۈنكى، سەن ئۇنىڭ بىلەن مۆجىزە كۆرسىتىسەن، _ دېدى.

مۇسانىڭ مىسىرغا قايتىشى

18شۇنىڭ بىلەن، مۇسا قېيناتىسى يېترونىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ مېنىڭ مىسىرغا قايتىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمنىڭ تېخىچە ھايات ياكى ھايات ئەمەسلىكىنى كۆرۈشۈمگە ئىجازەت بەرگەيسىز، _ دېدى. يېترو ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپ، ئۇنىڭغا ئاق يول تىلىدى.

19مۇسا تېخى مىدىياندىكى ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن مىسىرغا قايتىپ كەت! چۈنكى، سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئادەم ئۆلدى، _ دېگەنىدى. 20شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئايالى ۋە بالىلىرىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، مىسىرغا قاراپ يولغا چىقتى. ئۇ خۇدا ئۇنىڭغا ئېلىۋېلىشنى بۇيرۇغان تاياقنى قولىغا ئېلىۋالدى.

21پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئېسىگە سېلىپ يەنە مۇنداق دېدى:

_ مىسىرغا قايتىپ بارغىنىڭدىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىدا مەن سېنى قادىر قىلغان ھەر خىل مۆجىزىلەرنى چوقۇم كۆرسەتكىن. لېكىن، مەن ئۇنى خەلقىڭنى قويۇپ بەرمەيدىغان جاھىل قىلىمەن. 22ئۇ چاغدا، سەن مىسىر پادىشاھىغا: «پەرۋەردىگار: ‹ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ تۇنجى ئوغلۇم. 23ئوغلۇمنى ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشتىن توسما. رەت قىلىدىغان بولساڭ، سېنىڭ تۇنجى ئوغلۇڭنى ئۆلتۈرىمەن› دەيدۇ» دېگىن.

24مۇسا مىسىرغا قايتىش يولىدىكى بىر قونالغۇدا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ جېنىنى ئالماقچى بولدى. 25شۇڭا، مۇسانىڭ ئايالى زىپورە بىر پارچە ئۆتكۈر قىرلىق تاشنى قولىغا ئېلىپ، ئوغلىنىڭ خەتنىلىكىنى كېسىپ، ئۇنى مۇسانىڭ پۇتلىرىغا تەگكۈزۈپ:

_ سەن ھەقىقەتەن تۆكۈلگەن قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىمسەن، _ دېدى. 26(زىپورە ئوغلىنى خەتنە قىلغانلىقتىن مۇسانى «تۆكۈلگەن قان ئارقىلىق قۇتۇلدۇرۇلغان ئېرىم» دېدى.) شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇسانى ئامان قالدۇردى.

27شۇ ۋاقىتلاردا پەرۋەردىگار ھارۇنغا:

_ سەن چۆل-باياۋانغا بېرىپ، مۇسانى كۈتۈۋال، _ دېگەنىدى. ھارۇن يول يۈرۈپ خۇدانىڭ تېغىغا يەتكەندە، مۇسا بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇنى سۆيدى. 28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزىگە ئېيتقان ھەممە سۆزلىرى ۋە مىسىردا كۆرسىتىشكە بۇيرۇغان بارلىق مۆجىزىلەر ھەققىدە ھارۇنغا سۆزلەپ بەردى.

29شۇنداق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇن ئىككىيلەن مىسىرغا بېرىپ، ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ھەممىسىنى يىغدى. 30ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقان ھەممە سۆزلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى ھەم كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا مۆجىزىلەرنى كۆرسەتتى. 31ئاقساقاللار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشەندى. ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى ۋە زۇلۇم ئىچىدىكى ھاياتىغا نەزەر سالغانلىقىنى ئاڭلىغان ھامان، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى.

 

5

مۇسا ۋە ھارۇننىڭ مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈشى

1شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىزگە: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى.

2مىسىر پادىشاھى ئۇلارغا:

_ مېنى سۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى.

3مۇسا بىلەن ھارۇن:

_ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بىزگە ئايان بولدى. ئەمدى بىزنىڭ ئۈچ كۈنلۈك يول بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىمىزغا ئىجازەت بەرسىڭىز. بولمىسا، ئۇ بىزنى كېسەللىك ۋە ئۇرۇش بىلەن ھالاك قىلىشى مۇمكىن، _ دېدى.

4مىسىر پادىشاھى مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

_ بۇ نېمە دېگىنىڭلار! خەلقنىڭ ئىشىغا دەخلى يەتكۈزگىنىڭلار نېمىسى؟ بېرىپ ئىشىڭلارنى قىلىڭلار! 5ئىسرائىللارنىڭ سانى ناھايىتى كۆپ. سىلەر ئۇلارنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىۋاتىسىلەر، _ دېدى.

6پادىشاھ شۇ كۈنىلا مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشچىلىرىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ:

7_ بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا كېسەك قۇيۇشقا بۇرۇنقىدەك سامان يىغىپ بەرمەڭلار! ساماننى ئۆزلىرى يىغسۇن. 8لېكىن، ئۇلار كېسەك سانىنى بۇرۇنقىدەكلا ئورۇندىسۇن. بۇ ساننى كېمەيتىشىڭلارغا قەتئىي بولمايدۇ. ئۇلار ھۇرۇن، ئۇلارنىڭ: «خۇدايىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلغىلى بېرىشىمىزغا ئىجازەت بەرگەيسىز» دېيىشىنىڭ سەۋەبىمۇ دەل شۇ! 9ئۇلارنى تېخىمۇ ئېغىر ئىشلارغا سېلىڭلار. بۇنداق قىلساڭلار، ئۇلار تىنىم تاپماستىن ئىشلەپ، يالغان گەپلەرگە قۇلاق سېلىشقا ۋاقىتمۇ چىقىرالمايدۇ، _ دېدى.

10مىسىرلىق ئەمگەك نازارەتچىلىرى بىلەن ئۇلارنىڭ قول ئاستىدىكى ئىسرائىل ئىش باشچىلىرى بېرىپ، ئىسرائىللارغا:

_ پادىشاھ بىزگە: «بۇندىن كېيىن، ئىسرائىللارغا سامان بەرمەڭلار، 11قەيەردە سامان بولسا، شۇ يەردىن ئۆزلىرى ئەكەلسۇن. بىراق، كېسەكنىڭ سانىدىن بىرنىمۇ كېمەيتمەڭلار» دەيدۇ، _ دېدى. 12بۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار پۈتۈن مىسىرنىڭ ھەممە جايلىرىغا بېرىپ، ئېڭىز سامىنى توپلايدىغان بولدى. 13ئەمگەك نازارەتچىلىرى بولسا ھەر كۈنى ئۇلارنى: «بۇرۇن سىلەرگە سامان بېرىلگەن ۋاقىتتىكىدەكلا كۆپ كېسەك قۇيىسىلەر» دەپ قىستىدى.

14ئەمگەك نازارەتچىلىرى مىسىرلىقلار تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىسرائىل ئىش باشچىلىرىنى قامچىلاپ، ئۇلارنى:

_ نېمىشقا تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن قۇللارغا بۇرۇنقىدەك ساندا كېسەك قۇيدۇرمىدىڭلار؟ _ دەپ سورايدىغان بولدى.

15شۇڭا، بۇ ئىش باشچىلىرى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ جانابى ئالىيلىرى، قۇللىرىغا نېمىشقا مۇنداق مۇئامىلە قىلىدىلا؟ 16قۇللىرىغا سامان يەتكۈزۈپ بېرىلمەيۋاتىدۇ، لېكىن بىز يەنىلا بۇرۇنقى ساندا كېسەك قۇيۇشقا بۇيرۇلۇۋاتىمىز. ھازىر قۇللىرى تاياق يەۋاتىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇلار سىلەر مىسىرلىقلارنىڭ خاتالىقى، _ دەپ نالە قىلىشتى.

17پادىشاھ ئۇلارغا:

_ ھەرقايسىڭ ھۇرۇن، ھۇرۇن نېمىلەرسەن! «پەرۋەردىگارىمىز ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىپ كېلىشكە ئىجازەت بەرگەيلا» دېيىشكەنلىرىڭنىڭ سەۋەبىمۇ شۇ. 18دەرھال قايتىپ بېرىپ ئىشىڭنى قىلىش! ھەرقايسىڭغا بېرىلىدىغان سامان يوق. كېسەكنى يەنىلا بۇرۇنقىدەك ساندا تاپشۇرۇشىسەن، _ دېدى.

19كېسەك سانىنىڭ كېمەيتىلمەيدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىسرائىل ئىش باشچىلىرى بېشىغا چوڭ بالا-قازانىڭ كەلگەنلىكىنى بىلىشتى. 20ئۇلار پادىشاھنىڭ يېنىدىن چىقىپ، تاشقىرىدا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

21_ سىلەرنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىڭلارغا پەرۋەردىگار گۇۋاھ. ئۇ سىلەرنىڭ ئەدىبىڭلارنى بەرسۇن. سىلەر بىزنى پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا يەر بىلەن يەكسان قىلدىڭلار. ئۇلارغا بىزنى ئۆلتۈرۈشكە باھانە تېپىپ بەردىڭلار، _ دېدى.

خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى ئازاد قىلىشقا ۋەدە قىلىشى

22بۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا بېرىپ:

_ ئى ئىگەم، ئۆز خەلقىڭنى نېمىشقا بۇنداق خورلايسەن؟ مېنى بۇ يەرگە نېمىشقا ئەۋەتتىڭ؟ 23مەن پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ سېنىڭ سۆزلىرىڭنى يەتكۈزگەندىن بېرى، ئۇ خەلقىڭگە تېخىمۇ زۇلۇم سالىدىغان بولدى. ئەمما، سەن ئۇلارنى ھەرگىز قۇتقۇزمىدىڭ! _ دېدى.

 

6

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ ئەمدى سەن مېنىڭ پادىشاھقا قىلىدىغانلىرىمنى كۆرىسەن. ئۇ مېنىڭ زور قۇدرىتىمنىڭ تەسىرى بىلەن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىدۇ، ھەتتا ئۇلارنى زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋېتىدۇ، _ دېدى.

2خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 3مەن بۇرۇن ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا ھەممىگە قادىر خۇدا بولۇپ كۆرۈندۈم. لېكىن، مەن ئۆزۈمنى ئۇلارغا «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن نامىم ئارقىلىق ئاشكارىلىمىدىم. 4مەن ئۇلار بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، ئۇلار ئەينى ۋاقىتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان قانان زېمىنىنى ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغانىدىم. 5ھازىر مەن ئىسرائىللارنىڭ مىسىرلىقلارنىڭ زۇلمىدىن قىلغان داد-پەريادلىرىنى ئاڭلاپ، ئۆز ئەھدەمنى ئېسىمگە ئالدىم. 6شۇڭا، سەن بېرىپ، ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈز: «مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرنى مىسىرلىقلارنىڭ ئېغىر ئەمگەكلىرىدىن ئازاد قىلىمەن، سىلەرنى قۇللۇقتىن ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرىمەن. مەن زور قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ سىلەرنى قۇتقۇزىمەن، مىسىرلىقلارنى قاتتىق جازالايمەن. 7سىلەرنى ئۆز خەلقىم قىلىمەن. مەن سىلەرنىڭ خۇدايىڭلار بولىمەن. مىسىرلىقلارنىڭ قۇللۇقىدىن قۇتۇلغان ۋاقتىڭلاردا، بۇ ئىشنى مېنىڭ _ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدانىڭ قىلغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8مەن سىلەرنى، ئەجدادلىرىڭلاردىن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا بېرىشكە قەسەم قىلغان زېمىنغا ئېلىپ بارىمەن. ئۇ يەرنى سىلەرگە زېمىنلىققا بېرىمەن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن.»

9مۇسا بۇ سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزدى، لېكىن ئېغىر قۇللۇق ئازابىدىن روھسىزلانغان ئىسرائىللار ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.

10پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

11_ سەن پادىشاھنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇشنى ئېيتقىن، _ دېدى.

12مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا:

_ سۆزۈمگە ئىسرائىللار قۇلاق سالمىغان يەردە، مىسىر پادىشاھى قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن بىر تىلى ئېغىر ئادەم تۇرسام! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

13بىراق، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

_ سىلەر بېرىپ، ئىسرائىللار بىلەن مىسىر پادىشاھىغا: «خۇدا بىزگە: ‹ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار› دەپ ئەمر قىلدى» دەڭلار، _ دەپ بۇيرۇدى.

مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئەجدادلىرى

14تۆۋەندىكىلەر بىر قىسىم ئىسرائىل قەبىلىلىرىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى.

ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ ئوغۇللىرى:

ھانۇخ، پاللۇ، ھېسرون ۋە كارمى.

ئۇلاردىن رۇبېن قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى مەيدانغا كەلدى.

15شىموننىڭ ئوغۇللىرى:

يېمۇئىل، يامىن، ئوھاد، ياكىن، سوخار ۋە قانانلىق ئايالىدىن بولغان شائۇل.

ئۇلاردىن شىمون قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى مەيدانغا كەلدى.

16لاۋىينىڭ گەرشون، كوھات ۋە مەرارى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بولۇپ، ئۇلار لاۋىي قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى ئىدى. لاۋىي بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 17گەرشوننىڭ لىبنى ۋە شىمېئى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بولۇپ، ئۇلاردىن لاۋىي قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرى بارلىققا كەلدى. 18كوھاتنىڭ ئامرام، يىسخار، ھىبرون ۋە ئۆززىل ئىسىملىك ئوغۇللىرى بولۇپ، كوھات بىر يۈز ئوتتۇز ئۈچ يىل ئۆمۈر كۆردى. 19مەرارىنىڭ مەھلى ۋە مۇشى ئىسىملىك ئىككى ئوغلى بار ئىدى.

يۇقىرىقىلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ تارماق جەمەتلىرىدۇر.

20ئامرام ئۆز ھاممىسى يوكەبەدنى ئەمرىگە ئالغانىدى. ئۇ ھارۇن بىلەن مۇسانى تۇغدى. ئامرام بىر يۈز ئوتتۇز يەتتە يىل ئۆمۈر كۆردى. 21يىسخارنىڭ كوراھ، نەفەگ ۋە زىيكرى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. 22ئۆززىلنىڭ مىشائىل، ئەلسافان ۋە سىترى ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى.

23ھارۇن ناھشوننىڭ سىڭلىسى، ئاممىنادابنىڭ قىزى ئەلىشەبانى ئەمرىگە ئالدى. ئەلىشەبا ھارۇنغا ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامار ئىسىملىك تۆت ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. 24كوراھتىن ئاسسىر، ئەلقانا، ئابىئاساف ئىسىملىك ئۈچ ئوغۇل تۆرەلدى. ئۇلار كوراھ قەبىلىسىدىكى تارماق جەمەتلەرنىڭ ئاتىلىرى بولدى. 25ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلىئازار پۇتەلنىڭ قىزلىرىدىن بىرنى ئەمرىگە ئالدى. ئۇ پىنىھاسنى تۇغدى.

مانا بۇلار لاۋىي قەبىلىسىنىڭ ئائىلە باشلىقلىرى.

26پەرۋەردىگار تەرىپىدىن «ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىڭلار» دەپ ئەمر قىلىنغانلار دەل مۇشۇ ھارۇن بىلەن مۇسا ئىدى. 27مىسىر پادىشاھىدىن ئىسرائىللارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلارمۇ مانا مۇشۇ مۇسا بىلەن ھارۇندۇر.

ھارۇننىڭ مۇساغا ۋاكالىتەن سۆزلىشى

28پەرۋەردىگار مىسىردا مۇساغا سۆزلىگەن ۋاقىتتا، ئۇنىڭغا:

29_ مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. ساڭا قىلغان سۆزلىرىمنىڭ ھەممىسىنى مىسىر پادىشاھىغا يەتكۈزگىن، _ دېگەنىدى.

30لېكىن، مۇسا:

_ مەن يا سۆزمەن بولمىسام، پادىشاھ مېنىڭ سۆزۈمگە قانداقمۇ قۇلاق سالسۇن؟ _ دەپ جاۋاب بەرگەنىدى.

 

7

1ئۇ ۋاقىتتا، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى:

_ مەن سېنى پادىشاھ ئالدىدا خۇددى خۇدادەك قىلىمەن. ئاكاڭ ھارۇن بولسا سېنىڭ پەيغەمبىرىڭ بولۇپ، سۆزلىرىڭنى پادىشاھقا يەتكۈزىدۇ. 2مەن ساڭا تاپىلىغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ھارۇنغا يەتكۈز. ھارۇن بولسا پادىشاھقا ئىسرائىللارنى ئۇنىڭ مەملىكىتىدىن چىقىپ كېتىشكە يول قويۇشنى ئېيتسۇن. 3لېكىن، مەن پادىشاھنى جاھىللاشتۇرىمەن. بۇنىڭ بىلەن، مەن مۆجىزە ۋە كارامەتلىرىمنى مىسىردا كۆپلەپ كۆرسىتەلەيمەن. 4شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا سۆزۈڭنى ئاڭلىمايدۇ. شۇڭا، مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، مىسىرلىقلارغا ئېغىر جازالارنى بېرىمەن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. 5مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ ئۇلارنى جازالاپ، ئىسرائىللارنى ئۇلارنىڭ يۇرتىدىن ئېلىپ چىققان ۋاقتىمدىلا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ.

6پەرۋەردىگار ئۇلارغا قانداق ئەمر قىلغان بولسا، مۇسا بىلەن ھارۇن دەل شۇنداق ئىش كۆردى. 7ئۇلار پادىشاھقا سۆزلىگەن ۋاقتىدا، مۇسا سەكسەن ياش، ھارۇن بولسا سەكسەن ئۈچ ياشتا ئىدى.

ھارۇننىڭ تايىقى

8پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

9_ پادىشاھ سىلەرگە: «ئۆزۈڭلارنىڭ خۇدا تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەنلىكىڭلارنى بىر مۆجىزە ئارقىلىق ئىسپاتلاڭلار» دەيدۇ. ئۇ چاغدا سەن مۇسا، ھارۇنغا: «تايىقىڭنى پادىشاھنىڭ ئالدىغا تاشلا» دېگىن. تاياق يىلانغا ئايلىنىدۇ، _ دېدى.

10مۇسا بىلەن ھارۇن پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. ھارۇن تايىقىنى پادىشاھ بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ ئالدىغا تاشلىۋىدى، تاياق يىلانغا ئايلاندى. 11پادىشاھ دەرھال ئۆزىنىڭ ئالىملىرىنى ۋە سېھىرگەرلىرىنى يىغدى. ئۇلار سېھىر ئىشلىتىپ، شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشنى قىلدى. 12ئۇلارنىڭ ھەربىرى قولىدىكى تاياقنى يەرگە تاشلىۋىدى، ئۇلارمۇ يىلانغا ئايلىنىپ كەتتى. لېكىن، ھارۇننىڭ يىلىنى ئۇلارنىڭ يىلانلىرىنى يۇتۇۋەتتى. 13ئەمما، پادىشاھ دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلىمىدى.

قان ئاپىتى

14پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ مىسىر پادىشاھى تولىمۇ جاھىل. ئۇ ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بېرىشنى خالىمايدۇ. 15ئەتە ئەتىگەندە، ئۇ نىل دەرياسىغا بارىدۇ. سەن دەريا بويىدا كۈتۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش. يىلانغا ئايلانغان ھېلىقى تايىقىڭنى قولۇڭغا ئېلىۋال. 16سەن ئۇنىڭغا مۇنداق دېگىن: «پەرۋەردىگار _ ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا مېنى سىزگە: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي› دېيىشكە ئەۋەتتى. سىز باشتىن-ئاخىر قۇلاق سالماي كەلدىڭىز. 17شۇڭا، پەرۋەردىگار: ‹سەن ئەمدى مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمدىن مېنىڭ كىم ئىكەنلىكىمنى بىلىۋال› دەيدۇ. قاراڭ، مەن قولۇمدىكى تاياقنى دەريادىكى سۇغا ئۇرسام، سۇ قانغا ئايلىنىدۇ. 18بېلىقلار تامامەن ئۆلىدۇ. دەريا سېسىپ كېتىدۇ. مىسىرلىقلار دەريا سۈيىدىن سەسكىنىپ، ئۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالىدۇ.» _ دېدى.

19پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

_ سەن ھارۇنغا: «تايىقىڭنى ئال. قولۇڭنى مىسىردىكى ھەرقايسى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. بۇ چاغدا، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىدىكى سۇلار، ھەتتا سوغا ۋە تاش كۈپلەرنىڭ ئىچىدىكى سۇلارمۇ قانغا ئايلىنىدۇ» دېگىن، _ دېدى.

20مۇسا بىلەن ھارۇن پەرۋەردىگار تاپىلىغان ئىشلارنى بەجا كەلتۈردى. پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىدا مۇسا تاياقنى كۆتۈرۈپ، دەريا سۈيىگە ئۇرۇۋىدى، دەريا سۈيى شۇئان قانغا ئايلاندى. 21دەريادىكى بېلىقلار ئۆلدى. دەريا سۈيى سېسىق پۇراپ، مىسىرلىقلار بۇ سۇنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى قان قاپلىدى.

22بىراق، پادىشاھنىڭ سېھىرگەرلىرىمۇ سېھىر ئارقىلىق ئوخشاش ئىشنى قىلدى. نەتىجىدە، دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پادىشاھ بۇرۇنقىدەك جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىنى ئاڭلاشنى رەت قىلدى 23ۋە بۇرۇلۇپلا ئوردىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ بۇ ئىشقا قىلچە ئەھمىيەت بەرمىدى. 24مىسىرلىقلارنىڭ ھەممىسى نىل دەرياسى سۈيىنى ئىچەلمەيدىغان بولۇپ قالغاچقا، ئىچىدىغان سۇ ئىزدەپ، دەريا ئەتراپلىرىنى كولىدى.

25پەرۋەردىگار دەريا سۈيىنى قانغا ئايلاندۇرۇپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتتى.

 

8

پاقا ئاپىتى

1ئۇنىڭدىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن يەنە مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر يەنە رەت قىلساڭ ساڭا ئېيتىپ قويايكى، پۈتۈن دۆلىتىڭنى جازالاپ، زېمىنىڭنىڭ ھەممە يېرىنى پاقا بىلەن تولدۇرۇۋېتىمەن. 3نىل دەرياسى پاقىغا تولۇپ كېتىدۇ. پاقىلار دەريادىن چىقىپ ئورداڭغا، ھۇجراڭغا، ھەتتا ئورۇن-كۆرپىلىرىڭگە كىرىدۇ. ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۆيلىرىگە، ھەتتا ئوچاقلىرىغا، تەڭنىلىرىنىڭ ئىچىگىمۇ كىرىۋالىدۇ. 4سېنىڭ ئۇچاڭغا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۇچىسىغىمۇ يامىشىدۇ› دەيدۇ» دەپ يەتكۈزگىن.

5پەرۋەردىگار مۇساغا يەنە:

_ سەن ھارۇنغا: «تاياق ئالغان قولۇڭنى مىسىردىكى دەريا، ئۆستەڭ، سازلىق ۋە كۆللەرگە قارىتىپ ئۇزات. مىسىر زېمىنىنى پاقىلار بىلەن قاپلىتىۋەت» دەپ ئېيتقىن، _ دېدى. 6بۇنىڭ بىلەن، ھارۇن قولىنى مىسىرنىڭ سۇلىرىغا قارىتىپ ئۇزىتىۋىدى، پاقىلار چىقىپ مىسىر زېمىنىنى قاپلىدى.

7بىراق، مىسىردىكى سېھىرگەرلەرمۇ سېھىر ئىشلىتىپ، ئوخشاش ئىشنى قىلىپ مىسىر زېمىنىغا پاقا چىقاردى.

8پادىشاھ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، مۇساغا:

_ پەرۋەردىگاردىن ئۇ پاقىلارنى مەندىن ۋە مىسىر خەلقىدىن يىراقلاشتۇرۇشنى تىلەپ دۇئا قىل. ئاندىن، خەلقىڭنىڭ پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويىمەن، _ دېدى.

9مۇسا جاۋابەن:

_ بولىدۇ، سىز بىر ۋاقىت بەلگىلەڭ. مەن سىزگە، ئەمەلدارلىرىڭىزغا ۋە پۇقرالىرىڭىزغا دۇئا قىلاي. شۇ چاغدا، پاقىلارنىڭ ھەممىسى سىلەردىن ۋە ئۆيلىرىڭلاردىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىكى پاقىلاردىن باشقا پاقىلارنىڭ ھەممىسى يوقىلىدۇ، _ دېدى.

10پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ ئەتىلا دۇئا قىل، _ دېدى.

مۇسا:

_ سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بولسۇن. بۇنىڭ بىلەن، سىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن باشقا ھېچقانداق خۇدانىڭ يوقلۇقىنى بىلىڭ. 11پاقىلار سىزدىن، ئوردىڭىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىزدىن ۋە باشقا پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلىدۇ. پەقەت نىل دەرياسىدىلا پاقا قالىدۇ، _ دېدى. 12شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىر پادىشاھىنىڭ يېنىدىن چىقىشتى. مۇسا پەرۋەردىگاردىن مىسىر پادىشاھلىقىغا چۈشۈرگەن پاقىلارنى يوقىتىشنى تىلەپ، دۇئا قىلىپ يالۋۇردى. 13پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلدى. ئۆي، ھويلا ۋە ئېتىزلاردىكى پاقىلارنىڭ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى. 14مىسىرلىقلار پاقا ئۆلۈكلىرىنى دۆۋە-دۆۋە قىلىپ توپلىغانىدى، پۈتۈن دۆلەت سېسىقچىلىققا تولدى. 15بىراق دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پاقىلارنىڭ تامامەن ئۆلگەنلىكىنى كۆرگەن پادىشاھ جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.

پاشا ئاپىتى

16پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ ھارۇنغا: «تايىقىڭنى يەردىكى توپىغا ئۇر. چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، پۈتۈن مىسىرنى قاپلايدۇ» دېگىن، _ دېدى. 17ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنىدەك قىلىشتى. ھارۇن تايىقىنى يەردىكى توپىغا ئۇرۇۋىدى، چاڭ-توزانلار پاشىلارغا ئايلىنىپ، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدىنىنى قاپلاپ كەتتى. مىسىر زېمىنىدىكى چاڭ-توزانلارنىڭ ھەممىسى پاشىغا ئايلىنىپ كەتتى.

18سېھىرگەرلەرمۇ ئۆز سېھىرلىرى بىلەن پاشا پەيدا قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئىش ئۇلارنىڭ قولىدىن كەلمىدى. ئادەم ۋە ھايۋاناتلارنىڭ بەدىنىنى پاشا قاپلاپ كەتتى. 19سېھىرگەرلەر پادىشاھقا:

_ بۇ ئىشنى خۇدا قىلدى! _ دېيىشتى. بىراق دەل پەرۋەردىگار ئېيتقاندەك، پادىشاھ جاھىللىق قىلىپ، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.

چىۋىن ئاپىتى

20ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئەتە تاڭ سەھەردىلا ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، پادىشاھ دەريا بويىغا چىققاندا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈش ۋە ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار: ‹خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بېرىشىغا يول قوي. 21سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، ئەگەر سەن مېنىڭ خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيدىغان بولساڭ، ساڭا، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭغا چىۋىنلار توپى ئەۋەتىمەن. ئۆيلىرىڭلار چىۋىنگە تولىدۇ ۋە ھەممە يەرنى چىۋىن قاپلايدۇ. 22لېكىن، مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللار ياشاۋاتقان گوشەن ۋىلايىتىنىڭ ئەھۋالىنى باشقىچە قىلىمەن. ئۇ يەر چىۋىنلار توپىدىن خالىي بولىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، مېنىڭ _ پەرۋەردىگارنىڭ بۇ دۆلەتتىمۇ قۇدرەتلىك ئىكەنلىكىمنى بىلىسەن. 23مەن ئۆز خەلقىمنى سېنىڭ خەلقىڭدىن پەرقلەندۈرىمەن. بۇ مۆجىزە ئەتە كۆرۈلىدۇ› دەيدۇ» دەپ يەتكۈزگىن. 24پەرۋەردىگار دېگىنىنى قىلدى. توپ-توپ چىۋىنلار پادىشاھنىڭ ئوردىسىغا ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە بېسىپ كىرىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنى خاراب قىلىۋەتتى.

25پادىشاھ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:

_ بارساڭلار بېرىڭلار! بىراق، خۇدايىڭلارغا قىلىدىغان قۇربانلىقنى مۇشۇ دۆلەت ئىچىدە قىلىڭلار! _ دېدى.

26لېكىن، مۇسا:

_ بۇنداق قىلىش توغرا بولمايدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۈچۈن قىلىدىغان قۇربانلىقلىرىمىز مىسىرلىقلارنى يىرگەندۈرىدۇ. ئەگەر بىز مىسىرلىقلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئۇلارنى يىرگەندۈرىدىغان قۇربانلىقلارنى قىلساق، ئۇلار بىزنى چالما-كېسەك قىلىدۇ! 27بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمر قىلغىنىدەك ئۈچ كۈنلۈك يولنى بېسىپ، چۆل-باياۋانغا بېرىپ، ئاندىن ئۇنىڭغا قۇربانلىق قىلىشىمىز كېرەك، _ دېدى.

28پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ چۆل-باياۋانغا بېرىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا قۇربانلىق قىلىشىڭلارغا ئىجازەت بېرەي، لېكىن ئانچە يىراققا كەتمەڭلار. مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار، _ دېدى.

29مۇسا جاۋابەن:

_ مەن يېنىڭىزدىن چىقىپلا پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي. چىۋىنلار توپى ئەتىلا سىزدىن، ئەمەلدارلىرىڭىز ۋە پۇقرالىرىڭىزدىن ئايرىلسۇن. لېكىن، سىز بىزنى ئالداپ، پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق قىلىشقا بېرىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقىڭىز كېرەك، _ دېدى.

30شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا مىسىر پادىشاھىنىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 31پەرۋەردىگار مۇسانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىپ، چىۋىنلار توپىنى مىسىر پادىشاھىدىن، ئەمەلدارلىرىدىن ۋە پۇقرالىرىدىن ئايرىدى. بىر تالمۇ چىۋىن قالمىدى. 32لېكىن، بۇ قېتىممۇ پادىشاھ يەنە جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ چىقىشىغا يول قويمىدى.

 

9

ۋابا ئاپىتى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 2ئەگەر سەن ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلىپ يەنىلا تۇتۇپ تۇرۇۋالىدىغان بولساڭ، 3سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، چارۋا ماللىرىڭنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئات، تۆگە، كالا، قوي ۋە ئۆچكىلىرىڭنى ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار قىلىمەن. 4بىراق، ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنى مىسىرلىقلارنىڭكىدىن پەرقلەندۈرىمەن. ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىمۇ ئۆلمەيدۇ› دەيدۇ» دېگىن.

5پەرۋەردىگار ۋاقىت بەلگىلەپ:

_ بۇ مۆجىزىنى ئەتىلا كۆرسىتىمەن، _ دېدى.

