«ياقۇپ يازغان خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

مۇئەللىپ خېتىدە ئۆز ئىسمىنىڭ ياقۇپ ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىسى («ئەلچىلەر» 15-باب 1-ئايەتتىن 21-ئايەتكىچە)، ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنىسى ياقۇپ دەپ قارىلىپ كەلگەن. ئەيسا مەسىھ ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن بۇرۇن، ياقۇپ ئۇنىڭغا ئىشەنمىگەن ھەم ئۇنىڭ خىزمىتىنى قوللىمىغان. كېيىن، ئۇ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىپ، يېرۇسالېمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ قالغان.

مۇئەللىپ بۇ خەتنى ھېچكىمنىڭ ئۆز ئېتىقادىنى ئەمەلىيىتىدە ئىپادىلىشىنىڭ ھاجىتى يوق، دەيدىغان خاتا كۆزقاراشنى تۈزىتىپ بېرىش ۋە ئېتىقادچىلارغا قانداق ياشاش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىش مەقسىتىدە يېزىپ چىققان. ئۇ مەغرۇرلىنىش، كەمسىتىش، ئاچكۆزلۈك، نەپسانىيەتچىلىك، ساختىپەزلىك ۋە تۆھمەتخورلۇق ھەققىدە مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن. مۇئەللىپ ھەقىقىي ئېتىقادنىڭ كىشىلەرنىڭ ئەمەلىيىتىدە ئىسپاتلىنىدىغانلىقىنى بىرنەچچە مىسال بىلەن چۈشەندۈرگەن ۋە بۇنى مېۋە دەرىخىنىڭ پەقەت ئۆزىگە خاس مېۋە بېرىدىغانلىقى بىلەن سېلىشتۇرغان. قىسقىسى، ئۇ بۇ خەتتە ئېتىقادقا يارىشا ياشاش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

تېزىس:

1. سىنىلىش ۋە ئازدۇرۇلۇش (1-باب 1-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە)

2. ئاڭلاش ۋە ئىجرا قىلىش (1-باب 19-ئايەتتىن 27-ئايەتكىچە)

3. ئايرىمىچىلىق قىلماسلىق (2-باب 1-ئايەتتىن 13-ئايەتكىچە)

4. ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەت (2-باب 14-ئايەتتىن 26-ئايەتكىچە)

5. تىلنى تىزگىنلەش (3-باب)

6. بۇ دۇنيادا ياشاش (4-باب 1-ئايەتتىن 5-باب 6-ئايەتكىچە)

7. سەۋرچان بولۇش ۋە دۇئا قىلىش (5-باب 7-ئايەتتىن 20-ئايەتكىچە)