«كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت»

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇستۇر. ئۇ كورىنت شەھىرىدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىدە يۈز بەرگەن تۇرمۇش ۋە ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ خەتنى يازغان. پاۋلۇس ئىككىنچى قېتىملىق خىزمەت سەپىرىدە كورىنت شەھىرىگە بېرىپ، بۇ يەردە خۇش خەۋەر تارقىتىش ۋە تەلىم بېرىش ئۈچۈن بىر يېرىم يىل تۇرغان («ئەلچىلەر» 18-باب 1-ئايەتتىن 18-ئايەتكىچە).

ئەينى ۋاقىتتا كورىنت شەھىرى (بۈگۈنكى گرېتسىيىدە) رىم ئىمپېرىيىسىگە تەۋە يۇنان ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى بولۇپ، سودا-سانائەت، مەدەنىيەت تەرەققىي قىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەخلاقسىزلىق ئەۋج ئالغان ۋە خىلمۇخىل دىنىي تۈس قاپلىغان شەھەر ئىدى. شۇ سەۋەبتىن، بەزى ئېتىقادچىلار مەلۇم دەرىجىدە بۇ شەھەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا جىنسىي ئەخلاقسىزلىق ۋە باشقا قالايمىقانچىلىقلارمۇ كۆرۈلگەن. ئۇلار نىكاھ مەسىلىسى ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىش ياكى يېمەسلىك مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پاۋلۇستىن مۇقەددەس روھ ئاتا قىلغان ھەدىيىلەر ۋە ئۆلۈمدىن تىرىلىش توغرۇلۇق سوئاللارنى سورىغان.

پاۋلۇس مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن بۇ خېتىدە ئۇلارغا ئەيسا مەسىھ توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ بۇ مەسىلىلەرگە قانداق جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

تېزىس:

1. دۇئايىسالام (1-باب 1-ئايەتتىن 9-ئايەتكىچە)

2. ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى ئىچىدىكى بۆلۈنۈشلەر (1-باب 10-ئايەتتىن 4-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

3. ئەخلاقسىزلىق ۋە دەۋالار (5-، 6-بابلار)

4. نىكاھ مەسىلىلىرى (7-باب)

5. ئېتىقادچىلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئىبادىتى (8-بابتىن 14-بابقىچە)

6. ئەيسا مەسىھنىڭ تىرىلىشى ۋە ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلىشى (15-باب)

7. يەھۇدىيىدىكى ئېتىقادچىلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش (16-باب 1-ئايەتتىن 4-ئايەتكىچە)

8. ئاخىرقى سۆزلەر (16-باب 5-ئايەتتىن 24-ئايەتكىچە)