6ئەتىسى، پەرۋەردىگار ئۆزى ئېيتقاندەك قىلدى. مىسىرلىقلارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ۋابا كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ ئۆلۈشكە باشلىدى. لېكىن، ئىسرائىللارنىڭ چارۋا ماللىرىنىڭ بىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىمىدى. 7پادىشاھ ئادەم ئەۋەتىپ تەكشۈرتۈپ، ئىسرائىللارنىڭ ماللىرىدىن بىرىنىڭمۇ ئۆلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ يەنىلا جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يول قويمىدى.

چاقا ئاپىتى

8كېيىن، پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا:

_ ئوچاقتىن بىر چاڭگال كۈل ئېلىۋېلىڭلار. مۇسا ئۇنى پادىشاھنىڭ ئالدىدا ھاۋاغا چاچسۇن. 9بۇ كۈل چاڭ-توزان بولۇپ، مىسىرنىڭ ھەممە يېرىگە تارقىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، بارلىق ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كېتىدۇ، _ دېدى.

10بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قوللىرىغا ئوچاق كۈلىنى ئېلىپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا باردى. مۇسا كۈلنى ھاۋاغا چاچتى. نەتىجىدە، ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ بەدەنلىرىنى يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتتى. 11ھەتتا سېھىرگەرلەرمۇ مۇساغا تاقابىل تۇرالمىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ بەدىنىنىمۇ باشقا مىسىرلىقلارنىڭكىگە ئوخشاش يىرىڭلىق چاقا قاپلاپ كەتكەنىدى. 12شۇنداقتىمۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىن جاھىللاشتۇرۇلغان پادىشاھ خۇددى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا ئېيتقىنىدەك، مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى.

مۆلدۈر ئاپىتى

13پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئەتە تاڭ سەھەردىلا پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: ‹ئۆز خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي. 14بولمىسا، بۇ قېتىم مەن سېنىڭ ۋە ئەمەلدارلىرىڭ ھەمدە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئېغىر بالايىئاپەتلەرنى ياغدۇرىمەن. مانا شۇ چاغدا، سەن ئالەمدە مەندىن باشقا خۇدا يوقلۇقىنى بىلىسەن. 15مەن قۇدرىتىمنى كۆرسىتىپ، سېنى ۋە پۇقرالىرىڭنى ۋابا كېسىلىگە دۇچار قىلىپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوق قىلالايتتىم. 16بىراق، مەن ئۇنداق قىلمىدىم. ئەكسىچە، مەن قۇدرىتىمنى ساڭا كۆرسىتىش ۋە نامىمنى ئالەمگە ئېلان قىلىشتەك ئالاھىدە مەقسەت بىلەن سېنى پادىشاھلىققا تىكلىدىم. 17لېكىن، سەن يەنىلا زوراۋانلىق قىلىپ، خەلقىمنى قويۇپ بەرمەيۋاتىسەن. 18شۇڭا ئەتە مۇشۇ چاغدا، مەن مىسىر تارىخىدا ئەلمىساقتىن تارتىپ كۆرۈلۈپ باقمىغان قاتتىق مۆلدۈر ياغدۇرىمەن. 19ھازىر سەن ئادەملىرىڭگە ئوچۇقچىلىقتىكى چارۋا ماللىرىڭ ۋە باشقا بارلىق نەرسىلىرىڭنى دالدا يەرگە ئېلىپ كىرىۋېلىشقا ئەمر قىل. چۈنكى، ئوچۇقچىلىقتا قېلىپ قالغان ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى مۆلدۈر ئۇرۇپ، ھالاك قىلىدۇ› دەيدۇ» دېگىن.

20پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنگەن بىر قىسىم پادىشاھ ئەمەلدارلىرى دەرھال ئۆز قۇللىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى دالدا يەرگە ئېلىپ كىرىۋالدى. 21پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە ئىشەنمىگەنلەر بولسا قۇللىرى ۋە چارۋا ماللىرىنى تاشقىرىدا قويۇۋەردى.

22پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا قارىتىپ ئۇزات! پۈتكۈل مىسىر زېمىنىدىكى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۈستىگە مۆلدۈر ياغسۇن، _ دېدى. 23مۇسا تايىقىنى ئاسمانغا قارىتىپ كۆتۈرۈۋىدى، پەرۋەردىگار چاقماق چاقتۇرۇپ، گۈلدۈرمامىلار ياڭرىتىپ، يەر يۈزىگە مۆلدۈر ياغدۇرۇۋەتتى. 24شۇنىڭ بىلەن، چاقماق چېقىپ، يوغان-يوغان مۆلدۈرلەر تۆكۈلۈپ چۈشتى. بۇ، مىسىر تارىخىدا ھازىرغىچە يۈز بېرىپ باقمىغان ئەڭ چوڭ مۆلدۈر ئاپىتى ئىدى. 25مۆلدۈر مىسىر زېمىنىدىكى ئوچۇقچىلىقتا تۇرغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى، جۈملىدىن ئادەم، ھايۋان، ئېتىزدىكى زىرائەتلەر ۋە بارلىق دەل-دەرەخلەرنى ۋەيران قىلىۋەتتى. 26پەقەت ئىسرائىللار ياشايدىغان گوشەن ۋىلايىتىدىلا مۆلدۈر ياغمىدى.

27مىسىر پادىشاھى دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ:

_ بۇ قېتىم مەن خاتالىق ئۆتكۈزدۈم، مەن ۋە پۇقرالىرىمدىن سەۋەنلىك ئۆتتى. پەرۋەردىگار ئادىلدۇر. 28پەرۋەردىگارغا مەن ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. بىزگە بۇ ھەيۋەتلىك گۈلدۈرماما ۋە مۆلدۈرلەر يېتەر. مەن سىلەرنىڭ كېتىشىڭلارغا يول قوياي. سىلەر ئەمدى بۇ يەردە تۇرمىساڭلارمۇ بولىدۇ، _ دېدى.

29مۇسا ئۇنىڭغا:

_ مەن بۇ شەھەردىن چىقىشىم بىلەنلا، قولۇمنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ دۇئا قىلىمەن. گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان تىنچىيدۇ ۋە مۆلدۈرمۇ توختايدۇ. شۇ چاغدا، سىز دۇنيانىڭ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى بىلىسىز. 30لېكىن، سىز ۋە سىزنىڭ ئەمەلدارلىرىڭىزنىڭ پەرۋەردىگار خۇدادىن تېخىچە قورقمايۋاتقانلىقىڭلار ماڭا مەلۇم، _ دېدى.

31بۇ، كەندىرلەر چېچەكلىگەن ۋە ئارپا باش تارتقان ۋاقىت بولغاچقا، مۆلدۈر ئۇلارنى خاراب قىلدى. 32پەقەت بۇغدايلارلا زىيانغا ئۇچرىمىدى، چۈنكى ئۇلار تېخى بىخ چىقارمىغانىدى.

33مۇسا پادىشاھنىڭ يېنىدىن ئايرىلىپ، شەھەردىن چىقىپ، قولىنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. گۈلدۈرمامىلار شۇ ھامان بېسىقىپ، مۆلدۈر يېغىشتىن توختىدى. يامغۇرمۇ تىنچىدى. 34گەرچە پادىشاھ بۇ ئەھۋاللارنى كۆرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنە گۇناھ سادىر قىلدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى يەنىلا جاھىللىق قىلىشتى. 35دەل پەرۋەردىگار بۇرۇنلا مۇساغا ئېيتقاندەك، مىسىر پادىشاھى جاھىللىق قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى.

 

10

چېكەتكە ئاپىتى

1شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن مىسىر پادىشاھىنىڭ يېنىغا بار. مەن مۆجىزىلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق كۈچ-قۇدرىتىمنى مىسىر خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق نامايان قىلىش مەقسىتى بىلەن، مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرىنى جاھىللاشتۇردۇم. 2بۇ ئارقىلىق سەنمۇ ئۆز پەرزەنتلىرىڭ ۋە نەۋرىلىرىڭگە مېنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق جازالىغانلىقىم ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قانداق مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەنلىكىمنى سۆزلەپ بېرەلەيسەن. بۇنىڭ بىلەن، مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلەلەيسىلەر، _ دېدى.

3شۇنداق قىلىپ، مۇسا ۋە ھارۇن مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭغا:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىبرانىيلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا: «سەن مېنىڭ ئالدىمدا زادى قاچانغىچە ھاكاۋۇرلۇق قىلىسەن؟ خەلقىمنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشىغا يول قوي! 4ئەگەر يول قويمايدىغان بولساڭ، سېنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، مەن ئەتە سېنىڭ زېمىن تەۋەلىكىڭدە چېكەتكە پەيدا قىلىمەن. 5چېكەتكىلەر توپى زېمىنىڭنى قاپلايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپلۈكىدىن يەر-يۈزىنىمۇ كۆرەلمەي قالىسەن. مۆلدۈردىن ئامان قالغانلارنى، ھەتتا دالادىكى دەل-دەرەخلەرنىمۇ چېكەتكە يەپ تۈگىتىدۇ. 6ئۇلار سېنىڭ ئورداڭنى، ئەمەلدارلىرىڭ ۋە پۇقرالىرىڭنىڭ ئۆيلىرىنىمۇ تولدۇرىدۇ. بۇنداق قورقۇنچلۇق ئاپەتنى ئاتا-بوۋىلىرىڭمۇ كۆرۈپ باقمىغان» دەيدۇ، _ دېدى ۋە دەرھال كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىدىن چىقىپ كەتتى.

7پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى پادىشاھقا:

_ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇداغا ئىبادەت قىلىشقا بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.

8بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:

_ سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بارساڭلار بېرىڭلار. لېكىن زادى كىملەر بارماقچى؟ _ دېدى.

9مۇسا جاۋابەن:

_ قېرى-ياش، بالا-چاقا ۋە قوي-كالىلىرىمىزنى ئېلىپ، ھەممىمىز بارماقچى. چۈنكى، بىز ئۇ يەردە ھېيت ئۆتكۈزۈپ، پەرۋەردىگارىمىزغا ئىبادەت قىلىپ تەنتەنە قىلىمىز، _ دېدى.

10پادىشاھ ئۇلارغا:

_ ھىم! مەن سىلەرنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنى ئېلىپ بېرىشىڭلارغا ھەقىقەتەن يول قويۇشۇم كېرەك ئىكەن-دە!؟ سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلار ئۆزى ساقلىسۇن! قاراڭلار، سىلەرنىڭ نىيىتىڭلارنىڭ يامانلىقىنى! 11قەتئىي يول قويمايمەن! ئەگەر سىلەرنىڭ تەلەپ قىلغىنىڭلار ئىبادەت قىلىشقا بېرىش بولسا، ئۇنداقتا پەقەت ئەرلەرلا بارسۇن، _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

12شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ چېكەتكىلەر توپىنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قولۇڭنى ئۇزات! چېكەتكىلەر مىسىر تەۋەسىدە مۆلدۈردىن ئامان قېلىپ ئۆسۈۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى يەپ تۈگەتسۇن، _ دېدى.

13شۇنىڭ بىلەن، مۇسا تايىقىنى مىسىرنىڭ ھەممە تەرىپىگە قارىتىپ ئۇزاتتى. پەرۋەردىگار بىر كېچە-كۈندۈز شەرق شامىلى چىقاردى. تاڭ ئاتقاندا، شامال چېكەتكىلەرنى ئېلىپ كەلدى. 14چېكەتكىلەر توپ-توپى بىلەن ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن مىسىر زېمىنىنىڭ ئۇ چېتىدىن بۇ چېتىگىچە ھەممە يەرگە قوندى. بۇنچە كۆپ چېكەتكە ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. 15پۈتۈن زېمىن قارىداپ كەتتى. چېكەتكىلەر مۆلدۈردىن ئامان قالغانلارنىڭ ھەممىسىنى، يەنى ئۆسۈملۈكلەرنى ۋە دەل-دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىكى مېۋىلەرنى يەپ تۈگەتتى. پۈتۈن مىسىر تەۋەسىدىكى ئېتىزلىقلاردا ۋە دەل-دەرەخلەردە يېشىللىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى.

16شۇڭا، پادىشاھ دەرھال مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ:

_ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار بولغان خۇدا ئالدىدا ھەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا گۇناھكارمەن. 17ئەمدى يەنە بىرلا قېتىم ماڭا كەڭچىلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادىن: «مىسىرلىقلارنى بۇ ئەجەللىك ئاپەتتىن قۇتقۇزغايسەن» دەپ تەلەپ قىلغايسىلەر، _ دېدى.

18بۇنىڭ بىلەن، مۇسا پادىشاھنىڭ يېنىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. 19پەرۋەردىگار شەرق شامىلىنى قاتتىق غەرب بورىنىغا ئايلاندۇرۇپ، چېكەتكىلەرنى قىزىل دېڭىزغا ئۇچۇرۇپ كەتتى. مىسىر دىيارىدا بىر دانىمۇ چېكەتكە قالمىدى. 20لېكىن، پەرۋەردىگار پادىشاھنى يەنىلا جاھىل قىلغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كېتىشىگە يەنىلا يول قويمىدى.

قاراڭغۇلۇق ئاپىتى

21ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن قولۇڭنى ئاسمانغا كۆتۈر! پۈتۈن مىسىرنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇق قاپلايدۇ، _ دېدى. 22مۇسا قولىنى ئاسمانغا كۆتۈرۈۋىدى، پۈتۈن مەملىكەتنى ئۈچ كۈن زۇلمەت قاراڭغۇلۇق باستى. 23بۇ چاغدا، مىسىرلىقلار بىر-بىرىنى كۆرەلمىدى، ئۆيىدىنمۇ تالاغا چىقالمىدى. لېكىن، ئىسرائىللار ياشايدىغان يەرلەر بولسا يورۇق تۇردى.

24پادىشاھ مۇسانى چاقىرتىپ:

_ سىلەر بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادىتىڭلارنى قىلىڭلار. ھەتتا خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ بارساڭلار بولىدۇ. لېكىن كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلار بۇ يەردە قېلىشى كېرەك، _ دېدى.

25مۇسا جاۋابەن:

_ ياق! سىز چوقۇم بىزنىڭ قۇربانلىق ۋە كۆيدۈرمە قۇربانلىقىغا ئىشلىتىدىغان ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىزغا ئىجازەت بېرىشىڭىز لازىم. 26بىز چارۋا ماللىرىمىزنى ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك، ھەتتا بىرەر تۇياقنىمۇ بۇ يەردە قالدۇرمايمىز. بىز پەرۋەردىگارغا ئاتايدىغان قۇربانلىقنى ئۆز ماللىرىمىز ئىچىدىن تاللىشىمىز كېرەك. ئۇ يەرگە بارمىغۇچە، پەرۋەردىگارىمىز خۇداغا قايسى مالنى قۇربانلىق قىلىشنى بىلمەيمىز، _ دېدى.

27پەرۋەردىگار مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇرغاچقا، ئۇ ئىسرائىللارنى يەنىلا قويۇپ بەرمىدى. 28پادىشاھ مۇساغا:

_ كۆزۈمدىن يوقال! سېنى ئىككىنچى كۆزۈم كۆرمىسۇن. يەنە كۆرۈنگۈچى بولساڭ، جېنىڭنى ئالىمەن! _ دېدى.

29مۇسا ئۇنىڭغا:

_ ئېيتقىنىڭىز كەلسۇن. مەنمۇ سىزنى ئىككىنچى كۆرمەيمەن، _ دېدى.

 

11

پۈتۈن مىسىردىكى تۇنجى بالىلارنىڭ ئۆلۈشى

1پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا مۇنداق دېگەنىدى:

_ مەن مىسىر پادىشاھىغا ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا ئەڭ ئاخىرقى ئاپەتنى چۈشۈرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنى جەزمەن قويۇپ بېرىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ سىلەردىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇش ئۈچۈن، سىلەرنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. 2ئەمدى، سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا ئېيتقىن. ئۇلار مىسىرلىق قوشنىلىرىنىڭكىگە كىرىپ، ئۇلارنىڭ ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملىرىنى سوراپ ئالسۇن. 3(پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى يېقىن كۆرىدىغان قىلغانىدى. پادىشاھنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پۇقرالىرىنى مۇسانى ئۇلۇغ ئادەم، دەپ ھۆرمەتلەيدىغان قىلغانىدى.)

4شۇنىڭ بىلەن، مۇسا مىسىر پادىشاھىغا:

_ پەرۋەردىگار: «بۈگۈن تۈن يېرىمىدا، مەن مىسىرنىڭ ھەممە يېرىنى كېزىمەن. 5شۇ ۋاقىتتا، تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ تۇنجىسىدىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئەرزىمەس دېدەكنىڭ تۇنجىسىغىچە بولغان مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ماللارمۇ ئۆلىدۇ. 6شۇ چاغدا، پۈتۈن مىسىردا ئەلمىساقتىن كۆرۈلمىگەن ۋە بۇندىن كېيىنمۇ كۆرۈلمەيدىغان قاتتىق يىغا-زار بولىدۇ. 7لېكىن، ئىسرائىللارغا ياكى ئۇلارنىڭ مال-ۋارانلىرىغا ھەتتا ئىتمۇ قاۋاپ قويمايدۇ» دەيدۇ. ئەنە شۇ چاغدا، سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنى پەرقلەندۈرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 8ئاخىردا، ئەمەلدارلىرىڭنىڭ ھەممىسى ئالدىمغا كېلىپ ئېگىلىپ، مېنىڭ خەلقىم ئىسرائىللارنى بۇ يەردىن ئېلىپ كېتىشىمنى تەلەپ قىلىدۇ. مانا شۇ چاغدا، مەن بۇ يەردىن ئايرىلىمەن، _ دېدى. ئاندىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ ئالدىدىن دەرغەزەپ بىلەن چىقىپ كەتتى.

9پەرۋەردىگار مۇساغا: «مىسىر پادىشاھى سېنىڭ سۆزۈڭنى داۋاملىق رەت قىلىۋېرىدۇ. شۇنداق قىلىپ، مەن مىسىردا تېخىمۇ كۆپ مۆجىزىلەرنى كۆرسىتەلەيمەن» دېگەنىدى. 10مۇسا بىلەن ھارۇن پادىشاھ ئالدىدا مانا شۇنداق نۇرغۇن مۆجىزىلەرنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن پەرۋەردىگار پادىشاھنى جاھىللاشتۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ چېگرىدىن چىقىپ كېتىشىگە يول قويمىغانىدى.

 

12

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى

1پەرۋەردىگار مىسىردا مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2_ ھازىردىن تارتىپ، بۇ ئاي سىلەر ئىسرائىل خەلقى ئۈچۈن يىلنىڭ بىرىنچى ئېيى بولسۇن. 3سىلەر مېنىڭ مۇنۇ يوليورۇقلىرىمنى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە ئۆگىتىڭلار: مۇشۇ ئاينىڭ ئونىنچى كۈنى ھەربىر ئائىلىنىڭ ئائىلە باشلىقى ئۆز ئائىلىسى ئۈچۈن خۇداغا قۇربانلىق قىلىشقا بىر قوي ياكى ئۆچكە تەييارلىسۇن. 4ئەگەر ئائىلىسىدە ئادەم ئاز بولۇپ، بىر مالنى يەپ بولالمىسا، ئۇنى قوشنىسى بىلەن بىرلىشىپ قۇربانلىق قىلىپ، گۆشىنى ئادەم سانى ۋە ئىستېمال مىقدارىغا قاراپ تەقسىم قىلسىمۇ بولىدۇ. 5لېكىن، قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان مال بىر ياشلىق ئەيىبسىز قوچقار ياكى تېكە بولۇشى كېرەك. 6پۈتۈن ئىسرائىل ئائىلىلىرى تاللانغان مالنى مۇشۇ ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنىگىچە ياخشى ساقلاپ، شۇ كۈنى كەچتە سويسۇن. 7ئاندىن، ئۇنىڭ قېنىدىن بىرئاز ئېلىپ، مال يېيىلگەن ئۆينىڭ ئىشىكىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركەپ قويسۇن. 8شۇ كېچىسى گۆشنى كاۋاپ قىلىپ، ئاچچىق-چۈچۈك كۆكتات ۋە پېتىر نان بىلەن يېسۇن. 9گۆشنى خام پېتى ياكى سۇدا پىشۇرۇپ يېمەي، پۈتۈن مالنى بېشىدىن تۇيىقىغىچە ئىچ باغرى بىلەن قوشۇپ كاۋاپ قىلىپ يېسۇن. 10ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىسىگە قالدۇرماي، شۇ كېچىلا كۆيدۈرۈۋەتسۇن. 11گۆشنى يېگەن ۋاقتىڭلاردا، خۇددى سەپەرگە تەييارلانغاندەك بېلىڭلارنى چىڭ باغلاپ، چورۇقۇڭلارنى كىيىپ، قولۇڭلارغا ھاساڭلارنى تۇتۇپ چاپسان يەڭلار. بۇ، پەرۋەردىگار ئۆتۈپ كېتىدىغان كېچىدۇر.

12ئۇ كېچىسى، مەن پۈتۈن مىسىرنى كېزىپ، مەيلى ئادەم ياكى مالنىڭ بولسۇن، تۇنجى ئەركەكلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرىمەن. مىسىرنىڭ بارلىق ئىلاھلىرىنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىمەن. چۈنكى، مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. 13ئىشىك كېشەكلىرىدىكى قان سىلەر تۇرىدىغان ئۆيلەرنىڭ بەلگىسى. مەن بۇ قانلارنى كۆرگىنىمدە، ئۆيلىرىڭلارغا كىرمەي ئۆتۈپ كېتىمەن. مىسىرلىقلارنى جازالىغان ۋاقتىمدا، سىلەرگە ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەيدۇ.

پېتىر نان ھېيتى

14پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى:

_ سىلەر بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈندە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرپ-ئادىتىڭلار بولسۇن. 15يەتتە كۈنلۈك ھېيت مەزگىلىدە پېتىر نان يەڭلار. ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا، ئۆيلىرىڭلاردىكى خېمىرتۇرۇچنى تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن ئادەم ئىسرائىللار قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. 16ھېيتنىڭ بىرىنچى ۋە يەتتىنچى كۈنلىرى، بىر يەرگە جەم بولۇپ ئىبادەت قىلىڭلار. بۇ ئىككى كۈندە، يېمەكلىك تەييارلاشتىن باشقا ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار. 17پېتىر نان ھېيتى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇڭلار. چۈنكى، مەن مۇشۇ كۈنى سىلەرنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىڭلارنى توپ-توپى بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقىمەن. پېتىر نان ھېيتىنى ئۆتكۈزۈش سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرپ-ئادىتىڭلار بولسۇن. 18ھەر يىلى بىرىنچى ئاينىڭ ئون تۆتىنچى كۈنى كەچقۇرۇندىن باشلاپ يىگىرمە بىرىنچى كۈنى كەچقۇرۇنغىچە، پېتىر نان يەڭلار. 19بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە ئۆيلىرىڭلاردا خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغانلىكى ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېگەن كىشى، مەيلى بۇ يۇرتنىڭ ئادىمى ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن، مېنىڭ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. 20قەيەردە بولۇشۇڭلاردىن قەتئىينەزەر، خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەي، پېتىر نان يەڭلار.

تۇنجى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى

21مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ ھەربىر ئائىلە بىردىن مال تاللاپ، ئۇنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلى سۈپىتىدە سويسۇن.

22قوللىرىغا بىر تۇتام لېپەكگۈل ئېلىپ، داستىكى قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ قېنىغا چىلاپ، ئۇنى ئىشىكلىرىنىڭ بېشى ۋە كېشىكىگە سۈركىسۇن. ئەتىسى ئەتىگەنگىچە، ھېچكىم ئىشىكتىن چىقمىسۇن. 23چۈنكى، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن بۇ زېمىننى كېزىدۇ. ئۇ ئىشىك بېشى ۋە كېشىكىدىكى قاننى كۆرگىنىدە، خاراب قىلغۇچى پەرىشتىنىڭ ئۆيلىرىڭلارغا كىرىپ سىلەرنى ئۆلتۈرۈشىگە يول قويمايدۇ. 24سىلەر ۋە ئەۋلادلىرىڭلار بۇ قائىدىگە مەڭگۈ ئەمەل قىلىڭلار. بۇ سىلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆرپ-ئادىتىڭلار بولسۇن. 25سىلەر پەرۋەردىگار بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا بارغىنىڭلاردىمۇ، بۇ ھېيت مۇراسىمىغا ئەمەل قىلىڭلار. 26ئەگەر پەرزەنتلىرىڭلار سىلەردىن: «بۇ قانداق مۇراسىم؟» دەپ سورىسا، 27سىلەر: «بۇ ئۆتۈپ كېتىش كۈنىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ قىلىنغان قۇربانلىق مۇراسىمىدۇر. چۈنكى، پەرۋەردىگار مىسىردا مىسىرلىقلارنىڭ جېنىنى ئالغان كېچىدە، ئۇ بىز ئىسرائىللارنىڭ ئۆيلىرىدىن ئۆتۈپ كېتىپ، ئائىلىلىرىمىزنى ساقلاپ قالغان.» دەڭلار.

ئىسرائىللار بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، باشلىرىنى ئېگىپ خۇداغا سەجدە قىلىشتى. 28ئاندىن، ئۇلار بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا قىلغان ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى.

تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەكلەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى

29شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە، پەرۋەردىگار تەختتە ئولتۇرغان پادىشاھنىڭ تۇنجىسىدىن تارتىپ تاكى ئەڭ ئەرزىمەس زىنداندىكى مەھبۇسلارنىڭ تۇنجىسىغىچە بولغان مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ جېنىنى ئالدى، شۇنداقلا تۇنجى تۇغۇلغان ماللارنىمۇ ئۆلتۈردى. 30ئۇ كېچە، مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە پۈتۈن مەملىكەت پۇقرالىرى ئورنىدىن تۇرۇپ، قاتتىق يىغا-زار قىلىشتى. چۈنكى، ئادەم ئۆلمىگەن بىرمۇ ئائىلە يوق ئىدى. 31ئۇ كېچە، مىسىر پادىشاھى مۇسا بىلەن ھارۇننى چاقىرتىپ، ئۇلارغا:

_ دەرھال كېتىڭلار! سىلەر ھەممە ئىسرائىللارنى باشلاپ، يۇرتۇمدىن تېز چىقىپ كېتىڭلار. تەلىپىڭلار بويىچە بېرىپ پەرۋەردىگارىڭلارغا ئىبادەت قىلىڭلار. 32كالا، قوي، ئۆچكىلىرىڭلارنىمۇ ئېلىپ كېتىڭلار. ماڭىمۇ خەيرلىك دۇئا قىلىپ قويۇڭلار، _ دېدى.

33مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى ئۆز يۇرتىدىن چاپسان كېتىشكە ئالدىراتتى. ئۇلار:

_ سىلەر چىقىپ كەتمىسەڭلار، بىز ئۆلۈپ تۈگەيدىكەنمىز، _ دېيىشتى. 34شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار پېتىر خېمىرلارنى تەڭنىلەرگە سېلىپ، كىيىم-كېچەكلىرى بىلەن يۆگەپ، مۈرىسىگە قويۇپ ئېلىپ مېڭىشتى. 35ئۇلار يەنە مۇسانىڭ تاپىلىغىنى بويىچە مىسىرلىقلاردىن ئالتۇن-كۈمۈش زىننەت بۇيۇملار ۋە كىيىم-كېچەكلەرنى سوراپ ئېلىشتى. 36پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنى ئىسرائىللارنى يېقىن كۆرىدىغان قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا، ئۇلار مىسىرلىقلاردىن نېمە سورىسا، شۇنى بەردى. شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىللار مىسىرلىقلارنىڭ بايلىقلىرىنى ئېلىپ كەتتى.

ئىسرائىللارنىڭ مىسىردىن چىقىپ كېتىشى

37ئىسرائىللار رەمىس شەھىرىدىن سۇككوت شەھىرىگە قاراپ پىيادە يولغا چىققىنىدا، ئاياللار بىلەن بالىلارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەقەت ئەرلەرلا ئالتە يۈز مىڭ كىشى ئىدى. 38كۆپلىگەن يات قەبىلىلىكلەرمۇ ئۇلارغا قوشۇلۇپ، نۇرغۇن كالا-قويلىرىنى ئېلىپ بىللە مېڭىشتى. 39ئۇلار مىسىردىن ئېلىپ كەلگەن خېمىرلاردىن پېتىر نان قىلدى. چۈنكى، ئۇلار مىسىردىن تېز چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغاچقا، خېمىر كۆپتۈرۈپ، يېمەكلىك تەييارلىۋېلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەنىدى.

40ئىسرائىللار مىسىردا جەمئىي تۆت يۈز ئوتتۇز يىل تۇردى. 41دەل تۆت يۈز ئوتتۇز يىل توشقان كۈنى، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرى مىسىردىن چىقتى. 42شۇ كۈنى كېچىدە، پەرۋەردىگار ئۆزى ئۇلارنى مىسىردىن مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ چىققانىدى. شۇڭا، ئىسرائىللار بۇ كېچىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ھەر يىلى خاتىرىلەيدىغان بولدى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى

43پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېگەنىدى:

_ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى مۇنۇلاردىن ئىبارەت: ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق گۆشىنى يات قەبىلىلىكلەر يېمىسۇن. 44لېكىن، ئۆزۈڭلار سېتىۋالغان ھەم خەتنە قىلدۇرغان قۇللار يېسە بولىدۇ. 45ئۆيۈڭلاردا ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ياتلار ۋە چاكارلار ئۇنى يېسە بولمايدۇ. 46قوينىڭ گۆشى تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىلماي، ئۆينىڭ ئىچىدىلا يېيىلسۇن. قوينىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇندۇرۇلمىسۇن. 47پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى بۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە رىئايە قىلسۇن. 48ئەگەر ئاراڭلاردا ئولتۇرىدىغان يات قەبىلىلىكلەر پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلاي دەپ، بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈشنى خالىسا، ئالدى بىلەن ئۆز ئائىلىسىدىكى پۈتۈن ئەرلەرنى خەتنە قىلدۇرسۇن. شۇنداق قىلغاندا، ئۇلار ئىسرائىللارغا ئوخشاش، بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزەلەيدۇ. لېكىن، خەتنە قىلىنمىغانلار قوينىڭ گۆشىنى يېمىسۇن. 49مەيلى ئىسرائىللار بولسۇن، مەيلى ئىسرائىللار ئارىسىدا ئولتۇرىدىغان يات قەبىلىلىكلەر بولسۇن، ھەممىسى مانا شۇ قائىدە-تۈزۈملەرگە ئەمەل قىلىشى لازىم.

50ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا بىلەن ھارۇنغا بۇيرۇغان قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلدى. 51پەرۋەردىگار مانا شۇ كۈنى ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى.

 

13

تۇنجى تۇغۇلغاننى خۇداغا ئاتاش

1پەرۋەردىگار بۇرۇن مۇساغا:

2_ سىلەر تۇنجى ئوغلۇڭلارنى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مالنى ماڭا ئاتاڭلار. چۈنكى، ئىسرائىللارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرى ۋە تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك ماللىرى ماڭا مەنسۇپتۇر، _ دېگەنىدى.

3مۇسا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى:

_ بۇ كۈننى ئېسىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار. چۈنكى، بۇ كۈن سىلەر قۇللۇقتا ياشىغان مىسىر زېمىنىدىن يولغا چىققان كۈن. بۇ كۈن پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى ئۇ يەردىن ئېلىپ چىققان كۈندۇر. شۇڭا، سىلەر ھەر يىلى بۇ كۈنى خېمىرتۇرۇچ ئارىلاشتۇرۇلغان ھەرقانداق يېمەكلىكنى يېمەڭلار. 4سىلەر مىسىردىن يولغا چىققان بۇ كۈن، زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھاردىكى بىر كۈندۇر. 5پەرۋەردىگار سىلەرنى قانانلار، خىتلار، ئامورلار، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ زېمىنلىرىغا ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، سىلەر ھەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ كۈننى مۇبارەكلەپ ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار. چۈنكى، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بۇ مۇنبەت زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئەجدادلىرىڭلارغا قەسەم بەرگەن. 6ھېيت مەزگىلىدە، يەتتە كۈنگىچە پېتىر نان يەڭلار. يەتتىنچى كۈنى، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئالاھىدە ئىبادەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈڭلار. 7بۇ يەتتە كۈن ئىچىدە پېتىر نان يەڭلار. ئاراڭلاردا، ھەتتا زېمىن تەۋەلىكىڭلاردىمۇ خېمىرتۇرۇچ بولمىسۇن. 8ھېيت كۈنلىرى، سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا بۇ ھېيتنىڭ سىلەرنىڭ مىسىردىن ئايرىلغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار كۆرسەتكەن پۈتۈن مۆجىزىلەرنى ئەسلەش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈڭلار. 9پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقلىرىنى ھەمىشە ئېغىزدىن چۈشۈرمەسلىكىڭلار ئۈچۈن، بۇ ھېيت خۇددى قولۇڭلارغا ياكى پېشانەڭلارغا چېكىپ قويۇلغان بەلگىدەك، سىلەرگە ئەسلىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى. 10شۇڭا، سىلەر ھەر يىلى مەن بەلگىلىگەن مۇشۇ ۋاقىتتا بۇ ھېيتنى ئۆتكۈزۈڭلار.

11پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋە سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلارغا ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ سىلەرنى قانانلىقلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇ يەرنى سىلەرگە تەقدىم قىلغاندىن كېيىن، 12سىلەر تۇنجى تۇغۇلغاننى پەرۋەردىگارغا ئاتىشىڭلار لازىم. پۈتۈن تۇنجى ئوغۇل ۋە چارۋا ماللارنىڭ تۇنجىسى پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولسۇن. 13سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار.* لېكىن، تۇنجى ئوغۇللىرىڭلارنى چوقۇم بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋېلىڭلار. 14كەلگۈسىدە ئوغۇللىرىڭلار: «بۇنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىسا، سىلەر: «پەرۋەردىگار زور قۇدرىتى بىلەن بىزنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان. 15ئۇ چاغدا، مىسىر پادىشاھى جاھىللىق قىلىپ، بىزنى چېگرىدىن چىقارمىغانىدى. شۇڭا، پەرۋەردىگار مىسىرلىقلارنىڭ تۇنجى ئوغۇللىرىنى ۋە ھايۋانلىرىنىڭ تۇنجى ئەركەك بالىلىرىنى ھالاك قىلدى. شۇ سەۋەبتىن، بىز پۈتۈن چارۋا ماللىرىمىزنىڭ تۇنجى ئەركەك بالىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلىمىز. بىراق، تۇنجى ئوغۇللىرىمىزنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالىمىز. 16بىزنىڭ بۇ قائىدىگە ئەمەل قىلىشىمىز خۇددى قولىمىزغا ياكى پېشانىمىزگە چېكىپ قويۇلغان بەلگە مەلۇم نەرسىنى بىزگە ئەسلىتىپ تۇرغانغا ئوخشاش، بىزنىڭمۇ پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىنى ئەسلەپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈندۇر» دەپ جاۋاب بېرىڭلار.

بۇلۇت تۈۋرۈكى ۋە ئوت تۈۋرۈكى

17مىسىر پادىشاھى ئىسرائىللارنى قويۇپ بەرگەن ۋاقىتتا، گەرچە ئۇلارنىڭ فىلىستىنلىكلەر زېمىنى بىلەن مېڭىشى مەنزىلگە يېقىن بولسىمۇ، خۇدا ئۇلارنى ئۇ يولغا باشلىمىدى. چۈنكى، خۇدا: «خەلقىم جەڭگە ئۇچراپ قالسا، بەلكىم پۇشايمان قىلىپ، مىسىرغا قايتىپ كېتىشى مۇمكىن» دەپ ئويلىغانىدى. 18شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.

19مۇسا يۈسۈپنىڭ جەسەت-سۆڭىكىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. چۈنكى، يۈسۈپ ئۆز قان-قېرىنداشلىرى بولغان ئىسرائىلنىڭ ئوغۇللىرى ئالدىدا: «خۇدا سىلەرنى چوقۇم قۇتقۇزىدۇ. شۇ چاغدا، سىلەر چوقۇم مېنىڭ جەسەت-سۆڭىكىمنى بىللە ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ، ئۇلارنى قەسەم قىلدۇرغانىدى.

20ئىسرائىللار سۇككوت شەھىرىدىن چىقىپ، چۆلنىڭ بويىدىكى ئەتام دېگەن يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى. 21پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارغا يول باشلىسا، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ يولىنى يورۇتتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار كېچە-كۈندۈز ماڭالايدىغان بولدى. 22پەرۋەردىگار كۈندۈزى بۇلۇت تۈۋرۈكىنى، كېچىسى ئوت تۈۋرۈكىنى خەلقتىن ئايرىۋەتمىدى.



*13ئۇلاغلارنىڭ ئورنىغا قويلارنى قۇربانلىق قىلىش رۇخسىتىنىڭ بېرىلىشىدە ئۇلاغلارنىڭ ئىقتىسادىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى نەزەرگە ئېلىنغان.



 

14

ئىسرائىللارنىڭ قىزىل دېڭىزدىن ئۆتۈشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئۇلار كەينىگە بۇرۇلۇپ، مىگدول شەھىرى بىلەن دېڭىز ئارىلىقىدىكى پى-ھاھىروت دېگەن يەرنىڭ يېنىدا قونۇپ، چېدىرلىرىنى بائال-سەفونغا قارىتىپ دېڭىز بويىدا تىكسۇن. 3بۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى «ئىسرائىللار ئايلىنىپ يۈرۈپ، ئاخىر يولدىن ئادىشىپ، چۆلدە قامىلىپ قالدى» دەپ ئويلىسۇن. 4مەن ئۇنى جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ سىلەرنىڭ كەينىڭلاردىن قوغلايدۇ. ئۇ چاغدا، مەن مىسىر پادىشاھى بىلەن ئۇنىڭ قوشۇنىنى يېڭىمەن-دە، ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقۇمنى بىلىدۇ. مىسىرلىقلارمۇ مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى تونۇپ يېتىدۇ، _ دېدى. ئىسرائىللار خۇدانىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە ئۇ يەردە چېدىرلىرىنى تىكتى.

5مىسىر پادىشاھى «ئىسرائىللار قېچىپ كەتتى» دېگەن خەۋەرنى ئاڭلاپ، ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە قارارىنى ئۆزگەرتىپ:

_ بىز نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئەخمەقلىق قىلدۇق؟ بىز ئىسرائىللارنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويۇپ، نۇرغۇن قۇلدىن مەھرۇم قاپتۇق! _ دېيىشتى. 6شۇنىڭ بىلەن، مىسىر پادىشاھى شاھانە جەڭ ھارۋىسىنى تەييار قىلدۇرۇپ، قوشۇنىنى باشلاپ يولغا چىقتى. 7مىسىردىكى بارلىق جەڭ ھارۋىلىرىدىن سىرت، ئۇ يەنە تاللانغان ئالتە يۈز جەڭ ھارۋىسىنىمۇ ئېلىپ ماڭدى. ھەربىر جەڭ ھارۋىسىنىڭ لەشكەر باشلىقى بار ئىدى. 8پەرۋەردىگار مىسىر پادىشاھىنى جاھىللاشتۇردى. بۇنىڭ بىلەن، پادىشاھ مىسىردىن زەپەر بىلەن چىقىپ كېتىۋاتقان ئىسرائىللارنىڭ كەينىدىن قوغلىدى. 9مىسىر قوشۇنى، جۈملىدىن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پىيادە لەشكەرلەر ئىسرائىللارنى تاكى قىزىل دېڭىز بويىدىكى ئۇلار چېدىر قۇرغان جايغىچە توختىماي قوغلاپ باردى. ئۇ يەر پى-ھاھىروتنىڭ يېنىدا بولۇپ، بائال-سەفوننىڭ قارشى تەرىپىدە ئىدى.

10ئىسرائىللار مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىڭ ئۇلارنى قوغلاپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن ئىنتايىن قورقۇپ، پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلدى. 11ئۇلار مۇساغا:

_ بىزنى مىسىردىن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگىنىڭىز نېمىسى؟ بىزنى چۆل-باياۋاندا ئۆلسۇن دېمەكچىمۇسىز؟ ئەجەبا، مىسىردا بىز ياتقۇدەك گۆرمۇ تېپىلماسمىدى؟ 12ئۆز ۋاقتىدا، بىز سىزگە: «بولدى قىلىڭ، مىسىردا قۇل بولساق بولايلى» دېمىگەنمىدۇق؟! قۇل بولۇش ھامان چۆلدە ئۆلگەندىن ياخشى ئەمەسمىدى؟! _ دېيىشتى.

13بىراق، مۇسا ئۇلارغا:

_ قورقماڭلار، تەۋرەنمەڭلار! بۈگۈن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى قانداق قۇتقۇزىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. سىلەر بۈگۈن كۆرگەن مىسىرلىقلارنى ئىككىنچى كۆرمەيسىلەر. 14پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. سىلەر شۈك تۇرۇڭلار، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

15پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ ماڭا يېلىنما! ئىسرائىللارغا: «مېڭىڭلار» دەپ بۇيرۇغىن. 16ئاندىن، تايىقىڭنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىغىن. شۇنداقتا، دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنىدۇ-دە، ئىسرائىللار قۇرۇق يەردىن مېڭىپ ئۆتەلەيدۇ. 17مەن مىسىرلىقلارنى جاھىللاشتۇرىمەن. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار سىلەرنىڭ ئارقىڭلاردىن قوغلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن، مەن مىسىر پادىشاھى، ئۇنىڭ لەشكەرلىرى، جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىمەن. شۇنداق قىلىپ، ھەممە ئادەم مېنىڭ قانچىلىك ئۇلۇغلۇقۇمنى بىلىدۇ. 18مەن ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغىنىمدا، ئۇلار مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، _ دېدى.

19ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدا يول باشلاپ مېڭىۋاتقان خۇدانىڭ پەرىشتىسى ئەمدى ئۇلارنىڭ كەينىگە ئۆتتى. بۇلۇت تۈۋرۈكىمۇ كەينىگە ئۆتۈپ، 20مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇلۇت مىسىرلىقلارغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈردى، لېكىن ئىسرائىللارنى يورۇتتى. شۇڭا، مىسىر قوشۇنى ئىسرائىللارغا كېچىچە يېقىن كېلەلمىدى.

21مۇسا دېڭىزغا قولىنى شىلتىدى. پەرۋەردىگار بىر كېچە قاتتىق شەرق شامىلى چىقىرىپ، دېڭىز سۈيىنى كەينىگە ياندۇردى. دېڭىز سۈيى ئىككىگە بۆلۈنۈپ، قۇرۇقلۇق پەيدا بولدى. 22ئىسرائىللار دېڭىز ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇقلۇقتىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتتى. سۇلار ئېگىز تامدەك كۆتۈرۈلگەن ھالدا ئۇلارنىڭ ئىككى تەرىپىدە تۇراتتى. 23مىسىرلىقلار، جۈملىدىن پادىشاھنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى ئۇلارنى قوغلاپ، دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىردى. 24تاڭ سۈزۈلەي دېگەندە، پەرۋەردىگار ئوت ۋە بۇلۇت تۈۋرۈكى ئىچىدىن مىسىر قوشۇنىغا قاراپ، ئۇلارنى قالايمىقان قىلىۋەتتى. 25ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرىنىڭ چاقلىرى چۈشۈپ قېلىپ، ئۇلار داۋاملىق مېڭىشقا ئامالسىز قالدى. مىسىرلىقلار:

_ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا ياردەم قىلىپ، بىزنى مەغلۇپ قىلدى. تېز قاچايلى! _ دېيىشتى.

26پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ دېڭىزغا قولۇڭنى ئۇزات، بۆلۈنگەن سۇ ئەسلىگە كەلسۇن. مىسىرلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلىرى سۇغا غەرق بولسۇن، _ دېدى. 27بۇ، تاڭ ئاتقان ۋاقىت بولۇپ، مۇسا قولىنى دېڭىزغا قارىتىپ شىلتىدى. بۇنىڭ بىلەن، سۇ يەنە ئەسلىگە قايتتى. مىسىرلىقلار ئىككى تەرەپتىن كېلىۋاتقان سۇنىڭ ئىچىدىن قاچتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى دېڭىزدا ھالاك قىلىۋەتتى. 28دېڭىز سۈيى ئەسلىگە قايتىپ، ئىسرائىللارنى قوغلىغان پۈتۈن جەڭ ھارۋىلىرى، ئاتلىق لەشكەرلەر ۋە پۈتۈن مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي غەرق قىلىۋەتتى. 29لېكىن، ئىسرائىللار قۇرۇق جاي بىلەن دېڭىزدىن ئۆتكەندە، سۇ خۇددى ئىككى تامدەك كۆتۈرۈلۈپ، ئىككى تەرەپكە بۆلۈندى. 30ئىسرائىللار دېڭىز بويىدا مىسىرلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزغانلىقىنى بىلدى. 31ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ زور قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشەندى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى.

 

15

مۇسانىڭ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشى

1شۇ چاغدا، مۇسا بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنى مەدھىيىلەپ، مۇنداق ناخشا ئېيتتى:

«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئېيتىمەن، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى،

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى.

2پەرۋەردىگار مېنىڭ قۇدرىتىم، مېنىڭ ناخشام، ئۇ مېنى قۇتۇلدۇردى.

ئۇ مېنىڭ خۇدايىمدۇر، شۇڭا ماختايمەن ئۇنى،

ئۇ ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدادۇر، شۇڭا مەدھىيىلەيمەن ئۇنى.

3پەرۋەردىگار جەڭچىدۇر، «مەڭگۈ بار بولغۇچى» ئۇنىڭ نامى،

4دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇ مىسىر قوشۇنىنى ھەم جەڭ ھارۋىلىرىنى،

قىزىل دېڭىزغا غەرق قىلدى ئۇ ئۇلارنىڭ ئالىي لەشكەر باشلىقلىرىنى.

5چوڭقۇر دېڭىز يۇتتى ئۇلارنى،

ئۇلار تاشتەك دېڭىزغا چۆكتى.

6سېنىڭ ئوڭ قولۇڭ، ئى پەرۋەردىگار، قۇدرەتتە كامال تاپتى،

شۇڭا سەن، ئى پەرۋەردىگار، تارمار قىلدىڭ رەقىبىڭنى.

7چەكسىز ھەيۋىتىڭ يەر بىلەن يەكسان قىلدى ساڭا قارشى چىققانلارنى،

قەھر-غەزىپىڭ ساماندەك ئۆرتىدى ئۇلارنى.

8كۈچلۈك تىنىقىڭدىن سۇلار تامدەك تىكلىنىپ،

دېڭىز تېگى قۇرۇقلۇققا ئايلاندى.

9دۈشمەن: ‹ئۇلارنى قوغلاپ تۇتىمەن› دەپ جار سالدى.

‹مال-مۈلكىنى ئولجا ئېلىپ، قىلىچلاپ يوقىتىپ دەردىمنى ئالىمەن› دېدى.

10بىراق، ئۇ چاغدا سەن بوران چىقىرىپ، دېڭىزغا غەرق قىلدىڭ ئۇلارنى.

ئۇلار گويا قوغۇشۇندەك، سۇنىڭ تېگىگە چۆكتى.

11ئى پەرۋەردىگار، ئالەمدە نەدە بولسۇن سەندەك بىر ئىلاھ؟

كىمدە بولسۇن سەندىكىدەك ھەيۋەت، ئۇلۇغ شان-شەرەپ؟

كىممۇ ساڭا ئوخشاش، كۆرسىتەلىسۇن مۆجىزە-كارامەت؟

12ئوڭ قولۇڭنى سوزغانىدىڭ، زېمىن يۇتتى رەقىبىڭنى.

13مېھرىڭ بىلەن يېتەكلەيسەن قۇتۇلدۇرغان خەلقىڭنى،

مۇقەددەس ماكانىڭغا باشلاپ كېلىسەن قۇدرىتىڭ بىلەن ئۇلارنى.

14بۇلارنى ئاڭلىسا تىتىرەك باسار جىمى ئالەمنى،

ۋەھىمە باسار فىلىستىن خەلقىنى.

15ئىدومنىڭ ئەمىرلىرى قورقۇشۇپ كېتەر،

موئابنىڭ باتۇرلىرىنى ھەم تىترەك باسار.

قانانلىقلارمۇ ۋەھىمىگە چۈشەر،

16ئۇلارغا دەھشەت ۋەھىمە چۈشەر.

كۆرگىنىدە، ئى پەرۋەردىگار، زور قۇدرىتىڭنى،

قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭ ئۆتۈپ بولغۇچە ئۇلار ئالدىدىن،

ئۇلار تېڭىرقاپ تۇرۇشۇپ قالار.

17باشلاپ كېلىپ ئۇلارنى ئۆز تېغىڭغا،

ئۇ يەردە ئۇلارنى كۆچەت قىلىپ يېتىشتۈرەرسەن.

سەن پەرۋەردىگار تاللىغان ماكاندۇر ئۇ،

مۇقەددەس تۇرالغۇنى ئۇ يەردە سالارسەن.

18ئەبەدىلئەبەد پادىشاھ بولغايسەن، ئى پەرۋەردىگار!»

19مىسىرنىڭ جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىق لەشكەرلىرى دېڭىزدىكى قۇرۇق يولغا كىرگەندە، پەرۋەردىگار دېڭىز سۈيىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۇلارنى سۇغا غەرق قىلىۋەتكەنىدى. بىراق، ئىسرائىللار بولسا دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى قۇرۇق يەردىن مېڭىپ، دېڭىزدىن ئۆتۈپ كەتكەنىدى. 20ھارۇننىڭ ھەدىسى مەريەم پەيغەمبەر قولىغا داپ تۇتقانىدى، نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى. 21مەريەم خۇدانى مەدھىيىلەپ، ئۇلارغا مۇنداق ناخشا ئېيتىپ بەردى:

«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى.

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى.»

ماراھتىكى ئاچچىق سۇ

22كېيىن، مۇسا ئىسرائىللارنى قىزىل دېڭىزدىن باشلاپ، شۇر چۆلىگە ئېلىپ كەلدى. ئۇلار چۆلدە ئۇدا ئۈچ كۈن مېڭىپ، سۇ تاپالماي، 23ئاخىر ماراھقا يېتىپ كەلدى. ئۇ يەرنىڭ سۈيى ئاچچىق بولۇپ، ئىچكىلى بولمايتتى. شۇڭا، ئۇ يەر ماراھ [«ئاچچىق» دېگەن مەنىدە] دەپ ئاتالدى.

24خالايىق مۇسادىن:

_ نېمە ئىچىمىز؟ _ دەپ، ئۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى. 25مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ تەلەپ قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بىر شاخنى كۆرسەتتى. ئۇ شاخنى سۇغا تاشلىغانىدى، ئاچچىق سۇ ئىچكىلى بولىدىغان تاتلىق سۇغا ئايلاندى.

پەرۋەردىگار ئۇلارنى سىناش ئۈچۈن، ئۇ يەردە ئۇلارغا ئۆز تەلەپ ۋە شەرتلىرىنى ئېلان قىلدى. 26پەرۋەردىگار:

_ ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگار خۇدا بولغان مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سېلىپ، م ېنىڭ نەزىرىمدىكى دۇرۇس ئىشلارنى قىلىپ، مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمغا تولۇق ئەمەل قىلساڭلار، ئۇ چاغدا مەن مىسىرلىقلارغا كەلتۈرگەن كېسەللەرنى سىلەرگە كەلتۈرمەيمەن. مەن سىلەرگە شىپالىق بېرىدىغان پەرۋەردىگاردۇرمەن، _ دېدى.

27ئاندىن كېيىن، ئۇلار ئېلىم دېگەن يەرگە يېتىپ كەلدى. ئۇ يەردە ئون ئىككى بۇلاق، يەتمىش تۈپ خورما دەرىخى بار ئىدى. شۇڭا، ئۇلار سۇ بويىدا چېدىرلىرىنى تىكتى.

 

16

ماننا بىلەن بۆدۈنە

1پۈتۈن ئىسرائىللار ئېلىم دېگەن يەردىن يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار مىسىردىن ئايرىلىپ بىر يېرىم ئايدىن كېيىن، ئېلىم بىلەن سىناي تېغىنىڭ ئارىلىقىدىكى سىين چۆلىگە يېتىپ باردى. 2چۆلدە ئۇلار مۇسا بىلەن ھارۇنغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، 3ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار بىزنى مىسىردا ئۆلتۈرۈۋەتكەن بولسىمۇ بولار ئىكەن. ئۇ يەردە ھېچبولمىغاندا قازاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، گۆش ۋە باشقا يېمەكلىكلەرنى تويغۇدەك يەيتتۇق. لېكىن، سىلەر بىزنى چۆلگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە ئاچلىقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولۇۋاتىسىلەر، _ دېيىشتى.

4بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ مەن ئاسماندىن يېمەكلىك ياغدۇرىمەن. ئىسرائىللار ھەر كۈنى چىقىپ، شۇ كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن. بۇ ئارقىلىق مەن ئۇلارنى سىناپ، ئۇلارنىڭ يوليورۇقلىرىمغا ئىتائەت قىلغان-قىلمىغانلىقىغا قارايمەن. 5ھەر ھەپتىنىڭ ئالتىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇلار ئىككى كۈنلۈك ئوزۇقىنى يىغىۋالسۇن، _ دېدى.

6شۇڭا، مۇسا بىلەن ھارۇن ئىسرائىللارغا:

_ بۈگۈن كېچە، سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققۇچىنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 7ئەتە ئەتىگەندە، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسىلەر. رەنجىگەنلىكىڭلار ئۇنىڭ قۇلىقىغا يەتتى. سىلەرنىڭ نارازىلىقىڭلار ئۇنىڭغا قارىتىلغاندۇر. بىزگە قارشى نارازىلىق بىلدۈرگۈدەك بىز كىم ئىدۇق؟ 8پەرۋەردىگار كەچتە سىلەرگە گۆش بېرىدۇ. ئەتىگەندە سىلەرنى تويغۇدەك نان بىلەن تەمىنلەيدۇ. چۈنكى، ئۇ سىلەرنىڭ رەنجىگەنلىكىڭلارنى ئاڭلىدى. سىلەرنىڭ بىزدىن رەنجىگىنىڭلار، ئەمەلىيەتتە پەرۋەردىگاردىن رەنجىگەنلىكىڭلاردۇر! _ دېدى.

9ئاندىن، مۇسا ھارۇنغا:

_ سەن بېرىپ، پۈتۈن خالايىققا: «پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يىغىلىڭلار، چۈنكى ئۇ سىلەرنىڭ نارازىلىقىڭلارنى ئاڭلىدى» دېگىن، _ دېدى. 10ھارۇن پۈتۈن خالايىققا گەپ قىلىۋاتقان ۋاقتىدا، ئۇلار چۆللۈككە قارىۋىدى، پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ بۇلۇتلار ئارىسىدا جەۋلان قىلىپ تۇرغانلىقىنى كۆردى. 11شۇ چاغدا، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

12_ مەن ئىسرائىللارنىڭ رەنجىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم. سەن ئۇلارغا: «خۇدا: ‹كەچقۇرۇن گۆش، ئەتىگەندە تويغۇدەك نان يەيسىلەر. بۇنىڭ بىلەن، سىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىسىلەر› دېدى»، _ دېگىن.

13كەچقۇرۇن، سان-ساناقسىز بۆدۈنە ئۇچۇپ كېلىپ، پۈتۈن قارارگاھنى قاپلىدى. ئەتىسى سەھەردە قارارگاھنىڭ ئەتراپىدىكى يەر يۈزىگە شەبنەم چۈشكەنىدى. 14شەبنەم پارلانغاندىن كېيىن، چۆللۈكنىڭ يەر يۈزىدە نېپىز بىر قەۋەت قىرودەك نەرسە كۆرۈندى. 15ئىسرائىللار بۇنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىشەلمەي، بىر-بىرىدىن:

_ بۇ نېمىدۇ؟ _ دەپ سوراشتى.

مۇسا ئۇلارغا:

_ بۇ بولسا پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان يېمەكلىك. 16پەرۋەردىگار ھەربىرىڭلارنى ئۆز ئېھتىياجىغا قاراپ، ھەربىر ئائىلە كىشى بېشىغا ئىككى قاچىدىن يىغىۋالسۇن، دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى.

17ئىسرائىللار خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە ئىش كۆردى. بەزىلەر كۆپرەك يىغىۋالدى، بەزىلەر ئازراق يىغىۋالدى. 18كۆپرەك «قىرو» يىغىۋالغانلارنىڭ ئېشىپ قالمىدى، ئاز يىغىۋالغانلارنىڭمۇ كېمىپ قالمىدى. ھەممەيلەننىڭ يىغىۋالغىنى ئۆز ئېھتىياجىغا دەلمۇدەل ئىدى. 19مۇسا ئۇلارغا:

_ يېمەكلىكنى ئىككىنچى كۈنىگە ئاشۇرۇپ قويۇشقا رۇخسەت يوق، _ دېدى. 20لېكىن، بەزىلەر مۇسانىڭ سۆزىنى ئاڭلىماي، ئەتىسى ئەتىگەنگە بىرئاز ئاشۇرۇپ قويدى. بىراق، ئاشۇرۇپ قويۇلغان يېمەكلىكنىڭ ھەممىسى قۇرۇتلاپ سېسىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئۇلارغا خاپا بولدى.

21ھەممە ئادەم ھەر كۈنى ئەتىگەندىلا چىقىپ، ئۆزىگە ئېھتىياجلىق يېمەكلىك يىغىۋالاتتى. چۈنكى كۈن قىزىغان ۋاقىتتا، يېمەكلىك ئېرىپ كېتەتتى. 22ئالتىنچى كۈنى، ئۇلار بىر ھەسسە ئارتۇق، يەنى ھەر كىشى تۆت قاچىدىن يېمەكلىك يىغىۋالدى. خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللار بۇ ئىشنى مۇساغا مەلۇم قىلدى. 23مۇسا ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار: «ئەتە دەم ئېلىش كۈنى. بۇ كۈن پەرۋەردىگارغا ئاتىلىشى كېرەك. بۈگۈن ئوتتا قاقلاپ ۋە سۇدا قاينىتىپ پىشۇرىدىغانلىرىڭلارنى خالىغىنىڭلارچە پىشۇرۇڭلار. ئېشىپ قالغىنىنى ئەتىگە قالدۇرۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان، _ دېدى. 24ئۇلار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئېشىپ قالغان يېمەكلىكلەرنى ئىككىنچى كۈنىگە قالدۇرغىنىدا، قۇرۇتلاپمۇ كەتمىدى، سېسىپمۇ قالمىدى. 25مۇسا ئۇلارغا:

_ بۈگۈن مۇشۇ يېمەكلىكلەرنى يەڭلار. چۈنكى، پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدە سىلەر يەردىن ھېچقانداق يېمەكلىك تاپالمايسىلەر. 26سىلەر چوقۇم ئالتە كۈن ئىچىدە يېمەكلىك يىغىۋېلىڭلار، يەتتىنچى كۈنى دەم ئېلىش كۈنى بولۇپ، بۇ كۈنى ھېچ نەرسە تاپالمايسىلەر، _ دېدى.

27يەتتىنچى كۈنى، بەزىلەر يەنىلا يېمەكلىك يىغقىلى چىققانىدى. لېكىن، ئۇلار ھېچ نەرسە تاپالمىدى. 28پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ بۇ خەلق ھېلىغىچە مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى رەت قىلىۋاتامدۇ؟ 29ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەن بولسام پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن سىلەرگە دەم ئېلىش كۈنى ئاتا قىلدىم. شۇ سەۋەبتىن، ئالتىنچى كۈنى سىلەرگە ئىككى كۈنلۈك يېمەكلىك بەردىم. يەتتىنچى كۈنى، ھەممە ئادەم سىرتقا چىقماي، ئۆيىدە ئولتۇرسۇن، _ دېدى. 30شۇڭا، ئىسرائىللار يەتتىنچى كۈنى ئىش قىلماي دەم ئېلىشتى.

31ئىسرائىللار بۇ يېمەكلىكنى ماننا، دەپ ئاتىدى. ئۇ ئاشكۆكىنىڭ ئۇرۇقىغا ئوخشاش ئاق رەڭلىك بولۇپ، تەمى ھەسەل قوشۇلغان نانغا ئوخشايتتى. 32مۇسا ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار بىزگە: «ئەۋلادلىرىڭلارنىڭ مېنىڭ سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋاندا يېمەكلىك بىلەن تەمىنلىگەنلىكىمنى بىلىشى ئۈچۈن، ماننادىن ئىككى قاچا ساقلاپ قويۇڭلار» دېگەن، _ دېدى 33ۋە ھارۇنغا:

_ بىر كومزەككە ئىككى قاچا كەلگۈدەك ماننا ئېلىپ، ئەۋلادلىرىمىزغا ساقلاپ قويۇش ئۈچۈن، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا قويۇپ قويغىن، _ دېدى. 34ۋاقتى كەلگەندە، ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا چۈشۈرگەن ئەمرى بويىچە كومزەكنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ* ئىچىگە، پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنىڭ ئالدىغا قويۇپ ساقلاپ قويدى. 35ئىسرائىللار تاكى تېرىلغۇ يېرى بار بولغان قانان زېمىنىغا بېرىپ ئولتۇراقلاشقۇچە، جەمئىي قىرىق يىل ماننا يېدى. 36(ئەينى زاماندا، ئۆلچەم قاچىسىنىڭ سىغىمى يىگىرمە لىتىر نەرسە پاتقۇدەك ئىدى.)



*34ئەھدە ساندۇقىنىڭ تەسۋىرىنى بىلىش ئۈچۈن 25-باب، 10 _ 22-ئايەتلەرگە قارالسۇن.



 

17

ئۇيۇل تاشتىن چىققان سۇ

1ئىسرائىل خەلقى سىين چۆلىدىن چىقىپ، پەرۋەردىگارنىڭ يوليورۇقى بىلەن قەدەممۇ قەدەم سەپەر قىلىپ، رەفىدىمدە قوندى. بىراق، ئۇ يەردە سۇ يوق ئىدى. 2شۇڭا، ئۇلار يەنە مۇسادىن رەنجىپ:

_ بىزگە ئىچكىلى سۇ بەرگەيسىز! _ دېدى.

مۇسا ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا رەنجىيسىلەر؟ نېمىشقا پەرۋەردىگارنى سىنايسىلەر؟ _ دېدى.

3لېكىن، خالايىق ئىنتايىن ئۇسساپ كەتكەچكە، مۇساغا داۋاملىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ:

_ بىزنى مىسىردىن زادى نېمىشقا ئېلىپ چىقتىڭىز؟ سىز بىزنى، بالىلىرىمىزنى ۋە چارۋا ماللىرىمىزنى ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلتۈرمەكچىمۇ؟ _ دېدى.

4شۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ:

_ خالايىقنى قانداق قىلاي؟ ئۇلار مېنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدىغان يەرگە يەتتى، _ دېدى.

5پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىدىن بىرنەچچىسىنى ئېلىپ، خەلق ئالدىدىن ئۆت. قولۇڭغا نىل دەرياسىغا ئۇرغان تاياقنى ئېلىۋال. 6مەن سېنىڭ ئالدىڭدا سىناي تېغىدىكى بىر ئۇيۇل تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرىمەن. سەن ئۇيۇل تاشنى ئۇرغىنىڭدا، سىلەرگە ئىچكىلى سۇ چىقىدۇ، _ دېدى. مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىنىڭ ئالدىدا شۇنداق قىلغاندا، سۇ ئېتىلىپ چىقتى. 7مۇسا ئۇ يەرنى ماسسا ۋە مەرىبا [مەنىسى «سىناش ۋە رەنجىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى، ئىسرائىللار ئۇ يەردە رەنجىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.

ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش

8ئامالەكلەر رەفىدىمگە كېلىپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى. 9مۇسا يەشۇغا:

_ سەن ئەتە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئادەم تاللىغىن. مەن بولسام قولۇمغا خۇدا ماڭا ئېلىپ يۈرۈشكە ئەمر قىلغان تاياقنى تۇتۇپ تاغنىڭ چوققىسىدا تۇرىمەن، _ دېدى. 10يەشۇ مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلدى. مۇسا، ھارۇن ۋە خۇرلار تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ جەڭنى كۆزەتتى. 11مۇسا قولىنى كۆتۈرسە، ئىسرائىللار ئۈستۈن كېلەتتى. قولىنى چۈشۈرسە، ئامالەكلەر ئۈستۈن كېلەتتى. 12مۇسانىڭ قوللىرى تېلىپ قالغاندا، ھارۇن بىلەن خۇر بىر تاشنى يۆتكەپ كېلىپ، مۇسانى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئولتۇرغۇزۇپ، تاكى كۈن پاتقۇچە ئىككى يېنىدا مۇسانىڭ قوللىرىنى يۆلەپ تۇردى. 13شۇنداق قىلىپ، يەشۇ ئامالەكلەر قوشۇنىنى قىلىچلاپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى.

14ئاندىن، پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ بۈگۈنكى غەلىبىنى ئۇنتۇماسلىقى ئۈچۈن يېزىپ قالدۇرغىن. يەشۇغا ئامالەكلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىدىغانلىقىمنى يەتكۈزۈپ قوي، _ دېدى. 15شۇنىڭ بىلەن، مۇسا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۇنىڭ نامىنى «پەرۋەردىگار تۇغۇمدۇر» دەپ ئاتىدى. 16ئۇ:

_ پەرۋەردىگارنىڭ تۇغىنى ئېگىز كۆتۈرىمەن! پەرۋەردىگار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئامالەكلەر بىلەن جەڭ قىلغاي، _ دېدى.

 

18

يېترونىڭ مۇسانى زىيارەت قىلىشى

1مۇسانىڭ قېيناتىسى _ مىدىيان روھانىيسى يېترو خۇدانىڭ مۇسا ۋە ئىسرائىللارغا قىلغان ياخشىلىقلىرىدىن، يەنى خۇدانىڭ ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىققانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 2مۇسا بۇرۇنلا ئايالى ۋە بالىلىرىنى قېيناتىسىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىۋەتكەنىدى. 3تۇنجى ئوغلىنىڭ ئىسمى گەرشوم [«ئۇ يەردە ياقا يۇرتلۇق» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] بولۇپ، مۇسا «مەن ياقا يۇرتتا مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يات ئادەم» دەپ شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. 4ئىككىنچى ئوغلىنىڭ ئىسمى ئېلىيەزەر [مەنىسى «خۇدا مېنىڭ ياردەمچىم»] بولۇپ، مۇسا «ئاتام ئىبادەت قىلغان خۇدا ماڭا ياردەم قىلىپ، مېنى مىسىر پادىشاھىنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىشىدىن قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ، شۇ ئىسىمنى قويغانىدى. 5يېترو مۇسانىڭ ئايالى ۋە ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ، چۆللۈككە، يەنى مۇسا قارارگاھ قىلغان مۇقەددەس تاغنىڭ يېنىغا كەلدى. 6ئۇ قارارگاھقا كىرىشتىن بۇرۇن، مۇساغا ئۆزىنىڭ قىزى ۋە ئىككى نەۋرىسىنى ئېلىپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا خەۋەر يوللىغانىدى. 7شۇڭا، مۇسا قېيناتىسىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، تەزىم قىلىپ سۆيۈشۈپ كۆرۈشتى. ئۇلار ئۆزئارا ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، مۇسانىڭ چېدىرىغا كىردى. 8مۇسا ئۇنىڭغا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، مىسىر پادىشاھى ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا قىلغان بارلىق ئىشلىرىنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ يەنە ئىسرائىللارنىڭ يول بويى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلارنى قانداق قۇتقۇزغانلىقىنىمۇ سۆزلەپ بەردى. 9يېترو بۇلارنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇشال بولدى. 10ئۇ:

_ پەرۋەردىگارغا مەدھىيىلەر ئوقۇلغاي! ئۇ سىلەرنى مىسىر پادىشاھى ۋە مىسىرلىقلارنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى. ئىسرائىل خەلقىنى قۇللۇقتىن ئازاد قىلدى. 11مەن پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكۈل ئىلاھلاردىن ئۇلۇغلۇقىنى ئەمدى بىلدىم. چۈنكى، مىسىرلىقلار ئىسرائىللارنى شۇ قەدەر خارلىغىنىدا، ئۇ ئۆز قۇدرىتىنى كۆرسەتتى، _ دېدى. 12بۇنىڭ بىلەن، يېترو خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى ئاتىدى. ھارۇن ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممە ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ بىلەن بىللە خۇدا ئالدىدا قۇربانلىق قىلىنغان تائاملارنى يېدى.

يېترونىڭ ئاقىلانە مەسلىھىتى

13ئەتىسى، مۇسا ئەتىگەندىن كەچكىچە خەلق ئىچىدىكى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن مەشغۇل بولدى. 14بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن مۇسانىڭ قېيناتىسى يېترو مۇساغا:

_ بۇنچىۋالا خالايىق ئەتىگەندىن كەچكىچە سېنىڭ يوليورۇق بېرىشىڭنى كۈتۈپ تۇرۇشسا، ماجىرالارنى ئۆزۈڭ يالغۇز بىر تەرەپ قىلىشىڭ قانداق گەپ؟ _ دېدى.

15مۇسا ئۇنىڭغا:

_ خالايىق بۇ يەرگە كېلىپ، مەندىن خۇدانىڭ ئەمرىنى سورايدۇ ئەمەسمۇ؟! 16ئىككى ئادەم ئوتتۇرىسىدا ماجىرا تۇغۇلسا، ئۇلار مېنى ئىزدەيدۇ. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقىنى ئايرىپ، خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى ئۇلارغا مەن يەتكۈزىمەن، _ دەپ جاۋاپ بەردى.

17يېترو ئۇنىڭغا:

_ بۇنداق قىلغىنىڭ ياخشى ئەمەس. 18بۇنداق كېتىۋەرسە، ئۆزۈڭنىمۇ ئەتراپىڭدىكى قېرىنداشلىرىڭنىمۇ چارچىتىپ قويىسەن. بۇنچىۋالا كۆپ يۈكنى ئۆز ئۈستۈڭگىلا ئېلىۋالساڭ، ئۆزۈڭ يالغۇز يېتىشەلمەيسەن. 19مەن ساڭا مەسلىھەت بېرەي، خۇدامۇ سەن بىلەن بىللە بولىدۇ. سەن داۋاملىق خەلققە ۋەكىللىك قىلىپ، خۇدا ئالدىغا بېرىپ، خەلق ئارىسىدىكى ماجىرالارنى خۇداغا مەلۇم قىل. 20خۇدانىڭ قانۇنى ۋە يوليورۇقلىرىنى خەلققە ئۆگىتىپ، ئۇلارغا قانداق ياشاشنى ۋە ئۇلارنىڭ قانداق بۇرچى بارلىقىنى ئۇقتۇرغىن. 21بۇنىڭدىن باشقا، يەنە جامائەت ئىچىدىن قابىلىيەتلىك، خۇداغا ئىخلاسمەن، ئىشەنچلىك ۋە پارا يېمەيدىغان كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىگىن. 22ئۇلارغا خەلق ئىچىدىكى دەۋالارنى ئۆز ۋاقتىدا سوراشنى تاپشۇرغىن. ئۇلار قىيىنراق دەۋالاردا سېنىڭ ئالدىڭغا كېلىپ، ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار سېنىڭ ۋەزىپەڭنى ئورۇندىشىپ، يۈكۈڭنى يېنىكلىتىدۇ. 23ئەگەر سەن خۇدانىڭ يوليورۇقى بويىچە شۇنداق قىلساڭ، خەلقنىڭ دېگەن يېرىدىن چىقالايسەن. خەلقنىڭ ماجىرالىرىمۇ تېز ھەل بولىدۇ، _ دېدى.

24مۇسا قېيناتىسىنىڭ مەسلىھىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆردى. 25ئۇ ئىسرائىللار ئىچىدىن قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى تاللاپ، مىڭبېشى، يۈزبېشى، ئەللىكبېشى ۋە ئونبېشى قىلىپ تەيىنلىدى. 26ئۇلار جامائەتنىڭ دەۋا ئىشلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا سورايدىغان بولدى. ئۇششاق-چۈششەك ماجىرالارنى ئۆزلىرى بىر تەرەپ قىلىپ، قىيىنراق دەۋالاردا بولسا مۇسادىن يوليورۇق سوراشتى.

27كېيىن، يېترو مۇسا بىلەن خوشلىشىپ يۇرتىغا قايتتى.

 

19

ئىسرائىللار سىناي تېغىدا

1ئىسرائىللار مىسىردىن چىقىپ دەل ئىككى ئاي بولغان كۈنى سىناي چۆلىگە يېتىپ كېلىپ، 2سىناي تېغى باغرىدا چېدىر تىكتى. ئۇلار رەفىدىمدىن يولغا چىقىپ، بۇ يەرگە كەلگەنىدى. 3مۇسا خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا بولۇش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. پەرۋەردىگار تاغدىن مۇساغا جاراڭلىق ئاۋازدا مۇنداق دېدى:

_ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى ئېيتقىن: 4«سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، سىلەرنى يېنىمغا ئېلىپ كەلدىم. 5شۇڭا، ئەگەر سىلەر ماڭا ئىتائەت قىلىپ، ئەھدەمگە ئەمەل قىلساڭلار، نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئارىسىدىن سىلەرنى ماڭا مەنسۇپ قىممەتلىك خەلق قىلىمەن. چۈنكى، پۈتۈن دۇنيا ماڭا تەۋە. 6سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمنىڭ روھانىيلىرى ۋە ماڭا ئاتالغان خەلق بولىسىلەر.» يۇقىرىقى سۆزلىرىمنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزۈپ قويغىن.

7بۇنىڭ بىلەن، مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلق ئىچىدىكى ئاقساقاللارنى يىغىپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدى. 8ئۇلار بىردەك:

_ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېدى. مۇسا تاغقا چىقىپ، ئۇلارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.

9پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ مەن قويۇق بۇلۇت ئىچىدە سېنىڭ يېنىڭغا كېلىمەن. سېنىڭ بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىمىزنى خەلق ئاڭلاپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەر دائىم ساڭا ئىشىنىدۇ، _ دېدى.

مۇسا ئىسرائىللارنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، 10پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن خەلقنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارنى بۈگۈن ۋە ئەتە ئۆزلىرىنى ماڭا ئاتاپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى تازىلاشقا چاقىر. 11ئۆگۈنلۈككىچە ھەممە تەييارلىقنى پۈتكۈزسۇن. چۈنكى، ئۇ كۈنى مەن ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىناي تېغىغا چۈشىمەن. 12بىراق، سەن تاغنىڭ ئەتراپىغا ئۆتۈشكە بولمايدىغان چېگرا بەلگىلەپ، ئۇلارغا تاغقا چىقماسلىقنى، ھەتتا تاغنىڭ باغرىغىمۇ يېقىن كەلمەسلىكنى ئېيتقىن. كىمدەكىم بۇ تاغقا بىر قەدەم باسسا، ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن. 13ئۇنداق ئادەملەرگە قول تەگكۈزۈلمەي، ئۇلار يا چالما-كېسەك قىلىنىپ، ياكى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغانلار مەيلى ئادەم ياكى چارۋا مال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، تىرىك قالدۇرۇلمىسۇن. پەقەت كاناي ئۇزاقراق چېلىنغاندىلا، ئاندىن خالايىق تاغ باغرىغا كەلسۇن، _ دېدى.

14مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خەلقنىڭ پاكلىنىپ، كىيىم-كېچەكلىرىنى يۇيۇشىنى بۇيرۇدى. 15مۇسا ئۇلارغا:

_ ئۆگۈنلۈككىچە ھەممە تەييارلىقلارنى پۈتكۈزۈڭلار، ئاياللارغا يېقىنلاشماڭلار، _ دېدى.

16ئۈچىنچى كۈنى ئەتىگەندە، ھاۋا گۈلدۈرلەپ، چاقماق چېقىپ، تاغدا بىر پارچە قويۇق بۇلۇت پەيدا بولدى. كاناينىڭ قاتتىق نەرە ئاۋازى ئاڭلاندى. قارارگاھتىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، قورقۇپ تىترىشىپ كەتتى. 17مۇسا ئۇلارنى قارارگاھتىن باشلاپ چىقىپ، خۇدانىڭ ئالدىغا ھازىر قىلدى. ئۇلار تاغنىڭ تۈۋىدە ئۆرە تۇرۇشاتتى. 18پۈتۈن سىناي تېغىنى ئىس-تۈتەك قاپلىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇ يەرگە ئوت ئىچىدە چۈشكەنىدى. بۇ ئىس-تۈتەك خۇمداننىڭ تۈتۈنىگە ئوخشايتتى. پۈتۈن تاغ قاتتىق تەۋرەپ كەتتى. 19بۇ چاغدا، كاناينىڭ ئاۋازى بارغانسېرى كۈچەيدى. مۇسا سۆز قىلدى، خۇدا ئۇنىڭغا گۈلدۈرماما بىلەن جاۋاب قايتۇردى. 20پەرۋەردىگار تاغنىڭ چوققىسىغا چۈشۈپ، مۇسانى تاغقا چىقىشقا چاقىردى. مۇسا تاغقا چىقتى. 21پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ سەن تاغدىن چۈشۈپ، خالايىقنى ئاگاھلاندۇر. چېگرىدىن ھالقىپ، مېنى كۆرگىلى كەلمىسۇن. بولمىسا، ئۇلار ھالاك بولىدۇ. 22مەن ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان روھانىيلارمۇ ئۆزىنى ماڭا ئاتاپ بولۇپ، ئاندىن خىزمىتىمدە بولسۇن. بولمىسا، ئۇلارنى ھالاك قىلىمەن، _ دېدى.

23مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ خەلق بۇ يەرگە چىقالمايدۇ، چۈنكى سەن بىزنىڭ بۇ تاغنى «مۇقەددەس تاغ» دەپ ئاتىشىمىزنى ۋە تاغنىڭ ئەتراپىغا چېگرا بەلگىلىشىمىزنى بۇيرۇغانىدىڭ، _ دېدى.

24پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن چۈشۈپ، ھارۇننى باشلاپ كېلىۋەر. لېكىن، روھانىيلار بىلەن خالايىق چېگرىدىن ھالقىپ، بۇ يەرگە چىقمىسۇن. بولمىسا، مەن ئۇلارنى جازالايمەن، _ دېدى. 25شۇنىڭ بىلەن، مۇسا تاغدىن چۈشۈپ، خالايىقنىڭ يېنىغا بېرىپ، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىنى ئۇلارغا يەتكۈزدى.

 

20

ئون پەرز

1خۇدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

2_ مەن سېنى قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن.

3ماڭىلا ئىبادەت قىل. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن.

4چوقۇنۇش ئۈچۈن، مەيلى ئاسماندىكى، يەردىكى، يەر ئاستىدىكى ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىما. 5ھەرقانداق بۇتقا چوقۇنما ياكى خىزمەت قىلما. چۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ خۇدا بولغان مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. مەندىن نەپرەتلەنگەنلەرنى ھەتتا نەرۋە-چەۋرىلىرىگىچە جازالايمەن. 6لېكىن، مېنى سۆيىدىغان، ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلغانلارنىڭ سانسىزلىغان ئەۋلادلىرىغىچە مېھرىبانلىق قىلىمەن.

7مۇقەددەس نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالما. كىمدەكىم مېنىڭ نامىمنى قالايمىقان تىلغا ئالسا، مەن _ پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدا ئۇنى چوقۇم جازالايمەن.

8دەم ئېلىش كۈنىنى مۇقەددەس كۈن بىلىپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىل. 9ئالتە كۈن ئىشلەپ، تېگىشلىك ھەممە ئىشلىرىڭنى قىلىۋال. 10يەتتىنچى كۈن ماڭا ئاتالغان كۈن بولۇپ، بۇ كۈنى مەيلى سەن بول، پەرزەنتلىرىڭ، قۇللىرىڭ، چارۋا ماللىرىڭ ياكى يۇرتۇڭدا مۇساپىر بولۇپ تۇرۇۋاتقان يات ئادەملەر بولسۇن، ھېچقانداق ئىش قىلمىسۇن. 11مەن _ پەرۋەردىگار ئالتە كۈن ئىچىدە ئاسمان، زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل مەۋجۇداتلارنى ياراتتىم. لېكىن، يەتتىنچى كۈنى دەم ئالدىم. شۇڭا مەن _ پەرۋەردىگار دەم ئېلىش كۈنىنى بەختلىك كۈن قىلىپ، مۇقەددەس كۈن دەپ بەلگىلىدىم.

12ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇ چاغدا مەن ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن.

13قاتىللىق قىلما.

14زىنا قىلما.

15ئوغرىلىق قىلما.

16يالغان گۇۋاھلىق بەرمە.

17باشقىلارنىڭ ئۆي-ئىمارەتلىرى، ئەر-خوتۇنى، قۇللىرى، كالا ياكى باشقا تەئەللۇقاتلىرىغا كۆز قىرىڭنى سالما.

خەلقنىڭ ۋەھىمىسى

18خالايىق گۈلدۈرماما ۋە كاناي ئاۋازلىرىنى ئاڭلاپ، چاقماق ۋە تاغدىن پۇرقىراپ چىقىۋاتقان ئىس-تۈتەكنى كۆرۈپ، قورقۇپ تىترىشىپ كەتتى. ئۇلار يىراق تۇرۇشۇپ، 19مۇساغا:

_ بىزگە سەنلا سۆز قىلغايسەن، چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.

20مۇسا ئۇلارغا جاۋابەن:

_ قورقماڭلار، خۇدانىڭ بۇ يەرگە كېلىشى سىلەرنى سىناش ئۈچۈن، سىلەرنى ھەمىشە ئۆزىدىن قورقۇپ، گۇناھتىن خالىي بولۇشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈندۇر، _ دېدى. 21لېكىن، كىشىلەر يەنىلا يىراقتا تۇرۇشاتتى. پەقەت مۇسالا خۇدانى قورشاپ تۇرغان قارا بۇلۇتنىڭ يېنىغا باردى.

قۇربانلىق سۇپىسى توغرىسىدىكى نىزام

22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن بېرىپ ئىسرائىللارغا مۇنۇ سۆزلىرىمنى يەتكۈزگىن: «سىلەر مېنىڭ ئەرشتىن سىلەرگە سۆز قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. 23سىلەر ئۆزۈڭلارغا ئالتۇن ياكى كۈمۈشتىن ھەرقانداق شەكىلدە بۇت ياساپ، ئۇلارغا سەجدە قىلماڭلار. ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار. 24توپىدىن مەن ئۈچۈن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىغا ئىشلىتىشكە كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنى قويۇڭلار. مەن سىلەرنىڭ ماڭا ئىبادەت قىلىشىڭلارغا بەلگىلەپ بەرگەن جايلارغا كېلىپ، سىلەرگە بەخت ئاتا قىلىمەن. 25ئەگەر ماڭا ئاتاپ تاشتىن قۇربانلىق سۇپىسى ياسىساڭلار، سىلىقلانغان تاشتىن ياسىماڭلار. چۈنكى، ئەسۋاب تەگكەن تاشنى قوبۇل قىلمايمەن. 26ماڭا پەلەمپەي بىلەن چىقىدىغان قۇربانلىق سۇپىسى ياسىماڭلار. بولمىسا، پەلەمپەيدىن چىققۇچە نومۇسلۇق يېرىڭلار كۆرۈنۈپ قالىدۇ.»

 

21

قۇللارغا مۇئامىلە قىلىشتىكى قائىدە-نىزاملار

1_ سەن ئىسرائىل خەلقىگە تۆۋەندىكى قائىدە-نىزاملارنى ئېلان قىل: 2ئەگەر بىرى ئىبرانىيلار ئىچىدىن قۇل سېتىۋالغان بولسا، قۇل پەقەت ئالتە يىل ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلسۇن. يەتتىنچى يىلى، ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بېرىلسۇن ھەم خوجايىنىغا ھېچقانداق ھەق تۆلىمەي كېتىۋەرسۇن. 3ئەگەر ئۇ ساڭا قۇل بولغاندىن كېيىن نىكاھلىق بولغان بولسا، كېتىدىغان ۋاقتىدا ئايالىنى ئېلىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ ساڭا قۇل بولۇشتىن ئىلگىرى نىكاھلىق بولغان بولسا، ئايالى بىلەن بىللە ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرۈلسۇن.

4ئەگەر خوجايىن ئۇنىڭغا خوتۇن ئېلىپ بېرىپ، بۇ خوتۇن ئۇنىڭغا قىز-ئوغۇل پەرزەنتلەر تۇغۇپ بەرگەن بولسا، بۇ ئايال ۋە بالا-چاقىلار خوجايىنغا تەۋە بولىدۇ. پەقەت يالغۇز ئۆزىلا ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ. 5ئەگەر ئۇ: «مەن خوجايىنىمنى ۋە خوتۇن-بالىلىرىمنى ياخشى كۆرىمەن. مەن ھۆر بولۇشنى خالىمايمەن» دېسە، 6خوجايىنى ئۇنى ئىبادەت ئورنىغا ئېلىپ بارسۇن ھەم ئۇنى ئىشىك ياكى ئىشىك كېشىكىگە يۆلەندۈرۈپ تۇرغۇزۇپ، بىگىز بىلەن ئۇنىڭ قۇلىقىنى تېشىپ قويسۇن. بۇ، ئۇ قۇلنىڭ خوجايىنىغا ئۆمۈرۋايەت خىزمەت قىلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولىدۇ.

7ئەگەر بىرى قىزىنى دېدەك قىلىپ سېتىۋەتكەن بولسا، ئۇ قىز ئەرلەرگە ئوخشاش ھەقسىز ھۆر بولۇپ كېتەلمەيدۇ. 8ئەگەر خوجايىن ئۇنى ئەمرىگە ئېلىش ئۈچۈن سېتىۋالغان بولسا، لېكىن كېيىن ئۇنى ياخشى كۆرمىسە، ئۇنداقتا خوجايىن قىز تەرەپنىڭ ھەق تۆلەپ قىزىنى ھۆر قىلىشىغا پۇرسەت بېرىشى كېرەك. خوجايىننىڭ ئۇنى ياتلارغا سېتىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چۈنكى، خوجايىن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلغاندۇر. 9ئەگەر خوجايىن ئۇنى ئوغلىغا ئېلىپ بەرگەن بولسا، ئۇنى ئۆز قىزىدەك كۆرسۇن. 10ئەگەر خوجايىن دېدەكنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە باشقا خوتۇن ئالغان بولسا، ئۇ چوقۇم دېدەكنىڭ يېمەك-ئىچمىكى، كىيىم-كېچىكى ۋە ئۇنىڭ جىنسىي ئېھتىياجىنىڭ ھاجىتىدىن بۇرۇنقىدەك چىقسۇن. 11ئەگەر خوجايىن بۇ ئۈچ تۈرلۈك بۇرچىنى ئۆتىيەلمىسە، دېدەكتىن ھەق ئالماي ئۇنىڭغا ھۆرلۈك بەرسۇن.

ئۇرۇش-تالاش ھەققىدە

12_ كىمدەكىم بىر ئادەمنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 13ھالبۇكى، ئەگەر بۇ ئىش مەقسەتسىز ھالدا ۋە مېنىڭ يول قويۇشۇم بىلەن يۈز بەرگەن بولسا، مەن بۇنى قىلغۇچىنىڭ قېچىپ بېرىشى ئۈچۈن بىر جاي ئورۇنلاشتۇرىمەن. 14بىراق، ئەگەر بىرى باشقىلارنى قەستەن ئۆلتۈرگەن بولسا، گەرچە ئۇ پاناھلىق تىلەش ئۈچۈن مېنىڭ قۇربانلىق سۇپامغا قېچىپ بېرىۋالسىمۇ، يەنىلا ئۆلۈمگە بۇيرۇلسۇن.

15ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ئۇرغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.

16باشقىلارنى تۇتۇۋېلىپ ساتقان ياكى ئۆزى ئېلىپ قېلىپ قۇل قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن.

17ئاتىسى ياكى ئانىسىدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.

باشقىلارنى زەخىملەندۈرۈش ھەققىدە

18_ ئۇرۇشۇپ قالغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى يەنە بىرىنى تاش ياكى مۇشت بىلەن ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەن، گەرچە زەخىملەنگەن كىشى ئۆلمىگەن بولسىمۇ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغان، 19بىراق ھاسا تۇتۇپ تاشقىرىغا چىققۇدەك بولسا، ئۇرغۇچى گۇناھسىز، دەپ ھېسابلانسۇن. لېكىن، يارىلانغۇچىنىڭ ۋاقىت جەھەتتىكى زىيىنىنى پۇل بىلەن تۆلەپ بەرسۇن ۋە ئۇنى داۋالىتىپ ساقايتسۇن.

20كىمدەكىم قۇلىنى ياكى دېدىكىنى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۇ جازاغا تارتىلسۇن. 21بىراق، قۇل خوجايىنىنىڭ تەئەللۇقاتى بولغاچقا، ئەگەر قۇل بىر، ئىككى كۈندىن كېيىن ساقىيىپ قالسا، خوجايىن جازالانمىسۇن.

22ئەگەر ئىككى كىشى ئۇرۇشۇپ قېلىپ، مۇناسىۋەتسىز بىر ھامىلىدار ئايالغا زىيان يەتكۈزسە، لېكىن ھامىلىدار ئايالدا بالىسىنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قېلىشىدىن باشقا زەخىملىنىش بولمىسا، ئۇلار يارىلانغان ئايالنىڭ ئېرىنىڭ تەلىپى بويىچە ھۆكۈمچىلەرنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلگەن جەرىمانىنى تۆلىسۇن. 23ئەگەر ھامىلىدار ئايالدا باشقا زەخىملىنىش بولسا، جانغا جان، 24كۆزگە كۆز، چىشقا چىش، قولغا قول، پۇتقا پۇت، 25كۆيۈككە كۆيۈك، زەخىمگە زەخىم ۋە كۆككە كۆك ئېلىنسۇن.

26ئەگەر بىر كىشى قۇلىنىڭ كۆزىگە ئۇرۇپ ئۇنىڭ بىر كۆزىنى كور قىلىپ قويغان بولسا، كۆزىنىڭ بەدىلىگە ئۇ كىشى قۇلنى ئازاد قىلسۇن. 27ئەگەر ئۇ كىشى قۇلىنىڭ چىشىنى ئۇرۇپ سۇندۇرۇۋەتكەن بولسا، چىشىنىڭ بەدىلىگە ئۇ قۇلنى ئازاد قىلسۇن.

28ئەگەر كالا ئادەمنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، ئۆلگۈچى مەيلى ئەر ياكى ئايال بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، كالا چوقۇم چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. ئۇنىڭ گۆشىنى يېيىش ھارامدۇر. كالا ئىگىسى گۇناھسىز، دەپ ھېسابلانسۇن. 29ئەگەر ئۇ كالا ئەزەلدىنلا ئادەم ئۈسىدىغان كالا بولۇپ، باشقىلار كالىنىڭ ئىگىسىگە ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن، بىراق كالا ئىگىسى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، كالىسىنى يەنىلا بوش قويۇۋەتكەن ھەم بۇ كالا ئادەم ئۈسۈپ ئۆلتۈرگەن بولسا، كالا ئوخشاشلا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن. كالا ئىگىسىمۇ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 30ئەگەر تۆلەم تۆلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنسا، كالا ئىگىسى ئۆلتۈرۈلمەي، ھاياتى بەدىلىگە تەلەپ قىلىنغان بويىچە تۆلەم تۆلەپ بەرسۇن.

31ئەگەر كالا باشقىلارنىڭ مەيلى ئوغلى ياكى قىزىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، يۇقىرىقى قائىدە-نىزام بويىچە بىر تەرەپ قىلىنسۇن. 32ئەگەر كالا باشقىلارنىڭ قۇلى ياكى دېدىكىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، كالىنىڭ ئىگىسى قۇلنىڭ خوجايىنىغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگە تۆلەپ بەرسۇن. كالا ئوخشاشلا چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈلسۇن.

33ئەگەر بىرەرسى قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ئوچۇق قويۇپ ياكى كولاۋاتقان قۇدۇقنىڭ ئاغزىنى ياپماي، كالا ياكى ئېشەكنىڭ قۇدۇققا چۈشۈپ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارسا، 34قۇدۇق ئىگىسى مال ئىگىسىگە تۆلەم تۆلىسۇن. ئۆلگەن مال بولسا قۇدۇق ئىگىسىنىڭ بولسۇن.

35ئەگەر مەلۇم بىر ئادەمنىڭ كالىسى باشقا بىرسىنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، كالا ئىگىلىرى ئۈسكۈچى كالىنى سېتىپ پۇلىنى تەڭ ئۈلەشسۇن ھەم ئۆلگەن كالىنىڭ گۆشىنىمۇ شۇنداق قىلسۇن. 36ئەگەر خوجايىن ئۆز كالىسىنىڭ ئۈسىدىغان ئادىتى بارلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۇنى باغلاپ قويمىغان ھەم بۇ كالا باشقىلارنىڭ كالىسىنى ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا، خوجايىن كالىغا كالا تۆلەپ بەرسۇن. كالىنىڭ ئۆلۈكىنى ئۆزى ئېلىپ قالسۇن.

 

22

تۆلەم تۆلەش ھەققىدىكى نىزام

1ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ كالىسىنى ياكى قويىنى ئوغرىلاپ سېتىۋەتكەن ياكى سويۇپ يەۋەتكەن بولسا، بىر كالىغا بەش كالا، بىر قويغا تۆت قوي تۆلىسۇن.

2ئەگەر بىرى كېچىسى باشقىلارنىڭ ئۆيىگە ئوغرىلىققا كىرىپ، تۇتۇلۇپ قېلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن بولسا، ئۇنى ئۆلتۈرگۈچى گۇناھسىز دەپ قارالسۇن. 3لېكىن، بۇ ئىش كۈندۈزى يۈز بەرگەن بولسا، ئۇنىڭغا قاتىللىق گۇناھى ئارتىلسۇن.

ئوغرى ئوغرىلىغان نەرسىلەرنى تۆلىسۇن. ئەگەر ئۇنىڭ ھېچ نەرسىسى بولمىسا، ئۆزىنى قۇل ئورنىدا سېتىپ، زىياننى تۆلىسۇن. 4ئۇنىڭ ئوغرىلىغىنى كالا، ئېشەك ياكى قوي بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئەگەر ئۇ مال ئوغرىنىڭ قولىدا تېخى تىرىك بولسا، ئوغرى مال ئىگىسىگە بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلەم بەرسۇن.

5ئەگەر بىرى ئېتىزلىقتا ياكى ئۈزۈمزارلىقتا پادا بېقىپ، پادىلىرىنى ئىختىيارىغا قويۇۋېتىپ، پادىلارنىڭ باشقىلارنىڭ ئېتىزلىقىدىكى زىرائەتلەرنى ياكى ئۈزۈملەرنى يېيىشىگە يول قويسا، ئۇلارنىڭ زىيىنىنى ئۆز ئېتىزى ياكى ئۈزۈمزارلىقىنىڭ ئەڭ ياخشى مەھسۇلاتى بىلەن تۆلەپ بەرسۇن.

6ئەگەر بىرى ئۆز ئېتىزلىقىدىكى چاتقاللارنى كۆيدۈرگەندە ئېھتىياتسىزلىقتىن باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرى ياكى خامىنىغا ئوت تۇتۇشۇپ كېتىپ، ئۇلارنى كۆيدۈرۈۋەتكەن بولسا، ئوت قويغۇچى بارلىق زىياننى تۆلەپ بەرسۇن.

7ئەگەر بىرى پۇللىرى ياكى مال-مۈلۈكلىرىنى قوشنىسىغا ئامانەت قويۇپ، بۇ نەرسىلەر قوشنىسىنىڭ ئۆيىدىن ئوغرىلانغان بولسا، ناۋادا ئوغرى تۇتۇلسا، ئوغرى ئوغرىلىغان پۇل ياكى مال-مۈلۈكلەرنى بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن. 8ئەگەر ئوغرى تۇتۇلمىسا، ئامانەت قىلىنغۇچى سوراقچىنىڭ ئالدىغا ئاپىرىلسۇن. سوراقچى ئۇنىڭ مال ئىگىسىنىڭ نەرسىلىرىنى ئالغان-ئالمىغانلىقىنى بېكىتسۇن.

9ھەرقانداق مال-مۈلۈك ماجىراسى توغرىسىدىكى دەۋا كالا، ئېشەك، قوي، كىيىم-كېچەك ياكى باشقا يوقالغان نەرسىلەرگە چېتىشلىق بولسا ھەمدە ماجىرالاشقان ئىككى تەرەپ تالاش-تارتىش قىلىپ دەۋانى بىر تەرەپ قىلالمىسا، سوراقچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئەرز قىلىشسۇن. سوراقچى كىمگە گۇناھ بېكىتسە، شۇ ئادەم بىر ھەسسە ئارتۇق تۆلىسۇن.

10بىرى ئېشىكى، كالىسى، قويى ياكى باشقا ئۇلاغلىرىنى قوشنىسىنىڭ قاراپ قويۇشىغا ھاۋالە قىلغاندىن كېيىن، ئۇلاغلار ئۆلۈپ قالسا، يارىلانسا ياكى بىراۋ ھەيدەپ ئەكەتسە، لېكىن بۇنى ھېچكىم كۆرمىگەن بولسا، 11ھاۋالە قىلىنغۇچى قوشنىسىنىڭ ئۇلاغلىرىنى ئالمىغانلىقى توغرىسىدا خۇدانىڭ نامىدا قەسەم قىلسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلاغ ئىگىسىمۇ سۈرۈشتە قىلمىسۇن، ھاۋالە قىلىنغۇچىمۇ تۆلىمىسۇن. 12بىراق، ئەگەر ئۇلاغلار ئوغرىلانغان بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى ئىگىسىگە تۆلەپ بەرسۇن. 13ئەگەر مالنى يىرتقۇچ ھايۋانلار يەپ كەتكەن بولسا، ھاۋالە قىلىنغۇچى مالنىڭ قالدۇقىنى ئەكېلىپ ئىسپات كۆرسەتسۇن، تۆلەپ بەرمىسۇن.

14ئەگەر بىرى باشقا بىرىنىڭ ئۇلىغىنى ئارىيەت ئالغان بولسا، بۇ ئۇلاغ ئىگىسى يوق يەردە زەخىملەنگەن ياكى ئۆلۈپ قالغان بولسا، ئارىيەت ئالغۇچى ئۇلاغنى تۆلەپ بەرسۇن. 15ئەگەر ئىگىسى نەق مەيداندا بولسا، تۆلىمىسۇن. ئەگەر ئىجارىگە ئالغان بولسىمۇ، ئىجارىگە ئالغۇچى تۆلىمىسۇن. چۈنكى، ئۇ ئىجارە ھەققى تۆلىگەن.

ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت

16ئەگەر بىر ئادەم تېخى باشقىلارغا ياتلىق بولۇشقا پۈتۈشمىگەن قىزنى ئازدۇرۇپ، ئۇنىڭ نومۇسىغا تەگسە، تويلۇق بېرىپ ئۇ قىز بىلەن نىكاھلانسۇن. 17بىراق، ئەگەر قىزنىڭ دادىسى ئۇنىڭغا قىزىنى بېرىشكە قوشۇلمىسا، ئۇ ئادەم قىزنىڭ تويلۇقىغا باراۋەر كېلىدىغان پۇل تۆلەپ بەرسۇن.

18جادۇگەرلىك قىلغان ئايالنى تىرىك قالدۇرۇشقا بولمايدۇ. 19ھايۋان بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلار ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنسۇن. 20مەندىن باشقا ھەرقانداق ئىلاھقا قۇربانلىق سۇنغان كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن.

21_ ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى خورلىما ياكى بوزەك قىلما. ئۆزۈڭلارنىڭ مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇما.

22تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلارنى خورلىما. 23ئەگەر سەن ئۇلارنى خورلىساڭ، ئۇلار ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، مەن ئۇلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، 24دەرغەزىپىم بىلەن سېنى قىلىچ ئاستىدا ھالاك قىلىپ، خوتۇنۇڭنى تۇل، پەرزەنتلىرىڭنى يېتىم قالدۇرىمەن.

25ئەگەر سەن خەلقىم ئىچىدىكى ھەرقانداق بىر كەمبەغەلگە قەرز پۇل بەرگەن بولساڭ، جازانىخورلارغا ئوخشاش ئۆسۈم ئالما. 26ئەگەر سەن باشقا كىشىنىڭ چاپىنىنى گۆرۈگە ئالغان بولساڭ، كۈن پاتقۇچە قايتۇرۇپ بەر. 27چۈنكى، ئۇ پەقەت شۇ چاپان بىلەنلا ئىسسىنىدۇ. بۇ چاپان بولمىسا، ئۇ نېمىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىسۇن؟ ئۇ ماڭا نالە قىلىپ ياردەم تىلىسە، ئۇنىڭ نالىسىنى ئاڭلايمەن، چۈنكى رەھىمدىلدۇرمەن.

28كۇپۇرلۇق قىلما، خەلقنىڭ رەھبەرلىرىنىمۇ قارغىما.

29ماڭا قىلىدىغان باش ھوسۇلىڭدىن ئېلىنغان بۇغداي، شاراب، ياغ ھەدىيىلىرىڭنى ئايىما.

تۇنجى ئوغلۇڭنى ماڭا ئاتا. 30كالا، قويلىرىڭنىڭ تۇنجى بالىلىرىنىمۇ شۇنداق قىل. ھايۋانلار تۇغۇلۇپ يەتتە كۈن ئانىلىرى بىلەن بىللە تۇرسۇن، سەككىزىنچى كۈنى ماڭا ئاتا. 31سەن مېنىڭ پاك خەلقىم بولۇشۇڭ كېرەك. شۇڭا، سەن يىرتقۇچ ھايۋانلار قارنىنى يېرىۋەتكەن ماللارنىڭ گۆشىنى يېمەي، ئۇنى ئىتقا بەر.

 

23

ھەققانىيەت ۋە ئادىللىق

1_ ئىغۋا تارقاتما. يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ، گۇناھكارغا يان باسما. 2كۆپ سانلىقلارغا ئەگىشىپ يامانلىق قىلما. دەۋادا گۇۋاھلىق بەرگەندە، كۆپچىلىككە يان بېسىپ ھەقنى بۇرمىلىما. 3دەۋادا كەمبەغەلگىمۇ يان باسما.

4ئەگەر دۈشمىنىڭنىڭ كالىسى ياكى ئېشىكىنىڭ ئېزىپ يۈرگىنىنى كۆرسەڭ، ئۇلارنى ئالغاچ كېلىپ ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەر. 5ئەگەر دۈشمىنىڭنىڭ ئېشىكى يۈكنى كۆتۈرەلمەي يىقىلىپ چۈشسە، كۆرمەسكە سېلىپ كېتىپ قالماي، ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ئېشىكىنى قوپۇرۇشۇپ بەر. 6دەۋادا كەمبەغەللەرگە ئۇۋال قىلما. 7تۆھمەت چاپلاپ ئەرز قىلما. بىگۇناھ توغرا ئادەمنى ئۆلۈمگە ئىتتىرمە. چۈنكى، مەن بۇنداق رەزىل ئىش قىلغۇچىلارنى چوقۇم جازالىماي قويمايمەن. 8پارا ئالما، چۈنكى پارا كۆرىدىغانلارنىڭ كۆزىنى كور قىلىپ، دۇرۇس ئادەملەرنىڭ سۆزىنى بۇرمىلايدۇ.

9ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارنى بوزەك قىلما. چۈنكى، مىسىردا مۇساپىر بولۇپ تۇرغىنىڭلاردا، ياقا يۇرتتىكى مۇساپىرچىلىقنىڭ تەمىنى سىلەرمۇ تېتىغان.

يەتتىنچى يىل ۋە يەتتىنچى كۈن

10_ ئالتە يىل دېھقانچىلىق قىلىپ، ھوسۇل جۇغلا. 11يەتتىنچى يىلى يەرگە ئارام بېرىپ، ئاق تاشلىۋەت. ئۈنۈپ قالغان زىرائەتلەرنى كەمبەغەللەر يىغسۇن. قالغىنىنى ياۋايى ھايۋاناتلار يېسۇن. ئۈزۈمزارلىقىڭ بىلەن زەيتۇنلۇقۇڭنىمۇ شۇنداق قىل.

12ئالتە كۈن ئىشلەپ، يەتتىنچى كۈنى ئارام ئال. ئۇلاغلىرىڭ، قۇللىرىڭ ۋە ياقا يۇرتلۇق مۇساپىرلارمۇ ئارام ئالسۇن.

13مەن _ پەرۋەردىگار ساڭا ئېيتقان سۆزلەرگە تولۇق ئەمەل قىل. باشقا ئىلاھلارنىڭ نامى بىلەن دۇئا قىلما. ھەتتا ئۇلارنىڭ نامىنى تىلغىمۇ ئالما.

ئۈچ مۇھىم ھېيت

14_ ھەر يىلى مەن ئۈچۈن ئۈچ قېتىم ھېيت قىل. 15ئالدى بىلەن پېتىر نان ھېيتىنى قىل. مېنىڭ ئەمرىم بويىچە يەتتە كۈنلۈك ھېيتتا پېتىر نان يە. بۇ ھېيت ھەر يىلى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھار ئېيىدا، يەنى سىلەر مىسىردىن ئايرىلغان ئايدا ئۆتكۈزۈلسۇن. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمە. 16تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى قىل. كۈزدە ھوسۇللارنى ئامبارغا يىغقىنىڭدا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى قىل. 17ھەر يىلى بۇ ئۈچ ھېيتتا، پۈتكۈل ئەرلەر ماڭا _ ئىگەڭلار خۇدانىڭ ئالدىغا كەلسۇن.

18ماڭا قۇربانلىق قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىللە ئاتىما. ھېيت مەزگىلىدە قۇربانلىق قىلىنغان مالنىڭ مېيىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىما.

19ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا.

ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما.

خۇدانىڭ پەرىشتىسىنىڭ يوللارنى تەييارلىشى

20_ پەرىشتەمنى ئالدىڭغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سېنى قوغداپ، سېنى مەن ساڭا تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ. 21سەن ئېھتىيات بىلەن ئۇنىڭ سۆزىگە قۇلاق سال، قارشىلىق كۆرسەتمە. بولمىسا، ئۇ گۇناھىڭلارنى كەچۈرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ مېنىڭ نامىمدا كېلىدۇ. 22ئەگەر سەن سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىپ، مېنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىمگە ئەمەل قىلساڭ، دۈشمىنىڭگە دۈشمەن، رەقىبىڭگە رەقىب بولىمەن. 23مېنىڭ پەرىشتەم سېنىڭ ئالدىڭدا مېڭىپ، سېنى ئامورلار، خىتلار، پەرىزىلەر، قانانلار، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن بولسام ئۇلارنى يوقىتىمەن. 24ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا باش ئېگىپ ئىبادەت قىلما، ئۇلارنىڭ قىلىقلىرىنى دورىما، ئۇلارنىڭ بۇتلىرىنى ئۇرۇپ چېقىۋەت. 25سەن پەقەت ماڭا _ پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئىبادەت قىل، يېمەك-ئىچمىكىڭگە بەرىكەت بېرىمەن، سېنى پۈتۈن كېسەللەردىن خالاس قىلىمەن. 26ئاراڭلاردا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان ياكى تۇغماس ئاياللار بولمايدۇ. ساڭا ئۇزۇن ئۆمۈر ئاتا قىلىمەن.

27سەن قەيەرگە بارساڭ، مەن شۇ يەردىكىلەرنى سېنىڭدىن چۆچۈيدىغان، سېنى كۆرسىلا ئالدى-كەينىگە قارىماي قاچىدىغان قىلىمەن. 28دۈشمەنلىرىڭنى پاراكەندە قىلىپ، سەن ئىچكىرىلەپ كىرىشتىن بۇرۇنلا، ھىۋىلار، قانانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن. 29لېكىن، يەرلەرنىڭ ئاق قىلىپ، يىرتقۇچ ھايۋانلارنىڭ ماكانى بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى ھازىرچە پۈتۈنلەي قوغلىۋەتمەيمەن. 30سىلەرنىڭ نوپۇسۇڭلارنىڭ كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى قاپلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا ھەيدەپ چىقىرىمەن. 31سېنىڭ يۇرتۇڭنىڭ چېگرىسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن ساڭا يەرلىك ئاھالىنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سەن ئىلگىرىلەپ كىرگەن ۋاقتىڭدا، ئۇلارنى ھەيدىۋېتەلەيسەن. 32ئۇلار ياكى ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرى بىلەن بىرەر ئەھدە تۈزمە. 33ئۇلارنى زېمىنىڭدا تۇرغۇزما. بولمىسا، ئۇلار سېنى گۇناھقا باشلايدۇ. ئەگەر سەن ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭ، بۇ ساڭا ئەجەللىك تۇزاق بولىدۇ.

 

24

ئىسرائىل خەلقىنىڭ مۇقەددەس ئەھدىنى قوبۇل قىلىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن ھارۇن، ناداب، ئابىھۇ ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشىنى ئېلىپ، بۇ تاغقا چىقىپ، بىرلىكتە يىراقتىن ماڭا سەجدە قىل. 2مېنىڭ ئالدىمغا بولسا يالغ ۇز ئۆزۈڭلا كەل. باشقىلار يېقىن كەلمىسۇن. خالايىقمۇ سەن بىلەن تاغقا چىقمىسۇن، _ دېدى.

3مۇسا تاغدىن چۈشكەندىن كېيىن، خالايىققا پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى بايان قىلدى. پۈتۈن خالايىق:

_ پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، _ دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى. 4مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ پۈتۈن ئەمرلىرىنى خاتىرىلىۋالدى. ئەتىسى ئەتىگەندىلا، ئۇ تاغ باغرىدا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى ھەمدە ئون ئىككى تاشنى تىكلىدى. ھەربىر تاش ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ بىرىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. 5ئاندىن كېيىن، مۇسا بىرمۇنچە ياشلارنى پەرۋەردىگارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئەركەك موزايلارنى قۇربانلىق قىلىشقا ئەۋەتتى. 6مۇسا مالنىڭ قېنىنىڭ يېرىمىنى جاۋۇرغا ئېلىپ قويۇپ، يېرىمىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 7ئاندىن كېيىن، ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خالايىققا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. خالايىق:

_ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. 8شۇنىڭ بىلەن، مۇسا جاۋۇردىكى قاننى خالايىقنىڭ ئۇچىسىغا سېپىپ:

_ بۇ قان ئەھدە قېنىدۇر، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز سۆزلىرى ئارقىلىق سىلەر بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنىڭ ئاساسىدۇر، _ دېدى.

9مۇسا، ھارۇن، ناداب، ئابىھۇ ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرىدىن يەتمىش كىشى تاغقا چىقىشتى. 10ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى كۆردى!* ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدا ئاسمانغا ئوخشاش سۈپسۈزۈك كۆك ياقۇت پايانداز بار ئىدى. 11ئىسرائىل ئاقساقاللىرى خۇدانى كۆرسىمۇ، خۇدا ئۇلارغا ھېچقانداق زىيان يەتكۈزمىدى. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار غىزالاندى.

مۇسا سىناي تېغىدا

12پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن تاغنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا كەل. خەلقنى تەربىيىلەش ئۈچۈن، مەن پۈتۈن قانۇن ۋە پەرزلەرنى يازغان ئىككى تاش تاختىنى ساڭا تاپشۇرىمەن، _ دېدى. 13مۇسا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى يەشۇ قوزغىلىپ، مۇقەددەس تاغقا يۇقىرىلاپ چىقتى. 14مېڭىش ئالدىدا مۇسا ئىسرائىل ئاقساقاللىرىغا:

_ بىز قايتىپ كەلگۈچە، سىلەر بۇ يەردە بىزنى كۈتۈپ تۇرۇڭلار. ھارۇن بىلەن خۇر سىلەرنىڭ يېنىڭلاردا قالىدۇ. بىرەر تالاش-تارتىش چىقسا، ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھەل قىلىڭلار، _ دېدى.

15بۇنىڭ بىلەن، مۇسا سىناي تېغى چوققىسىغا چىقتى. بۇ ۋاقىتتا، تاغنى بۇلۇت قاپلىۋالدى. 16پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى تاغقا چۈشتى. ئالتە كۈنگىچە، تاغنى بۇلۇت قاپلاپ تۇردى. يەتتىنىچى كۈنى، پەرۋەردىگار بۇلۇت ئارىسىدىن مۇسانى چاقىردى. 17بۇ پارلاق نۇر باشقا ئىسرائىللارغا بولسا گويا دەھشەتلىك كۆيۈۋاتقان ئوتتەك كۆرۈندى. 18مۇسا بۇلۇتنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ يەردە قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇردى.



*10يەنى خۇدانىڭ ئۆزىنى ئايان قىلغانلىقىنى كۆردى.



 

25

ئىبادەت جايى ئۈچۈن سۇنۇلىدىغان ھەدىيىلەر

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن: «كىمدەكىم رازىمەنلىك بىلەن ماڭا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىسا، ھەدىيە سۇنسۇن. 3سىلەر مۇنداق ھەدىيىلەرنى قوبۇل قىلىڭلار: ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ 4ھەمدە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ، كەندىر يىپ، ئۆچكە تىۋىتى، 5قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىلەر، ئاكاتسىيە ياغىچى، 6چىراغ ئۈچۈن ياغ، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، 7باش روھانىي كىيىدىغان ئېفود* بىلەن كۆكرەكلىكىگە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار. 8ئۇلار ماڭا بىر مۇقەددەس تۇرالغۇ ياسىسۇن بۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرىمەن. 9بۇ ئىبادەت چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى سايمانلارنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىغا ئوپئوخشاش قىلىپ ياسىسۇن.»

ئەھدە ساندۇقى

10_ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش سانتىمېتىر، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر ساندۇق ياساڭلار. 11ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇڭلار. 12ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا، ھەربىر تەرىپىگە ئىككىدىن ئورنىتىڭلار. 1314ساندۇقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئىككى ياندىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزۈڭلار. 15ئىككى بالداق ھەمىشە ھالقىدا تۇرسۇن، ئۇنىڭدىن چىقىرىۋېتىلمىسۇن. 16مەن ساڭا بېرىدىغان، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇلسۇن.

17ساندۇقنىڭ ئۈستىدە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ياساڭلار. 18ئالتۇندىن «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى دانە قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، 19«مېھىر-شەپقەت تەختى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، تەخت بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈرۈڭلار. 20قاناتلىق ھەيكەللەر ئۇدۇلمۇئۇدۇل قويۇلغان ھالەتتە تەختنىڭ يۈزىگە قارىشىپ، قاناتلىرىنى ئېچىپ، «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى يېپىپ تۇرسۇن. 21مەن ساڭا بېرىدىغان پەرزلەر يېزىلىدىغان ئىككى تاش تاختىنى ساندۇقنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى ساندۇقنىڭ ئۈستىگە قويۇڭلار. 22مەن ئۇ يەردە سەن بىلەن ئۇچرىشىپ، تەختنىڭ ئۈستىدە ئىككى قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ، ئىسرائىللارغا چۈشۈرىدىغان ئەمرلىرىمنى ساڭا يەتكۈزىمەن.

شىرە

23_ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز، كەڭلىكى ئەللىك، ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر شىرە ياساپ، 24ئۇنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇڭلار. 25شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك كەڭلىكتە پەۋاز قويۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئالتۇن جىيەك تۇتۇڭلار. 26كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن، تۆت ئالتۇن ھالقا ياساپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتىغا ئورنىتىڭلار. 27بالداقلارنىڭ ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن، ھالقا پەۋازغا يېقىن بولسۇن. 28بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. 29شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋاق، تەخسە، چەينەك ۋە پىيالىلەرنى ساپ ئالتۇندىن ياساڭلار. 30شىرەگە ھەمىشە ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلارنى* تىزىپ قويۇڭلار.

چىراغدان

31_ ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان سوقۇلسۇن. چىراغداننىڭ پۇتى بىلەن تۈۋرۈكى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنى ۋە گۈل بەرگلىرى بىر پۈتۈن قىلىنسۇن. 32چىراغداننىڭ ئىككى يېنىغا ھەر تەرەپكە ئۈچتىن ئالتە شاخچە چىقىرىلسۇن. 33ھەربىر شاخچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ تال قەدەھ بولسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالسۇن. 34چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىنىڭ ئۇچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگىلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى تۆت تال قەدەھ بولسۇن. 35چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىدىن ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ ئاستىغا تۈگۈن چىقىرىلسۇن. چىراغداننىڭ ئالتە شېخىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالسۇن. 36پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلسۇن. 37چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورنىتىلسۇن. 38ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ساپ ئالتۇندىن قىلىنسۇن. 39چىراغداننىڭ ئۆزى ۋە پۈتۈن سايمانلىرىغا ئوتتۇز تۆت كىلو ساپ ئالتۇن ئىشلىتىلسۇن. 40بۇلارنىڭ ھەممىسى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ئېھتىيات بىلەن ياسالسۇن.



*728-باب، 6 _ 14-ئايەتلەرگە قارالسۇن.

*30ئادەتتە جەمئىي ئون ئىككى پارچە نان قويۇلىدىغان بولۇپ، بۇ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلاتتى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى نانلارنى تىزىپ قويۇش ئارقىلىق، ئۆزلىرىنىڭ ئەمگەك مېۋىلىرىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاشنى خالايدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرى ئېرىشكەن مول ھوسۇلنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئاتا قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئىدى.



 

26

ئىبادەت چېدىرى

1_ ئىبادەت چېدىرى ئون دانە يوپۇقتىن ياسالسۇن. بۇ يوپۇقلار كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلۇپ، ئۈستىگە قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەنسۇن. 2ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ھالدا ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن قىلىنسۇن. 3يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر پارچە، قالغان بەشى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. 4ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلسۇن. 5شۇنداق قىلىپ، يوپۇقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلسۇن. 6ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياساپ، ئىككى پارچە يوپۇق تۇتاشتۇرۇلسۇن.

7ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۆچكە يۇڭىدىن ئون بىر پارچە قېلىن يوپۇق رەخت توقۇڭلار. 8يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىلىنسۇن؛ ئۇزۇنلۇقى ئون بەش، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن بولسۇن. 9يوپۇقلارنىڭ بەش دانىسى بىر پارچە، قالغان ئالتىسى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلانسۇن. ئالتىنچى پارچە يوپۇقنى ئىككى قەۋەت قىلىپ قاتلاپ، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئالدى تەرىپىگە ساڭگىلىتىپ قويۇڭلار. 10بىرىنچى چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىڭلار. 11تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياساپ، ئۇلارنى ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈپ، ئىككى پارچە يوپۇقنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىڭلار. 12چېدىر يوپۇقىنىڭ ئېشىپ قالغان يېرىم پارچىسى چېدىرنىڭ كەينىگە ساڭگىلاپ تۇرسۇن. 13يوپۇقنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېشىپ قالغان پارچىسى بولسا ئىككى تەرەپكە يېرىم مېتىردىن ساڭگىلاپ، چېدىرنى يېپىپ تۇرسۇن. 14بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىدىن يەنە ئىككى پارچە چېدىر يوپۇقى ياساڭلار.

15ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن رام ياساڭلار. 16ھەربىر رامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر بولسۇن. 17ھەربىر رامنىڭ بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىدىن ئۇلىغۇچىسى بولسۇن. ھەممە راملاردا شۇنداق ئۇلىغۇچ بولسۇن. 18چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام تىكلەنسۇن. 19راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسالسۇن. ھەربىر رامنى ئىككى پۇت كۆتۈرۈپ تۇرسۇن. 2021چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام تىكلەپ، ئۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياساپ، ئۇلار ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن ئورنىتىلسۇن. 22چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەرب تەرەپكە ئالتە رام تىكلەنسۇن. 23چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى رام قويۇلسۇن. 24راملار بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر چەمبەرگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلسۇن. ئىككى دوقمۇشنى ھاسىل قىلىدىغان ھەر ئىككى رام شۇنداق ياسالسۇن. 25بۇ تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىدە ئىككىدىن جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولسۇن.

26بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئون بەش دانە توغرا بالداق ياساڭلار. بۇلاردىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، 27يەنە بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەربكە قارايدىغان راملارغا بەش دانە ئورنىتىلسۇن. 28راملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا بالداق چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يەتكۈزۈلۈپ ياسالسۇن. 29راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالسۇن. 30ئىبادەت چېدىرى مەن ساڭا تاغدا كۆرسەتكەن نۇسخا بويىچە ياسالسۇن.

31قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ھەم كەندىر يىپتىن بىر پەردە توقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلىنىپ، 32ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت تۈۋرۈككە ئورنىتىلغان ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىپ قويۇلسۇن. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. 33پەردە چېدىر يوپۇقىدىكى قاتار ئىلمەكلەرنىڭ ئاستىدىن ساڭگىلىتىپ قويۇلسۇن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا سېلىنغان ئەھدە ساندۇقى پەردىنىڭ كەينىگە قويۇلسۇن. بۇ پەردە ئەڭ مۇقەددەس جاي بىلەن مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرسۇن. 34ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلسۇن. 35شىرە ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ سىرتىدا، يەنى ئىبادەت چېدىرى ئىچىدىكى شىمال تەرەپكە، چىراغدان چېدىر ئىچىدىكى جەنۇب تەرەپكە قويۇلسۇن.

36بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا كەشتىلەنگەن بىر ئىشىك پەردىسى توقۇلسۇن. 37ئىشىك پەردىسىگە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولسۇن ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالسۇن.

 

27

قۇربانلىق سۇپىسى

1_ ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساڭلار. سۇپا تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن قىلىنسۇن. 2سۇپىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر چىقىرىلسۇن ھەم سۇپا بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، تۇچ بىلەن قاپلانسۇن. 3قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ كۈلىنى ئېلىش ئۈچۈن، كۈلدان، گۈرجەك، داس، لاخشىگىر ۋە ئوتدانلار ياسالسۇن. بۇ سايمانلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن بولسۇن. 4بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياساپ، ئۇنىڭ تۆت بۇرجىكىگە تۆت دانە تۇچ ھالقا بېكىتىپ قويۇلسۇن. 5شالا قۇربانلىق سۇپىسى ئوتخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلسۇن. 6بۇنىڭدىن باشقا، يەنە قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، بۇلارنى تۇچ بىلەن قاپلاڭلار. 7قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرگەندە، بالداقلار ئىككى ياندىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلسۇن. 8قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنسۇن. ئۇ مەن تاغدا ساڭا كۆرسەتكەن نۇسخىدا تاختايدىن ياسالسۇن.

ئىبادەت جايىنىڭ ھويلىسى

9_ ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ ھويلا قىلىش ئۈچۈن، كەندىر يىپتىن پەردە توقۇلسۇن. جەنۇب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر قىلىنسۇن. 10پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈكنىڭ ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 11شىمال تەرەپكىمۇ پەردە ئورنىتىلسۇن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈكنىڭ ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالسۇن. 12غەرب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مېتىر قىلىنسۇن. پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئون دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئون دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن. 13ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يىگىرمە بەش مېتىر بولسۇن. 14كىرىش ئاغزى شەرق تەرەپتە بولسۇن. كىرىش ئاغزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولسۇن. پەردىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالسۇن. 15يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولسۇن. ئۇنىڭغىمۇ ئۈچ دانە تۇچ تۈۋرۈك، ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئۈچ دانە تۇچ پۇت ياسالسۇن.

16كىرىش ئاغزى ئۈچۈن كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن كەڭلىكى ئون مېتىرلىق پەردە توقۇلسۇن. كەشتىچىلەر ئۇنى كەشتىلىسۇن. پەردە تۆت دانە پۇتقا بېكىتىلگەن تۆت تۈۋرۈككە ئورۇنلاشتۇرۇلسۇن. 17ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى بارلىق تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈمۈش ھالقا ۋە ئىلمەك بولسۇن. تۈۋرۈكنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن ياسالسۇن. 18ھويلىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر، كەڭلىگى يىگىرمە بەش مېتىر، ھويلا پەردىسىنىڭ ئېگىزلىكى ئىككى يېرىم مېتىر بولسۇن. پەردىلەر كەندىر يىپتىن توقۇلسۇن. تۈۋرۈكنىڭ پۇتلىرى بولسا تۇچتىن ياسالسۇن. 19ئىبادەت چېدىرىدىكى بارلىق جابدۇقلار ھەمدە چېدىردىكى ۋە ھويلىدىكى قوزۇقلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن ياسالسۇن.

يېنىپ تۇرىدىغان چىراغ ھەققىدە نىزام

20_ چىراغنىڭ ھەمىشە يېنىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، ئىسرائىللارغا ساپ زەيتۇن يېغى كەلتۈرۈشنى بۇيرۇغىن. 21ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى* ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدىكى پەردىنىڭ سىرتىغا چىراغ ياندۇرۇپ قويسۇن. بۇ چىراغ مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا كەچقۇرۇندىن سەھەرگىچە يېنىقلىق تۇرسۇن. ئىسرائىللار ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە بۇ نىزامغا ئەمەل قىلسۇن.



*21بۇ، ئىبادەت چېدىرىغا بېرىلگەن باشقا ئاتالغۇ.



 

28

روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرى

1_ ئىسرائىللار ئىچىدىن ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ناداب، ئابىھۇ، ئەلىئازار ۋە ئىتامارلارنى ماڭا روھانىيلىق قىلىش ئۈچۈن تەيىنلىگىن. 2ئاكاڭ ھارۇننىڭ سالاپىتى ۋە ھۆرمىتى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا مۇقەددەس روھانىيلىق كىيىمى تەييارلىغىن. 3ھارۇننىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىشقا ئاجرىتىلىشى ئۈچۈن، مەن ئىقتىدارلىق قىلغان بارلىق ئۇستىلارنى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى تىكىشكە بۇيرۇغىن. 4ئۇلار كۆكرەكلىك، ئېفود، پەرىجە، كەشتىلەنگەن تونچە كۆينەك، سەللە ۋە كەمەرلەرنى تىكىپ تەخ قىلسۇن. ئۇلار بۇ مۇقەددەس كىيىم-كېچەكلەرنى ئاكاڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىدىغان ئوغۇللىرى ئۈچۈن تەييارلىسۇن. 5ئۇستىلار بۇلارنى زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ قاتارلىقلار بىلەن تىكسۇن.

ئېفود دېگەن كىيىمنىڭ لايىھىسى

6_ ئېفود زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلسۇن. 7ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولسۇن. ئۇنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلسۇن. 8ئۇنىڭدىن باشقا، كەمەر تەييارلانسۇن. كەمەر زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن ئۇستىلىق بىلەن تىكىلسۇن. 9ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق تېپىپ كېلىنىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسىملىرى ئويۇلسۇن. 10ئۇلارنىڭ ئىسىملىرى تۇغۇلۇش تەرتىپى بويىچە ھەربىر تاشقا ئالتىدىن ئويۇلسۇن. 11ئىسىملار ئۇستىلار تەرىپىدىن مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك ئويۇلۇپ، ئىككى دانە ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلسۇن. 12ئاندىن، ئۇلار ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىنسۇن. ھارۇن ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىنى مۈرىسىگە مانا مۇشۇنداق ئېلىپ، مەن _ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خاتىرە قىلسۇن. 1314يەنە ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال ئالتۇن زەنجىر سوقۇلسۇن. بۇ زەنجىرلەر ھېقىق قويۇلغان كۆزلۈككە ئۇلانسۇن.

كۆكرەكلىك ياساش

15_ خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كۆكرەكلىك قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلسۇن. تىكىلىش ئۇسۇلى ئېفود بىلەن ئوخشاش بولۇپ، زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن تىكىلسۇن. 16كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا يىگىرمە ئىككى سانتىمېتىردىن قىلىنىپ، تۆت چاسا ھەم ئىككى قات، يەنى يانچۇقلۇق قىلىپ تىكىلسۇن. 17ئۈستىگە تۆت قۇر قىممەتلىك تاش ئورنىتىلسۇن. بىرىنچى قۇرىغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت ئورنىتىلسۇن. 18ئىككىنچى قۇرىغا كۆك قاشتاش، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلسۇن. 19ئۈچىنچى قۇرىغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلسۇن. 20تۆتىنچى قۇرىغا رەڭسىز ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە يېشىل قاشتاش ئورنىتىلسۇن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالسۇن. 21ئىسرائىللارنىڭ ئۇن ئىككى قەبىلىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بۇ ئون ئىككى قىممەتلىك تاشقا ئۇن ئىككى قەبىلىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك بىردىن ئويۇلسۇن.

22كۆكرەكلىكنى ئېفودقا بېكىتىش ئۈچۈن، ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال زەنجىر سوقۇلسۇن. 23كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 24زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 25ئېفود تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئۇلانسۇن. 26كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان ئىچكى يۈزىگە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 27شۇنداقلا، يەنە ئېفودنىڭ بەل قىسمىغا، يەنى كەمەرنىڭ يۇقىرىسىغىلا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلسۇن. 28بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق كۆكرەكلىكتىكى ھالقىلار بىلەن ئېفودتىكى ھالقىلار ئۆزئارا ئۇلانسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆكرەكلىك پۇلاڭلاپ كەتمەي، ئېفودقا چاپلىشىپ تۇرىدۇ.

29شۇنداق قىلىپ، ھارۇن ئىبادەت چېدىرىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى قەبىلىلىرىنىڭ ئىسمى ئويۇلغان كۆكرەكلىكنى خۇدانىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈپىتىدە ھەر دائىم مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. 30بۇنىڭدىن سىرت، يەنە «ئۇرىم» ۋە «تۇممىم»لارنى* كۆكرەكلىكنىڭ ئىچىگە سېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خاتىرە سۈپىتىدە مەيدىسىگە ئېسىۋالسۇن. مۇشۇنداق قىلغاندا، ھارۇن چېدىردىكى مۇقەددەس جايغا كىرگەندە، ھەر دائىم ئىسرائىللارغا قارىتىلغان خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلدۈرىدىغان نەرسىلەرنى مەيدىسىگە ئېسىۋالغان بولىدۇ.

روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەر

31_ ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجە تىكىلسۇن. پەرىجىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي كۆك بولسۇن. 32پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلسۇن. 3334پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىنىڭ چۆرىسىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ رەختتىن ئانارنىڭ نۇسخىسى كەشتىلىنىپ، ھەر ئىككى ئانارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىردىن ساپ ئالتۇندىن ياسالغان كىچىك قوڭغۇراق ئېسىلسۇن. 35ھارۇن روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن چاغدا، بۇ پەرىجىنى كىيىۋالسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇ مۇقەددەس جايغا كىرىپ چىققاندا، مەن قوڭغۇراق ئاۋازىنى ئاڭلايمەن-دە، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ جېنىنى ئالمايمەن.

36ساپ ئالتۇندىن بىر قاداق ياسالسۇن، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلسۇن. 37قاداق بىر تال كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىنىڭ ئالدىغا تاقاپ قويۇلسۇن. 38ھارۇن بۇ ئالتۇن قاداقنى پېشانىسىگە دائىم تاقىۋېلىش ئارقىلىق، كۆپچىلىكنىڭ قۇربانلىق قىلىش بىلەن ئۆزلىرىنى گۇناھكار ھېسابلىغانلىقىدىكى ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى بىلدۈرسۇن. بۇ ئالتۇن قاداق ھارۇننىڭ پېشانىسىدە دائىم بولسۇن. مۇشۇنداق بولغاندا، كۆپچىلىك خۇدا تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

39ھارۇن ئۈچۈن كەندىر يىپتىن تونچە كۆينەك ۋە سەللە توقۇلسۇن ھەم كەمەر كەشتىلەنسۇن. 40ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلىنسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئۇلار سالاپەتلىك كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىدۇ. 41ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق كىيىملىرىنى كىيگەندىن كېيىن، سەن ئۇلارنىڭ بېشىغا مۇقەددەس ياغ سۈركە ۋە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلە. ئۇلارنى ماڭا روھانىيلىق قىلىش ئۈچۈن ئاجرات.

42بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپتىن ئۇلار ئۈچۈن تامبال تىكتۈرۈلسۇن. تامبال بەلدىن تىزغىچە كېلىدىغان قىلىپ تىكىلىپ، ئاستىنقى بەدەننى يېپىپ تۇرسۇن. 43ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ-چىققاندا ياكى ئۇنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايدا ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا يېقىنلاشقاندا گۇناھ ئۆتكۈزۈپ ئۆلۈمگە بۇيرۇلماسلىقى ئۈچۈن، تامبال كىيىۋالسۇن. مانا بۇ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ بويسۇنىدىغان نىزام بولسۇن.



*30كۆپ تەرەپلىمە ئىزدىنىشلەرگە ئاساسلانغاندا، خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئىزدىگەن چاغدا تاشلىنىدىغان مۇقەددەس چەك بولۇشى مۇمكىن. «ئۇرىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «قارغاش» بولۇپ، «بولمايدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن. «تۇممىم»نىڭ ئىبرانىي تىلىدىكى مەنىسى «تەلتۆكۈس» بولۇپ، «بولىدۇ» دېگەن مەنىنى بىلدۈرۈشى مۇمكىن.



 

29

ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىي بولۇشى

1_ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئاجراتقاندا، تۆۋەندىكى رەسىم-قائىدە بويىچە ئىش كۆر: ئەركەك موزايدىن بىرنى ۋە ئەيىبسىز قوچقاردىن ئىككىنى تاللا. 2يەنە ئەڭ ياخشى بۇغداي ئۇنىدىن پېتىر نان، ماي قوشۇلغان پېتىر توقاچ ۋە ماي سۈرتۈلگەن پېتىر چەلپەكلەر تەييارلا. 3بۇ نانلارنى سېۋەتكە سېلىپ، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كەل ھەم ئەركەك موزاي ۋە ئىككى دانە قوچقارنىمۇ يېتىلەپ كەل. 4ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى چېدىرنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، بەدەنلىرىنى يۇغىن. 5ئاندىن، ھارۇنغا تونچە كۆينەك، پەرىجە ۋە ئېفودنى كىيدۈر. شۇنداقلا، ئۇنىڭغا كۆكرەكلىكنى تاقاپ، نەپىس توقۇلغان ئېفود كەمىرىنى باغلاپ قويغىن. 6شۇنىڭ بىلەن بىرگە، سەللىنى كىيدۈرۈپ، سەللىنىڭ ئالدىغا ئالتۇن قاداقنى تاقاپ قويغىن. 7ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇقەددەس ياغنى ئۇنىڭ بېشىغا قۇيۇپ، ئۇنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىگىن. 8ئاندىن، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭمۇ پەرىجىلىرىنى 9ۋە سەللىلىرىنى كىيدۈرۈپ، كەمەرلىرىنى باغلا. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار مانا بۇ مەڭگۈلۈك قائىدە بويىچە روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە ئېرىشىدۇ. سەن مانا مۇشۇنداق قائىدە بويىچە ئۇلارنى مۇقەددەس ۋەزىپىگە ئاجرات.

قۇربانلىق قىلىش توغرىسىدىكى قائىدە

10_ سەن ئەركەك موزاينى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەل. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى موزاينىڭ بېشىغا قويسۇن. 11سەن چېدىر ئاغزى ئالدىدا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا موزاينى بوغۇزلا، 12ئاندىن قېنىدىن ئازراق ئېلىپ كېلىپ، بارمىقىڭ بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈركەپ قويغىن. قالغان قاننى سۇپىنىڭ ئاياغ تەرىپىگە تۆك. 13موزاينىڭ چاۋا مېيى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ۋە ئىككى بۆرىكىنى مايلىرى بىلەن قوشۇپ سۇپىدا كۆيدۈر. 14لېكىن، موزاينىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە ئىچكى ئەزالىرىنى قارارگاھنىڭ سىرتىدا كۆيدۈر. مانا بۇ گۇناھ كەچۈرۈم بولۇش قۇربانلىقىدۇر.

15قوچقارلاردىن بىرنى ئېلىپ كەل، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويسۇن. 16ئاندىن قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى سۇپىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچ. 17ئاندىن، قوچقارنى پارچىلاپ، ئۇنىڭ ئۈچەي-باغىرلىرى ۋە پۇتلىرىنى پاكىز تازىلاپ، ئۇلارنى قۇربانلىق سۇپىسىغا قويغىن. 18ئاندىن كېيىن، ئۇلارنى كۆيدۈرگىن. مانا بۇ، خۇداغا ئاتالغان خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىقتۇر.

19ئۇنىڭدىن كېيىن، ئىككىنچى قوچقارنى يېتىلەپ كەل. ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. 20سەن بۇ قوچقارنى بوغۇزلاپ، قېنىدىن ئازراق ئېلىپ، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقىغا، ئوڭ قولىنىڭ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ باشمالتىقىغا سۈركەپ قوي. ئېشىپ قالغان قاننى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت تەرىپىگە چاچ. 21ئاندىن، مۇقەددەس ياغ ۋە سۇپىدىكى قاندىن ئازراق ئېلىپ، قولۇڭ بىلەن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپكىن. مۇشۇنداق بولغاندا، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ كىيىملىرىمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.

22بۇ قوچقار ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ روھانىيلىققا ئاجرىتىلىشىغا ئىشلىتىلگەنلىكتىن، سەن ئۇنىڭ مېيى، يەنى قۇيرۇقى، چاۋا مېيى، بۆرەك مېيى، شۇنداقلا ئىككى تال بۆرىكى، جىگىرىنىڭ ئەڭ ياخشى يېرى ۋە ئوڭ يانپىشىنى ئايرىۋال. 23بۇنىڭدىن سىرت، يەنە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان سېۋەت ئىچىدىكى پېتىر نان، مايلىق پېتىر توقاچ ۋە نېپىز پېتىر چەلپەكلەرنىڭ ھەرقايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ، 24ئۇلارنى ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قولىغا تۇتقۇز. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى تۇتۇپ تۇرۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلىتىپ ئاتىسۇن. مانا بۇ پۇلاڭلاتما قۇربانلىقتۇر. 25ئاندىن، سەن بۇ نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، سۇپىغا قويۇپ كۆيدۈرۈپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش بىلەن بىللە، پەرۋەردىگارنى خۇرسەن قىلىدىغان خۇش پۇراقلىق پۇلاڭلاتما قۇربانلىقنى قىل. 26روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ تۆش گۆشىنى قولۇڭغا ئېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلات. قوچقارنىڭ قالغان گۆشى سېنىڭ بولىدۇ.

27روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ گۆشى، يەنى پۇلاڭلاتما قۇربانلىققا ئىشلىتىلگەن تۆش گۆش ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان يانپاش گۆشلەر مۇقەددەس قىلىنسۇن ھەم ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. 28شۇڭا، بۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىللار ئامانلىق قۇربانلىقىنى بەرگەندە، ئۇ ئىككى خىل گۆش ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ نېسىۋىسى بولىدۇ.

29ھارۇننىڭ ئورنىنى باسىدىغانلار ئۇنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىگە ۋارىسلىق قىلسۇن. ئۇلار مۇقەددەس ياغ بىلەن سۈركىلىپ روھانىيلىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلىنىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرغاندا، بۇ كىيىملەرنى كىيسۇن. 30ھارۇننىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئوغلى ھەر قېتىم پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە، بۇ مۇقەددەس كىيىمنى ئۇدا يەتتە كۈن كىيسۇن.

31روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىغا ئىشلىتىلگەن قوچقارنىڭ گۆشى ئىبادەت جايى ئىچىدە پىشۇرۇلسۇن. 32ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوچقارنىڭ گۆشى ۋە سېۋەتتىكى نانلارنى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئاغزى ئالدىدا يېسۇن. 33ئۇلار گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش ھەم روھانىيلىققا ئاجرىتىش مۇراسىمىدا ئىشلىتىلگەن مۇشۇ تائاملارغا پەقەت ئۆزلىرىلا ئېغىز تەگسۇن. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئېغىز تېگىشىگە بولمايدۇ. چۈنكى، بۇ تائاملار مۇقەددەس قىلىنغان. 34ئەگەر گۆش ۋە نانلار ئەتىسى سەھەرگىچە يېيىلمىگەن بولسا، يېمەي كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. چۈنكى، بۇ تائاملار مۇقەددەستۇر.

35سەن مېنىڭ ئەمرىم بويىچە ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يەتتە كۈنگىچە ۋەزىپە ئۆتكۈزۈپ بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈز. 36ھەر كۈنى، بىر موزاينى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئورنىدا بوغۇزلا. ئاندىن، قۇربانلىق سۇپىسىنى پاكلاپ، ئۇنى مۇقەددەس قىلىش ئۈچۈن، ياغلا. 37قۇربانلىق سۇپىسىنى ئۇدا يەتتە كۈنگىچە پاكلاپ، مۇقەددەس قىل. شۇنداق قىلغاندا، ئۇ پۈتۈنلەي مۇقەددەس بولىدۇ. قۇربانلىق سۇپىسىغا تەگكەننىڭ ھەممىسى مۇقەددەس بولىدۇ.

كۈندىلىك قۇربانلىق توغرىسىدا

38_ ھەر كۈنى قۇربانلىق سۇپىسىدا بىر ياشلىق قويدىن ئىككىسى قۇربانلىق قىلىنسۇن. 39ئۇلارنىڭ بىرى ئەتىگەندە، بىرى كەچقۇرۇن قۇربانلىق قىلىنسۇن. 40بىرىنچى قوي قۇربانلىق قىلىنغاندا، ئىككى كىلو بۇغداي ئۇنى بىر لىتىر زەيتۇن يېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇلۇپ ئاتالسۇن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يەنە بىر لىتىر شارابمۇ ئىچىملىك ھەدىيىسى سۈپىتىدە ئاتالسۇن. 41يەنە بىر قوي كەچقۇرۇن قۇربانلىق قىلىنسۇن. بۇمۇ ئەتىگەندىكى بۇغداي ۋە ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئوخشاش قائىدىدە قۇربانلىق قىلىنىپ، خۇش پۇراقلىق كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتالسۇن.

42كۆيدۈرمە قۇربانلىق پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئاغزىدا مېنىڭ _ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرسۇن. مەن بۇ يەردە خەلقىمگە ئۆزۈمنى ئاشكارىلاپ، سەن بىلەن سۆزلىشىمەن. 43بۇ يەر مېنىڭ ئىسرائىللار بىلەن ئۇچرىشىدىغان يېرىمدۇر. بۇ يەر مېنىڭ پارلاق نۇرۇم بىلەن مۇقەددەس بولىدۇ.

44مەن پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىلا مۇقەددەس قىلىپ قالماستىن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىمۇ مۇقەددەس قىلىمەن. 45مەن ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ خۇداسى بولىمەن. 46ئۇلار مېنىڭ ئۆزلىرىنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇدا ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ ھەمدە مېنىڭ ئۇلارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىشىم ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇشۇم ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى چۈشىنىدۇ. مەن مەڭگۈ بار بولغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن.

 

30

ئىسرىقدان

1ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بىر ئىسرىقدان ياساڭلار. 2ئىسرىقدان تۆت چاسا بولسۇن، ئېگىزلىكى بىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن قىلىنسۇن. ئىسرىقداننىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى مۈڭگۈزلەر ئىسرىقدان بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ ياسالسۇن. 3ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت ئەتراپى ۋە تۆت مۈڭگۈزى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسىگە ئالتۇن جىيەك قويۇلسۇن. 4ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئىككى ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، ئىككى ياندىكى جىيەكلەرنىڭ ئاستىغا بېكىتىلسۇن. 5بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلانسۇن. 6ئىسرىقدان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىدىكى پەردىنىڭ سىرتىدا، ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «مېھىر-شەپقەت تەختى»گە قارىتىپ قويۇلسۇن. ئۇ يەر مەن سىلەر بىلەن ئۇچرىشىدىغان يەردۇر.

7ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى باش روھانىي ھارۇن چىراغلارنى رەتلىگىلى كەلگەندە، ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقلارنى كۆيدۈرسۇن. 8كەچقۇرۇن چىراغلار يېقىلغاندىمۇ ئىسرىق سېلىنسۇن. ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە ئۈزمەي مۇشۇنداق ئىسرىق سېلىنىپ تۇرسۇن. 9بۇ ئىسرىقداندا مەنئى قىلىنغان ئىسرىقلار كۆيدۈرۈلمىسۇن ھەمدە كۆيدۈرمە قۇربانلىق، بۇغداي ياكى ئىچىملىك ھەدىيىسى قىلىنمىسۇن. 10ھارۇن يىلدا بىر قېتىم گۇناھ يۇيۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلالايدىغان مال قېنىنى ئىسرىقداننىڭ تۆت مۈڭگۈزىگە سەپسۇن. بۇ مۇراسىم ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇلسۇن. چۈنكى بۇ تولۇق مۇقەددەس قىلىنغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىسرىقداندۇر.

گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشىغا تاپشۇرۇلىدىغان پۇل

11پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

12_ سەن ئىسرائىللارنىڭ نوپۇسىنى تەكشۈرگەن ۋاقتىڭدا، رويخەتكە ئېلىنغان ھەربىر ئەر ئۆزلىرىنىڭ بالا-قازادىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، شۇ مەيداندا مەن _ پەرۋەردىگارغا ھاياتلىق تۆلەم پۇلى تاپشۇرسۇن. 13رويخەتكە ئېلىنغانلار رەسمىي ئۆلچەم بويىچە كىشى بېشىغا ئالتە گرامدىن كۈمۈش تاپشۇرسۇن. بۇ، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ھەدىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. 14يىگىرمە ياشتىن ئاشقانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا ھەدىيە تاپشۇرۇشى كېرەك. 15جېنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بېرىلىدىغان بۇ خىل ھەدىيىنى بايلار ئارتۇق تاپشۇرۇۋەتمىسۇن. كەمبەغەللەرمۇ كەم تاپشۇرۇپ قويمىسۇن. 16گۇناھنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن يىغىۋېلىنغان پۇللار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ خىراجىتى قىلىنسۇن. بۇ پۇللار ماڭا ئۇلارنى ياد ئەتكۈزىدۇ ۋە ئۇلارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىدۇ.

پاكلىنىش دېسى

17پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

18_ تۇچتىن بىر داس ياسىتىلسۇن ۋە داس قويغۇچمۇ تۇچتىن قۇيدۇرۇلۇپ، ئۇلار پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا قويۇلسۇن ھەم داسقا سۇ قۇيۇپ قويۇلسۇن. 1920ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چېدىرغا كىرگىنىدە ياكى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇربانلىق سۇنغىلى كەلگىنىدە، بۇ داستىكى سۇدا پۇت-قوللىرىنى يۇسۇن. بولمىسا، ئۇلار ئۆلتۈرۈلىدۇ. 21ئۇلار پۇت-قولىنى يۇغاندىلا، ئۆلۈمدىن خالىي بولىدۇ. بۇ، ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى مەڭگۈ رىئايە قىلىدىغان قائىدە بولسۇن.

مۇقەددەس ياغ تەييارلاش ئۇسۇلى

22پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

23_ رەسمىي ئۆلچەم بويىچە ئەڭ ئېسىل خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەردىن، يەنى مۇرمەككى سۇيۇقلۇقىدىن ئالتە كىلو، گۈل دارچىندىن ئۈچ كىلو، ئېگىردىن ئۈچ كىلو، 24قوۋزاقدارچىندىن ئالتە كىلو ۋە زەيتۇن يېغىدىن تۆت لىتىر تەييارلىنىپ، 25خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەش ئۇسۇلى بويىچە ئارىلاشتۇرۇلۇپ، مۇقەددەس ياغ ياسالسۇن. 26بۇ ياغ بىلەن پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى، 27شىرە ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغدان ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، ئىسرىقدان، 28كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سۇپىنىڭ بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ قاتارلىقلار ياغلىنىپ، 29تەلتۆكۈس مۇقەددەس قىلىنسۇن. بۇ نەرسىلەرگە تەگكەن نەرسىلەرمۇ مۇقەددەس بولىدۇ.

30ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ماڭا ئاجرىتىلىپ، مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا روھانىيلىق قىلىشى ئۈچۈن، يەنە مۇشۇ ياغ بىلەن ئۇلارنى ياغلاپ قويغىن. 31ئىسرائىللارغا شۇنى ئېيتقىنكى، بۇ ياغ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە مۇقەددەستۇر. 32شۇڭا، بۇ ياغ ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى كىشىلەر ئۈچۈن ئىشلىتىلمىسۇن ھەم ئوخشىتىپ ياسالمىسۇن، چۈنكى ئۇ مۇقەددەستۇر. سىلەرمۇ ئۇنى مۇقەددەس، دەپ بىلىشىڭلار كېرەك. 33كىمدەكىم بۇنداق ياغنى ئۆزى ئوخشىتىپ ياسىسا ياكى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىگە سۈركىسە، ئۇ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

ئىسرىق ياساش ئۇسۇلى

34پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئىسرىققا ئىشلىتىلىدىغان يېلىم، قۇلۇلە قېپى تالقىنى، ئاق دېۋىرقاي ۋە ساپ مەستەكلەردىن ئوخشاش مىقداردا ئېلىپ، 35ئۇنى ئادەتتىكى خۇشبۇي ئەتىر ياساش ئۇسۇلى بويىچە تەڭشەپ، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق تۇز ئارىلاشتۇرۇپ، ساپ ۋە مۇقەددەس ئىسرىق ياسالسۇن. 36بۇ ئىسرىقلاردىن ئازراق ئېلىنىپ، تالقاندەك ئۇششاق يانجىلىپ، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى ئىچىدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئالدىغا قويۇلسۇن. مەن ئۇ يەردە سىلەر بىلەن ئۇچرىشىمەن. سىلەر بۇ ئىسرىقنى ئەڭ مۇقەددەس ئىسرىق، دەپ بىلىڭلار. 37لېكىن، سىلەر ئۆزۈڭلار ئۈچۈن بۇ خىل ئۇسۇلدا ئىسرىق ياسىماڭلار. چۈنكى، بۇ خىل ئىسرىق پەقەت پەرۋەردىگارغىلا خاستۇر. 38ئۆزلىرى ھۇزۇرلىنىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىسرىققا ئوخشىتىپ ئىسرىق ياسىغانلارنىڭ ھەممىسى خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ.

 

31

ئىبادەت جايى ياسىغۇچى ئۇستىلارنىڭ تاللىنىشى

1پەرۋەردىگار خۇدا مۇساغا مۇنداق دېدى:

2_ قارا! مەن يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىلنى تاللىدىم. 3مەن ئۇنى ئۆز روھىم بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدىم. 4ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 5قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا سېلىش، ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ.

6مەن يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنى ئۇنىڭغا ياردەمچىلىككە تەيىنلىدىم. شۇنىڭدەك، بارلىق ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرگىمۇ تېخىمۇ كۆپ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇلارغا مەن تاپىلىغان نەرسىلەرنى ياساش قابىلىيىتىنى بەردىم. 7ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى: پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى، ئەھدە ساندۇقى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە قويۇلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ھەم چېدىر ئىچىدىكى بارلىق سايمانلارنى، 8شىرە ۋە شىرەنىڭ سايمانلىرىن ى، ساپ ئالتۇندىن ياسىلىدىغان چىراغدان ۋە چىراغداننىڭ سايمانلىرىنى ھەمدە ئىسرىقدان، 9كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ۋە سۇپىدىكى بارلىق سايمانلارنى، شۇنداقلا پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنى ياساش، 10ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەرنى تىكىش، 11مۇقەددەس ياغ ۋە مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان خۇشبۇي ئىسرىق ياساش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلار بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ ئەمرىم بويىچە قىلسۇن.

دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق رىئايە قىلىش

12-13پەرۋەردىگار مۇساغا ئىسرائىللارغا مۇنۇلارنى يەتكۈزۈشنى تاپىلىدى:

_ سىلەر مەن بەلگىلىگەن دەم ئېلىش كۈنىگە چوقۇم قاتتىق رىئايە قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ مەن بىلەن سىلەر ئوتتۇرىمىزدىكى مەڭگۈلۈك بەلگىدۇر. بۇ، سىلەرنى پاك قىلغۇچىنىڭ مەن _ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرىدۇ. 14سىلەر دەم ئېلىش كۈنىگە قاتتىق رىئايە قىلىڭلار. چۈنكى، بۇ مۇقەددەس كۈن. بۇ كۈنگە ئەمەل قىلماي، ئادەتتىكى كۈندىكىدەك ئىشلىگەنلەر ئىسرائىل قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىپ، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 15ئىش قىلىشىڭلار ئۈچۈن ئالتە كۈن بار. لېكىن، يەتتىنچى كۈنى ماڭا ئاتىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى ئىش قىلغانلىكى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن. 16ئىسرائىللار تۈزۈلگەن ئەھدىنىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە بۇ كۈنگە مەڭگۈ قاتتىق رىئايە قىلسۇن. 17بۇ، مەن بىلەن ئىسرائىللار ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك بەلگىدۇر. چۈنكى، مەن _ پەرۋەردىگار ئالتە كۈندە پۈتۈن ئالەمنى ياراتتىم، يەتتىنچى كۈنى ئىشنى توختىتىپ ئارام ئالدىم.

18خۇدا سىناي تېغىدا مۇساغا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى. تاشقا خۇدا پەرزلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.

 

32

ئالتۇن موزاي

1ئىسرائىللار مۇسانىڭ شۇنچە ۋاقىتتىن بېرى تاغدىن چۈشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھارۇننىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋېلىپ، ئۇنىڭغا:

_ تۇرۇڭ! بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق، _ دېيىشتى.

2ھارۇن ئۇلارغا:

_ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىڭلارنىڭ قۇلىقىدىكى ئالتۇن ھالقىلارنى ماڭا ئەكېلىپ بېرىڭلار، _ دېدى. 3ئۇلار ئالتۇن ھالقىلارنى ئېلىپ، ھارۇننىڭ ئالدىغا كېلىشتى. 4ھارۇن ھالقىلارنى ئىشلىتىپ، موزاي سۈرىتىدە بىر بۇت ياسىدى.

خالايىق:

_ ئەي ئىسرائىل خەلقى، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا شۇ! _ دېيىشتى.

5ھارۇن بۇنى كۆرۈپ، ئالتۇن موزاي بۇتنىڭ ئالدىغا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ:

_ ئەتە پەرۋەردىگار ئۈچۈن ھېيت قىلىمىز، _ دەپ ئېلان قىلدى. 6ئەتىسى سەھەردە، خەلق كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە ئامانلىق قۇربانلىقىنى قىلدى. ئاندىن كېيىن، ئولتۇرۇپ خالىغانچە يەپ-ئىچىشىپ، كەيپ-ساپا قىلىشتى.

7پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن دەرھال تاغدىن چۈشكىن! چۈنكى، سەن مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلقىڭ گۇناھقا تولدى. 8ئۇلار مەن كۆرسەتكەن يولدىن چەتنەپ كەتتى. ئۇلار ئالتۇندىن موزاي سۈرىتىدە بۇت ياساپ، ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشتى. ئۇلار: «بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ئىلاھىمىز مانا شۇ» دېيىشتى. 9مەن بۇ خەلقنىڭ ئىنتايىن بوينى قاتتىقلىقىنى بىلدىم. 10ئەمدى سەن مېنىڭ ئىشىمغا ئارىلاشما، مەن ئۇلارغا غەزىپىمنى چۈشۈرۈپ ھالاك قىلىۋېتىمەن. سېنى ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭنى بولسا چوڭ خەلق قىلىمەن، _ دېدى.

11لېكىن، مۇسا پەرۋەردىگارى بولغان خۇداغا مۇنداق دېدى:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭگە نېمىشقا بۇنداق غەزەپلىنىسەن؟ ئۇلارنى سەن زور قۇدرىتىڭ بىلەن مىسىردىن ئېلىپ چىقمىغانمىدىڭ؟ 12نېمە ئۈچۈن مىسىرلىقلارغا «خۇداسى ئۇلارنى تاغ-دالالاردا پۈتۈنلەي ھالاك قىلىپ، يەر يۈزىدىن يوقىتىش ئۈچۈن، مەقسەتلىك ھالدا مىسىردىن ئېلىپ چىققانىكەن» دېيىشكە سەۋەب تېپىپ بېرىسەن؟ غەزىپىڭنى بېسىۋېلىپ، نىيىتىڭدىن يانغايسەن. ئۆز خەلقىڭگە چوڭ بالايىئاپەت چۈشۈرمىگەيسەن. 13خىزمەتكارلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارنى ئەسلىگەيسەن. سەن ئۆز نامىڭ بىلەن قەسەم قىلىپ، ئۇلارغا: «ئەۋلادىڭنى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك كۆپ قىلىمەن، بۇ پۈتۈن زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادىڭغا مەڭگۈلۈك مىراس قىلىپ بېرىمەن» دېگەنىدىڭ، _ دېدى. 14بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى.

15مۇسا ئىككى يۈزىگە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئېلىپ تاغدىن چۈشتى. 16بۇ ئىككى تاش تاختىغا خۇدا ئۆزى ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئۇنىڭغا پەرزلەرنى ئۆز قولى بىلەن يازغانىدى.

17يەشۇ خالايىقنىڭ چۇقان-سۈرەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ، مۇساغا:

_ قارارگاھتا جەڭنىڭ ئاۋازى چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ! _ دېدى.

18مۇسا ئۇنىڭغا:

_ جەڭ غەلىبىسىنىڭ تەنتەنىسىگىمۇ، مەغلۇبىيەت پەريادىغىمۇ ئوخشىمايدۇ، بەلكى ناخشا-كۈي ساداسى! _ دېدى.

19مۇسا قارارگاھقا يېقىن كېلىپ، موزاي بۇت ۋە ساماغا چۈشكەن خالايىقنى كۆرۈپ، غەزىپىنى باسالماي، ئېلىپ چۈشكەن ئىككى تاش تاختىنى تاغنىڭ ئېتىكىدە يەرگە تاشلاپ چېقىۋەتتى. 20ئاندىن، ئۇ خالايىق ياسىۋالغان موزاينى كۆيدۈرۈپ، تالقاندەك قىلىپ سۇغا چېچىۋەتتى ۋە ئىسرائىللارنى ئۇنى ئىچىشكە بۇيرۇدى. 21ئۇ ھارۇنغا:

_ بۇ كىشىلەرنى شۇنچە چوڭ گۇناھقا قويۇۋەتكۈدەك، ئۇلار ساڭا نېمە قىلغانىدى؟ _ دېدى.

22ھارۇن مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ماڭا خاپا بولمىغايسەن. بۇ كىشىلەرنىڭ يامانلىق قىلىشقا نىيەت باغلىغانلىقىدىن سېنىڭ خەۋىرىڭ بار. ئۇلار ماڭا: 23«بىزگە يول باشلاپ ماڭىدىغان بۇت ياساپ بېرىڭ! بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان ھېلىقى مۇسانىڭ نېمە بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلەلمىدۇق» دېدى. 24مەن ئۇلارغا: «ئالتۇن زىننەت بۇيۇملىرىڭلارنى ئەكېلىڭلار» دېگەنىدىم. ئالتۇن جابدۇقلىرى بارلار ئەكېلىپ ماڭا تاپشۇردى. مەن بۇ ئالتۇن جابدۇقلارنى ئوتقا تاشلىۋىدىم، ئۇ موزاي بولۇپ چىقتى.

25مۇسا ھارۇننىڭ باشقۇرۇشقا ئامالسىز قالغانلىقى بىلەن، خەلقنىڭ ئۆز مەيلىچە ئىش قىلىپ، دۈشمەنلىرىنىڭ مەسخىرە نىشانى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆردى. 26ئۇ قارارگاھنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن:

_ پەرۋەردىگار تەرەپتە تۇرىدىغانلار مەن تەرەپكە كېلىڭلار! _ دەپ توۋلىغانىدى، پۈتكۈل لاۋىيلار ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى.

27مۇسا ئۇلارغا:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە ھەممىڭلارنىڭ قىلىچ ئېسىپ، قارارگاھنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگىچە ئارىلاپ، ئۆز قېرىنداشلىرىڭلار، دوست-بۇرادەرلىرىڭلار ۋە قوشناڭلارنى ئۆلتۈرۈشۈڭلارنى بۇيرۇدى، _ دېدى. 28لاۋىيلار بۇيرۇققا بويسۇنۇپ، ئۇ كۈنى تەخمىنەن ئۈچ مىڭ كىشىنى قىرىۋەتتى.

29مۇسا لاۋىيلارغا:

_ بۈگۈن ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىدىڭلار. سىلەر ئۆز ئوغۇللىرىڭلار ۋە قېرىندىشىڭلارنى ئايىمىغانلىقىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئىلتىپاتىغا مۇيەسسەر بولدۇڭلار، _ دېدى.

30ئەتىسى، مۇسا خالايىققا:

_ سىلەر چوڭ گۇناھ قىلدىڭلار. ئەمدى مەن يەنە تاغقا، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا چىقىمەن. سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ كەچۈرۈمىنى تىلەيمەن، بەلكىم ئۇنىڭغا مۇيەسسەر بولالىشىم مۇمكىن، _ دېدى.

31بۇنىڭ بىلەن، مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىقىپ:

_ بۇ خەلق چوڭ گۇناھ قىلدى. ئۇلار ئالتۇندىن بۇت ياساپ چوقۇندى. 32ئۇلارنىڭ گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن. ئۇنداق بولمىسا، ئۆز خەلقىڭنىڭ قاتارىدىن مېنىڭ ئىسمىمنى چىقىرىۋەتكەيسەن، _ دېدى.

33پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا:

_ خەلقىم قاتارىدىن چىقىرىۋېتىلىدىغانلار مېنىڭ ئالدىمدا گۇناھ قىلغانلاردۇر. 34ئەمدى سەن خەلقنى مەن ساڭا كۆرسەتكەن جايغا ئېلىپ بار. مېنىڭ پەرىشتەم ئالدىڭدا سېنى باشلاپ ماڭىدۇ. لېكىن ۋاقتى كەلگەندە، مەن ئۇلارنى ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرى ئۈچۈن جازالايمەن، _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

35پەرۋەردىگار خەلق ئىچىگە كېسەل چۈشۈردى. چۈنكى، ئۇلار ھارۇن ياساپ بەرگەن ئالتۇن موزايغا چوقۇنغانىدى.

 

33

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى سىناي تېغىدىن كېتىشكە بۇيرۇشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلق بىلەن بۇ يەردىن كېتىپ، مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قەسەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان يەرگە بارغىن. 2ساڭا يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن قانانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، 3سېنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەرگە ئاپىرىمەن. لېكىن، مەن سىلەر بىلەن بىللە بارمايمەن. چۈنكى، سىلەر بوينى قاتتىق خەلق بولغاچقا، مەن سىلەرنى يولدا ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن.

4بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى. 5چۈنكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ مۇنۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى بۇيرۇغانىدى: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلق. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىللە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردا بار بولغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەي.» 6شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادى تاقىمىدى.

ئۇچرىشىش چېدىرى

7ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» دەپ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىنى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايدا تىكەتتى. پەرۋەردىگارغا دۇئا-تەلەپلىرى بارلىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بارسا بولاتتى. 8مۇسا قاچانلا بولمىسۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغىنىدا، خالايىق ئۆز چېدىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، مۇسانىڭ كەينىدىن تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە قارىشىپ تۇرۇشاتتى. 9مۇسا چېدىرغا كىرگەن ۋاقىتتا، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، «ئۇچرىشىش چېدىرى»نىڭ ئالدىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. 10خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرى ئالدىدىلا رۇسلىنىپ، خۇداغا سەجدە قىلىشاتتى. 11پەرۋەردىگار چېدىر ئىچىدە مۇسا بىلەن خۇددى كىشىلەر دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنگە ئوخشاش يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى نۇننىڭ ئوغلى يەشۇ چېدىردا قالاتتى.

مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈشى

12مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ بېرىشقا ئەمر قىلغانىدىڭ. لېكىن، سەن ماڭا كىمنى مەن بىلەن بىللە بېرىشقا ئەۋەتىدىغانلىقىڭنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 13ئۇنداق ئىكەن، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، ھەمىشە ئالدىڭدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.

14_ مەن ئۆزۈم سەن بىلەن بىللە بېرىپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلاي، _ دېدى پەرۋەردىگار.

15مۇسا ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن ئايرىمىغايسەن. 16ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقانلىقىمىزنى نېمىدىن بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

17پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى، سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.

18شۇڭا، مۇسا:

_ ماڭا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى.

19پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ مەن پۈتۈن مېھرىبانلىقىمنى كۆرسىتىپ، سېنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈپ، «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن. 20بىراق، ساڭا ئۆز چىرايىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى، مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ. 21لېكىن، مېنىڭ يېنىمدا بىر جاي بار. سەن ئۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. 22مېنىڭ پارلاق نۇرۇم ئۇ يەردىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، مەن سېنى تاشنىڭ يوچۇقىغا قويۇپ، قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، 23قولۇمنى تارتىۋالىمەن. سەن مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن. چىرايىمنى كۆرسەڭ بولمايدۇ.

 

34

پەرز تاختىسىنىڭ قايتا بېرىلىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سەن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش ئىككى تاش تاختا يونۇپ كەل. سەن چېقىۋەتكەن ھېلىقى تاش تاختىدىكى سۆزلەرنى شۇ ئىككى تاختىغا يازاي، 2سەن ئەتە ئەتىگەنگىچە تەييار بولۇپ، سىناي تېغىغا چىقىپ، تاغنىڭ چوققىسىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىن. 3ھەرقانداق كىشى سەن بىلەن بىللە چىقمىسۇن. پۈتۈن تاغدا ئادەم بولمىسۇن، ھەتتا كالا-قويمۇ تاغنىڭ تۈۋىدە ئوتلىمىسۇن، _ دېدى. 4شۇنىڭ بىلەن، مۇسا ئىككى تاش تاختا يونۇپ، ئەتىسى سەھەردە پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇلارنى تاغقا ئېلىپ چىقتى.

5پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدە چۈشۈپ، مۇسانىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن مۇقەددەس نامىنى جاكارلىدى.

6پەرۋەردىگار مۇسانىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ:

_ مەن «مەڭگۈ بار بولغۇچى»، يەنى پەرۋەردىگاردۇرمەن. مەن ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدادۇرمەن. ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيمەن، مېھىر-مۇھەببىتىم مول، ۋاپادارمەن. 7مىڭلىغان ئەۋلادلارغا بولغان مېھىر-مۇھەببىتىمنى ئۈزۈلدۈرمەي، گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلەرنى كەچۈرۈم قىلىمەن. لېكىن، مەن گۇناھكارلارنى جازالىماي قويمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىنى تاكى ئۈچىنچى، تۆتىنچى ئەۋلادقىچە جازالايمەن، _ دېدى.

8مۇسا دەرھال يەرگە باش قويۇپ سەجدە قىلدى. 9ئۇ:

_ ئى ئىگەم، ئەگەر سەن مەندىن رازى بولساڭ، بىز بىلەن بىللە بارغايسەن. بۇ خەلقنىڭ بوينى قاتتىق بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇناھ ۋە سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرۈم قىلغايسەن. بىزنى ئۆز ئىگىدارچىلىقىڭغا ئالغايسەن، _ دېدى.

يېڭىۋاشتىن ئەھدە تۈزۈش

10شۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىدىكى ھەرقانداق خەلق كۆرۈپ باقمىغان چوڭ كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. سېنىڭ ئەتراپىڭدىكى خەلقلەر مېنىڭ _ پەرۋەردىگارنىڭ ئەمەلىيەتلىرىنى كۆرسۇن. چۈنكى، مەن سىلەرنى دەپ قورقۇنچلۇق ئىشلارنى كۆرسىتىمەن. 11مەن بۈگۈن ساڭا جاكارلايدىغان ئەمرلىرىمگە رىئايە قىلغىن. سەن ئۇ يەرگە كىرگەن ۋاقتىڭدا، مەن ئامورلار، قانانلار، خىتلار، پەرىزىلەر، ھىۋىلار ۋە يەبۇسلارنى ھەيدەپ چىقىرىمەن. 12ئېھتىيات قىلغىنكى، سەن بارىدىغان جايدىكى ئاھالە بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمىگىن. بولمىسا، سەن ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش، رەزىل يولغا مېڭىپ كېتىسەن. 13شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى ئۆرۈۋېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھ دەپ تىكلىۋالغان تاش تۈۋرۈكلىرىنى ۋە ئاشېرە ئايال ئىلاھ بۇتلىرىنى چېقىۋەتكىن.

14مەندىن باشقىغا ئىبادەت قىلما، چۈنكى «قىزغانغۇچى» مېنىڭ بىر نامىم بولۇپ، مەن قىزغىنىدىغان خۇدادۇرمەن. 15يەرلىك ئاھالىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزمە. ئۇلار ئۆز ئىلاھلىرىغا چوقۇنغان ۋە قۇربانلىق قىلغان ۋاقىتلىرىدا سېنىمۇ تەكلىپ قىلىشى، سەنمۇ ئۆزۈڭنى پاھىشىلەردەك سېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا ئاتىغان قۇربانلىقلىرىغا ئېغىز تېگىپ قېلىشىڭ مۇمكىن. 16سېنىڭ ئوغۇللىرىڭ يات خەلق قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، ئۆزىنى پاھىشىلەردەك سېتىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.

17چوقۇنۇش ئۈچۈن بۇت ياسىما.

18پېتىر نان ھېيتى قىل. مېنىڭ ئەمرىمگە بىنائەن بۇ ھېيتتا ئۇدا يەتتە كۈن پېتىر نان يە. ھېيتنى زىرائەتلەر بىخ چىقارغان باش باھار ئېيىدا ئۆتكۈز، چۈنكى سىلەر شۇ ئايدا مىسىردىن چىققان.

19پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇل ۋە بارلىق تۇنجى تۇغۇلغان ئەركەك مال، مەيلى ئۇ كالا ياكى قوي بولسۇن، ماڭا مەنسۇپ. 20سىلەر تۇنجى ئەركەك تەخەينىڭ ئورنىغا قوي قۇربانلىق قىلساڭلارمۇ بولىدۇ. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، تەخەينىڭ بوينىنى سۇندۇرۇپ قۇربانلىق قىلىڭلار. ئۆز ئەۋلادلىرىڭ ئىچىدىكى پۈتكۈل تۇنجى ئوغۇللارنى چوقۇم بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋال. ئالدىمغا قۇرۇق قول كەلمە.

21ئىش قىلىشىڭغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈنى، مەيلى ئۇ تېرىقچىلىق ياكى ئورما مەزگىلى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، چوقۇم ئارام ئالغىن. 22تۇنجى پىشقان بۇغدايلارنى ئورىغاندا، ئورما ھېيتى قىل. كۈزدە ھوسۇللارنى ئامبارغا يىغقىنىڭدا، ھوسۇل يىغىش ھېيتى قىل. 23پۈتكۈل ئەرلەر بىر يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا _ ئىسرائىل خەلقى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن ئىگىسى خۇدانىڭ ئالدىغا كەلسۇن. 24مەن يات خەلقلەرنى سېنىڭ ئالدىڭدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، زېمىنىڭنى كېڭەيتىمەن. شۇنىڭ بىلەن، سەن يىلدا ئۈچ قېتىم ماڭا ئىبادەت قىلغىلى كەتكەن ۋاقتىڭدا، ھېچكىم سېنىڭ يۇرتۇڭغا يامان كۆز تىكمەيدۇ.

25ماڭا قۇربانلىق قېنىنى بولدۇرۇلغان خېمىردىن پىشۇرۇلغان يېمەكلىك بىلەن بىللە ئاتىما. ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا سويغان قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئەتىسى ئەتىگەنگىچە ساقلىما.

26ھەر يىلى تۇنجى پىشقان زىرائەتلەرنىڭ ئەڭ ياخشى يېرىدىن مېنىڭ خانامغا ئەكىرىپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئاتا.

ئوغلاقنى ئانىسىنىڭ سۈتىدە پىشۇرما.

27پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ بۇ سۆزلەرنى خاتىرىلىۋال. چۈنكى، مەن سەن ۋە ئىسرائىل خەلقى بىلەن مۇشۇ سۆزلەرنى ئاساس قىلىپ ئەھدە تۈزدۈم، _ دېدى. 28مۇسا پەرۋەردىگارنىڭ يېنىدا قىرىق كېچە-كۈندۈز تۇرۇپ، ھېچ نەرسە يېمىدى ھەم ئىچمىدى. پەرۋەردىگار ئەھدىنىڭ ئاساسى بولغان ئون پەرزنى ئىككى تاش تاختىغا يېزىپ بەردى.

مۇسانىڭ تاغدىن چۈشۈشى

29مۇسا پەرزلەر يېزىلغان تاش تاختىلارنى ئېلىپ تاغدىن چۈشكىنىدە، پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنىڭ چىرايى پارقىراپ كەتكەنىدى. بىراق، ئۆزى بۇنى بىلمەيتتى. 30ھارۇن ۋە باشقا ئىسرائىللار مۇسانىڭ چىرايىدىكى نۇرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا يېقىن كېلىشتىن قورقۇشتى. 31بىراق، مۇسا ئۇلارنى چاقىرغاندا، ھارۇن ۋە پۈتۈن جامائەت ئاقساقاللىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. مۇسا ئۇلارغا سۆز قىلدى. 32شۇنىڭدىن كېيىن، پۈتكۈل ئىسرائىللار مۇسانىڭ ئالدىغا كېلىشتى. مۇسا پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا ئۇنىڭغا بەرگەن قانۇننى ئۇلارغا تاپىلىدى. 33مۇسا ئۇلارغا سۆزلەپ بولغاندىن كېيىن، ياغلىق بىلەن يۈزىنى يېپىۋالدى. 34ھەر قېتىم ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىنىدە، يۈزىنى يېپىۋالغان ياغلىقنى ئېلىۋېتەتتى. چىققان ۋاقتىدا، پەرۋەردىگار تاپشۇرغان سۆزلەرنى ئىسرائىللارغا يەتكۈزەتتى. 35بۇنداق ۋاقىتلاردا، ئىسرائىللار ئۇنىڭ يۈزىنىڭ پارقىراپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆرەتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا يۈزىنى يېپىپ يۈرەتتى. پەرۋەردىگار بىلەن سۆزلەشكىلى كىرگىنىدە يەنە ئېلىۋېتەتتى.

 

35

دەم ئېلىش كۈنىنىڭ قائىدە-نىزامى

1مۇسا پۈتۈن ئىسرائىللارنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار سىلەرنىڭ تۆۋەندىكى قائىدىگە رىئايە قىلىشىڭلارنى بۇيرۇدى. 2«ئىش قىلىشىڭلارغا يېتەرلىك ئالتە كۈن بار. يەتتىنچى كۈن بولسا مۇقەددەس بولۇپ، ئۇ پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ بولغان دەم ئېلىش كۈنىدۇر. بۇ كۈنى خىزمەت قىلغانلىكى كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. 3دەم ئېلىش كۈنى، ھەتتا ئۆز ئۆيىدە ئوت يېقىشقىمۇ بولمايدۇ.»

ئىبادەت جايى ئۈچۈن ھەدىيە سۇنۇش

4مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىگە يەنە مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار شۇنداق ئەمر قىلدىكى: 5«سىلەر پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇڭلار، خالىغانلار ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، 6كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ، كەندىر يىپ ھەم ئۆچكە تىۋىتى، 7قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىلەر، ئاكاتسىيە ياغىچى، 8چىراغ يېغى، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ياسىلىدىغان خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەر، 9باش روھانىي كىيىدىغان قىسقا ئېفود بىلەن كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلارنى ھەدىيە قىلسۇن.»

ئىبادەت چېدىرىنىڭ سايمانلىرى

10_ ئاراڭلاردىكى ماھىر ئۇستىلار كېلىپ، پەرۋەردىگار بۇيرۇغان بارلىق نەرسىلەرنى، 11يەنى ئىبادەت چېدىرى، چېدىرنىڭ يوپۇقى، چېدىرنىڭ ئىلمەك، رام، توغرا بالداقلىرى ۋە تۈۋرۈكلىرى ھەم تۈۋرۈك پۇتلىرى، 12ئەھدە ساندۇقى، ساندۇقنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار، ساندۇقنىڭ ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ۋە يوپۇق پەردىسى، 13شىرە، شىرەنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار ۋە شىرە سايمانلىرى، خۇداغا سۇنىدىغان نانلار، 14چىراغدان ۋە ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغ ۋە چىراغ يېغى، 15ئىسرىقدان ۋە ئۇنى كۆتۈرىدىغان بالداقلار، مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىق، چېدىرنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، 16كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى بىلەن ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 17ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردە توسۇقلار، پەردە تۈۋرۈكلىرى ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، 18چېدىر ۋە ھويلىنىڭ قوزۇق ۋە تانىلىرى، 19روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەرنى تەييارلىسۇن.

خەلقنىڭ ھەدىيىسى

20پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى مۇسانىڭ يېنىدىن قايتىشتى. 21كۆڭلى رىغبەتلەنگەن ۋە رازىمەنلىك بىلەن ھەدىيە قىلىشنى خالىغانلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى بىنا قىلىش، ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەرسىلەرنى ياساش ۋە مۇقەددەس كىيىمنى تىكىشكە كېرەكلىك بولغان لازىمەتلىكلەرنى ئېلىپ كېلىشتى. 22ھەدىيە قىلىشنى خالايدىغان ئەرلەر ۋە ئاياللار بۇلاپكا، ھالقا، ئۈزۈك ۋە بىلەزۈك قاتارلىق ھەر خىل ئالتۇن بۇيۇملارنى ئەكېلىپ، پەرۋەردىگار ئۈچۈن ئاتىدى. 23كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يىپ، كەندىر يىپ، ئۆچكە تىۋىتى، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسى ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە قاتارلىق نەرسىلىرى بارلار ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 24كۈمۈش ياكى تۇچ ھەدىيە قىلالايدىغانلار ھەدىيىلىرىنى ئېلىپ كېلىشتى. ئاكاتسىيە ياغىچى بارلارمۇ ئۇنى ئېلىپ كېلىشتى. 25قولى چېۋەر ئاياللار ئۆز قولى بىلەن ئېگىرگەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يىپ ھەم كەندىر يىپ ئېلىپ كېلىشتى. 26كۆڭلى رىغبەتلەنگەن قابىلىيەتلىك ئاياللار يەنە ئۆچكە تىۋىتىدىن يىپ ئېگىرىشتى. 27ئاقساقاللار ئېفودقا ۋە كۆكرەكلىككە قادىلىدىغان يوللۇق ھېقىق ۋە باشقا ئېسىل تاشلار، 28چىراغ، مۇقەددەس ياغ ۋە ئىسرىق ئۈچۈن خۇشبۇي دورا-دەرمەك ۋە ياغلارنى ئېلىپ كېلىشتى. 29مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، پەرۋەردىگارغا ھەدىيە سۇنۇشنى خالىغان ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسى ھەدىيىلىرىنى ئېلىپ كېلىشىپ، پەرۋەردىگار مۇسا ئارقىلىق ئۇلارنى سېلىشقا بۇيرۇغان ئىبادەت جايى ئۈچۈن تەقدىم قىلىشتى.

ئىبادەت چېدىرىنى ياساش ھۈنىرى

30مۇسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

_ قاراڭلار! پەرۋەردىگار يەھۇدا قەبىلىسىدىن خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىلنى تاللىدى. 31ئۇنى ئۆز روھى بىلەن چۆمۈلدۈرۈپ، ئۇنىڭغا ئەقىل-پاراسەت، بىلىم ۋە خىلمۇخىل ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارىنى ئاتا قىلدى. 32ئۇ ھازىر خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى، يەنى ئالتۇن، كۈمۈش ۋە تۇچتىن ھەر خىل نەرسىلەرنى ياساش، 33قىممەتلىك تاشلارنى كېسىش ۋە ئۇلارنى زىننەت بۇيۇملىرىغا سېلىش ھەمدە ياغاچلارغا نەقىش ئويۇشتەك ھۈنەرلەرنى بىلىدۇ. 34پەرۋەردىگار يەنە دان قەبىلىسىدىن ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابقىمۇ ئەقىل-پاراسەت ئاتا قىلىپ، ئۇنى ۋە بىزالىلنى باشقىلارغا ئۇستاز قىلدى. 35پەرۋەردىگار ئۇلارنى ئەقىل-پاراسەتلىك قىلىپ، ئۇلارغا نەققاشلىق، ئويمىچىلىق، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىش، رەختلەرنى توقۇش قاتارلىق ھەر خىل نەپىس ھۈنەر-سەنئەت ئىقتىدارلىرىنى ئاتا قىلدى. ئۇلار ھەر خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ ۋە خىلمۇخىل ھۈنەرلەرنى ئويلاپ چىقىرالايدۇ.

 

36

1بىزالىل، ئوھولىياب ۋە باشقا ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىقتىدار ئاتا قىلىشى بىلەن ئىبادەت جايىنى قانداق ياساشنى بىلگەن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە شۇ خىزمەتلەرنى قىلسۇن.

خەلقنىڭ ھەدىيىلىرى

2مۇسا بىزالىل بىلەن ئوھولىياب ۋە پەرۋەردىگار قابىلىيەت ئاتا قىلغان، كۆڭلى رىغبەتلىنىپ خىزمەت قىلىشنى خالىغان كىشىلەرنى يىغدى. 3ئۇلار مۇسادىن ئىسرائىللارنىڭ ئىبادەت جايىنى ياساشقا ھەدىيە قىلغان بارلىق سوۋغاتلىرىنى تاپشۇرۇۋالدى. ھەر كۈنى ئەتىگەنلىكى، كىشىلەر ئۆز مەيلى بىلەن سوۋغاتلىرىنى ئېلىپ كېلەتتى. 4شۇڭا، ئىبادەت جايىنى ياساشقا قاتناشقان ئۇستىلار ئۆز خىزمەتلىرىنى توختىتىپ، 5مۇسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: «كىشىلەر ئېلىپ كەلگەن ھەدىيىلەر پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىبادەت جايىنى ياساش ئېھتىياجىدىن ئېشىپ كەتتى!» دېيىشتى.

6شۇڭا، مۇسا پۈتۈن قارارگاھتىكىلەرنىڭ ئەمدى ئىبادەت جايى ئۈچۈن ھەدىيە قىلماسلىقىنى بۇيرۇدى. كىشىلەر بولسا سوۋغات ئېلىپ كېلىشنى شۇندىلا توختاتتى. 7تاپشۇرۇۋېلىنغان ھەدىيىلەر پۈتۈن ئىبادەت جايىغا يېتىپ، ھەتتا ئېشىپ قالدى.

ئىبادەت چېدىرىنىڭ ياسىلىشى

8خىزمەتچى خادىملار ئىچىدىكى ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى ئون دانە يوپۇقتىن ياسىدى. بۇ يوپۇقلار كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلۇپ، ئۈستىگە قولى چېۋەر ئۇستا تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى نەپىس كەشتىلەندى. 9ھەربىر يوپۇقنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش ھالدا، ئۇزۇنلۇقى ئون تۆت، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن قىلىندى. 10يوپۇقلارنىڭ بەشى بىر پارچە، قالغان بەشى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلاندى. 11ئۇلانغان ھەربىر چوڭ پارچىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە كۆك رەڭلىك ئىزمە تىكىلدى. 12يوپۇقنىڭ بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر پارچىسىنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلدى. 13ئەللىك ئالتۇن ئىلمەك ياسىلىپ، ئىككى پارچە يوپۇق تۇتاشتۇرۇلدى.

14ئىبادەت چېدىرىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۆچكە يۇڭىدىن ئون بىر پارچە قېلىن يوپۇق رەخت توقۇلدى. 15يوپۇقلارنىڭ ھەربىرىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش بولۇپ، ئۇزۇنلۇقى ئون بەش، كەڭلىكى ئىككى مېتىردىن بولدى. 16يوپۇقلارنىڭ بەش دانىسى بىر پارچە، قالغان ئالتىسى يەنە بىر پارچە قىلىنىپ ئۇلاندى. 17بىرىنچى چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكى پارچىسىگە ئەللىك ئىزمە، يەنە بىر چوڭ يوپۇقنىڭ ئەڭ چېتىدىكىسىگىمۇ ئەللىك ئىزمە تىكىلدى. 18تۇچتىن ئەللىك ئىلمەك ياسىلىپ، ئۇلار ئىزمىلەرگە ئۆتكۈزۈلۈپ، ئىككى پارچە يوپۇق بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، بىر پۈتۈن يوپۇق قىلىندى. 19بۇنىڭدىن باشقا، چېدىرنى قاپلاش ئۈچۈن، قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ۋە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىدىن يەنە ئىككى پارچە چېدىر يوپۇقى ياسالدى.

20ئىبادەت چېدىرىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن رام ياسالدى. 21ھەربىر رامنىڭ ئۇزۇنلۇقى بەش مېتىر، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر بولدى. 22ھەربىر رامغا بىر-بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئىككىدىن ئۇلىغۇچ ياسالدى. ھەممە راملاردا شۇنداق ئۇلىغۇچ بولدى. 23چېدىرنىڭ جەنۇب تەرىپىگە يىگىرمە رام ياسالدى. 24راملارنىڭ تېگىگە كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىلىپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن ئورنىتىلدى. 25يەنە چېدىرنىڭ شىمال تەرىپىگىمۇ يىگىرمە رام ياسىلىپ، 26بۇلار ئۈچۈنمۇ كۈمۈشتىن قىرىق دانە پۇت ياسىلىپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىگە ئىككىدىن تەييارلاندى. 27لېكىن، چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىگە، يەنى غەربكە قارىتىپ ئالتە رام ياسالدى. 28چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى ئىككى بۇلۇڭغا ئىككى رام ياسالدى. 29راملار بىر-بىرىگە يېقىن قويۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئۇچى بىر چەمبەرگە كىرگۈزۈلۈپ مۇقىملاشتۇرۇلدى. ئىككى دوقمۇشنى ھاسىل قىلىدىغان ھەر ئىككى رام شۇنداق ياسالدى. 30دېمەك، چېدىرنىڭ غەرب تەرىپىدە سەككىز رام بولۇپ، ھەربىر رامنىڭ تېگىدە ئىككىدىن جەمئىي ئون ئالتە دانە كۈمۈش پۇت بولدى.

31بۇنىڭدىن باشقا، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئون بەش توغرا بالداق ياسالدى. بۇلاردىن چېدىرنىڭ بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە، 32يەنە بىر يېنىدىكى راملارغا بەش دانە ھەمدە چېدىرنىڭ كەينى تەرىپىدىكى غەربكە قارايدىغان راملارغىمۇ بەش دانە ئورنىتىلدى. 33راملارنىڭ ئوتتۇرىسىغا چېتىلىدىغان ئوتتۇرا بالداق چېدىرنىڭ بىر بېشىدىن يەنە بىر بېشىغا يەتكۈزۈلۈپ ياسالدى. 34راملار ۋە بالداقلار ئالتۇن بىلەن قاپلاندى، بالداقلار ئۆتكۈزۈلىدىغان ھالقىلارمۇ ئالتۇندىن ياسالدى.

35كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن بىر پەردە توقۇلۇپ، ئۇنىڭغا قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن قاناتلىق پەرىشتىلەرنىڭ سۈرىتى كەشتىلەندى. 36بۇ پەردە ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالغان تۆت دانە تۈۋرۈككە بېكىتىلگەن ئالتۇن ئىلمەكلەرگە ئېسىلدى. تۈۋرۈكلەر ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، كۈمۈشتىن ياسالغان تۆت پۇتنىڭ ئۈستىگە ئورنىتىلدى. 37بۇنىڭدىن باشقا، كەندىر يىپ بىلەن كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا كەشتىلىك پەردە توقۇلدى. 38پەردىنى ئېسىش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن بەش دانە تۈۋرۈك ياسىلىپ، تۈۋرۈك بېشى ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. تۈۋرۈكلەردە ئالتۇن ئىلمەكلەر بولدى ھەم تۇچتىن بەش دانە تۈۋرۈك پۇتى ياسالدى.

 

37

ئەھدە ساندۇقىنى ياساش

1بىزالىل ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر ساندۇق ياسىدى. 2ساندۇقنىڭ ئىچى-سىرتىنى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتتى. 3ئۇ يەنە ئالتۇندىن تۆت ھالقا قۇيدۇرۇپ، ساندۇقنىڭ تۆت پۇتىغا، ھەربىر تەرىپىگە ئىككىدىن ئورناتتى. 45ساندۇقنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياساپ، ئۇلارنى ئالتۇن بىلەن قاپلاپ، ئىككى ياندىكى ئالتۇن ھالقىلاردىن ئۆتكۈزدى. 6ساندۇقنىڭ ئۈستىگە ساپ ئالتۇندىن ئۇزۇنلۇقى بىر يۈز يىگىرمە بەش، كەڭلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىر كېلىدىغان ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى» ياسىدى. 7ئالتۇندىن ئىككى دانە «كېرۇب» دەپ ئاتىلىدىغان قاناتلىق مەخلۇقنىڭ ھەيكىلىنى سوقۇپ، 8«مېھىر-شەپقەت تەختى»نىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ئورنىتىپ، تەخت بىلەن بىر پۈتۈن قىلىپ بىرلەشتۈردى. 9قاناتلىق ھەيكەللەر ئۇدۇلمۇئۇدۇل قويۇلغان ھالدا تەختنىڭ يۈزىگە قارىشىپ، قاناتلىرىنى ئېچىپ «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى يېپىپ تۇرىدىغان بولدى.

شىرە

10ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئۇزۇنلۇقى يۈز، كەڭلىكى ئەللىك، ئېگىزلىكى يەتمىش بەش سانتىمېتىرلىق بىر شىرە ياسىلىپ، 11ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلاندى ھەم ئۇنىڭ چۆرىسىگە ئالتۇندىن جىيەك تۇتۇلدى. 12شىرەنىڭ چۆرىسىگە تۆت ئىلىك كەڭلىكتە پەۋاز قويۇلۇپ، ئۇنىڭغىمۇ ئالتۇن جىيەك تۇتۇلدى. 13كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى سېلىش ئۈچۈن تۆت ئالتۇن ھالقا ياسىلىپ، شىرەنىڭ تۆت بۇرجىكىدىكى پۇتىغا ئورنىتىلدى. 14بالداقلارنىڭ ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئۈچۈن ھالقا پەۋازغا يېقىن ئورنىتىلدى. 15بالداق ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى. 16شىرەنىڭ ئۈستىدىكى ئىچىملىك ھەدىيىسىگە ئىشلىتىلىدىغان تاۋاق، تەخسە، چەينەك ۋە پىيالىلەر ساپ ئالتۇندىن ياسالدى.

چىراغداننى ياساش

17ساپ ئالتۇندىن بىر چىراغدان سوقۇلدى. چىراغداننىڭ پۇتى بىلەن تۈۋرۈكى، قەدەھلىرى، گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بىر پۈتۈن قىلىندى. 18چىراغداننىڭ ئىككى يېنىغا ھەر تەرەپكە ئۈچتىن ئالتە شاخچە چىقىرىلدى. 19ھەربىر شاخچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى ئۈچ تال قەدەھ بولدى. چىراغداننىڭ ئالتە شاخچىسىنىڭ ھەممىسىلا مۇشۇنداق ياسالدى. 20چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىنىڭ ئۇچىدا گۈل تۈگۈنى ۋە بەرگلىرى بولغان بادام چېچىكى شەكلىدىكى تۆت تال قەدەھ بولدى. 21چىراغداننىڭ مەركىزىي شاخچىسىدىن ئىككى تەرەپكە چىقىرىلغان ھەربىر جۈپ شاخچىنىڭ ئاستىغا تۈگۈن چىقىرىلدى. چىراغداننىڭ ئالتە شېخىنىڭ ھەممىسى شۇنداق ياسالدى. 22پۈتۈن چىراغدان، يەنى ئۇنىڭ بارلىق بېزەكلىرىنىڭ ھەممىسى بىرلا پارچە ئالتۇندىن سوقۇلدى. 23چىراغدانغا يورۇقى ئالدى تەرەپكە چۈشىدىغان قىلىپ يەتتە چىراغ ئورنىتىلدى. 24چىراغدان، ئۇنىڭ پىلىك قىسقۇچلىرى ۋە كۈلدانلىرى ئوتتۇز تۆت كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالدى.

ئىسرىقداننى ياساش

25ئىسرىقدان ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالدى. ئۇ تۆت چاسا بولۇپ، ئېگىزلىكى بىر، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى يېرىم مېتىردىن قىلىندى. 26ئۇنىڭ ئۈستى، تۆت تەرىپى ۋە تۆت مۈڭگۈزى ساپ ئالتۇن بىلەن قاپلىنىپ، چۆرىسىگە ئالتۇن جىيەك تۇتۇلدى. 27ئىسرىقداننى كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، ئالتۇندىن ئىككى ھالقا ياسىلىپ، ئىككى ياندىكى جىيەكلەرنىڭ ئاستىغا بېكىتىلدى. 28بالداقلار ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسىلىپ، ئالتۇن بىلەن قاپلاندى.

29خۇشبۇي دورا-دەرمەكلەرنى تەڭشەش ئۇسۇلى بويىچە مۇقەددەس ياغ ۋە خۇشبۇي ئىسرىقلار ياسالدى.

 

38

قۇربانلىق سۇپىسىنى ياساش

1قۇربانلىق سۇپىسى ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ياسالدى. سۇپا تۆت چاسا بولۇپ، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى بىر يېرىم، ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئىككى يېرىم مېتىردىن قىلىندى. 2سۇپىنىڭ تۆت بۇرجىكىگە مۈڭگۈزلەر چىقىرىلدى. ئۇلار سۇپا بىلەن بىر پۈتۈن قىلىنىپ، تۇچ بىلەن قاپلاندى. 3قۇربانلىق سۇپىسىغا ئىشلىتىلىدىغان كۈلدان، گۈرجەك، داس، لاخشىگىر ۋە ئوتدان قاتارلىقلار ياسالدى. بۇ سايمانلارنىڭ ھەممىسى تۇچتىن بولدى. 4بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىغا تۇچتىن بىر شالا ياسىلىپ، قۇربانلىق سۇپا ئوتخانىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شالا تەكچىسىنىڭ ئۈستىگە قويۇلدى. 5ئاندىن، بالداق ئۆتكۈزۈلىدىغان، شالانىڭ تۆت بۇرجىكىگە بېكىتىلىدىغان تۆت دانە تۇچ ھالقا ياسالدى. 6بۇنىڭدىن باشقا، قۇربانلىق سۇپىسىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئاكاتسىيە ياغىچىدىن ئىككى بالداق ياسىلىپ، تۇچ بىلەن قاپلىنىپ، 7ئىككى ياندىكى ھالقىلارغا ئۆتكۈزۈلدى. قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئوتتۇرىسى كاۋاك قىلىنىپ، تاختايدىن ياسالدى.

پاكلىنىش دېسىنى ياساش

8پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار تەرىپىدىن بېرىلگەن تۇچ ئەينەكلەردىن ياسالدى.

ئىبادەت جايىنىڭ ھويلىسى

9ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئەتراپىنى توسۇپ ھويلا قىلىش ئۈچۈن، كەندىر يىپتىن پەردە توقۇلدى. جەنۇب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، 10پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالدى. پەردىلەرنى بېكىتىدىغان تۈۋرۈك ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 11شىمال تەرەپكىمۇ پەردە ئورنىتىلدى. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ ئەللىك مېتىر قىلىنىپ، پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، يىگىرمە دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى يىگىرمە دانە تۇچ پۇت ياسالدى. تۈۋرۈك ئىلمەكلىرى بىلەن ھالقىلىرى كۈمۈشتىن ياسالدى. 12غەرب تەرەپتىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقى يىگىرمە بەش مېتىر قىلىندى. پەردىنى كۆتۈرۈپ تۇرۇش ئۈچۈن، ئون دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئون دانە تۇچ پۇت ياسالدى. 13ھويلىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى پەردىنىڭ ئۇزۇنلۇقىمۇ يىگىرمە بەش مېتىر قىلىندى. 14كىرىش ئاغزىنىڭ بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولدى. پەردىنى بېكىتىش ئۈچۈن ئۈچ تۈۋرۈك ۋە ئۈچ پۇت ياسالدى. 15يەنە بىر تەرىپىدىكى پەردىنىڭ كەڭلىكى يەتتە يېرىم مېتىر بولدى. ئۇنىڭغىمۇ ئۈچ دانە تۇچ تۈۋرۈك ھەم ئۇلارنىڭ تېگىگە قويغىلى ئۈچ دانە تۇچ پۇت ياسالدى. 16ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق پەردىلەر كەندىر يىپتىن توقۇلدى. 17تۈۋرۈكلەرنىڭ پۇتلىرى تۇچتىن، ئىلمەك ۋە ھالقىلىرى بولسا كۈمۈشتىن ياسالدى، تۈۋرۈكنىڭ بېشى كۈمۈشتىن قاپلاندى. ھويلىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى تۈۋرۈكلەرنىڭ ھەممىسىدە كۈمۈش ھالقىلار بولدى. 18ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىلىرى كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلۇپ كەشتىلەندى. پەردىنىڭ كەڭلىكى ئون مېتىر، ئېگىزلىكى بولسا ھويلىنىڭ توسۇق پەردىسىنىڭ ئېگىزلىكىدەك ئىككى يېرىم مېتىر قىلىندى. 19تۆت دانە پۇتلۇق تۇچ تۈۋرۈك ئۇنى كۆتۈرۈپ تۇردى. تۈۋرۈكلەردىكى ئىلمەك، ھالقىلارنىڭ ھەممىسى كۈمۈشتىن ياسالدى، تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىمۇ كۈمۈش بىلەن قاپلاندى. 20ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق قوزۇقلار تۇچتىن قۇيۇلدى.

ئىبادەت چېدىرىغا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار

21ئەھدە چېدىرى دەپمۇ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىنى ياساشقا ئىشلىتىلگەن ماتېرىياللار مۇسانىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە لاۋىيلار تەرىپىدىن كۆزدىن كەچۈرۈلگەن بولۇپ، روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ سانىقىدىن ئۆتكەنىدى. 22پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان خۇرنىڭ نەۋرىسى، ئۇرىنىڭ ئوغلى بىزالىل ياسىدى. 23ئۇنىڭغا ياردەمچى بولغان دان قەبىلىسىدىن بولغان ئاخىساماقنىڭ ئوغلى ئوھولىيابنىڭمۇ قولى چېۋەر بولۇپ، ئۇ نەققاشلىق، ئويمىچىلىق ۋە كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ھەم كەندىر يىپتىن كەشتە تىكىشنى بىلەتتى.

24ئىبادەت جايىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئاتالغان ئالتۇن رەسمىي ئۆلچەم بويىچە 1000 كىلوغا توغرا كەلدى. 25نوپۇس تىزىملىكىدىكى كىشىلەر سوۋغا قىلغان كۈمۈش رەسمىي ئۆلچەم بويىچە 3440 كىلوغا توغرا كەلدى. 26نوپۇس تىزىملىكىگە ئاساسلانغاندا، يىگىرمە ياشتىن يۇقىرىلار جەمئىي 603 مىڭ بەش يۈز ئەللىك نەپەر بولۇپ، رەسمىي ئۆلچەم بويىچە ھېسابلىغاندا ھەر بىر كىشى تاپشۇرغان كۈمۈش بەش يېرىم گرام بولدى. 273400 مىڭ كىلو كۈمۈشتىن ئىبادەت جايى راملىرىنىڭ ۋە پەردىلەر بېكىتىلىدىغان تۈۋرۈكلەرنىڭ يۈز كۈمۈش پۇتى ياسالدى. ھەربىر پۇتقا 34 كىلودىن كۈمۈش ئىشلىتىلدى. 28قالغان 40 كىلو كۈمۈش تۈۋرۈكلەرنىڭ ئىلمەك ۋە ھالقىلىرىنى ياساشقا ھەم تۈۋرۈكلەرنىڭ بېشىنى قاپلاشقا ئىشلىتىلدى. 29پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تۇچ جەمئىي 2400 كىلو بولۇپ، 30ئۇ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ تۇچ شالاسى، سۇپىنىڭ پۈتۈن سايمانلىرى، 31ھويلىنىڭ ئەتراپىدىكى توسۇق پەردىنىڭ تۈۋرۈكلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىدىكى تۈۋرۈك پۇتلىرى، ئىبادەت چېدىرىنىڭ ۋە ھويلىنىڭ توسۇق پەردىسىنىڭ قوزۇقلىرىغا ئىشلىتىلدى.

 

39

روھانىيلارنىڭ مۇقەددەس كىيىملىرىنى تىكىش

1كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن توقۇلغان رەختتىن روھانىيلار مۇقەددەس جايدا ۋەزىپە ئۆتىگەندە كىيىدىغان مۇقەددەس كىيىملەر تىكىلدى. ھارۇن ئۈچۈن تىكىلگەن مۇقەددەس كىيىملەر پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. 2ئېفود زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن توقۇلغان رەختتىن تىكىلدى. 3قولى چېۋەر ئۇستىلار ئالتۇننى نېپىز سوقۇپ، ئىنچىكە تالا قىلىپ كېسىپ، ئۇنى كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ رەخت توقۇپ، ئېفودنى تىكتى. 4ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسى بولدى. ئېفودنىڭ ئالدى ۋە كەينى قىسمى بۇ ئىككى تاسما ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلدى. 5ئۇنىڭدىن باشقا، ەنە كەمەر تەييارلاندى. كەمەر زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن ئۇستىلىق بىلەن توقۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

6ئىككى دانە يوللۇق ھېقىق ئالتۇن كۆزلۈككە قويۇلۇپ، ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسىملىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك ئويۇلدى. 7ئاندىن، ئېفودنىڭ ئىككى دانە مۈرە تاسمىسىغا قادىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ خاتىرە تېشى قىلىندى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە قىلىندى.

كۆكرەكلىك ياساش

8خۇدانىڭ ئىرادىسىنى بىلىش ئۈچۈن كىيىلىدىغان كۆكرەكلىك قولى چېۋەر ئۇستىلار تەرىپىدىن تىكىلدى. تىكىلىش ئۇسۇلى ئېفود بىلەن ئوخشاش بولۇپ، ئۇ زەر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپ بىلەن تىكىلدى.

9كۆكرەكلىكنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە كەڭلىكى ئوخشاشلا يىگىرمە بەش سانتىمېتىردىن قىلىنىپ، تۆت چاسا ھەم ئىككى قات، يەنى يانچۇقلۇق قىلىپ تىكىلدى. 10ئۈستىگە تۆت قۇر قىممەتلىك تاش قادالدى. بىرىنچى قۇرغا قىزىل ياقۇت، توپاز ۋە زۇمرەت ئورنىتىلدى. 11ئىككىنچى قۇرغا كۆك قاشتاش، كۆك ياقۇت ۋە ئالماس ئورنىتىلدى. 12ئۈچىنچى قۇرغا سۆسۈن ياقۇت، ھېقىق ۋە سۆسۈن كۋارتس ئورنىتىلدى. 13تۆتىنچى قۇرغا رەڭسىز ياقۇت، يوللۇق ھېقىق ۋە يېشىل قاشتاش ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئالتۇن كۆزلۈككە ئېلىنىپ، كۆكرەكلىككە قادالدى. 14ئىسرائىللارنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسىنىڭ ئىسمى خۇددى مۆھۈرگە ئويۇلغان نەقىشلەردەك، بۇ قىممەتلىك تاشلارنىڭ ئۈستىگە ئويۇلدى.

15كۆكرەكلىكنى ئېفودقا بېكىتىش ئۈچۈن، ساپ ئالتۇندىن ئېشىلگەن شوينىدەك ئىككى تال زەنجىر سوقۇلدى. 16كۆكرەكلىكنىڭ ئۈستى تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجىكىنىڭ ھەربىرىگە بىردىن ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. 17زەنجىرلەر ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئالتۇن ھالقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، 18ئېفود تاسمىسىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئىككى ئالتۇن كۆزلۈككە ئۇلاندى. 19كۆكرەكلىكنىڭ تۆۋەن تەرىپىدىكى ئىككى بۇرجەكنىڭ ئېفودقا تېگىپ تۇرىدىغان ئىچكى يۈزىگە ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. 20شۇنداقلا، يەنە ئېفودنىڭ بەل قىسمىغا، يەنى كەمەرنىڭ يۇقىرىسىغىلا ئىككى دانە ئالتۇن ھالقا بېكىتىلدى. 21كۆكرەكلىكنىڭ پۇلاڭلاپ كەتمەي، ئېفودقا چاپلىشىپ تۇرۇشى ئۈچۈن، كۆكرەكلىكتىكى ھالقىلار بىلەن ئېفودتىكى ھالقىلار بىر تال كۆك يىپ ئارقىلىق ئۆزئارا ئۇلاندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

روھانىيلار كىيىدىغان باشقا كىيىملەرنىڭ تىكىلىشى

22توقۇمىچىلار ئېفودنىڭ ئىچىگە كىيىلىدىغان پەرىجىنى توقۇدى. پەرىجىنىڭ رەڭگى پۈتۈنلەي كۆك بولدى. 23پەرىجىگە ئويما ياقا ئېچىلىپ، يىرتىلىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ياقىنىڭ چۆرىسىگە پەۋاز تۇتۇلدى. 24پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىگە كۆك، سۆسۈن ۋە توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپ ۋە كەندىر يىپتىن ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر چۈشۈرۈلدى. 25ساپ ئالتۇندىن قوڭغۇراقلار ياسىلىپ، پەرىجىنىڭ ئاياغ پېشىدىكى ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر ئوتتۇرىسىغا بىردىن ئېسىلدى.

26روھانىيلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندە كىيىلىدىغان بۇ پەرىجىنىڭ پېشىگە نۆۋەت بىلەن ئانار نۇسخىلىق كەشتىلەر تىكىلدى ۋە ئالتۇن قوڭغۇراقلار ئورنىتىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

27ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن كەندىر يىپتىن ئىچ پەرىجە تىكىلدى. 28كەندىر يىپتىن سەللە، باش كىيىم ۋە تامباللارمۇ تەييارلاندى. 29كەندىر يىپ، كۆك، سۆسۈن، توق قىزىل رەڭلىك يۇڭ يىپتىن بىر كەمەر توقۇلۇپ، ئۈستى كەشتىلەندى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. 30ساپ ئالتۇندىن بىر قاداق ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە «پەرۋەردىگارغا ئاتالدى» دېگەن خەتلەر مۆھۈرگە ئويۇلغاندەك ئويۇلدى 31ھەمدە كۆك رەڭلىك يىپ بىلەن سەللىگە تاقاپ قويۇلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى.

مۇسانىڭ خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشى

32ئىبادەت چېدىرى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈنلەي تاماملاندى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنى ئىسرائىللار بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 33ئۇلار ئىبادەت چېدىرى ۋە چېدىرنىڭ بارلىق سايمانلىرىنى مۇسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە: ئىلمەك، رام، توغرا بالداق، تۈۋرۈك ۋە تۈۋرۈك پۇتى، 34قىزىل بويالغان قوچقار تېرىسىدىن ياسالغان يوپۇق، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە يوپۇق، يوپۇق پەردىسى، 35پەرزلەرنى سالىدىغان ئەھدە ساندۇقى، ئۇنىڭ كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»، 36شىرە، شىرەنىڭ سايمانلىرى، خۇداغا سۇنىدىغان نانلار، 37ساپ ئالتۇن چىراغدان، ئۇنىڭ سايمانلىرى، چىراغ، چىراغ يېغى، 38ئالتۇن ئىسرىقدان، مۇقەددەس ياغ، خۇشبۇي ئىسرىق، ئىبادەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، 39تۇچتىن ياسالغان قۇربانلىق سۇپىسى، قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۇچ شالاسى، سۇپىنىڭ كۆتۈرۈش بالداقلىرى ۋە ئۇنىڭ بارلىق سايمانلىرى، پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچ، 40ھويلىنىڭ چۆرىسىدىكى پەردە توسۇقلار، پەردە تۈۋرۈكلىرى ۋە تۈۋرۈك پۇتلىرى، ھويلىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسى، چېدىرنىڭ تانىلىرى ۋە قوزۇقلىرى، 41روھانىي ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس جايدا خىزمەت ئۆتىگەندە كىيىدىغان نەپىس مۇقەددەس كىيىملەر بار ئىدى.

42پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرىنى ئىسرائىللار بىر-بىرلەپ ئورۇندىدى. 43مۇسا پۈتۈن نەرسىلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بولغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا بەخت تىلەپ دۇئا قىلدى.

 

40

ئىبادەت چېدىرىنىڭ تىكلىنىشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق ئەمر قىلدى:

2_ بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى تىكىپ، 3ئون پەرز يېزىلغان تاش تاختىلار قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنى ئۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇقەددەس جايغا قويۇپ، ئۇنى پەردە بىلەن توسۇپ قويغىن. 4شىرەنى چېدىردىكى مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىپ، ئۈستىگە سايمانلىرىنى تىزىپ قويغىن. چىراغداننىمۇ ئېلىپ كىرىپ، چىراغلىرىنى يېقىپ قويغىن. 5ئىسرىقداننى ئەڭ مۇقەددەس جايدىكى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۇدۇلىغا، يەنى ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدىغان پەردىنىڭ سىرتىغا قويغىن. چېدىرنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسىنى تارتىپ قويغىن.

6كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى ئىبادەت چېدىرى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا قويغىن. 7پاكلىنىش دېسىنى چېدىر بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ، ئۇنىڭغا سۇ تولدۇرۇپ قويغىن. 8ئىبادەت جايىنىڭ ھويلىسىنىڭ پەردىلىرىنى بېكىتىپ، كىرىش ئاغزىنىڭ پەردىسىنىمۇ ئېسىپ قويغىن.

9ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق سايمانلارنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. شۇنداق قىلساڭ، بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ. 10ئاندىن كېيىن، قۇربانلىق سۇپىسى ۋە ئۇنىڭ ھەممە سايمانلىرىنى مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. شۇنداق قىلساڭ، بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس بولىدۇ. 11پاكلىنىش دېسى ۋە داس قويغۇچنىمۇ مۇقەددەس ياغ بىلەن ياغلاپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. 12ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، يۇيۇپ پاكلاندۇرغىن. 13ھارۇنغا مۇقەددەس كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ، مۇقەددەس ياغنى سۈركەپ، ماڭا _ پەرۋەردىگارىڭغا ئاجراتقىن. شۇنداقتا، ئۇ مەن ئۈچۈن روھانىيلىق قىلالايدۇ. 14ئاندىن، ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇلارغا پەرىجىلەرنى كىيدۈرۈپ، 15خۇددى ئاتىسىغا ياغ سۈركىگەندەك، ئۇلارغا مۇقەددەس ياغ سۈركەپ، مەن ئۈچۈن روھانىيلىق قىلىشقا ئاجراتقىن. ئۇلارغا ياغ سۈركىلىش، ئۇلارنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە روھانىيلىق قىلىشقا تەيىنلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 16مۇسا مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە بەجا كەلتۈردى.

17شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار مىسىردىن چىقىپ ئىككىنچى يىلى بىرىنچى ئاينىڭ بىرىنچى كۈنى ئىبادەت چېدىرىنى تىكتى. 18مۇسا چېدىر راملىرىنىڭ پۇتلىرىنى ئورنىتىپ، راملارنى تىكلەپ، توغرا بالداقلىرىنى قويۇپ، تۈۋرۈكلىرىنى ئورناتتى. 19ئاندىن، ئۇ پۈتۈن چېدىرنىڭ ئۈستى ۋە ئەتراپىنى پەردە بىلەن قاپلاپ، تورۇس پەردىسىنىڭ ئۈستىگە يوپۇق ياپتى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. 20ئاندىن كېيىن، ئۇ پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختىنى ئەھدە ساندۇقىغا سېلىپ، كۆتۈرۈش بالداقلىرىنى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ھالقىسىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئۈستىگە ساندۇق ئاغزى، يەنى «مېھىر-شەپقەت تەختى»نى ئورناتتى. 21ئاندىن، ئەھدە ساندۇقىنى ئىبادەت چېدىرىنىڭ ئىچىگە قويۇپ، ساندۇقنى توسۇپ قويۇش ئۈچۈن يوپۇق پەردىسىنى ئاستى. بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى.

22مۇسا شىرەنى پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ئېلىپ كىرىپ، ئۇنى چېدىر ئىچىدىكى شىمال تەرەپكە، ئەڭ مۇقەددەس جاينىڭ ئالدىدىكى يوپۇق پەردىسىنىڭ سىرتىغا، يەنى «مۇقەددەس جاي» دەپ ئاتالغان قىسمىغا قويدى. 23شىرەگە پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نانلارنى قويدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. 24ئۇ چىراغداننى چېدىردىكى مۇقەددەس جاي ئىچىدىكى جەنۇب تەرەپكە شىرە بىلەن ئۇدۇل قىلىپ قويۇپ، 25پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا چىراغنى يېقىپ قويدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. 26ئۇ ئالتۇن ئىسرىقداننى چېدىرنىڭ ئىچىگە، ئەڭ مۇقەددەس جاينى ئايرىپ تۇرىدىغان يوپۇق پەردىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ، 27ئىسرىقداندا خۇشبۇي ئىسرىقنى كۆيدۈردى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى. 28ئۇ چېدىر ئاغزىغا پەردە ئاستى. 29پەردىنىڭ ئالدىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە بۇغداي نەزىر-چىرىغىنى قويدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغانلىرى بويىچە قىلىندى.

30مۇسا پاكلىنىش دېسىنى ئىبادەت چېدىرى _ پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىسىغا قويۇپ، پاكلىنىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن داسقا سۇ تولدۇرۇپ قويدى. 3132مۇسا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى چېدىرغا كىرىش ياكى قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاۋۋال داستا پۇت-قولىنى يۇيىدىغان بولدى. بۇ، پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا بۇيرۇغىنى بويىچە قىلىندى. 33مۇسا چېدىر ۋە قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ چۆرىسىگە توسۇق پەردە تارتىپ، ھويلا قىلدى ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش ئاغزىغا پەردە ئاستى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتۈن ئىشنى تاماملىدى.

پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرىنىڭ ئىبادەت چېدىرىنى قاپلىشى

34ئۇ چاغدا، پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىنى بۇلۇت قاپلاپ، چېدىر پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق نۇرى بىلەن تولدى. 35مۇسا چېدىرغا كىرەلمىدى. چۈنكى، بۇلۇت چېدىر ئۈستىگە قونۇپ، چېدىر ئىچى پەرۋەردىگارنىڭ نۇرى بىلەن تولغانىدى. 36بۇلۇت چېدىردىن ھەربىر كۆتۈرۈلگەندە، ئىسرائىللارغا سەپەرنى داۋاملاشتۇرۇش بەلگىسىنى بېرەتتى. 37بۇلۇت كۆتۈرۈلمىسە، ئۇلار قارارگاھتىن قوزغالمايتتى. 38ئۇلار پۈتۈن سەپىرىدە، كۈندۈزى پەرۋەردىگارنىڭ بۇلۇتىنى چېدىرنىڭ ئۈستىدە كۆرەتتى. كېچىسى بولسا بۇلۇت ئىچىدە كۆيۈۋاتقان ئوتنى كۆرەتتى.